ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 209|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

خۇشاللىق- ئۆز ئائىلىمىزدە!!!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئىنسان ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس ماكاندىن ھېچقاچان مېھرىنى ئۈزگەن ئەمەس. ھەرقانداق ئادەم قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھامان ئۆز ئائىلىسىنى چەكسىز مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن سېغىنىدۇ، ئەسلەيدۇ. يەنى ئەقىل ھوشى نورمال بولغان ھەرقانداق كىشىنىڭ قەلبىدە ئائىلە مېھرى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولىدۇ ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن كۆيۈپ-پىشىپ ياشايدۇ.
بىر ئىنساننىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا نۇرغۇن قېتىملىق شاتلىق پەيتلىرى ئۆتىدۇ. ئاشۇلار ئىچىدە ئائىلىدىكى خۇشاللىقنىڭ سالمىقى زور، ۋەزنى ئېغىر، ۋاقتى ئۇزاق، ھۇزۇرى تاتلىق بولىدۇ. سىرتتىكى خۇشاللىق دوستلار ئارا ياكى خىزمەتداشلار ئارا بولسا، ئائىلىدىكى خۇشاللىق سۆيۈملۈك جۆرىمىز، ئۇماق بالىلىرىمىز ئارا بولىدۇ.
ھاياتىمىزغا ئۆزگىچە تەم، مەزمۇن قوشۇپ روھىمىزنى ياشارتىپ تۇرىدىغان ياكى كۈلكىمىزگە ھەمدەم بولۇپ، يىغىمىزغا تەسەللىي بېرىپ بىزنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغان جۆرىمىز، پەرزەنتلىرىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئائىلە بىزگە ئىللىق، مېھرىلىق تۇيۇلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۆيگە كىرسەك، روھىمىز كۆتۈرۈلۈپ، قەلبىمىز مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئوتلۇق ھارارىتىدە سۇدەك ئېرىيدۇ. دېمەك، ئائىلە مېھىرى ئىسسىق، قوينى كەڭ بىر گۈلىستاندۇر.
خوش، ھازىر ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ گۈلىستاننى ئەركەكلىرىمىز، قىز-جۇۋانلىرىمىز قانداق پەرۋىش قىلىۋاتىدۇ؟ نەزىرىمىزنى كەڭ يايساق شۇنى كۆرۈپ يېتىمىزكى، بۇرچ مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتىمىغان ئەقىدىلىك ئەرلىرىمىز شۇنداقلا ۋاپا، پەزىلەت ۋە نومۇس تۇيغۇسىنى ئۆزىگە يار قىلغان قولى گۈل ئاياللىرىمىز پۈتۈن ئىشقىنى ئۆز ئائىلىسىگە بېرىپ، ئۇنى گۈللەندۈرۈش يولىدا توختاۋسىز ئەجىر-مېھنەت سىڭدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ قىلغان ئەجىر-ئەقىدىسىگە يارىشا ئائىلىسىدە مېھىر -ۋاپا، كۆيۈم-شەپقەت، كۈلكە-شادلىق سادالىرى كۈنسېرى يۈكسەلمەكتە. ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنتلەر ئائىلە ھۇزۇرىدىن قانغۇدەك لەززەت سۈرمەكتە. مانا بۇ بىز تەرەپلىسەك ئەرزىيدىغان، كۆڭلىمىزنى خۇش قىلىدىغان تەرەپ، ئەمما ئايرىم ساندىكى ئائىلىلەردە يۇقىرىقىدەك كۆڭۈللۈك مەنزىرنى كۆرمەك ھەقىقەتەن تەس. بۇنداق قۇچىقى سۆرۈن ئائىلىلەردە ئاتا ياكى ئانا بولغۇچىنىڭ كۆيۇم -شەپقىتى سۇس، نىيىتى دۇرۇس ئەمەس. ئۇنداقلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن توي قىلىپ ئائىلە قۇرغانلىقىنى، ئۆي تۇتۇشنىڭ ئېپىنى بىلمەيدۇ ياكى بىلسىمۇ، خەقنىڭ سەنىمىگە سەكرەپ ئائىلىنى يار لېۋىگە سۆرەپ بارىدۇ ئۆي مېھرىدىن كوچا مېھرىنى ئەلا بىلىپ، شادلىقنى تالادىن ئىزدەيدۇ ۋە تېشىدا ئائىلىسىنى ئېغىر چىقىمغا، بېسىمغا دۇچار قىلىدۇ، بۇزىدۇ.بالىلارنى خار-يېتىم، ئۆز قەدرىنى خەس، ئىززىتىنى پەس قىلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى رېئاللىقىمىزدا، مەنمەنچىلىك، چوڭچىلىق، ھەشەمەتچىلىك قاتارلىق ئىللەتلەرنىڭ تەسىرى شۇنداقلا يېمەك-ئىچمەك، كىىيىم-كېچەك ئىستېمالىمىزنىڭ كۆپ خىللىشىشى پۇل قۇرۇقچىلىقىنىڭ كېڭىيىشى نەتىجىسىدە، بىر قىسىم ئەرلىرىمىزدە بوشاڭلىق، ھۇرۇنلۇق ياكى كەيىپ-ساپاغا بېرىلىش كېسەللىكى پەيدا بولدى. بەزىلەر ئىشلەپ تاپقان ئازغىنە پۇلنى ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا خەجلەيدىغان
ناچار ئادەتلەر ساقلاندى. بىر قىسىم ئاياللىرىمىز قۇرۇق سۆلەت ئابروي تالىشىپ، يانچۇقىدا پۇلىنىڭ تايىنى بولمىسىمۇ، ئېسىل يەپ، ئالىي كىيىنىدىغان، قىممەت باھالىق زىبۇ-زىننەت ئالىدىغان، بەتخەجلىك قىلىدىغان ئىللەتلەردىن ساقلىنالمىدى. گەرچە بۇنداقلار كۆپ بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان- ئەتكەنلىرى جەمئىيىتىمىزدە يامان تەسىر پەيدا قىلماقتا. بۇ يەردە شۇنداق دېيەلەيمىزكى، ئۆز ئائىلىسىدىن خۇشاللىق ئىزدىمەي، مېھرى-ۋاپاسىنى ياتلارغا بېرىۋاتقان، توغرا يولدىن ئېزىپ، قاراڭغۇلۇقتا «نىجاتكار»ئىزدەۋاتقان ئەر-ئاياللىرىمىزنىڭ كۈلكىسى ۋاقىتلىق ھەم بىردەملىك. ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغانلىرىدىن يوقىتىدىغانلىرى جىق بولىدۇ ئۇنداقلارنىڭ مەڭگۇلۇك ئازابقا، تولدۇرغۇسىز پۇشايمانغا قالىدىغانلىقى ئېنىق. ئائىلىدىن شادلىق، ئىللىقلىق ئىزدىيەلمىگەن ئادەمنىڭ باشقا كەسىپ ساھەدىن خوشالىققا ئېرىشەلىششى ناتايىن.
ئائىلە ـــ ئەر ۋە ئايالنىڭ ئورتاق تېرىشىشى، ئىزدىنىشى ،كۆيۇنىشى ھەم مېھرى- مۇھەببىتى بىلەن پەرۋىش قىلىشى ئارقىلىق بارغانسىرى مۇكەممەللىشىدىغان، گۇللىنىدىغان ئىللىق ماكاندۇر. قانچىكى قەدىرلەنسە، سۆيۇلسە، ئۇ شۇنچىكى ئاۋاتلىشىدۇ، نۇسىرەت تاپىدۇ. ئەكسىچە ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرۈك تېگىشلىك مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالمىسا؛ كۆيۇم- شەپقەت، ئىززەت- ھۆرمەتتە بولالمىسا؛ ھەر ۋاقىت نىيىتى توغرا، لەۋزى دۇرۇس بولمىسا، تاپقان-تەرگىننى توزۇتۇپ تۈگۈتىۋەتسە...قىسقىسى، ئۆزى بىلگەن سەنەملەرگە دەسسەپ، ئائىلىگە مېھرىنى، ئىشقىنى، ئەقىدىسىنى بەرمىسە، مىڭبىر ئارزۇ- ھەۋەس بىلەن قۇرۇپ چىقىلغان ئائىلە ئاسانلا يىمىرىلىدۇ.
ئائىلە ئەنە شۇنداق نازۇك بىر ماكان. ئۇ ھەم گۈللەندۇرۇشكە، پەرۋىش قىلىشقا تىگىشلىك بىر گۈلىستان بولغان ئىكەن، ئۇنى تېخمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش، ئۇنىڭدىن يەنىمۇ زور خوشاللىق، ھۇزۇر- ھالاۋەت ئىزدەش ھەممىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ۋە ئارزۇيىمىز. ئېنىقكى، ئەڭ ئاۋال ئائىلىدىن خاتىرجەم بولساق كۆڭلىمىز ئارام تاپىدۇ، ئىشلىرىمىز ئالغا سىلجىيدۇ؛ ئائىلىدىن دىلىمىز سۇ ئىچمىسە، بۇ ئالەم بىزگە ئازابلىق ۋە قاراڭغۇ تۇيۇلىدۇ.
قىسقىسى، ئائىلەــ تۇرمۇشىمىزغا، ھاياتىمىزغا، كەلگۇسىمىزگە، ئىززەت-ھۆرمىتىمىزگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنى قانچىكى ئاسىرىيالىساق، گۇللەندۇرەلىسەك، ئۇنىڭ بىزگە بېرىدىغان ھۇزۇرى، خوشاللىقى شۇنچە زور بولىدۇ. جەمىيىئەتتىمۇ ئابىرويىمىز،ھۆرمىتىمىز بولىدۇ، ئەل- جامائەت بىزگە كۇلۇپ قارايدۇ. شۇڭا ھەممىمىز ئائىلىمىزنى ئەقىل- پاراسىتىمىز ۋە چوغدەك مېھرىمىز بىلەن سۆيەيلى؛ خوشاللىق- شادلىقنى ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ئىللىق قۇچىقىدىن ئىزدەيلى.

مەنبە:قەشقەر تورى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-10-11 12:23:58 | ئايرىم كۆرۈش
خوشاللىقنى پەقەت ئۆزىمىزنىڭ يېنىدىنلا تاپالايمىز ، ئۇ ھامان بىزگە ھەمرا بۇلۇپ بىزگە سايىدەكلا يۈرۈيدۇ . گەپ ئۇنى قانداق ھېس قىلىشتا . سىز بىر كۈن ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىنى خوشال تۇتۇشقا تېرىشىپ ، يوقىلاڭ ئىشلاردىن قۇسۇر ئىزدىمەي كۆڭلى كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتسىڭىزلا خوشاللىق سىزگە مەڭگۈ يىقىن سىرداش بۇلۇپ ئۆتىدۇ . باشقىلاردىن خوشاللىق ئىزدەيدىغانلارنىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە دەپلا يەكۈن چىقىرىپ قويدۇم ئۆزەمچە . شۇڭا ئالدى بىلەن باشقىلارنى كۈلدۈرۈڭ ، چېھرىڭىزدە تەبەسسۇم چاقنىسۇن ، شۇندىلا خوشاللىققا چىلىشىپ ياشايسىز .

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-10-11 13:39:04 | ئايرىم كۆرۈش
مېھرىيە يوللىغان ۋاقتى  2016-10-11 12:23
خوشاللىقنى پەقەت ئۆزىمىزنىڭ يېنىدىنلا تاپالايمىز ، ئۇ ...

توغرا  دەيسىز  
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-10-11 23:59:04 | ئايرىم كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن تەشەككۈر دوستۇم
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-10-12 11:31:15 | ئايرىم كۆرۈش
ھەممەيلەن ئوقۇپ باقسا بولغۇدەك،ماڭا بەك يارىدى.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2016-10-13 21:06:13 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى تېمىلار بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.كېيىنكى قېتىممۇ مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى ئېلىپ كېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2016-10-14 13:46:44 | ئايرىم كۆرۈش
ئىسىل تىما  ،  مەن بۇنى دوستلار چەمبىرىىكىگە  ھەمبەھىرلىۋەتتىم ئەمسە  .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:26 , Processed in 0.139508 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش