ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 158|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەجدادلار ئۆگۈتى «يامان بولىدۇ»نىڭ قىممىتى.!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئىلھام مۇھەممەد


خەلقىمىز ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا مول مەزمۇن ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆرپ- ئادەت، ئەخلاق مىزانلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇنداقلائۇنى تۇرمۇشىدا چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە-مىزان، بۇرچ سۈپىتىدەئىجتىمائىي ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. كۆپ خىل شەكىلگە ئىگە ئەخلاقىي تەربىيە ئۇسۇللىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆرپ- ئادەت،ئەدەپ-ئەخلاق مىزانلىرىغا يات بولغان، ئىنسانىيەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان، جامائەت تەرىپىدىن يامان كۆرۈلىدىغان قىلمىش- ئادەتلەرنى ئۇنىڭ يامان ئاقۋىتىنى كۆرسىتىشئارقىلىق چەكلەپ كەلگەن. خەلقمىزدىكى مۇشۇنداق ئەنئەنىۋى تەربىيە ئۇسۇللىرىدىن بىرى«يامان بولىدۇ» ئەقىدىسىدۇر. خەلقىمىز مەلۇم نەرسىگە چېقىلىپ قالسا، كىشىگەزىيان ئېلىپ كېلىدۇ، مەلۇم ھەركەتلەرنى قىلىپ سالسا، ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيدۇ،دېيىش ئارقىلىق ئۇنداق ھەركەت- قىلىقلاردىن ساقلىنىش مەقسىتىدە ئېتىقاد ئاساسىداشەكىللەنگەن، قويۇق ئۆرپ-ئادەت تۈسىگە ئىگە، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدەدېگۈدەك   ئۇچرايدىغان بىر تۈركۈم پەرھىز-چەكلىمىلەرنى بارلىققاكەلتۈرگەن. بۇ پەرھىز-چەكلىمىلەر تۇرمۇشىمىزدا «يامان بولىدۇ» ئىبارىسى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ئەخلاقىي تەربىيە ئەنئەنىسىدە كىشىلەرنى بولمىغۇر قىلىق، يامان ئىشلاردىن چەكلەپ، ياخشلىققا ئۈندەش، ئەدەپكە چاقىرىشتىكى ئۈنۈملۈك تەربىيەۋاستىسىگە ئايلانغان.
تۇرمۇشىمىزدا بىراۋ ناتوغرا ئىش قىلسا، باشقىلار ئۇنى ئاشۇ ناتوغرا ئىشتىن«يامان بولىدۇ» دېيىش ئارقىلىق توسىدۇ. ناتوغرا ئىشنى سادىر قىلغان كىشى «يامان بولىدۇ» ئەقىدىسىنىڭ ئىچكىي مەنىسىنى چوڭقۇر چۈشەنمىسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماسلىقنى ئەقىدە- ئېتىقادقا خىلاپلىق قىلىش دەپ قاراپ، يامان ئىشلارنى قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. مەسىلەن، «ئاتا- ئانىسىنى قاقشاتسا، ئۆمرى خارۇ-زارلىقتا ئۆتىدۇ»،«ئۇستازىنى ھۆرمەت قىلمىسا، ھۈنەردە روناق تاپالمايدۇ»، «يالغان سۆزلىسە، رىزقى كەم بولىدۇ»، «كىيىمىنى تەتۈر كىيسە، ئىش تەتۈرگە ئۆرۈلىدۇ»... دېگەندەك «يامان بولىدۇ» ئىبارىسى بىلەن ئاتالغان بىر تۈركۈم پەرھىز-چەكلىمىلەر خەلقىمىز تۇرمۇشىدائەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە- مىزان، ئىبرەت خاراكتېرىنى ئالغان تەربىيە ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ خىل تەربىيەنىڭ كىشىلەرنى يامان ئىشلاردىن چەكلەپ، ياخشىلىققا ئۈندەش رولى ئادەتتىكى ۋەز- نەسىھەتلەرگە قارىغاندا ئۈستۈن تۇرىدۇ.
«يامان بولىدۇ» ئەقىدىسى قانداقتۇ بىرقىسىملەر ئېيتقاندەك «ۋاقتى ئۆتكەن»، «ئەپسانىۋى تۈس ئالغان»،«خۇراپىي قاراش» بولماستىن، بەلكى خەلق تۇرمۇشىدا ئەسىرلەر مابەينىدە داۋاملىشىپ كەلگەن، كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىغا سىڭىپ كەتكەن،  ئىلمىيلىككە، تۇرمۇش ئاساسىغا ئىگە، قۇرۇلمىسى ئىخچام، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەسىگە چېتىلىدىغان،مەزمۇنى چوڭقۇر، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، ئىبرەتلىك ئەخلاق ئىبارىسى. «يامان بولىدۇ»ئەقىدىسىنىڭ بەزىلىرى ئىپتىدائىي دەۋردىكى تەبىئەتكە چوقۇنۇش ئېتىقادىغا باغلانغان بولسا، بەزىلىرى ئىسلامىيەت ئەخلاق مىزانى ئاساسىدا، كۆپ قىسمى ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانىمىز ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ئىپادىلىنىش شەكلى جەھەتتىن «يامان بولىدۇ»لارنىڭ ھەممىسى شەرت- نەتىجە مۇناسىتى شەكلىدە ئىپادىلەنگەن. بەزى «يامان بولىدۇ»لارنىڭ سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى(يامان بولۇشنىڭ سەۋەب، ئاقىۋىتى) كونكرېت كۆرسىتىلگەن.مەسىلەن، «ئەخلەت بىلەن كۈلنى بىللە ئالسا، شۇ ئۆيدە توي بىلەن ئۆلۈم بىللەبولىدۇ»، «ئېڭەكنى تۇتۇپ ئولتۇرسا، بەختسىز بولۇپ قالىدۇ»،«قارلىغاچ بالىسىنى تۇتسا، قولى تىترىيدىغان بولۇپ قالىدۇ»...دېگەندەك. جانلىق تىلدا قوللىنىش ئېھتىياجى بىلەن بەزى «يامان بولىدۇ»لاردا يامان بولۇشنىڭ سەۋەبى، ئاقىۋىتى ئىخچاملىنىپ، «قولىنى يۇيۇپ سىلكىسە، يامان بولىدۇ»، «يۇلتۇز سانىسا، يامان بولىدۇ»، «رامىزاندا خوراز ئۆلتۈرسە، يامان بولىدۇ»...دېگەندەك  شەكىللەردە ئىپادىلەنگەن.
رايونىمىزدىكى ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ تەبئىي شارائىتى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش قارىشى، ئەنئەنىۋى ئۆرپ- ئادەتلىرىدىكى پەرقلەر ۋە ئاڭ- چۈشەنچىلىرىدىكى بەلگىلىك ئوخشىماسلىقلار سەۋەبىدىن، «يامان بولىدۇ» ئەقىدىسىدە ئىپادىلەنگەن كۆزقارشلاردىمۇبەلگىلىك ئوخشىماسلىقلار شەكىللەنگەن. مەيلى قانداق پەرقلەرنىڭ بولىشىدىن قەتئىينەزەر، «يامان بولىدۇ» ئەقىدىسى خەلقىمىزنىڭ ئەخلاقىي تەربىيە ئەنئەنىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە ئۆرپ- ئادەت، قائىدە-ئەھكاملىرىمىزنى مەنىۋىي جەھەتتىن تولۇقلايدىغان، قېلىپشتۇرىدىغان، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ، كىشىلەرنى ئەدەپ-ئەخلاققا ئۈندەش، يامان ئىشلاردىن چەكلەشتە ئىجابىي رول ئوينايدىغان ئۈنۈملۈك تەربىيە ۋاستىسى. شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش مۇرەككەپ،شۇنداقلا تۈرلۈك تەبىقە ۋە تۈركۈملەرنىڭ مەنپەئىتى بىردەك بولمىغاچقا، ئىلمىي ئاساسى، سەۋەپ- نەتىجىسى ئوتتۇرىسىدا تايىنىشلىق مۇناسىۋەت يوق، پاسسىپ مەنىگەئىگە بىر قىسىم «يامان بولىدۇ»لارمۇ پەيدا بولۇپ قالغان. مەسىلەن، «چاپان،كۆينەكنىڭ مۈرىسى يىرتىلىپ كەتسە، ئىگىسى قەرزدار بولۇپ قالىدۇ»، «دەرەخ ئىككى قېتىم چېچەكلىسە، پالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ»، «مۈشۈكنى كېچىدە پەش دېسە، يامان بولىدۇ.»، «باينىڭ بەرگىنىگە نارازى بولسا، يامان بولىدۇ»، «خوجايىنىغا تىكىلىپ قارىسا، كۆز ئالايتسا، گېپىگە قارشى چىقسا، يامان بولىدۇ»...دېگەندەك. بۇتەركىبلەرگە توغرا پوزىتسىيە بىلەن ۋارىسلىق قىلىش كېرەك.
«يامان بولىدۇ»ئەقىدىسىدە خەلقىمىزنىڭ ئەسىرلەر مابەينىدە تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئاساسىدايەكۈنلىگەن خېلى يۇقۇرى ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئاتا- ئانا ۋە چوڭلارنى ھۆرمەتلەش،بالىلارغا كۆيۈنۈش، پاكىزە، ساغلام، بىخەتەر، تېجەشلىك، تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، تەبىئەتنى سۆيۈش، دەل- دەرەخ، جان-جانىۋارلارنى قوغداش، ياخشى مىجەز-خۇلقنى يېتىلدۈرۈش، ئەقىدىلىك، شەرم- ھايالىق، ئەدەپ- ئەخلاقلىق بولۇشتەك ئېسىل ئادىمىيلىك پەزىلەتلىرى ۋە تۈرلۈك ئاڭ- چۈشەنچىلىرى ئىپادىلەنگەن. كۆپ قىسىم«يامان بولىدۇ»لار  پەقەت چەكلەش رولىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى خېلى يۇقۇرى ئىلمىي ئاساسقا ئىگە. مەسىلەن، «قولىنى يۇيۇپ سىلكىسە، يامان بولىدۇ»دېگەن قارىشىنىڭ ئىلمىي ئاساسى: قولنى يۇيۇپ بولۇپ سىلكىگەندە، سۇ دانىچىلىرى ئەتراپتىكى ئادەم ياكى نەرسىلەرگە چاچرايدۇ، شۇنداقلا قول بىرەر نەرسىگە تېگىپ زىخمىلىنىدۇ. «قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ ئۇخلىسا، يامان بولىدۇ» دېگەن قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى: بۇنداق ئۇخلىغاندا كۆكرەك قەپىزىگە بېسىم چۈشۈپ، يۈرەك قىسىلىدۇ-دە، قارا(ۋەھىملىك چۈش) بېسىش، جۆيلۈش، ئۆزىنى سەزمەي ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشنىكەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. «سۇنى ئۇزاق قايناتسا، ئۆيدە جىدەل- ماجرا كۆپىيىپ كېتىدۇ»دېگەن قارىشىنىڭ ئىلمىي ئاساسى: سۇنى ئۇزاق قايناتقاندا، ئادەمگە پايدىلىق ماددىلار ھورغا ئايلىنىپ چىقىپ كېتىدۇ- دە، بۇنداق قايناقسۇ سالامەتلىككەزىيانلىق. «زاۋال ۋاقتىدا يېتىش، كۇن چىققۇچە يېتىش قان ئىچىدە ياتقان بىلەن باراۋەر» دېگەن قارىشىنىڭ ئىلمىي ئاساسى: سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىش سالامەتلىككەپايدىلىق، يەنى چاينى ۋاقتىدا ئىچىپ، ھەركەت ئارقىلىق بەدەندىكى قاننىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولغىلى، شۇ كۈندىكى ئىشلارنى تولۇق ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولۇپلاقالماي، شۇ كۈندىكى ئىشلارنى تولۇق ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.«ياڭاق تۇۋىدە ئۇخلىسا، يامان بولىدۇ»دېگەن قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى: ياڭاقيوپۇرمىقى ئادەمنى بىھۇش قىلىدىغان بىر خىل غەيرى پۇراق چىقىرىدۇ، بۇ پۇراق دەمسىقىلىش، گال قىچىشىش، يۆتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەزى ئەگەشمەكېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. «پاختەك، تورغاي تۇخۇمىنى تۇتسا،يۈزىگە سەپكۈن چۈشىدۇ» دېگەن قارىشىنىڭ ئىلمىي ئاساسى: قۇش تۇخۇمى بىخەتەربولمىسا، قۇشلارنىڭ كۆپىيىشى، نەسلىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچىرايدۇ-دە،ئېكىلوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
«يامان بولىدۇ»لار تۇرمۇش سىنىقىدىن ئۆتكەن، خېلى يۇقۇرى ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ، قايىل قىلىش كۈچى زور بولغان ئەجدادلار ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. بۇ خىل تەربىيە شەكلى ئارقىلىق ناچارقىلىق، يامان ئىللەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ئەۋلادلار قەلبىدە ئېسىل ئادىمىيلىك پەزىلەتلەرنى يىتىلدۇرگىلى بولىدۇ. ئەنئەنىۋى ئەخلاقىمىز مەلۇم نىسبەتتە كىرىزىسقائۇچراۋاتقان، ئۆرپ- ئادەتلىرىمىز مەلۇم جەھەتتە ياتلىشىشقا يۈزلەنگەن بۈگۈنكى شەھەرلەشكەن تۇرمۇش رېتىمىدا ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن «يامان بولىدۇ»شەكلىدىكى تەربىيەنى ئەۋلادلارنى تەربىيلەشنىڭ دەستۇرىغا ئايلاندۇرىشىمىز كېرەك.«يامان بولىدۇ» قارىشىنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى قوللىنىش دائىرىسى ھەم مىقدارى كۆپ بولۇپ، تۆۋەندە بىر قانچە تۈر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈمىز.
چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، مېھماندارچىلىق ۋە كىشىلىك ئەخلاق مەزمۇن قىلىنغان«يامان بولىدۇ»لار
«ئاتا- ئانىنى قاقشاتسا،ئۆمرى خارۇ-زارلىقتا ئۆتىدۇ»،«ئاتا- ئانا ئىشقا بۇيرۇغاندا غۇدىرىسا، يوغان كۆزدەقارىسا، جاۋابلاشسا سېرىقئاياغ بولۇپ قالىدۇ»، «ئاتا- ئانىسىدىن بىسوراق ئىش قىلسا، پۇشايماندا قالىدۇ»، «ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسا، راۋاجتاپالمايدۇ.»، «چوڭلارنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالمىسا، پۇشايماندا قالىدۇ»،«ئۇستازىنى ھۆرمەت قىلمىسا، ھۈنەردە روناق تاپالمايدۇ».
  تۆۋەندىكى ئىشلارنى سادىر قىلسىمۇ «يامان بولىدۇ»: چوڭلار سۆزلەۋاتقاندا لوقما سالسا؛ چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتسە؛ تاماققا چوڭلاردىن بۇرۇن قول ئۇزاتسا؛چوڭلار ئولتۇرغان يەردە ياتسا، چوڭلارغا ئارقىسىنى قىلىپ، پۇتىنى سوزۇپ ئولتۇرسا؛ چوڭلار بار يەردەپۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرسا؛ مېھمانغا ئىككى قولىدا چاي تۇتمىسا؛ مېھمان ئالدىدائۆي سۈپۈرسە؛ تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلماي داستىخاننى يىغىۋەتسە؛ داستىخاننى ئىتتىك يىغمىسا؛ داستىخاندىن ئاتلىسا، داستىخاندا ئولتۇرسا؛داستىخانغا  دەسسىسە، پۇتىنى سۇنسا، قولىنى سۈرۈتسە؛ كىشىگە قولىنى شىلتىپ گەپ قىلسا؛ كىشىگە قاراپ كېرىلسە، ئەسنىسە، چۈشكۈرسە، بۇرنىنى كوچىلىسا؛ئادەمنىڭ ئەتراپىنى چۆرگىلىسە.
تۇغۇم، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئەر-ئاياللار ئەخلاقى مەزمۇن قىلىنغان«يامان بولىدۇ»لار
«سېزىك مەزگىلىدە سېزىك بولغان نەرسىنى يېمىسە، بالىسى ئەيىپناك، پۇچۇق تۇغۇلۇپ قالىدۇ»،«سېزىك مەزگىلىدەتۆگە گۆشى يېسە، 12 ئايدا يەڭگىيدۇ»، «ھامىلدار ئايال باشقىلارنىڭ جىسمانىي ئەيىپىنى مازاق قىلىپ كۈلسە، بالىسى شۇ خىل ئەيىپلىك تۇغۇلىدۇ»،«ھامىلدار ئايال كۆرۈمسىز، قورقۇنچلۇق نەرىسلەرگە قارىسا، بالىسىمۇ شۇنداق تۇغۇلىدۇ»،«ھامىلدارئايال توشقانغا قارىسا، بالىسى توشقان كالپۇك تۇغۇلىدۇ»، «ئاياللار ئارغامچىنى ئاتلىسا، ھەمراھى ئاسان چۈشمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ»، «ئاياللار كىر سۈيىدىن ئاتلىسا، تۇغۇتتا ئال باسىدىغان بولۇپ قالىدۇ»، «تولغاق بار ئۆيگە كىرسە، بوۋاق بالايى خەتەرگە يولىقىدۇ»، «بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن باقمىسا، بوۋاق سوغۇق مىجەزبولۇپ قالىدۇ»، «بالا دۈم يېتىپ يىغلىسا، ئاتا- ئانىسى بۇرۇن ئۆلۈپقالىدۇ»،«سۈپۈرگىنى بالىنىڭ بېشىدىن ئۆرۈسە، بالا پاكار بولۇپ قالىدۇ»، «بالىنىڭ بېشىغا ئۇرسا، بالا گالۋاڭ بولۇپ قالىدۇ»، «بالىنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرسا، بالا گاچابولۇپ قالىدۇ»، «سەپەردىن كەلگەن كىشى كىچىك بالىنى ئالدىراپ قولىغا ئالسا، يول ئىسسىقى ئۆتۈپ ئۆچۈنۈپ قالىدۇ»، «بالىغا يىلىك يېگۈزسە، كۆيۈمسىز بولۇپ قالىدۇ»،«بالىغا تال يېگۈزسە، تېلىققاق بولۇپ قالىدۇ»، «ئەر-خوتۇنلار تۇخۇم چېكىشسە، ئەر-خوتۇنلۇق مېھرى(نىكاھى) سۇسلاپ كېتىدۇ».
تۆۋەندىكى ئىشلارنى سادىر قىلسىمۇ «يامان بولىدۇ»: ياتلىق بولمىغان قىز،ئېغىر ئاياق ئايال قولغا سۇ ئالسا؛ تۇغۇتلۇق ئۆيگە تالادىن ئۇدۇل كىرسە؛ ئايال كىشى مال بوغۇزلىسا؛ قىز- ئاياللار كۈچلۈك ئاۋازدا كۈلسە، ئىسقىرتسا، پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرسا؛ بالىنى قارغىسا؛ بالىلارنىڭ كىيىملىرىنى سۈپۈرگە بىلەن قاقسا؛ كىچىك بالا بوينىغا ئېغىر نەرسىلەرنى ئېسىپ يۈرسە؛ قىز-ئاياللار ئەركەكلەرئالدىدا ياسانسا، بەك نېپىز كىيىملەرنى كىيسە؛ قىز-ئاياللار ئەركەكلەرنىڭ كىيىمىنى كىيسە؛ ئەركەكلەر ئاياللارنىڭ كاسىسى، يوتىسى، كۆكسىگە تىكىلىپ قارىسا؛ ئاياللارتاماكا چەكسە، ھاراق ئىچسە؛ ئاياللار ئەرلەر بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرۇپ گەپ تالاشسا.
پاكىزلىق ۋە ساغلاملىق مەزمۇن قىلىنغان «يامان بولىدۇ»لار
«يۈز يۇغاندا سۇنى ئېقىتىپ تۇرۇپ يۇمىسا، يۇندىدا يۈز يۇغانغا باراۋەر»،«يولغا يۇندا تۆكسە، ئادەمنى مەينەت باسىدۇ، سوغۇق تەلەت قىلىپ قويىدۇ»، «ئۆيدە ئەخلەت-يۇندى قوندۇرسا، بەرىكەت قاچىدۇ، پەرىشتىلەر قاغىۋېتىدۇ»، «ئېشەك ئېغىنىغان يەرگە دەسسىسە، ئادەمنى قوتۇرباسىدۇ»، «ئىككى ئادەم بىر قاچىدا سۇ ئىچكەندە، بىرىنچىسى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن،ئىككىنچسى قاچىدىكى سۇدىن ئازراق تۈكۈۋېتىپ ئىچمىسە، ئىككىسى ئۇرۇشۇپ قالىدۇ.»،«ئەر- ئايال بىرگە بولغاندىن كېيىن غۇسۇل قىلمىسا، پالاكەت باسىدۇ»،«ناپاك ھالداكۈنگە قارىسا، گۇناھ بولىدۇ»،«ناپاك ھالدا مال باقسا، ماللىرى ئاپەتكە ئۇچىرايدۇ»،«سۇنى ئۇزاق قايناتسا، ئۆيدە جىدەل- ماجرا كۆپىيىپ كېتىدۇ»، «زاۋال ۋاقتىدا يېتىشياكى كۇن چىققۇچە يېتىش قان ئىچىدە ياتقان بىلەن باراۋەر»،«زاۋالدا ئۆي سۈپۈرسە،مال- مۈلكى سورۇلۇپ كېتىدۇ»، «قايچىدا تىرناق ئالسا، پەرزەنت يۈزى كۆرەلمەيدۇ»،«تىرناقنى ئوتقا سالسا، پور تىرناق بولۇپ قالىدۇ»، «سۈپۈرگىنى تىكلەپ قويسا، ئۆيگەبالا- قازا كېلىدۇ»، «تامغا سۇ چاچسا، ئاتا- ئانىسى كۆز يۇمغاندا كۆزىدىن ياش چىقمايدۇ»، «شاپاققا دەسسىسە، تەرەت قىلسا، ئېغىز- بۇرنىغا چاچراتقۇ چىقىپ قالىدۇ»، «قازان قارىسىغا دەسسىسە، تۆھمەتكە قالىدۇ»، «تونۇر بېشىدا ئۇخلىسا،قارا(ۋەھىمىلىك چۈش) بېسىپ قالىدۇ»، «يالاڭباش ئۇخلىسا، ئۆينىڭ بەرىكىتى قالمايدۇ».
تۆۋەندىكى ئىشلارنى سادىر قىلسىمۇ «يامان بولىدۇ»: ياڭاق تۇۋىدە ئۇخلىسا؛ئۆي سۈپۈرگەندە ئەخلەتنى بۇسۇغا ئاتلىتىپ سۈپۈرسە؛ چىش، قۇلاقنى تىرناق بىلەن كوچىلىسا؛ تىرناق، چاچ-ساقالنى ئۆستۈرىۋەتسە؛ قازان بېشى، تونۇر بېشىدا تىرناق ئالسا؛ چاچنى ئوتقا تاشلىسا؛ ناپاك ھالدا(غۇسۇل قىلماي) كىشىگە قارىسا، ناپاك بالائېمىتسە؛ ئوتقا سۇ ياكى يۇندا چاچسا؛ كېچىدە كىگىز- گىلەم قاقسا، ئەخلەت-كۈل ياكى يۇندا تۆكسە؛ مەينەت يەردە مال بوغۇزلىسا؛يالاققا دەسسىسە ياكى تەرەت قىلسا؛ يالاڭباش ھالدا تاماق ئەتسە؛ يېپىنچا ياپماي ئۇخلىسا؛ قولىنى يۇماي خېمىر يۇغۇرسا، تاماق ئەتسە؛خېمىر يۇقى قولىدا ئەتنى تۇتسا؛ ئېرىق-ئۆستەڭ، كۆل بويىدا كىر يۇسا؛ئېرىق-ئۆستەڭ، كۆلگە ئەخلەت-يۇندا تۆكسە؛ قولىنى يۇيۇپ بولۇپ سىلكىسە؛ قازان،قاچا- قۇچىلارنى يۇماي قويۇپ قويسا؛ قازاندا قاچا-قۇچا ياكى قولىنى يۇسا؛چېلەك-ئىدىش، قازان، قاچا- قۇچا، تۇزلۇق ۋە ماي قاچىسىنىڭ ئاغزىنى ياپماي ئوچۇق قويسا؛ئايىغى چىقمىغان توختام(زەي) سۇنى ئىچسە؛ يۇلتۇز سانىسا.
غىزالىنىش ۋە تېجەشلىك بولۇش مەزمۇن قىلىنغان «يامان بولىدۇ»لار
«غىزانى پاكىزە يېمىسە،بالىسى چاپاق بولۇپ قالىدۇ»،«غىزانى ئاشۇرۇپ قويسا، ئادەمنىڭ رىزقى كالتە بولىدۇ»،«غىزانى پۇراپ بېقىپ يېسە، بۇرنىغا چاقا(جاراھەت) چىقىپ قالىدۇ»، «غىزادىن يامانلىسا، ئاچارچىلىقتا قالىدۇ»، «پۇچۇق، دەزكەتكەن چىنىنى ئىشلەتسە، يۈرىكىگەدەز كېتىدۇ»،«قىچا چېچىلىپ كەتسە، ئۆيدە جىدەل- ماجرا تۈگىمەيدۇ»، «چېچىلىپ كەتكەنگۈرۈچنى تېرىۋەتمىسە، ئۆي-ماكانىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ».
تۆۋەندىكى ئىشلارنى سادىر قىلسىمۇ «يامان بولىدۇ»: پولۇ يېگەندە قولىنى لىگەن-تاۋاققا سىلكىسە؛ چۈشۈك(قاتلىنىپ تولۇق پىشمىغان) ناننى يېسە؛ قولىنى يۇماي غىزا يېسە؛ سول قولىدا غىزا يېسە؛ بۇسۇغىدا ئولتۇرۇپ غىزا يېسە؛ غىزا يېگەندە كۆپ گەپ قىلسا، قاتتىق كۈلسە؛ غىزاغا شەك كەلتۈرسە؛ ئاشقان تاماقنى تۆكىۋەتسە؛ ناننى دۈم قويسا؛ ناننى بىر قول بىلەن ئۇشاتسا ياكى دۈم ھالەتتە ئۇشاتسا.
جابدۇنۇش ۋە ياسىنىش ئادىتى مەزمۇن قىلىنغان «يامان بولىدۇ»لار
«كىيىمىنى تەتۈر كىيسە،ئىش تەتۈرىگە ئۆرۈلىدۇ»، «ئاياغنى دۈم قويسا، قېرىندىشىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلىگەن بىلەن باراۋەر»، «ھۆل كىيىمنى كىيسە، مېھىر(نىكاھ) سۇسلاپ كېتىدۇ»،«ئاياغنى يەكپاي كىيسە، جۆرىسى ئۆيدە تۇرمايدۇ»، «چاچنى قۇرۇق تارىسا، تۆھمەتكە قالىدۇ»، «سۇنۇق،دەز ئەينەككە قارىسا، دىلى سۇنۇق بولۇپ قالىدۇ»؛
  تۆۋەندىكى ئىشلارنى سادىر قىلسىمۇ «يامان بولىدۇ»: ئۆرە تۇرۇپ ئىشتان كىيسە؛ چاپان،كۆينەكنىڭ  پېشىنى چىگىۋالسا؛ چاپاننىڭ يېڭىنى سەپمەي يېپىنچاقىلىۋالسا؛ يۇيۇلغان كىيىمنى تەتۈر يايسا؛ سۇنۇق تارغاقتا چاچ تارىسا.
تەرتىپلىك تۇرمۇش ۋە بىخەتەرلىك مەزمۇن قىلىنغان «يامان بولىدۇ»لار
«ئەخلەت بىلەن كۈلنى بىرگە ئالسا، شۇ ئۆيدە توي بىلەن ئۆلۈم بىرگە بولىدۇ»، «قوشۇقنى بىر- بىرىگەئۇرسا، ئۆيدە جىدەل- ماجرا كۆپ بولىدۇ»،«سۇپۇرىنى چىرايلىق قاتلىمىسا، يۈزىگەقورۇق چۈشۈپ قالىدۇ.»، «تەكىي-ياستۇقتىن ئاتلىسا، لېۋىگە قوقاق چىقىپ قالىدۇ»،«قازاندىن ئاتلىسا، تۆھمەتكە يولۇقىدۇ»،«قازان قىرسا،قىرماق يېسە، تويى بولغان كۈنى قار (يامغۇر) ياغىدۇ»، «بوسۇغىدا تۇرىۋالسا، ئۆيدىن بەرىكەت قاچىدۇ»،«ئەتتىگەندە گازىر چاقسا، تۆھمەتكە قالىدۇ»، «دۇكاندا گازىر چاقسا،دۇكانغا خېرىدار كىرمەيدۇ». «ئەتتىگەندە نېسى مال ساتسا، شۇكۈندىكى سودىدىن پايداچىقمايدۇ»، «زاۋالدا ئۈشكە چاقسا، قەرزدار بولۇپ قالىدۇ»،«ئېڭەكنى تۇتۇپ ئولتۇرسا،بەختسىز بولۇپ قالىدۇ»، «كېچىدە ئەينەككە قارىسا، ئاتا- ئانىسىنىڭ يۈزىنى كۆرەلمەيدۇ»، «ئاچقۇچ چۆرىسە، ئۆيىگە ئوغرى كىرىدۇ»،«ئۆيدە توپ ئوينىسا، ئۆي بۈرگەبولۇپ قالىدۇ»، «ئۆي ئىچىدە ياكى كېچىدە ئىسقرتسا، شۇملۇق تىلىگەن بىلەن باراۋەر».
تۆۋەندىكى ئىشلارنى سادىر قىلسىمۇ «يامان بولىدۇ»: قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ ئۇخلىسا، يىڭنىنى يىپ ئۆتكۈزمەي قويسا؛ قۇلۇپ بىلەن ئاچقۇچنى، تاختا بىلەن نوغۇچنى ئايرىۋەتسە؛ تىغلىق ئەسۋاپلار چۆرىسە؛ ئۆگزىگە كىر يايسا؛ بىر ئورۇندا چۆرگىلىسە؛ئارقىچىلاپ ماڭسا؛ قولىنى كەينىگە قىلىپ ماڭسا؛ توقۇمى(مۈلە) يوق ئېشەككە مىنسە؛ئادەم، ھايۋاندىن ئاتلىسا؛ مال بوغۇزلانغان جايدىن ئاتلىسا؛ ئەخلەت، يۇندى ئازگىلىدىن ئاتلىسا؛ ئوتتىن ئاتلىسا؛ تىغلىق ئەسۋاپلاردىن ئاتلىسا؛ ئات ئىگىرىدىن ئاتلىسا؛ ئۆي ئىشكىنىڭ ئىككى يان ياغىچىنى تىرەپ (كەگەللەپ) تۇرسا؛ تىغلىق ئەسۋاپلارنى سول قولىدا تۇتسا؛ ئاشلىق-يېمەكلىك ئېلىنغان تاغار- خالتىدائولتۇرسا؛كىتابنى تېگىگە قويۇپ ئولتۇرسا؛ باش كىيىمنى پەستە، ئاياغنى ئېگىزدەقويسا؛ كىيىم-كېچەكلەرنى كۆيدۈرسە، دەريا-ئۆستەڭگە تاشلىسا؛ لىگەننى داپ قىلىپچالسا؛ ئاخشىمى كېسەل يوقلىسا؛ كېچىدە تىرناق ئالسا،چاچ تارىسا، ئاياقنىڭ سۇڭىغادەسسەپ ماڭسا.
تەبىئەتنى سۆيۈش ۋە جان–جانىۋارلارنى قوغداش مەزمۇن قىلىنغان «يامانبولىدۇ»لار
«يۇمران زىرائەت، ئوت-چۆپلەرنى يۇلسا، دەسسىسە، تەرەت قىلسا، يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولىدۇ»، «نوتادەرەخلەرنى زۆرۈرسىز ھالدا كەسسە، ئۆمرى كوتا بولۇپ قالىدۇ»، «قەبرىستانلىق ئەتراپىدىكى دەرەخنى كەسسە، پۇت- قولى تۇتماس بولۇپ قالىدۇ»،«ئىتقا سۇ چاچسا،سۈگەل چىقىپ قالىدۇ»، «كەپتەر باققان ئادەم كەپتەرنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە باقمىسا،تۇرمۇشى غۇرىبەتچىلىكتە ئۈتىدۇ.»، «قاغا كۆمگەن تۇخۇمنى يېسە، ئۇنتۇغاق بولۇپقالىدۇ»، «پاختەك، تورغاي تۇخۇمىنى تۇتسا، يۈزىگە سەپكۈن چۈشىدۇ»، «ھۆپۈپنى تۇتسا،قولى پۇراپ قالىدۇ»، «قارلىغاچ بالىسىنى تۇتسا، قولى تىترىيدىغان بولۇپ قالىدۇ»،«قۇش بالىلىرىنى ئۆلتۈرسە، ئاتا- ئانىسىدىن بالدۇر يېتىم قالىدۇ»، «ئۆمۈچۈكنىئۆلتۈرسە، ئۆيدىن بەرىكەت قاچىدۇ»،«دۆنى ئۆلتۈرسە، بوران چىقىپ كېتىدۇ»،«كەسلەنچۈك، كېلەنى ئۆلتۈرسە، شامال چىقىپ كېتىدۇ»، «مۈشۈكنى ئۆلتۈرسە، قىساسىغاقالىدۇ»، «بۆرىنى ئۆلتۈرسە، مال- چارۋا ئاينىمايدۇ».
تۆۋەندىكى ئىشلارنى سادىر قىلسىمۇ «يامان بولىدۇ»: مېۋىلىك دەرەخنىڭ چېچىكىنى ئۈزسە؛ دەرەخ قوۋزىقىنى سەۋەبسىز سويسا، شېخنى زۆرۈريىتى يوق ھالدا سۇندۇرسا؛ قېرى ئۈجمە دەرىخى، يالغۇز دەرەخنى كەسسە؛ ئۇچار قۇشلارنى قەپەسكە سولاپ باقسا؛ مالپادىسىنى بۆسۈپ ئۆتسە؛ ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ قورسىقىنى ئاچ قويسا؛جان- جانىۋارلارنى قىينىسا؛ئات- ئۇلاغلارنى تەپسە، بېشىغا ئۇرسا؛ ئوقۇردىن ئاتلىسا، ئىنسانلارغازىيانسىز جان- جانىۋارلارنى ئۆلتۈرسە.
ئەقىدە- ئېتىقاد ۋە ئادىمىيلىك پەزىلەت مەزمۇن قىلىنغان «يامان بولىدۇ»لار
«نان، تۇزغا دەسسىسە،كۆزى تۇتۇلۇپ قالىدۇ»،«ناننى كۆيدۈرسە، پەرىشتىلەر 70 پۇشتىغىچە قاغىۋېتىدۇ»،«تۇزنى قول بىلەن ئىلەشتۈرسە، يىلىكى شورلۇق بولۇپ قالىدۇ»، «تۇزلۇقنى تولايۆتكىسە، تولا ئۆي كۆچىدىغان بولۇپ قالىدۇ»، «سۇغا تۈكۈرسە، مىشقىرسا، ئېغىز-بۇرنىغا قوقاق چىقىدۇ»، «سۇغا، ئېغىلغا تەرەت قىلسا، كۆتىگە چاقا (جاراھەت)چىقىدۇ»، «ئەتىگەندە ياكى كەچتە چۈش ئۆرىسە، ئۆرۈلگەن چۈش ئوڭغا تارتمايدۇ»،«سەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنى ناماز پېشىندىن بۇرۇن سەپەرگە چىقسا، سەپەر خەيرلىك بولمايدۇ»،«ئىشىكتىن چىقىپ بولۇپ ئارقىسىغا يانسا، سەپەر ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ»، «ئۆي ئىگىسىنىڭ ئالدىدا كىچىك بالا ياكى مال-جاندارىغا تىكىلىپ قارىسا ياكى ماختىسا، كۆز تېگىدۇ»،«سېۋەتنى قالىسا، بالىسى چولاق تۇغۇلىدۇ»، «يالغان سۆزلىسە، رىزقى كەم بولىدۇ»،«كىشىگە تىغ تەڭلىسە، ئىمانىدىن ئاجراپ (سۇسلاپ) كېتىدۇ»، «توپا سورۇسا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلىگەن بىلەن باراۋەر»، «كۈل سورىسا، ئۆزى سورۇلۇپ كېتىدۇ»،«ھۇقۇش ھوۋلىغان يەر چۆللىشىپ كېتىدۇ»، «يىلان يىللىق ئادەم بار ئۆيدە قارلىغاچ ئۇۋىلىمايدۇ»، «زاۋالدا يىغلاش، قېرىندىشىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلىگەن بىلەن باراۋەر»،«مازار غا تۈكۈرسە، ئېغىزى مايماق بولۇپ قالىدۇ»، «بارمىقىنى مازارغا چەنلىسە،بارمىقى قۇرۇپ كېتىدۇ».
تۆۋەندىكى ئىشلارنى سادىر قىلسىمۇ «يامان بولىدۇ»: رامىزاندا خوراز ئۆلتۈرسە؛رامىزاندا ئوۋ ئوۋلىسا؛ جۈمە كۈنى كىگىز-گىلەم قاقسا؛ جۈمە كۈنى قوي بوغۇزلىسا؛ئۆلۈم-يېتىم، نەزىر-چىراغقا يالاڭباش بارسا؛ ھازىدار ئالدىدا كۈلسە؛ يول-كۆۋرۈكنى بۇزسا؛ كىشىگە لەقەم قويسا؛ باشقىلارغا ھەسەت قىلسا؛ باشقىلارغا قارا سانىسا؛باشقىلارغا غوم ساقلىسا؛ مەرھۇملارنىڭ يان گېپىنى قىلسا؛ غەيۋەت قىلسا، چېقىمچىلىق قىلسا؛ زىنا قىلسا؛ ئوغرىلىقچە گەپ تىڭشىسا؛ كىشىنىڭ رىسقىنى يەۋالسا؛ يېتىمنىڭ ھەققىنى يەۋالسا؛ باشقىلار بىر نەرسە يەۋاتقاندا مەسلىنىپ قارىسا؛ ئۆتنە ئالغاننەرسىنى قايتۇرمىسا؛ ھارام(مەكرو) مالنىڭ گۆشىنى يېسە؛ قىلبىگە، كۈن- ئايغا قاراپ تەرەت قىلسا؛ جان- جانىۋارلارنىڭ ئالدىدا تەرەت قىلسا؛ قىبلە تامغا رەسىم-سۈرەتلەرنى ئاسسا؛ ئۆي ئىشكىنى قىبلىگە قاراتسا؛ ئەزان توۋلىغاننى ئاڭلاپمۇ ياتسا،گەپ قىلسا، يول ماڭسا؛
يىغىپ ئېيتقاندا، تۇرمۇشىمىزدىكى «يامان بولىدۇ»لار ئالىيجاناب كىشىلىك پەزىلەتكە ئىگە بولۇشنىڭ، ھاياتنى، دۇنيانى چۈشىنىشنىڭ، شۇنداقلا ئەخلاقىي چىركىنلىك ۋە ناچار ئادەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۆزگىچە ھەم يۇقۇرى دەرىجىدىكى چەكلەش ۋە بۇيرۇش كۈچىگە ئىگە بولۇش بىلەن بۈگۈنكى كۈندەئالاھىدە  قوغداش، ئۆگىنىش ۋە ئىلمىي ھالدا تەدبىقلاش قىممىتىگە ئىگە.


پايدىلانغان ماتېرىياللار:

(1) ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993-يىل 1- ئاي نەشرى


(2) ئابدۇكېرىم راخمان قاتارلىقلار «ئۇيغۇر ئۆرپ- ئادەتلىرى»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 2008- يىل 4- ئاي نەشرى


(3)ئەنۋەر سەمەد قورغان «ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2007-يىل 12- ئاي نەشرى


(4) غالىپ بارات ئەرك، تۇرسۇن مەخمۇت «تەكلىماكاندىكى قەدىمىي يۇرت − چەرچەننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى» مىللەتلەر نەشرىياتى 2014- يىل 1- ئاي نەشرى


(5) خەلقىمىز ئارىسداقوللىنىلىۋاتقان «يامان بولىدۇ» قاراشلىرى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

4

تېما

24

يازما

86

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 699
يازما سانى:
24
تىللا:
62
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
6 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-30
دېۋان
ۋاقتى: 2016-2-20 05:44:15 | ئايرىم كۆرۈش
يازمىڭىز  ياخشى چىقىپتۇ  .،.،مۇنبەردە تىمما يولايدىغانلار .،،. كۆپ ئىنكاس يازدىغانلار.، بەك بەك ئازكەن .،.ئىنكاس  يىزىپ.،.، ئۆز ئارا  بىلمىگەننى بىلىشىپ .،.، مەدەنىي  مۇنازىرە ئەلەپ بارساق بولمامدۇ  دەيمەندە،.،.، تىمما  بەك يولىندىكەن قارسام ئەنكاس  يوق.،.،.،. كۆردىغاننى كۆرۇپ بولاپلام.،.، قاچماڭلار  بالىلار.،.،خاتا  بولغان بولسا.، ماۋۇ يەر خاتا دەپ  مۇنبەرنى ئاۋاتلاشتۇرمامسىلەر.،.،.، مەن بەك  كۆپ سۆزلەپ قويدۇم كەچۇرۇڭلارې.،.،
مۇھەممەد

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-2-21 21:33:16 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ئەسەر ماۋزۇدىنلا ياخشىلىقى چېقىپلا تۇرىدۇ....
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-2-24 18:13:43 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسلىدە  قىلسا بولمايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز يامان بولىدۇ دەپ ئەۋلاتلارغا قىلدۇرماي كەلگەن ئىكەن .
ھەممە يامان بولىدۇنىڭ بىر ھىكمىتى بار  ئىكەن .
تىمىڭىزغا  رەھمە ت!
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-25 10:39:34 | ئايرىم كۆرۈش
ئاتىكەم يوللىغان ۋاقتى  2016-2-24 18:13
ئەسلىدە  قىلسا بولمايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئەقىلل ...

توغرا  دەيسىز .چوڭلارنىڭ سۆزىنىڭ ھەممىسىنىڭ  توغرا  بولۇپ كىتىشىمۇ  ناتايىن،ھەم يەنە خاتا بولۇپ كىتىشىمۇ ناتايىن
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:06 , Processed in 0.120487 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش