ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 200|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

غەزەللەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

59

تېما

569

يازما

1647

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 725
يازما سانى:
569
تىللا:
988
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
163 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-1 18:04  

شەيتان كۆز

ئابلىكىم مۇھەممەت ئۇپقۇن

كۆزۈڭ شەيتانمۇ يا سەن ھەي، مېنى شۇنداق خازان قىلدى.
كۆزۈڭدە بارمۇ مىڭ خىسلەت، بۇ ھالىمنى يامان قىلدى.

سېنىڭ ئىشقىڭدا بىر ئۆمۈر، قېقىپ دەرۋازا ھارمىدىم،
ئىچىمدە دەردىم مىڭ پاتمان، چىرايىمنى سامان قىلدى.

ئىشىق بالاغا مەن چۈشتۈم، كۆزۈڭ ئوينايدۇ پىنھاندا،
نىچۈن سۆيگۈ بازارىدا، مېنى شۇنداق خامان قىلدى.

بولۇپ شەيتانغا مەن تۇتقۇن، قىلىپ كۆزۈڭنى بايراقدار،
ۋاپا چۆلىدە ئۆرتەندىم، ھاياتىمنى سەرسان قىلدى.

ئىشىق لەشكەرلىرى تۇرار، يۈرەكىمگە قورال تەڭلەپ،
ۋاپا ئەھلگە پۈتۈپ جازا، ئېسىپ دارغا پەرمان قىلدى.

كۆزۈڭنىڭ تەھتىگە چۆكتۈم، چۈشۈم بىرلەرگە يانداش بوپ،
ئۇيقىدىن بىقارار يېگىت، كېچە سېنى ئارمان قىلدى.

تومۇرۇمدا ئاقار قانلار، يۈرەككە قايتىدىن بىر رەت،
يالاپ ئۇپقۇن ئارا قىرغاق، كى ‹‹قۇرغان››نى ۋەيران قىلدى.


2016-يىلى1-ئاينىڭ7-كۈنى گۇما

كېچە لىرىكىسى


كېتەر ئۇيقۇغا كائىنات، ياتار ھەممە يېرىم جاندا.
يۇلتۇزلارغا ناۋا بولدى، ئايمۇ ئۇخلايدۇ پىنھاندا.

ھۇقۇشلار ھوۋلىسا ئەنسىز، كېلەر باغلاردىن تەشۋىشلىك،
خاماندا تۈنىگەن يېگىت، ناخشا توۋلايدۇ ئارماندا.

يوپۇرماقلار شىلدىرلايدۇ، سابالار سۆيسە مەڭزىگە،
بوۋايلار تارتىدۇ خوررەك، نەۋىرلەر ياتار بىر ياندا.

يېقىپ دىللارغا گۈلخاننى، كۆيۈپ ئۇنىڭدا كاۋاپ بوپ،
بىدار يىگىتلەر ئۇيقىدىن، يانار يۇلتۇزدەك ئاسماندا.

چۆكۈپ ئىشىق دەرياسىغا، بىلىق كەبى ئۈزۈپ ھەرچاغ،
ئۇزۇن كېچە يۇمۇلماي كۆز، خىيال توختايدۇ جاناندا.


2016-يىلى 1-ئاينىڭ11-كۈنى گۇما

بۇلاقتىكى قىز


سۈزۈك تاڭنىڭ زىياسىدەك، كۆزۈپ ئەكسىڭنى ئويلاندىم.
قوقاستا گۈللىتىپ جاننى، ئىشىق ئوتۇڭدا تولغاندىم.

سېنىڭ ۋەسلىڭنى يار ئەيلەپ، ئۆزۈمنى شۇنچە خار ئەيلەپ،
گۇگۇمدا سايرىسا پاختەك، جىنىم ھەلقۇمدا مۇڭلاندىم.

چۈشۈپ ئەكسىڭ بۇلاقلارغا، چېچىڭ بوستانغا تەققاس بوپ،
ئىشىق خۇمدانىغا سەكرەپ، ھارارەتلەردە تاۋلاندىم.

كىرپىك ئوقياسىنى بەتلەپ، يۈرەكىمنى ئاتار بۇلدۇڭ،
مېنىپ دۇلدۇلغا مەزگىلسىز، ماماتلىق جەڭگە ئاتلاندىم.

سۆزلەپ بۇلاققا رىۋايەت، تاراپ چېچىڭنى ئەنبەردە،
ئۇرۇپ ئۆزۈمنى مەن ساڭا، مەجنۇن ساباغا ئايلاندىم.

