ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 279|ئىنكاس: 22
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ۋەھىملىك ئەسەر : ئالۋاستى تۇمار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

19

يازما

175

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1057
يازما سانى:
19
تىللا:
96
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
25 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2016-12-2 13:27:55 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش |چوڭ رەسىمنىلا ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
                        
ئالۋاستى تۇمار
(ۋەھىمىلىك ھېكايە)
1-قىسىم
  ئاپتۇرى: مۇساجان مۇھەممەد (سەردار)


ئەسكەرتىش: بۇ ھېكايە پۈتۈنلەي توقۇلما بولۇپ، ئاپتۇرنىڭ قىزقىشى ئاساسىدا يېزىلغان، تۈرى بىر قەدەر قورقۇنۇچلۇق، يۈرىكى ئاجىزلارنىڭ، ياشانغانلارنىڭ، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئوقۇماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز،

ئەسكەرتىش: بۇ ھېكايە پۈتۈنلەي توقۇلما بولۇپ، ئاپتۇرنىڭ قىزقىشى ئاساسىدا يېزىلغان، تۈرى بىر قەدەر قورقۇنۇچلۇق، يۈرىكى ئاجىزلارنىڭ، ياشانغانلارنىڭ، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئوقۇماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز،


زۇلمەتلىك، ۋەھىمىلىك بىر كېچە، مەۋلان ئورمانلىقنىڭ ئىچىدە ناھايتى بەتبەشىرە بىر ئالۋاستىدىن قورقۇپ كۈچىنىڭ بارىچە يۈگۈرمەكتە ئىدى، ئۇ شۇنداق تېز يۈگۈردىكى، ئالدىغا كەلگەن دەل-دەرەخلەرنى ئۈسسۈپ يىقىلىپ، يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ، چاتقاللىقلارغا پۇتلۇشۇپ، يىقىلىپ-قوپۇپ دېگۈدەك جىننىڭ بارىچە يۈگۈرۈۋاتاتتى، ئۈستىۋاشلىرى ۋە پۇت-قوللىرى بولسا قىپقىزىل قانلار بىلەن بويالغان بولۇپ، ھەرقانچە يۈگەرسىمۇ قوغلاپ كېلىۋاتقان ئالۋاستىدىن يىراقلىشالمايتى، بىراق جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن  ئۇنىڭغا قاچماقتىن باشقا ئامال يوق ئىدى، ئۇ يۈگۈرەۋەرگەنلىكتىن ھاردى بولغاي مەيدىسىنى تۇتۇپ خارىلداپ ھاسىرىغىنىچە بارا-بارا ئاستىلاپ توختاپ قالدى-دە جايىغا «گۈپپىدە» يىقىلىپلا كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشقىنىچە ھۇشىدىن كەتتى، ئۇ ھوشىغا كېلىپ كۆزنى ئاچقاندا بولسا ئۆزىنىڭ بىر تۈپ دەرەخكە ئىككى قولىدىن ئېسىقلىق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى سەزدى، ئۇ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەكچى بولغاندەك ئەتراپقا قورقۇنچ نەزىرى بىلەن قارايتتى. سۈتتەك ئاپئاق، تەخسىدەك يۇپيۇمىلاق يېڭىدىن چىققان تولۇن ئاينىڭ نۇرى ئەتراپنى غۇۋا ئىلغا قىلغۇدەك يۇرتۇپ ئەتراپنى ناھايىتى سۈرلۈك تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى، مەۋلان ئەتراپتىكى مەنزىرىلارنى كۆرۈپ قاتتىق قورقۇپ كەتتى، ئەتراپ پۈتۈنلەي ئادەم ئىسكىلىتلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ باشلىرى يوق، باشسىز ھالەتتە ئىككى قولى بىلەن دەرەخقە ئېسقلىق، بەزىلىرىنىڭ بولسا بەدەن قۇرۇلۇشى بۇزۇۋېتىلگەن ھالەتتە يەردە ياتقان، يەنە بەزىلىرىنىڭ بولسا باش سۆڭەكلىرى ئىزىۋېتىلگەن ھالەتتە، ۋە يەنە بەزىلىرىنىڭ  پۇت-قوللىرى ئۈزۈلگەن بولۇپ ئەتراپىدا چېچىلىپ ياتقان ھالەتتە تۇراتتى، مەۋلان بۇ مەنزىرىلارنى قايتا كۆرۈشكە بەرداشلىق بېرەلمەي كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇۋالدى، ئۇ خۇددى كۆزىنى ئاچسا ئىسكىلىتلارغا جان كىرىپ ئۆزىنى تىتىپ، پارە-پارە قىلىۋېتىدىغاندەك ھېس قىلىپ كۆزىنى ئاچماسلىققا تىرىشاتتى، ئۇ كۆزنى يۇمۇپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن ناھايىتى سەت، ناھايىتى سوغۇق، ئاچچىق بىر كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلاپلا كۆزىنى ئاچتى، كۆز ئالدىدا كۆپكۆك ھەم مەينەت چاچلىرى مۈرىسىگە كېلىدىغان، بۇرنى كەپتەرنىڭ بۇرنىغا ئوخشاش ناھايىتى كىچىك،  كۆزىدە قىپقىزىل قانلار تامچىپ تۇرغان، بىراق قارچۇق دەيدىغان نەرسىدىن ئەسەر يوق، چىرايى بولسا ئاپئاق، يۈزلىرىدىن سۆڭەكلەر تېشىپ چىقىپ چىرايىنى پۈتۈنلەي بۇزۇۋەتكەن، كالپۇكلىرى يىرتىلىپ ساڭگىلاپ قالغان بولۇپ، قارىداپ كەتكەن چىشلىرى كالپۇكنىڭ ئارىلىرىدىن كۆرۈنۈپ قالغان بىر ئالۋاستى، قولىدا قىپقىزىل قان تېمچىپ تۇرغان بىر قىلىچنى تۇتقىنىچە سوغۇق كۈلۈپ مەۋلاننىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى.
-م...م...مېنى قويۇۋەت، مېنى قويۇۋەت، مەن ساڭا نېمە يامانلىق قىلدىم:-مەۋلاننىڭ ئاغزى شۇ تاپتا گەپكىمۇ كەلمەيۋاتاتتى، ئۇ ئالۋاستى بولسا مەۋلاننىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا قارىماستىن قولىدىكى قىلىچنى ئېگىز كۆتۈردى-دە خىرقىراق ئاۋازدا:
-سەن تۈگەشتىڭ، ئەمدى ئۆلىدىغان ۋاقتىڭمۇ بولدى، سەن ئىنتايىن قىينىلىپ ئۆلىسەن:-دېگىنىچە قولىدىكى قىلىچنى مەۋلاننىڭ قورسىقىغا قارىتىپ بىرنى شىلىتىۋېدى، مەۋلاننىڭ پۈتكۈل ئىچكى ئەزالىرى ساڭگىلاپ قالدى، مەۋلان ئاغرىق ئازابىدىن قاتتىق تىپىرلايتى، قاتتىق ئىڭراپ جان تالىشىۋاتاتتى، ئۇ ئالۋاستى مەۋلاننىڭ قورسىقىغا قولىنى تىقتى-دە يۈرىگىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ئاغىزىغا سېلىپ بىر چايناپلا يۈتىۋەتتى، ئاندىن قولىدىكى قىلىچنى ئېگىز كۆتۈرگىنىچە مەۋلاننىڭ بوينىنى نىشانلاپ بىرنى شىلتىدى.
- ياق.....ياااااااااااق......
مەۋلان شۇنداق دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەتتى. -بالام نېمە بولدۇڭ، قارا بېسىپ قالغان ئوخشىمامدۇ، قارىسام قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كېتىپسەن. كېچىدىن بېرى ۋايجانلاپ جۆيلۈپ چىقىڭ، ئويغاتسام ئويغانمىدىڭ، شۇڭا بىرەر ئىش بولۇپ قالمىغىيدى دەپ بېشىڭدا قاراپ تۇرغان ئىدىم:-مەۋلاننىڭ ئاپىسى شۇنداق دېگىنىچە تېخى تۈنۈگۈن شەھەردىكى ئوقۇشنى تاماملاپ كەلگەن ئوغلى مەۋلاننىڭ بېشىدا قاراپ تۇراتتى، مەۋلان تەرلىرىنى سۈرتكەچ چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ: -ھېچ...ھېچ ئىش يوق ئاپا، بەك ئەنسىرەپ كەتمە، شۇ ئەنسىرىگۈدەك ئىشمۇ يوق، كېچىدىن بېرى سەل يامان چۈش كۆرۈپ قاپتىمەن، بەلكىم تۈنۈگۈن قايتىپ كەلگۈچە سەل چارچاپ قالغان بولسام كېرەك، ئەمدى خېلى ياخشى بولۇپ قالدىم، سەنمۇ كىرىپ ئارامىڭنى ئالغىن، ھېلىمۇ ماڭا قارايمەن دەپ كۆپ جاپا تارتىپسەن:-دېگىنىچە ئاپىسىنى خاتىرجەم قىلدى،  ئاپىسىمۇ بۇش ئاۋازدا بىرمۇنچە نەرسىلەرنى ئوقۇپ مەۋلانغا سۈفلىۋەتكەندىن كېيىن، چىراغنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، ئۆزى ياتىدىغان ئۆيگە چىقىپ كەتتى، مەۋلان بولسا ئۇيقۇچان كۆزلىرىنى بىر ئۇۋۇلىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قانداق ۋاقىتلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمەي ئۇخلاپ قالدى، بىر چاغدا مەۋلان ھاجىتىنىڭ بەكلا قىستاپ كەتكەنلىكىنى سېزىپ ئويغۇنۇپ كەتتى، ئۇنىڭ پۇت-قوللىرى بەكلا بوشىشىپ، ماغدۇرسىزلىنىپ  كەتكەن بولۇپ، ئورنىدىن تۇرۇشقىمۇ خوش ياقمايۋاتاتتى، لىكىن ھاجىتىنڭ قىستىشىغا چىداپ بولالماي، ئورنىدىن تۇرۇپ ئېغىر قەدەملىرىنى بىر بىرلەپ يۆتكىگىنىچە ھاجەتخانىغا قاراپ ماڭدى، بۇ چاغدا تاڭمۇ ئەمدىلەتىن سۈزۈلگەن ئىدى، ئۇ ھاجەت قىلىپ بولغاندىن كىيىن ھويلىغا كىرىۋىدى، تاماق ئېتىش ئۈچۈن سەي-كۆكتاتلارنى يۇيىۋاتقان ئاپىسى مەۋلاننى كۆرۈپ: - تۇردۇڭمۇ بالام، قانداقراق ئۇخلاپسەن، بىرە ئىش بولدىمۇ. - ياق ئاپا ھېچ ئىش يوق، ئاخشام يامان چۈش كۆرۈپ قالغىنىمنى ھېساپقا ئالمىغاندا خېلى ياخشى ئۇخلۇدۇم، ھازىر ھاجەت قىلغىلى چىققان.......، ھە راس دادام كۆرۈنمەيدىغۇ. -داداڭ ئەتىگەندىلا مەسچىتكە چىقىپ كەتكەن، كىرىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى.   قارىسام پۇت-قولۇڭنىڭ ماغدۇرى يوقتەك، چىرايىڭ بەك سۇلغۇن تۇرىدۇ،كېچىدىن بىر ياخشى ئۇخلىيالماي قالدىڭ، كىرىپ بىردەم ئۇخلىۋالغىنە جېنىم بالام. مەۋلانمۇ ھە دېگىنىچە بىرنى ئەسنىۋەتكەندىن كېيىن ئۆيگە قاراپ ماڭدى، ئۇ ئۆيگە كىرىپلا ئۈستىگە چىقىشقىمۇ خۇش ياقماي، ئۆزىنى سۇپۇنىڭ ئۈستىگىلا تاشلاپ خىيال سۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ كېچىدىن بىرى كۆرگەن چۈشلەرنى ئويلاۋاتقان بولۇپ،   قانچە ئويلىغانسېرى  ئۇنى شۇنچە قورقۇنچ بېسىۋاتاتتى.ئەنە شۇ چۈشنى كۆرگەندىن كېيىن مەۋلان ئۆزىنى غەلىتىلىك، بىئاراملىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى، ئۇ كۆڭلىدە،   ناھايىتى بىر قارا بېسىپ قالدىغۇ شۇ، ئۆزۈمنى ئۆزۈم قورقۇتۇپ نېمە قىلىمەن، ئۇنتۇپ كەتسەملا ھېچ ئىش بولمايدۇ، ھەممە ئىشلار جايىغا چۈشىدۇ،   دەپ ئويلايتتى، لېكىن مەۋلان بۇ ئىشلارنى ئويلىماسلىققا تىرىشقانسېرى، ئۇنىڭ كاللىسىدا كېچىدىن بىرى كۆرگەن ۋەھىمىلىك چۈشى بىر-بىرلەپ كەچمەكتە ئىدى، ئۇ ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا خىيال سۈرگىنىچە ئۇيقۇغا كەتتى.
-مەۋلانجان، مەۋلانجان، تاماق پىشتى، تاماق يەۋالغىن بالام.
مەۋلان ئاپىسىنىڭ شۇنداق دەپ چاقىرشىدىن كۆزلىرىنى تەستە ئېچىپ ئورنىدىن تۇردى-دە، ئايىغىنى كىيىۋالغاندىن كېيىن يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن سۇخانىغا قاراپ ماڭمىدى، لېكىن نېمىشقىكىن ئۇنىڭ ئەس يادى تېخىچە كېچىدىن بېرى كۆرگەن ھېلىقى ۋەھىمىلىك چۈشىدە ئىدى.  ئۇ يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ھويلىدىكى سوپىدا ئولتۇرغان دادىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى، ئۇنىڭغىچە ئاپىسى بىر قاچا لەغمەننى كۆتۈرۈپ كەلدى-دە، ئابلىكىمگە بېرىپلا يەنە ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى.
مەۋلانمۇ دادىسى بىلەن پاراڭلاشقاچ بىر قاچا لەغمەننى بىردەمدىلا يەپ بولدى، ئۇنىڭغىچە ياندىكى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆي تېلىفونى سايراپ كەتتى.
-بولدى دادا، مەن ئالاي، سەن تامىقىڭنى يەۋەرگىن.
مەۋلان تېلىفۇننى ئېلىش ئۈچۈن قولىدىكى تاماقنى قويۇپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلىۋاتقان دادىسىغا شۇنداق دېگىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەتتى-دە تېلىفۇنغا قاراپلا كىمنىڭ تېلىفۇن قىلغانلىقىنى بىلىپ تېلىفۇننى ئالدى.
-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم چوڭ دادا.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مەۋلانجان بالاممۇ سەن، قانداق ياخشى تۇرىۋاتامسەن.
-خۇداغا شۈكرى ياخشى، چوڭ دادا، ئۆزۈڭ قانداقراق تۇرىۋاتىسەن.
-ياخشى بالام ياخشى، شۇنداق قىلىپ مەكتىپىڭدىن يېنىپ كەلدىڭما.
-ھە، ھەئە.
-ساق-سالامەت كېلىۋالغان بولساڭ ياخشى بوپتۇ بالام، ھە راس بىزنىڭ ئۆيگىمۇ كېلەمسەن يا.
-بارىمەن چوڭ دادا بارىمەن، مەنمۇ تېخى مەكتەپتىن تۈنۈگۈن كەلدىم، ئەتىگىچە باراي ھە.
-بۇپتۇ بالام ئەتە كېلەسەن، يېنىڭدا داداڭ بولسا چاقىرىپ قويغىنە كۆرۈشىۋالاي.
-مانا ھازىر چاقىرىپ قوياي.
مەۋلان شۇنداق دېگىنىچە دادىسىنى چاقىردى ۋە، دادىسى كىرگەندىن كېيىن تېلېفوننى دادىسىغا بېرىپ چىقىپ كەتتى.
ئەتىسى ئەتىگىنىمۇ مەۋلان پۇت-قوللىرى ماغدۇرسىز، ۋە ئىنتايىن بىئارام بولغان ھالەتتە ئورنىدىن تۇردى، چۈنكى ئۇ كېچىدىن بېرى يەنە شۇ ۋەھىمىلىك چۈشنى قايتا كۆرگەن بولۇپ ئوخشىمايدىغان يېرى پەقەت، ئالدىنقى قېتىم بىر كۆك چاچلىق ئالۋاستى ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگەن بولسا، بۇ قېتىم بېشىدا پەقەر ئۈچ تاللا چېچى بار كۆزلىرىدىن قان لاۋىلداپ تۇرغان، ئۈچ كۆزلۈك، قاپقارا ھەم ئىنتايىن ئۇرۇق بىر ئالۋاستىنىڭ قولىدىكى قىپقىزىل زەنجىردە، پۇت-قوللىرى ئۈزۈلگەن ھالەتتە، بوينىدىن سىتماق سېلىنىپ سۆرىلىپ دەرەخ دەرەخلەرگە ئۇرۇلۇپ ئۆلگەن ئىدى، ئەمما دېيىشكەن گەپلىرى، ئورنى ئالدىنقىسىغا ئوپمۇئوخشاش ئىدى، مەۋلان بۇ ئىشنىڭ تېگىدە چوقۇم بىر سىر بار دەپ ئويلايتتىيۇ لېكىن قانداق سىرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى پەقەتلا بىلەلمەيتى، ئۇ بۈگۈن تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن دادىسىغا:
-دادا، بۈگۈن چوڭ دادامنىڭ ئۆيىگە بارايمىكىن دېگەن ئىدىم:-دېدى. دادىسى ئۇنىڭدىكى بەزى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلغانىدى، مەسىلەن ئاپىسى ئۇنىڭ ئالدىغا تاماق ئەكېلىپ ئوغلۇم تامىقىڭنى يەۋالغىن دېسە، ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە، چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ ئولتۇرغانلىقىنى، ئۆيدىن بىرە نەرسە ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇسا ئۆيگە كىرىپ كېتىپ بىردەمدىن كىيىن، نېمە ئەپ چىقاتتىم ئۇنتۇپ قاپتىمەن، دەپ چىقىدىغان بولۇپ قالغانىدى، دادىسى، بەلكىم يېزىغا بېرىپ ئىككى ئۈچ كۈن تۇرۇپ كەلسە ئازراق ئوڭشىلىپ قالار، ئۇلارنى سېغىنغاندۇ دەپ ئويلاپ.
-بۇپتۇ بالام، ياخشى ئويلاپسەن، ئۇ يەرگە بارغاندا چوڭلارغا بىزدىن سالام ئېيتىپ قوي، ئەسلى بىزمۇ بارايلى دېگەن، لىكىن ئىشنىڭ جىقلىقىدا بېرىپ بولالمىدۇق.
-ھە بولىدۇ دادا، سالام ئېيتىپ قويىمەن:-مەۋلان شۇنداق دېگىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەتتى-دە، كىيىم-كېچەكلىرىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى بىلەن خوشلىشىپ يېزىغا قاراپ يول ئالدى. (ئۇنىڭ چوڭ دادىسى 86 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ خېلىلا ساغلام، تېتىك ئادەم ئىدى، چوڭ ئانىسى بولسا خېلى بورۇنلا تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، ئۆيدە مەۋلاننىڭ كەنجى تاغىسى سادىر، سادىرنىڭ ئايالى مېھرىگۈل، سادىرنىڭ ئوغلى ئابدۇللا ۋە مەۋلاننىڭ چوڭ دادىسى بولۇپ جەمئىي تۆت ئادەم تۇراتتى).  ئارىدىن بىرە سائەت ئۆتكەندىن كىيىن مەۋلان چوڭ دادىسىنىڭ ئۆيى ئالدىغا يېتىپ كەلدى، ئۇ ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دەپ ھويلىغا كىرىشىگىلا ھويلىدا ئاپتاپسىنىپ ئولتۇرغان چوڭ دادىسى مەۋلاننى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ:
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، كەلدىڭمۇ بالام، كېلە كېلە:-دېگىنىچە مەۋلان بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇنىڭغىچە ئۆيدە تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان، ئەمدىلا 15ياشقا كىرگەن نەۋرە ئىنىسى ئابدۇللا چىقپ كەلدى-دە، مەۋلان بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كىيىن:
-ھە ئاكا، ئاخىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈپسەندە؟
-ھەئە، بۈگۈن مەكتەپكە بارماپسەنغۇ؟
-كاللاڭ جايىدىمۇ سېنىڭ؟، بۈگۈن دېگەن يەكشەنبە تۇرسا.
-ھە راس بۈگۈن يەكشەنبە ھە، پەقەتلا يادىمدا يوق، كاللامغا بىر ئىش كىرىۋېلىپ.
-ھە مەكتەپتىكى مۇھەببىتىمنى ئۇنتالمىدىم دېگىنە.
-ماڭە ۋا لاۋزا، نەدىكى گەپنى قىلىپ يۈرۈيدىكەنسەن، چوڭ دادامنىڭ ئالدىدا سەت تۇرىدۇ، كىچىككىنە تۇرۇپ شۇنداق گەپلەرنى دەپ يۈرىدىكەنسەن:-مەۋلان شۇنداق دېۋىدى ئابدۇللا قىزارغىنىچە.
-خاپا بولمىغىنە، چاقچاق قىلىپ قويدۇم، ئۇنچىلىك ئىشقىمۇ خاپولاش كېتەمدۇ، بولدىلا مېنىڭ سىرتقا چىقىدىغان ئازراق ئىشىم بار ئىدى چىقىپ بېرەي:-دەپ سىرتقا چىقىپ كەتتى، مەۋلانمۇ چوڭ دادىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاچ ئولتۇردى.
-ھە چوڭ دادا، ئاكام بىلەن يەڭگەم كۆرۈنمەيدىغۇ.
-سادىراخۇن ئەتىگەنلا ئىشقا كەتكەن، ئايالىنىڭ بېشى ئاغرىپ قاپتىكەن ئايالى دورىخانىغا كەتتى، ھېلىغىچە كېلىدۇ.
مەۋلان چوڭ دادىسى بىلەن شۇنداق پاراڭلاشماقتا ئىدى.

ۋاقىت ئاستا-ئاستا ئۆتمەكتە، مانا كەچمۇ كىرەي دېدى، مېھرىگۈلمۇ ئاللىبۇرۇن قايتىپ كېلىپ تاماققا تۇتۇش قىلغان ئىدى، ئۇنىڭغىچە سادىراخۇنمۇ كەپ بولدى.
تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇلار ئۇخلاش ئۈچۈن سادىر ۋە ئايالى ئۆزلىرىگە ياتىدىغان ئۆيىگە،  مەۋلان، چوڭ دادىسى ۋە ئابدۇللا ياندىكى بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
تۈن يېرىم كېچىدىن ھالقىغان چاغ، مەۋلان ئۆزىنىڭ توڭلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ ئويغىنىپ كەتتى، ئۇ كۆزىنى ئېچىپلا چۆچۈپ كەتتى-دە دەرھاللا ئورنىدىن تۇرۇپ ئەتراپقا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلىدى.  


                                               داۋامى بار.....


بۇ ھېكايىنىڭ نادىر مەزمۇنلارغا قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز، ئەسەرنىڭ كېيىنكى قىسىمدا بولسۇن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1شۆھرەت +20 بايلىق +20 تۆھپە +20 يىغىش سەۋەبى
تىلسىم + 20 + 20 + 20 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

2

تېما

19

يازما

175

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1057
يازما سانى:
19
تىللا:
96
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
25 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2
مەنبەسى 2#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-12-17 13:23:46 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مۇمكىن بولسا بىرىنچى بۆلەك دېگەن خەتنى ئۆچۈرۈۋەتسىڭىز بولاتتى.

2

تېما

19

يازما

175

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1057
يازما سانى:
19
تىللا:
96
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
25 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2
مەنبەسى 3#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-12-20 06:03:12 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ھە چاقچاق قىلىپ قويدۇم خوش كەپسىلەر، كەلگەن قەدىمىڭلارغا مەرھابا.

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

يەر
ۋاقتى: 2016-12-11 19:37:14 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇنبىرىمىزگە كەلگەن قەدىمىڭىزدىن ئالەمچە خۇرسەن بولدۇق ،   يىقىندىن بۇيان ‹‹ قەبرە ئىزدەش خاتىرىسى ›› غا ئوخشاش ۋەھىمىلىك ھىكايىلەرنى ئوقۇشقا ئامراق بولۇپ قالغان ئىدىم .
خىيالىمنى بىلىۋالغاندەك بىر ئەسەرگە تۇتۇش قىپسىز ، داۋامىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىۋاتىمىز .
ئىجادىيەتلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي ، مۇنبىرىمىزدىن تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي .

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-12-13 14:31:37 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرىنى داچاملىق يېزىڭ جۇمۇ.كۇندە يوقلايمىز
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

6#
ۋاقتى: 2016-12-16 23:45:11 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەزكۇر ئەسەر قايتىدىن تولۇق تەھرىرلەندى ، شۇڭا مۇنبەرداشلارنىڭ خەۋەردار بولۇپ قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز .

2

تېما

19

يازما

175

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1057
يازما سانى:
19
تىللا:
96
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
25 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2
7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-12-18 06:42:50 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئالۋاستى تۇمار           (ۋەھىمىلىك ھېكايە)   ئەسكەرتىش: بۇ ھېكايە پۈتۈنلەي توقۇلما بولۇپ، ئاپتۇرنىڭ قىزقىشى ئاساسىدا يېزىلغان، تۈرى بىر قەدەر قورقۇنۇچلۇق، يۈرىكى ئاجىزلارنىڭ، ياشانغانلارنىڭ، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئوقۇماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز،                      2.قىسىم  مەۋلاننىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزى ئۇخلاۋاتقان ئۆي بولماستىن بەلكى چۈشىدە كۆرگەن ھېلىقى ئورمانلىق نامايەن بولدى، ئۇ ئەمدى چۈشىدىكىسى بىلەن ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئويلىسىلا، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، يۈرىگى خۇددى كۆكرىكىنى يېرىپ چىققۇدەك كۈچلۈك سوقاتتى، شۇنداقتىمۇ مەۋلان جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەر ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر ئىدى،  ئۇ ئەتراپقا تەپسىلىي قاراۋېتىپ ئۆزىدىن تەخمىنەن ئەللىك مىتىرلارچە يىراقلىقتا قىپقىزىل بىرجۈپ كۆزنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپلا قورقۇنچ ئۈستىگە قورقۇنچ قوشۇلۇپ پۇت-قولىنىڭ جېنىمۇ قالمىدى، ئۇنىڭغا ئەمدى ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قاچماقتىن باشقا ئامال يوق ئىدى، مەۋلان قېچىش ئۈچۈن كەينىگە شۇنداق بىر ئۆرۈلىۋىدى، كۆز ئالدىدا چوڭ دادىسىنىڭ بېغى پەيدا بولدى، ئۇ كۆڭلىدە، مەن ئەمدى قۇتۇلىدىغان بولدۇم، تېزراق يۈگرەپ ئۆيگە كىرىپ كەتسەم ھېچ ئىش بولمايدۇ، دېگەنلەرنى ئويلاپ كۈچنىڭ بارىچە يۈگۈرۈشكە باشلىدى، لېكىن دېمەك ئاسان قىلماق تەس دېگەندەك، ئويلىمىغان يەردىن مەۋلان قانچە يۈگۈرسىمۇ ئالدىغا ئىلگىرلىيەلمەيتتى، مەۋلان بىر جايدا يۈگرىۋەرگەن ئىدى، بىردەمدىن كىيىن ئارقا تەرەپتىن بىرىنىڭ كېلىۋاتقان ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىغان مەۋلان دەرھاللا ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ قارىدى، ئۇنىڭ كۆرگىنى باشقا بىرە نەرسە بولماستىن دەل ئابدۇللانىڭ ئۆزى ئىدى، ئۇ ئابدۇللانى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالدى-دە، يۈرىكى ئازراق جايغا چۈشكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا: - ئۇف، بۇنچە كەچتە بۇ يەردە نېمە قىلىپ يۈرۈيسەن، ئەجەب قورقۇتتۇڭا ئادەمنى:-دېدى. - توۋا، ئۆزۈڭ نېمە قىلىپ يۈرۈيسەن. - مەن؟، مەنما؟، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، بەك توڭلاپ كېتىپ، ئويغىنىپ قارىسام مۇشۇ يەردە ياتىمەن، سەن بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسەن. - ھە تېخى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن دېگىن، بۇنىڭدىن بىرەر سائەت بۇرۇن ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ئويغىنىپ كەتتىم، قارىسام سەن ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتىسەن، قانچە توۋلىساممۇ ئاڭلىمىدىڭ، شۇنىڭ بىلەن سېنى قەيەرگە بارىدىكىن دەپ كەينىڭدىن چىققان ئىدىم، قارىسام مۇشۇ باغقا كىرىپ كېتىۋاتىسەن. - ھە بىلدىم، يۈر ئۆيىگە كىرىپ كېتەيلى. -  ھە راست، بوينۇڭدىكى ئېسىۋالغان ئاۋۇ زەنجىرنىڭ ئۇچىدىكى قاشتېشى بەكلا چىرايلىق ئىكەن ھە، نەدىن ئالدىڭ. - بۇ دېگەن باغۇ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتىمدا ساۋاقداشلىرىم سوۋغا قىلغان قاشتېشى:-مەۋلان شۇنداق دېگىنىچە ئابدۇللانىڭ كۆزىگە قارىۋىدى ئۇنىڭ كۆزىنىڭ قىزغۇچ رەڭدە سۇس يېنىۋاتقانلىقىنى بايقىدى-دە، ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ، ئىزچىل يېنىدىن ئايرىمايدىغان كىچىك پىچىقىنى ئاستا قولىغا ئېلىپ ئۇنىڭغا شىلتىماقچى بولدى، ئۇنىڭغىچە ئۇ نەرسىمۇ تولۇق تەييارلىق ھالەتتە تۇرغاندەكلا مەۋلان پىچاقنى قولىغا ئېلىپ بىر شىلتىشىغىلا تېزلىك بىلەن ئۆزىنى چەتكە ئالدى، ۋە بىر سىلكىنىپلا قاپقارا ئىس-تۈتەك پەيدا قىلىپ، كۆپكۆك چاچلىرى چۇۋۇلغان، كۆزلىرى قىپقىزىل، چىرايى ئۇچتەك ئاقارغان، تىرناقلىرى ئۇزۇن، قىپقىزىل قانغا بويالغان كونا كىيىم كىيىۋالغان بىر ئايال، مەۋلانغا شۇملۇق ۋە ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراپ تۇراتتى، شۇنداقتىمۇ مەۋلان تېزدىن قاچمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدى ۋە ئارقىغا بۇرۇلۇپلا باغ تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى، ئۇ بۇقېتىم ناھايتى تېز يۈگۈرگەن بولۇپ يۈگىرىشىدىن ئۆزىمۇ ھەيران قالغان ئىدى، مەۋلان باغقا يېقىنلىشىشقا ئاز قالغاندا، بايامقى قىزىل كىيىملىك ئايال ئالۋاستى ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى-دە مەۋلاننىڭ گېلىنى بوغقىنىچە ناھايتى تېز يۆتكىلىپ، باغدىن خېلىلا يىراقلاپ ئاندىن ئۇنى يەردە قويغاندىن كىيىن، ئۇزۇن تىرناقلىرىنى ئۇنىڭ ئاغزىغا تىقتى، ۋە تىلىغا سانجىغاندىن كىيىن ئاستا-ئاستا تارتىشقا باشلىدى، مەۋلان بولسا ئېچىنىشلىق ۋارقىرايتى، تىپىرلايتى، ئۇ بۇ ئىشلانى بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ چۈشى بولۇپ قېلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى، لىكىن بۇ ھەقىقەت ئىدى.   ئايال ئالۋاستى مەۋلاننىڭ تىلىنى تارتىپ نەچچە پارە قىلىپ سۇغۇرۋالغاندىن كىيىن ئاغزىغا سالدى-دە مالاچلىتىىپ چايناشقا باشلىدى، ئۇ مەۋلاننىڭ تىلىنى يەپ بولغاندىن كېيىن خۇددى مەۋلاننى ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىمىغاندەك ھەرخىل نەرسىگە ئۆزگىرىپ مەۋلاننى قورقىتاتتى، مەۋلانمۇ قورققىنىدىن بار كۈچى بىلەن باغ تەرەپكە قاچاتتى، باغقا كىرىشكە ئاز قالغاندا ئايال ئالۋاستى يەنە مەۋلاننىڭ ئالدىدا پەيدا بولاتتى-دە يەنە قورقىتاتتى، مەۋلان قورققىنىدىن نە ئۇدۇل كەلسە شۇ يەرگە قاچاتتى، ئايال ئالۋاستىمۇ ئۆزىگە ئويۇن بولۇپ بەرگەندەكلا مەۋلاننىڭ قىلىقلىرىنى كۆرۈپ ئۈنلۈك كۈلەتتىكى، ئۇنىڭ كۈلۈشلىرى كېچىنىڭ تىنىچلىقىدا ناھايتى ئۈنلۈك ئاڭلىناتتى، ئايال ئالۋاستى مەۋلاننى قورقۇتۇپ ھاردىمۇ ياكى مەۋلاننىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرىۋېرىپ زېرىكتىمۇ، ئۇياقتىن-بۇياققا يۈگۈرەۋاتقان مەۋلاننى تۇتۇۋالدى ۋە يېنىدىكى بىر دەرەخقە ئىسىپ قويۇپ ئۇزۇن تىرناقلىرى بىلەن ئۇنىڭ كۆزىنى ئويۇشقا باشلىدى، مەۋلانمۇ ئاغرىققا چىدىماي تىپىرلايتى، جان تالىشاتتى، ئايال ئالۋاستىمۇ پۇخادىن چىقتى بولغاي مەۋلاننىڭ ئېغىزىغا ئىككى قولىنى تىقىپ ئېغىزىنى يېرىشقا باشلىدى، مەۋلانمۇ قاتتىق جان تالاشقاندىن كېيىن ئاخىرى جان ئۈزدى، ئايال ئالۋاستىمۇ ئۇنى ئۆلتۈرگەنلىكىدىن مەغرۇرلانغاندەك ناھايىتى ئۈنلۈك كۈلۈشكە باشلىدى.  ئۇنىڭغىچە ئابدۇللانىمۇ قارا بېسىپ ئويغىنىپ ئۈلگۈرگەنىدى، ئۇ ئويغىنىپلا ناھايىتى سۈرلۈك بىر كۈلگەن ئاۋازنى ئاڭلىدى-دە، ئازراق سۈر بېسىپ مەۋلاننى ئويغاتماقچى بولۇپ يېنىغا قارىۋىدى، مەۋلاننىڭ يوقلۇقىنى بايقىدى، ئۇ تېخىمۇ قورققىنىدىن يېنىدا ياتقان چوڭ دادىسىنى ئويغۇتۇپلا مەۋلاننىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ۋە باغ تەرەپتىن ۋەھىملىك كۈلكە ئاۋازىنىڭ چىققىنىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى، بوۋايمۇ بىر ئىشتىن ئەنسىرگەندەك بولۇپ دەرھاللا ئورنىدىن تۇردى ۋە باغ تەرەپكە قاراپ ماڭدى، ئۇ باغقا كىرىپلا ئۇدۇل تەرەپتىكى ئورمانلىقنىڭ ئىچىدىكى بىر دەرەخكە بىر نەرسىنىڭ ئېسىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال ئورمانلىق تەرەپكە مېڭىشقا باشلىدى، ئۇ دەرەخنىڭ يېنىغا بېرىپ مەۋلاننىڭ ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەن جەسىتىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى ۋە، ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقان ئابدۇللانى كۆرۈپ: -داداڭنى چاقىرىپ چىق، تېز بول:-دەپ ۋارقىرىدى، ئابدۇللا نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمىسىمۇ چوڭ دادىسىنىڭ ناھايىتى جىددىي كەيپىياتتا بۇ گەپلەرنى دەۋاتقانلىقىدىن بىرەر ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، دەرھاللا ئۆيگە يۈگۈردى. بىردەمدىن كىيىن ئابدۇللا ۋە ئۇنىڭ دادىسى سادىر ئۆيدىن يۈگۈرگەپ پېتى چىقتى ۋە، مەۋلاننىڭ جەسىدىنى كۆرۈپلا تېنى شۈركۈنۈپ كەتتى. -دادا مەۋلاننى كىم ئۆلتۈرگەندۇ، ئەمدى قانداق قىلىمىز:-سادىر، بوۋايغا قاراپ شۇنداق دېدى. -مەنمۇ بىلمىدىم، ئاۋۋال ئۇنى ئۆيگە ئەپ كىرەيلى:-بوۋايمۇ شۇنداق دېگىنىچە مەۋلاننىڭ بىر تەرىپىنى كۆتۈردى، بوۋاي بىلەن سادىر ئىككى مەۋلاننى كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئەپكىرگەندىن كىيىن، ئابدۇللانىڭ مەۋلاننىڭ بوينىدىكى قاشتېشىغا كۆزى چۈشتى-دە، باشقىلار تۇيمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قاشتېشىنى يانچۇقىغا سېلىۋالدى، ئارىدىن ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي چوڭ دادىسى ئابدۇللاغا: -بالام سەن دەرھال قادىراخۇننى چاقىرىپ كەل، مەۋلانجاننى ئەمدى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولمايدۇ، ۋاقتىدا يەرلىككە قويۇۋېتەيلى:-دېدى. - تېلېفون ئۇرساقلا بولمىدىمۇ، قادىر ئاكامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇلارغا خەۋەر قىلىپ بولغىچە خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىدۇ. -ھازىر تېلېفون ئۇردۇم، بىراق تېلېفونى ئېتىككەن، كىراغا مۇنۇ پۇللارنى ئېلىپ تېز ماڭ:-بوۋاي شۇنداق دېگىنىچە ئابدۇللاغا يېنىدىن بىر مۇنچە پۇل بېرىپ، ئۇنى يولغا سالدى. ئابدۇللا 15 مىنۇت ماڭغاندىن كېيىن ئاخىرى ناھىيىگە ماشىنا ماڭىدىغان بېكەتكە كەلدى، لېكىن قېرىشقاندەك بېكەتنى تېخى ئاچمىغانىدى، ئابدۇللا تېخىمۇ تىت-تىت بولۇشقا باشلىدى، ئۇنىڭغىچە بېكەتنىڭ ئالدىدىكى يولدا توختۇتۇقلۇق بەش كىشىلىك ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرغان شوپۇر ئابدۇللانىڭ ناھايىتى جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ماشىنىسىدىن چۈشتى-دە گەپ باشلىدى: -ھوي ئۇكام ھوي، قارىسام بەك جىددىيدەك كۆرۈنىسەن، بىرە يەرگە بارامتىڭ يا؟. -ھە…ھەئە، ناھىيىگە كىرمەكچى ئىدىم. -ھە چىقە ماشىنىغا، مەن ئاپىرىپ قوياي:-شوپۇر شۇنداق دېگىنىچە ماشىنىسىنى ئايلاندۇرۇپ ئابدۇللانىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى، ئابدۇللا ماشىنىغا چىققاندىن كىيىن ماشىنا ناھىيەگە قاراپ مېڭىپ كەتتى، ماشىنا بىردەم ماڭغاندىن كىيىن ئىككى تەرىپىنى خارابىلىق قاپلىغان بىر يولغا كىرىپ كەتتى،(ئادەتتە بۇ خارابىلىق ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى خەنزۇلارنىڭ پىششىق قىش ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇتلىرى بولۇپ، كىيىن مەلۇم ئىشلار سەۋەبلىك بۇ زاۋۇتلار باشقا يەرگە يۆتكەلگەن، يەنە زاۋۇتىنىڭ ئەتراپى كەڭ كەتكەن سايلىق بولغاچقا قۇرۇلۇشمۇ قىلماي تاشلىنىپ قالغان ئىدى)ماشىنا خارابىلىقتىن ئۆتۈپ بولاي دېگەندە ئابدۇللانىڭ كۆزى، ماشىنىنىڭ ئارقى تەرىپىنى كۆزىتىدىغان ئەينىكىگە چۈشتى، ئۇ ماشىنا ئەينىكىدىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر جايدا قىپقىزىل بىر جۇپ كۆزنىڭ ئۆزى تەرەپكە تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ يۈرىگى جىغغىدە قىلىپ قالدى-دە شوپۇرغا ماشىنىنى تېزراق ھەيدەشنى ئېيتتى، شوپۇرمۇ ئۇنىڭ گېپىگە ھېچ نەرسە دېمەستىن بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ماشىنىنى بىرخىل رېتىمدا ھەيدەۋەردى. ماشىنا خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كىيىن، تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا مەنزىلگە يېتىپ كەلدى، ئۇنىڭغىچە ئابدۇللامۇ كىرا ھەققىنى يانچۇقىدىن ئېلىپ نەخ بولۇپ تۇرغان ئىدى، ئۇ ماشىنا توختىشىغىلا كىرا ھەققىنى شوپۇرغا بېرىپ ماشىنىدىن چۈشتى-دە، شوپۇرغا كۆپ رەھمەتلەرنى ئېيتىپ مەۋلاننىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. ئۇ ئالدىراپ تېنەپ دېگەندەك بىردەمدىلا  مەۋلاننىڭ ئۆيى ئالدىغا كېلىپ، ئىشىكنى ئارقا-ئارقىدىن چېكىشكە باشلىدى، بۇ چاغدا مەۋلانىنىڭ دادىسى قادىراخۇنمۇ ئەمدىلەتىن تاھارەت ئېلىپ، چەينەكنى كۆتۈرگىنىچە باغ تەرەپتىن چىقىۋاتاتتى، ئۇ ئىشىكنىڭ قاتتىق چېكىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، بۇنچە سەھەردە ئىشىك چەككەن كىمدۇ، دېگەنلەرنى ئويلىدى-دە: - كىمو؟:- دەپ ۋارقىرىدى. -مەن ئابدۇللا، قادىراخۇن ئاكا چوڭ چاتاق چىقتى. قادىراخۇن بۇ گەپنى ئاڭلاپ داڭقېتىپ  قالدى ۋە، بىر شۇملۇقنى سېزىپ دەرھاللا ئىشىكنى ئاچتى، دەرۋەقە ئابدۇللا ئىشىكنىڭ ئالدىدا يىغلىۋەتكۈدەك بولۇپ قاراپ تۇراتتى، -ھە دېگىنە، زادى نېمە ئىش بولدى؟ -ئەسلى، ئەسلى ساڭا بۇ گەپنى دېمىسەم بولاتتى، مەۋلانجان ئاكام، ئۇ...ئۇ.... -نېمە دېدىڭ، مەۋلانغا بىرەر ئىش بولدىما، تىلىڭنى چاينىماي تېزراق دېگىنە، زادى نېمە ئىش بولدى. -مەۋلانجان ئاكام، ئۇ...ئۇ ئۆلۈپ كەتتى:-ئابدۇللا شۇنداق دېگىنىچە پاڭڭىدە يىغلاپ تاشلىدى، سادىراخۇنمۇ ئەس ھۇشىنى يوقۇتۇپ بىردەم تۇرغاندىن، كىيىن ئەسلىگە كېلىپ يۈگۈرگەن پېتى ئۆيگە كىرىپ كەتتى، قادىراخۇننىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن ئايالى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن قادىراخۇندىن سورىدى. -نىم بولدى، بۈگۈن غەيرىلا بولۇپ قاپلىغۇ. -ئارتۇق سوئال سوراۋەرمەي، تېز تەييارلىق قىل، چوڭ ئۆيگە بارىمىز. -ۋاي نىم بولدى، جىن چاپلىشىپ قالمىغاندۇ سىلىگە. -قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ تېزراق تەييارلىق قىل:-قادىراخۇن شۇنداق دەپ ۋارقىرىۋىدى، ئايالىمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي تەييارلىقلارنى قىلىشقا باشلىدى، بىردەمدىن كېيىن ئۇلار تەييارلىقلارنى قىلىپ چوڭ ئۆيگە قاراپ يولغا چىقتى، ئۇلار چوڭ ئۆيگە يېتىپ كەلگەندە بولسا ئاللىقاچان تاڭ ئېتىپ بولغان بولۇپ، ئۆي ئىچى جامائەتلەر بىلەن تولغان ئىدى، قادىراخۇننىڭ ئايالى ئوغلى مەرداننىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ جايىدىلا ھۇشىدىن كەتتى، ئۇ ھۇشىغا كەلگەندە بولسا نىرۋىسىدىن پۈتۈنلەي ئاداشقان ئىدى، ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتتى، مەۋلاننىڭ جەسىدىنىمۇ يەرلىكىگە قويۇپ ئىشلار ئازىراق ئىزىغا چۈشتى، قادىراخۇنمۇ ئايالىنىڭ نىرۋىسىدىن چاتاق چىققاچقا ئۇنىڭ نىرۋا كېسىلىنى داۋالىتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، بوۋايمۇ نەۋرىسىنىڭ ئۆلۈمىگە ئېچىناتتى، ھەركۈنى ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ ئىبادەت قىلاتتى، ئەلۋەتتە باشقىلارغىمۇ مەۋلاننىڭ ئۆلۈمى ئېغىر كەلگەندەك بەكلا چۈشكۈن ئىدى، بولۇپمۇ ئابدۇللا، لىكىن ھېچكىم ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشكە سەۋەپ بولغان نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتى، بەلكى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيتى.                            داۋامى بار…   ھېكايىنى 2.قىسىمى، يەنى مەۋلاننىڭ ھېكايىسى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى، ئەسەرنىڭ نادىر مەزمۇنلىرىغا قىزىقسىڭىز، نەزىرىڭىز ئەسەرنىڭ كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن.

21

تېما

274

يازما

1892

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 332
يازما سانى:
274
تىللا:
1528
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
100 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-8

كۆيۈمچان ئەزا

8#
ۋاقتى: 2016-12-19 01:49:03 | ئايرىم كۆرۈش
تىلسىم يوللىغان ۋاقتى  2016-12-16 23:45
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەزكۇر ئەسەر قايتىدىن تولۇق تەھر ...

ۋەھىمىلىك ئەسەر يازساقمۇ بولامدا ؟  ئوقۇغۇچىلار قورقۇپ كەتمىسۇن دەيمەن   ، بولمىسا يولاپ قۇياتتىم  قورقۇنچاقلارنى قورقۇتۇپ

2

تېما

19

يازما

175

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1057
يازما سانى:
19
تىللا:
96
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
25 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2
9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-12-19 05:42:10 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ۋوي ياسىنجانما، سىلىنى بۇ مۇنبەردە كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن جۇمۇ.

2

تېما

19

يازما

175

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1057
يازما سانى:
19
تىللا:
96
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
25 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2
10#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-12-19 05:44:05 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئەكىلىڭلار قولۇڭلارنى بىر كۆرۈشىۋېتەيلى ھى ھى ھى (كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)

0

تېما

5

يازما

20

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1071
يازما سانى:
5
تىللا:
15
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
3 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-5
11#
ۋاقتى: 2016-12-20 02:10:25 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
راس  دەيسىلە  بىزمۇ  با  جۇما راس  ھى ھى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:37 , Processed in 0.145901 second(s), 41 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش