ئەڭ بۇرۇنقى ئەسلىمەمگە قايتسام، مومامنىڭ مېنى يۈدۈۋالغىنىچە بەزلەۋاتقىنى ۋە مېنىڭ ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا يىغلاۋاتقان يامغۇرلۇق بىر كۈن ئېسىمگە كېلىدۇ. شۇندىن كېيىن سانسىز قېتىم ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا تۇيۇقسىز كەيپىياتىمنىڭ ناچارلىشىپ قېلىشى ياكى خۇشال بولۇپ قېلىشىدەك ھېسسىياتلارغا دۇچار بولۇپ كەلدىم. مەن ئىچىمدىكى بۇ نامەلۇم نەرسىنىڭ مېنى ئۇزۇندىن بېرى قىيناپ كېلىۋاتقىنىنى ھەم ئۇنى ئىپادىلەش ئۈچۈن چوقۇم بىر يولنىڭ بارلىقىغا چىنپۈتۈپ كەلدىم. ۋە شۇنى ھېس قىلدىمكى مەنچە بۇ يول چوقۇم شېئىر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ ياكى مەغلۇب بولىدۇ.
-بەختىيار ئابلەت
ھېچكىمنى بۇ يەرگە باشلاپ كىرەلمەيمەن
ھېچكىمنى بۇ يەرگە باشلاپ كىرەلمەيمەن
تۆۋەندىن يۇقىرىغا سوزۇلغان تامنىڭ يېرىقى
قىسىپ قالالمايدۇ
سېغىنىشتىن قالغان ئەبجەق روھىمنى.
كوچىدىكى ئاسفالىت يوللاردا چاپلىشىپ كەتكەن
دەرىزە سىرتىغا تىكىلگەن كۆزلىرىمدىكى ئۈزۈلگەن ئۈمىد
ئېسەدەۋاتقان شارقىراتمىلاردىن ئۆتتۈم
قاراڭغۇ كۆزلىرىڭدە ئېزىقىۋاتقان
يىراق سۆيۈشۈشلەردە يېرىلىۋاتقان
ئېتىزىڭدىكى ئېرىقلاردا كېرىلىۋاتقان
ئەلمىساقتىن قالغان چاڭقاق كەيپنى يۇتتۇم.
ھېچكىمنى بۇ يەرگە باشلاپ كىرەلمەيمەن
ئىككى دەرەخ ئارىسىدا ئۇخلاپ ياتقان ھامىلىمەن...
ئىشىقنىڭ رەڭگىمەن تۇتۇپ باقمىغان بارماقلىرىڭ
ھەۋۋانىڭ كۆز ياشلىرىنى ئەسلەتكەچ
خېنىگە چىلىناتتى
چىلىناتتى ئۇنىڭغا يەنە
يۈرىكىممۇ ھەم
كەل،
خېنەڭنى تېڭىپ قوياي
تېڭىپ قويغاندەك
قۇياش يۆلەنگەن دەرىزىلەرنى
كۆزۈڭدىكى سۈرمىلەردە
چېچىڭدىكى كېچىلەردە
باشلىناتتى
ئىشىقنىڭ رەڭگى
ئېرىشەلمەسلىك گۈللىرى ئېچىلاتتى ئۇنىڭدا
شۇ گۈللەر ئۈچۈن
سارغايتقۇچى كۈز بىلەن كەلدىم
ئاھ مەن كەلدىم
قەغىزىڭنى تەييارلا جېنىم
ئىقرارنامە يېزىشنى باشلايلى..
تۇغۇلغان كۈنۈڭنىڭ ئىسمىنى بىلمەيمەن
<<ئايرىلىش>> دېگەن سۆزنىڭ
ئىسىملىرىمىز ئارىسىغا ئولتۇراقلاشقانلىقىنى بىلىمەن
مەن ئوقۇيدىغان يېرى قالمىغان
كۆزۈڭدىكى ھېكايىلەرنىڭ...
ئىككى قېتىملىق ئون يىلنى قۇرۇقداش ۋەزىپەڭ تۈگىدى
يەنىلا ئۆزۈڭ يالغۇز ئۈچىنچى قېتىملىقىغا ئاتلاندىڭ
نېمە دەيسەن دەمسەن؟
بىر يىل بۇرۇنقى <<بىر ئاي بەش كۈن>> ئېسىمدە دەپ گەپ باشلايمەن
پىشانىمىزغا پۈتۈلگەن
ئونبىر دېگەن ساندىن باشلانغان ئەسلىمىلەردىن
تاكى ئىككىمىز كەچ سائەت ئونبىرگىچە ئولتۇرغان
ئۈجمە دەرىخى يېنىدىكى ئورۇندۇقلارغا قەدەر..
تۇغۇلغان كۈنۈڭنىڭ ئىسمىنى بىلمەيمەن
سېنى ئامالسىزلىقىم بىلەن قۇتلۇقلايمەن.
بىر قىزغا ئاتاپ..
كېچىلەرنى قايتۇرۇپ كېلەتتى
كوچا چىراغلىرى ئاستىدىكى سايىسى بىلەن
سول كۆزىنى يېپىۋالغان چاچلىرىنى
كەينىگە سىلكىيتتى
ئەسلىدىكى بىئاراملىقىدا،
ساپما كەشىدە ھەرىكەتلىنىۋاتقان ھاياتى بىلەن
ناتونۇش يوللارغا سالاتتى ئىز
شۇ تاپتىكى ھالىنى
چۈشىنىشنىمۇ خالىمايدىغان بىر قىز
قايتىش
ئۇ ياپراقلار تۆكۈلىۋەرسۇن
يامغۇرغا قارمۇ ئارلاشسۇن
مەن كۆرگەن شەھەرنىڭ رەڭگى
نامازشام گۈللىرىنىڭ پۇرىقىغا تولسۇن
كېتىمەن
مەن كېيىمەن،
سەن يەنىلا بۇ شەھەردىسەن
ئىككىمىز تۈنلەردە ئارزۇلىغان سۆيۈشۈش
ئۆلىۋىلىشقا ئامالسىز يۈزلەنگەن ھەم.
بىز قۇپقۇرۇق قالغان
ھۆل بولغان ئەسلىمىمىزگە قايتىپ
تالانىڭ رەڭگى
دەرىزەمنىڭ سىرتىدا نەمخۇش،
سىرغىپ تۇرار ئاينىڭ شولىسى.
تىمتاسقىنە يازار ھېكايە،
ئۈنى ئۆچكەن يارنىڭ ھويلىسى.
دېكابىرنىڭ جىمجىتلىقىنى،
سۆيۈپ ئۆتكەن قارنىڭ لېۋىدەك.
ئېچىرقايدۇ سۈترەڭ كېچىلەر،
خىلۋەتتىكى خىياللىرىمدەك.
بەختىيار ئابلەھەت
|