ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 542|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇيغۇرلىغىم -پەخرىم (يەھيا تاھىر [قازاقىستان])

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

ئۇيغۇرلىغىم -پەخرىم


يەھيا تاھىر(قازاقىستان)



ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى؛ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ

   مەن بۇ ۋەقە توغرىسىدا گېزىتخانىدا ئىشلەپ يۈرگەن يىللىرىمدا ئاڭلىغان ئىدىم.ئاشۇ كۈنلەردە رادىيودىن شەھەرلەرنىڭ بىرىدە "ئۇيغۇر "دەپ ئاتىلىدىغان ھەشەمەتلىك بىر بىنانىڭ قەت كۈتەرگەنلىىگى ھەققىدە  خەۋەر بىرىلگەن ئىدى .بىراق "ئۇيغۇر "ناملىق بىنانىڭ كىم تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىغى، نىمە سەۋەپتىن شۇ نام بىلەن ئاتالغانلىغى ھەققىدە ھېچنىمە دىيىلمىگەن ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئوقۇرمەنلەرگە ئەتراپلىق مەلۇمات بىرىش مەخسىتىدە مەزكۈر شەھەرگە كەلدىم . "ئۇيغۇر "دەپ ئاتىلىدىغان ھەشەمەتلىك سېلىنغان بىنانى ئىزدەپ تاپتىم بۇ بىنا ئەتراپتىكى ئىمارەتلەرگە قارىغانغا ئۆزگىچە ئىكەن .كەڭرى مەيدان ھاۋا رەڭ سىردا سىرلانغان تۈمۈر رىشاتكىلار  بىلەن قورشىلىپتۇ. كوچىغا قارىغان تەرىپىدە ئىگىزلىگى ئون مىتىرچە بىتون تۈۋرۈكلەر تۇرغۇزۇلۇپتۇ. .ئارىلىغى كەڭ بولغان تۈۋرۈكلەرنىڭ يۇقۇرى تەرىپى  يېرىم ئاي شەكلىدە تۇتاشتۇرۇلغان  ئىدى.ئۈستىدىكى بىزەكلىك دائىرىلەرنىڭ نەق ئوتتۇرىسىغا يۇرۇقلۇق بەرگۈچى نەيچە چىراقلاربىلەن يۇرۇتۇلغان "ئۇيغۇر" دىگەن  يۇغان  خۇشخەت نۇرلىنىپ تۇراتتى.
بۇ بىنا ئىككى قەۋەت بۇلۇپ ئاستى رىستىران ،ئۈستى مېھمانخانە ئىكەن . سەل ئىچكىرىسىگە  مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىسى سېلىنىپتۇ .ئەتراپتا ئادەملەر شۇنچە قۇيۇق يۈرىشىدۇ،لېكىن شۇنچە ئىمارەتنى بەرپا قىلغان ئەينىدىن بوۋاي يەنى بۇ بىنانىڭ ئىگىسى كۆرۈنمىدى .سۈرۈشتۈرۈپ بىلىشىمچە ،بۇ بىنانىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئەينىدىن بوۋاينىڭ  ئوغلى زەينىدىن تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىكەن .
-ياخشى نىيەتلەر  بىلەن كىلىپسىز –دىدى زەينىدىن  سالاملاشقاندىن كىيىن
-ياخشىسى مەن سىزنى دادامنىڭ يېنىغىلا باشلاپ باراي.

