يارىم كېلەدۇر ، كېلىپ كېتەدۇر
ئايچىن

بۈگۈن كەچ يار كېلەر يارىم كېلەرمىش ،
لېۋىمدىن بىر غۇنچە ئۈزۈپ كېتەرمىش ،
داق يەردە ئاھ ئۇرۇپ ياتسام مىڭ ئۆلۈپ ،
مەن بىقۇۋۇلنى يەنە چوغقا كۆمەرمىش ،
مەشرەپنىڭ چۆلىگە قېچىپ كېتەيمۇ ؟
جەمشىتنىڭ تاۋكاسىغا جاننى تىكەيمۇ ؟
ئۆزەمنى ئۆز ئۆزەم چۆرگىلەپ ھاردىم
ئول يارىم ئالۋۇنمۇ ، كەمەك ھەييارمۇ ؟!
قوينۇمدا پىشۇردۇم بىر تال زاغرىنى ،
يارىم چالار ئىمىش ئايدا ناغرىنى ،
قوۋرۇغامنى بىلەپ قىلىچ ياسىسام
يارىم ئالپامىش كەبى ئاچار باغرىنى !
ئوڭغا بىر باقتىم ئاھ سولغا مىڭ باقتىم ،
يىلاندەك تولغۇنۇپ نازلىنىپ ياتتىم ،
كەلسە كېلۇر يا كەلسە ھەم كېتۇر -
ئىشىكنىڭ ئىلغۇچىغا چېچىمنى ئاستىم !
2016-يىل 15-ئىيول ، كورلا
ئىشقىمدا يىقىلىپ چۈشۈپتۇ جاھان
ئايچىن
بىر بۇردا نېنىمنى گاداغا بەردىم ،
بىر تامچە قېنىمنى ھازاغا بەردىم ،
بىر دانە جېنىمنى جازاغا بەردىم ،
روھىمنى جاھانغا ھاشارغا بەردىم !
شاماللار ھەسرەتتە سارغىيىپ ئۆلدى ،
دېڭىزلار ئوت كېتىپ ھەسەتتە ئۆلدى ،
ئاسمان يىرتىلىپ يەتمىش تىتىلىپ
ھىلال ئاي قان قۇسۇپ غەزەپتە ئۆلدى !
چېچىمنى تارغاقتىن كۈنلەپتۇ گۈللەر ،
لېۋىمگە لەۋ سوزۇپ يىغلار بۇلۇتلار ،
يۇلتۇزلار ئۆزىنى ئېتىپتۇ يەرگە
زۇۋانغا كەپتۇمىش جىمىكى قۇشلار !
ۋادەرىخ ، بىر ئايال ، بىر سېھرىگەرمەن ،
قۇملۇقتا قۇيۇن تاز پىر جادۇگەرمەن ،
گاھىدا مەلىكە خانىش سۇلتانمەن
رەببىم نە ئەيلىسە پەرمەنبەردارمەن !
2016-يىل 6-ئىيول ، شەھىرى كورلا
مەنبە:بەرگى سالونى |