شۇڭغۇپ بۇلاقنىڭ تەھتىگە، سۈزۈپ كۆزۈڭدىن مىڭ گۆھەر،
ئىچىپ ئازاپ شارابىنى، چۈشۈمدىن نەچچە ئويغاندىم.

ئىشىق ئوتۇڭدا جان مەجرۇھ، سېنىڭ بىلەن خاراپ ھالىم،
سۆيگۈدىن چايقىلار ئۇپقۇن، سۆيۈپ قىرغاق ئارا ياندىم.


2016-يىلى 1-ئاينىڭ13-كۈنى گۇما

يار  يولۇڭغا كارۋانمەن


ئىچىپ دىلبەر لىۋىڭدىن مەي، ھاياتىمنى خاراپ ئەتتىم.
سېنى تۇتيا بىلىپ مەڭگۈ، مۇھەببەتتە تاۋاپ ئەتتىم.

كۆيۈك سەۋداسىدا كۆڭلۈم، ئۆتەر شۇنداق قىسىپ بويۇن،
بولۇپ كارۋان يولۇڭدا مەن، ئۆزۇمگە كۆپ ئازاپ ئەتتىم.

بېسىپ تۆگىگە جىق ئەشئار، باغاشلاپ دەشتى قۇملارنى،
ئۇلاپ ئىزىمنى ئەۋلاتقا، ئىچىشىمگە شاراپ ئەتتىم.

سېنى ئارزۇ قىلىپ ھەرچاغ، كېچەلمەستىن ۋىسالىڭدىن،
پىراق دەرياسىدا ئېقىپ، يۇرەكىمنى كاۋاپ ئەتتىم.

2016-يىلى1-ئاينىڭ24-كۈنى گۇما


ئىشىق خۇمدانغا مەن تۇترۇق


مېنىڭ قەبرەمگە گۈل چاچما، تۈمەن يانتاق چېچەك ئاچسۇن،
ھالاۋەتتىن گۈل ئۈزەرلەر، ئۈزەلمەستىن يىراق قاچسۇن.

ئازاپ بوينۇمدىن باغلىدى، يۈرەكنى قات -قات داغلىدى،
قارا يەردە قارا قەبرەم، ئۆزى يەكتا پۇراق چاچسۇن.

ئىشىق خۇمدىنغا مەن تۇترۇق، لېۋەن يارغا ئامالىم يوق،
قېنىمدىن چاچرىغان تۇلپار، يۈرەكىمگە ئۇدۇل چاپسۇن.

قۇياش بىرلەر ماڭار شۇنداق، تامان مەغرۇپكە ئەي يار دەپ،
بۇلاقتا كۆكلىگەن يالپۇز، كى ئىشقىڭنى ماڭا چاتسۇن.

قېقىپ ناخشامدا دەرۋازا، ئۆتۈپ كەتتىم تالاي كىچە،
ئىشىق جىڭىدە مەن ئۆلسەم، روھىم ھەيكەل بولۇپ قاتسۇن.

2016-يىلى 2-ئاينىڭ14-كۈنى گۇما


بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
كەتسەم ئەگەر يىراق جايلارغا.ئۇنۇتماڭلار ئەسەرلىرىمنى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-3-1 17:20:46 | ئايرىم كۆرۈش
مول - ھوسۇللۇق شائىرىمىز  يىقىندا  مۇنبەرنى شىئىرلىڭىز بىلەن بەكلا ئاۋات قىلىۋەتتىڭىز جۇمۇ .
غەزەللىرىڭىز  ياخشى چىقىپتۇ  ، ھەممىسىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم .
ئىجادىيىتىڭىزگە  ئۇتۇقلار يار بولغاي !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-3-1 18:08:06 | ئايرىم كۆرۈش
يېقىشلىق غەزەللەردىن شۇنداق ھوزۇرلاندىم . ھەي مۇشۇ ئازاپنى نېمە دېگۈلۈك ، كىچىككىنە كىشىلەرنىمۇ بېسىرامجان قىلىپ يۈرگەن .

يىپەكتەك ھېسلارنى ئوراپ تۈگەتتىم ،
تۈگەتتىم يۈرەكنى شامدەك ياندۇرۇپ .
پىراقتىن جېنىمنى شوراپ تۈگەتتىم ،
سۆيگۈدە بىر ئۆمۈر ۋاپا قالدۇرۇپ .

59

تېما

569

يازما

1647

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 725
يازما سانى:
569
تىللا:
988
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
163 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-2 18:17:58 | ئايرىم كۆرۈش
ھەممىڭلارغا رەھمەت.
كەتسەم ئەگەر يىراق جايلارغا.ئۇنۇتماڭلار ئەسەرلىرىمنى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:50 , Processed in 0.126442 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش