ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوقۇغۇچى مۇنبىرىنىڭ ئەزىزلىرى پىقىر تىلسىمدىن ھەممىڭلارغا ئىگىلىپ تۇرۇپ سالام. بۈگۈن مۇنبىرىمىزنىڭ قىزىل گۈللىرىدىن بىرى بولغان يىقىن دوستۇم مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچىسى چىچەك مۇئەللىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن . گەرچە تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش ئىسلام دىنىمىزغا يات قائىدە بولسىمۇ مۇنبەردىكى قىرىنداشلىق مىھرىمىزنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىز يەنىلا بۇ تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەپ تىما يوللاپ تەبرىكلەپ ئولتۇرۇپتىمىز .
ماۋۇ سىز ئامراق ناخشا ، سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى توختىماي چاقىردۇ ئىينا ، ياقتۇرۇپ ئاڭلاڭ ماخموووو ؟ 
قەلبىم دەرياسىدا كۈۋەجەپ ئاققان مىھىر ئېقىنى، تىلەك چاچقۇلىرىمدا لەرزان ئۇسۇل ئوينىغان ئەسلىمە چىچەكلىرى، كۆڭۈل بېغىمدا پورەكلەپ ئېچىلغان دوستلۇق گۈللىرىم بىلەن بۈگۈنكى قۇتلۇق كۈنىڭىزنى تەبرىكلەيمەن سۆيۈملۈك دوستۇم! يېڭى باھاردەك كۈلۈپ تۇرغان ياشلىق گۈلىڭىزگە يەنە بىر ياپراق قوشۇلدى. ھايات پەلەمپىيىدە يەنە بالداق ئاشتىڭىز. يېشىڭىز چوڭايدىيۇ، تىلىكىمدە، مىھرىمدە، ئامراقلىقىمدا يەنىلا بالىسىز . ماڭا سۇنغان دوستلۇق قولىڭىزدا مىڭ باھارنىڭ مىھرى بار. مەن ئۇنى قەدىرلەيمەن، ھەم سىزمۇ ئۇنى ئاسراڭ، ئاۋايلاڭ،ئۇنىڭدىن يەنە كۈرمىڭلىغان دوستلۇق گۈللىرى ئېچىلسۇن!...
مىھرىبانىڭىزنىڭ سېزنى دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن! كۈلۈپ ياشاڭ دوستۇم !!
بۈگۈنكى تۇغۇلغان كۈنۈڭنى قانداقتۇر بىر بايرام سۈپىتىدە ئەمەس سىزدەك بىر دوستۇمنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان كۈنى سۈپىتىدە قۇتلۇقلايمەن. يىڭى بىر يېشىڭىزدا ھەر ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى، تۇرمۇشىشىڭىزنىڭ بەختلىك ئۆتۈشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن! قەلبىمدە كۈۋەجەپ تۇرار مىھىرلەر، سەن ئۈچۈن تىلەيمەن گۈزەل تىلەكلەر. ياشنىسۇن سەن ئۈچۈن غېمىڭ يىگەنلار، مۇبارەك دۇنياغا تۇغۇلغان كۈنۈڭ.
خوشاللىق تىلەيمەن ھەربىر كۈنۈڭگە، كۈنسىرى ئۆرلەپ يۈكسەك پەللىگە. ئىشەنگىن بۇ مىنىڭ يۈرەك سۈزۈمگە مۇبارەك دۇنياغا تۇغۇلغان كۈنۈڭ.
ئىنسان ھاياتىدا ئىرىشكىنىدىن ئىرىشەلمىگىنى كۆپ بولىدىكەن .ئەمما بەزى يوقاتقىنىدىنمۇ مەلۇم خۇشاللىققا ئىرىشىپ ياشايدىكەن .تۇغۇلغاندىن تارتىپ تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە يوقاپ كەتمەي ، تاشلاپ قويماي بىزگە ھەمرا بولىدىغىنى پەقەتلا ئانىنىڭ دۇئاسى . ئانىڭىز جۈپ قولىنى كۆتۈرۈپ ، سىز ئۈچۈن دۇئا قىلغىلى نىسىپ قىلسۇن .
ياخشى تىلەكلەر سىزگە مەڭگۈ يار بولسۇن .بەختىيار تۇرمۇش ھەم خۇشاللىق ھەمرا بولسۇن . 100 گە كىرگەنلىرىڭىزدە مۇنبىرىمىزدە يەنە مۇشۇنداق تەبرىكلەشكە نىسىپ بولسۇن . دوسلىقىمىزغا كۆز تەگمىسۇن ، مەڭگۈ مەڭگۈ داۋام قىلسۇن. ئاللاھ ھەر ۋاقىت مەدەتكار بولسۇن .
ئاخىرىدا يەنە بىر تەبرىكلىۋالاي ، تۇغۇلغان كۈنۈڭىزگە مۇبارەك بولسۇن دوستۇم .
|