ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 168|ئىنكاس: 7
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تولۇن ئاينى ئۈزۈپ بىرىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا

             مەلىكىگە  تولۇن ئاينى ئۈزۈپ بىرىش


پادىشاھنىڭ كەنجى مەلىكىسى بىتاپ بولۇپ قېلىپ، كېسىلىنى ساقايتىشقا ئوردا تىۋىپىمۇ ئامال قىلالماپتۇ.
پادىشاھ مەلىكە كېسەلدىن ساقىيالىسىلا ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.
مەلىكىنىڭ بولسا ئاسماندىكى ئاينى ئالغۇسى بار ئىكەن، شۇندىلا كېسىلىم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دەيدىكەن.


پادىشاھ باش ۋەزىرنى چاقىرتىپ ئامال قىلىپ مەلىكىگە ئاسماندىكى ئاينى ئېلىپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ. ۋەزىر:
-ئالىيلىرىنىڭ ھەر قانداق يارلىقىنى تىك تاغقا چىقىپ، ئوت دېڭىزغا چۈشۈپ بولسىمۇ بەجا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمەن. ئۆلۈمدىنمۇ باش تارتمايمەن. ئەمما ئەرزىمەس ۋەزىرلىرى ئاينى ئېلىپ چۈشۈشكە ھەقىقەتەن ئامالسىزمەن. بىلىشىمچە ئاي بەكمۇ چوڭ، ھەتتا مەلىكە ئالىيلىرىنىڭ ھوجرىسىدىنمۇ چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر شارىدىن 60 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتا، سىرتقى يۈزى مىستىن بولۇپ، تېمپېراتۇرىسىمۇ يۇقىرى، ھېچكىم ئۇنى تۇتالمايدۇ،-دەپتۇ.
پادىشاھ ۋەزىرلىرى ئىچىدىن ئەڭ بىلىملىك سانىغان دانىشمەن ۋەزىرىنى ئالدىغا چاقىرتىپ كېلىپ ئاسماندىكى ئاينى ئېلىپ چۈشۈشكە ئامال قىلىشىنى ئېيتىپتۇ.

-ئالىيلىرى،-دەپتۇ دانا ۋەزىر،- پېقىر يارلىقلىرىنى كېچە-كۈندۈز ئۇخلىماستىن، تاماق يىمەستىن بەجا كەلتۈرسەم، باش تارتمىسام بولاتتى. ئەمما ئاينى ئېلىپ چۈشۈشكە ھەقىقەتەن ئامالىم يوق. بىلىشىمچە، ئاي ئالىيلىرىنىڭ پادىشاھلىق دۆلىتىدىنمۇ چوڭ، يەر شارىدىن 500 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتا، تاشپاختىدىن تۈزۈلگەن شارسىمان جىسىم، ئۇ ئاسمانغا بېكىتىۋېتىلگەن، ھېچكىم مىدىرلىتالمايدۇ.
پادىشاھ دانا دەپ بىلگەن ھەممە كىشىسىدىن سوراپ كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما بىرەرىمۇ ئاينى ئالالايمىز دىيەلمەپتۇ. پادىشاھنىڭ بېشى قېتىپ، ئاخىرى ئوردا قىزىقچىسىنى چاقىرتىپ  ئىچ-پۇشۇقىنى چىقارماقچى بوپتۇ. ھەزىلكەش پادىشاھنىڭ باش قېتىقچىلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندىن كېيىن:
-ئالىيلىرى دىققەت قىلدىلىمىكىن، ۋەزىر ۋە دانىشمەنلەر تەسۋىرلىگەن تولۇن ئاي بىر بىرىگە پەقەت ئوخشىمايدىكەن. شۇڭا مەلىكىمىز دەۋاتقان تولۇن ئاينىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆزىدىن سوراپ باقساق قانداق دەيلىكىن-دەپتۇ.
پادىشاھنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، ئوردا قىزىقچىسى مەلىكىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپتۇ. مەلىكە زەئىپ ئاۋازى بىلەن ھەزىلكەشتىن «ئاينى ئېلىپ كەلدىڭىزمۇ» دەپ سوراپتۇ.

-ئاينى چوقۇم ئېلىپ كېلىمەن، ئەمما مەلىكە ئالىيلىرى دەۋاتقان ئاي زادى قانچىلىك چوڭلۇقتا؟- دەپ سوراپتۇ.
- ئاي مېنىڭ تىرنىقىمچىلىك چوڭلۇقتىمىكىن، چۈنكى ئايغا بارماقلىرىمنى شۇنداق سۇنسام تىرنىقىم ئۇنى توسۇپ قالالايدۇ،-دەپتۇ مەلىكە.
ھەزىلكەش يەنە مەلىكىدىن ئاينىڭ ئۆزىدىن قانچىلىك يىراقتا ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ.
مەلىكە«دېرىزە ئالدىدىكى دەرەخ شاخچىسىچىلىك ئارىلىقتا بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئاي دائىم دەرەخ ئۇچىدا ئېسىقلىق تۇراتتى»دەپتۇ. ھەزىلكەش:
-ئاي نېمىدىن ياسالغان بۇلغىدى؟-دەپ سوراپتۇ.
مەلىكە قىلچە ئويلانمايلا:
- ئەلۋەتتە كۈمۈشتىن ياسالغان-دە،-دەپتۇ.

ھەزىلكەش ئوردىدىكى كاسىپقا تىرناقچىلىق كەلگۈدەك «ئاي»دىن بىر مىدالىيون ياسىتىپ مەلىكىگە ئېسىپ قويۇپتۇ. مەلىكە بەكمۇ خوشال بوپتۇ ۋە كېسىلىدىمۇ خېلىلا ياخشىلىنىش بوپتۇ. ئىككىنچى كۈنى مەلىكە كارىۋاتتىن چۈشۈپ، سەكرەپ-تاقلاپ ئوردا ئىچىدە ئويناپ يۈرۈپتۇ.
پادىشاھ مەلىكىنىڭ كېسىلىنىڭ ياخشى بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ بەك خۇشال بوپتۇ، ئەمما سەلدىن كېيىن يەنە قايغۇرۇشقا باشلاپتۇ. ئۇ كەچتە ئاسماندا يەنە تولۇن ئاي پەيدا بولۇپ، مەلىكە كۆرۈپ قالسا بوينىغا ئېسىۋالغان تولۇن ئاينىڭ راست ئەمەسلىكىنى بىلىپ بىئارام بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپتۇ.
پادىشاھ باش ۋەزىرىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئامال قىلىپ مەلىكىگە ئاسماندىكى ئاينى كۆرسەتمەسلىك كېرەكلىكىنى ئېيتىپتۇ. ۋەزىر «مەلىكىنىڭ كۆزىنى تېڭىپ قويساقلا ئۇ ئاينى كۆرەلمەيدۇ» دەپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭغا ئالايغىنىچە« مەلىكىنىڭ كۆزىنى ئېتىپ قويساڭ ئۇ ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنىمۇ كۆرەلمەي، تېخىمۇ قايغۇرۇپ كەتمەمدۇ» دەپتۇ.

پادىشاھ يەنە ھېلىقى دانىشمەن ۋەزىرىنى چاقىرتىپ كېلىپ ئوخشاش يارلىقنى چۈشۈرۈپتۇ.
- كەچتە مەلىكىنىڭ ھۇجرىسى ئەتراپىدا ساليۇت ئېتىپ، ئاسماننى كۈندۈزدەك يورۇتىۋەتسەك، مەلىكە ئاينى كۆرەلمەيدۇ،- دەپتۇ دانىشمەن ۋەزىر.
- ئۇنداق قىلساڭ مەلىكە خاتىرجەم ئۇخلىيالامدۇ يوق،- دەپتۇ پادىشاھ دەرغەزەپ بىلەن.
پادىشاھ ئوردىدىكى ھەممەيلەندىن سوراپ كۆرگەن بولسىمۇ،  ھېچكىم ھەم مەلىكىنى بىئارام قىلمايدىغان ھەم ئاينى كۆرەلمەيدىغان بىرەر ئامالنى تاپالماپتۇ. قاراڭغۇ چۈشۈشكە ئاز قالغاندا بېشى تازا قاتقان پادىشاھ ئوردا قىزىقچىسىنى چاقىرتىپتۇ. ئوردا قىزىقچىسى پادىشاھنىڭ قايغۇسىنى بىلگەندىن كېيىن:

- بىز نېمىشقا بۇ ئىشنى مەلىكىنىڭ ئۆزىدىن سوراپ كۆرمەيمىز، قېنى ئۇنىڭ چۈشەنچىسى قانداقكىن،- دېگىنىچە مەلىكىنىڭ ھۇجرىسىغا قاراپ مېڭىپتۇ، پادىشاھمۇ ئۇنى توسۇپ قېلىشقا ئۈلگۈرەلمەپتۇ. كەنجى مەلىكە دېرىزە تەكچىسىگە چىقىۋېلىپ ئاسماندىكى ئاينى تاماشا قىلىۋاتقان ئىكەن. ھەزىلكەش مەلىكىدىن:
- تولۇن ئاي مەلىكىنىڭ بوينىدا ئېسىقلىق تۇرسا، يەنە نېمە دەپ ئاسماندا پەيدا بولۇپ قالغاندۇ؟- دەپ سوراپتۇ.
مەلىكە ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ، كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە:
- بۇ بىر ئەخمىقانە سوئال بولدى. ساىز بىلمەمسىز؟ مېنىڭ چىشىم چۈشۈپ كېتىۋىدى، ئورنىغا يەنە يېڭىسى ئۆسۈپ چىقتى،- دەپتۇ.
ھەزىلكەشمۇ كۈلۈپ كېتىپ «توغرا دەيسىز، بۇغا مۈڭگۈزىمۇ چۈشۈپ كەتسە يەنە يېڭى مۈڭگۈز چىقىدۇ» دەپتۇ.
- شۇنداق،- دەپتۇ مەلىكە،- گۈللۈكتىكى گۈللەرنى ئۈزىۋالساقمۇ يەنە يېڭىسى ئۈنۈپ چىقىدۇ ئەمەسمۇ.
- بىر كۈن ئۆتۈپ كەتسە، يەنە بىر كۈن كېلىدۇ،- دەپتۇ ھەزىلكەش.
- شۇڭا ئايمۇ ئوخشاش،- دەپتۇ مەلىكە.

ھەزىلكەش خۇشال ھالدا پادىشاھقا خوش خەۋەر يەتكۈزگىلى مېڭىپتۇ.


ھېكمەت:  نۇرغۇن ئىشلاردا بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قورقۇتىمىز، ئەمما ئىشلار بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىلىك مۇرەككەپمۇ ئەمەس، چۈنكى سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى تولۇن ئاي بىلەن باشقىلارنىڭ قەلبىدىكىسى ئوخشاش ئەمەستە.

   خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى-
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

دېۋان
ۋاقتى: 2016-10-4 16:50:26 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ھىكمەت ئالغاچ كەلگىنىڭىزدىن خيرسەنمىز .  ئۆزۈمدىكى بىر يىتەرسىزلىكىمنى تونىۋالدىن . رەھمەت .

17

تېما

444

يازما

2648

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 64
يازما سانى:
444
تىللا:
2073
تۆھپە:
42
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
67 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-9
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-10-4 18:48:04 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئۆزگىچە تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇقۇشلۇق ئىكەن،رەھمەت
سەن ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن ئەمما سەن ئۈچۈن ئۆلۈپ بېرەلمەيمەن

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-10-5 19:24:23 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بەك ئامراقتىم بۇ ھېكايىگە.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

6

تېما

34

يازما

250

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 964
يازما سانى:
34
تىللا:
126
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
17 سائەت
ئاخىرقى:
2016-10-7
5#
ۋاقتى: 2016-10-7 16:10:14 | ئايرىم كۆرۈش
‹‹مەلىكىگە  تولۇن ئاينى ئۈزۈپ بىرىش›› ناملىق بۇ ھېكايە ھەقىقەتەنمۇ ياخشىكەن

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

6#
ۋاقتى: 2016-10-8 17:35:29 | ئايرىم كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك ، تەربىيىلىك تېما ئېكەن ، رەھمەت سىزگە . بەزى كىشىلەر ھەتتا ئۆزىنىڭ كۆلەڭگىسىدىنمۇ قورقۇپ جۈرئەتلىك ياشالمايدۇ . تەۋەككۈل قىلىشمۇ بەزىدە ئويلىمىغان يەردىن .بەخت -ئامەت  ئېلىپ كىلىدۇ

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2016-10-9 13:34:58 | ئايرىم كۆرۈش
پايدىلانغۇدەك قىممىتى بار ياخشى تېمىنى ئېلىپ كەلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.يەنە مۇشۇنداق ياخشى تېمىلار بىلەن ئۇچراشتۇرسىڭىز دەيمەن.
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2016-10-12 00:45:22 | ئايرىم كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىما بىلەن ئۇچرشتۇرغىنىڭىزغا تەشەككۈر ،
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:25 , Processed in 0.135304 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش