مەن سۈكۈت قىلدىم،ئازابىمنى سەن ئاڭلات دۇنياغا
ئۇزۇن چاچلىق ئوتلاردا كۈل بولدى خىيالىم ،
قايسى شاخقا ئېسىلدىم ئۈششۈدى ياپراقلىرىم .
كۈز پەسلى چۈشەر سايەمگە ،
مېنىڭ بۇ بوينۇم ئەي ھايات ، بەئەينى بىر تۈپ تەۋرەنگەن دەرەخ .
مەن ئېسىلغان شاخلار سۇنۇق ، مەن چۈشكەن يوللار توسۇق .
قايانغا بۇرۇلسام ساراڭ شامال مەستلىكى ، قايانغا قايرىلسام تىك قىيا بوشلۇقى .
پۈتۈن پەسىللەر كۈز ، پۈتۈن ئايرىلىشلار قار ،
كۈلكىلەر يېتىم ، سۇندىغۇ خىيال ، چۈشلىرىم يېتىم ،
كەلمە ئەي يار ! ئەي سەۋدا پەسلىنىڭ يىپەك چاچلىق قىزى ، گۈلباھار !
كەلمە ! قۇرىدى يولۇڭغا تىككەن ئورمان ياڭىقى.
مەن يىراق تاغ باغرىدىكى ماي چېچىكىمەن ھۈپپىدە ئېچىلغان ،
ھەربىر ھېدلاش سانجىق ، ھەر بىر تۇتۇش بىر ئازاب .
ھەسرەت بۇلۇتلىرى كۆزلىرىمدە تۇمان-تۇمان ،
ئىس – تۈتەك بوپ يىپىشىمەن قىيالارغا ھەر كېچە .
بورانلارغا ئېسىلىمەن ، كوچىلارغا ياپراق تۆكىمەن ،
يوشۇرساممۇ ئايرىلىشنى كىرپىكىمدە ،
پىچاق بولۇپ يۈرىكىمگە سانجىلار ھەر تامچە .
ئاشكارىلىدىم سۆيگۈمنى يورۇق يۇلتۇزغا ،
ئاڭلاتتىم سېغىنىشىمنى ئېقىن سۇلارغا .
كىرپىكىمدىن ساقىغان ئەگىز ئېچىشتۇرار يۈرەكنى ،
ئولتۇرۇپ يىغلايمۇ ئەمدى ئاپرىل يامغۇرى كەبى ؟
كەلمە ئەي يار ! ئەي يارىدار پەسىللەرنىڭ يامغۇر چاچلىق قىزى گۈلباھار !
كەلمە ! چىرىدى ئىچىمدە چوڭ بولغان نازۇك چېچەك .
ئېيتقىنە ئەي شامال ، يوشۇرارمۇ يارامنى تىك قىيالار ؟
كۈز پەسلىدە يىغلارمۇ دەرەخ ۋە شاخلار؟
ئۈزۈلۈپ چۈشتۈم ھاياتتىن تۆكۈلگەندەك ياپراقلار .
يېشىلدىم ، تارقالدىم ، ئۈششۈدۈم .
قايانغا قايرىلسام كۈز ، قايانغا بارسام تىك قىيا ،
ئەمدى بېشىمدا قار ، شېغىمدا شامال .
كەلمە ئەي يار ! ئەي مەجنۇن پەسىللەرنىڭ يالغۇز قىزى گۈلباھار !
كەلمە ! ئۆچۈرۈلدى سەن ئۈچۈن يېزىلغان داستان .
تۆت ئەتراپىم رىيا ، تۆت ئەتراپىم خىيانەت ،
بىر پەسكەشلك قاپلىدى مېنى ، توختىمايدۇ ئىچىمدىكى قىيامەت .
سۈكۈت قىلىش قېيداش بولسا ، ئۇنداقتا مەنمۇ سۈكۈت قىلدىم ئەي ھايات .
بىر چۆلدىكى تاغ كەبى سۈكۈت قىلدىم ،
بىر يېتىمنىڭ سۇنغان نىگاھلىرىدا سۈكۈت قىلدىم .
سۈكۈتلىرىم ئاقماقتا يارىدار دېڭىزغا .
كەلمە ئەي يار ! ئەي قارلىق تاغلارنىڭ ، يېراق پورتلارنىڭ يالغۇز قىزى گۈلباھار !
كەلمە ! ھېچكىم ئۈن چىقارمايدۇ ، ئاللىبۇرۇن ئۇنۇتۇلدى سەن ئۈچۈن يازغان ناخشىلار .
كەلسەڭ ھەسرىتىمگە كەل ، سېغىنىشىمغا كەل .
ئال ، كۆڭسۈڭگە باس مېنى ، ئازابلىرىڭغا قات مېنى !
مەن سۈكۈت قىلدىم ، سەن ئاڭلات دۇنياغا ئازابلىرىمنى .
ئەي ھايات ، قۇچاقلا مېنى ! قەلبىمنىڭ سۇنۇقلىرىنى چاڭگىلىمغا ئېلىپ ،
كەتسەمكەن بۇ شەھەردىن ،
سېغىنىش يەكسان بولامدۇ ؟
بىر ياز گۈلى شېخىدا توڭلامدۇ ؟
سۆيگۈ ئۈچۈن يۈرىكىمنى قاناتقاننى كىم بىلىدۇ ؟
كىرپىكىدە باھار يوشۇرغان قېرى بالىمەن ،
چۈشلەرنىڭ يامغۇردا ھۆل بولغان گۈللىرىمەن ،
مەن يىغلاي دېگەن ھەر ساھىلدا بىر لەيلەك ئۆلەر ،
خاپىلىق شئېر ئاتار خىيالىرىمغا ،
تىگىپ ئۆتەر قوللىرىم خىيانەت شاماللىرىغا .
ئىچىمدىكى بۇلاق قۇرىدى ،
پۈتۈن ياپراقلار سۇلدى ،
ھەسرەت پۇرايدۇ گۈللىرىم ،
قايسى يامغۇرنى خوش قىلساڭ قىلغىن ،
ياشارمايدۇ ئەمدى ئوت كەتكەن شۇ يەرلىرىم .
سۆيگۈم قېيدىدى ،
كىم تىڭشايتى سادالىرىنى يارىلانغان شۇ يۈرەكىمنىڭ ؟
ئاھۇلار ئېتىلغان بىر تاغ چوقىسىمەن ،
مامكاپلار قۇرىغان كەچكى شەپەقمەن ،
كۈلكىنى قۇرىتىمەن كۈز لەۋلىرىدە ،
كەتكەن كەلمىدى ۋاز كەچتى شۇ شەپەقلەر .
بىر دەھشەت ئازاپقا مۇپتىلامەنكى ،
ئۈستۈمدە داتلاشقان سۇنۇق پىچاق ،
40 يېرىمدىن مەن ھەم سۇنۇقمەن .
ئوۋچىلار ئوۋلىدى كىچىك جانىۋارلىرىمنى ،
ئازاپلار تۈنىدى خۇشاللىق قوناقخانىسىدا ،
كەتكەن كەلمىدى ۋاز كەچتى پەسىل ،
بىر گۈلمۇ قالمىدى ئۆمرۈمنىڭ شۇ بوز دالىسىدا ،
يالغۇزلۇقنىڭ ئەڭ يالغۇز قىش پەسلىدىمەن ،
يۇلتۇز ساقلىساممۇ ئوقيا كىرپىكلىرىمدە ،
بەدىنىمدە مۇز شامال ئوينار ھەر كېچە .
خەرىتىسى يىرتىلغان بىر يولۇچىمەن ،
باسقان يوللىرىم تۇمانۇ – تۇمان .
قالدىم بىر قىيانىڭ چوقىسىدا ،
مۇزلىرىم ، ئەي ھايات ، قۇچاقلا مېنى !
كۆك قاناتلىرىڭنىڭ ئاستىغا ئال مېنى .
دالدىلىناي سۆيگۈنىڭ ئىللىق ئىقلىمىدا . 
سۇلغۇن بىر گۈل كەبى سۈكۈت قىلدىمسەن يوق ئېدىڭ ،
سۈكۈت قىلدىم ،
سۈكۈت قىلىش قېيداش بولسا مانا سۈكۈت قىلدىم ،
سۇلغۇن بىر گۈل كەبى ، ئادەمسىز بىر چۆل كەبى.
يولۇچىمەن ، يېراق بەكمۇ يېراقتىن كەلدىم ،
چارچىدىم ، قوللىرىم قۇرۇق ، بوينۇم پۈكۈك .
كۆز يېشى تولغان خورجۇنۇمغا ،
يۈرىكىمنىلا ئېلىپ كەلدىم ساڭا ،
ئايرىلىش ئازابىدىن ئۆتمە – تۆشۈك بوپ كەتكەن شۇ يۈرىكىمنى ،
باشقا ئەكەلگۈدەك نەرسەممىغۇ يوقتى .
شاخلىرىمدا كۈز ناخشىسى ، قوينۇمدا چوغ ،
سېنى ئىزدىدىم كەنتنىڭ تار كوچىلىرىدىن ،
يالغۇز ، ھارغىن ۋە يارىدار ھالدا .
سەن يوق ئېدىڭ ،
مۇزلىغانسىرى ئۇزاپ كەتتى يوقلۇقۇڭ .
قايسى بالىدىن سورىدىم ، يىغلىدى .
قايسى بۇلاقتىن سورىدىم ، چايقىلىپ كەتتى .
قايسى گۈلدىن سورىدۇم ، بوينىنى ئەگدى .
قايسى دەرەختىن سورىدىم ، يوپۇرماق تۆكتى .
مەن يوشۇرىۋالغان قۇشلارمۇ ئۇچتى كەتتى ،
يالغۇزلا قالدىم بىر بېشىمغا .
سەن گويا يېتىم بىر گۈللۈكتە ھايات غۇنچىسىسەن ،
گۈللەرنىڭ نازۇكىسەن ، كۆڭلۈمنىڭ قىيدامچۇقىسەن .
پۈتۈن كۈن سېنى ئىزدىدىم ،
ھارغىن ، يارىدار ۋە ئازابلىق بىر شامال كەبى ،
كەزدىم پۈتۈن كوچىلارنى .
سەن يوق ئېدىڭ ،
بۇلاقلاردىن سورىدىم ، ئېقىپ كېتىشتى .
يۇلتۇزلاردىن سورىدىم ، ئۆچۈپ كېتىشتى .
تاماكامنى كۈچەپ شوراپ پۈۋلىدىم كۆككە ،
ياپراق – ياپراق كۈز پەسلى مېنى قاپلىدى .
ئاندىن ئاستا-ئاستا شۇڭغىدى شۇ ئازابلار ئىچىمگە .
سەندىن يا بىر سادا يا بىر نەپەس كەلمىدى .
كوچا بالىلىرغا ئاڭلاتتىم سېنى ،
قېرى بىر تىلەمچى بىلەن ئورتاقلاشتىم سۆيگۈمنى ،
ھەسرىتىمنى بىر گۈلنىڭ كۆك كۆزىگە تاشلىدىم بوينىنى ئەگدى .
كۈلۈشۈڭنى ، كۆزلىرىڭنى ، ئاۋازىڭنى تاقاپ قولۇمغا ،
بىز ۋىدالاشقان شۇ بىكەتتە ئوقۇدۇم شېئىرلار ،
ئەقلىنى يوقاتتى ، ساراڭ بولدى _ دېيىشتى كىشلەر .
ئىچ ئاغرىتىپ قارايتى ھەممە ،
ئاندىن يىغلاشتىن چارچىغان كۆزلىرىمنى ،
قارا پويىزغا قول ياغلىق پۇلاڭشىتىپ ،
يېتىشەلمەيدىغان يىراقلارغا يولۇچى قىلدىم .
بىر ۋاگونىغا قۇلۇپلاپ تۇيغۇلىرىمنى ،
بىر ئاھ ئەيلەپ لەۋلىرىمگە جىمجىتقىنا سۈكۈت قىلدىم .
ئۇنتۇلغان ئېگىسىز ناخشىلار كەبى ،
قانچىلىك سۈكۈت قىلالىسام شۇنچىلىك قىلدىم .
مەن شۇنى ئىستەيمەنكى : يۈرىكىڭ تۇرغان يەر، يۈرىكىم سوقۇشتىن توختىغان يەر بولسۇن !
بىر گۈللۈككە كۆمۈڭلارمەن ئۆلگەندە مەن سۆيگەن ھايات،
بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدىكى رىۋايەت كەبى.
باستۇرۇپ كېلىپ ئىپ كەتتى ئۆمرۈمنى،
بەزىدە يىغلىغان كۆزلەردىكى.
ساقىغان كۆز يېشى كەبى يالغۇزمەن
يا ھايات مېنى چۈشەنمىدى يا مەن ھاياتنى
يامغۇرغا كۆمىۋىتىڭ مېنى ئۆلگەن چېغىمدا
سۇنۇق كۈلكەمنى سوغۇق ئۇرماستا
لىۋىمدىكى شئېر چېچىلماستا
قەلبىمدىكى سۆسۈن رۇخسار يىرتىلماستا
شاماللارغا ،باھارلارغا گۈللەرگە كۆمۈڭ مېنى
باھار كەلگەندە،ئۈمىدلەر ياشارغاندا
پاختەكلەر گىرەلەشكەندە
تۈكى تەتۈر ئۆرۈلگەن ياپراقنى بىر شامال سۆيگەندە.
كۆزلىرىمدە باردۇر شئېر يارىسى
قەلبىم گوياكى يەرنىڭ تەۋرىشى
ھاياتنىڭ ئەڭ نازۇك،نەپىس يېرىدە
قايسى گۈلگە قول ئۇزاتسام
سانجىلار ئۈمۈدىمگە تىكەن يارىسى
بىر سەبىينىڭ تەبەسسۇمىغا كۆمۈڭ مېنى
ئۇچسۇن ئۇنىڭ لەگلەكلىرىدە قانىتى سۇنۇق كۈلۈشلىرىم
بىر ياش قىزنىڭ چۈشىگە.بىر لەيلەكنىڭ پەرۋازىغا
سۆيگۈ يۆگىكىگە يۆگەڭ مېنى كۆزلىرىمنى يۇمدۇرۇپ
توڭلىمىسۇن يۈرىكىمدىكى ئاجىز ھېسلىرىم
بىر گۈلزارلىققا كۆمۈڭ مېنى ئۆلگەندە
بىر گۈلنىڭ رەڭگىگە،بىر ناخشىنىڭ ئاھاڭىغا
بىر كۈز باغچىسى كەبى سولماستىن بۇ قەلبىم
يېتىم مامكاپ كەبى بوينۇمنى ئەگمەستە
بىر بۇلبۇلنىڭ ناۋاسىغا كۆمۈڭ مېنى كۆزلىرىمنى يۇمدۇرۇپ
بىزنىڭ باغۋەن ئۆلگىنىمنى سەزمەستە
باھار پۇراقلىق سەھەرلەرگە كۆمۈڭ مېنى كۆزلىرىمنى يۇمدۇرۇپ
كۆك سۇنىڭ ئېقىشىدا،بىر گۈلنىڭ پۇرىقىدا جەسىدىمنى يۇيدۇرۇپ
ياتقۇزۇڭ خىياللىرىمنى سۆرۈن چىملارغا
توختىماستىن ناخشا ئىيتسۇن ،شئېر ئوقۇسۇن بۇ قەلبىم تۈن ۋە تاڭلارغا
كۆك ئاسمان ۋە قۇياشنى،نۇر يۇلتۇز ۋە يېشىل ئۈمىدنى
بېرىۋىتىڭ خۇش بولسۇن جېمى بالىلارغا
بىر تاغ چوقىسىغا كۆمۈڭ مېنى كۆزلىرىمنى يۇمدۇرۇپ
بۇلغانماستا ئېچىمدىكى قارنىڭ ئاقلىقى
جىمىماستا كۆڭلۈمدىكى سۇ قۇشلىرى
يىرتىلماستا لىۋىمدىكى رۇخسار گۈلى
يۈرەك سوقۇشلىرىغا،يۈرەك يالقۇنلىرىغا
بىر دادا ھەم ئانىنىڭ كۆز ياشلىرىغا
بىر گۆدەك بالىنىڭ چاڭگاللىرىغا
كۆمۈۋىتىڭ مېنى ئۆلگەن چېغىمدا
قەلبىمگىلا كۆمۈۋىتىڭ ئازابلىرىمنى.
ئۆلۈم ئۇنى سەزمىگەن چاغدا
باھار پۇراقلىق سەھەرگە كۆمۈڭ مېنى ،قۇشلار ئۇچقاندا
يۇيۇڭ مېنى بىر سۇنىڭ ئېقىنىدا بىر گۈلنىڭ ھېدىدە
شاماللار قاينىمىغا كۆمۈڭ شئېرىمنى،كۆزلىرىمنى يۇمدۇرۇپ
خىياللىرىمنى ياتقۇزۇڭ سۆرۈن چىملىق ئۈستىگە
تىنماي ناخشا ئېيتسۇن ،شئېر ئوقۇسۇن بۇ قەلبىم ئاتاپ باھارغا
سۈكۈت قىلدىم ھەممە ئادەم قىلىشقان پارىڭىنى يازىدۇ،مەن بولسام سۈكۈتلىرىمنى يازىمەن.
ھەركىم سۆزلىشىۋاتقان بۇ دۇنيادا پەقەت مەن سۈكۈت قىلدىم
،قانچىلىك سۈكۈت قىلالىسام شۇنچىلىك سۈكۈت قىلدىم.
سۈكۈت قىلدىم ھىچكىم تۇيمىدى.ئۆزۈم بىلەن مۇڭداشماقتىمەن ئەمدى يالغۇز.
پەقەت يۈرىكىم بىلەن ئىپادىلەۋاتىمەن تىۋىشلىرىمنى،
ھىچكىم تۇيمايدۇ،بىلمەيدۇ.
سۈكۈت قىلدىم،سۈكۈت قىلدى لەۋلىرىمدىكى كۈي،كۆزۈمدىكى شېئىر،يارامنى سىيپاپ ئۆتكەن شامال.
پەقەت كۆزلىرىم سۆزلىمەكتە.
بىر ئاھ چىكىش بىلەن تەڭ جىمىدىم، سۈكۈت قىلدىم
،قانچىلىك جىم تۇرالىسام،سۈكۈت قىلالىسام شۇنچىلىق قىلدىم.
سۈكۈت قىلدى مەن بىلەن دېڭىز،سۈكۈت قىلدى تاغ.ئۈمىدلىرىمنى ھەر كېچەشاماللارغا يۆگەپ تەلپۈنىمەن ،
ھېچكىم كۆرمىدى كۆرەلمەيدۇ ،
چېچى ئاقارغان خىياللار،نەملەنگەن كىرپىكلەر …يەنە….ھېچكىم كۆرمەيدۇ.
كۆكتە چاقماق بولۇپ غەزەپ بىلەن چاقنايمەن،ھېچكىم كۆرمەيدۇ.
سۈكۈت قىلدىم، يارىلىرىمغا تۇزبېسىپ.
سۈكۈت قىلدىم،ئىچىمدىكى ۋولقانلارنى دەرۋىش كەبى تەنھالىقنىڭ تېمىغا ئۇرۇپ.
كوچىلارغا گۈل تۆكتۈم،ھېچكىم كۆرمىدى،ھچكىم پۇرىمىدى،شۇ گۈللەرنىڭ ھېدىنى.
ئۆزۈم يالغۇز كەچمەكتىمەن يالغۇز ھالدا شۇ كۆڭۈل كوچامنى،ھېچكىم بىلمىدى.
سۈكۈت قىلدىم،جىمىدى مەن بىلەن تاغ،جىمىدى ئاسمان،جىمىدى يەر،ئازابلار سۆزلەيدۇ ئەمدى .
سۈكۈت قىلدىم،جىمىدى مەن بىلەن سەۋىر-تاقەت،جىمىدى ھەسرەت،تۇردى ۋاقت.
پەقەت كۆزۈم بىلەن مۇئامىلە قىلىمەن بۇ رەڭۋاز دۇنياغا.
ھېچكىم ھېس قىلمىدى.
سۈكۈت قىلدىم،ئىچىمدىكى دولقانلار يانار تاغ كەبى ۋولقانلىغانچە جىمىدىم،سۈكۈت قىلدىم،
جىمىدى لەۋلىرىم،جىمىدى كۆز ياشلىرىم.
جىمىدى كۆزۈمدىكى شېئىر،كۆڭلۈمدىكى دەريا.
بۇلۇتلارۋە ئىسيانىم بولمىش چاقماق مېنى چاقىردى پەقەت مەنلا ئاڭلىدىم بۇنى،پەقەت مەن،
ئەمما سۈكۈت قىلىۋالدىم.
ئەي !! مەن بۆشۈكىنى تەۋرەتكەن ھايات ،باغرىمدا چوڭ قىلغان مۇھەببەت!!ئاڭلا!
يارامغا مەلھەم كار قىلمايدۇ،كېچىلەرئاھ چىكىشسىز ئۆتمەيدۇ.مەن سۈكۈت قىلدىم،يالغۇز ئازابلىرىم سۆزلەيدۇ.
مەن سۈكۈت قىلدىم،يۈرىكىمنى يىغلاتقان ئازابلار سۈكۈت قىلمىدى،
دەرىزەمگە ئۇرۇلغان يامغۇر تامچىسى سۈكۈت قىلمىدى.سىرتتا ھۇۋلىغان شامال سۈكۈت قىلمىدى.
باھار كەلمىدى،قۇشلار سۆيۈنمىدى،پەقەتلا قىش ھۆكۈم سۈرىۋاتىدۇ.
يۇلتۇزلار قېيدىدى،ئاي يىغلىدى،قۇياش چىقمىدى،ئازاب تۈگىمىدى.
ئېچ-ئىچىمدىن شېئىرلار تۆكۈلىدۇ ھەر كېچە،ھېچكىم بىلمىدى.
سۈكۈت قىلدىم
جىمىدى مەن بىلەن سەۋىر-تاقەت
جىمىدى ھەسرەت
تۇردى ۋاقت
پەقەت ئازابلىرىم سۆزلىدى ،كۆزلىرىم سۆزلىدى.
ھېچكىم ھېس قىلمىدى.
تۇيمىدى.
ھېچكىم…
ھېچكىم…

تەييارلان ،كېتىمىز ئەي قەلبىم يۈر تەييارلان،كەچ كىردى،ۋاقت توشتى كېتىمىز ئەي قەلبىم،بۇلغانغان يامغۇرۇڭدا قالمايمەن
،بۇنچە خىيانەتنى،ئازابنى كۆتۈرەلمەيمەن.
بىلىمەن بۇلغانغان نىگاھلىرىڭىزدا ماڭا بىر بېقىشىڭىز يوق،شۇ سەۋەپ ئاھۇلاردىن رەنجىيمەن،مەجنۇنلارغا قىيدايمەن.
بىر تال گۈلنىڭ ياپرىقىنى تپىپ يارامنى تېڭىش ئۈچۈن،كېتىمەن بۇ يەردىن،ئىچىمدىكى جەسەتنى چەيلەپ،پارچىلاپ،
يەنە شۇ ئىچىمدىكى مەھشەرگە كېتىمەن.
قارىغىنە،كەچ كىردى،ۋاقت توشتى،بۇلغانغان دېڭىز ئېقىشتىن توختىدى،يېپىپ ئۆمۈر دەپتىرىنى،تەييارلان كېتىمىز ئەي قەلبىم.
كۈز مۇقامى كەبى ئاخىرقى ياپراقنى ساقلىيالمايمەن چارچىدىم،سۆيگۈسى پىچىۋىتىلگەن تارىخ بىلەن بىھۇش قىل مېنى ئەي قەلبىم.
قارا! تۆكۈلىۋاتىدۇ كۈز يامغۇرلىرى ئازاب ۋە خىيانەت ئۈستىگە،
،قىپيالىڭاچ ھەم سۆيگۈسىز قالدى شئىرىم،ئادەمسىز ،سوغۇق بىر قىش پەسلىدە.
كۆزلىرى ئىسسىمايدۇ بالىلارنىڭ،مەجنۇنلارچە بېقىشلىرى يېڭىلانمايدۇ ئاشىقلارنىڭ.
بارلىق دىندىن قوغلاپ چىقىرىلدىم،پۈتكۈل يۇرتتىن،بارلىق يۈرەكتىن قوغلاپ چىقىرىلدىم.
قايسى ئېلاھقا سېغىنسام يارامغا مەلھەم يوق،مەن بىلىمەن،بۇلغانغان نىگاھلىرىڭىزدا ماڭا بىر بېقىش يوق.
شۇ سەۋەپ ئاھۇلاردىن رەنجىيمەن،مەجنۇنلارغا قىيدايمەن.
يېڭى بىر گۈل ياپرىقى تېپىپ يارامنى تېڭىش ئۈچۈن،بىر مەجنۇن قۇش ئازابلىرىمنى قانىتىغا تېڭىپ،
مېنى بۇيەردىن ئېلىپ كەتسىكەن دەپ تىلەيمەن.
خېمىرى بۇزۇلۇپتۇ دوستلۇقنىڭ،ۋاپانىڭ،مۇھەببەتنىڭ، ئەي قەلبىم، مېنى ۋاپاسىز پەسىللەرگە تاشلىما ،
مەجنۇن ئىشىكلىرىدە يىغلاتما، بوينۇمنى ئەگمە پاھىشىلەر ئالدىدا.چەيلىمىگەن يوقسۇزلۇقۇمنى ئاياغلار ئاستىدا
،قويىۋەت بېشىم تىك،كۆڭلۈم يانجىق تۇرسۇن.
پەخىرلىكلەرگە خاس بىر مەقامدا ئەتىۋارلا مېنى،ساتقىنلىق،ئالا كۆڭۈللۈك،خىيانەت ئوتتۇرسىدا بىھۇش قىل.
بىلىمەن، بۇ مەجنۇنلۇقۇم شۇ چۈشلىرىم ئەسلا پاتمايدۇ بۇلغانغان كوچىلارغا ،قارىماڭلارچۇ كۆزلىرىمگە ،
يۈرىكىمدىكى بۇ ئاغرىق ئەسلا كەتمەيدۇ، خىنە قويغان بىر كېپىنەك چاچلىرىمغا قونغاندا.
ئاھ مېنىڭمۇ خىياللىرىم بار ئىدى.باھارۇ ھەم يازلىرىممۇ بار ئىدى،ئەپسۇس،قۇشلار ئۇچۇپ كەتتى
،بىر ئىسيان كەيگۈزۈپ يۈرىكىمگە،تېگى يوق ھاڭغا دومىلاتقان ئۈمىدلىرىم بار ئىدى.
مۇھەببەت دېدىم،تالاڭ بولدى يالغان بولدى ئۆمۈر،تارىسى ئۈزۈك ئىسكىرىپكىنىڭ روھى ئازابىمەن،
يوق مەن كېتىدىغان باشقا بىر پورت،قارا مانا توختىدى بۇلغانغان دېڭىز.
تەييارلان ئەي قەلبىم ،ۋاقت توشتى كېتىمىز يۈر ،بوشىسۇن نازۇك تۇيغۇلىرىمغا بېسىلغان شۇ يۈك.
پۇلنىڭ مۇھەببەتكە قىلغان خىيانىتىنى كۆردۈم،ئىنسان ئالدىدا تىزلىنىپ ئىبادەتنى يوق قىلغاننى كۆردۈم.
تۈنلەر خاراپ،تاڭلار ئۈمىدسىز،ئازاب تەرەپتىن قايتار بولسام گۇناھ ئۆزۈمنىڭ
،سۆيۈش ئۈچۈن تەلپۈنگەن بارلىق لەۋلەر تومۇزلاغلىق.
 قولىنى بەرمەيۋاتىدۇ بۇ ھايات
يەردە تىپىرلاۋاتقان يۈرىكىمنىڭ ئۈستىدە ئۇسۇل ئويناۋاتىدۇ ئازابلار،
كۆسۈمدىن يۇلۇپ ئېلىپ يەرگە ئاتقان شۇ ئاجىز يۈرىكىمنىڭ ئۈستىدە.
ھېچكىم كۆرمەيدۇ،قاراپمۇ قويمايدۇ،ئوت ئېچىدە تىپىرلاۋاتقان ئاشۇ يۈرەككە.
ئېڭىشىپ ئالمايدۇ ھېچكىم،كۆيمەكتە يۈرىكىم،ئاھ شۇ يۈرىكىم.
ياپراقلىرى يارىدار شامالدا سىلكىنگەن،ھارغىن بىر تاغ لالىسىمەن يول بويىدىكى،
يارىدار ئاھۇنىڭ كۆزلىرىدە ئىڭرار بەدىنىم.
روھىم جاللاتنىڭكىدەك سوغۇق ۋە رەھىمسىز،بۇلغانغان ھاياتنىڭ قاراڭغۇ ھۇجرىلىرىدا سۈرمە تارتىلار كۆزلىرىمگە،
كور بولماقچىمەن
دوست سانىغانلىرىم خەنجەر تىقار كۆكسۈمگە ،يارىلاندى جانىۋارلىرىم،قان تولىدۇ كۆزۈمگە.
يۈرىكىمدىن،قوللىرىمدىن،كۆز ھەم لەۋلىرىمدىن قان تامچىيدۇ ئاھ بۇ دەرتلىرىم.
قەلبىمنىڭ ئەڭ نازۇك يېرىگە ئۇرىدۇ ھايات، ئىللىتالماس ئۈششۈك تەگكەن سېغىنىشىمنى شۇ نۇرلۇق قۇياش ۋە ياكى
مەن يوشۇرغان شۇ تەنھالىقىم،ھەممىسى بىھۇدە نە قىلاي ھەيھات.
خالتا كوچىدا يۈتتۈردۈم يولۇمنى،ھەيران قالدىم،يۈرىكىم پىغان چەككەن قۇش كەبى ،چارىسىز قالدىم.
پارچە-پارچە ھەر يېرىم،خىيانەت دەستىدىن يوقالدىغۇ ھەر شەيئىم.
تۇماندا ئۆتكەن ھەر كېچنىڭ ئارقىسىدىن يامغۇر كۈتكەنچە يالغۇز قالدىم.
كاشكى مەنمۇ ھېسياتسىز ياشاشنى بىلسەمتىم،يالغانلارنى ئويدۇرالىسامتىم يالغانلار ئارقىسىدىن،
ئاچ قالغان بالىلارنىڭ كۆزىگە قاراپ خېجىل بولمىسامتىم،بۇ ۋىجدان ئازابىدا ئۆرتەنمىسەمتىم،
كۆزلىرىمگە پەردە تارتىپ،ئۇنتالىسامتىم بولۇپ ئۆتكەن ھەممىنى،خىيانەتلەرگە يەم قىلىپ بەرمەستىم يۈرىكىمنى بۇنچە.
ئەي ئۆمرۈم،ئازابلارنىڭ بەدىلىنى تۆلەپ بولدۇم،مېنى ئازات قىل.چۈشەندىمكى گەپ ئاڭلىمايدىكەن بۇ يۈرەك ئوق تەگكەندىن كېيىن
،ئەپۇ قىلمايدىكەن ھايات،يۈرىكى بىلەن ئويناشقاننى.
يالغان دەستىدىن ئۆرۈلۈپ كەتكەن بىر تامنىڭ يېرىقىنى بويلاپ،
ۋىجدانلىقلارغا خاس بولغان ھەسرەت تاشلىرىغا قاراپ كېتىۋاتىمەن.
ئەي قەلبىمگە ئۇرۇلغان خەنجەر،ئەي جىگىرىمگە پاتقان ئوق،بۇ يۈرەك يىغلىماسلىقى كېرەك،
ئازابلاردىن بۇ قەدەر كۆيمەسلىكى كېرەك.
ئېغىر كىلۋاتىدۇ ۋىجدانلىق بىر ئۆمۈرنىڭ ئارتىلغان يۈكى،بىر تەرىپىم دېڭىز،بىر تەرىپىم قىيا،بىرى تەرىپىم دېڭىز،بىر تەرىپىم ئوت،
مەن بىر يولۇچىمەن مەھشەرگە ماڭغان،كۆزلىرىمدە قانچە مىڭ يىللىق ئاھ.
سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ دېڭىزغا ئاتتىم يۈرىكىمنى،
ئېلىپ بارسۇن دەپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان يالغۇزلۇققا تاغلار.
ھارغىن بىر تاغ لالىسىنىڭ ئازابلىق ھېكايىسىدۇر بۇ ھاياتىم،يىللار ئاۋال ،
چېچەكلىرى يانجىلغان بىر باغچىدا يۈتتۈردۈم ياشاش سۆيگۈمنى.
قولىنى بەرمىدى ھايات، يىقىلدىم ،يىقىلىۋاتىمەن بىر قىيانىڭ ئۇچىدا.كۆزلىرىمدىن ئاقىدۇ بىر يۇلتۇز ھەر كېچە،
كۈندە بىر تېلەك ئۆچىدۇ شۇ يۈرەكىمدە،شۇ سەۋەپ يېتىمدۇر مېنىڭ بىر يېنىم،مۇھەببەت ۋە ئازابقا تولغان يەنە بىر يېنىم.
قارا بىر تۇماندا بوغۇلدۇم ئەمدى،كۆزلىرىم قارا كېچىنىڭ كور كېپىنىكى.
مەن قاراڭغۇلۇق ئېچىدە،سۈيى يوق قۇدۇقنىڭ تېگىدە.
تولۇنئاي،بۇلۇتلار ئارىسىدىن ماڭا باقار،باقار ئاندىن تارىلىپ يوقار.
مەن تولۇنئايغا قارىغانچە يۈزلىرىمگە قىزىللىق تارار. قولىنى بەرمەيۋاتىدۇ بۇ ھايات.
مەنبە: ئىزدە تورى
|