       ئەينىدىن بوۋاينىڭ ھىكايىسى.(1)
       1990-يىللىرى .مەن شەھەردىكى ئىدارىلەرنىڭ بىرىدە ئىشلەيتتىم .شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە رەھبەرلىك مىنى چاقىرىتىپ رۇسسىيەنىڭ تىيۇمېن  شەھرىدىن ئارخىلوگىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر ماشىنىنى ئېلىپ كىلىشىمنى بۇيرىدى. ئەتىسىلا يولغا چىقىپ تىيۇمېنغا يىتىپ باردىمدە –مېھمانخانىلىرىنىڭ بىرىگە ئورۇنلىشىپ ئادرىسىتا كۆرسىتىلگەن زاۋۇتقا باردىم .ئالاقە ھۆججىتىنى تاپشۇرىۋالغان كىشى ئېلىپ كەتمەكچى بولغان ماشىنىنىڭ يەنە بىر ھەپتىدىن كەم تەييار بولمايدىغانلىقىنى ،پات پات كىلىپ ئۇقۇشۇپ تۇرۇشىمنى جېكىلىدى.ماڭا ماشىنا بەرمەكچى بولغان كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ كىلىپ يۈرۈپ ۋىلايەت ۋە ئۇنىڭ مەركىزى بولمىش تىيۇمېن شەھرى توغرىسىدا خېلىلا بىر نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. ئېيتىشلارغا قارىغاندا چىڭگىزخان غەرىپكە يۈرۈش قىلغاندا مۇشۇ تەۋەدە ئون مىڭ لەشكەر تۇرغۇزغان ئىكەن ."ئون مىڭ"دىگەن سۆزنى مۇڭغۇل ۋە تاتار تىللىرىدا "تۈمەن"دەيدىكەن .رۇسلار مانا مۇشۇ سۆزنى ئۆزلەشتۈرۈپ ،بۇ شەھەرنى تىيۇمېن دەپ ئاتىغانمىش.
       تىيۇمېن ۋىلايىتىنىڭ شىمالى تۇندۇرا بەلۋاغلىرى ،جەنۇبى قىسمى ئورمانزارلىق بىلەن تۇتۇشۇپ كەتكەن ئىكەن .تىيۇمېن شەھرى بولسا غەربى سىبىرنىڭ مۇھىم سودا ،سانائەت ،قاتناش مەركىزى بۇلۇپ ھەر جەھەتتىن تەرەققى قىلغان شەھەر ئىكەن .
      مەن بىلەن ئالاقە قىلىدىغان كىشى بىر كۈنى مىنىڭدىن ،"سىز قايسى مىللەتتىن بۇلىسىز؟"دەپ سورىدى." ئۇيغۇر"  دەپ جاۋاپ بەردىم مەن ."بىزنىڭ بۇ شەھەردە سىزنىڭ مىللىتىڭىزدىن بولغان تەۋەككۇلاخۇن "دىگەن بىر كىشى بار .ئۈزى راس سۆزلۈك، سەمىمى بەك ئىسىل ئادەم .ئامال بولسا شۇ كىشى بىلەن بىر ئۈچرىشىپ ھال سوراپ  قويسىڭىز تۇلىمۇ خۇرسەن بولغان بۇلاتتى.خالىسىڭىز ئۇ كىشى تۇرىدىغان جايىنىڭ ئادرىسىنى يېزىپ بىرىمەن "دىدى
      بۇيرۇتما بېرىلگەن ماشىنا يەنە ئىككى كۈندىن كىيىن قۇلۇمغا تىگىدىغانلىغىنى بىلگەندىن كىيىن ھېلىقى كىشى يېزىپ بەرگەن ئادرىس بۇيۇنچە تەۋەككۇل بوۋاي تۇرىدىغان جاينى تاپتىم .مەن ئىزدىمەكچى بولغان كىشى شەھەرئەتراپىدىكى بىر ھويلىدا ياشايدىكەن. ئۆينىڭ ئىشىگىنى ئاچتىم."كىم؟"دىگەن خىقىراق ئاۋاز ئاڭلاندى .ئىشىكنى ئېچىپ "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەۋەككۈل تاغا"دەپ ئۇيغۇرچە سالام بىرىپ كىرىپ كەلدىم. مەن سالام بەرگەن كىشى قىبلىگە قاراپ تاھارەت ئېلىۋاتقان ئىكەن. سالىمىمدىن ئۇيغۇرلىغىمنى بىلگەن  ئۇ بوۋاي ماڭا قاراپ ھاڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى .جۈدەڭگۈ كەلگەن ،چاچلىرى ئاقارغان شالاڭ ساقاللىق بۇ كىشى ئازراق ۋاقىتتىن كىيىن ئۈزىگە كەلگەندەك بۇلۇپ ئورنىدىن تۇردى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام-ماڭا چەكچەيگىنچە قاراپ قالدى بوۋاي. زاڭاقلىرى تومپايغان،پىشانىسى  بىلەن ئېغىزىنىڭ ئەتراپىدىكى قورۇقلار قۇيۇقلاشقان ،يېشى سەكسەنگە تاقاپ قالغان بوۋاي قۇلىدىكى ئاپتۇۋىنى ئاستا يەرگە قۇيۇپ قوللىرىنى غاز قانىتىدەك كەردى-دە
-ۋوي..مىنىڭ غېرىپ كۆلبەمگە راستىنلا بىر ئۇيغۇرۇمنىڭ قەدىمى يەتتىمۇ نىمە؟ ئۇكام ئۆزلىرى راستىنلا ئۇيغۇرمۇ ؟
-ئەلۋەتتە .ئەلۋەتتە مەن ئۇيغۇر تاغا
-بۇ ئۇڭۇممۇ؟ چۈشۈممۇ؟ ئۆزلىرىنى بۇ يەرلەرگە قانداق شاماللار ئۇچۇرۇپ كەلدى ئۇكام؟
-ئۆزلىرىنىڭ شامىلى بولمامدۇ ،تاغا.
-ۋاھ!...بەللى ...ئەمدى نىمىگە قاراپ تۇرۇش ...كەلسىلە يەنە  بىر ئۇيغۇرچىلاپ كۈرىشەيلى .-بوۋاي، مىنى چىڭ قۇچاقالاپ پىشانەمگە سۆيدى.
-خوش كەپتىلا.بۇ ئىشلىرى بىلەن مىنى جەننەتكە سەكرەپ كىرگەندەكلا خۇشال قىلىۋەتتىلە  جۇما ئۇكام. راستىنى ئېيتتسىلا مىنى قانداق تاپتىلا ؟
مەن بۇيەرگە كىلىش سەۋەبىم، بوۋاينىڭ تۇرۇشلۇق ئادرىسىنى بەرگەن كىشى ۋە ئۇ كىشىنىڭ بوۋايغا بولغان چۇڭقۇر ھۆرمىتىنى سۆزلەپ بەردىم .
-ۋاھ!ۋاھ!...بەك توغرا ئىش بۇلۇپتۇ، جۇمۇ ئۇكام ، بەك ئوبدان ئىش بۇلۇپتۇ. ئادرىسىمنى دەپ بەرگەن ھېلىقى كىشىمۇ مىنى ئوبدان چۈشىنىپتۇ ھەم  خەيىرلىك ئىش قىلىپتۇ. مەن بۇ خەق بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىمدە ئۇيغۇر دىگەننىڭ جاھاندىكى جىمى كىشىلەرنى ئۈزىگە ئوخشاش ئاق كۈڭۈل ھىساپلايدىغان، باشقىلارغا قارا سانىمايدىغان، ،باشقىلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى ئۇنتىمايدىغان ،ئۈزى قىلغان ياخشىلىقنى ئۇنتۇپ كىتىدىغان ،غەيۋەت شىكايەتتىن يىراق تۇرىدىغان ئىسىل خەلق ئىكەنلىگىنى ئۆز ئەمىلىيىتىم ئارقىلىق ئىزىپ ئىچىرىۋەتكەن دىسىلە.خوش ،شۇنداق قىلىپ بۇ يەردىكى ئىشلىرى قاچانراق تۈگەيدۇ دىدىلە؟
-خۇدا خالىسا ،ئىشىم پۈتسە ئۆگۈنلۈككە قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقاي دەپ ئويلاۋاتىمەن.بوۋاينىڭ قۇيۇق قاشلىرى يىمىرىلىپ ،ئويچان كۆزلىرى تەۋرەندى.
-ئۇنداقتا ۋاقىت زىچ ئىكەن.ئەمما بۇنىڭغىمۇ شۈكرى .ئەمدى مىنىڭ بۇ غېرىپ كۆلبەمگە قەدەم بسىپلا ،ئىلتىماسىم ؛ياق –دىمەي بۈگۈن مۇشۇ خانەمدە قۇنۇپ بەرسىلە .قانغۇچە مۇڭدۇشۇپ ئەھۋاللىشايلى ...
تاشقىرىدىن سۈت سېغىلغان چىلىكىنى كۈتۈرۈپ بىر موماي كىرىپ كەلدى .موماينىڭ يۈزلىرى ،چاچلىرىمۇ سۇپ-سېرىق بۇلۇپ كۆزلىرىمۇ تىنىق ئاسماندەك كۆك ئىدى. تەۋەككۈل تاغام بۇ ياقا يۇرتتا رۇس ئايالغا ئۆيلىنىۋالغان ئىكەندە –دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە .ئەمما مۇماينىڭ ئۇچۇسىغا نەق ئۇيغۇر مومايلىرىغا ئوخشاش ئۇزۇن كۆينەك، ئايىقىغا مەسە-كالاچ كىيىۋالغان بۇلۇپ ياغلىغىنى چىكىلەپ تېڭىۋېلىشىدىن ،ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدىن چاقماق گۈللۈك يۇغان ياغلىقنى ئارتىۋېلىشىدىن پەرىزىمنىڭمۇ توغرا بولمىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم.
-ئەسسالمۇ ئەلەيكۇم ،چوڭ ئانا –ئالدىغا ئوتتۈم .مومايمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئاڭىغان بولغاچقا ماڭا قاراپ ھەيرانلىققتا قاراپ تۇرۇپ قالدى .بوۋاي سۆزگە ئارىلاشتى؛
-مىنىڭ مەزلۇمەم ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن تاتار قىزى، مۇشۇ مەزلۇمەمنى دەپ ئۇيغۇرلىرىمنىڭ قېشىغا كىتەلمەي قالغاندە-مەن ئۇكام .
ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ،مېھمان-دەپ مەيدىسىگە چۈشۈپ تۇرغان ياغلىغىنىڭ بىر ئۈچىنى ئۈزىگە تارتتى موماي.
-ھوي، ئاتىسى،ئۆيىمىزگە مېھمان كىلىپ قاپتىغۇ؟ مەن نىمىشقا خەۋەر تاپالمىدىم –دىدى.
-كايىما موماي،سەن تۇرماق ، مەنمۇ بۇ مېھماننى ھازىرلا كۈرىۋاتىمەن .يەنە كىلىپ مېھمىنىمىز مىنىڭ ئۇيغۇرۇم ئىكەن ئەمەسمۇ؟.بولدى قوي ،باشقا گەپلەرنى كىيىن دىيىشىمىز.مېھمىنىمىز خۇدا خالىسا بۈگۈن ئۈيىمىزدە قۇنۇپ قالىدۇ.دەرھال تەييارلىغىڭنى باشلاپ ئۈكىمىزنى ياخشىراق كۈتىۋېلىشنىڭ كۈيىغا چۈشكىن. بايقىغىن!ئۇيغۇر دىگەن بەك زىرەك خەق جۇما.تامىقىڭدىن ئۈيەن چىقىرىپ يۈرمىسۇن.
-ئوبدان ئاتىسى،ئوبدان. قېنى مېھماننى ئىچكىرىگە باشلىسىلا .
     ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا دىمىغىمغا پىشىرىلغان سۈتنىڭ شىرىن ھىدى ئۇرۇلدى. ئەتراپىدا بىرمۇ ئۇيغۇر بولمىغان بۇ ماكاندا ئۈزەم تۇغۇلۇپ –ئۆسكەن يېزا ئۆيلىرىنى كۈرىمەن ،دەپ زادىلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن .ئۆي خۇددى ئۇيغۇر يېزا ئۇيلىرىدەك تاپسۇلۇق ئۆي ئىدى. پەگانىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئۇچاق. قازاندا بولسا كاۋا قايناۋېتىپتۇ. شۇنداق بۇلىدىكەن ئۇيغۇرنىڭ ئۇيى دىگەن ؛قازاندا يەنە كاۋا بىلەن بىرگە ئۇششاق ئۇگىتىلغان قۇرۇت،ئاشكۈكى، چەيزە،جامبىل كۈكى، سېلىپ ئىتىلىدىغان مەنپەر ،ئۈگرە ئاش، ياكى تۈگۈر، ئوماش ئىتىلىشىدە گۇمان يوق .قازان بېشىدىكى ئاسقۇغا تالدىن تۇقۇلغان چويلا، قاپاق چۈمۈچ، كەپكۈرلەر ئېسىلغان. سۇپىنىڭ يۇقۇرىسىغا كونىراپ كەتكەن گىلەم سېلىنغان. ئۆينىڭ تۆرىدىكى تامغا قېقىلغان قۇزۇقلارغا چۇچىلىلىق لۈڭگە ،جايناماز ، بوۋاينىڭ جۈمە نامىزىغا كىيىپ بارىدىغان پېرىجىسى بىلەن سەللىسى ئېسىقلىق تۇراتتى.
تەۋەككۇل تاغاملار  بىلەن  خان تاختىدىكى قېلىن كۆرپىلەرگە كىلىپ ئولتاردۇق . دەسلەپ سىن چاي، كىيىن سىيادان سېپىپ تۇنۇردا پىشىرىلغان تۇقۇچىنى بېسىپ ،قايماقلىق ئەتكەن چاي ئىچتۇق. موماي كەچكە يېقىن پىلتىسى چاچتەك ئىشىلگەن قىيمىسىدىن مىزىلىك پۇراق گۈپۈلدەپ ئۆرلەپ تۇرىدىغان لەغمەن بىلەن مېھمان قىلدى .بوۋاينىڭ بۇيەرگە قانداق بۇلۇپ كىلىپ قالغانلىغى ھەققىدىكى گەپ سۈزىمىز كۆز باغلانغا يېقىن رەسمى باشلاندى .

     تەۋەككۈل بوۋاينىڭ ھىكايىسى (2)
     ئەنجان شەھرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلىم يۇرتىدا ئۇيغۇر ۋە قىرغىز بۈلۈملىرى بار ئىدى .پەرغانە ۋادىسىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى تاماملىغان ئۇيغۇر ياشلىرى مۇشۇ ئەنجان شەھرىدىكى مەكتەپلەرگە ئۇقۇشقا كىلەتتى .مەنمۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ ئەنجانغا ئۇقۇشقا كەلدىم
بۇيەردە بىر قاراشقا ھەممە ئىشلار ئۆز يۇلىچە كىتىپ بارغاندەك كۈرىنەتتى. قاچانكى 1937-يىلىغا قەدەم باستۇق. خۇددى ياز كۈنلىرى قار ياققاندەك جۇدۇنلۇق كۈنلەر داۋام ئىتىدىغان بۇلۇپ قالدى .كىشىلەرنىڭ چىرايى گۇمانسىراش ،قايسى بىر نامەلۇم قايغۇ بىلەن سۇنۇق ئىدى.ئەل ئىچىدە ؛"قايسى بىر باشلىقنى تۇتۇپ كىتىپتۇ"،پۇستانى شائىر ياكى ئاتىغى چىققان ئالىمنى قولغا ئېلىپ سۈرگۈن قىلىشىپتۇ..."دىگەندەك سۆزلەر كۈنسىرى ئاينىپ كەتكەن ئىدى. ئۇزۇنغا قالماي بۇنداق ئاپەتلەر مەن ئۇقۇغان مەكتەپكىمۇ كەلدى .قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پىشقەدەم مۇئەللىملىرىمىز،ياكى يۇقۇرى يىللىقلاردا ئۇقۇۋاتقان ئەڭ ياخشى غۇرۇرلۇق ،بىلىملىك يىگىت قىزلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق .ئەنجان شەھرىگە يېقىن يېزىلارنىڭ بىرىدىكى ئۇيغۇر مەكتىۋىدە مۇئەللىم بۇلۇپ ئىشلەۋاتقان ئاكاممۇ تۇتۇپ كىتىلدى. "بالا -قازا قوش كىلەر" دىگەندەك ئاكامنىڭ بىگۇنا ئەيىپلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغىنىغا  بەرداشلىق بىرەلمىگەن بىچارە  ئاناممۇ ئالەمدىن ئۆتتى. NKVD خادىملىرى (ئىشپىيۇنلۇق ياكى ساقچى ئورۇنلىرى )بىركۈنى مىنىمۇ چاقىرىتتى. مەن بىلەن سۆھبەتلەشمەكچى بولغان كىشى پاكار بويلۇق، كۆزلىرى پولتۇيۇپ چىققان، كىشىگە چەكچىيىپ گۇمان بىلەن سۇغاق قارايدىغان 30ياشلار چاممىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ئىدى.ئۇ كىشى ئۆزبەكىستان،ئۆزبەك خەلقىنىڭ تەرەققىياتى، ،ھەم ئۇنىڭ تارىخى ھەققىدە ئىپتىخارلىنىپ خېلى كۆپ سۆزلىدى .
        -تەن بەرمەي ،ئىقرار قىلماي ئامالىمىز يوق –دىدى ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قۇلىنى كەينىگە قىلىپ ئىشخانە ئىچىنى ئايلانغاچ – بىز ئۇيغۇرلار ،ئۆزبەكلەر بىلەن تىلىمىز، ئۆرىپ ئادىتىمىز كۆپ ئوخشاشلىققا ئىگە خەلق بولغىنىمىز بىلەن ھېچقاچان ئۆز بەكلەر بىلەن تەڭلىشەلمەيمىز. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆز جۇمھۇريىتى SSSR(ئەينى ۋاقىتتىكى سۆۋىت سوتسىيالىستىك جۇمھۇريىتى)تەۋەسىدە يۇقۇرى ئابرۇيى بار خەلق .شۇنىڭغا يارىشا مۇناسىۋەتتە بۇلىشىمىز لازىم.مىنىڭ مۇنداق دىگىنىم ئۆزبەك خەلىقىنىڭ سانى تېىخى يەنىلا ئاز ،ئۇلارغا ئۆز مىللىتىدىن چىققان ،بىلىملىك غوللۇق كىشىلەر كىرەك .ئۇلارنىڭ سانىنى ھەم كۈپەيتىش مۇھىم مەسىلە بۇلۇپ تۇرماقتا .مۇشۇنداق شارائىتتا بېشىمىزغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە باغرىغا باسقان ،بىزنى ئۆزلىرى بىلەن تەڭ ھۇقۇققا ئىرىشتۈرگەن ئۆزبەك خەلقىگە يېقىندىن ياردەم كۆرسىتىشىمىز لازىم. بىزدە "ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت"دىگەن گەپ بارغۇ؟ بۇ ھىكمەتنى چىن مەنىسى بىلەن چۈشەنگەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلىرىمىز ھېچ ئىككىلەنمەي ئۆزلىرىنى ئۆزبەك دەپ يازدۇرىۋاتىدۇ .شۇلارنىڭ بىرى مانا مەن . ئۆز مىللىتىمنى ئۆزبەك دەپ ئۆزگەرتكەچكە مەھكىمىنىڭ ئابرويلۇق ئەمەلدارى بۇلۇش بەختىگە يەتتىم .ئەمدى قالغىنىنى ئۈزەڭ ئويلاپ كۆر. بۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇرلار مىڭ يەردىن بېشىنى تاشقا ئۇرسىمۇ ئۆز مىللىتىدىن ۋاز كەچمەي ھەرقانداق مەخسىدىگە يىتەلمەيدۇ. ئاڭلىسام سەن بىلىم يۇرتىدا خېلى نەتىنجە قازانغان ئىستىقبالىڭ ،ھۆرمىتىڭ بار ياشلارنىڭ بىرى ئىكەنسەن ؟ بىلىمەن سىنىڭمۇ كىلىچەكتە ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان غايىلىرىڭ، ئارزۇ ئارمىنىڭ  كۆپ . مىللىتىڭنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ ئەنە شۇ مەخسىدىڭگە يىتەلمەيدىغانلىغىڭغا ئىشەنچىم كامىل. ئۇ كىيىن يەنە نىمىلەرنى دىدى بىلمەيمەن.ئەمما "ئۇيغۇرلىغىڭدىن كەچ "دىگەن سۆزنى ئاڭلىغىنىمدا يۈرەك باغرىمنى تۈمەن قۇرت-قۇڭغۇزلار غاجاۋاتقاندەك ئازاپلىق بىر ھەلەتكە دۇچ كەلدىم .ئورنۇمدىن ئىرغىپ تۇردۇم-دە ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماي ئىشىك تەرەپكى قاراپ ماڭدىم.
-نەگە؟
-كىتىمەن.
-مىنىڭ تەكلىۋىمگە كىرمەمسەن.
-مۇنداق تەكلىپكە بۇ دۇنياغا پەقەت قۇساق تويغۇزۇش ئۈچۈنلا كەلگەن ، ھالال-ھارامنى ،ھەق بىلەن –ناھەتنى ،نۇمۇس بىلەن شەرەپنى ئايرىمايدىغان ئىپلاس ھايۋانلار،مۇرتەدىتلەرلا كىرىشى مۇمكىن...
سۈزۈمنى تۈگىتەلمىدىم .تاشقىرىدا تىڭشاپ تۇرغان ئىككى جىسەكچى بۈلۈمگە باستۇرۇپ كىرىپ مىنى دۇمبالاپ ئۇرۇپ كەتتى. يىمىگەن تايىقىم،ئاڭلىمىغان ئاھانىتىم قالمىدى. شۇ يەردىلا پۇت قۇلۇمنى چەمبەر چاس باغلاپ چالا ئۈلۈك ھالدا ئاستى سۇغۇق بىتون ،كۈن بۇيى قاراڭغۇ تۇرىدىغان زىندانغا ئەكىلىپ تاشلىدى. سوراقسىز ئون بەش كۈن ياتتىم. كىيىن قانداقتۇ يوق جىنايەت ئەيىپلىرىنى قوشلاپ ئارتىپ سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىدىم .دەسلەپتە پىيادە ،كىيىن ھارۋا،ماشىنا، پويىز بىلەن مېڭىپ بىر ئاي بولغاندا مەنزىلگە يەتتۇق .سىبىريە دىگەن سوغاق قاتتىق بۇلىدىغان يەر بۇلۇپ تۈكۈرگەن تۈكۈرىگىڭمۇ شۇئان مۇز بۇلۇپ يەرگە چۈشىدۇ. بىز بۇ يەرگە ئاتمىشتىن ئارتۇق كىشى كەلگەن ئىدۇق. قىلىدىغان ئىشىمىز قەھرىتان سوغاققا قارىماي پايانسىز كەتكەن سازلىقتىن يەر ئېچىش، ئېرىق ئۆستەڭ قېزىش،قارىغاي كىسىش بولدى.
      ياتالغۇمىز يەرنى كولاپلا ياسىغان زەي پۇراپ تۇرىدىغان گەمىلەر ئىدى. سوغاقنىڭ قاتتىقلىغىدىن، گەمىگە بىرنەچچە يەرگە مەش قۇيۇپ ئوتنى ھەرقانچە قالىساقمۇ ياتالغۇمىز زادىلا ئىللىمايتتى. يەيدىغىنىمىز قۇساقنى ئاغرىتىدىغان نورمىلىق ھالدىكى نەملىكتىن كۈكۈرۈپ كەتكەن قۇناق مۇمىسى، كاپۇستا،ياڭيۇ شورپىسى ئىدى. بۇلارغا قاتتىق سوغۇق مۇھىتتىكى ئېغىر جىسمانى ئەمگەك،ئاچلىق ،ساقايماس كىسەللىك    قۇشۇلۇپ ناھايتى كۆپ كىشىلەر ئارقا –ئارقىدىن ئۈلۈپ كىتەتتى.ماڭىمۇ شۇ قارا تەقدىر تالاي قېتىم ھۇجۇم قىلدى. لىكىن زادىلا تەسلىم بولغۇم كەلمىدى.ھاياتلا بۇلىدىكەنمەن ئاتا-ئانام، ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن چوڭ تۆھبە قۇشۇپ چوڭ ئىشق قىلىپ بىرەلمىسەممۇ ئەمما ئۇيغۇرۇم ئاتا ئانام ،ئەجدادىمنىڭ روھى ئالدىدا يۈز كىلەلمەيدىغدان ئىشلارنى زادىلا قىلمايمەن،قارا كۈنلەرگە باش ئەگمەيمەن  –دەپ ئويلايتتىم .مانا مۇشۇ روھ ماڭا كۈچ قۇۋەت بولدى .
تىيۇمېن شەھرىگە يۆتكەلگەن يىلى بىز تاماقلىنىدىغان ئاشخانىغا بىر پۇتى ئاقسايدىغان، 60ياشلاردىكى شامىل ئىسىملىك تاتار كىشى ئاشپەز بۇلۇپ كەلدى .ئۇ قاپىغىنى تۈرۈپلا يۇرۇيدىغان ،مىجەزى چۇس، كەم سۆز كىشى ئىدى. شۇنداق بۇلىشىغا قارىماي ئىچىمىزدىكى ھەرقانداق كىشى قىيىنچىلىققا يۇلۇقسا دەرھاللا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم كۆرسىتەتتى .شامىل ئاشپەز بىلەن بىر يىلچە سالام-سائەت قىلىشىم يۈردۇق. مەن ئۇ كىشىگە يېقىپ قالغان بولسام كىرەك ،پۇرسەت بولسىلا ئۇزۇن قىسقا سۆھبەتلەردە بۇلاتتۇق. سۆھبىتىمىزدىن ،ئۇنىڭ ماڭا ئوخشاش ئېغىر قارا كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن شائىر كىشى ئىكەنلىگىنى بىلدىم. بۇ ئادەم شۇ يىللىرى بىرقاتار شېىرىلىرى بىلەن تۇنۇلغان ئىكەن. تاتار خەلقىنىڭ كىلاسسىكلىرى ئابدۇللا تۇقاي، ھادى تاقتاش قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرىلىنى يادقا ئۇقۇپ ماڭا تەھلىل قىلىپ بىرەتتى .
      بۇ كىشى بىلەن مىنىڭ يېقىن مۇناسىۋەتتە بۇلۇپ قېلىشىمنىڭ يەنە بىر سەۋەبى-شۇ چاغلاردا بۇ كىشىنىڭ يېنىغا 12-13ياشلاردىكى بىر قىز كىلىپ كىتىپ تۇراتتى. ئۇ قىز خۇددى تۇخۇم سېرىغىغا چىلانغاندەك ساپ سېرىق،كۆزلىرى كۆك،يۈزىدە قۇيۇق سەپكۈنلۈك،بوينى قىسىق،  كىشىگە تىك قارىمايدىغان ،مىسكىن تەبىئەتلىك بىر قىز ئىدى. ئۇ قىز دادىسىغا ياردەملەشكىلى كىلەتتى. كاپۇستا،ياڭيۇ ئاقلايتتى. بەزىدە يۇغان چىلەكلەردە قىيشىپ سۇ تۇشۇپ يۈرگەنلىرىنى كۈرەتتىم .شامىل تاغىنىڭ ئاشۇ كۈرۈمسىز قىزى ماڭا تەڭداشسىز بىر جانان  بۇلۇپ كۈرىنەتتى. كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت دىگىنى شۇ بولسا كىرەك. شۇ چاغدىلا مەن مۇھەببەتنى مىللەتكە،چوڭ-كىچىككە، ياخشى يامانغا ،سەت چىرايلىققا قارىماي كۆيدۈرىۋېرىدىغان ئوت ئىكەن دەپ بىلگەن ئىدىم. شۇ ئوتتا بەكلا كۆيدۇم. قىزمۇ بۇنى سەزدى. چۈنكى ئۇ قىز مىنى كۆرسىلا ئۈزىچە ھۆپپىدە قىزىرىپ كىتەتتى.تەسادىبى باھانىدە سورىغان سۇئالىمغا جاۋاپ بەرگۈچە تىترەپ بارماقلىرى بىلەن يەر سىزىپ، موككىدە ئولتۇرىۋالاتتى. مەن بولسام ئۇ قىزنىڭ مەندىن ئۈزىنى قاچۇرۇپ يۈرگىنىگە قارىماي،ئۇ قىزنىڭ ئۆيى ئەتراپىدىن ئەگىپ كىتەلمەيدىغان بۇلۇپ قالدىم.ئىككىمىزنىڭ نە ھالغا چۈشۈپ قالغىنىمىز ئاتىسىغا مەلۇم بولدى .شۇنىڭغىچە 1953-يىلمۇ يىتىپ كەلدى. شۇ يىلى SSSR ئالى كىڭىشىنىڭ پەرمانى بىلەن مەنمۇ تۇتقۇنلۇقتىن ئازات بولدۇم. ھايات قالغان يۇرتداشلىرىم ئۆيلىرىگە قايتتى. مەن قايتالمىدىم. راستىنى ئېيتقاندا ،ئامالسىز ياكا مەجبۇرى ھالەتتە ئۆز مىللەت نامىنى ئۆزگەرتىۋالغان ئاغىنىلەرنىڭ ماڭا خىجالەت بىلەن قاراشلىرىنى كۆرگىم كەلمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تەرەپلەردە مىنى كۈتىۋاتقان ھېچ كىمىم يوق ئىدى. بۇلارنى ئوبدان بىلىدىغان شامىل تاغام بىر كۈنى مەھەللىدىن بىر ئىككى كىشنى چاقىرىپ كىلىپ، ئەمدىلا 15ياشقا تۇلىۋاتقان قىزىنى ماڭا چېتىپ قويدى.ئۇ قىز بايا سىز كۆرگەن موماي شۇ. ئىسمى مۇنىرەخان. ئۇنىڭدىن ئىككى ئوغۇل،ئىككى قىز پەرزەنت كۆردۈم .قىز بالا دىگەن قانداقلا بولمىسۇن مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدىكەن. ئۇلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن باشقا مىللەت كىشىلىرىگە ياتلىق بۇلۇپ شۇلارنىڭ قوۋىمىغا كىرىپ كەتتى. ئەمما ئوغۇللىرىم ھەرھالدا ئۈزىنىڭ كىملىگىنى دىنىنى ئۇنتىمايدىغان ئادەم بۇلۇشتى. چوڭ ئوغلۇم ئوقۇش بىلەن تۈركىيەگە بېرىپ بىر تۈرۈك قىزى بىلەن تۇنۇشۇپ شۇ قىزغا ئۆيلەندى .كەنجى ئوغلۇم ئەزەربايجانلىق بىر ئاۋار قىز بىلەن باش قوشتى ئاللاھقا مىڭ شۈكرىكىم، ھازىر كىلىنلىرىم،ۋە نەۋرىلىرىم بىلەن خۇددى قەشقەردىن ھازىر كەلگەن ئۇيغۇردەك ساپ ئانا تىلىمىزدا سۆزلىشىپ كىتىمىز   دىسىلە.
سۆزلەشنىڭ زۈرۈرىيىتى بۇلۇپ قالدى،شۇڭا تەۋەككۈل تاغامنىڭ سۈزىنى بولدۈم .
-چۈشەندىم .ئۇيغۇرنى ۋە ئۇيغۇرلۇقنى جان –تەنلىرى بىلەن سۈيۈپ ھىمايە قىلىپ كەپتىلا .شۇنداق بولغاندىكىن. ئەنجان تەرەپكە كەتسىلىمۇ؟ ئۇيغۇرلار زىچ جايلاشقان ئالمۇتا ۋىلايىتىگە كۆچسىلىمۇ بۇلۇپتىكەن؟
-بوۋاينىڭ چىرايىدىن خىجىللىق ئىپادىسىنى كۆرمىدىم .بوۋاي شۇئان سۇئالىمغا جاۋاپ بىرىشكە ئالدىرىدى.
-بۇلارنى ئويلىمىدى دەمدىلا؟  70-يىلنىڭ كىرىشى بىلەن شۇ ئويلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىلەر تەرپكە باردىم .كۆڭلىم بەك ئېچىلدى.ئۇيغۇرلىرىم بار يەرنىڭ ھەممىسىنى ئارىلاپ چىقتىم .خۇشاللىق كۆپ بولدى .بىراق كۈڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىشلارمۇ بايقالدى ئۇكام
-نىمە ئىشلارنى بايقىدىڭىز تاغا؟
-تازا ئويلاپ كەلگەندە ئاغرىنىدىغانمۇ يېرى يوق. شۇنداقتىمۇ ئاڭلاپ باقسىلا.
-قېنى خوش.
-ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان يېزا ناھىيەلەردە گەپ يوق، ھەممە ئىش ئالمۇتا دىگەن يەردە بايقالدى. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلىرىمىز رۇسلىشىپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ؟راس ھازىر بۇيەردە رۇس تىلىنى بىلمىگەن ئادەمگە بەك قىيىن .ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە بۇ رۇس تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشى بەك كەڭ ،مۇتلەق كۆپ  ئالاقىلەر رۇس تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ياشايمەن دەيدىكەنسەن رۇس تىلىدا سۆزلىمەي ،يازماي ئامالىڭ يوق. شۇنداقتىمۇ بىز ئۇيغۇرلار ئۈلۈم دىگەن بىر نەرسىنى ئويلىمىساق زادى بولمايدۇ. جەسىدىمىز لەھەتكە كۆچكەندە "مىللىتىڭ نىمە ؟"دەپ سورايدىغان گەپ بارغۇ؟ شۇڭا ئۈزىمىزنى ئۈزىمىز ساقلىمىساق بۇ ئۇيغۇرنى كىم ساقلاپ بىرىدۇ؟ سىرتلاردا رۇس تىلىدا سۆزلىسەكمۇ ئۆيدە ئۈزىمىزنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىسەك كىم بىزنىڭ ئېغىزىمىزنى تۇۋاقلىيالايتتى....مۇشۇ ھەقتە بىر ئۇيغۇرۇمغا كۈيۈنۈپ سۆزلىسەم، ئۇ كىشىنىڭ كەيپى ئۇچتىمۇ ياكى مىجەزى شۇنداق ئوسالمۇ؟ شۇنچە تىرىكىپ كەتتى . "قايسى ئەسىر ئادىمى سىز؟"،"ھازىرقى زاماندا ئۇيغۇر تىلى بىلەن نىمە ئىشلارنى قىلالايسىز؟مەن ئۇيغۇر دەپ بېشىمىزغا مۇڭگۈز چىقتىمۇ؟" دىمەسما .مەن "ياق بۇرادەر ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ ئۈمىتسىز شەيتان .سۇ ئاققان سايلاردا يەنىمۇ سۇ ئېقىپ قالار "دىمەكچى بولدۇم-يۇ،ئۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلەشنىڭ بارى-بىر بۇلىدىغانلىغىنى چۈشۈنىپ گىپىمنى  ئىچىمگە يۈتتۈم .بۇلار بىرىنچى  گەپ .ئىككىنچى گەپ 1962-يىلى چىدىغۇسىز مىللى كەمسىتىشكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلىرىمىز "نىمە بولساق يەنىلا ئۇيغۇرلىرىمىز ،قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بۇلايلى "دەپ ،ئىلى ۋادىسىدىن بۇ تەەرپلەرگە كۈچۈپ چىققان ئىدى. بىراق بۇيەردىكى قېرىنداشلار ئۇلارنى چۈشەنمەستىن ،ئەكسىنچە ئۇلارنى"كەلگۈندىلەر"تەييارغا ئىگە بولغىلى چىققانلار"...دىگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىپ ئۇلارنىڭ ئەزەلدەن ھەسرەتلىك كۈڭۈللىرىگە ئازار بىرىشتى. خەيىر بۇمۇ بىر بەندىچىلىك ،ئۆيگە قايتىپ كەلدىم-دە ،ئالمۇتا تەرەپكە كۆچمەسلىكنى ئېيتتىم. بۇ گىپىمگە ھەممىدىن ئاۋال ماڭا ياتلىق بۇلىدىغاندا "ئۆمۈر بۇيى دىگىنىڭنى قىلىمەن، سەن نەدە بولساڭ مەنمۇ شۇ يەردە بۇلىمەن "دىگەن ئايالىم رازىلىق بۈلدۈردى. بالىلاردىنمۇ شۇ گەپنى ئاڭلىدىم. يۇرتداشلارغا خوشلىشىش چېيى راسلاپ "ئەتە يولغا چىقىمىز "دىگەن كۈنى ھويلىغا خۇلۇم خوشنا-يۇرتداشلار كىرىپ كىلىشىپ "بىزدىن نىمە يامانلىق كۆردۈڭ؟ ياخشى يامان كۈنلەرنى بىرگە ئۆتكۈزگەن ئەمەسمىدۇق؟ ئۇنىڭدىن باشقا سىنى بەك ئۇلۇقلايدىغان مۇنىرەخاننىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ ،ھەم سۈرگۈندە ئېغىر كۈنلەرنى بىرگە تارتقان كۆپلىگەن يۇرتداشلىرىڭنىڭ قەبرىسى مۇشۇ يەردە تۇرسا ،ئۇلارنى تاشلاپ قانداق چىدارسەن ؟ بەندە دىگەنگە كۆڭلى سۇ ئىچكەن يەر ئەزىز ئەمەسمۇ؟" دىيىشىپ رايىمىنى قايتۇرۇشتى. بېشىم قاتتى.مۇنىرە ۋەبالىلارمۇ مىنىڭ ئېغىزىمغا قاراپ ھېچنىمە دىيىشمىدى . تۇپراقتا ياتقانلارنى، يۇقارقى ئەھۋاللارنى ئويلاپ بۇ يەردە قالدىم .

     ئەينىدىن بوۋاينىڭ ھىكايىسى (3)
     بۇ شەھەردىكى ئىشىمنى تۈگۈتىپ قايتىدىغان كۈنى خوشلىشىش ئۈچۈن تەۋەككۈل تاغامنىڭ ئۈيىگە باردىم . مۇنىرە چوڭ ئانام گۆشلۈك قىلىپ پولو دۈملەپتۇ ئىشتاھا بىلەن يىيىشىتۇق ،چاي ئىچشتۇق .مومايمۇ بىر باھانە بىلەن سىرىتقا چىقىپ كەتتى. شۇئان تەۋەككۈل بوۋاي خېلى ئېغىر بىر خالتىنى ئېلىپ ئالدىمغا قويدى ؛
-خالتىدا ئالتۇن تەڭگىلەر بار ،-دىدى بوۋاي-سۈرگۈندە يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە چوڭقۇرلىغى بىر يېرىم مىتىر ئېرىق قېزىۋاتاتتىم. بىر چاغدا كەتمىنىمگە قاتتىق بىرنەرسە ئۇرۇلدى. دەرھال شۇ يەرنى كولىدىم .كۆپ ئۆتمەي ئىخچام بىر كوزا چىقتى. بۇ كوزىنى ئاچقان ئىدىم ،ئىچىدە لىق مۇشۇ ئالتۇن تەڭگىلەر قاچىلاقلىق ئىكەن .
شۇ پەيتتە ئەينى زامانلاردا چىڭگىزخان مۇشۇ جايلاردا لەشكەر تۇرغۇزغانلىغى يادىمغا كىلىپ بۇ ئالتۇنلارنى چىڭگىزخاننىڭ قول ئاستىدىكى بىر بىرەر لەشكەر باشلىغى ياكى بىرەر يەرلىك مۇلۈكدار يۈشۈرغاندۇ-دەپ ئويلىدىم.باشتا بۇ ئالتۇنلارنى ھۈكىمەتكە تاپشۇرماقچىمۇ بولدۇم.بىراق بۇ يەردە مەن ئىشىنىدىغان باشلىقلار يوق ئىدى. كىيىن بۇ ئالتۇنلارنى مۇشۇ خالتىغا قاچىلاپ ساقلىدىم.ئۆيلەنگەن چېغىمدىمۇ،ياكى بۇ ئولتۇراق ئۆيگە ئىگە بولغان چاغلىرىمدىمۇ خالتىنى يۇشۇرۇپ يۈردۈم. خەرخىل شىرىن ئېزىتقۇ خىياللارغا ئالدىنىپ يۈرمىسۇن –دەپ بۇ ھەقتە ئايالىم ،بالىلىرىمغىمۇ ھېچنىمە دىمىدىم. مانا مۇشۇ مىنۇتتا بۇ سىرنى بىرخۇدا بىر سىز بىر مەن بىلىپ تۇرۇپتىمىز .بۇ ئالتۇنلارنى بىر ئاماللار قىلىپ سىز ئېلىپ كىتىڭ.يۇلى چىقسا كىلىدىغان يىلى سىلەر تەرپكە ئۈتىمەن. ئۇنىڭغىچە بۇ ئالتۇنلارنى پۇلغا ئايلاندۇرۇپ قۇيارسىز. مەن بارغاندىن كىيىن ئۇ پۇللارنى ئۇيغۇرۇمغا پايدىلىق بىرەر ئىشقا ،ياكى ئۇيغۇرۇم ئىچىدىكى مۇھتاج بولغانلارغا ياردەم ئۈچۈن ئىشلىتەرمىز. بوۋاي بۇ گەپلەرنى ماڭا خۇددى بالىسىغا ئېيتىۋاتقاندەك خاتىرجەم ئىشەنچ بىلەن ئېيتماقتا ئىدى.مەن خالتىنى بوۋاينىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدۇم ؛
-تاغا ،سىلى بىلەن سىرداش بولغىنىمغا ئەمدىلا ئىككى ئۈچ كۈن بۇلىۋاتىدۇ.مىنىڭ ئوغرى ياكى توغرى ئادەم ئىكەنلىگىمنى تېخى بىلمەيدىلا .شۇنداق تۇرۇپ ماڭا قانداق ئىشىنىدىلا؟ بۇ گىپىم بوۋايغا ياقمىدى بولغاي ، بىر پەس شۈكلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتى. ئاندىن كۈزۈمگە تىكىلىپ قارىدى؛
-سىلىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكلىرىنى مۇنۇ كۆزلىرى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ. كۆز دىگەن ئەقىل بىلەن كۈزەتكۈچىگە ئادەمنىڭ قانداقلىغىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بىردىغان ئەينەك. بىز ئۇچراشقان مىنۇتلاردىن باشلاپ مىنى ئۆز ئاتىلىرى ئورنىدا كۆردىلە . بۇلۇپمۇ سىلىنىڭ ماڭا ئوخشاش  ئۇيغۇر ئۈچۈن يىغلاپ ئۇيغۇر ئۈچۈن كۈلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدىم .ماڭا مۇشۇلار كۇپايە. شۇڭا سىلى مەن ئىستىگەن ئادەمنىڭ دەل ئۈزى.
بوۋاي باشقا گەپ قىلماي ،خالتىنى قۇلۇمغا تۇتقۇزۇپ ئورنىدىن تۇردى-دە؛
-سەپەرلىرى ئامان ئىسەن بولسۇن ،سىلىگە ياراتقان ئاللاھ ئىگەم ياربولسۇن –دەپ مىنى يولغا سالدى.
چوڭ ئىشەنچ  ۋە مەجبۇرىيەتنى يۈدۈپ يۇرتقا قايتىپ كەلدىم .
     ئەمما قايتىپ كەلگەندىن كىيىن زادىلا خاتىرجەم بۇلالمىدىم .ئېلىپ كەلگەن ئالتۇنلار كىيىملىرىمنىڭ بىر يەرلىرىگە يۇشۇرۇنۇپ پەيتى كەلسە چاقىدىغان چاياندەك مىنى ۋەھىمىگە سالدى. ئارىدىن يېرىم يىلچە ئوتكەندىن كىيىن ئۈزەمنى بارا-بارا خاتىرجەم ھېس قىلىدىغان بولدۇم. شۇنىڭدىن كىيىن ئالتۇن سودىسى قىلىدىغان دۇكان ،زەرگەرخانىلەرگە قاتراپ يۈرۈپ ئازراق ئالتۇننى پۇلغا ئايلاندۇردۇم. باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە گۇمان پەيدا بۇلۇپ قالمىسۇن دەپ خوشنا شەھەرلەرگە بېرىپ بىر يىل ئىچىدە ئالتۇنلارنى پۇلغا ئايلامدۇرۇپ بولدۇم. ئالتۇنلار ناھايتى كۆپ نەق پۇلغا ئايلاندى. ئەمما تەۋەككۈل بوۋايدىن زادىلاخەۋەر بولمىدى. يەنە كۈتتۈم بوۋاينىڭ بۇياققا كىلىشىدىن يەنە خەۋەر يوق. ئاخىرى 1992-يىلى ئاۋغۇسستتا تەۋەككۈل بوۋاينى ئىزدەپ يەنە تىيۇمېن شەھرىگە باردىم .ھايال بولماي تەۋەككۈل بوۋاينىڭ ئۈيىگە يەتتىم.ئەپسۇس مىڭ نادامەتلەر بولغايكى تەۋەككۈل بوۋاي مۇشۇ يىل ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن .مۇنىرە چوڭ ئانام بولسا يېقىندىلا باھار كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئالەمدىن ئۈتۈپتۇ. بوۋاينىڭ ئوغلىنى ئېلىپ قەبرىستانلىققا چىقىپ مەرھۇملارنىڭ  روھىغا ئاتاپ دۇئا تىلاۋەت قىلدىم.
     يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن مائارىپ تارماقلىرى، يەرلىك ھۈكىمەتكە  ئىلتىماس قىلىپ ،كىلىشىپ مەكتەپ ،بالىلار باغچىسى ،ۋە رىستىران مېھمان خانە سېلىشقا يەر ئالدىم-دە قۇرۇلۇش قىلىشقا باشلىدۇق . مەكتەپ بالىلار باغچىسى، رىستىران ،مېھمانخانە قاتارلىق پۈتۈن قۇرۇلۇشلار بىر يېرىم يىل ئىچىدە پۈتۈپ ئۈرە بولدى. ئاشقان پۇلغا يەنە ئۇقۇغۇچىلار تاماقخانىسى ،رىستىران، يىمەك ئىچمەك تاللا دۇكىنى ئاچتۇق. ئىلىم سۈيەر، ئوقۇ ئۇقۇتۇش كەسپىگە پىششىق ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلارنى تەكلىپ قىلىپ جاي-جايلاردىكى بىلىم ئىرفانغا ،ھۈنەر كەسىپكە تەشنا بولغان پەرزەنىتلەرنى يىغىپ ئوقۇ-ئۇقۇتۇشنى باشلىۋەتتۇق. رىستۇران ،مېھمان خانە ،تاللا بازىرى دۇكىنىدىن كىرگەن كىرىم بىلەن ئوقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بىرىپ يەنە بالىلارنىڭ تاماق ،كىيىم كىچەك جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قامداۋاتىمىز. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ھەر دائىم تەۋەككۈل بوۋاينى ھۆرمەت بىلەن ئەسكە ئالىدۇ. ۋە ئۆز كۈڭۈللىرىدە كۆپ رەھمەتلەرنى ئېيتىشىدۇ .مۇخپىر ئۇكام ،سىلەر بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ساۋاپلىق كەسىپ ئىگىلىرى . تەۋەككۈل بوۋاينىڭ روھىنى خوش قىلىپ ، بۇ ئۇلۇق كىشى ھەققىدە بىرەر نەرسە يازىدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنچىم كامىل.
                            *                                              *                                
       ئەينىدىن بوۋاي بىلەن خوشلىشىپ ماڭغىنىمدا خېلىلا قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغان ئىدى. زەينىدىن مىنى بىنالارنىڭ كىچىلىك كۈرىنىشىدىن بەھىر ئالسۇن دىگەن چېغى ماشىنىسى بىلەن يەنە شۇ بىنا ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بىنالارنىڭ رەڭلىك چىراقلىرى ئەتراپنى ھەرخىل رەڭلىك نۇرىستان مەنزىرىسىگە   چۆمدۈرگەن ئىدى. ئاساسى بىنانىڭ ئۇستىدىكى "ئۇيغۇر "دىگەن يېزىق ئۆزگىچە نۇرلىنىپ تۇرۇپتۇ.گۇيا نۇرلىنىۋاتقىنى خەت ئەمەس ،بەلكى كۆزلىرى چاقنىغان، سىماسىدىن رەڭدار نۇرلار يېغىپ تۇرىدىغان تەۋەككۈل بوۋاي رازىمەنلىك بىلەن قەد كۈتىرىپ تۇرغاندەك كۈرۈنمەكتە ئىدى .بىنادىن ئايرىلىدىغاندا كەينىمگە قاراپ يىراقلاۋاتقان  بىناغا قىيالماسلىق بىلەن نەزەر سالدىم . بۇ چاغدا تەۋەككۈل بوۋاي تەبەسسۇم بىلەن "بالام ،بۇ يەرگە پات-پات كىلىپ تۇرۇڭ.بۇ يەردە سىزنى بارلىق ئۇيغۇرلارنى خوش قىلىدىغان يېڭىلىقلار بۇلۇپ تۇرۇدۇ "دەۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. شۇئان مەن "خاتىرجەم بۇلۇڭ بوۋا ،مەن بۇ يەرگە ھەردائىم كىلىپ تۇرىمەن .چۈنكى ئۇيغۇرلىغىم مىنىڭ پەخرىم "دەپ شىۋىرلىدىم ئىچىمدە .


ئەسلى مەنبە؛ http://uyguravazi.kz/?p=9877
باغداش مۇنبىرىدىن يۆتكەلدى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

دېۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-6 03:13:39 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇناجات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-6 11:24  

ماۋۇ تىمىغا كۆز يۇگۈرتۇپ بىقىڭلار دوسلار.












نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

13

تېما

154

يازما

1809

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129
يازما سانى:
154
تىللا:
1585
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
28 سائەت
ئاخىرقى:
2014-10-3

سادىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-12-7 05:21:18 | ئايرىم كۆرۈش
بۇرۇن بىر قېتىم كۆرگەن ئىدىم... ھەقىقەتەن ئېسىل تېمىكەن..........تۇنجى كۆرگەندە كۆزۈمگە ياش كەپ كەتكەن ئىدى........
تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت!!!  
تامچە سۇدا قۇياش نۇرىنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدۇ!

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-2-12 09:24:08 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازما بىزنى كۆرۈۋالمىسۇن دەپ يۇشۇرنىۋاپتۇ .ئەمەسمۇ؟ قېنى بىر كۆرەيچە تازاباشقىلار كۆرسەڭلار يىغلاپ سالماڭلار جۇمۇ........
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:06 , Processed in 0.136906 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش