ئانام يىغلار مۇھەممەد يۈسۈف (ئۆزبەكىستان)
كۆڭلۈم قالسا بۇلبۇلدىن ھەم، گۈلدىن ھەم،
قالار بولسام بىر كۈن ئاخىر تىلدىن ھەم،
ئەگەر بىراۋ يىغلىسا چىن دىلدىن ھەم،
ئانام يىغلار، ئانام يىغلار، ئانام ئۇ.
سىغماي قالسام شۇنداق كەڭ بۇ جاھانگە،
ئاسمانلارغا روھىم بولسا راۋانە،
جانسىز تېنىم ئۈستىدە ھەم پەرۋانە،
ئانام يىغلار، ئانام يىغلار، ئانام ئۇ.
تانار بولسا قولۇمدىكى تار دۇنيا،
ئۈچ كۈن ئۆتمەي ئۇنۇتار دوست - يار، دۇنيا،
يەرۇ - كۆكنى تىترىتىپ زار - زار، دۇنيا،
ئانام يىغلار، ئانام يىغلار، ئانام ئۇ.
گۈلدەك كۈلۈپ يۈرمەسمىدى، ئوغلۇم، دەپ،
كۆرۈپ كۆڭلۈم تويماسمىدى، ئوغلۇم، دەپ،
ئاناڭ ئۆلسە بولماسمىدى، ئوغلۇم، دەپ،
ئانام يىغلار، ئانام يىغلار، ئانام ئۇ.
كۆڭلۈم قالسا بۇلبۇلدىن ھەم، گۈلدىن ھەم،
قالار بولسام بىر كۈن ئاخىر تىلدىن ھەم،
ئەگەر بىراۋ يىغلىسا چىن دىلدىن ھەم،
ئانام يىغلار، ئانام يىغلار، ئانام ئۇ.
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئېلمۇرە غەيرەت |