ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 244|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئامرېكىغا چىقىپ ئۇقۇشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

158

يازما

465

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 932
يازما سانى:
158
تىللا:
298
تۆھپە:
3
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
51 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-7

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا


بۇ قىسىمدىكى مەزمۇنلار كىملەرنىڭ ئوقۇشىغا ماس كېلىدۇ؟
ئاساسى باسقۇچلار
بۇ قىسىمدىكى مەزمۇنلارنى چەتئەلگە چىقىشقا قىزىقىدىغان ۋە چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلار ئوقۇسا بولىدۇ.
بۇ مەزمۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى مېنىڭ بىلىدىغانلىرىم ۋە شەخسەن كۆز - قاراشلىرىم ئاساسىدا يېزىلغان. بۇلار ﻫەرگىزمۇ بىر ئورگان ياكى مۇتەخەسسىس تەرىپىدىن تەﻫرىرلىنىپ ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن مەزمۇنلارغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ يەردە دېيىلگەن گەپلەرنى ئۆز پېتىچىلا قوبۇل قىلىۋالماسلىقىنى، ئۆز ئالدىغا پىكىر يۈرگۈزۈپ، قايسى تەرەپلىرى ئۆزىگە ماس كېلىدۇ، قايسى تەرەپلىرى ماس كەلمەيدۇ ئويلىنىپ بېقىپ ئاندىن ئۆزلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مۇﻫىم نۇقتىلار
•        ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇشنىڭ ئاساسى باسقۇچلىرى
•        نىشاننى بەلگىلەش
•        چوقۇم ئورۇنداشقا تېگىشلىك شەرتلەر
•        ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچىلارنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغان سۈپەتلەر
•        قايسى كەسىپنى تاللاپ ئوقۇشۇم كېرەك
•        دوكتۇرلۇقمۇ ياكى ماگىستىرلىقمۇ
•        ئامېرىكىدا ئوقۇشنىڭ ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تىزىلغان باسقۇچلىرى

ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇشنىڭ ئاساسى باسقۇچلىرى


ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسىدىكى كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىدا ماگىستىر (Master) ياكى دوكتۇر (PhD) ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، كۆپ قىسىم مەزمۇنلار قانداق قىلىپ ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئاسپىرانتلار مەكتىپى (graduate school) گە ئىلتىماس قىلىپ كىرىشنى چۆرىدىگەن ﻫالدا بايان قىلىندى. لېكىن بۇ مەزمۇنلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنى ئامېرىكىدا تولۇق كۇرستا ئوقۇشقا تەدبىقلاشقىمۇ بولىدۇ.
ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇشنى چوڭ جەﻫەتتىن تۆۋەندىكىدەك باسقۇچلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ:

ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇشنى چوڭ جەﻫەتتىن تۆۋەندىكىدەك باسقۇچلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ:
1.نىشاننى بەلگىلەش
2.ئىنگىلىز تىلى ئىمتىﻬانلىرىنى بېرىش
3.مەكتەپ تاللاش
4.ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش
5.مەكتەپلەرگە ئىلتىماس يوللاش
6.پاسپورت ئېلىش
7.        ۋىزا (visa) ئېلىش
8.سەپەر تەييارلىقى
بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى باسقۇچ توغرىسىدا كېيىنكى ئابزاستىن باشلاپ تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمەن. قالغان ﻫەر بىر باسقۇچلارنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنلىرىنى ئوڭ تەرەپتىكى تىزىملىك ئىچىدىن ئۇيغۇن كېلىدىغىنىنى چېكىپ كىرىش ئارقىلىق كۆرەلەيسىز. بۇ بەتتە يەنە ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تىزىپ چىققان بىر جەدىۋەلنىمۇ تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

نىشاننى بەلگىلەش
بۇ يەردىكى نىشاننى بەلگىلەش دېگىنىمىزدە، ئۆزىڭىزدىن تۆۋەندىكىدەك سوئاللارنى سوراپ، ئۇلارغا ئامال بار ئېنىق جاۋاب تېپىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ:
•        نېمە ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيمەن؟ مەن زادى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ماس كېلەمدىمەن؟
•        چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇپ نېمىلەرگە ئېرىشىشىم مۇمكىن؟ يەنە نېمىلەردىن قۇرۇق قالىمەن؟
•        ئەگەر چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى قارار قىلغان بولسام، مەن قانداق شەرت - شارائىتلارنى ئۆزەمدە ﻫازىرلىشىم كېرەك؟
•        نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇيمەن؟ ئامېرىكىغا چىقماي باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ ئوقۇساممۇ بولامدۇ؟
•        قايسى كەسىپنى تاللاپ ئوقۇشۇم كېرەك؟
•        دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيمۇ، ياكى ماگىستىرلىقتىمۇ؟ تولۇق كۇرس ئوقۇساممۇ بولامدۇ؟
بۇ سوئاللارنىڭ ﻫەممىسىگە پۈتۈنلەي ئېنىق جاۋابلارنى تېپىپ چىقىش بەلكىم ئۇنداق ئاسان ئىش بولمىسا كېرەك. شۇنداقلا مۇشۇ سوئاللارغا ناﻫايىتى ئېنىق جاۋابلارنى تېپىپ چىقىپ ئاندىن كېيىنكى قەدەمنى باسىمەن دەپ يۈرۈپ، بىر ئىزىدا توختاپ قېلىشمۇ مېنىڭچە ئانچە ئاقىلانىلىك بولماسلىقى مۇمكىن..
مەن بۇ يەردە سىزنىڭ بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىشىڭىزغا پايدىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان بەزى كۆز قاراشلىرىمنى سىزنىڭ پايدىلىنىشىڭىزغا سۇنماقچىمەن. سوئاللارغا قانداق جاۋاب بېرىشنى پەقەت ئۆزىڭىزلا ئەتراپلىق ئويلىنىپ، پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق بەلگىلىيەلەيسىز، باشقا ﻫېچكىم سىز ئۈچۈن بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ ﻫەم بېرەلمەسلىكى كېرەك.
ئاۋال چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ئۈستىدە توختىلىپ باقايلى. چەتئەللەردىكى مەكتەپلەر دۆلەت ئىچىدىكى مەكتەپلەرگە قارىغاندا ئوقۇغۇچىلارنى ياخشىراق ئوقۇتۇش ئەسلىﻬەلىرى، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات سەۋىيسى، ۋە خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن. چەتئەلدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۆزىڭىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى يېتىلدۈرەلىشىڭىز مۇمكىن. سىز ئوقۇماقچى بولغان كەسىپتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پروفېسورلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوقۇشىڭىز مۇمكىن. ئۇندىن باشقا، چەتئەللەردە بۇرۇن كۆرۈپ باقىمغان نەرسىلەرنى كۆرۈپ، تونۇشۇپ، نەزەر دائىرىڭىزنى تېخىمۇ كېڭەيتەلىشىڭىز مۇمكىن. دۇنيانىڭ ﻫەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ﻫەر خىل ئىختىساسلىق ۋە تالانتلىق كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان پىكىر قىلىش ئۇسلۇبلىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرالىشىڭىز مۇمكىن. باشقا دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى، پەن - مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى بىلەن تونۇشۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى ۋە ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ، ئۆزىڭىزنى ۋە مىللىتىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى قەدىرلەشنى ئۆگىنەلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇيغۇرلارنى باشقا دۆلەت خەلقلىرىگە تونۇشتۇرالىشىڭىز مۇمكىن. ئۇندىن باشقا سىز ۋە مەن ئويلاپ يېتەلمىگەن ياخشى پۇرسەتلەرگە ئېرىشىپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئۆزىڭىزنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلاپ، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرەلىشىڭىز مۇمكىن. مەن بۇ يەردە باشتىن - ئاخىر مۇمكىن دېگەن سۆزنى ئىشلەتتىم، چۈنكى بۇ نەرسىلەرنىڭ ﻫەممىسىگە چوقۇم ئىگە بولالايسىز دەپ ﻫېچكىم ئېيتالمايدۇ.

ئەلۋەتتە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنىڭ ﻫەممىلا تەرىپى ياخشى بولىۋەرمەيدۇ. ئۆزىڭىزگە ناتونۇش بىر دۆلەتتە، ناتونۇش بىر مۇﻫىت ئىچىدە ياشاپ، بۇ خىل مۇﻫىتقا ئۆزىڭىزنى كۆندۈرۈشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. بەزى جەﻫەتتىن قولايلىقلارغا ئېرىشسىڭىزمۇ، يەنە بەزى جەﻫەتلەردىن باشقىلار بىلەن بىلەن بولغان رىقابەتتە سىزنى پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ئامىللارغا دۇچ كېلىسىز. مەسلەن، ئەڭ ئاددىي مىسال تىل. گەرچە بىر چەت دۆلەتكە چىقىشتىن ئاۋال شۇ دۆلەتنىڭ تىلىنى پىششىق ئۆگەنگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا سىز بىلىدىغان نەرسىلەر بىلمەيدىغانلىرىڭىزدىن كۆپ بولىدۇ. تىلنىڭ بىر ئادەمنىڭ پۈتكۈل ﻫاياتىدا قانچىلىك مۇﻫىم رول ئوينايدىغانلىقىنى مەن دېمىسەممۇ ﻫەممەيلەن ياخشى بىلىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئۇندىن باشقا، كۆپىنچە ﻫاللاردا چەتئەلدە ئۇرۇق - تۇغقان، دوس - بۇرادەرلىرىڭىز يېنىڭىزدا بولمايدۇ. شۇڭا سىزدىكى يالغۇزسىراش، ئۆزىڭىز بۇرۇن تولىمۇ كۆنۈپ كەتكەن مۇﻫىتنى سېغىنىش قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار سىزگە روﻫىي بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر تۇرمۇش ئىشىڭىزنى تېخى ئويلاشمىغان بولسىڭىز، چەتئەلدە تۇرۇپ ئويلىشىش تېخىمۇ تەسكە چۈشۈشى مۇمكىن (ئەلۋەتتە باشقا مىللەتلەر بىلەن بىللە بولۇشنى خالىسىڭىز بۇنىڭ يولى باشقا).
ئۇندىن باشقا، چەتئەلگە چىقىمەن دەپلا چىقىۋالغىلى بولىدىغان ئاسان ئىش ئەمەس. چىقىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، جاپا - مۇشەققەتلەرنى يېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. بەزى ئىشلارغا تەۋەككۈل قىلىشقا، ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز توختىماي جەڭ ئېلان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە يۇقارقى نۇرغۇن پايدىسىز شەرت - شارائىتلارنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلايدىغان ياخشى پۇرسەت دەپ ئويلىسىڭىز، ئۇ چاغدا بۇ پايدىسىز ئامىللارنى ئۆزىڭىزگە پايدىلىق تەرەپكە قارىتىپ ئۆزگەرتەلەيسىز. خۇددىي «ئانا يۇرت» رومانىدىكى نۇرى قىش ۋاقتىدىمۇ ئەتىگەندە مۇزدەك سۇنى بېشىدىن قۇيۇپ يۇيۇنۇشىتەك ئازابلىق ئىشنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى چېنىقتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل دەپ قارىغىنىدەك. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ بۇ خىل ‎جاپالارغا چىدىيالماي قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرىسىڭىز، يەنە ئەگەر سىزدە ئازىراقمۇ تەۋەككۈلچىلىك قىلىش روﻫىي بولمىسا، باشقا تاللاشلار ئۈستىدىمۇ ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشىڭىز تولىمۇ زۆرۈر دەپ ئويلايمەن. مېنىڭچە، بەزىدە ئۆزىڭىزنىڭ قىلالىشىڭىزغا ئازىراقمۇ كۆزىڭىز يەتمىگەن ئىشلارنى قىلىمەن دەپ ﻫاياتىڭىزنى ئىسراپ قىلغاننىڭ ئورنىغا، ئۆزىڭىز ياخشى قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىپ ۋايىغا يەتكۈزۈش ئارقىلىقمۇ كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. لېكىن بۇ گەپنىڭ سىزنىڭ ئاسانلا كەينىڭىزگە داجىپ، ﻫورۇنلۇق قىلىشىڭىزنىڭ باﻫانىسى بولۇپ قېلىشىنى ﻫەرگىز خالىمايمەن.
يۇقارقىلاردىن بۆلەك يەنە بىر ئىشنى ﻫەممەيلەننىڭ سەمىگە سېلىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ. چەتئەلگە چىقساملا دۆلەت ئىچىدىكىگە قارىغاندا ياخشى شەرت - شارائىت، ياخشى ئوقۇش مۇﻫىتىغا ئېرىشەلەيمەن دەپ قارىسىڭىز تولىمۇ خاتالاشقان بولىسىز. چۈنكى ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە ئوخشىمىغان مەكتەپلەرنىڭ ئەﻫۋالى ئوخشاش بولمايدۇ. دۇنيادىكى ئىلىم - پەن ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئامېرىكىدەك بىر دۆلەتتىمۇ، دۆلەت ئىچىدىكى بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قارىغاندا كۆپ ئارقىدا تۇرىدىغان مەكتەپلەردىن خېلى كۆپنى تاپالايسىز. ئۇندىن باشقا يەنە، مائارىپ ۋە ئىقتىساد جەﻫەتتە جۇڭگودىن خېلى كۆپ ئارقىدا قالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر بار. بۇنداق دۆلەتلەرگە چىققاندىن كۆرە، دۆلەت ئىچىدىكى بەزى ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغان ئەلۋەتتە كۆپ ئەۋزەل بولىدۇ. شۇڭا ﻫەر قانداق بىر دۆلەت، ياكى ﻫەر قانداق بىر مەكتەپكە بېرىشتىن ئاۋۋال، شۇ دۆلەت ۋە ياكى مەكتەپ توغىرىسىدا تەپسىلىي تونۇشقا ئىگە بولۇپ ئاندىن بېرىش - بارماسلىقنى قارار قىلىش تولىمۇ زۆرۈر دەپ ئويلايمەن. ئۇندىن باشقا، ۋەتەندە ﻫەل قىلالمىغان مەسىلىلەرنىڭ ﻫەممىسى چەتئەلگە چىقسىڭىزلا ئۆزلۈكىدىن ﻫەل بولۇپ قالمايدۇ. ﻫەممە يەرگە بارسىڭىز ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەسىلىلەرگە يولۇقىسىز، ياكى كونا مەسىلىلەر يوقاپ، يېڭى مەسىلىلەر پەيدا بولىدۇ. شۇڭا چەتئەلگە چىقىشنىڭ ئۆزىڭىزنى رېئاللىقتىن قاچۇرۇشنىڭ ۋاستىسى بولۇپ قېلىشىغا ﻫەرگىز يول قويماڭ. ئۆزى تۇرۇۋاتقان يېرىدە ﻫېچ ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمىغان ئادەمنىڭ، چەتئەلگە چىقىپ بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىشىغا ئانچە كۆزۈم يەتمەيدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا دېمەكچى بولغۇنۇم، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش بىر خىل ۋاستە خالاس. بەزى كىشىلەر (ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار ئەلۋەتتە) بۇ خىل ۋاستىنى ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدىكى ئەڭ ياخشى ۋاستە دەپ قاراپ، شۇ يولنى تاللىۋالغان. ئۇ بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشتا يەتمەكچى بولغان نىشانى ئەمەس. شۇڭا ئۆز مۇراد - مەقسەتلىرىڭىزگە يېتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشمۇ، ئەمەسمۇ ئوبدانراق ئويلىنىپ، ئۆزىڭىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق بولغان يولنى تاللاپ مېڭىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەمدى قايسى دۆلەتكە چىقىپ ئوقۇشقا كەلسەك، بۇ بىر ئادەمنىڭ قىزىقىشى، تىل ئارقا كۆرۈنۈشى، ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە باشقا شەرت - شارائىتلىرىغا باغلىق بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ مەلۇم بىر دۆلەتكە چىقىش ئارزۇسى شۇنداق كۈچلۈك بولىدۇكى، شۇ دۆلەتكە چىقالمىسام، باشقا دۆلەتلەرگە چىقمايمەن دەپ ئويلايدۇ. بەزىلەر بىر قانچە دۆلەت ئىچىدىن قايسىسىغا چىقالىسام مەيلى ئىدى دەپ ئويلايدۇ (مەسىلەن ياۋروپا ئىتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قايسىسى بولسا مەيلى دېگەندەك). يەنە بەزىلەر، ئۆزى ئوقۇماقچى بولغان كەسىپتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەكتەپ بولسىلا، ئۇنىڭ قايسى دۆلەتتە بولۇشى بىلەن ﻫېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇشقا كەلسەك، بۇ بەتنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنىڭ پايدا ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى ئەلۋەتتە ئامېرىكىغىمۇ تەدبىقلىنىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە پەقەت ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇشنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ ئوقۇشقا قارىغاندا قانداق ئارتۇقچىلىقلىرى بار ئىكەنلىكىنىلا سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن.
ئامېرىكا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ ﻫەرقايسى جايلىرىدىن ئەڭ ئەقىللىق ۋە ئالاﻫىدە ئارتۇقچىلىقلىرى بار ئوقۇغۇچىلارنى ﻫەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىنىڭ ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تولۇقلاشنىڭ مۇﻫىم بىر مەنبەسى بولۇپ كەلگەن ئىكەن. گەرچە «11 - سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېىين ئامېرىكىغا ۋىزا ئېلىش (ۋىزا توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تور بەتنىڭ ۋىزا ئېلىش دېگەن قىسمىدىن تاپالايسىز) سەل قىيىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئامېرىكىغا كېلىپ تەبىئىي پەن (Science)، تېخنىكا پەنلىرى (Technology)، ئېنژىنىرلىق پەنلىرى (Engineering) ۋە ماتېماتكا (Mathematics) غا ئائىت پەنلەر(قىسقارتىلىپ STEM دېيلىدۇ) دە ئوقۇيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار (International Students) نىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ بارغان. ئامېرىكىدىكى ﻫەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ۋە چوڭ شىركەتلەرنىڭ قايتا - قايتا تەلەپ قىلىشى ۋە ﻫۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە، ئامېرىكىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسىنى ﻫەل قىلىش يىلدىن - يىلغا ئاسانلىشىپ كەلگەن. ئامېرىكىنىڭ ﻫازىرقى ۋىزا بېرىش ئەﻫۋالىنى بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى دېيىشكە بولىدۇ.
ئامېرىكا ئىلىم - پەن ۋە تېخنىكا جەﻫەتتىن دۇنيانىڭ يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالىي مائارىپ بولۇپمۇ ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسىنى دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق 100 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ئامېرىكىدا ئىكەنلىكى بۇنىڭ ئەڭ ئاددىي دەلىلى بولالايدۇ. تەتقىقات جەﻫەتتىكى يېڭىلىقلار، ئىلمىي ماقالىلار ۋە پاتنېتلارنىڭ كۆپلۈكى، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ سانىنىڭ جىقلىقى، دۇنياغا داڭلىق پەن - تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ جىقلىقى، ۋە ئىقتىسادى جەﻫەتتىكى ئۈستۈنلۈكلىرىنىڭ ﻫەممىسىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ، ﻫەممەيلەن بۇ توغرىسىدا نۇرغۇن گەپلەرنى ئاڭلىغان دەپ ئويلايمەن. مېنىڭ كۆز قارىشىمدا ئامېرىكىنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ جەلىپ قىلىۋاتقان تەرەپلىرىنىڭ بىرى ۋە بىزدەك ئائىلە ئىقتىسادى ئادەتتىكىدەك نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان تەرىپى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان مول ئوقۇش مۇكاپات پۇلى (Scholarship)، ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىق (Teaching Assistantship) ۋە ياردەمچى تەتقىقاتچىلىق (Research Assistantship) ئارقىلىق بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ۋە باشقا خىلدىكى مۇكاپات پۇللىرى دەپ ئويلايمەن. مەن ئۆزۈم ئوقۇۋاتقان كومپيۇتېر فاكۇلتېتتىنى مىسال قىلسام، بىزنىڭ فاكۇلتېتتىكى بارلىق دوكتۇر ئاسپىرانتلارنىڭ ﻫەممىسى ياكى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە ياكى ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىق ۋە ياردەمچى تەتقىقاتچىلىق يوللىرى ئارقىلىق بارلىق ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك پۇللارنىڭ بىر تىينىنىمۇ يېنىدىن چىقارمىغاندىن باشقا، يەنە ﻫەر ئايدا مەكتەپتىن ئۆزىگە يېتىپ ئاشقۇدەك مائاش ئېلىپ ئوقۇيدۇ. كۆپ قىسىم ماگىستىر ئاسپىرانتلارمۇ بۇ خىل ياردەمدىن بەﻫرىمەن بولالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، باشقا دۆلەتلەردىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانتلارنىڭ سانى ئامېرىكىلىق ئاسپىرانتلارنىڭ سانىغا قارىغاندا مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. دېمەك، ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەر تەلەپ قىلىدىغان ۋە ئالاﻫىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان شەرتلەرنى تىرىشىپ ياخشى ﻫازىرلىيالىسىڭىزلا، ئۆزىڭىزنىڭ ۋە ياكى ئاتا - ئانىڭىزنىڭ يانچۇقىدىن بىر تىيىن پۇل چىقىم قىلماي ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇيالايسىز. (ﻫەر خىل ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرى توغرىسىدا تور بەتنىڭ مەكتەپ تاللاش قىسمىدا مەخسۇس توختىلىپ ئۆتىمەن.)
ئۇندىن باشقا، ئامېرىكىدىكى تۇرمۇشنىڭ ﻫەر قايسى قاتلاملىرىدىكى ئۆزگىچىلىكلەر، سىز بۇرۇن كۆرۈپ باقىمىغان يېڭىلىقلار‎، تۇرمۇشتىكى قولايلىقلار، ئوقۇش جەريانىدا داڭلىق شىركەتلەردە پىراكتىكا قىلىش، ﻫەر قايسى دۆلەتلەرگە بېرىپ ئىلمىي مۇﻫاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىش ۋە باشقا نۇرغۇن پۇرسەتلەر كۆپرەك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.
ئەلۋەتتە ﻫەممە شەيئىنىڭ ياخشى تەرىپىدىن باشقا يامان تەرەپلىرىمۇ بولىدۇ. گەرچە ئامېرىكىدىكى بېرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرىنىڭ سانى ۋە مىقدارى كۆپ بولسىمۇ، دۇنيانىڭ ﻫەر قايسى جايلىرىدىن ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانىمۇ ناﻫايىتى كۆپ بولىدۇ. شۇڭا ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا قويىدىغان تەلىپىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى، رىقابەتمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. لېكىن بۇ مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش ﻫەرگىزمۇ قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەس. تەييارلىقنى بالدۇر باشلاپ پۇختا قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ كەمچىلىكلىرىڭىزنى تولۇقلاپ، ئارقۇقچىلىقلىرىڭىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، بوشاشماي ئاخىرغىچە تىرىشسىڭىز، بۇ
رىقابەتتە چوقۇم ئۇتۇپ چىققىلى بولىدۇ.
ئارىمىزدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بۇنى ئۆز ئەمەلىي ﻫەرىكىتى بىلەن ئىسپاتلاپ چىققان..


ئۇنداقتا ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟ بۇنى مەن چوقۇم ئورۇنداشقا تېگىشلىك شەرتلەر ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچىلارنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغان سۈپەتلەر دەپ ئىككىگە بۆلۈپ سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن. بۇ شەرتلەر ۋە سۈپەتلەر ئاساسلىقى ئاسپىرانتلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا قارىتىلغان.
چوقۇم ئورۇنداشقا تېگىشلىك شەرتلەر
تولۇق كۇرس دىپلومى (diploma) ۋە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى (Bachelor's degree)
جۇڭگودىكى كۆپ ساندىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان، دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئەنگە ئېلىنىدىغان ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاﻫنامىسى ۋە باكلاۋۇرلۇق ئۇنىۋانىنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئالىي مەكتەپلەر بۇ گۇۋاﻫنامىلەرنى ئېتىراپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارغا مۇشۇ گۇۋاﻫنامىلەرگە ئېرىشكەنلىكىڭىزنى ۋە ياكى پات ئارىدا ئېرىشىدىغانلىقىڭىزنى (ئەگەر ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىقىدا تۇرۇپ ئىلتىماس قىلىۋاتقان بولسىڭىز) ئىسپاتلايدىغان ئىسپات كېرەك. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تور بەتنىڭ مەكتەپ تاللاش قىسمىدا توختىلىپ ئۆتىمەن. شۇنى سەمىڭىزگە سېلىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ، ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر بەزىدە سىزدىن تولۇق كۇرس دىپلومىڭىزنىڭ بارلىقىنى تەلەپ قىلماسلىقى مۇمكىن، لېكىن چوقۇم باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىڭىز بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ﻫەتتا سىز ماگىستىرلىقنى ئېلىپ بولغان بولسىڭىزمۇ، كۆپ ساندىكى مەكتەپلەر يەنىلا سىزدىن باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. ماگىستىرلىقنى ئېلىپ بولغانلار ياكى ئېلىش ئالدىدا تۇرغانلار دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشنى ياكى ماگىستىرلىقنى قايتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. باكلاۋۇرلۇقنى ئېلىپ بولغانلار ياكى ئېلىش ئالدىدا تۇرغانلارمۇ بىۋاستە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشنى ياكى ماگىستىرلىقتا ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بەزىلەر دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن چوقۇم ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولۇش كېرەك دەپ ئويلىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە ئوخشىمىغان كەسىپلەر، ئوخشىمىغان مەكتەپلەر ۋە ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئەﻫۋالىي ئوخشاش بولمايدۇ. ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەردە ماگىستىرلىقنى ئوقۇمايلا بىۋاستە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق بىر - بىرىگە بېقىنمايدىغان مۇستەقىل ئىككى خىل پروگرامما سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ. لېكىن بەزى كەسىپلەر ۋە ياكى بەزى فاكۇلتېتلار ماگىستىر ئۇنۋانى بولمىسا دوكتۇرلۇققا قوبۇل قىلمايمىز دەيدۇ. شۇڭا سىز بىر مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىشتىن ئاۋال شۇ مەكتەپنىڭ ۋە سىز ئوقۇماقچى بولغان فاكۇلتېتنىڭ بۇ توغرىلىق بەرگەن چۈشەنچىسىنى ئېنىق بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك.
تولۇق كۇرس جەريانىدىكى ئوتتۇرىچە نەتىجە (Grade Point Average, or GPA)
بۇ سىزنىڭ تۆت يىللىق تولۇق كۇرس جەريانىدا ئوقۇپ تۈگەتكەن بارلىق دەرسلەردىن ئالغان نومۇرىڭىزنىڭ ئوتتۇرىچە نەتىجىسىنى كۆزدە تۇتىدۇ. ﻫەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىر يىل ياكى ئىككى يىل تەييارلىقتا ئوقۇيمىز. بۇ ئەﻫۋال توغرىسىدا چەتئەلدىكى ئالىي مەكتەپلەر ﻫېچقانداق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس، ﻫەم ئۇلار چۈشەنگەن تەقدىردىمۇ كۆپ ﻫاللاردا تەييارلىق جەريانىدا ئوقۇغان خەنزۇ تىلىغا ئالاقىدار دەرسلەرگە ﻫېچقانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ (ناۋادا سىز چەتئەلگە چىقىپ خەنزۇتىلى ئوقۇماقچى بولۇپ قالغان بولمىسىڭىزلا). شۇڭا تەييارلىق جەريانىدىكى نەتىجىلەرنى ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرگە ئەۋەتىشنىڭ ﻫاجىتى يوق دەپ ئويلايمەن. لېكىن بۇ ﻫەرگىزمۇ سىزنىڭ تەييارلىقتا ياخشى ئوقۇماسلىقىڭىزنىڭ باﻫانىسى بولۇپ قالمىسۇن. دائىم ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز ئۆگەنسىڭىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئۆگىنىسىز، سىز ئۆگەنگەن ﻫەر بىر بىلىمنىڭ چوڭ مېڭىڭىزنىڭ تەرەققىياتىغا (تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىڭىز، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىڭىز دېگەندەك) ۋە ياكى سىزنىڭ ﻫەر تەرەپلىمە ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىزگە بولسۇن ئازدۇر - كۆپتۇر ياردىمى بولىدۇ. "ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەر"، "بەك زېرىكىشلىك دەرس" دېگەندەك باﻫانىلەر بىلەن ئۆگەنمەي يۈرسىڭىز، ئۆزىڭىز زىيان تارتىسىز خالاس. ئۆگىنىش ﻫەممە ۋاقىتلاردا كۆڭۈللۈك بولىۋەرمەيدۇ، زېرىكىشلىك ئىشنى قانداق قىلىپ قىزىقارلىق ئىشقا ئايلاندۇرۇش ئۈستىدىمۇ ئىزدىنىپ بېقىڭ.
ئادەتتە ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر سىزنىڭ ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرىچە نومۇر ﻫېسابلاش ئۇسۇلى بويىچە ﻫېسابلىغاندىكى ئوتتۇرىچە نەتىجە (GPA) ىڭىزنىڭ 3.0 دىن يۇقىرى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ (تولۇق نومۇر ئادەتتە 4.0 بولىدۇ). 3.0 جۇڭگونىڭ تولۇق نومۇر 100 نومۇرلۇق نومۇر قويۇش سېستىمىسىدا تەخمىنەن 80 نومۇر ئەتراپىغا توغرىلىشىدۇ. ئامېرىكىدىكى ناﻫايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەر ئوتتۇرىچە نومۇرىڭىز 2.7 دىن يۇقىرى بولسىمۇ بولىدۇ دېيىشى مۇمكىن، لېكىن بۇنداق مەكتەپلەر كۆپ ﻫاللاردا ئانچە ياخشى بولمىغان مەكتەپلەر بولۇپ، سىزنى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلەشكە قۇربى يەتمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا مېنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنىم، ئامال بار ئالىي مەكتەپنى يېڭى باشلىغاندىن تارتىپلا ﻫەر قايسى دەرسلەردىكى نەتىجىلىرىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىڭ، بولۇپمۇ كەسپىي پەنلەرنىڭ نەتىجىسىنى تېخىمۇ ياخشى چىقىرىشقا تىرىشىڭ. مېنىڭ كۆز قارىشىمدا، ئەگەر سىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىڭىز ياكى ئالاقىدار تەجرىبىلىرىڭىز بولمىسا ياكى بولسىمۇ ناﻫايىتى ئاجىز بولسا، ئۇ چاغدا سىزنىڭ تولۇق كۇرس جەريانىدىكى نەتىجىلىرىڭىز سىزنىڭ ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىڭىزدا ۋە ئىقتىسادىي جەﻫەتتىن ياردەمگە ئېرىشەلىشىڭىزدە ئەڭ مۇﻫىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا پەقەت ئىنگىلىز تىلىنى ياخشى ئۆگىنىۋالساملا ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيالايمەن دەپ ئويلاش تولىمۇ بىر تەرەپلىمىلىك بولىدۇ.
ئىنگىلىز تىلى
بۇ شەرت كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا تونۇش بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر سىزنىڭ ئامېرىكىدىكى ئوقۇش ۋە تۇرمۇشنىڭ ﻫۆددىسىدىن تولۇق چىقالىشىڭىز ئۈچۈن، ئىنگىلىز تىلىنى پىششىق بىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ جەﻫەتتىكى سەۋىيىڭىزنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇلار سىزنىڭ خەلقئارادا ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن ئىنگىلىز تىلى ئىمتىﻬانلىرىنىڭ مەلۇم بىرسى ياكى بىر قانچىسىغا قاتنىشىپ، تەلەپ قىلغان نومۇر ئۆلچىمىگە يېتىشىڭىزنى سورايدۇ (قانچە خىل ئىمتىﻬاننى بېرىش ئوخشىمىغان مەكتەپ ۋە ئوخشىمىغان كەسىپلەرگە قاراپ ئوخشىمايدۇ). ئامېرىكىدىكى كۆپ قىسىم ئالىي مەكتەپلەر سىزدىن TOEFL [تەلەپپۇز:"توفىل"] (Test of English as a Foreign Language) ياكى IELTS [تەلەپپۇز: "ئاي-ئېلتس"] (International English Language Testing System) ئىمتىﻬانلىرى ئىچىدىن چوقۇم بىرنى تاللاپ قاتنىشىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. كۆپ قىسىم مەكتەپلەر ماگىستىر ياكى دوكتۇر ئاسپىرانت ئوقۇيدىغانلاردىن يەنە GRE [تەلەپپۇز: "ج-ئار-ئى"] (Graduate Record Examination) ئىمتىﻬانىنى بېرىشنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ (بەزى كەسىپلەر GRE نىڭ ئورنىغا GMAT [تەلەپپۇز: "ج-مەت"] نى، بەزى كەسىپلەر MCAT [تەلەپپۇز: "ئېم-كەت"] نى، ۋە بەزىلىرى LSAT [تەلەپپۇز: "ئېل-سەت"] نى بېرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. قايسىسىنى بېرىشنى كۆپىنچە ئوقۇماقچى بولغان كەسپىڭىز بەلگىلەيدۇ). بۇ ئىمتىﻬانلار توغرىسىدا تور بەتنىڭ TOEFL/GRE قىسمىدا تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتىمەن.
ئوقۇماقچى بولغان مەكتەپ تەلەپ قىلغان باشقا ماتېرىياللار
يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ئاساسلىق شەرتلەردىن باشقا يەنە، ئامېرىكىدىكى كۆپ قىسىم ئالىي مەكتەپلەر ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ:
بىرىنچىسى، "شەخسىي بايانات" (Personal Statement, or Statement of Purpose)، ئىنگىلىزچە قسىقارتىلىپ PS [تەلەپپۇز: "پ-ئەس"] دېيىلىدۇ. بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ﻫازىرغىچە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىڭىز، قىزىقىشلىرىڭىز ۋە بۇندىن كېيىنكى نىشانلىرىڭىزنى ئىنتايىن ئىخچام ۋە تەسىرلىك قىلىپ تەسۋىرلەپ چىققان بىر پارچە ماقالە بولۇپ، بۇ ماقالە سىزنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچىلارغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇلار كۈتىدىغان ئىقتىدار ۋە ياخشى سۈپەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلاشتا ئىنتايىن مۇﻫىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئىككىنچىسى، ئۈچ پارچە تەۋسىيەنامە (Recommendation Letters). بۇ سىزنى ئوقۇتقان ياكى سىز بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغان پروفېسورلار ۋە بەلكىم بەزى داڭلىق كىشىلەرنىڭ سىزنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچىلارغا تونۇشتۇرۇپ يازغان خېتى بولۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچىلار بۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ كۆزى بىلەن سىزنى كۆرۈپ، سىزنىڭ خاراكتېرىڭىز ۋە باشقا ئالاﻫىدىلىكلىرىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ بېقىشنى مەقسەت قىلغان.
ئۇندىن باشقا يەنە قىسقىچە تەرجىمىﻬال (Resume, or CV) دېگەندەك قوشۇمچە ماتېرىياللارنىمۇ تەلەپ قىلىشى مۇمكىن.
<مۇﻫىم نۇقتىلارغا قايتىش>
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچىلارنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغان سۈپەتلەر
تەتقىقات ئىقتىدارى
بۇ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچىلارنى ﻫەممىدىن بەك قىزىقتۇرىدۇ، چۈنكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش، بولۇپمۇ دوكتۇر ئاسپىرانتلىق ئوقۇشنىڭ يەتمەكچى بولغان ئەڭ مۇﻫىم نىشانلىرىنىڭ بىرى ئاسپىرانتلارنىڭ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە كۈچەيتىش. دوكتۇرلۇق ئوقۇشتا ﻫەممە نەرسە تەتقىقاتنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ. ئەگەر سىزدە بۇ خىل ئىقتىدار ئاللىبۇرۇن يېتىلىپ بولغان بولسا، ئۇ چاغدا سىز ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن تېزلا ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلالايسىز. بۇنىڭ مەيلى سىزنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىڭىزغا بولسۇن ياكى سىزنىڭ فاكۇلتېتىڭىزغا بولسۇن كۆپ پايدىسى بار، چۈنكى بىر فاكۇلتېتنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقى ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەتلىك. شۇنداقلا سىزنىڭ تەتقىقات ئىقتىدارىڭىز ئاللىقاچان ياخشى يېتىلگەن بولسا، ئوقۇشىڭىزنى بالدۇرراق تاماملاپ، فاكۇلتېت شۇنداقلا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىڭىزغا نۇرغۇن ئىقتىسادنى تېجەپ بېرەلەيسىز. شۈبﻬىسىزكى، ئۆزىڭىز شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ﻫەممىدىن كۆپ پايدا ئالغۇچى بولۇپ قالىسىز. شۇنى تەكىتلەپ قويۇش زۆرۈركى، ماگىستېر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنىشقا نىسبەتەن، بۇ ئامىل ئۇنچىۋالا مۇﻫىم ئەمەس دەپ قارايمەن.
يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى
بۇ خىل ئىقتىدار ﻫازىر مەيلى خىزمەتتە بولسۇن ياكى ئوقۇش - تەتقىقات ئىشلىرىدا بولسۇن ﻫەممىلا يەردە ناﻫايىتى مۇﻫىم ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنى كۆپ ئېزىپ چۈشەندۈرۈپ كەتمىسەممۇ ﻫەممەيلەن ياخشى چۈشىنىدۇ دەپ ئويلايمەن.
كەسپىي قىزىقىشى
بۇ ئامىل زۆرۈر ئامىللارنىڭ بىرى. بۇ پەقەت سىزنىڭ ئوقۇماقچى بولغان كەسىپنى ئۆزىڭىزنىڭ ياقتۇرۇشىنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن، سىزنىڭ شۇ كەسىپ ئىچىدىكى مەلۇم بىر ساﻫە (بىر كەسىپنى ئۆز ئىچىدىن يەنە نۇرغۇن كىچىكرەك تارماقلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ، بۇ كىچىكرەك تارماقلارنى ساﻫە دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ) گە بولغان قىزىقىشىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىز قىزىققان ساﻫە بىلەن سىز ئوقۇشنى خالايدىغان مەلۇم بىر فاكۇلتېتتىكى پروفېسۇرلارنىڭ قىزىقىدىغان ساﻫەلىرىنىڭ ﻫېچقايسىسى ماس كەلمىسە، ئۇ چاغدا بۇ، سىزنىڭ بۇ فاكۇلتېتقا كىرىپ ئوقۇشىڭىزغا چوڭ تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. بەزىدە سىزنىڭ قىزىقىشىڭىز مەلۇم بىر پروفېسۇرنىڭ قىزىقىشىغا بەك يېقىن كەلسە، بۇنىڭ سىزنىڭ قوبۇل قىلىنىشىڭىزغا زور پايدىسى بولۇشى مۇمكىن.
ﻫەرخىل كەچمىشلىرى
بۇنىڭدا سىزنىڭ خىزمەت تەجىرىبىڭىز (working experience) ۋە تەتقىقات تۈرلىرى (research project) گە قاتنىشىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبىلىرىڭىز ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ﻫەرخىل بېشىڭىزدىن ئۆتكەنلەر كۆزدە تۇتۇلىدىغان بولۇپ، تەجرىبىسى مول، پىشىپ يېتىلگەن (mature) كاندىداتلار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچىلارنى تېخىمۇ جەلىپ قىلىشى مۇمكىن.

باشقا ئالاﻫىدە ئىقتىدارلار
بۇ سىزنىڭ ئەقىلىي قابىلىيتىڭىزنىڭ ئادەتتىكىلەردىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىپ بېرەلەيدىغان ئىقتىدارلارنى كۆرسىتىدۇ. مەسلەن، سىز مەلۇم بىر خەلقئارالىق زېﻬىن سىناش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتىڭىز، ياكى سىز يېڭى بىر كەشپىيات ياكى پاتنېت ﻫوقۇقىنى قولغا كەلتۈردىڭىز دېگەندەك.
يۇقىرىكى سۈپەتلەرنىڭ ﻫەممىسنىلا ﻫازىرلاش بەلكىم ئىنتايىن قىيىن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچىلارمۇ بۇنى ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا سىزدە بۇ سۈپەتلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچىسى ﻫازىر بولسىلا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچىلارنى ئۆزىڭىزگە قىزىقتۇرالىشىڭىز مۇمكىن. مۇنداق بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى، مۇشۇ يەردىلا دەپ قوياي. بەزىلەر ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبار بېرەمدۇ دېگەندەك سوئاللارنى سورىشى مۇمكىن، جاۋابى ئاددىي - ياق. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە ﻫەممە ئادەم باپباراۋەر، ﻫېچكىمنىڭ ئالاﻫىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولۇش ﻫوقۇقى يوق، كىمنىڭ لاياقىتى ﻫەممىدىن بەك توشسا، پۇرسەتكە شۇ ئېرىشىدۇ. بەزىدە بىر قىسىم فوندى جەمئىيەتلىرى ۋە ياكى بىر - ئىككى ئامېرىكىلىق پرافىسۇرلار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدىغان پۇرسەتلەرنى بېرىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ قىسمەن ئەﻫۋال، ﻫەم ناﻫايىتتى چەكلىك سان. ئەگەر شۇنداق پۇرسەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىسىڭىز ئۇمۇ ياخشى. لېكىن بۇنداق پۇرسەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆز - ئارا رىقابەتلىشىدىغان گەپ. بىز قاچانغىچە پەقەت بىر - بىرىمىز بىلەنلا بەسلىشىپ ئۆتىمىز، باشقىلار بىلەنمۇ رىقابەتلىشىپ باقايلى، بولمىسا مەڭگۈ باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىنلا ئەگىشىپ يۈرىمىز شۇ. بۇ قىلالمىغۇدەك تەس ئىش ئەمەس، ئارىمىزدىن بۇنى ئۆز ئەمەلىيتى بىلەن ئىسپاتلاپ بەرگەنلەرمۇ خېلى بار.
يەنە بىر دەپ قويۇشنى زۆرۈر دەپ قارىغان ئىش، گەرچە كۆپ ساندىكى مەكتەپلەر ياكى فاكۇلتېتلار يۇقىرىدا مەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن ئامىللارنى مۇﻫىم دەپ قارىسىمۇ، بەزىدە يەنە ئوخشىمىغان كەسىپ، ئوخشىمىغان مەكتەپلەرنىڭ ئەﻫۋالىدا ئاز - تولا پەرقلەر بولىدۇ. بەزى مەكتەپ ۋە ياكى بەزى كەسىپلەر مەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتمىگەن ئاللىقانداق بىر ئامىلنى ناﻫايىتى زۆرۈر، كەم بولسا بولمايدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن. شۇڭا مەلۇم بىر مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن شۇلارنىڭ تور بېتى ۋە باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق بۇ مەكتەپ ياكى كەسىپ توغىرىسىدا تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچىگە ئېگە بولۇش زۆرۈر. بۇ ﻫەقتە يەنە تور بەتنىڭ مەكتەپ تاللاش قىسمىدا تېخىمۇ تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتىمەن.
نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا شۇنچە پۇل خەجلەپ باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتىدۇ؟
بەزىلەر «نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا شۇنچە پۇل خەجلەپ باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتىدۇ؟» دەپ سوئال قويۇشى مۇمكىن. ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ سوئال مېنىڭمۇ خىيالىمغا كىرىۋېلىپ، خېلى كۆپ ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق بۇ سوئالغا ﻫېسابتا ئۆزەمنى قانائەتلەندۈرگىدەك جاۋاپ تېپىپ چىققان ئىدىم، بۇ يەردە بۇ جاۋاپتىن سىلەر بىلەن تەڭ بەﻫرىمەن بولماقچىمەن، بەلكىم بەزى ئىشلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشىنىشكە پايدىسى تېگىپ قالار.
گەرچە ئامېرىكا ﻫۆكۈمىتى، ئامېرىكىدىكى ﻫەرخىل خەير - ساخاۋەت ئورگانلىرى ۋە شەخىسلەر دۇنيانىڭ ﻫەرقايسى جايلىرىدا نۇرغۇنلىغان خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا بىر كاپتالىستىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ﻫەرگىزمۇ زىيان تارتىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ )ئەمەلىيەتتە ﻫەممە ﻫۆكۈمەت شۇنداق(. ئامېرىكا ۋە باشقا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ نۇرغۇن پۇل خەجلەپ يات دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ ئوقۇتۇشى ئەمەلىيەتتە بۇ دۆلەتلەرنىڭ پەن - تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىغا پايدىلىق. بىر دۆلەتنىڭ قانچىلىك قۇدىرەتلىك ۋە تەرەققىي تاپقان بولۇشىدا ئۇ دۆلەتنىڭ تەبىئىي پەن، تېخنىكا پەنلىرى، ئېنژىنىرلىق پەنلىرى، ۋە ماتېماتكا پەنلىرىدىن ئىبارەت بۇ تۆت چوڭ ئىلىم - پەن (STEM پەنلىرى) ساﻫەسىدە قانچىلىك تەرەققىي تاپقانلىقى ئىنتايىن مۇﻫىم بىر كۆرسەتكۈچ بولۇپ ﻫېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا دۇنيانىڭ ﻫەرقايسى جايلىرىدىن بۇ تۆت چوڭ ساﻫەدىكى تالانتلىقلارنى كۆپلەپ ئامېرىكىغا جەلىپ قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ بۇ جەﻫەتتىكى بوشلۇقلىرنى تولۇقلاپ، ئىزچىل تۈردە بۇ تۆت چوڭ ساﻫەدە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىزچىل دۇنيادىكى ئەڭ قۇدىرەتلىك دۆلەت بولۇپ تۇرۇش ئىستىراتېگىيىسىنىڭ مۇﻫىم بىر قىسمى بولۇپ كەلگەن. ئۇندىن باشقا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇﻫىم غىدىقلىغۇچى كۈچلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئامېرىكا ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ﻫەقسىز ئوقۇتۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پۇل تۆلەپ ئوقۇيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى جەلىپ قىلىدىكەن.
<مۇﻫىم نۇقتىلارغا قايتىش>
قايسى كەسىپنى تاللاپ ئوقۇشۇم كېرەك؟
بۇنىڭدا مەن كۆپىنچە ئۆزىڭىز تولۇق كۇرس جەريانىدا ئوقۇغان كەسىپنى، ياكى شۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان كەسىپنى تاللاپ ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىمەن. مەن بۇ يەردە سىزنى تولۇق كۇرسنى ياكى ماگىستېرلىقنى دۆلەت ئىچىدە پۈتتۈرۈپ چەتئەلدە ماگىستېرلىق ياكى دوكتۇرلۇققا ئىلتىماس قىلماقچى دەپ پەرەز قىلدىم. ئەگەر سىز تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى قارار قىلغان بولسىڭىز، ئۇ چاغدا بۇ ﻫەقتە دوكتۇر ئەركىن سىدىقنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئالدىدىكى كەسىپ تاللاش ﻫەققىدە يازغان تولىمۇ ياخشى بىر ماقالىسىنى سىزگە تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ يەرنى چېكىپ كىرىپ كۆرۈڭ.
ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بۇرۇن ئوقۇغان (ياكى ﻫازىر ئوقۇۋاتقان) كەسىپنى داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشنى ياخشىراق دەپ قارايمەن؟ بۇنى مۇنداق بىر مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. مەسىلەن مەن مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ ماتېماتكا فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل خادىمى دەيلى، ئەگەر مېنىڭ ئالدىمدا ماتېماتكا پېنى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنىۋانى ئالغان ۋە بىئولوگىيىدە باكلاۋۇرلۇق ئۇنىۋانى ئالغان ئىككى ئوقۇغۇچى تۇرۇپتۇ دەيلى، ﻫەر ئىككىلىسى ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار لېكىن ئىككىنچى ئوقۇغۇچىنىڭ بىرىنچى ئوقۇغۇچىغا قارىغاندا نەتىجىسى سەل ياخشى. بۇ ئىككىسىدىن بىرىنىلا تاللاشقا توغرا كەلسە، مەن كۆپىنچە ﻫاللاردا بىرىنچى ئوقۇغۇچىنى تاللايمەن. چۈنكى گەرچە ئىككىنچى ئوقۇغۇچىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىرىنچى ئوقۇغۇچىغا قارىغاندا ياخشىراق بولسىمۇ لېكىن ئىككىنچى ئوقۇغۇچىنىڭ ماتېماتكا كەسپىي پەنلىرىنىڭ ﻫېچقايسىسىدىن رەسمىي نەتىجىسى يوق، شۇڭا ماڭا نىسبەتەن ئىككىنچى ئوقۇغۇچى بىرىنچى ئوقۇغۇچىغا قارىغاندا ماتېماتكىدا كۆپ ئارقىدا. ئىككىنچى ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلسام ئۇ چاغدا بىرىنچى ئوقۇغۇچىغا قارىغاندا بىر نەچچە يىل ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۇنىڭ ماتېماتكا ئاساسىنى پىششىقلىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنالىغىدەك سەۋىيىگە يېتىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە مەن بىر نەچچە يىل ۋاقىتتنى ۋە بىرمۇنچە ئوقۇش پۇلىنى ئارتۇق خەجلەشنى خالىمايمەندە.
ئەمەلىيەتتە بۇ خىل پىكىر قىلىش ئۇسۇلى كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇنى ﻫېچكىم خاتا دېيەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزى مەسئۇل شۇ كەسىپتتە ﻫەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ غەلبە قىلىشىنى خالايدۇ، شۇڭا نۇرغۇنلىغان مۇنەۋەر كاندىداتلار ئىچىدىن شۇ كەسىپكە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان، شۇ كەسىپتە ئۈزۈپ چىقىش ئېﻬتىمالىي ئەڭ چوڭ بولغانلىرىنى تاللاش ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيتى.
ئۇنداقتا كەسىپ ئاتلاپ ئىلتىماس قىلىشتا ئۈمىد يوقمۇ؟ ئۇنداقمۇ ئەمەس. مەن كەسىپ ئاتلاپ ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ بىرى ﻫېسابلىنىمەن. باشقىلارنىڭ كەسىپ ئاتلاپ ئىلتىماس قىلىپ غەلبە قازانغانلىقىنىمۇ ئاڭلىغانمەن. تۆۋەندە ئۆزەمنىڭ بۇ جەﻫەتتىكى ئاز - تولا تەجرىبە ساۋاقلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
مېنىڭ تولۇق كۇرس جەريانىدا ئوقۇغان ئەسلىي كەسپىم ئەمەلىي قوللىنىدىغان يەر شارى فىزىكىسى ئىدى. گەرچە فىزىكا مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەڭ قىزىقىدىغان كەسپىم بولسىمۇ، تەييارلىق ئوقۇش جەريانىدا مەن كومپيۇتېرغا بەكلا ئىشتىياق باغلاپ قالدىم. ئىچكىرىگە بېرىپ رەسمىي تولۇق كۇرسنى ئوقۇش جەريانىدا، كەسپىم يەر شارى فىزىكىسىنىڭ مەن ئويلىغاندەك بولۇپ چىقماسلىقى ۋە كومپيۇتېرغا بولغان قىزىقىشىمنىڭ تېخىمۇ ئېشىشى مېنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدىكىلەر بىلەن بىللە كەسپىي دەرسلەرنى تاللاپ ئوقۇشۇمغا ۋە تولۇق كۇرسنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدىن باشلاپ كومپيۇتېرنى قوشۇمچە كەسىپ (minor، 辅修) قىلىپ ئوقۇشۇمغا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەن تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەندە كومپيۇتېرنىڭ كەسپىي پەنلىرىنى ئاساسەن تۈگىتىپ بولدۇم. شۇڭا مەن ئىلتىماس قىلغاندا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچىلارغا ئۆزەمنىڭ كومپيۇتېر كەسپىي ئاساسىمنىڭ ياخشىلىغىنى كومپيۇتېر كەسپىي پەنلىرىدە ئالغان نەتىجىلىرىم ئارقىلىق ئسپاتلاپ بېرەلىدىم.
دېمەك، ئەگەر سىز كەسىپ ئاتلاپ ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچىلارغا ئۆزىڭىزنىڭ شۇ كەسىپتە ئوقۇيالىدىغدەك ئاساسىڭىز ۋە يوشۇرۇن كۈچىڭىز بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىش زۆرۈر. بۇنى ئىسپاتلاشنىڭ ئۇسۇلى يۇقىرىدا ئېيتقاندەك شۇ كەسىپنىڭ كەسپىي دەرسلىرىنى تاللاپ ئوقۇپ، ياخشى نەتىجە ئېلىش بولۇشى مۇمكىن، ياكى شۇ كەسىپتە تۈرلەرنى ئىشلەپ باققان، ياكى شۇ كەسىپتە بىرەر يېڭىلىق ياراتقان، ۋە ياكى شۇ كەسىپتە كەسپىي خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن دېگەندەكلەر بولۇشى مۇمكىن. مەن بۇ يەردە كۆرسىتىپ بېرەلمىگەن باشقا ئۇسۇللار بار بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا كۆپ ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزدىكى يوشۇرۇن كۈچ ۋە ئىقتىدارنى ئسىپاتلاپ بېرىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقالىسىڭىز، كەسىپ ئاتلاپ ئىلتىماس قىلىشتا مۇۋاپىقىيەت قازىنالىشىڭىز مۇمكىن. ﻫېچقانداق ئىزدىنىش ۋە تىرىشىش يوقلا، ئىلتىماس قىلىپ باقايمىكىن تەلىيىم كېلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەيدىغان پوزىتسىيدە بولسىڭىز، ئۇ چاغدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچىراپ، روﻫىڭىزنى چۈشكۈنلەشتۈرىۋالىسىز خالاس. مېنىڭچە «تەلەي» ۋە پۇرسەتمۇ كۆپ ئىزدىنىدىغان ۋە تىرىشىدىغانلارغا كۆپرەك كېلىدۇ.
دوكتۇرلۇقمۇ، ياكى ماگىستىرلىقمۇ؟ تولۇق كۇرس ئوقۇسامچۇ؟
مەن تولۇق كۇرسنى ئامال بار دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ، ئاندىن دوكتۇرلۇق ياكى ماگىستىرلىقنى چەتئەللەرگە، جۈملىدىن ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. بەزىدە ماگىستېرلىقنىمۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش زۆرۈر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. تولۇق كۇرسنى جۇڭگودا ئوقۇپ پۈتتۈرۈپ ئاندىن ئامېرىكىغا چىقىشنى تەشەببۇس قىلىشىمدا مۇنداق بىر قانچە سەۋەبلەر بار.
بىرىنچىدىن، تولۇق كۇرسنى چەتئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن كۆپىنچە ﻫاللاردا ئۆزىڭىز پۇل تۆلەپ ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ. بەزى دۆلەتلەردە گەرچە ئوقۇش پۇلىنى ئىنتايىن ئاز ئالسىمۇ، لېكىن تۇرمۇش پۇلى يەنىلا ئادەتتىكى ئائىلىلەر ئۈچۈن بەك ئېغىر يۈك بولۇپ قالىدۇ. ئامېرىكىدەك بەزى دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئوقۇش پۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش پۇلى قوشۇلۇپ يىلىغا 25 مىڭ دوللاردىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن (بۇ بىر ئادەتتىكى ئاممىۋى ئۇنىۋېرسىتېتنى مىسال قىلغاندا. ئادەتتە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا كۆپرەك پۇل تاپشۇرىدۇ).
ئىككىنچىدىن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىكى ئىنگىلىز تىلى سەۋىيسى تېخى TOEFL/GRE, IELTS غا ئوخشاش ئىمتىﻬانلاردا ياخشى نومۇر ئېلىشقا يەتمەيدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىنگىلىز تىلى مەخسۇس دەرس قىلىپ ئۆتۈلمىگەچكە، بۇ خىل سەۋىيىگە شۇنچە بۇرۇن يېتىش ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ. چەتئەل تىلى سەۋىيىسىنى يۇقىرىراق سەۋىيىگە يەتكۈزمەي تۇرۇپ چەتئەلگە چىققان بىلەن، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا چوڭ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغان گەپ، بۇ سىزنىڭ چەتئەلدە، جۈملىدىن ئامېرىكىدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىڭىزغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. تىلنى چەتئەلگە چىقىپ ئۆگىنىمەن دېيىش ئانچە ئاقىنالىلىق ئەمەس، چۈنكى چەتئەلدە گەرچە ئاڭلاش ۋە سۆزلەش ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق شارائىتلار دۆلەت ئىچىدىكىدىن كۆپرەك بولسىمۇ، ئوقۇش، يېزىش ۋە گىراماتىكا ئىقتىدارىڭىزنى ئۆستۈرۈشتە يەنىلا دۆلەت ئىچىدە سىزگە پايدىلىقراق ۋە چىقىمى ئازراق بولغان شارائىتلار جىق. بىر تىلنى يۇرتىدا ياخشى ئۆگىنەلمەي تۇرۇپ، چەتئەلگە چىقسام چوقۇم ياخشى ئۆگىنەلەيمەن دېيىش ئۆزىنى ئالدىغانلىق بولىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، جۇڭگونىڭ ﻫازىرقى تولۇق كۇرس ئوقۇتۇش سەۋىيىسى بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ ئىلگىرلىگەن، ﻫەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتكا، فىزىكا دېگەندەك پەنلەردىكى ئاساسىي ياخشى يېتىلىپ چىقىدۇ. باشقا دۆلەتلەرگە چىققاندىن كېيىن بۇ جەﻫەتلەردىن كۆپ قىينالمايدۇ.
تۆتىنچىدىن، كەمسىتكەنلىكىم ئەمەس، لېكىن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندە تېخى ياش، تازا پىشىپ يېتىلمىگەن ۋاقىت بولۇپ، يالغۇز تۇرمۇشنىڭ بېسىملىرىغا، چەتئەلدىكى بەزى ناچار ئىللەتلەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بەلكىم ئانچە كۈچلۈك بولماسلىقى مۇمكىن. چەتئەلگە چىقىپ دائىم يالغۇزچىلىقنىڭ دەردىدە چۈشكۈنلىشىپ، كەيپىياتىڭىز ناچار بولىۋەرسە، ئوقۇشلارمۇ ياخشى ئالغا باسماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا بۇ جەﻫەتلەردىن ئۆزىنى ئوبدان دەڭسەپ بېقىش تولىمۇ مۇﻫىمدۇر.
ئۇندىن باشقا جۇڭگونىڭ تولۇق كۇرس دىپلومى ۋە باكلاۋۇرلۇق ئۇنىۋانى دۇنيانىڭ ﻫەممىلا يېرىدە دېگۈدەك ياخشى ئېتىراپ قىلىنىدىغان بولغاچقا، دوكتۇرلۇق ۋە ماگىستېرلىققا ئوقۇشقا كىرەلەش ۋە ئوقۇش مۇكاپات ياكى ئوقۇش ياردەم پۇللىرىغا ئېرىشىشتە خېلى پايدىلىق ئورۇنغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇنى ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئىقتىسادى شارائىتىڭىز يار بەرسە، تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپ بولۇپلا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن چەتئەل تىلى سەۋىيىرىڭىزنى چوقۇم يۇقىرىراق بىر دەرىجىگە كۆتۈرۈۋېلىپ، ئاندىن چىقىشنى ئويلۇشۇڭ.
دوكتۇرلۇقمۇ ياكى ماگىستېرلىقمۇ؟
ئاۋال دوكتۇرلۇق بىلەن ماگىستېرلىقنىڭ ئېنىقلىمىسى ﻫەققىدە بىر نەچچە ئېغىز چۈشەنچە بېرەي. دوكتۇرلۇق بىر خىل ئالىي دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنىۋان بولۇپ، ئامېرىكىدا دوكتۇرلۇق ئوقۇشى ئوتتۇرا ﻫېساب بىلەن 5 يىل ئەتىراپىدا بولىدۇ. 5 يىل دېگەندە چوقۇم 5 يىلدا پۈتىدۇ، دېگىلى بولمايدۇ، ئوخشىمىغان مەكتەپ، ئوخشىمىغان كەسىپلەردە سەل پەرق بولىدۇ. ﻫەتتا ئوخشاش بىر فاكۇلتېتتا ئوقۇۋاتقان ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ سەرپ قىلغان ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. دوكتۇرلۇق ماگىستېرلىققا قارىغاندا تەتقىقاتنى بەكرەك ئاساس قىلىدۇ.
ماگىستېرلىق بولسا دەرىجىسى باكلاۋۇرلۇق بىلەن دوكتۇرلۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر خىل ئىلمىي ئۇنىۋان بولۇپ، ماگىستېرلىق ئوقۇشى ئادەتتە 2 يىل بولىدۇ (ئەنگىلىيدە 1 يىلدىلا ماگىستېرلىق ئوقۇشنى تاماملاپ بولۇش مۇمكىن). ئادەتتە ماگىستېرلىق ئوقۇشى ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك تېخىمۇ ياخشى خىزمەت تېپىش شارائىتىغا ئىگە قىلىش ۋە قىسمەن تەتقىقات ئىقتىدارى بىلەن قوراللاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ.
دوكتۇرلۇققا ئىلتىماس قىلايمۇ ياكى ماگىستېرلىققىمۇ دېگەن مەسىلىگە نىسبەتەن، قوبۇل قىلىنىش ۋە ئىقتىسادى ياردەمنى قولغا كەلتۈرۈش ئېﻬتىماللىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەن كۆپرەك دوكتۇرلۇقنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى ئالدىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك، ئادەتتە ئامېرىكىدا كۆپلىگەن مەكتەپلەردە ۋە كەسىپلەردە ماگىستېرلىقنى ئالماي تۇرۇپ بىۋاستە دوكتۇرلۇققا كىرىپ ئوقۇسىڭىز بولىدۇ، ﻫەم مۇﻫىمى، دوكتۇرلۇققا بېرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپات ۋە ياردەم ماگىستېرلىققا قارىغاندا زور كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەگەر سىز دوكتۇرلۇق ئوقۇشقا پەقەتلا قىزىقمىسىڭىز، بەلكىم 2 يىل ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ماگىستېرلىقتىن بىرنى ئېلىپلا توختاپ قالسىڭىزمۇ بولۇشى مۇمكىن. لېكىن يەنە تەكىتلەپ قويىدىغىنىم شۇكى، خېلى كۆپ مەكتەپلەر ياكى كەسىپلەر دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن چوقۇم ئالدى بىلەن ماگىستېرلىقنى ئوقۇش كېرەك دەيدۇ. بۇ خىل ئەﻫۋالدا بىۋاستە ماگىستېرلىققا ئىلتىماس قىلىپ ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىشقا تىرىشسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياكى بولمىسا ئاۋال دۆلەت ئىچىدە ماگىستېرلىقنى پۈتتۈرۈپ، ئاندىن چەتئەلدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىككىسىدىن ماگىستېرلىققا ئىلتىماس قىلىپ، تولۇق ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش تەسرەك. قايسى يولنى تاللاش ئۆزىڭىزدە ﻫازىرلىغان شارائىتلار ۋە كەلگۈسى پىلانىڭىزغا باغلىق ئەلۋەتتە.
ئامېرىكىدا ئوقۇشنىڭ ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تىزىلغان باسقۇچلىرى
بۇ قەدەم باسقۇچلار تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇشنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ تىزىپ چىقىلغان. ئەگەر سىزنىڭ ئەﻫۋالىڭىز ئوخشاشمىسا، ۋاقىتنى ماس ﻫالدا تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرارسىز. يەنە بىر تەكىتلەپ قويىدىغان گەپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ كۈزلۈك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش (Fall Admission) ئەﻫۋالىغا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، كۆپ ساندىكى ئاسىپىرانتلار كۈزدە قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەگەر سىز ئەتىيازلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش (Spring Admission) پۇرسىتىنى سىناپ باقماقچى بولسىڭىز، ۋاقىتنى شۇ بويىچە تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇڭ. ئادەتتە كۈزلۈك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاخىرقى چېكى (Fall Admission Deadline) ئوخشىمىغان مەكتەپلەرنىڭ ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلىرى 12-ئاينىڭ 15-كۈنىنى ياكى 12- ئاينىڭ 30- كۈنىنى، بەزى مەكتەپلەر 1-ئاينىڭ 15-كۈنىنى ۋە بەزىلىرى 2-ئاينىڭ 1- كۈنىنى، ﻫەتتا 2- ئاينىڭ 15- كۈنىنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاخىرقى چېكى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىن. كۆپ قىسىم مەكتەپلەرنىڭ ئاخىرقى چېكىدىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلىۋېلىش ئۈچۈن، 1- ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن ئىلتىماسىڭىزنى تۈگىتىپ بولۇشقا تىرىشىڭ..
ۋاقىت
            
قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
  
  
ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكە چىققۇچە ( ياكى ئالىي  مەكتەپنىڭ تەييارلىقىنى پۈتتۈرگىچە)
            
ئىنگىلىز تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش، مۇمكىن بولسا دۆلەت  ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىنگىلىز تىلى 4  - دەرىجە ئىمتىﻬانى (College English Test Band  Four, CET-4, 大学英语四级)  دىن ئۆتۈپ بولۇش. (ئىنگىلىز تىلى 4- دەرىجە ۋە 6- دەرىجە ‹CET-6› ئىمتىﻬانلىرىنى  بېرىش چەتئەلگە چىقىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى  ئەمەس، بۇنى ئۆزىڭىزنىڭ باسقۇچلۇق نىشانى قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق  ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىلگىرلىگەنلىكىڭىزنى سىناپ تۇرۇشنىڭ سىزنىڭ  تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشىڭىزگە ياردىمى كۆپ بولىدۇ)
  
  
ئالىي مەكتەپنىڭ 1-، 2- يىللىقلىرى
            
ئامال بار ئىنگىلىز تىلى 4- ۋە 6- دەرىجە ئىمتىﻬانلىرىدىن  ئۆتۈپ بولۇش. ﻫەرقايسى  دەرسلەردىن ياخشى نەتىجە ئېلىپ، GPA نى يۇقىرىلىتىشقا تىرىشىش  (ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، ئالىي مەكتەپ جەريانىدىكى ئوتتۇرىچە  نەتىجە ئىنتايىن مۇﻫىم).
  
  
ئالىي مەكتەپنىڭ 2-، 3- يىللىقلىرى
            
ﻫەرقايسى دەرسلەردىن ياخشى نەتىجە ئېلىش بىلەن بىرگە، TOEFL/GRE ئىمتىﻬانلىرىغا  تەييارلىق قىلىش. GRE ۋە TOEFL ئىككىسىدىن  ئاۋال GRE نى  بېرىپ ئاندىن TOEFL نى بېرىشنى تەشەببۇس قىلىمەن. چۈنكى GRE نىڭ سۆزلۈكلىرىنى  ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، TOEFL نى بېرىش كۆپ  ئاسانلىشىدۇ. بۇ ئىككى ئىمتىﻬانلارنى ئەڭ كېچىككەندىمۇ ئالىي مەكتەپنىڭ 4- يىللىقىنىڭ 1- مەۋسۇمىدىكى  11- ئايدىن بۇرۇن تۈگىتىپ بولۇش. ئەگەر 11- ئايدىن كېيىن قالسا ئالىي مەكتەپنى تۈگىتىپ بولغان يىلىلا ئامېرىكىغا چىقىش مۇمكىن  بولماي قالىدۇ. بىر يىل كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىدىغان گەپ. (ئەلۋەتتە بەزىدە بىر قانچە يىل  كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتسىمۇ مەيلى  دەيدىغانلار كۆپ بولۇشى مۇمكىن.)
  
  
ئالىي مەكتەپنىڭ 4- يىللىقى 1- مەۋسۇمىدىكى 11- ئايدىن  بۇرۇن
            
مەكتەپ تاللاش ۋە ﻫەرقايسى مەكتەپلەرگە ئەۋەتدىغان  ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تەييارلاپ تەق  قىلىش. بۇ ماتېرىياللار سىز ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ تەرىپىدىن چىقىرىپ  بېرىلىدىغان نەتىجە جەدىۋىلى (Transcript)، شەخسىي بايانات (Personal Statement)، ئۈچ پارچە تەۋسىيە خېتى (Recommendation Letters)،  قىسقىچە تەرجىمىﻬال (Resume/CV)، TOEFL ۋە GRE نەتىجە قەغىزى، دىپلوم ۋە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى توغرىسىدىكى ئىسپات خېتى (Proof of  Degree and Diploma) (تېخى ئوقۇش پۈتتۈرمىگەنلەرگە قارىتا ﻫەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ  چىقىرىپ بېرىدىغان بىر خىل ئىسپات خېتى بولىدۇ)، ئامېرىكىدىكى  مەكتەپ تەلەپ قىلغان ئىلتىماس جەدىۋەللىرى ۋە باشقا لازىملىق  ماتېرىياللارنى كۆرسىتىدۇ.
  
  
ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقى 1- مەۋسۇمىدىكى 11-، 12-، ۋە  1- ئايلار
            
ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى ئامېرىكىدىكى ئۆزىڭىز تاللىغان ﻫەرقايسى  ئالىي مەكتەپلەرگە ئەۋەتىش. يەنە  بەزى ماتېرىياللارنى ئىنتېرنېت (Internet) تورى ئارقىلىق تولدۇرۇش ياكى ئەۋەتىش.
  
  
ئالىي مەكتەپنىڭ 4- يىللىقى، 1- ئايدىن 4- ئايغىچە
            
ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىش خېتىنى  ساقلاش. لازىم بولغاندا ئۇلار بىلەن ئالاقە  قىلىش، ئەگەر ئۇلار بۇ جەرياندا بىرەر ماتېرىيال تەلەپ قىلسا ۋاقتىدا  تەييارلاپ ئەۋەتىش. لازىم بولغاندا ئامېرىكىدىكى سىز بارماقچى  بولغان فاكۇلتېتتىكى پرافىسۇرلار بىلەن ئېلىخەت  ئالاقە قىلىش.
  
  
ئالىي مەكتەپنىڭ 4- يىللىقى، 3-، 4- ئايلار
            
ئادەتتە بۇ مەزگىلدە ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ  قوبۇل قىلىش خېتى (ياكى چاقىرىق) نى  تاپشۇرۇپ ئېلىشىڭىز مۇمكىن. ئىقتىسادى جەﻫەتتىن ياردەمگە ئېرىشكەن - ئېرىشەلمىگەنلىكىڭىزمۇ  مۇشۇ جەرياندا ئېنىق بولىدۇ. بەزىدە چاقىرىقلار ناﻫايىتى كېچىكىپ كېلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن (ماڭا بىر چاقىرىق 6-ئايدا ئاران كەلگەن،  ئۇ چاغدا مەن ۋىزىنىمۇ ئېلىپ بولغان ئىدىم). ئادەتتە  ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر كېڭىشى (Council of  Graduate Schools) نىڭ قارارى بويىچە، بىر ئوقۇغۇچى 15-ئاپرېلدىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ بىر  مەكتەپنىڭ چاقىرىغىنى قوبۇل قىلغانلىق قارارىنى  ئۆزگەرتسە بولىدۇ، 15- ئاپرېلدىن كېيىن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. شۇڭا بۇ  قارار «15-ئاپرېل كېلىشىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ كېلىشىمنىڭ روﻫىغا  ئاساسەن كۆپ قىسىم ئالىي مەكتەپلەر 15-ئاپرېلدىن بۇرۇن  چاقىرىق ئەۋەرتىپ بولۇشقا تىرىشىدۇ، لېكىن چوقۇم شۇنداق قىلىش  مەجبۇرىيەت ئەمەس. شۇڭا بەزىدە 5-، 6- ئايلاردىمۇ چاقىرىق كېلىپ  قالىدىغان ئەﻫۋاللار خېلى كۆپ.
  
  
ئالىي مەكتەپنىڭ 4- يىللىقى، 4-، 5- ئايلار
            
چاقىرىقنى ئېلىپ ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىپ بولغاندىن كېىين،  دەرﻫال پاسپورت بېجىرىشنى  باشلىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز تۇرۇشلۇق جاينىڭ پاسپورت ﻫەل قىلىش سۈرئىتى  ئاستىراق بولسا، ئەﻫۋالغا قاراپ پاسپورتنى بالدۇرراق ﻫەل قىلىشقا  باشلىغان ياخشىراق. لېكىن بەزىدە چاقىرىقنى ئالماي تۇرۇپ  پاسپورت ﻫەل قىلىش قىيىنراق بولىدۇ، چۈنكى پاسپورت بېجىرگەندە  چىقماقچى بولغان دۆلەت ۋە مۇددىئاسى دېگەندەك كاتەكچىلەرنى  تولدۇرىدىغان بولۇپ، ئەگەر سىز مۇددىئاسى دېگەن كاتەكچىگە "ئوقۇش" دەپ  يازسىڭىز ئۇ چاغدا سىزدىن مەكتەپنىڭ چاقىرىقىنى كۆرسىتىشنى ياكى  چاقىرىقنىڭ كوپيەسىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن.
  
  
5-، 6-، 7- ئايلار
            
ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن ۋىزا ئېلىش.
  
  
7-، 8- ئايلار
            
سەپەر تەييارلىقى.
  
  
8-، 9- ئايلار
            
ئامېرىكىغا كېلىش.
  
                                               مەﻫمۇد ئابلىز
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
سەبىر ۋە شۈكۈرلەرنى ئ‍ۆزىگ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

24

تېما

96

يازما

326

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 710
يازما سانى:
96
تىللا:
230
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
48 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-12-28 23:22:54 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى قىلىپسىز...بۇ پىلان ھەم كۆرسەتمە بوپتۇ.
رەۋزى تۈسسەفا

23

تېما

231

يازما

777

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 841
يازما سانى:
231
تىللا:
486
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-12-30 19:04:11 | ئايرىم كۆرۈش
جفپا تارتىپسىز،پايدىلىق ماتىرياللار ئۈزۈلمىگەي.
ئ‍ۈمۈدسىزلىك يېرىم ئ‍ۈلۈم،   ئ‍ەمما ئ‍ۈمۈدنى  ئ‍ىنساندىن  كۈتۈش ،  پۈتۈن ئ‍ۈلۈم  .

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-12-31 18:08:56 | ئايرىم كۆرۈش
ئامرىكىغا  ساياھەتكە  چىقاي دەپ سۈرۈشتۈرسەم  ساياھەت كوپىراتىۋىدىكىلەر  ۋىيزا  ئۈچۈنلا  20مىڭ يۇەندەك پۇل كىتىدۇ دەۋاتىدۇ  ،  ئوغلۇم دىگەن گۇي تىخى چوڭ بولغاندا  ئامرىكىغا  زۇڭتۇڭ بولىمەن ،  بارلىق ماشىنا ئادەملەر بىلەن  بىللە   ئوينايمەن  ...  دەۋاتىدۇ  .
ھەي  ،  بۇئامرىكا  چۈشى ھەممىمىزدە  بار ئوخشايدۇ  ،  قىنى ئىقتىدارلىق  ، شارائىتى بار بالىلار  چۈشۈڭلارنى ئەمەلگە  ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھۇررااااا
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:40 , Processed in 0.134032 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش