ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 828|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ماتېماتىكا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

7

يازما

838

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 17
يازما سانى:
7
تىللا:
741
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
6 سائەت
ئاخىرقى:
2015-5-31
ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى باشقا پەنلەر ئوقۇتۇشىغا قارىغاندا مۇرەككەپرەك پەن بولۇپ، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىدىن ماتېماتىكىنى ھەر قانچە ئۆگەنسىمۇ نەتىجىسى چىقمايدۇ، دەپ قارايدۇ. تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبەمگە ئاساسەن، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم دەپ قارىغان نۇقتىلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمەن:
1. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكىغا بولغان قىزغىنلىقىنى قوزغاش كېرەك. پسىخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قىزىقىش ھەرقانداق ئىشتا نەتىجە قازىنىشنىڭ ئاساسى، ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلار بىر قاتار قائىدە - قانۇنىيەت، ئاكسىئوما، تېئورېمىلاردىن پايدىلىنىپ، مەسىلە يېشىشنىڭ تەسلىكىنى كۆرۈپلا ماتېماتىكا ئۆگىنىشتىن رايى يانىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا تارىخنى، ماتېماتىكا ئالىملىرىنىڭ قىزىقارلىق ئىش - پائالىيەتلىرىنى، ماتېماتىكىنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى پايدىلىنىش قىممىتىنى، باشقا پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلۇقىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى زۆرۈر، ئوقۇتقۇچىنىڭ تىلى راۋان، تەپەككۇرى جانلىق، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى خىلمۇخىل بولسا، يېڭى دەرستىكى مىساللارنى ئامال بار ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇپ سۆزلىسە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدۇ.
2. ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتىكىلىق ئۇقۇملارنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلەشكە يېتەكلەپ، ئەمەلىي ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش زۆرۈر. ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ماتېماتىكىلىق ئۇقۇم مەسىلە يېشىش ۋە ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىشنىڭ ئاساسى. ماتېماتىكا ئۆگىنىش جەريانىدا، بەزى ئوقۇغۇچىلار مەسىلىنى يېشىشكىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇقۇمنى ئۆزلەشتۈرۈشكە سەل قارىغاچقا، ئاسانلا خاتا نەتىجىگە ئېرىشىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ماتېماتىكىلىق يېڭى ئۇقۇتمىلارنى ئۆتكەندە، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىۋېلىشقا، ئەستە ساقلاشقا ۋە ئەمەلىي قوللىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىملىقىنى ئەسكەرتىشى، ئاسان ئارىلىشىپ كېتىدىغان، چۈشىنىش تەس بولغان ئۇقۇملارنى تەھلىل قىلىشقا، سېلىشتۇرۇپ پەرقنى تېپىپ چىقىشقا يېتەكلىشى زۆرۈر. مەسىلەن: ‹‹ئىككى سان يىغىندىسىنىڭ كۇۋادراتى›› بىلەن ‹‹ئىككى سان كۇۋادراتلىرىنىڭ يىغىندىسى›› ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىدىغان ئۇقۇم بولۇپ، مەسىلە يەشكەندە سەللا دىققەت قىلمىغاندا، خاتا نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ. ئوقۇغۇچىلار تېئورېما، ئاكسىيوما ۋە فورمۇلالارنى ئۆگەنگەندە، يادقا ئېلىۋېلىشقا كۈچەپ، ئۇلارنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىنى ۋە ماھىيىتىنى ئۆگىنىشكە سەل قارايدۇ. شۇڭا، مەسىلە يەشكەندە تېئورېما، ئاكسىئوما، فورمۇلالارنى بىلىپ، ئەمەلىي مەسىلىگە تەتبىقلىيالماسلىقتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: تىك تۆت بۇلۇڭنىڭ يۈزىنى ھېسابلاشنى بىلىپ تۇرۇپمۇ سىنىپنىڭ ياكى بىرەر ئېغىز ئۆينىڭ كۆلىمىنى توغرا ھېسابلىيالمايدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسىي بىلىم بېرىش بىلەنلا چەكلەنمەي، ئۇلاردا ئاساسىي ماھارەت، ئاساسىي قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر.
3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىشىگە يېتەكلەش. ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى جەريانىدا، ئوقۇتقۇچى يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە دەرسلىكتىكى بارلىق نۇقتىلارنى ئۆزىلا سۆزلىمەستىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە ۋە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشكە، خۇلاسە چىقىرىشقا يېتەكلىشى زۆرۈر.
4. كۆپ مەشىقلەندۈرۈش ۋە ئۇلاردىن قانۇنىيەت يەكۈنلەشكە ئادەتلەندۈرۈشمۇ زۆرۈر.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

دېۋان
ۋاقتى: 2013-7-28 12:00:48 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ جاپاكەش ئوقۇتقۇچلىرمىز دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسلىلەركەن...
ماتىماتكىمۇ ئۇنچىلىك تەس ئەمەستۇ،لىكىن مەن پەقەتلا بىلمەيتىم ،بىلمىگەنسىرى ئوقۇتقۇچۇم شۇنچە كۈچۈسمۇ كەينىمگە دەسسەپ تۇلۇقسىزدىن ئىككىنچى يىللىقدىن  تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگىچلىك ماتىماتكا دېسلا بېشىم ئاغرىپ ئۇقۇپ كەپتىمەن.مۇئىللىمدىنمۇ تۇلا تىل ئاڭلاپ كەتكەنتىم ماتىماتكا ئۆگەنمەي يۈرۈپ..ھەي  ئۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى مانا....

10

تېما

1235

يازما

7786

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 21
يازما سانى:
1235
تىللا:
5604
تۆھپە:
641
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
387 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-7-28 16:42:14 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭچە ئوقوغوچىلارنىڭ قىزىقىشى بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ ئويلايمەن
سۇغا سالسا سۇ كۆتۈرەلمەس مىسقال تۆمۈرنى ، ئالتۇن بىرىپ ئالغىلى بولماس ئاغرىغان كۆڭۈلنى

3

تېما

53

يازما

937

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 12
يازما سانى:
53
تىللا:
794
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
9 سائەت
ئاخىرقى:
2013-7-30

مۇنبەر مەلىكىسى

يەر
ۋاقتى: 2013-7-29 10:24:29 | ئايرىم كۆرۈش
مەن قانداقلام قىسام بىلمەيمەن  ھەنىم بوسا قوشۇش ئېلىش كوپەيتىش بولۇشنى بىلدىكەن مەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:41 , Processed in 0.116465 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش