ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 997|ئىنكاس: 34
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئوقۇغۇچى تىۋىشلىرى (2.سان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

نورۇز ۋە مەن
سائادەت ساتتار
سۈكۈت زىمىستانىنىڭ باغرىنى مۇلايىم بارماقلىرى بىلەن سىلىغان باش باھارنىڭ سالامىنى يەتكۈزىۋاتقان ئىللىق شامال قىرىق بىر تال ئۆرۈلگەن چاچلىرىنى سىيپاپ ئۆتكەندە سەبى قىزنىڭ شۇ تاپتىكى ناتىۋان تۇيغۇلىرىغا نىمە يەتسۇن؟ قېلىن دەرەخ پوستىنى زور غەيرەتتە يېرىپ چىققان رەڭگىگە تويۇنمىغان ئاجىز يوپۇرماقلار، كىشى قەلبىنىلا ئەمەس پۈتكۇل تەبىئەتنى لەرزىگە سالغۇچى چېچەكلەرنىڭ جەزبىگە ھەۋەس بىلەن باققان سەبى كۆزلەر باھاردەكلا گۈزەل! باھار دىمەك-يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشى، باھار دىمەك، كۈزدىكى مول-ھۇسۇلنىڭ نىشانى، باھار دىمەك، ھايات بېتىمىزنىڭ يېڭى بىر ۋارىقى، بۇ ۋاراقلارنى باھار ئايلىرىدا ئۈمىتتىن ئۇرۇق چېچپ مىننەتسىز ئەجىر بىلەن پەرۋىش قىلغانلار، تۇمۇز ئايلىرىنىڭ پىژغىرىنلىرىدا تاۋلىنىپ ئەجىر بېغىنى بېزىگەنلەر كۈزنىڭ بەرىكەتلىك ئايلىرىدا مەمنۇنىيەت تاغارلىرىغا بەركەت خامانلىرىنى يىغالىغانلار قان-تەرى بەدىلىگە كەشتىلەنگەن ئەڭ گۈزەل سۆرەتلەر، ئىسىل نەزمىلەر، باياشاتلىق كۈيلەر... بىلەن ئەڭ چىرايلىق بېزىيەلەيدۇ.
يېڭى كىيىمىنى بەس-بەستە تالىشىپ كىيىۋاتقان رەسىدە قىزلار كەبى نۇرلىنىۋاتقان باغۇ-بوستان، چىمەنزارلار، دىماقلارغا ئۇرۇلىۋاتقان ئۈرۈك چېچىكىنىڭ خۇشپۇراق ھىدلىرى، ئېتىز-ئېرىقلارغا شىلدىرلاپ قۇيۇلۇۋاتقان ئەگىز سۇلىرى، قاياقلاردىندۇر قايتىپ كىلىۋاتقان قارلىغاچلار، ھالال ئەجرىنىڭ مەنزىل-مەيدانىغا زور ئۈمىد ۋە ئىخلاس بىلەن بەس-بەستە قەدەم ئېلىۋاتقان، چېھرىدىن ساپلىق، ھالاللىق بالقىپ تۇرىدىغان دېھقانلار، چوكانتالدىن چاچ ئۆرۈپ سېلىۋاتقان شوخ قىزلار، تال چىۋىقنى ئات ئىتىپ، توپىلىق يوللارنى يالاڭئاياغلىرى بىلەن ئويغۇتۇپ، قىيغىتىپ كىلىۋاتقان سەبىيلەر... باھار كەلدى! باھار كەلدى! دەپ جار سالماقتا! شۇنداق، باھار كەلدى! ئۇ ھەممىمىزگە ھەر يىلىدىكى باھاردەكلا ئۈمىد ۋە ئارزۇ-ئارمانلارنى، ئىشەنچ ۋە ئىپتىخارلارنى تەكرار ئېلىپ كىلىۋاتىدۇ. يەنە قانچىلىغان ئۈمىدلەر كىلەر يىلقى باھارغا ئىلتىجا كۆزلىرى بىلەن باقاركىن؟!

ئاپئاق تاغلار سالدى چاپان خۇش نورۇز كەلدى،
مىسكىن باغلار كۈلدى لېۋەن خۇش نورۇز كەلدى.
تال چىۋىقنى ئات ئىتىشىپ ئوينايدىغانغا،
كەلدى باللا سالدى سۈرەن خۇش نورۇز كەلدى.


تەبەسسۇمدا كۈلەر ئەنە تارىم-زەرەپشان،
جۆر بولىدۇ سامالارغا شۇ تاپ يەر-ئاسمان،
نورۇز بىلەن ياشارماقتا قەلىبلەرمۇ ھەم،
ئۇيغۇر كۈلدى،جاھان كۈلدى خۇش نورۇز كەلدى.

يىلنىڭ بېشى،ئىشنىڭ بېشى جانلاندى ھەممە،
بۇلبۇل تاپقاچ گۈلشەنىنى قىلىدۇ نەغمە،
ياشارماقتا سەن بىلەن تەڭ دىللاردا ئارمان،
قىزلار كۈلدى، يىگىت كۈلدى خۇش نورۇز كەلدى.

نورۇز بىلەن بارچە خۇشال ئوينايدۇ ساما،
ئىشچان يىگىت بەسكە چۈشتى ئەمگەكتە يانا.
كەلسە نورۇز كۈلەر ئۇيغۇر شادلىنار دىللار،
ئېتىز كۈلدى،ئېقىن كۈلدى خۇش نورۇز كەلدى.

ھەي نورۇز، ھەي نورۇز گۈزەلسەن نورۇز،
ھەر بىر دىلغا ئۈمىتلەر بېرەرسەن نورۇز.
ھەي نورۇز، ھەي نورۇز گۈزەلسەن نورۇز،
ئۇيغۇر كۈلسە جۆر بولۇپ تەڭ كۈلەرسەن نورۇز.

مىكروفۇن ئالدىدا : تىلسىم ، ئاي بەرگى
قىتىۋىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە چۈشۈرۈپ ئاڭلاڭ :
بىز مەخسۇس ئاۋاز ئىلىش ئۆيىدە ئاۋازغا ئالالمىدۇق ،  ئىككىمىزنىڭ ئارلىقى يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن مۇڭداشقۇدا ئالدۇق ، شۇڭا بەزى يىتەرسىزلىكلەردىن خالى بولالماسلىقىمىز مۇمكىن ،  بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ تەنقىدى پىكىر بىرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈت قىلىمىز.

ئوقۇغۇچى ئاۋازلىق ئەسەر ئىشلەش گۇرۇپپىسى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1شۆھرەت +10 بايلىق +10 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
گۈلگۈن + 10 + 10 + 10 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-3-20 19:21:19 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-20 19:22  

نەچچە كۈندىن كۈندە قارايمەن مۇنبەرگە قاچان يوللىناركىن دەپ...بۈگۈن ئاخىر تۇلۇق ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بوپتىمەن.
راستىنى ئېيتسام ھازىر ئاڭلاپ ئاۋازغا ئېلىش جەريانىدىكى جاپالىرىمنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا بولۇپ قالدىم.
ئەمدى باشقا دوستلارنىڭ ئاڭلىغاندىن كېيىنكى ئىنكاسىنى ئاڭلايلى....
-------------------------------------------------------------
ما تىما نادىرلانسىغۇ ھاردۇقۇم بىراقلا چىقاتتىكەن
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-3-20 19:46:06 | ئايرىم كۆرۈش
ھازىرلا چۈشۈرۈپ ئاڭلايچۇ.....ئەجەپ ئاڭلىغۇمنى كەلتۈردى...
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-3-20 19:51:54 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاھ....تىلسىم...ئايبەرگى...رەھمەت سىلەرگە،  تاتلىق ئاۋازىڭلار بىلەن،  غەمكىن قەلىبلەرنى خۇش قىلغىنىڭلارغا....

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1بايلىق +1 يىغىش سەۋەبى
ئاي بەرگى + 1 رەھمەت

باھا خاتىرىسى

سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

21

تېما

687

يازما

4179

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 486
يازما سانى:
687
تىللا:
2757
تۆھپە:
210
جەۋھەر يازما:
7
توردا:
507 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىنادىر تىما مىدالىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-3-20 21:15:55 | ئايرىم كۆرۈش
باھارنىڭ يۈرەك سۆزلىرنى ئاڭلىغانمۇ!؟ بەلكىم شامالنىڭ شىلدىرلاشلىرى باھارنىڭ ئاۋازىكەن دەپ قالىمىز، بىراق، ھەييي، قاتتىق خاتالىشىپتۇق ئەمەسمۇ!؟ باھارنىڭ ئاۋازى بىزنىڭ ئوقۇغۇچى تىۋىشلىرى ىكەن ئەمەسمۇ!؟ تىلسىم بىلەن ئايبەرگى نىڭ ئاۋازى نىمىدىگەن يىقىملىق ھە!؟  باھار، نۇرۇز دەپ قولۇمنى پۇلاڭلاتتىم بۇ ئاۋازلارغا...
   
ئەسراغپۇرلا، كىشى ھاياجانلانسا سالام سەھەتنى ئۇنتۇپ قالامدۇ نىمە، ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم!
  نۇرۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

         
مۇبارەك بولسۇن،
  مۇبارەك بولسۇن،،،
مۇبارەك بولسۇنەي...
مۇبارەك بولسۇن!!!!
    (ئاھاڭغا ئۆزۈڭلار سېلىپ مۇزىكىسىنى چىلىۋالارسىلەر).

    ئىشقىلىپ، بىرلا ئىغىز گەپ، نىمە دېيىشىمنى زادىلا بىلەلمىدىم.
ئىلگىرى ئوقۇغۇچى تىۋىشلىرى بىرىنجى سانىنى كۆرگەن لىكىن ئاڭلىيالمىغان ئىدىم. بىراق بۇ ساننى ئاڭلاپ ئادەم دىگەن يامان نەرسىكەن جۇمۇ دەپ قالدىم.  ئاۋازمۇ كىشىنى مۇشۇنچىۋالا ھاياجانغا سالامدۇ دەيمەندە!؟ مۇشۇنچىلىك سىھرى كۈچى بولسا ھە ئاۋازنىڭ،! تىلسىمنىڭ بوم ئاۋازلىرى بىلەن ئايبەرگىنىڭ ئىنچىكە ئاۋازلىرى، ياق ئىشقىلىپ دەھشەت ياخشى چىقىپتۇ دەيمە. ( نىمە سەۋەبتىندۇر ئازراق شاۋقۇن بار ئىكەن.)
  دۇتتارىمنى چالىمەن،
    ئۇندىن ھوزۇر ئالىمەن،
     تىلسىم بىلەن ئايبەرگى ئاللا يائاللا....
      ئۆھۆ... ئاخىرى نىمىتتا ...
ھە، يەنە بولسا ئاڭلاۋىرمە چاۋاك چىلىپ، داقا دۇم ۋاي داقا دۇم.....
   
   دەھشەت ئاھاڭ جۇمۇ ماۋۇ دەپ قوياي.
  
ئاخىردا مۇنبىرىمزدە مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ۋە مۇشۇنداق ئەسەرلەرنىڭ داۋاملىق ئىشلىنىشىنى تولىمۇ ئۆمۈد قىلىمەن. ھەم سۈيۈملۈك ئاۋاز ئىگىلىرنىڭ تەنلىرگە ئامان، ئىشلىرغا ئاسانلىق تىلەيمەن.
  ئاش پىشقان ئوخشايدۇ، بېرىپ كىللى!!!
كاللىدا خىيال بولۇش كىرەككەن جۇما كىشى

7

تېما

124

يازما

1899

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 202
يازما سانى:
124
تىللا:
1367
تۆھپە:
130
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
90 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-31

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-3-20 21:17:17 | ئايرىم كۆرۈش
بەك سۈپەتلىك چىقىپتۇ، كەسپى رادىئو ئىستانسىلىرىدىكى دېكتورلارمۇ مۇشۇنداق قىلالا ھەرقانچە بولسىمۇ. ئەجىرىڭلارنى ئاللاھ بەرگەي رەھمەت سىلەرگە.
‏ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى.

7

تېما

124

يازما

1899

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 202
يازما سانى:
124
تىللا:
1367
تۆھپە:
130
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
90 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-31

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

7#
ۋاقتى: 2015-3-20 21:18:59 | ئايرىم كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2015-3-20 19:21
نەچچە كۈندىن كۈندە قارايمەن مۇنبەرگە قاچان يوللىناركى ...

ئاۋازىڭىز بەك يېقىملىقكەن. تىلسىم ئىنىممۇ بەك تەمكىن ئىشقىلىپ بەك ياخشى ئىشلەپسىلەر...
‏ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى.

4

تېما

120

يازما

506

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 704
يازما سانى:
120
تىللا:
386
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
43 سائەت
ئاخىرقى:
2015-5-20

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-3-20 21:54:25 | ئايرىم كۆرۈش
مۇنداق ئىش روزا ھىيت كەلگەندىمۇ بولامدۇ يا
ئىمزايىمدىن كۆزىڭىزنى ئۈزمەڭ سەل تۇرۇپ سىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ!

11

تېما

462

يازما

2233

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 692
يازما سانى:
462
تىللا:
1670
تۆھپە:
27
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
244 سائەت
ئاخىرقى:
2016-9-15

جانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-3-20 22:55:29 | ئايرىم كۆرۈش
ئاۋازىڭلارغا كۆز تەگمىسۇن ، دەت كەلمىسۇن قېرىنداشلىرىم . بەك ياخشى چىقىپتۇ ،بەك ياخشى ئىشلەپسىلەر ......


                   نەۋرۇز بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەيمەن .
قەلبىمدە بار تەنھا بىر قەبرە ، ھايات بىرسى قىلىنغان دەپنە

15

تېما

592

يازما

9087

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 20
يازما سانى:
592
تىللا:
4216
تۆھپە:
1320
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
185 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-13

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

10#
ۋاقتى: 2015-3-20 23:39:24 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مەن كومپىيوتېردا ئاڭلاي، تېلفۇندا ئاڭلىيالمىدىم ئەپسۇس……
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:03 , Processed in 0.130441 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش