ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 247|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھاماقەت دوستۇمغا مەكتۈپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-18 17:33  





باشقىلارغا ئۆز پىكرىڭنى ئېنىق-چۈشۈنىشلىك قىلىپ بىلدۈرۈشمۇ ئەقىلنىڭ بىر قېتىملىق غەلبىسى !

ئەي دوستۇم ، سەن ئۆزەڭنى شۇنچە ئەقىللىق ، دۇنيادا تەڭدىشى يوق ھېساپلايسەنيۇ ، بىراق بەزىدە تولىمۇ ھاماقەت ،دۆتسەن !
نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيسەن دەپ ھەيران قېلىۋاتىسەن بەلكىم ، ئالدىرماي ، تېرىكمەي ھەم زېرىكمەي سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن  ، بەلكىم سۆزلىرىم ساڭا تېتىماسلىقى مۇمكىن ، شۇنداقتىمۇ كونىلارنىڭ ‹ دۈشمەن كۈلدۈرۈپ ، دوست يىغلىتىپ ئېيتار › دېگەن ھېكمىتىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن !  گەپنى ئىككىمىزنىڭ تۈنۈگۈنكى باغ سەيلىمىزدىن باشلاي :
سەن گۈللۈكلەرنى ئايلىنىپ -ئايلىنىپ پۇرەكلەپ ئېچىلغان بىر تۈپ قىزىل گۈلنىڭ يېنىغا كىلىپ توختىدىڭ ، چاراقلاپ يېنپ تۇرغان كۆزلىرىڭ سەھەرنىڭ سۈپسۈزۈك شەبنىمى گويا ياقۇتتەك جۇلالىنىپ تۇرغان قىپقىزىل گۈل بەرگىلىرىگە تىكىلدى . سەن تىترەپ تۇرغان قوللىرىڭ بىلەن گۈللەرنى بىر تالدىن -بىر تالدىن ئۈزۈشكە باشلىدىڭ ،بۇ مەنزىرگە قاراپ گويا يۈرۈكىم بېغىدىن ئۈزۈلۈپ كېتىۋاتقاندەك ئېچىشىپ كەتتى . نەچچە تامچە ياش گۈل بەرگىدىن سېرىلىپ چۈشۈۋاتقان سۈپسۈزۈك شەبنەم تامچىلىرىدەك ئۆتتەك يېنىپ تۇرغان مەڭزىمنى بويلاپ سىرغىپ چۈشتى ...
مەن سېنىڭ بۇ ھەركەتلىرىڭگە قاراپ تۇرۇشقا چىدىيالمىدىم ، شۇنچە خۇشبۇي ،چىرايلىق ئېچىلىپ تەبىئەتكە تېخىمۇ گۈزەللىك ئاتا قىلىپ ،ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشۇپ تۇرغان ئاشۇ بىغۇبار گۈللەرنى رەھىمسىزلەرچە ئۈزۈشكە قانداقمۇ كۆڭلۈڭ ئۇنىغاندۇ دوستۇم ؟!
سېنىڭ گۈلگە ئامراقلىغىڭنى بۇرۇندىنلا بېلەتتىم ، سەن دائىم گۈلنى كۆرسەڭ ئۇنى ئەگىپ كېتەلمەيسەن ، ئۇلارنى بۇرنىڭغا يىقىن ئەكىلىپ ئاچكۆزلەرچە پۇراشلىرىڭ ، خوشاللىقىڭدىن كىيىكتەك تاقلاپ ،ئۇسۇل ئويناپ كېتىشلىرىڭدىن ، سېنى تەبىئەتكە تولىمۇ ئامراق دەپ ھېس قىلاتتىم .   


ئەپسۇس دوستۇم ، سەن گۈلگە شۇنچە ئامراق بولغىنىڭ بىلەن ھاياتلىق مەنبەسىدىن —شېخىدىن ئايرىلغان گۈل قانچىلىك ياشىيالايدۇ ؟ قانچىلىك خۇشپۇراق چاچالايدۇ ؟ .ئۇنى ئۈزۈپ ئالتۇن لوڭقۇغا سېلىپ قويساڭمۇ بەرىبىر ئىككى كۈندە خازان بۇلىدۇ ئەمەسمۇ ! شۇڭا سېنى ھاماقەت ئىكەنسەن دېمەكچىمەن . چۈنكى شۇنچە گۈزەل پۇرەكلەپ ئېچىلغان گۈلنى ئۈزۈپ ، ئۇنى ئالتۇن لوڭقۇغا سېلىپ ئۇنىڭدىن ھوزۇر ئالىمەن دېگىنىڭ ، ماھىيەتتە سېنىڭ گۈلگە ھەقىقىي ئامراقلىقىڭ ئەمەس ، بەلكى تەبىئەتنىڭ ئەڭ گۈزەل ، رەڭدار تاجىسىنى مەڭگۈلۈك نابۇت قىلغىنىڭ ھېساپلىنىدۇ . شۇڭا مەندىن رەنجىمىگىن ، ساڭا بۇ مەكتۈپنى پۈتۈش ئارقىلىق ، سېنىڭ خاتالىقىڭنى ۋاقتىدا تۈزۈتۈشىڭنى ئۈمۈت قېلىمەن . ئەگەر سەن تەبىئەتنىڭ بۇ گۈزەل مەلىكىسىگە چىن دىلىڭدىن ئامراق بولساڭ ، ئۇنىڭ خۇش پۇراقلىرىدىن قانغۇچە بەھرى ئالاي دېسەك ، ئۇنى چىن ئەقىدەڭ بىلەن ئاسرا ، پەرۋىش قىل ، مېھنەت تەرلىرىڭ بىلەن پورەك ئاچقۇز ! جاھان پورەكلەپ ئېچىلغان چىن ئەقىدە گۈللىرى بىلەن پۈركەنسۇن !!



تەبىئەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش ، ئىنسانىيەت ھالاكىتى بىلەن خۇلاسلىنىدۇ !    

كەچۈر دوستۇم ، ئەسلى جىق سۆزلىمەي دېگەنتىم ، ئەمما سېنىڭ يەنە بەزىبىر خاتالىقلىرىڭغا تەدبىق بەرمەي قاراپ تۇرۇشقا ۋىجدانىم يول قويمىدى . شۇڭا بۈگۈن سېنىڭ چاۋاڭنى چىتقا يېيىشنى مەقسەت قىلىش ئەمەس ، بەلكى قۇلىقۇڭغىلا خۇددى باش باھارنىڭ مەيىن شامىلى يۈزلىرىڭنى يىنىك سىپاپ ئۆتۈپ ، باھاردىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەندەكلا شىۋىرلاپ دەپ قۇيۇشنى لايىق كۆردۈم .
بېلىمەن ، سەن قۇشلارنىڭ كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترەتكۈدەك ئاجايىپ يارقىن ،مۇڭلۇق ئاۋازدا چاڭىلداپ سايراشلىرىغا قەۋەتلا ئامراق .
لېكىن ئەڭ مۇڭلۇق ، چىرايلىق سايرايدىغان جەلپكار قۇشلارنى ئالتۇن قەپەسلەرگە بەند قىلىسەن ، بۇ سېنىڭ ئۇلارنى ئەتىۋارلىغىنىڭ ئېدى .
لېكىن سېنىڭ ئاشۇ ھاماقەتلىكىڭ ئەنە ئاشۇ قەپەستىكى قۇشنىڭ چاڭىلداپ سايرىشى شاتلانغانلىقى ، خوشاللانغانلىقى بولماستىن ، بەلكى قان ياش تۈكۈپ يىغلىغىنى ، ئەركىنلىكىنى بۇغۇپ قويغۇچى سەندىن نەپرەتلەنگىنى ئىكەنلىگىنى قەتئى چۈشەنمەيتتى . سەن بولساڭ ئۇنىڭ قان -ياشلىق ھەسرەت -نادامەتلىرىدىن چەكسىز شاتلىنىسەن ، مەڭگۈ ھوزورلىنىشنىلا ئويلايسەن .

ئەپسۇس ، قەپەستىكى قۇش بارلىق ئەركىن قۇشلارغا ئوخشاش كۆپكۆك سامادا ئەركىن پەرۋاش قىلىشقا ، تاشتىن -تاشقا ئۇرۇلۇپ ئويناقشىپ ئېقىپ تۇرغان زىلال سۇلارنىڭ شىلدىرلىغان مۇڭلىرىغا جۆر بولۇپ ھاياتلىق كۈيلىرىنى ياڭرىتىشقا تولىمۇ تەشنا ئېدى دوستۇم !


شۇڭا سەندىن ئۆتۈندىغىنىم ، سەن ئاشۇ جەلپكار ، سۆيۈملۈك قۇشلارنى شادلىق ، خوشاللىق كۈيلىرىنى ياڭراتسۇن ، دىلغا ئارام ، جانغا راھەت مۇڭلۇق ناۋالىرىدىن بىر ئۆمۈر ھۆزورلىناي دېسەڭ ئۇنى ئەركىن قۇيىۋەت ! ئۇ بارلىق قۇشلارغا ئوخشاشلا كۆپكۆك ئاسماندا ئەركىن پەرۋاز قىلسۇن ! يىقىملىق ئاۋازى بىلەن گۈزەل ئانا تەبىئەتنى مەدھىيىلەپ شاتلىق كۈيلىرىنى ياڭراتسۇن !



جاپانى تاغدا تارتساڭ ، راھەتنى باغدا كۆرۈسەن !

بۈگۈن 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ، دېمەك بۈگۈن كۆچەت تېكىش بايرىمى . نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قوللىرىغا كەتمەن -گۈرجەكلەرنى ئېلىپ تاغلارنى بوستان قىلىش ئۈچۈن سەھەردىلا ئاتلاندى . ئەمما سەنچۇ دوستۇم ؟ سەن بولساڭ سەھەردە ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ، بوۋاڭدىن مىراس قالغان ئايپالتاڭنى ئېلىپ ئۇلۇغ بوۋاڭ ئۆز قۇلى بىلەن تىكىپ ، يۈرەك قېنى بىلەن سۇغۇرۇپ ئەھيا قىلغان ئورمانلىق بېغىڭغا كەلدىڭ ،ھەم  ئەمدىلا زىمىستان قىشنى باتۇرلۇق بىلەن تىك تۇرۇپ چىقىرىپ ،باش باھارغا ئۇلاشقان ئاشۇ سۇۋادان تېرەكلەرنىڭ يىلتىزىغا زەرب بىلەن پالتا ئۇرۇپ ، بىر -بىرلەپ يىقىتتىڭ . سېنىڭ بۇ ھەركىتىڭدىن بۈيۈك  قۇياشمۇ قاتتىق غەزەپلەندى . ئۇنىڭ غەزەپلىك كۈچلۈك نۇرلىرى ئەتراپنى خۇددى تۇمۇزئايلىرىنىڭ  چىڭقى چۈشىدەكلا  قىزىتقان ئېدى. بېشىڭغا قۇياشنىڭ كۈچلۈك نۇرى تىك چۈشۈپ ۋۇجودۇڭ سۇسىزلاندى . لەۋلىرىڭ قۇرىدى ، ھالسىزلاندىڭ . سەن بىردەم ئارام ئېلىپ ئولتۇرغىدەك ، سالقىن ،ساپ ھاۋالىق بىر جايغا —جانغا ھوزۇر بولغۇدەك سالقىن سايىغا مۇھتاج بولدۇڭ . ھەم ئەتراپىڭغا قاراپ سايە ئىزدىدىڭ .



ئەي ھاماقەت دوستۇم ، ئۆزۈڭ سالقىن ، ساپ ھاۋالىق سايىگە دائىم مۇھتاج تۇرۇپ ، بىر ئۆمۈر جېنىڭغا راھەت سالقىن ، ساپ ھاۋالىق سايە ئاتا قىلىپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس ئورمانلارنىڭ يىلتىزىغا ئۆز قۇلۇڭ بىلەن رەھىمسىزلەرچە پالتا ئۇرۇپ نابۇت قىلىشىڭ ،سېنىڭ ئەخلاق دەستۈرىڭگە زىت ئەمەسمۇ ؟!
بۇ ساڭا ئەڭ ئاخىرقى نەسىھىتىم بۇلۇپ قالسۇن دوستۇم ، ئورمانلارنى ئاسرايلى ، ئۇلارنى قالايمىقان كەسمەيلى . ناۋادا ئۇلار بەك قېرىپ كەتكەن بولسا كېسىپ ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ياش نوتىلارنى تىكىپ ، قايتىدىن ئورمان بەرپا قىلايلى . ئۇلارنىڭ يىلتىزلىرى قۇرۇپ قالمىسۇن . شۇندىلا بىزمۇ سايىسىز قالمايمىز ، ساپ ھاۋالىق مۇھىتتىن ئەركىن نەپەسلىنەلەيمىز !!



مەنبە :مېھرىگۈل ئابدۇللا (مېھرىيە )
سەمەت مۇھەممەتنىڭ نەسىرلىرىدىن پايدىلنىپ يېزىلدى






بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-3-18 18:37:57 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قاھىرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-18 18:41  

ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم  تىمىڭىزغا  كىرىپ  قەلەم  تەۋرەتمەي  چىكەتكۈم  كەلمىدى  بەكلا  ياخشى  چىقىپتۇ  كىيىنكى  ئىجادىيەتلىرىڭىز  تېىىمۇ  ئۇتۇقلۇق  بولغۇسى  .ھاماقەت  دوستىڭىزغا  ئەمەس  كالۋا  دوستىڭىزغا  يازسىكىزمۇ  بۇنىڭدەك  ياخشى  چىقماس  ئىدى . بەكلا  ياقتۇرۇپ  ئوقۇدۇم .
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-3-19 12:40:17 | ئايرىم كۆرۈش
نەسىرىڭىز  بەكلا  تەسىرلىك چىقىپتۇ .
تەبىئەتنى سۆيۈش ، قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى .
قۇشنى قەپەسكە سولاپ بىقىش  پەقەت ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدۇ  .
ئەسىرىڭىزنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم .
ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇقلار يا ر  بولغاي !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-3-19 23:07:33 | ئايرىم كۆرۈش
پىكىرلىرىڭىزگە قوشۇلدۇم.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-3-20 08:29:54 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى چېقىپتۇ...كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىز توختاپ قالمىسۇن.
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

15

تېما

592

يازما

9087

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 20
يازما سانى:
592
تىللا:
4216
تۆھپە:
1320
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
185 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-13

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

6#
ۋاقتى: 2016-3-20 18:13:14 | ئايرىم كۆرۈش
تۇلىمۇ ياخشى يېزىپسىز ھەدە... كىرىشتۈرۈلگەن سۈرەت ۋە مۇزىكىمۇ ئەسەرگە باشقىچە ھۆسىن قوشۇپتۇ..
تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولۇڭ، ھارمىغايسىز

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-21 11:16:32 | ئايرىم كۆرۈش
ھەممىڭلارغا رەھمەت ئەزىزلىرىم . بۈگۈنكى نۇرۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !

9

تېما

133

يازما

682

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 641
يازما سانى:
133
تىللا:
457
تۆھپە:
50
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
42 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2016-3-21 16:28:33 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسىرىڭىزنى بەكمۇ ياختۇردۇم ھەدە، ئەسەرلىرىڭىزنى سېغىنىپ قالدۇق ، پات پات كىرىپ تۇرۇڭ...
پۈتۈن دۇنيا پاتقان كۆزگە بىر تامچە ياش پاتمايدىكەن.....

59

تېما

569

يازما

1647

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 725
يازما سانى:
569
تىللا:
988
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
163 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

9#
ۋاقتى: 2016-4-30 20:12:48 | ئايرىم كۆرۈش
نەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ،پوۋسىتىڭىزنىڭ ئاخىرىنى يوللاڭ مەن ساقلاۋاتىمەن .
كەتسەم ئەگەر يىراق جايلارغا.ئۇنۇتماڭلار ئەسەرلىرىمنى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:49 , Processed in 0.146849 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش