ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 404|ئىنكاس: 12
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سىزنى ساقلايمەن كۆرەش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
“
”

29

تېما

350

يازما

1407

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 677
يازما سانى:
350
تىللا:
956
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
109 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-18

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

                                                                        (ھېكايە )

  
خېلىدىن بۇيان قىزنىڭ ئارقىسىغا چۈشكەن يىگىت ، تۇيدۇرماي يانداپ ئۆتۈپ ، مەھەللە دوقمۇشىدىكى بىر تۈپ قاغا جىگدە تۈۋىگە كېلىشى ھامان ، شادىمان ۋىچىرلىشىۋاتقان قۇچقاچلار ئۇچۇپ كېتىشىتى. جىگدە تۈۋىدە قىزنى ساقلاپ تۇرغان يىگىت  قىز ئۇدۇلىغا كەلگەندە يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.

-ۋاي ئانامەي ، ساراڭمۇسىز ئادەمنى قورقۇتۇپ. بۇ يەردە نېمىش قىلىۋاتىسىز؟.

- سىزنى ساقلاۋاتىمەن.

-مەندە نېمىشڭىز بارتتى؟

-دەيدىغان گېپىم بارتتى.

-مەن باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايمەن. بولۇپمۇ مۇشۇنداق پىنھان جايدا.

-نەگە بارىسىز؟

-ئۆيگە .

-توختاڭ ، گېپىمنى  دەۋالاي...

-ئالدىمنى توسماڭ.

- گېپىمنى تىڭشىمىسىڭىز كەتكىلى قويمايمەن.

-  ئادەمنى بىزار  قىلىدىغان قېرى مۈشۈكتەك  نېمە كۆزۈمگە كىرىۋالىسىز ؟.

قىزغا قارىغانسىرى يىگىتنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرى قالايمىقانلىشىپ ، كۆزلىرىدىن غەلىتە نۇر چاقناپ ، چىرايى ئۆزگۈرىپ ، بۇرۇن تۆشۈكچىلىرى كېڭىيىپ، نەپەسلىنىشى بارغانچە جىددىلىشىپ كېتىۋاتاتتى.

- راست دەۋاتىمەن ، مەن سىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن.

-قانچە ئۇزاق بولدى؟.

-بۈگۈن 366 كۈن ،  8 سائەت .

-ۋاي بىچارە ، قانداق ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز؟.

-ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، تۇيۇقسىزلا شۇنداق بولۇپ قالدىم.

-نېمىشقا بۇرۇنراق دېمەيسىز؟.

-دىيىشتىن خىجىل بولدۇم.

-سىز غەلىتە ئىكەنسىز.

-مەندە سىزگە بولغان چەكسىز سۆيگۈ بار.

- قالايمىقان خىياللاردا بولماڭ جۇمۇ؟

-ھە...ياق ... ما...

-كېكەچلەيسىزغۇ؟

-نەدىكىنى.

-نىمىشلارنى خىيال قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىۋالدىممۇ؟

-...

- تىلىڭىز تۇتۇلۇپ قالغاندەك گەپقىلماي ئېغىر تىنىسىڭىزغۇ؟

-...

-قاچانغىچە مۇشۇنداق داڭ قېتىپتۇرىسىز گەپ قىلماي ؟

-نېمە دەيمەن.

-نېمە دېگۈڭىز كەلسە دەۋەرمەمسىز .شۇنىمۇ مەندىن سورامتىكى.

-ئاغزىمدىن چىقىرالماۋاتىمەن.

- نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىڭزنى بەكمۇ ئاڭلىغۇم بار.

-سىز .. بىلەن ... ياق ... مەن...سىزنى ...

- نېمە بولدى سىزگە ؟ تىل چاينىماي كۆڭلۈڭىزدىكىنى دەۋەرمەمسىز.

- توي ...قىلغۇم ... سىزنى....بەك...ياخشى ...

-نېمە؟.

-بار...

-ساراڭمۇ سىزدەك گېپىنىڭ باش ئاخىرىنى دېيەلمەيدىغان يىگىت بىلەن توي قىلمايدۇ.

- ئۇنداق بولسا ئەمدى مەن قانداق قىلسام بولىدۇ؟.

- قانداق قىلىشىڭىز بىلەن مېنىڭ نېمە كارىم.

-مەن بىلەن توي قىلمايدىغان ئادەم نېمىشقا مېنى كولدۇرلىتىپ يۈرۈيسىز.

- قان بېسىمىڭىز ئۆرلەپ كەتتىمۇ نېمە.

-نورمال.

-كېچىكتىڭىز.

-باشتىن باشلىساققۇ بولا.

-نېمىنى؟

-ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى.

-نېمىشقا؟.

-چۈنكى مەن سىزنى بەك ، بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن.

-مەن  سىزنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەيمەن.

- ھېچقىسى يوق ، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى  ياخشى كۆرۈپ قالىسىز. ھازىرچە قولۇم قىسقا ، كېيىنچە نەگە سوزسام يېتىدىغان بولۇپ كېتىدۇ ، خۇدايىم بۇيرىسا.

-ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بىلەن بىرگە ياشاشنىڭ نەقەدەر ئازابلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز . كۆڭۈل خالىمىغان ئادەم بىلەن بىللە ئۆتۈشنىڭ قىلچىلىكمۇ ئەھمىيىتى يوق.

-چوقۇم سىزگە بەخت ھەم لەززەت ھېس قىلدۇرىمەن.

-توۋا دەڭ.

-چوقۇم دېگىنىمنى قىلىمەن.

-لەۋزىڭىزدە تۇرالمىسىڭىزچۇ؟

-مەندىن باراۋەرلىك ھەم ئەركىنلىك تالاشمىسىڭىزلا.

-مەن سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن.

-مەن سىزنى چىن دىلىمدىن كۆرىمەن.سىز سۆيۈشكە ئەرزىيسىز.

-تولا كۆڭلۈمنى ئېلىشتۇرمىڭە ئۆچلۈكىمنى ئاشۇرۇپ.

-چىرايىڭىزدىنلا  بارلىق ئىشلاردا ئېرىڭىزنى خۇش قىلىشنى مەسئۇلىيىتىم ھەم مەجبۇرىيىتىم دەپ چۈشىنىدىغانلىقىڭىز چىقىپلا تۇرىدۇ.

- قالتىسكەنسىز ، بىلىۋالدىڭىز.لېكىن ئۇ سىز ئەمەس.

-ئۆزئارا ئىشىنىش ، چۈشىنىش ۋە قەدىرلىشىش مېنى سىزگە ئېرىشتۈرىدۇ.

-ئۇخلاپ چۈشىڭىز.

-ئالدىراقسانلىق قىلماڭ.

-تاشنى تاياققا قانداقمۇ تاڭغىلى بولسۇن.

-سەۋەپ قىلساڭ سىۋەتتە سۇ توختايدۇ دەپ بىكار ئېيتمىغان كونىلار.

-ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟.

-ئىككىمىز تۈنجى قېتىم كۆرۈشكەندە سىزگە نېمە دېگەنتىم؟.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم!

- خوشلاشقانداچۇ؟

-خۇداغا تاپشۇردۇم.

- ئارقىڭىزدىن توۋلاپ تۇرۇپ نېمەدېگەن.

-ئالدىرىمىساڭ غورىدىن ھالۋا پىشىدۇ.

-ھەببەللى!

-نېمىگە بۇنچىۋالا خۇش بولۇپ كېتىسىز؟.

-سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز، باياتىندىن بېرى مېنى سىناپسىز.

-ھوي! ئۆتەپ بېرىڭە نېرى.

-سىزگە مەڭگۈ كۆيىنىمەن ، ھالىڭىزغا يېتىمەن...

-سىز ماڭا بىر ئۆمۈر ياخشى ئىشقىلىپ بېرەلەمسىز؟.

-سىزنىڭ ماڭا بولغان سەمىمىيىتىڭىزگە قارايمەن.

                                                                  


-سىزگە پاك قەلبىم بىلەن كۆيىنىمەن.

-سىزگە ھەقىقى بەخت ئاتا قىلىمەن.

يىگىت بىلەن قىز بىر-بىرىگە قاراشقىنىچە ئۇزاققىچە تۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ دېيىشىدىغان گەپلىرى تۈگىگەندەك قىلاتتى . ئەمما كۆزلىرى ئۈنسىز سۆزلىشەتتى. چىرايلىرىدا بىرخىل جىددىلىك ، تەشنالىق... ئاخىرى  چوغدەك تىنىقلار بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كەتتى...

ئۇلاربىر-بىرىگە كۆزى قىيمىغان ھالدا ئايرىلىشتى. قىز ئارقىسىغا قاراپ-قارا قويۇپ قەدەملىرىنى يۆتكەيتى. يىگىتنىڭ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كۆزلىرىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى.

-ئەتەسىزنى ئاشۇ يەردە ساقلايمەن !- قىزنىڭ قوڭغىراقتەك ئاۋازى يىگىتنىڭ يۈرىكىگە ئېقىپ كىردى. يىگىت كۆزى قىيمىغان ھالدا قاغا جىگدە تۈۋىدىن ئايرىلدى. بىر جۇپ قۇچقاچ كېلىپ جىگدىنىڭ شاخلىرىغا قونۇپ ، بىر-بىرىگە قاراپ تاتلىق قىلىق ۋىچىرلاشقا باشلىدى.
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
مۇشۇ ۋاقتىڭلا خەيىرلىق بۇلسۇن جامائەتلە
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

“
”

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-4-3 19:03:35 | ئايرىم كۆرۈش
مۇھەببەت  -  ئۇ مەڭگۈ ئۆلمەس تىما  .
ئادەم بۇ دۇنيادا  مۇھەببەت بىلەن مەنىلىك ياشايدۇ   .
ئەسىرىڭىزنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم ، تەشەككۈر !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
“
”

20

تېما

658

يازما

3849

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 289
يازما سانى:
658
تىللا:
2746
تۆھپە:
155
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
376 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-6

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسى

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-4-4 12:39:01 | ئايرىم كۆرۈش
تەشەككۈر ئاكا ياخشى تىما يوللاپسىز مۇشۇنداق ياخشى تىتىملىق تىمىلارنى ئۈزمەي يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن ،،،
“
”

9

تېما

133

يازما

682

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 641
يازما سانى:
133
تىللا:
457
تۆھپە:
50
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
42 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-4-4 18:30:28 | ئايرىم كۆرۈش
مۇھەببەت ئۇ راستلا ئۆلمەس تىما، ئۇ دىللارنى بىر بىرىگە باغلايدىغان زەنجىر.
تىمىڭىزنى مىسرانىمدىمۇ كۆرگەندەك قىلغانتىم. بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن.
پۈتۈن دۇنيا پاتقان كۆزگە بىر تامچە ياش پاتمايدىكەن.....
“
”

1

تېما

97

يازما

321

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1008
يازما سانى:
97
تىللا:
224
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
71 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-21
5#
ۋاقتى: 2016-4-4 22:14:55 | ئايرىم كۆرۈش
ھېكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ....  بۇندىن كىينكى ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
مەن كىم؟
“
”

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

6#
ۋاقتى: 2016-4-6 10:53:39 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-6 11:01  

ھازىرقى مۇھەببەت ئاشۇنداق تېزلا كىلىپ تېزلا ئاخىرلىشامدۇ قانداق ، ئەسەردىكىلەر بەخىتلىك بولسۇن !
“
”

59

تېما

569

يازما

1647

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 725
يازما سانى:
569
تىللا:
988
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
163 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

7#
ۋاقتى: 2016-4-6 18:11:40 | ئايرىم كۆرۈش
دئالۇگ مېنى قىزىقتۇردى.
كەتسەم ئەگەر يىراق جايلارغا.ئۇنۇتماڭلار ئەسەرلىرىمنى
“
”

0

تېما

48

يازما

163

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 927
يازما سانى:
48
تىللا:
115
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
11 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-23

جانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2016-4-6 21:39:21 | ئايرىم كۆرۈش
  ھەممە مۇھەببەت مۇشۇنداق بولۇپ كەتسە  ھە...   
ھەممە ئۆز ئەسلىگە تەبئىيلىكىگە قايىتقانغا ئوخشاش  ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ  تۇپراققا قايتقىچىدۇر———شەجەرىم.
“
”

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2016-4-6 22:59:34 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقى مۇھەببەت ئەلۋەتتە بار. پەقەت شۇ ھەقىقى ئىنسانلار ئازلاپ كەتتى.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
“
”

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2016-4-13 00:11:09 | ئايرىم كۆرۈش
بەكلا   ياخشى  يېزىپسىز  ، ئىجادىيەتلەر  ئۇتۇقلۇق  بولغۇسى  .
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:16 , Processed in 0.144985 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش