خىجىل بولۇشقا تېگىشلىك پەخىرلىنىش
شىكار
مەلۇم قورۇدىن چىقىۋاتسىڭىز تامغا يېڭىلا چاپلانغان ئېلانغا قاراپ تۇرغان بىرسى دەيدۇ: «بالام، خاپا بولماي بىر ئوقىۋەتكىنە! نېمە ياخشى گەپ باركىن، يەنە بىكاردىن- بىكار پۇل ئالىدىغان ئۇقتۇرۇش بولۇپ قالمىسۇن؟ ئەرزانراق بىرنېمىنىڭ ئېلانىمىكەن يا؟ مېنى دېسەڭ شۇ كوممۇنانىڭ ۋاقتىدا يېڭى يېزىق دېگەندە ئوقۇپ، چالا ساۋات قاپتىكەنمەن، خەت بىلمىگەنگە نېمە بوپتۇ؟ بىر ئوبدان ياشاۋاتىمىزغۇ مانا؟» . سىزگە كۈلۈمسىرەش بىلەن ئىلتىجا قىلغن بۇ كىشى 60 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان، سىز-بىز كۆرۈشكە ئىنتىلىۋاتقان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆپ كۆرگەن، ھۆكۈمەتنىڭ تالاي قېتىملىق تەربىيىلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرگەن، تەپەككۇر كۆزىڭىز بىلەن قارىسىڭىز مەڭزىدىن نۇر ئەمەس نەچچە يىلدىن بېرى ئىچكەن شورپىلىرىنىڭ يېغى تېمىپ تۇرغان ساۋاتسىز مويسىپىت.
ئاپتوبۇستا بىرى ئۇچرايدۇ: «ئۇكام، خاپا بولماي ماۋۇ تېلېفوننىڭ سائىتى بىلەن چېسلاسىنى بىر توغرىلىۋېتىڭە، نەچچە مىڭ كويغا ئالغان بىلەن بىز شۇ ‹ۋەي!› دەپ سۆزلەشسەكلا بولدى، قالغان يېرىنى بىلمەيدىكەنمىز، ئىشلەتمەيلى دېسەك زاماننىڭ كەينىدە قالغۇدەكمىز، دوست-دۈشمەننىڭ ئالدىدا چوڭ سۈپەت ئىشلىتىپ قويدۇق ئەمدى» ، قارىسىڭىز خىجىل بولماي سىزگە iPhone ياكى Samsung Galaxy دەك ئەقلىي ئىقتىدارلىق كاتتا تېلېفوننى تەڭلىگەن كىشى خۇددى خەلقئارالىق ئۇچرىشىشقا بارىدىغاندەك كاتتا كىيىنگەن، خامنى پىششىق قىلىپ، يوق ھېسابىدىكى باھا پەرقىگە تايىنىپ ئاز-تولا پايدا ئالىدىغان، نەچچە ئادەمگە قويۇلۇپ، ئىنساپ قىلمىسا نەچچە ئادەمنى قويۇشقا تەييار تۇرغان يەرلىك تىجارەتچى.
مەلۇم بىر ئاشخانىدا يېنىڭىزدىكى ئۈستەلدىن ياكى ئايرىمخانىنىڭ توسۇقىدىن سىزنىڭ ئاڭلىغۇڭىز يوق ئاۋاز قۇلىقىڭىزغا كىرىدۇ: «ئاداش، ئادەم جاھانغا نەچچە قېتىم تۆرىلىدۇ؟ نېمە قىلىسىلەر شۇ ئەرنىڭ، بالىنىڭ غېمى دەپ؟! قاراڭلار، مەن x قېتىم ئەرگە تەگدىم، دېگىنىمگە كۆنسە ئۆي تۇتتۇم ، بولمىسا يولغا سېلىپ قويدۇم، مەن ئۆيگە بالا بىلەن كىرمىگەندىكىن بالىنى دادىلىرىغا سوۋغا قىلىۋەتتىم، ئۆزۈمنى ئۇپراتمىدىم، مانا ھازىر ئىككىمىزنى دېمەتلىك دېسە كىم ئىشىنىدۇ؟ ئۆلىدىغان جانغا ئۆزۈڭلارنى نىمانچە ئۇپرىتىسىلەر؟ » . قاقاھلاپ كۈلگەن سۈنئىي، ھاياسىز كۈلكىنىڭ، پەقەت گۆشتىن پۈتكەن بەدىنىنىلا يېپىپى تۇرغان قىممەت باھالىق كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەتنىڭ «گۈزەل» ئېگىسى سىز-بىزنىڭ نېمىمىزدۇ؟
«ھازىرغىچە مېنىڭ ئوغلۇم بىرەرسىدىن تاياق يېدىم دەپ ئۆيگە كىرىپ باققان بالا ئەمەس، كىچىكىدىن تارتىپ ‹بىركىمدىن تاياق يېدىم دەپ ئۆيگە كىرىپ سالما، كۈچۈڭ يەتمىسى خىش پارچىسى، تاش بىلەن ئۇر، ھېچ بولمىسا چىشلىۋال!› دەپ ئۆگىتىپ تۇرىمەن –دە ئۇنىڭغا، شۇڭا مەھەللىدە بىزنىڭ ئوغۇلنى كۆرسە دېمەتلىكلىرى ئەمەس، چوڭلىرىمۇ جىن سىيىدۇ دەڭلا! » مەيدىسىنى كېرىپ ماختىنىۋاتقىنى بىر بالىنىڭ دادىسىمۇ، «بالا» نىڭمۇ؟!
موشۇ قۇرلارنى ئوقىۋاتقان ئوقۇرمەن يەنە موشۇنداق كىشىنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدىغان ئىپتىخارلىق جۈملىلەردىن نەچچىنى ئاڭلىغاندۇر؟
ئەقىل، ئەخلاق، قانۇن كۈنسېرى ئۆزىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك رولىنى تولۇقى بىلەن جارىي قىلدۇرىۋاتقان، ئۆزىمىزنىڭ دۇنيادىكى، جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ۋە نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بارغانسېرى تونۇپ يېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىز ئاشۇنداق نومۇس قىلىشقا تېگىشلىك پەخىرلىنىش ھېسسىياتلىق جۈملىلەرنى يەنە قاچانغۇچە ئاڭلاپ يۈرەرمىز؟
بىزدە ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئەڭ كۆپ، چۈنكى بىز ئۇنى جايىغا ئىشلىتىشنى تېخىچە بىلەلمەيۋاتىمىز. بىز شۇنىڭدىن ئازراقىنى ئۆز جايىغا ئىشلىتىپ قويغان بولساق يۇقۇرىقىدەك بىمەنە ماختىنىشلار يوقالغان بولاتتى، ئۇ بولسىمۇ ۋاقىت. |