ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 2095|ئىنكاس: 17
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئورتا ئاسىيا باندىتلىرىنىڭ ئاقىبىتى − ئەھەت ئەنجان (پروف. دوكتور)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

پروفېسسور دوكتور ئا. ئەھەت ئەنجان
(تۈركىيە)

سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدە
ئوتتۇرا ئاسيا باندىتلىرىنىڭ ئاقىبىتى

ئا. ئا. بوران تەرجىمىسى

تەرجىماندىن:
يېقىنقى بىر دەۋردە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم دۆلەت مىنىستىرلىرىدىن بىرى بولغان ۋە ھازىرغىچە تۈركىيەنىڭ داڭلىق تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرىدە پروفېسسورلۇق قىلىپ كېلىۋاتقان دوكتور ئا. ئەھەت ئەنجان (ئابدۇللا ئاخات ئاندىجان) ئەپەندى يازغان بۇ ئەڭ يېڭى يىرىك ئەسىرىنى، ئاپتورنىڭ ئۆزىدىن بىۋاسىتە رۇخسەت ئېلىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ كىتابخانلىرىمىزغا سۇنماقتىمەن. بۇ كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا نۇرغۇنلىغان تارىخىي رەسىم، خەرىتە، پايدىلىنىش ماتېرىيال مەنبەلىرى ۋە ئەسلى ئورىگىنال ھۆججەت نۇسخىلىرى بېرىلگەن بولۇپ، تېخنىكىلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قىسقارتىۋېتىشكە ياكى مۇھىم مەزمۇنلىرىنى يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەشكە مەجبۇر بولدۇم. شۇنىڭدەك يەنە، بۇ كىتابتا ئاپتور ھاشىيىدە ياكى قوشۇمچە بەتلەردە بەرگەن نۇرغۇنلىغان ئىزاھات، پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى، ئاتالغۇلار ۋە ئىندېكسلار بار ئىدى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىمۇ قىسقارتىپ، ئۆزگەرتىپ ياكى قۇر ئارىسىدا تىرناق ئىچىدە ئۇششاق ھەرپلەر بىلەن بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم. ئەگەر بۇ ئەسەرنى “مەردلىك بىلەن باستۇرۇش چىقىمىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان بىرەر ساخاۋەتچى” ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغۇدەك بولسا، “… − ئا.ھ. ئىزاھاتى” (ئاپتورنىڭ ھاشىيىدىكى ئىزاھاتى) قىسمىنى ۋە “… − ئۇ.ت” (ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئىزاھاتى) نىڭ زۆرۈر بولغانلىرىنى پۈتۈنلەي ھاشىيىگە − بەت ئاستىغا يۆتكىۋېتىشىنى تەلەپ قىلىمەن.
                               − ئا. ئابدۇلھەق بوران

ئارماغان
ئورتا ئاسىيا غايىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بارلىق كىشىلەرنى ھۆرمەت بىلەن،
دادام ھاجى يولداش ۋە ئاپام بىبى ھاجىرەنى سېغىنىش بىلەن ئەسلەيمەن.
−        ئاپتور

ئاپتوردىن
ئۆتكەن يىگىرمىنچى ئەسىر − ئۇرۇش ۋە ئىنقىلاب داۋالغۇشلىرى بىلەن تولغان بىر ئەسىر ئىدى. ئۇ ئەسىردە پارتلىغان ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ كەينىگە ئۇلىشىپ كەلگەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى سوغۇق ئۇرۇش مەزگىللىرىدە مىليونلىغان ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولسا، يەنە مىليونلىغان كىشىلەر ئانا ۋەتەن تۇپراقلىرىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولۇشقا مەجبۇرلاندى. بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى كوممۇنىزم ئىدىيىسىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغان ھەر قايسى مىللەت خەلقى، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ پاجىئەلىك تراگېدىيىلەرنى باشتىن كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. “كەلگۈسى” ئۈچۈن دېگەننى باھانە قىلىپ “بۈگۈن” نىڭ ئىنسانلىرىنى قۇللارغا ئايلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بۇ كوممۇنىزم دېگەن ئۇتوپىيە مۇھىتىدا ئۈنىنى چىقارماي جىم تۇرۇپ باش ئېگىپ بەرگەنلەر جېنىنى ساقلاپ قالالىغان بولسا، ئۇنىڭغا بوي سۇنماي قارشى چىققانلار رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلۇپ يوق قىلىندى.
ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان بۇ ئىدىيىگە قارشى كۈرەش قىلىش، ۋەتىنىنى مۇستەقىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىپ ئانا ۋەتەنلىرىدىن ئايرىلىپ چەت دۆلەتلەرگە چىقىپ كەتكەن سىياسىي مۇھاجىرلار، “دۇنيا كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى بەلگىلەيدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۈچلەرنىڭ توقۇنۇش مەيدانلىرىدا پېشكا بولۇپ بېرىش” پاجىئەسىگە دۇچ كېلىدۇ.
ئۇلار، بېشىغا كېلىدىغان شۇنچە ئېغىر خەۋپ- خەتەرلەرگە قارىماي ئۆز زىممىسىگە ئالغان مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش غايىسى ئۈچۈن تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ كۈرەشنى ئاخىرغىچە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش دەيدىغان بىرلا يولنى ئۆزلىرىگە غايە قىلىپ تاللىۋېلىشقان ئىدى. دەرۋەقە، ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ بۇ غايىسىدە چىڭ تۇرۇپ كۈرەش قىلدى. بۇ مۇھاجىرلار، قېچىپ بارغان دۆلەتلەردىكى مۇھىتنىڭ شۇنچە مۇشەققەتلىكىگە ۋە قارشى تۇرۇۋاتقان دۈشمىنىنىڭ شۇنچە كۈچلۈكلۈكىگە پەرۋا قىلماي، قولىدىن كېلىدىغان پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ بۇ كۈرەشنى ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگۈچە داۋاملاشتۇرۇش يولىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ كۈرەش قىلىشتى.
قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب، بۇ غايىسى ئۈچۈن ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ چەت دۆلەتلەرگە مۇساپىر بولۇپ چىقىپ، دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە چېچىلىپ كەتكەن ھەمدە 70 يىلدەك ۋاقىت داۋاملاشقان بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان جاپا- مۇشەققەتلىك دەۋردە ئۆز غايىسى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كۈرەشنى داۋام قىلىپ كەلگەن ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلارنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى،15 ياكى مۇنداق ئېيتقاندا “چەتئەللەردە ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قانات يايدۇرۇلغان كۈرەشلەر” نى كىتابخانلارغا تونۇشتۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ.
ئافغانىستاندىن تارتىپ تا ياۋروپاغىچە بولغان بىپايان زېمىنغا يېيىلغان، 70 يىلدىن ئارتۇق دېگۈدەك ۋاقىت سەرپ قىلىنغان بۇ سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ مەلۇم بىر دەۋرىدە ئاكتىپ رول ئويناپلا قالماي، بۇ ھەرىكەتتە بەلگىلىك بىر دەۋرنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شۇنچە كەڭ دائىرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەش ئىش ئىزلىرىنىڭ تارىخنىڭ قاراڭغۇ بولۇڭ- پۇچقاقلىرىدا توپا- چاڭ بېسىپ ئۈن- تۈنسىز يوقىلىپ كېتىشىدىن بەكلا ئەنسىرەيتتىم. بۇ كۈرەشنىڭ ئىجابىي ياكى سەلىبى تەرەپلىرى بىلەن توغرا ياكى خاتا تەرەپلىرىنى خۇلاسىلەپ چىقىپ، “چەتئەللەردە ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قانات يايدۇرۇلغان كۈرەشلەر” نى بىتەرەپ ۋە پاكىتقا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا قەلەمگە ئېلىش، شۇ ئاساستا تارىخنىڭ باھالىشىغا سۇنۇش لازىم ئىدى. بۇ مەقسەتتە، ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلىنى نەشر قىلىش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 1990- يىللىرىدىن تارتىپلا بۇ ھەقتىكى ماتېرىياللارنى يىغىشقا كىرىشكەن ئىدىم.
ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەتنىڭ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مەخپىي تەشكىلات شەكلىدە پائالىيەت قىلىپ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئەسلى ھۆججەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئىمكانىيەتلىرى ئاساسەن يوق دېيەرلىك بۆلىشى، بۇ كىتابنى يېزىشتا دۇچ كېلىدىغان ئاساسلىق قىيىنچىلىقىم ئىدى. بۇ جەھەتتىكى يەنە بىر قىيىنچىلىقىم، بىر ئەسىرگە يېقىن داۋام قىلدۇرۇلغان بۇ ھەرىكەت بىر- بىرىدىن يىراق نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە ۋە بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغان سىياسىي مۇھىتلار ئىچىدە قانات يايدۇرۇلغانلىقى ئىدى. شۇ سەۋەبتىن غەرب ياكى شەرقتىكى نۇرغۇن ئەللەردىكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال مەنبەلىرىنى تەتقىق قىلىشقا مەجبۇر ئىدىم. ئەسلى نۇسخا ھۆججەتلەرگە ئېرىشىش، بۇ ھەرىكەتنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەرنى بىر باشتىن كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىقىش، ھەمدە ئۇ دەۋرلەرگە شەخسەن قاتناشقان كىشىلەرنىڭ گۇۋاھچىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارىدىكى ئىشلار ئۈچۈن تەخمىنەن ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىشىمغا توغرا كەلدى. شۇنداق قىلىپ، شۇنچە ئەجرى قىلىشىمغا چۇشلۇق بىر نەتىجىگە ئېرىشتىم دەپ قارايمەن. ئاخىرىدا، ئاساسەن ئەسلى نۇسخا ھۆججەتلەر بىلەن ئەمەلىي مەنبەلەرگە تايانغان بىر ئەسەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم.
جەدىتچىلىكتىن مۇستەقىللىققىچە بولغان دەۋر ئىچىدە چەتئەلدە ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بۇ كۈرەش − يىگىرمىنچى ئەسىر بويىچە بىر قانچە ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بىر كۈرەش ئىدى.
ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە سوۋېت ھاكىمىيىتى تىكلەنگەن يىللاردا، مۇھاجىرەتتىكى كۈرەشلەرنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى مەركىزى ئافغانىستان بولغان ئىدى. بۇ كۈرەشتە يېتەكچىلىك رول ئوينىغان كىشىلەر ئورتا ئاسىيالىق زىيالىيلار، باسمىچىلىق ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرى، ئىتتىھات (ئىتتىپاقلىق، بىرلىك − ئۇ.ت) ۋە تەرەققىي ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىم يېتەكچىلىرى، شۇنىڭدەك يەنە كونا بۇخارا ئەمرى قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى.
بۇ سىياسىي ھەرىكەتنىڭ مۇھىم مەركىزى 1920- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە پولشا قاتارلىق ئەللەرنى ئاساس قىلغان ھالدا قالغان بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرىگە، بولۇپمۇ تۈركىيەنى ئاساس قىلغان غەرب ئەللىرىگە يۆتكىلىدۇ.16 ئۇلار يەنە سوۋېتلەرگە قۇل قىلىنغان ھەرخىل مىللەت مۇھاجىرلىرى بىلەن بىرلىشىپ پرومېتې فرونتىنىمۇ شەكىللەندۈرىدۇ. ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاق تەشكىلاتى تەۋەسىدە قانات يايدۇرۇلغان بۇ خىل پائالىيەتلەر 1940- يىللارغىچە داۋام قىلىدۇ.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىرىدا، سوۋېت ئارمىيىسى سېپىدە جەڭ قىلغان يۈز مىڭلىغان ئورتا ئاسىيالىق ئەسكەرلەرنىڭ ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە ئەسىرگە چۈشىشى ھەمدە بۇلاردىن “ئورتا ئاسىيا لېژيونلىرى” (ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىر ياللانما قىسىملار − ئۇ.ت) تەشكىل قىلىنىشى بىلەن، چەتئەلدىكى ئورتا ئاسىيا ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈرەشلەر يېپيېڭى بىر تۈسكە كىرىدۇ. بۇ جاھان ئۇرۇشى جەريانىدا، يۈز مىڭلىغان ئورتا ئاسىيالىق ئۆزلىرى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان بىر ئۇرۇشتا پېشكا بولۇپ بەرگەن ئىدى. ئاقىۋەتتە، بۇ ياللانما ئەسكەرلەر ئۇرۇش سېپىنىڭ ھەر ئىككىلا تەرىپىدە رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىنىپ يوق قىلىندى.
ئۇرۇشتىن كېيىنكى دەۋرلەردە، (سوتسىيالىزم ۋە كاپىتالىزم − ئۇ.ت) ئىككى ئىدىيىۋى لاگېر ئوتتۇرسىدا داۋاملاشقان سوغۇق ئۇرۇشلار ھەل قىلغۇچ ئامىلغا ئايلىنىدۇ. ئا ق ش بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى يېتەكچىلىكىدە دەۋر سۈرگەن بۇ سوغۇق ئۇرۇش مۇھىتىدا، ئورتا ئاسىيا مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خادىملىرى ياۋروپا، تۈركىيە، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافغانىستان سەپلىرى بويىچە قايتىدىن تەشكىللىنىشكە باشلاپ، ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىق غايىسى ئۈچۈن پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.
ئافغانىستاننىڭ ئىشغال قىلىنىشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن يېڭى دەۋردە، باسمىچىلارنىڭ نەۋرىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يەنە بىر قېتىم تىغمۇ- تىغ تاقابىل تۇرۇش جېڭىگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ قېتىم ئۇرۇشتا توقۇنۇش ساھەسى شىمالىي ئافغانىستان ئەتىراپىغا يېيىلغان ئىدى.
گورباچىيېۋ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېچىۋېتىش ۋە ئىسلاھات (گلاستنوست ۋە پېرىستروئىكا) سىياسىتى سوۋېت ئىمپېرىيىسىنىڭ يىمىرىلىش دەۋرىگە كىرگەنلىكىنىڭ دەسلەپكى شەپىسىنى بەرمەكتە ئىدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە، 1990- يىللارغا كەلگىنىدە ئورتا ئاسىيا زېمىنىدا بەش مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بارلىققا كەلگەن ۋەزىيەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 70 يىل داۋام قىلىپ كەلگەن “چەت دۆلەتلەردە ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش” ۋەزىپىسى تاماملانغان ھېسابلاندى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ھەل بولمىغان يەنە مۇنداق بىر مەسىلە قالدى: چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا قىستىلىپ قالغان بۇ يېڭى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ كېلەچىكى قانداق بولىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئالدىدا “ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىپ، كۈچلۈك قوشنا دۆلەتلەرنىڭ خالىغانچە كىرىپ چىقالايدىغان ئارقا بېغى ياكى ئالدى قورۇسىغا ئايلىنىپ قېلىش، ياكى بولمىسا ئورتاق ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلەر گەۋدىسىگە ئۇيۇشۇپ، ئاۋراسىيادىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرەلىگۈدەك قۇدرەتلىك بىر پوتېنسىئال كۈچكە ئايلىنىش” تىن ئىبارەت ئىككى خىل يول تۇرماقتا.
مانا بۇ، يىگىرمە بىرىنچى ئەسىرگە كىرىش بوسۇغىسىدا ئورتا ئاسىيا تۇپراقلىرىدا ياشاۋاتقانلار بىلەن چەتئەللەردە ئورتا ئاسىيا ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ باش قاتۇرۇشىغا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى. تەبىئىيكى، تارىخنىڭ بۇ مەسىلىگە بېرىدىغان جاۋابى − بۇنىڭدىن كېيىن ئورتا ئاسىيا ئۈچۈن تاللاپ ئېلىنىدىغان كۈرەش يولىغا باغلىق.17
بۇ يەردە، مۇنداق بىر مەسىلىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشۈمگە توغرا كېلىدۇ: بۇ كىتابتا، غەربىي ئورتا ئاسىيا رايونلىرىدىن چەت دۆلەتلەرگە چىقىپ كەتكەن ئىنقىلابچىلارنىڭ ئېلىپ بارغان سىياسىي كۈرەشلىرىنى بايان قىلىش بىلەن چەكلەندىم.
ھەر قانداق بىر ئەسەر ئوتتۇرىغا چىقىش جەريانىدا كۆرۈلگىنىگە ئوخشاش، بۇ كىتابنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىمۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مېھنەت سىڭدۈردى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىر- بىرلەپ رەھمەت بىلدۈرۈش، مەن ئۈچۈن باش تارتىپ بولمايدىغان بىر قەرزدۇر. شۇنىڭدەك يەنە، ئورتا ئاسىيا مىللىي بىرلىك ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان، ھەمدە بۈگۈنگىچە ھەر قانداق بىر يەردە ئېلان قىلىنمىغان ئارخىپلارنىڭ بىر قىسمىغا ئېرىشەلىشىم ئۈچۈن كۈچ چىقارغان مەرھۇم سائىدە ئوكتاي خانىم ئەپەندىگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرمەي تۇرالمايمەن.
بۇ كىتابىم ئۈستىدە ئىشلەش جەريانىدا، ئالدى بىلەن ئۇلۇغ ئۇستازىمىز دوكتور بايمىرزا ھېيتى ۋە مەرھۇم ۋەلى قېيۇمخان قاتارىدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى ئاجرىتىپ، بىلىدىغانلىرىنى ۋە ئەسلىمىلىرىنى مېنىڭ بىلەن ئورتاقلاشقان ئىدى. مەيلى يېزىق شەكلىدە ياكى ئېغىزچە بولسۇن، ماڭا بەرگەن ياردەملىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رازىمەنلىك بىلەن رەھمىتىمنى بىلدۈرمەكچىمەن. شۇنىڭدەك يەنە نېمىسچە مەنبەلەردىن ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش جەھەتلەردە ياردىمىنى ئايىمىغان ھامبولدت ئۇنىۋېرسىتېتى مەسئۇللىرىدىن ئانكې بېنتزىنگە، ئەرەب ئېلىپبەسى بىلەن يېزىلغان مەكتۇپلارنىڭ ھەمدە ئەسلى قول يازما ماتېرىياللارنىڭ ئوقۇلۇشى جەھەتتە بەرگەن ياردەملىرى ئۈچۈن سابىر سەيھانغا، قىممەتلىك تەتقىقاتچى يازغۇچى ئۆمەر خاقان ئۆزئالپلارغىمۇ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
بۇ يەردە يەنە مۇنداق ئىككى كىشىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچىمەن. ئۇلاردىن بىرى سۆيۈملۈك دوستۇم ۋە سىياسىي سەپدىشىم ئېلى دوغان، يەنە بىرى بولسا ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىقىمنى ئالاھىدە تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغان ئىنتايىن قىممەتلىك ھەمنەپەس بىر دوستۇمنىڭ بۇ كىتابنىڭ بېسىلىشى جەريانىدا قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
ئەسلى نۇسخا ماتېرىياللار بىلەن كونا رەسىملەرنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى، شۇ ئارقىلىق سۈپەتلىك شەكىلدە بېسىلىشى بەكلا مۇھىم بىر ئىش ئىدى. بۇ جەھەتتىكى كىشىنى ھەيران قالارلىق دەرىجىدىكى ياردەملىرى ۋە RAM ئىشلىتىشتىكى خىزمەتلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك دوستۇم ئۆمەر دولگەرگە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن.18 شۇنىڭدەك يەنە، خۇددى بۇرۇن بېسىلغان «ئۆزگىرىش دەۋرىدىكى تۈرك دۇنياسى» دېگەن كىتابىمغا ئوخشاش، بۇ كىتابىمنىڭمۇ سۈپەتلىك بېسىلىشى ۋە كىتابخانلىرىمغا يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلغان ئەمرە نەشرىياتىنىڭ خوجايىنى سامى چەلىككە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
ئەڭ ئاخىرىدا، مەيلى بۇ كىتابىمنىڭ تەييارلىق باسقۇچىدا ياكى يېزىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا بولسۇن، ئالاھىدە قىزغىن ۋە چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان يېزىقچىلىق مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق مېنى قوللاپ رىغبەتلەندۈرگەن سۆيۈملۈك يولدىشىم دوكتور گۈلنۇر ئەنجانغا، يېزىق ئۈستىلىگە ھەر كېلىپ ئولتۇرۇشۇمدا، كىتابىڭنى قاچان يېزىپ بولالايسەن دەپ سوراپ تۇرۇۋېلىپ، بۇ كىتابنى تېزرەك پۈتتۈرۈشۈمگە تۈرتكە بولۇپ بەرگەن ئوغۇللىرىم ئايبەك بىلەن ئىلبەككىمۇ چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
                                     ئابدۇللا ئەھەت ئەنجان
                              2003- يىلى فېۋرال، ئاتاكۆي – ئىستانبۇل19

بىرىنچى باب
ھەرىكەتنىڭ كېلىش مەنبەلىرى

ۋەتىنىمىز ئورتا ئاسىيا تۇپراقلىرىغا يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى بېسىپ كىرىۋالغان تاجاۋۇزچى دۈشمەن كۈچلىرىدىن قۇتۇلۇپ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىققا ئېرىشىش − ھەربىر ئورتا ئاسىيالىقنىڭ قەلبىدە ساقلانغان ئەڭ كۈچلۈك غايە ئىكەنلىكىدىن قىلچە گۇمان قىلمايمەن. مانا ئەمدى، بۇ ئارزۇيىمىزغا يېتىش ۋاقتى كەلدى. قولىدا قورالى بولغان ۋە قورال تۇتۇش ئىمكانى بار ھەر بىر ئورتا ئاسىيالىقنى بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا چاقىرىمەن. ياشىسۇن ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق! …
−        بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئوسمان غوجا ئوغلىنىڭ باياناتىدىن …
                                            1921- يىلى 10- دېكابىر21

ھەرىكەتنىڭ نەزەرىيىۋى مەنبەسى

چەتئەلدىكى ئورتا ئاسىيا ئۈچۈن پائالىيەت قىلغۇچىلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسلىرى، تەخمىنەن ئالغاندا 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەكىللىنىشكە باشلىغان ئىدى. بۇ چارەك ئەسىر جەريانىدا جەدىتچىلىك ھەرىكىتى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئورتا ئاسىيادىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ شەكىللىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ئۇلارنىڭ تەشكىللىنىشىگە باشلامچى بولغان ئىدى. چاررۇسىيەدە 1905- يىلىدىكى خانلىق- پارلامېنت (مەشرۇتىيەت) ھۆكۈمىتى دەۋرىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان سىياسىي ئېقىملار، قۇرۇلغان پارتىيىلەر ۋە دۇما (رۇسىيە پارلامېنتى، ئالىي قۇرۇلتىيى − ئا. ھ. ئىزاھاتى) ھۆكۈمەتلىرى رۇسىيە تەۋەسىدىكى بارلىق مۇسۇلمان- تۈركىي خەلقلىرىگىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. بۇنداق ۋەزىيەت، ئۇلاردىكى يېڭىدىن بىخلىنىۋاتقان سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ تەشكىل قىلىنىشىغىمۇ ئۆز تەسىرىنى يۇقتۇرماقتا ئىدى. 1917- يىلىدىكى ئۆكتەبىر بولشېۋىكلەر سىياسىي ئۆزگىرىشى بولسا، پۈتكۈل رۇسىيە بويىچە تۈپ يىلتىزىدىن ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى. ئورتا ئاسىيا تېررىتورىيىسىنىڭ بىر قىسمىدا نەچچە يۈز يىلدىن بېرى ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن بۇخارا ۋە خىۋە خانلىقلىرى ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا رۇسىيە سوۋېتلار تىزگىنى ئاستىدىكى خەلق جۇمھۇرىيەتلىرى قۇرۇلماقتا ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيەدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەردىن كېلىپ چىققان قالايمىقان ۋەزىيەت، بارلىق مۇسۇلمان- تۈركىي خەلقلىرىنى ئومۇمىي يۈزلۈك دېگۈدەك مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش جەھەتتە ئىزدىنىش يولىغا يۈزلەندۈرمەكتە ئىدى. رەھبەرلىك سېپى ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر بولشېۋىكلەر بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغانلىرىدا بۇ غايىسىگە تېخىمۇ ئاسان يىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بولسا، يەنە بەزى كىشىلەر بولشېۋىزمنى مۇستەقىللىق يولىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يېڭى ئېقىمغا قارشى سىياسىي ۋە قوراللىق كۈرەشلەرنى باشلىۋەتكەن ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى دەۋرلەردە تۈركىي خەلقلەر ياشاۋاتقان تۇپراقلاردا نۇرغۇنلىغان مىللىي ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.23 ئەمما بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك بىر مەزگىل پائالىيەت كۆرسەتكەندىن كېيىن بولشېۋىكلەر تەرىپىدىن بىرمۇ- بىر باستۇرۇۋېتىلىدۇ. 1920- يىللاردىن باشلاپ بۇ تۇپراقلاردا سوۋېت ھاكىمىيىتى تىكلىنىپ، بۈيۈك ئورتا ئاسىيا تېررىتورىيىسى بىر مۇنچە ئۇششاق پارچىلارغا بۆلىۋېتىلىپ، ئۇ يەرلەردە ئايرىم- ئايرىم يېڭى سىياسىي ئورگانلار قۇراشتۇرۇپ چىقىرىلىدۇ.
(خەرىتە ئورنى)
خەرىتە- 1. يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئورتا ئاسىيا ھەرىكەتنىڭ كېلىش مەنبەسى22
پۈتۈن بۇ دەۋردە، رۇسىيە تەۋەسىدىكى تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغان دۇنيا قاراش ۋە ھەرخىل ئۈمىدلەردە بولغان نۇرغۇنلىغان سىياسىي ئەربابلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلاپ، بۇ تۇپراقلاردىكى تارىخىي بىر دەۋرنىڭ شەكىللىنىشىگە ئۆز ھەسسىلىرىنى قوشقان ئىدى. بۇ سىياسىي خادىملارنىڭ بىر قىسمى كوممۇنىزم ئىدىيىسىنى تاللاپ ئېلىپ يېڭى قۇرۇلغان ھۆكۈمەت تەركىبىدە بەزى ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن بولسا، بولشېۋىكلەر ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرىدىغان خادىملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇۋېتىلىدۇ. بۇ باستۇرۇلۇشلاردىن قۇتۇلۇپ قالالىغانلىرى چەت دۆلەتلەرگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. چەت دۆلەتلەرگە مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كەتكەن بۇ سىياسىي خادىملار، بۇرۇنقى كۆز قاراش ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلى جەھەتلەردىكى پەرقلىق كۆز قاراش ۋە ئىچكى زىددىيەتلىرىنى ياكى بۇنداق مەزھەپلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى چەتئەللەرگىچە بىرگە ئېلىپ چىقىشىدۇ. ئەنە شۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، 70 يىلغا يېقىن ۋاقىت جەريانىدا ھەرخىل دۆلەتلەردە قانات يايدۇرۇلغان ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرىگە توغرا باھا بېرىش جەھەتتە، بۇ پائالىيەتلەرنى چەتئەللەردە قانات يايدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان خادىملارنىڭ قايسى خىل تارىخىي ھادىسىلەر ۋە قايسى خىل سىياسىي تەسىرلەردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقلىرىنى، شۇنىڭدەك يەنە، قايسى خىل شارائىتلار ئاستىدا ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقلىرى بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ كىتابتا، ئەنە شۇ دەۋرلەرنى شەكىللەندۈرۈشكە تەسىر كۆرسەتكەن نۇرغۇن ۋەقەلەرنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى، چەتئەللەردىكى ھەرىكەتلەرگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللار ئۈستىدە نوختىلىق توختىلىپ ئۆتىمىز. بۇ ئامىللاردىن جەدىتچىلىك، چاررۇسىيەدە يۈز بەرگەن سىياسىي ھەرىكەتلەر، 1917- يىلىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر (كېرېنسكى سىياسىي ئۆزگىرىشى بىلەن بولشېۋىكلەر قوزغىلىڭى)، ئورتا ئاسىيادىكى خانلىقلارنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ۋەتىنىدە قۇرۇلغان مىللىي ھۆكۈمەتلەر، ئوسمانلىلار ئىمپېرىيىسىنى مەنبە قىلغان ئامىللار، ئورتا ئاسىيا مىللىي ئاۋام ئىختىلال جەمئىيەتلەرئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى، باسمىچىلىق ھەرىكىتى ۋە ئورتا ئاسىيادىن چەتئەلگە قاراپ كۆچۈش دولقۇنلىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆتىشىمىز مۇمكىن.

جەدىتچىلىك
داڭلىق تۈركشۇناس ئىسمائىل گاسپرالى قىرىمدا باشلاتقان ئۇسۇلۇ جەدىت (يېڭى ئۇسۇل) مەكتەپلىرىنىڭ نامى كېيىنكى ۋاقىتلاردا تۈرك دۇنياسىدىكى بارلىق يېڭىلىقچىلارنىڭ ئورتاق نامى ھالىغا كېلىپ،24 ئۇلار ئۆزلىرىنى “جەدىتچىلار” دەپ ئاتاشقا باشلايدۇ. ئوقۇتۇشتا ئەرەبچىنىڭ ئورنىغا تۈركىي تىلىنى دەسسىتىش، دىنىي دەرسلەر بىلەن بىرگە ماتېماتىكا، تارىخ، جۇغراپىيە قاتارىدىكى زامانىۋى بىلىم دەرسلىرىنىمۇ دەرس سېتكىسىغا كىرگۈزۈشنى مەقسەت قىلغان بۇ كۆزقاراش، يالغۇز ئوقۇتۇش ساھەلىرى بويىچىلا چەكلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. دەرۋەقە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، جەدىتچىلىك دېگەن بۇ يېڭىلىق ھەرىكىتى چاررۇسىيە ھۆكۈمرانلىقى تەۋەسىدە ياشايدىغان بارلىق مۇسۇلمان تۈركىي قوۋملار ئىچىدە، ئاممىۋى ئىسلاھات ۋە ئۆزگىرىش تەلەپلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر ئاتالغۇ ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىشقا باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ، گاسپىرالىنىڭ “تىلدا بىرلىك، پىكىردە بىرلىك ۋە ئىشتا بىرلىك” شوئارى بىلەن بىرگە جەدىتچىلىك دېگەن بۇ كۆز قاراش، پان ئىسلاۋىيانىزمغا قارشى تۇرىدىغان، ھەمدە تۈرك دۇنياسىنى ئەقەللىي جەھەتلەردە بولسىمۇ بىرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان سىياسىي بىر ئېقىم ھالىغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە دىنىي ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلغان ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش سىستېمىسى (ئۇسۇلۇ قەدىم) نى ساقلاپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان سەپلەرمۇ مۇرەككەپ ئەگرى- توقاي ئۆزگىرىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە ئىدى (كونا سىستېمىدا 5~7 يىل داۋام قىلىدىغان مەكتەپ ئوقۇتۇشى بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىن داۋاملاشتۇرۇلىدىغان 7 يىل ئەتراپىدىكى مەدرىسە ئوقۇتۇشى بويىچە ئىككى باسقۇچتىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى. بۇ تۈردىكى مەدرىسىلەر ئادەتتە بىرەر مەسچىت، بىرەر كۈللىيە ياكى باي بىرەرىنىڭ قورۇسىدا ئېچىلاتتى. دەرسلەرنى ئىماملار، ئۇلار يوق ۋاقىتلاردا قارى- موللىلار بېرەتتى. قىزلار مەدرىسىلىرىنىڭ دەرسلىرىنى بولسا ئىمامنىڭ ئايالى ياكى ئوقۇغان بىرەر ئايال بېرەتتى. دەرس سېتكىلىرى 4 كىتابتىن تەشكىل تاپقان چارنامە − نامئىي ھەق، كۈللىيات، مۇھىممات ئەل مۇسلىمىن ۋە پەند نامەئىي ئەتتار − ھەپتى يەك، ئەخلاقنامە قاتارىدىكى كىتابلار بىلەن بەزى شائىرلارنىڭ دىۋان شېئىرلىرىدىن تەشكىل تاپاتتى. مەدرىسە ئوقۇتۇشى جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئىسلام قائىدىلىرى ئۆگىتىلەتتى، ئىبادەت قىلىش ۋە قۇرئان ئوقۇش دەرسلىرىمۇ بېرىلەتتى. تارىخ، جۇغراپىيە ۋە ماتېماتىكا قاتارلىق دەرسلەر يوق ئىدى. … − ئا. ھ. ئىزاھاتى). ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن قەدىمىچىلىق دېگەن سۆز، شەرىئەت ئاساسلىرىغا تايىنىدىغان ئىجتىمائىي ئورگانلارنىڭ ئىزچىللىقىنى ھىمايە قىلىش باھانىسى بىلەن ھەرخىل ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرگە توسقۇنلۇق قىلىش دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان سۆزلۈككە ئايلىنىپ قالىدۇ. نەتىجىدە، 1910- يىللارغا كەلگەندە، جەدىتچىلەر قەدىمىچىلەرنى “مۇتەئەسسىپلەر” ۋە “قالاقلار” دەپ قارىغان بولسا، قەدىمىچىلەرمۇ جەدىتچىلارنى “دىنسىزلار” ۋە “كاپىرلار” دەپ قارىشىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن ئىدى. ئەنە شۇنداق شەكىللەنگەن قۇتۇپلىشىش، ئوسمانلىلار ئىمپېرىيىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، بارلىق مۇسۇلمان تۈرك دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بىر مۇنچە ئاممىۋى توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىگىمۇ ئايلىنىپ قالغان ئىدى.25
(رەسىم ئورنى)
ئورتا ئاسىيا جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن مۇنەۋۋەر قارى، ئايالى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن بىرگە. تاشكەنت، 1917- يىلى26
1900- يىللاردىن باشلاپ بۇ تۈردىكى ھادىسىلەر ئورتا ئاسىياغىمۇ تارقىلىشقا باشلايدۇ. مۇنەۋۋەر قارى 1901- يىلىدا تۇنجى قېتىم ئۇسۇلۈ جەدىت مەكتىپىنى ئاچقىنىدىن كېيىن، بۇنىڭغا ئوخشاش مەكتەپلەرنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نەشرى قىلىنىشقا باشلىغان نۇرغۇنلىغان گېزىت- ژۇرناللار، ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە بىخلىنىشقا باشلىغان بۇ ئىلغار ۋە لىبېرال ئېقىملارنىڭ زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ بېرىدۇ (ئورتا ئاسىيادا جەدىتچىلار تەرىپىدىن بەكلا كۆپ گېزىت- ژۇرنال نەشرى قىلىنغان ئىدى. بۇ ھەرىكەت باشلانغان كۈنىدىن تارتىپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا كەلگۈچە نەشرى قىلىنغان تىپىك گېزىت- ژۇرناللار تۆۋەندىكىچە: «تەرەققىي»، 1905- يىلىدىن باشلاپ تاشكەنتتە نەشر قىلىنغان بولۇپ، 20 سان چىقىرىلغان، مۇنەۋۋەر قارى ۋە يېقىنلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان؛ «خۇرشىد»، 1906- يىلى تاشكەنتتە چىقىرىلغان بولۇپ، 20 سان چىقىرىلغان، مۇنەۋۋەر قارى تەرىپىدىن چىقىرىلغان؛ «شۆھرەت»، 1907، تاشكەنتتە چىقىرىلغان، 10 سان چىقىرىلغان، ئابدۇللا ئەۋلانى تەرىپىدىن چىقىرىلغان؛ «ئاسىيا»، 1908، تاشكەنتتە چىقىرىلغان، 6 سان چىققان، مۇنەۋۋەر قارى ۋە يېقىنلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان؛ «بۇخارائىي شەرىف»، 1912، بۇخارادا چىقىرىلغان، پارىسچە، 153 سان چىقىرىلغان، مىرزا جالال تەرىپىدىن چىقىرىلغان؛ «تۇران»، 1912، بۇخارادا، 49 سان چىققان، غىياس مەخدۇم ھۈسنىي چىقارغان؛ «سەمەرقەنت»، 1913، سەمەرقەنتتە، 45 سان چىققان، مەخمۇت غوجا بەھبۇدىي چىقارغان؛ «سادائىي ئورتا ئاسىيا»، 1914، تاشكەنتتە، 67 سان چىققان، ئۈبەيدۇللا غوجا چىقارغان؛ «سادائىي فەرغانە»، 1914، قوقاندە، 123 سان چىققان، ئابىتجان مەخمۇت چىقارغان؛ «قازاقلار»، 1913، ئورېنبۇرگدا چىققان، مۇستاپا ئورازباي ئوغلى − ئەخمەت بايتۇرسۇن چىقارغان؛ «تىرىك سۆز»، 1915، قوقاندا چىققان، ئابىتجان مەخمۇت چىقارغان. … − ئا. ھ. ئىزاھاتى). 1906- يىلىغا كەلگەندە چاغاتاي تىلىدا نەشرى قىلىنىشقا باشلىغان «خۇرشىد» گېزىتىدە، بۇ گېزىتنىڭ قۇرغۇچىسى مۇنەۋۋەر قارى بىلەن ئىلغار بىر دىنىي زات بولغان مەخمۇت غوجا بەھبۇدىي بىر تەرەپتىن چار رۇسىيەگە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ھەرىكەتكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان كىشىلەرگە قارشى ماقالىلەر يېزىشقا باشلايدۇ. بەھبۇدىي، ئورتا ئاسىيالىق جەدىتچىلەر ئۈچۈن بىر پروگرامما سۇنۇپ، بۇ ئاساستا بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىر نۇقتىغا جەم بۆلىشى لازىملىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئۇلار، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىرەر گېزىتنى تاقىۋېتىش بۇيرۇقىنى چىقارسا، ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر گېزىتنى نەشر قىلىشاتتى. بۇخارا ئەمىرلىكى تەۋەسى، جەدىتچىلىك ھەرىكىتى ئەڭ ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان جايلاردىن بىرى ئىدى.27 ئابدۇراۋوپ پىتىرات باشلامچىلىقىدىكى جەدىتچىلار، بۇخارا ئەمىرىنىڭ بارلىق توسالغۇ ۋە بېسىملىرىغا قارىماي ئوقۇتۇش ساھەسىدەك سىياسىي ساھەلەردىمۇ ئىسلاھات ۋە ئويغىنىش ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا تىرىشماقتا ئىدى.
(رەسىم ئورنى)
بۇخارادا نەشرى قىلىنغان «تۇران» گېزىتى، 1912- يىلى دېكابىر
(گېزىتتە، “بۇخارادا بىر نۇسخىسى 2 تىيىن، باشقا شەھەرلەردە بىر نۇسخىسى 5 تىيىن” دېگەنلەر يېزىلغان. بۇ گېزىتنىڭ پادۋال ئۈستى ماقالىسى: «تۇراننىڭ 1913- يىللىقى ئۈچۈن ئابۇنە دەپتىرى ئېچىلدى» − ئۇ.ت)
ئورتا ئاسىيادىكى جەدىتچى گۇرۇپپىلار، مەملىكەت ئىچىدە يالغۇز زامانىۋى ئوقۇتۇش مۇھىتىنى بەرپا قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، ئۇيۇشتۇرۇلغان تەشكىلاتلار ۋاسىتىسىگە تايىنىپ تۈركىيەنى نۇقتا قىلغان ھالدا نۇرغۇنلىغان ئەللەرگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىشكە كىرىشىدۇ. 1908- يىلىغا كەلگەندە، بۇخارادا «تەربىيەئىي ئەتفال» (بالىلار ئوقۇتۇشى) نامىدا بىر مەخپىي جەمئىيەت قۇرۇلىدۇ (ئوسمان غوجا، ئەخمەتجان مەخدۇم، سەدرىدىن ئەينى، ئابدۇۋاھىترافىي ۋە ئابدۇلقادىر مەخدۇملار بۇ جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ئىدى. − ئا. ھ. ئىزاھاتى). جەمئىيەت ئەزالىرىدىن ئابدۇراۋوپ پىتىرات، ئوسمان غوجا، ئابدۇلئەزىز غۇلجالىق ۋە سادىق ئاشۇر ئوغلى 1909- يىلىغا كەلگەندە يوشۇرۇن شەكىلدە ئىستانبۇلغا بېرىپ، ئۇ يەردە «بۇخارا تامىمىئى مائارىف جەمئىيەتئى خەيرىيەسى» دېگەن ئىسىم بىلەن بىر شۆبە ئاچىدۇ. بۇ جەمئىيەت، ئىككى يىل ئىچىدە تۈركىيەگە 25 نەپەر ئوقۇغۇچى ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش قۇرۇلغان يەنە بىر جەمئىيەت بولسا، «تۇران نەشرىي مائارىف جەمئىيەتى» ئىدى (بۇ جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى تۆۋەندىكى كىشىلەردىن تەشكىل تاپماقتا: مۇقىممىدىن بەگجان، ئابدۇراۋوپ پىتىرات، غۇلجالىق ئابدۇلئەزىز، ئەخمەتجان مەخدۇم ۋە ئالىمجان ئىدىرىسىي قاتارلىقلار. … − ئا. ھ. ئىزاھاتى). بۇ جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزالىرى، ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋاقىتلاردا، ئوسمانلىلار ئىلغار كۈچلىرى ئىچىدىن چىققان ژۆن تۈرك ھەرىكىتى (ياش تۈركلەر ھەرىكىتى. تۈرك ياشلىرى ھەرىكىتى − ئۇ.ت) ۋە ئىتتىھات تەرەققىي (ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىيات − ئۇ.ت) ئېقىمى بىلەنمۇ تونۇشقان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، كېيىنكى يىللارغا كەلگىنىدە بۇخارا ۋە خىۋە خانلىقلىرىغا قارشى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا،28 ئۇلار ئۆزلىرىنى (تۈركىيەدىكى بۇ ئېقىمغا تەۋە كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ژۆن تۈركلەر ياكى ياش تۈركلەر دەپ ئاتاشقىنىغا ئوخشاش − ئۇ.ت)”ياش خىۋەلىكلەر” ۋە “ياش بۇخارالىقلار” دەپ ئاتىشىدۇ.
بۇ جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن تۈركىيەگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەكلا ئاز بىر قىسمى ئورتا ئاسىياغا قايتىپ كېلەلىگەن بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ كەينىدىنلا باشلانغان بولشېۋىك ئىنقىلابىنىڭ پەيدا قىلغان قالايمىقانچىلىقلىرى تۈپەيلىدىن تۈركىيەدىن ئايرىلماي شۇ يەردە تۇرۇپ قالىدۇ. تۈركىيەدە تۇرۇپ قالغانلارنىڭ بىر قىسمى ھەرخىل ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىنىپ ئانادولۇ (تۈركىيەنىڭ كىچىك ئاسىيا قىسمىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇيغۇرچە بەزى مەنبەلەردە ئاناتولىيە، كىچىك ئاسىيا دەپمۇ ئېلىنغان. − ئۇ.ت) غا تارقىلىپ، ئۇ يەرلەردە ياش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەرخىل ئورگانلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ئىستانبۇلدا قالغانلار بولسا، 1920- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئورتا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەشكە كىرىشىپ، بۇ ھەرىكەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

چار رۇسىيەدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەر ۋە ئورتا ئاسىياغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى
چاررۇسىيەدە سىياسىي پارتىيىلەر 1880- يىللىرىدىن باشلاپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان ئىدى. چاررۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ بېسىملىرى سەۋەبىدىن پائالىيەتلىرىنى يەر ئاستىدا قانات يايدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ۋاقىتلاردا بىرىنچى بولۇپ قۇرۇلغان پارتىيە، پلېخانوۋ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ئىدى. «ئىسكرا» نامىدىكى ژۇرنال ئېتىراپىغا ئۇيۇشقان بۇ گۇرۇھقا مەنسۇپ كىشىلەر، ئاساسەن ئىشچىلار سىنىپى ئارىسىدا پائالىيەت قىلىشماقتا ئىدى. 1903- يىلى بۇ پارتىيە ياۋروپادا چاقىرىلغان بىر قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا، لېنىن يېتەكچىلىكىدىكى بولشېۋىكلەر ۋە مارتوۋ يېتەكچىلىكىدىكى مېنشېۋىكلەر دېگەن ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتە دېھقانلار ئاممىسىغا تايىنىشنى تاللىۋالغان سوتسىيال رېۋولوتسيونېرچىلار (قىسقارتىلىپ س- ر چىلار ياكى ئېس- ئارچىلار دەپلا ئاتىلىدۇ − ئۇ.ت)، يېزا خەلق ئاممىسىنى ھوقۇققا ئىگە قىلىش دەيدىغان شوئار ئاساسىدا چار پادىشاھ ھاكىمىيىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك تېررورلۇق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرماقتا ئىدى.
بۇرژۇئازىيىنىڭ، يەنى ئوتتۇرا ھال سىنىپنىڭ تەلەپلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كونىستىتۇتسيونال (ئاساسىي قانۇنچى) دېموكراتچىلار بولسا، پارلامېنتلىق ۋە ئومۇمىي سايلام تۈزۈمىنى ئاساس قىلغان خانلىق ھۆكۈمەت قۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە بولۇپ، ئۇلار قىسقىچە كادېتچىلار دەپ ئاتىلىپ پائالىيەت قىلىشماقتا ئىدى.
(رەسىم ئورنى)
تاشكەنتتە نەشر قىلىنغان «سەدائىي ئورتا ئاسىيا» گېزىتى، 1914- يىلى ماي 7- سان. (بىرىنچى بەتتە «ئورتا ئاسىيا كۇتۇپخانىسى»، «دەللال − كامىسيۇنېر»، «مۇسۇلمان مەمۇرى روھانىيلىرى ھەققىدە كېڭەش مەجلىسى»، «قىرائەتخانىغا ھەۋەسلەر»، «يول خاتىرىلىرى» دېگەندەك ماقالىلەر ئورۇن ئالغان. − ئۇ.ت)30
1905- يىلقى رۇس- ياپون ئۇرۇشىدا رۇسىيەنىڭ مەغلۇپ بۆلىشى،29 ئۇنىڭ كەينىدىنلا پارتلاپ پۈتكۈل دۆلەتكە يېيىلغان قوزغىلاڭلار چاررۇسىيە ھاكىمىيىتىنى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. نەتىجىدە، چار ئىككىنچى نىكولاي بىر خىتابنامە ئېلان قىلىپ، پارلامېنت − پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئاساس قىلىدىغان بىر ئاساسىي قانۇن ۋە سايلامنى ئاساس قىلىدىغان بىر پارلامېنت (دۇما) نى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھەر قايسى سىياسىي پارتىيىلەر قانۇنىي ئورۇنغا ئېرىشىدۇ. كەينىدىنلا پۈتۈن رۇسىيە بويىچە ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. رۇسىيەدە كۆپ پارتىيىلىك مەشرۇتىيەت (پارلامېنت- خانلىق تۈزۈمى، ئاساسى قانۇن- پادىشاھلىق تۈزۈمى − ئۇ.ت) نىڭ تەشكىل قىلىنىشى، رۇسىيە ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدە ياشايدىغان مۇسۇلمان- تۈركىي خەلق ئاممىسىنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ. مۇسۇلمان- تۈركىي ئىلغار كۈچلىرى بىر تەرەپتىن ئۆز يۇرتلىرىدا سىياسىي تەشكىلات قۇرۇش پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيە تەۋەسىدە قۇرۇلتاي ئېچىش ئىشلىرىغا كىرىشىپ كېتىدۇ. قۇرۇلغان تەشكىلاتلارنىڭ پروگراممىلىرى ئاساسەن ئالغاندا رۇسىيە سىياسىي پارتىيىلىرىنىڭ پروگراممىلىرىغا ئوخشىشىپ كەتكەن بولۇپ، كۆپىنچىسى سوتسىيالىست ياكى لىبېرال قاراشلارغا ئىگە ئىدى. ئۆز گۇرۇپپىلىرىغا ۋاكالىتەن ياكى بىتەرەپ ھالدا دۇماغا سايلانغان مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەردىن چىققان ۋەكىللەر، ئادەتتە ئۆزلىرىنىڭكىگە ئوخشاش كۆز قاراشقا ئىگە پارتىيە پروگراممىسى بولغان رۇسىيە پارتىيىلىرىنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشەتتى. بىر قىسىم خەلق ۋەكىللىرى ھەتتا ئۇدۇل رۇسىيە سىياسىي پارتىيىلىرىگە ئەزا بولۇپ كىرىپ شۇ پارتىيە ئىچىدە تۇرۇپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى تاللىۋېلىشقان ئىدى. شۈبھىسىزكى، بۇ تۈردىكى ئىچىگە كىرىۋېلىپ ياكى بىرلىشىپ پائالىيەت قىلىشلىرى رۇسىيە پارتىيىلىرىنىڭ “مىللىي مەسىلىلەر” گە قارىتا قايسى خىل پوزىتسىيىدە بولغىنىغا قاراپ بەلگىلىنەتتى.
“مىللەتلەر” مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيىلىرىگە ئاساسەن سوتسىيال ئىنقىلابىي پارتىيىسى (ئېس- ئارچىلار)، باشقا مىللەتلەر ئۈچۈن ئالغاندا ئۆزلىرىگە ئەڭ يېقىن پارتىيە بولۇپ، ئۇلارنىڭ پارتىيە پروگراممىلىرىدا ئىمپېرىيە تەۋەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقلىرىگە ئەڭ كەڭ دائىرىلىك “فىدراتسىيىلىك ئورگان” قۇرۇش ھوقۇقى بېرىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا ئىدى. 1905- يىلقى قۇرۇلتىيىدا شەرتسىز سېلف دېتېرمىناتسىيە (ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقى) نى ئوتتۇرىغا قويغان ئېس- ئارچىلار پارتىيىسى، كېيىنكى قۇرۇلتايلىرىدا بۇ  قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ھەر بىر رايون ئۈچۈن ئۆزىگە خاس ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىش دەيدىغان بىر تەكلىپنى ماقۇللىشىدۇ. ئەمما بۇ قاراشنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدە ئېنىق بىر چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن ئىدى. رۇسىيە لىبېرالىزمچىلىرىنىڭ قۇرغان ئاساسىي قانۇنچى دېموكراتلار پارتىيىسى (كادېت)، رۇسىيەنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەرگە ئاساسەن رايونلارغا بولىنىدىغان بۇنداق فېدېراتىپلىق بىر دۆلەت شەكلىگە قەتئىي قوشۇلمايتتى. ئۇلار بىرلا مەركىزى ھۆكۈمەتكە بوي سۇنىدىغان “رۇسىيە پۈتۈنلۈكى” نى ھىمايە قىلىدىغان بىر تۈزۈمنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇپ، پولەكلەردىن باشقا ھەرقانداق بىر مىللەتكە سىياسىي ئاپتونومىيە (بىر مىللەتنىڭ پەقەت سىياسىي جەھەتتىلا ئۆز ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى − ئۇ.ت) بېرىلىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلماسلىق دەيدىغان بىر لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ. شۇنداقتىمۇ رۇسىيەنى شەكىللەندۈرگەن مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي جەھەتتە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ھوقۇقى بىلەن ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇتۇش ھوقۇقىنى بېرىشكە قارشى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىشەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا بولشېۋىك بىلەن مېنشېۋىك پارتىيىلىرى بولسا،31 سىياسىي ئاپتونومىيىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولغان فېدېراتسىيەگىمۇ، بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي تۈزۈم ئىچىدە مەدەنىي ساھەلىرى بويىچە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلىشىگىمۇ قارشى ئىدى. بۇ ئىككى پارتىيە، فېدېراتسىيە دېگەن شەكىل، دۆلەتنى بىر مۇنچە ئۇششاق مەركەزلەرگە بۆلىۋېتىدىغانلىقى ئۈچۈن بەكلا خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بۆلىشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە، مەدەنىي جەھەتتىكى ئاپتونومىيىمۇ ھەر قايسى مىللەت ئىشچىلار سىنىپى (پرولېتارىيات) ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ، بۇ خەلقلەرنىڭ مەدەنىي ساھەسىدىكى تەرەققىياتى جەريانىدا بۇرژۇئازىيە تەسىرىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ دەپ ھېسابلىشاتتى. شۇڭا بۇنداق تۈزۈم قەتئىي رەت قىلىنىشى لازىم دەپ قارىلاتتى. بولشېۋىكلەرنىڭ قارىشىدا، كاپىتالىزمنىڭ مەھسۇلى بولغان مىللەتچىلىك بارلىق جەھەتلەردە ئوتتۇراھال بىر سىنىپنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بولغاچقا، سوتسىيالىزم مەنپەئەتلىرى بىلەن زىت كېلىدىكەن.
يۇقىرىقىدەك قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ ئۆتكىنىمىزدىن كېيىن، تۈرك ۋە مۇسۇلمان سىياسىي خادىملىرىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا نېمە ئۈچۈن كادېت پارتىيىسىدىكىلەر ياكى ئېس- ئار پارتىيىسىدىكىلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش يولىنى تاللىۋالغانلىقىنى، شۇنىڭدەك قۇرۇلغان مىللىي پارتىيە پروگراممىلىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇ پارتىيىنىڭ پروگراممىلىرىغا ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنەلەيمىز. بولشېۋىكلەر پارتىيىسىنىڭ مىللىي مەسىلىلەرگە تۇتقان قاتتىق قوللۇق پوزىتسىيىسى تۈپەيلىدىن، مۇسۇلمان- تۈركىي يېتەكچىلىرى بىلەن زىيالىيلىرى 1917- يىلقى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىغىچە، يەنى رۇسىيەدە بولشېۋىكلەر ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئالغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئۇلارغا يېقىن يولىماسلىق يولىنى تاللىۋېلىشقان ئىدى.
1917- يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە 900 ۋەكىل قاتناشقان تۇنجى قېتىملىق پۈتۈن رۇسىيە مۇسۇلمانلار قۇرۇلتىيى، يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك ئۆز ئىچىدە ئوخشىمىغان قاراشلار شەكىللىنىۋاتقان بىر مۇھىتتا چاقىرىلغان ئىدى. بۇ قۇرۇلتايدا، ئىدىل- ئۇرال تۈركلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بىر گۇرۇپپا “رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاساسىي شەكلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تېررىتورىيىسىز مەدەنىي ئاپتونومىيىسى” نى ھىمايە قىلىشقان بولسا، ئورتا ئاسىيا، ئەزەربەيجان ۋە باشقىردىستان ئۆمەكلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنە بىر گۇرۇھتىكىلەر بولسا “تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە” نى، يەنى فېدېراتسىيەلىك بىر رۇسىيە تۈزۈمى ئىچىدە ئاپتونومىيىلىك رايونلارنى شەكىللەندۈرۈش دەيدىغان بىر لايىھىنى ھىمايە قىلىشماقتا ئىدى. پۇئات توقتاروپتىن باشقا بارلىق تاتار ئۆمەكلىرى “پۈتۈن رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى، بىر مەركەزدىن باشقۇرۇلىدىغان سىياسىي تۈزۈم ئىچىدە مەدەنىي جەھەتتىكى بىر ئاپتونومىيە” نى تەلەپ قىلىشماقتا ئىدى. ئەگەر بىر مەركەزدىن باشقۇرۇلىدىغان بۇ تۈر سىياسىي تۈزۈلمە ۋۇجۇدقا چىققىنىدا، بۇرۇن كۆرۈلگەنلەرگە ئوخشاش كەلگۈسىدە ئۇرۇسلاردىن باشقا مىللەتلەر يەنىلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالماي بوغۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقان يەنە بىر گۇرۇھتىكىلەر بولسا، بۇنداق بىر مەركەزلىك تېررىتورىيىسىز مەدەنىي ئاپتونومىيە شەكلىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرماقتا ئىدى. شۇنداق قىلىپ بىر- بىرى بىلەن زىتلىشىپ قالغان ئۇنىئونىستلار (بىر مەركەزدىن باشقۇرۇلىدىغان بىر پۈتۈن رۇسىيە شەكلىنى تەلەپ قىلىدىغانلار − ئا. ھ. ئىزاھاتى) بىلەن فېدېراتىپچىلار ھېچ بىر ئورتاق كېلىشىمگە كېلەلمەيدۇ. ئەمما بۇ قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ خىل تالاش- تارتىشلاردىن كېلىپ چىققان زىددىيەتلەر،32 سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قېچىپ چىققان سىياسىي مۇساپىرلار بىلەن بىرگە تا چەتئەللەرگىچە بىرگە سۆرىلىپ كېلىپ، تاشقى دۇنيادىكى ئىدىيىۋى توقۇنۇشلاردا بىر- بىرىنى تەنقىدلىشىدىغان ۋە بىر- بىرىگە قارشى سەپلەرگە بۆلۈنۈشلەردە كۈچلۈك باھانە بولۇپ بېرىدۇ.
رۇسىيەدە بولشېۋىكلەر ھاكىمىيەتنى تىزگىنىگە ئېلىپ بولغىنىدىن كېيىن، مېنشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ باش سېكرېتارى ۋە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى كېرېنسكى، كادېت پارتىيىسىنىڭ باش سېكرېتارى مىليۇكوۋ، ئېس- ئار پارتىيىسىنىڭ باش سېكرېتارى ۋېكتور چېرنوۋ قاتارىدىكى بولشېۋىكلەرگە قارشى يېتەكچىلىرىمۇ، فىرانسىيەنى ئاساس قىلغان ھالدا ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاپ كېتىشىدۇ. ئادەتتە ئاقلار − ئاق ئۇرۇسلار (ئاق پادىشاھ تەرەپدارى، يەنى چار رۇسىيە تەرەپدارلىرى، تەرجىمىدە ئاساسەن “ئاقلار” دەپ ئېلىندى. − ئۇ.ت) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بۇ سىياسىي خادىملار، ھەرخىل تەشۋىقات ئەپكارلىرى ئەتىراپىغا جەم بولۇشۇپ بولشېۋىكلارغا قارشى سىياسىي كۈرەشلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ. بۇ ئاقلار بىلەن بۇرۇندىن مۇناسىۋىتى بولغان ياكى كېيىنكى يىللار ئىچىدە ئورنىتىلغان مۇناسىۋەتلەر، چەتئەللەردىكى مۇساپىر تۈركىي يېتەكچىلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر بولۇش- بولماسلىغىنى باھالايدىغان يەنە بىر سىياسىي ئۆلچەم ھالىغا كەلتۈرۈلۈپ، ئۆز ئىچىدە كۆرۈلگەن ھەرخىل تالاش- تارتىشلاردا بىر- بىرىگە ھۇجۇم قىلىش باھانىسى قىلىۋېلىنىدۇ.

بولشېۋىكلەر مىللىي سىياسىتى
ئورتا ئاسىيا بىلەن ۋولگا ئەتراپىدا قۇرۇلغان ئاپتونومىيىلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك 1917- يىلقى بولشېۋىكلەر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئاپتونومىيىلەر دېيىش مۇمكىن. ئەسلىدە بۇ ئاپتونومىيىلەرنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىنى ئاساسەن ئالغاندا سوتسىيالىزم، ئىسلامىزم ۋە مىللەتچىلىكتىن ئىبارەت ئۈچ بۇلۇڭلۇق ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان دېيىش مۇمكىن. ئورتا ئاسىيالىق يەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن بولشېۋىزم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، چاررۇسىيەدىكى باشقا ئۇرۇس بولمىغان مىللەتلەر ئارىسىدا كۆرۈلگىنىگە ئوخشاش، ئىنتايىن دولقۇنسىمان ۋە بەزىدە زىددىيەتلەر بىلەن تولغان بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرمەكتە ئىدى. ئەسلىنى سۈرۈشتە قىلغاندا، ئورتا ئاسىيالىق زىيالىيلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ماركسىزم بىلەن لېنىنىزم ھەققىدە ئېنىق بىر ساۋاتقا ئىگە كىشىلەردىن ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، بولشېۋىكلەرنىڭ قانداق بىر ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى پەقەتلا مۆلچەرلىيەلمىگەن ئىدى. شۇڭا ئۇلار بولشېۋىكلەرنىڭ قايسى خىل تۈزۈم بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئەسلى ماھىيىتىنى ئەمەلىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق بىۋاسىتە باشتىن ئۆتكۈزۈش، ئېغىر خاتالىشىش جەريانىدىلا تونۇپ يېتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇلار بۇنداق بىر تەجرىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ خىل خاتالىشىش جەريانى يالغۇز ئورتا ئاسىيالىق يېتەكچىلەرگىلا خاس بىر ئالاھىدىلىك بولۇپ قالماي، ئىدىل- ئۇرال ۋە باشقىرت تۈركلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تۈركىي قوۋملىرى ئۈچۈنمۇ ئورتاق بىر جەريان دېيىش مۇمكىن ئىدى.
ئەسلىدە، لېنىن تا 1913- يىللىرىدىلا مىللىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى ماقالىلىرىدە، بولۇپمۇ كېيىنكى يىللاردا ئىزچىل مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولىدىغان ئاپتونومىيە،33 سېلف دېتېرمىناتسىيە (ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقى) پرىنسىپلىرى ۋە كۈلتۈر ساھە بويىچە چەكلىنىدىغان ئاپتونومىيە قاتارىدىكى چۈشەنچىلەر ھەققىدە قايسى خىل كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئوچۇق شەرھلەپ بولغان ئىدى. لېنىن، كۈلتۈرەل جەھەتتىلا چەكلىنىدىغان مىللىي ئاپتونومىيە ھەققىدە توختالغىنىدا مۇنداق دېگەن ئىدى:
ئادەتتە دېموكراتىيە نۇقتىسىدىن، خۇسۇسەن پرولېتارىياتنىڭ سىنىپىي كۈرەش تەلىپى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇنداق بىر پارچىلىنىشقا، بۇنداق بىر ئاپتونومىيىگە يول قۇيۇشقا بولامدۇ- بولمامدۇ؟ مانا بۇ، ئەڭ ئالدى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىزغا تېگىشلىك مەسىلىدۇر. … ھەر خىل مىللەتلەر بىرلا دۆلەت ئىچىدە ياشىماقچى بولىدىكەن، ئۇلار مىليونلارچە، ھەتتا مىلياردلارچە ئىقتىسادىي، قانۇنىي ۋە ئىجتىمائىي باغلار بىلەن بىر- بىرىگە زىچ باغلىنىپ ياشاشقا مەجبۇر. مائارىپ ئىشلىرىنى ئەنە شۇ باغلاردىن قانداقمۇ ئايرىم تۇتالىشىمىز مۇمكىن؟ … ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى دۆلەتنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى سىرتىدا قالدۇرالىشىمىز مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر بىرلا دۆلەت تەۋەسىدە ياشايدىغان ھەرخىل مىللەتلەر ئىقتىسادىي باغلار بىلەن ئۆزئارا چەمبەرچاس باغلانغانلا بولىدىكەن، ئۇ مىللەتلەرنى مەدەنىي جەھەتتە، بولۇپمۇ ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ئىزچىل تۈردە ئايرىم تۇتىمەن دېيىش ئەخمىقانىلىك بىر ھەرىكەت بولۇپلا قالماي، يەنە قالاقلىقنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، مەكتەپلەر ئەمەلىي تۇرمۇشقا زۆرۈر بولغان ئىشلارغا ئالدىن تەييارلىق قىلىش مەقسىتىدە، مىللىي خەلق ئاممىسىنى ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا بىرلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم. (لېنىن، «مىللىي مەسىلىلەر ۋە مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى» 113- بەت. − ئا. ھ. ئىزاھاتى)
لېنىن يەنە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدە، يەنى سېلف دېتېرمىناتسىيە ھەققىدە توختالغىنىدىمۇ كەلگۈسىدە ئىجرا قىلىنىدىغان سىياسىي تۈزۈمگە يول كۆرسەتمە بولالىغۇدەك مۇنداق بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى:
پروگراممىمىزدىكى سېلف دېتېرمىناتسىيە دېگەن مەزمۇننى يالغۇز سىياسىي جەھەتتىلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر ئابستراكت ئۇقۇم دەپ چۈشىنىشىمىز كېرەك. يەنى ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش دېگەنلىك، مەركىزى دۆلەتتىن بۆلۈنۈپ چىقىپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. … ئەگەر، بىرەر مىللەت بىر پۈتۈن دۆلەت ئىچىدە ئايرىم بىر مىللەت بولۇپ ياشايمەن دەپ ئويلىغىنىدا، ئۇنىڭ رۇسىيەدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ھوقۇقى بولىدۇ. … بۇنداق بىر تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويالمىغان بىر مىللەت، فېدېراتسىيەلىك مۇناسىۋەت قۇرۇش ياكى زېمىن تەلىپى بولمىغان كۈلتۈرەل ئەركىنلىك دېگەندەك تەلەپلەردە بولۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. …
شۇنداق قىلىپ رۇسىيەدىن ئايرىلمىغان، ئېنىقراق ئېيتقاندا بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتەلمىگەن مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ئالدىن- ئالا ئېنىق بەلگىلىۋېتىلگەن ئىدى. دېمەك، بۇنداق ئەھۋالدا قالغان مىللەتلەر ئۆز خاھىشلىرى بويىچە بۈيۈك ئۇرۇس مىللىتى (!) ئىچىدە ئېرىپ يوقىلىشقا مەھكۇمدۇر. ئۇنداقتا بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلار قانداق قىلىشى كېرەك؟ لېنىننىڭ بۇ ھەقتە دېگەنلىرىنىمۇ كادېت پارتىيىسىنىڭ باياناتچىسىغا بەرگەن جاۋابىدىن ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:34
ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقى دېگەن باشقا بىر ئىش، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش دېگەنلىك، يەنى، بىر مىللەتنىڭ بەلگىلىك شارائىتلار ئاستىدا بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىش تەلىپىنىڭ توغرا بولۇش- بولماسلىقى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان يەنە باشقا بىر ئىشتۇر. پارتىيىمىز بۇ مەسىلىنى ھەرخىل ئەھۋاللارنى بىر پۈتۈنلۈك بويىچە تەھلىل قىلغان ھالدا، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ ھەمدە پرولېتارىياتنىڭ سوتسىيالىزم شارائىتى ئاستىدىكى سىنىپىي كۈرەش ئېھتىياجىنىڭ تەلىپىگە ماسلاشتۇرغان ئاساستا بەلگىلىشى لازىم.
بىز سېلف دېتېرمىناتسىيىنى، … ئىقتىسادىي جەھەتتىن پارچىلىنىش ۋە ئۇششاق دۆلەتلەرگە بۆلۈنۈشنى غايە قىلغانلىقى سەۋەبىدىن قوبۇل قىلالمايمىز. بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، بىز چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىنىلا ئارزۇ قىلىمىز. ئەمما بۇ ئارزۇمۇ دېموكراتىيە ۋە ئىنتېرناتسىئونالىزم پرىنسىپلىرىغا تولۇق ئۇيغۇن كەلگەن بۆلىشى لازىم. بۇلارنىمۇ بۆلۈنۈپ چىقىش ھوقۇقى بولماي تۇرۇپ قىياس قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. … پارچىلىنىش، بىزنىڭ پىلانىمىزدا يوق ئىش. بىز ھەر قانداق بىر تۈردىكى بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىش تەرەپدارى ئەمەسمىز.
بۇلاردىن مەلۇم بولغىنىدەك، لېنىننىڭ “ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقى” دېگىنى ھەرگىز رۇسىيەدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىش دېگەن مەنىنى بەرمەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. رۇسىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولالىشى ئۈچۈن لازىملىق ئالدىنقى شەرت شۇكى، پرولېتارىياتنىڭ خەلقئارالىق سىنىپى كۈرەش سېپى پارچىلانماسلىقى كېرەك. ئەمما رۇسىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇش دەيدىغان بۇ ئىشنى ئەمەلىيەتتە قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچكىم بىر نېمە بىلمەيتتى. ئاخىرىدا، لېنىن رۇسلاردىن باشقا مىللەتلەرگە مۇنداق ئىككى خىل تاللاش ھەققىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: بۇنىڭ بىرى، ئەمەلىيەتتە ھەرگىز ئىجرا قىلىشقا بولمايدىغان ۋە لېنىننىڭ ئۆزىمۇ ئىجرا قىلىنىشىنى خالىمايدىغان “رۇسىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇش” يولى؛ يەنە بىرى بولسا، “رۇس مىللىتى ئىچىگە سىڭىپ يوقىلىش” يولى. بۇ ئىككى يولدىن باشقا تاللاشقا بولىدىغان ئۈچىنچى بىر يول يوق ئىدى. بۇ ئىككى يولنىڭ بىرىنچىسى پۈتۈنلەي نەزەرىيىۋى بىر گەپ بولۇپ، قەغەز يۈزىدىلا مەنىگە ئىگە بولۇشتىن باشقا قىلچىمۇ ئەمەلىي قىممىتى يوق قۇرۇق گەپ ئىدى. لېنىن ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى رۇسلاردىن باشقا مىللەتلەرگە سۇنغان تاللاش يولى پەقەت ئىككىنچى خىلدىكىلا يول ئىدى. يەنى، رۇس مىللىتى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ يوقاپ كېتىشى شەرت ئىدى. ئەمما يۇقىرىدا تەكىتلەنگىنىدەك، لېنىننىڭ بۇ نەزەرىيىسىنى تەپسىلىي چۈشىنىدىغان مۇسۇلمان تۈركىي زىيالىيلىرىنىڭ سانى بارماق بىلەن سانىۋالغىچىلىك دەرىجىدە ئاز ئىدى.
ئۆكتەبىر ئىنقىلابى جەريانىدا بولشېۋىكلەر سېلف دېتېرمىناتسىيە پىرىنسىپىنى ئۆز رەقىبلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتا كۈچلۈك بىر توقماق قىلىپ پايدىلانغان بولسا، رۇسلاردىن باشقا مىللەتلەرگە بولسا ئالاھىدە جەلپ قىلارلىق بىر پسىخولوگىيىلىك يەمچۈك ئورنىدا پايدىلانماقتا ئىدى. لېنىن بىلەن ستالىن بىرلىكتە قول قويۇپ 1917- يىلى 15- نويابىردا ئېلان قىلغان «رۇسىيەدىكى ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ ھوقۇقى» دېگەن باياناتى،35 كوممۇنىزم بىلەن كوممۇنىستلارنى ئېنىق تونۇپ يىتەلمىگەن مىللەتلەرنىڭ زىيالىيلار قوشۇنىدىكىلەرنى بەكلا كۈچلۈك جەلپ قىلىۋالغان ئىدى. بۇ خىتابنامىدە بولشېۋىكلەر ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسەتلىرى ئاساس قىلىدىغان تۆت مۇھىم نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا ئىدى. بۇ نۇقتىلارغا ئاساسەن، رۇسىيەدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ھوقۇقتا باراۋەر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ خوجايىنلىرى دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. بۇ ئۇقتۇرۇشتا، بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىش ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىرىنى قۇرۇش ھوقۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى ئىختىيارى شەكىلدە بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ كۆرسىتىلگەن؛ مىللىي ۋە دىنىي جەھەتلەردىكى بۇرۇنقى ھەر تۈرلۈك كەمسىتىش مۇئامىلىلەر بىلەن چەكلىمىلەر بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن. شۇنىڭدەك يەنە ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەركىن تەرەققىياتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن.
بۇ بايانات ئېلان قىلىنىپ ئارىدىن بەش كۈن ئۆتكەندە، بولشېۋىكلەر ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە مۇسۇلمانلار ئاھالىسىگە قارىتىپ ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ھېسسىياتلىرىنى ئۆزلىرىگە جەلپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان يەنە بىر بايانات ئېلان قىلىدۇ. ئاتېئىزم ياكى ئىنتېرناتسىئونالىزمدىن قىلچىمۇ ئېغىز ئاچمىغان بۇ ئىككىنچى باياناتتا “چاررۇسىيە يولغا قويغان بارلىق بېسىم ۋە چەكلىمىلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، بارلىق مۇسۇلمان خەلقلىرى دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ- ئادەتلىرى بىلەن خالىغانچە شۇغۇللىنالايدۇ” دەپ تەكىتلەپ كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، مۇسۇلمان خەلقلىرىدىن بولشېۋىكلەر ئىنقىلابىنى قوللاپ- قۇۋەتلەشلىرى تەلەپ قىلىنغان ئىدى. ئۆزىمۇ بىر گىرۇزىن بولغان ستالىن، ئۆكتەبىر ئىنقىلابى بىلەن بىرگە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتا رەقىبلىرىنى يېڭىپ چىقىش ۋە رۇسىيەدە كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنى تىكلىۋېلىش ئۈچۈن رۇس بولمىغان مىللەتلەر ئىچىدىن چىققان يەرلىك ئىلغار كۈچلەرگە بەكلا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلەتتى. ستالىننىڭ قارىشى بويىچە، بۇ تۈردىكى كىشىلەر بۇرژۇئازلار ئىچىدىن ياكى كۈچلۈك مىللەتچىلىك ئىدىيىسىگە ئىگە بولغان كىشىلەر ئارىسىدىن چىققان بۆلىشىنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق ئىدى. نىمىلا بولسا بولسۇن، بۇ تۈردىكى يەرلىك ئىلغار كىشىلەردىن پايدىلىنىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يېتەكچى ئورۇندىكى ئادەملىرىگە كوممۇنىزم ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلدۇرۇش لازىم ئىدى. ئەنە شۇنداق مەقسەت بىلەن، بۇ باياناتلار ئېلان قىلىنىپ بىرەر ئايمۇ ۋاقىت ئۆتمەي، يەنى نويابىر ئېيىدا، ستالىن مىللىي ئىشلار كومىسسارىياتى (ناركومناتس، نارودنىي كومىسسارىيات پو دېلام ناتسيونال نوستېرى. كومىسسارلىق، كوممۇنىستلار ھاكىمىيىتىدە مىنىستىرلىق ئورنىدىكى بىر ئورگان. − ئا. ھ. ئىزاھاتى) نى قۇرغۇزۇپ، بۇ كومىسسارلىقىنى بىۋاسىتە ئۆزىگە قارايدىغان بىر ئورگانغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ كومىسسارلىق، كېيىنكى ۋاقىتلاردا سوۋېت دائىرىلىرى بىلەن ئۇرۇس بولمىغان مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇل بولىدىغان باشقا مىللەت خەلقلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان بىر ئورگان ھالىتىگە كەلتۈرۈلىدۇ. ئالىي كومىسسارلىق تەۋەسىدە يەھۇدىيلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئۇرۇس بولمىغان بارلىق مىللەتلەر ئۈچۈن ئايرىم- ئايرىم تارماق كومىسسارلىقلار تەسىس قىلىنىدۇ. ناركومناتسقا قارايدىغان ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ كۈچلۈك تارماق − مەركىزى مۇسۇلمان ئىشلىرى كومىسسارلىقى، يەنى مۇسكوم بۆلۈمى بولۇپ، بۇ بۆلۈم رۇسىيەدىكى بارلىق مۇسۇلمان خەلقلىرىگە دائىر ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى. مۇسكوم رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا بولشېۋىكلەر ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلغان تۈركىي نەسىللىك ئۈچ كىشى مەسئۇل قىلىپ تەيىنلەنگەن ئىدى.36 بۇ ئۈچ كىشىدىن بىرى باشقىرتلاردىن بولغان شېرىپ ماناتوۋ بولۇپ، قالغان ئىككىسى تاتار تۈركىلىرىدىن كەلگەن موللانۇر ۋاھىتوۋ بىلەن گالىمجان ئىبراھىموۋ ئىدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ناركومناتس، ئۇرۇس بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مەمۇرى، مالىيە ۋە ھەربىي ئىشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا بارلىق ئىشلارنى ئۆز تىزگىنىدە تۇتۇپ باشقۇرىدىغان كۈچلۈك بىر ئورگان ھالىغا كەلتۈرۈلىدۇ. مۇنداق ئالغاندا بۇ ئورگان دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەتتەك ھوقۇققا ئىگە بىر ئورگان ھالىغا كەلتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ ئورگان، لېنىن ئۆلگەندىن كېيىنكى دەۋرلەردىكى داھىيلىق تالىشىش ئىشلىرىدا ستالىن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ياردەمچى كۈچكە ئايلاندۇرۇلغان ئىدى.
مۇسۇلمان تۈركىي رەھبەرلىرىنىڭ بولشېۋىكلەر تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار ئىچىدە قىزىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئاق ئۇرۇس گېنېراللىرىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىلىرىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتماقتا ئىدى. بۇ گېنېراللار ئەگەر قىزىللار ئۈستىدىن غەلىبە قازىنالىغىنىدا، رۇسىيە پادىشاھلىقىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى، ياكى ھېچ بولمىغاندا ئۇرۇس شوۋىنىزمى ئاساسىدا قۇرۇلىدىغان بىر تۈزۈمنى تىكلەيدىغانلىقىنى مەقسەت قىلىشقان بولۇپ، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ياكى ئاپتونومىيە دەيدىغان تەلەپلىرىگە قەتئىي يول قويمايدىغانلىقنى ھەر ۋاقىت تەكىتلەپ كەلمەكتە ئىدى. ئەگەر ئاقلار غەلىبە قىلىپ قالغۇدەك بولغىنىدا ھەممە نەرسە ئۆزگەرمەي بۇرۇنقى ھالىتىدە قالىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشكەن يەرلىك يېتەكچىلەرنىڭ بىر قىسمى، يۇقىرىدا تەكىتلەنگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قىزىللار تەرىپىگە ئۆتۈپ ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنى تاللىۋېلىشقان ئىدى.
ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىشى بىلەن تەڭ، چاررۇسىيە تەۋەسىدىكى بارلىق مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەر رايونىدا مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى پارتلاشقا باشلايدۇ. باشقىرتلار 15- نويابىردا ئاپتونومىيە قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدۇ. بۇنىڭ كەينىدىنلا، يەنى 27- نويابىر كۈنى (كونا ئۇرۇس كالېندارى بويىچە 13- دېكابىر. − ئا. ھ. ئىزاھاتى) قوقان ئاپتونومىيىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنىدۇ. دېكابىر ئېيىدا ئورتا ئاسىيانىڭ قازاقىستان تەۋەسىدە ئالاش- ئوردا ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئۇلىشىپلا ئىدىل- ئۇرال تەۋەسىدە، ئەزەربەيجاندا ۋە قىرىمدا بۇ تۈردىكى ئىشلار كۈن تەرتىپكە قويۇلىدۇ. بەكلا قىسقا ئۆمۈرلۈك قوقان ھۆكۈمىتىدىن باشقىلىرى خېلى ۋاقىتلارغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمما سوۋېت دائىرىلىرى، بولۇپمۇ ستالىن، بۇ جايلاردا بارلىققا كەلگەن بارلىق “مىللىي ھەيئەت” لەرنى مەركەزدىن ئايرىلىشقا ئۇرۇنغان “بۇرژۇئا ئاپتونومىيەچى گۇرۇھلار” دەپ قاراپ، بۇ تۈردىكى ھەرىكەتلەرگە قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ بارلىق ھوقۇقنى ئىشچىلار سىنىپى بىلەن دېھقانلارغا تاپشۇرغان ئاپتونومىيىلەرگە يەنىلا رۇخسەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق بىر ئاپتونومىيە − پۈتۈنلەي كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ تىزگىنلىشى ئاستىدا تۇرىدىغان سوۋېت خاراكتېرىنى ئالىدىغان بىر ئاپتونومىيە دېگەنلىك ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل كۆزقارىشى 1918- يىلى ماي ئايلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا قارىماي،37 بۇ ئىشلار خېلى كېيىنكى ۋاقىتلاردىلا ئاندىن ئىجرا قىلىنىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ۋاقىتلاردا رۇسىيەدە پۈتۈن سەپلەر بويىچە ئىچكى ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان بولغاچقا، ئۇ كۈنلەردە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزلىرىنى ھىمايە قىلىش ئېھتىمال بولىدىغان ھەرقانداق بىر كۈچنى ئىتتىپاقدىشى دەپ ھېسابلاپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، كوممۇنىستىك پارتىيە يېتەكچىلىرى ستالىننىڭ “بۇرژۇئازىيە ئاپتونومىيىلىرى” دەپ كۆرسەتكەن بۇ ھۆكۈمەتلەرنى دەرھال باستۇرۇۋەتمەي، پۇرسەت يار بەرگىنىدە ئۇلارنى كوممىنىستلاشتۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ، بولشېۋىكلەرنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغانلارغا قارىتا ئۇ كۈنلەردە يۇمشاق مۇئامىلە قىلىپ تۇرۇشقا تىرىشقان ئىدى.

ئىنقىلاب ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە ئورتا ئاسىيا ۋەزىيىتى
يىگىرمىنچى ئەسىرگە قەدەم تاشلىنىۋاتقان كۈنلەردە، ئورتا ئاسىيا تەۋەسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى چاررۇسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بىر ۋەزىيەتتە ئىدى (خەرىتە- 1 گە قارالسۇن. − ئا. ھ. ئىزاھاتى). بۈيۈك ئورتا ئاسىيانىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلغان بۇخارا ۋە خىۋە خانلىقلىرى ئىچكى ئىشلاردا ئەركىن، ئەمما تاشقى ئىشلاردا رۇسىيەگە باغلىنىپ تۇرۇۋاتقان بېقىندى بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇلغان ئىدى. ئۇرۇسلار ئىگىلىۋالغان يەرلەرنى ئورتا ئاسىيا باش گوبېرنىيىسى بىلەن دالا (ستېپ) باش گوبېرنىيىسى دېگەن ئىككى مەمۇرى رايونغا بۆلۈپ باشقۇرماقتا ئىدى. ئورتا ئاسىيا گوبېرنىيىسى بولسا سىر دەريا ۋادىسى، پەرغانە، سەمەرقەنت، سەمىرەچى (يەتتىسۇ) ۋە كاسىپى سىرتىدا قالغان جايلار (ترانسكاسپىيا) قاتارىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دالا گوبېرنىيىسى بولسا ئاقمولىنسك (ئاقموللا، بۈگۈنكى قازاقىستان پايتەختى ئاستانا − ئۇ.ت) بىلەن سەمىيپالاتىنسك رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. تاشكەنت شەھىرى بولسا بۇ ئىككى گوبېرنىيىنىڭ مەركىزى قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى. بۈيۈك ئورتا ئاسىياغا تەۋە بولغان تورغاي بىلەن ئۇرال رايونلىرى بولسا دالا گوبېرناتورلىغىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇپ، ئۇ يەرنى رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە قارايدىغان يەر قىلىشقان ئىدى. بۇ تۈردىكى مەمۇرى ئورگان تۈزۈلۈشى 1917- يىلقى بولشېۋىكلەر ئىنقىلابىغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ئىدى. سوۋېت تەرەپ بۇ رايونلارنى پۈتۈنلەي بېسىۋېلىپ بۇخارا بىلەن خىۋە دۆلەتلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇۋالغاندىن كېيىن، ئورتا ئاسىيا تېررىتورىيىسىنى قايتىدىن پارچىلاپ، تا بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان سىياسىي رايونلارنى شەكىللەندۈرىدۇ.
كرېنسكى يېتەكچىلىكىدە كادېت، ئېس- ئار ۋە سوتسىيال دېموكراتلار بىرلىشىپ قوزغىغان 1917- يىلقى فېۋرال ئىنقىلابىدا چاررۇسىيە تەۋەسىدە ياشايدىغان بارلىق مىللەتلەر رۇسىيە تەۋەسىدە تۈپ يىلتىزىدىن بىر ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىدىغان بولدى دەپ قارىشىپ ئۇلاردىن بەكلا زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن ئىدى.38 بۇ چاغدا ئىمپېرىيىنىڭ بارلىق بولۇڭ پۇچقاقلىرىدا نەچچە ئەسىردىن بېرى ھۆكۈم سۈرۈپ كېلىۋاتقان ئېزىش ۋە زۇلۇم سېلىش سىياسىتىگە ئەمدى خاتىمە بېرىلىدىغان بولدى دېگەن بىر ئۈمىد ھەممە يەرگە يېيىلغان ئىدى. بۇ قوزغىلاڭ خەۋىرى تاشكەنتكە يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ، ئورتا ئاسىيا گوبېرناتورى گېنېرال كۇروپاتكىن بارلىق قوراللىق كۈچى بىلەن بىرگە كېرېنسكى ھۆكۈمىتىگە بوي سۇنىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك يەنە، بۇ جايلاردا يېڭى ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغىلىدىغان ھەرقانداق بىر ئىسياننى قىلچە رەھىم قىلماي قەتئىي تۈردە باستۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ھۆكۈمەت، مارت ئېيىدا ئېلان قىلغان بىر بەلگىلىمىگە ئاساسەن چاررۇسىيە دەۋرىدىكى گوبېرنىيىنىڭ بارلىق مەمۇرى ئورگانلىرىنى پۈتۈنلەي تاقىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت كومىتېتلىرىنى مەسئۇل قىلىپ تىكلەش قارارىنى ئالىدۇ. بۇ قارارغا ئاساسەن ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدىكى ھۆكۈمەت مەھكىمىسى شچېپكىن باشچىلىقىدىكى 9 كىشىلىك بىر كومىتېتقا بارلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. دالا (ستېپ) گوبىرنىيە تەۋەسى بولسا پۈتۈنلەي مەركىزى ھۆكۈمەتكە قارايدىغان قىلىنىدۇ (شچېپكىن رەئىسلىكىدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەزالىرى  پرېئوبراجېنسكى، زىيا پوۋىسكى، شىكاپسكى، ئېلپاتوۋسكى، گېنېرال دەۋلەتشىن، سادىر مەقسۇدىي، مۇھەمماتجان تىنىشباي ۋە ئەلىخان بۆكەيخان ئوغلى قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان − ئا. ھ. ئىزاھاتى). ئاپرېل ئېيىدا چاقىرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئىشچى- دېھقانلار قۇرۇلتىيى شچېپكىننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا نالىۋكىننى ھۆكۈمەت رەئىسلىكىگە تەيىنلەيدۇ.
فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ئاز- تولا ئەركىن نەپەس ئالغىلى بولىدىغان سىياسىي مۇھىت، ئورتا ئاسىيالىقلار ئىچىدىكى سىياسىي ئېقىملارنىڭ ھەرىكىتىنىمۇ تېزلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئورتا ئاسىيالىق ئىلغارلار، ئورتا ئاسىيادىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ۋەقەلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش مەقسىتىدە مارت ئېيىدا يىغىلىپ، كۆپ سانلىق ئەزالىرى جەدىتچىلەردىن تەشكىل تاپقان ئىسلام پارتىيىسى (شۇراسى) نى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ شۇرانىڭ باش سېكرېتارلىقىنى ئورتا ئاسىيا جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بىرى بولغان مۇنەۋۋەر قارى ئۈستىگە ئالىدۇ. يېڭى قۇرۇلغان بۇ ئىسلام شۇراسى، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە بىر ئومۇمى قۇرۇلتاي چاقىرىش قارارىنى ئېلىشىدۇ. قۇرۇلتاي چاقىرىش تەييارلىقلىرى پۈتكەندە، يەنى 1917- يىلى 17- ئاپرېل كۈنى تاشكەنت شەھىرىدە 440 نەپەر ۋەكىل قاتناشقان تۇنجى قېتىملىق ئورتا ئاسىيا مۇسۇلمانلار قۇرۇلتىيى چاقىرىلىدۇ. بۇ قۇرۇلتايدا «رۇسىيەدىكى كەلگۈسى ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە ئورتا ئاسىيانىڭ بۇ تۈزۈم ئىچىدىكى ئورنى»، «ئۇرۇس كۆچمەنلىرىگە بۆلۈپ بېرىلگەن يەرلەرنىڭ ئەھۋالى» دېگەندەك بىرقانچە تېمىنى مەزمۇن قىلغان ھالدا مۇزاكىرىلەر ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسى جەدىتچىلىكنى ھىمايە قىلىدىغان كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بولماستىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە دىنىي رەھبەرلەرنى ھىمايە قىلىدىغان كونسېرۋاتىپ كىشىلەرمۇ خېلى كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلاتتى. شۇ سەۋەبتىن قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەردىن ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئاساسىدا بىر قانچە خىل گۇرۇھلار بارلىققا كېلىدۇ. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينى ئورتا ئاسىيادىكى بارلىق ئىدىيىۋى ئېقىملارنى بىر يەرگە كەلتۈرەلىگەن ئورتا ئاسىيا تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر ۋەقە دەپ قارىغان قانۇنشۇناس ئۇبەيدۇللا غوجا، ئىسلام شۇراسىدىكى جەدىتچىلەر بىلەن تېخى رەسمىي بىر تەشكىل بولۇپ ئۇيۇشۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن مۇتەئەسسىپلەرنى ئورتاق بىر پىكىرگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئورتا ئاسىيادا بىر “مىللىي مەركەز” تەشكىل قىلىش زۆرۈر دېگەن تەكلىپنى ئورتىغا قويىدۇ.39 بۇ تەكلىپ قۇرۇلتايدا ماقۇللىنىپ، مۇستاپا چوقاي ئوغلى رەئىسلىكىدە «ئورتا ئاسىيا مۇسۇلمانلار مەركىزى شۇراسى» تەشكىل قىلىنىدۇ. بۇ شۇراغا مەھمۇد غوجا بەھبۇدى، ئۈبەيدۇللا غوجا، ئابىدجان مەخمۇت، شاھ ئەخمەت شاھ ئىسلام، مىر ئادىل ۋە مۈپتى سەدرىدىن خان قاتارىدىكى ئورتا ئاسىيالىق داڭلىق زاتلارمۇ قاتناشقان ئىدى. كېيىنكى يىللاردا قۇرۇلىدىغان باشقىردىستان ئاپتونومىيىسىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئەخمەت زەكى ۋەلىدىمۇ بۇ مەركەزدە كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئىدى. ئورتا ئاسىيا مۇسۇلمانلار مەركىزى شۇراسى، قۇرۇلغان كۈنىدىن باشلاپ خەلق ئارىسىدا “مىللىي مەركەز” دېگەن نام بىلەن تونۇلىدۇ (بۇ شۇرانىڭ ئەزالىرى ئۈبەيدۇللا غوجا، ئەسەدۇللا غوجا، ئابىتجان مەخمۇت، مىر ئادىل، شاھ ئەخمەت شاھ ئىسلام، مەخمۇت غوجا بەھبۇدى ۋە مۈپتى سەدرىدىن خان قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. مىللىي مەركەزنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى تەشكىللىنىش ئىشلىرىغا ۋاسىتىچى قىلىپ پەرغانىغا ناسىرخان تۆرە، سەمەرقەنتكە مەخمۇت غوجا بەھبۇدى، ئېزەر دېڭىزى سىرتىدىكى جايلارغا ئوراز سەردار، سىر دەرياسى رايونىغا شاھ ئىسلام ۋە يەتتىسۇ رايونىغا تىنىشبايېۋ مەسئۇل قىلىنغان. − ئا. ھ. ئىزاھاتى).
بۇ كۈنلەردە، كرېنسكى ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ ئۇلاردىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويۇپ، رۇسىيە تەۋەسىدە مۇقىملىقنى ساقلىيالىغۇدەك تۈزۈكرەك بىر ھۆكۈمەت رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى تەشكىللىيەلمەيدۇ. شۇڭا، پۈتكۈل رۇسىيە تەۋەسىدە مەركەز بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت ئارىسىدا ئېغىر دەرىجىدە بوشلۇقلار ساقلانماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇستىن باشقا مىللەتلەر ئۆز تەۋەسىدە ھۆكۈمەت تەركىبىدە تېگىشلىك ئورۇنغا ئېرىشىش ئۈمىدلىرىمۇ يوققا چىققان ئىدى. چاررۇسىيە دەۋرىدىن قالغان رۇس شوۋىنىزمى پۈتۈن ساھەلەر بويىچە تېخىمۇ كۈچەيتىلىپ داۋاملاشماقتا ئىدى. ئورتا ئاسىيانى باشقۇرۇش ئۈچۈن تەيىنلەنگەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت كومىتېتى تەركىبىدىمۇ ئېغىر ئىچكى توقۇنۇشلار كۆرۈلمەكتە ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تاشكەنتتە قۇرۇلغان ئىشچى- ئەسكەر ۋە دېھقانلار سوۋېتىمۇ ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەن دۈشمەنلىشىش ھالىتىدە تۇرماقتا ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن مىللىي مەركەز تەركىبىدە يېتەرلىك ئورۇنغا ئىگە بولالمىغانلىقىنى باھانە قىلىشقان ئورتا ئاسىيالىق مۇتەئەسسىپ كۈچلەر 6- ئايدا بىر يەرگە يىغىلىپ شىر ئېلى لاپىن يېتەكچىلىكىدىكى «ئۆلىمالار جەمئىيىتى» نامىدا بىر تەشكىلات قۇرۇپ چىقىدۇ. نەتىجىدە، 1917- يىلىنىڭ ياز ئايلىرىغا كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە مەركىزى ھۆكۈمەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت كومىتېتى، ئۇرۇس ئىشچىلىرى بىلەن ئۇرۇس ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىشچى- ئەسكەر ۋە دېھقانلار سوۋېتى، ئورتا ئاسىيالىق جەدىتچىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىسلام شۇراسى ۋە شەرىئەت تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۆلىمالار جەمئىيىتى قاتارلىق تۆت مۇستەقىل ئورگان بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇۋاتقان بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى.40 بۇلاردىن باشقا يەنە جەدىتچىلەر بىلەن مۇتەئەسسىپچىلارنىڭ ئورتاق ۋەكىلى دەپ قارالغان “مىللىي مەركەز” مۇ بار ئىدى. 1917- يىلى ئاۋغۇست ئايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن تاشكەنت شەھەرلىك ھۆكۈمەت سايلىمى ئورتا ئاسىيالىق گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى بۆلۈنۈشنى تېخىمۇ ئوچۇق ئوتتۇرىغا چىقىرىپ بەرگەن ئىدى. ئۆلىمالار جەمئىيىتى ئۇرۇسلارنىڭ ئوڭ قانىتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ پۈتۈن ئاۋازنىڭ يۈزدە 60 قىسمىغا ئېرىشىۋېلىش نەتىجىسىدە لىكوشىن شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلىنىدۇ. بۇلارغا نىسبەتەن قالغان ئاۋازنىڭ يۈزدە 25 قىسمىنى ئېس- ئارچىلار ئالغان بولسا، جەدىتچىلەر ئاران يۈزدە 10 ئاۋازغا ئېرىشىدۇ. بۇ قېتىمقى سايلام نەتىجىسى، ئورتا ئاسىيالىق لىبېرالىستلارغا بەكلا ئېغىر زەربە بولىدۇ.
(رەسىم ئورنى)
ئۈبەيدۇللا غوجا، 1920- يىللىرى
شۇ يىلى سېنتەبىردە ئورتا ئاسىيالىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيى چاقىرىلىدۇ. رۇسىيەدە ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىگە قارىماي، ئورتا ئاسىيادىكى ئۇرۇسلار ھاكىمىيەتنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن جان- جەھلى بىلەن تىركىشىشى، بۇمۇ ئازلىق قىلىپ كېرېنسكى ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۇلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بېرىشى، ئورتا ئاسىيالىقلارنى رۇسىيە دېموكراتىيىسىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەندۈرۈۋېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئورتا ئاسىيالىقلار ئارىسىدا “رۇسىيەدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك” دەيدىغان كۆز قاراشتىكىلەرنىڭ سانى كۆپىيىشكە باشلايدۇ. ئورتا ئاسىيالىق يەرلىك يېتەكچىلەر ئاپتونومىيىلىك بىر ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيىتى تەشكىللەش ئارقىلىق بۇ ۋەتەندە رۇسىيە قانۇنلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە مۇنازىرە قوزغايدۇ. مۇنازىرىدە كونسېرۋاتىپلار ئۈستۈنلۈكتە بولغاچقا،41 يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان ئاپتونومىيىدە ھۆكۈمەت شەكلى شەرىئەت پرىنسىپلىرى ئاساسىدا قۇرۇلۇشى، شەرىئەت سوت مەھكىمىلىرىنى كۈچكە ئىگە قىلىش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. دۆلەت ئىقتىسادىنى رۇسىيەگە بېقىنمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈش، كېۋەز تېرىش بىلەن دۆلەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن بۇغداي تېرىشقىمۇ كاپالەتلىك قىلىش دېگەن مەزمۇنلار تالاش- تارتىش قىلىنىدۇ (بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا پاختىغا بولغان تەلەپ ئارتىپ كەتكەچكە، ئورتا ئاسىيادىكى ئېتىزلىقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا كېۋەز تېرىش مەجبۇرىيىتى يولغا قويۇلغان ئىدى. − ئا. ھ. ئىزاھاتى). بۇ قۇرۇلتايدا، رۇسىيە پارلامېنتىدا ئورتا ئاسىيالىقلارغا 35 كىشىلىك ۋەكىل ئورنى ئايرىلغانلىقى ھەققىدىكى مەركىزى ھۆكۈمەت قارارى ماقۇللىنىپ، ئورتا ئاسىيا بويىچە ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش قارارى ئېلىنىدۇ. قۇرۇلتاي يەنە ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ تەلىپىنى ھۆكۈمەت باش مىنىستىرى كېرېنسكىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن مۇستاپا چوقاي ئوغلى، ناربۇتابېك، پولاتجان ۋە شاھ ئىسلاملاردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت قۇرۇلىدۇ. بۇ ھەيئەت كېچىكتۈرمەي دەرھال رۇسىيەگە قاراپ يولغا چىقىپ، پېتربۇرگدا كېرېنسكى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئەمما كېرېنسكى بۇ ۋەكىللەرگە كېسىپ مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:
ئورتا ئاسىيادا رۇسىيەگە قارشى بىرەر توپىلاڭ چىقىدىغاندەك قىلىدۇ دەيدىغان گەپ- سۆزلەرگە ئۇنچە بەك ئىشىنىپ كەتمىدىم. ئەگەر راستىنىلا شۇنداق بىرەر ۋەقە يۈز بەرگىدەك قىلسا قىلچە رەھىم قىلىنماي ئەڭ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ باستۇرۇلىدۇ.
بۇ ئارىدا، ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدىكى ئۇرۇسلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارمۇ بارغانسېرى كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى. سېنتەبىر ئېيىغا كەلگەندە تاشكەنتتىكى ئۇرۇس بولشېۋىكلىرى نالىۋكىن رەئىسلىكىدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قارشى بىر قېتىم قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان بولسىمۇ غەلىبە قىلالمىغان ئىدى. ئەمما ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبىسى ھەمدە پېتىربورگدا ھاكىمىيەتنىڭ بولشېۋىكلەر قولىغا ئۆتىشى، تاشكەنتتىكى بولشېۋىكلارنىمۇ زور دەرىجىدە جاسارەتلەندۈرۈۋېتىدۇ. تاشكەنت گازارمىسىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى يېڭى ھۆكۈمەت تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ. تۆت كۈن داۋام قىلغان ئۇرۇش نەتىجىسىدە، 11- نويابىر كۈنى بولشېۋىكلەر ئورتا ئاسىيا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۆمىكى جايلاشقان بىنانى ئىشغال قىلىۋالىدۇ. كولېسوۋ، توبولىن ۋە ئۇسپېنسكى رەھبەرلىكىدە تەشكىللەنگەن «ئىنقىلابىي كومىتېت» تاشكەنتنىڭ ھوقۇقىنى تارتىپ ئالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزەلىگۈدەك ئىقتىدارغا ئىگە خادىملار يوق دېيەرلىك ئىدى. شۇڭا، ئۇلار سوتسىيال دېموكراتلار بىلەن، يەنى مېنشېۋىك ۋە ئېس- ئارچىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. نويابىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چاقىرىلغان سوۋېت قۇرۇلتىيى، ئورتا ئاسىيادا سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدۇ. بۇ قۇرۇلتاي ئالغان قارارغا ئاساسەن 21 كىشىلىك ئورتا ئاسىيا خەلق كومىسسارىياتى (تۈركسوۋناركوم − ئا. ھ. ئىزاھاتى) تەشكىل قىلىنىدۇ.42 كومىسسارلارنىڭ 5 نەپىرى كوممۇنىستلاردىن، 2 نەپىرى سوتسىيال دېموكراتلاردىن ۋە 8 نەپىرى سوتسىيال رېۋولوتسىيىچىلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ قۇرۇلتاي يەنە، ئورتا ئاسىيادا قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەت تەركىبىدە بىرمۇ يەرلىك خەلق (ئورتا ئاسىيالىقلارنى كۆزدە تۇتماقتا − ئا. ھ. ئىزاھاتى) ۋەكىلى بولمايدۇ دېگەن بىر قارار ماقۇللايدۇ.
يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەر ئورتا ئاسىيالىقلار ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. شىر ئېلى لاپىن يېتەكچىلىكىدىكى ئۆلىمالار جەمئىيىتى تاشكەنتتە 515 نەپەر ۋەكىل قاتناشقان بىر قېتىملىق مۇسۇلمانلار قۇرۇلتىيى چاقىرىپ، ھاكىمىيەت ئورتا ئاسىيالىقلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسۇن دېگەن تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ. لاپىن، تاشكەنت سوۋېت مەسئۇللىرىغا ئۇرۇسلار بىلەن مۇسۇلمانلار تەڭ مىقداردا ۋەكىل قاتناشتۇرىدىغان بىر بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىش تەكلىپىنى سۇنىدۇ. كولېسوۋ ئۇلارغا “يەرلىك خەلقلەر ئىچىدە پرولېتارىيات سىنىپى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، يەرلىكلەرنىڭ ھۆكۈمەت تەركىبىگە كىرىشىنى قوبۇل قىلالمايمىز” دېگەن جاۋابنى بېرىدۇ. بۇ تەلەپكە تاشكەنت سوۋېتىنىڭ رەت قىلىش جاۋابى كەلگەندىن كېيىن، ئورتا ئاسىيالىق جەدىتچىلار بىلەن كونسېرىۋاتىپچىلار ئوتتۇرىسىدا مەجبۇرى بولسىمۇ بىر ھەمكارلىشىش پۇرسىتى تۇغۇلىدۇ. مىللىي مەركەز بىلەن ئۆلىمالار جەمئىيىتى بىر يەرگە كېلىپ، ئاخىرى قوقان مۇختارىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىش بىلەن نەتىجىلىنىدىغان ئورتاق پائالىيەتلىرىنى باشلىۋېتىدۇ.

مىللىي ئاپتونومىيىلىك ھۆكۈمەتلەر: قوقان مۇختارىيىتى
تاشكەنتتىكى ھۆكۈمەتكە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ سۇنغان تەكلىپى رەت قىلىنغان ئۆلىمالار تەشكىلاتى، مەجبۇرى ھالدا مۇستاپا چوقاي ئوغلى يېتەكچىلىكىدىكى مىللىي مەركەزدىكىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش يولىغا كىرىدۇ. بۇ ئىككى تەشكىلات بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ قوقان شەھىرىدە تۆتىنچى قېتىملىق مۇسۇلمانلار ئورتا ئاسىيا قۇرۇلتىيى چاقىرىش قارارى ئېلىشىدۇ. 1917- يىلى 25- نويابىردا 208 نەپەر ۋەكىل قاتنىشىشى بىلەن چاقىرىلغان قۇرۇلتاي، 36 نەپەر مۇسۇلمان ۋە 18 نەپەر ئۇرۇس ۋەكىلدىن تەشكىل تاپقان بىر ئىجرائىيە قۇرۇلتىيى سايلاپ چىقىدۇ. ئاندىن دەرھال 12 كىشىلىك بىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللەپ، 27- يانۋار كۈنى ئورتا ئاسىيا مۇختارىيىتى (ئاپتونومىيىسى) نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ.
27- نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان مۇختارىيەت ئۇقتۇرۇشىدا، رۇسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ فېدېراتىپ بىر جۇمھۇرىيەت بولۇشىغا قارشى ئەمەسلىكىنى، ئەمما ئورتا ئاسىيا ئۈچۈن تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلىدۇ. بۇ مۇختارىيەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى ماقۇللايدىغان بىردىن بىر ھوقۇقلۇق ئورگان ئورتا ئاسىيا ئىجرائىيە قۇرۇلتىيىدۇر دەپ بېكىتىلگەن ئىدى.43 بۇ خىتابنامىدە يەنە ئورتا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە ئورتا ئاسىيالىق قازاقلاردىن تىنىشباي تەيىنلىنىدۇ (ئاپتونومىيە خىتابنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ئۈچۈن «ھۆججەتلەر» قىسمىغا قارالسۇن. قوقان ھۆكۈمىتى تۆۋەندىكى ئەزالاردىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى: جۇمھۇر رەئىسى ۋە ئىچكى ئىشلار نازىرى: مۇھەممەت تىنىشباي؛ مۇئاۋىن رەئىسى: شاھ ئەخمەت شاھ ئىسلام؛ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىك نازىرى: ئۇبەيدۇللا غوجا ئەسەدۇللا غوجا ئوغلى − كېيىن مۇئاۋىن رەئىس بولىدۇ؛ يېزا ئىگىلىك نازىرى: ھىدايەت يۈرگۈلئاغا؛ سەھىيە نازىرى: مىر ئادىل؛ مائارىپ نازىرى: ناسىرخان تۆرە؛ يېمەكلىكلەر نازىرى: ئابىتجان مەخمۇت؛ مالىيە نازىرى: سالومون ھەرزفېلد − كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا شاھ ئىسلام تەيىنلىنىدۇ؛ تاشقى ئىشلار نازىرى: مۇستاپا چوقاي ئوغلى. − ئا. ھ. ئىزاھاتى).
بۇ ۋەزىيەتتىن قىزىللار پەقەتلا رازى ئەمەس ئىدى. دەرۋەقە، ئەگەر قوقان مۇختارىيىتى مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزەلىگىنىدە، ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە سوۋېت ھاكىمىيىتىگە ئېھتىياج بارمۇ- يوق دېگەن سوئال ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇقەررەر ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ ئاپتونومىيىنى دەرھال ئاغدۇرۇپ تاشلاش شەرت ئىدى. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن تاشكەنت سوۋېتىنىڭ يېتەرلىك مىقداردا قوراللىق كۈچى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە موسكۋا بىلەن تاشكەنت ئوتتۇرىسىدىكى يوللار ئۇرۇس كازاكلىرىنىڭ ئاتامانى گېنېرال دۇتوۋ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئۈزۈۋېتىلگەن ئىدى. بۇ ئارىدا ئورتا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن قوقان ھۆكۈمىتىنى قەتئىي ھىمايە قىلىش ھەققىدىكى خەۋەرلەر كەينى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرماقتا ئىدى.
(رەسىم ئورنى)
قوقان شەھىرىدە قۇرۇلغان ئورتا ئاسىيا مىللىي ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلىش كاتتا يىغىنى، تاشكەنت 1917- يىلى 13- دېكابىر
(رەسىم ئورنى)
ئورتا ئاسىيا مىللىي ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلىش نامايىشى، تاشكەنت. 1917- يىلى 13- دېكابىر45
قوقان ھۆكۈمىتى موسكۋاغا خەۋەر يوللاپ، ئۆزلىرىنى “ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدىكى بىردىن- بىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئورگىنى” دەپ ئېتىراپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ستالىن بۇ تەلەپكە قەتئىي قارشى چىقىپ، “خەلق تەرىپىدىن سايلانغان سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ بىردىن- بىر قانۇنى ھۆكۈمەت بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق بىر ئورگان بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقى” نى بىلدۈرىدىغان جاۋاب يوللايدۇ. موسكۋادىن بۇنداق بىر جاۋاب ئالغان قوقان ھۆكۈمىتى، 1918- يىلى يانۋار ئېيىدا ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، سايلامدا بارلىققا كېلىدىغان قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئۈچتە بىرى مۇسۇلمان بولمىغان ۋەكىللەرگە بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. قوقان ھۆكۈمىتى، يەنە بىر تەرەپتىن پۇل ۋە قورال جەھەتتە ياردەم بېرەلىگۈدەك دوست ئىزدەشكە كىرىشىدۇ. بۇ مەقسەتتە ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل نازىرى مۇستاپا چوقاي ئوغلى ئاقلار گېنېرالى دۇتوۋ بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆرگەن بولسىمۇ، دۇتوۋ “ئۇرۇس كازاكلىرى يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھۆكۈمەتكىلا ياردەم بېرەلەيمىز” دەپ جاۋاب بەرگەچكە، بۇ كۆرۈشۈشتىنمۇ بىرەر نەتىجە چىقمايدۇ. بۇخارا ئەمىرى سەئىد ئالىمخان بولسا، ئەڭ چوڭ دۈشمەن دەپ ھېسابلىغان جەدىتچىلار قاتناشقان بۇنداق بىر ھۆكۈمەت بىلەن ئۇچۇرۇشۇشنى ھەرگىز خالىمايتتى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇ بارلىق كۆرۈشۈش تەكلىپلىرىنى رەت قىلىدۇ. ئورتا ئاسىيانىڭ قازاقلار ئولتۇراقلاشقان رايونىدا قۇرۇلغان ئالاش- ئوردا ھۆكۈمىتى ئۆز دەردىدىن ئېشىنالىغۇدەك ھالدا ئەمەس ئىدى. قوقان ھۆكۈمىتى كېرەكلىك قورال- ياراغ ۋە ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشەلمىگەنلىكى، ھۆكۈمەت رەھبەرلىكى ئىچىدە ئۈمىدسىزلىكلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە سەۋەب بولىدۇ. ھۆكۈمەت رەئىسى تىنىشبايېۋمۇ 1918- يىلى 17- يانۋار كۈنى ھۆكۈمەت رەئىسلىكىدىن ئىستېپا بېرىدۇ.44 ئۇنىڭ ئورنىغا مۇستاپا چوقاي ئوغلى رەئىسلىككە تەيىنلىنىدۇ (تىنىشبايېۋ ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن خەلق شۇراسى جۇمھۇر رەئىسلىكىنى ئادۋوكات ئۈبەيدۇللا غوجىغا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، بۇ ۋەزىپىدىن باش تارتقان ئۈبەيدۇللا غوجا بۇ ئورۇنغا مۇستاپا چوقاي ئوغلىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۆزى مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. − ئا. ھ. ئىزاھاتى).
شۇ يىلىنىڭ يانۋار ئايلىرىدا، قىزىل ئارمىيە ئورېنبۇرگ رايونىنى ئىگىلەپ ياتقان گېنېرال دۇتوۋ كۈچلىرىنى يېڭىپ، موسكۋا بىلەن تاشكەنت ئوتتۇرىسىدىكى ترانسپورت يوللىرىنى ئېچىۋالىدۇ. بۇ ۋەقەلەرنىڭ كەينىدىنلا تاشكەنت سوۋېتىمۇ 31- يانۋار كۈنى بىر يىغىن ئېچىپ قوقان ھۆكۈمىتىنى “بۇرژۇئا ئەكسىلئىنقىلابىي ھۆكۈمەت” دەپ ئېلان قىلىشىپ، بۇ ھۆكۈمەتنى دەرھال تارقىتىۋېتىش قارارىنى ئالىدۇ. قىزىل قوغدىغۇچىلار (قىزىل گۋاردىيە − ئۇ.ت) ئاۋسترو- ۋېنگىر ئۇرۇش ئەسىرلىرى ۋە بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئەرمەن مىلىسلىرىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ 1918- يىلى 14- فېۋرال كۈنى قوقان شەھىرىگە ھۇجۇم باشلايدۇ. 18- فېۋرال كۈنىگىچە داۋام قىلغان تۆت كۈنلۈك قانلىق جەڭ نەتىجىسىدە ئورتا ئاسىيا مۇختارىيەت ھۆكۈمىتى مۇنقەرز بولىدۇ. قىزىل گۇۋاردىيىلەر بىلەن ئۇلارغا ياردەملەشكەن ئەرمەن مىلىسلىرى قوقان شەھىرىدە قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىدۇ. قوقان ھۆكۈمىتى، شۇنچە قىسقا ئۆمۈر كۆرگىنىگە قارىماي ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدىكى “تۇنجى سىياسىي ئاپتونومىيە تەلىپىنىڭ سىمۋولى” بولۇش جەھەتتىن ئالغاندا، ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ھۆكۈمەت ئىدى.
ھۆكۈمەت باشلىقى مۇستاپا چوقاي ئوغلى ھۆكۈمەت باستۇرۇلغاندا ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ، ئاۋۋال قازاقىستانغا، ئۇ يەردىن باشقىردىستانغا قېچىپ بېرىۋالغان ئىدى. چوقاي ئوغلى باشقىردىستانغا بارغاندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى باشقىردىستان مىللىي ئاپتونومىيىسىنى قۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇ يەرلەرنىمۇ ئىگىلىۋالغىنىدىن كېيىن گىرۇزىيەگە قېچىپ بېرىپ، ئۇ يەردە نەشرىياتچىلىق پائالىيەتلىرىنى باشلىۋېتىدۇ.
تىبىلىس بولشېۋىكلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ۋاقىتلاردا، چوقاي ئوغلى ئۇ يەرنىمۇ تاشلاپ تۈركىيە ئارقىلىق پارىژغا بېرىۋېلىپ، ياۋروپادا ئورتا ئاسىيا ئازادلىق پائالىيەتلىرىنى باشلىۋېتىدۇ. مۇختارىيەتنىڭ تۇنجى رەئىسى بولغان تېنشبايېۋمۇ قازاقىستانغا بېرىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ يەردە قۇرۇلغان ئالاش- ئوردا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار نازىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
قوقان مۇختارىيىتى باستۇرۇلۇپ، شەھەر ئۇرۇسلار تەرىپىدىن چېقىپ تۈپ- تۈز قىلىۋېتىلگەنلىكى سەۋەبىدىن،46 ئۆز ۋاقتىدا قوقان شەھەر مۇداپىئەسى بىلەن قوقان ھۆكۈمىتىنى قوغداش ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئەرگەش قۇربېشى، قول ئاستىدىكى قوراللىق كۈچلىرى بىلەن بىرگە تاغلىق رايونلارغا چېكىنىپ بېرىۋېلىپ بولشېۋىكلارغا قارشى خاراكتېردىكى قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى باشلىۋېتىدۇ. كېيىنكى يىللاردا «باسمىچىلىق» دەپ نام ئالغان بۇ قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى، پۈتۈن ئورتا ئاسىيا تەۋەسى بويىچە تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ، ئىككى يىل ئىچىدە ئورتا ئاسىيانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم جايلىرىغا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتكەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، قوقان مۇختارىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلغان كۈنى ئورتا ئاسىيادىكى باسمىچىلىق ھەرىكىتىنىڭمۇ باشلانغان كۈنى دەپ قوبۇل قىلىنماقتا.

ئورتا ئاسىيا ئاپتونومىيىسى
قوقان شەھىرىدە قۇرۇلغان مۇختارىيەت جۇمھۇرىيىتىنىڭ بولشېۋىكلەر تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە باستۇرىلىشى، بولشېۋىكلەر بىلەن ئورتا ئاسىيا خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بىلەن دۈشمەنلىكنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى. بۇ ۋەقەلەر، ئورتا ئاسىيانىڭ ئىلغارلىرىغا مۇنتىزىم قوراللىق كۈچكە ئىگە بولماي تۇرۇپ ۋەتىنىنى باشقۇرۇش ھەققىگە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى. ئۇ كۈنلەردە، يەنە بىر قىسىم ئورتا ئاسىيالىق پائالىيەتچىلەر بولشېۋىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىش يولى ئارقىلىق يېڭى ھۆكۈمەت تەركىبىدە ئەمەلىي تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك بىرەر ئورۇنغا ئېرىشىش خىيالىدا چارە ئاختۇرۇشقا كىرىشكەن ئىدى. كوممۇنىستلار، ئىيۇلدا تاشكەنتتە بىر قېتىملىق كوممۇنىستىك پارتىيە قۇرۇلتىيى چاقىرىشىدۇ. بۇ قۇرۇلتايغا ئورتا ئاسىيادىكى 1500 كوممۇنىستقا ۋاكالىتەن 43 نەپەر ۋەكىل قاتنىشىدۇ. بۇ قۇرۇلتايدا، رۇسىيە كومپارتىيىسىگە قاراشلىق ئورتا ئاسىيا كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇپ چىقىش قارارى ئېلىنىدۇ. ئۇ يىللاردا تاشكەنت شەھىرى شەرق ئەللىرى كوممۇنىستىك پارتىيىلىرىنىڭ پائالىيەت مەركىزىگە ئايلانغان ئىدى. مەسىلەن ئىرانلىقلارنىڭ ئادالەت پارتىيىسى، مۇستاپا سۇپھىنىڭ تۈركىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى، ياش بۇخارالىقلار ۋە ياش خىۋەلىكلەر ئىچىدىكى بولشېۋىزمغا ھەۋەس قىلىدىغان گۇرۇھلار، ھىندىستان ئىنقىلابچىلىرى ۋە چىن كوممۇنىستلىرى بۇ شەھەرگە يىغىلغان ئىدى (ئۇ يىللاردا تاشكەنت شەھىرى ئىران ۋە ھىندىستان باشچىلىقىدىكى بىر مۇنچە شەرق ئەللەر كومپارتىيىلىرىنىڭ پائالىيەت مەركىزىگە ئايلانغان ئىدى. ئىران كومپارتىيىسىنىڭ «بايراقئىي ئادالەت»، ھىندىستان كومپارتىيىسىنىڭ بولسا «زېمىندار» دېگەن گېزىتلىرى تاشكەنتتە نەشرى قىلىناتتى. تۈركىيە كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرېتارى مۇستاپا سۇپھىمۇ تۈركىيەگە بارىدىغان ئۇكرائىنا بىلەن كاپكازىيە يوللىرىنىڭ دېنىكىن بىلەن ۋرانگېل قوراللىق قوشۇنلىرى تەرىپىدىن كېسىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئانادولۇغا قايتىپ كېتەلمەي، ئورتا ئاسىيا ئارقىلىق ھەزەر دېڭىزىدىن ئۆتۈپ تۈركىيەگە بېرىۋېلىشنى پىلانلاپ يۈرەتتى. ئۇنىڭغىمۇ ئىمكانىيەت يار بەرمىگەندىن كېيىن قايتىشتىن ۋاز كەچكەن مۇستاپا سۇپھى گىرۇزىيەلىك كوممۇنىست ئېلىئاۋانىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بىر مەزگىل تاشكەنتتە تۇرۇپ پائالىيەت قىلىشقا ماقۇل بولغان. شۇنداق قىلىپ، مۇستاپا سۇپھىئوغلى تاشكەنتتە قېلىپ ئۇ يىللاردا تۈركىيە كوممۇنىستلىرىنىڭ ئورگان گېزىتى «يېڭى دۇنيا» نى نەشرى قىلدۇرۇپ، ئورتا ئاسىيا تەۋەسىگە تارقىلىپ كەتكەن ئوسمانلىلار ئۇرۇش ئەسىرلىرى ئارىسىدا كوممۇنىزم ئىدىيىسىنى تارقىتىشنى مەقسەت قىلغان پائالىيەتلىرى ۋە شەرق ئەللەر كومپارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاق پائالىيەت سورۇنى بولغان «بەينەلمىلەل شەرق تابلىخات شۇراسى» نى قۇرۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ. − ئا. ھ. ئىزاھاتى).47
ئۇ ۋاقىتلاردا پەرغانە رايونىدا باشلانغان باسمىچىلىق ھەرىكىتى ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە تېز سۈرئەت بىلەنكېڭىيىپ بارماقتا ئىدى. يەنە بىر تەرەپتە ئاقلار 1918- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە قازاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا موسكۋا بىلەن تاشكەنت ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم مەركىزى شەھەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى تارتىۋالغان بولۇپ، موسكۋا بىلەن ئورتا ئاسىيانى بىر- بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان يوللار پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانغان ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە، موسكۋا بىلەن ئورتا ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى بىپايان زېمىندا نۆۋەت بىلەن ئىدىل- ئۇرال، باشقىردىستان ۋە ئالاش- ئوردا ئاپتونومىيىلىرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئادمىرال كولچاكقا تەۋە بولغان ئاق ئۇرۇس قوراللىق كۈچلىرى، ئاتامان دۇتوۋغا تەۋە ئۇرۇس كازاكلىرى، بولشېۋىك دۈشمىنى بولغان تۇنجى قۇرۇلتايغا تەۋە سوتسىيالىستلار بىلەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاپتونومىيىلەرگە تەۋە قوراللىق ئەسكىرى كۈچلەر، تارقاق ئۇرۇش سېپى تەشكىل قىلىپ قىزىل ئارمىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلماقتا ئىدى. ئەنە شۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر موسكۋا دائىرىلىرى يەرلىك كىشىلەردىن پارتىيىگە ئەزا قوبۇل قىلماسلىق پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋالسا كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت بىلەن يەرلىك خەلق ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت قۇرالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، موسكۋا دائىرىلىرى ئاساسەن كونا جەدىتچىلەردىن تەشكىل تاپقان ئورتا ئاسىيالىق زىيالىيلارنى ئورتا ئاسىيا كوممۇنىست پارتىيىسىگە جەلپ قىلىش ئۈچۈن تاشكەنتتىكى ئۇرۇس كوممۇنىستلىرىنى مەجبۇرلاشقا باشلايدۇ. دەرۋەقە كوممۇنىستلار بۇنداق بىر سىياسىي ئۆزگەرتىش ئىشىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرىدۇ. كوممۇنىستلار 1918- يىلى دېكابىر ئېيىدا چاقىرغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا 900 گە يېقىن ئورتا ئاسىيالىقنى كومپارتىيىگە ئەزا قىلىپ قوبۇل قىلىشىدۇ. بۇ قۇرۇلتايدا يەنە پارتىيە پائالىيەتلىرىنى ئورتا ئاسىيانىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىجتىمائىي ئەھۋالىغا ماسلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇش، ئورتا ئاسىيا خەلقنى پارتىيىگە يېقىنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە «مۇسۇلمانلار بيۇروسى» (مۇسبىرو) قۇرۇش قاتارلىق قارارلارمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ بىئورو، كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتىغا بىۋاسىتە قارايدىغان بولۇپ پائالىيەت قىلىشى لازىم ئىدى. مۇسۇلمانلار بىروسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنى 1919- يىلى مايدا ئېچىلىپ، بۇ يىغىندا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى سايلاپ چىقىرىلىدۇ (ئورتا ئاسىيا كوممۇنىستىك پارتىيىسى مۇسۇلمانلار بىروسىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك ئىجرائىيە ئورگىنى تۆۋەندىكى كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ: تۇرار رىزىقۇلوۋ، ئابباس ئەلىيېۋ، ئەپەندىيېۋ، ن. خوجايېۋ، تۇرسۇن خوجايېۋ، پەخرىدىنوۋ، مۇھىدىدىنوۋ ۋە ئەيسايېۋ. − ئا. ھ. ئىزاھاتى). مۇسۇلمانلار بىروسى، تۇنجى قېتىملىق يىغىندىلا رۇسىيە كوممۇنىستلىرىنىڭ يەرلىك كىشىلەرگە قارىتا يۈرگۈزگەن زوراۋانلىق سىياسەتلىرى بىلەن يەرلىكلەرنى قول ئورنىدا كەمسىتىش ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق تەنقىدلىشىدۇ.48
بۇ ئىشلاردىن خاتىرجەم بولالمىغان موسكۋا دائىرىلىرى، ئورتا ئاسىيا رايونىدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئىشلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان بىر ھەيئەت (تۈرك كومىسسىيە) قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. گېنېرال فرۇنزې رەئىسلىكىدە قۇرۇلغان بۇ تۈرك كومىسسىيە ئەزالىرى تەركىبىدە كيۇبىشېۋ، رۇدزۇتاك قاتارىدىكى داڭلىق كوممۇنىستلار بىلەن بىرگە يەنە تۇرار رىزقۇلوۋدەك مۇسۇلمان رەھبەرلەرمۇ بار ئىدى. تۈرك كومىسسىيىسى، رۇسىيە كومپارتىيىسىنىڭ ئورتا ئاسىيادىكى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى ھېسابلىناتتى. بۇ كومىسسىيىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى بىلەن ۋەزىپىلىرى ئورتا ئاسىيا رايونى بىلەن چەكلىنىپ قالمايتتى. ئۇلارغا يەنە ئىنقىلابنى قوشنا ئەللەرگىچە كېڭەيتىش ۋە ئۇ جايلاردىكى سىياسىي ھەرىكەتلەرنى تىزگىنلەش قاتارلىق ۋەزىپىلەرمۇ يۈكلەنگەن ئىدى. تۈرك كومىسسىيىسىنىڭ موسكۋادا چاقىرىلغان 1919- يىلىنىڭ سېنتەبىردىكى يىغىنىدا ئېلىنغان قارارلار، سوۋېت دائىرىلىرىنىڭ شۇ ۋاقتىدىكى كۆزقاراشلىرىنى ئىپادىلەش جەھەتتە بەكلا قىزىقارلىق ئىدى.
1.ئورتا ئاسىيا ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ئەللەرگە قارىتىلىدىغان سىياسەتلەرنىڭ مۇنداق ئىككى تۈرلۈك مۇھىم مەقسىتى بۆلىشى لازىم: بىرىنچى ۋەزىپىسى، ئورتا ئاسىياغا قوشنا ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرگە ياردەم قىلىش؛ ئىككىنچى ۋەزىپىسى ئورتا ئاسىيادىن ئىقتىسادى جەھەتلەردە پايدىلىنىش.
2.ھىندىستان بىلەن ئىراندا يۈز بېرىدىغان ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەر سوۋېت رۇسىيەسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى ئۇ ئەللەردە پەيدا قىلىنىدىغان قالايمىقانچىلىقلار سەۋەبىدىن، ئىتتىپاقداش كۈچلەر سوۋېت چېگرالىرىدىكى قوراللىق كۈچلىرىنى چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ھەرىكەتلەر دۇنيا ئىنقىلابىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئاساس تىكلەش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىيەلەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئورتا ئاسىيا − شەرق ئەللىرىدە قوزغىتىلىدىغان ئىنقىلاب ۋە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئالدىنقى سەپ رولىغا ئىگە.
بۇنداق غايىلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىغا چىن قەلبىدىن ئىشىنىدىغان فرۇنزې، تا بۇخارا ئەمىرلىكىنى ئىشغال قىلىش پىلانىنى تۈزۈۋاتقان يىللىرىدىلا بۇ ئۇرۇشنى بۇخارانىڭ نېرىلىرىغا، يەنى ئافغانىستاننىڭ ئىچكى قىسىملىرىغىچە كېڭەيتىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇپ كەلگەن ئىدى. ھەتتا تۈرك كومىسسىيە رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى كيۇبىشېۋ، ئافغانىستان كومپارتىيىسىنى قۇرۇش لايىھىلىرىنىمۇ ئاللا بۇرۇن تەييارلاپ قويغان بولۇپ، قۇرۇلغۇسى بۇ پارتىيىنىڭ “ئافغانىستاندىكى قالاق ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بىر سوۋېتخەلق جۇمھۇرىيىتى تىكلەش” ۋەزىپىسىنىمۇ تەييارلاپ بولغان ئىكەن.49 ئەمما ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى سوۋېت رەھبەرلىرىنىڭ كۈتكىنىدەك بولماي، قىزىل ئارمىيىنىڭ ئىشغالىيەت ھەرىكىتى بۇخارا بىلەن خىۋە خانلىقلىرى تەۋەسىدىلا چەكلىنىپ قالىدۇ.
(رەسىم ئورنى)
تۇرار رىزقۇلوۋ
بۇ جەرياندا، ئورتا ئاسىيالىق ئىنقىلابى خادىملار مۇسۇلمانلار بيۇروسىنى ۋاسىتە قىلغان ھالدا ئورتا ئاسىيا كومپارتىيىسى ئىچىدە تەشكىللىنىش ۋە كېڭىيىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا ئىدى. بۇ بيۇرو، كومپارتىيە مەركىزى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورتا ئاسىيالىق كوممۇنىستلارغا تاپشۇرغان گېزىت چىقىرىش، تەشۋىقاتچى يېتىشتۈرۈش ۋە كومپارتىيە ھۈججەت- كىتاپلىرىنى تەرجىمە قىلىش قاتارىدىكى ۋەزىپىلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئورتا ئاسىيانىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش، پىلان- لايىھە تۈزۈش قاتارىدىكى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر تەتقىقات مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلغان ئىدى. بۇ بيۇرو يەنە باشقا تۈرۈك قوۋملىرى ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا ماسلاشقان ھالدا، مىللەتچى سوتسىيالىزم شەكلىدە بىر ئورتا ئاسىيا قۇرۇپ چىقىش مەقسەت قىلىنغان ۋەزىپىلەرنى تۈزۈش ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانماقتا ئىدى. موسكۋا دائىرىلىرى، ئورتا ئاسىيالىق كوممۇنىستلارنىڭ بۇ بىيرونى بۇ شەكىلدە پايدىلىنىپ كېتىشىدىن زادىلا خاتىرجەم بولالماي قالىدۇ. ئەمما داۋام قىلىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش، دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار، ئۇلارنى بۇ جەھەتتە كەسكىن تەدبىر قوللىنىشىنى چەكلەپ تۇرماقتا ئىدى.50
1920- يىلىنىڭ باشلىرىدا، مۇسۇلمانلار بىروسى كەلگۈسى غايىلىرى ۋە ئورتا ئاسىيادا ئىجرا قىلماقچى بولۇۋاتقان سىياسەتلەرنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. 12- يانۋاردىن 18- يانۋارغىچە بىرلا ۋاقىتتا چاقىرىلغان مۇسۇلمانلار بيۇروسى 3- نۆۋەتلىك ۋە ئورتا ئاسىيا كومپارتىيىسى 5- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا، تۇرار رىزقۇلوۋ «مىللىي مەسىلىلەر ۋە مىللىي كومپارتىيە ياچېيكىلىرى» دېگەن تېمىدا بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىدۇ. كېيىن يەنە، رىزقۇلوۋ بىلەن ئۇنىڭ يېقىنلىرى ئورتا ئاسىيا ئاپتونوم سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى دېگەن ئىسىمنى تۈرك جۇمھۇرىيىتى دېگەنگە، ئورتا ئاسىيا كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ نامىنىمۇ تۈرك كوممۇنىستىك پارتىيىسى دېگەنگە ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ تەكلىپ لايىھىسىدە، قۇرۇلماقچى بولغان تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئايرىم ئاساسىي قانۇنى بۆلىشى، ئىقتىسادىي، مالىيە، ھەربىي ئىشلار ساھەسى ۋە تاشقى ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەت مەسىلىلەردە مۇستەقىل قارار قوبۇل قىلىش ھوقۇقى بولۇش لازىم دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە مۇسۇلمان تۈركلەردىن تەشكىل قىلىنغان بىر ئارمىيە قۇرۇپ چىقىش لازىم دەيدىغان بىر تەكلىپمۇ بار ئىدى. مۇسۇلمان بولمىغان ھەربىي قىسىملار ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدىن چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى. بۇ تەكلىپلەر ھەر ئىككىلا قۇرۇلتاي تەرىپىدىن مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىدۇ. بۇ قۇرۇلتايدا قوبۇل قىلىنغان يەنە بىر قاراردا رۇسىيە تەۋەسىدىكى بارلىق تۈركلەرنىڭ ئورتا ئاسىيادا قۇرۇلىدىغان بۇ تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئېتىراپىغا ئۇيۇشۇشلىرى چاقىرىق قىلىنغان ئىدى. ئورتا ئاسىيالىق كوممۇنىستلار تەرىپىدىن ئاۋازغا قويۇلۇپ قارارلاشتۇرۇلغان بۈيۈك تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش غايىسى بىلەن بۇ ھەقتە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پائالىيەتلەر موسكۋانى قاتتىق چۆچۈتۈۋېتىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار بۇ ھەقتە كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىش قارارىغا كېلىدۇ. سوۋېت دائىرىلىرى، ئورتا ئاسىيا ئالدىنقى سەپ باش قوماندانى گېنېرال فرۇنزېنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئورتا ئاسىيا كومپارتىيە قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان قارارلارنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدۇ. موسكۋا، ئورتا ئاسىيا كومپارتىيىسى رۇسىيە كومپارتىيىسىگە قارايدىغان بىر رايون دەرىجىلىك تەشكىلات بولغاچقا، مەركەزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي ھەرقانداق قارار ئېلىش ھوقۇقى يوق دەپ ئېلان قىلىدۇ.
1920- يىلىنىڭ ئىيۇن ئايلىرىغا كەلگەندە، سوۋېت دائىرىلىرى بېشىنى ئاغرىتىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمىدىن قۇتۇلغان ئىدى. ئۇكرائىنادىكى گېنېرال دېنىكىن بىلەن سىبىرىيىدىكى گېنېرال كولچاك كۈچلىرى تارمار قىلىنىپ، موسكۋا- ئورتا ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق توسالغۇلار سۈپۈرۈپ تاشلانغان ئىدى. قىزىل ئارمىيە سىبىرىيىدە قولغا كەلتۈرگەن بۇ غالىبىيىتىدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىگە كومىسسارى تروتىسكى نىشانىنى ئورتا ئاسىيا بىلەن ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى قوشنا ئەللەرگە بۇراپ، ئۇ يەرلەرگە كۆز تىكىشكە باشلايدۇ. تروتىسكىنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا ۋەزىيەت تەرەققىياتى پارىژ بىلەن لوندونغا بارىدىغان يولنى مەسئۇل ئافغانىستان، ھىندىستان ۋە بېنىگاللارنىڭ شارائىتى بەلگىلەيدىغان قىلىپ قويغانمىش.51 بۇنىڭ ئۈچۈن، ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدىكى باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرىنى تولۇق بېسىقتۇرۇپ ئۇ يەرلەردە سوۋېت ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش باسقۇچىغا ئۆتۈش، بۇخارا بىلەن خىۋە ئەمىرلىكلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش زۆرۈر ئىكەن. شۇ چاغدىلا ئافغانىستان بىلەن ھىندىستان يوللىرىنى ئېچىلغان ھېسابلاش مۇمكىن بولاتتىكەن. تروتىسكى بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن گېنېرال فرۇنزېنى تولۇق ھوقۇقلۇق تۈرك فرونتى (تۈرك ئالدىنقى سېپى − ئا. ھ. ئىزاھاتى) قوماندانى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. فرۇنزې، دۇنيا ئىنقىلابى ھەققىدىكى ئۇنداق رومانتىك خىياللىرى يوق، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىسىدىن باشقىغا ئىشەنمەيدىغان (پراگماتىستىك) بىر كوممۇنىست بولغاچقا، ئۇرۇس بولمىغان مىللەتلەردىن تەشكىللەنگەن قوراللىق كۈچكە تايىنىپ بىرەر غەلىبە قازىنىش مۇمكىنچىلىكىگە قەتئىي ئىشەنمەيدىغان بىرى ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ جايلاردىكى ئىنقىلابلار ئۇرۇس قوراللىق كۈچلىرىگە تايىنىش ئارقىلىقلا ئاساسقا ئېرىشەلەيدىكەن ۋە شۇ ئارقىلىقلا راۋاجلىنالايدىكەنمىش. شۇنداق بولغاچقا، يەرلىك سىياسىي ئەربابلار بىلەن يەرلىك قوراللىق كۈچلەرگە زادىلا ئېھتىياج يوق دەپ قارالماقتا ئىدى.
‘مۇسكوم’ دا كۆرۈلۈۋاتقان بۇ ئىشلار بىلەن بۈيۈك ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش جەھەتتىكى بۇ تۈر ئۇرۇنۇشلار، فرۇنزېنى يەرلىكلەرگە ئىشەنمەسلىك كېرەك دېگەن قارىشىدا تېخىمۇ چىڭ تۇرۇشىغا باھانە بولۇپ بەرگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، فرۇنزې ئەمدى بۈيۈك تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش خام خىيالىنى قىلىۋاتقان ئورتا ئاسىيالىق كوممۇنىستلارغا زەربە بېرىشنىڭ پۇرسىتى پىشىپ يېتىلدى دەپ قارايدۇ. دېگەندەك، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا رۇسىيە كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتى تۈرك كومىسسىيە تەركىبىگە، يەنى تۇرككومىسسىيادابىرمۇ مۇسۇلمان قوبۇل قىلىنمايدۇ دېگەن بىر قارار ماقۇللىشىپ، كومىسسىيە ئەزالىرىنى قايتىدىن تاللاپ ئىشقا سېلىشقا كىرىشىدۇ. كاگانوۋىچ، گېئورگى سافاروۋ ۋە ياكوب پېتېرس قاتارىدىكى داڭلىق كوممۇنىستلاردىن تەشكىل تاپقان يېڭى ئەزالار ئورتا ئاسىيا كومپارتىيىسى تەركىبىدە كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى ئۆزلىرىگە ۋەزىپە قىلىشىدۇ. ئاقىۋەت، تۇرار رىزقۇلوۋ بىلەن نىزام خوجايېۋ قاتارىدىكى داڭلىق رەھبەرلەر ئورتا ئاسىيا كومپارتىيىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ.
ئۇندىن باشقا ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىجرائىيە كومىتېتىدىكى (تۇرتسىك) ۋەزىپىلىرىمۇ ئېلىپ تاشلىنىدۇ. ئۇلاردىن بوشىغان ئورۇنلارغا تەجرىبىسىز، ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنىمۇ بىلمەيدىغان ساۋاتسىز ئورتا ئاسىيالىق كوممۇنىستلارنى سەپلىشىدۇ. يېڭى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە ئەنە شۇنداق ساۋاتسىز ئورتا ئاسىيالىق كوممۇنىست بولغان رەھىمبايېۋ تەيىنلىنىدۇ. رۇسىيە كومپارتىيىسى، يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەشكەن بۇ ئورتا ئاسىيالىقلارنى “ئۆزبېك ۋە قازاق پرولېتارىياتىنىڭ ھەقىقىي ۋەكىللىرى” دەپ داڭلاپ ئېلان قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مىللەتچى كوممۇنىستلارنىڭ  ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە مىللىي خاراكتېرلىك بىر تۈرك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش دەيدىغان خىياللىرىمۇ سۇغا چىلىشىدۇ.52

ئالاش- ئوردا ئاپتونومىيىسى
ئالاش ھەرىكىتى، 1905- يىللىرىدا ئورتا ئاسىيانىڭ قازاقىستان تەۋەسىدە باشلانغان تۇنجى سىياسىي ھەرىكەت بولۇشىغا قارىماي ئەينى ۋاقتىدىكى ۋەزىيەتكە ئاساسەن پائالىيەتلىرىنى يەر ئاستىدا يوشۇرۇن قانات يايدۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، 1917- يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئاشكارا سىياسىي پائالىيەت قىلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرەلىگەن ئىدى. 1917- يىلى ئىيۇن ئېيىدا چاقىرىلغان قۇرۇلتىيىدا قازاقىستانغا ئاپتونومىيە بېرىلىشى، بۇ رايونلارغا ئۇرۇس مۇھاجىرلىرىنى كۆچۈرۈش ھەرىكىتىنى توختىتىشى، قازاق ياشلىرىنى ئالدىنقى سەپتە قارا ئىشچى ئورنىدا ئىشلىتىشكە خاتىمە بېرىلىشى قاتارىدىكى مەسىلىلەر كۈنتەرتىپكە قويۇلۇپ مۇزاكىرە قىلىنغان ئىدى. بۇ جەرياندا ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلاپ، بۇ رايوندا ئېغىر قالايمىقانچىلىق ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلايدۇ. شىمالدىكى ئومسىك ۋىلايىتى قىزىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئاق ئۇرۇس گېنېرالى كولچاكنىڭ قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن بېسىپ ئېلىنغان، جەنۇبتا بولسا تاشكەنت سوۋېتى بىلەن قوقان ئاپتونومىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھاكىمىيەت تالىشىش ئۇرۇشى باشلىنىپ كەتكەن ئىدى.
ئەنە شۇنداق قالايمىقانچىلىقلار يۈز بېرىۋاتقان 1917- يىلىنىڭ دېكابىر ئايلىرىدا، ئۈچىنچى نۆۋەتلىك قازاق قۇرۇلتىيى چاقىرىلىدۇ. بۇ قۇرۇلتايدا قازاق ئاپتونومىيىسىنى جاكارلاش قارارى قوبۇل قىلىنىپ، 15 ئەزالىق بىر ئالاش- ئوردا ھۆكۈمىتى قۇرۇلىدۇ. ئەلىخان بۈكەيخان ئوغلى ھۆكۈمەت رەئىسلىكىگە سايلىنىدۇ. ئۇرۇسلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن قوقان مۇختارىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى رەئىسى بولغان مۇھەممەت تىنىشباي ئوغلىمۇ بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى ئىشلار نازىرى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئىدى. قازاقىستان پايانسىز كەتكەن جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، غەرب ۋە شەرق دېگەن ئىككى مىللىي مەركەز قۇرۇپ چىقىلىدۇ. ئۇرال رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي ئالاش- ئوردىدا جاھانشاھ بىلەن خېلىل دوستمۇھەممەت ئوغلى ئاكا- ئۇكىلار مەركىزى ھۆكۈمەتكە ۋاكالەتلىك قىلماقتا ئىدى. ئالاش- ئوردا ھۆكۈمىتى تېز سۈرئەت بىلەن قوراللىق قوشۇن تەشكىللەشكە كىرىشىدۇ. ئورېنبۇرگ، تورغاي، كوستاناي ۋە سەمىپالاتىنسكلاردىمۇ مىللىي قوشۇنلار تەشكىل قىلىنىدۇ. بۇ ئارىدا باشقىردىستان ھۆكۈمىتىمۇ ھۆكۈمەت مەركىزىنى ئورېنبۇرگقا يۆتكەپ كېلىۋالغان ئىدى. شۇڭا بۇ ئىككى ھۆكۈمەت ئۆزئارا زىچ ھەمكارلىشىپ ئىشقا كىرىشكەن ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئالاش- ئوردا ھۆكۈمىتى سىبىرىيىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئادمىرال كولچاك، ئۇرۇس كازاكلىرىنىڭ ئاتامانى دۇتوۋ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ قورال- ياراغ ۋە تېخنىكىلىق ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما ئادمىرال كولچاك، قازاقلار قۇرغان ھۆكۈمەتكە قورال بېرىشنى خالىمايدۇ. ھەتتا قورال بەرمەيلا قالماي ئەكسىچە ئارمىيىسىنىڭ ئېھتىياجى دېگەن باھانىدە ئۇلاردىن پۇل تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ. 1918- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، ئادمىرال كولچاك تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ ئالاش- ئوردا قوراللىق كۈچلىرى بىلەن باشقىردىستان قوراللىق كۈچلىرىنى تارقىتىۋېتىش ۋە بۇ ھۆكۈمەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئاتلىنىدۇ.53 ئەمما كولچاك بۇ خىل زومىلىقىنى ئۇزۇن داۋاملاشتۇرالمايدۇ. 1919- يىلىنىڭ باشلىرىدا فرۇنزې قوماندانلىقىدىكى قىزىل ئارمىيە ئاقلارنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئاۋۋال ئۇرالسك شەھىرىنى، كەينىدىنلا ئورېنبۇرگ شەھىرىنى بېسىۋالىدۇ. بۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئالاش- ئوردا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى باشقىردىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە سوۋېت دائىرىلىرى بىلەن كېلىشىش يولىنى ئاختۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. 1919- يىلىنىڭ 16- فېۋرال كۈنى باشقىرت ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن زەكى ۋەلىدىي، ئالاش ئوردا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئەخمەت بايتۇرسۇن موسكۋاغا بېرىپ بىر كېلىشىم ئىمزالىشىدۇ. ئۇلار ئۆزئارا كېلىشىم تۈزۈشكەنلىكىگە قارىماي، ئىككى تەرەپ يەنىلا بىر- بىرىگە ئىشەنمەي ئاستىرتىن زىتلىشىپ تۇرىدۇ. ئاخىرى 1919- يىلىنىڭ نويابىر ئېيىدا، سوۋېت ھەربىي ئىشلار ئىنقىلابىي كومىتېتى ئالاش- ئوردا رەھبەرلىرىگە قارىتا ئومۇمىي يۈزلۈك كەچۈرۈم ئېلان قىلىدۇ. شۇ يىلى دېكابىردا ئورېنبۇرگدا فرۇنزې بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى ھەپتىلىك سۆھبەت نەتىجىسىدە، ئالاش- ئوردا قوراللىق كۈچلىرى ئاقلار بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ قىزىل ئارمىيە سېپىگە قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ.
(رەسىم ئورنى)
ئالاش ئوردا ئاپتونومىيىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت بايتۇرسۇن
ئەسلىدە، موسكۋا دائىرىلىرى ئالاش- ئوردا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت بىرلىكتە پائالىيەت قىلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ياخشى بىلەتتى. شۇ سەۋەبتىن ئالاش- ئوردىنىڭ قازاقىستاندىكى تەسىر دائىرىسىنى بەلگىلىك بىر سەۋىيىدە ساقلاپ تۇرۇش، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە بۇ مىللىي تەشكىلاتنى تارقىتىۋېتىشنى پىلانلىشىپ ئۆزلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇۋاتقان بەزى قازاق كوممۇنىستلىرىنى مۇھىم ئورۇنلارغا جايلاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. خرىستىئانلىقنى قوبۇل قىلغان بىر قازاق تۈركى بولغان ئەلىباي جانكەلدىڭنى قازاق ئۆلكىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئىشلار كومىسسارلىقىغا، يەنە بىر قازاق تۈركى بولغان مۇھەممەت تۇڭگاچىڭنى مىللىي مەسىلىلەرگە مەسئۇل خەلق كومىسسارلىقىغا تەيىنلەشكەن ئىدى. لېنىن، 1919- يىلى ئوتتۇرىلىرىدا قازاق دالالىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بىر ئىنقىلابىي كومىتېت (كىررېۋكوم) قۇرۇش قارارىغا كېلىدۇ. پېستروۋسكى ئىسىملىك بىر ئۇرۇس يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان بۇ كومىتېتتا ئەلىباي جانكەلدىڭ بىلەن مىنداش ئوغلىغا ئوخشاش قازاقلارغىمۇ ۋەزىپە بېرىلگەن ئىدى. بۇ كومىتېت كەلگۈسىدە قۇرۇلىدىغان قازاق ھۆكۈمىتىنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلىشى پىلانلانغان ئىدى. بۇ جەرياندا دېكابىر ئېيىدا ئىمزالانغان شەرتنامىگە قارىماي ئالاش- ئوردا قوراللىق كۈچلىرى بەزى يەرلەردە قىزىل ئارمىيىگە قوشۇلۇشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ مەسىلىگە قارىتا كىررېۋكوم 1920- يىلى 11- يانۋار كۈنى يىغىن چاقىرىپ ئالاش- ئوردا بىلەن قىرغىز (قازاق) (ئۇ ۋاقىتلاردا بۈگۈنكى قازاقىستان تەۋەسى “قىرغىز” رايونى دەپ، بۈگۈنكى قىرغىز تەۋەسى بولسا “قارا قىرغىز” رايونى دەپ ئاتالماقتا ئىدى. − ئا. ھ. ئىزاھاتى) ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلايدۇ.54 شۇنداق قىلىپ ئالاش- ئوردا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بارلىق قانۇنلار ئىناۋەتسىز قىلىنىپ، بۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تىزگىنلەپ كېلىنگەن جايلار كىررېۋكوم رەھبەرلىكى ئاستىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. كىررېۋكوم يەنە قىزىل ئارمىيىگە قوشۇلۇشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئالاش- ئوردا ھەربىي قىسىملىرىغا چاقىرىقنامە چىقىرىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قورال تاپشۇرۇشىنى ئۇقتۇرىدۇ. بولشېۋىكلەر، قازاقىستانغا بىر ئاپتونومىيە بېرىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئورنىدا ئالاش- ئوردا رەھبەرلىرىدىن ئەخمەت بايتۇرسۇننى كىررېۋكوم ھەيئەت ئەزاسى قىلىپ بەلگىلەپ، ئەلىخان بۈكەيخانوۋنى تورغاي ئوبلاستىنىڭ كومىسسارلىقىغا ھەمدە مۇھەممەد تىنىشبايېۋنى سەمىرەچى رايونىنىڭ كومىسسارلىقىغا تەيىنلىشىدۇ.
1920- يىلى كوممۇنىستلار ھاكىمىيىتىنىڭ تەلىيى كېلىپ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان بىر يىل بولىدۇ. بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا قىزىل ئارمىيە كۈچلىرى بىپايان قازاق دالالىرىدىكى بارلىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ. ئۇرۇشتا يېڭىلگەن گېنېرال دۇتوۋ بولسا، شەرقىي ئورتا ئاسىياغا قېچىپ كېتىدۇ. قازاقىستان رايونىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋالغان قىزىل ئارمىيە گېنېرالى فرۇنزې، نىشانىنى ئورتا ئاسىيا باسمىچىلىرىغا قارشى ھەرىكەتكە ئاتلىنىش ئۈچۈن جەنۇب تەرەپكە بۇرايدۇ.55 پۈتۈن يىل قازاقىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە قۇرۇلتاي ئېچىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بولشېۋىكلەر رەھبەرلىكى، ئاپرېل ئېيىدا رۇسىيە بولشېۋىكلەر پارتىيىسىنىڭ قىرغىز (قازاق) بىروسى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. قازاقىستان كومپارتىيىسىنىڭ يادروسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بۇ بىرو، كېررېۋكومنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى. يەنە شۇ يىلى 4- ئۆكتەبىردە قىرغىز (قازاق) ئاپتونوم سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ قازاقىستاندا سوۋېت ھاكىمىيىتى رەسمىي تەشكىل قىلىنغان بولىدۇ.
بولشېۋىكلەر پەيدا قىلغان بارلىق توسالغۇلارغا قارىماي، ئالاش- ئوردا ھەرىكىتى مىللىي باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش جەھەتتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغان بولۇپ، قازاقىستان ئۈچۈن كۆپلىگەن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ بېرىدۇ. ئارىدىن بەش يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، تۇرار رىزقۇلوۋ ئىچكى ئۇرۇش يىللىرىغا بەرگەن بىر باھاسىدا، “ئالاش- ئوردا قۇرۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى يىللاردا ئىلغار ۋە ئىنقىلابىي خاراكتېرلەرگە ئىگە ئىدى” دەپ باھا بېرىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە بېسىلغان قازاقىستان سوۋېت ئېنسىكلوپېدىيىسىدە بولسا، “ئالاش پارتىيىسىنىڭ پروگراممىسى پان ئىسلامىزم ۋە پان تۈركىزم ئىدىيىسىنى ھىمايە قىلاتتى، قازاقىستاندا بۇرژۇئا ئاپتونومىيىسى قۇرۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. سوۋېتلار قازاقلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىسۇن دەپ، مەركىزى ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلمىغان ئىدى. ھەر قايسى ۋىلايەتلەرگە ئۆزلىرىنىڭ شۆبىلىرىنى قۇرۇپ، ئۆز گېزىتلىرىنى چىقىرىشقا كىرىشكەن ئىدى” دەپ تەنقىدلەش ئارقىلىق، بىر مەنىدە بۇ ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن ئىشلىگەن ئۇتۇقلىرىنى ۋاسىتىلىك بىر شەكىلدە ئېتىراپ قىلىشقان ھېسابلاندى.

باشقىردىستان ئاپتونومىيىسى
1917- يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىغان ئايلاردا ئومۇمىي ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە زۆرۈر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا  قويۇشنى مەقسەت قىلىپ يىغىن چاقىرغان باشقىرت مەركىزىي شۇراسى 29- نويابىر كۈنى مۇختارىيەت جاكارلاش قارارىنى ئالىدۇ (كونا ئۇرۇس يىلنامە بويىچە 17- نويابىر. − ئا. ھ. ئىزاھاتى). بۇ يىغىندا ئاپتونومىيە قۇرۇش قارارى بىلەن بىرگە يەنە قانۇنشۇناس يۇنۇس بەكوۋ رەئىسلىكىدە بىر مىللىي باشقىرت ھۆكۈمىتىنىمۇ قۇرۇپ چىقىدۇ. ئىچكى ئىشلار نارازىلىقى بىلەن ھەربىي ئىشلار نازىرلىقىنى تارىخچى ئەخمەت زەكى ۋەلىدىگە تاپشۇرغان ئىدى.56 ھۆكۈمەت دەرھال باشقىرت ھەربىي ئىشلار ئورگىنى تەسىس قىلىپ، مىللىي ئارمىيە قۇرۇپ چىقىشقا كىرىشىدۇ. بۇ مەقسەتتە يەنە باج يىغىشقا كىرىشىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىناغا ئۆزلىرىنىڭ رەسمىي ۋاكالەتچىلىرىنى ئەۋەتكەن ئىدى. مۇختارىيەت ئېلان قىلىنغان جايلار باشقىرت ئاھالىسى زىچ ئولتۇراقلاشقان كىچىك باشقىردىستان دەپ ئاتالغان رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئورېنبۇرگ شەھىرى پايتەخت قىلىپ تاللانغان ئىدى. قازاقىستان تەۋەسىدە ئېلان قىلىنغان ئالاش- ئوردا مۇختارىيەت ھۆكۈمىتىمۇ بۇ شەھەردە ئىدى. 1918- يىلىنىڭ يانۋار ئېيىدا سوۋېت قوراللىق كۈچلىرى ئورېنبۇرگ شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋالغىنىدىن كېيىن ھۆكۈمەت تارقىلىپ كېتىدۇ. ئاندىن ئەخمەت زەكى ۋەلىدىي قاتارىدىكى بارلىق ھۆكۈمەت ئەزالىرى قولغا ئېلىنىدۇ. ئاپرېل ئېيىدا ئۇرۇس كازاكلىرى بىلەن باشقىرت ئەسكەرلىرى بىرلىشىپ بولشېۋىكلەرگە قارشى بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى تۈرمىدىن قۇتقۇزۇۋالىدۇ. يەنە شۇ ۋاقىتلاردا چىليابىنسكىدە چېخ ياللانما ئەسكەرلىرى باشلاتقان سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، باشقىرت ھۆكۈمىتىگە ئىيۇل ئايلىرىدا قايتىدىن پائالىيەت قىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت تۇغۇلىدۇ. بۇ ھۆكۈمەت مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي يۈزلۈك سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىپ، قوزغىلاڭچى چېخ ياللانما ئەسكەرلىرىدىن ئالغان قورال- ياراغ ۋە ئوق- دورىلاردىن پايدىلىنىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئىككى پىيادىلەر دېۋىزىيىسى (تۈمەنى) قۇرۇپ چىقىشىدۇ. قۇرۇلغان بۇ قىسىملار ئاق ئۇرۇس ۋە چېخ ياللانما ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە سوۋېتلەرگە قارشى جەڭگە ئاتلىنىدۇ. ئىيۇل ئېيىدا قىزىللار ئۇفا بىلەن ئورېنبۇرگنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ۋەقەدىن كېيىن باشقىرت مىللىي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەربىي ئىشلار قوماندانلىق مەركىزى قايتىدىن چېلىيابىنسكتىن ئورېنبۇرگقا كۆچۈپ كېلىۋالىدۇ. باشقىرت مىللىي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى جەريانىدا ئورتا ئاسىيا مىللىي ھۆكۈمىتى ئەزالىرىدىن بولغان ئۇبەيدۇللا غوجا، داڭلىق شائىر ئابدۇلخەمىت سۇلايمان چولپان، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە نازىرلىقىغا تەيىنلىنىدىغان ئابدۇلخەمىت ئارىپوۋ بىلەن تاشكەنتلىك زىيالىيلاردىن مىر مۇخلىس قاتارلىق بىرمۇنچە داڭلىق كىشىلەر بۇ يەرگە كېلىپ ھۆكۈمەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ.
ئۇ يىللىرى، بۇ جاينىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي كۈچ ۋەزىيىتى باشقىرت ۋە ئالاش- ئوردا مۇختارىيەتلىرى ئۈچۈن بەكلا پايدىلىق ئەھۋالدا ئىدى. سامارادا دېموكراتىيە تەرەپدارى بولغان سوتسىيال ئىنقىلابىي پارتىيە − ئېس- ئارچىلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان تۇنجى پارلامېنت ھۆكۈمىتى تەشكىل قىلىنغان ئىدى. سىبىرىيىدە ئاق ئۇرۇس ئادمىرالى كولچاك، ئورېنبۇرگتا بولسا كازاكلارنىڭ ئاتامانى دۇتوۋ قاتارلىقلار قىزىللارغا قارشى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى. بۇ جەرياندا، باشقىرت ھۆكۈمىتى بۇخارا ئەمىرلىكى بىلەن ئالاقىلىشىپ،57 ئورتا ئاسىياغا بارىدىغان تۆمۈريوللارنى ئۈزۈۋېتىش ھەرىكەتلىرىدە ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ پائالىيەت قىلىش تەلىپىنى قويغان بولسىمۇ، بۇخارا ئەمىرى “موسكۋادا ھۆكۈمەت كىمنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولسا مەن شۇلارنى رۇسىيەنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى دەپ ئېتىراپ قىلىمەن، رۇسىيە بىلەن تۈزۈشكەن كېلىشىملەرگە سادىق قېلىشىم كېرەك، شۇ سەۋەبتىن ھەرقانداق بىر قوزغىلاڭ تەرىپىگە ئۆتۈش خىيالىدا ئەمەسمەن” دەپ جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئالاش- ئوردا ھۆكۈمىتى بىلەنمۇ مۇزاكىرە قىلىشىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئورتاق قوراللىق كۈچ تەشكىل قىلىش قارارىنى ئېلىشىدۇ. بۇ قوراللىق كۈچكە كونا چاررۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرىدىن ئىشبۇلاتوۋنى مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىشىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە 30- ئاۋغۇستتىن 7- سېنتەبىرگىچە ئورېنبۇرگتا باشقىردىستان، قازاقىستان ۋە سابىق قوقان مۇختارىيەت رەھبەرلىرى يىغىلىپ «شەرقىي جەنۇب مۇسۇلمان ئەللەر فېدېراتسىيەسى» نى قۇرۇپ چىقىش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىدۇ (3- خەرىتىگە قارالسۇن. − ئا. ھ. ئىزاھاتى). ئەگەر سىبىرىيە، سامارا ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ئۇرۇس كازاكلىرىمۇ بۇ فېدېراتسىيىگە قوشۇلۇشنى خالىسا، بۇ ئىتتىپاقنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ «شەرقىي رۇسىيە ئىتتىپاقى» غا ئۆزگەرتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدۇ (بۇ يىغىنغا ئالاش- ئوردىدىن ئەلىخان بۈكەيخانوۋ، ئەخمەت بايتۇرسۇنوۋ، مىر ياقۇپ دۆلەت، قوقان ھۆكۈمىتىدىن مۇستاپا چوقاي ئوغلى، مۇھەممەتجان تىنىشبايېۋ، ئۇبەيدۇللا غوجا، باشقىردىستاندىن ئەخمەت زەكى ۋەلىدىي ۋە باشقا بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەزالىرى قاتناشقان ئىدى. − ئا. ھ. ئىزاھاتى). بۇ ۋاقىتتا ئابدۇلخەمىت سۇلايمان چولپان، بۇخارالىق ئابدۇلخەمىت ئارىپوۋ، نىزام غوجا، باشقىرتلاردىن ئىلىياس ئالكىن، ئەخمەت زەكى ۋەلىدىي، قازاقلاردىن بولسا ئەلىخان بۈكەيخانوۋ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «تۈرك سوتسىيالىستلار پارتىيىسى» نى قۇرۇپ چىقىش ئىشى باشلىنىدۇ. «مىللەتچى سوتسىيالىزم» ئاساسلىرى بويىچە قۇرۇش پىلانلانغان بۇ پارتىيىنى بارلىق شەرق تۈركلىرىنىڭ ئورتاق پارتىيىسى ھالىتىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكچى بولغان ئىدى. پارتىيە قۇرغۇچىلىرى دەسلەپكى ئىجرائىتىنى باشقىردىستاندا يولغا قويۇپ، ئۆز كۆز قاراشلىرى ئاساسىدا بىر تېررىتورىيە قانۇنى چىقىرىشىدۇ. ھۆكۈمەت، سامارادىكى سوتسىيالىست ئېس- ئار چىلار ھۆكۈمىتى بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىپ، قىزىللارغا قارشى ئۇرۇشقا زور ياردەمدە بولۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.
رۇسىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش يالغۇز چاررۇسىيە چېگرا تەۋەسىدىكى مىللەتلەر بىلەن چەكلىنىپ قالغان بولماستىن، كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتكە قارشى جەڭ قىلىۋاتقان ئاق ئۇرۇس گېنېراللىرى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر (ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە) بىلەن سىبىرىيىنىڭ بىر قىسمىغا بېسىپ كىرىۋالغان ياپونىيەنىڭمۇ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن ئىدى. ئاق ئۇرۇس ئادمىرالى كولچاك قوماندانلىقى ئاستىدىكى ئۇرال ئالدىنقى سېپى 3 كورپۇستىن تەشكىل تاپقان ئىدى. تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىلىك سىبىرىيە كورپۇسى ئاساسەن چېخ ئەسكەرلىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ،58 يىكاتېرىنابۇرگ شەھىرىدە چۈشكۈن تۈزگەن بۇ كورپۇسقا چېخ گېنېرالى گايدا قوماندانلىق قىلماقتا ئىدى. 50 مىڭ كىشىلىك غەربىي كورپۇس ئارمىيىسىگە ئۇرۇس گېنېرالى قانجىن قوماندانلىق قىلماقتا ئىدى. جەنۇب يۆنىلىش ئارمىيىسى ئۇرۇس كازاكلىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئاتامان دۇتوۋنىڭ قوماندانلىقىدا ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا سوتسىيالىست گۇرۇپپىلارمۇ سامارانىبېسىۋېلىپ، بۇ يەردە بىر تۇنجى پارلامېنت ھۆكۈمىتى (كومۇچ) نى تەشكىللىگەن ئىدى. بۇ ھۆكۈمەت دىرېكتۋارلار دەپ ئاتالغان بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن باشقۇرۇلماقتا ئىدى.
1918- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ غەلىبىلىك جەڭ قىلىپ كېلىۋاتقان ئاقلار قوشۇنى قىزىللارغا قارشى ئۇرۇشلاردا كۆرۈنەرلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئاق ئۇرۇسلار بولشېۋىكلەر ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ رۇسىيەگە قايتىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بولدى دەيدىغان ئىشەنچ ئومۇمىي يۈزلۈك كېڭىيىپ كېتىۋاتماقتا ئىدى. ئەمما شۇ يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدا فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ھەربىي ھەيئەتلىرى ئومسكى شەھىرىگە يىغىلىدۇ. بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، غەرب ئەللىرىنىڭ ۋەكىللىرى مۆتىدىل سوتسىيالىست كۈچلەرنى ئاساس قىلىپ تەشكىل قىلىنىدىغان ھۆكۈمەتنى قوللاش ئورنىغا ئاق ئۇرۇس گېنېراللىرىنى قوللاشتا چىڭ تۇرۇپ، مۆتىدىل دېموكراتىك گۇرۇھلارنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن ياردەم قىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئادمىرال كولچاك خۇدىنى بىلەلمەي قەتئىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغان قارارلار ئېلىشقا كىرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 18- نويابىر كۈنىگە كەلگەندە كولچاك ئۆزىنى پۈتۈن رۇسىيەنىڭ ئىلاھىي خوجايىنى (ۋېرخوۋنىي پراۋىتال − ئا. ھ. ئىزاھاتى) دەپ جاكارلايدۇ. كەينىدىنلا بۇ جايلاردا ئۇنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا بولماي ئۆز ئالدىغا قىزىللارغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان بارلىق قوراللىق كۈچلەرنى تارقىتىۋېتىش ھەرىكىتىنى باشلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ تۇنجى ھەرىكىتى ئېس- ئارچىلارنى ئاساس قىلغان تۇنجى پارلامېنت ھۆكۈمىتى − كومۇچقا زەربە بېرىشتىن باشلىنىدۇ. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ سوتسىيالىست ئەزالىرىنى قولغا ئالىدۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن ئالاش- ئوردا بىلەن باشقىردىستان ھۆكۈمەتلىرىنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك باشقىرت- قازاق قوراللىق كۈچلىرىنىمۇ بىرگە تارقىتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلايدۇ. ئۆز قوشۇنلىرى بىلەن بىرگە جەڭ قىلىۋاتقان 3- باشقىرت پولكىنى قورالسىزلاندۇرۇپ دەرھال تارقىتىۋېتىدۇ. بۇ ۋەقەلەر باشقىرت ۋە قازاق مىللىي ھۆكۈمەتلىرىنى بەكلا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بۇ ۋاقىتتا باشقىرت ھۆكۈمىتى ئورېنبۇرگتا كۈچلۈك ھەربىي قۇۋۋەتكە ئىگە ئۇرۇس كازاكلىرىنىڭ ئاتامانى دۇتوۋنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش ھەرىكىتىنى پىلانلىغان بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. قورال ۋە ماددىي تەمىنات جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلار رەسمىي ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. بۇ جەرياندا قىزىللار سامارا بىلەن ئۇفا شەھەرلىرىنى قايتىدىن ئىگىلىۋالىدۇ. بۇ ھادىسىلەر يۈز بەرگەندىن كېيىن، باشقىردىستان ھۆكۈمەت مەركىزى ئورېنبۇرگدىن چېكىنىپ چىقىپ شەرقىي باشقىردىستان رايونىنىڭ تىمېس بازىرىغا كۆچۈپ بېرىۋالىدۇ.59
1919- يىلىنىڭ باشلىرىدا، پۈتۈن رۇسىيەدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بېرىدۇ: ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر 23- يانۋار كۈنى بولشېۋىكلەر ھاكىمىيىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىشىدۇ. ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن 15- فېۋرال كۈنى رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ھەققىدە كېلىشىمگە كېلىشىدۇ. بۇنداق بىر ۋەزىيەت، سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن تېپىلماس بىر پۇرسەت ئىدى. ئەمما موسكۋاغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان مىللەتلەر ئۈچۈن بۇ ئىش ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنىڭ بېشارىتى ھېسابلىناتتى. مۇختارىيەت ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقان باشقىرت ۋە ئالاش- ئوردا ھۆكۈمەتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلاردا موسكۋا دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشتىن باشقا چىقىش يولى قالمىغانتى.
باشقىرت ھۆكۈمىتى، سوۋېت تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ شەرتى قىلىپ مۇنۇ تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: “ئىچكى ئىشلار بىلەن ئىقتىسادىي ئىشلاردا تولۇق مۇختارىيەت بېرىلسۇن؛ مىللىي ئارمىيە ئادەتتە سوۋېت قوماندانلىقى ئاستىدا بولسىمۇ، ئىچكى جەھەتتە ئۆز ئالدىغا ئەركىن پائالىيەت قىلالايدىغان بولسۇن؛ كوممۇنىزم ئىدىيىلىرى مەجبۇرى تېڭىلمىسۇن.” بۇ يەردە، ھەربىي ئىشلار نازىرى ۋە ئارمىيە قوماندانى زەكى ۋەلىدىي باشقىرت قوراللىق كۈچلىرىنى ئورتا ئاسىيا ئالدىنقى سېپىغا ئەۋەتىش تەلىپىنىمۇ قوشۇمچە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بولشېۋىكلەر ھۆكۈمىتى بۇ شەرتلەرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگىنىدىن كېيىن، 18- فېۋرال كۈنى باشقىرت پولكلىرى سوۋېت بىرىنچى كورپۇس ئارمىيە شتابىغا قوشۇۋېتىلىدۇ. ئاندىن، قازاق رەھبەر ئەخمەت بايتۇرسۇن بىلەن باشقىرت رەھبىرى ئەخمەت زەكى ۋەلىدىي مەسئۇللۇقىدىكى ئىككى ھەيئەت بىرلىكتە موسكۋاغا بېرىپ كوممۇنىست رەھبەرلىكى بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرىدۇ. 23- مارت كۈنى باشقىرت ئارمىيىسى بىلەن باشقىردىستان ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك 20 ماددىلىق كېلىشىم تۈزۈلۈپ، لېنىن بىلەن ستالىن تەستىقلاپ ئىمزالىغاندىن كېيىن رۇسىيە گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنىدۇ.
شۇ كۈنلەردە، يەنى 21- فېۋرال كۈنى باشقىردىستان مىللىي ھۆكۈمىتى جايلاشقان تىمېستە باشقىردىستان ئومۇمىي قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپ، مىللەتچىلەر ئۈستۈنلۈكتىكى بىر «ئىنقىلابىي كومىتېت» (رېۋكوم − ئا.ھ. ئىزاھاتى) سايلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بولشېۋىكلەر بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشتا تەلەپ قىلىنغان سىياسىي تەلەپلەر بىر- بىرلەپ ئەمەلدە كۆرسىتىشكە تىرىشىلىدۇ. ھۆكۈمەت رەئىسلىكىدىن ئىستېپا بەرگەن كۇلايېۋنىڭ ئورنىغا خارىس يۇماگۈلوۋ تەيىنلەنگەن ئىدى. زەكى ۋەلىدىي بولسا ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرلىق ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ۋەلىدىنىڭ شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىگە قارىماي، باشقىرت قوراللىق كۈچلىرى ئورتا ئاسىيا ئالدىنقى سېپىگە ئەۋەتىلمەي، ئاق ئۇرۇس گېنېرالى دېنىكىنگە قارشى ئۇرۇش بولۇۋاتقان ئۇكرائىنا ئالدىنقى سېپىگە يولغا سېلىۋىتىلىدۇ.60 يەنە بىر تەرەپتىن زەكى ۋەلىدىي سەپداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ بولشېۋىك رەھبەرلىرىنى مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ئىشقا ماقۇل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ باقىدۇ: بىرىنچى ئىش، قازاق ۋە باشقىرت رايونلىرىنى بىرلا مەمۇرىي ئورگان ئاستىغا توپلاپ، بۇ جايلاردا مۇختارىيەت ئېلان قىلدۇرۇش پىلانى ئىدى. بۇ تەكلىپكە قىزىقمىغان سوۋېت دائىرىلىرى، ئورېنبۇرگتا بىر ئۇرۇس رايونى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق قازاقىستان بىلەن باشقىردىستاننى جۇغراپىيىلىك ۋە مەمۇرى جەھەتلەردە بىر- بىرىدىن ئايرىۋېتىش قارارىنى ئېلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ۋەلىدى بىلەن ھەمراھلىرىنىڭ ئورېنبۇرگنى مەركەز قىلغان ئاساستا بىر قازاق- باشقىرت ئاپتونومىيىسى تەشكىل قىلىش ھەققىدىكى ئۇرۇنۇشلىرىمۇ يوققا چىقىدۇ. ئىككىنچى ئىش بولسا، شەرقتىكى مۇسۇلمان تۈرك ئەللىرىنىڭ سوتسىيالىست پارتىيىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر پۈتۈن سىياسىي تەشكىلات ھالىتىگە كەلتۈرۈش پىلانى ئىدى. بۇ پىلان بويىچە ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدىكى «تۈدە»، قازاقىستاندىكى «ئۈچ جۈز» ۋە ۋەلىدىي سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان «ئەرك» پارتىيىسىنى بىر مەركەز ئاستىغا يىغماقچى بولغان ئىدى. بۇ تۈردىكى بىرلىشىشتىن بارلىققا كېلىدىغان ئورگان «ئەرك سوتسىيالىست پارتىيىسى» دېگەن نام بىلەن، رۇسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىدىنمۇ مۇستەقىل ھالدا «كومىنتېرىن» (خەلقئارا كوممۇنىستىك پارتىيىلەر مەركىزى ئورگىنى − كومىنىستىچىېسكى ئىنتېرناتسىئونال، يەنى خەلقئارا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال. − ئا. ھ. ئىزاھاتى) غا ئەزا بولۇشنى مەقسەت قىلىشقان ئىدى. مۇسۇلمان تۈرك رەھبەرلىرىنى رۇسىيە كومپارتىيىسىگە بېقىنمايدىغان ئايرىم بىر ئورگان ھالىغا كەلتۈرۈش مۇددا قىلىنغان بۇ لايىھە سوۋېت دائىرىلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىنى پەرەز قىلىش ھەرگىز مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش ئىدى. دېگەندەك، بۇ تەكلىپ لايىھىسى ئۇرۇسلار تەرىپىدىن دەرھال رەت قىلىۋېتىلىدۇ. زەكى ۋەلىدىي بىلەن سەپداشلىرى، بارلىق تەكلىپ لايىھىلىرى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، رۇسىيە كومپارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ پائالىيەت قىلىشتىن باشقا چىقىش يولى قالمايدۇ.
موسكۋا دائىرىلىرى بۇ كۈنلەردە ئۆز دەردلىرىدىن ئېشىنىپ بولالماي ۋاقىتنى كەينىگە سوزۇپ پەيت كۈتۈشنى ئۆزلىرىگە بىردىن- بىر مەقسەت قىلىپ كېلىۋاتقاچقا، باشقىرت مىللىي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ رۇسىيەدىكى مۇقىملىقنى قولغا كەلتۈرۈۋالغۇچە ۋاقىتنى كەينىگە سوزۇشنىڭ غېمىدە قالغان ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە سوۋېت تەرەپنىڭ باشقىردىستان تەۋەسىدە ساداقەت بىلەن ئىشلەپ بېرىدىغان يەرلىك كوممۇنىستلاردىن پايدىلىنىپ مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ ئورنىغا يەنە بىر قورچاق سىياسىي ئورگان تەشكىللەش مەقسەت قىلىنغان پائالىيەتلىرىمۇ داۋام قىلىپ تۇرماقتا ئىدى. بولشېۋىكلەرنىڭ باشقىردىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئىمزالاشقان شەرتنامىلەرگە ئەمەل قىلىش نىيىتى يوقلۇقى، بۇ شەرتنامىلەر ئادەم ئالدايدىغان قىلچە قىممىتى يوق قەغەز يۈزىدىكى ۋاقىتلىق نەرسىلەر ئىكەنلىكى باشقىرت ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە بۇرۇنلا ئېنىق مەلۇم ئىشلار ئىدى. زەكى ۋەلىدىي تۇغان كۈندىلىك خاتىرىلىرىدە لېنىننىڭ ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئىككى كۈنمۇ ئۆتمەي، چاقىرىلغان پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بۇخارىنغا جاۋابەن سۆزلىگەن نۇتقىدا “تاكتىكىلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇرژۇئا مىللەتچىلىرى بىلەن شەرتنامە تۈزۈشكە مەجبۇرلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن. فىنلاندىيەدە ئىشچىلار سىنىپىنى قىرغىن قىلغان بۇرژۇئا مىللەتچىسى سۋىنھاۋدقا يالغاندىن ھىجىيىپ يول قويۇشقا مەجبۇر بولمىغانمىدۇق؟ تېخى تۈنۈگۈنلا باشقىرت ھۆكۈمىتى بىلەنمۇ ئەنە شۇنداق يالغان شەرتنامە تۈزۈشكە مەجبۇر بولمىدۇقمۇ؟”61 دېگەن جۈملىلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
بۇ نۇقتىغا كەلگەندە، لېنىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن سۈلھى قىلىپ ئۇلارنى مەجبورلىيالىغىنىمىز قولغا كەلتۈرگەن بىر ئۇتۇقىمىزدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ بىزگە يالغاندىن دوستلۇق ئىپادىلىگەن كۆرۈنۈشكە كىرىۋالغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزنىمۇ خۇددى ئۆزبېك ئىمام- موللىىرى، فىنلاندىيە كاپىتالىست بۇرجۇئالىرىنى ئۇجۇقتۇرىۋەتكىنىدەك قۇتۇلۇشقا تېگىشلىك ئۇنسۇرلار دەپ ئويلاپ يۈرگەنلىكى، يەنى كومپارتىيىسىنى يېتىشتۇرىۋالغىنىدىن كېيىن ھاكىمىيەتنى قولىمىزدىن تارتىپ ئېلىپ ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى شۇ كۈنلەردىلا سىزىپ بولغان ئىدۇق. ئەمما لېنىننىڭ بۇ نۇتقىدىن بۇ تۈر مەزمۇنلارنى بىلىپ قالغانلىقىمىزنى ھېچكىمگە تىنمىغان ئىدۇق.
ھەقىقەتەنمۇ سوۋېت دائىرىلىرى دەل شۇنداق بىر يالغان تاكتىكا ئىشلىتىش ئۇسۇلنى ئىشقا سالغان ئىدى. سوۋېت ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنى ئاساسەن تىزگىنلەپ بولغاندىن كېيىن، يەرلىك كوممۇنىستلارغا تايىنىپ مەجبۇرى تېڭىلغان ئاپتونومىيىلەرنى تىكلەش، ئاخىرىدا بولشېۋىزم ۋاسىتىسى ئارقىلىق مىللىي دۆلەتلەرنى قۇرۇۋېلىش خىيالىدا بولۇۋاتقان يەرلىك كادىرلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش ئىشىغا كىرىشمەكچى بولغان ئىدى. ستالىن، 1920- يىلى ئاپىرىل ئېيىدا باشقىرت ئارمىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش باھانىسىدە زەكى ۋەلىدىنى موسكۋاغا چاقىرتىدۇ. موسكۋادىكى كۆرۈشۈش جەريانىدا، لېنىن زەكى ۋەلىدىگە مۇنداق دەپ مەسلىھەت قىلىدۇ: “يەرلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە چىڭ تۇرۇۋالماي، رۇسىيەنىڭ ئومۇمى ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تىرىشىڭ!” لېنىننىڭ بۇنداق بىر مەسلىھەت بېرىشىدىكى ئەسلى مەقسەت، ۋەلىدىنى باشقىردىستاندىن ئايرىۋېتىش ئىدى. دېگەندەك، ئۇزۇنغا قالماي زەكى ۋەلىدىنى گېنېرال دېنىكىنگە قارشى ئۇرۇش بولۇۋاتقان ئۇكرائىنا ئالدىنقى سېپىدىكى تاتار- باشقىرت قىسىملىرىنى رەتكە سېلىش ۋەزىپىسىگە تەيىنلىشىدۇ. بۇ كۈنلەردە، زەكى ۋەلىدىمۇ سۇلتان غالىيېۋگە مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى. زەكى ۋەلىدىي، موسكۋانىڭ غالىيېۋگە تۇتقان رەزىل پوزىتسىيىسىگە قاراپ كوممۇنىستلارنىڭ پات ئارىدا مۇسۇلمان تۈرك قوۋملىرىدىن كەلگەن بارلىق رەھبىرى خادىملارغا قارىتا ئومۇمىي يۈزلۈك تازىلاش ھەرىكىتى باشلاش ئېھتىمال بارلىقىنى مۆلچەرلەيدۇ. شۇڭا، 29- ئىيۇن كۈنى سەھەردە موسكۋادىن ئايرىلغان زەكى ۋەلىدىي، كۆپ ئۆتمەي ئوتتۇرىدا كۆرۈنمەي تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىدۇ. دەل شۇ كۈنى ئورتا ئاسىيادا تۇرار رىزقۇلوۋ بىلەن ئۇنىڭ سەپداشلىرى كوممۇنىستلار پارتىيىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئۇجۇقتۇرىۋىتىلىدۇ. بۇلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بۆلىدىكى، زەكى ۋەلىدىي ۋەزىيەتنى ھەقىقەتەنمۇ توغرا مۆلچەرلىيەلەيدىغان بىرى ئىدى. ۋەلىدىي، ئۇزۇنغا قالماي باكۇغا بېرىۋالىدۇ. ئۇ يەردىن ئورتا ئاسىيا تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇ يەردە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان مىللىيئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە قوشۇلۇپ كېتىدۇ.62

ئىدىل- ئۇرال ئاپتونومىيىسى
چاررۇسىيە پايتەختى پېتىربۇرگتا فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئىنقىلاب پارتلاپ ھاكىمىيەت بولشېۋىكلەر قولىغا ئۆتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئىدىل- ئۇرال تەۋەسىگە يېتىپ كەلگەن كۈنلەردە، بۇ ھەرىكەت بۇ يەرلەردە كېرېنسكى يېتەكچىلىكىدە قوزغىتىلغان فېۋرال ئىنقىلابى بولغان كۈنلەردىكىدەك ئۇنچىلىك ھاياجان پەيدا قىلىپ كېتەلمىگەن ئىدى. ھەتتا ئۇنىڭ تەتۈرىچە ھەممە يەردە يەنە قانداق ئىشلار يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېچ كىم بىلەلمەي قاتتىق ئۈمىدسىزلىك، ۋەھىمە ئىچىدە قالغان ئىدى. ئەنە شۇنداق بىر پەيتتە تاتار زىيالىيلىرى دەرھال بىر مىللىي قۇرۇلتاي چاقىرىش قارارىنى ئالىدۇ. قۇرۇلتاي يېرى ئۈچۈن ئۇفا شەھىرى تاللىنىپ، چاقىرىلماقچى بولغان بۇ قۇرۇلتايغا «ئىچكىرى رۇسىيە ۋە سىبىرىيە مۇسۇلمانلار قۇرۇلتىيى» دەپ نام بېرىلىدۇ. قۇرۇلتاي، 30- نويابىر كۈنى 120 نەپەر ۋەكىلنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كۆپ قىسمى ھېچقانداق بىر سىياسىي پارتىيىگە مەنسۇپ كىشىلەردىن بولمىغاچقا، ئېنىق بىر سىياسىي پروگرامما تۈزۈپ ئوتتۇرىغا قويالىشىمۇ تەس ئىدى.
يىغىن باشلىنىپ ئۇزۇنغا قالماي، شۇ يىلى مارت ئېيىدا چاقىرىلغان پۈتۈن رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى قۇرۇلتىيىدا ئاساسلىق مۇزاكىرە تېمىسى قىلىنغان تېررىتورىيىلىك مۇختارىيەت تەلەپ قىلىش كېرەكمۇ ياكى تېررىتورىيىسىز مۇختارىيەت تەلەپ قىلىش كېرەك دېگەن مەسىلە بۇ يىغىندىمۇ ئاساسلىق مۇزاكىرە تېمىسىغا ئايلىنىدۇ. قۇرۇلتاي ئەزالىرىنىڭ يېرىمى رۇسىيە فېدىراتسىيەسى ئىچىدە قېلىپ تېررىتورىيىسى بىلەن چېگرالىرى ئېنىق بەلگىلەنگەن بىر ئىدىل- ئۇرال ئاپتونومىيىسى قۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ. بۇلار “تېرىتورىيىچىلار” دەپ ئاتالغان ئىدى. چېگرالىرى ئېنىق بەلگىلەنگەن مۇختارىيەت دۆلىتىنى قۇرۇش تەلەپ قىلىنسا رۇسىيە تەرەپتە قالغان تۈرك قوۋملىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزگە تەسىر يېتىدۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە تۈرك قوۋملىرىنىڭ پارچىلىنىپ توزۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ دەپ قارايدىغان يەنە بىر گۇرۇھتىكىلەر بولسا، ئۇرۇسلارنى مەركەز قىلغان بىر مەركىزى ھاكىمىيەت تەۋەسىدە مۇسۇلمان تۈركلىرىگە كۈلتۈر ۋە دىنىي جەھەتتىكى مۇختارىيەت بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ. بۇ گۇرۇھتىكىلەر “تۈركچىلەر” دەپ ئاتالدى. قازان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى ئالىمجان شەرەپ، تاتار ۋە باشقىرتلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا قۇرۇلغۇسى ئىدىل- ئۇرال دۆلىتىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ قۇرۇلتايغا سۇنىدۇ. بۇ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى بىرەر ئايدەك داۋاملىشىدۇ. بولشېۋىكلەر بۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى يېقىندىن كۈزىتىپ كەلمەكتە ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن تاتار مىللەتچىلىرى بىلەن ئۇچۇرۇشۇش يوللىرىنى ئاختۇرۇشقا كىرىشكەن ئىدى. قۇرۇلتاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، ستالىن تەرىپىدىن سۇنۇلغان مۇسۇلمانلار مەسىلىسىگە مەسئۇل بىر مەركىزى كومىسسارلىق ئورگىنى تەشكىل قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى تەرىپىدىن بىردەك رەت قىلىنىدۇ. ئاخىرىدا، قۇرۇلتايدا ئىدىل- ئۇرال ئاپتونومىيىسىنى قۇرۇپ چىقىش قارارى قوبۇل قىلىنىپ،63 مائارىپ، مالىيە ۋە دىنىي ئىشلاردىن ئىبارەت ئۈچ نازارەتتىن تەشكىل تاپىدىغان بىر مىللىي ئورگان قۇرۇش قارار قىلىنىدۇ. بۇ مىللىي ئىدارىنىڭ رەئىسلىكىگە سادىر مەقسۇدىي (ئارسال) تەيىنلىنىدۇ.
يەنە شۇ كۈنلەردە، ئىدىل- ئۇرال قۇرۇلتىيىدا رەت قىلىۋېتىلگەن ستالىننىڭ كومپارتىيىگە تەۋە بىر مۇسكوم تەشكىل قىلىش دېگەن تەكلىپى قازان سوتسىيالىستچىلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى موللانۇر ۋاھىتوۋ تەرىپىدىن ماقۇل كۆرۈلىدۇ. نەتىجىدە ستالىن، ۋاھىتوۋنى تاتار زىيالىيلىرىدىن گالىمجان ئىبراھموۋ ۋە باشقىرتلاردىن شېرىپ ماناتوۋلار بىلەن بىرگە مۇسكومغا، يەنى مۇسۇلمانلار كومىسسىيىسىگە مەسئۇل قىلىپ بېكىتىدۇ. مۇسكوم، خەلق كومىسسارلار كومىتېتىنىڭ 1918- يىلى 17- يانۋار كۈنىدىكى قارارىغا ئاساسەن قۇرۇلغان مىللىي ئىشلار كومىسسارلىقى (ناركومناتس) غا قارايدىغان بىر بۆلۈم بولۇپ ئىش بېجىرىدىغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئورگان ستالىنغا بىۋاسىتە قارايدىغان بىر ئورگانغا ئايلىنىدۇ. بۇ ئىشلار تاتار مىللىي ھەرىكىتىڭ ئىچكى قىسمىدا ئېغىر بۆلۈنۈشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، مىللىي قۇرۇلتاي پۈتۈن رۇسىيە مۇسۇلمانلار قۇرۇلتىيى ئوچۇق ۋاقتىدا قۇرۇلغان «ھەربىي شۇرا» بىلەن بىرگە قوراللىق كۈچ تەشكىللەش ئۈچۈن قايتا بىر يىغىن ئېچىش ھەققىدىمۇ بىر قارار ماقۇللاشقان ئىدى. بۇ قارارغا ئاساسەن، مۇتلەق كۆپچىلىكى تاتارلار بىلەن باشقىرتلاردىن تەشكىل تاپقان 150 كىشىگە يېقىن قۇرۇلتاي ۋەكىلى 21- يانۋار كۈنى قازان شەھىرىدە يىغىن چاقىرىدۇ. بۇ يىغىندا يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئىدىل- ئۇرال مۇختارىيەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ھەققىدىكى ئارزۇسىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ. يىغىنغا قاتناشقان بولشېۋىك ھەيئەتلەر يىغىننى تاشلاپ چىقىش ئارقىلىق بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈرۈشىدۇ. بۇ ئارىدا، ئىدىل- ئۇرال مۇختارىيىتىگە توسقۇنلۇق قىلماقچى بولغان قازان سوۋېتى، 26- فېۋرال كۈنى ئالىي دەرىجىلىك قوراللىق ئىنقىلابىي قوماندانلىق شتاب تەشكىللىگەن ئىدى. شېيىكمان رەئىسلىكىدە قۇرۇلغان قوماندانلىق شتاب ھەيئەتلىرى ئارىسىدا تاتارلاردىن ياقۇبوۋ بىلەن سۇلتان غالىيېۋلەرمۇ بار ئىدى. ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، قازان سوۋېتى بۇ رايوندا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىپ ھەربىي شۇرانىڭ بارلىق ئەزالىرىنى قولغا ئالىدۇ. شۇرا ئەزالىرىغا سوۋېتلەرگە ساداقەت قەسىمى بېرىش ۋە ئىدىل- ئۇرال ئاپتونومىيىسىنى رەت قىلىش شەرتى بىلەن تۈرمىدىن قويۇۋېتىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلىدۇ. سەئىد گىراي بىلەن ئىلياس ئالكىن ئاكا-ئۇكىلار، توكۇمبېتوۋ بىلەن مۇزەپپەروۋلاردىن تەشكىللەنگەن ھەربىي شۇرا ھەيئەتلىرى بىر ئامالىنى قىلىپ بولشېۋىكلەرنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلۇپ، قازان شەھىرىدىن بۇلاق دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتىۋېلىپ ئىدىل- ئۇرال دۆلىتىنى قۇرۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرىدىغانلىقلىغىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىشىدۇ (سوۋېتلار بۇ ۋەقەنى كىچىك كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ دۆلەتنى ترانسبۇلاق جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىۋېلىشقان − ئا. ھ. ئىزاھاتى). ئەمما بولشېۋىكلەر بۇ ئىشقا تاكتىكا ئىشلىتىپ ئۇزۇنغا سۆرىمەي دەرھال جاۋاب بېرىشتى. دېگەندەك، 23- مارت كۈنى پراۋدا گېزىتىدە،64 ستالىن بىلەن بىرلىكتە موللانۇر ۋاھىتوۋ ۋە قالغان مۇسكوم ئەزالىرىنىڭ ئىمزاسى بىلەن جەنۇبىي ئۇرال ۋە ئوتتۇرا ۋولگا ۋادىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلەردە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قارايدىغان «تاتار- باشقىرت سوۋېت جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدۇ. بۇ ئىش بولۇپ بەش كۈن ئۆتكەندە قىزىل ئارمىيە قازان شەھىرىگە كىرىپ، مىللىي قۇرۇلتاينىڭ بۇلاق دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىغا جايلاشقان مەركىزىنى ئىگىلىۋالىدۇ؛ كەينىدىنلا بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مىللىي قۇرۇلتاي بىلەن ھەربىي ئىشلار شۇراسىنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىشىدۇ. قولغا ئېلىنىشتىن قېچىپ قۇتۇلالىغان مىللىي قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى، باشقىردىستانغا ۋە سىبىرىيىدىكى ئادمىرال كولچاك ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى جايلاشقان ئومسك رايونىغا بېرىۋېلىپ، ئىدىل- ئۇرال مىللىي مەركىزى ئۆز پائالىيەتلىرىنى ئەنە شۇ يەردە تۇرۇپ قانات يايدۇرىدۇ.
ئۇ كۈنلەردە، بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش بولشېۋىكلارنى بەكلا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلار پايدىلىنىشقا بولىدىغان بارلىق ئىمكانلاردىن تولۇق پايدىلىنىشقا مەجبۇر بولماقتا ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بولشېۋىك ھاكىمىيىتى مۇسۇلمان ئىشچىلىرى بىلەن دېھقانلىرىدىن قوراللىق پولكلار تەشكىللەش مەقسىتىدە مۇسكوم رەھبىرى موللانۇر ۋاھىتوۋ رەئىسلىكىدە «مەركىزى مۇسۇلمان قوراللىق كۈچلەر ئىدارىسى» قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلىشىدۇ. بۇ ئىدارە، بىر تەرەپتىن ھەربىي ئەترەتلەرنى قۇرۇشقا كىرىشكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئەترەتتىكى ھەربىيلەرگە ئىدىيىۋى تەلىم- تەربىيە بېرىش ئىشىغا تۇتۇش قىلىدۇ. بۇ جەرياندا، ئاق ئۇرۇس قوراللىق كۈچلىرى قازاننى بېسىۋالىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا موللانۇر ۋاھىتوۋغا ئوق تېگىپ ئۆلىدۇ. بۇ ئەھۋاللار يۈز بەرگەچكە، سوۋېت تەرەپ بۇ پىلاننى ئىجرا قىلىش ئىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. قىزىل ئارمىيە قازان شەھىرىنى قايتا تارتىپ ئالغان سېنتەبىردىن كېيىن، بۇ لايىھىنى قايتا ئىجرا قىلىش ئىشىنى مىرسائىد سۇلتان غالىيېۋگە تاپشۇرىدۇ. غالىيېۋغا يەنە مۇسكوم رەئىسلىكىگىمۇ تەيىنلەنگەن ئىدى.
سۇلتان غالىيېۋ بىلەن سەپداشلىرى، تاتار- باشقىرت جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش لايىھىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانىنىمۇ توختاتمىغان ئىدى. بۇ ئىشنى 1919- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا چاقىرىلغان شەرق خەلقلىرى پۈتۈن رۇسىيە كوممۇنىستىك تەشكىلاتلىرى قۇرۇلتىيىدا قايتا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ تەكلىپ قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى تەرىپىدىن دەرھال ماقۇللىنىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ موسكۋانىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا، رۇسىيەنىڭ مەركىزى قىسمىدا چوڭ بىر تۈركىي دۆلىتى قۇرۇش پىلانىنى بولشېۋىكلەر ھەرگىز قوبۇل قىلالمايتتى. شۇنداق بولغاچقا، 13- دېكابىر كۈنى، لېنىن يېتەكچىلىكىدە ئېچىلغان رۇسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى سىياسىي بيۇرو يىغىنىدا بۇ تەكلىپ رەت قىلىنىپ، بۇ ھەقتىكى بارلىق پائالىيەتلەرنى دەرھال توختىتىش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىشىدۇ.65 شۇنىڭغا قارىماي پائالىيىتىنى داۋام قىلىۋاتقان شەرق خەلقلىرى كوممۇنىستىك تەشكىلاتلار قۇرۇلتىيى مەركىزى بيۇروسى، بۇ مەسىلىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلتاي كۈن تەرتىپىگە ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، سۇلتان غالىيېۋنىڭ يېقىن خىزمەتدىشى، قازان بۆلۈمى كوممۇنىستلار پارتىيىسى رەئىسى بۇرۇندۇكوۋ، سىياسىي بيۇرونىڭ بۇ ھەقتىكى قارارىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ئەپسۇسكى، كۆرسىتىلگەن پۈتۈن بۇ تىرىشچانلىقلار ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. 1919- يىلى 23- مارت كۈنى ئاپتونوم باشقىرت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ۋولگا بويلىرىدا تارىختىن بۇيان بىر- بىرى بىلەن ئارىلىشىپ ياشاپ كەلگەن تاتارلار بىلەن باشقىرتلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇلۇغ تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش غايىسىگە خاتىمە بېرىلىدۇ. ئورېنبۇرگدا بىر ئۇرۇس رايونى شەكىللەندۈرۈپ قازاقىستان بىلەن باشقىردىستان ئوتتۇرىسىغا بىر سۈنئىي سېپىل سوقۇۋالغان بولشېۋىكلەر دائىرىسى، بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىشتىن بىرىنى ۋولگا بويلىرىدىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تۈرك قوۋملىرىنى يەنە بىر قېتىم سۇنئى چېگرالار بىلەن ئايرىپ بۆلىۋېتىدۇ. جاھانگىرلارنىڭ تارىختىن بۇيان يولغا قويۇپ كەلگەن بۆلۈپ پارچىلاپ باشقۇرۇش سىياسىتى ھەقىقەتەنمۇ قىلچە ئۆزگەرمەي داۋاملىشىپ كەلمەكتە ئىدى. تەخمىنەن بىرەر يىل ئۆتكەندە، يەنى 1920- يىلىنىڭ 27- ماي كۈنى سىياسىي بيۇرو، ئىدىل- ئۇرال جۇمھۇرىيىتى لايىھىسىدە كۆرسىتىلگەن تېررىتورىيىلەرنىڭ ئۈچتە بىرىگە تەڭ دېگۈدەك بىر ساھە ئىچىدە ئاپتونوم تاتار سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى قوبۇل قىلىشىدۇ. قۇرۇلغان بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ چېگرالىرى ئىچىدە، نوپۇسىنىڭ ئاران يېرىمىنى تاتار تۈركلىرى تەشكىل قىلماقتا ئىدى. تاتارلارنىڭ كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلىدىغان رايونلار بولسا، بۇ جۇمھۇرىيەت چېگراسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان ئىدى.
غالىيېۋنىڭ تاتارىستاندىكى ئىجرائەتلىرى ئالاھىدە نەتىجىلىك كېتىۋاتاتتى. يەرلىك كادىرلارنى تەربىيىلەش بىلەن سىياسىيلاشتۇرۇشتا قوراللىق قىسىملارنىڭ رولى بەكلا مۇھىم بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدىغان غالىيېۋ، بۇ ئىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ (بۇنىڭغا ئوخشىغان بىر قاراشنى كېيىنكى بىر يىللىرى ماۋ زەيدوڭ چىندا يولغا قويۇپ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئىدى − ئا. ھ. ئىزاھاتى). مۇسۇلمان ئەسكەرلەردىن تەشكىل قىلىنغان قىزىل ئارمىيە، غالىيېۋنىڭ “شەرق كوممۇنىزمى” ئىستراتېگىيىسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىدى. سۇلتان غالىيېۋ مۇسۇلمان ھەربىي ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن 1918- يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا،قىزىل ئارمىيە ئىچىدىكى تاتار- باشقىرت قوراللىق كۈچلىرىنىڭ سانى 50 مىڭ نەپەر ئېتىراپىغا يەتكەن ئىدى. ئارىدىن بىرەر يىل ئۆتۈپ 1919- يىلىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، شەرق فرونتىنى تەشكىل قىلغان قىزىل ئارمىيە 6- يۆنىلىش ئارمىيىسىدىكى مۇسۇلمان ئەسكەر سانى 250 مىڭ كىشىگە يېتىپ، قوماندانلىق ھوقۇقى پۈتۈنلەي مۇسۇلمان ئوفىتسېرلىرىنىڭ قولىدا ئىدى.66
(رەسىم ئورنى)
مىرسائىد سۇلتان غالىيېۋ
سۇلتان غالىيېۋ، مۇسكوم بىلەن مۇسۇلمان ھەربىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى بىرگە ئۆتەش بىلەن بىرگە «ژىزنناتسيۇنالنوتسېي» گېزىتىنىڭ تەھرىرلىكىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرق ئەمگەكچىلەر كوممۇنىستىك ئۇنىۋېرسىتېتى (ك ئۇ ت ۋا) دىمۇ دەرس بېرىپ تۇراتتى. 1920- يىلى قۇرۇلغان بۇ ئۇنىۋېرسىتېت، ئاسىيا ۋە ئافرىقا ئەللىرىدىن كەلگەن كوممۇنىست كادىرلارنى تەربىيىلەيدىغان بىر ئالىي مەكتەپ ئىدى. ھىندىستانلىق موبېندرا- نات روي، ئىرانلىق سۇلتانزادە، ھىندونېزىيەلىك كوممۇنىست تاڭ مالاكا قاتارلىق داڭلىق كىشىلەرمۇ بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا دەرس بېرەتتى. بۇنداق پايدىلىق شارائىت، غالىيېۋگە كېيىنكى دەۋرلەردە “ئۈچىنچى دۇنيا سوتسىيالىزمى” دەيدىغان قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىدە نەزەرىيە ئاساسلىرىنى تېخىمۇچوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت بولۇپ بەرگەن ئىدى. «مۇستەملىكە ئەللەر ئىنتېرناتسىئونالى» بىلەن «شەرق كوممۇنىزمى» دېگەن قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان مىرسائىد سۇلتان غالىيېۋ،67 ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تۈردىكى قاراشلىرى نەتىجىسىدە شەرق مۇسۇلمان- تۈرك كادىرلىرى ئىچىدە تەسىرى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان بىر نەزەرىيىچىگە ئايلانماقتا ئىدى.
شەرق مۇسۇلمان تۈركلىرى ئىچىدىن چىققان بىر كىشىنىڭ بولشېۋىك نەزەرىيىۋى ئاساسلىرى بىلەن سوتسىيالىزم چۈشەنچىلىرى ئۈستىدە مۇنچە تەسىر قوزغىغان داڭلىق بىرىگە ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقى، ستالىن قاتارىدىكى بارلىق ئىنقىلاب داھىيلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئۇنىڭغا كۆز تىكىشكە باشلىغان ئىدى. غالىيېۋ ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيە، ماركسىزمنى يېڭىدىن ئىزاھلاشقا زورلايدىغان بىر نەزەرىيە ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە “ئىنقىلابقا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل − رۇسىيە ئىشچىلار سىنىپىدۇر” دېگەن قاراشنىمۇ قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلاتتى. 1920- يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا، “موسكۋا ساڭا ئېھتىياجلىق” دېگەن باھانە بىلەن ئۇنى مەركەزگە چاقىرىشىدۇ. مۇسۇلمان ئەسكەرلەر ئۈچۈن قازاندا قۇرۇلغان بارلىق كۇرس مەركەزلىرىنى مۇسۇلمان ھەربىي ئىشلار ئىدارىسى بىلەن بىرگە قوشۇپ موسكۋاغا يۆتكەپ كېتىدۇ. سۇلتان غالىيېۋنىڭ ئورۇنباسارى بولغان شامىل ئوسمانوۋنىمۇ “ھەربىيلەر ئارىسىدا مىللەتچىلىك تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان” دېگەن جىنايەتنى ئارتىپ ئورتا ئاسىياغا سۈرگۈن قىلىۋېتىدۇ.
كوممۇنىستلار ئىچكى ئۇرۇشتا غالىپ كېلىپ رۇسىيەدىكى ھاكىمىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى غايىسى بىلەن يولغا قويماقچى بولغان ئەسلى پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا كىرىشىدۇ. دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى سىلىق مۇئامىلىلىرى ئورنىغا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈش ئۇسۇللىرى دەسسىتىلىدۇ. ئۇلار ئۆز كۆزقاراشلىرىغا ئۇيغۇن بولمىغان ھەرقانداق قاراشنى “ئىنقىلاب يولدىن ئېزىش، ئەكسىل ئىنقىلابى ھەرىكەت” دەپ ھۆكۈم قىلىشىدۇ. سۇلتان غالىيېۋنى قولغا ئالغان 1923- يىلى مىللەتچى كوممۇنىست كادىرلارنى تازىلاش ھەرىكىتىگە ئاتلىنىدۇ. ئاپىرىل ئېيىدا چاقىرىلغان 12- نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىدا غالىيېۋنى “مىللىي ئاغمىچى” دەپ تەنقىدلىنىپ، بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن ئېلىپ تاشلىشىدۇ. بىرەر ئايدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە قويۇۋېتىلىدۇ. ئۇ يىللىرى، سوۋېت ئىتتىپاقى فېدېراتسىيە شەكىلدە رەسمىي ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. بۇ فېدېراتسىيىلىك دۆلەت، مىللىي مەسىلىلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلدۇق دەپ جاكارلىشىپ، مىللىي ئىشلار كومىسسارلىقىنى تارقىتىۋەتكەن ئىدى. كېيىنكى يىللاردا، رۇسىيە كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ 4- سانلىق يىغىنىدا، ستالىن سۇلتان غالىيېۋ بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان غالىيېۋىزمىگە رەددىيە بېرىدىغان ئۇزۇن بىر نۇتۇق سۆزلەيدۇ. يىغىندىن كېيىن، غالىيېۋنى قايتىدىن تەنقىدلەش ھەرىكىتى باشلىتىدۇ. ئاخىرى ئۇنى كوممۇنىستىك پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. كېيىن ئۇنى يەنە قايتىدىن قولغا ئېلىشىدۇ.68 كېيىن ئۇنى بىر مەزگىل تەنقىد قىلىنىپ پارتىيىدىن قوغلانغان مىللەتچى كوممۇنىست سەپداشلىرى بىلەن قوشۇپ ستالىن تېررورىغا قۇربانلىق قىلىشىدۇ.
تاتار زىيالىيلىرىدىن بولشېۋىكلەرگە يېقىن كەلمەيدىغانلار يا ئۇجۇقتۇرۇلىدۇ ياكى بولمىسا چەتئەلگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. قازان شەھىرىنى بولشېۋىكلەر ئىشغال قىلىۋالغاندا ئاق ئۇرۇس ئادمىرالى كولچاكنىڭ يېنىغا پاناھلىق تىلەپ بېرىۋالغان مىللىي قۇرۇلتاي بولسا، ئاقلار مەغلۇپ بولغان ۋاقىتقىچە ئۆز پائالىيەتلىرىنى شۇ يەردە داۋاملاشتۇرۇپ، كېيىن تارقىلىپ كېتىدۇ. بۇ قۇرۇلتاي، 1919- يىلى ئەتىيازدا بىر قېتىملىق كىچىك بىر يىغىن ئېچىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. بۇ يىغىندا پارىژدا چاقىرىلىدىغان خەلقئارالىق تىنچلىق قۇرۇلتىيىغا ئىدىل- ئۇرال ۋە سىبىرىيە تۈركلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە بىر ھەيئەت ئەۋەتىش قارارى ئېلىنغان ئىدى. مىللىي ھۆكۈمەت باشلىقى سادىر مەقسۇدىي، تەھرىر ئاياز ئىسھاقى ۋە تۇنجى قۇرۇلتاينىڭ ئەزالىرىدىن فۇئات توقتاروۋ قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئەگرى- توقايلىق يوللارنى بېسىپ ئۆتۈپ مىڭ بىر مۇشەققەت بىلەن پارىژغا يېتىپ بارىدۇ. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر، بۇ ئۆمەكنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېتىش يولىنى توسۇپ قويىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىدىن ئاياز ئىسھاقىي ياۋروپا ئارقىلىق يىراق شەرققە بارماقچى بولغان تاتار كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە چەتئەلدىكى ئىدىل- ئۇرال مىللىي كۈرىشىنى شەكىللەندۈرىدىغان يېتەكچىلەردىن بىرى بولۇپ قالىدۇ.

ئورتا ئاسىيا خانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ۋە خەلق جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى
14- ئەسىرلەردە ئۇلۇغ تۆمۈر تەرىپىدىن قۇرۇلغان چاغاتاي ئىمپېرىيىسى 150 يىلدەك ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن، ئورنىنى شەيبانى ئۆزبەكخان قۇرغان دۆلەتكە بوشىتىپ بەرگەن ئىدى. ئۆزبەكخان، سافاۋىلەر دۆلىتى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ دۆلىتى مۇنقەرز بولىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ جايلاردا نۇرغۇنلىغان ئۇششاق خانلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ. 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئۆزبەكلەرنىڭ مانگىت قەبىلىسى بۇخارادا، كونگرات قەبىلىسى بولسا خارەزم تەۋەسىدە خانلىق قۇرغان ئىدى. 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇخارا خانلىقىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن ئۆزبېك مىڭلار قەبىلىسى فەرغانە رايونىدا قوقان خانلىقىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. 19- ئەسىرگە كەلگەندە بۇ رايوندا يېڭى بىر كۈچ − چاررۇسىيە پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ.69 ئۇرۇسلار 1868- يىلى سەمەرقەنت شەھىرىنى بېسىۋالىدۇ. شۇ يىلى بۇخارا خانلىقى رۇسىيەنىڭ ھىمايىسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشىغان ۋەقە خىۋە خانلىقىدىمۇ يۈز بېرىپ، 1873- يىلى خىۋە خانلىقىمۇ رۇسىيەنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. 1876- يىلى رۇسىيەلىكلەر قوقان خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، بۇ زېمىن ئورتا ئاسىيا ئومۇمىي ۋالىيلىقى (گوبىرنىيىسى) نى قۇرۇۋالىدۇ. 20- ئەسىرگە قەدەم باسقان يىللاردا ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە ئىچكى ئىشلاردا قىسمەن مۇستەقىل، ئەمما تاشقى مۇناسىۋەتلەردە پۈتۈنلەي رۇسىيەنىڭ تىزگىنىدە ئىككىلا خانلىق ساقلىنىپ قالغان ئىدى. بۇلاردىن بۇخارا خانلىقى 200000 كىلومېتىر چاسا زېمىنغا ۋە 2 مىليوندەك نوپۇسقا ئىگە بىر خانلىق ئىدى. خىۋە خانلىقى ئۇنىڭدىن خېلى كۆپ كىچىك بولۇپ، 55000 كىلومېتىر چاسا زېمىنغىلا ئىگە ئىدى. بۇ خانلىقلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا سىياسىي ۋە قوراللىق كۈچ جەھەتتە ئورتا ئاسىيا ئومۇمىي ۋالىيلىقى تەرىپىدىن تىزگىنلەنمەكتە ئىدى (1- خەرىتىگە قارالسۇن. − ئا. ھ. ئىزاھاتى).

خىۋە خانلىقى
خىۋە خانلىقى، 1912- يىلىدىن باشلاپ ئىچكى بۆلۈنۈش دەۋرىگە كىرىپ قالغان ئىدى. خانلىق تەلەپ قىلغان يەر بېجىنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان نارازىلىق ھەرىكەتلەر، يومۇد تۈركمەنلىرىنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىگە سەۋەب بولىدۇ. قوزغىلاڭچىلارنىڭ باشلىقى مۇھەممەد قۇربان سەردار، يومۇد قەبىلىلىرى تەرىپىدىن خان دەپ ئېلان قىلىنىپ جۈنەيدخان دېگەن نامنى ئالىدۇ. جۈنەيدخان 1916- يىلىنىڭ بېشىدا خىۋەنى بېسىۋېلىپ، ۋەزىرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ خىۋە خانى ئىسفەندىيارنى ئۆزىگە بېقىندى قىلىۋالىدۇ. خىۋە ھاكىمىيىتى جۈنەيدخاندەك بۇنداق كۈچلۈك بىر رەھبەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قېلىشىدىن رۇسىيەلىكلەر ھەرگىز خاتىرجەم بولالمايتتى. شۇڭا، رۇسىيە جۈنەيتخاننى ھاكىمىيەت بېشىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ھەر جەھەتتە سىياسىي بېسىم ئىشلىتىشكە كىرىشىدۇ. بۇ بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن جۈنەيدخان، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن خىۋەدىن ئايرىلىپ ئىرانغا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ قالايمىقانچىلىقلار، جەدىتچىلىكنىڭ بىر مەھسۇلى سۈپىتىدە بارلىققا كەلگەن پالۋان نىياز يۈسۈپ يېتەكچىلىكىدىكى ياش خىۋەلىكلەر ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشىگە پۇرسەت بولۇپ بېرىدۇ. 1917- يىلقى رۇسىيە فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، ياش خىۋەلىكلەر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تەلەپلىرىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ خانغا بېسىم ئىشلىتىشكە باشلايدۇ. ئىسفەندىيار خان، 1917- يىلى 5- ئاپرېلدا بىر بايانات ئېلان قىلىپ خانلىق- پارلامېنت ھاكىمىيەت تۈزۈمى – مەشرۇتىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قۇرۇلتاي تەشكىل قىلىشقا ماقۇل بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ياش خىۋەلىكلەر بىلەن پومىشچىك- بايلاردىن تەشكىل تاپقان 32 كىشىلىك بىر قۇرۇلتاي تەشكىل قىلىنىدۇ.70 بۇ قۇرۇلتاينىڭ رەئىسلىكىگە جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولغان بابا ئاخۇن سايلىنىپ، باش مىنىستىر (باش نازىر − ئۇ.ت) لىككە بولسا مەتمۇرات تەيىنلىنىدۇ. ئەمما جەدىتچىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا قۇرۇلغان بىر ھۆكۈمەت، قەبىلە رەئىسلىرى بىلەن پومىشچىك- بايلار قوبۇل قىلالمايدىغان بىر ھۆكۈمەت ھېسابلىناتتى. بۇ ئارىدا جۈنەيدخانمۇ ئىراندىن قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ياش خىۋەلىكلەر ھۆكۈمىتىنى تارقىتىۋېتىش ھەققىدە ئىسفەندىيارخانغا بېسىم ئىشلىتىشكە كىرىشىدۇ. ئىيۇل ئېيىدا خىۋە خانى ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىپ، ياش خىۋەلىكلەردىن تەشكىل تاپقان قۇرۇلتاي ئەزالىرىنى قاماققا ئالىدۇ. قولغا ئېلىنىشتىن قېچىپ قۇتۇلغان جەدىتچىلار باشلىقلىرى ئۆز پائالىيەتلىرىنى يەر ئاستىغا كۆچۈرۈپ قانات يايدۇرۇشىدۇ.
1917- يىلى پارتلىغان رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى خانلىق ئىچىدە قالايمىقانچىلىقلارنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولىدۇ. خىۋە ھەربىي گازارمىسىدىكى ئۇرۇس ئەسكەرلىرى بولشېۋىك ھاكىمىيىتى تەرىپىگە ئۆتىۋالغان ئىدى. ياش خىۋەلىكلەر بولسا، خانلىق ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇس ھەربىي قوماندانلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش يوللىرىنى ئاختۇرۇشقا كىرىشىدۇ. يەنە بىر تەرەپتە جۈنەيدخان بولسا، ھەم خىۋە خانلىقىغا ھەم ئۇرۇسلارغا قارشى ئىككى سەپ بويىچە جەڭگە ئاتلانغان ئىدى. 1918- يىلىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا خىۋە خانى ئىسفەندىيار، جۈنەيدخاننىڭ ئوغلى ئىشىم تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئىسفەندىيارخاننىڭ ئىنىسى سەئىد ئابدۇللا ئاكىسىنىڭ ئورنىغا خان دەپ ئېلان قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ خانلىقنىڭ ھوقۇقى ئەمەلىيەتتە جۈنەيدخاننىڭ قولىغا ئۆتكەن ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۈرگەنچ شەھىرىنى ئۆزلىرىگە بازا قىلىپ تاللىۋالغان ياش خىۋەلىكلەر، قىزىل ئارمىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىنى داۋام قىلدۇرماقتا ئىدى. ئۇلار 1918- يىلىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا چاقىرغان بىر يىغىندا خىۋە ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدۇ.
(رەسىم ئورنى)
خىۋە خانلىقىنىڭ خادىملىرى، مەرۋ، 1897 (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)72
1919- يىلىنىڭ دېكابىر ئايلىرىدا، ئورتا ئاسىيا ئالدىنقى سېپى ئىنقىلابى كومىتېتى بىلەن ھەربىي شۇراسى، سوۋېت ھۆكۈمىتى ئورتا ئاسىيا كومىسسىيىسى بىلەن بىرلىشىپ خىۋە خانلىقىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش قارارىنى ئالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن “جۈنەيدخان ۋە ئۇنىڭ ھىمايىچىلىرىنىڭ قانلىق دىكتاتورلىقىدىن خىۋە ئەمگەكچىلىرىنى قۇتقۇزۇش” دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقىشقان ئىدى. تۆتكۆل دېگەن يەردىن يولغا چىققان ئۇرۇس قوشۇنلىرى خىۋە خانلىقى تەۋەسىگە كىرىپ كېلىدۇ. ئۇرۇش بىرەر ئايدەك داۋاملىشىپ، 1920- يىلى 25- يانۋار كۈنىگە كەلگەندە خىۋە شەھىرى سوۋېت قوشۇنلىرى تەرىپىدىن بېسىپ ئېلىنىدۇ. ئۇرۇسلار بىلەن بىرگە شەھەرگە كىرگەن خىۋە ئىنقىلابىي كومىتېتى، 1920- يىلىنىڭ 1- فېۋرال كۈنى بىر خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىللەپ چىقىدۇ. بۇ قۇرۇلتايدا قوبۇل قىلىنغان بىر قارارغا ئاساسەن خانلىق تۈزۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خارەزم خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ياش خىۋەلىكلەر ھەرىكىتى يەنە بىر قېتىم ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىدۇ.71 جۈنەيدخان بولسا، يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن بولشېۋىكلارغا قارشى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە خىۋە سەھرالىرىغا چېكىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئەڭ ئاخىرقى خىۋە خانى بولغان سەئىد ئابدۇللا، تەختتىن چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇرۇسلار تەرىپىدىن موسكۋاغا ئېلىپ كېتىلگەن سەئىد ئابدۇللا، موسكۋادا يوقسۇللۇق ئىچىدە ئۆلىدۇ.

بۇخارا خانلىقى
بۇخارا خانلىقى، ئورتا ئاسىيا خانلىقلىرى ئىچىدىكى ئەڭ كونا ۋە ئەڭ كۈچلۈك خانلىق ھېسابلىناتتى. بۇخارا خانلىقى، رۇسىيەلىكلەر ئورتا ئاسىيانى ئىشغال قىلىشقا باشلىغان يىللاردىلا بىرمۇنچە شەھەرنى ئۇرۇسلارغا تارتتۇرۇپ قويۇپ، ئاخىرى 1873- يىلىدا ئەمىر سەئىد مۇزەپپەر بىلەن ئورتا ئاسىيا ئومۇمىي ۋالىسى فون كاۋفمان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم نەتىجىسىدە رۇسىيەگە بېقىندى بىر دۆلەت ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان ئىدى. بۇخارا ئەمىرلىكى، بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن سەمەرقەنت شەھىرىنى ئۇرۇسلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان؛ تاشقى سىياسەتتە رۇسىيەنىڭ تىزگىنى ئاستىدا تۇرىدىغان؛ خانلىق چېگرالىرى ئىچىدە رۇسىيە گراژدانلىرىنىڭ سودا ئىشلىرىدىكى ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ۋە رۇسىيەنىڭ سىياسىي كومىسسىيە تۇرغۇزۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ رۇسىيەنىڭ بىر مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان بۇخارا، 1885- يىلىغا كەلگۈچە سىياسىي ۋە قوراللىق كۈچ جەھەتتە تاشكەنتتىكى ئورتا ئاسىيا ئومۇمىي ۋالىيلىقىنىڭ تىزگىنلىشى ئاستىدا تۇرىدۇ. 1885- يىلى، گوبېرناتورلۇق تۇيۇقسىز ئالغان بىر قارارغا ئاساسەن بۇخارا شەھىرىنىڭ يېنىدا بىر ئۇرۇس سىياسىي ۋاكالەتچىلىك ئورگىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتقا كەلگۈچە، ئەمىر مۇزەپپەر، كېيىن تەختكە چىققان ئەمىر ئابدۇلئەھەت، رۇسىيە بىلەن بىر خىل تەڭپۇڭلۇق سىياسىتىنى يولغا قويۇپ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئىدى. 1911- يىلىغا كەلگىنىدە، ئەڭ ئاخىرقى بۇخارا ئەمىرى بولىدىغان مىر سەئىد ئالىمخان تەختكە ئولتۇرىدۇ. سەئىد ئالىم، 13 ياش ۋاقىتلىرىدىلا ئاتىسى تەرىپىدىن پېتىربۇرگقا ئەۋەتىلىپ ئۇ يەردە 3 يىلدەك ھەربىي ۋە سىياسىي تەلىم ئېلىپ كەلگەن بىرى ئىدى. بۇخراغا قايتىپ كەلگىنىدىن كېيىن نەسەف ۋە كەرمىنە شەھەرلىرىدە ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ تۇرغان ئىدى. سەئىد ئالىمخان ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشتىن سەل ئاۋۋال، يەنى 1910- يىلىنىڭ يانۋار ئېيىدا، بۇخارادا كەڭ كۆلەملىك سۇنىي- شىئەلەر توقۇنۇشى پارتلاپ، ئىچكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ئاساسەن بۇزۇلۇپ كەتكەن ئىدى. بۇنى پۇرسەت بىلگەن ئالىمخان، تەختكە ئولتۇرۇشى ھامان ئاتىسى يولغا قويۇپ كەلگەن قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتلاردا بۇخارا خانلىقىدا 3 مىڭغا يېقىن ئادەتتىكى مەمۇرى خادىم ۋە 10 مىڭغا يېقىن قوراللىق كۈچ مەۋجۇت ئىدى.73 تاشقى مۇداپىئە جەھەتتە، ئالىمخان ئۆزىگە «ئاتلىق ئەسكەرلەر گېنېرالى» ھەمدە «چارنىڭ باش ياۋەرى» دېگەن ئۇنۋانلارنى بەرگەن چارپادىشاھقا ئىشەنچ قىلاتتى، ھەتتا “ھېچقانداق بىر ئارمىيىگە ئېھتىياجىمىز يوق، بۇخارانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىدىن پۈتۈنلەي رۇسىيە جاۋابكار، ئەسكەر يېتىشتۈرۈش ئىشى بەكلا قىممەتكە توختايدىغان چىقىمى كۆپ بىر ئىش” دېيەلىگۈدەك دەرىجىدە ئۇرۇسلارغا ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى بەكلا خاتىرجەم ھېس قىلىدىغان بىر كىشى ئىدى. ئەمما دەل شۇ پەيتلەردە، يەنى ئالىمخان بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقان پەيتلەردە، چار رۇسىيە پايتەختى پېتىربۇرگتىكى رۇسىيە ھۆكۈمەت كابىنېتىدا بۇخارا خانلىقىنى رۇسىيەگە رەسمىي قوشۇۋېلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنماقتا ئىدى. بۇ ئارىدا پارتلىغان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى، كەينىدىنلا كەلگەن رۇسىيە ئىنقىلابى، بۇخارا خانلىقىنىڭ يەنە بىر مەزگىل داۋام قېلىشى ئۈچۈن پۇرسەت بولۇپ بەرگەن ئىدى.
بۇخارا، ئەسىرلەر بويى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەلىم- تەربىيە ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئەڭ مۇھىمى، باھاۋۇددىن نەقشىبەندى تەرىپىدىن قۇرۇلغان نەقشىبەندىچىلىك ئېقىمىنىڭمۇ مەركىزى بولۇش سەۋەبىدىن، بۇخارا شەھىرى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا بۇخارائى شەرىف دەپ ھۆرمەتلىنىدىغان بىر شەھەر ئىدى. بۇ تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي جەريان، بۇخارادا مەدرىسە مۇدەررىسلىرى بىلەن دىنىي ئۆلىمالار يېتەكچىلىكىدىكى كۈچلۈك بىر ئادەت (قېدىمىچىلىق) ئەقىدىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. بۇ شەھەر، يەنە بىر تەرەپتىن جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭمۇ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرى ھېسابلىناتتى. ئورتا ئاسىيا جەدىتچىلىگىنىڭ نەزەرىيە يېتەكچىلىرىدىنئابدۇرائوف فىترات مەدرىسە ئوقۇشىنى تۈگەتكىنىدىن كېيىن، تېخىمۇ يۇقىرى بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا بارىدۇ. ئۇ يەردە ژون تۈركلەر بىلەن تونۇشىدۇ. فىترات چىقارغان تۇنجى مەتبۇئات ئەسىرىگە «مۈنازەرە» (1911- يىلى بىلىم ئېلىش مەقسىتىدە ئىستانبۇلغا كەلگەن فىترات، شۇ چاغلاردىلا «مۇنازەرە» نى يېزىشقا كىرىشكەن ئىدى. فارىس تىلىدا يېزىلغان بۇ ئەسەر، بۇخارادىن ھەرەمگە قاراپ كېتىۋاتقان بىر مۇدەررىس بىلەن، ھىندىستاندا تونۇشۇپ قالغان ياۋروپالىق بىر ئالىم ئوتتۇرىسىدا ئۆتكەن سۆھبەتلەر تۈسىدە رەتلەنگەن ئىدى. ئەسەرنىڭ مەزمۇنى بولسا، ئۇ ۋاقىتلاردا كەڭ كۆلەمدە تالاش- تارتىش قىلىنىۋاتقان ئۇسۇلىي جەدىت مەكتەپلىرى ھەققىدە بولۇپ، بۇخارادا بىر قېتىملىق مائارىپ ئىسلاھاتىغا ئېھتىياج بولۇش- بولماسلىقىغا دائىر مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. يىغىپ ئېيتقاندا، ياۋروپالىق ئالىم ئىسلام بىلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە ئەرەبچىگە بولغان ئۇستىلىقىدىن پايدىلىنىپ، بۇخارالىق مۇدەررىسنى مائارىپ ساھەسىدە ئىسلاھات قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە قايىل قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. − ئا. ھ. ئىزاھاتى) دېگەن نام بېرىلگەن بولۇپ، بۇخارالىق جەدىتچىلار “ياش بۇخارالىقلار” دېگەن نام بىلەن بۇ مەتبۇئات ئەسىرىنى دەستۇر قىلغان ئاساستا بىر يەرگە كەلگەن ئىدى. ياش بۇخارالىقلارنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئوسمان غوجىمۇ، 1908- يىلى يېقىن دوستى خەمىت غوجا بىلەن بىرگە ئىستانبۇلغا بارغىنىدا ژون تۈرك ئېقىمىدىكىلەر بىلەن تونۇشۇپ قالغانلا بولماي، يەنە ئىتتىھاد ۋە تەرەققىينىڭ يېتەكچىلىرى بىلەنمۇ تونۇشقان ئىدى.74 شۇ ۋاقىتلاردا تىكلەنگەن بۇ مۇناسىۋەت، ئوسمان غوجىنىڭ كېلەچەكتىكى سىياسىي كۈرەش يولىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ بەرگەن دېيىشكە بولاتتى.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى، جەدىتچىلار ئوتتۇرىغا قويغان ئىسلاھات يۈرگۈزۈش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلىش ئۈچۈن ئەمىرگە تېپىلماس بىر باھانە بولۇپ بەرگەن ئىدى. شۇڭا ئۇ، ئۇزۇندىن بۇيان ئۇسۇلئىي جەدىت مەكتەپلىرىنىڭ چەكلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان دىنىي زاتلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇسۇلئىي جەدىت مەكتەپلىرىنى تاقاش بۇيرۇقىنى چىقىرىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ھەر خىل لىبېرال پائالىيەتلەرنىمۇ بىرگە قوشۇپ چەكلەيدۇ. ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتۈپ، 1917- يىلقى فېۋرال ئىنقىلابىدا رۇسىيەدە قۇرۇلغان كېرېنسكى ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم قىلىشى نەتىجىسىدە، ئىلاجسىز بىر پارچە ئەركىنلىك باياناتى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەمما ئۇ، بۇ باياناتتا ۋەدە قىلغان ئىشلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر ئۇرۇنۇشقا قەتئىي يول قويمايدۇ. خانلىققا قارشى تەشكىللەنگەن، ئابدۇرراۋوف فىتراتنى ئىدىيىۋى داھىي قىلىپ ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان جەدىتچىلار، ھۆرىيەت باياناتىدا ئېلان قىلىنغان قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنسۇن، دېگەن تەلەپ بىلەن ئاپىرىل ئېيىدا كەڭ كۆلەملىك بىر نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزىدۇ. ئەمما بۇ نامايىش ئەمىرگە قاراشلىق قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلىپ، 40 قا يېقىن جەدىتچىلار يېتەكچىسى قولغا ئېلىنغان بولسا، قالغانلىرى ئۇرۇسلار تىزگىنلەپ تۇرغان قاغان شەھىرىگە قېچىپ بېرىۋالىدۇ.
بۇخارا ئەمىرى، 1917- يىلقى بولشېۋىكلەر ئىنقىلابى دەۋرىدە بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ بۇ ۋەقەدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا تىرىشىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە، ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە يۈز بېرىۋاتقان مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي يېقىن يولىماسلىققا تىرىشىدۇ. 1918- يىلىنىڭ باشلىرىدا قوقان مۇختارىيىتىنى باستۇرۇۋەتكەن تاشكەنت سوۋېتى، قولغا كەلتۈرگەن بۇ ئوڭاي غالىبىيىتىدىن ھاياجانلىنىپ نۆۋەتتىكى نىشانىنى بۇخاراغا قاراتقان ئىدى. تاشكەنت سوۋېتىنىڭ يېتەكچىسى كولېسوۋ، قول ئاستىدىكى ئۇرۇس قوراللىق كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ بۇخاراغا قارىتا بىر قېتىملىق چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇم قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ چاغدا، قاغاندىكى ياش بۇخارالىقلار مەركىزى كومىتېتىمۇ ئۇرۇس قوراللىق كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەتكە ئاتلىنىپ، بۇخارادا ۋەزىيەتنى قولغا ئالغۇدەك كۈچكە ئىگە بىر ئىنقىلابىي كومىتېت قۇرۇپ چىقىشىدۇ.75 ئەمما بۇ ھۇجۇم مەغلۇبىيەت  بىلەن ئاخىرلىشىپ، سوۋېت قوشۇنلىرى ئۇرۇشتا يېڭىلىدۇ. بۇ غالىبىيەتتىن بۇخارا ئەمىرى ئالاھىدە جاسارەتلىنىپ قالغان بولسا، ياش بۇخارالىقلار ھەرىكىتى ئىچىدە ئۈمىدسىزلىك ھۆكۈم سۈرۈپ تارقىلىپ كېتىشكە باشلايدۇ. مەركىزى كومىتېت باشلىقى پەيزۇللا غوجىمۇ ۋەزىپىسىنى تاشلاپ موسكۋاغا كېتىۋالىدۇ. ئەزالارنىڭ بىر قىسمى تاشكەنتكە، يەنە بەزىلىرى بولسا سەمەرقەنتكە كېتىدۇ. 1919- يىلى بۇ ھەرىكەت ئىچىدە ئىدىيىۋى بۆلۈنۈشلەر بارلىققا كېلىپ، قىسمەن ئەزالار ئورتا ئاسىيا رايونىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن موسكۋا تەيىنلەپ بەرگەن تۈرككومىسسىيە ئېتىراپىغا يىغىلىشقا باشلايدۇ.
بۇ ئەزالارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كوممۇنىزم ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ يىلى ئىيۇندا بۇخارا كوممۇنىستلار پارتىيىسىنى قۇرۇپ چىقىشىدۇ. ئوسمان غوجائوغلى، پولات غوجا، پەيزۇللا غوجايېۋ قاتارىدىكى كوممۇنىست پارتىيىگە يېقىن كەلمەيدىغان بەزى ئەزالار، ياش بۇخارالىقلار ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ پارتىيە شەكلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىدى.
بولشېۋىكلەر، رۇسىيەدىكى ۋەزىيەتنى ئاساسەن تىزگىنلەپ بولغان 1920- يىللىرى خىۋە بىلەن بۇخارا خانلىقلىرىغا قارىتا قايتا ھەرىكەت باشلايدۇ. ئىچكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن بەكلا ئاجىزلىشىپ كەتكەن خىۋە تەۋەسىدە، فرۇنزې قوماندانلىقىدىكى قوراللىق ھەرىكەت بەكلا ئوڭاي غەلىبە قىلىپ خىۋە ئۇرۇسلارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. 1920- يىلى ماي ئېيىدا، فرۇنزې بۇخارا خانلىقىنىڭ چېگرا بويلىرىغا ئەسكەر يىغىشقا كىرىشىدۇ. بۇ ئىشلار يۈز بېرىۋاتقان ئاۋغۇست ئېيىدا، ياش بۇخارالىقلار بۇخارانىڭ يۈز كىلومېتىردەك جەنۇبىدىكى چارجوي شەھىرىگە يىغىلىپ بىر يىغىن ئاچىدۇ. يىغىندا ئۇلار ئىچكى جەھەتتە ئىككى گۇرۇھ بولۇپ بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. فەيزۇللا غوجا بىلەن ئۇنىڭ سەپداشلىرى مىللەتچىلىك ۋە ئىنقىلابىي گۇرۇھنى شەكىللەندۈرمەكتە ئىدى. بولشېۋىكلارغا يېقىن تۇرىدىغانلار بولسا، ئىشتىراكىييۇن نامى بىلەن بىر يەرگە يىغىلىدۇ. مىرزا ئابدۇلقادىر مۇھىددىن ئوغلى بىلەن قازانلىق نەجىپ ھۈسەيىن، بۇ گۇرۇھنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى رەھبەرلىرىدىن ئىدى.
بۇ خىل پىكىر ئايرىمىچىلىقى، بۇخارا ئەمىرىگە قارىتا قايسى خىل تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكىنى بەلگىلەش جەھەتتىمۇ ئىپادىلەنمەكتە ئىدى. مىللەتچى ۋە ئىنقىلابچى گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەمىرنىڭ بىرلا زەربە بىلەن تەختىدىن چۈشۈرۈلۈشىنى ھەمدە قىزىل ئارمىيىنىڭ بۇ ۋەقەگە بىۋاستە ئارلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلىشماقتا ئىدى.76 بۇنىڭغا قوشۇلمايدىغان ئىشتىراكىييۇم گۇرۇپپىسىدىكىلەر، قىزىل ئارمىيە بىلەن بىرلىشىپ بىر قوراللىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىشاتتى. تېخى بىر قانچە ئاي ئىلگىرىلا قىزىل ئارمىيىنىڭ خىۋە خانلىقىغا قارىتا ھەرىكەت قوللانغانلىقىنىڭ ئۇتۇقلىرى، شۇنىڭدەك بۇ ھەرىكەتتىن كېيىن ياش خىۋەلىكلەر تەرىپىدىن خارەزم خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىققانلىق ھەققىدىكى پاكىتلارمۇ كېيىنكى قاراشتىكى كىشىلەرنى قىزىقتۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. نەتىجىدە، جەدىتچىلەر ئىچىدە كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ كېتىۋاتقان بولشېۋىكلارغا قىزىقىدىغان سولچى ئېقىمدىكىلەر ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، ئىككىنچى خىل قاراش، يەنى قىزىل ئارمىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش پىكرى قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ يىغىندىن كېيىن قىزىل ئارمىيىنى بۇخاراغا رەسمىي تەكلىپ قىلىشىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە گېنېرال فرۇنزې قوماندانلىقىدىكى رۇسىيە قوراللىق قوشۇنى بۇخارا زېمىنىغا كىرىپ كېلىدۇ. ئەمىرنىڭ قوراللىق كۈچلىرى سان جەھەتتىلا يىتەرسىز بولۇپ قالماي، ھەربىي تەلىم- تەربىيە سەۋىيىسىمۇ بەكلا تۆۋەن ئىدى (1918~1919- يىللاردا ئورتا ئاسىيادا تۇرۇۋاتقان ئەنگلىيە ئوفىتسېرى فرېدېرك بايلېينىڭ دېيىشىچە، بۇخارا ئارمىيىسىنىڭ يېرىمى لازىم بولغاندا توپلىنىدىغان، قالغان يېرىمى بولسا دائىملىق ئەسكەرلەردىن بولۇپ جەمئىي 50 مىڭ كىشىدىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى. − ئا. ھ. ئىزاھاتى). شۇنداق بولغاچقا، ئۇلاردا زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان قىزىل ئارمىيىگە تەڭ كېلەلىگۈدەك ئارمىيىسى يوق ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي بۇخارادىكى ئۇرۇش بەكلا شىددەتلىك بولىدۇ. بۇ ئۇرۇش جەمئىي بەش كۈن داۋام قىلىدۇ. بۇخارا ئەمىرى، ئۇرۇشتا بۇنىڭدىن ئارتۇق تىركىشەلمەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ، 1920-يىلى 1-سېنتەبىردە شەھەرنى تاشلاپ چېكىنىپ چىقىش بۇيرۇقىنى بېرىپ شەرقىي بۇخارا تەرەپكە قاراپ چېكىنىدۇ. بۇخارا شەھىرى قولدىن كەتكەندىن كېيىن يىغىلغان ياش بۇخارالىقلار ئىنقىلابىي كومىتېتى، دەرھال بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا بۇخارا ئەمىرى ئافغانىستان ئەلچىسى ئابدۇشۈكۈرخان ۋە پەۋقۇلئاددە ۋەكىل مۇھەممەد ئىسلامخانلار بىلەن بىرگە، بۇخارا ئارمىيىسىدىن ساق قالغان ئەسكەرلىرىنى ھەمدە بىر قىسىم خىزمەتچىلىرىنى يېنىغا ئېلىپ، شەرقىي بۇخارانىڭ مەركىزى بولغان ھىسار شەھىرىگە بېرىۋالىدۇ. ئەمىر ھىسارغا كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىگە قاراشلىق باسمىچىلار يېتەكچىلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچى شەكىللەندۈرۈشكە كىرىشىدۇ. باسمىچىلار ئىچىدە مۇھەممەد سەئىدبەگ پەرۋانىچى، ئابدۇلھاپىز پەرۋانىچى ۋە لاقاي ئىبراھىمبەگ قاتارلىقلار ئەڭ داڭلىق باسمىچى قوماندانلار ئىدى. ئەمىر سەئىد ئالىمخان يەنە چەت دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۆزلىرىگە ياردەم بېرەلىگۈدەك ئەللەرنى سۈرۈشتە قىلىشقا كىرىشىدۇ. ھىسار شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان 1920-يىلىنىڭ 12-ئۆكتەبىر كۈنى، ئەنگلىيە پادىشاھى بەشىنچى گېئورگقا قارىتىپ بىر پارچە خەت يېزىپ ياردەم بېرىشلىرىنى تەلەپ قىلىپ 15 كىشىلىك بىر ئۆمەك بىلەن قەشقەردە تۇرغۇزۇلغان ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىغا ئەۋەتىدۇ. بۇ ئۆمەك، قەشقەر كونسۇلىدىن رۇخسەت ئېلىپ ھىندىستانغا ئۆتمەكچى،77 ئۇ يەردە ئەمىرنىڭ خېتىنى ئەنگلىيەنىڭ ھىندىستاندىكى ئومۇمىي ۋالىسىغا تاپشۇرماقچى ئىدى. سەئىد ئالىمخان، بۇ خەتتە ۋىلسون پرىنسىپلىرىدىن ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى قاتارلىقلار ھەققىدە توختىلىپ كېلىپ تۆۋەندىكىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ:
ياردىمىڭىزگە موھتاج بولۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئالىيلىرىنىڭ، دۆلەت قەرزى ھېسابىدا يۈز مىڭ پوند ستېرلىڭ، ئوق- دورىلىرى بىلەن بىلەن قوشۇلۇپ 20 مىڭ تال مىلتىق، 30 پىلىموت ۋە ئۇچۇشقا تەييار 10 ئايروپىلان بېرىش ئارقىلىق ئالىلىرىنىڭ ياردەم سۆيەرلىكىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنچىم كامىلدۇر. يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن نەرسىلەر ۋەكىللىرىمگە تاپشۇرۇلسا، بەكلا خۇشال بولاتتىم. ئۇرۇسلارغا قارشى جەڭ قىلىشنى سىز مەندىنمۇ ياخشى بىلىدىغانلىقىڭىز ئۈچۈن، تولۇق قوراللانغان 2 مىڭ نەپەر ئەسكەر بىلەن قاراتېگىن يولى ئارقىلىق ھۇزۇرۇمغا ئەۋەتىپ بېرەلىسىڭىز بەكلا سۆيۈنىمەن. بۇ ياردىمىڭىز دوستلۇقىمىزنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە تۈرتكە بولاتتى.
بۇ مەكتۇپ ئەسلىدە ئەنگلىيەنى بۇخاراغا تەكلىپ قىلىش خېتى ئىدى. ئەگەر ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ماقۇل بولغىنىدا، بۇ مەكتۇپقا ئاساسەن بۇخارا ئەمىرلىكى تەۋەسىگە ئەسكەر كىرگۈزەلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما قەشقەردىكى ئەنگلىيە كونسۇلى، ئەمىر تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بۇ ئۆمەكنى ھىندىستانغا ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلماي، ئەمىرنىڭ مەكتۇپىنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ دېھلىغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. شۇنداق پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، ئەمىر سەئىد ئالىمخان، ئەۋەتكەن مەكتۇپىنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا قويۇشتىن ئاۋۋال دېھلى ۋە ۋىتېخالدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئوقۇپ چىقىپ، بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن بۆلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ رايوندىكى مەسىلىلەرگە مەسئۇل د. ت. مونتىد، ئۆز پىكرىنى بۇ خەتكە قوشۇمچە قىلىپ ھەرقايسى جايلاردىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى، ئۇ كىشىلەر مونتىدنىڭ قوشۇمچە قىلغان باھاسىنى ئەمىرنىڭ مەكتۇبىدىنمۇ قىممەتلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەمىر ھەرگىز ئويلىمىغان بۆلىشى كېرەك. مونتىد بۇ تەكلىپكە مۇنداق باھا بېرىدۇ:
ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ھەرگىز قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. رۇسىيەگە تەۋە دۆلەتلەردىن بىرىگە بېرىلىدىغان بۇنداق ياردەم، جاسۇس بەللى (ئۇرۇش ئېلانى) دەپ قارىلىشى مۇمكىن.
ئۇ ۋاقىتلاردىكى شارائىتتا ئەنگلىيە ستراتىگىيىچىلىرىنىڭ نەزىرىدە، بۇخارا ئەمىرلىكى رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تەبىئىي بىر پارچىسى ھېسابلىناتتى. شۇڭا، ئەمىر سەئىد ئالىمخاننى سوۋېتلەرگە قارشى بىر قوزغىلاڭچى دەپلا تونۇيتتى. ئۇلار، سوۋېت تەۋەسىدىكى ۋەقەلەرگە ئارىلىشىش ياكى بۇ رايونلاردا يېڭىدىن بىرەر دۆلەت قۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ھەرىكەتلەرگە ياردەمچى بولۇش نىيىتى يوق ئىدى.78
(رەسىم ئورنى)
بۇخارا ئەمىرى سەئىد ئالىمخان
شۇنداق بولغاچقا، ئىنگلىزلار سەئىد ئالىمنىڭ بۇ تەكلىپ خېتىگە جاۋاب يېزىپ ئاۋارە بولۇشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويۇشمايدۇ.
بۇ ئارىدا، ئورتا ئاسىيادىكى رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى موسكۋادىن ئالغان ياردەمگە تايىنىپ ئەمىر ئۈستىدىكى بېسىمنى بارغانسېرى كۈچەيتمەكتە ئىدى. 1921- يىلى فېۋرالنىڭ ئاخىرلىرىدا قىزىل ئارمىيە كۈچلىرى ھىسارغا بارغانسېرى يېقىنلىشىپ كېلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئەمىر كۆلاپقا قاراپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ يەردە يۈز بەرگەن ئون كۈنلۈك جەڭدە بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئەمىر، ئافغانىستان تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىش قارارىغا كېلىدۇ (بايلېينىڭ دېيىشىچە، ئەمىر ئاۋۋال قەلئەئىي ۋامار بىلەن گىلگىت ئارقىلىق ھىندىستانغا ئۆتۈشنى پىلانلىغان ئىكەن. ئەمما خاروگ رايونىغا ئەۋەتىلگەن بولشېۋىك كۈچلىرى تەرىپىدىن پامىر ئېغىزى ئۈزۈۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن يولىنى ئافغانىستانغا بۇراشقا مەجبۇر بولغان. − ئا. ھ. ئىزاھاتى). سەئىد ئالىمخان كۈندىلىك خاتىرىسىدە ئۇ كۈنلەردىكى ھادىسىلەرنى تۆۋەندىكىدەك يېزىپ قالدۇرغان ئىدى:79
جەڭ باشلانغان ۋاقىتلاردا ئۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچىم بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان، شۇنىڭدەك يەنە مېنىڭ تاغام بولغان مۇھەممەد سەئىدبەگ پەرۋانىچى، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىۋاتقان قوماندان ئابدۇلھاپىز پەرۋانىچى بىلەن ئىبراھىمبەگ قاتارىدىكى كىشىلەر قوشۇنۇمنىڭ ھەربىي قوماندانلىرى ئىدى. شۇنداق قىلىپ 6 ئاي داۋام قىلغان ئۇرۇش جەريانىدا بولشېۋىكلەر بىزگە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، موسكۋادىن يېتەرلىك دەرىجىدە ئەسكەر ۋە ئارقا سەپ تەمىنات ماتېرىياللىرىنى كەلتۈرۈپ يىغىشقا كىرىشتى. بولشېۋىكلەر ئالغان يېڭى ياردەملىرى سايىسىدە ئىسلام ئارمىيىسىگە قارشى ھۇجۇم باشلىدى. ئىسلام جەڭچىلىرىدە قورال- ياراغ ۋە ئوق- دورا يېتىشمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئون كۈن بويىچە ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشتۇق. بۇ جەرياندا پېقىر ئاجىز بەندىمۇ، ھەربىي ياردەمگە ئېرىشىش مەقسىتى بىلەن چەت دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىشكە كىرىشتىم. ئاندىن ھىساردىن كولاپ شەھىرىگە ئۆتتۈم. بۇ يەردە مۇھەممەد ئىبراھىم دىۋانبېگى بىلەن دەۆلەتمەند دىۋانبېگى − ئۇلار ئەسلىدە بۇخارانىڭ شەرقىدىكى ئۆزبەكلەردىن ئىدى − قاتارلىقلار بۇخارا دۆلىتىگە ساداقەت كۆرسىتىپ كۆپ قېتىم لاياقەتلىك خىزمەتلەرنى قىلغان ئىدى. ئۇلارنى كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىگە ئاساسەن ئارمىيە قوماندانلىقىغا تەيىن قىلىپ، ئاندىن ئۇلارنى ھۇزۇرۇمغا چاقىرتىپ مۇنداق دېدىم: “پېقىر ئاجىزە بەندە سەلتەنەت دەرۋازىمىز بولغان كابۇلغا بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلىپ باقماقچىمەن. ئەگەر بۇ يەردىن ئايرىلغىنىمغا چۇشلۇق بىرەر ياردەم كەلتۈرەلىسەم ئۆزىمىزنى خېلىلا ئوڭشۇۋالالايمىز. ئاڭغىچە سىزلەرمۇ ئەسكىرىڭىز بىلەن بىرگە دۈشمەنگە قارشى تىركىشىپ تۇرغايسىزلەر. بۇ كۈنلەردە دۈشمەننىڭ ھۇجۇملىرى بەكلا كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ ھۇجۇملارنى توسالمىساق، پېقىر پۇقرا قورقۇش ئىچىگە پېتىپ قالىدۇ. مەن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر خەلقنى ئەنسىرەتمەي تۇتۇپ تۇرالىساڭلار بەك ياخشى بولۇر.” ئەمر- پەرمان چىقىرىپ ئۇنى بەلگىلىك يەرلەرگە ئىبەرتتىم. مۇھەممەد ئىبراھىمبەگ بىلەن دەۋلەتمەندبەگلەرگە مېنىڭ رۇخسىتىم بويىچە ئىش قىلىشلىرىنى ۋە دۈشمەننىڭ يولىنى ئۆزۈۋېتىشلىرىنى ئۇقتۇردۇم. پېقىر ئۆزۈم كولاپ ۋىلايىتىدىكى ئامۇ دەرياسىنىڭ كېچىك يېرىدىن، 1921- جەمادۈسنىسىنىڭ يىگىرمە بىرىنچى چارشەنبە كۈنى ئۆتۈپ ئافغانىستان زېمىنىغا داخىل بولۇندۇم.
شۇنداق قىلىپ، سەئىد ئالىمخان 1921- يىلى مارت كۈنى 300 دەك ئەسكىرى بىلەن بىرگە ئافغانىستان تەرىپىگە ئۆتىدۇ. ئافغانىستان ۋە باشقا ئەللەرنىڭ ياردىمىنى ئېلىپ قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى؛ ئىبراھىمبەگ لاقاي (لاقاي ئىبراھىمبەگ 1889- يىلى تۇغۇلغان. ئۆزبەكلەرنىڭ لاقاي قەبىلىسى تۇرىدىغان رايونلاردا ئاۋۋال ھىسار بېگى، كېيىن يەنە ساقچى باشلىقى بولىدۇ. بۇخارا ئەمىرى تەرىپىدىن مىرىۋان بېگى، توپچىبېشى بولۇپ، ئاخىرى لەشكەر بېشى − ئارمىيە قوماندانى قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. بۇخارا ئەمىرى سەئىد ئالىمخان ۋەتىنىدىن ئايرىلغىنىدىن كېيىنكى 1926- يىلىغا كەلگۈچە ئەمىر نامىدا بۇخارادىكى جەڭنى داۋاملاشتۇرىدۇ. − ئا. ھ. ئىزاھاتى) بىلەن دەۋلەتمەندبەگ قاتارىدىكى باسمىچى يېتەكچىلەردىن شۇ چاغقىچە ئۆز نامىدا ئۇرۇشنى داۋام قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.80 ئەمما ئەمىر، بۇ ئارزۇسىنى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ- دە، ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ۋەتىنىگە قايتالمايدۇ.

خارەزم خەلق جۇمھۇرىيىتى
قىزىل ئارمىيىنى ئارقا تىرەك قىلغان خىۋە ئىنقىلابى كومىتېتى خارەزم خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى ئاپىرىل ئېيىدا بىرىنچى نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنى چاقىرىدۇ. بۇ قۇرۇلتاي، دۆلەت رەئىسلىكىگە ياش خىۋەلىكلەر ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى پالۋان نىياز ھاجى يۈسۈپنى، باش نازىرلىققا بولسا يەنە بىر ياش خىۋەلىكلەر باشلامچىسى بولغان بابا ئاخۇن سەلىمباينى سايلىغان ئىدى. خىۋە ئىنقىلابى كومىسسىيىسىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان جۈمە نىياز سۇلتانمۇرات بولسا ئىچكى ئىشلار نازىرلىقىغا تەيىنلەنگەن ئىدى. سوۋېت دائىرىلىرى رۇسىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش، ئورتا ئاسىيادا كۈنسايىن كېڭىيىپ كېتىۋاتقان باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرى، خىۋە تەۋەسىدە يېتەرلىك دەرىجىدە رول ئوينىيالايدىغان بىر كوممۇنىستلار ئاساسى تىكلەنمەسلىكى ۋە پات يېقىندا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇۋاتقان بۇخارا خانلىقى تەۋەسىدە ئۈنۈملۈك رول ئوينىيالايدىغان ئورۇنغا ئېرىشىش- ئېرىشەلمەسلىكى قاتارىدىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، خىۋەدە جەدىتچىلاردىن تەشكىل قىلىنىدىغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ۋە قۇرۇلىدىغان بۇ جۇمھۇرىيەتنى يەنە بىر مەزگىل ياشىشىغا يول قۇيۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، 1920- يىلىنىڭ 13- سېنتەبىر كۈنى سوۋېت رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن خارەزم خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا 24 ماددىلىق بىر ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالىنىدۇ.
خارەزم ھۆكۈمىتى، خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مۇستەقىل بىر ھالغا كەلتۈرۈۋېلىش ۋە مۇستەقىل مىللىي ھاكىمىيەت تىكلىۋېلىشقا تىرىشماقتا ئىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە سوۋېت دائىرىلىرى بولسا، بۇ دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك ئالدىن تەييارلاپ قويغان ستراتىگىيىسىنى قەدەممۇ قەدەم ئىشقا ئاشۇرۇشقا كىرىشكەن ئىدى. جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دەرھال خارەزم كوممۇنىستلار پارتىيىسى دېگەن بىر پارتىيىنى قۇرغۇزىدۇ. قوچقارئوغلى رەئىسلىكىدە قۇرۇلغان بۇ پارتىيە، موسكۋانىڭ يۆلىشى بىلەن ئۇزۇنغا قالمايلا كۈچىيىشكە باشلايدۇ. 1921- يىلىنىڭ باھار ئايلىرىدا ھۆكۈمەتكە قارشى بىر قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، دۆلەت رەئىسى پالۋان نىيازنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى قولغا ئالىدۇ. 1921- يىلى ماي ئېيىدا چاقىرىلغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئاتا مەخدۇم رەئىسلىكىدىكى يېڭى بىر ھۆكۈمەت تەشكىللىنىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدۇ. ئەمما بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆمرىمۇ ئۇزۇنغا بارالمايدۇ.81 بۇ قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خارەزم خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى بىك، بۇ ھۆكۈمەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى قولغا ئالىدۇ. خىۋە جەدىتچىلىرى، بۇ تۈردىكى ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىغا قارىماي سوۋېتلەرنىڭ ھەممىنى قولغا ئېلىش سىياسىتىگە قارشى چىقىش ھەرىكىتىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ.
خارەزم خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن كېيىن قاراقۇم سەھرالىرىغا چېكىنىپ بېرىۋالغان جۈنەيدخان، ھۆكۈمەتكە قارشى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى. ھاجى نىياز بىلەن ئاتا ھاجى قاتارىدىكى تۈرمىدىن قاچقان ياكى باستۇرۇلۇشتىن قۇتۇلۇپ قالالىغان باشقا بارلىق كونا ھۆكۈمەت ئەزالىرى جۈنەيدخان كۈچلىرىگە بېرىپ قوشۇلماقتا ئىدى. 1924- يىلى يانۋاردا خىۋەدىكى بولشېۋىكلارغا قارشى كۈچلەر زور كۆلەملىك بىر قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىدۇ. بۇ ئارىدا جۈنەيدخانمۇ شەھەرگە ھۇجۇم باشلايدۇ. ئەمما فېۋرال ئېيىنىڭ باشلىرىدا بۇ يەرلەرگە تېز سۈرئەتتە يۆتكەپ كېلىنگەن قىزىل ئارمىيە كۈچلىرى ۋەزىيەتنى قايتىدىن تىزگىنلىۋالىدۇ. 1924- يىلىنىڭ 29- سېنتەبىر كۈنى، قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان قۇرۇلتاي بىناسىدا يىغىن ئېچىۋاتقان 5- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، خارەزم خەلق جۇمھۇرىيىتىنى تارقىتىۋېتىش قارارىنى ماقۇللايدۇ. شۇنداق قىلىپ لېنىن يەنە بىر قېتىم راستقا چىقىۋالغان ھېسابلىنىدۇ. يەنى، ئۇرۇسلاردىن باشقا مىللەتلەردىن يەنە بىرى ئۆز خاھىشى بويىچە (!) ئۆزىنىڭ مىللىي ھاكىمىيىتىنى تارقىتىۋېتىپ “ئۆز ئىختىيارى بىلەن” سوۋېت رۇسىيەسىگە قوشۇلۇپ كېتىدۇ. بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، ياش خىۋەلىكلەر ھەرىكىتىنى شەكىللەندۈرگەن زىيالىيلارنىڭ بىر قىسمى سوۋېت دائىرىلىرى بىلەن كېلىشىپ ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا كىرىشىدۇ. ئۇلار بىلەن كېلىشىشنى خالىمىغانلار بولسا، يا باسمىچىلار تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ ياكى بولمىسا ئىراننىڭ خۇراسانىدىكى تۈركمەن رايونلىرىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. 1924- يىلىنىڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئورتا ئاسىيانى پارچىلاش سىياسىتىنى ئىشقا سېلىپ، خارەزم خەلق جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە زېمىنلارنى يېڭى قۇرۇلغان تۈركمەنىستان بىلەن ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۈلەشتۈرىدۇ (4- خەرىتىگە قارالسۇن. − ئا. ھ. ئىزاھاتى).

بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى
1920- يىلى 6- ئۆكتەبىر كۈنى چاقىرىلغان بىرىنچى نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى رەسمىي تۈردە جاكارلىغان ئىدى. مىرزا ئابدۇلقادىر مۇھىددىن جۇمھۇر رەئىسلىكىگە، پەيزۇللا غوجايېۋ بولسا نازىرلار شۇراسى رەئىسلىكىگە (باش مىنىستىرلىككە)، ئابدۇلخەمىت ئارىپ ھەربىي ئىشلار نازىرلىقىغا، ئاتا غوجا ئىچكى ئىشلار نازىرلىقىغا ۋە ئوسمان غوجا بولسا مالىيە نازىرلىقىغا تەيىنلەنگەن ئىدى.82 كېيىنكى ۋاقىتلاردا مۇھاجىرەتتە يۈرگەندە، مۇھاجىرەتتىكى ئورتا ئاسىيا ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولىدىغان ئوسمان غوجا، ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي بۇخارا (بۈگۈنكى تاجىكىستان) رايونىنىڭ باشقۇرۇشىغىمۇ مەسئۇل ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا شەرقىي بۇخارا، باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىۋاتقان رايونلاردىن بىرى بولۇپ، يېڭى قۇرۇلغان ياش بۇخارالىقلار ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بۇ رايوننىڭ تەرتىپىنى ساقلاش بەكلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. ھۆكۈمەت، سوۋېت سىستېمىسىغا ئاساسلىنىپ قۇرۇلغان بولۇپ، يېڭى قۇرۇلغان بۇخارا كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە قارايتتى. بۇ پارتىيە بولسا قاغان [قاغان − ئەمىرلىك رۇسىيەگە قارام بولغان يىللاردىن باشلاپ، يەنى 1873- يىللىرىدا بۇخارانىڭ 12 كىلومېتىر سىرتىدا قۇرۇلغان بىر ئاھالىلەر رايونى ئىدى. بۇخارا ئەمىرلىكىنى تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان چار رۇسىيە ۋاكالەتچىسى بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئىدى. ترانسئەزەر (ئەزەر سىرتى − كاسىپى دېڭىزى سىرتىدا قالغان، يەنى كاسپىنىڭ شەرقى دېمەكچى. − ئۇ.ت) تۆمۈر يولىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ، بۇ جاي ئىنتايىن مۇھىم يول ئېغىزلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىدۇ. − ئا. ھ. ئىزاھاتى] دا تۇرۇۋاتقان رۇسىيە سىياسىي ۋاكالەتخانىسى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنماقتا ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە بۇ يەردە 40 كىشىلىك بىر پارلامېنتمۇ بار ئىدى.
سوۋېت دائىرىلىرى، تاكتىكىلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جەدىتچىلارنىڭ تىزگىنىدە تۇرىدىغان بىر خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يول قويۇش بىلەن بىرگە، بۇخارانى تارتىۋېلىش ستراتىگىيىسىدىنمۇ ۋاز كەچمىگەن ئىدى. بۇ جەرياندا، يەنى 1921- يىلىنىڭ 4- مارت كۈنى، رۇسىيە دۆلىتى بىلەن بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا بىر ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالىنىدۇ. موسكۋا دائىرىلىرى بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن بۇخارانىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ، مەسىلىلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ. دۆلەت رەئىسى ئابدۇقادىر مۇھىددىننىڭ بۇخارادا ئىجرا قىلىنىۋاتقان سوۋېتلەشتۈرۈش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرغانلىقى رۇسىيەلىكلەرنى بىئارام قىلماقتا ئىدى. بىر يىلدىن كېيىن چاقىرىلغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا ھۆكۈمەت ئەزالىرى ئالماشتۇرۇلۇپ، ئوسمان غوجا جۇمھۇر رەئىسلىكىگە سايلىنىدۇ. پەيزۇللا غوجايېف، نازىرلار شۇراسى رەئىسلىكى مەنسىپىدە خىزمىتىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ (بۇ ھۆكۈمەتنىڭ باشقا ئەزالىرى تۆۋەندىكىچە: ھەربىي ئىشلار نازىرى ئارىپ ئوغلى ئابدۇلخەمىت، ئەدلىيە نازىرى مىرزا ئابدۇلراخمان، ئىچكى ئىشلار نازىرى ئاتا غوجا، مائارىپ نازىرى قارى يولداش، يېزا ئىگىلىك نازىرى ئاشۇر ئوغلى خەلىم، سەھىيە نازىرى ئابدۇلۋاھىت، مالىيە نازىرى ئابدۇلقادىر مۇھىدىدىن ئوغلى. − ئا. ھ. ئىزاھاتى).
بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى، ئىنتايىن زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىش، ئۇرۇسلارنىڭ ئېغىر بېسىمى ئاستىدا قېلىش قاتارىدىكى مۇشەققەتلەرگە قارىماي ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ھەرىكەتچان بىر ھۆكۈمەت كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ پائالىيەت قىلماقتا ئىدى. ياش بۇخارالىقلار، ھاكىمىيەتنى قانچىكى مۇستەھكەملىيەلىسە رۇسىيەدىن شۇنچە ئاسان ئايرىلىپ مۇستەقىل بولالايدىغانلىقىغا، ئەڭ بولمىغاندا ئاپتونومىيىلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.83 بۇ ئىشەنچلىرى بىلەن بۇ جەھەتتىكى ئىجرائەتلىرى سەۋەبىدىن، ھەتتا بۇخارا كوممۇنىستلار پارتىيىسىگە ئەزا بولغان ۋاقىتلىرىدىمۇ موسكۋا دائىرىلىرى تەرىپىدىن «گۇمانلىق» دەپ قارىلىپ، ھەقىقىي كوممۇنىست مۇئامىلىسىگە زادىلا ئېرىشەلمەيدۇ. دېگەندەك، موسكۋا تەرىپىدىن تولۇق ھوقۇقلۇق بۇخارا ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلەنگەن كۇيبىشېۋ، ئەينى ۋاقتىدا يېڭى قۇرۇلغان بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قارىتا مۇنداق باھا بەرگەن ئىدى:
كوممۇنىستلار بۇخارادا ئىنقىلاب قوزغىيالىدى. ئەمما، ئىقتىسادىي ۋە پسىخولوگىيىلىك شارائىتلار تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان، ئەمما ئەمەلىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن «سوتسىيالىزمچى» دەپ قاراشقا بولمايدىغان بىر تۈزۈم قۇرۇپ چىققان.
ئورتا ئاسىيادا تۇرۇۋاتقان سابىق ئوسمانلىلار ئوفىتسېرلىرى، بۇخارا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىخەتەرلىك ئىشلىرى بىلەن قوراللىق كۈچلەرنىڭ تەلىم- تەربىيىسى قاتارىدىكى ئىشلارغا سەپلەنگەن ئىدى. بۇ ئوفىتسېرلاردىن ئېلى رىزا ئەپەندىگە ھەربىي ئىشلار نازىر ياردەمچىلىكى (باش مەسلىھەتچى) ۋەزىپىسى بېرىلگەن ئىدى. سوۋېتلەرنىڭ، بۇخارا جۇمھۇرىيىتى قوراللىق كۈچلىرىنى مەركىزى تاشكەنتتە تۇرىدىغان ئورتا ئاسىيا فرونتى قوماندانلىق شتابىغا قارايدىغان بولسۇن دېگەن تەلىپىگە بۇخارا ھۆكۈمىتى ئىزچىل قارشى چىقىپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ جەرياندا شەرقىي بۇخارادىكى ئەمىر تەرەپدارلىرىدىن بولغان باسمىچى يېتەكچىلەر بۇخارا ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىدۇ. بەلجىۋان رايونىدا دەۋلەتمەندبەگ، كۆلابتا ئاشۇربەگ، قورغانتۆپىدە توغايسېرىق، دارۋازدا ئەشان سۇلتان، قاراتېكىندە فۇزەيىل مەختۇم ۋە قاراتاغ قىسمىدا ئابدۇرراخمان بەگلەر قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئىدى. بۇخارا جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن كېيىن دەرھال بۇ جايلارغا ئەۋەتىلگەن ئوسمان غوجا، ئۇنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگىنىدىن كېيىن ئورنىغا مەسئۇل قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئىنىسى ئاتا غوجا، نۇرغۇن قېتىملىق سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە دەۋلەتمەندبەگنى ئاساس قىلغان بىر قىسىم باسمىچى يېتەكچىلەر بىلەن ئەپلىشىپ قالىدۇ.
ياش بۇخارالىقلار ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقار- چىقمايلا مۇنەۋۋەر قارى، سەدۇللا غوجا ۋە ئۈبەيدۇللا غوجا قاتارىدىكى جەدىتچىلار ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولغان داڭلىق كىشىلەرنى بۇخاراغا تەكلىپ قىلىپ ھەرخىل ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىشىدۇ. كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئىشى، ئۇلار ئەڭ بەك ئەھمىيەت بېرىدىغان غايىلاردىن بىرى ئىدى. ياش بۇخارالىقلار ھەرىكىتىنىڭ ئىدىيىۋى يېتەكچىسى بولغان فىترات، تەلىم- تەربىيە ئىشلىرى بىلەن ئۆزى بىۋاسىتە مەشغۇل بولىدۇ. تۈركچە (ئورتا ئاسىيادا ئىشلىتىلىۋاتقان چاغاتاي شېۋىسى. − ئا. ھ. ئىزاھاتى) رەسمىي دۆلەت تىلى دەپ ئېلان قىلىنىدۇ.84 تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرىگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش پروگراممىسى تەييارلىنىدۇ. سوۋېت ۋەكىللىرى چىقارغان بارلىق توسالغۇلارغا قارىماي، 1921~ 1922- يىللىرى بۇخارا جۇمھۇرىيىتى گېرمانىيەگە 70 نەپەردەك ئوقۇغۇچى ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ رەسمىي ياكى غەيرىي رەسمىي يوللار ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچى ئوقۇشقا چىقماقتا ئىدى (جەدىتچىلىك ھەرىكەتلىرى باشلىنىپ ئۇسۇلىي جەدىت مەكتەپلىرىنىڭ ئېچىلىشقا باشلىغىنىدىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچى ئوسمانلىلار تەۋەسىدە بىلىم ئېلىش مەقسىتىدە كۆپىنچە ھاللاردا ئۆز ئىمكانىيەتلىرىگە تايىنىپ تۈركىيەگە كېلىپ ئىستانبۇلدىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرگەن ئىدى. ئەمما دۆلەت تەرىپىدىن رەسمىي شەكىلدە گۇرۇپپىلار ھالىدا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش ئىشلىرى بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە ئورتا ئاسىيا ئا س س ر قۇرۇلغان يىللاردىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىدى. تۈركىيەگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ھەققىدە ئەخمەت نائىم ئۆكتەم ئەسلىمىلىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: “كېيىن بۇخارادىن تۈركىيەگە 50 نەپەردەك ئوقۇغۇچى ئەۋەتىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مېنىڭ ئۇكاممۇ بار ئىدى. … بۇخارا ھۆكۈمىتى ئوقۇش راسخوتى ئۈچۈن خېلى كۆپ مىقداردا ئاستراخان ئەلتېرە تېرىسىنىمۇ ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدى. ئەنقەرە ھۆكۈمىتىگە بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىمۇ يوللىغان ئىدى.” … ئورتا ئاسىيادىكى جەدىتچى مەكتەپلىرىدە ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان راجى چېقىرئۆز كۈندىلىك خاتىرىسىدە، 1922- يىلى ئىچىدە بىر ئوقۇغۇچىلار ئۆمىكى گېرمانىيەگە، يەنە بىر ئۆمەك تۈركىيەگە ئېۋەرتىلگەنلىگىنى يازىدۇ. ئانادولۇغا ئەۋەتىلگەنلەر سامسۇن بىلەن كاستامونو تەۋەسىدە ئوقۇغان ئىدى. − ئا. ھ. ئىزاھاتى). بۇخارادىكى بۇ ئىشلارغا ئوخشاش، ئورتا ئاسىيا ئاپتونومىيىلىك سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر قاراش بار بولۇپ، جەدىتچىلار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «كۆمەك» (ھەمكارلىق) نامىدىكى تەشكىلات نۇرغۇن ساندىكى ئورتا ئاسىيالىق ياشنى گېرمانىيەگە ئەۋەتكەن ئىدى. ئورتا ئاسىيادىكى سوۋېتلەشتۈرۈش ئىشلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى قايتۇرۇپ كېلىنگەن بولسا، يەنە بىر قىسمى قايتماي شۇ يەرلەردە تۇرۇپ قالىدۇ. سىرتتا قالغانلار، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ياۋروپا ۋە تۈركىيەدە داۋام قىلدۇرۇلىدىغان ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قانات يايدۇرۇلغان كۈرەشلەردە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. ياش بۇخارالىقلار ھۆكۈمىتى ئىمكانىيەت يار بەرگىنىچە چەتئەللەر بىلەن سىياسىي مۇناسىۋەت تىكلەشكە كىرىشىدۇ. موسكۋا، باكۇ ۋە كابۇلغا سىياسىي ۋەكىللىرىنى ئەۋەتىشىدۇ. قۇرۇلغان تۇنجى ھۆكۈمەتتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ھاشىم سايىق، كېيىنچە ئافغانىستانغا باش ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلىدۇ.85

تۈركىيەگە ياردەم
بۇخارا جۇمھۇرىيىتى، قۇرۇلغان كۈنلىرىدىن باشلاپلا ئەنقەرە ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى. پارلامېنت ھۆكۈمىتى، بۇخارا خانلىقى ئاغدۇرۇلغان ۋاقىتلاردا موسكۋاغا ئىلىپ كېتىلگەن بۇخارا خانلىق خەزىنىسىنىڭ بىر قىسمىنى ئەنقەرە ھۆكۈمىتىگە ياردەم سۈپىتىدە ئەۋەتىلىشى ھەققىدە بىر قارارمۇ قوبۇل قىلىشقان ئىدى. بۇ ئىش ھەققىدە تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ رەسمىي ئارخىپ مەنبەلىرىدە ھېچقانداق بىر ھۆججەت ئۇچرىماسلىقىدىن قەتئىي نەزەر، ئورتا ئاسىيالىق يېتەكچىلەر بۇ ئىش ئۈچۈن چىڭ تۈرۈپ كۈرەش قىلغانلىقى بىر ئەمەلىيەت ئىدى. بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئوسمان غوجائوغلى خاتىرە دەپتىرىدە، پەيزۇللا غوجايېف بىلەن بىرلىكتە موسكۋادا لېنىن بىلەن كۆرۈشكىنىدە “تۈركىيەگە بېرىلىدىغان ياردەم مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ياردەمنى قىلىشقا كۈچلىرىنىڭ يېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان” لىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن بولۇپ، چار رۇسىيە دەۋرىدىن تارتىپ بۇخارا ئەمىرلىكىنىڭ خەزىنىسىدە تۇرغان 100 مىليون ئالتۇن رۇبلىنى تۈركىيەگە ئەۋەتىپ بېرىش ھەققىدە بىر پىكىرگە كەلگەنلىكىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ. ئوسمان غوجائوغلى، ئۇندىن كېيىنكى ۋەقەلەر ئۈستىدە توختىلىپ كېلىپ مۇنۇلارنى يازىدۇ:
لېنىن بىلەن يۇقىرىقىدەك ئورتاق قاراشقا كەلگىنىمىزدىن كېيىن بۇخراغا قايتىپ كەلدۇق. پارلامېنت رەئىسى ئابدۇلقادىر مىرزا ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈپ بۇ مەسىلىنى قۇرۇلتاي يىغىنىغا سۇندۇق. مەن، خەلققە ۋە پارلامېنتقا ئانادولۇدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئىرقداشلىرىمىزنىڭ ئىنتايىن ئېغىر قىيىنچىلىق ئاستىدا قالغانلىقلىرىنى، گرىتسىيىلىكلەر تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، ئۇلارغا، بىزنىڭ ئاكا قېرىندىشىمىزغا ياردەم قىلىشىمىز لازىملىقىنى ھاياجانلانغان ھالدا سەمىمىيلىك بىلەن تەپسىلىي ئىزاھلاپ ئۆتتۈم. بىزنىڭ ئۇ ۋاقىتتىكى پارلامېنتىمىزدا تۆت پارتىيە بار ئىدى. بۇ پارتىيىلەردىن مىللىي بىرلىك، ئازادلىق ۋە ئاخرار پارتىيىلىرىنىڭ ھەممىسىلا ياردەم قىلىش تەرىپىدە تۇرغان بولۇپ، پەقەت كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ رەئىسى، ئاۋام خەلق ئىچىدىن كەلگەن، تېگى تاتار نەجىپ ھۈسەيىن ئوغلى بۇ ئىشقا ئەقىل يەتكۈزەلمەي، خەلق ئاممىسى ئارىسىدا تەتۈر تەشۋىق قىلىپ “بۇنداق ياردەم قىلىدىغان ئىش ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان، بىز بۇ پۇلنى ئىنگلىزلار بىلەن سۈلھى قىلىپ شەرتنامە تۈزۈشكەن ئوسمانلىلار سۇلتانلىرىغا بەرمەكتىمىز. ئۇ سۇلتانلار بولسا، مانا بۈگۈن ئىمپېرىيالىستلار بىلەن تىل بىرىكتۈرمەكتە” دېگىنىچە جاھاننى مالىماتاڭ قىلىپ خەلقنى كۈشكۈرتۈشكە كىرىشتى. تۈركچى سەپتىكىلەر بۇ مەسىلىنى خەلققە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئەمما نەجىپ ھۈسەيىن ئوغلى ياردەم قىلىش مەسىلىسىگە قارشى خەلقنى كۈشكۈرتۈش جەھەتتە بەكلا ھەددىدىن ئېشىپ چىچاڭلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت قارار چىقىرىپ ئۇنى بۇخارا چېگراسىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. … بۇخارا پارلامېنتى، تۈركىيەگە 100 مىليون ئالتۇن رۇبلى ياردىمى بېرىشنى دەرھال ئاۋازغا قويۇپ بىرمۇ قارشى پىكىر بولمىغان ھالدا قىزغىن ئالقىش- سادالار ئىچىدە تولۇق ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىشىدۇ.86 پارلامېنت ئالغان بۇ قارارغا ئاساسەن، ئەتىسىلا تۇتۇش قىلىپ كېرەكلىك ھۆججەتلەرنى پۈتتۈرۈپ، پۇلنى دەرھال ئەنقەرە ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن رۇسىيە خەزىنىسىگە خەۋەر قىلدۇق.
بۇنىڭغا ئوخشايدىغان يەنە بىر ئىزاھاتنى، بۇخارالىق جەدىتچىلاردىن ئەخمەت نائىممۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىدى. ئەخمەت نائىم بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق سۆھبەتتە ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
بۇخارا ئىنقىلابى جەريانىدا ئەرك (ئەمىرنىڭ سارىيى) ئىچىدە ئەمىرلىك خەزىنىسى بار ئىدى. … ياش بۇخارالىقلار بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇرۇسلار ئەمىر سارىيىنى بومباردىمان قىلىشقا باشلايدۇ. … ئاندىن بۇخارا خەزىنىسىنى ماشىنىلارغا بېسىپ موسكۋاغا توشۇپ كېتىشتى. … لېنىن تۈركىيەگە ياردەم بېرىش ئويىغا كەلگەن بولسىمۇ، قايسى پۇل بىلەن ياردەم قىلىشنى بىلەلمەي تۇراتتى. … لېنىن، ئوسمان غوجىنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا “سىز تۈركلەر بىلەن بىر ئىرقتىكى كىشىلەردىن سىز. بۇ پۇلنى ئۇلارغا ئەۋەتىپ بېرەيلى” دەيدۇ. بۇخارا مەجلىسى، موسكۋادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇ پۇلنى تۈركىيەگە بېرىش قارارىنى ئالىدۇ. … ئەمما بۇنىڭ قانچىلىك قىسمىنى بەرگەندۇ؟ … مەسىلەن جەمئىي 200 مىليون دېسەك، ئاران 50 مىليونى بېرىلگەندۇ ھەرقاچان. … نېمىلا بولسا بولسۇن، بۇ پۇل تۈركىيەگە بېرىلدى.
بۇخارا ئەمىرلىكىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئورتا ئاسىيالىق كۆچمەنلەرنىڭ ھەممىسىلا “ئەمىرلىك خەزىنىلىرى پويىزغا يۈكلىنىپ موسكۋاغا ئېلىپ كېتىلدى” دەپ يۈرۈشەتتى. 1918~1919- يىللىرىدا ئورتا ئاسىيادا مەخپىي ۋەزىپە بىلەن تۇرۇۋاتقان ئىنگلىز ئوفىتسېرى فرېدېرىك بايلېي، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلان قىلغان كۈندىلىك خاتىرىسىدە، بۇخارا ئەمىرلىكىنىڭ خەزىنىسىگە مۇناسىۋەتلىك يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تەستىقلايدىغان تۆۋەندىكىدەك پاكىتلارنى خاتىرىلەپ قويغان:
ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە برونېۋىك ۋاگونلار بىلەن قوغدالغان يولداش فرۇنزې قوماندانلىقىدىكى بولشېۋىك قوشۇنلىرى، 1920- يىلىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا شەھەرنى بېسىۋالىدۇ. خەزىنىدىن لىق 3 ۋاگون ئالتۇن- ياقۇتلارنى ئېلىپ كېتىشىدۇ.
بۇ ئىش ھەققىدە ئەخمەت نائىم ئۆكتەمنىڭ بەرگەن چۈشەندۈرۈشى تېخىمۇ قايىل قىلارلىق ئىدى. بۇخارا قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيەگە ياردەم قىلىش ھەققىدە ئالغان قارارىنى تەستىقلىغان بۆلىۋالغان سوۋېت دائىرىلىرى،87 ئامانەت مال دېگەن باھانە بىلەن موسكۋادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان، ئەمما، ئەسلىدە ئاللىبۇرۇنلا مۇسادىرە قىلىۋېلىشقان بۇ ئالتۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك كەلگۈسىدە ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمال بولىدىغان بىر مال- مۈلۈك مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋەتكەن ھېسابلاندى. يەنە بىر تەرەپتىن بۇخارا جۇمھۇرىيىتىمۇ ئەسلىدىنلا موسكۋانىڭ قولىدىن قايتۇرۇپ ئالالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن بىر پۇلنى تۈركىيەگە ئەۋەتكۈزۈش قارارىنى ئېلىش ئارقىلىق، ھېچ بولمىغاندا شۇ باھانىدە بولسىمۇ ئۆز ئىرقىدىكى قېرىنداشلىرىغا ياردەم قىلىۋېلىشنى ئويلىغان بولۇشلىرى مۇمكىن. 100 مىليون ئالتۇن رۇبلىدىن ئىبارەت شۇنچە كۆپ مىقداردا پۇل ياردەم قىلىش قارارىنىڭ ئېلىنىش سەۋەبىنىمۇ شۇ شەكىلدىلا چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. ئەمما رۇسىيەلىكلەر بۇ پۇلنىڭ ئاران 11 مىليون رۇبلى قىسمىنىلا تۈركىيەگە ئەۋەتىپ بەرگەن بولۇپ، قالغىنىنى ئۆزلىرى خىيانەت قىلىۋالىدۇ (ئەنقەرە مەركىزى بانكىسىنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىكى سېلىشتۇرما مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەگە ياردەم قىلىنغان ۋاقىتلاردىكى 1 ئالتۇن رۇبلى 0.59 تۈرك لىراسىغا تەڭ كېلەتتىكەن. بۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇخارا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركىيەگە ئەۋەتىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان پۇلى 59 مىليون تۈرك لىراسىغا تەڭ دېگەن گەپ. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ پۇلنىڭ ئاران 11 مىليون رۇبلىسىنى، يەنى  6.4 مىليون تۈرك لىرا قىسمىنىلا تۈركىيەگە تاپشۇرغان. − ئا. ھ. ئىزاھاتى).
تۈركىيەگە ياردەم قىلىش ئىشىنى ئىسپاتلايدىغان يەنە بىر شاھىت بولسا، سىبىرىيىدىكى ئەسىرلەر لاگېرىدىن قېچىپ ئورتا ئاسىياغا كېلىۋالغان، تاشكەنت ۋە بۇخارا قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇزۇن يىللاپ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان بىر تۈركىيە ئوفىتسېرى بولغان راجى چاقىرئۆز ئىدى. ئۇنىڭ تۈرك دۇنيا تارىخى ژۇرنىلىنىڭ 1987- يىلقى سانىدا ئېلان قىلىنغان خاتىرىلىرىدە مۇنۇ قۇرلار يېزىلغان:
مەن تاشكەنتتىكى ۋاقتىمدا، يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇخارا مۇۋەققەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئانادولۇدا مۇستەقىللىق كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان ئەنقەرە ھۆكۈمىتىگە پۇل ياردەم قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئىدىم. ئەپسۇسكى، بۇ ياردەم بىزنىڭ تارىخىمىزغا “ئۇرۇسلارنىڭ پۇل ياردەم قىلىشى” دەپ يېزىلماقتا. لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگىنىدە ھوقۇقلۇق كىشىلىرىمىز بۇ ھادىسىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. مەسىلەن ئاتاتۈرك دەۋرىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان يۈسۈف كامال تەڭرىشەنك «ئاخشام» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئەسلىمىلىرىدە (1970- يىلى 4- ماي كۈنىدىكى سانىدا) تارىخىمىزدا “ئۇرۇس ياردىمى” دەپ خاتا چۈشىنىۋېلىنغان ھادىسىنىڭ ئەسلىدە قېرىنداش بۇخارا تۈرك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىلىنغان ياردەم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدى. … كېيىنچە، تۈركىيەگە قايتىپ بېرىپ ئوقۇشۇمچە، بۇخارا ھۆكۈمىتى بەرگەن 100 مىليون ئالتۇنىنىڭ 10 مىليونلۇق قىسمىلا ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن. دېمەك بۇ ئىشتا ۋاسىتىچىلىك رول ئوينىغان موسكۋا، توشۇپ بېرىش ھەققى ئۈچۈن 90 مىليون ئالتۇننى ئۆزىنىڭ خەزىنىسىگە ئېلىۋالغان. مانا بۇ – تارىخىمىزدىكى ئۇرۇس ياردىمى دەپ يۈرگەن گېپىمىزنىڭ ئەسلى ماھىيىتى.
تەڭرىشەنك كەچلىك گېزىتتە ئېلان قىلغان ئەسلىمىسىدە،88 بۇ مەسىلە ئۈستىدە ھەقىقەتەنمۇ بەكلا ئېنىق توختالغان ئىدى:
بۈگۈن مەن بۇ يەردە، ھېچ كىمنىڭ خەۋىرى بولمىغان بىر ئىشنى ئاشكارىلىماقچىمەن. بىز ئازادلىق ئۇرۇشى قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرىمىزدا ئۇرۇسلار بەرگەن ئالتۇنلار توغرىسىدا يۇقىرىدا توختىلىپ ئۆتكەن ئىدىم. ئۇرۇسلار بىزگە بۇ ياردەمنى قىلدى، ئەمما بۇ پۇل ياردىمىنى ئەسلىدە ئۇرۇسلار ئەمەس بەلكى بۇخارا تۈركلىرى قىلغان ئىدى. ئۇرۇسلار بىر ۋاسىتىچىلىك رولىنىلا ئوينىغان، خالاس.
نەتىجىدە، تارىخىمىزدا سوۋېت ياردىمى دەپ خاتىرىلىنىپ كېلىنگەن بۇ ياردەم ئىشى، ئەسلىدە ئورتا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ بىزگە قوشقان بىر تۆھپىسى دەپ تۈزىتىلىشى لازىم دېگەن بۇ پىكىر، يۈسۈف كەمال تەڭرىشەنك تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قۇيۇلماقتا ئىدى. ياش تۈركىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش يىللىرىدا مالىيە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان، س س س ر بىلەن 1921- يىلى 16- مارت كۈنىدىكى موسكۋا شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان ھەيئەتنىڭ باشلىقى تەڭرىشەنك، ئۇ ۋاقىتتىكى ئىشلارغا بىۋاسىتە قاتناشقان بىرى بولۇپ، ئۇ پەيتتىكى سىياسىي ھادىسىلەر ھەققىدە بىرىنچى قول ماتېرىياللارغا ئىگە بىرى ئىدى (يۈسۈپ كامال تەڭرىشەنك ئىستانبۇل ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ئەنقەرەگە بېرىۋالغان بولۇپ، كاستامونودىن ت ب م م − تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى، تۈركىيە ئالىي خەلق قۇرۇلتىيى − غا خەلق ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىدۇ. دەسلىپىدە مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ، يەنى 1920~1921- يىللاردا، كېيىن يەنە تاشقى ئىشلار ۋەكىلى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. س س س ر بىلەن تۈزۈشكەن موسكۋا ئەھدىنامىسى، يەنى 1920- يىلى 16- مارت، ھەمدە فىرانسىيە بىلەن تۈزۈشكەن ئەنقەرە ئەھدىنامىسى، يەنى 1922- يىلى 20- نويابىر مۇزاكىرىلىرىدە تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولغان. − ئا. ھ. ئىزاھاتى). ئەپسۇسكى،  بۇ چۈشەندۈرۈشلەرگە قارىماي ئورتا ئاسىيا- تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدە بەكلا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بۇ ئىش، يەنىلا تارىخنىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭلىرىدا كۆمۈلۈپ قالماقتا.

ئانادولۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئورتا ئاسىيا سىياسىتى
تۈركىيە ئىنتايىن جاپالىق كۈنلەرنى ياشاۋاتقىنىغا قارىماي، مۇستاپا كامال پاشا ئورتا ئاسىيادىكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، ئۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە ئىدى. مۇستاپا كامال پاشا 1920- يىلى ئەسكىشەھەردە ئۇچراشقان سىيىت ھەمزە ئىسىملىك بىر ئورتا ئاسىيالىققا “ئورتا ئاسىياغا قايتىپ ئۇ يەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئىشلاردىن مېنى خەۋەردار قىلغىن” دەپ ۋەزىپە تاپشۇرغان ئىدى. سىيىت ھەمزىنىڭ مۇستاپا كامال پاشاغا ئەۋەتكەن 1921- يىلى 16- ئۆكتەبىردىكى خېتى، بۇ رايونلارغا مۇناسىۋەتلىك بەزى كۆزىتىشلەر بىلەن بەزى مەسلىھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا ئىدى (بۇ خەتنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا مۇنۇلار يېزىلغان ئىدى: “ئۆتكەن يىلى زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان ۋەتىنىمدىن كېلىپ زاتى فەھىمانەلىرى بىلەن ئەسكىشەھىردە مۇشەررەف بولغىنىمدىن كېيىن ئەنقەرەدە بىرىنچى مەۋادتا مۇختەۋى بۇيرۇقى بىلەن ۋەتەنى ئەسلىم بولغان ئورتا ئاسىياغا ئەزىمەت قىلىنغان ئىدىم. ئۇ يەرلەرنى ئايلىنىش جەريانىدا ھال ۋە روھى ھۆكۈمىتى مىللىيەگە مەربۇت بولغان ئۇ ھاۋالى ئاھالىسى خىۋە، بۇخارا، تاشكەنتتە بىرەردىن ئەلچى، قازاقلار نامىغا بىر كونسۇل، ئورتا ئاسىيا ئۈچۈن بىر كونسۇل ئىرسالىنە ئىنايەت بۇيرۇلۇشى ئارقىلىق ئۇ يەرلەرنىڭ ئاھالىسى ھەر تۈرلۈك پىداكارلىقنى ئىختىيار قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى ۋە ئۈچ ماھ مۇددەت بىلەن ئاجىزەلىرىنى ئەۋەتكەن ھالدا ئالتە ئايدىن بۇيان ئىنتىزار قىلىۋاتقانلىقىنى تەلەپ قىلىپ كۈچلۈك شىتانىڭ تەخمىنى ھاسا ئەپەندى بىلەن ھۆكۈمەتىي مىللىيەگە ئەڭ چوڭ پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان ئاسىيائىي كەبىر تۈركلەرىگە ماتلۇپلارىنىڭ ئىسافىنى مەنپەئەتىي ئومۇمىيە نامىدا ئىستىرھام ۋە ئۈچ ئاي مۇخلەت بىلەن كەلگەن بولغىنىمغا قارىماي ئالتە ئايدىن بېرى بۇ يەرلەردە تۇرۇۋاتقانلىقىمدىن چىقىم جەھەتىندەنمۇ مۇزاياكادا بولغانلىقىمنى ۋە بەزى مۇھىم ماسرۇفاتتا بولۇش ئۈچۈن تايىن بۇيرۇلغان ۋاقىتقا مۇنتازار بولغانلىقىمنى ئىپادىلىمەكچىمەن.” − ئا.ھ. ئىزاھاتى).89 تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (تۈركىيە ئالىي خەلق قۇرۇلتىيى − قىسقارتىلىپ ت ب م م دەپمۇ ئاتىلىدۇ. − ئۇ.ت) ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق دىپلوماتىيە سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملىرىدىن بىرى بولغان 1921- يىلى 1- مارت كۈنى موسكۋادا ئىمزالانغان تۈركىيە- ئافغانىستان ئىتتىپاقلىق مۇئاھەدەنامەسىنىڭ (دوستلۇق شەرتنامىسى − ئۇ.ت) ئىككىنچى ماددىسىدا، “ھەر ئىككى دۆلەت بۇخارا بىلەن خىۋە دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ” دەپ تەكىتلەپ كۆرسەتكەن ئىدى (1921- يىلى 1- مارت كۈنى موسكۋادا تۈركىيە تەرىپىدىن مالىيە ۋەكىلى يۈسۈپ كامال ئەپەندى بىلەن مائارىپ ۋەكىلى دوكتور رىزا نۇر ئەپەندى، ئافغانىستان تەرىپىدىن پەۋقۇلئاددە ئەلچى گېنېرال مەھەممەت ۋەلىخانلارنىڭ قول قويۇپ ئىمزالىغان شەرتنامىنىڭ ئىككىنچى ماددىسىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئىككىنچى ماددا: تارافەينى ئالىيەنى ئاكىدەنىڭ بارلىق شەرق مىللەتلەرىنىڭ ئازادى ۋە ھۈرىيەتى كامىلەگە ۋە ھەققى ئىستىقلالغا مالىك بولغانلىقىنى ۋە تارزى ئىدارەئىي ھۆكۈمەت ئىلە ئۆزلىرىنى باشقۇرۇشتا مۇختەر بولغانلىقىنى، بۇخارا ۋە خىۋە دۆلەتلىرىنىڭ ئىستىقلالىنى تەستىق ئېتىدۇ. − ئا. ھ. ئىزاھاتى). 1921- يىلىنىڭ فېۋرال ئېيىدا، تۈركىيە ئالىي خەلق قۇرۇلتىيى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن موسكۋاغا باش ئەلچى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئېلى فۇئات پاشا (جەبەسوي) نىڭ ھەيئىتىدە، ئاتاقتا تۈرك كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەسمىي ئەزاسى دەپ كۆرسىتىلگەن تۆت نەپەر ئادەممۇ بار ئىدى. دوكتور تەۋفىق رۈشتۈ (ئاراس)، فۇئات (جارىم)، بېسىم (ئاتالاي) ۋە ئىسمائىل سۇپھى قاتارلىق ئەپەندىلەردىن تەشكىللەنگەن بۇ 4 كىشىلىك تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ۋەزىپىسى، رۇسىيەدىكى يېڭى تۈزۈمنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ چىقىش ئىدى. بۇ ھەيئەت ئەزالىرىدىن سويساللىئوغلى ئىسمائىل سۇپھى، 1921- يىلىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا ئورتا ئاسىياغا ئەۋەتىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا غەيرىي رەسمىي بىر يول ئېچىلغان ئىدى.
راجى چېقىركۆزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە قارىغاندا، سويساللىئوغلى ئورتا ئاسىيادا بىر كۈزەتكۈچىلا بولۇپ قالماي، يەنە نۇرغۇنلىغان پائالىيەتلەرنىمۇ ئېلىپ بارغان:90
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ بۇردۇر مىللەت ۋەكىلى سويساللىئوغلى ئىسمائىل سۇپھى ئەپەندى، تەتقىقاتئى ئىلمىييە (ئىلمىي تەتقىقات) مۇراخھاسى سۈپىتى بىلەن 1921- يىلىدا ئەنقەرەدىن موسكۋا ئارقىلىق تاشكەنتكە كەلگەن ئىدى (چېقىركۆزنىڭ ئەسلىمىلىرىدە 1920- يىلى دەپ يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ۋاقىتتا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئېلى فۇئات ئەپەندى ھەيئىتى بىلەن موسكۋاغا سەپەر قىلغان ۋاقتى 1921- يىلى 19- فېۋرال كۈنى ئىكەنلىكى ئېنىق. بەلكىم، بۇ بىر باسما خاتالىقى بۆلىشىمۇ مۇمكىن − ئا. ھ. ئىزاھاتى). بىز ئۇنىڭغا، ھەممىمىزدە ۋەتەنگە قايتىش ئارزۇسى بارلىقىنى، بۇ ھەقتە بىزگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق. ئەمما ئىسمائىل سۇپھى ئەپەندى بىزنىڭ تاشكەنتتىكى پائالىيەتلىرىمىزنى كۆرگىنىدىن كېيىن، بۇ يەردە ياخشى ئىش قىلىۋاتقانلىقىمىزنى، شۇڭا بۇ يەردە يەنە بىر مەزگىل قېلىشىمىزنىڭ تېخىمۇ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ كېلىپ بىزگە مۇنداق دېدى:
“ئەزىز قېرىنداشلىرىم! ئورتا ئاسىيادا تۇرۇپ بۇ يەردىكى ئىرقداشلىرىمىزغا ياردەمچى بولۇشنىڭ ئۆزىمۇ تۈركىيەدىكى خىزمەتلەرگە ئوخشاشلا ئۇلۇغ ئىش ھېسابلىنىدۇ. بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە سىزلەر ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەر توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىمەن. بۇ يەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىڭىزنىڭ تۈركىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقىنىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن. ھەتتا، موسكۋاغا قايتقىنىمدا باش ئەلچىمىز ئېلى فۇئات پاشاغا ئەھۋالىڭىزلاردىن مەلۇمات بېرىپ، سىزلەرگە مائاش بېرىلىشىگەكاپالەتلىك قىلىمەن.”
ئىسمائىل سۇپھى ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزلىرى بىز تۈركىيەلىك ئوفىتسېرلارغا مەنىۋى ئىلھام بولۇپ ئورتا ئاسىيادا يەنە بىر مەزگىل قېلىشىمىز ئۈچۈن مۇھىم تەشۋىقات بولغان ئىدى. دېگەندەك ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۈركىيە باش ئەلچىخانىسىدىن بىزگە پۇل كېلىشكە باشلىدى.
ئىسمائىل سۇپھى سويساللىئوغلى ئورتا ئاسىيادا تۇرۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا، ئورتا ئاسىيالىق زىيالىيلار قۇرۇشقا كىرىشكەن ئورتا ئاسىيا مىللىي بىرلىك تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىنىشىدىمۇ ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.
ئوسمان غوجائوغلى بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە پرېزىدېنت بولغان ۋاقىتلاردا، تۈركىيەدە ئوقۇپ كەلگەن رەجەپ ئەپەندى بىلەن نازىرىي ئەپەندىلەرنى سەدىردىن ئەپەندى بىلەن قوشۇپ ئۈچ كىشىلىك بىر ھەيئەت تەشكىللەپ ئەنقەرەگە ئەۋەتىدۇ. 1921- يىلى 31- دېكابىر كۈنى ئەنقەرەگە يېتىپ بارغان بۇ ھەيئەت، مۇستاپا كامال پاشا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ كۆرۈشۈشتە ھەيئەت ئەزالىرى مۇستاپا كامال پاشاغا ئورتا ئاسىيانىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. بۇخاراغا بىر تۈركىيە سەفارەت (ئەلچى − ئۇ.ت) ھەيئىتى ئەۋەتىلىشى ھەققىدىكى تەلىپى يەتكۈزۈلىدۇ،91 ئاخىرىدا كامال پاشاغا بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەۋەتكەن سوۋغاتلار تەقدىم قىلىنىدۇ. مۇستاپا كامال پاشا كۆرۈشۈشتىن كېيىنكى بىر نۇتقىدا مۇنداق دەيدۇ:
مۆھتەرەم دوستلار، ئورتا ئاسىيالىق قېرىنداشلىرىمىز ساكارىيا غالىبىيىتىمىزنى تەبرىكلەپ بىزگە 3 تال قىلىچ ۋە بىر قۇرئان كەرىم ئەۋەتىپتۇ. تۈرك مىللىتى نامىدىن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ مۇقەددەس كىتابنى تۈرك مىللىتىگە سوغا قىلدىم، بۇ ئۈچ تال قىلىچتىن بىر تېلىنى مەن ئۆزۈمگە ئېلىپ قالدىم، ئىككىنچىسىنى غەربىي ئالدىنقى سەپ قوماندانى ئىسمەت پاشاغا تەقدىم قىلىمەن. ئۈچىنچىسىنى بولسا، ئىزمىر فەتىھى ئۈچۈن ساقلاپ قويدۇم. بۇ قىلىچ ئىزمىرگە تۇنجى ئاياق باسقان كوماندىرىمىزغا تەقدىم قىلىنىدۇ (ئاتاتۈرككە تەقدىم قىلىنغان قوليازما نۇسخىدىكى قۇرئان كەرىم بۈگۈن قۇرۇلتاي − ت ب م م كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. ئالتۇن قىلىچلاردىن ئىككى تېلىنى ئاتاتۈرك بىلەن ئىسمەت پاشا يېنىغا ئېسىپ يۈرگەن. 1922- يىلى 26- ئاۋغۇست كۈنى ئومۇمى يۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا تەييارلىق قىلىۋاتقان مەزگىللەردە غوجاتۆپىدە تارتىلغان داڭلىق رەسىمدىكى ئاتاتۈرك بىلەن ئىسمەت ئىنۆنۈنىڭ بېلىدىكى قىلىچ سوۋغات قىلىنغان ئەنە شۇ قىلىچ. ئۈچىنچى قىلىچنى بولسا ئىزمىرگە تۇنجى ئاياق باسقان ئاتلىق ئەسكەر ئوفىتسېرى شەرەپ ئەپەندىنىڭ بېلىگە ئاتا تۈرك ئۆز قولى بىلەن ئېسىپ قويغان. − ئا. ھ. ئىزاھاتى).
بۇخارا ھەيئىتى تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان مەزگىللەردە خۇددى بىر ئەلچىلىك ھەيئىتى دەرىجىسىدە مۇئامىلە قىلىنىپ، دىپلوماتىيىلىك مۇراسىملارغا تەكلىپ قىلىنىدۇ (1922- يىلى 3- مارت كۈنى ئافغانىستان ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىللىق بايرىمىنى تەبرىكلەش زىياپىتىدە، بۇخارا ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۆمەك باشلىقى نازىرىي ئەپەندى “شەرق − شەرقلىقلارنىڭدۇر” دېگەن پرىنسىپ ياقلانغان بىر نۇتۇق سۆزلەيدۇ. − ئا. ھ. ئىزاھاتى). بۇ جەرياندا، يەنى بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، تۈركىيەدە بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە بىر ئەلچىلىك ھەيئىتى ئەۋەتىش ھەققىدە قارار ئېلىنىپ تەييارلىق خىزمەتلەر باشلىنىدۇ. مۇستاپا كامال پاشا 1922- يىلى 1- مارت كۈنىدىكى قۇرۇلتاينىڭ ئىككىنچى ئىجرائەت يىلىنىڭ ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزلىگەن نۇتقىدا، بۇخاراغا ئەۋەتىلىدىغان ئەلچىلىك ئۆمىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
بۇخارا خەلق سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ئەنقەرەگە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ مەۋجۇت ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ شەكلەن تەسپىتىنى ئارزۇ ئەتمىش ۋە بۇ ئارزۇنىڭ ئىفاسى، تەرىپىمىزدىن ئۇيغۇن كۆرۈلمۈشتۇر. … بۇخاراغا بۈگۈنلەردە مۇھىم رىجالىمىزدىن بىر زات باشقانلىغى ئاستىدا سەفارەت ھەيئەتىمىز سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا.
ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە غالىپ پاشا، ئەلچىلىك مۇستەشارلىقىغا (مۇئاۋىن مەسئۇللۇقىغا − ئۇ.ت) بولسا،92 روشەن ئەشرەف (ئۈنئايدىن) تەيىنلەنگەن ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە، ھەمدۇللا سۇپھى تەڭرىئۆۋەرمۇ بۇ ھەيئەتكە كىرگۈزۈلۈپ، ئۇنىڭغا ئورتا ئاسىيادا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشلىرىنى بېجىرىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلىدۇ (جامال پاشا، بىرەر يىل بۇرۇن تاشكەنتتىن م. كامال پاشاغا ئەۋەتكەن بىر پارچە خېتىدە، ھەمدۇللا سۇپھى بىلەن كۆرۈشۈپ روشەن ئەشرەپ ئەپەندىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر ھەيئەتنىڭ تاشكەنتكە ئەۋەتىلىشىنى مەسلىھەت قىلغان ئىدى. بۇخاراغا ئەۋەتىلىدىغان ئۆمەكنىڭ جامال پاشا تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن كىشىلەردىن تەشكىل تاپقانلىقى، غازى مۇستاپا كامال پاشانىڭ بۇ مەسلىھەتلەرگە دىققەت قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. − ئا. ھ. ئىزاھاتى). 1922- يىلى 9- مارت كۈنى ئەزەربەيجان باش ئەلچىسى ئابىلوف، ئافغانىستان ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەن فاھرەتتىن پاشا بىلەن بۇخارا باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەن غالىپ پاشالار ئۈچۈن بىر زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ زىياپەتكە رۇسىيە، ئافغانىستان ئەلچىلىرى بىلەن بىر قاتاردا بۇخارادىن ئەۋەتىلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىمۇ قاتنىشىدۇ. ئەپسۇسكى، ئەلچىلىك ئۆمىكىنىڭ تەيىنلىنىشى، ئەنۋەر پاشانىڭ بۇخاراغا كەلگەن ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالغان بولۇپ، ئەنۋەر پاشانىڭ باسمىچىلار تەرىپىگە قوشۇلغان ۋاقىتلىرىدا بولسا، ئەلچىلىك ھەيئىتى يېڭىلا يولغا چىققان بىر ئەھۋالدا ئىدى. ئەنقەرە ھۆكۈمىتى بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدىكى شۇنچە يېقىن مۇناسىۋەتلەرگە قارىماي، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇخارا جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە بارغانسېرى ئۇلغىيىپ كېتىۋاتقان باسمىچىلىق تىركىشىشلىرى سەۋەبىدىن، ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ باتۇمدىن ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىشىنى چەكلەپ قويىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇخارا ھۆكۈمىتى بىلەن ئەنقەرە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئارتىپ بېرىشىنى موسكۋا دائىرىلىرى ھەرگىز خالىمايتتى. باش ئەلچى غالىپ پاشا بولسا ترابزوندا توسۇلۇپ قالىدۇ. ئارىدىن 6 ئايدەك ۋاقىت ئۆتكىنىگە قارىماي، ئەلچى ۋەزىپە ئۆتەش يېرىگە يېتىپ بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، ت ب م م قارارىغا ئاساسەن بۇ ۋەزىپە ئورنىنىڭ داۋاملىق ساقلىنىپ قېلىش شەرتى بىلەن، ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. غالىپ پاشامۇ سالامەتلىك سەۋەبلىرى تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدۇ (تاشقى ئىشلار ۋاكالەتچىلىك ۋەكىلى دوكتور رىزا نۇرنىڭ بۇردۇر مىللەت ۋەكىلى ئىسمائىل سۇپھى سويساللىنىڭ سورىغان سوئالىغا بەرگەن جاۋابى، ت ب م م مەخپىي جەلسە خاتىرىلىرىدە ساقلانغان مەلۇماتتا “ئىستانبۇلدىن ئورتا ئاسىياغا مېڭىشتا باتۇم ئارقىلىق يولغا چىققان ئىدىم. ئۇ يەردىكى تۈرك كونسۇلى ئىبراھىم تالى ئەپەندىنىڭ قېشىغا باردىم. تۇيۇقسىزلا يان ئۆيدىن ھەمدۇللا سۇپھى ئەپەندى چىقىپ كەلدى. ئۇ كىشى تۈرك ئوچاقلىرىنىڭ باشلىقى ئىدى. ئۇ، ماڭا مۇنداق دېدى: نائىم، ئوغلۇم، نەدىن چىقىپ كېلىۋاتىسەن؟ بۇ ماسكوفلۇقلار بىزنى ئورتا ئاسىياغا كىرىشىمىزگە يول قويمايۋاتىدۇ. ئانقارا ھۆكۈمىتىمىز ئەلچى تەيىنلىدى. ئەلچى ترابزوندا ساقلاپ ياتىدۇ. ۋىزا بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ترابزوندىن باتۇمغا كىلەلمەيۋاتىدۇ. قارىغىنا بۇ تۈرك- رۇس دوستلۇقى دېگەنلىرىگە …” دېگەنلەر يېزىلغان. − ئا. ھ. ئىزاھاتى).93

بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاقىۋىتى
1921- يىلىنىڭ ئۆكتەبىر ئايلىرى بۇخارا جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئورتا ئاسىيا باسمىچىلىق تارىخى جەھەتىدىن ئالغاندىمۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. ئەنۋەر پاشا، قۇشچىزادە سېلىم سامى (ھاجى سەمى) بىلەن ئوفىتسېر مۇھىتتىن ئەپەندىلەرنى بىرگە ئېلىپ بۇخاراغا كېلىدۇ. ئەنۋەر پاشا بۇخارادا تۇرغان 21 كۈن جەريانىدا بۇخارا ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئومۇمىي ۋەزىيەت ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىشىدۇ. بۇ ۋاقىتلاردا ئۇرۇسلار ئەنۋەر پاشانىڭ رۇسىيەگە قارشى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى سېزىپ بولغان ئىدى. شۇڭا، ئۇرۇسلارنىڭ پاشاغا تۇتقان پوزىتسىيىسىمۇ ئۆزگىرىشكە باشلىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيە ئۆزگەرتىشلىرى ئەنۋەر پاشاغىمۇ ئېھتىيات قىلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇرماقتا ئىدى. ئافغانىستاندىن موسكۋاغا قاراپ يولغا چىققان جامال پاشانىڭ ئەنۋەر پاشا بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئورتا ئاسىياغا كېلىپ كۆرۈشۈۋېلىشىغا يول قويۇلماسلىقى، ئەنۋەر پاشانى تېخىمۇ گۇمانلاندۇرغان ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئەنۋەر پاشا 8- نويابىر كۈنى يېنىدىكى تۈرك ئوفىتسېر ۋە بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى بىرگە ئېلىپ يوشۇرۇن ھالدا بۇخارادىن ئايرىلىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىر پارچە بايانات ئېلان قىلىپ، سوۋېت رۇسىيە دائىرىلىرىگە قارشى ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن  باسمىچىلار ھەرىكىتىگە قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ كۈنلەردە، دۈشەنبە شەھىرىدە جۇمھۇر رەئىسى ئوسمان غوجىغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بېرىدۇ: بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي بۇخارا تەۋەسىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان باسمىچىلار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم ئۇزۇنغا بارماي بۇزۇلىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ يەردىكى باسمىچى يېتەكچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى قايتىدىن ئۇلغىيىپ كېتىدۇ. بۇ ۋەزىيەتنى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ كۆرۈش ۋە بۇ رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە، جۇمھۇر رەئىسى ئوسمان غوجا مەسلىھەتچىسى ئېلى رىزا ئەپەندى بىلەن بىرگە بىر قوراللىق قوشۇننى يېنىغا ئېلىپ ئۇ يەرگە ئۆزى بېرىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەمما دۈشەنبە شەھىرىدىكى ئۇرۇس ھەربىي گازارمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق مۇزاكىرىدە ئۇرۇس قوراللىق كۈچلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن ئېغىر ئىختىلاپ يۈز بېرىدۇ. بۇ زىددىيەت تېزلىكتە قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئوسمان غوجا ئۇرۇس ھەربىي گازارمىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، يېقىن ئېتىراپتىكى ئۇرۇس قوشۇنلىرى دۈشەنبىگە ھۇجۇم قىلىشقا كىرىشىدۇ. بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا، ئوسمان غوجا خەلقنى رۇسىيە قوشۇنلىرىغا قارشى جەڭگە ئاتىلىش ھەققىدە بىر چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، سوۋېت دائىرىلىرىگە قارشى ئۇرۇش باشلايدۇ (بۇ باياناتنىڭ ئەسلى تېكىستى: ۋەتىنىمىز ئورتا ئاسىيا تۇپراقلىرىغا يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى بېسىپ كىرىۋالغان تاجاۋۇزچى دۈشمەن كۈچلىرىدىن قۇتۇلۇپ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىققا ئېرىشىش − ھەربىر ئورتا ئاسىيالىقنىڭ قەلبىدە ساقلانغان ئەڭ كۈچلۈك غايە ئىكەنلىكىدىن قىلچە گۇمان قىلمايمەن. مانا ئەمدى، بۇ ئارزۇيىمىزغا يېتىش ۋاقتى كەلدى. قولىدا قورالى بولغان ۋە قورال تۇتۇش ئىمكانى بار ھەر بىر ئورتا ئاسىيالىقنى بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا چاقىرىمەن. ياشىسۇن ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق! − ئا. ھ. ئىزاھاتى).94 ئۇرۇسلار بۇ يەرگە زور كۆلەمدە قوراللىق كۈچ يىغىشقا باشلىغاندا دۈشەنبىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان ئوسمان غوجا، مۇداپىئە مىنىستىرى مەسلىھەتچىسى ئېلى رىزا ئەپەندى بىلەن بىرگە 1921- يىل بېشىدا ئافغانىستانغا ئۆتۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
(رەسىم ئورنى)
بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى فەيزۇللا غوجايېف
بۇ ۋەقە بۇخارا ھۆكۈمىتى ئىچىدە ئېغىر بۆلۈنۈشلەرگە سەۋەب بولىدۇ. دۈشەنبە ۋەقەسى تۈپەيلىدىن بۇخارادىكى رۇسىيە ئەلچىسى يۇرىنېف، بۇخارا ھۆكۈمىتىگە قاتتىق ئۇلتىماتۇم تاپشۇرىدۇ. بۇ ئەلچى، ئوسمان غوجىنى “خائىن” دەپ ئېلان قىلىشىنى، بۇخارا ئارمىيىسىنى تاشكەنت سوۋېتىگە قاراشلىق ئورتا ئاسىيا ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شتابىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.95 ھۆكۈمەت فەيزۇللا غوجايېف رەئىسلىكىدە يىغىن چاقىرىپ، گۇناھسىزلىقى ئىسپاتلانغىنىدا ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش شەرتى بىلەن ئوسمان غوجىنى “خائىن” دەپ ئېلان قىلىدۇ، ھەمدە ۋەقەنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن سابىق مالىيە نازىرى ناسىر مەخدۇم يېتەكچىلىكىدە بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى (كومىسسىيە) تەشكىللەيدۇ. ياش بۇخارالىقلار ئۇرۇسلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئورتاق غايىگە ئىگە بىر سەپدىشىنى جازالاشقا مەجبۇرلىنىشتىن بەكلا نارازى بولغاچقا، بۇ ھەقتە باشقا بىر چىقىش يولى ئىزدىنىشكە كىرىشىدۇ. ناسىر مەختۇم يېتەكچىلىكىدىكى تەكشۈرۈش ئۆمىكى ۋەقەنىڭ ئۇرۇسلار تەرىپىدىن باشلىتىلغانلىقىنى، بۇ ئىشتا ئوسمان غوجا گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. ئەمما، ئېلىنىپ بولغان قارارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىمكانى يوق ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئوسمان غوجا ھەققىدە چىقىرىلغان قارارنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ناسىر مەخدۇممۇ ئۇرۇسلارنىڭ دىتىغا ياقمايدىغان بىر خۇلاسە چىقارغان تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە مەسئۇل بولغانلىقى سەۋەبىدىن بېشىغا كېلىش ئېھتىمال بولغان خەۋپنى مۆلچەرلەپ، ئوتتۇرىدىن جىمجىتلا يوقاپ كېتىدۇ. ئۇ ئاۋۋال باكۇغا، يەنى بۇخارا دۆلىتىنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىنىسى مۇھىددىن مەخدۇمنىڭ يېنىغا بېرىۋالىدۇ. كېيىن يەنە ئۇ يەردىن تۈركىيەگە ئۆتۈپ، كېيىنچە ئورتا ئاسىيا مىللىي بىرلىكىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە پائالىيىتىنى داۋام قىلدۇرىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتە، باشقىردىستاندا ئىزىنى يوقىتىۋېتىپ خارەزم خەلق جۇمھۇرىيىتىدە پەيدا بولغان زەكى ۋەلىدىي، ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرىدا بۇخاراغا كېلىپ ئەنۋەر پاشا بىلەن كۆرۈشىدۇ. بۇخارا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچكى ئەھۋاللىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەلىدىي سىياسىي بىر تەشكىلات قۇرۇپ قوراللىق كۈرەشكە قاتنىشىش ئىرادىسىگە كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ فەيزۇللا غوجايېف بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ھەققىدە يازغانلىرى، بۇ بوران- چاپقۇنلۇق يىللاردا ئورتا ئاسىيالىق زىيالىيلار بىلەن يېتەكچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى تەسۋىرلەش جەھەتتە، كىشىنى بەكلا ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ماتېرىيالدۇر:
“ئەنۋەرمۇ، سەنمۇ باسمىچىلار تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكىنىڭلاردا سىلەرگە قارشى ئاشكارا ئۇرۇش ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز؛ سىلەر تەرەپكە مەنسۇپ دەپ گۇمان قىلىنغانلىكى كىشىلەرنى ئىشتىن قوغلاپ تازىلايمىز؛ ئۇرۇسلار خېلىدىن بېرى ئارىپوۋنى ھەربىي ئىشلاردىن (نازىرلىقىدىن − ئاپتور) ئېلىپ تاشلىشىمنى مەندىن تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇلاردىن خەۋىرىڭ بولسۇن. ئېھتىمال، سېنىڭ بىلەن ئەمدى قايتا كۆرۈشەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. شۇنىسى ئېنىقكى، بەكلا شەپقەتسىز ھەرىكەتكە ئۆتىمىز. بەلكىم سۇلتانوۋ ئۆز ئورنىدا قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ۋاسىتىسىدا سىلەرگە قارشى ئۇرۇش يولىمىز ئوچۇق تۇتۇلىدۇ.” فەيزۇللا غوجا بۇلارنى دەپ يىغلاپ كەتتى.96
دېگەندەك، فەيزۇللا غوجايېف دۈشەنبە ۋەقەلىرىنىڭ باشلىنىشىدىن كېيىن بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ تۇغقىنى بولغان ئوسمان غوجىغا دەرھال خەۋەر بېرىپ سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ بەكلا خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ھەرگىز قايتىپ كەلمەسلىكىنى جېكىلەيدۇ. ئەگەر قايتىپ كەلگۈدەك بولسا قولغا ئېلىشقا مەجبۇر ئىدى. بۇ ئارىدا، ئۇرۇسلارئۇزۇندىن بۇيان كۆڭلىگە پۈكۈپ يۈرگەن بۇخارا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق ھوقۇقىنى تاشكەنتتىكى سوۋېت دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدىكى ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋالغان ئىدى. بۇ قارار سەۋەبىدىن، ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ تۇنجى كۈندىن باشلاپ بىر مىللىي ئارمىيە قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يۈرگەن ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى ئابدۇلخەمىت ئارىپوۋمۇ باسمىچىلارغا قوشۇلۇپ كېتىش ئويىغا كېلىپ، 1921- يىلى 23- مارت كۈنى ئەنۋەر پاشانىڭ يېنىغا بېرىۋالىدۇ.
بۇخارادىكى ۋەزىيەت، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ بۇخارا جۇمھۇرىيىتىنى سوۋېتلەشتۈرۈلىشىگە باشلاپ بارىدىغان يولغا قاراپ ھەرىكەت قىلىشىغا يۈزلەندۈرۈلمەكتە ئىدى. بۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇخارادىكى سوۋېت رۇسىيە ۋاكالەتچىسى “فەيزۇللا گۇرۇھى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلاردا كوممۇنىزمنى غايە قىلىش دەيدىغان بىرەر ئاڭ مەۋجۇت ئەمەس. بارلىق غوجايېۋلار ئۈچۈن ئالغاندا، كوممۇنىزم دېمەك، ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىر نىقابىدىن باشقا مەنىگە ئىگە ئەمەس” دەپ كۆرسەتمەكتە ئىدى. رۇسىيە ئىنقىلابىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى يېتەكچىلىرىدىن بولغان ئوردژونىكىدزې، 1921- يىلى 18- ماي كۈنى بۇخارادا سۆزلىگەن بىر نۇتقىدا، “مىنىستىرلار سوۋېتى رەئىسىنىڭ بىر بۇخارالىق بولۇشىغا قارشى ئەمەسمەن. مەركىزى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنىمۇ بىر بۇخارالىق ئۈستىگە ئالالىشى مۇمكىن، ئەمما كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ سېكرېتارى بولىدىغان كىشى، مىللەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا، بىتەرەپ بۆلىشى لازىم ئىدى. نازىرلاردىمۇ مىللىي تەرەپبازلىق بولماسلىقى كېرەك. شۈبھىسىزكى ئۇلارمۇ بىر بۇخارالىق بولسا تېخىمۇ مۇۋاپىق بولاتتى. ئەمما بىر رۇس ياكى گىرۇزىن بۆلىشى، ئارىپوۋ (بۇنىڭدىن سەل ئاۋۋال باسمىچىلار تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەن ھەربىي ئىشلار نازىرى ئابدۇللخەمىت ئارىپوۋ كۆزدە تۇتۇلماقتا − ئا.ھ. ئىزاھاتى) نىڭ بولغىنىدىن مىڭ مەرتىۋە ياخشى” دېيىش ئارقىلىق، بىر مەنىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسىدە بۇ رايونلاردا ئىجرا قىلىدىغان ھاكىمىيەت شەكلىنىڭ تۈپكى ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە ئىدى. دېگەندەك، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇخارا ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى قولغا ئېلىنىدۇ. فەيزۇللا غوجايېفنى موسكۋاغا ئېلىپ كېتىشىدۇ. كېيىن ئۇنىڭدىن بۇخارانىڭ سوۋېتلەشتۈرۈلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بارلىق ئىشلاردا ھەمكارلىشىش ۋەدىسىنى ئېلىپ ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىدۇ. 1923- يىلى بۇخارا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سوۋېتلەشتۈرۈلۈشىگە توسالغۇلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان ئابدۇررائۇف فىترات، ئاتا غوجايېۋ، نائىمجان ياقۇبزادە،97 سەتتار غوجايېۋ ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان بارلىق ئۆكتىچىلەر ئاساسەن تازىلىۋېتىلىدۇ. ئاخىرىدا، 1924- يىلىنىڭ 19- سېنتەبىر كۈنى بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەت دەپ ئېلان قىلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن بىر كۈن كېيىن چاقىرىلغان خەلق ۋەكىللەر 5- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا، بۇخارا سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنى تارقىتىۋېتىش قارارى ئېلىنىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە يېڭى- يېڭى جۇمھۇرىيەتلەر قۇرۇلۇشقا باشلاپ، ستالىننىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىدىن بىرى بولغان “ئورتا ئاسىيا دېگەن ئۇقۇمنى تارىخ بېتىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، ئۇرۇقداشلاردىن (قوۋملاردىن − ئۇ.ت) مىللەت يارىتىش” پىلانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.
(خەرىتە ئورنى)
خەرىتە- 2: 1921- يىللاردىكى غەربىي ئورتا ئاسىيا سىياسىي خەرىتىسى98

ئوسمانلىلار ئىمپېرىيىسىنى مەنبە قىلغان تەسىرلەر
ئوسمانلىلار ئىمپېرىيىسى، تارىختىن بۇيان ئورتا ئاسىيادا قۇرۇلغان دۆلەت ۋە خانلىقلارغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ھەر جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما بىز بۇ يەردە، 1920- يىللاردىن باشلاپ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرگە ئاساس سېلىپ بېرەلىگەن ۋە بۇ  پائالىيەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ياردەمچىلىك رول ئوينىيالىغان تەسىرلەر ئۈستىدىلا توختىلىپ ئۆتىمىز. بۇ رايونغا كۆرسەتكەن تەسىرلەرنى مۇنداق ئىككى تۈر بويىچە كۆرسىتىش مۇمكىن. بۇ تەسىرلەرنىڭ بىرى، بىرىنچى جاھان ئۇرۇشى جەريانىدا كاۋكاز ئالدىنقى سېپىدە ئەسىرگە چۈشۈپ، رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە قاتارىدىكى ھەرقايسى جايلىرىغا سۈرگۈن قىلىۋېتىلگەن تۈركىيە ئۇرۇش ئەسىرلىرىدىن، ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا ھەرخىل يوللار ئارقىلىق ئورتا ئاسىياغا كېلىپ قالغان پىدائىيلاردىن كەلمەكتە. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ ئەسىرلەرنىڭ بىر قىسمى ئورتا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا تارقىلىپ، مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدە جەدىتچىلەر ۋە باسمىچىلار بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلغان ئىدى. يەنە بىر تەسىر بولسا، ئىتتىھات ۋە تەرەققىي ھەرىكىتىدىن كەلمەكتە. بۇ ھەرىكەت، جەدىتچىلىك ئېقىمى بىلەن بىرگە، كۆز قاراش ۋە تەشكىللىنىش جەھەتلەردە ئورتا ئاسىيا تېررىتورىيىسىدە بارلىققا كەلگەن سىياسىي خادىملارغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىي نۇقتىدىن ئالغاندا جامال پاشا، ئەنۋەر پاشا ۋە ھاجى سەمى قاتارلىق ئىتتىھاتچىلار بۇ رايوندىكى ھەرىكەتلەرگە ئۆزلىرى بىۋاسىتە قاتنىشىپ، ئورتا ئاسىيانىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۈرەشلەرنى شەكىللەندۈرۈشتە بىۋاسىتە رول ئوينايدۇ. قوراللىق كۈرەش ئاخىرلاشقان يىللاردىن كېيىنمۇ، ئورتا ئاسىيالىق خادىملار بىلەن ئىتتىھات ۋە تەرەققىينىڭ سابىق ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر داۋاملىق ساقلىنىپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا، بۇ تەسىرلەرنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.99

ئۇرۇش ئەسىرلىرى ۋە پىدائىيلار
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كاۋكاز ئالدىنقى سېپىدا مىڭلىغان تۈركىيەلىك ئوفىتسېر ۋە جەڭچى رۇسىيەگە ئەسىر چۈشكەن ئىدى. بۇ ئەسىرلەرنىڭ ئومۇمىي سانى ھەققىدە رۇسىيە ۋە تۈركىيە مەنبەلىرى 60~65 مىڭ ئەتراپىدىكى بىر سانلىق مەلۇماتنى تىلغا ئېلىشماقتا. بولۇپمۇ ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى يىلىدا ئىنتايىن پاجىئەلىك ئاخىرلاشقان سارىقامىش (سېرىق قومۇش، تۈركىيە- ئەرمەنىيە چېگراسى بويىدىكى قىشى ئىنتايىن سوغۇق تاغلىق كەنت − ئۇ.ت) جېڭىدە 9- كورپۇس (قولئوردۇ) قوماندانى ئېھسان پاشانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 گە يېقىن ئوفىتسېر ۋە 15 مىڭغا يېقىن جەڭچى ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇرۇسلارنىڭ ئەرزۇرۇم بىلەن ترابزونغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا، شۇنىڭدەك تۈركىيە 2- كورپۇسىنىڭ 1916- يىلقى قايتۇرما ھۇجۇملىرى جەريانىدىمۇ مىڭلىغان جەڭچى رۇسىيەگە ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ. ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئارمىيىگىلا تەۋە خادىملار بىلەن چەكلەنگەن بولماي، پۇقرالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالماقتا ئىدى. ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئاۋۋال، بولۇپمۇ قارا دېڭىز تەۋەسىدىكى شەھەرلەردىن كەلگەن مىڭلىغان تۈركىيە پۇقراسى نوۋورۇسىسك، ئودېسسا قاتارىدىكى ئۇرۇس شەھەرلىرىدە ياشىماقتا ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماقتا ئىدى. ئۇرۇش باشلىنىشى بىلەن تەڭ، بۇ ئادەملەرنىمۇ يىغىشتۇرۇپ ئەسىرلەر لاگېرىغا قاماپ قويۇشقان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ئاردىخان، قارس ۋە باتۇم قاتارىدىكى ۋىلايەتلەرنىڭ مۇسۇلمان خەلقى ئىچىدە ئۇرۇسلار تەرىپىدىن گۇمانلىق دەپ قارىلىپ قولغا ئېلىنغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بار بولۇپ، بۇلارغىمۇ ئەسىرلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنغان ئىدى. بۇ تۈردىكى كىشىلەر ئىچىدە يەنە ئىتتىھات ۋە تەرققى دائىرىلىرىگە قارشى كۈرەش قىلغان، كېيىن رۇسىيەگە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ سېغىنغان بىر تۈركۈم كىشىلەرمۇ بار ئىدى. بۇ ئەسىرلەر ئاساسەن ئالغاندا ئومسك، تومسك، ئىركۇتسك، ئۇرالسك، سامارا، قازان، نىجنى نوۋگورود، خاركوۋ ۋە باكۇ قاتارىدىكى بىپايان زېمىنلارغا تارقالغان شەھەرلەردىكى مەخسۇس لاگېرلارغا قامالغان؛ ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۇرۇۋاتقان يەردىكى يېزىلاردا، زاۋۇت ۋە يول ياساش ئىشلىرىدا ئىشلىتىلمەكتە ئىدى.
دەسلەپكى ۋاقىتلاردا، ھەربىي ئەسىرلەرنىڭ نەدە تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر مەلۇمات ئالغىلى بولمايتتى. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ ئەسىرلەرنىڭ باكۇ شەھىرىدىن خېلى يىراقتىكى دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى قاقاس نارگىن ئارىلىغا، ئىركۇتسك شەھىرى قاتارىدىكى سىبىرىيىدىكى ھەرقايسى لاگېرلارغا ۋە ئورتا ئاسىيانىڭ يەتتىسۇ رايونىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلىقى ئاشكارىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئوفىتسېرلارنى لاگېردىن قېچىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سىبىرىيە رايونىدىكى لاگېرلارغا ئاپىرىپ قامىۋېتىشكەن ئىدى. ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان يىللاردا ئەسىرلەر لاگېرىغا يېقىن يەرلەردە ياشايدىغان رۇسىيە تۈركلىرى،100 بۇ لاگېرلارغا قامالغان تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتلىرىنى ياخشىلاش ۋە پۇرسەت تاپقان ھامان لاگېردىن قېچىشلىرىغا ياردەملىشىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە ئىدى. دېگەندەك، ئىخسان پاشانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خېلى كۆپ ساندىكى ئوفىتسېرلار قازان تۈركلىرىنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن چىنغا قاچۇرىۋېتىلگەن ئىدى.
بولشېۋىك ئىنقىلابى پارتلاپ بىرەر ئاي ئۆتكەندە رۇسىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا باشلىغان تىنچلىق سۆھبەتلىرى مارت ئېيىدا ئاخىرلىشىپ، 1918-يىلىنىڭ 3-مارت كۈنى برېست-لىتوۋسك شەرتنامىسى ئىمزالىنىدۇ. بولشېۋىك ئىنقىلابىنىڭ قالايمىقانچىلىقى ئىچىدىكى رۇسىيە بۇ شەرتنامىگە بىنائەن ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقىدۇ. سوۋېت ئارمىيىسى پولشا بىلەن بالتىق دۆلەتلىرىنى بوشىتىپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇ شەرتنامە گېرمانىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتناشقان ئوسمانلىلار ئىمپېرىيىسى ئۈچۈنمۇ بەزى پايدىلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. بۇ ماددىلارغا ئاساسەن، رۇسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان قارس، ئاردىخان ۋە باتۇم تەۋەسى ئوسمانلىلار ئىمپېرىيىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى، شۇنىڭدەك يەنە ھەر قايسى تەرەپلەر قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئەسىرلەرنىمۇ قويۇپ بېرىشلىرى كېرەك ئىدى. ئەمما سوۋېت رۇسىيەسىدە يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇشلار بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئېغىر توسالغۇ بولماقتا ئىدى.
1917- يىلىنىڭ نويابىر ئېيىدا، «تۈرك يۇرتى» مەجمۇئەسىنى نەشر قىلىپ تۈرك دۇنياسىدا داڭ چىقارغان قازان تۈركلىرىدىن يۈسۈپ ئاقچۇرا ئەپەندى، «ھىلالئى ئەھمەر» (قىزىل ئاي، قىزىل ھىلال جەمئىيىتى، دەسلىپىدە قىزىل كرېست جەمئىيىتىدىن كېيىنلا ئوسمانلى سۇلتانلىقى دەۋرىدە قۇرۇلغان. − ئۇ.ت) تەرىپىدىن كوپېنھاگېنغا ئەۋەتىلىدۇ. ئاقچۇرا، تەلەت پاشانىڭ تەلىپىگە ئاساسەن برېست- لىتوۋسك سۆھبىتىگە ھىلالئى ئەھمەر ۋاكالەتچىسى سالاھىتى بىلەن قاتنىشىدۇ. ئاقچۇرا، شەرتنامىنىڭ ئىمزالىنىشىدىن كېيىن بولشېۋىك ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللىغىنى ئېلىپ ئىسپانىيە ئەلچىخانا تەۋەلىكىدە ھىلالئى ئەھمەر ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە رۇسىيەدە قالىدۇ. ئوسمانلىلار دۆلىتى يەنە گېرمانىيە ئەسىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەۋەسىدە باشقا بىر ۋاكالەتخانا تەشكىللەپ، ئۇنىڭ رەئىسلىكىگە رەمزى پاشانى تەيىنلەيدۇ. مالىيە نازارىتىنىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن بولغان ئېلى ھەيدەر ئەپەندىمۇ رۇسىيەدىكى ھادىسىلەرنى كۆزىتىش ۋە ئەسىرلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يىغىش مەقسىتىدە موسكۋاغا ئەۋەتىلگەن ئىدى. بۇ ئارىدا موسكۋا، قازان، پېتربورگ، ئۇفا ۋە ئورېنبۇرگ قاتارلىق شەھەرلەردە رۇسىيە تۈركلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشكەن تۈركىيە تۈركلىرىگە ياردەم قىلىش مەقسىتىدە بىر مۇنچە كومىتېتلار قۇرۇلغان ئىدى.
يۈسۈپ ئاقچۇرا ئەپەندى، 1918- يىلى 14- مارت كۈنى موسكۋاغا كېلىپ رۇسىيەدىكى ئوسمانلىلار ئەسىرلىرىگە قارىتىپ بىر ئوچۇق خەت ئېلان قىلىدۇ. بۇ مەكتۇپ، رۇسىيە تۈركلىرى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان گېزىتلەرگىمۇ كۆچۈرۈپ بېسىلىدۇ.101 ئاقچۇرا ئەپەندى بۇ ئوچۇق خېتىدە سىبىرىيە قاتارلىق يىراق يەرلەردىكى لاگېرلاردىن خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئوسمانلىلار ئەسىرلىرىنىڭ نېمە قىلىشلىرى كېرەكلىكى ھەققىدە مەسلىھەتلەر بەرگەن ئىدى. موسكۋادىكى گېرمان ئەسىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەۋەلىكىدە پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان تۈركىيە ئۆمىگىمۇ بۇ جەرياندا نۇرغۇن تۈرك ئەسىرلىرىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدۇ. يۈسۈپ ئاقچۇرا ئەپەندى، 1919- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىلا ئىستانبۇلغا قايتىپ كېتىدۇ. ئۇ، «سەھەر» گېزىتى بىلەن «تۈرك دۇنياسى» نامىدىكى ژۇرنالدا ئېلان قىلغان 2- ئۆكتەبىر كۈنىدىكى «رۇسىيەدىكى ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەرلىرىمىز» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، رۇسىيەدە قالغان تۈرك ئەسىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى سانلىق مەلۇماتلارنى بەرگەن. ئاقچۇرانىڭ ماقالىسىدىن قارىغاندا، موسكۋا دائىرىلىرى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان يەرلەردە 400 نەپەر، ئاقلارنىڭ قولىدىكى سىبىرىيىدە 6 مىڭ نەپەر، شىمالى كاپكازىيىدە 2 مىڭ نەپەر، ئۇكرائىنادا 1800 نەپەر ۋە ئورتا ئاسىيادا 300 نەپەر تۈرك ئەسكىرى قالغان.
رۇسىيەدە ئىنقىلاب پارتلىشى بىلەن تەڭ، ئىتتىھاد ۋە تەرەققىي دائىرىلىرى، ئەزەربەيجان بىلەن ئورتا ئاسىياغا ئوخشاش جايلاردا ئوسمانلىلار دۆلىتىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىش، مۇمكىن بولغىنىدا بۇ جايلارنى تۈركىيەگە قوشۇۋېلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانىنى تۈركىيەلىك ئۇرۇش ئەسىرلىرى ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشنىمۇ مۇزاكىرە قىلىشقان ئىدى. برېست- لىتوۋسك شەرتنامىسىدىن كېيىن رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلغان بىرلەشمە كومىسسىيىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن غالىپ كامالى ئەپەندى 1918- يىلىنىڭ 21- دېكابىر كۈنلىرى پېتىرگرادتىن ئىستانبۇلغا ئەۋەتكەن خېتىدىلا بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىدۇ:
رۇسىيەدە ئەسىرگە چۈشكەن زابىتانئى ئوسمانلىلاردىن بەزىلىرىنى ھىدەماتى مۇختەلىفەدە (بەزى ۋەزىپىلەردە) ئىشلىتىلىش ئۈچۈن قىرىم، كاۋكاز، باخۇسۇس ئورتا ئاسىيادا قالدۇرۇلۇشى خاتىرى ئاجىزانەمگە كەلمەكتە. بۇنىڭ قانچىلىك مۇمكىن ۋە مۇسىب ۋەمۇئەسسىر بولالىشىنىڭ تايىن ۋە تەقدىرى ھۆكۈمەتئى سەنىيەنىڭ قارارى ۋۇكۇفكارانەسىگە مانۇتتۇر.
بۇ ۋاقىتتا سىبىرىيىدە ئادمىرال كولچاك، جەنۇبىي رۇسىيەدە بولسا گېنېرال دېنىكىن بىلەن ۋرانگېل قوماندانلىقىدىكى چار پادىشاھ تەرەپدار قوراللىق كۈچلىرى قىزىللارغا قارشى ئۇرۇش قىلماقتا ئىدى. سىبىرىيە بىلەن ئورتا ئاسىيادا قويۇۋېتىلگەن گېرمانىيەلىك، چېخلىق، ئاۋۇستىرىيىلىك ياكى بولمىسا پولشالىق ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەرلەر، ئىچكى ئۇرۇشتا بىتەرەپلىكىنى ساقلىماي قايسى بىر تەرەپنى قوللاپ ھەرىكەت قىلىشماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاق ئۇرۇسلار تەرىپىدە، يەنە بەزىلىرى بولسا قىزىللار سېپىدە ئۇرۇشقا قاتناشماقتا ئىدى.102
رۇسىيەدە مەركىزى ھاكىمىيەت تارقىلىپ كەتكەن كۈنلەردە، ھەرقايسى ئەسىرلەر لاگېرىدىكى ئەسىرلەرنىڭ ئەھۋالى كۈندىن كۈنگە ناچارلاشماقتا ئىدى. يېمەك- ئىچمەك بىلەن كىيىم- كېچەك قىيىنچىلىقى چېكىگە يەتكەن ئىدى. ئەزەربەيجان بىلەن تاتارىستاندىكى لاگېرلارغا خەلق تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان ئىسلامى خەيرخاھلار جەمئىيەتلىرى ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا ئىدى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئەسىرلەر لاگېرلىرىدا كوممۇنىزم تەشۋىقاتلىرىمۇ كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلغان ئىدى. سوۋېت دائىرىلىرى، ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەرلەردىن ئىنتېرناتسىئونالنى قوشۇنلىرىنى تەشكىللەپ ئالدىنقى سەپلەردە ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىشقان ئىدى. بۇ جەرياندا، سان جەھەتتىن بەكلا ئاز بولسىمۇ، بىر قىسىم تۈركىيەلىك ئەسىرلەرمۇ كوممۇنىستلارنىڭ تەسىرىگە يولۇققانلىقى ۋە قىزىل گۇۋاردىيىچىلەر بىلەن بىرگە ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقى مەلۇم (1919- يىلىدا ئاستراخان شەھىرىنى ئاق ئۇرۇسلاردىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن ئىنتېرناتسىئونالنى قوشۇنلار تەركىبىدە يۈزبېشى ياقۇب كوماندىرلىقىدا بىر تۈرك پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ بارلىقى مەلۇم. بۇنىڭغا ئوخشاش فىرانسىيە ئىشغالىيەتچى قوشۇنى تەركىبىدىكى مۇسۇلمان ئەسكەرلەر ئىچىدە يۈرگۈزۈلگەن تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئودىسسا ئىنقىلابى كومىتېتىغا قاراشلىق تۈرك ئەسكەرلىرىگە تايىنىپ ئېلىپ بارغان ئىكەن. تۈرك كوممۇنىستىك پارتىيە باش سېكرېتارى مۇستاپا سۇپى، ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ بىرىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتىدا “بۈگۈن رۇسىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان ئۇرۇش سەپلىرىدە سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قوغداش يولىدا مىڭلىغان تۈرك قىزىل گۇۋاردىيىچىلىرى ئاكتىپ خىزمەت قىلماقتا” دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇنىدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا تۈرك كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەن تەشكىللەنگەن تۈرك قىزىل پولكى باكۇدا تۇرغۇزۇلغان ئىدى. مۇستاپا سۇپى بىلەن ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بۇ پولك تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، 1920- يىللارنىڭ باشلىرىدا قىزىل ئارمىيە تەركىبىدە تۈرك ئەسكىرى قالمىدى دېيىشكە بولىدۇ. … − ئا. ھ. ئىزاھاتى).
لاگېرلاردىكى تۈركىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ئىشەنچلىك ماتېرىيال سۈپىتىدە، 1920- يىلى 26- ئاپرېلدا باشقىردىستان جۇمھۇرىيىتى ھەربىي ئىشلار كومىسسارى زەكى ۋەلىدىي (تۇغان) نىڭ لېنىن بىلەن تروتىسكىگە ئەۋەتكەن تېلېگرافىنى كۆرسىتىپ ئۆتىشىمىز مۇمكىن. بۇ تېلېگرافتا، ئەسىرگە چۈشكەن ھەربىيلەرنىڭ قىزىل ئارمىيىگە كىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك پروگرامما ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىلمەكتە ئىدى. بۇ تېلېگراف، رۇسىيەدىكى تۈركى يېتەكچىلىرىنىڭ تۈركىيە ئۇرۇش ئەسىرلىرىگە نەقەدەر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكى نۇقتىسىدىن ئالغاندىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ماتېرىيال:
يولداش لېنىنغا، يولداش تروتىسكىغا:
سىبىرىيىدە 12500 تۈركىيەلىك ئەسىر بار ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاچارچىلىق، كېسەللىكتىن ياكى بولمىسا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشلاردىن ئۆلۈپ تۈگىدى. قالغان 2500 نەپىرىنىڭ كۆپ قىسمى، ھازىر كراسنويارسك، ئومسك ۋە ۋېرنې ئۇدىنسك شەھەرلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىشقا يارىغىدەك نۇرغۇن ساندا ئەسكەر بار. كېيىنكى ئىككى ئاي ئىچىدە باشقىردىستانغا تۆت گۇرۇپپا ھەيئىتى كەلدى.103 ئۇلار ئانا ۋەتەنلىرىگە قايتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى كېسەل، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەسكەر بولالىغىدەكلىرىنىڭ سانى بەكلا ئاز. ئۇلارنى سېمىپالاتىنسكتە بىر يەرگە يىغىپ ۋېرنىي ئارقىلىق پىيادە ماڭدۇرۇپ تاشكەنتكە، ئۇ يەردىن يەنە ئىرانغا، ئاخىرىدا ۋەتىنىگە قايتۇرۇۋېتىشكە مۇمكىن بولماسمۇ؟
خالىغانلىرى تۈرك قىزىل ئارمىيە قىسىملىرىغا كىرسۇن. بۇنداق بىر قوشۇن فرۇنزې قوماندانلىقىدا ھەمدە تۈركىيە كوممۇنىستلىرىدىن لۈتفى ئۆمەر بىلەن مۇستافا سۇپھىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە تاشكەنتتە قۇرۇلماقتا. قاتناش يولى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئودېسسا تەرەپ بىلەن قايتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلالمايمىز. بۇ ئارىدا، سوۋېت باشقىردىستانىدا تۇرۇپ قېلىشنى خالايدىغان دوختۇر ياكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سىبىرىيىدىن ستېرلىتاماق شەھىرىگە كېلىشىگە رۇخسەت بېرىشىڭىزلارنى تەلەپ قىلىمىز. بۇ كىشىلەرنىڭ سىبىرىيىدىن تاشكەنت تەرەپكە ئۆتەلىشى ئۈچۈن پۇل ئاجرىتىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن. چۈنكى ئۇلار بەكلا ئاچ قالغان بولۇپ، ھەتتا كىيىم- كېچەكلىرىمۇ يوق دېيەرلىك ئېچىنىشلىق ھالدا تۇرماقتا. ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قېلىشىڭىزلارنى ئالاھىدە تەلەپ قىلىمەن.
- ستېرلىتاماق شەھىرى باشقىردىستان جۇمھۇرىيەت ھەربىي ئىشلار خەلق كومىسسارى
                                                                     ۋەلىدوۋ
بۇلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بۆلىدىكى، برېست- لىتوۋسك تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىنىپ ئىككى يىل ۋاقىت ئۆتكىنىگە قارىماي تۈركىيەلىك ئۇرۇش ئەسىرلىرىنىڭ بىر قىسمى تېخىچە ۋەتىنىگە قايتۇرۇلمىغان ئىدى. بولشېۋىك ئىنقىلابى بىلەن برېست- لىتوۋسك شەرتنامىسىدىن كېيىنكى قالايمىقانچىلىق ۋەزىيەتتە، سىبىرىيىدىكى لاگېرلاردىن جەنۇب تەرەپلەرگە قېچىپ كېتەلىگەن تۈركىيە ئۇرۇش ئەسىرلىرىدىن ئورتا ئاسىيا ۋە كاپكازىيىگە كېلەلىگەنلىرى باكۇ ئارقىلىق تۈركىيەگە يولغا سېلىنىدۇ.
مۇستەقىل ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ رايون سابىق ئوسمانلىلار ئوفىتسېرلىرى ئۈچۈن جەلپ قىلارلىق بىر مەركەزگە ئايلانماقتا ئىدى. جامال پاشا ئافغانىستاندا ئەنگلىيەلىكلەرگە قارشى بىر ئۇرۇش سېپى ئېچىش پىلانىغا ئاساس يارىتىش مەقسىتىدە ئوسمانلىلار ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئورتا ئاسىيا بىلەن ئافغانىستان رايونلىرىغا يوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى.104 ياش بۇخارالىقلار بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىققىنىدا بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەربىي ئىشلار نازىرىنىڭ شەخسى ۋەكىللىكىگە تەيىنلىنىدىغان يۈزبېشى ئېلى رىزا ئەپەندىنىڭ خېلىل پاشاغا يازغان مەكتۇپىدا بۇ ئىشلار ئېنىق شەرھلەنگەن ئىدى، بۇ مەكتۇپ 1921- يىلىنىڭ 23 - ئاۋغۇست تاشكەنتتىن ئەۋەتىلگەن.
مۆھتەرەم پاشا ھەزرەتلىرى،
بەندىڭىز ھۆكۈمىتى مەتبۇئامدان (مەن تەۋە بولۇۋاتقان ھۆكۈمەتتىن) ھېچقانداق بىر ئەمىر ئالماي تۇرۇپ يېگانە ئۆز تەشەببۇسۈ شەخسىيىم نەتىجەسى ھېسابلىنىدىغان سىبىرىيىدە قالغان تۈرك ئەسىر قېرىنداشلىرىمنى قۇتقۇزۇشقا تەشەببۇس ئەتتىم ۋە بۇ ئىشتا مۇۋەپپىقىيەتلىكمۇ بولدۇم. بۈگۈنگىچە سىبىرىيىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن دوستلارىمىزنىڭ مىقدارى 985 نەپەردۇر. ئاخىرقى قېتىمقىسى بولغان ئۆزۈم بىرلىكتە ساماراغا ئېلىپ كېلىۋالغان ئىككى يۈز ئوتتۇز يەتتە كىشىلىك گۇرۇپپىنىڭ سەكسەن نەپىرى باكۇغا، مۈتەباكىسى (قالغىنى) تاشكەنتكە يولغا سېلىندى. سامارادا جامال پاشا ھەزرەتلىرىگە تەسەددۈف ئەيلەدىم. زاتى ئالىلىرىغا بېرىلىشى ئۈچۈن يازغان تەزكىرە سۇرەتى زىر (قوشۇمچە بەت) دا مۇھەررەردۇر. تاشكەنتكە يوللانغان دوستلاردىن بىر قىسمى جامال پاشا بىلەن ئافغانىستانغا مۈتتەھىي (بىرلىكتە) ھارەكەت بۇلۇنۇيورلار. بىر قىسمى خىۋە جۇمھۇرىيىتىگە مىڭبېشى ئوسمان ئەپەندى يېتەكچىلىكىدە يولغا چىقىدۇ. مۈتەباكى قالغان دوستلارمۇ بۈگۈن باكۇغا مۈتەۋەججىھەن ھارەكەت قىلىدۇ. … باقى ئارزىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. …
                                                             − يۈزبېشى ئېلى رىزا
يۈزبېشى (كونا ئوسمانلى سۇلتانلىقى دەۋرى ۋە بۈگۈنكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە ھەربىي ئۇنۋان. كاپىتان − ئۇ.ت) ئېلى رىزا، سىبىرىيىنىڭ كراسنويارسك لاگېرىدىن كۆپ سانلىقى ئوفىتسېرلاردىن تەشكىل تاپقان يۈزلىگەن ئۇرۇش ئەسىرىنى قۇتقۇزۇپ بىر قىسمىنى ئورتا ئاسىياغا، يەنە بىر قىسمىنى بولسا ئانا ۋەتىنىگە يولغا سېلىش ئىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ئوڭۇشلۇق بېجىرەلىگەن ئىدى. بۇ ئارىلىقتا، بۇخارا جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن باكۇغا ئەۋەتىلگەن ۋاكالەتچىمۇ، بۇ يەردىكى سابىق ئوسمانلىلار ئوفىتسېرلىرى بىلەن تەلىم- تەربىيە ساھەسىدە ياردەمچى بولالىغۇدەك سەۋىيىدىكى پىدائىي پۇقرالارنى ئورتا ئاسىياغا يولغا سالماقتا ئىدى. نەتىجىدە، ئۇرۇسلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن توسقۇنلۇق قىلىشلىرىغا قارىماي، بۇخارا بىلەن خىۋەدە قۇرۇلغان خەلق جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قوراللىق كۈچ تەشكىللىشى ئاساسلىقى سابىق ئوسمانلىلار ئوفىتسېرلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا ئىدى. ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن ئوسمانلىلار ئوفىتسېرلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتلىرى، ئەنۋەر پاشانىڭ بۇخاراغا كېلىپ باسمىچىلار ھەرىكىتىگە قوشۇلغان ۋاقىتلارغا كەلگۈچە توختىماي داۋام قىلىدۇ. تۈركىيەلىك ئوفىتسېرلارنىڭ بەزىلىرى ئەنۋەر پاشا بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت قىلغان بولسا،105 يەنە بەزىلىرى كېيىنچىرەك باسمىچىلار تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ. باسمىچىلارغا قوشۇلمىغان ئوفىتسېرلار بولسا، سوۋېت دائىرىلىرى تەرىپىدىن يىغىشتۇرۇلۇپ تۈركىيەگە قايتۇرۇۋېتىلىدۇ.
(رەسىم ئورنى)
تۈرك ئوفىتسېرلىرى بىلەن ئورتا ئاسىيالىق جەدىتچىلار: ئالدىدا ياڭپاشلىغانلار (سولدىن ئوڭغا): 1. ئابدۇلۋاھىت، 2. بەشىرۇللا؛ ئىككىنچى قاتاردىكىلەر: 1. تالىپجان، 2. مۇساخان مەجىت ئاقساقال ئوغلى، 3. ئاتاخان؛ ئۈچىنچى قاتاردىكىلەر: 1. كەبىر بېكىر، 2. سۈلايمان سامى ئەپەندى، 3. مىيان بۈزۈرك، 4. قايماقام يۈسۈف زىيا ئەپەندى، 5. مۇنەۋۋەر قارى، 6. يۈزبېشى غالىپ، 7. ... يۈزبېشى، 8. ئىسرائىلجان؛ ئۆرە تۇرغانلار: ئېشان غوجا، ھەيدەر ئەپەندى، زاھىر جان، ئابدۇلقادىر، يۈسۈپجان ئەخمەتجان ئوغلى. بۇ رەسىم 1920- يىلى باھار ئايلىرىدا تاشكەنتتە تارتىلغان (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)106
ئەسىرگە چۈشكەن ئوسمانلىلار ئوفىتسېرلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك خىزمەت كۆرسەتكەن يەنە بىر ساھەسى بولسا ئوقۇتقۇچىلىق ساھەسىدىكى خىزمەتلەر ئىدى. جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن بىرلىكتە سان جەھەتتىن كۆپىيىپ بارغان ئۇسۇلۈ جەدىت مەكتەپلىرىدە نۇرغۇن ساندا ئوسمانلىلار تۈركى (ئەسىرگە چۈشكەن ئوفىتسېرلار بىلەن پۇقرالار) ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. جەدىتچىلار مەكتىپىدە ئۇزۇن يىللار ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان راجى چاكىرئۆزنىڭ ئەسلىمىلىرى بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىمەكتە:
1918- يىلى يانۋار ئېيىنىڭ باشلىرىدا تاشكەنتكە يېتىپ كەلدۇق. … تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرۇۋالغاچقا تېخى يېڭىدىن ئېچىلىشقا باشلىغان ئوكۇل (مەكتەپ) لاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ئۈچۈن تاشكەنتتە يەنە بىر مەزگىل تۇرۇپ قېلىشقا ماقۇلبولدۇق. دېمەككى، ئانادولۇدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقتىكى بىر تۈرك دۆلىتىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش پېشانىمىزگە پۈتۈلگەن ئىكەن. ئەسلىدىنلا بىزدىن بۇرۇن بۇ يەرلەرگىچە يېتىپ كەلگەن تۈرك سۇبايلىرى (ئوفىتسېرلىرى) مۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلماقتا ئىكەن. بۇ دوستلىرىمىزدىن ھەيدەر شەۋكى، 1- نەمۇنە مەكتىپىدە ئىشلىگەچ تەمىر تۈدەسىنى باشقۇراتتى. گالىپ، 6- تۇران مەكتىپىدە، يۈزباشى شۈكرۈ، 2- مۇختارىيەت مەكتىپىدە ۋە تۇران گۈجۈ بولسا تۈدەنىڭ باشلىقى بولۇپ، سەئىت ئاخرارى بولسا 12- تۇران مەكتىپىدە ئىزچى تۈدەنىڭ باشلىقى ئىدى. ئىستانبۇلدا ئوقۇپ كەلگەن ئابدۇرراخمان ئەپەندى 10- ئىرفان مەكتىپىدە بولۇپ، تەرەققىي جەمئىيىتى (دەرنىگى) تۈدەسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ئىدى. مەنمۇ 6- تۇران مەكتىپىگە تەقسىم قىلىندىم. ئۇ مەكتەپنىڭ تەۋەلىكىدە تۈرك كۈچى تۈدەسىنى قۇرۇپ ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى باشلىۋەتتىم. بۇ بەشتىن- بەشتىن سىنىپلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە، بىز ئانادولۇدىن كەلگەن ئەسىرگە چۈشكەن تۈرك سۇبايلىرىمۇ دەرس بېرەتتۇق.
تۈدە دەپ ئاتالغان ئىزچىلار تەشكىلاتى، ياش- ئۆسمۈرلەر جەمئىيىتى شەكلىدە قۇرۇلغان بىر تەشكىلات ئىدى. بۇ تۈدەلەردە ياشلارغا بەدەن چېنىقتۇرۇش دەرسلىرى بىلەن تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆگىتىلەتتى. … بىز كەلگەن ۋاقىتلاردا جەدىتچىلارنىڭ باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سانى 72 گە يەتكەن (تاشكەنت شەھىرىدىكى سان كۆزدە تۇتۇلماقتا − ئاپتوردىن) ئىدى. بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئېچىلىشقا باشلىغان بۇ مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى تېپىش ھەقىقەتەن تەس ئىش ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇرۇسچە لىسسە (گىمنازىيە ياكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ − ئۇ.ت) لىرىنىڭ يۇقىرى يىللىق سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلاردىن بىر قىسمى يەرلىك باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى قىلىپ تاللانغان ئىدى.107 شۇنىڭدەك يەنە ئوقۇتقۇچى تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن 3 ياكى 6 ئايلىق ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش كۇرسلىرىمۇ ئېچىلغان ئىدى.
(رەسىم ئورنى)
جەدىتچى مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئوسمانلىلار زابىتلىرى بىلەن ئورتا ئاسىيالىق جەدىتچىلەر: بىرىنچى رەتتە، يەردە ئولتۇرغانلار (سولدىن ئوڭغا): 1. ئاتا خان نىزامخان، 2. ئۈستتەغمەن ئاتىف، 3. مەھەممەت ئىمىن ئەپەندى ئەفەندىزادە، 4. سۇلتان غوجا ئوغلى، 5. راجى چاكىرگۆز 6. كېرىم ناربۇتابەگ، 7. شاھ ئىسھاق قارى؛ ئىككىنچى رەتتىكىلەر: 1. كازىم ئەپەندى، 2. تەلەت ئەپەندى، 3. ئەخمەت رىفات ئەپەندى، 4. مۇنەۋۋەر قارى، 5. نۇرى ئەپەندى، 8. سادۇللا غوجا، 7. تۇرسۇن غوجايېف، 8. يۈزباشى جامال، 9. يۈزباشى شۈكرۈ ئەپەندى؛ ئۈچىنچى رەتتىكىلەر: 1. ... ...، 2. ئالىيېف، 3. سېيىت ئىكرام، 4. ئۈستتەغمەن زىيا، 5. ... ...، 6. يۈزباشى لۈتفۈ، 7. مىيان بۈزۈرۈك، 8. ئابدۇلغەنى؛ تۆتىنچى رەتتىكىلەر: 1. مۇختەر ئەپەندى، 2. يۈزباشى غالىپ ئەپەندى، 3. ھەيدەر شەۋكى، 4. سۇلتان غوجا، سىدىق غوجا، 5. يۈسۈف زىيا ئەپەندى، 6. تاشپولات ناربۇتابېكوف، 7. ئابدۇلكېرىم ئەپەندى، 8. ...، 9. ...، 10. ... . بۇ رەسىم 1920- يىلى 14- ئاپرېلدا تاشكەنتتە ئورتا ئاسىيالىق جەدىتچىلاردىن سۇلتان غوجىنىڭ بېغىدا تارتىلغان. (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)108
ئورتا ئاسىيانى سوۋېتلەشتۈرۈش دەۋرلىرىدە بۇ كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۈركىيەگە قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلىنغان بولسا، يەنە بىر قىسمى ئورتا ئاسىيا مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىگە قاتنىشىدۇ. بۇخارا ھۆكۈمىتىنىڭ تەپتىش مەھكىمىسى 1922- يىلى ئېلان قىلغان بىر ھۆججەتتە، بۇخارا جۇمھۇرىيىتى تەۋەسى ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ۋە ئوسمانلىلار پاسپورتى بىلەن يۈرگەن بارلىق ئوقۇتقۇچى ۋە تىجارەتچىلەرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ دۆلەت چېگراسىدىن چىقىپ كېتىشلىرى تەلەپ قىلىنغان ئىدى. بۇ ئوقۇتقۇچىلار، ئېلان قىلىنغان بۇ ئۇقتۇرۇشقا پەرۋا قىلماي ئۆز ۋەزىپىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ سەۋەبتىن 7 نەپىرى ئايال، 24 نەپىرى ئەر كىشىدىن تەركىب تاپقان ئوسمانلىلار ۋەتەندىشى قولغا ئېلىنىپ موسكۋاغا ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. سوۋېت بېسىمى ئەڭ ئېغىر بولغان يىللاردىمۇ بۇ غايىلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى پىدا قىلغان بۇ پىدائىيلار، تەۋرەنمەس ئىشەنچ بىلەن كۈچلۈك غەيرەت كۆرسىتىپ ئۆز ۋەزىپىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

ئىتتىھات ۋە تەرەققىي تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلەر
ئورتا ئاسىيالىق جەدىتچىلارنىڭ ئىتتىھات ۋە تەرەققىي (ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىيات − ئۇ.ت) ئېقىمى بىلەن يېڭى تونۇشقان ۋاقىتلىرى، بىر قىسىم ئەزالىرىنىڭ ئوقۇغۇچى بولۇپ ئىستانبۇلغا كەلگەن ۋاقىتلىرىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ يىللاردا ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرغان ئىتتىھات ۋە تەرەققىي پارتىيىسى تازا روناق تېپىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. بىلىم ئېلىش ۋاقتىنى تاماملىغان ياكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن دۆلىتىگە قايتىپ كەتكەن جەدىتچىلار،ئوسمانلىلار دۆلىتىنىڭ ئۆكتىچىلەر سېپىدىكى زىيالىيلارغا بېرىلگەن ژۆن تۈرك دېگەن نامىدىن ئىلھام ئېلىپ بۇخارا بىلەن خىۋە ئەمىرلىكلىرىگە قارشى قانات يايدۇرغان سىياسىي ھەرىكىتىگە “ياش بۇخارالىقلار” ۋە “ياش خىۋەلىكلەر” دېگەن نامنى بېرىشىدۇ. قىزىق يېرى بۇ ئورتا ئاسىيالىق ياشلار ئىتتىھات ۋە تەرەققىي بىلەن بولغان شۇنچە قويۇق مۇناسىۋەت قىلىپ كېلىۋاتقىنىغا قارىماي، ئورتا ئاسىيادا بۇ تەشكىلاتنىڭ شۆبىلىرىنى ئېچىش ئىشىنى ئويلاشمىغان ئىدى.
ئىتتىھات ۋە تەرەققىي تەشكىلاتىنىڭ ئورتا ئاسىيا تېررىتورىيىسىدە قانات يايدۇرغان تۇنجى ھەرىكىتى، تەلەت پاشانىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن رودوسلۇق ھەبىبىزادە ئەخمەت كامال (ئىلقۇل) نى 1914- يىلى 16- فېۋرالدا شەرقىي ئورتا ئاسىياغا ئەۋەتىش بىلەن باشلانغان ئىدى. قەشقەرگە يېتىپ بارغان ئەخمەت كامال، قەشقەردە دارئۈل مۇئەللىمىنىي ئىتتىھات نامىدا بىر ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش مەكتىپى ئاچىدۇ.109 شۇ يىلى ئەنۋەر پاشا تارقاتقان ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئاساسەن، تەشكىلاتىي مەخسۇسنىڭ ئىككىنچى ئورۇندىكى ئادىمى قۇشچىبېشى ئەشرەف ئەپەندى يەنە بىر گۇرۇپپا تەشكىل قىلىدۇ. بۇ گۇرۇپپا ئورتا ئاسىياغا بېرىش، ئۇ يەردىكى تۈركلەرنى ئويغىتىش، تەشكىللەش ۋە چارۇسىيەگە قارشى قوزغىلاڭ پارتلىتىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان ئىدى. ئەشرەف ئەپەندى، ئۆز ئىنىسى بولغان ھاجى سېلىم سەمى يېتەكچىلىكىدىكى بەش كىشىلىك تىزىملىك تەييارلاپ ئەنۋەر پاشانىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ (بۇ گۇرۇپپا سېلىم سامى ئەپەندى، ھۈسىيىن ئەمىرۇللاھ − باركان − ئەپەندى، ئادىل ھىكىمەت ئەپەندى، سىلىسترەلىق تاتار ھۈسەيىن ئەپەندى ۋە بۇرسالىق ئىبراھىم − ھەقلىقئەر − ئەپەندىلەردىن تەشكىل تاپقان. − ئا. ھ. ئىزاھاتى). ئىستانبۇلدىن يولغا چىققان بۇ گۇرۇپپا، ھىندىستان ئارقىلىق قەشقەرگە كېلىدۇ. ئەمما ئۇ يەردىن ئافغانىستانغا كىرىۋاتقىنىدا تەلىيى ئوڭدىن كەلمەي ئۇرۇسلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ ئورتا ئاسىيانىڭ ئىچكى قىسىمىغا سۈرگۈن قىلىۋېتىلىدۇ. ئۇلار، تەخمىنەن ئون بەش ئاي ئۆتكەندىن كېيىن تۇرۇۋاتقان يېرىدىن قېچىپ قازاق- قىرغىز قوۋملىرى باشلاتقان يەتتەسۇ قوزغىلىڭىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. بۇ قوزغىلاڭ باستۇرۇۋېتىلگىنىدىن كېيىن تەكلىماكان چۆلىدىن ئۆتۈپ شەرققە قاراپ قېچىپ، ئەڭ ئاخىرى شاڭخەيگە يېتىپ بارىدۇ. 1920- يىلى ئاپرېل ئېيىدا ھاجى سېلىم سەمى ئەپەندى بىلەن ئىبراھىم ئەپەندى ئىككىسى مانجۇرىيە ئارقىلىق رۇسىيەگە ئۆتۈپ، شۇ چاغلاردا موسكۋادا تۇرۇۋاتقان ئەنۋەر پاشانىڭ يېنىغا بېرىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىسىدىكى قالغان ئەزالار ئۇزۇنغا سوزۇلغان جاپالىق سەپەردىن كېيىن ئاخىرى تۈركىيەگە كېلىۋالىدۇ.
1917- يىلقى رۇسىيە ئىنقىلابىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان قالايمىقان ۋەزىيەت، ئىتتىھات ۋە تەرەققىي رەھبەرلىرىنى قۇللۇقتا قالغان ئورتا ئاسىيا تۈرك خەلقلىرىنى تەشكىللەپ بۇ جايلاردا مۇستەقىل تۈركى قوۋملار دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ياكى ئىمكان بولسا بۇ جايلارنى تۈركىيەگە قوشۇۋېلىش ئارزۇسىغا كەلتۈرگەن ئىدى. بۇ ھەقتە مۇزاكىرە قىلىشقان پارتىيە مەركىزى ئورگىنى، ئىتتىھات ۋە تەرەققىي پىرقىسىنىڭ كاۋكاز شۆبىسىنى قۇرۇش قارارىنى ئېلىپ بۇ شۆبىنىڭ رەئىسلىكىگە ھاسان رۇشەنى ئەپەندىنى تەيىنلىشىدۇ. بولشېۋىك ئىنقىلابىدىن كېيىن دەرھال باكۇغا يېتىپ كەلگەن ھاسان رۇشەنى ئەپەندى، بىر تەرەپتىن ئەزەربەيجاندا تەشكىللەش ئىشلىرىنى باشلىۋەتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئورتا ئاسىيادىمۇ تەشكىل قۇرۇش ئىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەھمەت ئېمىن ئەفەندىنى تاشكەنتكە يولغا سالىدۇ.
ئەسلىدە، 1917- يىلقى بولشېۋىك ئىنقىلابىدىن خېلى بۇرۇنلا ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن ئوسمانلىلار ئوفىتسېرلىرى تەرىپىدىن ئورتا ئاسىيادا «ئىتتىھات ۋە تەرەققىيپەرۋەر» نامىدا بىر تەشكىلات قۇرۇلغان ئىدى.110 ئورتا ئاسىيا جەدىتچىلىگىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولغان مۇنەۋۋەر قارىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرىدە بۇ ھەقتە خېلى تەپسلى مەلۇمات بېرىلگەن:
ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ھارپىسىدا تەشكىللەنگەن جەمئىيەتنىڭ نىزامنامىسىنى ئوسمان ئەپەندى بىلەن ھەيدەر ئەپەندى يېزىپ بەرگەن ئىدى. مەن بۇ نىزامنامىنى ئۆزبەكچىلەشتۈرۈپ بەردىم. … 1917- يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرىدا بىزنىڭ ئۆيدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا بۇ نىزامنامە قوبۇل قىلىندى. بۇ يىغىندا، ئۈچ كىشىلىك بىر رىياسەت ھەيئىتى سايلاپ چىقتۇق. ئوسمان ئەپەندىنى رەئىس، ھەيدەر ئەپەندىنى بولسا رەھبەر قىلىپ كۆرسەتتۇق. ئۈچىنچى كىشىنى يەرلىكلەردىن (ئورتا ئاسىيا يەرلىكلىرىدىن − ئاپتوردىن) كۆرسىتىش لازىم ئىدى. ئۇ نامزاتنى تاللاش ئىشى ئوسمان ئەپەندى بىلەن ھەيدەر ئەپەندىگە قالدۇرۇلدى. … جەمئىيەت ئەزالىرى، نىزامنامىدە كۆرسىتىلگەن مەنپەئەتلىرىمىزگە توقۇنۇش كەلمەيدىغان ھەرقانداق بىر پارتىيىگە ئەزا بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم ئەزالىرىمىز بولشېۋىكلەر پارتىيىسىگە قاتناشقان بولسا، يەنە بەزىلىرى ئېس- ئار (سوتسىيالىست رېۋولوتسىيۇنار) پارتىيىسىگە ئەزا بولغان ئىدى. مەنمۇ بىرەر پارتىيىگە ئەزا بولۇش ئويۇمنى ھەيدەر ئەپەندى ئارقىلىق رىياسەتكە ئۇقتۇرغان ئىدىم، رىياسەت ماڭا، ھازىرچە ھۆكۈمەت ئېنىق مۇقىملاشمىغانلىقى، قايسىسى ئاخىرىدا ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشى تېخى ئېنىق ئەمەس، شۇڭا بىر مەزگىل سەۋرى قىلىپ ساقلاپ تۇرۇڭ، دېگەن مەسلىھەتنى بېرىشتى.
1918- يىلىنىڭ بېشىدا ئورتا ئاسىيا ئىتتىھات ۋە تەرەققىيپەرۋەرلەر جەمئىيىتى، ئۆز ئەزالىرىدىن بىرى بولغان ئابىدجان مەھمۇدنى بىر پارچە مەكتۇپ بىلەن ھاسان رۇشەنى ئەپەندىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىدۇ. ئابىدجان مەھمۇد، ئەفەندىزادە مەھمەت ئېمىن ئەپەندى ۋە زاھىتجان ئەپەندىلەر بىلەن بىرگە ئەزەربەيجانغا يېتىپ بارىدۇ. ئىتتىھات ۋە تەرەققىي جەمئىيىتىنىڭ كاۋكاز شۆبىسى رەئىسىگە سۇنۇلغان 1918- يىلى 9- يانۋار كۈنىدىكى بۇ مەكتۇپتا، ئورتا ئاسىيادا مىللىي قوراللىق كۈچ تەشكىللەش ئۈچۈن تەجرىبىلىك كىشىلەردىن بىر قانچىنى بېرىش تەلەپ قىلىنغان:
تۈركىيە نۈمايەندەسى (مۇمەسسىلى) ھاسان رۇشەنى ئەپەندىگە:
ئورتا ئاسىيا ئۇمۇرۇ داخىلىيىسىنى ئىسلاھى (ئىچكى ئىشلىرىنى ئوڭلاش ئۈچۈن) ۋە مىللىي قوراللىق كۈچ تەشكىلى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ مۇقتەدىر كىشىلىرىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولماقتىمىز. تەرەفىي ئالىلىرىدىن ئورتا ئاسىياغا ئەۋەتىلگەن مەھمەت ئېمىن ئەفەندىنىڭ دەلالەتى (ۋاسىتىسى) ئىلە زاتىي ئالىڭىزدەن تەلىمات ۋە ئادەم ئېلىش ئۈچۈن ئورتا ئاسىيا نۈمايەندىسى سۈپىتى بىلەن بەندەڭىز ئورتا ئاسىيالىق مىللەتداشلىرىڭىز تەرىپىدىن باكۇغا كەلدىم. رۇخسىتىڭىز بىلەن خىلافەتىي كۈبرا (مۇۋاپىق) پروگراممىلار ۋە بارلىق ئىشلىرىمىزغا يارىغىدەك ئادەملىرىڭىزدىن بېرىشىڭىزنى ئۈزۈر بىلەن تەلەپ قىلىمەن ئەفەندىم. 1918- يىلى 9- يانۋار 111
(رەسىم ئورنى)
ئورتا ئاسىيا ئىتتىھات ۋە تەرەققىيپەرۋەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئابىدجان ماھمۇد ئەپەندى (ئالدى قاتار ئوڭدا ئولتۇرغان ساقاللىق ۋە تۇماقلىق كىشى)، ئىتتىھات تەرەققىي جەمئىيىتىنىڭ ۋاكالەتچىسى ھاسان رۇشەنى بىلەن رەسمىي مۇناسىۋەت باغلاۋاتقان ۋاقىتلاردا باكۇدا چۈشكەن رەسىمى. ئەفەندىزادە مەھمەت ئېمىن (سولدا ئولتۇرغان كىشى)، ئورتا ئاسىيالىق زاھىتجان (سولدا ئۆرە تۇرغان كىشى) ۋە بىر ئوسمانلىلار زابىتى ، 1918- يىلى 10- يانۋار باكۇ. (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)112
ھاسان رۇشەنى ئەپەندى بۇ مەكتۈپنى ئورتا ئاسىيا مىللەتچىلىرىنىڭ تەلەپلىرى بىلەن بىرگە قوشۇپ ئىستانبۇلدىكى ئىتتىھات ۋە تەرەققىي مەركىزى كومىتېتىغا دەرھال ئەۋەتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، سۆھبەت جەريانىدا ئابىدجان مەخمۇد ئەپەندىگە تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بېرىدۇ:
ئورتا ئاسىيا ئۇمۇرۇ داھىلىيەسىنى ئىسلاھ (ئىچكى ئىشلىرىنى تۈزەش) ۋە قۇۋۋەئىي مىللىيەسى (مىللىي قوراللىق كۈچلىرى) نى تەشكىل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە مەمۇرى كادىرلىرىدىن ۋە زابىتلىرىدىن بىر قانچە ئەفەندىنىڭ ئورتا ئاسىياغا ئىزامى (ئەۋەتىلىشى) ۋە خىلافەتئىي كۈبرانىڭ سىياسىتىگە مۇۋافىق (ئۇيغۇن) دەستۇر (تەييارلانغان ھۆججەت) مەمنۇنلۇق بىلەن ئوقۇپ كۆرۈلدى. زاتئىي ئالىيلەرى ئىلە مۆھتەرەم ئورتا ئاسىيالىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ پارلاق تەشەببۇسى قەلبىمدە زور ئۈمىدلەر ۋە چوڭقۇر مەسەررەتلەر (خۇشاللىق) ياراتتى. دۆلەت ۋە مىللەتىم نامىدا سىزنى تەبرىكلەيمەن ۋە مۇۋەپپەقىيىتىڭىزنى جانابىي ھەقتىنتەمەننى ئەيلەيمەن.ئارزۇيىڭىزنى جايىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دۆلەتىي ئالىييەنىڭ باكۇدا تۇرىدىغان ئەڭ قىممەتلىك مەمۇرى كادىرلىرىدىن سابىق بايبۇرت قايماقامى (ناھىيە ھاكىمى) يۈسۈف زىيا ئەپەندى، بارلىق ئورتا ئاسىيانىڭ سىياسىي ۋە مەمۇرى ئىشلىرىنى تانزىم ئېتىش ئۈچۈن زاتىي ئالىلەرىڭىزگە ھەمراھ بولىدۇ. خىلافەتىي كۈبرانىڭ ۋە دەۋلەتىي ئالىييەئىي ئوسمانلىلارنىڭ ئارزۇسىغا ۋە سىياسىتىگە مۇۋافىق بولغان پروگرام ۋە تەلىماتنامە ئىلە بىر سىياسىي رەسمىيەتنامە ۋە بىر ئىتىماتنامە نۇسخىسى زىيا ئەپەندىگە بېرىلدى.
بۇ پروگرام مۇجىبىنچە كاپكازلاردا قىلىنغىنىغا ئوخشاش، زىيا ئەپەندىنىڭ ياردىمى ئىلە ئورتا ئاسىيادىمۇ بىر ئىتتىھات ۋە تەرەققىي فىرقاسى تەشكىل قىلىنىدۇ ۋە ئورتا ئاسىيانىڭ خىلافەتىي كۈبراغا قوشۇلۇپ كېتىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە فىرقانىڭ تەشەككۈلىنى (تەشكىل قىلىنىشى) مۈتەئاقىپ، ئورتا ئاسىيانىڭ ئىلھاق (قوشۇلۇپ كېتىش) ئارزۇسىنى مۇقەددەس خەلىفەمىزگە رەسمەن ئۇقتۇرۇش ۋە ئورتا ئاسىيانىڭ ئېھتىياجلىرىنى تەۋسىيە (تەرتىپكە سېلىش) قىلىش ئارقىلىق، بارلىق ئورتا ئاسىيا نامىغا نۈمايەندەلەر (مۇمەسسىللەر) تاللىنىپ مەزكۇر رەسمىيەتنامە (پروتوكول) ۋە ئىتىماتنامە ئىلە ئىستانبۇلغا ئەۋەتىلىدۇ. نۈمايەندەلەرىڭىزنىڭ باكۇدان ئېتىبارەن راۋان شەكىلدە ئىستانبۇلغا بېرىشلىرىنى بەندەڭىز تەمىن قىلىمەن.
بۇلاردىن باشقا ئورتا ئاسىيادا زابىت (ئوفىسسېرلار) يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن بىر ھەربىي مەكتەپ ئېچىش، تەشكىلاتئىي ئەسكەرىيە قۇرۇش ۋە مىللىي ئالاي (پولك) لار تەشكىل قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندە ئىسىملىرى زىكرى قىلىنغان زابىتلەرمۇ ئەۋەتىلدى. زابىت ئەفەندىلەر بىلا كايد ۋە شەرت (مۇتلەق تۈردە شەرتسىز) ئىتتىھات ۋە تەرەققىي فىرقاسىغا ئىتائەت قىلىدۇ ۋە پەقەت ئەسكىرى ئىشلار بىلەنلا مەشغۇل بولىدۇ.113 شۇ شەكىلدە ئىش قىلىنسا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە مازھار بولالىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە تۈركىيەنىڭ ھەر ۋەچھىلە ئورتا ئاسىيالىق قېرىنداشلىرىمىزغا ياردم قىلىدىغانلىقىنى ۋەد ۋە تەيىد ئەيلەيمەن، ئەفەندىم.
    25- رەب. ھ. 1336 (1918- يىلى 8- مارت) تۈركىيە نۈمايەندەسى ھ. رۇشەنىي
ئىتتىھات ۋە تەرەققىي پىرقىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان بۇ مەكتۈپتىن قارىغاندا، ئورتا ئاسىيا سىياسىتى مۇنداق ئىككى ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ: ئاۋۋال مىللىي قوراللىق كۈچلەرنىڭ تەشكىللىنىشىنى مەقسەت قىلىپ بۇ جايلارغا ئوسمانلىلار ئوفىتسېرلىرى ئەۋەتىلىدۇ ھەمدە ئىمكانىيەت يار بەرسە بىر ھەربىي مەكتەپ ئېچىلىدىغان بولىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئورتا ئاسىيالىق ۋاكالەتچىلەر ئىستانبۇلغا بېرىپ، ئوسمانلىلار سۇلتانىغا ئورتا ئاسىيانىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئوسمانلىلار دۆلىتىگە قوشۇلۇپ كېتىش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ بۇ ھەقتە ياردەم تەلەپ قىلىنىدىغان بولىدۇ. شۇندىن ئىتىۋارەن بۇ سىياسەتلەر تېزلىكتە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدۇ. ھاسان رۇشەنىي ئەپەندى (ئەسلى ئارگىنالدا ھۈسەيىن رۇشەنى باي دەپ خاتا بېسىلغان. − ئۇ.ت) 1916- يىلىنىڭ بېشىدا بايبۇرتتا ئۇرۇسلارغا ئەسىرگە چۈشۈپ نارگىن ئارىلىدىكى لاگېرغا ئەۋەتىلگەن، 1918- يىلىنىڭ بېشىدا لاگېردىن قېچىپ باكۇغاكېلىۋالغان بايبۇرت قايماقامى يۈسۈف زىيا ئەپەندىنى ئىتتىھات ۋە تەرەققىي پىرقىسىنىڭ ئورتا ئاسىيادا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى. ئابىدجان مەھمۇد ئەپەندى بىلەن يۈسۈف زىيا ئەپەندى 20 نەپەردەك ئوسمانلى زابىتلىرى (ئوفىتسېر) بىلەن بىرگە ئورتا ئاسىياغا قاراپ دەرھال يولغا چىقىدۇ.
يۈسۈف زىيا ئەپەندى بىلەن ھەمراھلىرى ئورتا ئاسىياغا يېتىپ بېرىپ كۈتمىگەن بىر ئەھۋالغا دۇچ كېلىدۇ: تاشكەنتتە بولشېۋىكلەر ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلغان ئىدى. ئۇلار سەمەرقەنت شەھىرىگە يېتىپ بارغىنىدا بولسا، قوقان شەھىرىدە ئېلان قىلىنغان ئورتا ئاسىيا مۇختارىيەت ھۆكۈمىتىنى قىزىللار رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇۋەتكەنلىگىدىن خەۋەر تاپىدۇ. يۈسۈف زىيا ئەپەندى 1918- يىلى 16- ئىيۇل كۈنى تاشكەنتتىن موسكۋا باش ئەلچىسى غالىپ كامال ئەپەندىگە بىر پارچە مەكتۇپ ئەۋەتىپ، يۈز بەرگەن بۇ ھادىسىلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇرىدۇ:
ئالتە ئاي مۇقەددەم (ئاۋۋال) نارگېن جەزىرەسى ئۇسېرا (ئەسىرلەر) قارارگاھىدىن فىرار (قاچقان) قىلغان ئىدىم. بىر مۇددەت باكۇدا قالغاندىن كېيىن، مەمۇرىيەتىي مەخسۇسە (مەخسۇس ۋەزىپە) ئىلە باكۇدا تۇرۇۋاتقان رۇشەنىي ئەپەندىنىڭ تەكلىپ ۋە تەۋىسىيىسىگە ئاساسەن يىگىرمە نەپەردەك زابىت بىلەن بىرگە ئورتا ئاسىيا جىھەتىگە كەلدىم. سەمەرقەنتكە مۇۋاسالات قىلار- قىلماي (يېتىپ بارار- بارمايلا) قوقان ھادىسەئىي فاجىئەسى ۋەقە بولدى.114 بۇ ھادىسىنىڭ كەينىدىنلا بۇخارا ۋە ئاشقابات ۋەقەسى (بۇخارا ۋە خىۋەگە قارىتىلغان رۇس ھۇجۇمى كۆزدە تۇتۇلماقتا − ئاپتوردىن) يۈز بەردى. يەكدىگەرىنى ۋەيلەدەن (كەينىدىنلا روي بەرگەن) بۇ ۋەقەلەر پروگراممىمىزنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋەتكەنلىگى ئۈچۈن، مىڭ بىر مۈشكىلات ئىلە زابىتانى باكۇغا قايتۇرۇۋەتتىم. بىر يېرىم ئايدەك سەمەرقەنتتە، بىرەر ئاي بۇخارادا ۋە يەنە بىر يېرىم ئايدەك ئاشقابات ئەتراپىدا بەكلا ئاۋارە ۋە قىيىنچىلىق ئىچىدە ياشىغىنىمدىن كېيىن ئورېنبۇرگقا مۇتەۋەججىھەن (قاراپ) ھەرىكەت ئەيلەدىم. ئورېنبۇرگقا مۇۋاسسالات ئەتمەكتەن ئەۋەل، قازاقلار بىلەن بولشېۋىكلەر ئوتتۇرىسىدا يېڭىدىن ۋەقە بولغان مۈسادەمە (توقۇنۇش)، شىمەندۈفەر (پويىز) نەقلىياتىغا ئىجرائىي تەسىر ئەيلەگىنىدەن (قاتنىشىنى تەسىرگە ئۇچىراتقىنى ئۈچۈن)، تاشكەنتكە ئاۋدەت ئەيلەدىم. بۇ يەردە كۈنيەلەرى زىردە مۇھەررەر (كىملىكلىرى قوشۇمچە بەتتە يېزىلغان) زەۋات تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان جەمئىيەتكە تەۋە بولدۇم. مەلفۇف (قوشۇمچە قىلىنغان) ھۆججەت مۇتائالاسىدىنمۇ مۈستەبان (مەلۇم بولغان) كۆرسىتىلگەندەك بۇ “فىرقە” تەرىپىدىن بابىئالىگە (ئوسمانلىلار ھۆكۈمىتى تۇرىدىغان ئىستانبۇل سىركىچى- تىكىلگەن تاش ئوتتۇرىسىدا، جاھالئوغلىدىكى ۋالىلىق تۇرۇشلۇق بىنا − ئۇ.ت) بىر ھەيئەت ئىنتىخاپ (تاللاندى) ۋە ئىزام (ئەۋەتىلدى) ئېتىلدى. بەندەڭىزمۇ بۇ ھەيئەت رېفاقاتىدا (بىلەن بىىرلىكتە) موسكۋاغا بېرىش ۋە ئورتا ئاسىيا ھەققىدە ئارزئىي مەلۇمات ئەيلەمەك خىيالىدا ئىدىم. ماتەئەسسۈف يوللاردا يېڭىدىن زۇھۇر قىلغان قالايمىقانچىلىقلار ھەرىكەتىمگە مەنئى بولدى. ھەيئەت موسكۋا تارىقىيلە (يولى بىلەن) تۈركىيە تەرەپكە ئۆتىشى لازىم. يەدلەرىدە (قوللىرىغا) “بايبۇرت قايماقامى يۈسۈف زىيا ئەپەندى” ئىمزالىق ھاۋى بىرەر يول خېتى بېرىلدى. زاتئىي دەۋلەتلەرىگە مۇراجەتلەرىدە مەلفۇف (قوشۇمچە قىلىنغان) ھۆججىتىنىڭ ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلۇشىنى ۋە ھارەكەتلەرىنىڭ تەسخىلىنى (ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىلىشىنى) ئارز ۋە ئىستىرھام ئەيلەيمەن.
يۈسۈف زىيا ئەپەندى خېتىنىڭ قالغان قىسىملىرىدا ئورتا ئاسىيا ئاھالىسىنىڭ ئەھۋالى، ئەنگىلىيىلىكلەر بىلەن ئىرانلىقلارنىڭ بۇ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى، ئۆزىنىڭ بۇ جايلاردا يەنە بىر مەزگىل قېلىشى لازىملىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىرگە، ئەگەر ئوسمانلىلار دۆلىتى بۇ جايلارنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش نىيىتى بولغىنىدا، ۋاقتنى كەينىگە سوزماي دەرھال ھەرىكەتكە ئاتلانمىغىنىدا بەكلا كېچىكىپ قالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كۆرسەتكەن. خېتىنىڭ قوشۇمچە قىسمىدا بولسا، ئورتا ئاسىيادا ئۆزىدىن بۇرۇن ئىتتىھات ۋە تەرەققىيپەرۋەر جەمئىيىتىنى قۇرغان ئىككى ئوسمانلىلار زابىتىنىڭ ئىسىملىرىنى قوشۇپ قويغان. بۇ كىشىلەر مۇلازىمى ئاۋۋال سامسۇنلۇق ھەيدەر ئازمى بىن شەۋكى (دالا ئارمىيىسى توپچىلار پولكى 4، روتا 3، ئوتىلدىيە 8) ۋە مۇلازىم سۇلايمان سەمى بىن تەۋفىق (پولك 88، روتا 1 ياۋەرى) ئىسىملىق ئوفىتسېرلەر ئىدى.115 يۈسۈف زىيا ئەپەندى ئورتا ئاسىيادىكى ۋەزىيەتنىڭ يېنىدا بىرگە ئېلىپ كەلگەن 20 نەپەر زابىت بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئىش ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەچكە، ئۇلارنى دەرھال باكۇغا قايتۇرۇۋەتكەن ئىدى. ئۆزى بولسا، ئىتتىھات ۋە تەرەققىي جەمئىيىتىنىڭ مۈمەسسىلى بولۇپ ئورتا ئاسىيادا قېلىپ پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارارىغا كېلىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، يۈسۈف زىيا ئەپەندىنىڭ قوشۇلۇشىدىن كېيىن بۇرۇن قۇرۇلۇپ بولغان جەمئىيەت يېڭىدىن رەتكە سېلىنىپ، نىزامنامىسىغىمۇ تېگىشلىك تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلىدۇ. ئۇ ۋاقىتتىكى ئىشلارنى مۇنەۋۋەر قارى بىلەن مۈفتى سەدرىددىنخاننىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. مۈنەۋۋەر قارى ئۆز خاتىرە دەپتىرىدە، نىزامنامىدىكى تۈزىتىشلەر ھەققىدە توختىلىپ كېلىپ مۇنۇلارنى يېزىپ قالدۇرغان ئىدى:
باكۇنى تۈركلەر تارتىپ ئالغىنىدىن كېيىن بىزنىڭ “ئتتىھات ۋە تەرەققىيپەرۋەرلەر” جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىسمىدىكى “پەرۋەر” قىسمى ئېلىپ تاشلىنىپ، “ئىتتىھات ۋە تەرەققىي” غا ئۆزگەرتىلدى. … ئەسلىدە بۇرۇنلاردىمۇ بۇ جەمئىيىتىمىز “ئىتتىھات ۋە تەرەققىي” دەپلا ئاتىلىپ كېلىنمەكتە ئىدى. … بۇنداق ئۆزگەرتىلىشنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىمدا ھەيدەر ئەپەندى ماڭا، “باكۇنى ئىتتىھات ۋە تەرەققىي جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىكى تارتىپ ئالدى. ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن جەمئىيەتنىڭ ئىسمىنى ئىتتىھات ۋە تەرەققىي دەپ ئالدۇق” دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭدەك، ھەيدەر ئەپەندى يەنە بۇرۇنقى رەئىس ئوسمان ئەپەندىنىڭ كېتىپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىتتىھات ۋە تەرەققىي تەرىپىدىن زىيا ئەپەندىنىڭ ئېۋەرتىلگەنلىكىنىمۇ قوشۇپ قويدى.
كۈندىلىك خاتىرىلىرى ئارقىلىق ئۇ دەۋردىكى ئىشلارنى يورۇتۇپ بەرگەن سەدرەددىنخان، جەدىتچىلىك ھەرىكىتىگە يار- يۆلەك بولۇپ كەلگەن بىلىملىك دىنىي زاتلاردىن بولۇپ، قوقان مۇختارىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتناشقان، كېيىن يەنە مۇنەۋۋەر قارى تەرىپىدىن تاشكەنتكە تەكلىپ قىلىنىپ ئۇ يەردە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان بىرى ئىدى. ئۇ كۈندىلىك خاتىرە دەپتىرىدە يۈسۈف زىيا ئەپەندىنىڭ كېلىشىدىن كېيىن قىلىنغان ئىشلار، ئۇنىڭ ئىستانبۇلغا ھەيئەت ئەۋەتىش ئىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ:
سابىق بايبۇرت قايماقامى يۈسۈف زىيا ئەپەندى مەخفى (يوشۇرۇنچە) ھالدا ئىتتىھات ۋە تەرەققىي جەمئىيىتىگە كەلتۈرۈلۈپ جەمئىيەتنىڭ پروگراممىسى بىلەن نىزامنامىلىرى قايتا تۈزىتىلدى. تۈركىيە ئەسكەرلىرى باكۇغا مۈتەۋەججىھ بولغىنىدا (يولغا سېلىنغىنىدا) جەمئىيەت تەرىپىدىن ئورتا ئاسىيانىڭ ۋەزىيىتىنى، جەمئىيەتنىيڭ ۋەزىپىلىرىنى يەرلىك تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش ئۈچۈن ئابىدجان مەھمۇد، مىر ئادىل ۋە مىر ئەخمەتلەر فەرغانىدىن، ئۈبەيدۇللا غوجا بىلەن مەن تاشكەنتتىن،116 ھاجى مەردانقۇل سەمەرقەنتتىن، سېيىت ناسىر مىر جېلىل ئورتا ئاسىيا شەھىرىدىن بولۇپ بىر مۇراھھاس ھەيئىتى تەشكىللەپ چىقتۇق. 1918- يىلىدا ئوسمانلىلار دۆلىتىنىڭ موسكۋا باش ئەلچىسى ۋاسىتىسى بىلەن ماتېرىياللىرىمىز ئەۋەتىلدى. ئابىدجان ماخمۇد بىلەن ئۇبەيىدۇللا غوجا موسكۋادا قالدى. بىز ئىستانبۇلغا كەلدۇق. تەلەت ۋە ئەنۋەر پاشالار بىلەن ھەمدە تاشقى ئىشلار نازىرى نېسىم ئەپەندى ۋە مەركىزى كومىتېت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتۇق. … ماڭا تۈركىيە پاسپورتى بېرىلىپ ئورتا ئاسىيا ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇشۇم ئۈچۈن قازى ئابدۇررەشىد ۋە كۆپرۈلۈ فۇئات ئەپەندىلەر بىلەن بىرلىكتە شىۋىتسارىيىگە ئىۋەرتىلدىم. ئاۋسترىيىدە ئىنقىلاب بولۇۋاتقىنى ئۈچۈن ئۆمىكىمىز ئودىسساغا قايتىپ كەلدى. … ئىستانبۇلدا ئىتتىھات ۋە تەرەققىي ئەزالىرىدىن غالىپ كامال ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتۈم.
ئورتا ئاسىيادىكى ئىتتىھات ۋە تەرەققىي ئەزالىرىدىن تەشكىللىگەن بۇ ھەيئەت ئەزالىرى ئەنۋەر پاشانى زىيارەت قىلغىنىدا، پاشاغا ئۈچ قىسىمدىن تەشكىل تاپقان سەككىز بەتلىك بىر دوكلات سۇنغانلىقلىرى مەلۇم. بۇ دوكلاتتا ئورتا ئاسىيانىڭ تارىخىي، جۇغراپىيىلىك تۈزۈلۈشى ۋە ئىقتىسادى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈلۈپ، ئۇرۇسلارنىڭ ئىجرا قىلىۋاتقان ئورتا ئاسىيا سىياسەتلىرىدىن شىكايەت قىلىنغان ئىدى. دوكلاتنىڭ تەلەپلەر قىسمىدا مۇنۇ سۆزلەر يېزىلغان ئىدى:
ئەمدى بىزنىڭ قەلبىمىز، پۈتۈنلەي ئۇلۇغ تۈركىيەگە قوشۇلۇپ كېتىش ئىختىراسى بىلەن سوقماقتا. پۈتۈن تۈركلۈكنىڭ بىرلىشىشى پەقەت بىزنىڭ ئۇلۋى مەقسەتلىرىمىزگە ئۇيغۇن كەلگەن بىر يولدۇر. بىزنىڭ بارلىق ئارزۇيىمىز ۋە ھەرىكىتىمىز بۈدۈر. بۇ مۇئەللا (ئۇلۇغ) ئەمەل، چوڭ- كىچىك پۈتۈن خەلقىمىز ۋە بارلىق سىنىپلارنىڭ ئەڭ يۈكسەك غايىسىدۇر.
ئەزەربەيجاننى ئوسمانلىلار ئارمىيىسى ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن بارلىققا كەلگەن ئورتا ئاسىيا تەۋەسى ئۈچۈن بۇ تۈردىكى ھاياجان پەيدا قىلغۇچى مۇھىت ئىچىدە يېزىلغان بۇ جۈملىلەر، ئەنۋەر پاشانىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا بېرىدىغان قارارلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى دېيىلسە، ھەرگىز مۇبالىغە بولمايدۇ.
ئىتتىھات ۋە تەرەققىي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ رايونلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆز قاراشلىرىغا تەسىر قىلغان يەنە بىر ئامىل، موسكۋا باش ئەلچىسى غالىپ كامال ئەپەندى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن دوكلاتلاردۇر. ئېلى رىزا ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورتا ئاسىيادا تۇرۇۋاتقان ئوسمانلىلار زابىتلىرىدىن كەلگەن ھەمدە باش ئەلچىنى موسكۋادا زىيارەت قىلغان ئورتا ئاسىيالىق مىللەتچىلەر بەرگەن مەلۇماتلارنى دەرھال ئىستانبۇلغا ئەۋەتىپ تۇرغان كامال ئەپەندى، بولۇپمۇ باكۇنىڭ ئىشغال قىلىنىشىدىن كېيىن، ئورتا ئاسىيانىمۇ ئاسانلا قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدۇ دەيدىغان قاراشقا كەلتۈرگەن ئىدى.117 سادرازام (ۋەزىر) تەلەت پاشاغا ئەۋەتىلگەن دوكلاتلاردا “باكۇ شەھىرى ئىشغال قىلىنغان ۋاقىتلاردا كراسنوۋودسكتا تۇرۇپ ئورتا ئاسىيادا مىللىي تەشكىلات قۇرۇش ۋە ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ئۇ جايلارنى ئىشغال قىلىۋېلىشىغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە، مۇقتەدىر (قابىلىيەتلىك) 5~10 ھەربىي تەلىم-تەربىيىچى ۋە يېتەرلىك مىقداردا قورال، ئوق- دورا ئەۋەتىلسە، ئۇ يەردىكى قوراللىق كۈچى بەكلا ئاجىز تۇرۇۋاتقان بولشېۋىكلارنى يوقىتىش ئارقىلىق مۇختارىيەت ئېلان قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقى” يېزىلغان ئىدى.
بۇ ۋاقىتلاردا ئەنۋەر پاشانىڭ ئۈگەي قېرىندىشى نۇرى پاشا قوماندانلىقىدىكى ئىسلام ئارمىيىسى 20- ئىيۇل كۈنى گەنجەنى تارتىپ ئېلىپ، بۇ شەھەردە بىر مىللىي ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى قۇرۇپ چىققان ئىدى. ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشتىن كېيىن 1918- يىلى 15- سېنتەبىردە نۇرى ۋە خېلىل پاشا قوماندانلىقىدىكى تۈركىيە ئارمىيىسى باكۇغا كىرىدۇ. گەنجەدىكى ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتىىنمۇ باكۇغا يۆتكەپ كېلىدۇ. ئەزەربەيجاندىن كېيىن داغىستاننى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان تۈركىيە قوشۇنلىرى 6- ئۆكتەبىر كۈنى دەربەنت شەھىرىنى قىزىللاردىن تارتىپ ئېلىپ، 13- ئۆكتەبىر كۈنى “شىمالى كاپكازىيە جۇمھۇرىيىتى” نى ئېلان قىلىشىدۇ. تۈركىيە قوشۇنلىرىنىڭ كاپكازىيىدىكى ئۇتۇقلىرى ئورتا ئاسىيالىقلارنىمۇ ئۈمىدلەندۈرۈپ، تۈركىيە جەڭچىلىرىنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ئورتا ئاسىيا رايونلىرىغىمۇ يېتىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى گەپ- سۆزلەر كۆپىيىشكە باشلايدۇ. ئەپسۇسكى، بۇنداق ھاياجان پەيدا قىلىدىغان مۇھىت ئۇزۇن داۋام قىلالمايدۇ. كاپكازىيىدە بۇنداق غەلىبىلەر قولغا كەلتۈرۈلگىنىگە قارىماي، ئوسمانلىلار دۆلىتى، ئىتتىپاقدىشى گېرمانىيە بىلەن بىرگە ئۇرۇشتا يېڭىلىدۇ. 1918- يىلى 30- ئۆكتەبىر كۈنى ئىمزالانغان موندروس كېلىشىمىگە ئاساسەن تۈركىيە قوشۇنلىرى داغىستان بىلەن ئەزەربەيجاندىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
بۇنداق ۋەزىيەت، ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ كۈتكەن ئۈمىدلىرىنىمۇ يوققا چىقىرىۋېتىدۇ. ئىتتىھات ۋە تەرەققىيچىلارنىڭ ئوسمانلىلار دۆلىتى ھاكىمىيىتىدىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئورتا ئاسىيادىكى جەمئىيەتمۇ ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. جەمئىيەت ئىچىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۈفتى سەدرەددىنخان تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىدۇ:
1919- يىلىنىڭ فېۋرال ئېيىدا تاشكەنتكە ئاۋدەت ئەتتىم. جەمئىيەت ھۇزۇرىدا سەياھىتىمىز ھەققىدە دوكلات بەردىم. جەمئىيەتنىڭ ئىسمى مىللىي ئىتتىھادقا تەدبىل (ئۆزگەرتىلدى) قىلىندى. … 1919-  يىلىدا تاشكەنتتە تۇرۇۋاتقان جامال پاشا بىلەن جەمئىيەت ئىشلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتىم. پاشا بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئافغانىستانغا قاراپ يولغا چىقتى. خېلىل پاشا بىلەن ھاجى سەمى ئەپەندىمۇ تاشكەنتتىن ئايرىلدى. …118
1921- يىلى، بۇخارادا تۇرۇۋاتقان كومىتېت مەركىزىنىڭ بويرىغى بىلەن، ئارف كەرىمى بىلەن يۈسۈف ئەپەندىلەر ئەنگلىيە ۋە ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرىگە ئورتا ئاسىيانىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن يولغاچىقىپ، ئەۋلىيا ئاتا شەھىرىگە كەلگەندە بارلىق ھۆججەتلىرى بىلەن بىرلىكتە رۇسلارنىڭ چېكاسىغا تۇتۇلۇپ قالىدۇ. مەن بۇ يېقىن ئەتراپتا تۇرۇۋاتقان راخمانقۇل قۇربېشىنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىۋالدىم. ئۇ يەردىن قايتىپ كەلگىنىمدە جەمئىيەت ئەزالىرىمىزدىن بولغان فەرغانە ھەربىي قىسمىنىڭ مۇدىرى ھەمدەم ھاجىنىڭ خائىنلىق قىلىشى بىلەن بولشېۋىكلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلدىم. … ھۆججەتلىرىمنىڭ يالغاندىن ياسالغان ئىكەنلىكىگە ئىقرار قىلىپ، بۇنداق بىر جەمئىيەتنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ تۇرۇۋالدىم. نەتىجىدە ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىندىم. … جامال پاشانىڭ ئورتا ئاسىيا ئومۇمىي چېكا رەئىسى پېترېسكە قىلغان مۇراجىئەتلىرى سايىسىدا ئۆلۈم جازايىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندىم.
ئوسمانلىلار دۆلىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن، ئورتا ئاسىيادىكى ئىتتىھات ۋە تەرەققىي شۆبىسى مىللىي ئىتتىھاد نامىدىكى مۇستەقىل بىر تەشكىلات ھالىتىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئورتا ئاسىيادا قالغان ئوسمانلىلار ئوفىتسېرلىرى بىلەن ئورتا ئاسىيالىق مىللەتچىلەرنىڭ ئورتاق ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. دەرۋەقە، ئەنۋەر پاشانىڭ تاغىسى خېلىل پاشا (قۇت) ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرە دەپتىرىدە، شەرقىي ئورتا ئاسىيانى مۇستەقىل قىلىش تەكلىپىگە ئۇرۇسلار ماقۇل كەلگەنلىكىگە ئاساسەن، 1921- يىلى موسكۋادىن ئورتا ئاسىياغا كەلگەنلىكىنى، تاشكەنتتە بولسا، تۈركى قوۋملىرى ئۈچۈن ئىتتىھات ۋە تەرەققىي ئىنقىلابىي جەمئىيىتى پروگراممىسى ئاساسىدا مەخپىي بىر جەمئىيەت قۇرغانلىقىنى بايان قىلغان. خېلىل پاشا يەنە، پىداكار ۋە ئەقىللىق ياشلارنىڭ ئىتتىھات ۋە تەرەققىيگە قاتناشقانلىقىغا ئوخشاش، بۇ جەمئىيەتكىمۇ تىزىملاتقانلىقلىرىنى ئېيتىپ جەمئىيەت نىزامنامىسىنى تۈركى قوۋملىرىنىڭ شېۋىلىرىدە يېزىپ مەخپىي تارقاتقانلىقىنىمۇ كۈندىلىك خاتىرىسىگە قوشۇپ قويغان. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تاشكەنتكە كېلە- كەلمەي تونۇشقان ئەسىرگە چۈشكەن ئوسمانلىلار ئوفىتسېرلىرىدىن ھەيدەر ئەپەندى (تاشخان) نىڭ ياردىمىگە تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق، تاشكەنتتە تونۇشقان ئورتا ئاسىيالىق ياشلار ئىچىدە ھاپىز قارى، تاجەتتىن ئەپەندى ۋە موللا سەدرىددىن قاتارىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى يېزىپ كۆرسەتمەكتە ئىدى. ئەنۋەر پاشانىڭ تەلىپىگە ئاساسەن موسكۋاغا قايتىپ كەتكەن ۋاقىتلىرىدا، ئورتا ئاسىيا ئىتتىھات ۋە تەرەققىي جەمئىيىتى بارلىق مەركەزلەردە تېز سۈرئەت بىلەن كەڭەيتىلگەنلىكىنىمۇ تىلغا ئالغان. ئەمما، خېلىل پاشا تاشكەنتكە كەلگەن ۋاقىتلاردىن بۇرۇنلا بۇ تەشكىلات ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى. ئېھتىمال، خېلىل پاشا تاشكەنتتە بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقان، مەلۇم ۋاقىت بۇ تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھادىسىلەرنى بىر جەمئىيەت قۇردۇم دەپ تونۇشتۇرغان بۆلىشى كېرەك.119
1920- يىلىنىڭ باشلىرىدىن تارىتىپ ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى مۇقىملىشىپ قالغاندەك كۆرۈنمەكتە ئىدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا ئىتتىھات ۋە تەرەققىينىڭ داۋامى بولغان مىللىي ئىتتىھادنىڭ ساقلىنىپ قېلىش ئېھتىمال بەكلا ئازىيىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ مەخپىي جەمئىيەت تارقىلىپ كېتىش نۇقتىسىغا يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى. مۇنەۋۋەر قارى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرە دەپتىرىگە بۇ تارقىلىپ كېتىش جەريانىنى تۆۋەندىكىدەك يېزىپ قالدۇرماقتا ئىدى:
شۇرا ھۆكۈمىتىنىڭ پۇت تىرەپ قالىدىغانلىقى مۇقىملىشىپ قالغاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئۇنىڭ پائالىيەت قىلىپ قىلالماسلىق ئىشى بىزنى ئويغا سالماقتا ئىدى. ئەسلىدىنلا بۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ ھاجىتى قالمىغان دېيىش مۇمكىن ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، مەنمۇ بولشېۋىكلەر پارتىيىسىگە ئەزا بولۇشنى توغرا تاپتىم. جەمئىيەت رىياسىتى (رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى) دىكىلەر مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمغا قارشى چىقماي، مۇنداق بىر قارارغا كېلىشتى: “شۇرا ھۆكۈمىتى ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا، جەمئىيەت غايىلىرىنى ھۆكۈمەت بىلەن كېلىشىپ تۇرۇپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش تېخىمۇ مۇۋاپىق ۋە ئەڭ ئاسان يول دەپ قارايمىز. شۇنداق بولغاچقا، بۇ جەمئىيەت بۈگۈندىن باشلاپ تارقىتىۋېتىلدى. مۇنەۋۋەر قارى بىلەن قالغان ئەزالار باشلىغان ئىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن بولشېۋىكلەر پارتىيىسىگە ئەزا بولۇشلىرىغا رۇخسەت قىلىندى.”
مۇنەۋۋەر قارى بۇ جەمئىيەتنىڭ تارقىلىپ كېتىشىگە تۈركىيەنىڭ ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قالغانلىقى ھەمدە ئىتتىھات ۋە تەرەققىي تەرەپدارلىرىنىڭ بۇرۇنقى كۈچ- قۇۋۋىتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى، ئەزالار ئارىسىدا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا بولغان ئىشەنچلىرىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكى ۋە ماددىي ئىمكانىيەتلەرنىڭ بولمىغانلىقى قاتارلىقلار سەۋەب بولغان دەپ كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.
قىسقىچە خۇلاسىلەشكە توغرا كەلسە، ئورتا ئاسىيادا ئىتتىھات ۋە تەرەققىينىڭ تەشكىلىي پائالىيەتلىرى بۇ ھەرىكەتكە تەۋە ئوسمانلىلار ئۇرۇش ئەسىرى ئوفىتسېرلىرى تەرىپىدىن باشلىتىلغان دېيىشكە بولىدۇ. 1917- يىلقى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن بۇرۇن بۇ ئوفىتسېرلار ئىتتىھات ۋە تەرەققىيپەرۋەرلەر جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئورتا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە شۆبىلىرىنى قۇرۇپ چىقىشقان ئىدى. ئەزەربەيجانغا تۈركىيە ئارمىيىسى كىرىپ كەلگىنىدىن كېيىن، بۇ جەمئىيەتنىڭ نامى ئىتتىھات ۋە تەرەققىي جەمئىيىتى دېگەنگە ئۆزگەرتىلىدۇ. ئوسمانلىلار ئىمپېرىيىسىنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئىتتىھات ۋە تەرەققىي خادىملىرى تارقىلىپ كەتكەن بىر ۋەزىيەتتە، بۇ تەشكىلاتنىڭ نامى مىللىي ئىتتىھاتقا ئۆزگەرتىلىدۇ. دېمەك، بۇ جەمئىيەت 1917~21- يىللار ئارىسىدا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. مۇنەۋۋەر قارى ئۆزىنىڭ ئەسلىمىلىرىدە “جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى ئۇنچىلىك كۆپ ئەمەس ئىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ تەسىرى بىلەن قۇدرىتى بەكلا كۈچلۈك ئىدى” دەپ يازىدۇ. ئەنۋەر بىلەن جامال پاشالارنىڭ ئورتا ئاسىيا بىلەن ئافغانىستاندىكى پائالىيەتلىرى جەريانىدا جەمئىيەت خادىملىرى قايتىدىن ئاكتىپ پائالىيەت قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ،120 بۇ ئىككى تارىخىي شەخسنىڭ سەھنىدىن ئايرىلىشى ئىتتىھاتچى ئوفىتسېرلارنىڭ تارقىلىپ كېتىشىگە، سىياسىي سەپتە بولسا ئىتتىھات ۋە تەرەققىي روھىنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، ئورتا ئاسىيالىق خادىملارنىڭ ئىتتىھاتچىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ تۇرىدۇ. ئۇلار چەت دۆلەتلەرگە چىقىپ كۈرەش قىلغان يىللىرى بويىچە باشتا نۇرى پاشا، ئۇنىڭدىن قالسا خېلىل پاشا، مەخمۇت شەۋكەت ئەسەندال قاتارىدىكى كونا ئىتتىھاتچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئۈزۈلمەيدۇ.

جامال پاشا ئافغانىستاندا
تۈركىيەنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن، 1920- يىلى ماينىڭ ئاخىرلىرىدا جامال پاشا موسكۋاغا كېلىپ، سوۋېت رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە بىر پارچە مەخپىي تەكلىپ سۇنىدۇ. جامال پاشا سۇنغان بۇ پىلانى بويىچە ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگلىيەلىكلەرگە قارشى بىر تەشكىلات قۇرۇپ ھىندىستاندا قوزغىلاڭ كۆتۈرمەكچى ئىدى. بۇ مەقسەت ئۈچۈن كېرەكلىك كۈچلەر جامال پاشا رەھبەرلىكى ئاستىدىكى ئوسمانلىلار ئوفىتسېرلىرىدىن، ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدىكى ئۇرۇسلارغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان باسمىچىلاردىن، ئافغانىستاندا پاشا تەشكىللەپ چىقماقچى بولغان ھىندى ئىنقىلابچىلىرىدىن، ئافغانىستان- ھىندىستان چېگرالىرىدىكى مۇستەقىل پەشتۇ قەبىلىلىرىدىن ۋە ئەگەر مۇمكىن بولغىنىدا ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە قاتنىشىشىدىن تەشكىل تاپىدىغان بولاتتى. بۇ پائالىيەتكە ئىتتىھادىي ئىسلام، يەنى ئىسلام ئىتتىپاقى پىكرى يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ تاللىۋېلىنماقچى ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە لازىم تېپىلغان يەرلەردە “جاھانگىرلىككە قارشى سوتسىيالىزم” ئىدىيىسىنىمۇ ئىشقا سېلىشقا بولاتتى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، ھىندىستان باشچىلىقىدا بارلىق شەرق ئەللەر خەلقلىرىنى ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىش ئىدى. ئافغانىستان ئەمىرى ئامانۇللانىڭ ئەنگلىيەلىكلەرگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى بۇ لايىھە ئۈچۈن مۇۋاپىق بىر مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ.
موسكۋا دائىرىلىرى، ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق بۇ تەكلىپ لايىھىسىنى شۇنچە پايدىسىز شەرتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىغا قارىماي قوبۇل قىلىشىدۇ. ناۋادا ئىسلام ھەمكارلىقى ھەقىقەتەنمۇ تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك قىلسا، شۇنىڭدەك يەنە ئافغانىستاننى مەركەز قىلغان ھالدىكى بۇ ھەرىكەت مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلىگۈدەك قىلغىنىدا، رۇسىيەلىكلەر بىر چالمىدا بىر نەچچە قۇش ئۇرۇۋالغان بولاتتى. يەنى، بىرىنچى بولۇپ ئەنگلىيەنىڭ بېشىغا بىر مۇنچە بالا تېپىپ بەرگەن بولاتتى. بۇ ھەرىكەتكە ئافغانىستان بىۋاسىتە قاتنىشىپ قالغۇدەك بولسا، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن تاشقى جەھەتتىكى ياردەمگە موھتاج بولۇپ قالىدىغانلىقى مۇقەررەر ئىدى. شۇنداق بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگىنىدە،121 بۇنداق ياردەمنى پەقەت سوۋېت رۇسىيەسىدىنلا تەلەپ قىلالىشى مۇمكىن ئىدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ئافغانىستاننىڭ سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى. ئاخىرىدا يەنە، ئورتا ئاسىيادا رۇسىيەلىكلەرنى قاتتىق ئاۋارىچىلىككە سېلىپ كېلىۋاتقان باسمىچىلار ھەرىكىتىنىڭ نىشانىنى ئەنگلىيەگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى تەرەپكە بۇرىۋېتىشكە بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭدىن سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ خېلىلا ئارام تېپىپ قالغان بولاتتى. بۇنداق بىر ئەھۋال قىسمەنلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىمۇ باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كېتىدىغانلىقى چوقۇم ئىدى. بۇ پىلان زادىلا ئەمەلگە ئاشماي قالغاندىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ ئىشقا بىۋاسىتە ئارىلىشىپ قالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا بىرەر زىيىنىمۇ تەگمەيدىغان بىر ئىش بولاتتى.
جامال پاشا، رۇسلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنىدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت ئېلىۋالغان ئىدى. ئافغانىستان ئەمىرى ئامانۇللا ئەنگلىيەلىكلەرگە قارشى يۈرگۈزگەن كۈرىشىدىن كېيىن دۆلىتىگە قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سۇيىقەست ھەرىكەتلىرىدىن قۇتۇلۇۋالغان بولۇپ، مۇستەقىل دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتلەر تىكلەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۆز تەلەپلىرىنى ئەنگلىيەلىكلەرگە قوبۇل قىلدۇرۇۋالىدۇ. ئامانۇللامۇ شۇ سەۋەبتىن ئەنگلىيەلىكلەر ياخشى كۆرمەيدىغان بىر ھۆكۈمران دەپ تونۇلغان ئىدى. يەنە بىر جەھەتتىن ئىسلام خەلىپىسىنىڭ شەھىرى بولغان ئىستانبۇلنىڭ ئەنگلىيەلىكلەر يېتەكچىلىكىدىكى چەتئەل كۈچلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىشى ئىسلام دۇنياسىدا كۈچلۈك داۋالغۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. داڭلىق مەۋلەۋى مەھەممەدئەلى رەئىسلىكىدىكى خىلافەت جەمئىيىتى (پەيغەمبەر ۋەكىلى جەمئىيىتى، خەلىپىلىك جەمئىيىتى – ئۇ.ت)، “ھوقۇقىي ئوسمانلىيە (ئوسمانلىلار ھوقۇقى) كامىلەن (پۈتۈنلەي) مەھفۇز (بىخەتەر) ھالەتكە كەلگۈچە ھىندى مۇسۇلمانلىرى جىھاد قىلىش كۈرىشىنى توختاتماي داۋاملاشتۇرۇشى لازىم، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ھىندىلار باشقا بىر مۇسۇلمان دۆلەتكە ھىجرەت (كۆچۈش − ئۇ.ت) قىلىشقا مەجبۇر” دەيدىغان پەتىۋا چىقىرىدۇ. شۇنداق قىلىپ يۈزمىڭدىن ئارتۇق ھىندى مۇسۇلمان ئافغانىستان تەۋەسىگە كىرىۋالىدۇ. رۇسىيەلىكلەر بۇ ھىندى ئىنقىلابچىلىرىنى تەشكىللەپ چىقىش ئۈچۈن كابۇلغا ئەۋەتكەن باش ئەلچىخانا ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن بىرگە قوشۇپ ھىندى كوممۇنىست رەھبەرلىرىدىن بىر كىشىنى كابۇلغا ئەۋەتكەن ئىدى. ئەمما ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئۇرۇسلارنىڭ بۇ مەقسەت ئۈچۈن پائالىيەت قىلىشىغا يول قويماي، ئۇ ھىندى يېتەكچىنى گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، جامال پاشا رۇسىيەلىكلەرگە رۇخسەت قىلمىغان بىلەن چوقۇم ماڭا رۇخسەت قىلىدۇ دەپ ئىشىنىپ، ئافغانىستاندىكى ھىندى مۇسۇلمانلىرىنى تەشكىللەپ ئەنگلىيەگە قارشى سەپ ئۇيۇشتۇرالايدىغانلىقىدا چىڭ تۇرىدۇ.
جامال پاشا، 1920- يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئېيى ئوتتۇرىلىرىدا تاشكەنتكە كېلىپ، ئۇ يەردە ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدىكى ھەربىي قوماندان فرۇنزې تەرىپىدىن ھەربىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ. پاشانى كۈتۈۋېلىشقا چىققانلار ئىچىدە تاشكەنتتىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئون كىشى ۋە سىبىرىيىدىكى ئۇرۇش ئەسىر لاگېرلىرىدىن يېقىندىلا كەلگەن 70 كىشى بولۇپ جەمئىي 80 نەپەر تۈركىيەلىك ئوفىتسېرمۇ بار ئىدى.122 جامال پاشا تاشكەنتكە كېلىپ تۇرغان ئىككى يېرىم ئاي ۋاقىت جەريانىدا ئورتا ئاسىيالىق جەدىتچىلەر بىلەن، ئۇ يەردىكى ئىتتىھات- تەرەققىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە بۇ تەرەپلەردىكى ئۇرۇش ئەسىرى بولغان تۈركىيە ئوفىتسېرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ چىقىدۇ. بۇ جەرياندا ئافغانىستانغا بىرلىكتە ئېلىپ كېتىش مەقسىتىدە ھەر تۈرلۈك ھەربىي ساھەلىرى بويىچە بىلىمى بار تۈركىيەلىك ئوفىتسېرلاردىن 15 نەپەر كىشىنى تاللىۋالىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە خىۋەدە يېڭىدىن قۇرۇلغان خارەزم خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ھەربىي، مەمۇرىي ۋە تەلىم- تەربىيە ئىشلىرى ساھەلىرىدە ئىشلەيدىغانغا يەنە 15 نەپەر تۈركىيەلىك ئوفىتسېر ئەۋەتىش ھەققىدە ئۇرۇسلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىۋالىدۇ. جامال پاشا، ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئافغانىستان سەپىرى ئۈچۈن بارلىق تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ، يېنىغا 14 نەپەر تۈركىيەلىك ئوفىتسېر، 9 نەپەر ئورتا ئاسىيالىق ئەسكەر ۋە ھىندى ئىنقىلابچىلىرىدىن مەۋلەۋى بەرەكەتۇللاھ ئەپەنلەرنى ئېلىپ يولغا چىقىدۇ.
جامال پاشا تاشكەنتتىن ئايرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇخارادا ئەمىرلىك ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ياش بۇخارالىقلار تەرىپىدىن بىر خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، خارەزم خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ئەۋەتىلىش ئۈچۈن تاللانغان ئوفىتسېرلاردىن 9 نەپىرى بۇخاراغا، قالغان 6 نەپىرى خارەزمگە ماڭدۇرۇلىدۇ. ئۇلاردىن ئېشىپ قالغان ئوفىتسېرلارنىڭ بىر قىسمى تاشكەنتتە قالدۇرۇلۇپ، يەنە بىر قانچىسى پەرغانە رايونىغا، يەنە بىر قانچىسى باكۇغا ئەۋەتىلگەن ئىدى. ئەنە شۇ ئوفىتسېرلاردىن بىرى بولغان راجى چاقىرئۆز، كۈندىلىك خاتىرە دەپتىرىدە جامال پاشا بىلەن كۆرۈشۈشلەردە ئۇنىڭ ئىككى يوللۇق بىر پىلان تۈزگەنلىكى ھەققىدە توختىلىدۇ:
جامال پاشا، ئافغانىستان ئارمىيىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ھىندىستاندا ئەنگلىيە چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش سېپى تەشكىللەش مەقسىتىدە ئافغانىستانغا قاراپ يولغا چىققان ئىدى. بۇ پىلان، موسكۋا تەرەپنى بەكلا خوش قىلىدىغان ۋە ئۇلار تەرىپىدىن قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە ئېرىشكەن بىر پىلان ئىدى. ئەمما ئۇرۇسلار بىلمەيدىغان ئىككىنچى باسقۇچلۇق بىر پىلانمۇ بار بولۇپ، ئۇ پىلان بويىچە جامال پاشا ھىندىستاندا قوزغايدىغان ھەرىكەتلەر مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكۈدەك قىلغىنىدا، بۇ قوزغىلاڭنى جامال پاشا شىمالىي تەرەپلەرگە، يەنى ئورتا ئاسىيا تەرەپلەرگە كېڭەيتىش، شۇنداق قىلىپ ئورتا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا،123 بولۇپمۇ پەرغانە ۋادىسىدا سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى قانات يېيىۋاتقان باسمىچىلىق نامىدىكى قوراللىق مۇستەقىللىق كۈرىشىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىشنى مەقسەت قىلماقتا ئىدى. …
جامال پاشا، ئۆزىنىڭ موسكۋا دائىرىلىرىدىن مەخپىي تۇتۇپ كەلگەن ئىككىنچى باسقۇچلۇق پىلانىنى نۆۋىتى كەلگىنىدە ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە بۇخارا ئەمىرلىكى، پەرغانە رايونى ۋە خىۋە تەۋەلىرىگە تۈركىيەلىك ئوفىتسېرلارنى ئەۋەتىپ يەرلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئارىمىزدىن ئۇ جايلارغا ئەۋەتىلىدىغان كىشىلەرنى تاللاپ چىققان ئىدۇق.
بۇ خىل ئادەم تاللاشتا، ھەرقايسى رايونلارغا ئەۋەتىلىدىغان تۈركىيەلىك ئوفىتسېرلارنى ئىمكان بار ئارمىيىنىڭ ھەرقايسىبۆلۈملىرىدىن (زەمبىرەكچىلەر، ئىستىھكامچىلار قاتارلىق) تاللىنىشىغا دىققەت قىلاتتۇق. شۇنداق قىلىپ ھەر بىر گۇرۇپپا تۈركىيەلىك ئوفىتسېرلار ئۆز تەۋەسىدە ئارمىيە قىسىملىرىنى تەشكىللىيەلىگىدەك ئىقتىدارىغا ئېرىشەلىگەن بولاتتى (بۇ ئوفىتسېرلاردىن بۇخاراغا ئەۋەتىلگەنلەردىن مىڭبېشى  − مايور، − ئوسمان ئەپەندى  − خارپۇتلۇق − مەسئۇللۇقىدا يۈزبېشى − كاپىتان − ئىمىن ئەپەندى، ئۈستەغمەن − لىتېنات − نافى − ماناستىرلىق −، زاپاس ئوفىتسېر مەھمەت ئاياشلى، زاپاس ئوفىتسېر خېلىل − بارتىنلىق −، مىلتىقچى ئارىپ ۋە سەئىت جامال − مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى − قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپقىنىغا ئوخشاش. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
جامال پاشا كابۇلغا بارغىنىدا بىر مەزگىل ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتىپ كېتىۋاتقان زىيا، رىفات دېگەن ئىككى تۈركىيەلىك ئوفىتسېر بىلەن ئۇچرىشىدۇ. جامال پاشا بۇ ئوفىتسېرلاردىن مۇستاپا كامال پاشاغا بىر پارچە خەت يېزىپ ئەۋەتىدۇ. جامال پاشا بۇ خېتىدە، ئافغانىستان ئەمىرى مۇنتىزىم بىر ئارمىيە تەشكىللىۋېلىشى ئۈچۈن مۇستاپا كامال پاشادىن ياردەم سوراپ، بۇ ئىشىغا كېرەكلىك ئوفىتسېرلاردىن ئەۋەتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغانىكەن.
مۇستاپا كامال پاشا قانات يايدۇرۇۋاتقان مۇشەققەتلىك كۈرەش جەريانىدا دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر قىيىنچىلىقلىرىغا قارىماي بۇ ئىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەت مۇداپىئە رەئىسى فەۋزى پاشاغا ئافغانىستان ئارمىيىسىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن بىر ئوفىتسېرلار ھەيئىتى تەشكىللەپ چىقىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. ئاتاتۈرك ئۆز قولى بىلەن يازغان بۇ بۇيرۇقتا، بۇ ئۆمەك ئەنگلىيەلىكلەرنى يىراق يەرلەردە ئاۋارە قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئانادولۇغا كېلىۋاتقان بېسىملارنى ئازايتىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. شۇنىڭدەك، ئافغانىستانغا ئەۋەتىلىدىغان ئوفىتسېرلار ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىدە بولغان مەزگىللەردە ئۆستۈرۈش ۋە مائاش بەلگىلەش ئىشلىرى تۈركىيە ئارمىيىسى شتاتى بويىچە ھەل قىلىنىشى كېرەك دەپ بۇيرۇق بېرىدۇ (ئاتاتۈركنىڭ 1920- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنىدىكى ئۆز قەلىمى بىلەن فەۋزى پاشاغا يېزىپ ئەۋەتكەن بۇ ھۆججەت، ئازادلىق ئۇرۇشى جەريانىدا بۇ ئۇلۇغ داھىيىڭ ئافغانىستان ۋە ئورتا ئاسىيا رايونلىرىدىكى ۋەزىيەتكە ھەمدە تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋەزىيەتلەرگە قانداق قارايدىغانلىقىدىن خەۋەردار بولۇشىمىز نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ماتېرىيال. بۇ ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئاتاتۈرك، جامال پاشانىڭ بۇ رايونلاردا قانات يايدۇرۇۋاتقان پائالىيەتلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن، تۈركىيەلىك ئوفىتسېرلار تەرىپىدىن يېتىشتۈرۈلىدىغان قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئۇ رايوندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تۈركلۈك ۋە تۈركىيە پايدىسى ئۈچۈن پايدىلىق ئىمكانىيەتلەر يارىتىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان. ئۇ خەتنىڭ ئەسلى نۇسخىسى مۇنداق ئىدى: “مۈدافا ۋە مالىيەمىز ئىجاباتى ئىلە قابىلى تەلىف بولغان تەقدىردە ئافغان ئارمىيىسىنى تەنسىق قىلىش ئۈچۈن بىر ھەيئەتى زابىتانىڭ ئىزامىنى ئەھەم ۋە ئەلزەم كۆرمەكتىمەن. جەمال پاشانىڭ مەربۇت مەكتۇپىدا زىكرەتىلگەن ۋەچھىدە، بۇنىڭ ئىتىقبالدە ئانادولۇ ئۈستىگە چۈشكەن بارى ساقىلى تاھفىفقا يارىغىدەك نۇكۇئاتى ئاتىيەگە رىيايەت قىلىنغان تەقدىردە ئاسيايى ۋۇستادا ئەمرىمىزگە ئامادە قۇۋۋەتلىك بىر ئارمىيىگە مالىك بولالىشىمىز خۇسۇسۇ ئالاھىدە تەمىن قىلىنغان ۋە شۇنداق قىلىپ ھەر ئىجابەت قىلغان ۋاقىتتا ئاناۋەتەنى گاۋائىلى ئۇرۇشتىن سىيانەت ئۈچۈن ئىنگلىزلارنى تېخىمۇ يىراقلاردا ئىشغال قىلىش ئۈچۈن بىر ۋاسىتە قولغا كەلتۈرگەن بولىمىز. فىكىرى ئاجىزانەمەگە قارىغاندا بۇ ھەيئەتى تەشكىل قىلىدىغان زابىتانىڭ ئىنتىخابىندا ۋە ئۆزلىرىگە بېرىلىدىغان تەلىماتتا زىردەكى نۇقۇئات نازارى دىققەتكە ئېلىنىشى لازىم. ئەۋۋەلەن: بۇ ھەيئەتنىڭ بىدايەتتە قەتئىيەن سىياسەت بىلەن ئىشتىغال قىلماستىن پەقەت ۋەزىفەئىي ئەسكەرىيەسىنى ئىفا ۋە ئۆزىنى مەيلى ئافغان ۋە مەيلى ئورتا ئاسىيا ۋە بۇخارا ئاھالى ۋە ئەسكەرلەرىگە فەۋقۇلئاددە سۈيۈندۈرىشى؛ سانىيەن: بارىدىغان زابىتانىڭ زاھىرەن ئافغان ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەملىرى بولغاندەك كۆرۈنۈش بىلەن بەرابەر دائىما ۋە ھەر خالۈكارادا تۈركىيە ھۆكۈمەتىنىڭ بىلجۈملە ئەۋامىرىگەتەۋە بولىدىغان ئەخلاق ۋە مەتانەتتە ئىنتىخاپ قىلىنىشى ۋە بۇنى بىر دەرەجەگىچە تەمىن زىمنىندا ئافغانىستان خىزمىتىدە بولۇۋاتقان مۇددەتتە ئۆستۈرۈلۈش ۋە باشقا خۇسۇساتتا تۈركىيە ئارمىيىسى شتاتىغا تەۋە قىلىنىشى؛ سالىسەن: ئىشبۇ ھەيئەت ئىلە سىملىق ۋەيا سىمسىز تەلگراف مۇھابەراتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تىرىشىشى؛ رابىئەن: ئافغانىستان مۇدىرانئى ئۇمۇرۇ سىرتىدا ھىلىلىلەر سايەسىدە ئىسلامىيەت ۋە تۈركلۈكنىڭ مەنافىئىغا مۇغەيىر بىر سۈرەتتە ھەرىكەتلەرىگە توسقۇن بولالىغۇدەك ۋە ئىسلام ۋە تۈرك مەنافىئىسىگە خادىم بىر ئافغان ھىزبى مەۋقىئى ئىقتىدارغا كەلتۈرەلىگىدەك دەرىجىدە قاۋى بىر ئورۇن ئىگىلەش؛” ئاتاتۈركنىڭ مىللىي تاشقى سىياسىتى. 1- توم، 218~ 219، ھۆججەت نومۇرى: 36. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).124
جامال پاشا ئافغانىستانغا كېلە- كەلمەيلا ئەمىر ئامانۇللا بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزىنىڭ پىلانىنى پۈتۈن تەپسىلاتى بىلەن ئۇنىڭغا سۇنىدۇ. بۇ كۆرۈشۈش جەريانىدا، ئەمىر ئامانۇللا ئافغانىستان بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان،125 ئەمما تېخى تەستىقلانمىغان كېلىشىمنامە بىلەن ئەنگىلىيىلىكلەر بىلەن تۈزگەن كېلىشىم ئورىگىنالىنى جامال پاشانىڭ ئالدىغا قويۇپ ئۇنى بىرلىكتە باھالاپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمىر شۇ ئارقىلىق بەلكىم جامال پاشانىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان بۆلىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتىكى مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، ئەمىر ئامانۇللا ھىندىستاندىكى ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئافغانىستاندا تۇرۇۋاتقان ھىندى ئىنقىلابچىلىرىنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە ھەربىي تەلىم- تەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرگە يار- يۆلەك بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ھېسابىغا ئافغان ئەمىرى يۈز مىڭ كىشىلىك ئافغان ئارمىيىسىنى تەشكىللەپ قوراللاندۇرۇپ چىقماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئەنگىلىيىلىكلەر ئىشقا سېلىشى ئېھتىمال بولغان بىرەر ئىقتىسادىي چەكلىمىگە (ئامبارگو، ئېمبارگو − ئۇ.ت) تاقابىل تۇرالىشى ئۈچۈن ھەر يىلى 20 مىليون رۇبلى قىممىتىدە ماددىي ياردەم بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى. جامال پاشا، ئورتاق كېلىشىمگە كەلگەن نۇقتىلاردىن خەۋەردار قىلىش، بۇلارنى تەستىقلاتقۇزۇش ئۈچۈن بەدىرى ئەپەندىنى موسكۋاغا ئەۋەتىدۇ. بەدرى ئەپەندى قاراخان، چىچەرىن ۋە ستالىنلار بىلەن كۆرۈشۈپ جامال پاشانىڭ ئىۋەتكەن دوكلاتىنى ئۇلارغا سۇنۇش بىلەن بىرگە ئۇلارغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، موسكۋا دائىرىلىرى ئۆز چېگراسىنىڭ يېنىدا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزلىرىگە قارشى ئىشقا سېلىنىشى ئېھتىمال بولغان زور بىر قوراللىق كۈچنى ئۆز قوللىرى بىلەن قۇرۇپ بەرگىدەك ساددا كىشىلەردىن ئەمەس ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، سوۋېت رەھبەرلىرى بۇ تەكلىپنى مۇنداقلا ئاڭلاپ قويۇش بىلەن چەكلىنىپ، جامال پاشانىڭ بۇ لايىھىسىنى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇشىدۇ. بىر مەزگىل ساقلاپ باققان جامال پاشا، سوۋېت رۇسىيەسىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ قورال ياردىمى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن گېرمانىيەدىن ئۈمىد كۈتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.
بۇ ئارىدا، جامال پاشا بىلەن يېنىدىكى ئوسمانلىلار ئوفىتسېرلىرى ئافغان ئارمىيىسىنى رەتكە سېلىش ۋە ھەربىي تەلىم- تەربىيە بېرىش جەھەتتىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىۋېتىدۇ. ھەر بىرىگە بىرەردىن تۈركىيەلىك كوماندىرى قويۇلغان نەمۇنە روتىلارنى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ ئوفىتسېرلار يەنە ھەربىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ھىندى ئىنقىلابچىلىرىغىمۇ ھەربىي تەلىم- تەربىيە بەرمەكتە ئىدى. جامال پاشا، باسمىچىلار يېتەكچىسى شىر مۇھەممەتبەگنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئافغان ھۆكۈمىتى خانئاباد شەھىرىدە ئېچىپ بەرگەن قۇربېشىلار مەكتىپىگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ياردەملىشىش ئۈچۈن ئۇ يەرگىمۇ تۈركىيەلىك ئوفىتسېرلارنى ئەۋەتكەن ئىدى. يەنە بىر جەھەتتىن، جامال پاشا پەرغانە بىلەن پامىر رايونلىرىدىكى ئۇرۇسلارغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان باسمىچىلارنى ئەنگلىيەلىكلەرگە قارشى پايدىلىنىش ئۈچۈن ھىندىستان تەرەپكە قاراپ يۈزلەندۈرۈش ئارزۇسىدا ئىدى. شۇڭا ئوفىتسېرلىرىدىن راغىپ ئەپەندىنى ھەمدە ئورتا ئاسىيالىق قارى كامىلنى باسمىچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ كېلىش ئۈچۈن تاشكەنتكە يولغا سالىدۇ.126 بۇ ئۆمەكنىڭ جامال پاشا نامىدا ئېلىپ بارغان “قورالىڭلارنى ھەمدە تەشكىلاتىڭلارنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن ئۇرۇسلار بىلەن سۈلھى قىلىڭلار” دېگەن تەكلىپى باسمىچىلار ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. باسمىچىلىق ھەرىكىتىنى سىياسىي ئاساسقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ئورتا ئاسىيا مىللىي ئاۋام ئىنقىلابىي جەمئىيەتلەر ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتى، جامال پاشاغا بىر پارچە خەت ئەۋەتىپ ئۇنىڭ “بۇ رايوندا ئىشقا سېلىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئورتا ئاسىيانىڭ كېلەچىكىنى ۋەيران قىلغۇچى، ئىسلام دۇنياسىنى پارچىلىماقچى بولغان كۈچلەرگە خىزمەت قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى” ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
جامال پاشانىڭ سوۋېت رۇسىيەسىدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرى يوققا چىقىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئۇ گېرمانىيەدىن ئۈمىد قىلىپ، ئەنۋەر پاشانىڭ گېرمانىيە ھەربىي قوماندانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىن پايدىلىنىش ئارزۇسىدا ئىدى. ئۇنىڭ 1921- يىلى 4- ئاينىڭ 29- كۈنى كابۇلدا تۇرۇپ ئەنۋەر پاشاغا يازغان خېتى مۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرمەكتە (يامائۇچى، «رەنجىگەن ئادەم − ئەنۋەر پاشا»، 197- بەت. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). بۇ مەكتۇپتا كۆرسىتىلىشىچە، ئافغانىستان ئەمىرى قورال ياردىمى ئېلىش ئۈچۈن 400 مىڭ ئەنگلىيە ئالتۇنى ئايرىغان بولۇپ، بەدرى ئەپەندىنى بۇ ھەقتىكى سۆھبەت ئىشىغا مەسئۇل قىلغان ئىدى. ئەگەر بۇ ئىش ئەمەلگە ئېشىپ قالغۇدەك بولسا، ئافغانىستاننىڭ رۇسىيەگە ياكى ئەنگلىيەگە موھتاج بولۇپ قالمايدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا چىققان بولاتتى. بۇ مەقسەتتە ئەنۋەر پاشانىڭ گېرمانىيەدىكى تونۇشلىرىدىن گېنېرال فون سېكت بىلەن گېنېرال كرېستىن پايدىلانماقچى بولىدۇ. ئەپسۇسكى، ۋېرساي شەرتنامىسى تۈپەيلىدىن نېمىسلارمۇ قورال بىلەن تەمىنلەش جەھەتىدە ئۆز بېشىغا ھەرىكەت قىلالىغۇدەك ئىمكانىيەتلىرى يوق ئىدى. قورال بىلەن تەمىنلەش ئىشى ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردىمۇ نېمىسلاردىن ئالغان قورالنى سوۋېت رۇسىيە تۇپرىقى ئارقىلىق ئافغانىستانغا توشۇپ كېلىشتىن باشقا يولمۇ يوق ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە موسكۋانىڭ تەستىقىنى ئېلىشقا توغرا كېلەتتى. ئەسلىدە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىشلار بولۇپ، بۇ ئىشلارنىڭ ھېچبىرى ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ.
بۇ ئارىدا، يەنى 1921- يىلى 2- ئاينىڭ 28- كۈنى سوۋېت- ئافغان شەرتنامىسى ئىمزالىنىدۇ. ئىمزالانغان بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن، غەزنە بىلەن قەندىھار شەھەرلىرىدە رۇسىيە كونسۇلخانىسى ئېچىلىدىغان (5- ماددا)، بۇخارا بىلەن خىۋە جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ھوقۇقلىرى قوغدىلىدىغان (8- ماددا)، ئۆتكەن ئەسىردە ئافغانىستاندىن تارتىپ ئېلىنغان بەزى يەرلەر ئافغانىستانغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىدىغان ۋە رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئافغانىستانغا ئىقتىسادى ياردەم بېرىدىغان بولىدۇ. ئەمما بۇ شەرتنامىنىڭ بەزى ماددىلىرىغا دائىر ئىشلارنى ئىجرا قىلىشتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭمۇ بىر قىسىم قىيىنچىلىقلىرى بار ئىدى.127 ئافغانىستان تەرەپ كونسۇلخانىلارنىڭ ئېچىلىشى مەسىلىسىدە، سوۋېت تەرەپ بولسا چېگرا رايونلىرىنىڭ قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشى مەسىلىسىدە بەك قىزغىن ئەمەس ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە، تۈركىيەلىك كوممۇنىست مۇستاپا سۇپھى تەرىپىدىن يېتىشتۈرۈلۈپ ھىندىستانغا قارشى پائالىيەت قىلىش مەقسىتىدە ئافغانىستانغا ئەۋەتىلگەن سوۋېت تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ ئافغانىستان خەلقى ئارىسىدا تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللىنىشلىرى ئافغان ھۆكۈمدارلىرىنى بەكلا ئەنسىرىتىپ كەلمەكتە ئىدى. نەتىجىدە، ئافغانىستان ھاكىمىيىتى ئابدۇرراب رەئىسلىكىدىكى بۇ تەشۋىقاتچىلار گۇرۇپپىسىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
شەكىللەنگەن بۇنداق بىر ۋەزىيەت، ئافغانىستان دائىرىلىرىنى ئەنگلىيە تەرەپكە يېقىنلاشتۇرۇشقا يۈزلەندۈرمەكتە ئىدى. بولۇپمۇ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى مەخمۇت تارزى بىلەن ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى شۈجائۈددەۋلە ئىككىسى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا قارشى چىقىپ، ئەنگلىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈش كېرەكلىكى ھەققىدە پىلان قىلىۋاتماقتا ئىدى. ھەتتا بۇ مەسىلە ئۈستىدە جامال پاشا بىلەن مەخمۇت تارزى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق بىر مۇنازىرىمۇ بولۇپ ئۆتىدۇ. پاشا، تارزىغا “يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتىڭىز پۈتۈنلەي خاتا بىر سىياسەت، رۇسىيە بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىڭىزنى ئۈزۈپ ئەنگلىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىڭىز مۇستاپا كامال پاشا، ئەنۋەر پاشا ۋە باشقا ئىسلام مۇجاھىدلىرىغا قارشى چىققانلىق ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئىسلام دۇنياسىغا خائىنلىق قىلغانلىق بولىدۇ” دەپ جېكىلەيدۇ. جامال پاشانىڭ بۇ دېگەنلىرىگە قارىتا ئافغانىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى مەخمۇتخان تارزى (مەخمۇت تارزى، ئابدۇراخمانخان ئەمىرلىك قىلغان ۋاقىتلىرىدا، يەنى 1881~1901- يىللىرى، يېڭىلىقچى ئىدىيىسى سەۋەبىدىن ئافغانىستاندىن قېچىپ ئوسمانلىلار دۆلىتىگە پاناھلىق تىلەپ بېرىپ، كېيىن شامغا ئورۇنلىشىپ شۇ يەردىن ئۆيلەنگەن بىر سىياسەتچىدۇر. 1901- يىلى ھەبىبۇللاخان ئەمىر بولغىنىدىن كېيىن ئافغانىستانغا قايتىپ كېلىپ يېڭى ئەمىرنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان ئىدى. بۇ جەرياندا قىزى سۈرەييانى ئەمىرنىڭ نىكاھىغا بېرىپ ئۇنىڭ قەينى ئاتىسى بولغان ئىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. 1928- يىلى بەچچەئىي ساقا قوزغىلىڭى ۋاقتىدا قايتىدىن ئافغانىستاندىن ئايرىلىپ تۈركىيەگە پاناھلىق تىلەپ بېرىۋالغان ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) نىڭ سۆزلىرى بەكلا ئېنىق ئىدى:
بىز ئالدى بىلەن ئافغانىستان مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇشقا مەجبۇرمىز. رۇسىيەنىڭ مۇسۇلمانلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى ھەممىگە مەلۇم. شۇنداق ئىكەن، بىزنىڭ ئۇلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىمىز بىزگە زىيانلىق بىر ئىش دەپ قارايمىز. ئەمما سىزمۇ ئانادولۇنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلارغا خىزمەت قىلماقچى، شۇ ئارقىلىق بىزنىمۇ شۇ سىياسەت تەرىپىدە تۇرۇشقا مەجبۇرلىماقچى بولۇۋاتىسىز. بىزنىڭ مۆلچەرلىشىمىزچە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشى تۈگىدى. ئانادولۇنىڭ ھېچقانداق تەرتىپى، قىممىتى قالمىدى. بىز ئانادولۇ ئۈچۈن ئۆزىمىزنى خەتەرگە ئاتالمايمىز. شۇنىڭدەك سىزگىمۇ شۇنى مەسلىھەت قىلىمەنكى، شۇ رۇسىيەلىكلەرنى ئۆز ھالىغا تاشلاپ، ئەنگلىيەلىكلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت تىكلەشكە تىرىشىڭ. شۇنداقتا سىزمۇ قۇتۇلۇپ قالالايسىز، گەپ تامام.128
بۇنداق بىر ئەھۋالدا، ئەگەر ئافغانىستانغا رۇسىيەنىڭ ياردىمىنى كەلتۈرەلمىگەندە ئەنگلىيە- ئافغانىستان تەڭ- باراۋەرلىك كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن جامال پاشا، سوۋېت رەھبەرلىرى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈش ۋە ئۇلارنى قايىل قىلىش مەقسىتىدە موسكۋاغا بېرىش قارارىغا كېلىدۇ. ئەگەر لازىم بولغىنىدا گېرمانىيەگە بېرىپ قورال ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆزى بىۋاسىتە تىرىشىپ باقماقچى بولىدۇ. ئەنۋەر پاشا بۇخاراغا كەلگەن 1921- يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا، جامال پاشا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈۋېلىش ئۈچۈن تاشكەنت ئارقىلىق موسكۋاغا بېرىش يولىنى تاللىغان ئىدى. ئەمما رۇسىيەلىكلەر ئىككى ئىتتىھاتچى داھىينىڭ ئۆزئارا كۆرۈشۈشىگە يول قويمايدۇ. ئامالسىز قالغان جامال پاشا، موسكۋاغا، ئۇ يەردىن ياۋروپاغا ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىز قېلىپ قۇرۇق قول قايتىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ جەرياندا مۇستاپا كامال پاشا بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ ئۈزۈلۈپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى.
ئەسلىدە ئەنقەرە رەھبەرلىكى جامال پاشاغا، سەل ئىلگىرىسىگىچە ئەنۋەر پاشا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ ئافغانىستاندىكى پائالىيەتلەرنى رەتكە سېلىۋالالىسا ئۇنىڭغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. مۇستاپا كامال پاشا موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئېلى فۇئات پاشاغا ئىۋەتكەن شىفىرلىق تېلېگراممىسىدا، ئۇ ۋاقىتلاردا ئەنقەرە ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى پائالىيەتلەرگە ياردەم قىلىشنى توختاتمىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە:
تېلگرافنامەڭىزنى 1921- يىلى 8- تەشىرىنىسانى (نويابىر) كۈنى يىگىرمە ئىككى كۈندە تاپشۇرۇپ ئالدىم. جامال پاشا بۈگۈنگىچە كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان سەمىمىيىتىنى داۋاملاشتۇرغىنىدا ئۇنىڭغا ياردەم ئىۋەرتىشىمىز مۇمكىن. ھەر ھالدا ئەنۋەر پاشا قاتارىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزگەن بۆلىشى كېرەك. بۇنى ئۇنىڭ ئۆزىگە مېنىڭ نامىمدا ئوچۇق ئۇقتۇرۇپ قويغايسىز. مەدىنە مۇھاپىزەتچىسى فاخرەتتىن پاشانى ئافغانىستانغا باش ئەلچى قىلىپ تەيىنلىدۇق. جامال پاشانىڭ ئافغانىستاندىكى قىلغان خىزمىتىنى ئاستا- ئاستا خەلققە ئۇقتۇرۇپ ئۇنىڭ ئورنىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىمىز. ھازىرغىچە بولغان ئىشارەتىنى ئاق نىيەتلىك پىكىر ھەمدە مۇمكىن بولىدىغانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كەلدىم. ئۇنىڭدىن تېلېگراف ۋە ئىشارى دەۋلەتىڭىزگە كۈتىمەن. … مۇستافا كەمال.
ئەمما بۇ كونا بۇيرۇقۋازلىققا كۆنۈپ كەتكەن پاشانىڭ ئەنقەرەنى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى بىر ئورگان دەپ تۆنىشى ھەمدە رۇسىيەلىكلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدە ئەنقەرە ھۆكۈمىتى نامىدا سۆزلەپ يۈرىدىغان ئادىتىدىن مۇستاپا كامال پاشا رەنجىيدۇ. شۇڭا يۇقىرىدىكى تېلېگراممىنى ئەۋەتىپ بىرەر ئايمۇ ئۆتمەي ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى توختىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ.129 مۇستاپا كامال پاشا موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى ئېلى فۇئات پاشاغا ئىۋەتكەن شىفىرلىق خېتىدە بۇ مەسىلىنى ئوچۇق ئېيتىدۇ:
ئاخىرەن ئەنقەرەگە مۇۋاسالات قىلغان (يېتىپ كەلگەن) ئۇكرائىنا ھەيئەتى رەئىسى يولداش فرۇنزې بىلەن جەمال پاشانىڭ ئىۋەتكەن بىر مەكتۇپىدا بىزنىڭ ۋەزىيەت ۋە ئەفكارىمىز بىلەن قابىلى تەلىف بولمىغان ۋە ھازىرغىچە كونا زىھنىيەتىنىڭ ئىدامەسىگە تەۋە تەۋىسىيەلىرىدىن بىلىنگىنىگە نازارەن تىلغا ئېلىنغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ھۆكۈمەتىنى كەيف ۋە ئارزۇغا كۆرە سەۋك ۋە ئىدارە قىلىنىدۇ دەيدىغان ماھىيەتىدە كۆرمەكتەدىر. مەن، خەلقنى ئىتتىھات ۋە تەرەققىي بايراغى ئاستىغا دەۋەت قىلالمايمەن. ئەنقەرەگە نەسىھەت بېرىش ئەمەس، ئەنقەرەنىڭ تامامەن نوقتەئى نەزىرى ۋە تەلىماتى دائىرەسىدە ھارەكەت قىلىش بىلەن پايدىلىق بولالايدىغانلىقىنى ۋە شۇنداق قىلىپ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشىگە قەدەر ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشىمنىڭ ئۇيغۇن بولمايدىغانلىقىنى تەبلىغ قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن.
شۇنداق قىلىپ، جامال پاشا ئۈچۈن ئانادولۇنىڭ يولىمۇ تاقالغان ھېسابلاندى.
ئەنۋەر پاشانىڭ باسمىچىلارغا قوشۇلۇپ كەتكەنلىكى رۇسىيە دائىرىلىرىنى بەكلا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. يەنە بىر جەھەتتىن مەيلى داۋام قىلىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش بولسۇن ياكى ئەنگلىيەنىڭ يولغا قويۇۋاتقان ئىقتىسادى چەكلىمىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىيىنچىلىقلار بولسۇن، رۇسىيەنىڭ ئافغانىستاندىن ھىندىستانغا ھەرىكەت قوللىنىش پىلانلىرىنى پۈتۈنلەي قىممىتى يوق ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئانادولۇدىكى مۇستاپا كامال ھۆكۈمىتى ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملىۋالغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە، رۇسىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى پىلانلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىتتىھات تەرەققىي گۇرۇپپىسىدىكى ئەزالارنى ساقلاپ يۈرۈشنىڭ ھېچقانداق قىممىتى قالمىغاندەك كۆرۈنمەكتە ئىدى.
جامال پاشا موسكۋادا بىر مەزگىل تۇرۇپ ئافغانىستانغا كېرەكلىك ياردەم ئېلىش ئۈچۈن يول مېڭىپ باققان بولسىمۇ ھېچقانداق بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇ ۋاقىتلاردا، ھۈسەيىن جاھىت ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر سۆھبەتتە “غايىسىنىڭ ھىندىستاندا ئەنگلىيەلىكلەرگە قارشى بىر ئىسيان چىقىرىشقا تەييارلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، ئەمما ئەنۋەر پاشانىڭ ئورتا ئاسىيادا پائالىيەت قىلىشى بەكلا چوڭ خاتالىق ئىكەنلىكىنى،130 شۇڭا قايتىدىن ئافغانىستانغا قايتىپ بېرىپ بۇرۇن باشلاپ قويغان ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەنۋەر پاشانىمۇ ئافغانىستانغا ئاپىرىۋېلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى” ئېيتقان. يەنە شۇ ھۈسەيىن جاھىت ئەپەندىگە ئەۋەتكەن، كېيىنكى يىللاردا «تونۇلۇش» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر مەكتۇبىدىمۇ مۇنۇلارنى يازىدۇ:
ئەنۋەرنىڭ بۇ خاتالىقى تۈپەيلىدىن ھىندىستان ئىنقىلابىنى قوزغاش يولىدىكى ئىككى يىللىق ئىشىم ئاستىن- ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. مانا ئەمدى رۇسىيەلىكلەر بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ ھېچقانداق بىر ئىمكانىيىتى قالمىدى. ئەمدى رۇسىيەدىن پۈتۈنلەي ئايرىلماقچىمەن. ئېھتىمال ئافغانىستانغا قايتىپ كېتىشىم مۇمكىن. ئەمما تىبىلىسقا بېرىپ ئۇ يەردىن تېلېگراف ماشىنىسىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ مۇستاپا كامال پاشا بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىپ ئېنىق بىر ھەرىكەت پىلانى تېپىپ چىقىپ ئىران يولى ئارقىلىق ئافغانىستانغا قاراپ يولغا چىقماقچىمەن. بۇ ئىشلاردىن، نېمە بۆلىشىدىن قەتئىي نەزەر ھىندىستاندا ئىنقىلاب قوزغاش ئويۇمدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىمنى، نېمە بۆلىشىدىن قەتئىي نەزەر ئافغانىستانغا قايتىپ بارىدىغانلىقىمنى قاراخانغا ئېيتتىم. ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنۋەر بىلەن كۆرۈشكەنگىچە بولغان ئارىلىقتا رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ھەرەكەتنى توختىتىپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان بولساممۇ ئۇلار قوبۇل قىلىشمىدى. مەن ھەم يۇرتۇم ئۈچۈن، ھەم شەرق ئەللىرى ئۈچۈن سالامەت يولى ئافغانىستاندىن باشلىنىدۇ دەپ ھېسابلايمەن. ھىندىستان ئىشلىرى تەخىر قىلىنسا ئافغانىستان ئىشلىرى بىلەن ئۇ يەردە ئارمىيە قۇرۇپ چىقىش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەكچىمەن.
ئەنۋەر پاشا باسمىچىلار سېپىغا ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن تەڭ، سوۋېت رەھبەرلىرىنىڭ ئىتتىھات ۋە تەرەققىي يېتەكچىلىرىگە بولغان كۆزقاراشلىرىمۇ پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن ئىدى. ئۇرۇسلار، جامال پاشانىڭ  ئۆزلىرىنى ئەخمەق قىلىپ يۈرگەنلىكىنى، ئافغانىستانغا بارار- بارمايلا ئۇ يەردىكى ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەنۋەر پاشاغا قوشۇلۇپ كېتىدىغانلىقى ياكى بولمىسا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا ئىدى. شۇ سەۋەبتىن جامال پاشانىڭ ئافغانىستانغا بېرىشىنى چەكلەش ئويىغا كېلىشكەن ئىدى. بۇ ۋاقىتتا، چىچەرىن شۇ كۈنلەردە موسكۋادا تۇرۇۋاتقان خېلىل پاشانى يېنىغا چاقىرىپ “ئىتتىھاتچى داھىيلارنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇپ قېلىشى ئۇلار ئۈچۈن بىرەر مەسىلە پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى، ئەمما رەت قىلغىلى بولمايدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئورۇننىڭ چىڭ تۇرۇۋالغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ رۇسىيەدىن چىقىپ كېتىشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى” ئۇقتۇرىدۇ. خېلىل پاشا ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرە دەپتىرىدە بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ ئەنقەرە ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى گەپ ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ چىچەرىندىن ئېلىۋالغانلىقىنى يازىدۇ.
تارىخ نۇرغۇنلىغان تەساددىپىلىقلارغا تولۇپ تاشقان ئىكەن. ئەگەر جامال پاشا ئافغانىستانغا بېرىش پىلانىدا چىڭ تۇرۇۋالماي،131 خېلىل پاشادەك ھەرقانداق بىر ياۋروپا دۆلىتىگە كەتكەن بولسا، بەلكىم ھايات قالغان بولار ئىدى. خېلىل پاشانىڭ يازغانلىرىدىن قارىغاندا، سوۋېت مەركىزى شۇراسىدا ئىشلەيدىغان يېقىن بىر دوستى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ “شۇرا مەركىزىدە جامال پاشانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىلىق قارار ئېلىندى. … ئەمما بۇ ئىش موسكۋادا ئىشقا ئاشماي تىبىلىستا ئىجرا قىلىنىش قارار قىلىندى. …” دەپ ئېيتقان ئىكەن. خېلىل پاشانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالمىغان جامال پاشا تىبىلىسقا كېلىدۇ. بىر مەزگىل ئۇ يەردە تۇرۇپ ئەنقەرە بىلەن ئالاقە باغلىماقچى بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئافغانىستانغا قايتىپ بېرىپ ئاۋۋال ھىندىستاننى، ئاندىن كېيىن ئورتا ئاسىيانى مۇستەملىكىلىكتىن ئازاد قىلىشنى پىلانلىغان ئىدى. ئەپسۇسكى، تەقدىر ئۇنىڭغا بۇ ئويلىغانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پۇرسەت بەرمەيدۇ. 1922- يىلى 6- ئاينىڭ 21- كۈنى، تىبىلىسنىڭ چوڭ كوچىلىرىدىن بىرىدە، رۇسىيە جاسۇسلۇق ئورگىنى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان ئەرمەن تېررورچىلىرى تەرىپىدىن سۇيىقەست بىلەن شېھىت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىدىن نۈسىرەت ۋە سۈرەييا ئەپەندىلەرمۇ شۇ قاتاردا قۇربان بولىدۇ.

ئەنۋەر پاشانىڭ پائالىيەتلىرى
1920- يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا، موسكۋا شەھىرى ئىتتىھاتچى يېتەكچىلەرنىڭ بىر يەرگە كېلىشى ئۈچۈن ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان بىر شەھەر ئىدى. 15- ئاۋغۇست كۈنى موسكۋاغا يېتىپ كەلگەن ئەنۋەر پاشا، بىر تەرەپتىن گېرمانىيە بىلەن سوۋېت رۇسىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلىشىشكە ۋاسىتىچى بولۇپ خىزمەت قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن “شەرقتىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنى تەشكىلاتلاندۇرۇپ ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىگە قارشى سەپ تەشكىللەش” دەپ يىغىنچاقلاپ ئېيتىشقا بولىدىغان سىياسىي لايىھىسى ئۈچۈن ياردەمچى كۈچ ئاختۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولماقتا ئىدى. سوۋېت دائىرىلىرى ئانادولۇدىكى مۇستاپا كامال پاشا ھەرىكىتىنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە تېخى ئېنىق بىرەر قارارغا كېلەلمەي تۇرۇۋاتقان ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئەنۋەر پاشانى قولىدا زاپاس كۈچ قاتارىدا تۇتۇپ تۇرۇشنى پىلانلاشقان ئىدى. ئەنۋەر پاشا، خەلىپىنىڭ كۈيئوغلى ھېسابلىناتتى. شۇنىڭدەك بۇرۇن ئوسمانلىلار ئىمپېرىيىسىنىڭ تەقدىرىنى قولىدا تۇتۇپ كەلگەن بىر كىشى ئىدى. بۇ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن مۇسۇلمان خەلق ئاممىسى ئارىسىدا تەسىر كۆرسىتەلىشى مۇمكىن بولىدىغان بىرى ھېسابلىناتتى. شۇنداق بولغاچقا، بولشېۋىك يېتەكچىلىرىدىن زىنوۋيېۋ بىلەن رادېكنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن، ئەنۋەر پاشانىڭ باكۇدا چاقىرىلغان شەرق خەلقلىرى قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىشقان ئىدى. پاشا، بۇ قۇرۇلتايدا ئۆزىنى دەمەشق، ئالجىرىيە، تۇنىس، ترابلۇسگارپ، مىسىر، ئەرەبىستان ۋە ھىندىستان ئىسلام جەمئىيەتلىرى ئىتتىھادىنىڭ ۋاكالەتچىسى دەپ تونۇشتۇرغان ئىدى.132 ئەمما قۇرۇلتاي قاتناشقۇچىلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە قۇرۇلتايدا سۆزگە چىقىشىغا رۇخسەت بېرىلمەيدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، تەبلىگىنى (دوكلات، بايانات − ئۇ.ت) باشقا بىرىگە ئوقۇتۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ قۇرۇلتايدا شۇنچە پايدىسىز ئەھۋاللارغا قارىماي ئەنۋەر پاشاغا ھەر قايسى مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىتتىھاتچى يېتەكچىلەرنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئويلاپ يۈرگەن “شەرقتىكى مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئىنقىلابىي گۇرۇپپىلىرى بىر بايراق ئاستىغا توپلاشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي سەھنە بەرپا قىلىش” كۆز قارىشى قۇرۇلتاي جەريانىدا ئېنىق ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.
ئىتتىھات ۋە تەرەققىيچىلار 1921- يىلىنىڭ باشلىرىدا، ئىسلام ئىنقىلابىي جەمئىيەتلەر ئىتتىھادىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ۋە بىردىن بىر ۋاكالەتچىسى بولۇپ ئەنۋەر پاشا سايلىنىدۇ (زىيا ئەپەندى − سېكرېتار −، ئىبراھىم تالى ئەپەندى − كاتىپ −، خېلىل پاشا، سامى ئەپەندى، ئازمى ئەپەندى ۋە سەيپى ئەپەندىلەر مەركىزى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قالغان ئەزالىرىنى تەشكىل تاپماقتا. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). ھەر قايسى ئىسلام ئەللىرى ئۈچۈن ئايرىم- ئايرىم ۋاكالەتچىلەر بەلگىلەنگەن ئىدى. خېلىل پاشا بىلەن ھاجى سەمى ئەپەندى شەرقىي ئورتا ئاسىياغا، ئازمى ئەپەندى ئافغانىستانغا، جامال پاشا بولسا ھىندىستانغا مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. كىچىك تەلەت ئەپەندى بىلەن نائىل ئەپەندىلەر ئانادولۇغا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بولىدۇ. ئەسلىدە، بۇ جەمئىيەت قۇرۇلغان ۋاقىتلاردا جامال پاشا بىلەن ئازمى ئەپەندى ئىككىسى ئافغانىستاندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ يەردە ھىندىستانغا دائىر پائالىيەتلىرىنى خېلى بۇرۇنلا باشلاپ بولغان ئىدى. بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، خېلىل پاشا شەرقىي ئورتا ئاسىياغا زادىلا يېتىپ بارالمايدۇ.
(رەسىم ئورنى)134
ئەنۋەر پاشا، تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى فەخرى پاشا (ئوتتۇرىدا)، ئىتتىھات ۋە تەرەققىي مەركىزى كومۇتىتىدىن دوكتور نازىم ئەپەندى، رىزا ئەپەندى ۋە ئوسمان بەدرى (ئوڭدا باشتىكى كىشى) ئەپەندىلەر بىلەن بىرگە. موسكۋا، 1921
بۇ جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇش نەزەرىيىسى بىلەن ئۇنىڭ سىياسىي پائالىيەت سەھنىسى نۇرغۇنلىغان زىددىيەتلىك قاراشلار بىلەن تولغان ئىدى. مىللەتچى بولشېۋىكچىلىك بىلەن خەلقئارالىق ئىسلام ئىتتىھادى قاراشلىرى جەھەتتە، پادىشاھلىقنىڭ، خەلىپىلىكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغان بىر تۈزۈم بەرپا قىلىش تەلەپ قىلىنماقتا ئىدى. ئەنۋەر پاشا، مۇستاپا كامال پاشاغا يازغان 1921- يىلى 4- مارت كۈنىدىكى خېتىدە بۇ مەسىلىنى تۆۋەندىكىچە ئوتتۇرىغا قويماقتا ئىدى:
مەن ئىسلام ئىنقىلابى جەمئىيەتلەر ئىتتىھادى باشلامچىلىقىدا ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى ياۋروپا جاھانگىرلىكىگە ۋە بىزنى بىۋاسىتە ئېزىشنى ئويلاپ يۈرگەن كاپىتالىزمغا قارشى كۈرەشنى داۋام قىلدۇرماقچىمەن. تەبىئىيكى، بۇنىڭدىن ئورتا ئاسىيانىڭ مۇقەددىراتىمۇ مۈتئەسسىر قالمايدۇ. چۈنكى ئىجابىندا تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ ماڭا قارشى چىقىشى ئېھتىمالدۇر.133 ۋە مېنىڭ بىلەن ھېچقانداق بىر قەرزى بولمىغانلىقىنى تىلغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. … بۇ خۇسۇستا تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىشى ئۈچۈن بىر سولچى پىرقىنىڭ ۋۇجۇدۇ لازىمدۇر. … ئىسلام ئىنقىلابى جەمئىيەتلەر ئىتتىھادى، كوممۇنىست بولمايدۇ، ئەمما يوقاتماقچى بولۇۋاتقان نىشانىنىڭ مۇشتەرەك بۆلىشى سەۋەبىدىن خەلقئارا كوممۇنىزمچىلىرى بىلەن تەۋھىدى (بىرلىكتە) پائالىيەت قىلىمىز.
ئەنۋەر پاشا بىر تەرەپتىن ئانادولۇدا كۈرەش قىلىۋاتقان كامال پاشانى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئانادولۇغا قايتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان پائالىيەتنىمۇ بىرگە ئېلىپ بارماقتا ئىدى. شۇڭا ئۇ، ئىتتىھات ۋە تەرەققىنىڭ ئانادولۇ قولىنى تەشكىل قىلماقچى بولغان خەلق شۇرالار پىرقىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ پىرقە قۇرۇلا- قۇرۇلماي ئەنقەرەدىكى قۇرۇلتاينىڭ سولچىلىرى بىلەن ھەمدە كامال پاشاغا قارشى كۈچلەر بىلەن مۇناسىۋەت تىكلەش ئۈچۈن يول ئاختۇرۇشقا كىرىشىدۇ. ئەنۋەر پاشا، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرك كوممۇنىستلار پىرقىسىگە يازغان خېتىدە ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش ھەققىدە ۋاسىتىچى بولۇپ بېرىشىنىمۇ تەكلىپ قىلىدۇ (ئەنۋەر پاشا بۇ خېتىدە غەرب جاھانگىرلىكىگە قارشى جەڭنى قانات يايدۇرۇش قارارىنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، ئەنقەرە دائىرىلىرىنى قاتتىق خاتىرجەمسىز قىلىدىغان ھەمكارلىق تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن: … ياۋروپا كاپىتالىزمى بىلەن جاھانگىرلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بۇ جەھەتتە سىياسەت يولغا قويۇشنى ئازمەتتىم. بۇ نوقتائى نەزەردىن ئارىمىزدا ئاساسەن ھېچقانداق پەرقىمىز يوقتۇر. دېمەككى، بىنائەنالەيخ خىزمىتىڭىزنى ھۆرمەت بىلەن سالاملايمەن ۋە ھەر ئەھۋالدا موسكۋادا تەۋفىق رۈشتۈ ئەپەندى ۋە قالغان سەپداشلىرىنىڭ خىزمىتىنى تەسخىلگە سائى قىلغان ھالدا ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال بىلەن كېلىشىم تۈزۈشىڭىزلەرگە تىرىشىدىغانلىقىمىزنى ئارز ئەيلەيمەن. ۋە شۇنداق كېلىدۇكى، خېلىلنىڭ ئىزاھاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تۈركىيەدە ئىككى پىرقە مۈشتەرەك خىزمەتتە بولۇش ئارقىلىق خەلق مەنىلىكىنى ئۇقتۇرۇشتا ۋە ئۇلارنى ئېزىلىشتىن قۇتۇلدۇرۇشتا تەۋھىدى خىزمەت قىلالىشى ئۈچۈن بىر توسالغۇ قالمايدۇ. … − ئا. ھ. ئىزاھاتى). ئىسلام ئىنقىلابى جەمئىيەتلەر ئىتتىھادىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 1921- يىلى 27- ئىيۇلدا موسكۋادا چاقىرىلىدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندا ۋەكىللەر قاتناشقان بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى بەلكىم جەمئىيەت ئىچىدىكى ئەرەب ھەيئەتلىرى بىلەن بولغان پىكىر ئوخشىماسلىقىنىڭ قەتئىي تۈردە ئوتتۇرىغا چىقىشى بولسا كېرەك. ئەرەب رايونلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر پۈتۈنلەي كونا ئىتتىھاتچى يېتەكچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى بىر ھەرىكەت توغرىسىدا بەكلا سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇشماقتا ئىدى.135 ئۇلار رەھبەرلىك ئىشلىرىغا ۋەكىل كىرگۈزۈش، قارار ئېلىشلارغا قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلىشماقتا ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىگە قارشى بىر ئىسلام ئىتتىپاقى ھەرىكىتى تەشكىل قىلىش مەسىلىسىدىمۇ ئۇنچە بەك قىزغىنلىق كۆرسىتىپ كەتمەيدۇ. بۇ ئەھۋاللار، ئەنۋەر پاشا ئۈچۈن ئېيتقاندا، كەلگۈسىگە قارىتا كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىقىش، ئۇنى قايتا بەرپا قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئەرەب ئەللىرىنى ئاساس قىلىدىغان بىر ھەرىكەت پەيدا قىلىش ئىمكانىيىتى قالمىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. بۇندىن باشقا تاللاشقا بولىدىغان بىرلا يول قالغان ئىدى: تۈركىيەنى ئاساس قىلغان ھالدا تۈركىي رايونلىرىنى ئاساس قىلىپ ھەرىكەت قوزغاشتىن باشقا چارە قالمىغان ئىدى.
بۇ ۋاقىتلاردا ئانادولۇدىكى كۈرەشلەر ھېلى غەلىبە قازانسا، ھېلى مەغلۇپ بولۇپ بەكلا ئېگىز- پەس كېتىۋاتماقتا ئىدى. ھەتتا ئىنۆنۈ دالا ئۇرۇشلىرىدىن كېيىن تۈرك قوشۇنلىرى ئانادولۇنىڭ تا ئىچكى قىسىملىرىغىچە چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان، مۇستاپا كامال پاشا بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى رەھبەرلەرنىڭ كۈنى بەكلا قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئىدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتنى پۇرسەت بىلگەن ئەنۋەر پاشا، چېگرا بويلىرىدا مۇسۇلمان قوشۇنلار تەشكىل قىلىپ تەييار قىلىنىشى ھەققىدە سوۋېت دائىرىلىرىگە بېسىم قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئەگەر ئانادولۇدىكى ۋەزىيەت يامانلاپ كەتكۈدەك بولغىنىدا تەشكىل قىلىنىدىغان بۇ قوشۇنلار بىلەن بىرلىكتە چېگرادىن بۆسۈپ كىرىپ ئانادولۇدىكى جەڭگە قاتنىشىشنى ئويلىماقتا ئىدى. ئەنۋەر پاشا، تاغىسى خېلىل پاشاغا يازغان بىر پارچە خېتىدە بۇ مەسىلە ھەققىدىكى ئويلىغانلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ:
تاغا،
سوۋېت ئەركانى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنىڭ قويۇق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. مېنىڭ نامىدا ئۇلارغا مۇنۇ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويساڭ: ئەگەر ئەزەربەيجان- داغىستان- باشقىردىستان- قازاقىستان- تۈركمەنىستان ۋە ئورتا ئاسىيا قاتارىدىكى تۈركىلەر تەۋەلىرىدىن تاللاپ بىر ئاتلىق ئەسكەرلەر كورپۇسى تەشكىل قىلىنغىنىدا، بۇ ئارمىيە بىلەن ئانادولۇغا كىرىش، گىرىتسىيىلىكلەرنى كۈتمىگەن بىر ۋاقىتتا خالىغان بىر جەناھلىرىغا (قانىتىغا) زەربە بېرىش قاتارىدىكى ئۇتۇقلۇق ئۇرۇشلار ئارقىلىق مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى سېپى ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە بىر بىر ياردەم قىلىنغان ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، دېمەك گىرېتسىيە ئارمىيىسىنى پەرىشان قىلىپ دېڭىزغا تۆكۈش ئىشى بەكلا ئاسانغا توختايدىغاانلىقىنى چۈشەندۈرگىن.
ئەگەر ئەنۋەر پاشا بۇ پىلانىنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇرالىغىنىدا، ئانادولۇدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستاپا كامال پاشادىن تارتىپ ئالالىغان، قايتىدىن مىللىي قەھرىمان ھالىغا كېلەلىگەن بولاتتى. ئەمما سوۋېت يېتەكچىلىرى مۇستاپا كامال رەھبەرلىكى ئورنىغا ئەنۋەر پاشانى يۆلەش مەسىلىسىگە بەك قىزىقىپ كەتمەيتتى.136 سوۋېت تەرەپ ئەنۋەر پاشانى لازىم بولغىنىدا بىر كوزىر ئورنىدا پايدىلىنىشنىلا مەقسەت قىلىپ ئايلاندۇرۇپ تۇتۇپ تۇرۇۋاتماقتا ئىدى. قاراخان، چىچېرىن قاتارىدىكى رەھبەرلەر ۋاستىچىلىقى بىلەن ئەنۋەر پاشا بىلەن ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى باھانە كۆرسىتىپ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ئۇلارغا ماددىي جەھەتتىن بەزى ياردەملەرنى قىلىپ ئۇلارنى بەلگىلىك دائىرە ئىچىدە پائالىيەت قىلىپ تۇرۇشىغا يول قويۇپمۇ كەلمەكتە ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتە، ئىتتىھاتچىلارنىڭ ئانادولۇغا قاراتقان پائالىيەتلىرىدىن قاتتىق بىئارام بولۇپ كېلىۋاتقان كامال پاشا، بۇ مەسىلىنى قەتئىي تۈردە ھەل قىلىۋېتىش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىر قوللىنىش كېرەك دەپ قارار قىلىدۇ. مۇستاپا كامال پاشانىڭ شەرق ئالدىنقى سېپى قوماندانى قازىم قارابەكىر پاشاغا، فەۋزى پاشانىڭ بولسا شەرق ۋە غەرب ئارمىيىسى قۇماندانلىقلىرىغا قارىتىپ يازغان خەتلىرى ئانادولۇ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يېڭى ھۆكۈمەت، ئەنۋەر پاشا ھەرقانداق بىر يول بىلەن ئانادولۇغا كىرىپ كەلگىنىدە، ئۇنى دەرھال قولغا ئېلىش توغرىلىق ئۇقتۇرۇش تارقىتىدۇ. ئاپرېل ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئەنۋەر پاشا بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ كېلىۋاتقان سىياسىيونلارغا بېسىم ئىشلىتىشكە كىرىشىلىدۇ. ئەنۋەر پاشاغا يېقىنلىق قىلىش ئېھتىمال بار دەپ گۇمان قىلىنغان ئوفىسسېرلار نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ تىزگىنلەنمەكتە ئىدى. ئانادولۇدا تەشكىلاتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەسئۇل قىلىنغان كىچىك تەلەت ئەپەندى قولغا ئېلىنىپ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان، نۇرى پاشا ئەرزۇرۇمدا قاماققا ئېلىنغان، خېلىل پاشامۇ كاپكازىيىگە كېتىشكە مەجبۇرلانغان ئىدى.
ساكارىيە دالا ئۇرۇشىنىڭ غالىبىيىتى، ئانادولۇ ھۆكۈمىتىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئىتتىھاتچىلارنىڭمۇ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان بىر ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئانادولۇدىكى كامال پاشا ھۆكۈمىتىنىڭ پۇت تىرەپ قالالايدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا چىققان، سوۋېت رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭمۇ كىم بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشى مەسىلىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا چىققان ھېسابلىناتتى. ساقارىيە دالا ئۇرۇشىنىڭ غالىبىيىتى رۇسلار ئۈچۈن ئەنۋەر پاشا بىلەن ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ ھېچ بىر سىياسىي قىممىتى قالمىغانلىقىدىنمۇ دېرەك بەرمەكتە ئىدى. ئىتتىھاتچىلار ئارىسىدىمۇ ئۈمىدسىزلىكلەر كەڭ يېيىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئانادولۇنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش مەقسىتىدە ئىتتىھات ۋە تەرەققىچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان خەلق شۇرالار پىرقىسىنىڭ 5~8- سېنتەبىر كۈنلىرىدىكى باتۇم قۇرۇلتىيى ئەنە شۇنداق ئۈمىدسىزلىك مۇھىتى ئاستىدا چاقىرىلىدۇ. قۇرۇلتايدا ئېلىنغان ئەڭ مۇھىم بىر قارار، “سۈرگۈندىكى ئىتتىھاتچىلارنىڭ ئانادولۇغا قايتىپ كېتەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مۇستاپا كامال پاشا رەھبەرلىكىنى ماقۇلغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش” بولغان ئىدى137 (خېلىل پاشا، كۈندىلىك خاتىرىسىدە باتۇمدا ھەقىقىي مەنىدە بىر قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىنى، ئەنۋەر پاشا تەرىپىدىن يېزىلغان بىر باياناتنى، پەقەتلا ئەنۋەر پاشانىڭ كۆڭلىنى ئاياپ كىچىك تەلەت پاشا بىلەن بىرگە قول قويۇپ ئەنقەرە ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
ئانادولۇدىنمۇ ئۈمىدى قالمىغان ئەنۋەر پاشانىڭ ئالدىدا تاللىۋالغۇدەك يول يوق دېيەرلىك ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا، بىر بولسا ياۋروپاغا قايتىپ ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ناجىيە سۇلتانى بىلەن تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈش ياكى بولمىسا ھەزەر دېڭىزىنىڭ نېرىسىغا ئۆتۈپ ئىستىقبالى قاراڭغۇ بولغان بىر كېلەچەك ئىچىدە ئىقبال ئاختۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككىلا يول قالغان ئىدى. بۇ ۋاقىتلاردا، ھاجى سەمى، ئورتا ئاسىيادا ئۇلارغا يار- يۆلەك بولىدىغان بىر تەشكىلات قۇرۇپ چىققانلىقىنى، ئورتا ئاسىيا خەلقىنىڭمۇ ئۇنىڭدەك بىر يېتەكچىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرۇۋاتقان ئىدى. جامال پاشامۇ ئۇزۇندىن بۇيان ئافغانىستاندا پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە ئەنۋەر پاشانىڭ سىياسىي ئورنىنى داۋاملىق ساقلىيالىشى ئۈچۈنمۇ يېڭى ئۇتۇقلارغا ئېھتىياجى بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ، پاشا ئېنىق بىر قارارغا كېلىدۇ. نىشانىنى ھەزەر دېڭىزىنىڭ نېرىسى، يەنى ئورتا ئاسىيا قىلىپ بەلگىلەيدۇ. 1921- يىلى 28- سېنتەبىر كۈنى باتۇمدىن ئايرىلىپ، ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇخاراغا يېتىپ كېلىدۇ.

ئەنۋەر پاشا ئورتا ئاسىيادا
ئەنۋەر پاشانىڭ ئورتا ئاسىياغا كېلىشى بۇخارا جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، ئورتا ئاسىيا باسمىچىلىق ھەرىكىتى تارىخى نۇقتىسىدىن ئالغاندىمۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر ۋەقە ھېسابلىناتتى. ئەنۋەر پاشا، قۇشچىزادە سېلىم سەمى (ھاجى سامى) بىلەن زاپاس ئوفىتسېر مۇھىتتىن ئەپەندى ئىككىسىنى بۇخاراغا بىرگە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. پاشا بۇخاراغا كېلىپ بۇخارا رەھبەرلىرى ئارىسىدىكى ئىلغار كىشىلەر بىلەن بىر قۇر سۆھبەتلىشىپ چىقىدۇ. بۇ كۆرۈشۈشلەردىن مۇنداق 3 ئاساسلىق يۈزلىنىش ئوتتۇرىغا چىقىدۇ: بۇخارالىق جەدىتچىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئەنۋەر پاشادىن بۇخارا جۇمھۇرىيىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچىلىك رول ئويناپ، بۇخارا جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۈچلىنىشى ئۈچۈن ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشماقتا ئىدى. ئوسمان غوجا بىلەن ئابدۇلخەمىت ئارىپوۋ قاتارىدىكى يېتەكچىلەر بولسا پاشانىڭ باسمىچىلارغا قوشۇلۇپ، ئۇلارنى تەشكىللەپ ئورتا ئاسىيانى رۇسىيەنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا ئىدى. زەكى ۋەلىدىي باشچىلىقىدىكى يەنە بىر گۇرۇھ كىشىلەر بولسا ئەنۋەر پاشا ئۇدۇل بېرىپ ئۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغۇدەك بولسا، سوۋېت تەرەپ پۈتۈن كۈچىنى بۇ تەرەپكە مەركەزلەشتۈرۈشكە كىرىشىدىغانلىقىنى، ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورتا ئاسىيادىكى كۈرەشكە يار يۆلەك بولۇش ئېھتىمال بولغان تاشقى كۈچلەر بۇنداق بۆلىشىنى خالاپ كەتمەيدىغانلىقىنى،138 بولۇپمۇ ئورتا ئاسىيا ئۈچۈن قانات يايدۇرۇلغان بۇنداق بىر كۈرەش رايون خاراكتېرلىك بىر كۈرەش بولۇش ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ پانتۈركىزم بىلەن پانئىسلامىزم خاراكتېرىنى ئالغان بىر ھەرىكەت كۆرۈنۈشىگە كىرىپ قالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئەنە شۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پاشا ئافغانىستانغا ئۆتۈپ كېتىشى كېرەكلىكىنى، ئورتا ئاسىيا مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە شۇ يەردە تۇرۇپ ياردەم قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەشمەكتە ئىدى. ئەمما ئەنۋەر پاشا بىلەن بىرگە بۇخاراغا كەلگەن ھاجى سەمى بولسا “ئورتا ئاسىيا خەلقى پارتلاشقا تەييار بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۇلارغا ئەنۋەر پاشادەك كۈچلۈك بىر لىدېرنىڭلا كاملىق قىلىۋاتقانلىقى” نى تەكىتلەپ چىڭ تۇرۇۋالغان ئىدى.
ئەنۋەر پاشا بۇخاراغا كېلىپلا سوۋېت رۇسىيە خەلق كومىسسارلىقىغا قارىتىپ يازغان بىر پارچە خېتىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ ئېنىق بىر قارارغا كەلمىگەنلىكىنى، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەنۋەر پاشا بۇ خېتىدە مۇنۇلارنى يازماقتا ئىدى:
سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ ئىنقىلابىي رەھبەرلىكى ئاستىدىكى مۇستەقىل بۇخارانىڭ ياردىمىگە تايىنىپ بىز ئىسلام ئاسىياسىنى بېرىتانىيە جاھانگىرلىكىدىن ئازاد قىلىش ۋەزىپىمىزنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بەجا كەلتۈرەلىشىمىز مۇمكىن. ئەنە شۇنداق بولغاچقا، موسكۋا خەلق كومىسسارلار كومىتېتىدىن بۇخارا تەۋەسىنى خۇددى ئىشغال قىلىۋالغان دۈشمەن تۇپرىقىدا تۇرۇۋاتقاندەك مۇئامىلە قىلىشىۋاتقان قىزىل ئارمىيە قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن. ... شەرقىي بۇخارادىكى ئىسيان كۆتۈرۈش ۋەقەلىرى بارغانسېرى كېڭىيىپ بارماقتا. بۇ تۈردىكى قوزغىلاڭلار جۇمھۇرىيەتنىڭ باشقا رايونلىرىغىمۇ يامراپ كېتىشى مۇمكىن. ... ياش بۇخارالىقلار ئىچىدىمۇ موسكۋاغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشلەر ئۆسۈپ يېتىلمەكتە. بۇ ھادىسىلەر سىزلەرنىڭ شەرق ئالدىنقى سېپىڭىزلارغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سىزلەرنى ئاگاھلاندۇرماقچىمەن. بۇخارا خەلقىگە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش پۇرسىتى بېرىلىشى لازىم دەپ قارايمەن. بۇخارا خەلقىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن سوۋېت رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بۇخارا جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆزلىشىشلەردە بۇخارا خەلقىگە ۋەكىل بولۇپ قاتنىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن.
ئەنۋەر پاشا موسكۋادىكى سوۋېت دائىرىلىرىگە يۇقىرىقى قۇرلارنى يېزىپ ئەۋەتىۋاتقان ۋاقىتلاردا، تاتارلاردىن بولغان سۇلتان غالىيېۋ پرولېتارىيات مىللەتلىرى ۋە ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەرقتىكى ئىنقىلابلارنى پەقەت مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ بىۋاسىتە قاتنىشىشى ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا ئىدى. بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان پىكىردىكى يەنە بىر ئورتا ئاسىيالىق لىدېر بولغان تۇرار رىسقۇلوۋمۇ، جەنۇبتا مۇستەقىل بىر سوتسىيالىستىك تۈركىلەر فېدېراتسىيەسى قۇرۇپ چىقىش،139 شۇ ئارقىلىق بۇ مۇستەقىل فېدېراتىپ دۆلەتنى ئاسىيادا سوتسىيالىزمنى كېڭەيتىشكە ۋاسىتە قىلىش لازىم دەيدىغان قاراشنى ئوتتۇرىغا قويماقتا ئىدى. ئەنۋەر پاشانىڭ يۇقىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن مەكتۇپىدىكى كۆز قاراشلىرى بىلەن سۇلتان غالىيېۋ ۋە تۇرار رىسقۇلوۋنىڭ كۆز قاراشلىرىنىڭ بىر نۇقتىدىن چىقىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۆزئارا خەۋىرى بارمىدى، بۇ ھەقتە بىر نېمە دېمەك تەس. ئەمما بولشېۋىكلەر ئىنقىلابىنىڭ لىدېرلىرى ئۇرۇسلاردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ مىللەتچىلىك ھەققىدىكى غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشى ئۈچۈن سوتسىيالىزم بىلەن ئىنقىلابنى باھانە قىلىشلىرىغا يول قويماسلىق جەھەتتە قەتئىي چىڭ تۇرماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ قارىشى بويىچە، سۇلتان غالىيېۋنىڭ تىلغا ئالغان ‘پرولېتارىيات مىللىتى’ پەقەتلا ‘رۇسىيە ئىنقىلابىنىڭ قۇللىرى’ بولۇشتىن باشقىچە بولماسلىقى كېرەك ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، مەيلى سۇلتان غالىيېۋ بولسۇن ياكى تۇرار رىزقۇلوۋ بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىلا كومپارتىيىدىن ھەيدەپ چىقىرىش لازىم دەپ قاراشماقتا ئىدى.
ئۇرۇسلار، ئەنۋەر پاشانى يەرلىكلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ياكى پائالىيەت قىلىشىغا قوشۇلمايتتى. ئافغانىستاندىن تاشكەنتكە كەلگەن جامال پاشانى ئەنۋەر پاشا بىلەن ئۇچرىشىشىغىمۇ ئەنە شۇ سەۋەبتىن يول قويۇشمىغان ئىدى. بۇخارادا تۇرۇشلۇق رۇسىيە باش ئەلچىسى يۇرىنېۋ، جامال پاشانى مەيلى ئافغانىستانغا قايتىپ كېتىشى ياكى ئورتا ئاسىياغا بېرىشىنىڭ ھەر ئىككىسىگىلا رۇخسەت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى ئەنۋەر پاشا ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولىدۇ. رۇسىيە باش ئەلچىسى، پاشاغا ئۇنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن بەكلا نارازى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ گەپلەرگە قاراپ ئۇرۇسلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشى ياكى ئۆلتۈرۈۋېتىلىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلغان ئەنۋەر پاشا، ئەمدى قەتئىي بىر قارارغا كېلىش ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا “ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىقى ئۈچۈن جەڭ قىلىش” ساقلانغىلى بولمايدىغان بىر مەجبۇرىيەت بولۇپ نامايان بولماقتا ئىدى. خۇددى سۆيگەن ئايالى ناجىيە سۇلتانغا يازغان خېتىدە كۆرسەتكىنىدەك، ئەمدى قىلىچ قېنىدىن چىقىپ بولغان ئىدى. شۇڭا، تولۇق بىر نەتىجىگە ئېرىشمەي تۇرۇپ بۇ يولىدىن قايتمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.
ئەنۋەر پاشا، 11- ئاينىڭ 8- كۈنى تۈركىيەلىك ئوفىتسېرلار بىلەن بەزى ئەسكەرلەرنى بىرگە ئېلىپ يوشۇرۇن شەكىلدە بۇخارادىن ئايرىلىدۇ (ئەنۋەر پاشا بىلەن بىرگە ھاجى سەمى، تىرمىز ھەربىي گازارما قوماندانى ھاسان ئەپەندى، ماناستىرلىق باش مۇلازىمەتچى نافى ئەپەندى ۋە 30 دەك قوراللىق ساقچى ئەسكىرى بار ئىدى. − ئا. ھ. ئىزاھاتى). ئۇ يەردىن شەرقىي بۇخاراغا يېتىپ بارغىنىدا بەكلا خەتەرلىك بىر ئىشقا دۇچ كېلىدۇ. باسمىچىلار يېتەكچىلىرىدىن لاقاي ئىبراھىم بەگ “راست ئەنۋەر پاشا ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس” دېگەن باھانە بىلەن ئەنۋەر پاشانى قولغا ئېلىپ قاماپ قويىدۇ. ئەمما بۇ قولغا ئېلىنىش ئۇزۇن داۋام قىلمايدۇ. كېيىن سابىق بۇخارا ئەمىرى سەئىد ئالىمخان بىلەن ئافغانىستان ئەمرى ئامانۇللاخان قاتارلىقلارنىڭ ۋاستىچىلىقىدا، ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتكەندىلا ئاندىن قويۇپ بېرىلىدۇ.140
ئەنۋەر پاشا، ئىبراھىم لاقاي بەگنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ باسمىچى يېتەكچىلەرنى بىر يەرگە يىغىپ رۇسلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش باشلايدۇ. ئېغىر ۋەھىمە ئاستىدا قالغان ئۇرۇسلار بۇ جايلارغا زور مىقداردا ھەربىي قۇۋۋەت توپلاشقا كىرىشىدۇ. ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانى، خەلىپىنىڭ كۈيئوغلى بولغان ئەنۋەر پاشا، غايىسىگە سادىق بولۇپ، غەيرەت شىجائەت بىلەن ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا رۇسىيەلىكلەرگە قارشى نەچچە ئاي توختىماي ئۇرۇش قىلىدۇ. ئەنۋەر پاشا ئەمىر ئامانۇللاغا يازغان بىر خېتىدە كەلگۈسى غايە ۋە ئۈمىدلىرىنىڭ نەقەدەر بۈيۈك ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلغان ئىدى:
ياردىمىڭىز سايىسىدە بۇخارا بىلەن ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە رۇسىيەلىكلەرنىڭ ھاكىمىيىتىنى يوقىتىش ئارقىلىق ئۆز قولىمىز بىلەن تىكلىنىدىغان بىر شەرقىي ئىسلام ھۆكۈمەتلەر ئىتتىھادى بارلىققا كېلىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ، شەرقتە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا قۇدرەتلىك گېرمانىيە فېدېراتسىيەسىگە ئوخشايدىغان دۇنياغا ئۆزىنى تونۇتالايدىغان بىر ھۆكۈمەت تىكلەنگۈسى.
ئەنۋەر پاشا، ناتونۇش بىر تۇپراقلاردا، ئىنتايىن مۇشەققەتلىك شارائىتلارغا دۇچ كەلگىنىگە قېرىماي ئالاھىدە ئۇتۇقلۇق جەڭلەرگە قوماندانلىق قىلىدۇ. ئەپسۇسكى، تارىخ ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئارزۇلار بىلەن تولۇپ تاشقان ئىدى. ئەنۋەر پاشا، 1922- يىلى 8- ئاينىڭ 4- كۈنى، بەلجىۋاندىكى (بۈگۈنكى تاجىكىستاننىڭ بىر شەھىرى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) بىر قېتىملىق ئۇرۇس ھۇجۇمىدا تەككەن پىلىموت ئوقىدا شېھىت بولىدۇ (ئۇنىڭ قانات يايدۇرغان بۇ بۈيۈك كۈرىشىنىڭ چېگرا ھالقىغان دائىرىلىرى ھەققىدە “ئامۇ دەرياسىنىڭ نېرىقى قىرغاقلىرىدا” دېگەن بابتا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. − ئا.ھ ئىزاھاتى).

ھاجى سەمى ۋە باشقا ئىتتىھاتچىلار
ئەنۋەر پاشانىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، رۇسىيەلىكلەرگە قارشى جەڭگە ھاجى سەمى رەھبەر قىلىپ بەلگىلەنگەن ئىدى. پۈتۈن ئۆمرىنى ھەربىي قوشۇنلارغا قوماندانلىق قىلىش بىلەنلا ئۆتكۈزگەن بۇ قارام ئىتتىھاتچى، باسمىچىلار بىلەن بىرلىشىپ يەنە بىرەر يىلدەك جەڭ قىلغاندىن كېيىن ئورتا ئاسىيا تۇپراقلىرىدىن ئايرىلىدۇ.
چەتئەلدىكى ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىق كۈرىشى ئۈچۈن قانات يايدۇرۇلغان كۈرەشلەردە تۆھپىسى بولغان ئىتتىھاتچىلاردىن يەنە بىرى، يازغۇچى ۋە دىپلومات مەخمۇت شەۋكەت ئەسەندال ئىدى. ئىتتىھاتچى ھەرىكەتلەر موسكۋادا جانلىنىشقا باشلىغان ۋاقىتلاردا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتچىسى بولغان ئەسەندال،141 ئىتتىھاتچى يېتەكچىلەر بىلەن ئىزچىل مۇناسىۋەت باغلاپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى مۇناسىۋەتلىرىدىن ئەنقەرە ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋىرى بار- يوقلۇقى ھەققىدە ئېنىق بىر مەلۇمات يوق. ئەسەندالنىڭ بىئوگرافىيىسىدە بۇ تۈردىكى مۇناسىۋەتلىرى تۈپەيلىدىن ئەنقەرە دائىرىلىرى ئۇنىڭغا بىر مەزگىل سوغۇق مۇئامىلىدە بولغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن بىر مەزگىل خېلى قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقى يېزىلغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئەسەندال ئاۋۋال تېھرانغا، كېيىن يەنە ئافغانىستانغا ئەلچى قىلىپ تەيىنلىنىدۇ (ئەسەندال 1925- يىلى 6- ئۆكتەبىردىن 1930- يىلى 31- ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتا تېھرانغا، 1933- يىلى 11- ئىيۇلدىن 1941- يىلى 31- ئۆكتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا كابۇلغا باش ئەلچى بولىدۇ. 1931~1933- يىللار ئىچىدە ئەلازىغ خەلق ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىپ، مىللىي مەجلىس − تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى، يەنى تۈركىيە ئالىي خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). ئەسەندال، بۇ تۈر ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان مەزگىللەردە ئورتا ئاسىيالىق رەھبەرلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت باغلاپ، ھەر جەھەتتە ئۇلارغا ياردەم قولىنى ئۇزارتىپ كېلىدۇ.
ئەنۋەر پاشانىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ تاغىسى خېلىل پاشا بىلەن ئىنىسى نۇرى پاشالار ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۇلارنى خەۋپلىك ئادەم دەپ قارايدىغان دەۋرلەرمۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا تۈركىيەگە قايتىپ ئەنقەرە ھۆكۈمىتى بىلەن يارىشىپ تىنچ كۈنىنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ئىككىلا پاشا كېيىنكى دەۋرلەردە تۈركىيەگە كەلگەن ئورتا ئاسىيالىق يېتەكچىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇرىدۇ. زەكى ۋەلىدىي تۇغان كۈندىلىك خاتىرە دەپتىرىدە، ئىستانبۇلغا كەلگىنىدە (1924- يىلى) ئۇنى ئەنۋەر پاشانىڭ مۇھاپىزەتچىسى مۇھىتتىن ئەپەندى ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالغانلىقىنى، فىرانسىيەگە مېڭىش ئالدىدىمۇ ئىزمىردىن ئۆتكىنىدە ئۇ يەردە 3 كۈن تۇرۇپ خېلىل پاشانىڭ مېھمىنى بولغانلىقىنى يازىدۇ. بۇ تۈردىكى مۇناسىۋەتلەر كېيىنكى ۋاقىتلاردىمۇ داۋاملىشىدۇ. سابىق ئىتتىھاتچىلار 1920- يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىستانبۇلدا باشلىنىدىغان ئورتا ئاسىيا مىللىي بىرلىكى (ئىتتىپاقى) ھەرىكىتى ۋە ئورتا ئاسىيالىق ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، ئۇلارنى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى بىلەن قوللاپ تۇرىدۇ.

ئورتا ئاسىيا مىللىي ئاۋام ئىنقىلابىي جەمئىيەتلەر ئىتتىپاقى
1920- يىللارغا كەلگەندە، بولشېۋىزمنى قوبۇل قىلمايدىغان ئورتا ئاسىيالىق زىيالىيلار، ئورتا ئاسىيانىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئاكتىپ رول ئېلىش،142 داۋام قىلىۋاتقان مىللىي كۈرەشكە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن بىر سىياسىي تەشكىلات قۇرۇپ چىقىش لازىم، دەپ قاراشقان ئىدى. ئەمما بۇ ھەقتە ئىشنى نەدىن باشلاش ۋە قانداق قىلىش مەسىلىسىدە ئۆز ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇخارالىق جەدىتچىلار بىلەن ئورتا ئاسىيالىق شۇرائىي ئىسلامچىلار يىغىلىپ چاقىرىلغان بىر قېتىملىق يىغىنىدا، تەرەققىي پەرۋەر جەدىتچىلار گۇرۇپپىسى ۋە سوتسىيالىستچىلار گۇرۇپپىسى (كېيىنچە ئەرك پارتىيىسى دەپ نام بېرىلىدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) دېگەن ئىككى سىياسىي ئېقىم ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. سوتسىيالىست گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ پروگراممىسىدا دېھقانلارنى “پرولېتارىيات” دەپ قوبۇل قىلماقتا ئىدى. شۇنداق قىلىپ سانائەت تەرەققىي قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن ۋەتىنىدە مەۋجۇت بولمىغان ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئورنىغا دېھقانلار سىنىپىنى قۇرۇلغۇسى مۇستەقىل ئورتا ئاسىيانىڭ ئاساسى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى دەپ قوبۇل قىلماقچى بولغان ئىدى. يەر بىلەن سۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مۈلۈك دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈلۈپ، كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغان بۆلىشى، دۆلەتتە دىن سىياسىي ئىشلاردىن ئايرىلغان ئىلغارلىق پرىنسىپلىرى يولغا قويۇلىدىغان بۆلىشى لازىم دەپ قارالماقتا ئىدى. بۇلارنى ئاساسلىق نۇقتىلار بويىچە يىغىنچاقلاپ ئىپادىلىگەندە، سوتسىيالىستلار گۇرۇپپىسىنىڭ پروگراممىسى پرولېتارىياتنىڭ ئورنىغا دېھقانلار سىنىپىنى دەسسىتىش، دىننى دۆلەت باشقۇرۇشقا ئارىلاشتۇرمايدىغان مەدەنىيەتلىك مىللەتچى سوتسىيالىزم تۈسىنى ئالىدىغان بىر خىل تۈزۈم بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشكەن ئىدى.
تەرەققىيپەرۋەرلەر بولسا دىنى مەسىلىلەرنى كۆپرەك تەكىتلىشەتتى. شۇنىڭدەك يەنە، ئۇلار خەلقنى ھەرقانداق بىر سىنىپقا ئايرىپ مۇئامىلە قىلىشقىمۇ قوشۇلمايتتى؛ يەرنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈك بولىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ئاساسىي غايىسى دىن ساقلاپ قېلىنغان، ھاكىمىيەت ئىشلىرى ھەرقانداق بىر سىنىپقا مەنسۇپ بولمىغان، تەرەققىياتتا بۇرژۇئازىيىنى ئاساس قىلىدىغان دۆلەت تۈزۈمىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا ئىدى.
مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى بولۇڭ- پۇچقاقلىرىغا تارقىلىپ قانات يېيىۋاتقان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنىڭ چېچىلاڭغۇ ھالىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە ئورتاق بىر سىياسىي قاراشقا ئاساسەن بىر يەرگە كېلىش مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ بىر مەركەز ئاستىغا يىغىلىپ پائالىيەت قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مەخپىي بىر تەشكىلات قۇرۇپ چىقىش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. 1921- يىلىنىڭ 7- ئېيىدا ئورتا ئاسىياغا يېتىپ كەلگەن تۈركىيە ئالىي خەلق قۇرۇلتىيى خەلق ۋەكىلى ئىسمائىل سۇپھى (سويساللىئوغلى) ئەپەندىمۇ ئەنە شۇنداق ئورتاق پائالىيەت قىلىش ئاساسىنى تىكلىۋېلىش ھەققىدە مەسلىھەت بەرمەكتە ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە، بىر قىسىم جەدىتچى يېتەكچىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، ھەربىي خىزمەت ئۆتەش، مائارىپنى يولغا قويۇش، ساغلىقنى ساقلاش ۋە سەھىيە ئىشلىرى، ئىقتىسادى پرىنسىپ ۋە ئومۇمىي ئىشلار قاتارىدىكى ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك 72 ماددىلىق بىر سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي قانۇن- پىرىنسىپ تەييارلىنىدۇ.143 ياش بۇخارالىقلارنىڭ يېتەكچىلىرى ئاساسەن ئالغاندا تەرەققىيپەرۋەرلەر گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ بولغان ئىدى. زەكى ۋەلىدىي، ئابدۇلخەمىت ئارىپوۋ ۋە يەنە بىر قىسىم ئالاش- ئوردا ۋەكىللىرى بولسا سوتسىيالىستلار گۇرۇپپىسى تەرەپكە مەنسۇپ بولغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ 1921- يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق يىغىندا 7 ماددىلىق ئورتاق پائالىيەت قىلىش پىرىنسىپى تۈزۈپ چىقىرىلىدۇ، بۇ ئاساستا قۇرۇلغان مەخپىي ئىتتىپاققا “ئورتا ئاسىيا مىللىي ئاۋام ئىنقىلابىي جەمئىيەتلەر ئىتتىپاقى” دېگەن نام بېرىلىپ، ئادەتتە قىسقارتىلىپ “جەمئىيەت” دەپلا ئاتىلىدىغان بولىدۇ. بارلىق گۇرۇپپىلار ئورتاق ئەمەل قىلماقچى بولغان 7 ماددىلىق ئاساسىي پرىنسىپ تۆۋەندىكىچە ئىدى:
1.جەمئىيەتنىڭ غايىسى ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش بولۇپ، ئورتا ئاسىيانىڭ تەقدىرىنى ئورتا ئاسىيالىقلار ئۆز قولىدا تۇتۇشى شەرت؛
2.مۇستەقىل ئورتا ئاسىيا ئىجتىمائىي تۈزۈمى دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتنى ئاساس قىلىدۇ؛
3.مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش غايىمىز پەقەت مىللىي ئارمىيە قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش بولۇپ، مىللىي ھۆكۈمەت پەقەت ئەنە شۇنداق مىللىي ئارمىيىگە تايىنىش ئارقىلىقلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ؛
4.ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىقى ئىقتىسادى جەھەتتىكى مۇستەقىللىق ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدىغان بىر ئىشتۇر. ئورتا ئاسىيا ئىگىلىك ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى بەلگىلەش، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىگىنىڭ قايسى تۈرلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىملىقىنى بېكىتىش، ياسىلىدىغان تۆمۈر يوللار بىلەن ئېچىلىدىغان ئورتاق قاناللارنىڭ قايسى يۆنىلىشلەردە بۆلىشىنى بەلگىلەش قاتارلىقلار ئورتا ئاسىيا خەلقىنىڭ قولىدا بۆلىشى لازىم؛
5.ئومۇمىي مائارىپ بىلەن مەخسۇس مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ياۋروپا مەدەنىيىتىنى رۇسىيە مەدەنىيىتىنى ۋاسىتە قىلىۋالماي بىۋاسىتە ياۋروپادىن ئۆگىنىشكە تىرىشىش لازىم؛
6.مىللەتلەر مەسىلىسىنى مەملىكەتنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىشتا نوپۇس سانىغا قاراپ تەقسىم قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ھەل قىلىش لازىم؛
7.دىنىي ئىشلاردا تولۇق ئەركىنلىك بېرىلىش؛ دۆلەت ئىشلىرى بىلەن دىنىي ئىشلارنى بىر- بىرىدىن ئايرىش لازىم (سوتسىيالىستلار تۈدەسىنىڭ 9 ماددىلىق، تەرەققىيپەرۋەر جەدىتچىلار پىرقىسىنىڭ 19 ماددىلىق پروگراممىلىرى شۇ ماتېرىيالدا تەپسىلىي بايان قىلىنغان. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
جەمئىيەت رەئىسى ۋەزىپىسىگە ئاۋۋال مۇنەۋۋەر قارى تەكلىپ قىلىندى. ئەمما مۇنەۋۋەر قارى بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، يازغۇچى سەدرىدىن ئەينىگە تەكلىپ قىلىنىدۇ.144 ئۇمۇ بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگىنىدىن كېيىن، ئىسمائىل سۇپھى ئەپەندىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئەخمەت زەكى ۋەلىدىي جەمئىيەت رەئىسى ۋەزىپىسىگە سايلىنىدۇ. دەسلەپكى قەدەمدە تۈزۈپ چىقىرىلغان 7 ماددىلىق بۇ پرىنسىپ، جەمئىيەتنىڭ 1921- يىلقى سەمەرقەنت قۇرۇلتىيىدا ۋە 1922- يىلقى تاشكەنت قۇرۇلتايلىرىدا ئاساسەن ئۆزگەرتىلمەي ساقلاپ قېلىنىدۇ. زەكى ۋەلىدى تۇغان، سەمەرقەنت قۇرۇلتىيىدا مىللىي ئورتا ئاسىيا بايرىقى لايىھىلىنىپ ئاندىن تەستىقلانغانلىقىنى يازىدۇ. ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە ھەمدە چەت دۆلەتلەردە ئۇزۇن يىل قانات يايدۇرۇلغان مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەرنىڭ ھەقىقىي خۇسۇسىيىتىنى ئىپادىلەش جەھەتتىن ئالغاندا، بۇ تەشكىلات پرىنسىپ قىلغان نىزامنامە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
نىزامنامىنىڭ بىرىنچى ماددىسىدا، بۇ ئىتتىپاق ئۆزبېك تەرەققىيپەرۋەر جەدىتچىلىرى، ياش بۇخارالىقلار پىرقىسى، ياش خىۋەلىكلەر پىرقىسى، قازاقىستان ئالاش ئوردا پىرقىسى، باشقىردىستان پىرقىسى، ئورتا ئاسىيادىكى يەرلىك قەشقەرلىكلەر ۋە تارانچىلار تەشكىلاتلىرى، چارجۇي مىللىي تۈركمەن تەشكىلاتى ۋە ئورتا ئاسىيا سوتسىيالىست فېدېرالىست تۈرك ۋە ئادىمى مەركەزىيەت پىرقىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە. ئۇ ۋاقىتلاردا ئورتا ئاسىيادا قۇرۇلغان بارلىق تەشكىلاتلار ئوخشىمىغان سىياسىي كۆزقاراشلارغا ئىگە بولۇش بىلەنلا قالماي، مۇستەقىللىق دېگەن ئورتاق غايە ئاساسىدا ھەمدە پەقەت بىرلا ئورتا ئاسىيا قۇرۇش دەيدىغان كۆزقاراش بويىچە بىرلىشەلىگەنلىكى ھەقىقەتەنمۇ ئەھمىيىتى چوڭ بىر ۋەقە ھېسابلىنىدۇ.
جۇغراپىيىلىك نۇقتىدا ئورتا ئاسىيا ئېنىقلىمىسى 2- ماددىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، “بۇرۇن ئورتا ئاسىيا باش گوبېرناتورلىقىغا تەۋە بولغان ۋىلايەتلەر، بۇرۇنقى بۇخارا ۋە خىۋە خانلىقلىرىغا تەۋە رايونلار، بۇرۇنقى قازاق سەھرا ۋىلايەتلىرى باش گوبېرناتورلىقىغا تەۋە رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ” دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. بۇ ماددىنىڭ ئاخىرىدا رۇسىيە، سىبىرىيە ۋە ئۇرال بىلەن ئورتاق چېگراسى بولغان رايونلاردا ئەگەر ئۇرۇسلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان بولسا، بۇ جايلار تېررىتورىيىدىن چىقىرىپ تاشلىنىپ، بۇنىڭ ئورنىغا تۈركلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان جايلار ئورتا ئاسىيا تەۋەسىگە قوشۇۋېلىنىشى كېرەك دېگەن تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. بۇ خىل ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق باشقىردىستان، بۈكەي خوردا ۋە بوغتارما قاتارىدىكى تۈرك نوپۇسى زىچ جايلار ئورتا ئاسىيا تېررىتورىيە تەۋەلىكىگە كىرگۈزۈلمەكتە ئىدى. ئۇرۇسلار زىچ ئولتۇراقلاشقان تاتارىستان بىلەن سىبىرىيە تۈركلىرى ئورۇنلاشقان جايلار مەسىلىسىدە، ئۇ يەرلەردە پەقەت ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە ياردەمچى بولىدىغان تەشكىلاتلارنىلا قۇرۇپ چىقىشقا بولىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.145
(رەسىم ئورنى)
3- خەرىتە. مۇستەقىللىق كۈرىشى يىللىرىدا ئورتا ئاسىيالىق جەدىتچىلەر تەرىپىدىن قۇرۇپ چىقماقچى بولغان «مۇختارىيەتلىك مۇسۇلمان ئەللەر فېدېراتسىيەسى» نىڭ خەرىتىسى. (بۇ خەرىتىدە يەتتىسۇ ۋىلايىتىنىڭ شەرقىدىكى شەرقىي ئورتا ئاسىيا رايونلىرى چىن خەرىتىسى ئىچىدە كۆرسىتىلگەن. − ئۇ. ت) (بېننىگسېندىن ) 146
بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئاساسىي پروگراممىسى بۇ ئىتتىپاققا قوشۇلغان پارتىيىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان 7 ماددىلىق ئاساسىي پرىنسىپقا ئاساسەن بېكىتىلگەن ئىدى. مەركىزى كومىتېت بىلەن ئۇنىڭ ھەر قايسى جايلاردىكى شۆبىلىرى قوۋملار ئاساسىدا تەشكىل قىلىنغان بولماستىن، بەلكى رايونلارنى ئاساس قىلىپ تەشكىل قىلىناتتى. ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىقىغا چىن قەلبىدىن ئىشىنىدىغان قالمۇق، يەرلىك يەھۇدىي، ئىرانلىق، ئافغان، ھىندى، ئۇكرائىن ۋە ھەتتا ئۇرۇسلارنىڭمۇ بۇ ئىتتىپاققا قاتنىشالايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن (5- ماددا). بۇ بەلگىلىمە تەشكىللىنىشنىڭ ئىرقلار ئاساسىغا ئەمەس بەلكى ئەركىنلىك، دېموكراتىيە دېگەندەك چۈشەنچىلەرنى قوبۇل قىلىش- قىلماسلىق ئاساسىغا تۈزۈلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. رۇسىيەلىكلەرگە قارشى مۇستەقىللىق كۈرىشى بىلەن شۇغۇللىنىش مەقسەت قىلىنغان بىر تەشكىلاتقا ئۇرۇسلارنىڭمۇ قاتنىشىشىغا يول قويۇش، بۇ كۈرەشنىڭ بىرەر مىللەتكە قارشى چىقىشنى مەقسەت قىلغان بولماي، بەلكى بولشېۋىكچىلىك جاھانگىرلىك تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئېلىشقا بولىدۇ. بۇ يەردە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، تاجىكلارنى باشقا بىر گۇرۇپقا مەنسۇپ كىشىلەر دەپ قارىماي، بۇ ۋەتەنگە تەۋە قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكىدۇر. ئەسلىدە بۇ جەمئىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان دەسلەپكى يىغىندىلا رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئاۋۋال تاشكەنتلىك مۇنەۋۋەر قارىغا بېرىش تەشەببۇس قىلىنىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن تاجىك يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان سەدرىدىن ئەينىگە تەۋسىيە قىلىنغان؛ ئەمما ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا مەخپىي يەر ئاستى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمىغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىكىنى باشقىرت تۈركلىرىدىن بولغان زەكى ۋەلىدىگە تەۋسىيە قىلىشقان ئىدى. بۇ ئىشلار، 1920- يىللاردىكى ئورتا ئاسىيالىق زىيالىيلارنىڭ قەبىلە ۋە ئۇرۇقداشلىق پەرقىنى كۆزدە تۇتماسلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغانلىقىنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى ئىدى. مۇسۇلمان ياكى تۈرك بولمىغانلارنىمۇ بۇ جەمئىيەتكە ئەزا قىلىپ قوبۇل قىلىنغانلىقى، جەمئىيەت قۇرغۇچىلىرىنىڭ ئورتا ئاسىيا ئىتتىپاقى بىلەن ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىقىغا ئىشىنىشىنىلا شەرت قىلىپ، مىللەت ۋە دىن پەرقلىرىگە قارىماي ئورتا ئاسىيادا ياشايدىغان بارلىق كىشىلەرنى ئورتا ئاسىيالىق دەپ قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئىپادىلىمەكتە.
تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشنىڭ ئۇسۇللىرى ئىتتىھات ۋە تەرەققىي جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇش ئۇسۇللىرىغا ئوخشاپ كېتەتتى (ت ب م ۋەكىلى ئىبراھىم يارقىن −ئارىفخان− چەتئەلدە پائالىيەت قىلىۋاتقان يىللىرىدىمۇ ت م ب گە ئەزا بولۇش ئۈچۈن شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىشلار ئىشلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇنداق ئۇسۇل ئىتتىھاتچىلاردىن ئۆگىنىۋېلىنغان ئۇسۇل ئىكەن. ئەزا بولغۇچى كىشى، تەشكىلاتقا كىرىدىغان ۋاقتىدا قەسىمىنى بۇزسا ۋە تەشكىلاتنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاپ قويسا ئۆلتۈرۈلۈشى قوبۇل قىلىنغان −1991- يىلى 10- يانۋار كۈنى، ئىستانبۇل غازى ئوسمانپاشا تەۋەسىدە يارقىن بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن شەخسى سۆھبەت خاتىرىسىدىن ئېلىندى−. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). نىزامنامىنىڭ 7- ۋە 8- ماددىلىرىدا بۇ تەشكىلگە ئەزا بولۇش ئۇسۇللىرى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.147 ئەزا بولغۇچى نامزات پروگراممىنى تولۇق ئوقۇپ چىقىپ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگىنىدىن كېيىن، ئالدىغا قويۇلغان قورال (مىلتىق، تاپانچا ياكى بولمىسا قىلىچ) نى ئوڭ قولىدا تۇتقاچ، يەنە بىر قولى بىلەن قۇرئان كەرىمىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. مۇسۇلمان ئەمەسلەر بولغىنىدا، قۇرئان ئورنىغا مىللىي بايراقنى تۇتۇپ تۆۋەندىكى قەسەمنى ئوقۇيدىكەن:
ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىقى ئۈچۈن، ئۇلۇغ ئورتا ئاسىيا قۇرۇش غايىسىغا ئىشىنىدىغان ئورتا ئاسىيالىقلار بىلەن مىللەت ياكى قەبىلە پەرقىگە قارىماي بىرلىشىپ، ئورتا ئاسىيا مىللىي بىرلىكى يولى بويىچە ھۆرىيەتنى قولغا كەلتۈرگەنگىچە جان تىكىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىمنى ۋىجدانىم بىلەن قەسەم قىلىمەن. جەمئىيەتنىڭ سىرلىرىنى ساقلايمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن جېنىمنى پىدا. قورالغا، قۇرئانغا ياكى مىللىي بايرىقىمىزغا قولۇمنى قويۇپ تۇرۇپ جەمئىيەت ئەزالىرى ئالدىدا بەرگەن قەسىمىمگە خىيانەت قىلغۇدەك بولسام، قېنىم بۇ قورال ئۈچۈن ھالال بولسۇن!
تەشكىلاتنىڭ پائالىيەت شەكلى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ياچېيكا سىستېمىسىغا ئوخشاپ كېتەتتى. ھەر بىر ياچېيكا بىر قانچە كىشىلىك گۇرۇپپىدىن تەشكىل تاپاتتى. تۆۋەن دەرىجىلىك ياچىكىدىن پەقەت بىرلا كىشى يۇقىرىدىكى ياچېيكا بىلەن مۇناسىۋەت تىكلىيەلەيتتى. شۇ ئارقىلىق ياچېيكا ئەزالىرىدىن بىرەرى قولغا چۈشۈپ قالغۇدەك بولغىنىدا قالغان ياچېيكىلارنىڭ ئەزالىرىنى پاش قىلىنىشتىن ساقلاپ قېلىش مەقسەت قىلىنغان ئىدى. بۇ نىزامنامىنىڭ قالغان ماددىلىرىدا قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنى تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق قارار چىقىرىش ئورگىنى دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇ قۇرۇلتاينىڭ قانداق چاقىرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلىي باسقۇچلار كۆرسىتىلگەن. مەركىزى كومىتېت ئورگىنىدا قوۋملارغا تەۋە كىشىلەر ئاساسىي ئورۇندا ئەمەس، قابىلىيەت ۋە سالاھىيەت ئاساس ئورۇندا دەپ تەكىتلەنگەن. مەركىزى كومىتېت − سىياسىي، مالىيە ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەردە بىردىن- بىر ھۆكۈم چىقىرىش ئورگىنى دەپ بەلگىلەنگەن (13- ، 14- ۋە 15- ماددىلار). ئىقتىسادىي مەنبە بولسا ئەزالار تۆلەيدىغان بەدەل پۇلى، مەتبۇئات كىرىملىرى ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا باج- سىلىق يىغىشلاردىن تەشكىل تاپىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.
تەشكىلاتنىڭ ئىنتىزامى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇتۇلماقتا ئىدى. بىرەر قارار ئېلىنىشتىن بۇرۇن ھەر خىل پىكىرلەر ئەركىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇنازىرە قىلىنىدىغانلىقى، ئەمما ھەر تەرەپنىڭ پىكرى ئېلىنىپ قارار قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، تالاش تارتىش قىلماي قەتئىي ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن (17- ماددا). ئادەتتىكى ئەھۋالدا چەت دۆلەتلەردە قۇرۇلىدىغان ۋاكالەتخانىلار مەركەزگە بىۋاسىتە قارايدۇ. ئەمما ھەر قانداق بىر شەكىلدە ئورتا ئاسىيادىكى مەركىزى كومىتېت تارقىلىپ كېتىپ قالغىنىدا چەتئەلدىكى مەركىزى كومىتېت ھوقۇقنى ئۆز ئۈستىگە ئۆتكۈزۈپ ئېلىپ، مۇستەقىل قارار چىقىرىدىغان ئورگانغا ئايلىنىدۇ (20- ، 21- ۋە 23- ماددىلار).
بۇ جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى ھەر قايسى گۇرۇپپىلار كېڭىشىپ قارار قىلغان ۋەزىپىلەر قىسقىچە ئالغاندا مۇنۇ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا:148 “ئورتا ئاسىيا مۇستەقىل بۆلىشى، ۋەتەننىڭ كېلەچىكى ئورتا ئاسىيالىقلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى كېرەك. قۇرۇلىدىغان مۇستەقىل دۆلەت دىن بىلەن سىياسەت ئارىلاشتۇرۇلمايدىغان تۈزۈمدە باشقۇرۇلۇشى ۋە مىللىي ئارمىيىگە تايىنىپ ياشايدىغان بۆلىشى كېرەك. ئېتىقاد ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. دۆلەت ئۆزىگە ئىقتىسادىي، مائارىپ ۋە يېزا ئىگىلىك ساھەلىرىدە خەلق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى غايە قىلىدۇ.”
شۈبھىسىزكى، بۇ غايىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن جەمئىيەت سەمەرقەنت، خىۋە ۋە فەرغانە رايونلىرىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان باسمىچى يېتەكچىلەرنىڭ يېنىغا مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىش ئارقىلىق ئىشنى باشلىغان ئىدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، باسمىچى گۇرۇپپىلارنى ئورتاق بىر سىياسىي سەھنە ئەتراپىدا بىر يەرگە كەلتۈرۈش ھەمدە ئېلىپ بېرىۋاتقان جەڭنى پىلانلىق بىر شەكىلدە قانات يايدۇرۇشنى مەقسەت قىلىشماقتا ئىدى.

باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرى
باسمىچىلىق ھەرىكىتى، سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى قانات يايدۇرۇلغان ئورتا ئاسىيا مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ قوراللىق كۈرەش ساھەسىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. قوقان ئاپتونومىيىسى تاشكەنت سوۋېتى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ھەرىكەت، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا پۈتۈن ئورتا ئاسىياغا كېڭىيىپ 1930- يىللارنىڭ بېشىغىچە داۋام قىلىپ بارىدۇ. قوقان مۇختارىيىتى ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا، بۇ ھۆكۈمەت شەھەر ئامانلىقىنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئەرگەش بەگكە تاپشۇرغان ئىدى. قوقان ساقچى باشلىقى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگىنىدە “قۇربېشى” ئۇنۋانىنى ئالغان ئەرگەش بەگ، قوقان ئاپتونومىيىسى تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن تاققا چىقىپ كېتىپ، پەرغانە رايونىدا سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق كۈرەشنى باشلايدۇ. دەسلىپىدە قوقان شەھىرى بىلەن ئۇنىڭ ئېتىراپى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان بۇ قوزغىلاڭ، 1918- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگىنىدە پۈتكۈل پەرغانە تەۋەسىگە كېڭىيىدۇ. شۇ سەۋەبتىن قوقان مۇختارىيىتىنىڭ تارقىتىۋېتىلگەن كۈنى، باسمىچىلىق ھەرىكىتىنىڭ باشلانغان كۈنى دەپ قوبۇل قىلىنماقتا.
سوۋېت دائىرىلىرى، خەلق ئارىسىدا ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا كىچىك كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ ھەرىكەتنى “باسمىچىلىق” دەپ ئاتاشقان ئىدى. شۇنداق قىلىپ بىر تەرەپتىن يەرلىك خەلقنىڭ بۇ ھەرىكەتكە ياردەم قىلىش ئارزۇسىنى ئازايتىشقا ئۇرۇنغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئاراغا بۇ ھەرىكەتنى ئادەتتىكى بۇلاڭچىلىق ھەرىكەت قىلىپ كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلماقتا ئىدى. سوۋېت دائىرىلىرىنىڭ بۇ تۈر ئۇرۇنۇشلىرىغا قارىماي،149 بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن “باسمىچىلىق” دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئەسلى لۇغەت مەنىسىنى يوقىتىپ، خەلق ئارىسىدا “مۇستەقىللىق جەڭچىلىرى” ياكى “مۇجاھىتلار” دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىشقا باشلايدۇ. ئەسلىدە، باسمىچى يېتەكچىلىرى دەسلەپكى كۈنلىرىدىن تارتىپلا ئۆزلىرىنى “قۇربېشى”، كۈرەش پائالىيەتلىرىنى بولسا “قۇربېشىلار ھەرىكىتى” دەپ ئاتاپ كەلگەن ئىدى. ئەمما سوۋېت تەرەپنىڭ كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى نەتىجىسىدە، “باسمىچىلار” دېگەن بۇ ئاتالغۇ خەلقئارالىق ئاتالغۇلار تەركىبىگە كىرىپ، بۇ رايونغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا كەڭكۆلەمدە قوللىنىدىغان ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
(رەسىم ئورنى)
باسمىچىلار بىلەن سوۋېت دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق سۆھبەت سورۇنلىرىدىن بىر كۆرۈنۈش
پەرغانە شەھىرى، 1921- يىلىنىڭ ياز ئايلىرى150
باسمىچىلىق ھەرىكىتىنىڭ تەشكىلى شەكلى ئاساسەن قوقان خانلىقىدا يولغا قويۇلغان ھەربىي تۈزۈمگە ئاساسەن تۈزۈلگەن ئىدى. ئون كىشىلىك گۇرۇپپىلارغا ئون بېشىلار، يۈز كىشىلىك گۇرۇپپىلارغا يۈز بېشىلار قوماندانلىق قىلاتتى. بەش يۈز كىشىلىك گۇرۇپپىلارغا پانسادلار مەسئۇل ئىدى. قۇربېشىلار ئۈچۈن ئەڭ كېمىدە مىڭ كىشىلىك بىر قوراللىق قوشۇن تەشكىل قىلىنىشى لازىم ئىدى. بىر قانچە قۇر بېشىغا مەسئۇل بولغان كىشى “لەشكەر بېشى” دەپ ئاتالماقتا ئىدى. ئادەتتە باسمىچى يېتەكچىلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ بارلىق تەبىقىلىرىدىن كەلگەن كىشىلەردىن تەركىب تاپماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە رايونلارغا تەۋە يېتەكچىلەر، دىنىي زاتلار، كونا ھەربىيلەر، سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ياكى بىلىملىك جەدىتچىلەرمۇ بار ئىدى. پەقەت مۇشۇ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن باسمىچىلىق ھەرىكىتىنى سوۋېت دائىرىلىرى تەرىپلەشكىنىدەك ئۇنداق فېئودال خاراكتېرىگە ئىگە بولماي، ئەكسىچە خەلق ئاممىسىنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ئومۇمىي خەلق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بولۇپمۇ فەرغانە رايونىدىكى باسمىچىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان “ئورتا ئاسىيا − ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭدۇر”، “سوۋېت ھاكىمىيىتى ئورتا ئاسىيادىن چىقىپ كەتسۇن”، “بىزگە مۇستەبىتلەردىن تازىلانغان ئورتا ئاسىيا كېرەك” دېگەندەك شوئارلىرى، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق غايىسىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەرمەكتە ئىدى.
باسمىچىلىق ھەرىكىتى سوۋېتلار تەرىپىدىن قايسى تۈردە تەرىپلىنىۋاتقانلىقىنى فرۇنزېنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە قىزىل ئارمىيىگە ئېلان قىلغان بىر بۇيرۇقىدىن ئېنىق كۆرۈۋېلىشىمىز مۇمكىن:
يولداشلار، ئورتا ئاسىيانىڭ ئۈنچە- مەرۋايىتى دەپ تونۇلغان فەرغانە ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى قانلىق ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالماقتا. … بۇ يەردىكى سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللىرىدا ياۋروپالىق ۋە يەرلىك بولۇپ كەڭ ئىشچى- دېھقانلار ئاممىسىنى ئۆز ئېتىراپىغا جەلپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئەمگەكچىلەر خەلقىنى ئۆزلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. … مۈلۈكنىڭ كوللېكتىپلاشتۇرۇلۇش ئورنىغا پەقەت بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ قولىدىكى مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلىش بىلەنلا قالماي، ئورتا ھاللىق دېھقانلارنىمۇ بۇلاڭ- تالاڭ قىلىشقان. … بۇ جايلاردا پائالىيەت قىلىۋاتقان قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرىنى، ئىنقىلابنى ھىمايە قىلىدىغان يېتەكچىلەردىن بەزى كىشىلەر ۋە ئەمگەكچى خەلق ئىستىبدات قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەتكەن. باسمىچىلار ھەرىكىتى دەپ ئېيتىلىۋاتقان بۇ ھەرىكەتلەر، ئەنە شۇ ئاساستا بارلىققا كەلگەن بىر ھەرىكەتتۇر. شۇڭا، باسمىچىلارنى ئاددىي بۇلاڭچىلار ھەرىكىتى دەپ قارىماسلىقىمىز لازىم. ئەگەر راستىنىلا ئادەتتىكى بۇلاڭچىلارنىڭ ھەرىكىتى بولغىنىدا ئىدى، ئۇلارنى بۇرۇنلا يىغىشتۇرۇپ بولار ئىدۇق.
باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرى ئاساسەن ئالغاندا خەلق ئاممىسىنىڭ دىنىي ھېسسىياتلىرىنىڭ قوزغىتىلىشى ۋە مىللىي ھېسسىيات ئاساسىدا كۈچىيىپ بارغان بىر ھەرىكەت ئىدى.151 بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەڭ ئاجىز يېرى، ئۇلاردا ئورتاق بىر سىياسىي پروگراممىنىڭ يوقلۇقى ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، بىر مەركەز ئېتىراپىغا ئۇيۇشۇش، ئورتاق ستراتىگىيىلەر تۈزۈپ چىقىش ئىمكانىيىتى بولماي قالىدۇ. ئورتا ئاسىيا مىللىي ئاۋام ئىنقىلابىي جەمئىيەتلەر ئىتتىپاقى ئورتاق سىياسىي پروگرامما تۈزۈپ چىقىش، باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرىنى بىرلا يېتەكچى ئورگان ئاستىغا بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشىپ باققان بولسىمۇ تۈزۈك بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
1918- يىلى فەرغانە رايونىدا باشلانغان باسمىچىلىق ھەرىكىتى تېز سۈرئەت بىلەن كېڭىيىپ، 1919- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگىنىدە پەرغانە رايونىدىكى بارلىق مەركىزى شەھەرلەر باسمىچىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى. دەسلىپىدە ئەرگەش قۇربېشى تەرىپىدىن باشلىتىلغان بۇ ھەرىكەت، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن مادامىنبەگ (مۇھەممەد ئىمىن)، شىر مۇھەممەتبەگ قاتارىدىكى قابىلىيەتلىك قۇربېشىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى نەتىجىسىدە راسا كۈچىيىپ بارغان ئىدى. سوۋېت دائىرىلىرى بۇ ھەرىكەتنى باستۇرۇش ئۈچۈن سوفونوۋ، فىلىپوۋ ۋە سىپاسىبوۋلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ئىنقىلابىي ئالدىنقى سەپ تەشكىل قىلىدۇ. بۇ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بۇ ئىشنى كېلىشتۈرەلمىگەندىن كېيىن، قايتىدىن 5 كىشىلىك ئىنقىلابىي كومىتېت تەشكىل قىلىپ چىقىدۇ. بۇ كومىتېت بىلەن قىزىل ئارمىيە شۇنچە تىرىشقىنىغا قارىماي بۇ ھەرىكەت بېسىقماق تۇرماق كۈندىن كۈنگە كۈچلىنىپ كېڭىيىشكە باشلايدۇ. سوۋېت دائىرىلىرى ئورتا ئاسىيا باسمىچىلىق ھەرىكىتىگە خاتىمە بەرگۈزۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر قوللىنىشى لازىم ئىكەن دەيدىغان خۇلاسىگە كېلىدۇ. 1919- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئورتا ئاسىيادا سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە “ئورتا ئاسىيا فرونتى” تەشكىللىنىپ، بۇنىڭغا گېنېرال فرۇنزېنى باش قوماندان قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. فرۇنزې، ئۆزىنىڭ شتاب ھەيئىتىنى ئېلىپ 1920- يىلى فېۋرال تاشكەنتتە پائالىيەتلىرىنى باشلىۋېتىدۇ.
1920- يىللارغا كەلگەندە ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە پەرغانە رايونى، تۈركمەن سەھراسى ۋە شەرقىي بۇخارا رايونى قاتارلىق ئۈچ مۇھىم باسمىچىلىق مەركىزى بارلىققا كېلىدۇ. بۇلار فەرغانە رايونى، ئورتا ئاسىيا سەھراسى ۋە شەرقى بۇخارا رايونى قاتارلىق جايلاردىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى. قوقان مۇختارىيىتى ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ تۇنجى بولۇپ باسمىچىلىق ھەرىكىتى ئوتتۇرىغا چىققان پەرغانە تەۋەسىدە ئەرگەش قۇر بېشى، مادامىنبەگ، شىر مۇھەممەتبەگ ۋە خال غوجا قاتارلىق كىشىلەر ئەڭ داڭدار باسمىچى يېتەكچىلىرىدىن بولغان ئىدى. مادامىنبەگنىڭ قوشۇنى تەركىبىدە ئاق ئۇرۇس ئوفىتسېرلىرى بىلەن ئۇرۇس ئەسكەرلىرىمۇ بار ئىدى. خىۋە خانلىقىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ، جۈنەيتخان باشچىلىقىدىكى تۈركمەن باسمىچىلىرى خارەزم جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا- قىشلاقلىرىغا چېكىنىپ بېرىۋېلىپ شۇ يەرلەردە جەڭ قىلماقتا ئىدى.153 چارجويدا قۇرۇلغان مەخپىي مىللىي تۈركمەن كومىتېتىمۇ ئۇ جايلاردىكى ئۇششاق گۇرۇپپىلارنى بىر مەركەز ئاستىغا يىغىشقا كىرىشكەن ئىدى. سوۋېتلار دائىرىسى بۇخارا خانلىقىنى ئاغدۇرۇۋېتىشى نەتىجىسىدە، بولۇپمۇ شەرقىي بۇخارا تەۋەسىدە نۇرغۇنلىغان باسمىچى قوشۇنلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولۇپ بەرگەن ئىدى. ئىبراھىم لاقايبەگ، فۇزەيل مەخدۇم ۋە دەۋلەتمەندبەگ قاتارىدىكى كىشىلەر بۇ رايوننى ئاساسەن ئۆز تىزگىنى ئاستىغا ئېلىۋالغان ھېسابتا ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە سەمەرقەنت رايونى بىلەن زەرەپشان ۋادىسىدا ئۇششاق- چۈششەك نۇرغۇنلىغان باسمىچى گۇرۇپپىلىرى ھەرىكەت قىلماقتا ئىدى.
بەزى قۇربېشىلار ئۆز رايونلىرىدا ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋاسىتىسىگە تايىنىپ تېخىمۇ كۈچلۈك ئاساس تىكلەش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىدى. 1919- يىلى 24- سېنتەبىر كۈنى مادامىنبەگ شەرقىي ئورتا ئاسىيا چېگراسىغا يېقىن بىر يەر بولغان ئۆركەشتامدا پەرغانە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئەمما سوۋېت قوراللىق قوشۇنىنىڭ تىنماي ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە بەش ئايدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇمۇ تىنچلىق سۆھبىتىگە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەھۋالدىن يەنە بىرنى 1920- يىلى 3- مارت كۈنى شىر مۇھەممەتبەگ ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، ئورتا ئاسىيا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىدىن بىرنى قۇرۇپ چىققان ئىدى. ئۆزىنى ئەمىرئىي لەشكەرئىي ئىسلام (ئىسلام ئارمىيە ئەمىرى) دەپ ئېلان قىلغان شىر مۇھەممەتبەگ، قوقان خانلىقىغا ئوخشىتىلغان ھۆكۈمەت ئورگىنى تەشكىللەپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە پەرغانە تەۋەسىدىكى داڭلىق كىشىلەر ئارىسىدىن 12 كىشىلىك بىر مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىنىمۇ تەشكىللەيدۇ. ئىنىسى تاش مۇھەممەتبەگنى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى قىلىپ ئەۋەتىدۇ. يەنە بىر ئىنىسى بولغان روزمۇھەممەتبەگنىمۇ شەرقىي ئورتا ئاسىياغا ۋەكىل قىلىپ تەيىنلەيدۇ. ئەپسۇسكى، روزمۇھەممەتبەگ بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن قەشقەرگە كېتىۋاتقىنىدا تاغ ئىچىدە دۇچ كەلگەن بىر قېتىملىق قار كۆچۈش ھادىسىسىدە پۈتۈن ئادەملىرى بىلەن قار ئاستىدا قېلىپ قۇربان بولىدۇ. شىر مۇھەممەتبەگ پەرغانە رايونىدا ئۇرۇشنى ئىككى يىلغىچە ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ. ئاندىن 1921- يىل سېنتەبىردە دۈشەنبىگە قېچىپ بېرىۋالغان ئەمىر سەئىد ئالىمخاننىڭ يېنىغا بېرىۋېلىپ، ئۇ يەردە ئەمىر ئافغانىستانغا ماڭىدىغان ۋاقىتقىچە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ پائالىيەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، باسمىچىلارغا كېلىپ قوشۇلغان ئەنۋەر پاشانىڭ قېشىغا ئىنىسى نۇر مۇھەممەدبەگنى ئەۋەتىپ، ئەنۋەر پاشا قانات يايدۇرغان بارلىق كۈرەشلەرگە ئىزچىل تۈردە ياردەم قىلىپ كېلىدۇ. ئەنۋەر پاشانىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، شارائىتنىڭ بارغانسېرى قىيىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە 1922- يىلىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا ئافغانىستانغا ئۆتۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.153
(رەسىم ئورنى)
ئەپسانىلاشقان باسمىچىلار رەھبىرى شىر مۇھەممەتبەگ دوستلىرى بىلەن بىرگە: 1. شىر مۇھەممەتبەگ؛ 2. ئۇكىسى، لەشكەر بېشى نۇر مۇھەممەتبەگ؛ 3. لەشكەر بېشى موللا ھاتەم؛ 4. باش كاتىپى نەزىر قاباۋىي (1922- يىلى)
1922- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان باسمىچىلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى ئاتمىش مىڭ ئەتراپىدا، ئۇلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن سوۋېت دائىرىلىرىنىڭ بۇ جايلارغا يۆتكەپ ئاپارغان ئەسكەر سانى يۈز مىڭ ئەتراپىدا دەپ خاتىرىلەنگەن. ئەنۋەر پاشانىڭ قوشۇلۇشى بىلەن شەرقىي بۇخارا تەۋەسى باسمىچىلىق ھەرىكىتىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپ، باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ خەلقئارالىق سىياسىي مەسىلىلەر كۈن تەرتىپىگە كىرگەن ئىدى. بۇ رايونغا قىزىقىدىغان بارلىق دۆلەتلەر ئەنۋەر پاشانىڭ بۇ جايلاردا نېمە ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالار دەپ ئۇنىڭ بارلىق ھەرىكىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كەلمەكتە ئىدى. ئەنۋەر پاشا ئۆزىنىڭ ئۇرۇش تەجرىبىسىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بۇ جايلارنى ئۆز تەسىر دائىرىسىگە ئېلىۋالغان ئىدى. بۇ جايلاردىكى ئىبراھىم لاقايبەگدىن باشقا بارلىق باسمىچى كۈچلىرىنى بىر يەرگە كەلتۈرۈپ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق تىكلەنگەن ئىدى. فۇزەيل مەخدۇم، ئېشان سۇلتان ۋە دۆلەتمەندبەگ قاتارلىق قۇر بېشىلار ئەنۋەر پاشانىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ جەرياندا،154 ئەنۋەر پاشا ئافغانىستان ئەمىرى ئامانۇللاخان بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت تىكلىگەن ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، يۈز بېرىۋاتقان بۇ ھادىسىلەر سوۋېت دائىرىلىرىنى بۇ جايلارغا تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر يۆتكەش، ئەنۋەر پاشاغا ياردەم بېرىش ئېھتىمال بولىدىغان بارلىق ساھەلەرگە كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىش ۋەزىيىتىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. ئۇرۇسلار شۇ ئارقىلىق 1922- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگۈچە سابىق بۇخارا ئەمىرى تەرەپدارى بولغان باسمىچىلار يېتەكچىلىرىنى ئەنۋەر پاشادىن ئايرىۋېتىش ئۈچۈن تۇتۇش قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئافغانىستان ئەمىرىنىڭ تۇتقان سىياسەتلىرىمۇ ئۇلارغا پايدىسىز تەرەپكە قاراپ ئۆزگەرمەكتە ئىدى. يۈز بەرگەن بۇ تۈردىكى قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ئەنۋەر پاشا ئۇرۇشنى قەتئىي چىڭ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى. ئەپسۇسكى، بەلجىۋان ئۇنىڭ بارالايدىغان ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلى بولۇپ قالىدۇ. ئەنۋەر پاشا، 1922- يىلىنىڭ 4- ئاۋغۇست كۈنى بىر قېتىملىق ئۇرۇس ھۇجۇمىدا شېھىت بولىدۇ. ئەنۋەر پاشانىڭ ۋاپاتى باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاساسەن تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىنى ئالغان ھاجى سەمىينىڭ كۆرسەتكەن پۈتۈن تىرىشچانلىقلىرى بۇ خىل تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يېتىشمەي، باسمىچىلىق ھەرىكىتى 1923- يىلىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى كۈچ قۇدرىتىگە زادىلا ئېرىشەلمەيدۇ.
ئىچكى- تاشقى قىيىنچىلىقلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدىن قۇتۇلۇۋالغان موسكۋا دائىرىلىرى، ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدىكى باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرىنى تولۇق يوقىتىش ئىرادىسىگە كېلىپ 1923- يىلىنىڭ بېشىدا ئورتا ئاسىيا تەۋەسىگە زور مىقداردا قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرىنى يۆتكەشكە كىرىشىدۇ. يەنە شۇ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى باش قوماندانى س. س. كامېنېۋنىڭ ئورتا ئاسىياغا كېلىشى، بۇ يەردىكى باسمىچىلارغا قارشى ئۇرۇشقا بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلغانلىقى، سوۋېت دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، سوۋېت دائىرىلىرى باسمىچىلىق ھەرىكەتلەرگە قىلىنىۋاتقان ياردەملەرنى چەكلەش ئۈچۈن خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتمەكتە ئىدى. رۇسىيە كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ تۈرك بيۇروسى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىۋەتكەن ۋەخپە مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىش قارارىغا تۈزىتىش كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئىسلامى ئوقۇتۇش مۇئەسسەلىرىنى قايتىدىن ئېچىۋېتىش ھەمدە شەرىئەت مەھكىمىلىرىنىڭ پائالىيەت قىلىشىغا يول قويىدىغانلىقىنىمۇ ئېلان قىلىدۇ. چىقىرىلغان بۇ قارارلار بىلەن بىرگە، يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى (ن.ئې.پ) نى مۇزاكىرىگە قويۇشى خەلقنىڭ نارازىلىقلىرىنى تىنچىتىش ۋە بولشېۋىكلەر ھاكىمىيىتىگە بولغان ئۆچمەنلىكلەرنى ئازايتىش رولىنى ئوينايدۇ.
(رەسىم ئورنى)156
تىللا قارى مەدرىسىسىنىڭ قورۇسىدا تەشكىللەنگەن بىرلا كىشىلىك قارىلىغۇچى ھەم سوتچى بولغان سوۋېت ئوچۇق سوت مەھكىمە مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش. سەمەرقەنت، 1923
(رەسىم ئورنى)
سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىۋاتقان باسمىچىلاردىن بىر كۆرۈنۈش. سەمەرقەنت، 1923
1923- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە باسمىچى گۇرۇپپىلارنىڭ كۆپ قىسمى تارمار قىلىنغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى. باستۇرۇلۇشتىن ئامان قالغان باسمىچى يېتەكچىلىرىنىڭ بىر قىسمى سوۋېت قوراللىق كۈچلىرىگە تەسلىم بولىدۇ. يەنە بىر قىسمى بولسا تارقاق شەكىللەردە ئۇششاق گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شەرقىي بۇخارا رايونىدىكى لاقاي ئىبراھىمبەگ،155 تۈركمەنىستان تەۋەسىدە جۈنەيتخان قاتارلىقلار رۇسىيەلىكلەرگە قارشى كۈرىشىنى يەنە بىر قانچە يىل داۋاملاشتۇرالىغان يېتەكچىلەر ئىدى. ئەمما يېتەرلىك دەرىجىدە قوراللانمىغان، ئارقا سەپ تەمىنات ياردىمى بولمىغان، ئۆز ئىچىدىمۇ بىرەر سىياسىي بىرلىككە كاپالەتلىك قىلالمىغان باسمىچى گۇرۇپپىلار مەخسۇس ھەربىي تەلىم- تەربىيە كۆرگەن مۇنتىزىم ئارمىيە ئالدىدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، قالغان باسمىچىلارمۇ كېيىنكى يىللاردا ئافغانىستاننى ئاساس قىلغان ھالدا ئىران ۋە شەرقىي ئورتا ئاسىيا قاتارىدىكى قوشنا ئەللەرگە ئۆتۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. 1926- يىلىنىڭ باھار ئايلىرىغىچە شەرقىي بۇخارادا رۇسىيەلىكلەرگە قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىبراھىم لاقايبەگ، شۇ ۋاقىتتىكى كۈنلىرىنى مۇنداق خاتىرىلەپ قالدۇرغان ئىدى:
يېتەرلىك دەرىجىدە قورال- ياراغ ۋە ئوق- دورا، ئۇرۇشقا قاتناشتۇرغۇدەك ئادەم كۈچىمىز بولمىغاچقا، سوۋېت تەۋەسىدە تىركىشىپ تۇرۇۋېرىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى قالمىغان ئىدى. بىر بۇلۇڭغا قىستاپ قويۇلغان ئەھۋالدا ئىدىم. ئاخىرىدا ماڭغۇدەك بىرلا يول قالغان بولۇپ، چېگرادىن ئۆتۈپ ئافغانىستان تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشتىن باشقا چارەم يوق ئىدى. ئاخىرى يېنىمدىكى 50 نەپەر يىگىتلىرىم بىلەن بىرگە چېگرادىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم.
تۈركمەن سەھرالىرىنىڭ خوجايىنى ھالىغا كەلگەن ئەپسانىۋى باسمىچىلار يېتەكچىسى جۈنەيتخانمۇ 1928- يىلى ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ ئاۋۋال ئىران تەرەپكە، ئۇ يەردىن يەنە ئافغانىستانغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە 1918- يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قوراللىق مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى (ئورتا ئاسىيادىن چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن باسمىچى يېتەكچىلەر داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قوراللىق كۈرەشلەر ھەققىدە ئامۇ دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا دېگەن بابقا قارالسۇن − ئا.ھ. ئىزاھاتى).

ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدىن چەت دۆلەتلەرگە كۆچ- كۆچلەر
ئورتا ئاسىيادىن قېچىپ چىقىپ چەت دۆلەتلەردە قانات يايدۇرۇلغان سىياسىي كۈرەشلەر ئاساسەن زىيالىيلار تەرىپىدىن قانات يايدۇرۇلغان ھەرىكەتلەر ئىدى. بۇ ئىنقىلابچىلار تەرىپىدىن قانات يايدۇرۇلغان پائالىيەتلەر ئاساسلىقى ئورتا ئاسىيالىق مۇجاھىتلار بىلەن مۇھاجىرلار تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە مەركەزلەشكەنلىكى كۆرۈلمەكتە. فىرانسىيەنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئەھۋال شۇنداق ئىدى. ئەنە شۇ سەۋەبتىن، 20- ئەسىرنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئورتا ئاسىيادىن چەت دۆلەتلەرگە قاراپ كۆچ- كۆچ ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرى بىلەن ئالاھىدىلىكىدىن تولۇق خەۋەردار بولغىنىمىزدا، چەت دۆلەتلەردە قانات يايدۇرۇلغان كۈرەشلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ ئالالايمىز.
1900- يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلانغان تۇنجى چوڭ كۆچۈش157 دولقۇنى، 1916- يىلى چاررۇسىيەگە قارشى قانات يايدۇرۇلغان قوزغىلاڭلاردىن كېيىن كۆرۈلىدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ كۆچ- كۆچ، باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپەيگەن يىللاردا يۈز بېرىدۇ. ئۈچىنچى قېتىملىق كۆچۈش دولقۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىدا “كوللېكتىپلاشتۇرۇش ھەرىكىتى” باشلانغان يىللاردا يۈز بېرىدۇ.
1916- يىلىدىكى شەرقىي ئورتا ئاسىياغا قاراپ يۈزلەنگەن چوڭ كۆچ- كۆچنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى بارلىق كۆچۈش ھەرىكەتلىرى ئاساسەن ئالغاندا ئافغانىستانغا، بولۇپمۇ شىمالىي ئافغانىستانغا قاراپ يۈزلەنگەن ئىدى. ئورتا ئاسىيالىق كۆچمەنلەرگە نىسبەتەن ئافغانىستاننىڭ مۇنچە جەلپ قىلارلىق بولۇشىغا، ئاساسەن ئالغاندا تۆۋەندىكىچە تارىخىي ۋە جۇغراپىيىلىك جەھەتتىكى بىر قانچە تۈرلۈك ئامىل سەۋەبچى بولغان.
14- ئەسىرلەردە ئورتا ئاسىيادا تۆمۈر تەرىپىدىن قۇرۇلغان چاغاتاي ئىمپېراتورلۇقى ئۇنىڭ نەۋرىسى بابۇر دەۋرىگە كەلگىنىدە پارچىلىنىپ كېتىدۇ. شەيبانى ئۆزبەكخانغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان بابۇر شاھ، بۇ ئۇرۇشتا يېڭىلىپ بۇ رايوننى تاشلاپ چىقىپ كېتىدۇ. بابۇر ھىندىستانغا كەتكىنىدىن كېيىن، ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا ئۆتكەن شەيبانى ئۆزبەكخان بۇ رايوندىكى قۇندۇز، بەدەخشان، بەلخ ۋە ھېرات قاتارىدىكى شەھەر دۆلەتلىرىنى بېسىۋالىدۇ. ئاندىن كېيىن غەربكە يۈزلىنىپ ئىراندىكى سافاۋىلار سۇلالىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ. 1510- يىلقى مەرۋى ئۇرۇشىدا يېڭىلىپ جەڭ مەيدانىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ. شەيبانى ئۆزبەكخاننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن بۇ جايلاردا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشلار يۈز بېرىپ، ھەر قايسى ئۆزبېك گۇرۇپپىلىرى ئامۇ دەرياسىنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلىرىدە بىر قانچە خانلىق قۇرۇپ چىقىشىدۇ. جەنۇبتا، يەنى بۈگۈنكى شىمالى ئافغانىستاندا قۇرۇلغان ئۆزبېك خانلىقلىرى ئۇششاق شەھەر دۆلەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.
ئۇ ۋاقىتلاردا، يەنى 18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ھىندىقۇش تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا بىر ئافغانىستان دۆلىتى شەكىللەنمەكتە ئىدى. ھىندىقۇش تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى پەشتۇ قەبىلىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرۇۋاتقان ئەخمەت شاھ دۇررانى، 1759- يىلى ھىندىقۇشنىڭ شىمالىغا يۈرۈش قىلىپ بەلخ شەھىرىنى بېسىۋالغان بولسىمۇ، ئافغان ھاكىمىيىتى ئۇ يەرلەردە ئۇزۇنغىچە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. تەخمىنەن ئون يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بۇخارا خانى ئەخمەت شاھ ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلىپ بەلخ شەھىرىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ جايلار بۇخارا خانلىقىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئۆتكەن ئىدى. ئەخمەت شاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بۇ جايلاردا بارلىققا كەلگەن ھۆكۈمەتسىزلىك ۋەزىيىتى قۇندۇز، تاشقورغان ۋە سەمەنگان قاتارىدىكى شەھەرلەردە قايتىدىن ئۇششاق ئۆزبېك خانلىقلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.158 ئەمما بۇ ئۇششاق شەھەر دۆلەتلىرى ئۆزئارا تىنماي جېدەللىشىپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ خىل ۋەزىيەتتىن پايدىلانغان ئافغان ئەمىرى دوست مۇھەممەتخان، 1859- يىلى ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇششاق ئۆزبېك دۆلەتلىرىنى تارمار كەلتۈرۈپ بۇ جايلارنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، جەنۇبىي ئورتا ئاسىيا تەۋەسى سىياسىي جەھەتتىن ئافغان ئورتا ئاسىياى ھالىغا كېلىپ قالىدۇ.
1880- يىلى، ئافغان پادىشاھى بولغان ئەمىر ئابدۇراخمانخان شىمالىي ئافغانىستانغا، يەنى ئافغان ئورتا ئاسىياىغا قارىتا بىر قېتىملىق پەشتۇلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا كىرىشىدۇ. شىمالىي ئافغانىستانغا پەشتۇ كۆچۈرۈش ئىشى مۇنداق ئىككى خىل شەكىلدە ئىجرا قىلىنغان ئىدى: ئەمىر ئابدۇراخمان، تەخمىنەن يىگىرمە يىلدەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە، ھەر قانداق بىرەر باھانە سەۋەب بىلەن مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنى ئاۋارە قىلغان پەشتۇ قەبىلىلىرىنىڭ يەر ۋە مال- مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىۋالاتتى. ئاندىن بۇ پەشتۇ قەبىلىلىرىنى سۈرگۈن قىلىش نامىدا شىمالىي ئافغانىستان تەرەپلىرىگە ھەيدىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ يەنە بىر خىل پەشتۇ كۆچۈرۈش ئۇسۇلى، ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇ جايلارغا كۆچۈپ بېرىشنى خالايدىغان پەشتۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئىدى. ئافغان ئورتا ئاسىياىغا كۆچۈپ بېرىشنى خالايدىغان پەشتۇلارغا يول راسخوتى بېرىش، باج- سىلىقلاردىن كەچۈرۈم قىلىش ۋە يەر تەقسىم قىلىپ تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا لازىملىق شەرت- شارائىتلارغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارىدىكى ئەتىۋارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويماقتا ئىدى. ئۇنىڭ يولغا قويغان بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى يەرلىك پەشتۇ ھۆكۈمدارلارنىڭ زورلۇق- زومبۇلۇقلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، يەرلىك خەلق ئىچىدە بەكلا كۈچلۈك نارازىلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى.
ئەمىر ئابدۇراخمان كەڭ كۆلەملىك پەشتۇلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ كەلگىنىگە قارىماي، 20- ئەسىرگە كىرگەن ۋاقىتلاردا شىمالىي ئافغانىستاننىڭ ھېرات، مەيمەنە، شىبىرغان، مازارى شەرىپ، كاتاغان ۋە بەدەخشان قاتارلىق ۋىلايەتلىرى يەنىلا “جەنۇبىي ئورتا ئاسىيا” دېگەن نامىغا ئۇيغۇن نوپۇس تەركىبىنى ساقلاپ كەلمەكتە ئىدى. يەنى، بۇ جايلاردا يەنىلا نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تۈركى قوۋملىرى تەشكىل تاپماقتا ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئافغانىستاننىڭ بۇ تەۋەسىگە كۆچۈپ بارغان ئورتا ئاسىيالىقلار ئۆرپ- ئادەت جەھەتلەردە قىلچىمۇ ياتلىق ھېس قىلىشمايتتى. بۇ جايلارنىڭ ئورتا ئاسىيالىق كۆچمەنلەرنى ئۆزىگە تارتىپ كېلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، بۇ يەرلەر جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن شىمالىي ئورتا ئاسىياغا چېگرىداش قوشنا يەرلەر بولغانلىقى ئىدى. ئافغانىستان، ئورتا ئاسىيا چۆللىرىدىن تارتىپ تا بۇخارا ئەمىرلىكى بىلەن ئورتا ئاسىيا باش گوبېرناتورلۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورتا ئاسىيا زېمىنلىرىغا قوشنا ئىدى. بۇ خىل چېگراداشلىق مۇناسىۋەت تا شەرقىي ئورتا ئاسىياغىچە سوزۇلغان ئىدى. چېگرا سىزىقى شىمالدا قاراقۇرۇم چۆلى،159 ئوتتۇرىدا ئامو دەرياسى ۋە شەرق تەرىپىدە ئۆتكىلى بولمايدىغان تەبىئىي توسۇق بولغان پامىر تاغلىرىدىن ئىبارەت تەبىئىي چېگرالار بىلەن قورشالغان ئىدى. بۇنداق بىر رايوننى چېگرانىڭ ھەر ئىككىلا تەرىپىدىكى ھۆكۈمەتلەر ئاسانلىقچە تىزگىنلەپ كېتەلمەيتتى. شۇنداق بولغاچقا تۈركمەن چۆللىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ ھېرات بىلەن مەيمەنە شەھىرىگە، ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ مەزارى شەرىپ بىلەن كاتاغان ۋىلايەتلىرىگە، پامىر تاغلىرىدىن ئۆتۈپ بەدەخشان ۋىلايىتىگە بېرىشلار بەكلا ئاسان ئىدى.
ئورتا ئاسىيالىق كۆچمەنلەرنىڭ ئافغانىستاننى تاللاپ ئېلىشىغا سەۋەب بولغان يەنە بىر ئامىل، بۇ ئەلنىڭ دىنىي مۇھىتى ئىدى. ئافغانىستان مۇستەقىل بىر ئىسلام دۆلىتى بولغانلىقى، سۇنىيى مەزھىپى ئاساسلىق مەزھەپنى تەشكىل قىلغانلىقى ئوخشاش بىر مۇھىتتىن كەلگەن ئورتا ئاسىيالىقلار ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ ئالاھىدە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىدى. يەنە بىر قوشنىسى بولغان شەرقىي ئورتا ئاسىيا چىنلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا، ئىراندا شىيە مەزھىپى مىللەت قاتارىدا ئاساس ئورۇندا تۇراتتى. يىغىپ ئېيتقاندا، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئورتا ئاسىيادىن قوشنا ئەللەرگە كۆچۈشلەردە ئافغانىستانغا كۆچۈش بىرىنچى ئورۇندا تۇراتتى.

بىرىنچى قېتىملىق كۆچ- كۆچ: 1916- يىلقى قوزغىلاڭ دەۋرى
1916- يىلى چاررۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئورتا ئاسىيالىقلارنى ھەربىي ئىشچى ئورنىدا ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىش ھەققىدە ئېلىنغان قارار، ئورتا ئاسىيا خەلقىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاپ، ھەر قايسى جايلاردا ئىسيان كۆتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ. ئەسلىدىنلا ئۇزۇندىن بېرى سۈركىلىش ۋە نارازىلىق ھېسسىياتلىرى داۋاملىشىپ كەلمەكتە ئىدى. چار رۇسىيە ھۆكۈمدارلىرى ئاۋۋال قازاق- قىرغىز دالالىرىدىن باشلاپ ئۇرۇسلارنى كۆچۈرۈپ نوپۇس نىسبىتىنى ئۆزگەرتىش سىياسىتىنى پۈتۈن ئورتا ئاسىيا تەۋەسىگە كېڭەيتىشكە كىرىشكەن ئىدى. ھوسۇللۇق مۇنبەت يەرلەرنى تارتىپ ئالغان ئۇرۇسلار ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئارقا تىرەك قىلىپ، ئىگىلىۋالغان يەرلەردە يەرلىك خەلققە قارىتا ئېغىر زۇلۇم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ كەلمەكتە ئىدى. رۇسىيەلىك خوجايىنلار يەرلىكلەرنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىشى، قاتتىق ئىشلىتىپ ئاز ھەق بېرىش بىلەنلا قالماي، يەنە ئېغىر باج- سىلىق سېلىش سىياسىتى يەرلىك خەلقنى جېنىدىن جاق تويغۇزۇۋەتكەن ئىدى. 1916- يىلىنىڭ 8- ئىيۇن كۈنى رۇسىيە ھۆكۈمىتى شۇ ۋاقىتقىچە يەرلىكلەرنى ھەربىيلىككە ئالماي كەلگەن ئىدى. دەل شۇ يىلى ئورتا ئاسىيالىقلارنى ھەربىي ئىشچى سۈپىتىدە ئالدىنقى سەپلەردە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئەسكەرلىككە تۇتۇش بۇيرۇقىنى چىقىرىدۇ. بۇ بۇيرۇققا بىنائەن ئورتا ئاسىيا گوبېرنىيىسى تەۋەسىدىن 250 مىڭ، قازاق دالاسى گوبىرناتورلىغىدىن 234 مىڭ بولۇپ تەخمىنەن يېرىم مىليون نەپەر ھەربىي ئىشچى يىغىش تەلەپ قىلىنىدۇ.160 ھەربىيلىككە تىزىملىتىش جەريانىدا خوجەنت شەھىرىدە باشلانغان قوزغىلاڭ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭىيىپ كېتىدۇ. يەتتىسۇ تەۋەسىدە باشلانغان ئۇرۇس كۆچمەنلىرى يەرلىشىۋالغان يەرلەردىكى توقۇنۇشلار تېزلىكتە كېڭىيىپ چوڭ بىر قوزغىلاڭغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. گېنېرال كروپاتكىن يېتەكچىلىكىدىكى ئۇرۇس قوراللىق قىسىملىرى قوزغىلاڭنى 1917- يىلىنىڭ فېۋرال ئايلىرىغا كەلگەندىلا ئاران باستۇرۇپ بولالايدۇ. ئەمما بۇ باستۇرۇشلاردا ئورتا ئاسىيالىقلار بەكلا ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. 6 ئاي داۋام قىلغان قوزغىلاڭدا، ئۆلگەن ئۇرۇسلارنىڭ سانى 5~6 مىڭغا يەتمىگەن بولسا، يالغۇز پىشپەك تەۋەسىدىلا 30 مىڭدىن ئارتۇق قىرغىز ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئورتا ئاسىيا تەۋەسى بويىچە ئۆلتۈرۈلگەن يەرلىكلەرنىڭ سانى يۈزمىڭدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.
قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن، 200 مىڭدەك ئورتا ئاسىيالىق رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە قاتارىدىكى جايلىرىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. قوزغىلاڭ ئەڭ قاتتىق بولغان يەتتىسۇ رايونىدا يەرلىك خەلقنىڭ كېمىدە يۈزدە 30 پىرسەنت قىسمى قىرىپ تاشلانغان ئىدى. مۇنچە ئېغىر ۋەھشىيلىكلەر يۈز بەرگەچكە، خەلقنىڭ بىر قىسمى يۇرتلىرىنى تاشلاپ باشقا ئەللەرگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. 1916- يىلقى قوزغىلاڭ جەريانىدا تەخمىنەن يېرىم مىليوندەك ئورتا ئاسىيالىق چېگرادىن قېچىپ ئۆتۈپ شەرقىي ئورتا ئاسىيا تەۋەسىگە پاناھلىق تىلىگەنلىكى مەلۇم. چاررۇسىيە ھۆكۈمدارلىرى بۇ خىل ۋەزىيەتتىنمۇ ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىدۇ. چار رۇسىيە دائىرىلىرى ئۆلتۈرۈلگەن، سۈرگۈن قىلىنغان ۋە يۇرتىدىن ئايرىلىپ قوشنا ئەللەرگە پاناھلىق تىلەپ قېچىپ كەتكەن ئورتا ئاسىيالىقلاردىن قالغان يەرلەر بىلەن ئۇلارنىڭ مال- مۈلكىنى سلاۋيان كۆچمەنلىرىگە مۇكاپات قىلىپ تارقىتىپ بېرىدۇ.

ئىككىنچى قېتىملىق كۆچ- كۆچ:باسمىچىلىق دەۋرى
ئورتا ئاسىيادا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى قانات يايدۇرۇلغان قوراللىق كۈرەشلەر ئاجىزلىشىشقا باشلىغان ۋاقىتلاردا، باسمىچى گۇرۇپپىلىرى بىلەن بىرگە نۇرغۇن ساندا ئورتا ئاسىيالىق ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن 1922- ، 1924- ۋە 1926- يىللىرىدا ئېلان قىلىنغان ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئورتا ئاسىيا تېررىتورىيىسى بويىچە كۆچ- كۆچ ۋە قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن كۆرۈنەرلىك مىقداردا نوپۇس ئازىيىشى بارلىققا كەلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.161 باسمىچىلىق ھەرىكىتى ئەڭ كۈچلۈك يۈز بەرگەن تۈركمەن دالالىرى، شەرقىي بۇخارا رايونى بىلەن پەرغانە ۋادىسى قاتارىدىكى رايونلاردىمۇ كۆچ- كۆچ ھەرىكىتى خېلى كۆپ يۈز بەرگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. بۇ دەۋردىكى ھىجرەت دولقۇنى ئاساسەن ئالغاندا يېرىم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۆزبېك گۇرۇپپىلىرى (لاقاي، دورمان، قاتاغان، كونگرات، قارلۇق، تاز ۋە باشقىلار)، تۈركمەن قوۋملىرى (بولۇپمۇ ئەرسارى ۋە سېرىق) ۋە شەرقىي بۇخارا تەۋەسىدە ياشايدىغان تاجىك قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالماقتا ئىدى. يالغۇز بۇخارا ئەمىرلىكى تەۋەلىكىدىنلا ھىجرەت قىلغانلارنىڭ سانى بىر مىليون ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى سوۋېت ئىتتىپاقى مەنبەلىرىدىنمۇ كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. بۇ كۆچكەنلەرنىڭ ئاساسىي قىسمى ئۆزبەكلەر بىلەن تاجىكلاردىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى.
(رەسىم ئورنى)
4- خەرىتە. ئورتا ئاسىيانى سىياسىي جەھەتتە پارچىلىۋېتىشتىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ئەڭ ئاخىرقى كۆرۈنۈشى ۋە ئورتا ئاسىيادىن چەت دۆلەتلەرگە قاراپ كۆچۈش يوللىرى162
شەرقىي بۇخارانىڭ چېگراغا يېقىن رايونلىرى (بۈگۈنكى تاجىكىستان − ئا.ھ. ئىزاھاتى) ئورتا ئاسىيانىڭ ئىچكى قىسىملىرىدىن كەلگەنلەر ئۈچۈن چېگرادىن ئۆتۈۋېلىشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىماقتا ئىدى. شۇنىڭدەك بۇ يەرلەر ئەڭ كۆپ كۆچ- كۆچ بولغان يەرلەردىن بىرى ئىدى. بۇخارا ئەمىرلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان تاجىكىستاندا، 1917- يىلىدىكى ئومۇمىي نوپۇس ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا 1374685 نوپۇس بار بولغان بولسا، 1926- يىلىغا كەلگەندە، بۇ سان 831180 گە چۈشۈپ قالغان. مۇنداق ئېيتقاندا، يالغۇز تاجىكىستاندىكىلا ئازايغان نوپۇس سانى 543505 كىشىگە يەتكەن. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يەنە شۇ قېتىملىق نوپۇس ستاتىستىكا رەقەملىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ مۇددەت ئىچىدە سۇرخان دەرياسى تەۋەسىدىن ئاساسى قىسمىنى ئۆزبەكلەر تەشكىل قىلغان 44 مىڭ ئۆيلۈك (تەخمىنەن 206800 كىشى) ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئافغانىستانغا قېچىپ كەتكەن. 1920- يىللىرى بويىچە قاراتېكىن تەۋەسىدىن ۋاھش ۋادىسى ئارقىلىق ئافغانىستانغا 1300 قىرغىز ئۆيلۈك (تەخمىنەن ئالغاندا 6500 نوپۇس) چېگرادىن ئۆتۈپ كەتكەن. شەرقىي پامىر تەۋەسى ئارقىلىق ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان تەۋەسىگە ئۆتۈپ كەتكەن قىرغىز تۈركىلىرىنىڭ سانىمۇ 200 ئۆيلۈك (تەخمىنەن ئالغاندا 1000 كىشى) ئەتراپىدا ئىكەن. تۈركمەنلەر بولسا ئاساسەن ئالغاندا قاراقۇم چۆلى ئارقىلىق ئىراننىڭ تۈركمەن رايونىغا ھەمدە شىمالى ئافغانىستانغا ئۆتۈپ كەتكەن. 1926- يىل بېشىدا شىمالى ئافغانىستانغا ئۆتكەن تۈركمەن سانى 42580 قوش دەپ كۆرسىتىلمەكتە. ھەر بىر قوشتا، يەنى ئۆيلۈكتە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5 جان بار دەپ قوبۇل قىلىنغاندىمۇ ئافغانىستانغا 250 مىڭ ئەتراپىدا تۈركمەن قېچىپ كەتكەن دېيىش مۇمكىن. ئىران تۈركمەن تەۋەسىگە كۆچۈپ چىققانلارنىڭ سانى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق.
ئافغانىستانغا كۆچۈپ كەتكەن تۈركلەرنىڭ قۇۋۇم نىسبىتىگە قارايدىغان بولساق، ئۆزبەكلەر بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. ئۇنىڭدىن قالسا تۈركمەنلەر بىلەن تاجىكلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلماقتا.163 يۇرتىدىن ئايرىلىپ بۇ تەرەپلەرگە كۆچۈپ چىققان قىرغىزلار بىلەن قازاقلارنىڭ سانىنى بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا بەكلا ئاز دېيىش مۇمكىن. باسمىچىلىق ھەرىكىتى دەۋرىدە ئورتا ئاسىيادا يۈز بەرگەن كۆچ- كۆچ دولقۇنى، ئاساسەن ئالغاندا ئافغانىستانغا كۆچۈشنى ئاساس قىلغان ئىدى. ئىران بىلەن شەرقىي ئورتا ئاسىياغا كۆچۈشلەر بولسا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇراتتى. بولشېۋىكلەر ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلىنىپ، باسمىچىلىق ھەرىكىتى بويىچە داۋام قىلغان بۇ كۆچۈشنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا مۇناسىۋەتلىك ئېنىق بىر رەقەمنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئىمكانىيىتى يوق دېيەرلىك. شۇنداقتىمۇ ھەرخىل مەنبەلەردە كۆرسىتىلگەن سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىنى ئېلىپ ھېسابلىغاندىمۇ، ئەڭ كېمىدە 1.5~2 مىليوندەك ئورتا ئاسىيالىقنىڭ ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ چەت دۆلەتلەرگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

ئۈچىنچى قېتىملىق كۆچ- كۆچ: كوللېكتىپلاشتۇرۇش دەۋرى
سوۋېت دائىرىلىرى ئورتا ئاسىيادا باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇپ بولغىنىدىن كېيىن ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەپ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەر بويىچە يېڭى سىياسەتلەرنى بەلگىلەپ يولغا قويۇشقا كىرىشىدۇ.
بۇ ۋەزىپىلىرىنىڭ ئىككىسى سىياسىي ساھەدىكى ۋەزىپىلەر ئىدى. ئۇلاردىن بىرى، ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدىكى تۈركىلەرنى قوۋملار بويىچە تۈرلەرگە ئايرىپ يېڭى جۇمھۇرىيەتلەر تەشكىل قىلىش لايىھىسىنى كۈنتەرتىپكە قويۇشى ئىدى. 1924- يىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر كۈنى س س ج ئى (سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى، ياكى س س س ر − ئۇ.ت) مەركىزى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىن چاقىرىپ، 1917- يىلىدىن بۇيان مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئورتا ئاسىيا ئاپتونومىيىلىك سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارىنى ئالىدۇ. ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە قۇرۇلىدىغان رىسبوپلىكىلارنىڭ ئاساسى شۇ يىلىنىڭ ماي ئېيىدىن ئېتىبارەن تەييارلىنىشقا باشلىنىدۇ. سېنتەبىر ئېيىغا كەلگەندە چاقىرىلغان بۇخارا ۋە خارەزم خەلق جۇمھۇرىيەتلىرى ئۆزلىرىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرغان (!) لىق قارارىنى ئېلىشىدۇ. بۇ ئىشلار يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ ئىككى خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررىتورىيىسى ئۈستىدە ئۆزبېكىستان بىلەن تۈركمەنىستان دېگەن ئىككى سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتنى پەيدا قىلىش قارارى ئېلىنىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە قازاقىستان تەۋەسىدىمۇ بىر قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق يەنە بىر قاراقالپاق ئوبلاستى تەشكىل قىلىنىدۇ. تەشكىل قىلىنغان قاراقىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بولسا رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە بىۋاسىتە قارايدىغان قىلىپ بەلگىلىنىدۇ. بۇ ئاپتونومىيىلىك رايون، 1926- يىلىنىڭ ماي ئېيىدا قىرغىسىتان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلىدۇ. قاراقالپاق ئوبلاستى بولسا، ئاۋۋال رۇسىيە جۇمھۇرىيىتىگە (1932- يىلىغىچە)، ئاندىن كىيىن ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىگە (1936- يىلى) گە قارايدىغان قىلىنىدۇ. ئۆزبېكىستانغا قارايدىغان قىلىپ تەشكىللەنگەن تاجىكىستان ئوبلاستىمۇ 1929- يىلىنىڭ دېكابىر ئېيىدا جۇمھۇرىيەت دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلىدۇ.164 شۇنداق قىلىپ، 1930- يىللارغا كەلگىنىدە سابىق ئورتا ئاسىيا تېررىتورىيىسى ئۈستىدە ئورتا ئاسىيا دېگەن ئۇقۇمنى ئەسلىتىدىغان ھېچقانداق بىر ئورگان قالدۇرۇلمايدۇ.
ئىجتىمائىي ساھەدە بولسا، مۇسۇلمان تۈرك جامائىتى نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئۈچ ئورگاننى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. تارىختىن بۇيان تۈرك قوۋملىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈلۈشنىڭ ئۇلىنى تەشكىل قىلىپ كېلىۋاتقان ۋەخپە ئورگانلىرى 1930- يىلى چەكلىنىپ، ۋەخپىنىڭ بارلىق يەر ۋە مال- مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. باسمىچىلىق دەۋرىدە پائالىيەتلىرىگە كۆز يۇمۇپ كېلىنگەن شەرىئەت قازىخانىلىرى 1927- يىلىنىڭ 21- سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر قارار بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. بۇندىن كىيىن ھەممە يەردە سوۋېت قانۇنلىرى كۈچكە ئىگە قىلىنىدىغان ۋەزىيەت يارىتىلغان ئىدى. 1924- يىلى قۇرۇلغان، ئەمما ئىچكى قالايمىقانچىلىقلار سەۋەبىدىن پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرالماي كەلگەن خۇداسىزلار جەمئىيىتى ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈلۈپ دىنىي ئىشلار چەكلىنىشكە باشلىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئەرەب ئېلىپبەسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا سلاۋيان ئېلىپبەسىنى ئىشلىتىش قارار قىلىنىدۇ.
سوۋېت ھاكىمىيىتى، 1928- يىلى 5 يىللىق بىر ئىقتىسادىي پىلاننى ئىجرا قىلىشقا كىرىشىدۇ. بارلىق يەر ۋە مال- چارۋىلارنى دۆلەت مۈلكى دەپ ئېلان قىلىپ، خۇسۇسىي مۈلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. يېزا ئىگىلىكى بىلەن چارۋىچىلىق ئىشلىرى “كولخوز” بىلەن “سوۋخوز” لار ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشلىنىدىغان بولىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە ئۆزبېكىستاندىن باشلاپ بارلىق جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ سۇغۇرۇشقا بولىدىغان يەرلىرىدە كېۋەز تېرىشنى كېڭەيتىش قارا قىلىنىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەر بارلىققا كېلىشكە باشلايدۇ. بارلىق ساھەلەر بويىچە ھوسۇل ئازىيىپ كېتىش ھادىسىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. دېھقانلار مال- چارۋىلىرىنى دۆلەتكە تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كۆرە ئۆلتۈرۈۋېتىش يولىنى تاللىۋالىدۇ. بۇنداق ۋەقەلەرگە ئاساسەن سوۋېت دائىرىلىرى قايتىدىن قاتتىق جازالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا كىرىشىپ، يۈز مىڭلىغان كىشىنى قاماققا ئالىدۇ ياكى سۈرگۈن قىلىۋېتىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرى، بولۇپمۇ ئورتا ئاسىيا تەۋەلىرىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېغىر قەھەتچىلىك ۋە ئاچارچىلىق يۈز بېرىدۇ. بىر قىسىم يەرلەردە ئۇششاق- چۈششەك نارازىلىق ۋەقەلىرى كۆرۈلگەندەك قىلسىمۇ، بۇ تۈردىكى ۋەقەلەر تېزلىك بىلەن باستۇرۇۋېتىلىدۇ.
1930- يىللىرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، كومپارتىيە ئەزاسى بولۇپ ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنى قۇرۇپ چىقىش جەريانىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن جەدىتچىلارنى تازىلاش ۋەقەلىرى كۆرۈلۈشى ئىدى. 1929- يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ستالىن تېررورچىلىقى، 1938- يىللارغا كەلگىنىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىپ مىليونلىغان ئادەم باستۇرۇلىدۇ.
يۈز بەرگەن بۇ ھادىسىلەر ئورتا ئاسىيا خەلقىنىڭ بىر قىسمىنى يەنە بىر قېتىم قوشنا ئەللەرگە قاراپ قېچىشقا مەجبۇرلايدۇ.165 بۇ قېتىملىق كۆچ- كۆچتە شەھەرلىكلەرنىڭ قېچىشى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، بۇ قېچىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى − دىنى ئۆرپ ئادەتلىرىنى بىرەر مۇسۇلمانلار مۇھىتى ئىچىدە داۋاملاشتۇرۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان دېيىش مۇمكىن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى كۆچ- كۆچنى ھەقىقىي ھىجرەت دېيىشكە بولاتتى. ئافغانىستانغا قاچماقچى بولغانلار چېگراغا يېقىن يەرلەردىكى كولخوز ۋە سوۋخوزلاردا ئىشلەشنى ئىختىيار قىلىشاتتى. ئۇلار بۇ يەرلەردە ئەتراپ مۇھىت بىلەن تونۇشۇپ چىققۇدەك ۋاقىت ئىشلىگەندىن كىيىن پۇرسەت كەلگەن ھامان چېگرادىن قېچىپ كېتىشەتتى. ئۇششاق گۇرۇپپىلار بويىچە يۈز بەرگەن بۇ تۈردىكى قېچىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا، ئامۇ دەرياسىدىن كېچىپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان نۇرغۇنلىغان ئورتا ئاسىيالىق، چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن قىرىپ تاشلىنىدۇ. قاچقۇچىلار يەنىلا بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىدەك ئاساسلىقى ئافغانىستاننى تاللاپ ئالغان بولسا، يەنە بىر قىسمى ئىران بىلەن شەرقىي ئورتا ئاسىيانى تاللاپ ئېلىشقان ئىدى. چەتئەلگە قاراپ بۇنداق قېچىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈن سايىن كۆپىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئىش كۈچى يېتىشمەسلىك ھادىسىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتىن ئەنسىرەشكەن سوۋېت دائىرىلىرى بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كىرىشىپ يېڭى- يېڭى تەدبىرلەرنى ئېلىشقا باشلايدۇ. 1930- يىللاردىن باشلاپ چېگرا بويلىرىدىكى تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى تەدرىجىي شەكىلدە كۈچەيتىپ، 1938- يىلىغا كەلگىنىدە چېگرادىن قېچىپ ئۆتۈش ئاساسەن مۇمكىن بولمايدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈۋالىدۇ.
ئامۇ دەرياسى يولىدىن پايدىلىنىپ ئافغانىستانغا قېچىپ چىققان ئۆزبېك مۇھاجىرلار مازارى شېرپكە ۋە قاتاغان ۋىلايەتلىرىنىڭ ئىمامساھىپ، قۇندۇز، باغلان، خانئاۋات ۋە بەلخ قاتارلىق شەھەرلەرگە زىچراق مەركەزلىشىدۇ. تاجىكلار بولسا بەدەخشان ۋىلايىتى بىلەن ئۇنىڭ مەركىزى بولغان پەيزىۋاتنى ئاساس قىلىپ قېچىپ چىققان ئىدى. قاراقۇم چۆلىنىڭ ئوتتۇر قىسىملىرىدىن قېچىپ ئۆتكەن تۈركمەنلەر ئادەتتە ھېرات بىلەن مەيمەنە ۋىلايەتلىرىگە قاراپ كۆچۈشىدۇ. بۇ چۆلنىڭ شەرقى قىسمىدىن قېچىپ ئۆتكەنلەر بولسا ئاساسەن شىبىرغان ۋىلايىتى تەرەپلەرگە، بولۇپمۇ چېگراغا يېقىن تۇرىدىغان ئەندخوي شەھىرىگە قاراپ قاچقان ئىدى (1964- يىلىدىن بۇرۇنلاردا شىمالى ئافغانىستاننىڭ مەمۇرى بۆلۈملىرى غەربتىن شەرققە قاراپ ھېرات، مەيمەنە، سىبىرغان، مازارى شېرپ، قاتاغان ۋە بەدەخشان شەھەرلىرى بولۇپ ئايرىلاتتى. كېيىنچە يېڭى تەشكىلى ئورگانلارغا ئايرىلىپ، بىر قىسىم ۋىلايەتلەرنىڭ ناملىرى ئۆزگەرتىلىپ، ۋىلايەت سانلىرىمۇ كۆپەيتىلدى. بۈگۈنكى كۆرۈنۈشى بويىچە شىمالى ئافغانىستان فارياب، جۈزجان، بەلخ، سەمەنگان، قۇندۇز، تاھھار، باغلان ۋە بەدەخشان ۋىلايەتلىرىدىن تەشكىل تاپماقتا. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). ئىران تەرەپكە ئۆتكەن ئورتا ئاسىيالىقلار مەشھەتنى مەركەز قىلغان ھالدا ھەزەر دېڭىز بويلىرىغا سوزۇلغان تۈركمەن رايونلىرىغا جايلىشىدۇ. شەرقىي ئورتا ئاسىياغا قاراپ قاچقانلار ئاساسلىقى قەشقەر تەۋەسىنى تاللىۋېلىشقان ئىدى.166


ئىككىنچى باب
بولشېۋىكلەر ئىنقىلابىدىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە:
مۇساپىرلىق ئىچىدە ئۆتكەن يىللار
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-7-12 12:07:46 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ئەسەرنىمۇ بىسىپ چىقىرىپ ئوقۇسام ، ھەم ساقلاپ قويسام بولغۇدەك .
تارىخى ئەسەرلەرنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ھەم ساقلىۋالىمەن .
جاپا چىكىپسىز  ، تەشەككۈ ر!
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-7-14 04:33:16 | ئايرىم كۆرۈش

ئىككىنچى باب
بولشېۋىكلەر ئىنقىلابىدىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە:
مۇساپىرلىق ئىچىدە ئۆتكەن يىللار

ۋىجدانىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئورتا ئاسىيا ئازادلىقى ئۈچۈن، ئۇلۇغ ۋە ئازاد ئورتا ئاسىيا قۇرۇش غايىسى ئۈچۈن بەل باغلىغان ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ مىللەت ۋە قەبىلە پەرقىگە قارىماستىن بىرلىشىپ، ئورتا ئاسىيا مىللىي بىرلىك يولى بىلەن ئازادلىققا، بەختكە ۋە سائادەتكە ئېرىشكەنگىچە بارلىقىمنى ئاتاپ جان تىكىپ خىزمەت قىلىمەن. جەمئىيەتنىڭ سىرىنى ساقلايمەن، بۇ يولدا جېنىم پىدا. قورالغا، مىللىي بايرىقىمىزغا ياكى قۇرئان كەرىمىگە قولۇمنى قويۇپ، جەمئىيەت ئەزالىرى ئالدىدا ئىچكەن قەسىمىمگە خىيانەت قىلغۇدەك بولسام، قېنىم بۇ قورالنىڭ ھەققى بولسۇن. …
        ئورتا ئاسىيا مىللىي بىرلىك تەشكىلاتىغا ئەزا قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىدىن  …167

ئامۇ دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا

بىر دۆلەتنىڭ تەقدىرى، ئۇ دۆلەتنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كىچىك بىر دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ چوڭ دۆلەتلەر بىلەن قوشنا بولۇپ قېلىشى ھەر دائىم تەھدىت ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر دېگەنلىك بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ئەنە شۇ چوڭ دۆلەتلەر تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەمما بەكلا ئاز كۆرۈلىدىغان بولسىمۇ بىر قىسىم ئەھۋاللاردا چوڭ دۆلەتلەر بىلەن قوشنا بولۇپ قېلىش بەلكىم كىچىك دۆلەت ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئادەتتە چوڭ دۆلەتلەر بىر- بىرى بىلەن بىۋاسىتە قوشنا بولۇپ قېلىشنى ئانچە بەك خالاپ كەتمەيدۇ. ئەگەر بىۋاسىتە قوشنا بولۇپ قېلىش ئېھتىمال كۆرۈلگۈدەك قىلسا، ئوتتۇرىسىغا بىرەر بوشلۇق دۆلىتىدىن بىرنى پەيدا قىلىپ ئۆزئارا سۈركىلىش ئېھتىمالدىن ساقلىنىشقا تىرىشىدۇ. ئافغانىستاننى، ئەنە شۇنداق ئىككى چوڭ دۆلەتنى ئايرىپ تۇرۇش ئۈچۈن ساقلىنىپ قالغان كىچىك دۆلەتلەردىن بىرى دېيىش مۇمكىن.
(رەسىم ئورنى)
5- خەرىتە. ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلارنىڭ شىمالىي ئافغانىستاندىكى نۇقتىلىق تارقىلىش يەرلىرى168
ئافغانىستان تېررىتورىيىسىنىڭ بىر تەرىپىدە 19- ئەسىر بويىچە ئاسىياغا قاراپ تىز سۈرئەت بىلەن كېڭىيىپ كېتىۋاتقان چاررۇسىيە، يەنە بىر تەرىپىدە بولسا، ھىندىستاننى مۇستەملىكە قىلىۋالغان كۈچلۈك ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى مەۋجۇت ئىدى. ئافغانىستان، چېگرالىرى ئەنە شۇ ئىككى چوڭ دۆلەت تەرىپىدىن سىزىلىپ تەڭپۇڭلۇق ساقلاشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان بىر دۆلەت ئىدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، چاررۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى لازىملىق بوشلۇق ئېھتىياجى ۋە ئۆزئارا بىۋاسىتە ئۇچۇرۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش زۆرۈرىيىتى ئافغانىستاننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى سەۋەبى ئىدى. 19- ئەسىر بويىچە بۇ يەرلەردە داۋاملىشىپ كەلگەن توقۇنۇشلار، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئاساسەن توختىغان بولۇپ، بۇ ئىككى چوڭ كۈچ، بۇ بوشلۇق دۆلىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا بىردەك ماقۇل كېلىشكەن ئىدى. 1907- يىلى ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن چار رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا پېتىربۇرگتا ئىمزالانغان كېلىشىمنامىگە ئاساسەن ئىران رۇسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىدە بولىدىغان، تىبەت بولسا ئەنگلىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىگە تەۋە قىلىنغان، تىبەت ئەنگلىيە تەسىر دائىرىسىدە قالىدىغان، ئافغانىستان بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇپ تۇرۇشى قوبۇل قىلىنغان ئىدى.169 بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن، ئافغانىستاندا ھەرقانداق بىر چەتئەل كۈچى تۇرغۇزۇلماسلىقى شەرت ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە بۇ دۆلەت تاشقى مۇناسىۋەت جەھەتلەردە ئەنگلىيەگە قارام قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئەنگلىيە دائىرىلىرىنىڭ رۇخسىتى بولماي تۇرۇپ ھېچ بىر خەلقئارالىق مۇناسىۋەت ئورنىتالمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىدى. شۈبھىسىزكى، بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئافغانىستاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقانلارغا نىسبەتەن بەك ماقۇل بىر ئەھۋال ھېسابلانمايتتى.
ئەمىر ئابدىراخماننىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققان چوڭ ئوغلى ھەبىبۇللاخان، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بويىچە بىتەرەپلىك سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ دۆلىتىنى ئۇرۇشقا ئارىلىشىپ قېلىشتىن ساقلاپ كەلگەن ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەنگلىيە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان بولۇشىغا قارىماي ئۇرۇشتا بەكلا ھالسىرىغان، ماددىي مەنبەلىرى قۇرۇغان بولۇپ، 19- ئەسىردىكى دۇنياغا ھاكىم بولۇۋاتقان كۈچىدىن ئاساسەن مەھرۇم بولۇپ قالغان ئىدى. ئەنگلىيە دائىرىلىرى، ئىمپېرىيىنىڭ قالغان قىسىملىرىدا ھەرقانداق بىر يېڭى جېدەل- ماجىرا پەيدا بولۇشنى خالىمايتتى. بۇنداق ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ھەبىبۇللاخان، تاشقى مۇناسىۋەت ئورنىتىش جەھەتلەردە ئەنگلىيەنىڭ تەستىقىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئۇ ئاۋۋال ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە باش گوبىرناتۇرىدىن ئافغانىستاننىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما، بۇ تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 1919- يىلىنىڭ فېۋرال ئېيىدا ھەبىبۇللاخان بىر سۇيىقەستتە ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان ئامانۇللاخانمۇ بۇ تۈردىكى تەلەپتە بولۇشنى توختاتماي، تەختكە ئولتۇرۇشى ھامان بۇ تەلىپىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ ئاۋۋال ئافغانىستان- ھىندىستان چېگراسىنىڭ ھەر ئىككىلا تەرىپىدە ياشايدىغان پەشتۇ قەبىلىلىرىنى ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى پائالىيەتلەرگە كۈشكۈرتۈپ، ئۇ يەرگە ئافغانىستان قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىپ تار دائىرىلىك بولسىمۇ بىر ئۇرۇش باشلىتىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن تېخى ئەندىلا قولى بوشىغان ئەنگلىيە، بۇ يەرلەردە يېڭىدىن باش ئاغرىقى چىقىشىنى زادىلا خالىمايتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەنگلىيە دائىرىلىرى سوۋېت رۇسىيەسى باشلىغان خەلقئارا ئەركىنلىك، جاھانگىرلىككە قارشى ئىتتىپاق چاقىرىقىنىڭ ھىندىستانغىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە ئىدى. شۇڭا، ئەگەر ئافغانىستان دائىرىلىرىنىڭ تولۇق مۇستەقىللىق تەلىپىگە قارشى چىققۇدەك بولسا، ئۇلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېقىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگۈدەك بولۇپ قالسا، بولشېۋىزم ئافغانىستان تەۋەسىگىچە يېتىپ كېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئېنگلىز- ھىندى ئىمپېرىيىسى ئۆزئارا قوشنا دۆلەت ھالىغا كېلىپ قېلىش ئېھتىمال مەۋجۇت ئىدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى دېمەك، رايون خاراكتېرىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ئاستىن- ئۈستۈن بولۇپ كېتىشىدىن دېرەك بېرەتتى. ئەنگلىيەگە نىسبەتەن ئالغاندا، ئەڭ ئۇيغۇن ۋەزىيەت − ئافغانىستاننى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ قالىدىغان بوشلۇق ھالىتىنى داۋام قىلىدىغان بىتەرەپ دۆلەت ھالىتىدە قېلىشى ئىدى. شۇ سەۋەبتىن راۋالپىندىدە ئومۇمىي پرىنسىپلىرىنى كېيىن بەلگىلەش شەرتى بىلەن ۋاقىتلىق بىر كېلىشىم تۈزىلىپ، ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ئىشلار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە ئەركىن بولۇشى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇ بىر ۋاقىتلىق كېلىشىم بولسىمۇ، بۇ كېلىشىم يېڭى ئەمىر ئۈچۈن ئېيتقاندا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىنتايىن زور ئۇتۇق ھېسابلىناتتى.170 شۇڭا ئۇ، 1919- يىلىنىڭ نويابىر ئېيىدا دۆلىتىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلىدۇ. سەردار ۋەلىخان، تولۇق ھوقۇقلۇق تاشقى ئىشلار ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلىنىپ، ئافغانىستان دۆلىتى تىز سۈرئەتتە تاشقى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىشىغا كىرىشىدۇ. ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى بىرىنچى بولۇپ ئېتىراپ قىلغان دۆلەت، سوۋېت رۇسىيەسى بولىدۇ.
1919- يىلىنىڭ 9- كۈنى، ئەمىر ئامانۇللاخاننىڭ لېنىنغا قارىتىپ ئۇلۇغ رۇسىيە دۆلىتىنىڭ رەئىسىگە دېگەن سۆزلەر بىلەن يېزىلغان خېتىنىڭ موسكۋاغا يەتكۈزۈلۈشى بىلەن تەڭ، ئافغانىستان دىپلوماتىيە يولىدا تۇنجى قەدىمىنى ئاتقان ھېسابلىنىدۇ.
سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىچكى ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئەنگلىيە بولسا بولشېۋىكلەر ھاكىمىيىتىگە قارىتا بىر ئىقتىسادىي ئېمبارگو يولغا قويماقتا ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىشى بەكلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. تارىختا ئوتتۇرىغا چىققان ئەڭ پراگماتىك داھىيلاردىن بىرى ھېسابلانغان لېنىن، ئۇزۇنغا قالماي ئافغانىستان ئەمرىگە تۆۋەندىكىچە جاۋاب خەت ئەۋەتىدۇ:
دۇنيا خەرىتىسىدە يېڭىدىن ئورۇن ئالغان ئافغانىستان، بۈگۈنكى دۇنيادا بىردىن بىر مۇستەقىل مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇپ قالدى. تەقدىر، قېرىنداش ئافغان خەلقىگە مۇنداق بىر ئۇلۇغ ۋەزىپىنى يۈكلىمەكتە: بارلىق ئېزىلگۈچى مۇسۇلمان خەلقلىرىنى ئۆز ئېتىراپىغا توپلاپ، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق يولىغا يېتەكچىلىك قىلىش.
بۇنداق بىر ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئافغانىستاننىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. بۇ رايونغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق كۈچلەر ئۆز مەقسىتى بويىچە يېڭى- يېڭى ئويۇنلارنى تەييارلاشقا كىرىشىدۇ. لېنىن بىلەن ئامانۇللاخان بىر- بىرىگە دوستلۇق خەتلىرىنى ئەۋەتىۋاتقان شۇ كۈنلەردە، ئورتا ئاسىيا ئالدىنقى سەپ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن گېنېرال فرۇنزې، بۇخارا ئەمىرلىكىگە قارشى قوزغىماقچى بولغان ئۇرۇشنى “ئافغانىستان چېگراسىنىڭ ئىچكى قىسىملىرىغىچە كېڭەيتىش” ئۈستىدە پىلان تۈزمەكتە ئىدى. ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە سوۋېت ھاكىمىيىتى ئورنىتىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان تۇرككومىسسارلىغىنىڭ ئىككىنچى ئورۇندىكى رەئىسى كۇيبىشېۋ بولسا،171 تاشكەنتنى مەركەز قىلغان ھالدا ئافغانىستان ئىنقىلابىي پارتىيىسىنى ئاللىبۇرۇنلا قۇرغۇزۇپ بولغان ئىدى. ئەگەر ئافغانىستانغا قارىتا بىر سوۋېت ئىشغالىيىتى ئەمەلگە ئېشىپ قالغۇدەك بولغىنىدا، بۇ پارتىيە مۇتەئەسسىپ ئامانۇللاخان ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سوۋېت خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن بىرنى تىكلەش ئۈچۈن ئاۋانگارت رول ئوينايدىغان بۆلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما خەلقئارالىق سىياسىي ۋەزىيەت، رۇسىيە بولشېۋىكلىرىنىڭ ئافغانىستانى ئىشغال قىلىشى ئۈچۈن ئۇيغۇن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئورتا ئاسىيادىكى باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرىنىمۇ تېخىچە تىزگىنلەپ بولالمايۋاتقان، ھەمدە ئىچكى ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي مەسىلىلەر سوۋېت ھاكىمىيىتىنى بەكلا ئاۋارە قىلماقتا ئىدى. ئەنە شۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، سوۋېت دائىرىلىرى ئافغانىستاندا سىزىقىدىن چىقمايدىغان كىچىك بىر كوممۇنىستىك دۆلەت پەيدا قىلىش پىلانلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئورتا ئاسىيا تەۋەسىنى سوۋېتلەشتۈرش ھەرىكىتىنى بىرىنچى ئورۇندىكى ئىشلار قاتارىغا قويۇشىدۇ.
سوۋېتلەر بىلەن ئافغانىستاننىڭ ھەر ئىككىسىلا ئۇزۇن كەتكەن ئورتاق چېگرا بويلىرىنى تىزگىنلىيەلمەي كەلگەچكە، “بەندەئى ئورتا ئاسىيا” دەپ تونۇلغان شىمالىي ئافغانىستان رايونى، باسمىچىلارنىڭ ۋە ئورتا ئاسىيا مىللىي ھەرىكىتىنىڭ تەبىئىي بازىسى ھالىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئەگەر ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئورتا ئاسىيادا داۋام قىلىۋاتقان كۈرەشكە پائال ياردەم قىلغۇدەك بولسا، بۇ يەردىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ جەھەتتىكى ھەر قانداق بىر ئۇرۇنۇشنى باشتىن تارتىپلا چەكلەشكە مەجبۇر ئىدى.
سوۋېت رەھبەرلىرىنىڭ ئاساسىي غەرەزلىرىدىن بىرى ھىندىستاندىكى ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگۈزۈش ئىدى. ئۇلار بۇ مەقسەتتە ئىككى باسقۇچلۇق بىر ئىستراتېگىيە تاللىۋېلىشقان ئىدى. ئالدى بىلەن مۇستەقىللىق ئۈچۈن چەت دۆلەتلەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان ھىندى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇلارنى قوراللىق پائالىيەت قىلالايدىغان قوراللىق كۈچ ھالىتىگە كەلتۈرۈش لازىم ئىدى. ئاندىن كىيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن ھىندىستاندا بىر ئىنقىلاب پەيدا قىلىشى لازىم ئىدى. ئەمما بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئافغانىستان ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ياردىمى بەكلا مۇھىم ئورۇن تۇتاتتى. چۈنكى بۇنداق كەڭ دائىرىلىك بىر ھەرىكەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدىغان بىردىن بىر يەر ئافغانىستان ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، باكۇدا چاقىرىلغان مۇسۇلمان خەلقلەر قۇرۇلتىيىدا، ھىندىستان ئۆمەك ئەزالىرىدىن ئابانى مۇكەرجى، ئافغانىستاندا بىر تەشۋىقات مەركىزى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلىدۇ. ئەمما سوۋېت دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئارزۇسىغا ئافغانىستان ماقۇل جاۋاب بەرمەيدۇ.
دەل شۇ پەيتتە جامال پاشا سەھنىگە چىقىدۇ. جامال پاشانىڭ ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىگە قارشى باشلاتماقچى بولغان كۈرىشى، دەل سوۋېت ئىتتىپاقى ئارزۇ قىلىۋاتقان بىر ئىش ئىدى. جامال پاشا بىر مۇسۇلمان داھىيسى بولغىنى ئۈچۈن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىنمۇ قىزغىن قارشى ئېلىنىشى مۇمكىن ئىدى. ئەنە شۇنداق ئويلىغان بولشېۋىك رەھبەرلىرى، جامال پاشاغا ياردەم قىلىش ھەققىدە ۋەدە بېرىپ، ئۇنىڭ ھىندى ئىنقىلابچىسى بەرەكەتۇللا بىلەن بىرگە ئافغانىستانغا بېرىش ئىشلىرىغا ياردەم قىلغان ئىدى.172 جامال پاشانىڭ پىلانلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئارزۇلىرى بىر- بىرىگە زىت ئايرىم- ئايرىم مەزمۇنلار بىلەن تولغان ئىدى. ئەگەر پاشا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغىنىدا، ئافغانىستاندا ھەربىي تەلىم- تەربىيە كۆرگەن ھەمدە قوراللانغان مۇھىم بىر قوراللىق كۈچ بارلىققا كەلگەن ھېسابلىناتتى. سوۋېت دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق قۇرۇلىدىغان بۇنداق بىر قوراللىق كۈچنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى تۇرۇشتا پايدىلىنىپ كېتىش ئېھتىمالىنىمۇ مۆلچەرلەشكەن ئىدى. بۇلارنى تولۇق مۇزاكىرە قىلىشقان سوۋېت دائىرىلىرى شەرقتىكى بارلىق مۇسۇلمان ئەللىرىنى، بولۇپمۇ ھىندىستانلىقلارنى قىزىقتۇرىدىغان بىر ئىشقا تۇتۇش قىلىدۇ. ئۇرۇسلار، تاشكەنتتە ئاسىيا ئىنقىلابىغا يول باشچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان بىر ئورتا ئاسىيا بىيرۇسىنى تەسىس قىلىدۇ. ئەسلىدە كومىنتېرىننىڭ ئىككىنچى قۇرۇلتىيى دەۋرىدىلا بۇ ھەقتىكى ئىشلارنىڭ ئۇلى سېلىنغان ئىدى. ئۇ قۇرۇلتايدا، ھەر قايسى مىللەتلەر بىلەن مۇستەملىكىچىلەر ھەققىدە ئىلمى مۇھاكىمىلەر باشلىنىپ، شەرق ئەللىرىدىكى بۇرژۇئازلار بىلەن پومېشچىكلارغا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇش قارارى ئېلىنغان ئىدى. شۇ يىلىنىڭ سېنتەبىردە چاقىرىلغان باكۇ قۇرۇلتىيىدا، داڭلىق بولشېۋىك داھىيلىرىدىن رادەك، مۇسۇلمان خەلقلىرىنى ئەنگلىيەگە قارشى كۈرەش قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ شىللىسىگە چىقىۋالغان ئەمىر، سۇلتان ۋە خانلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى.
قۇرۇلغان بۇ ئورتا ئاسىيا بيۇروسى، ئورتا ئاسىيادىكى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى م. سوكولنىكوۋ، كومىنتېرىن شەرق مىللەتلەر بۆلۈمىنىڭ تۇنجى رەئىسى گېورگى سافاروۋ ھەمدە ھىندىستانلىق كوممۇنىستلار داھىيسى مانابېندرا ناد روي قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى. روي، كومىنتېرىننىڭ خەلقئارالىق ئىككىنچى قۇرۇلتىيىدا “ياۋروپادىكى ئىنقىلاب پەقەت ياۋروپالىقلارنىڭ ئاسىيادىكى مۇستەملىكىلىرىدىن قولغا كەلتۈرىدىغان كىرىملىرى بىكار قىلىنغاندىلا، يەنى ئاسىيادىكى مۇستەملىكىلىرىنى كوممىنىستلاشتۇرۇش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ” دەيدىغان نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. روي، تاشكەنتتىكى ئورتا ئاسىيا بيۇروسىغا ئەزا بولغىنىدىن كىيىن، ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلارغا كوممۇنىستىك تەلىم- تەربىيە بېرىش مەقسىتىدە بىر مەكتەپ ئاچىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ بىر ھۆرىيەت ئارمىيىسى قۇرۇپ چىقىشقا تۇتۇش قىلىدۇ.
بۇ جايلاردىكى ھەل قىلغۇچ كۈچ ئورنىدىكى ئەنگلىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئافغانىستاننىڭ بىتەرەپلىكىنى ساقلاپ قىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ھېسابلىناتتى. ئامۇ دەرياسىنىڭ قىرغاقلىرىغىچە يېتىپ كەلگەن سوۋېت ئىنقىلابىنى ھىندىستانغىچە يامراپ كېتىشتىن ساقلاپ قالالايدىغان بۇ تەبىئىي توسالغۇنى نېمە بولسا بولسۇن قەتئىي ساقلاپ قىلىش لازىم ئىدى.173 ھىندىستان خەلىپىلىك كومىتېتى تارقاتقان بىر پەتىۋا سەۋەبىدىن، يۈز مىڭدىن ئارتۇق ھىندىستانلىق مۇسۇلمان ئافغانىستان تەۋەسىگە ئۆتىۋالغان ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە ھىندىستان- ئافغانىستان چېگراسىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل پەشتۇ قەبىلىلىرىمۇ جىم يۈرمەي قۇتراپ تۇرماقتا ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئەنگلىيە دائىرىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان، ھىندى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى چەكلەپ تۇرىدىغان، ئافغانىستان مۇقىملىقىغا تەھدىت يەتكۈزۈپ بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان پەشتۇنىستان مەسىلىسىنى قايتا كۈشكۈرتمەيدىغان تىنچ بىر ئافغانىستان ئارزۇ قىلىش ئىدى. ھىندىستاندىكى بىر ئەنگلىيەلىك مەسئۇل كىشىنىڭ ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيە دائىرىلىرىنىڭ روھى ھالىتىنى ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ:
كاپكازىيە بىلەن ئىراندىن قوغلاندۇق. باغداتتىنمۇ چىقىرېۋىتىلىشىمىز مۇمكىن. ئافغانىستان قولىمىزدىن كەتتى. ئەمدى ھىندىستاننى تەۋەككۈل قىلىپ ئوتتۇرىغا قويالمايمىز.
1921- يىلى، بۇ رايوننىڭ كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋەتكۈدەك ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلىدۇ. سوۋېت تەۋەسىدە داۋام قىلىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشلارغا قوشۇلۇپ، ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى بارلىق غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگو سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئىنتايىن ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئىچىگە پاتۇرۇپ قويغان ئىدى. كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىرى ئەگەر ئىقتىسادىي ئېمبارگو ئەمەلدىن قالدۇرۇلماي داۋام قىلغىنىدا، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتا بەكلا ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كۈلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، 1921- يىلىنىڭ مارت ئېيىدا سوۋېت دائىرىلىرى ئەنگلىيە بىلەن بىر سودا كېلىشىمى تۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن سوۋېت ئىتتىپاقى “ئافغانىستان بىلەن ھىندىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئەنگلىيەگە قارشى قوراللىق كۈرەش قوزغاش تەشۋىقاتلىرىنى توختىتىش” قا ماقۇل بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، سوۋېت رۇسىيەسى ھېچ بولمىغاندا قىسقا بىر مەزگىل ئۈچۈن بولسىمۇ ھىندىستانلىق ئىنقىلابچىلارنى جامال پاشا ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىشىۋاتقان ئەنگلىيەگە قارشى ھەرىكەت پەيدا قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بولشېۋىك رەھبەرلىكى ئەنگلىيەنىڭ تۈركىيەدىن باشلاپ ئىران ۋە ئافغانىستانغىچە سوزۇلغان، ھەمدە پەرغانىدىكى باسمىچىلىق ھەرىكىتىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بىر تۈز سىزىق بويىچە سوۋېت رۇسىيەسىنى بوغۇپ تاشلىيالىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلەشمەكتە ئىدى. شۇڭا، بۇنداق بىر ئېھتىماللىق يۈز بېرىشىنىڭ چوقۇم ئالدى ئېلىنىشى لازىم ئىدى. بولۇپمۇ تاشقى ئىشلار كومىسسارى چىچېرىننىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، سوۋېت ئىتتىپاقى 1921- يىلىنىڭ فېۋرال ئېيىدا ئىران ۋە ئافغانىستان بىلەن، مارت ئېيىدا بولسا تۈركىيە بىلەن دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق شەرتنامىلىرىنى ئىمزالىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى جەنۇب چېگرالىرىنى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىۋالىدۇ. ئەمدى ئىچكى مەسىلىلەر بىلەن ياۋروپا تەرەپتىكى مەسىلىلىرىگە بىخۇدۈك كۆڭۈل بۆلەلىشى مۇمكىن ئىدى.174
بۇ جەرياندا ئافغانىستان بىلەن بۇ رايونغا مۇناسىۋەتلىك كۈچلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان يەنە بىر ھادىسە يۈز بېرىدۇ. مارت ئېيىنىڭ بېشىدا بۇخارا ئەمىرى سەئىد ئالىمخان، رۇسىيەنىڭ ياردەمگە تايىنىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ياش بۇخارالىقلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ ئافغانىستانغا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ۋەقە، ئورتا ئاسىيادىكى ئۇرۇشلاردىن بىر قىسمىنىڭ رەسمىي ھالدا ئافغانىستانغا كۆچۈرۈلگەنلىكى نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. ئافغانىستان دائىرىلىرى بۇنداق بىر ۋەزىيەتكە قارىتا ئېنىق بىر يول تاللىۋېلىشقا مەجبۇر ئىدى.
بۇ رايوندا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ خىل يېڭى ۋەزىيەت ئەنگلىيەلىكلەرگىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئافغانىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قانداق بىر مۇناسىۋەت ھالىغا كەلتۈرۈلۈشىنى كېچىكتۈرمەستىن دەرھال ئېنىق بەلگىلىۋېلىشلىرى لازىم ئىدى. 1921- يىلىنىڭ يانۋار ئېيىدا سىر ھېنري دوببس يېتەكچىلىكىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى كابۇلغا ئەۋەتىلىدۇ. سۆھبەتلىشىشلەر ئوتتۇرلۇقتا ئۇزۇنغىچە ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى تۈپەيلىدىن تولۇق بىر يىل دېگۈدەك سوزۇلۇپ كېتىدۇ. ئاخىرى، يىل ئاخىرىدا بىر شەرتنامە ئىمزالىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ تولۇق مۇستەقىللىقى قوشنا ئىككى چوڭ دۆلەت تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنغان ھېسابلاندى.
دوببس كابۇلغا كەلگەن ۋاقىتلاردا جامال پاشامۇ ئافغانىستاندا تۇرۇۋاتقان ئىدى. ئەنگلىيە- ئافغانىستان سۆھبىتى ئۈزۈلۈپ بولسىمۇ داۋام قىلىپ تۇرۇۋاتقان پەيتلەردە، جامال پاشانىڭ ئافغان ئارمىيىسىنى تەشكىللەش پائالىيەتلىرىمۇ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى. پاشا، ئافغان ئەمىرىنى قۇدرەتلىك بىر ئارمىيىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقى، ھەمدە بۇ ئارمىيىنى تۈركىيەلىك ئوفىتسېرلارنىڭ نازارىتى ئارقىلىقلا ئوڭۇشلۇق قۇرۇپ چىقىشقا بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن ئىدى. دېگەندەك، ئافغان ئەمىرى ئامانۇللامۇ، 1921- يىلى 7- ئاينىڭ 13- كۈنى مۇستاپا كامال پاشاغا بىر پارچە خەت ئەۋەتىپ، ئورتا ئاسىيا ئارقىلىق دۆلىتىگە كەلگەن ئۈچ نەپەر تۈركىيەلىك ئوفىتسېرنىڭ ئافغانىستان ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن پايدىلىق خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ كېلىپ، ئافغان ئارمىيىسىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇلۇشى ۋە كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن بىر ھەربىي ھەيئەت ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ (بۇ خەتتە تىلغا ئېلىنغان تۈركىيەلىك ئوفىتسېرلار زىيا باي، رىفات باي ۋە ھۈسەيىن جاھىت باي قاتارىدىكى كىشىلەر ئىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە رۇسىيەگە ئەسىرگە چۈشكەن بۇ ئوفىتسېرلار ئۇرۇشتىن كىيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. ئۇلار ئورتا ئاسىيا ئارقىلىق ئافغانىستانغا كېلىپ ئافغان ھۆكۈمىتىگە بىر مەزگىل خىزمەت قىلغان. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
جامال پاشا بۇ ئىشلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ھىندىستان چېگرالىرىدىكى ئەنگلىيەگە قارشى پەشتۇ قەبىلىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ بارغانسېرى قويۇقلاشتۇرغان ئىدى.175 ھىندى ئىنقىلابچىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىمۇ ئالاھىدە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. بۇ ئىشلارنى ئەنگىلىيىلىكلەر ئەنسىرىگەن ھالدا يېقىندىن كۆزىتىپ كەلمەكتە ئىدى. ئافغانىستان- ئەنگلىيە شەرتنامىسى ئىمزالىنىدىغانغا ئاز ۋاقىت قالغان كۈنلەردە جامال پاشا كابۇلدىن ئايرىلىدۇ. ئۇ، ئافغانىستان ئارمىيىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جەھەتتە سوۋېت دائىرىلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن موسكۋاغا قاراپ يولغا چىققان ئىدى. يول ئۈستىدە ئۇ ۋاقىتلاردا بۇخاراغا يىتىپ كەلگەن ئەنۋەر پاشا بىلەن ئۇچرىشىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى. ئەپسۇسكى، جامال پاشانىڭ بۇ ئىككىلا ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئۇرۇسلار ئۇنىڭ ئەنۋەر پاشا بىلەن ئۇچرىشىشىغا رۇخسەت قىلماي ئۇدۇل موسكۋاغا يولغا سېلىپ قويغانلىقى، ئۇنى سوۋېت رۇسىيەسى بىلەن ئەنگلىيە مەسلىھەتلىشىۋېلىپ ئۇنى بۇ جايلاردىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۆلىشى مۇمكىن دەيدىغان گۇمانغا كەلتۈرىدۇ. ئافغان ئەمرى بولسا، يا ئۆز ئارزۇسى بويىچە ياكى بولمىسا بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي جامال پاشانى دۆلىتىدىن چىقىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلغان بۆلىشى مۇمكىن. جامال پاشا ئافغانىستاندىن ئايرىلا- ئايرىلماي، تۈركىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ قوماندانلىقىدىكى ئۈلگە قىسىملىرىنى تارقىتىۋېتىپ، بۇ قىسىملارنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقلىرىنى دەرھال ئافغانلىق ئوفىتسېرلار ئۆتكۈزۈپ ئالغانلىقى، يۇقىرىدىكى مۆلچەرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى كۈچەيتىپ بەرمەكتە. قازىم قارابەكىر پاشا ئىتتىھاتچىلارغا بەرگەن بىر قېتىملىق باھاسىدا، “جامال پاشا ئارمىيىنى قولغا ئالغىنىدىن كىيىن ئەمىرنىمۇ تەختتىن چۈشۈرىدىغانلىقى ھەققىدە گەپ- سۆزلەر تارقىلىپ يۈرمەكتە” دېگەندەك بىر مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
بۇ ئىشلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ بىلەلمەيمىز. جامال پاشا شۇندىن باشلاپ قايتا ئافغانىستانغا قايتىپ بارالمايدۇ. جامال پاشا تىبىلىستا ئەرمەنى تېررورچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندە، ئافغان ھۆكۈمىتى “جامال پاشا تۈركىيەگە تەۋە بىرى بولغىنىدەك ئافغانىستانغىمۇ مەنسۇپ بىرى” دەپ سوۋېت رۇسىيەسىدىن قاتىللارنىڭ دەرھال قولغا ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئافغانىستان جامال پاشا ئۈچۈن رەسمىي ماتەم ئېلان قىلىدۇ. ئەمىر ئامانۇللانىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسى ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەمدۇ ياكى تىمساھنىڭ كۆزىگە ياش كەلگىنىدەك بىر ئىشمىدى؟ بۇنىمۇ ھېچكىم بىلەلمىدى. ئەمما شۇنىسى ھەممىگە ئايانكى، جامال پاشاغا ئوخشاش كۈچلۈك بىر رەقىبىدىن قۇتۇلغانلىقى ئۈچۈن ئەنگلىيە دائىرىلىرى بەكلا خۇشال ئىدى.176

ئەمىر ئامانۇللانىڭ خام خىياللىرى
ئەمىر ئامانۇللانىڭ تەختكە ئولتۇرۇشىدىن كېيىنلا ئەنگلىيەنى مەجبۇرلاپ يۈرۈپ ۋەتىنىنى تولۇق مۇستەقىللىققا ئېرىشتۈرىۋالغانلىقى، ئىسلام دۇنياسىدا ئۇنى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى ئابرۇيغا ئېرىشتۈرىۋېتىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆزىنى ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ قول ئاستىدىكى ئېزىلگەن ئاجىز مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ئورنىدىكى ئىنتايىن مۇھىم داھىيلاردىن بىرى دەپ ھېسابلاشقا باشلايدۇ. دەل شۇ پەيتلەردە، بۇخارا ئەمرى دۆلىتىدىن ئايرىلىپ ئافغانىستانغا پاناھلىق تىلەپ كەلگەنلىكى، ئەمىر ئامانۇللا ئۈچۈن يېڭى بىر پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن ئىدى. سوۋېت زۇلۇمى ئاستىدا قالغان ئاجىز مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولۇش رولىنى ئوينايدىغان پۇرسەت ئۆزىلا ئالدىغا كەلگەن ئىدى. بۇ ئىشتا غەلىبە قازىنالىغىنىدا دۆلىتىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى ئورتا ئاسىيانىڭ ئىچكى قىسىملىرىغىچە كېڭەيتىش ئىمكانىغا ئېرىشەلىگەن بولاتتى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ جايلاردىكى ۋەقەلەرنى ئۆزىگە خاس بىر بېقىشتا كۆزىتىشكە كىرىشىدۇ.
ئەسلىدىلا، ئافغان ئەمىرى ئورتا ئاسىيادىكى ۋەزىيەتنى دىققەت بىلەن يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى. چۈنكى ھېراتتىن باشلىنىپ تا پامىر تاغلىرىنىڭ چوققىلىرىغىچە سوزۇلغان شىمالى ئافغانىستان تەۋەسى، ئافغان خەلقى ئارىسىدا جەنۇبىي ئورتا ئاسىيا دەپ تونۇلماقتا ئىدى (بۇ رايوندىكى شەھەرلەر ھېرات، فارياب، جۇزجان، مازارى شەرىپ، سەمەنگان، قاتاغان، تاھھار ۋە بەدەخشان قاتارىدا بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە تىزىلغان ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). ئافغانىستاننى ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان ھىندىقۇش تاغلىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بۇ جايلاردا ئۆزبەكلەر، تۈركمەنلەر ۋە تاجىكلار ياشايتتى. بۇ تۈر ئېتنىك تەركىب ئامۇ دەرياسىنىڭ نېرىقى تەرەپلىرىدە، يەنى ئورتا ئاسىيادىمۇ شۇ بويىچە داۋاملىشاتتى. ھىندىقۇش تاغلىرى شەكىللەندۈرگەن تەبىئىي توسالغۇ سەۋەبىدىن، شىمالىي ئافغانىستان تەۋەسى تىزگىنلىنىشى بەكلا قىيىن جايلاردىن بىرى ئىدى. بولۇپمۇ ئافغانىستان، سوۋېت رۇسىيەسى ۋە چىن چېگرالىرىنىڭ بىر- بىرى بىلەن كېسىشكەن نۇقتىسى بولغان پامىر رايونىدا ئېگىز تاغلار چوقچىيىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دۆلەتلەرنى بىر- بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان چېگرالارنىڭ تەكشۈرۈپ چارلىنىشى مۇمكىن بولمىغۇدەك قىيىن ئىدى.
ئەمىر ئامانۇللانىڭ ئورتا ئاسىيا مىللىي كۈرەش يېتەكچىلىرى بىلەن بولغان دەسلەپكى ئۇچرىشىشى پەرغانە تەۋەسىدىكى قۇربىشىلىرىدىن شىر مۇھەممەتبەگ بىلەن كۆرۈشۈشتىن باشلانغان ئىدى. شىر مۇھەممەتبەگ، پەرغانىدا ۋاقىتلىق ئورتا ئاسىيا ھۆكۈمىتىنى ئېلان قىلغان ۋاقىتلاردا تاغىسى تاش مۇھەممەتبەگنى 1920- يىلى 3- ئاينىڭ 31- كۈنى بىر ھەيئەت بىلەن قوشۇپ ئافغانىستانغا يولغا سالغان ئىدى. ئۆمەك ئەزالىرى ئەمىر ئامانۇللا بىلەن بىر قاتاردا ھەربىي ئىشلار نازىرى نادىر شاھ بىلەنمۇ كۆرۈشكەن ئىدى.177 تاش مۇھەممەتبەگ ئورتا ئاسىيادىكى كۈرەش ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتۈپ، بۇ ھەرىكەت ئۈچۈن ياردەم بېرىشلىرىنى ئۆتۈنىدۇ. ئەمىر، بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ياردەم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ھەر ۋاقىت ئالاقىلىشىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئافغانىستاندا بىر ۋاكالەتخانا ئېچىشلىرى ئۈچۈنمۇ رۇخسەت قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، تاشمۇھەممەتبەگ باسمىچىلارنىڭ ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە ئافغانىستاندا تۇرۇپ قالىدۇ. ئەمىر ئامانۇللاخان، بۇ ۋاقىتلاردا باسمىچىلىق ھەرىكىتىگە بىۋاسىتە ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئافغانىستاندىن قورال- ياراغ ۋە ئوق- دورا يۆتكەشكىمۇ قىلچە توسالغۇلۇق قىلماي ۋاسىتىلىك ھالدا ياردەم قىلىپ كەلگەن ئىدى. كۆپىنچە ھاللاردا پامىر رايونىدىكى ئالايباي كارىدورى چېگرادىن ئۆتۈش يوللىرى سۈپىتىدە پايدىلىنىلماقتا ئىدى. ئەمىر يەنە خاناۋات شەھىرىدە بىر قۇربېشىلار مەكتىپى ئېچىشقا رۇخسەت قىلىش بىلەن بىرگە، مەكتەپكە ياردەممۇ قىلىپ تۇرىدۇ. 1920- يىلىنىڭ 20- ئىيۇل كۈنىدە، پەرغانە رايونىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن يىغىلغان 80 نەپەر ياش بۇ مەكتەپكە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدۇ. تاش مۇھەممەتبەگنىڭ ئوغلى خالمۇھەممەت ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل قىلىپ قويۇلىدۇ. كەلگۈسىدە ئافغانىستان پادىشاھى بولىدىغان ئەينى ۋاقىتلاردا ھەربىي ئىشلار نازىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان نادىرخان، مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرى ھەمدە ئوقۇتۇلىدىغان دەرسلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە ئىدى. ئوقۇغۇچىلار 6 ئايلىق مۇددەت بويىچە قاتتىق ھەربىي تەلىم- تەربىيە كۆرۈپ تۇراتتى. جامال پاشا ئافغانىستانغا كېلىشى بىلەن تەڭ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار سېپىگە ئوسمانلىلار ئوفىتسېرلىرىمۇ قوشۇلغان ئىدى.
بۇخارا ئەمىرى سەئىد ئالىمخاننىڭ ئافغانىستاندىن پاناھلىق تىلىگەنلىكى، يېڭى بىر سىياسىي ۋەزىيەت شەكىللەندۈرىدۇ. بۇخارا خانلىقى تەخمىنەن ئالغاندا ئافغانىستاننىڭ ئۈچتىن بىرى چوڭلۇقىدىكى بىر يەر مەيدانىغا ئىگە بولۇپ، ئافغانىستان بىلەن بۇخارا خانلىق تۇپراقلىرىنى پەقەت ئامۇ دەرياسىلا ئايرىپ تۇراتتى. بۇخارا ئەمرىنىڭ ئافغانىستانغا پاناھلىق تىلىشى، بىر مەنىدە ئەمىرلىكنىڭ ئامانۇللا خاننىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئۆتكەنلىكىدىنمۇ بېشارەت بېرەتتى. ئامانۇللاخان، بۇخارا ئەمىرىنى كابۇلغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى قىسقارتىپ پايتەختكە يېقىن بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
بۇ ۋاقىتلاردا ئەنۋەر پاشانىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئورتا ئاسىيادىكى باسمىچىلىق ھەرىكىتى يېڭى بىر پەللىگە چىققان بولۇپ، خەلقئارالىق ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ھەرىكەتكە ئايلانغان ئىدى. ئەنۋەر پاشانىڭ بۇخارا ئەمىرىگە تەۋە لاقاي ئىبراھىمبەگ تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى، پاشانى ئامانۇللاخان بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت تىكلىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. ئامانۇللاخاننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئەمىر سەئىد ئالىمخان ئىبراھىمبەگكە ئەنۋەر پاشانى قويۇپ بېرىشى،178 شۇنىڭدەك يەنە ئۇنىڭ بۇ جايلاردىكى قانات يايدۇرۇۋاتقان كۈرەشلىرىگە ياردەم قىلىشى ھەققىدە بىر پارچە خەت ئەۋەتىدۇ. بۇ خەت، نۇرۇللاخان ئىسىملىك بىر ئافغان مەسئۇلى ۋاسىتىسى ئارقىلىق لاقاي ئىبراھىمبەگكە يەتكۈزۈلىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي لاقاي، ئەنۋەر پاشانى يەنە بىر مەزگىل قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋالىدۇ.
1922- يىلىنىڭ باشلىرىدا قويۇپ بېرىلگەن ئەنۋەر پاشا، ئۇ يەرلەردە كۈرەش قىلىۋاتقان باسمىچى يېتەكچىلىرىنى بىر قوماندانلىق شتابى ئاستىغا يىغىپ، رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك كۈرەشنى قانات يايدۇرۇۋېتىدۇ. ئەپسۇسكى، لاقاي ئىبراھىمبەگ باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ئەمىر تەرەپ باسمىچى يېتەكچىلىرى ئەنۋەر پاشاغا ياردەم بەرمەسلىك مەيدانىدا چىڭ تۇرۇۋالىدۇ. ئەنۋەر پاشا، 1922- يىلىنىڭ يانۋار ئېيىدا، ئەمىر سەئىد ئالىمخانغا ئەۋەتكەن بىر پارچە خېتىدە، لاقاي ئىبراھىمبەگ ئۈستىدە دەرد تۆكۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئورتاق ھەرىكەت ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلارغا قاتناشمايۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختالغان.
ئەنۋەر پاشا يازغان خەتلىرىدە بۇخارا ئەمىرىنىڭ ۋەكىلى، خەلىفەئى مۇسلىمىننىڭ كۈيئوغلى سەييىد ئەنۋەر دەپ ئىمزا قويۇشلىرى، ئەمىرنىڭ بۇخاراغا قايتىپ كېتىش ھەققىدىكى تەلىپىگە ۋاقتى كەلمىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ قوشۇلماسلىقى ئەمىر تەرەپ كىشىلەر ئىچىدە ئېغىر گۇمانلارنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا ئىدى. ئەسلىدە، ئەمىر ئالىمخان بىلەن، ئۇنى قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقان باسمىچىلارنىڭ بۇنداق گۇماندا بۆلىشىنى پۈتۈنلەي سەۋەبسىز دەپ قاراشقىمۇ بولمايتتى. ئەنۋەر پاشا بىلەن ئامانۇللاخان ئوتتۇرىسىدا يېزىشقان خەتلەرنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا بۇخارا ئەمىرىنى ۋەقەلەرنى تىزگىنلىيەلمەيدىغان كېرىكى يوق بىرى دەپ قارايدىغانلىقى، بۇخاراغا قايتۇرۇلماسلىقى ھەققىدە ھەر ئىككىسى ئۆزئارا كېلىشىۋالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئەنۋەر پاشانىڭ ئەمىر ئامانۇللاغا ئەۋەتكەن خېتىدە، ئۇنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ بۇخارا ۋە ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدىن ئۇرۇسلارنى قوغلاپ چىقىرىۋەتكەندىن كىيىن، مەمۇرى شەكلى گېرمانىيەگە ئوخشايدىغان قۇدرەتلىك چوڭ بىر ئىسلام دۆلەتلەر بىرلەشمىسى قۇرۇپ چىقىش ھەققىدە توختالماقتا ئىدى.
ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىگە قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنى شەرقتىكى ئېزىلگەن ئىسلام ئەللىرىنىڭ قۇتقۇزغۇچىلاردىن بېرىمەن دەپ ھېس قىلىپ يۈرگەن ئەمىر ئامانۇللا ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ تۈردىكى غايىلەر ئۇنى بەكلا قىزىقتۇرغان بولۇپ، ئەنۋەر پاشانىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك كۈرەشلىرى ئامانۇللانىڭ خام خىياللىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئادەمنىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان خام خىياللارنى قىلىشقا سەۋەب بولۇپ بەرمەكتە ئىدى.179 ئۇنىڭ قارىشىدا، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مەركىزىدە قۇرۇلىدىغان ئورتا ئاسىيا، بۇخارا ۋە ئافغانىستان دۆلەتلەر فېدېراتسىيەسىنىڭ تەختىگە چىقىدىغان بىرى، بىر زامانىۋى چىڭگىزخان ياكى ئەمىر تۆمۈر بولۇپ ھېسابلىناتتى.
ئەمىر ئامانۇللا، دەسلىپىدە ئەنۋەر پاشانىڭ يېنىغا ئەلچى سۈپىتىدە بىر كۆزەتكۈچى (ئەخمەتخان) ئەۋەتىدۇ. ئەنۋەر پاشا قوماندانلىقىدىكى جەڭلەر نەتىجىلىك داۋاملىشىپ بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئامانۇللاخان يەنە ئەفدالىدىنخان قوماندانلىقىدىكى 300 نەپەر ئەسكەردىن تەشكىل تاپقان بىر قوراللىق كۈچ بىلەن بىرگە، ئۇرۇشقا كېرەكلىك يەنە باشقا نەرسىلەرنىمۇ قوشۇپ ئەۋەتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، جىھاد قىلىش نامى ئاستىدا پىدائىي بولۇپ ئورتا ئاسىياغا بېرىشنى خالايدىغان ئافغانلارنىڭ ئەنۋەر پاشا قوراللىق كۈچلىرىگە بېرىپ قوشۇلۇشىغىمۇ رۇخسەت قىلىدۇ. ئافغان ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرگە بىۋاسىتە ياردەم قىلمىغىنى بىلەن، ئۇلارغا قىلچە توسالغۇلۇقمۇ قىلمايدۇ. كېيىنكى دەۋرلەردە، سوۋېت مەنبەلىرىدە بۇ تۈردىكى پىدائىيلارنىڭ سانىنى تەخمىنەن 140 نەپەر ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ پىدائىيلار ئىچىدە بىر قانچە نەپەر دىنى زاتمۇ بار ئىدى. پەنشىر رايونىدىن كەلگەن مەۋلەۋى ئابلىھەينى ئەنۋەر پاشا شەيخۇلئىسلام دەپ ئېلان قىلىپ قول ئاستىدىكى قوراللىق كۈچلەر ئىچىدە دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن.
بۇ جەرياندا، ئەمىر ئامانۇللامۇ ھەر ئېھتىمالغا قارشى كەلگۈسىدە روي بېرىدىغان يېڭى ئەھۋاللارغا تەييارلىق كۆرۈپ قۇيۇش ئۈچۈن ئافغانىستان تەۋەسىدىمۇ بىر قىسىم ئالدىن تەييارلىق ئىشلىرىغا كىرىشىدۇ. بەزى قوراللىق قىسىملىرىنى بۇخارا ئەمىرلىكىنىڭ چېگراسى ئېتىراپىغا يۆتكەشكە باشلايدۇ. قاتاغان بىلەن بەدەخشان ۋالىسى شاھ ۋەلىخان، ئەنۋەر پاشانىڭ پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىش ۋەزىپىسىگە قويۇلغان ئىدى. شىمال تەرەپتىكى قوراللىق قىسىملارنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ھەربىي ئىشلار نازىرى مۇھەممەت نادىرخان ئۇ يەرگە ئۆزى بىۋاسىتە بېرىپ ئۈستىگە ئالىدۇ.
1922- يىلىنىڭ 10- ئاپىرىل كۈنى، بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئوسمان غوجا، ئېلى رىزا ئەپەندى ۋە ھاجى سەمىلەر بىلەن بىرگە ئافغانىستانغا قېچىپ كىرىدۇ. ئوسمان غوجا بىلەن ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى ھەربىي ئىشلار نازىرى نادىرخان ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن كۈتۈۋېلىپ مېھمان قىلىدۇ. ئۇندىن كىيىن، ئۇلار ئامانۇللاخاننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن مازارى شەرىپتىن كابۇلغا كېلىدۇ. ئوسمان غوجا، 20- ئاپىرىل كۈنى ئەمىر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا بۇخارانىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان بىر دوكلات تەييارلاپ سۇنىدۇ.180 شۇ كۈندىن باشلاپ ئوسمان غوجا بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئافغانىستاندا تۇرۇپ، قورال ۋە ئەسكەر يۆتكەشكە ئوخشاش ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلايدۇ.
ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتنىڭ بۇ شەكىلدە تەرەققىي قىلىشى سوۋېت رۇسىيە دائىرىلىرىنى بەكلا ئەنسىرىتىپ، بۇ ئىشلاردىن بەكلا رەنجىپ يۈرمەكتە ئىدى. تاشقى ئىشلار كومىسسارلىقىنىڭ سېكرېتارى قاراخان، سوۋېت ھۆكۈمىتى نامىدا ئەنۋەر پاشاغا قارىتىپ بىر پارچە خەت ئەۋەتىپ ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قېلىشنى تەكلىپ قىلىدۇ. پاشا بۇ تەكلىپكە قىسقىچىلا قىلىپ ئېنىق بىر جاۋاب بېرىدۇ. ئەزەربەيجان كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى نەرىمان نورىمانوۋ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەۋەتكەن بۇ جاۋاب خېتىدە، ئەنۋەر پاشا رۇسىيەلىكلەرنىڭ ئورتا ئاسىيا، بۇخارا ۋە خىۋە زېمىنلىرىدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىشلىرىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر يارىشىشقا توغرا كەلسە، ئەنە شۇنىڭدىن كېيىنلا ئاندىن تىنچلىق سۆھبىتىگە ئولتۇرالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇ جاۋابقا قارىتا، سوۋېت رەھبەرلىكى پولشا بىلەن بولغان ئۇرۇشتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن ئۆزلىرىگە پايدىلىق ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، بۇ جايلارغا قارىتا ئۈچ خىل ئىستراتېگىيىلىك ھەرىكەت باشلاشقا كىرىشىدۇ. بىرىنچى بولۇپ گېنېرال كامېنېۋ قوماندانلىقىدىكى بىر ئارمىيىنى شەرقىي بۇخاراغا يولغا سالىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ ئافغانىستان دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ ئەنۋەر پاشاغا بېرىۋاتقان ياردىمىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئەنۋەر پاشانىڭ بۇخارادا ئۆز ھاكىمىيەت ئورگىنىنى قۇرۇش پىلانىنى تۈزۈۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇخارا ئەمىرىنىڭ قايتىپ كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆز تارقىتىپ ئاغدۇرمىچىلىق تەشۋىقاتى بىلەن كەڭ شۇغۇللىنىشقا كىرىشىدۇ. دېگەندەك، بۇ تەشۋىقات زور تەسىر پەيدا قىلىپ، بۇخارا ئەمىرى ئافغانىستاندىن خەۋەر ئەۋەتىپ، ئەنۋەر پاشا بىلەن بىرگە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۆز تەرەپدارلىرىنىڭ ئەنۋەر پاشا بىلەن ھەمكارلىقلىرىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا كونا ئەمىرگە قارايدىغان باسمىچى يېتەكچىلەرنىڭ بىر قىسمى ئەنۋەر پاشاغا قىلىۋاتقان ياردەملىرىنى توختىتىش بىلەنلا قالماستىن، پاشاغا قارشى جەڭ قىلىشقىمۇ كىرىشىدۇ.
سوۋېت دائىرىلىرىنىڭ ئافغان ھۆكۈمىتىگە قىلغان سىياسىي بېسىملىرىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن كۈنلەردىن بېرى موسكۋادا ھەمدە ياۋروپا پايتەختلىرىدە ھوقۇقلۇق ۋاكالەتچى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەھەممەد ۋەلىخان، ئافغانىستان بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇزۇلماسلىقىنى ئارزۇ قىلىدىغان بىرى ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئافغان ئەمىرىنىڭ باسمىچىلار بىلەن بولغان ھەر تۈرلۈك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشىنى تەلەپ قىلىش، باسمىچىلارنىڭ ئافغان ئورتا ئاسىياىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىنىشى ئۈستىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. ئامانۇللاخان، سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يولغا قۇيۇلۇۋاتقان بۇ سىياسىي بېسىملارغا قارشى تىركىشىشتە ئۇزۇنغىچە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ- دە،181 ئاخىرى ئەنۋەر پاشانىڭ يېنىدا ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان ئافغان جەڭچىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش قارارىنى ئالىدۇ. ئەسلىدە ئافغان قىسىملىرى 300 دەك ئەسكەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەربىي كۈچ نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئۇنچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكىمۇ ئىگە ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ، بۇ قوشۇننىڭ قايتۇرۇپ كېلىنىشى ھەققىدە قارار ئېلىنغانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئافغانىستان دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن ئەنۋەر پاشاغا بېرىدىغان پۈتۈن ياردەملىرىنى توختىتىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى بولۇش نۇقتىسىدىن ئالغاندا بەكلا مۇھىمئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. بۇ ۋاقىتلاردا سوۋېت رۇسىيە ھۆكۈمىتى، ئافغانىستاندىن چېگرا بويلىرىغا قوراللىق كۈچ يىغىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشىنى، ئافغان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇخارا تەۋەسىدە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش مەسىلىسىدە بىتەرەپلىك ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. دەل شۇ پەيتتە، يەنى 1922- يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا، ئەنۋەر پاشا شېھىت بولىدۇ.
ئەنۋەر پاشانىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن، ئەمىر ئامانۇللا شىمالى ئافغانىستانغا بارىدۇ. ئۇ يەردە قوماندانلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇزاكىرىلەردىن كىيىن چېگرا بويلىرىدىكى جىددىي ھالەت بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ كابۇلغا قايتىپ كۈلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ زامانىۋى دۇنيانىڭ چىڭگىزخانى بولىمەن دەيدىغان خام خىياللىرى يوققا چىققان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىغا ياخشى كۆرۈنۈش مەقسىتىدە بىر مەردلىك قىلىپ، تەخمىنەن 6 ئاي بويىچە ئەنۋەر پاشا ھەرىكىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت تىكلىگەن ھەربىي ئىشلار نازىرى نادىرخاننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى پارىژغا باش ئەلچى قىلىپ يولغا سېلىۋېتىدۇ. بۇ جەرياندا، ئەنۋەر پاشانىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن دۆلىتىگە قايتىپ كەتكەن شەيخۇلئىسلام مەۋلەۋى ئابلىھەيمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تەشۋىقاتلار بىلەن شۇغۇللاندى دېگەن جىنايەت بىلەن خاناۋات شەھىرىدە قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ (مەۋلەۋى ئابلىھەي، 1927- يىلى قايتىدىن ئورتا ئاسىياغا كىرىدۇ. گارم شەھىرى ئەتراپىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تەشۋىقات پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ قوراللىق قوزغىلاڭ قوزغايمەن دەپ كۆپ تىرىشىپ باققان بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).

بۇخارا ئەمىرىنىڭ سۈرگۈن ھاياتى
يېڭى ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن تەڭ يېيىلىشقا باشلىغان يېڭىچە كۆز قاراشلار تەسىرىدە پۈتۈن ئۆلكىنى قاپلىغان ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە تەختىدىن ئايرىلىپ قالغان ئەمىر، 1921- يىلىنىڭ مارت ئېيىدا 300 دەك ئەسكىرى بىلەن ئافغانىستانغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. ئەمىر، بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ئافغانىستان قاتارلىق چەت دۆلەتلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىش، ئاندىن بۇخارادا ۋەزىيەت ئوڭشىلىپ ئىمكانىيەت يار بەرگىدەك قىلسا ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىشنى پىلانلىغان ئىدى. بۇ ئىشلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ تېخى بۇخارادىن ئايرىلمىغان كۈنلىرىدىلا بۇ ھەقتە تەييارلىق قىلىشقا كىرىشكەن ئىدى.182 ئەمىر، سەپەرگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن قەشقەردىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەنگلىيە پادىشاھىغا قارىتىپ بىر پارچە ياردەم تەلەپ خېتىنى يازىدۇ. بۇخارا ئەمىرى، ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە ئافغانىستانغا بارغاندىن كېيىنكى ئەھۋاللارنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
ئافغانىستان چېگراسىدىن ئۆتىشىمىز بىلەن تەڭ، ئافغان چېگرا مۇداپىئە قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانلىرى قوشۇنى بىلەن بىرگە ئالدىمىزغا چىقىپ بىزنى ئالاھىدە قىزغىن كۈتۈۋالغان ئىدى. … مەن، چېگرادىن ئۆتۈپلا ئۇ يەرگە يىتىپ كەلگەنلىكىمنى قاتاغان ۋالىسىغا خەۋەر قىلىۋېتىپ، قاتاغانغا قاراپ يولغا چىقتىم. نەبى مۇھەممەت ئەكپەرخان ۋالىي بىلەن باش قوماندان بىنبىنخان ئىككىسى مېنى ھەربىي قىسىم بىلەن بىرگە ئالدىمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. … بۇ چاغدا ئەمىر ھەزرىتى ماڭا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن بىر پارچە خەت ئەۋەتىپ، بېشىمغا كەلگەن بۇ ئوڭۇشسىزلىقلارنى بىر باشتىن تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىش نىيىتىدە مېنى كابۇلغا تەكلىپ قىلغان ئىكەن.
بۇ بەندەئى ئاجىزە، ئامۇ دەرياسىدىن ئافغانىستان تەرىپىگە كېچىپ ئۆتكىنىمدە بۇخارانىڭ تاللانغان ئۈچ يۈز نەپەر جەڭچىسىنىمۇ بىرگە ئېلىپ ئۆتكەن ئىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇ دەريانىڭ كىچىك ئېغىزىدىكى چۈشكۈن يېرىمدە تەخمىنەن ئون مىڭدەك ئادەممۇ دەريادىن ئۆتۈپ ئەتراپىمغا يىغىلغان ئىدى. بۇ خەلق ئاممىسى ئىچىدىن تەخمىنەن بەش يۈز نەپەر ئادەمنى تاللىدىم، يەنى بۇخارا خەلقى ئارىسىدىكى مىنىڭ دىققىتىمنى تارتقان كىشىلەرنى يېنىمغا ئېلىپ، قالغان كىشىلەرنى ئافغانىستاننىڭ ھەر قايسى يەرلىرىگە يولغا سالدىم. ئاندىن تاللىۋالغان بۇ بەش يۈز كىشى بىلەن بىرگە كابۇلغا قاراپ يولغا چىقتىم.
كابۇلغا بارغىنىمىزدا، ئىستىراھەت قىلىشىم ئۈچۈن ئايرىلغان مۇرات باغ دېگەن قەلئەگە چۈشتۇق. … ئۇنىڭدىن كىيىن ئافغان ئەمىرى ئەڭ مۇتېبەر كىشىلىرى بىلەن بىرلىكتە زىيارىتىمگە كېلىپ مىنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. شۇنداق قىلىپ بۇ تارىخىي ئۇچۇرۇشۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شۇندىن كېيىن ئافغانىستان دۆلىتىنىڭ بىر ئايلىق ئەزىز مېھمىنى بولدۇم. بىر ئايدىن كىيىن كۈندىلىك راسخوت ئۈچۈن 12 مىڭ ئافغان رۇپىيىسى ئايلىق توختىتىپ بەردى.
سەئىد ئالىمخان، ئافغانىستان ئەمىرى ئامانۇللادىن دۆلىتىنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتە ئېتىراپ قىلىنىشىنى، ئۆزىگە قاراشلىق باسمىچى يېتەكچىلىرىگە ياردەم قىلىشىنى ھەمدە ئەنگلىيە قاتارلىق چەت دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت تىكلىۋېلىشىغا ۋاسىتىچى بولۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمىر ئالىمنىڭ ئافغانىستانغا ئۆتۈپ كېتىپ ئۇ يەردە پائالىيەت قىلىشىدىن سوۋېت رۇسىيەسى پەقەتلا خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. شۇڭا، ئۇرۇسلار بۇخارا ئەمىرىگە بېرىلىدىغان ھەرقانداق ياردەمنى توختىتىش ھەمدە ئەمىرنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش جەھەتتە ئافغانىستان ئەمىرگە سىياسىي بېسىم قىلىشقا كىرىشىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاسىتىسى ئارقىلىق بىسىم ئىشلىتىش سىياسىتى ئۇزۇنغا قالماي نەتىجە بېرىشكە باشلايدۇ.183 ئامانۇللاخان، ئەمىر ئالىمخاننى ھەر جەھەتتىن ھۆرمەت قىلىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىش ۋە قوراللىرىنى تاپشۇرۇلۇشى ھەققىدە بۇيرۇق قىلىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئالىمخاننىڭ بۇخارا تەۋەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى چەكلەش ئىشلىرىغىمۇ تۇتۇش قىلىدۇ. سەئىد ئالىمخان، ئافغانىستانغا كەلگىنىدىن كىيىن ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئىشلىرىنىڭ بىرىدىنمۇ تۈزۈك نەتىجە ئالالمىغانلىقىنى كۈندىلىك خاتىرە دەپتىرىدە تۆۋەندىكىچە يېزىپ قالدۇرىدۇ:
بۇ بەندەئى ئاجىزە، ئۆز ئىشلىرىمنى يولغا سېلىۋېلىش ئۈچۈن ئىشقا كىرىشكەن ئىدىم. ئەمما نىمىلا قىلسام تەلەپ قىلغان ياردەملەرگە ئېرىشەلمەي كەلدىم. ھەرھالدا، ئاللاھۇ تەئالا ماڭا ياردەم قىلىنىشىنى تەقدىر قىلمىغان بولسا كېرەك. شۇ سەۋەبتىن تەغدىرئى ئىلاھىگە بويۇن ئېگىپ كابۇلدا تۇرۇپ قىلىش قارارىغا كەلدىم. ئافغان ئەمىرى جانابئى ئالىلىرى كابۇلنىڭ جەنۇبىدىكى بىر باغنى (گاللائى فاتۇ) ماڭا ئايرىپ بېرىپ، ئايلىق چىقىملىرىم ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن مائاشنىمۇ ئون تۆت مىڭ بەش يۈز رۇپىيىگە ئۆستۈرۈپ بەردى.
1917- يىلىنىڭ فېۋرالدىكى كېرېنسكى ئىنقىلابى دەۋرىدە، بۇخارا ئەمىرى بۇرۇن ئۇرۇس بانكىلىرىغا ئامانەت قويغان 150 مىليون رۇبلى (تەخمىنەن 15 مىليون پوند ستېرلىڭ) قىممىتىدىكى ھېسابىنى ئۈزۈپ، ئۇ پۇللارنى لوندون بىلەن پارىژدىكى بىر نەچچە بانكىغا ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە ئىشەنچلىك دەپ قارىغان بىر كىشىنىڭ ۋاسىتىچىلىكى ئارقىلىق 120 مىڭ پوند ستېرلىڭ قىممىتىدىكى ئاستراخان ئەلتېرە كۆرپىسىنى ياۋروپا بىلەن ئامېرىكادا سېتىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىرىۋەتكەن ئىدى. ئافغانىستانغا كەلگىنىدىن كىيىن ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيە بانكىلىرىغا ئامانەت قويغان پۇللىرىنى بانكىدىن ئېلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ مۇۋەپپەق بولالمايدۇ. بولشېۋىك ھۆكۈمىتى بۇ پۇللارنى سوۋېتلەرگە تەۋە دەپ تۇرۇۋالغان ئىدى. بانكىلار بولسا، بۇ پۇللار ھوقۇق جەھەتتە بۇخارا ئەمىرلىكىنىڭ قانۇنى ئادىمىگە تەۋە بولىدىغانلىقىنى، ئەمما بۈگۈن بۇخارا ئەمىرلىكى دېگەن بىر ئورۇن بولمىغاچقا، ئەمىرنىڭ شەخسى نامىغا قارىتىپ پۇل بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇ جەرياندا ئاستراخان ئەلتېرە تېرىلىرىنى ئامانەت قويغان ئۇنىڭ يېقىن كىشىسىمۇ ئۇنىڭغا خىيانەت قىلىپ پۇلىنى يەۋالغان ئىدى. ئۇ يېقىن ئادىمى بانكىلار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش- تارتىشلاردىن خەۋەر تاپقان بولسا كېرەك، بۇ ئەلتېرە تېرىلەرنىڭ بۇخارا ئەمىرىگە تەۋە ئەمەس، بەلكى بۇخارا ئەمىرلىكىنىڭ مۈلكى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن بۇ ئەلتېرە تىرە كىرىمنى ئەمىرگە تاپشۇرالمايدىغانلىقىنى، بۇخارادا مۇقىم بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلغانغا قەدەر بۇ پۇللارنى ئۆز يېنىدا ساقلاپ تۇرىدىغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەمىر بۇخارادىن ئايرىلغان ۋاقتىدا ئەپسانە ھالىغا كەلگەن خەزىنىسىنىمۇ ئېلىپ چىقالمىغان ئىدى (ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە بانكىلىرىدىكى ھېسابلىرىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغانلىقى ھەققىدە ھېچ قانداق بىر مەلۇمات يوق. ئېھتىمال، ئۇ پۇللار شۇ بانكىلارنىڭ خەزىنىسىگە ئۆتۈپ كەتكەن بۆلىشى مۇمكىن. ئاستراخان كۆرپىلىرى − ئەلتېرە تېرىلىرى ئۈچۈن ئەمىر تەرەپ سوتقا ئەرز قىلغان بولۇپ، سوت مەھكىمىسى بۇ ئەلتېرە تېرىلىرىنىڭ سېتىلىشىدىن كەلگەن پۇلنىڭ يېرىمىنى ئەمىرگە، قالغان يېرىمىنى بولسا بۇ كۆرپىلەرنى چەتكە چىقىرىپ سېتىشقا مەسئۇل بولغان كىشىگە بېرىلىشى كېرەك دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. بۇخارا ئەمىرلىكىنى سوۋېت ئىتتىپاقى بېسىۋالغاندىن كېيىن، بۇخارا ئەمىرلىكىنىڭ خەزىنىسىدىكى ئالتۇن- كۆمۈش ۋە ئۈنچە- ياقۇتلارنى 3 ۋاگونغا لىق تولدۇرۇپ موسكۋاغا توشۇپ كەتكەنلىكىنى بايلېي كىتابىدا يېزىپ ئېلان قىلغان ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).184 نەتىجىدە، ئالىمخان ئافغان ئەمىرى ئامانۇللانىڭ تىزگىنى ئاستىدا ياشاشقا باشلايدۇ. ئامۇ دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپى، يەنى بۇخارا بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش ئىشلىرىنى ئۇنىڭ تاغىسى مۇھەممەت سەئىدبەك پەرۋانىچى ۋاسىتىسى ئارقىلىق داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئەنۋەر پاشانىڭ باسمىچىلىق ھەرىكىتىگە قوشۇلۇپ كەتكەنلىكى ئەمىر سەئىد ئالىمخانغا يېڭى بىر ئۈمىد ئۇچقۇنى بولۇپ كۆرۈنۈپ، ئۇرۇسلارغا قارشى كۈرەشنىڭ غالىبىيىتىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرغان ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەنۋەر پاشا ئەگەر غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلىگىدەك قىلسا، ئۇنى قايتا تەختىگە چىقىرىش- چىقارماسلىق مەسىلىسىدە ئەنۋەر پاشاغا دېگەندەك ئىشىنىپمۇ كېتەلمەيتتى. ئەنە شۇ خىل گۇمانلىرى نەتىجىسىدە، ئىبراھىم لاقايبەگ ۋاسىتىسى ئارقىلىق پاشانى قولدا تۇتۇپ تۇرۇشىنى بۇيرۇغان ئىدى. ئەمما ئافغانىستان ئەمىرى ئامانۇللاخاننىڭ زورلىشى بىلەن قىسقا بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن پاشانى قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئىبراھىم لاقايبەگكە مەكتۇپ يېزىپ ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. ئەنۋەر پاشا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ئەمىر ئالىمخاننىڭ يۇقىرىقىدەك گۇمانلىرىنى تەستىقلىغاندەك كۆرۈنمەكتە ئىدى. ئەنۋەر پاشا، ئەمىر ئالىمخاننى بۇ ھەرىكەتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇپ ئامانۇللاخان بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەت تىكلەشكە كىرىشىدۇ. دېگەندەك، سەئىد ئالىمخان كۈندىلىك خاتىرىسىگە بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى قاراشلىرىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ:
ئىبراھىم لاقايبەگ بۇخارانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى پۇقرالار (ۋەتەنداشلىرى دېمەكچى، − ئا.ھ. ئىزاھاتى) بىلەن كېلىشىپ بۇ بەندەئى ئاجىزەنىڭ ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىشىگە ئىجازەت قىلىنىشى ھەققىدە ئافغان ئەمىرىگە بىر پارچە خەت يېزىپ، سەككىز كىشىلىك بىر ھەيئەت تەشكىللەپ يېزىلغان مەكتۈپنى پايتەخت كابۇلغا ئەۋەتكەن، بۇ ھەيئەتمۇ كابۇلغا كېلىپ ئافغان ئەمىرىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ بۇ تەلەپنى بىۋاسىتە ئۇقتۇرغان. ئافغان ئەمىرىمۇ ئۆزىگە قىلىنغان بۇ مۇراجىئەتنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ مېنىڭ قايتىپ كېتىشىمگە ماقۇل بولىدۇ. ئەمما ئەنۋەر پاشا بۇ ھەقتە باشقىچە كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈرگەنىكەن. ئەنۋەر پاشا، بۈگۈنكى كۈنلەردە دۈشمەن ھۇجۇم يولىنىڭ ئاساسىي كۈچى بۇخارانىڭ مەركىزىدىكى قورغاندا دەپ قاراش توغرا ئەمەسكەن.185 بەلكى، ئالدىمىزدىكى دۈشمەن خەلقئارالىق قانۇنلارنى قەتئىي كۆزگە ئىلمايدىغان كۈچلۈك بىر دۆلەتكەن. بىز ھازىرچە ئۇلارغا قارشى جەڭنى داۋاملاشتۇرۇپ تۇرايلى. خۇدا بۇيرۇسا بىر پۇرسىتىنى تېپىپ بايسۇن ۋىلايىتىنى تارتىپ ئېلىپ ئۆز تىزگىنىمىزگە ئېلىۋالالىساق، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قەلئەلەرنى ئۆزىمىزگە ئىستىھكام قىلىۋالالايمىز. ئەنە شۇنداق بىر ۋەزىيەت بارلىققا كەلگىنىدە پادىشاھىمىزنى قايتۇرۇپ كېلىش پۇرسىتى تۇغۇلىدۇ،دەپ ئېيتقان. ئەنۋەر پاشانىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تۈردىكى نارازىلىقلىرى تۈپەيلىدىن،كابۇلغا ئەۋەتىلگەن ئۈمىگىمىز قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.
ئەنۋەر پاشانىڭ ۋاپاتى بۇ رايوندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋەتكەن بولۇپ، بۇخارا رايونىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ جەرياندا ئەمىر ئالىمخان ئەنگلىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قارىتا بىر قېتىم ئومۇمىي يۈزلۈك مۇناسىۋەت باغلاش ھەرىكىتىنى باشلاش قارارىغا كېلىدۇ. 1923- يىلىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا “تىنچلىقپەرۋەر ۋە ھەققانىيەتكە ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلارغا” نامىدا بىر مۇراجىئەتنى جەمئىيەتى ئاكۋام (بىرلەشكەن مىللەتلەر جەمئىيىتى) غا ھەمدە بىر مۇنچە دۆلەتنىڭ پرىزدېنتلىرىگە ئەۋەتىدۇ. «تايمىس» گېزىتى تەرىپىدىن “ئورتا ئاسىيادا بولشېۋىكلەر تۈزۈمى” دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىنغان بۇ مۇراجىئەت تېگىشلىك ئەتىۋارغا ئېرىشەلمەي، ئەركىن دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر دۆلىتىدىن ھېچ بىر جاۋابى كەلمەي جىمىپ كېتىدۇ.
يۇقىرىقىدەك ۋەزىيەت، ئەمىر ئالىمخاننىڭ ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىش ھەمدە قايتىدىن تەختىگە ئولتۇرۇش ئۈمىدلىرىنى ئاساسەن يوق قىلىۋېتىدۇ. ئافغانىستانغا كېلىۋالغان ئورتا ئاسىيالىق زىيالىيلار بىلەن مىللىي ئىتتىپاق ئەزالىرى ئۇنى ۋەتەن خائىنى دەپ قاراپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار بىلەنمۇ يېقىنلىشىش ئىمكانى يوق ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامانۇللاخانمۇ ئورتا ئاسىيا رايونىغا مۇناسىۋەتلىك پىلانلىرىنى بىر چەتكە تاشلاپ قويغاندىن كېيىن ئالىمخاننى بىر سىياسىي يۈك دەپ مۇئامىلە قىلىشقا باشلىغان ئىدى. “مېنىڭ ئانام سېنىڭمۇ ئاناڭ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئۇنى يوقلاپ كەلگىن” دەپ ئۇنى كابۇلغا تەكلىپ قىلىدۇ. ئەمما ئۇنى كابۇلغا كەلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن نەچچە ئايغىچە كۆرۈشكىلى ئۇنىمايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئەمىر ئالىمخان چەتكە چىقىپ كېتىش ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇ، بۇ ئارزۇسىنى ئامانۇللاخانغا يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە باش ئەلچىسى خۇمپرىيستىن ھىندىستاندىن ئۆتۈش ۋىزىسى ھەل قىلىپ بېرىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئامانۇللاخان،186 ئالىمخانغا ھەرەمگە ھاجى قىلىپ كېلىشكە بارسا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن بارلىق ئادەملىرىنى بىرگە ئېلىپ مېڭىشى لازىملىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئافغانىستاندىن ئايرىلغىنىدىن كېيىن ئافغانىستانغا قايتىپ كەلمەسلىكى ھەققىدە ۋاسىتىلىك ئىشارەت بەرگەن ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئەمىرنىڭ لوندونغا ئەۋەتكەن ۋىزا تەلىپىنى لورد كۇرزون بىۋاسىتە رەت قىلىۋېتىدۇ. ئەمىر، ئالغان بۇ جاۋابىغا قارىماي بىرمەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتىدىن ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىپ، ھىندىستاندا قىسقا مۇددەت تۇرغاندىن كېيىن ھەرەمگە ھاج قىلىشقا بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مۇراجىئىتىگە ھەقىقەتەنمۇ بەكلا غەلىتە بىر جاۋاب بېرىلىدۇ. ئەمىرنىڭ ھىندىستاندىن ئۆتۈپ ھەرەمگە مېڭىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى، ئەمما ھىندىستانغا قىسقا ۋاقىت ئۈچۈن زىيارەتكە كېلىشىگە قارشى ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئەگەر ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ چېگرالىرى ئىچىدە تۇرۇپ قېلىش خىيالى بولسا، پەقەت سەيلون ياكى سېيشېل ئاراللىرىدىلا تۇرۇشىغا يول قۇيۇلاتتى. ئۇلارنىڭ شۇنچە تەتۈرلۈك قىلىشلىرىغا قارىماي، ئالىمخان يەنىلا ئۈمىدىنى ئۈزمەيدۇ. شۇڭا ئۇ، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئەنگلىيە باش ئەلچىلىكىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ. بۇ قېتىم ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بارلىق تەلەپلىرىگە رۇخسەت قىلالمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. يەنى، ئۇنىڭدىن ھەرەمدىن قايتىپ كەلگىنىدە قايتىدىن ئافغانىستانغا كىرەلىشىنى كۆرسىتىدىغان رۇخسەت قەغىزى بولغاندىلا ۋىزا بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋىزا ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىدىغان يەر ئەنگلىيە باش ئەلچىخانىسى ئەمەس، بەلكى ئۇدۇل ئافغان ھۆكۈمىتى بولۇپ قالغان ئىدى. ئافغانىستان ئەمىرى ئامانۇللانىڭ بۇنداق بىر تونۇشتۇرۇش بەرمەيدىغانلىقىنى بىلگەن ئەمىر ئالىمخان، تەقدىرگە تەن بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ، بۇندىن كېيىن ئافغانىستاندا ياشاپ قېلىشتىن باشقا چارىسى قالمايدۇ. ئەنە شۇنداق ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە رۇسىيەلىكلەر بىلەن يارىشىش ئۈچۈن چارە ئاختۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ باقىدۇ. ياردەمچىلىرى ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئافغانىستاندىكى رۇسىيە ئەلچىخانا مەسئۇللىرىغا رۇسىيە بىلەن يارىشىپ قېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى تۈرلۈك شەرتى بارلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇ شەرتلىرىنىڭ بىرى بۇخارانىڭ كىچىك بىر پارچىسىدا كۆرسەتمىلىك بولسىمۇ بىر ئەمىرلىك تۈزۈمى تىكلىنىشىگە رۇخسەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىش ئىدى، شەرتلىرىنىڭ يەنە بىرى بولسا، ئۆزىگە بىر پېنسىيە مائاشى توختىتىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ئىدى. ئۇ دەۋرگە مۇناسىۋەتلىك رۇسىيە مەنبەلىرىدە، ئۇرۇسلارنىڭ بۇنداق بىر تەكلىپكە پەقەتلا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى كۆرۈلمەكتە (سابىق چېكاچى ئاغابېكوۋ كۈندىلىك خاتىرىلىرى. ياش ئورتا ئاسىيا مەجمۇئەسى، 1930- يىلى ئۆكتەبىر 11- سان، 19- بەت. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستان- ھىندىستان چېگراسىدىكى پەشتۇ قەبىلىلىرىگە قاراتقان ھەرىكەتلىرىنى باشقۇرغان كابۇلدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى روسكالنىكوۋ، ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ئۇلتىماتۇمى سەۋەبىدىن 1923- يىلى قايتۇرۇپ كېتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا لېونىد ستارك تەيىنلىنىدۇ. ئەرمەن بولغان گېورگې ئاگابېكوۋ، «ئو گ پ ئۇ» خادىمى سۈپىتىدە ستاركنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئارىسىدا كەلگەن ئىدى. بىر مەزگىل ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن غەرب ئەللىرىگە پاناھلىق تىلەپ قېچىپ كېتىدۇ. غەربكە بارغاندىن كېيىن كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئېلان قىلىدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).187
1927- يىلى ئورتا ئاسىيادا باشلانغان كوللېكتىپلاشتۇرۇش ھەرىكىتى كۈچلۈك ئىجتىمائىي نارازىلىق ۋە قارشىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلغان ئەمىر ئالىمخان، شۇ يىلى سېنتەبىردە يەنە بىر قېتىم سىناق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىختىيارى ۋەكىلى بولغان بۇخارالىق سودىگەر ھاجى يۈسۈپباي مۇقىمباي ۋاستىچىلىقى ئارقىلىق جەنىۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر جەمئىيىتىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ. مۇقىمباي ئاۋۋال پارىژغا بېرىپ مۆسيۆ كاستاگنې (ج. كاستاگنې 1920- يىللىرىدا ئورتا ئاسىيادا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بولۇپ، پارىژغا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن باسمىچىلار ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر ئېلان قىلىپ تۇرغان بىر گىولوگ ئىدى. فىرانسىيەگە قايتىپ كەتكىنىدىن كېيىن پرومېتې ژۇرنىلىدا رېداكتور بولۇپ ئىشلىگەن ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) نىڭ ياردىمى بىلەن جەنىۋەگە بېرىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر جەمئىيىتىگە بىر پارچە دوكلات سۇنىدۇ. بۇ دوكلات «لې ژۇرنال دې گېنېۋې» گېزىتىنىڭ 7- سېنتەبىر سانىدا، «ئىستىلا ئاستىدىكى بۇخارالىقنىڭ زارى» دېگەن تېما بىلەن ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يۈسۈپباي، ئەنگىلىيىلىكلەر بىلەن سۆزلىشىش يولىنى ئاختۇرۇپ يۈرەتتى. فرانسۇز ۋاسىتىچىلىرىنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي، ئەنگلىيە دائىرىلىرى ئەمىرنىڭ ۋاكالەتچىسى بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلىدۇ. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى كاۋېندىش بېنتىنك “بۇخارا، سوۋېت رۇسسىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىۋېلىشتىن بۇرۇنمۇ سابىق ئەمىرلىك خەلقئارالىق سىياسىي سەھنىدە بىرەر قىممىتى يوق يەر ئىدى” دېگەن سۆزلىرى بىلەن، ئەنگلىيەنىڭ بۇخارا ئەمىرىگە قارىتا كۆز قاراشلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
دەل شۇ پەيتلەردە، بۇخارا ئەمىرىنىڭ 30 يىلدەك خىزمىتىنى قىلغان بۇخارا يەھۇدىيسى بولغان مىر ھەيدەر بادالىيېۋ، پارىژدا يوشۇرۇن بىر گۇرۇپپا قۇرۇپ چىققانلىقىنى ھەمدە بۇخارادا بولشېۋىزمغا قارشى بىر ھەرىكەت قوزغىتالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئىنگلىز ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەتنامە سۇنىدۇ (بايلېي ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە بادالىيېۋنى بىر تاتار تۈركى ئىدى دەپ يازىدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). مىر ھەيدەر، چار رۇسىيە دەۋرىدە بۇخارا ئەمىرلىكىگە ياردەم قىلىدىغان بىر سىياسىي ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان بىرى ئىدى. بولشېۋىك ئىنقىلابىدىن كېيىن، بۇخارا ئەمىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا كىرىپ، 1918- يىلى مارت ئېيىدا تاشكەنت سوۋېتى بىلەن بۇخارا ئەمىرلىكى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان تىنچلىق شەرتنامىسى سۆھبىتىدە ئەمىرگە ۋاكالىتەن سۆھبەتكە قاتناشقان ئىدى. ئەنگلىيە تەرەپ مەسئۇلى فرېدېرىك بايلېي بۇخارادا تۇرۇۋاتقان دەۋرلەردە ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىرانغا ئۆتۈپ كېتىشىگە يېقىندىن ياردەمدە بولغان ئىكەن. ئەنە شۇ سەۋەبتىن بۇخارا ئەمىرلىكىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىن كېيىن،188 ئائىلىسىنى ئېلىپ ئافغانىستان ئارقىلىق ھىندىستانغا ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتىدا ئەنگلىيە تەرەپ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، ئۇ يەردە ئۇنى پىشاۋۇر شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، يۇقىرىدا دېيىلگەن پىكرىنى كۆتۈرۈپ ئەنگلىيە دائىرىلىرىگە مۇراجىئەت قىلغان. ئۇنىڭ بۇ مۇراجىئەتىدە سەئىد ئالىمخان بىلەن مۇناسىۋىتىڭ بار- يوقلۇقى نامەلۇم. ئەنگلىيەلىك مەسئۇل كىشىلەر تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭ بۇ تەلىپىگىمۇ ھېچقانداق بىر جاۋاب قايتۇرمايدۇ.
1928~1929- يىللىرى ئىچىدە ئافغانىستاننىڭ ئىچكى سىياسىتىدە ئېغىر داۋالغۇشلار كۆرۈلۈۋاتقان يىللار ئىدى. بۇ تۈردىكى ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقان مەزگىللەردە ئەمىر ئالىمخان بىلەن ئۇنىڭ نامىدا ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان ۋاكالەتچىلىرى بەزى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئۇرۇنۇپ باقىدۇ. ھاجى يۈسۈپ مۇقىمباينىڭ كاتىپى بىلەن ساخاروۋ ئىسىملىك بىر ئاق ئۇرۇس، پارىژ بىلەن جەنىۋەدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ يۈرۈپ، ئەمىر ئالىمخان ئىمزاسىدا پارسچە تەييارلانغان بىر باياناتنى تارقىتىشقا باشلايدۇ. «بۇخارا مىللەتلىرىنىڭ زارى» دېگەن تېمىدا فرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلىنغان بۇ بايانات، ياۋروپادا تۇرۇۋاتقان چەتئەلدىكى تۈركىلەر ئىچىدە، بولۇپمۇ ئورتا ئاسىيالىقلار ئارىسىدا بەكلا كۈچلۈك ئەكس تەسىر قوزغايدۇ. گېزىتلاردىمۇ ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتنىڭ بىر يېرىدە ئەمىر مۇنداق دېگەن:
بىز ئۇرۇسلارنىمۇ ئېزىۋاتقان ئاتېئىست بولشېۋىكلارغىلا قارشى تۇرماقتىمىز. بىزنىڭ سېپىمىزدا ئۇرۇسلارمۇ بار. ئۇرۇسلار (چار رۇسىيەسىنى كۆزدە تۇتماقتا. − ئاپتوردىن) بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى نومۇسسىزلارچە ئاشكارا ھالدا ئۇرۇش قوزغاپ بېسىۋالغان ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي ئۇلار ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا پەقەت ئارىلاشمىغان ئىدى. دىنى ئورگانلىرىمىزغا ھۆرمەت قىلغان ئىدى. مەرھۇم ئاتام ئۇرۇسلارنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى. مەنمۇ رۇسىيە ساراي قوغدىغۇچى پولكىدا تەربىيىلەنگەن ئىدىم.
بۇ قۇرلار، ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىقى ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقان ساھەلەردىكى كىشىلەرنى ئالىمخانغا بولغان ئۆچمەنلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى.
1928- يىلى ئەمىرنىڭ ياردەمچىلىرىدىن بىرى بولغان مىرزا مۇھەممەت تاكىبەگ، مەشھەتتىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىغا “ئەنگلىيە ئاجىز ئەللەرنىڭ ھامىيسىدۇر، شۇنداق ئىكەن ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش مەسىلىسىدە ئەنگلىيە كاپالەتچى بۆلىشى كېرەك” دېگەن بىر مۇراجىئەت سۇنىدۇ. بۇ مۇراجىئەت، ئافغانىستانغا كېلىۋالغان ئەمىرگە سادىق باسمىچى گۇرۇپپىلىرىغا “ئەنگلىيە بىلەن ئەمىر كېلىشىمگە كېلىشتى.189 ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئەمىر ئالىمخانغا ياردەم قىلىدىغان بولدى” دېگەن شەكىلدە يېتىپ كېلىدۇ. ئالىمخان 1929- يىلىنىڭ ماي ئېيىدا ئافغانىستاندىكى ئىچكى قالايمىقانچىلىقلاردىن پايدىلىنىپ ھېراتقا بارىدۇ. ئۇ يەردە ئورتا ئاسىيا بىلەن بۇخارا خەلقىگە قارىتىپ پارسچە بىر بايانات ئېلان قىلىدۇ. ئەمىر بۇ باياناتتىمۇ ئۆزىنى سابىق چار پادىشاھقا سادىق ئادەم دەپ تونۇتىدۇ. مۇسۇلمانلارنى چوڭ ئاكىسى دەپ تونۇغان ئاق ئۇرۇسلار بىلەن بىرلىشىپ بولشېۋىكلەرگە قارشى جەڭ قىلىشقا چاقىرىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا بۇخارادىمۇ شۇنىڭغا ئوخشىغان بىر بايانات “بارلىق رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىغا چاقىرىق” تېمىسى بىلەن تارقىتىلىشقا باشلايدۇ. بۇ باياناتلارنىڭ كىم تەرىپىدىن باستۇرۇپ تارقىتىلىۋاتقانلىقى بىلىنمىسىمۇ، سوۋېت دائىرىلىرى بۇ ئىشنى ئالىمخاننىڭ ئۈستىگە ئارتماقتا ئىدى. شۈبھىسىزكى، بۇ تۈر ئىشلارغا قارىتا موسكۋامۇ  دەرھال ئىنكاس بىلدۈررىدۇ.
دېگەندەك، 1929- يىلى 16- ئىيۇن كۈنى «ئىزۋېتسىيا» گېزىتىدە بىر پارچە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ ئوچۇق خەتنىڭ ئاپتورى بولغان شاھ مۇرات، 1922- يىلى ئۇرۇسلار تەرىپىدىن موسكۋاغا ئېلىپ كېتىلگەن ئەمىرنىڭ ئۈچ ئوغلىدىن بىرى ئىدى. بۇ ئوغۇل، دادىسىنى “جاھانگىرلارغا قولچوماق بولماقتا، ئۇنىڭ بۇ ئىشى ئۆز خەلقىگە خىيانەت قىلغانلىق” دەپ تەنقىدلەپ كېلىپ، ئوچۇق خېتىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان:
ئەگەر ئارزۇم خىلافى بىلەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۆرۈشۈپ قالغۇدەك بولسام، ئۇنى دۈشمىنىم دەپ تونۇيمەن.
بۇ كۈنلەردە ئافغانىستاندىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرەشلىرىمۇ ئاخىرلىشىپ قالغان ئىدى. ھوقۇق تارتىپ ئالغان نادىر شاھ ئۈچۈن ئېيتقاندا، سابىق بۇخارا ئەمىرىنىڭ قىلچە قىممىتى يوق بىرى ھېسابلىناتتى. بۇنىڭ ئەكسىچە باسمىچىلار يېتەكچىسى لاقاي ئىبراھىمبەگ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن ئەمىردىن رەنجىپمۇ يۈرىدۇ.
شۇنداق بولغاچقا، ئەمىر ئالىمخاننىڭ پائالىيەتلىرىنى پۈتۈنلەي چەكلەپ ئېتىراپىنى قورشاپ قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالىدۇ. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا ئەمىرنىڭ كۈتكەن ئۈمىدلىرىنىڭ ھېچ بىرى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئەمدى ئۇ يا ئوغۇللىرى بىلەن كۆرۈشەلمەي، يا بۇخاراغا قايتىپ كېتەلمەي، نازارەت ئاستىدا ئاخىرقى ئۆمرى ئۆتىدۇ: سابىق بۇخارا ئەمىرى ئالىمخان، 1934- يىلى نازارەت ئاستىدا تۇتۇلۇۋاتقان كابۇل ئەتراپىدىكى بىر ئۆيدە ۋاپات بولىدۇ.190

ئورتا ئاسىيا مىللىي ئاۋام ئىنقىلابىي جەمئىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ چەتئەلدە قانات يايدۇرغان دەسلەپكى پائالىيەتلىرى
بۇخارا جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن بۇ ئەھۋاللاردىن كېيىن، ئوسمان غوجا قاتارلىق بىر قىسىم جەمئىيەت ئەزالىرى، 1922- يىلىنىڭ ئاپرېل ئېيىدا ئافغانىستانغا ئۆتۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ كۈنلەر، ئافغانىستان ئەمىرى ئامانۇللاخان ئورتا ئاسىيادىكى كۈرەشلەرگە ئالاھىدە قىزىقىپ يۈرگەن، ئۇ جايلارغا قارىتا چوڭ پىلانلارنى تۈزۈپ خام خىيال قىلىپ يۈرگەن ۋاقىتلار ئىدى. شۇڭا، ئەمىر ئامانۇللاخان مازارى شەرىپتە تۇرۇۋاتقان ئوسمان غوجا بىلەن سەپداشلىرىنى كابۇلغا تەكلىپ قىلىدۇ. ئوسمان غوجىمۇ ھاجى سەمى ۋە ئېلى رىزا ئەپەندىلەر بىلەن بىرگە كابۇلغا يىتىپ كېلىدۇ. 20- ئاپرېل كۈنى، ئامانۇللاخان سابىق بۇخارا جۇمھۇر رەئىسى ئوسمان غوجا بىلەن تاشقى ئىشلار نازارىتى بىناسىدا بىر سائەتتەك سۆزلىشىدۇ. ئوسمان غوجا، بۇخارادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە ئەمىرگە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگىنىدىن كېيىن، رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇخارانىڭ ئەركىنلىكى بىلەن مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان كۈنىگىچە كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمىر ئامانۇللاخاننىڭ يېقىندىن ياردەمدە بۆلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتلاردا ئەمىر ئامانۇللاخان، ئورتا ئاسىيادا كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەنۋەر پاشاغا ياردەم قىلىۋاتقان ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئوسمان غوجا بىلەن سەپداشلىرىنىڭ  ئافغانىستاندا تۇرۇپ ۋەتىنىگە قورال- ياراغ ۋە ئەسكىرى كۈچ كىرگۈزۈش پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىدۇ.
7- ئاينىڭ بېشىدا بۇخارا جۇمھۇرىيىتىدە مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان ئابدۇلخەمىت ئارىپ، ئەنۋەر پاشانىڭ ئوسمان غوجىغا يازغان بىر پارچە خېتىنى ئېلىپ كابۇلغا يېتىپ كېلىدۇ. ئەنۋەر پاشا ئورتا ئاسىيادىكى ئەھۋاللارنى ياۋروپادا تەشۋىق قىلىش، بولۇپمۇ گېرمانىيەنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئويلاپ، بۇ خېتىدە ئابدۇلخەمىت ئارىپنى بېرلىندىكى ئىنىسى نۇرى پاشانىڭ قېشىغا ئەۋەتىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەنۋەر پاشا، ئورتا ئاسىيا ۋەزىيىتىنى ياۋروپاغا بىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى، بولۇپمۇ گېرمانىيەنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئويلايتتى. ئەگەر ئىمكانىيەت يار بەرگىنىدە ئوسمان غوجىنىڭمۇ بېرلىنغا بېرىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئوسمان غوجا سەپداشلىرى بىلەن بىرگە بىر قېتىملىق ۋەزىيەت مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگىنىدىن كېيىن، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن باشقىدىن شەرقىي بۇخاراغا قايتىپ كېتىش لازىم دەپ قارىشىپ، ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا كابۇلدىن بۇخاراغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئوسمان غوجا پەيزىۋات شەھىرىگە يېتىپ كەلگىنىدە بۇ يەرنىڭ ۋالىسى شاھ مۇھەممەتخان، ئۇنىڭغا ئەنۋەر پاشانىڭ شېھىت بولغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزىدۇ.
ئەنۋەر پاشانىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، يەنى 1922- يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا بۇخارا سابىق جۇمھۇررەئىسى ئوسمان غوجا، كابۇلدا ئېلى رىزا ئەپەندى،191 سابىق ھەربىي ئىشلار نازىرى ئابدۇلخەمىت ئارىپ، بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كابۇل باش ئەلچىسى ھاشىم سايىق، ھاجى سەمى ۋە بىر قىسىم باسمىچى گۇرۇپپا ۋەكىللىرى قاتناشقان بىر قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزىدۇ. باسمىچىلىق ھەرىكىتىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئۈچۈن لازىملىق چارە- تەدبىرلەر مۇنازىرە قىلىنغان بۇ قېتىملىق يىغىندا، ئىدىيىۋى ئاساسلارغا تايانغان ئورتاق بىر كۆزقاراشنى ئاساس قىلغان پروگراممىدىن بىرى قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بارلىق باسمىچى يېتەكچىلىرىنى بىر سەپكە يىغىش ئىدى. بۇ يىغىندا يەنە مىللىي كۈرەشنىڭ مەركىزىنى ئورتا ئاسىيانىڭ سىرتىغا، يەنى شىمالىي ئافغانىستاندىكى بىرەر شەھەرگە، ئىمكانىيەت يار بەرگىنىدە مازارى شەرىپكە يۆتكەشنى قارار قىلىشىدۇ. بۇ يىغىندا ۋەزىپە تەقسىماتىمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھاجى سېلىم سەمىگە “پاشا” (ئوسمانلىدا گېنېرال – ئۇ.ت) ئۇنۋانى بېرىلىپ، قوراللىق كۈچلەرنىڭ بىردىن- بىر مەسئۇلى قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. ئەنۋەر پاشانىڭ ئېتىراپىغا يىغىلغان گۇرۇپپىلار ئىچىدە ئەمىر ئالىمخان تەرەپدارلىرىنىڭمۇ بارلىقى سەۋەبىدىن، بۇرۇن ئالىمخانغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان ئوسمان غوجا قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىلىدىغان جايلارغا بارغىنىدا قايتىدىن پىكىر ئىختىلاپلىرى قوزغىلىپ قىلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا ئوسمان غوجا ئافغانىستاندا قېلىپ ئۇرۇش ئۈچۈن ئارقا سەپ ياردىمىنى يەتكۈزۈشكە مەسئۇل بولۇش قارار قىلىنىدۇ. مىيان پۇزۇرۇك پۇل يىغىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇش، تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە قورال يىغىش قاتارىدىكى پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئۈچۈن تاشكەنتكە قايتىدىغان، ئابدۇلخەمىت ئارىپ ھىندىستان ئارقىلىق ياۋروپاغا بېرىپ ياردەم توپلاش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولىدۇ.
(رەسىم ئورنى)192
بۇخارا جۇمھۇررەئىسى ئوسمان غوجائوغلى سەپداشلىرى بىلەن بىرگە كابۇلدىكى بابۇر شاھ قەبرىسى ئالدىدا.
سول تەرەپ باشتىكى ئوسمان غوجائوغلى، يېنىدىكىسى بۇخارا جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە نازىرى ئابدۇلخەمىت ئارىپ ۋە ئوتتۇرىدا كىچىك بالىنىڭ كەينىدە تۇرغىنى ھاجى سەمى. كابۇل، 1922
يىغىن ئاخىرىدا ھاجى سەمى بىلەن ئېلى رىزا ئەپەندىلەر شەرقىي بۇخارا (دارۋاز) غا قاراپ يولغا چىقىدۇ. يىغىندا ئېلىنغان قارارلار، ئالدىنقى قاتاردىكى بەش نەپەر باسمىچىلار يېتەكچىسىنىڭ ئىمزاسى بىلەن پۈتۈن ئورتا ئاسىياغا تارقىتىلىدۇ.
باسمىچىلىق ھەرىكىتىنىڭ يېڭى يېتەكچىسى بولغان ھاجى سەمى، باسمىچىلار ئارىسىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە قارىتا بەكلا قوپال مۇئامىلە قىلىش، باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشالمايدىغان مىجەزلىرى نەتىجىسىدە، ئۇزۇنغا قالماي ھېچكىم گېپىنى ئىناۋەتكە ئالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالىدۇ. پەرغانىدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت يېتەكچىسى بولغان شىر مۇھەممەتبەگ 1922- يىلى سېنتەبىردە ئىنىسى نۇر مۇھەممەت ۋە تۆت يۈزدەك ئەسكىرى بىلەن بىرگە ئافغانىستانغا ئۆتۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. شىر مۇھەممەتبەگ كۈندىلىك خاتىرىسىدە ئافغانىستانغا چىقىپ كېتىشىنى قورال- ياراغ، ئوق- دورا يوقلۇقى، ئۇرۇسلارنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرى قاتارلىقلار بىلەن باسمىچىلار ئىچىدە يۈز بەرگەن كېلىشەلمەسلىك قاتارلىقلارمۇ سەۋەبچى بولدى دەپ يازىدۇ. ئەمما ھاجى سەمىنىڭ ئېلى رىزا ئەپەندىگە ئەۋەتكەن بىر خېتىدە “ئارقىمىزدىن پىتنە- پاسات تارقىتىپ يۈرگەن ئىشان سۇلتاننى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدىم. شىرمەت قارغۇنىمۇ (شىر مۇھەممەتبەگكە خەلق ئاممىسى بۇ لەقىمىنى قويۇشقان ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) ئەسكەرلىرىنىڭ بىر قىسمى بىلەن قوشۇپ ئافغانىستانغا پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر قىلدىم” دەپ يازىدۇ.193 بۇ خاتىرىدىن قارىغاندا، شىر مۇھەممەتبەگنىڭ ئافغانىستانغا قېچىپ كېتىش قارارىنى ئېلىشىدا ھاجى سەمى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن بەزى زىددىيەتلىرىنىڭمۇ تەسىرى بارلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. ئاخىرى، ھاجى سەمى يېتەكچىلىكىنىڭ قاتتىق قوللۇق ۋە رەھىمسىز باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى بۇ كۈرەشنىڭ تەرەققىياتىغا ئەكس تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىدى. ئافغانىستان تەرەپكە قېچىپ كېتىش ئېھتىمال بار دېگەن گۇمان بىلەنلا كولاپ تەۋەسىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان باسمىچى قوماندانى ئاشۇربەگنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشى، سەۋر- تاقەتنى چېكىگە يەتكۈزىدۇ.
1923- يىلىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا، جەمئىيەت رەئىسى زەكى ۋەلىدى ئەپەندى يېقىن دوستى فەتقۇلقادىر ئەپەندى بىلەن بىرگە ئىران ئارقىلىق ئافغانىستانغا كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئورتا ئاسىيا مىللىي ئاۋام ئىنقىلابىي جەمئىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستاننى مەركەز قىلغان سىياسىي كۈرەش پائالىيەتلىرى تېخىمۇ كۈچلىنىدۇ. جەمئىيەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ھاجى سەمىي بىلەن ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ بۇخارا تەۋەسىدە قانات يايدۇرۇۋاتقان كۈرەشلىرى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە پائالىيەت ھېسابلىناتتى. ئەسلىدە، ئۇ ۋاقىتلاردا ئورتا ئاسىيانىڭ باشقا يەرلىرىدە بىر مۇنچە باسمىچىلار يېتەكچىسى ئۇرۇسلارغا قارشى جەڭنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. ئەمما بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى يەرلىك بايلاردىن، دىنىي قىياپەت تۈسلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋالغان، سىياسىي تەشكىلاتلىنىشقا قىزىقمايدىغان ھەمدە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پائالىيەت قىلىش يولىنى تاللىۋالغان باسمىچى يېتەكچىلىرىدىن ئىدى. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا، ھاجى سەمى يېتەكچىلىكىدە تەشكىللىك قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ئىنتىزاملىق ھەرىكەتلەر، بىر مەنىدە جەمئىيەتنىڭ قوراللىق قىسىم رولىنى بېجىرىپ كېلىۋاتقان بىر ھەرىكەت دەپ قاراشقا بولاتتى.
1923- يىلىنىڭ 4- ئىيۇل كۈنى كۈتۈلمىگەن بىر ۋەقە يۈز بېرىدۇ. ھاجى سەمى ئۇشتۇمتۇت ئالغان بىر قارار بىلەن ئافغانىستان تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇ سەپداشلىرىغا تىزىدىن يارىدار بولغانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيەگە بېرىپ داۋالانماقچى بولغانلىقىنى دەپ كېلىپ، “مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنى بىر مەزگىل توختىتىپ تۇرايلى” دەپ سۆزلەپ يۈرىدۇ. ھاجى سەمى بىلەن سەپداشلىرىدىن تەشكىل تاپقان 35 كىشىلىك گۇرۇپپا ئافغانىستانغا يېتىپ كەلگىنىدە ئالاھىدە داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ. خاناباد شەھىرىدە خېلى ئۇزۇن ۋاقىت مېھمان قىلىپ كۈتۈۋېلىنىدۇ. زەكى ۋەلىدى ئەپەندى بىلەن ئوسمان غوجا ئىككىسى ئۇنى ئافغانىستاندا تۇرۇپ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە شۇنچە كۆپ يالۋۇرغان بولسىمۇ پەقەت قايىل بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئافغان دائىرىلىرىمۇ بۇ قابىلىيەتلىك قومانداننىڭ كابۇلغا كېلىشىنى پەقەتلا خالىمايتتى. بۇ ئىشتا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئۇلارغا ئېغىر بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن بۇ خىل پوزىتسىيىدە بولۇۋاتقان بۆلىشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن. دېگەندەك، بىرەر ئاي ئۆتمەيلا ئافغان ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئافغانىستاندىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ،194 ھاجى سەمى بىلەن سەپداشلىرى مازارى شەرپ ۋە ھېرات ئارقىلىق ئىران تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ. مۈپتى سەدرىدىن خان، ئابدۇلخەمىت ئارىپ، قۇربېشى تۇراپبەگ ۋە يەنە بىرمۇنچە كىشى مەشھەتتە قالىدۇ. بۇ ۋاقىتلاردا، ئەنقەرە ھۆكۈمىتى تۈركىيە چېگراسىدىن كىرىشىنى چەكلىۋەتكەن يۈز ئەللىك كىشىلىك بىر تىزىملىك ئېلان قىلغان بولۇپ، ھاجى سەمىنىڭ ئىسمىمۇ بۇ تىزىملىك ئىچىدە بار ئىدى. شۇ سەۋەبتىن تۈركىيەگە قايتىپ بېرىش ئىمكانى بولمىغان ھاجى سەمى، ھەلەپكە بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئىككى نەپەر دوستىنى يېنىغا ئېلىپ يولغا چىقىدۇ. قالغان 12 نەپەر كىشى تۈركىيەگە قايتىپ كېتىدۇ.
1923- يىلىنىڭ 26~28- ئىيۇل كۈنلىرى، زەكى ۋەلىدى بىلەن ئوسمان غوجا باشچىلىقىدىكى ئافغانىستاندا تۇرۇۋاتقان بارلىق جەمئىيەت ئەزالىرى ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە كەلگۈسى ھەققىدە قارار ئېلىش ئۈچۈن بىر باش قوشۇش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق قوراللىق كۈرەش ئىمكانىيەتلىرىنىڭ ئاساسەن تۈگىگەنلىكىنى؛ سىياسىي كۈرەش ئۈچۈن ئافغانىستان ۋەزىيىتى ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىشىدۇ. ئاخىرى ئورتا ئاسىيا مەسىلىلىرىنى خەلقئارالىق سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، خەلقئارا جامائەتچىلىكىنى ئورتا ئاسىيا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار قىلىشى زۆرۈر دەپ قارىشىدۇ. بۇنداق بىر ھەرىكەتنى بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرگە يول قويالايدىغان ئەللەردىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە، چەت دۆلەتلەردىكى ئورتا ئاسىيالىقلار ئوخشىمايدىغان ئەللەرگە تارقاق جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، كەڭ دائىرىلىك سىياسىي تەشكىللىنىش ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش زۆرۈر ئىدى. بۇ يىغىندا تەشكىلات تۈزۈلۈش لايىھىسى ھەققىدە تۆۋەندىكىچە بىر ۋەزىپە تەقسىماتى تۈزۈپ چىقىرىلدى: ئابدۇلخەمىت ئارىپ كابۇلدا قالىدىغان بولىدۇ. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى رۇخسەت قىلغىنىدا ھاشىم سايىقنى ياپونىيەگە ئەۋەتىش بەلگىلەندى. مۈپتى سەدرىدىنخان بىلەن تۇراپبەگ ئىككىسى مەشھەتتىكى پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدىغان، ئوسمان غوجا بولسا تۈركىيەدىكى پائالىيەتلەرنى تەشكىللەيدىغان قىلىپ بەلگىلىنىدۇ. پارىژدا تۇرۇۋاتقان مۇستاپا چوقاي ئوغلى ياۋروپادىكى ۋاكالەتچىلىكىنى داۋاملاشتۇرىدىغان قىلىپ بېكىتىشىدۇ. جەمئىيەتنىڭ چەت دۆلەتلەردىكى پائالىيەتلىرىنى ئومۇمىي يۈزلۈك باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدىغان زەكى ۋەلىدى بولسا ۋەزىيەت تەرەققىياتىغا ئاساسەن يا بېرلىندا، يا بولمىسا ئىستانبۇلدا تۇرىدىغان بولىدۇ. بۇ يىغىن يەنە ئورتا ئاسىيا مەسىلىسىنى خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە بىر ژۇرنال چىقىرىشنىمۇ قارار قىلىدۇ.
ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ، ئوسمان غوجا ھىندىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ. زەكى ۋەلىدى بىلەن سەپداشلىرى ئافغانىستاندىكى بۇخارا ۋاكالەتخانىسىدىن پاسپورت چىقارتىپ بۇخارا گراجدانلىقىغا ئۆتكەن ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارمۇ تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا بېرىۋېلىش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ. 1923- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئورتا ئاسىيا مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنى195 خەلقئارالىق سىياسىي سەھنىگە چىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بۇ كىشىلەر، ماكانلىشىپ يىلتىز تارتىشقا مۇۋاپىق بىرەر مۇھىت تېپىش مەقسىتىدە يېڭى جوغراپىيىلەرگە قاراپ سەپەرگە ئاتلىنىدۇ.

باسمىچى رەھبەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى پائالىيەتلىرى
1923- يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئورتا ئاسىيا تەۋەسىگە زور تۈركۈمدە قوراللىق قوشۇن كەلتۈرۈۋالغانلىقى ئۈچۈن، باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرى ئومۇمىي يۈزلۈك ھالدا تەسىر كۆرسىتەلمەس ھالغا كېلىۋاتقان بىر يىل ئىدى. قاراتېكىن رايونىنىڭ داڭلىق باسمىچى يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان فۇزەيل مەختۇم، قەلئەئى ھۇمب تەۋەسىدە ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى ئىشقا سېلىپ تىركىشىپ باققان بولسىمۇ، 1923- يىلى 8- ئاينىڭ 12- كۈنى قىزىل ئارمىيە بۇ جايلارنىمۇ بېسىۋالىدۇ. فۇزەيل مەختۇم ياردارلىنىپ، يەنە بىر باسمىچىلار يېتەكچىسى بولغان دىلاۋەرشاھ بىلەن بىرگە ئافغانىستانغا ئۆتۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. فەرغانە باسمىچىلىرىدىن ئىسلام قۇربېشى بىلەن مەدۇمەربەگ، ئېلى رىزا ئەپەندى بىلەن بىرگە ئاۋۋال شەرقىي ئورتا ئاسىياغا ئۆتىدۇ. كىيىن يەنە ئۇ يەردىن ئافغانىستانغا بېرىپ  پاناھلىق تىلەيدۇ. يەنە بىر داڭلىق باسمىچىلار يېتەكچىسى بولغان ئىبراھىم لاقايبەگ بولسا، رۇسلارغا قارشى جەڭنى تا 1926- يىلىغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرى چېگرادىن چىقىپ ئافغانىستان تەرەپكە كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئىبراھىمبەگ، فۇزەيل مەخدۇم بىلەن ھاجى سەمى قاتارلىق يېتەكچىلەرنىڭ شەرقىي بۇخارا تۇپراقلىرىدىن ئايرىلغانلىقىغا قارىماي، سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرى باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرىنى تەلتۆكۈس يىمىرىپ تاشلاش ئۈچۈن بۇ جايلارغا ئىزچىل تۈردە قوراللىق كۈچ يىغىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئەنگلىيە جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، سوۋېت دائىرىلىرى چېگرا بويلىرىغا توپ- زەمبىرەك ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن كۈچەيتىلگەن يۈز مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق كۈچ توپلىغانلىقى مەلۇم. بۇنىڭغا ئاساسەن ئەنگلىيە دائىرىلىرى سوۋېت قوشۇنلىرىنى كابۇلغا قاراپ يۈرۈش قىلىش ئېھتىمال بار دەپ مۆلچەرلىشىدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇنداق بىر مۆلچەرگە ئاساسەن ۋەزىيەت ھېسابى قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئەنگلىيەلىكلەرگە ئوخشاش مۆلچەرلىگەن ئافغانىستان دائىرىلىرىمۇ سوۋېت تەرەپنىڭ ھۇجۇمىدىن ئەنسىرەشكە باشلايدۇ. سوۋېت دائىرىلىرىنىڭ شىمالى ئافغانىستان تەرەپلەرگە جايلىشىۋالغان باسمىچىلارنى تازىلاش باھانىسىدە چېگرادىن بۆسۈپ ئۆتۈش ھەرىكىتىنى قوزغاپ قېلىشىدىن قورققان ئامانۇللاخان، ئافغانىستان- سوۋېتلەر ئىتتىپاقى چېگرالىرىدىكى بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. ئەمما پامىر رايونىدىكى تاغلىق جىلغىلارنى مەيلى رۇسىيەلىكلەر ياكى ئافغانىستانلىقلار بولسۇن، ھەر ئىككىلا تەرەپ تولۇق تىزگىنلەپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، باسمىچىلار ئورتا ئاسىيادىكى پائالىيەتلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئۇششاق قوشۇنلار بويىچە داۋاملاشتۇرۇشقا كىرىشىدۇ.196 زادى ئامال قىلالمىغاندا بوش قالغان چېگرا ئېغىزلىرىدىن باشقا دۆلەتلەرگە قېچىپ چىقىۋېلىپ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
ئورتا ئاسىيانىڭ فەرغانە، بۇخارا ۋە خارەزم تەۋەلىرىدە ئۇزۇن يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز مىڭلىغان ئورتا ئاسىيالىقنى يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ چەت دۆلەتلەرگە مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرى جەريانىدا، بولۇپمۇ 1918~1922- يىللار ئىچىدە بىر مىليونغا يېقىن ئورتا ئاسىيالىقنىڭ ئافغانىستان تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە. خۇددى شۇنىڭدەك، يەنە يۈز مىڭلىغان تۈركمەنمۇ ئىراننىڭ خوراسان تەۋەسىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئافغانىستانغا ئۆتۈپ كەتكەن باسمىچىلارنىڭ بىر قىسمى قوراللىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىپ شىمالىي ئافغانىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە تارقىلىپ كېتىدۇ. يەنە بىر قىسمى بولسا، ئافغان ھۆكۈمىتى تىزگىنلەپ بولالمىغان جايلاردا قوراللىرىنى تاپشۇرماي بىر يەرگە يىغىلىپ ياشىماقتا ئىدى. قورال تاپشۇرمىغان بۇ تۈردىكى باسمىچىلار، پات- پاتلا چېگرادىن بۆسۈپ ئۆتۈپ سوۋېت ھۆكۈمىتىنى پاراكەندە قىلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇراتتى.
فەرغانە باسمىچىلىرىنىڭ يېتەكچىسى بولغان شىر مۇھەممەتبەگ، ئافغانىستاندا تۇرغان كۈنلىرى بىلەن ئۇ يەردە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىدۇ:
چېگرادىن ئۆتۈپ بىر ھەپتە بولغاندا، بەدەخشانغا كەلتۈرۈلدۇق. ئامانۇللاخاننىڭ كۈيئوغۇل تاغىسى (قىز قېرىندىشىنىڭ يولدىشى، ئېنىشتىسى. − ئۇ.ت) ئالدىمىزغا چىقىپ بىزنى كۈتۈۋالدى. ئون كۈندىن كېيىن خانئاۋاتقا باردۇق. … ئۇ يەردە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى خەيرۇللاخان بىزنىڭ قېشىمىزغا زىيارەتكە كېلىپ بىزگە يەر تەقسىم قىلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئايلىق مائاش بېكىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. يەر تەقسىم قىلىنغىنىدا، بەزى ئەسكەرلىرىم يەر ئېلىشقا ئۇنىمىدى. چۈنكى ئۇلار يۇرتقا قايتىش خىيالىدا ئىدى. … ئىككى ئايدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قۇربېشى توقتاسىم قوماندانلىقىدىكى 25 نەپەر كىشىنى ئىنىلىرىم روزى مۇھەممەت بىلەن تاش مۇھەممەت جەڭ قىلىۋاتقان گەرباباغا ئەۋەتتىم. …
ئامانۇللاخان بىزنى كابۇلغا تەكلىپ قىلدى. بەدەخشاندا تۇرۇۋاتقان ئەسكەرلىرىمگە ئىنىم نۇر مۇھەممەتنى، خانئاۋاتتا تۇرۇۋاتقانلارغا قۇربېشى موللا خاتەمنى مەسئۇل قىلىپ قويۇپ 12 نەپەر ئادىمىم بىلەن بىرگە كابۇلغا ئاتلاندىم. … كابۇلدا تۈركىيە باش ئەلچىسى فەخرى پاشا (شىر مۇھەممەتبەگ، ئورتا ئاسىيا مىللىي كۈرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قولىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى باش ئەلچى فەخرى پاشاغا قويۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. فەخرى پاشا بۇ ھۆججەتلەرنى ئەنقەرەگە، مۇستاپا كامال پاشاغا ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەپسۇسكى، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ نەدە قالغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق بىر مەلۇمات يوق. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) ۋە ئامانۇللا خاننىڭ قېيناتىسى مەخمۇتخان تارزىلار بىلەن كۆرۈشتۈم. …197 ئافغانىستاندا جامال پاشا بىلەن بىرگە كەلگەن نۇرغۇنلىغان تۈركىيەلىكلەر بار ئىدى. تەشكىلاتىي مەخسۇسادىن بولغان ئا. نىجاتى ئەپەندى بىلەن نەجىمىدىن نىداس بىرگە كەلدى. ئۇلار بىلەن كېلىشىپ بەدەخشاندا بىر دۇكان ئېچىپ ئورتا ئاسىياغا قورال ئەۋەتىش ئىشىنى بۇ دۇكان ۋاسىتىسى ئارقىلىق باشقۇرۇشقا كىرىشتۇق.
1923- يىلى بىر نەچچە ئەسكىرىم بىلەن بىرگە ھىندىستانغا بېرىپ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلدىم. بومبايغا بارغىنىمدا چېچەرىنمۇ شۇ يەردە ئىكەن. ئۇ مېنى ئەنگلىيەلىكلەرگە چېقىشتۇرغان ئىكەن. ئەنگىلىيىلىكلەر شەرقىي ئورتا ئاسىياغا ياكى مەشھەت تەرەپلەرگە كېتىشىمنى تەلەپ قىلىشتى. … بومباينىڭ سىرتىغا چىقىپ 25 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن پامىر ئارقىلىق بەدەخشانغا قايتىپ كېلىۋالالىدىم. … ئەمما بۇ چاغدا ئەمىر ئامانۇللانىڭ بىزگە بولغان مۇئامىلىسى ئۆزگىرىپ قالغان ئىكەن.
ئەنگلىيە مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، شىر مۇھەممەتبەگكە مۇناسىۋەتلىك رەسمىي مەلۇماتلار مۇنداق ئىدى:
شىر مۇھەممەت ئەپەندى، 1923- يىلى ئۆكتەبىردە پېشاۋۇرغا كەلگەن بولۇپ، يېنىدىكى 140 نەپەر ئەسكىرى بىلەن بىرگە ئەتىيازغىچە بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسىنى سۇنغان ئىدى. كېيىن يەنە قەشقەر ئارقىلىق فەرغانە تەرەپلەرگە كېتىش خىيالىدا بولدى. غەربىي شىمال چېگرا مۇداپىئە ئورگىنىدىكىلەر شىر مۇھەممەت ئەپەندىگە سىياسىي ئالاھىدىلىكى بولمىغان ئادەتتىكى بىر ۋەتەنپەرۋەر دەپ باھا بېرىشكەن. شۇنداق بولغاچقا، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇۋاتقان ئۆكتىچىلەرگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ دېگەن تەسىرات قالدۇرۇپ قويماسلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ بۇ تەلەپلىرى رەت قىلىندى. ئەگەر شىر مۇھەممەت ئەپەندى ھىندىستاندىن باشقا خالىغان بىر يەرگە كېتىشكە ماقۇل بولغىنىدا، بارلىق ساياھەت چىقىملىرىنى ئۈستىمىزگە ئالىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق. ئۇ، بىزنىڭ بۇ تەكلىپىمىزنى قوبۇل قىلماي، 1924- يىلى 3- ئاينىڭ 17- كۈنى ئافغانىستانغا قايتىپ كەتتى. ئۇ يەردە ئۇنىڭغا ئاتاپ تەقسىم قىلىنغان يەردە ئۆزى يالغۇز تۇرۇشى ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنغان ئىدى. ئافغان ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا 500 رۇپىيە مائاش بەلگىلەپ بېرىدۇ. شىر مۇھەممەتبەگ، بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن فەرغانىدىكى باسمىچىلار ئۈچۈن ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلاردىن ياردەم يىغىپ كېلىشنى پىلانلاپ بىزدىن ۋىزا ئۈچۈن قايتا ئىلتىماس قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىلتىماسىمۇ رەت قىلىندى. 1927- يىللىرىدا شەرقىي ئورتا ئاسىيادىكى چىن ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشنى پىلانلاپ يۈرگەن كىشىلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ يۈرگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سۇنغان ياردەم تەلەپ قىلىش ئىلتىماسىغا، ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى پائالىيەتلىرىگە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ياردەم بېرەلمەيدىغانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئۆزىگە ياكى ھەمراھلىرىغا ھىندىستانغا كىرىش پۇرسىتى بېرەلمەيدىغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم جاۋاب بېرىلدى.
بۇلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بۆلىدىكى، ئەنگلىيە دائىرىلىرى ئورتا ئاسىيادىكى باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قارىماقتا ئىدى.198 سوۋېت ئىتتىپاقىنى رەنجىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن باسمىچىلارغا ھەر قانداق جەھەتتە ياردەم قولىنى ئۇزاتمايلا قالماستىن، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئالاقە باغلاشقا ئۇرۇنۇشلىرىغىمۇ ھېچقانداق جاۋاب بېرىشمىگەن ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە، ئەنگلىيە دائىرىلىرى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى باسمىچىلاردىن چەك چېگرا ئاجرىتىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەنلىكىمۇ مەلۇم. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تەرەپنىڭمۇ ئېغىر بېسىمى ئاستىدا قالغان ئافغان ھۆكۈمىتى، باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرىگە تۇتقان ھېسداشلىق قىلىش پوزىتسىيىلىرىنى 1923- يىلىدىن كېيىن پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ چېگرا ئېغىزلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تىزگىنلەشكە تىرىشىدۇ. ئافغانىستان دائىرىلىرىنىڭ پوزىتسىيىلىرىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر، بۇ تەۋەدە ئەڭ كۈچلۈك رول ئوينىيالايدىغان ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ بۇ ھەرىكەتكە ياردەم قىلىشتىن باش تارتىشى، ئورتا ئاسىيادىكى سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ بېرىشى قاتارىدىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، باسمىچىلار يېتەكچىلىرىنىڭ پائالىيەت دائىرىسى بەكلا تارىيىپ كەتكەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئافغانىستاندىكى تۇرغان يەرلىرىدىمۇ جىمىپلا قالىدۇ.

بەچچەئىي ساقا ۋەقەسى ۋە ئورتا ئاسىيالىقلار
ئۆزىنى ئافغانىستان پادىشاھى دەپ ئېلان قىلغان ئامانۇللاخان، ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 1927- يىلى دېكابىر ئېيىدىن باشلاپ كەڭ كۆلەملىك ياۋروپا ساياھىتى ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرمۇنچە ياۋروپا ئەللىرىنى ئايلىنىپ چىقىدۇ. بولۇپمۇ تۈركىيەگە قىلغان زىيارىتىدە مۇستاپا كامال ئاتاتۈركىنىڭ باشلاتقان ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىدىن بەكلا تەسىرلەنگەن ئىدى. ئۇندىن كېيىن ئىراندا رىزا شاھنىڭ ئىجرا قىلغانلىرىنى كۆرىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەتتە كۆرگەن زور ئۆزگىرىشلەر، ئامانۇللاخاننى ئۆز دۆلىتىدىمۇ شۇنداق بىر ئۆزگەرتىش- ئىسلاھات ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك دەيدىغان ئويغا كەلتۈرگەن ئىدى. دېگەندەك، 1928- يىلىنىڭ ئىيۇن ئايلىرىدا دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن ئامانۇللا، دەرھال زامانىۋى كىيىم- كېچەك، مەجبۇرى مائارىپ، بىر نىكاھلىق ۋە قىزلارنى مەجبۇرى ئوقۇتۇش دېگەندەك ئىسلاھات تېمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەمما بۇنداق يېڭىچە ئىسلاھات قىلىش ئىشلىرىنى ئىسلام دىنىغا قارشى چىققانلىق دەپ قارايدىغان جاھىل تەبىقىلەر، بۇ تۈردىكى ئۆزگەرتىشلەردىن قاتتىق نارازى بولۇشقا باشلايدۇ. ئامانۇللاخان، بۇ تۈردىكى ئىسلاھاتلارنى زۆرۈر تېپىلغاندا مەجبۇرلاش يولى بىلەن بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىرادىسىگە كەلگەن ئىدى. ئىسلاھات ھەرىكىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشىلەرگە ئۈلگە بولۇپ بېرىۋاتقان دىنىي يېتەكچىلەرنى باستۇرۇشقا كىرىشىدۇ. شوربازىرى رايونىنىڭ دىنى يېتەكچىسى ھەزرىتى ساھىپنىڭ قولغا ئېلىنىشى، ئىسلاھاتقا قارشى تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەرىكەتكە ئاتلىنىشىغا باھانە بولۇپ بېرىدۇ. كابۇلغا بەكلا يېقىن يەر بولغان كوھئىي دامان ۋادىسىدا زور كۆلەملىك بىر قوزغىلاڭ پارتلايدۇ. بۇ قوزغىلاڭنىڭ يېتەكچىسى بولغان كىشى بەچچەئى ساقا (مىرابنىڭ ئوغلى) لەقەملىك بىر تاجىك ئىدى.199 بۇ كىشى جامال پاشا تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان نەمۇنە قىسىملارنىڭ بىرىدە ھەربىي تەلىم- تەربىيە كۆرگەن بىرى ئىدى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە پارتلىغان بۇ قوزغىلاڭ بارغانسېرى كېڭىيىدۇ. تۈركىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى باش ئەلچىخانىلىرى ئامانۇللاخانغا قوزغىلاڭچىلارغا قارشى جەڭ قىلىش مەسلىھەتىنى بەرگەن بولسا، ئەنگىلىيىلىكلەر بۇ قوزغىلاڭچىلار بىلەن كېلىشىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكلىپ قىلماقتا ئىدى. ئامانۇللاخان بولسا، ئەسكەرلىرىگە تولۇق ئىشىنىپ كېتەلمەيتتى. ئاخىرىدا كابۇلنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. كابۇلدىن ئايرىلىش ئالدىدا ئاكىسى ئىنايتۇللاخاننى ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئەمىر دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. قوزغىلاڭچىلار ئۇزۇنغا قالماي كابۇلغا بېسىپ كىرىدۇ، ئىنايتۇللاخان ئۇلار بىلەن كېلىشىم قىلىپ كابۇلنى تاشلاپ چىقىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ھاكىمىيەت قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن ھېسابلىنىدۇ. بۇ قوزغىلاڭنىڭ يېتەكچىسى بەچچەئى ساقا 1929- يىلى 1- ئاينىڭ 17- كۈنى ئۆزىنى غازى ھەبىبۇللا دېگەن نام بىلەن ئافغان پادىشاھى دەپ ئېلان قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، قۇرۇلغىنىدىن بېرى ئافغانىستانغا ھۆكۈم سۈرۈپ كېلىۋاتقان پەشتۇلاردىن دۇررانى قەبىلىسىنىڭ 150 يىللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلىپ، ھاكىمىيەت تۇنجى قېتىم باشقا بىر ئېتنىك قەبىلىنىڭ، يەنى تاجىكلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن ھېسابلاندى.
(رەسىم ئورنى)200
ئىبراھىم لاقايبەگ، 1931- يىلى
(رەسىم ئورنى)
غازى ھەبىبۇللاخان (بەچچەئىي ساقا)، 1929- يىلى ئۆكتەبىر
ئافغانىستانغا ئوخشاش ئىنتايىن نازۇك ئىستراتېگىيىلىك ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بىر دۆلەتتە مەيدانغا كەلگەن بۇنداق بىر ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشى، شۇنىڭدەك تۇنجى بولۇپ بىر تاجىكنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئالغانلىقى، بۇ رايوندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى، بۇ ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش كېرەكلىكى ھەققىدە باش قاتۇرۇشقا كىرىشىدۇ. رۇسىيە دىپلوماتىك ئورۇنلىرى كونا ھاكىمىيەتكە، يەنى پەشتۇلارغا ياردەم قىلىش تەرىپىنى ئالغان بولسا، بۇنىڭغا قوشۇلمىغان ن ك ۋ د (ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارلىقى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) تاجىك كوزىرىنى ئويناشنى پىلانلاپ، ھەبىبۇللاغا ياردەم قىلىش يولىنى توغرا تاپماقتا ئىدى. ئاخىرىدا، پولىتبىيرو (سىياسىي بيۇرو − سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھۆكۈم چىقىرىش ئورگىنى − ئا.ھ. ئىزاھاتى) تاشقى ئىشلار كومىسسارلىقىنىڭ پىكرىنى ماقۇللاپ، سابىق پادىشاھ ئامانۇللانى قايتىدىن تەختكە چىقىرىش ئۈچۈن بىر ھەرىكەت باشلاش قارارىنى ئالىدۇ. بۇ سىياسىي ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئافغانىستاننىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى غۇلام نەبى تاللىنىدۇ. ئامانۇللاخاننى ھىمايە قىلىدىغان غۇلام نەبى، سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرىغا قوشۇلۇپ ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پاتائىي ھىسسار ۋە تاشقورغان شەھەرلىرى سوۋېت قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنماقتا ئىدى.201 بۇنىڭ كەينىدىنلا شىمالىي ئافغانىستاننىڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان مازارىي شەرىپنى بېسىۋالىدۇ. شۇنچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەربىي ئوپېراتسىيىلەر ئىشقا ئاشۇرۇلغىنىغا قارىماي، غۇلام نەبى كۈتكەن كۈچلۈك خەلق ھىمايىسى ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ. شىمالىي ئافغانىستان خەلقى ھەبىبۇللاخاننى تاللىۋالغاندەك كۆرۈنمەكتە ئىدى. بۇ ۋاقىتتا سابىق پادىشاھ ئامانۇللا، ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بىھۇدە قان تۆكۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، تەختىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ ئىتالىيەگە كېتىۋالىدۇ. بۇ ئەھۋال، سوۋېت ياردىمى ئاساسىدا باشلانغان غۇلام نەبى ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ. غۇلام نەبىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېتىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنداق بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقىغا قارىماي، تاجىك كوزىرىنى ئىشقا سېلىش ئىشىنىمۇ ئېسىدىن چىقارمىغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن 1924- يىلىدىن بېرى ئۆزبېكىستان سوۋېت جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە تۇرۇۋاتقان تاجىك ئاپتونوم رايونىنى 1929- يىلى 5- ئۆكتەبىردە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ.
تاجىكلاردىن بولغان بەچچەئىي ساقانىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئېلىشى ئەنگلىيە دائىرىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى جەلپ قىلغان ئىدى. ئافغانىستاندا پەشتۇلاردىن باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ تاجىكلارنىڭ ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى سالمىغىنىڭ ئارتىپ كېتىشىدىن ئەنگىلىيىلىكلەر زادىلا خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. بۇنداق بىر ئېتنىك تەركىب، بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئېتنىك تەركىبلەرگە ئىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جايلاردىكى تەسىرىنى ئارتتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، پەشتۇلارنىڭ تىزگىنى ئاستىدا تۇرىدىغان بىر ئافغانىستان، ئەنگلىيە مەنپەئىتى نۇقتىسىدىن ئالغاندا ھەر دائىم تاللىنىدىغان بىر ۋەزىيەت ھېسابلىناتتى. بۇنداق بىر ھۆكۈمران ئۈچۈن مۇۋاپىق كۈلىدىغان نامزاتمۇ تەييار ئىدى. سابىق دۆلەت مۇداپىئە نازىرى نادىر خان، دۇرانىيلەرنىڭ مۇھەممەتزائىيلەر گۇرۇپپىسىدىن بىرى ئىدى. بۇ كىشى “مۇساھىبان” نامىدىكى تەسىر كۈچىگە ئىگە بىر پەشتۇ ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاغدۇرۇلغان پادىشاھ ئامانۇللا بىلەنمۇ بىر نەۋرە كېلەتتى. نادىر خان، 1919~1924- يىللار ئىچىدە ئارمىيە قوماندانى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن پارىژدا تۇرۇشلۇق ئافغانىستان باش ئەلچىسى بولۇپ ئىككى يىلدەك پارىژدا تۇرغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن غەرب ئەللىرىنى پىششىق تونۇيدىغان، بولۇپمۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان بىرى ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى بەچچەئىي ساقا تەختكە چىقىپ ئىككى ئاي ئۆتكەن 1929- يىلىنىڭ مارت ئېيىدا نادىرخان ھىندىستانغا كەلتۈرۈلىدۇ. 22- مارت كۈنى جەنۇبتىكى پەشتۇ قەبىلىلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى قاتناشقان بىر قېتىملىق “لويا جىرغا”، يەنى قەبىلە ئۇرۇقلىرىنىڭ ئاتاقلىق كىشىلىرىدىن تەشكىل تاپقان مىللىي قۇرۇلتاي چاقىرىلىدۇ. “لويا جىرغا”، بەچچەئىي ساقا ھاكىمىيىتىنى مىللىي قانۇنلارغا ئۇيغۇن بىر ھاكىمىيەت ئەمەس دەپ بېكىتىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ جەنۇبتىكى قەبىلىلەرگە، بولۇپمۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە تايانغان نادىرخانغا يول ئېچىلىدۇ.202 نادىرخان، ئۆزىنى قوللايدىغان قوراللىق كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە ھەيبەر ئېغىزى ئارقىلىق ئافغانىستانغا كىرىپ، كابۇلغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا كابۇلدىكى ئەنگلىيە باش ئەلچىسى، ئەنگلىيەلىك ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىن ئايرىلىدىغانلىقىنى، شۇندىن كېيىن ئەنگلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋا قاتنىشىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇ ئەھۋالدا فرانسۇز، گېرمان ۋە ئىتاليان خادىملىرىمۇ ئافغانىستاندىن چىقىپ كېتىدۇ.

باسمىچىلارنىڭ سوۋېت چېگراسىدىن كىرىپ قىلغان جەڭلىرى
بەچچەئىي ساقانىڭ تەختكە چىقىشى، ئۇزۇندىن بېرى ئۈنىنى ئىچىگە يۇتۇپ كېلىۋاتقان سابىق بۇخارا ئەمىرى ئالىمخان بىلەن شىمالىي ئافغانىستان تەۋەسىدە پۇرسەت كۈتۈپ ياتقان باسمىچى يېتەكچىلىرىنىڭ قايتا ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت بولۇپ بېرىدۇ. نەچچە يىلدىن بېرى كابۇلدىن سىرتقا چىقالماي يۈرگەن ئەمىر ئالىمخان، ھېرات شەھىرىگە بېرىپ ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بۇخارالىقلار بىلەن ئورتا ئاسىيالىقلارنى بولشېۋىكلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا چاقىرىدىغان بىر بايانات ئېلان قىلىپ، باسمىچى يېتەكچىلىرىدىن جۈنەيتخان بىلەن لاقاي ئىبراھىمبەگلەرنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە يېڭى ئافغان پادىشاھى ھەبىبۇللاخاننىڭمۇ ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان تەشۋىقاتلارنى يېيىشقا باشلايدۇ.
ئەمىر يەنە، بىر قىسىم ياردەمچىلىرى ۋاسىتىسى ئارقىلىق ياۋروپادىمۇ بەزى پائالىيەتلەرگە كىرىشىدۇ. سوۋېت گېزىتلىرىمۇ ئەمىرنىڭ بۇ تۈردىكى ئىشلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئېلان قىلىشماقتا ئىدى. بۇ ۋاقىتلاردا باسمىچىلارنىڭ سوۋېت- ئافغان چېگراسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ ئورتا ئاسىيا تەۋەسىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ تارقىلىشقا باشلايدۇ.
ھەبىبۇللاخان تەختكە چىقىشى بىلەن تەڭ، ئافغانىستاندىكى باسمىچى يېتەكچىلىرىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشلىرى راستىنىلا كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى. ھەبىبۇللاخان، باسمىچىلارنىڭ تۇرغان يەرلىرىدىن ئايرىلىشقا رۇخسەت يوق دەيدىغان بۇرۇن چىقىرىلغان چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئافغانىستان تەۋەسىدە خالىغان يەرلىرىگە بارالايدىغان بولغان ئىدى. بىر ھېسابتا، يېڭى ئەمىر باسمىچىلارنى سوۋېتلەرگە قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئىختىيار قىلىپتۇ دەيدىغان گەپ- سۆزلەرمۇ ئېقىپ يۈرەتتى. ئىبراھىم لاقايبەگ، ئامانۇللاغا قارشى قوزغىلاڭ پارتلىغان پەيتلەردە ھەبىبۇللاغا ياردەملەشكەنلىكى ئۈچۈن، يېڭى ئەمىر ئۇنى ئورتا ئاسىيا چېگراسىغا ھەربىي قوماندان قىلىپ تەيىنلەپتۇ دېگەندەك گەپ- سۆزلەرمۇ تارقىلىپ يۈرگەن ئىدى. راست دېگەندەك، يېڭى ئەمىر، لاقاي ئىبراھىمبەگنى يېنىغا چاقىرتىپ كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇنى شىمالىي ئافغانىستانغا بېرىپ ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلاردىن بىر ئارمىيە تەشكىل قىلىشىنى،203 بۇ قوشۇن بىلەن ئۇنىڭغا قارايدىغان قوراللىق قىسىملارنىڭ قوماندانى سېيىت ھۈسەيىنگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئىبراھىم لاقايبەگ بۇ تەلەپكە ئاساسەن دەرھال لاقاي قەبىلىسىدىن كىچىك بىر قوراللىق قوشۇن تەشكىللەپ، ھەبىبۇللاخاننىڭ سېپىغا قوشۇلۇپ ئۇرۇش قىلىدۇ. ئىبراھىم لاقايبەگ بىلەن كۆرۈشكەن سېيىت ھۈسەيىن، ئۇنىڭ ئەسكەر سانىنى ئاز كۆرۈپ، تېخىمۇ چوڭ قوراللىق قوشۇن تەشكىللىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ تەلەپكە ئاساسەن شىمالىي ئافغانىستان تەرەپكە كەلگەن ئىبراھىم لاقايبەگ، ئۇ يەردە بىر ئاقساقاللار مەجلىسى چاقىرىپ، ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئۈچۈن مەجلىستىن بىر پەتىۋا چىقىرىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاقساقاللار مەجلىسى، بۇرۇن ئەۋەتىپ بەرگەن قوراللىق قوشۇندىن باشقا يەنە 400 نەپەر تۈركمەن بىلەن 500 نەپەر ئۆزبەكتىن تەشكىل تاپقان يېڭى بىر قوراللىق قوشۇننى سېيىت ھۈسەيىننىڭ ئەمىرىگە بېرىش قارارىنى ئېلىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شىر مۇھەممەتبەگمۇ ھەربىي قوماندانلىرىدىن يۈسۈپجان قۇربېشىنى ئىبراھىم لاقايغا ياردەمچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ تەشكىللەنگەن بۇ قوراللىق قوشۇنلار سوۋېت ئىتتىپاقى ياردىمىگە تايىنىپ ئافغانىستانغا بېسىپ كىرگەن غۇلام نەبىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلاردا ۋەزىپە ئالىدۇ. لاقايغا قاراشلىق جەڭچىلەر باشقا جايلاردىمۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. بولۇپمۇ دەھدادى ئورمانلىق رايونلىرىدا ھازارا قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى جەڭلەرگە قاتنىشىپ ئۇلارنى ئېغىر مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچراتقانلىقى مەلۇم.
بۇ ۋاقىتلاردا ئىبراھىم لاقايبەگ، فۇزەيل مەخدۇمغا ئوخشاش ئورتا ئاسىيا تەۋەسىگە كىرىپ ئۇرۇسلارغا قارشى يېڭى بىر ھەرىكەت قوزغاشنى ئويلىغان بولسىمۇ، بۇ ئارزۇسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇ مۇنداق دەپ چۈشەندۈرگەن:
ھەبىبۇللا تەختكە چىققان ۋاقىتلاردا سوۋېتلەرگە قارشى جەڭ قىلىش ئارزۇيۇم بەكلا كۈچلۈك ئىدى. ئەمما مۇجاھىتلىرىم بىر تەرەپتىن سابىق بۇخارا ئەمىرىگە خىزمەت قىلىۋاتقان، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز ئائىلىلىرى بىلەن تۇرۇۋاتقان يەرلىرىنى قوغداشقا مەجبۇر قالغان ئىدى. مۇجاھىتلار ئائىلىلىرىنى يات بىر ئەلدە (ئافغانىستان كۆزدە تۇتۇلماقتا − ئاپتوردىن) قوغدىنىشسىز تاشلاپ قويۇشقا رازى ئەمەس ئىدى.
تۈركمەنىستان تەۋەسىدە ئۇرۇسلارغا قارشى ئۇزۇن يىل جەڭ قىلىپ كەلگەن جۈنەيتخان، 1928- يىلى 6- ئايدا ئىران چېگراسىدىن ئۆتۈپ ئافغانىستانغا بېرىۋالغان ئىدى. ئۇ يەرگە بارغىنىدىن كېيىن ئادەملىرى بىلەن بىرگە ھېرات رايونىغا ئورۇنلاشقان ئىدى.204 ئۇ، ئافغانىستاندا بەچچەئىي ساقا قوزغىلىڭى بىلەن تەڭ باشلانغان ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشى جەريانىدا بەچچەئىي ساقا تەرەپنى تاللىۋالغان بولۇپ، بۇ قارارغا كەلگەنلىكىنى بىر پارچە خەت ئارقىلىق بۇخارا ئەمىرى سەئىد ئالىمخانغا ئۇقتۇرىدۇ.
ئافغانىستان بۇ ھادىسىلەر سەۋەبىدىن ئۇرۇش قاينىمى ئىچىگە پېتىپ قېلىۋاتقان پەيتلەردە، ئافغانىستاننىڭ چېگرا قوشنىسى بولغان ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدىمۇ ۋەزىيەت بەكلا ناچارلاشماقتا ئىدى. ستالىن يولغا قويۇۋاتقان كوللېكتىپلاشتۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن كولخوز قۇرۇش ئىشلىرى خەلق ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولماقتا ئىدى. خېلىدىن بېرى بۇ جايلاردا پەقەت كېۋەز تېرىشقىلا رۇخسەت قىلىنماقتا ئىدى. نەتىجىدە، خەلقنىڭ يېمەك- ئىچمەك جەھەتلەردە ئۆز- ئۆزىنى تەمىنلەش ئىمكانىيەتلىرىمۇ تارتىپ ئېلىنغان ئىدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە خەلق ئاممىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتىگە بولغان ئۆچمەنلىكى كۈچىيىپ، باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئۇيغۇن مۇھىت يارىتىلماقتا ئىدى. بۇ ھادىسىلەرنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان فۇزەيل مەختۇم، ئافغانىستاندا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھادىسىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن تەڭ كابۇلدىن بەدەخشانغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، بەدەخشان تەۋەسىدىكى ئادەملىرىنى يىغىپ 1929- يىلى ئاپرېل ئېيىدا دارۋاز تەرەپتىن ئورتا ئاسىيا تەۋەسىگە بېسىپ كىرىدۇ. مەخدۇم، قەلئىي ھۇمب، تەھۋىل دارا ۋە گارم شەھەرلىرىنى تارتىپ ئالىدۇ. بۇ جايلاردىكى سوۋېت ھۆكۈمەت ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ (ئورتا ئاسىيا مۇتەخەسسىسلىرىدىن بىرى بولغان ئولىۋيېر روي، «يېڭى ئورتا ئاسىيا ياكى مىللەتلەرنىڭ يارىتىلىشى» ناملىق كىتابىدا قاراتېكىن، دارۋاز ۋە ۋاھش رايونلىرىدا تەسىر كۈچكە ئىگە تەرىقەت يېتەكچىسى ۋە باسمىچىلار يېتەكچىسى بولغان ئىشان سۇلتاننىڭ فۇزەيل مەخدۇم تەرىپىدىن 1929- يىلقى ھەرىكىتى جەريانىدا قولغا ئېلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. روينىڭ قارىشى بويىچە ئالغاندا، بۇ ۋەقە فۇزەيل مەخدۇم گارملىق بولغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ يەردىكى قۇليابىلار بىلەن گارمىلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللەت ئايرىشلاردا مۇھىم رول ئوينىغان دەپ قارىغان. ئەمما ئىشان سۇلتان ھەققىدە روينىڭ نەقىل كەلتۈرگەن مەلۇماتلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. ئەسلىدە ئىشان سۇلتان ئىنىسى بىلەن بىرگە، ئەنۋەر پاشانىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن شەرقىي بۇخارادىكى باسمىچىلىق ھەرىكىتىگە مەسئۇل قىلىنغان ھاجى سەمى تەرىپىدىن 1923- يىلى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئابدۇللا رەجەپ بايسۇن ئۆزىنىڭ «ئورتا ئاسىيا مىللىي كۈرەشلىرى» دېگەن كىتابىدا، ئىشان سۇلتاننىڭ ئۇرۇسلار بىلەن خەت- ئالاقە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئىشان سۇلتان بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى ئىشان سۇلايماننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ھاجى سەمى ئەپەندى رەئىسلىكىدە قۇرۇلغان ئاقساقاللار مەجلىسىدە سوتلانغانلىقىنى، بۇ سوتلاشتا جىنايى قىلمىشى بېكىتىلىپ ئەتىسى تاۋىلدارادىكى ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقىنى بايان قىلماقتا. ھاجى سەمى، 1923- يىلى 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلى رىزا ئەپەندىگە ئەۋەتكەن مەكتۇپىدا “كەينىمىزدە پىتنە- پاسات چىقارغانلىقى ئۈچۈن ئىشان سۇلتاننى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدىم” دەپ يازىدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). كەينىدىن دۈشەنبىگە ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، قىزىل ئارمىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئوندەك ئادىمى بىلەن ئافغانىستانغا قايتىپ مازارى شەرف رايونىدا بەچچەئىي ساقا تەرىپىنى ئالغان قوراللىق كۈچلەرگە قوشۇلىدۇ.
بۇ ۋاقىتلاردا شىر مۇھەممەتبەگمۇ بۇرۇنقى ئادەملىرىنىڭ بىر قىسمىنى يىغىپ،205 ئورتا ئاسىياغا كىرىپ بىرەر ھەرىكەت پەيدا قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا كىرىشكەن ئىدى. ئۇ، تۇرۇۋاتقان يېرىدىن سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئاساسەن ئىنىسى نۇر مۇھەممەتبەگ مەسئۇل بولۇپ كەلمەكتە ئىدى. تۈزۈلگەن پىلانغا ئاساسەن نۇرمۇھەممەتبەگ قوماندانلىق قىلىۋاتقان قوراللىق كۈچلەر، شىمالى ئافغانىستان رايونىدا بىر يەرگە كېلىپ ئىبراھىم لاقايبەگنىڭ قىسىملىرى بىلەن بىرلەشمەكچى بولىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭمۇ ياردىمى بىلەن سوۋېت ئورتا ئاسىيا تەرىپىگە ئۆتىدىغان بولىدۇ. پىلان بويىچە پەنج دەرياسىدىن ئۆتۈپ قەلئەئىي ۋانچ رايونىغا ھۇجۇم قىلىدىغان بولىدۇ. ئەمما شىر مۇھەممەتبەگ تەشكىللىگەن بۇ قوراللىق قوشۇن، ئىبراھىم لاقاينىڭ قوماندانلىق شتابى ئىچىدە ئېغىر گۇمان پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. نۇرمۇھەممەتبەگنىڭ ئىبراھىم لاقاينى ئوينىتىپ يۈرۈپ ئاخىرى بىر كۈنى ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىپ، بۇ رايوندىكى ھەرىكەتلەرگە يالغۇز ئۆزىلا قوماندانلىق قىلماقچى دەيدىغان گەپلەر تارقىلىشقا باشلايدۇ. بۇ قۇرۇق گەپلەرگە ئىشىنىپ قالغان لاقاي، ئۆزىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن كەلگەن نۇر مۇھەممەتبەگنى قولغا ئېلىپ، پۇت- قوللىرىنى زەنجىر بىلەن تېڭىۋېتىپ بىر يىلدەك ئۆز يېنىدا بىرگە ئېلىپ يۈرىدۇ. شۇ ئارقىلىق شىر مۇھەممەتبەگنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ئېھتىمالىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر كاپالىتى سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا، نۇر مۇھەممەتبەگ، بۇ بىر يىللىق ۋاقىتنى، ئۆمرۈمدە كۆرگەن ئەڭ جاپالىق كۈنلىرىم دەپ تونۇشتۇرىدۇ (گلېندا فراسېر، باسمىچىلارغا ئالاقىدار ئېلىپ بارغان تەپسىلىي تەھلىللىرىدە شىر مۇھەممەتبەگنىڭ 1929- يىلى، قول ئاستىدىكى قوراللىق كۈچلىرى بىلەن پەنچ دەرياسىنى كېچىپ ئۆتۈپ قەلئەئىي ۋانچ رايونىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىدىن ئۈستۈن رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ بايانى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. مەيلى شىر مۇھەممەتبەگنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە ياكى ئىنىسىنىڭ يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمە خاتىرىلىرىدە بولسۇن، بۇ ھەقتە ھېچقانداق بىر مەلۇمات يوق. شىر مۇھەممەتبەگ، ئورتا ئاسىياغا قارىتا ھەرىكەت قوللىنىش ئۈچۈن پىلان تۈزگەن، قوراللىق كۈچمۇ توپلىغان ھەمدە ئۇكىسى نۇر مۇھەممەتبەگنىڭ قوماندانلىقىغا تاپشۇرغان بۇ قوراللىق كۈچلەرنى ئىبراھىم لاقاينىڭ يېنىغا ئەۋەتكەن. ئەمما نۇر مۇھەممەتبەگ، لاقاي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ بىر يىل بويىچە ئۇنىڭ يېنىدا گۆرۈگە ئېلىنغان ئىدى. بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى نۇر مۇھەممەتبەگ ئۆزى بىۋاسىتە ئائىلىسىگە خەۋەر قىلغان ئىدى. «نۇر مۇھەممەتبەگنىڭ ئوغلى ئەنۋەربەگ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەر» دىن. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). بۇ ۋاقىتتا، ئوسمانبەگ، توراقۇل ۋە ئىشان ئەيسا دېگەن قوربېشىلىرىمۇ كىچىك- كىچىك قوشۇنلار بويىچە چېگرادىن ئۆتۈپ ھەرىكەت قىلىپ باققان بولسىمۇ، كۆزگە كۆرۈنگۈدەك بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلمەي چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولىدۇ. باسمىچىلارنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ پائالىيەت قىلىشى يالغۇز ئافغانىستان تەۋەسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. جۈنەيتخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان رەجەپ قۇلى،207 ئىران چېگراسىدىن ئورتا ئاسىياغا كىرىپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش بىلەن شۇغۇللانماقتا ئىدى.
1929- يىلىنىڭ باشلىرىدا كابۇلنى تارتىپ ئېلىپ ئۆزىنى خان دەپ ئېلان قىلغان ھەبىبۇللاخان، ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتمەيلا ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. شىمالىي ئافغانىستاندىكى تۈركىلەر (ئۆزبېك ۋە تۈركمەنلەر) بىلەن تاجىكلار، ھەبىبۇللاخان ھاكىمىيىتىنى ھىمايە قىلىشاتتى. ئەمما جەنۇبتىكى پەشتۇ قەبىلىلىرى بىلەن ھازارالار بۇ يېڭى ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇشاتتى. ئۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگىنىدە، ھەبىبۇللاخان جەنۇبتا ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ياردىمىگە تايانغان نادىرخاننىڭ قوشۇنلىرى بىلەن، شىمالدا بولسا مازارى شەرىپنى تارتىپ ئالغان غۇلام نەبىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان بىر ئەھۋالدا ئىدى. ئافغانىستاندىكى ئەنگلىيە ئەلچىخانا خادىملىرى 2- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپلا ئافغانىستاندىن چىقىپ كېتىشكەن بولۇپ، كابۇلدىكى باشقا ئەللەرنىڭ ئەلچىخانىلىرىمۇ بىر- بىرلەپ بۇ يەردىكى پائالىيەتلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا، پادىشاھ ئامانۇللاغا قارشى تۇرۇپ بەچچەئىي ساقاغا ياردەم قىلىۋاتقان گىلزاي قەبىلىسى، پەشتۇلار ئارا ھەمكارلىقى ئاساسىغا تايىنىپ نادىرخان تەرەپكە يان بېسىشقا باشلايدۇ. بەچچەئىي ساقا ھاكىمىيىتىگە بېرىلىۋاتقان ياردەملەر بارغانسېرى ئازىيىشقا باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ، 1929- يىلىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىغا كەلگەندە نادىرخانغا قاراشلىق قوشۇنلار كابۇلنى تارتىپ ئېلىپ، نادىرخاننى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلىدۇ. بۇ يېڭى پادىشاھ، ئىنىسى سەردار ھاشىمخاننى باش ۋەزىر، يەنە بىر ئىنىسى بولغان سەردار شاھمەخمۇتنى دۆلەت مۇداپىئە نازىرى ھەمدە باش قوماندان قىلىپ تەيىنلەيدۇ.
بۇ جەرياندا، ئامانۇللاخاننىڭ تەختتىن چۈشۈشىگە سەۋەب بولغان بارلىق ئىسلاھات ئىشلىرى دەرھال توختىتىلىدۇ. بەچچەئىي ساقا بولسا، ئۆزىگە قاراشلىق كۇھئىي دامان تەۋەسىگە قېچىپ بېرىۋالغان ئىدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، يېڭى پادىشاھنىڭ ئۇنى ئەپۇ قىلغانلىقى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن يېڭى پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەل بولىدۇ. ئەمما نادىرشاھ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماي، بەچچەئىي ساقانى 1929- يىلى 11- ئاينىڭ 3- كۈنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ.

باسمىچى يېتەكچىلىرىنىڭ ئاقىۋىتى
1928~1929- يىللار بويىچە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، يالغۇز ئافغان خەلقىگىلا ئەمەس بەلكى شىمالىي ئافغانىستانغا پاناھلىق تىلەپ كىرگەن ئورتا ئاسىيالىقلارغىمۇ ئېغىر قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان بولۇپ، بۇ ۋەقەلەر لاقاي ئىبراھىمبەگ قاتارلىق بىر قىسىم باسمىچى يېتەكچىلىرىنىڭ تەقدىرىنىمۇ بەلگىلىگەن ئىدى.
كابۇلدا، نادىرشاھنى ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىرىپ بەچچەئىي ساقانى دارغا ئېسىش ۋەقەسى يۈز بېرىۋاتقان ۋاقىتلاردا، لاقاي ئىبراھىمبەگ شىمالىي ئافغانىستاننىڭ لاقاي قەبىلىسى ياشايدىغان يەرلىرىدە تۇرۇۋاتقان ئىدى.207 بۇ قەبىلە ئافغانىستانغا ئۆتكەن ۋاقىتلىرىدا سوۋېت چېگراسىغا يېقىن تۇرىدىغان ئەلىئاۋات بىلەن ئاقتۆپە قىشلاقلىرى (قىشلاق − يېزىلاردا كەنت بىلەن بازار ئوتتۇرىسىدىكى يەرلەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەرلەرگە بېرىلگەن بىر نام. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئىبراھىم لاقايبەگمۇ ئەلىئاۋات دېگەن قىشلاقتا تۇرۇۋاتقان ئىدى. بۇ جەرياندا، بۇرۇن بەچچەئىي ساقاغا ياردەم قىلىپ كەلگەن بىر قىسىم كىشىلەر بۇ يەرگە كېلىپ ئىبراھىمبەگدىن پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن نادىرشاھ ھۆكۈمىتى ئىبراھىم لاقايغا بىر ئۇلتىماتۇم ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ يېنىدا پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان كونا پادىشاھ تەرەپدارلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە لاقاي قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرى ساقلاپ كېلىۋاتقان بارلىق قوراللارنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىشىنىمۇ تەلەپ قىلماقتا ئىدى. ئىبراھىمبەگ بۇ ئىككىلا تەلەپنى رەت قىلىدۇ. دەل شۇ پەيتتە ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن بىر ۋەقە يۈز بېرىدۇ. 1930- يىلىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا سوۋېت قوشۇنلىرى تېز سۈرئەت بىلەن ئامۇ دەرياسىدىن كېچىپ ئۆتۈپ، ئافغانىستان تەۋەسىگە 60 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرىپ ئەلىئاۋات بىلەن ئاقتۆپە قىشلاقلىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ ھۇجۇمدىن ئۆز ۋاقتىدا خەۋەر تاپقان ئىبراھىمبەگ بىلەن ئەسكەرلىرى قىزىل ئارمىيە بىلەن توقۇنۇشۇپ قالماسلىق ئۈچۈن قىشلاقلارنى بوشىتىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. سوۋېت قوشۇنلىرى ھەر ئىككىلا ئاھالە يەرلىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىپ شۇ كۈنى چېگرادىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىدۇ.
بۇ ۋەقە، نادىرشاھ ھۆكۈمىتىنى قاتتىق چۆچۈتۈۋېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئافغانىستان قۇرۇلغان كۈنىدىن بۇيانقى ھەرقانداق بىر كابۇل ھۆكۈمىتى ھەر قانچە تىرىشىپمۇ تىزگىنلىيەلمەي كەلگەن شىمالى ئافغانىستان ۋەزىيىتىنى تىزگىنلەش ئىشى، كابۇل ئۈچۈن ھەرگىز باش تارتىپ بولمايدىغان ھەمدە دەرھال ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مەجبۇرىي ۋەزىپە ھالىتىگە كەلگەن ئىدى. شۇڭا، كابۇل ھۆكۈمىتى باسمىچىلارنىڭ شىمالىي ئافغانىستاندا قۇرغان ھەربىي بازىلىرىنى تىزگىنلىمەي تۇرۇپ ئۇلارنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ پائالىيەت قىلىشنى چەكلىيەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنى چەكلىيەلمىگەندە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوراللىق مۇداخىلىدە بولۇش ئېھتىمالدىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يەتكەن ئىدى. ئەمما نادىرشاھ تېخى دۆلىتىنىڭ ھەممە يېرىدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلەپ بولالمىغان، بۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە قوراللىق قوشۇنىمۇ يوق ئىدى. ئەنە شۇ سەۋەبتىن كونا بۇخارا ئەمىرى سەئىت ئالىمخاننى ئىشقا سېلىشنى پىلانلايدۇ. ئالىمخان بىر پارچە خەت ئەۋەتىپ نادىرشاھ نامىدا ئىبراھىم لاقايبەگنى كابۇلغا تەكلىپ قىلىدۇ. ئەگەر بۇ تەكلىپكە سەل قارىسا، ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ماقۇل دەپ پايتەختكە بارغىنىدا بېشىغا نېمە ئىشلار كېلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدىغان ئىبراھىم لاقاي، بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بېرىدۇ:
ماڭا 7 يىلدىن بۇيان سوۋېتلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشىم ئۈچۈن بۇيرۇق قىلىپ كەلگەن ئىدىڭىز. مەن ئۆز قوشۇنۇم ۋە شەخسى پۇلۇم بىلەن بۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم.208 ماڭا ھەر تۈرلۈك ياردەم قىلىش ھەققىدە ۋەدىلەرنى بەرگەن ئىدىڭىز. ئەپسۇسكى، بۇ ۋەدىلىرىڭىزنىڭ ھېچ بىرىنى كۆرمىدىم. ئاخىرىدا يېڭىلىپ قالدۇق. ئەمدى مەن سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە ئېرىشەلەرمەنمۇ؟ ياق، كابۇلغا بارمايمەن. ئەگەر پادىشاھ (نادىرشاھنى دېمەكچى − ئاپتوردىن) ئادەملىرىم بىلەن بىرگە ئافغانىستاندا قېلىشىم ئۈچۈن رۇخسەت قىلغۇدەك بولسا، تىنچ بىر تۇرمۇش يولىغا كىرىدىغانلىقىمنى ۋە دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ تىنچ ياشايدىغانلىقىمنى بىلدۈرمەكچىمەن.
نادىرشاھمۇ ئىبراھىم لاقاينى ھەرگىز ئەپۇ قىلىش نىيىتىدە ئەمەس ئىدى. ئەسلىدە، بەچچەئىي ساقاغا ياردەم قىلغىنى ئۈچۈن ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلارنىڭ ھەممىسىنى جازاغا تارتىش لازىم دەپ ئويلايتتى. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرچە قولىدا يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچلۈك ۋە مۇنتىزىم بىر ئارمىيە يوق ئىدى. شۇڭا، مەلۇم مەزگىلگىچە پەشتۇ قەبىلىلىرىنى قوراللاندۇرۇپ بۇ جايلارغا ئەۋەتىپ تۇرۇش قارارىغا كېلىدۇ. ھۆكۈمەت ياردىمىگە تايانغان پەشتۇ ئەترەتلىرى بۇ جايلاردىكى مۇھاجىر مەھەللىلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئىبراھىمبەگمۇ ئادەملىرى بىلەن بىرگە بۇ بۇلاڭچىلارغا قارشى جەڭ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئىبراھىمبەگ ئۇ كۈنلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
نادىرخان، ئۇرۇش جەريانىدا ياردارلانغان ۋە ئۆلگەن پەشتۇلارغا ھېچقاچان تۆلەم تۆلەپ باقمىدى. ئەمما ئۆلمىگەنلەرگە بۇلاڭچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى بېرىدۇ. مۇھاجىرلاردىن بۇلاپ- تالىۋالغان بارلىق مال- مۈلۈكلەرگە ئۇلار ئۆزلىرى ئىگە بولالايتتى. بىزلەردىن نېمىنى خالىسا شۇنى تارتىپ ئېلىشاتتى. بۇ قوراللىق ئەترەتلەر ھېچقانداق قائىدە- تۈزۈم تونۇمايتتى. پۈتۈن نەرسىلىرىمىزنى بۇلاپ كېتىشتى ياكى مۇسادىرە قىلىشتى. ئەنە شۇ سەۋەبتىن بۇ يەردىكى مۇھاجىرلار مېنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشەتتى ۋە شۇ سەۋەبتىن بۇ ئافغانلىق بۇلاڭچىلارغا قارشى مۇۋەپپەقىيەت بىلەن جەڭ قىلالىغان ئىدىم.
1930- يىللىرى بويىچە داۋام قىلىپ كەلگەن بۇ زەربىلەر بىلەن تېررورلۇق ھەرىكەتلەر خەلقنى جېنىدىن جاق تويغۇزۇۋەتكەن ئىدى. ئىمام ساھىب شەھىرىدە ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان بىر دىنىي زات تەرىپىدىن نادىرشاھقا ئەۋەتىلىپ، تا بۈگۈنگىچە ئافغانىستان مىللىي ئارخىپخانىسىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بىر پارچە خەت، ئۇ ۋاقىتلاردىكى ئەھۋاللارنى بەك ئېنىق خۇلاسىلەپ كۆرسەتمەكتە:
خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى خەتەر ئىچىدە قالدى. ۋەزىر مەسوت بىلەن جادرانلار (پەشتۇ قەبىلىلىرى) ئوق چىقارمايلا قالماي، بىۋاسىتە بۇلاڭ- تالاڭ قىلىشماقتا. بارلىق كاتاغان رايونىدا ۋە بەدەخشان تەۋەسىنىڭ يېرىمىدا مىڭلىغان رۇپىيىلىك بۇلاڭچىلىقلارنى قىلىشتى. تا بۈگۈنگىچە بۇنىڭغا تويمايۋاتىدۇ. ئاددىي پۇقرانىڭ مال- مۈلكىگە تاجاۋۇز قىلماقتا؛ ئۆيلىرىنى ۋەيران قىلماقتا؛ مال- مۈلۈكلىرىنى بۇلاپ- تالىماقتا؛ ئۇلار نە ئار- نومۇسنى بىلىدۇ، نە خۇدادىن قورقۇشنى. قىشلاقتىن قىشلاقلارغا چېپىپ يۈرگىنى يۈرگەن، ھەممە يەرنى بۇزۇپ چەيلەپ، ئوت قۇيۇپ كۆيدۈرۈپ ماڭماقتا.209 ئۆلتۈرۈلۈشتىن قورققان پۇقرالار تۇرۇۋاتقان ئۆيۋاقلىرىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولماقتا. … خۇدا ھەققى، ۋەزىردىن ۋە بۇ قەبىلىلەردىن بۇنداق ئەسكىلىكلىرىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلغايسىز. ئۇلار يامانلىق قىلىش بىلەن زىيان سېلىشتىن باشقا ھېچنېمىنى بىلمەيدىكەن. ئۇلارغا يامانلىق قىلىشتىن توختاڭلار دەپ بۇيرۇق قىلىڭ. ئۇلار بەكلا ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. … ئۆزبەكلەر بىلەن قالغان خەلقلەر ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق تىكلىنىشىگە يول قويۇڭ.
نادىرشاھ، ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدا بۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسىملىرىدا داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان رايون خاراكتېرىدىكى توقۇنۇشلارنى تۈگىتىپ، شىمالىي ئافغانىستاندىن باشقا بارلىق جايلارنى تىزگىنىگە ئېلىپ بولغان بۇ جەرياندا ئىدى. ئۆزىگە قاراشلىق مۇنتىزىم بىر ئارمىيىمۇ قۇرۇۋالىدۇ. ئەمدى نۆۋەت شىمالىي ئافغانىستاننى تىزگىنلەش ئۈچۈن يۈرۈش قىلىش ۋە ئىبراھىم لاقاينى باستۇرۇشقا كەلگەن ئىدى. بۇ ئىش ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىنىسى شاھمەخمۇتنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ.
باش قوماندان سەردار شاھمەخمۇت، 1931- يىلىنىڭ كىرىشىدە زور كۆلەملىك قوراللىق قوشۇننى باشلاپ ھىندىقۇش تاغلىرى ئارقىلىق شىمالىي ئافغانىستان تەرەپكە ئۆتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئافغان ئارمىيىسى بىلەن ئىبراھىم لاقايبەگ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش رەسمىي باشلىنىدۇ. ئىبراھىمبەگ، سوۋېت قوشۇنىغا قارشى جەڭلەردە قوللىنىپ كەلگەن تۇيۇقسىز زەربە بېرىپلا قېچىپ كېتىش تاكتىكىسىنى ئافغانىستان ئارمىيىسىگە قارشى تۇرۇشتىمۇ ئىشقا سالىدۇ. 2500 كىشىلىك قوراللىق قوشۇنىنى بىرەر يۈز كىشىلىك ئەترەتلەر ھالىغا بۆلۈپ ئۇرۇش قىلىدۇ. بۇ ئەترەتلەر سان جەھەتتە ئۆزلىرىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن كېلىدىغان ھۆكۈمەت قوشۇنلىرىغا بەكلا ئوڭاي زەربە بېرىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، ھازارباغ رايونىدا ئىككى يۈز كىشىلىك بىر ئاتلىق ئەترەت بەش يۈز كىشىلىك ھۆكۈمەت قوراللىق كۈچلىرىنى تارمار قىلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ قولىدىكى بارلىق قوراللىرىنى غەنىيمەت ئالىدۇ. كاتاغان تەۋەسىدىكى جەڭلەردە ئىبراھىمبەگ پەقەت يەتمىشتەك ئادىمىدىن ئايرىلغان بولسا، ئافغان قوشۇنىنىڭ چىقىمى 2500 نەپەرگە يەتكەن ئىدى. بولۇپمۇ كاتاغان تەۋەسىدە تۇرىدىغان يەرلىك ئۆزبەكلەر بىلەن مۇھاجىرلار بۇ جەڭلەرگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلىشىدۇ. ئىبراھىمبەگ ئۇلارنىڭ بۇنداق ياردەم قىلىشىدىكى سەۋەبنى 60 يىل بۇرۇن ئافغانلارنىڭ ۋەھشىيانىلىق بىلەن قىرغىنچىلىق قىلغانلىقى سەۋەب بولغان دەپ قارايتتى.       
ئۇرۇش ساھەسى كېڭەيگەنسېرى يېڭىدىن قوشۇلىدىغان پىدائىي سانىمۇ كۆپەيمەكتە ئىدى. قوغانبەگ، موللا خالدار ۋە موللا جورا قاتارىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر، ئۆز ئەترەتلىرىنى قۇرۇپ بۇ جەڭگە قوشۇلىدۇ. ئۇلار يېڭى قەلئە ۋە يۇلجا شەھەرلىرىنى تارتىپ ئېلىپ رۇستاك گازارمىسىدىكى قوراللارنى تارتىپ ئېلىشىدۇ.210
بۇ ۋاقىتلاردا، سابىق دارۋاز بېيىنىڭ ئوغلى غۇلام ھاسان بەدەخشان رايونىدا بىر قوراللىق ئەترەت تەشكىللىگەن ئىدى. ئۇنىڭ مەقسىتى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا بۆلۈنۈپ كەتكەن دارۋاز رايونىنى قايتا بىرلەشتۈرۈش ئىدى. چېگرادىن ئۆتۈپ سوۋېتلار تەرىپىدە قالغان دارۋاز تەۋەسىگە كىرىپ سوۋېت قوشۇنلىرىغا قارشى تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلايدۇ. ئەمما ئۇزۇنغا بارمايلا، ئۇنىڭ قوراللىق ئەترىتى قىزىل ئارمىيىدىن يېڭىلىپ تارقىلىپ كېتىدۇ.
نادىرشاھ ھۆكۈمىتى، لاقاي ئىبراھىمبەگ بىلەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىۋاتقانلارغا قارشى جەڭنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادىگە كېلىدۇ. بۇ مەقسەت بىلەن، لاقايغا تەۋە ئۆزبېك ئەسكەرلىرىنىڭ بېشىنى كېسىپ كېلىپ شۇ يەرنى باشقۇرىدىغان ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا تاپشۇرغانلارغا نەق پۇل مۇكاپاتى بېرىلىدۇ دېگەندەك ئادەمنىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان بارلىق چارىلارنى ئىشقا سېلىشقا كىرىشىدۇ. ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىر ئەترەتلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بۇ قانلىق جەڭلەردە نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئادەملەر ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇنداق بىر ئەھۋالدا پەشتۇ ژاندارمىلىرى ئۇرۇش مۇھىتى يارىتىپ بەرگەن پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، يالغۇز ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلارغىلا زەر بېرىپ قالماي، بۇ تەۋەدە ياشايدىغان يەرلىك ئۆزبېك، تاجىك ۋە تۈركمەنلەرگىمۇ قارشى ھەرىكەت پىلانلىشىپ، كەنت- مەھەلىلەرنى بۇلاڭ- تالاڭ قىلىشىدۇ. بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرنى قىرىپ تاشلايدۇ.
1931- يىلى مارت ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئۈستۈنلۈك ئافغان ھۆكۈمەت قىسىملىرى تەرىپىگە ئۆتىدۇ. جەڭنى بۇندىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتى قالمىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ئىبراھىم لاقايبەگ، سوۋېتلار تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىش قارارىغا كېلىدۇ. سوۋېت تەرەپ مەسئۇللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلەردە، قوراللىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىش شەرتى بىلەن چېگرادىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلىدۇ. ئاۋۋال ئائىلە- تاۋاباتلىرىنى يولغا سېلىش بەلگىلىنىدۇ. 30- مارت سەھەردە ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈش ئىشى باشلىنىدۇ. بىرەر مىڭدەك ئائىلە (تەخمىنەن 5000 كىشى) سوۋېتلار تەرىپىگە ئۆتەلىگەن بولۇپ، قالغان بىر قىسمى ئافغان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن قىرىپ تاشلىنىدۇ. چېگرادىن ئۆتكەن ئائىلىلەر گ پ ئۇ (دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسىي ئورگان − ئا.ھ. ئىزاھاتى) تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، ئىچكىرى رايونلارغا يوللىنىدۇ.
(رەسىم ئورنى)
باسمىچى لىدېر ئىبراھىم لاقاي بەگنىڭ ئۇرۇس ئەسكەرلىرىگە ئەسىر چۈشكەن ۋاقتىدىكى گ پ ئۇ تەرىپىدىن تارتىلغان رەسىمى. 1931- يىلى ئىيۇل
بىرەر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 3- ئاپىرىل كۈنى ئىبراھىم لاقاي بەگ بىلەن ھەمراھلىرى يەنە شۇ يەردىن چېگرادىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئامۇ دەريا ياقىسىغا كېلىدۇ. سوۋېت دائىرىلىرىدە ھەرگىز ۋەدىسىدە تۇرۇش نىيىتى يوق ئىدى.211 ئىبراھىم لاقايبەگ بىلەن ئەسكەرلىرى قارشى قىرغاققا ئۆتەر- ئۆتمەي ئۇلارنى قولغا ئېلىشقا ئۇرۇنىدۇ. لاقاي ئەسكەرلىرى بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. بۇ توقۇنۇشتا ئوندەك ئادىمىدىن ئايرىلغان ئىبراھىم لاقايبەگ، ئورتا ئاسىياغا قاراپ ئىچكىرىلەپ يۈرۈش قىلىدۇ. تەخمىنەن 3 ئاي سوۋېت قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ يۈرىدۇ. ئاخىرى 12- ئىيۇل كۈنى ئاقباشتاۋ تەۋەسىدە، 4000 كىشىلىك بىر قىزىل ئارمىيە قىسمى بىلەن توقۇنۇشىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا 974 نەپەر جەڭچىسىدىن ئايرىلغان لاقايبەگنىڭ ئۆزىمۇ يارىدار بولىدۇ. 23- ئىيۇل كۈنى كافىرنىخان ئۆستىڭىنى كېچىپ ئۆتمەكچى بولۇۋاتقىنىدا سۇلتانوۋ قوماندانلىقىدىكى گ پ ئۇ ئەترىتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ، ئەتىسى تاشكەنتكە كەلتۈرۈلىدۇ. سوراق قىلىش ۋە سوت ئىشلىرى تەخمىنەن بىرەر يىلدەك داۋام قىلىدۇ. ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىبراھىم لاقايبەگ، 1932- يىلى 31- ئاۋغۇست كۈنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ سۇنماس ئىرادىلىك يېتەكچىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئورتا ئاسىيادىكى باسمىچىلىق روھىمۇ ئاخىرلاشقان ھېسابلاندى.
شىر مۇھەممەتبەگ، 1929- يىلى ئىنىسى نۇر مۇھەممەتبەگ ۋاسىتىسى بىلەن ئورتا ئاسىياغا قارىتا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىر ھەرىكەت قىلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئىبراھىم لاقايبەگنىڭ توسالغۇلۇق قىلىشى تۈپەيلىدىن ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ بۇ مەغلۇبىيىتى ئاكا- ئۇكا ئىككىسىنىڭ ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىچكى ئۇرۇشتا غالىپ كېلىپ ئافغانىستان ھاكىمىيىتىنى تارتىپ ئېلىۋالغان نادىرخان، ئىبراھىمبەگ لاقاينىڭ دۈشمىنى دەپ تونۇلغان بۇ ئىككى ئاكا- ئۇكىغا سىلىق مۇئامىلە قىلىپ،212 بۇرۇنقى ئورنىنى ساقلاپ قېلىشىغا كۆز يۇمغان ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە شىر مۇھەممەتبەگكە دۆلەتتىن بېرىلىدىغان 500 رۇپىيىلىك مائاشنىمۇ توختاتماي بېرىپ تۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئىككى ئاكا- ئۇكا ئۈچۈن ئالغاندا، تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن چارىكار دېگەن يەردە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ھايات كۆچۈرۈشتىن باشقا چارىسى قالمىغان ئىدى. ئەمما، ھاياتلىق داۋام قىلىۋېرىدۇ. دۇنيا ۋەزىيىتى ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىغا قاراپ تېز قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، شۇ چاغدا بۇ سەھنىنىڭ كونا رولچىلىرى يەنە قايتا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ كۈنلەرگە كەلگىنىدە شىر مۇھەممەتبەگ بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى نۇر مۇھەممەتبەگ، كەلگۈسى ۋەزىيەتتە يەنە ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك ئورنىنى ئېلىپ، ئافغانىستان تەۋەسىدە قايتا باشلىتىلغان يوشۇرۇن پائالىيەتلەر ئىچىدە رول ئوينايدۇ.
شىر مۇھەممەتبەگنىڭ مۇھىم كوماندىرلىرىدىن يۈسۈپ قۇربېشى ئۇنىڭدىن رۇخسەت ئېلىپ ، 1930- يىلىنىڭ باشلىرىدا شەرقىي ئورتا ئاسىيادا قوزغالغان مۇستەقىللىق كۈرىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن قەشقەرگە كېتىدۇ.
فۇزەيل مەخدۇم، باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقانلىقى سەۋەبىدىن، ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ھەرەمگە ماڭىدۇ. ئۇ ئەمدى ھاجى ئابدۇلكېرىم دېگەن ئىسىم بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئافغانىستانغا قايتىپ كېلىپ كابۇلدا ئولتۇراقلىشىدۇ.
كونا چېكا كادىرلىرىدىن بىرى بولغان تۇراپبەگ، ئورتا ئاسىيا مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى باشلانغان يىللاردا ئورتا ئاسىيا مىللىي ئاۋام ئىنقىلابىي جەمئىيەتلىرى تەرىپىدىن رۇسىيە مەخپىي ئاخبارات ئورۇنلىرى ئىچىگە كىرگۈزۈۋېتىلگەن جاسۇس ئىدى. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى باسمىچىلار ئەترەتلىرىنى يوشۇرۇن ئاخباراتلار بىلەن تەمىنلەش ئىدى. 1922- يىلىنىڭ ماي ئېيىدا مامۇر نىياز بىلەن بىرگە باسمىچىلار ئەترىتىگە قوشۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا قۇربېشىلىققا كۆتۈرۈلۈپ، ئەنۋەر پاشا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلىدۇ. كېيىن ھاجى سەمىنىڭ ئەترىتى بىلەن بىرگە ئافغانىستان تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئافغانىستاندىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئۇقتۇرۇش قىلىنغىنىدا ئەترىتى بىلەن بىرگە مەشھەتكە بېرىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالىدۇ. مەشھەتكە بارغىنىدىن كېيىن مۈپتى سەدىردىنخان بىلەن بىرگە ئىراننىڭ خۇراسان دېگەن يېرىدە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ جەرياندا سوۋېت جاسۇسلىرى ئۇنىڭ پېيىغا چۈشىۋالغان ئىدى. بۇ جاسۇسلار ئۇنى قاچۇرۇپ چېگرادىن ئېلىپ چىقىپ، تاشكەنتتە تەشكىللەنگەن سوتتا سوتلىشىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ دەرھال ئېتىپ تاشلايدۇ (ئابدۇللا رەجەپ بايسۇننىڭ ئەسلىمىلىرىدە تۇراپبەگ، ئىران- سوۋېت چېگراسىدىن ئۆتۈپ تۈركمەنىستانغا كىرمەكچى بولۇۋاتقىنىدا چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى يېزىلغان. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
ئافغانىستانغا ئۆتۈپ كەتكەن قۇربېشىلىرنىڭ بەزىلىرى تۈركىيەگە، يەنە بەزىلىرى ھىندىستان ياكى ئەرەبىستانغا كېتىۋالىدۇ. مۇتلەق كۆپ قىسمى ئافغانىستاندا قالىدۇ.213 سۇلتانبەك، جانىبەك قازى، ھاجى پارپى قاتارىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر بولسا، شەرقىي ئورتا ئاسىيا تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ يەردە 1932- يىللىرى پارتلىغان شەرقىي ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىگە قاتنىشىدۇ. تۈركىيەگە كەتكەن مەمۇر نىيازى، ھەمراقۇلبەگ ۋە ئاچىلبەگلەر 1926- يىلىدىن باشلاپ ئىستانبۇلدا قانات يايغان ئورتا ئاسىيا مىللىي بىرلىك ھەرىكىتىگە قاتنىشىدۇ.
تۈركمەن بۈركۈتى دەپ تونۇلغان جۈنەيتخان، 1927- يىلىغا كەلگۈچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىگەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئاخىرىدا ئۇنىڭ بىلەن يارىشىش تەكلىپىنى قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇنى ئادەملىرىنىڭ قوراللىرىنى ساقلاپ قېلىشىغا رۇخسەت قىلىپ ئۆرگەنچ تەۋەسىدىكى بىر يېزىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ ھالەت، ھەر ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان بىر ئەھۋال ئەمەس ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇرۇش قايتىدىن باشلىنىدۇ. ئەمما كۈچلۈك سوۋېت قوشۇنلىرى ئالدىدا جۈنەيتخان ئارتۇق تىركىشىپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا، 1928- يىلىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا 1100 كىشىلىك قوراللىق قوشۇنىنى ئېلىپ ئىرانغا بېرىپ پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئىران ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قورال تاپشۇرۇشقا قىستاپ تۇرۇۋالغاچقا، ياردەمچىسى ئاناقۇلى قۇربېشى بىلەن بىرگە ئافغانىستان تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ. دەسلىپىدە چار رۇسىيەگە قارشى جەڭ قىلغان، كېيىن يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى مۇستەقىللىق كۈرىشى بىلەن ئۇزۇن يىل شۇغۇللانغان بۇ ئۇلۇغ جەڭچى، ئۇ يىللىرى 80 ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى. ئافغانىستانغا بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھېرات ئەتراپىدىكى تەيمەنە دېگەن بىر كەنتتە بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ.214

ئورتا ئاسىيالىقلار ياۋروپادا

ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ ياۋروپا سىياسىي سەھنىلىرىدە تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىشى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى يىللىرىغا توغرا كەلمەكتە. 1915~1916- يىللىرىدا ئورتا ئاسىيا تەۋەسى بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغان تۈركىي ئەللىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت، ياۋروپاغا بېرىپ رۇسىيە مۇستەملىكە قىلىۋالغان مىللەتلەر مەسىلىسىگە دائىر ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە ياۋروپا ساياھىتىگە چىقىدۇ. بۇ ھەيئەت، ئورتا ئاسىيا ۋەكىلى مۇقىمدىن بەگجان، قازان ۋەكىلى يۈسۈپ ئاقچۇرا، ئەزەربەيجان ۋەكىلى ھۈسەيىنزادە ئېلى ۋە قىرىم ۋەكىلى چەلەبىزادە مەھەممەت ئەسەت قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى. بۇ ھەيئەت زىيارىتىنى 1915- يىلى يانۋار ئېيىدا ۋېنگىرىيەنى زىيارەت قىلىش بىلەن باشلايدۇ. بۇداپېشتتا رەئىس ۋەكىلى تىزسا ۋە پارلامېنت رەھبەرلىرىدىن ئاندراسى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەن ھەيئەت ئەزالىرى، ئۇلارغا رۇسىيە مۇستەملىكە قىلىۋالغان تۈركى ئەللىرىنىڭ خەرىتىسى ئىلاۋە قىلىنغان بىر دوكلات سۇنىدۇ. بۇ دوكلاتتا ھەر بىر رايونغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي مەلۇماتلار، تۈركىي قوۋملىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي- مەدەنىي تەشكىلاتلىرى، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە زىيارەت قىلىنغان ئەللەردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى بايان قىلىنغان ئىدى. ۋېنگىرىيەدىن كېيىن ۋيېنناغا بارغان ھەيئەت ئەزالىرى، بۇ يەردە ئاۋسترىيە رەئىس ۋەكىلى ستورك ۋە تاشقى ئىشلار ۋەكىلى فورگاچ بىلەن كۆرۈشىدۇ. بۇ ھەيئەت بېرلىنغا كېلىپ گېرمانىيە تاشقى ئىشلار نازىرى پاگۇ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى زىممېرمان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى بۇلغارىيە زىيارىتى بىلەن ساياھىتىنى تاماملايدۇ. بۇلغارىيەگە كېلىپ رەئىس ۋەكىلى رادوسلاۋوۋ ۋە بىر قىسىم سىياسىي ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارغىمۇ دوكلاتىنى سۇنىدۇ.
بۇنىڭغا ئوخشىغان يەنە بىر ھەيئەت، 1916- يىلى ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم ياۋروپاغا بېرىپ 6- ئاينىڭ 27~29- كۈنلىرى لوزان شەھىرىدە چاقىرىلغان بىرلەشكەن ئەللەر ئۈچىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدۇ.215 بۇ يېڭى ھەيئەت تەركىبىدە ئالدىنقى قېتىملىق ھەيئەتتىكى يۈسۈپ ئاقچۇرا بىلەن مۇقىمېددىن بەگجانلار بىلەن بىرگە، يەنە قازاق- قىرغىز رايونىغا ۋاكالىتەن ئەخمەتئوغلى سافا، قۇمۇقلارغا ۋاكالىتەن ئەخمەت سائىپ ئاسلانوۋ، داغىستان ۋەكىلى بولۇپ سېيىت تاھىر ئەپەندى ۋە چەركەزلەر نامىدا ئەزىز مەكەر قاتارلىق كىشىلەرمۇ بار ئىدى. بۇ ھەيئەتنىڭ رەسمىي نامى ئۈچۈن «رۇسىيە مۇسۇلمان تۈرك ۋە تاتار مۇدافىيەئىي ھوقۇق جەمئىيىتى» دېگەن ئىسىم تاللىۋېلىنغان ئىدى. ھەر بىر ۋاكالەتچى ئۆز خەلقىنىڭ مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەييارلىغان دوكلاتلىرىنىمۇ قۇرۇلتايغا سۇنىدۇ. مۇقىمەددىن بەگجان چاغاتاي مىللىتى نامىدا سۇنۇلغان ئۈچ بەتلىك دوكلاتىدا، بۇخارا ۋە خىۋە خانلىقلىرى بىلەن رۇسىيە ئورتا ئاسىياىنىڭ بەش ۋىلايەت خەلقلىرىنى “چاغاتاي مىللىتى” دەپ تونۇشتۇرغان ئىدى. بۇ جايلارنى رۇسىيەلىكلەرنىڭ ئىشغال قىلىۋېلىش جەريانى تونۇشتۇرۇلغان بۇ دوكلاتتا، بۇخارا بىلەن خىۋە خانلىقلىرى ئۈچۈن تولۇق مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، قالغان رايونلار ئۈچۈنمۇ مەدەنىي جەھەتتىكى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىنغان ئىدى. قىرغىز- قازاق ۋاكالەتچىسى سافا ئەپەندىنىڭ تۆت بەتلىك دوكلاتىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدىغان تارىخىي ۋە سىياسىي ئەھۋاللار تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن قازاقىستانغا ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، رۇسىيە بىلەن بولغان چېگرا سىزىقىنىڭ ئۇبۇلخەيرى خان دەۋرىدىكى ھالىتى ئاساس قىلىنىشى، رۇسىيەلىكلەر بىلەن قازاقلارنىڭ قانۇن ئالدىدا ھوقۇقتا باراۋەر بۆلىشى ھەمدە بۇ جايلاردىن ئېلىنىدىغان باجلارنىڭ قازاق- قىرغىز خەلقىگە ئىشلىتىلىشى لازىم دېگەندەك تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
تۈركىيە ئارمىيىسى كاپكازىيىگە قارىتا ھەرىكەت باشلىغان 1917- يىلى، سادرازام (ۋەزىر) تەلەت پاشانىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن رۇسىيە تۈركلىرىنىڭ ئىزچىل پائالىيەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قېلىش مەقسىتىدە شۋېتسارىيىدە دائىملىق بىر بيۇرو ئېچىش قارارى ئېلىنغان ئىدى. بۇ بيۇرودا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتچىلەر ھەيئىتى، مۇستەملىكە ئاستىدىكى تۈركى ئەللىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى خەلقئارالىق سورۇنلاردا تونۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان بولىدۇ. بۇ ھەيئەتنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپرۈلۈزادە فۇئات ئەپەندى مەسئۇل قىلىپ بەلگىلەنگەن ئىدى. بۇ ھەيئەت تەركىبىدىكى ئورتا ئاسىيا ۋاكالەتچىلىكى ئۈچۈن ئورتا ئاسىيا ئىتتىھات ۋە تەرەققىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلغا ئەۋەتىلگەن مۈپتى سەدىردىنخان كۆرسىتىلگەن ئىدى (زەكى ۋەلىدىي تۇغان: «بۈگۈنكى تۈرك ئېلى ئورتا ئاسىياى ۋە يېقىنقى زامان تارىخى» ناملىق كىتابىدا − 480- بەتلەر − بۇ ھەيئەتكە نۇرەتتىنبەگ خۇدايارخانوۋنىڭمۇ ئورتا ئاسىيا ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە قاتناشقانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئەمما سەدرىددىنخاننىڭ كۈندىلىك خاتىرە دەپتىرىدە بۇ ئىسىمنى پەقەتلا ئۇچۇرتالمايمىز. شۇنىڭدەك يەنە ئورتا ئاسىيادىن ئىستانبۇلغا ئەۋەتىلگەن ئورتا ئاسىيا ئىتتىھات ۋە تەرەققىي جەمئىيىتى ئەزالىرى ئىچىدىمۇ بۇ ئىسىم كۆرۈنمەيدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). قالغان ئەزالار قازى ئابدۇرېشىت ئەپەندى،216 ئەزەربەيجانلىق ھۈسەيىنزادە ئېلى، قازانلىق ئوسمان توقۇمبەت، ئاتاۋۇللا باھائىدىن ۋە خەلىم سابىت قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى. ھەيئەت ئەزالىرى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى يولغا چىقىدۇ. ۋارناغا يېتىپ كەلگىنىدە ۋېنگىرىيەدە ئىنقىلاب پارتلاپ كېتىپ، يولىنى ئۆزگەرتىپ ئودىسسا ئارقىلىق گېرمانىيەگە ئۆتمەكچى بولىدۇ. ئەمما بۇ يولمۇ ئېتىلىپ قالغاچقا، بۇ ھەيئەت نويابىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىستانبۇلغا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
ئۇ يىللىرى ئورتا ئاسىيا مەسىلىسىنى ياۋروپا ئەللىرىنىڭ كۈنتەرتىپى كىرگۈزۈشنى ئويلىغان يەنە بىر سىياسەتچى، شىر ئېلى لاپىن دېگەن زات ئىدى. ئورتا ئاسىيا ئۆلىمالار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ھەمدە بولشېۋىكلەر ئىنقىلابى يۈز بەرگەن ۋاقىتلاردا تاشكەنتتە يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي ۋەقەلەردە مۇھىم رول ئوينىغان لاپىن، 1918- يىلى 10- ئاينىڭ باشلىرىدا سادىرازام تەلەت پاشا يېزىپ بەرگەن خەتنى ئېلىپ گېرمانىيەگە كېلىدۇ. ئۇ يەردە ئۆزىنى ئورتا ئاسىيا مۇختارىيىتىنىڭ پارلامېنت رەئىسى ۋە ئورتا ئاسىيا ئۆلىمالار پىرقىسىنىڭ ۋاكالەتچىسى دەپ تونۇشتۇرىدۇ. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن كۆرۈشۈش جەريانىدا ئۇلارغا ئورتا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك بىر دوكلات سۇنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيەدە كېسەل بولۇپ قالغان شىر ئەلى لاپىن، 1919- يىلىنىڭ فېۋرال ئېيىدا ئورتا ئاسىياغا قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ۋاپات بولىدۇ.
قوقان مۇختارىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئورتا ئاسىيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى ئايلىنىپ چىققان مۇستاپا چوقايئوغلى، ئاخىرىدا گىرۇزىيەگە كېلىپ ئۇ يەردە نەشرىياتچىلىق پائالىيەتلىرىنى باشلايدۇ. 1919- يىلى 2- ئاينىڭ 21- چېسلا كۈنى پارىژدا چاقىرىلغان ۋېرساي تىنچلىق قۇرۇلتىيىغا رۇسىيە تەۋەسىدە ياشايدىغان قوۋملارنىڭ “رۇسىيەدە دېموكراتىك فېدېراتسىيەلىك جۇمھۇرىيەت پرىنسىپلىرى ئاساسىدا ئۆز ئارزۇلىرى بويىچە ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش” دېگەن مەزمۇندا بىر پارچە تېلېگرامما يوللايدۇ. گىرۇزىيە بولشېۋىكلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغاندىن كېيىن تۈركىيە ئارقىلىق پارىژغا بارغان چوقاي ئوغلى، رۇسىيە دۇما قۇرغۇچى ۋەكىل سۈپىتى بىلەن ھەر خىل نەشرىيات ئەپكارلىرىغا ماقالىلەر يېزىشقا كىرىشىدۇ.
(رەسىم ئورنى)
رۇسىيە مۇسۇلمان يېتەكچىلىرى: سولدىن ئوڭغا بىرىنچى رەتتە: مۇستاپا چوقايئوغلى، ئەخمەت سالىخوپ ۋە شېرىپ ماناتوۋ. ئۆرە تۇرغانلار: ئوسمان توقۇمبەتوۋ، ئۆمەر تۈرەگولوۋ ۋە سۇلتان ئەلىيېۋ. تىبىلىس، 1920- يىلى (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)
1923- يىلىغا كەلگەندە، ئورتا ئاسىيادا باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرى ئاساسەن ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئافغانىستاندا تۇرۇپ بىرەر سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقى بارغانسېرى ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ. 1924- يىلىنىڭ بېشىدا، چەت دۆلەتلەردە ئورتا ئاسىيا مىللىي ئەركىنلىك ھەرىكىتىنى ئۈستىگە ئالالىغۇدەك خادىملار فىرانسىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە، ئىران ۋە ھىندىستان قاتارلىق ئەللەرگە تارقىلىپ كېتىدۇ.217 ئۇ ۋاقىتلاردا مۇستاپا چوقايئوغلى پارىژدا تۇراتتى. زەكى ۋەلىدى ئەپەندى بولسا، دوستى فەتقۇلقادىر ئەپەندى بىلەن بىرگە ھىندىستان ۋە تۈركىيە يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا قاراپ يولغا چىققان ئىدى. ئوسمان غوجا بىر قىسىم دوستلىرى بىلەن بىرگە تۈركىيەدە تۇرۇپ قېلىش نىيىتىگە كەلگەن ئىدى. مۈپتى سەدىردىن، ئابدۇلخەمىت ئارىپ ۋە تۇراپبەگ قاتارىدىكى داڭلىق كىشىلەر بولسا ئىراندا، يەنى ئورتا ئاسىيا چېگرالىرىغا ئەڭ يېقىن جاي بولغان مەشھەت شەھىرىگە جايلىشىۋالغان ئىدى. بۇخارا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئافغانىستان ۋاكالەتچىلىكىنى ئۆتىگەن ھاشىم سايىق، ئافغانىستان مائارىپ نازارىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.
ئاكتىپ پائالىيەت قىلالايدىغان بىر سىياسىي سورۇن ئۇيۇشتۇرماي تۇرۇپ چەت دۆلەتلەردە ئورتا ئاسىيا مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانى يوقلۇقى ئېنىق ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، جەمئىيەت يېتەكچىسى ئەخمەت زەكى ۋەلىدى بىلەن باشقا يېتەكچى كىشىلەر بۇنداق بىر سورۇننى نەدە ۋە قايسى خىل شەكىلدە قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە كىرىشىدۇ.218 ئورتا ئاسىيالىق كۆچمەنلەر زىچ جايلاشقان ئافغانىستان بىلەن ئىران، ئەينى ۋاقىتتا ئورتا ئاسىياغا بىۋاسىتە چېگرىداش بولۇشتەك مۇھىم بىر ئەۋزەللىككە ئىگە دۆلەتلەردىن ئىدى. ئەمما بۇ ئىككىلا دۆلەتتە سىياسىي مەركەز قۇرۇپ چىقىش ھەمدە ئاشكارا شەكىلدە سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىمكان يوق ئىدى. بۇنىڭغا ئوخشاش ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان ھىندىستاندا بولسا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ھېچقانداق بىر پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغىلى بولمايتتى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە بىلەن ياۋروپانى ئويلىنىشقا توغرا كېلەتتى. يېڭى قۇرۇلغان ياش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، ئورتا ئاسىيالىق مۇساپىرلار بىلەن كۆچمەنلەر ئۈچۈن ئالغاندا ئىككىنچى ئانا ۋەتەن ھېسابلىناتتى. ئەمما يېڭى قۇرۇلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرىدىغان بىر سىياسىي كۈرەشكە ساھىبخانىلىق قىلىش ئىشىنى خالىمايتتى. نەتىجىدە، ئورتا ئاسىيا تېررىتورىيىسىگە بەك يىراق ھەمدە ئورتا ئاسىيالىق مۇساپىر سانى يوق دېيەرلىك بولۇشىغا قارىماي، ئاشكارا شەكىلدە سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ئورتا ئاسىيا مەسىلىسىنى خەلقئارالىق سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقىش نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئەللەردىن فىرانسىيە، گېرمانىيەگە ئوخشاش ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۇلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا ئىدى. ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئورتا ئاسىيالىق يېتەكچىلەر بۇ دۆلەتلەرگە يۈزلىنىشكە باشلايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ كېيىنكى يىللاردا ئافغانىستان، ئىران، ھىندىستان ۋە بىر قىسىم ئەرەب ئەللىرىدە ھەر خىل تەشكىلاتلار كۆرۈنگەندەك قىلسىمۇ، بۇ ئەللەردىكى سىياسىي مۇھىت، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ كۈچىيىپ بىر سىياسىي ھەرىكەت ھالىتىگە ئايلىنالىشىغا يول قويمايدىغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ.

سىياسىي تەشكىلات قۇرغۇچى يېتەكچىلەر
تارىختىن بۇيانقى ھەرقانداق بىر سىياسىي ھەرىكەتنىڭ شەكىللىنىشى، مۇكەممەللىشىشى ۋە ھەرىكەت ئالاھىدىلىكلىرى ئاساسەن بۇ ھەرىكەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغان رەھبەرلەرگە باغلىق بولۇپ كەلمەكتە. ئورتا ئاسىيالىق زىيالىيلارنىڭ چەتئەللەردە قانات يايدۇرغان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىمۇ بۇ تۈپكى قانۇنىيەتتىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى. چەتئەللەردىكى ئورتا ئاسىيا ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەرنى ئىقتىدارلىق يېتەكچىلەر باشلىتىش نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئۇنچە تەلەيلىك دەپ ئېيتالمايمىز. ئەسلىدە ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە قانات يايدۇرۇلغان مىللىي كۈرەشلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى بۇ كۈرەش جەريانىدا تازىلىۋېتىلدى ياكى سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدە قالغان ئىدى. دەسلىپىدە بولشېۋىزمنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى بىلەن ئۇنىڭ ئەسلى خاراكتېرىنى ئېنىق پەرق قىلىپ كېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، زىيالىيلار تەبىقىسىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئاستىدا مىللىي دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ چىقىشقا بولىدۇ دەپ ئىشىنىپ ۋەتەن ئىچىدە قېلىش يولىنى تاللىۋالغان ئىدى. قىسقىچە ئېيتقاندا ئورتا ئاسىيادىن چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن زىيالىي پائالىيەتچىلەر بىلەن يېتەكچىلەر سان جەھەتتىن بەكلا يىتەرسىز قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ يېتەكچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئورتا ئاسىيا تېررىتورىيىسىنىڭ ئايرىم- ئايرىم رايونلىرىدا،219 تۈپتىن پەرقلىق دەۋرلىرىدە كۈرەش پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەر ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلار بىر- بىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىق ھەرخىل دۇنيا قاراشلارغا ئىگە كىشىلەردىن تەركىب تاپماقتا ئىدى.
(رەسىم ئورنى)
مۇستاپا چوقاي ئوغلى (1920- يىللار ئەتراپىدا)، زەكى ۋەلىدى تۇغان (1920- يىلى ئەتراپىدا)، ئوسمان غوجا ئوغلى (1931- يىلى)
رەسىم: ئورتا ئاسىيا مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئۈچ نەپەر يېتەكچىسى220
ئورتا ئاسىيادىكى مىللىي ئازادلىق پائالىيەتلىرىگە بىۋاسىتە قاتنىشىپ، بۇ پائالىيەتلەرنى سىياسىي پىلان بويىچە بارلىققا كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلغان، ئۇنىڭدىن كېيىن چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن سىياسىي يېتەكچى دەپ قاراشقا بولىدىغان كىشىلەردىن مۇستاپا چوقاي ئوغلى، زەكى ۋەلىدى تۇغان ۋە ئوسمان غوجا ئوغلى قاتارلىق 3 كىشىنى كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن. ئورتا ئاسىيا سىرتىدا قانات يايدۇرۇلغان سىياسىي كۈرەشلەرنىڭ 1924- يىللىرىدا باشلىنىپ 1939- يىلىغىچە قانات يايدۇرۇلغان بىرىنچى دەۋرىنى، ئاساسەن يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن 3 نەپەر يېتەكچى شەكىللەندۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلىش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بۇ دەۋردىكى ئورتا ئاسىيا ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەرنىڭ ئەھمىيىتىگە توغرا باھا بېرىشتە بۇ ئۈچ نەپەر لىدېرنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن سىياسىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن تولۇق خەۋەر تېپىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
1900- يىللىرى چار رۇسىيە تەۋەسىدە بارلىققا كەلگەن سىياسىي ئۆزگىرىش دەۋرى بىلەن تۈرك دۇنياسىدا باشلانغان جەدىتچىلىك ھەرىكەتلىرى، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكىگە ئوخشاش ئورتا ئاسىيادىمۇ ياش سىياسىيونلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلاپ بەرگەن ئىدى. ئەنە شۇ داۋالغۇشلۇق دەۋرلەردە سىياسىي سەھنىگە چىققان ياشلاردىن بىرى مۇستاپا چوقاي ئوغلى ئىدى. ئۇ، قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ۋاقىتلىرىدىلا رۇسىيە دۇماسىنىڭ قۇيرۇقلۇق كاستۇم كىيگەن مۇسۇلمان ھەيئىتى (فراكسىيونى) ئىچىدە ئورتا ئاسىيا گوبېرناتورلۇقى تەۋەسىنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. كېيىنكى دەۋرلەردە گىرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولىدىغان چېنكېلى تەرىپىدىن “ئۇ بولمىسا ئىدى، مۇسۇلمانلار فراكسىيونى ئۇنچە ئۇزۇن بەرداشلىق بېرەلمەس ئىدى” دەپ باھالانغان بۇ ياش ئەزىمەت، 1917- يىلىنىڭ دېكابىر ئېيىدا قۇرۇلغان قوقان ئاپتونومىيىلىك ھۆكۈمىتىدە ئاۋۋال تاشقى ئىشلار نازىرى،  كېيىن ھۆكۈمەت رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
1890- يىللىرى، ئاقمەسچىتتە داڭلىق بىر قازاق ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن چوقايئوغلى، 27 ياش ۋاقىتلىرىدىلا يېڭىدىن قۇرۇلغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىدۇ. ئەمما ئۇ، بۇ ياش دۆلەت بولشېۋىكلەر تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ چەتكە چىقىپ ئاۋۋال تىبىلىستا تۇرۇپ قالىدۇ. ئۇ يەردە ئەخمەت سالىخوپ تەرىپىدىن چىقىرىلىۋاتقان «ۋولنىي گورېتس» (ئەركىن تاغلىقلار) ۋە «باربا» (ئۇرۇش) قاتارىدىكى گېزىتلەردە بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كېيىن، گىرۇزىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ياردىمى بىلەن «نا رۇبېژې» (چېگرا بويلىرى) نامىدا بىر گېزىت (ژۇرنال دېمەكچى بولسا كېرەك. − ئۇ.ت) چىقىرىدۇ. ئۇكرائىنالىق مۇساپىرلارنىڭمۇ ياردىمىنى ئېلىپ چىقىرىلغان بۇ ژۇرنالنى ئاران 6 سان نەشر قىلدۇرالايدۇ. 1921- يىلى فېۋرال ئېيىدا گروزىيەنىمۇ بولشېۋىكلەر بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئايالى بىلەن بىرگە ئىستانبۇل ئارقىلىق پارىژغا بېرىۋالىدۇ.221
چوقايئوغلى، ئۇ ۋاقىتلاردا دېموكراتىك بىر رۇسىيەنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىغا، شۇنىڭدەك بۇنداق بىر رۇسىيە تەۋەسىدە ئاپتونومىيىلىك بىر ئورتا ئاسىيا تەشكىل قىلىشقا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئەسلىدە كادېت پارتىيىسىگە قاتناشقانلار ياكى بۇ پارتىيىگە قىزىقىدىغان بارلىق ئازسانلىق مىللەت يېتەكچىلىرىمۇ ئەنە شۇنداق بىر كۆز قاراشتا ئىدى. ياۋروپاغا بېرىشتىن بۇرۇن، پارىژدا چاقىرىلغان ۋېرساي تىنچلىق قۇرۇلتىيىغا تىبىلىستىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسىدىكى تۆۋەندىكى قۇرلار، چوقاي ئوغلىنىڭ ئەينى ۋاقتىدىكى بۇ قارىشىنى ئوچۇق كۆرسەتمەكتە:
ئورتا ئاسىيادا ياشايدىغان قوۋملار ئۆز ئارزۇلىرىنى رۇسىيەدە قۇرۇلىدىغان دېموكراتىك ۋە فېدراتىلىك جۇمھۇرىيەت تەۋەسىدە ئەركىن ئوتتۇرىغا قويۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى لازىم.
يەنە بىر تەرەپتىن، چوقاي ئوغلى قوقاندە قۇرۇلغان مۇختارىيەت ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن دەرھال چەتكە چىقىپ كەتكەچكە، نە بولشېۋىكچىلىق بىلەن ياكى بۇنداق بىر ھاكىمىيەت سىستېمىسىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇرۇس شوۋىنىزمى بىلەن پەقەتلا ئۇچراشمىغان دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا، چوقاي ئوغلى رۇسىيە سوتسىيال دېموكراتلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل تۈردە ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان بىر گەۋدە ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشنى بىردىن بىر مەقسەت قىلىشقان دېموكراتىك رۇسىيە پۈتۈنلىگىنى بەرپا قىلىش دەيدىغان كۆز قاراشنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە، ئۇ دەۋرلەردىكى نۇرغۇنلىغان ئورتا ئاسىيالىق ئىلغار كىشىلەرنىڭ كۆزقارىشىغا ئوخشاش، ئۇنىڭدىمۇ ئەگەر تولۇق مۇستەقىل ئورتا ئاسىيا قۇرۇلسا ئۆز ئالدىغا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارالىق كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ئىچىدە مۇستەقىل مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمايدۇ دەيدىغان كۆزقاراش مەۋجۇت ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئورتا ئاسىيادىن ئايرىلىپ خېلى يىللار ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، يەنى 1923- يىلى، «ئورىېنت ئېت ئوكسىدېنت» دېگەن بىر فرانسۇزچە ژۇرنالدا ئېلان قىلغان «رۇسىيە سىياسىتى ۋە ئورتا ئاسىيا مىللىي سىياسىتى» دېگەن تېمىلىق ماقالىسىدە تىبىلىستىن ۋېرساي تىنچلىق قۇرۇلتىيىغا ئەۋەتكەن تېلېگراممىسىدىكى كۆزقاراشلىرىنى يەنە بىر قېتىم قايتا تەكرارلىغان ئىدى. خېلى ئۇزۇن سەھىپىلىك بۇ ماقالىسىدە تىلغا ئېلىنغان مەزمۇنلار ئورتا ئاسىيانىڭ تۈرك ئىسلام دۇنياسىدا تۇتقان ئورنى، ئورتا ئاسىيانىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشى، رۇسىيە مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى، 1917- يىلقى ئىنقىلاب، ئورتا ئاسىيادا بولشېۋىكلەر، ئورتا ئاسىيادا ئاپتونومىيە ھەرىكەتلىرى، سوۋېت سىياسىتى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئاچارچىلىق، مائارىپ ۋە ئىقتىسادىي ئىشلار جەھەتتىكى مەغلۇبىيەتلىرى ۋە مۇستەقىللىققا قاراپ ئىلگىرىلەش دېگەندەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، بۇ ماقالە بىر ئورتا ئاسىيالىق تەرىپىدىن يېزىلىپ ياۋروپا ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان تۇنجى ئىلمىي ۋە سىياسىي ماقالە بولۇش نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىلمىي ماقالە ھېسابلىنىدۇ.222
بۇ تۈردىكى كۆزقاراشلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان چوقاي ئوغلى، پارىژغا كەلگىنىدىن كېيىن چەتئەلدە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن بولشېۋىزمغا قارشى كۆزقاراشقا ئىگە رۇسىيە سوتسىيال دېموكراتلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ يەنە مېنشېۋىكلار لىدېرى كېرېنسكى تەرىپىدىن چىقىرىلغان «دنى»، كادېت پارتىيىسىنىڭ لىدېرى مىليۇكوۋ تەرىپىدىن چىقىرىلغان «پوسلېدنىيا ناۋوستى» گېزىتلىرىدىمۇ بىر مەزگىل كوررېكتور بولۇپ ئىشلىگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۇ يىللاردا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، كۆزقاراشلىرى ۋە سوتسىيال دېموكراتچى رۇسىيەلىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى كېيىنكى ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ زەكى ۋەلىدىي قاتارلىقلار تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىد قىلىنىشقا ئۇچراپ، ھەرخىل ئىچكى زىددىيەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، زەكى ۋەلىدىي، چوقاي ئوغلى بىلەن پارىژدا تۇنجى قېتىم كۆرۈشكىنىدىلا چوقاي ئوغلىنىڭ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇستەقىل ئورتا ئاسىيا قۇرۇش كۆزقارىشىغا قىزىقمىغانلىقىنى، قازانلىق لىدېر سادىر مەقسۇدىي (ئارسال) بىلەن ئەزەربەيجانلىق ئېلى مەردان توپچىبېشى قاتارلىق كىشىلەرنىڭمۇ چوقايئوغلى بىلەن ئوخشاش كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار بىلەن چىقىشالمىغانلىقى ھەققىدە توختالغان.
ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئورتا ئاسىيانى بولشېۋىكلەر پارچىلاپ بۆلىۋېتىشى ھەمدە يېڭىدىن مەمۇرى رايونلارغا ئايرىۋېتىلىشى، دېموكراتىك بىر رۇسىيە، ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قالالايدىغان بىر ئورتا ئاسىيا قۇرۇپ چىقىش دېگەندەك كۆزقاراشلارنىڭ پۈتۈنلەي خام خىيال ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، چوقاي ئوغلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەللەردە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن بارلىق ئورتا ئاسىيالىق زىيالىيلار ئارىسىدا تولۇق مۇستەقىل ئورتا ئاسىيا قۇرۇشنى تەلەپ قىلىش كۆزقارىشى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. كېيىنچە، مۇستاپا چوقاي ئوغلىمۇ ئەنە شۇ دەۋرلەر ھەققىدە توختىلىپ كېلىپ مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ:
1917- يىلىنىڭ باشلىرىدا بىز ھەممىمىز فېدېراتسىيە ۋە ئۇنىتارىستىك دېگەندەك ئورتاق بىر كېسەللىكنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان ئىدۇق. ھەممىمىزنى ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالغان بۇ كېسەللىك، رۇسىيە دېموكراتىك ئىنقىلابىغا قەتئىي ئىشەنگەنلىكىمىزدىن كەلمەكتە ئىدى.
ئەگەر بىز 1917- يىلقى ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدىلا «مىللىي مۇستەقىللىق» دەيدىغان بىرەر پروگراممىنى ئوتتۇرىغا قويالىغان بولساق، خەلقىمىز ئىچىدە بۇنىڭغا قارشى چىقىدىغان بىرەر تەبىقىنىڭ بولۇشىغا شەخسەن مەن ئىشەنمەيمەن. شۇنىڭغا قارىماي، بىز بۇنداق بىر يولغا دەرھال ئاتلىنىپ كېتەلمىدۇق. ھالبۇكى، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك بىزلەر رۇسىيە سوتسىيال دېموكراتىيىسىگە بەكلا ئىشىنىپ كەتكەن ئىدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئۆز دۆلىتىمىزنى قۇرۇپ يولغا سېلىۋالالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنمىگەنىدۇق.223 شۇنداق بولغاچقا، رۇسىيە تەركىبىگە كىرىۋېلىپ ۋەتىنىمىزدە ئۆز ھاكىمىيەت ئورگىنىمىزنى قۇرۇش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش دەيدىغان «فېدېراتسىيە» سىياسىتىدىن بەكلا ئۈمىدلەنگەن ئىكەنمىز.
چەتئەلدىكى ئورتا ئاسىيا ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم يېتەكچىلىرىدىن بىرى قاتارىدا، ھەتتا دەسلەپكى يىللاردا ئەڭ مۇھىم رول ئوينىغان كىشى سۈپىتىدە ئەخمەت زەكى ۋەلىدىي (تۇغان) نى كۆرسىتىپ ئۆتىشىمىز مۇمكىن. قىزىقارلىق بىر بىر شەكىلدە مۇستاپا چوقاي ئوغلى بىلەن ئوخشاش بىر يىل ئىچىدە دۇنياغا كەلگەن باشقىرت تۈركلىرىدىن بولغان بۇ كىشى، كۈچلۈك سىياسىيون بولۇشى بىلەن بىرگە، يەنە ئىنتايىن مۇھىم ئالىم سۈپىتىدە تونۇلۇپ، ئورتا ئاسىيا ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەرنىڭ بارلىق ساھەلىرىدىكى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان. ئۇ، 1917- يىلقى ئىنقىلاب يىلى چاقىرىلغان مۇسۇلمانلار قۇرۇلتىيىدا تېررىتورىيىلىك مۇستەقىل بولۇش كۆزقارىشىنى قوللىغۇچىلار تەرىپىدە تۇرغان بىرى ئىدى. تۇغاننىڭ قارىشى بويىچە ئالغاندا، رۇسىيە ھەر مىللەت ئۆز تېررىتورىيىسى ئىچىدە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىغان دۆلەتلەر ئىتتىپاقى شەكلىنى ئېلىشى كېرەك ئىدى. بۇ دۆلەتلەر سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئاساس قىلىدىغان ھاكىمىيەت پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىش دەيدىغان پەلسەپىگە ئاساسلىنىشى كېرەك ئىدى. ئەنە شۇنداق تۈپكى پرىنسىپ ئاساسىدا، ئىنقىلاب يىللىرىدا ئاپتونومىيىلىك باشقىردىستان دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ (ھەرىكەتنىڭ كېلىش مەنبەلىرى ماۋزۇسىغا قارالسۇن. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
زەكى ۋەلىدىي، ئىنقىلابتىن كېيىن قۇرۇلغان مىللىي باشقىرت ھۆكۈمىتىدە ھەربىي ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، 1919- يىلى ھۆكۈمەت رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى 15 ئاي بويىچە بولشېۋىكلەر ھاكىمىيىتى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئاقلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ. 1920- يىلىنىڭ باشلىرىدا، لېنىن قاتارىدىكى بولشېۋىك رەھبەرلىرىنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىىلىكىنى سېزىپ قالىدۇ. بولشېۋىكلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش دېگەن سۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي قۇرۇق سەپسەتە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. قىزىللار ئالدىنقى سەپتە غەلىبە قىلىپ دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىيەتنى تىزگىنلىگەنسىرى، ئەسلى قىياپىتىنى تەدرىجىي ئاشكارىلاشقا باشلىغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇرۇس شوۋىنىزمى ئاساسىغا قۇرۇلىدىغان كوممۇنىزم تۈزۈمىنىڭ ئۇرۇسلاردىن باشقا مىللەتلەرگە ياشاش ھەققىنى بەرمەيدىغانلىقى ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ. ۋەلىدى، خۇددى سۇلتان غالىيېۋگە ئوخشاش ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى سېزىپ، بولشېۋىك رەھبەرلىرىگە بىر نەچچە پارچە خەت تاشلاپ قويۇپ غىپلا قىلىپ يوقاپ كېتىدۇ. كېيىن ئورتا ئاسىياغا قېچىپ بېرىۋېلىپ، ئۇ يەردىكى مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىگە قوشۇلۇپ كېتىدۇ. بۇ جەرياندا، ئورتا ئاسىيالىق سوتسىيالىست زىيالىيلار تەرىپىدىن قۇرۇلىدىغان سوتسىيالىستلار تۈدەسىنى قۇرۇش ئىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ پارتىيە كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەرك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلىدۇ. 1920- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، زەكى ۋەلىدىي، ئورتا ئاسىيا مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھەرخىل كۆز قاراشتىكى گۇرۇھلار بىرلىشىپ قۇرۇپ چىققان ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلار مىللىي ئاۋام ئىنقىلابىي جەمئىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىدۇ224 باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرى ئومۇمىي يۈزلۈك ئاجىزلىشىش باسقۇچىغا كىرىۋاتقان مەزگىللەردە ئورتا ئاسىيادىن ئايرىلىش قارارىغا كېلىپ، 1923- يىلى ئىران ئارقىلىق ئافغانىستانغا بېرىۋالىدۇ. بىر قىسىم جەمئىيەت ئەزالىرى بىلەن بىرگە ئافغانىستاندا بىر مەزگىل پائالىيەت قىلغاندىن كېيىن ھىندىستانغا كېتىدۇ. كېيىن ئۇ يەردىمۇ تۇرماي تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا بېرىۋالىدۇ.
زەكى ۋەلىدىي تەرىپىدىن يېزىلغان سوتسىيالىستلار تۈدەسىنىڭ 9 ماددىلىق پروگراممىسىنى، بىر ھېسابتا شۇ دەۋرلەردىكى سىياسىي كۆز قاراشلارنىڭ يىغىنچاقلانغان خۇلاسىسى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ پروگراممىنىڭ بىرىنچى ماددىسىدا يەر، سۇ، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلار دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغانلىقى ھەمدە كوپوراتسىيىلەشتۈرۈش پرىنسىپلىرىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە كۆزگە كۆرۈنگۈدەك بىرەر سانائەتلىشىش بولمىغاچقا، ئىشچىلار سىنىپىمۇ يوق ھېسبتا، ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دېھقانلاردىن تەشكىل تاپقان ئەھۋالدا ئىدى. ئەنە شۇ سەۋەبتىن، سوتسىيالىستلار تۈدەسى يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە ئىشلەيدىغان دېھقانلارنى پرولېتارىيات سىنىپى شەكىللەنگۈچە بولغان ئارىلىقتا خەلق ئاممىسىنىڭ ئاۋانگارت كۈچلىرى دەپ قاراشنى تەشەببۇس قىلىشقان ئىدى. بۇ پروگراممىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەمدە ئەركىنلىككە ئېرىشىش غايىسىنى، دېھقانلار سىنىپىنىڭ ئۆز ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كۈرەش قىلىشى ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئىدى (3- ماددا)؛ مەملىكەتنى باشقۇرۇش ئىشى سوتسىيالىزم پرىنسىپلىرى ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە، بۇ مۇستەقىل، دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتنىڭ تۈپكى ۋەزىپىسى، دېھقانلار سىنىپىنى چەكلىمىسىز ھالدا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بۆلىشى لازىم دەپ تەكىتلىگەن ئىدى (4- ماددا). دىن بىلەن دۆلەت ئىشلىرى بىر- بىرىدىن ئايرىۋېتىلىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. ئەڭ ئاخىرقى ماددىسىدا بولسا، ئورتا ئاسىيا سوتسىيالىستلار تۈدەسى ئېزىلگەن سىنىپلار بىلەن ئېكسپىلاتاتسىيىگە ئۇچرىغان مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش پىرىنسىپىنى قوبۇل قىلىدىغان سوتسىيالىستىك ئىنتېرناتسىئونال تەشكىلاتىغا ئەزا بولالايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن ئىدى.
ياۋروپاغا بارغىنىدىن كېيىن تىكلىگەن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن تۈركىيەگە كەلگىنىدىن كېيىن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە قارىغاندا، زەكى ۋەلىدىي خېلى ۋاقىتلارغىچە بۇ خىل كۆز قاراشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. 1926- يىلى ئىستانبۇلدا، بۇ پروگراممىنىڭ ماددىلىرىنى، ئېھتىمال ئۇ ۋاقىتلاردا مۇقىملىشىپ قالغان دۇنيا كۈچ تەڭپۇڭلۇقىغا ئاساسلىنىپ تېخىمۇ كېڭەيتىپ قايتىدىن ئىزاھلاپ بېكىتىپ چىققانلىقى كۆرۈلمەكتە. سوتسىيالىزمنىڭ رۇسىيەدىكى ئىجرا قىلىنىشى پاجىئەلىك ۋە مۇستەبىت بىر تۈزۈمنى پەيدا قىلغانلىقىنى بىۋاسىتە بىلىدىغان، شۇنىڭدەك ئۇنى ياۋروپا ئەللىرىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان تۈزۈم بىلەن سېلىشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالىغان بىرى بولۇشىغا قارىماي، 1926- يىللىرىدىمۇ سوۋېت تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈشكە سەۋەبچى بولۇۋاتقان بىر پەلسەپىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلىقى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئەھۋال.225
بۇ ھادىسىلەر، زەكى ۋەلىدىنىڭ ئەسلدە سوتسىيالىزم ئەقىدىلىرىگە ئىشىنىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيەدە مەيدانغا كەلگەن كوممۇنىزم ئۈلگىسىنىڭ كېڭەيمىچى سىياسىتىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ۋەلىدىنىڭ قارىشى بويىچە ئالغاندا، ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئەندىزىسى ئورتا ئاسىيا بىلەنلا چەكلىنىپ باشقا ئەللەرگە كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيە بولشېۋىزمىنىڭ ئىنتېرناتسىئونالنى ئالاھىدىلىكىگە ئوخشىمايتتى. شۇنداق قىلىپ بۇنداق بىر ئىجتىمائىي تۈزۈم بىر تەرەپتىن مىللىي سوتسىيالىست ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كېڭەيمىچىلىك ئالاھىدىلىكى بولمىغاچقا، رۇسىيە بولشېۋىزمى بىلەن زىتلىشىپمۇ كەتمەيتتى. 1917- يىلقى رۇسىيە مۇسۇلمانلار قۇرۇلتىيىدا ئاياز ئىساقى، سادىر مەقسۇدىي قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تاتار مىللەتچىلىرى بىلەن ئىختىلاپ پەيدا بولغانلىقى، 1920- يىلىغا كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا بولشېۋىك لىدېرلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرغىنىغا ئوخشاش ئەھۋاللار، زەكى ۋەلىدىنىڭ چەتئەلدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى جەريانىدا ھەرخىل زىددىيەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولۇپ بېرىدۇ.
چەتئەلدە قانات يايدۇرۇلغان ئورتا ئاسىيا ئۈچۈن كۈرەش ھەرىكىتىنىڭ ئۈچىنچى مۇھىم ئادىمى − ئوسمان غوجائوغلى ئىدى. بۇ كىشى ئورتا ئاسىيادا 1905- يىلىدىن باشلاپ كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ بېرىۋاتقان جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ، بۇخارادىكى جەدىتچىلار مەكتەپلىرىنىڭ ئېچىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، 1908- يىلى بىر دوستى بىلەن بىرگە تۈركىيەگە كېلىپ ئورتا ئاسىيالىق ياشلارنى ئىستانبۇلدا تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغان «بۇخارا تامىمىي مائارىف جەمئىيەتىي خەيرىيەسى» نامىدا بىر جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدۇ. كېيىنچە بۇخاراغا قايتىپ كەلگەن غوجا ئوغلى، 1918- يىلىدىن باشلاپ «ياش بۇخارالىقلار» نامىدىكى تەشكىلاتنىڭ ئاۋانگارتلىرى قاتارىدا بۇخارا ئەمىرى سەئىد ئالىمخانغا قارشى قانات يايدۇرۇلغان كۈرەشلەرگە قاتنىشىدۇ. بۇخارا ئەمىرى قېچىپ كەتكەندىن كېيىن قۇرۇلغان بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئىچىدە ئاۋۋال مالىيە نازىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن بولسا، بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن باش جۇمھۇر (پرېزىدېنت) بولۇپ سايلىنىدۇ.
ئوسمان غوجائوغلى باش جۇمھۇر بولغان ۋاقىتلاردا موسكۋانىڭ بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى سوۋېتلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشىغا قارشى قاتتىق تىركىشىپ كۈرەش قىلىدۇ. ئۇرۇش ئەسىرى تۈركىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر ئارمىيە قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىپ باقىدۇ. بۇخارا ئەمىرلىكى ئاغدۇرۇلغان يىللاردا سوۋېت قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنىپ موسكۋاغا ئېلىپ كېتىلگەن بۇخارا ئەمىرلىكى خەزىنىسىنىڭ بىر قىسمىنى ئانادولۇ ھۆكۈمىتىگە ياردەم سۈپىتىدە ئەۋەتىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. شەرقىي بۇخارا تەۋەسىگە قىلغان بىر قېتىملىق زىيارىتىدە دۈشەنبىدىكى ئۇرۇس گازارمىسىنىڭ كوماندىرلىرىنى قولغا ئالىدۇ ۋە بىر پارچە بايانات ئېلان قىلىپ،226 ئورتا ئاسىيالىقلارنى ئۇرۇسلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا چاقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەنۋەر پاشا بىلەن كۆرۈشۈپ باسمىچىلىق ھەرىكىتىگە قوشۇلۇپ كېتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، بۇ مەقسەتكە يېتەلمەيدۇ. 1922- يىلىنىڭ باشلىرىدا ئافغانىستان تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇ يەردە سىياسىي ۋە ھەربىي مەركەز تەشكىل قىلىش ئىشلىرىغا دائىر پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت بۇنىڭغا ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، 1924- يىلى ھىندىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە بېرىۋالىدۇ. شۇندىن كېيىن تۈركىيەدە يەرلىشىپ قالىدۇ.

1924- يىلقى بېرلىن قۇرۇلتىيى: ئورتا ئاسىيا مۇسۇلمانلار مىللىي ئاۋام ئىنقىلابىي جەمئىيىتىدىن ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتىگىچە
رۇسىيە ئىنقىلابى پارتلىغان يىللاردا ئۆز پائالىيەتلىرىنى باشقىردىستاننىڭ سىرتىغا، يەنى ئورتا ئاسىيا تەۋەسىگىچە كېڭەيتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، مىللىي ئىنقىلابنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى رەھبەرلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان زەكى ۋەلىدىي، ياۋروپاغا كېلە- كەلمەيلا چەتئەلدە تېزلىكتە بىر تەشكىلات قۇرۇپ چىقىش زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ياۋروپاغا كېلەلىگەن ئورتا ئاسىيالىق زىيالىيلارنى بىر يەرگە يىغىش ئىشى بۇ مەقسەت ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق باشلىنىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن ۋەلىدىي، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، گېرمانىيەگە يىغىلغان ئورتا ئاسىيالىقلارنى ئاساس قىلىپ ئۆتكۈزگەن ھەرخىل سۆھبەتلەردىن كېيىن بىر ئومۇمىي قۇرۇلتاي چاقىرىش ھەققىدە ئورتاق كېلىشىمگە كېلىدۇ.
چەتئەلدە تەشكىلات قۇرۇش ۋە تەشكىللىك پائالىيەت قىلىشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئالدىنقى شەرتى، بەلكى ئەڭ مۇھىم شەرتى بۇ پائالىيەتلەر ئۈچۈن لازىم بولىدىغان ماددىي مەنبە مەسىلىسى ئىدى. 1920- يىلى، ئورتا ئاسىيا مۇسۇلمانلار مىللىي ئاۋام ئىنقىلابىي جەمئىيىتى دېگەن تەشكىلات قۇرۇلغان ۋاقىتلاردا، جەمئىيەت مەركىزى مۇستاپا چوقاي ئوغلىنى ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ۋەكىل دەپ تونۇپ، بۇخارا جۇمھۇرىيىتى خەزىنىسىدىن 20 قاداق (بىر قاداق تەخمىنەن 400 گرام كېلىدىغان بىر خىل ئېغىرلىق ئۆلچىمى. شۇ بويىچە ئالغاندا ئەۋەتىلگەن ئالتۇن جەمئىي 8 كىلوگرام ئەتراپىدا ئىكەنلىكى مەلۇم. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) بۇخارا ئالتۇنى ئەۋەتىش قارار قىلىنغان ئىدى. كېيىنچە بۇ ئالتۇنلارنى ئىتتىھاتچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىختىلالئىي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بېرلىن شۆبىسى ۋاستىچىلىقى ئارقىلىق مۇستاپا چوقاي ئوغلىغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، 1922- يىلى 3- ئايدا كابۇلدا تۇرۇشلۇق ئىتتىھاتچىلاردىن بەدرى ئەپەندىگە تاپشۇرۇلغان ئىدى.227 ئەپسۇسكى، بەدرى ئەپەندى 1923- يىلى كابۇلدا ۋاپات بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغان ئالتۇنلار پارىژغا ئەۋەتىلمەي قالىدۇ. ئەنۋەر پاشانىڭ ئىنىسى نۇرى پاشا بۇ ئالتۇن پۇللار ھەققىدە خەۋىرىم يوق دېگىنىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، ئۇ ئالتۇنلار ئافغانىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەۋەتىلىش پىلانلانغان بولسىمۇ، جامال پاشانىڭ ئافغانىستاندىن ئايرىلىشى ھەمدە بەدرى ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بۇ ئالتۇنلارنى مۇسادىرە قىلىۋالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. زەكى ۋەلىدىي بىلەن مۇستاپا چوقاي ئوغلى ئىككىسى، بۇ ئىشنى ئافغانىستاننىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى مەخمۇتخان تارزىغا ئۇقتۇرۇپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىدىن بۇ ئالتۇنلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى نەتىجىسىز قالىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مەخمۇتخان تارزىمۇ پارىژدىن ئايرىلىدۇ. نەتىجىدە بۇ پۇللاردىن پۈتۈنلەي ئۈمىد ئۈزۈلىدۇ. بۇ جەرياندا زەكى ۋەلىدىي، ئەنگلىيە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى بىلەن مۇناسىۋەت باغلاشقا تىرىشىپ باققان بولسىمۇ، ئۇلاردىنمۇ ھېچقانداق بىر جاۋاب ئالالمايدۇ.
بۇ جەرياندا قۇرۇلتاي تەييارلىقلىرىمۇ داۋام قىلماقتا ئىدى. پۈتۈن ياز بويىچە ئافغانىستان، ئىران ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئەللەرگە تارقىلىپ كەتكەن كونا ئەزالار ئوتتۇرىسىدا بۇ قۇرۇلتايغا مۇناسىۋەتلىك خەت ئالاقىلەر بولۇپ تۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ 1924- يىلى 11- ئاينىڭ 29- كۈنى ئەخمەت زەكى ۋەلىدىي، مۇستاپا چوقاي ئوغلى، ئابدۇلۋاھاپ مۇرادىي، تاھىر شاكىرزادە، ئەزىمبەك بېرىمجان ۋە پەتخۇلقادىر (ئابدۇلقادىر) سۇلايمان ئوغلى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئورتا ئاسىيا مۇسۇلمانلار مىللىي ئاۋام ئىنقىلابىي جەمئىيىتى ئىتتىھادىنىڭ ئورتا ئاسىيا سىرتىدىكى تۇنجى قېتىملىق رەسمىي قۇرۇلتىيى چاقىرىلىدۇ (زەكى ۋەلىدىي تۇغان «ئەسلىمىلەر» ناملىق كىتابىدا بۇ قۇرۇلتايغا چوقاي ئوغلىنىڭ پارىژدىن، باشقىرتلاردىن مىرالاي ئالىمجان تاغاننىڭ بۇداپېشتىن كېلىپ قاتناشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا قەسەم بېرىپ بۇ جەمئىيەتكە ئەزا بولغانلىقىنى يازغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جەمئىيەت پروگراممىسىدا مۇستەقىللىق ماددىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، چوقاي ئوغلى بۇ جەمئىيەتكە قاتنىشىشتا ئىككىلىنىپ قالغانلىقى بايان قىلىنماقتا. يەنە شۇ يەردە مىللىي بايراقنىڭ سەمەرقەنتتە قوبۇل قىلىنغان شەكلىنى ساقلاپ قېلىش قارار قىلىنغانلىقى، مۇشتەرەك −ئورتاق− ئانا تىلى مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى، بۇ ھەقتىمۇ قارار قوبۇل قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. زەكى ۋەلىدى كىتابىدا بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىرگە، كىتابنىڭ ئاخىرىغا قوشۇمچە قىلىپ بېرىلگەن ئەسلى ئورىگىنال ھۆججەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ تەرجىمىلىرى ئىلاۋە قىلىنغان يىغىن خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، بەلكىم خاتا خاتىرلىۋالغانلىقىدىن بولسا كېرەك، بۇ 4 مەسىلە ھەققىدە توغرا مەلۇمات بەرمىگەنلىكى ئېنىق. بىرىنچىسى، 1924- يىلقى بېرلىن قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن خاتىرىلىرىگە قارىغاندا، ئالىمجان تاغاننىڭ ئىسمىنى بۇ قۇرۇلتايغا قاتناشقانلار ئىچىدە ئۇچرىتالمايمىز. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا مەيلى ت ب م ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى خەت ئالاقىلىرىدە، مەيلى ت ب م قارارلىرى ئارىسىدا ئالىمجان تاغاننىڭ ت ب م ئەزاسى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق بىر ھۆججەت يوق. ئىككىنچىسى، يىغىن خاتىرىلىرىگە قارىغاندا بېرلىن قۇرۇلتىيىدا ئەدەبىي تىل مەسىلىسى ھەققىدە ھەرقانداق بىر قارار قوبۇل قىلىنمىغان. ئۈچىنچىسى، زەكى ۋەلىدىي تۇغان بۇ قۇرۇلتايدا سەمەرقەنتتە قوبۇل قىلىنغان بايراق قىلچە ئۆزگەرتمەي قوبۇل قىلىنغانلىقىنى يازىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە «ئەسلىمىلەر» دېگەن كىتابىنىڭ 383- بېتىدە ئورتا ئاسىيا بايرىقى ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە مۇنەۋۋەر قارى ۋە جانئۇزاق ئوغلى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت تەرىپىدىن تەپسىلىي بىر شەكىلدە تەييارلانغانلىقى، ھەتتا بايراقنىڭ قوبۇل قىلىنغان كۈنىنى مىللىي بايرام كۈنى قىلىپ بەلگىلەش ئارزۇلىرى ئۈستىدىمۇ توختالغان. ئەمما بۇلارغا قارىماي، بېرلىن قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن خاتىرىسى ھەققىدە توختالغانلارغا قارىغاندا بۈگۈنگىچە بىرەر بايراق بولۇپ باقمىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ كېلىپ، بېرلىندىكى گۇرۇپپا تەرىپىدىن بىر لايىھە تەييارلىنىپ ئەزالارغا ئەۋەتىلىش قارار قىلىنغان. ھەقىقەتەنمۇ 1927- يىلى، ت ب م ئىستانبۇل قۇرۇلتىيى قارارلىرىنىڭ بىرىدە، تۇغاننىڭ سەمەرقەنتتە تەييارلىنىپ تەستىقلانغان دەپ ئېيتقان بايراق پاسونى بويىچە قوبۇل قىلىنىشى بايان قىلىنماقتا. قوبۇل قىلىنغان بايراقنىڭ رەسىمى كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان «يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇلاردىن قارىغاندا، تۇغاننىڭ «بۈگۈنكى تۈرك ئېلى ۋە ئورتا ئاسىيا» دېگەن كىتابى بىلەن «ئەسلىمىلەر» دېگەن كىتابىدا توختىلىپ ئۆتكەن بايراقنىڭ سەمەرقەنت قۇرۇلتىيىدا قوبۇل قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئېيتقانلىرى ئەسلى ئورىگىنال ھۆججەتتە دېيىلگەنلەر بىلەن ئوخشىماي قالغان. تۆتىنچىسى، 1924- يىلقى بېرلىن قۇرۇلتىيى خاتىرىلىرىدە بارلىق ئەزالار باشقىدىن قەسەم قىلدۇرۇلۇپ، بىر ھېسابتا ئەزالىق قەسەم يېڭىلىغانلىقى ئېنىق. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يالغۇز مۇستاپا چوقاي ئوغلىلا قەسەم قىلغان بولۇپ قالماي، ھەممە ئەزالار قەسەم قىلىشقان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، زەكى ۋەلىدىي چوقاي ئوغلىنىڭ ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇشنى خالىمىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ كېلىپ، ئۇنى مەجبۇرى شەكىلدە ماقۇل كەلتۈرۈلگەنلىكىنى يازىدۇ. بۇ ھەقتىمۇ ۋەقەلىك توغرا بايان قىلىنمىغان. تۇغاننىڭ ئۆزى بىۋاسىتە ھالدا، «ئەسلىمىلەر» دېگەن كىتابىدا ئافغانىستاندىكى ۋاقىتلىرىدا ت ب م ئەزالىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىنلاردا مۇستاپا چوقاي ئوغلىنى بۇ تەشكىلاتنىڭ ياۋروپا ۋاكالەتچىسى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى بايان قىلماقتا. ئافغانىستاندىكى يىغىن 1923- يىلىنىڭ 26- ئىيۇل كۈنى، يەنى بېرلىن يىغىنىدىن تەخمىنەن 17 ئاي ئاۋۋال ئېچىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن چوقاي ئوغلىغا ئەۋەتكەن خەتلىرىدە ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ھەققىدە قىلچىلىك بىر ئىشارەت بەرمىگەنلا ئەمەس، ھەتتا بۇنىڭ ئەكسىچە تەشكىلاتنىڭ ياۋروپا ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە پائالىيەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەستىقلايدىغان خەتلەرمۇ ساقلىنىپ قالغان ئىدى. بۇ پاكىتلارنى بىر يەرگە كەلتۈرگىنىمىزدە، زەكى ۋەلىدىنىڭ بۇ ھەقتە شەخسى ھېسسىياتىغا بېرىلىپ مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).228
قۇرۇلتايدا ئاۋۋال ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىشىپ، پىكىر بىرلىكى بولماسلىق ئەھۋاللىرىنىڭ خېلىلا ئېغىر ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئەزالار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت باغلاش ئىشلىرىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقى، ماددىي ۋە سىياسىي شەرت- شارائىتلارنىڭ مۇۋاپىق بولمايۋاتقانلىقى قاتارىدىكى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. قۇرۇلتايدا يەنە بۇ خىل تارقاق ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ كەتكەن رۇسىيە بولشېۋىكلىرىنىڭ ئۆز ھاكىمىيەتلىرىنى كۈچەيتىۋېلىپ ئورتا ئاسىيانى پارچىلاش سىياسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كىرىشكەنلىكى كۆرۈلمەكتە دەپ قارىشىدۇ. بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك ئاساسىي پرىنسىپلار قوبۇل قىلىنىدۇ:229
بولشېۋىكلەر مەيلى مەۋجۇت بولسۇن ياكى بولمىسۇن، جەمئىيەت داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى شەرت. 1921- يىلى بۇخارا قۇرۇلتىيىدا قوبۇل قىلىنغان نىزامنامە ئۆز پىتى قوبۇل قىلىنىدۇ.
بۇ جەمئىيەتكە بۇرۇنقى قۇرۇلتايلاردا «ئورتا ئاسىيا مۇسۇلمانلار ئاۋام جەمئىيەتلىرى ئىتتىھادى» دەپ نام بېرىلگەن ئىدى. ئەمما بولشېۋىكلەرنىڭ ئورتا ئاسىيانى سۈنئىي جۇمھۇرىيەتلەر پەيدا قىلىپ بۆلىۋېتىش سىياسىتى سەۋەبىدىن “ئورتا ئاسىيا” سۆزىنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ مۇھىم ھالغا كەلمەكتە. … بۇ تېرمىن پات يېقىندا پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم دېگەن سۆزلەردەك چەكلەنگەن ئاتالغۇغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇقەررەر. ئەنە شۇ سەۋەبتىن جەمئىيەتنىڭ نامى ئىچىدە “ئورتا ئاسىيا” ئاتالغۇسىنىڭ بۆلىشى زۆرۈر ھالغا كەلمەكتە. نەتىجىدە جەمئىيەتنىڭ ئىسمى «ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتى» دەپ ئۆزگەرتىلدى. جەمئىيەتنى ھەرقايسى رايونلار بويىچە ئاتاشتا «ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتى» نىڭ ئۆزبېكىستان كومىتېتى، قازاقىستان كومىتېتى دېگەندەك قوشۇمچىلار بىلەن ئاتاش قوبۇل قىلىنىدۇ. … باشقىردىستان جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن يىراقتا قالغاندەك قىلغىنى بىلەن، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت جەھەتتىن ئالغاندا ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە ھېسابلىنىدۇ. … تولۇق مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا كەلتۈرگۈچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە بۇ جەمئىيەت يوشۇرۇن پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. ... جەمئىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئەزالار تازىلىنىدۇ. … بېرلىندىكى ئەزالار قەسەم قىلىدۇ، يېڭى ئەزالارنىڭمۇ قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
ئورتا ئاسىيا ئۈچۈن مىللىي بايراق تەييارلىنىدۇ.
جەمئىيەت رەئىسى ئەخمەت زەكى ۋەلىدىي ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگىنىگە قارىماي، جەمئىيەت ئەزالىرى ئۇنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلمايدۇ.
قۇرۇلتايدا، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قايتىدىن سايلاپ چىقىلغان. قوبۇل قىلىنغان قارارلارغا ئاساسەن ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتىنىڭ چەتئەلدىكى مەركىزى كومىتېتى ئەخمەت زەكى ۋەلىدىي، مۇستاپا چوقاي ئوغلى، ئابدۇلخەمىت ئارۇپ، سەدىردىنخان ۋە مىيان بۈزۈرك قاتارلىق 5 كىشىدىن تەشكىل تاپقان. جەمئىيەت رەئىسلىكىگە زەكى ۋەلىدى تەيىنلەنگەن بولۇپ، مۇئاۋىن رەئىسلىككە مۇستاپا چوقاي ئوغلى قويۇلغان. جەمئىيەتنىڭ مەشھەت (ئىران) تىكى شۆبىسىگە ئابدۇلخەمىت ئارۇپ، مۈپتى سەدىرىنخان ۋە تۇراپ بەگ ئىككىسى مەسئۇل قىلىنغان. ئىستانبۇل شۆبىسىگە مىيان بۈزۈرك بىلەن مۇھەممەتجانلار مەسئۇل قىلىنغان. ئەخمەت زەكى ۋەلىدىي، تاھىر شاكىر، ئابدۇلۋاھاپ مۇرادىي، ئەخمەتجان ئىبراھىم ۋە ئەزىمبەك بېرىمجانلار بولسا گېرمانىيە شۆبىسىنىڭ 5 كىشىلىك ئىجرائىيە ھەيئىتىنى تەشكىل قىلغان. بېرلىن شەھىرىنىڭ سىرتىدا ئوقۇۋاتقان تاھىر شاكىر يىغىنغا قاتنىشالمىغاندا، ئۇنىڭغا پەتخۇلقادىر سۇلايمان ئوغلى (ئابدۇقادىر ئىنان) ۋاكالەتلىك قىلىدۇ.230
(رەسىم ئورنى)
ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتى بېرلىن شۆبىسىنىڭ ئەزالىرى. ئولتۇرغانلار (سولدىن ئوڭغا): ئابدۇلۋاھاپ مۇرادىي، مۇستاپا چوقاي ئوغلى، ئەخمەتجان ئىبراھىم (ئوقۇي). ئۆرە تۇرغانلار: سابىر ئورتا ئاسىيالى، ئابدۇلۋاھاپ ئىسھاق ئوغلى (ئوقتاي)، تاھىر شاكىر (چاغاتاي)، ئەزىمبەك بېرىمجان. بېرلىن، 1925- يىلى (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)
بۇ قۇرۇلتاي، چەتئەلدە چاقىرىلغان تۇنجى قېتىملىق قۇرۇلتاي بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قۇرۇلتاي ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدا قوبۇل قىلىنغان قارارلارغا دىققەت قىلغىنىمىزدا، بولشېۋىكلەرنىڭ ئۆزبېك، قازاق، تۈركمەن، قىرغىز دېگەندەك تۈرك قوۋملىرىدىن مىللەت يارىتىش سىياسىتىنى تا شۇ يىللاردىلا ئورتا ئاسىيالىق زىيالىيلار ئېنىق تونۇپ يېتەلىگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. زەكى ۋەلىدىي تۇغان كۈندىلىك خاتىرە دەپتىرىدە، ئەرك پىرقىسىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان 22 ئەزاسىنىڭ ماقۇللىغىنى ئالغاندىن كېيىن بۇ يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. يەنە تۇغاننىڭ يازغانلىرىدىن قارىغاندا، مۇستاپا چوقاي ئوغلى بىلەن بىرگە يەنە بىر قىسىم ئەزالار تەرەققىيپەرۋەر جەدىتچىلار پىرقىسىگە ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان دەپ كۆرسىتىلگەن. خۇلاسىلىگەندە، زەكى ۋەلىدىي، ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە ھەرخىل پارتىيىلەرنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىق تەشكىللەنگەن جەمئىيەت تەشكىلى تۈزۈلۈشىنىڭ چەتئەللەردىمۇ شۇ بويىچە ئۆزگەرتىلمەي ساقلاپ قېلىنغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.231
بېرلىن قۇرۇلتىيى بىلەن بىرگە ئورتا ئاسىيالىق تەشكىلاتچىلار ياۋروپادا پائالىيەت قىلىۋاتقان بولشېۋىكلارغا قارشى گۇرۇپپىلار بىلەنمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا باشلىغان. ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا ئورتا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر بىلەن مۇھاكىمىلەرنى ئېلان قىلدۇرالىشى ئۈچۈن پۈتۈن غەيرىتىنى سەرپ قىلىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. قۇرۇلتاي چاقىرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىچىدە بوھران پەيدا قىلغۇدەك دەرىجىدە بىر ھادىسە يۈز بېرىدۇ. رۇسىيەدىكى كوممۇنىزم پرىنسىپلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىجرائەتلىرىگە قوشۇلمايدىغان سوتسىيالىست پارتىيىلەر، 1924- يىلىنىڭ 24~25- دېكابىر كۈنلىرىدە، گېرمانىيەدە خەلقئارالىق بىر قۇرۇلتاي چاقىرىشقان ئىدى. ئېس- ئار (سوتسىيال رېۋېلوتسيە) ھەرىكىتىنىڭ سابىق لىدېرى چېرنوۋ، ئورتا ئاسىيا ۋەكىلى سۈپىتىدە زەكى ۋەلىدىنى بۇ قۇرۇلتايغا تەكلىپ قىلىدۇ. يىغىنغا قاتناشقان زەكى ۋەلىدىي، «بولشېۋىزمدىن سوتسىيالىزىمغىچە» دېگەن تېمىدا بىر دوكلات سۇنىدۇ. بۇ ئىش، ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىككى نەپەر مۇھىم ئەزاسى ئوتتۇرىسىدا ئېغىر زىددىيەت پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. مۇستاپا چوقاي ئوغلى، جەمئىيەت ئەزالىرى بۇنداق بىر قۇرۇلتايغا سوتسىيالىست نامى بىلەن قاتناشماسلىقى ھەمدە ئورتا ئاسىياغا ۋەكىللىك قىلماسلىقى كېرەك ئىدى دەپ قارايدۇ. شۇ كۈنگە كەلگۈچە مۆتىدىل سوتسىيالىستلار بىلەن بىرگە پائالىيەت قىلىپ كەلگەن تېخىمۇ دېموكراتچى ھېسابلىنىدىغان چوقاي ئوغلى ئۈچۈن ئالغاندا، ئىنقىلابىي خاراكتېرگە ئىگە سوتسيالىستچە كۆز قاراش قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان بىر ئىدىيە ھېسابلىناتتى. بۇ تۈردىكى تەنقىدكە قارىتا زەكى ۋەلىدىي “مەن بۇ يىغىندا دوكلاتىمنى جەمئىيەت ۋەكىلى سۈپىتىدە ئەمەس، ئەرك پارتىيە ئەزاسى سۈپىتىم بىلەن سۇندۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمئىيەتنىڭ 7 ماددىلىق ئورتاق كۆزقاراشلاردىن باشقا مەسىلىلەر ئۈستىدە ھەر قايسى پارتىيىنىڭ ئەزالىرى ئۆز پارتىيىسىنىڭ پروگراممىسىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىش ئىختىيارىغا ئىگە” دېگەن بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئىككى لىدېر ئوتتۇرىسىدىكى بۇ زىددىيەت باشقا ئەزالارنىڭ سالا قىلىشى بىلەن بېسىققان بولسىمۇ، بۇ زىددىيەت شۇنىڭ بىلەنلا تۈگەپ كەتمەي كېيىنكى ۋاقىتلاردا باشقا باھانە- سەۋەبلەر بىلەن يەنە قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇرىدۇ.
1925- يىلىدا، تۈركىيەدىكى مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان مائارىپ مىنىستىرى ھەمدۇللا سۇپھى تەڭرى ئۆۋەر، ياۋروپادا تۇرۇۋاتقان تۈركىيە تۈركلىرىدىن باشقا تۈرك قۇۋۇم لىدەرلىرىنى تۈركىيەگە يىغىش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە سادرى مەقسۇدى ئارسال، ئاياز ئىسھاقىي، پۇئات توقتار ۋە ئابدۇللا باتتال تايماس قاتاردىكى كىشىلەر تۈركىيەگە بېرىۋالىدۇ. ئۇ ۋاقىتلاردا ياۋروپادا تۇرۇۋاتقان دوكتور رىزا نۇرنىڭ تۈركىيەگە قايتىپ كېتىشىدىن كېيىن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە، زەكى ۋەلىدىي تۇغان بىلەن پەتخۇلقادىر سۇلايمانمۇ تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.232 بۇ ئىشلاردىن كېيىن ياۋروپادا تۇرۇۋاتقان ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى، 1925- يىلى 9- مايدا قايتىدىن بېرلىندا يىغىلىدۇ. بۇ يىغىندا جەمئىيەت مەركىزىنى ئىستانبۇلغا يۆتكەش، مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتچىلىك ۋەزىپىسىدە تۇرۇۋېرىشى، ئەگەر ئۇ ماددىي ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرەلىگىنىدە تۈركىيەدە بىر نەشرىيات ئەپكارى قۇرۇپ چىقىش دېگەندەك قارارلار قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئورتا ئاسىيا مىللىي ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي ئېغىرلىق مەركىزى ئاساسەن ئالغاندا تۈركىيەگە كۆچۈرۈلىدۇ.233

مۇستەملىكە مىللەتلەر بىرلىكسېپى: پرومېتې

پرومېتې بىرلىكسەپنى تەشكىل قىلغان بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ھېچقايسىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۆز ئالدىغا كۈرەش قىلالىغۇدەك كۈچكە ئىگە ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ بىرلىكسەپ، ماھىيەتتە ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
                                                            −تاھىر شاكىر (چاغاتاي)
پرومېتې ھەرىكىتىنىڭ مەنبەلىرى
پرومېتېئۇس − يۇنان رىۋايەتلىرىدىكى بىر ئوت خۇداسىدۇر. رىۋايەتتە، پرومېتېئۇس، زېئۇسنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ئىنسانلارغا ئوتنى ئېلىپ كەلگەن، شۇ ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە ئىلغارلىقنىمۇ ئېلىپ كەلگەنمىش. ئەمما زېئۇس بۇنىڭدىن ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر شەكىلدە ئىنتىقام ئالىدىكەنمىش. زېئۇس، پرومېتېئۇسنى بىر تاغ چوققىسىغا زەنجىرلەپ باغلىۋېتىدىكەن. ئاندىن زېئۇس تەرىپىدىن پرومېتېئۇسنى جازالاشقا ئەۋەتىلگەن بىر بۈركۈت ھەر كۈنى كۈن چىقىشتىن كۈن پاتقىچە پرمېتېئۇسنىڭ قارنىنى چوقۇلاپ تېشىپ جىگىرىنى چىقىرىپ يەپ تۈگىتىدىكەن. قاراڭغۇ چۈشكەندىن تارتىپ ئەتىگەن كۈن چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا پرومېتېئۇسنىڭ جىگىرى قايتىدىن ئەسلىگە كېلىپ ساقىيىپ قالىدىكەن. ئەتىسى سەھەردە ھېلىقى بۈركۈت يەنە ئۇچۇپ كېلىپ ئۇنىڭ قارنىنى قايتىدىن تېشىپ بېغىرىنى يېيىشكە باشلايدىكەن. بۇ ئىش توختىماي شۇنداق داۋام قىلارمىش.
تۆت ئەتىراپى كۈچلۈك قوشنا ئەللەر بىلەن قورشالغان لېخىستان (ئوسمانلىلار دۆلىتى دەۋرى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا، تۈركىيەلىكلەر پولشانى لېخىستان دەپ ئاتايتتى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) مۇ خۇددى پرومېتېئۇسقا ئوخشاش تارىختىن بېرى كۈچلۈك قوشنىلىرى تەرىپىدىن نەچچە قېتىملاپ بۆلۈشۈۋېلىنغان بولۇپ، ھەر قېتىم يەنە قايتىدىن مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ كەلگەن ئىدى. 20- ئەسىرگە كىرگەن دەۋرلەردىمۇ پولشا تېررىتورىيىسى يەنە بىر قېتىم رۇسىيە، پرۇسىيە ۋە ئاۋىسترو- ۋېنگىر ئىمپېرىيىلىرى تەرىپىدىن بولۈشۈۋېلىنغان ئەھۋالدا ئىدى. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم، 1864- يىلى پولشانىڭ رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالغان تەرىپىدە پارتلىغان قوزغىلاڭ قانلىق باستۇرۇۋېتىلىپ، رۇسىيە بىلەن پرۇسىيە ئىشغال قىلىۋالغان جايلاردا ئېغىر دەرىجىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشكە كىرىشكەن ئىدى.235 بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئاۋۇسترو- ۋېنگىر ئىمپېرىيىسىنىڭ قولىدا قالغان گالىچىيە رايونى نىسپىي ھالدا مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، بۇ قىسىمدىكى پولەكلەر ئۆز مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قېلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرەلىگەن ئىدى. 1900- يىللىرىغا كەلگىنىدە، رۇسىيەدە ھەرخىل پارتىيىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ پولشادىمۇ بىرمۇنچە مىللىي پارتىيىلەر قۇرۇلغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى. بۇ پارتىيىلەر ئىچىدە رومان دموۋسكى يېتەكچىلىكىدىكى مىللىي دېموكراتلار پارتىيىسى، جوسېف پىلسۇدسكى رەھبەرلىكىدىكى پولشا سوتسىيال پارتىيىسى ۋە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى قاتارىدىكى پارتىيىلەر ئەڭ مۇھىم پارتىيىلەر ھېسابلىناتتى. جوسېف پىلسۇدسكىنىڭ سوتسىيال پارتىيىسى، پروگراممىسى بويىچە ئالغاندا ئەڭ رادىكال تەرەپكە مەنسۇپ پارتىيە بولۇپ، شەرتسىز مۇستەقىللىق تەلىپىدە قەتئىي چىڭ تۇراتتى.
پىلسۇدسكى، رۇسىيە ئىمپېرىيىسى پارچىلانماي تۇرۇپ پولشانىڭ ھەقىقىي مۇستەقىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولمايدۇ دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ بۇ قارىشى رۇسىيە- ياپونىيە ئۇرۇشى پارتلاشتىن بۇرۇنلا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرغان بىر پارچە ۋەزىيەت تونۇشتۇرۇش دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. پىلسۇدسكى، 1904- يىلى 13- ئىيۇل كۈنى ياپون ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان بۇ دوكلاتتا رۇسىيەنىڭ پارچىلىنىشى ئۈچۈن چار رۇسىيەنىڭ قول ئاستىدىكى ئۇرۇس بولمىغان باشقا مىللەتلەر بىلەن، ھەمدە ئوسمانلىلار تۈركلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش شەرت دېگەن قاراشنى تەكىتلەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغانلىقىغا قارىماي، بۇ دوكلاتقا ئاساسەن، پىلسۇدسكى پرومېتې ھەرىكىتىنى باشلاتقان كىشى دەپ قارالماقتا.
پىلسۇدسكى، تۈركىيە- پولشا ھەمكارلىقى مەسىلىسىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ئىدى. 1912~1913- يىللىرى ئارىسىدا كراكوۋدا پولشا- تۈركىيە دوستلۇق جەمئىيىتى دېگەن بىر جەمئىيەت قۇرۇلغان ئىدى. بۇ جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئارىسىدا، كېيىكى ۋاقىتلاردا پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە تەيىنلىنىدىغان شەرق مىللەتلەر مۇتەخەسسىسى لېئون ۋاسىلېۋسكى بىلەن پىلسۇدسكىنىڭ يېقىن سەپدىشى مىخايل سوكولنىسكىمۇ بار ئىدى. پىلسۇدسكى، 1916- يىلى بۇداپېشتتىكى تۈركىيە كونسۇلخانىسى ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئوسمانلىلار ھۆكۈمىتىگە بىر پارچە ۋەزىيەت تونۇشتۇرۇش دوكلاتى سۇنىدۇ. پىلسۇدسكى بۇ دوكلاتتا پولشا، ۋېنگىرىيە، بۇلغارىيە ۋە ئوسمانلىلار دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە قارشى بىر ئىتتىپاق تەشكىللەپ چىقىشى ھەققىدە تەكلىپ بېرىدۇ. ئەگەر بۇنداق بىر ئىتتىپاق قۇرالىغىنىدا ۋىستۇل دەرياسى بويىدىن تارتىپ تا سۇۋەيش قانىلىغىچە سوزۇلغان بىر فرونت بارلىققا كەلگەن بولاتتى. پىلسۇدسكىنىڭ تۈركىيەگە بولغان قىزىقىشى كېيىنكى يىللاردىمۇ داۋام قىلىپ،236 تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى رەھبەرلىرى بىلەن مۇناسىۋەت باغلاش يوللىرىنى ئىزدىنىشكە كىرىشىدۇ. دېگەندەك، 1922- يىلقى لوزان سۆھبىتى دەۋرىدە، پودپولكوۋنىك تادېئۇسز شايتزېل يېتەكچىلىكىدىكى بىر پولشا ئۈمىگىنى تۈركىيە ئۆمەك باشلىقى ئىسمەت ئىنۆنۈ بىلەن يوشۇرۇن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن شۋېتسارىيىگە ئەۋەتكەن ئىدى.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى، پولشانى ئاۋسترىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئەگە قىلىۋەتكەن ئىدى. پولەك ئەسكەرلىرىدىن بىر پىدائىي قىسىم تەشكىللىگەن پىلسۇدسكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاۋسترىيە سېپىدە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، پولشا مىللىي كومىتېتىنى قۇرغۇچى دموۋسكى بىلەن ئۇنىڭ پارتىيىسى رۇسىيە تەرىپىدە تۇرۇپ ئۇرۇشقان ئىدى. ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى يىللىرىدا چار رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان تەرەپنىڭ كۈچىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە گېرمانىيە بىلەن ئاۋۇسترو- ۋېنگىر ئىتتىپاقى ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقان پولشا قىسمىدا بىر پولشا خانلىقى قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. پولشادا مۇستەقىل بىر جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ چىقىش غايىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىپ يۈرگەن پىلسۇدسكىنى بۇنداق بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى رازى قىلالمايتتى. شۇنداقتىمۇ، پىلسۇدسكى يەنىلا قۇرۇلغان بۇ ۋاقىتلىق دۆلەت ئورگىنىدا ھەربىي ئىشلار مەسئۇللۇقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا ماقۇل بولىدۇ. بۇ ئىش، پىلسۇدسكىغا گېرمانىيە ياردىمىگە تايىنىپ ئۆزىنىڭ قوراللىق قوشۇنىنى تەشكىللەش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ.
بۇ ئارىدا، رۇسىيەدە پارتلىغان بولشېۋىك ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقىشى، مەۋجۇت كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ يەنە بىر قېتىم بۇزۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. رۇسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى گېرمانىيەنى شەرقىي ئۇرۇش سېپىدە خاتىرجەم ھالغا كەلتۈرۈپ، پولشاغا تۇتقان سىياسىتىدە پۈتۈنلەي باشقىچە بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پولشا قوراللىق قىسىملىرىنىڭ تىزگىنىنى قايتىدىن ئۆز قولىدا بۆلىشىنى تەلەپ قىلغان نېمىسلار، پىلسۇدسكىنىڭ قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىشىگە دۇچ كېلىدۇ. گېرمانىيە دائىرىلىرى بۇ سەۋەبتىن پىلسۇدسكىنى قولغا ئېلىپ ۋاقىتلىق دۆلەت كومىسسىيىسىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇشىدۇ. ئەمما بۇ چاغدا، غەرب ئانتانتا ئەللىرى پارىژدىكى پولشا مىللىي كومىتېتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىپ ئۇ يەردە بىر ۋەكىللەر كومىسسىيىسى قۇرۇپ چىقىش قارارىنى ئېلىشىدۇ. بۇنداق بىر ئەھۋالدا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى پىلسۇدسكىنى تۈرمىدىن بوشىتىپ قويۇۋېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. پولشا ۋەكىللەر ھەيئىتىمۇ ئۇنى قايتىدىن قوراللىق قوشۇنلىرىنىڭ رەئىسى قىلىپ تەيىنلىشىدۇ. 1918- يىلىنىڭ نويابىر ئېيى ئوتتۇرىلىرىدا ۋارشاۋاغا كەلگەن پىلسۇدسكى، ئۈچ كۈندىن كېيىن دۆلەت رەئىسى بولغانلىقى ئېلان قىلىنىدۇ.237
گېرمانىيە ئۇرۇشتا يېڭىلىغاندىن كېيىن پولشادىكى نېمىس ھاكىمىيىتىگىمۇ خاتىمە بېرىلىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىمزالانغان ۋېرساي تىنچلىق شەرتنامىسىغا ئاساسەن، پولشا زېمىنىنىڭ يەنە بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ ئېلىۋالىدۇ. شۇنداقتىمۇ پولشانىڭ بۇرۇنقى زېمىنىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنىلا رۇسىيەنىڭ تىزگىنى ئاستىدا تۇرۇۋاتاتتى. بۇ ئەھۋال، يەنە بىر قېتىملىق رۇسىيە- پولشا ئۇرۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇ ئۇرۇش، پىلسۇدسكىگە رۇسىيە تەۋەسىدە ئۇرۇسلاردىن باشقا مىللەتلەر بىلەن ئورتاق بىر بىرلىكسەپ تەشكىل قىلىش شەرت دېگەن كۆزقارىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بەرگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، پىلسۇدسكى پولشا ئارمىيىسى تەركىبىدە مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل قىلىدىغان بىر ھەربىي قىسىم قۇرۇپ چىقىش قارارىنى ئىلىپ دەرھال ئىجرا قىلىدۇ. پولشا ئارمىيىسى كىيېۋغا كىرگەن ۋاقتىدا شىمالىي كاپكازىيىلىكلەر، ئەزەرىلەر ۋە تاتارلاردىن تەشكىل تاپقان مۇستاپا ئەخمەتوۋ قوماندانلىقى ئاستىدىكى بىر مۇسۇلمانلار پولكىمۇ كىيېۋغا بىرلىكتە كىرىدۇ. پۆلەكلەر بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، 1921- يىلىنىڭ مارت ئېيىدا رىگادا تۈزۈلگەن شەرتنامىگە ئاساسەن پولشانىڭ دۆلەت خەرىتىسى ئەڭ ئاخىرقى شەكلىنى ئالىدۇ. مۇستەقىللىقتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا پىلسۇدسكى دۆلەت رەئىسلىكى ئۈچۈن نامزات بولۇشنى خالىمىغاچقا، دۆلەت مۇداپىئە باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. ئەمما 1923- يىلى ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىتىگە نارازى ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، خىزمىتىنى تاشلاپ پېنسىيىگە چىقىپ سۇلېژوۋېككە بېرىپ ماكانلىشىدۇ.
پولشا مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىدە ئەڭ مۇھىم رول ئوينىغان مارشال پىلسۇدسكى، كېيىنكى ئىككى يۈز يىل مابەينىدە ۋەتىنىنى بىر قانچە قېتىم ئىشغال قىلىۋالغان، ئىككى قېتىم دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلىشىگە سەۋەب بولغان رۇسىيەنىڭ كەلگۈسىدە يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەت پەيدا قىلماي قالمايدۇ دەپ قەتئىي ئىشىنەتتى. شۇ سەۋەبتىن، پىلسۇدسكى بۇنداق بىر ئېھتىماللىقتىن ساقلىنىشنىڭ پەقەت بىرلا يولى بار دەپ قارايتتى: بۇ يول، رۇسىيەنى پارچىلىۋېتىش يولى ئىدى. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيە ئىشغال قىلىۋالغان يەرلەردىكى مىللەتلەرنى مۇستەقىللىققا ئېرىشتۈرۈش شەرت ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، مارشال پىلسۇدسكى رۇسىيەگە مۇستەملىكە قىلىنغان مىللەتلەر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئىشى پولشانىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈشىگە تېگىشلىك مۇھىم ئىش دەپ تونۇلۇشى لازىم دەپ قارايتتى.
1922- يىلىدىن باشلاپ ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققان ھۆكۈمەتلەر، پىلسۇدسكىنىڭ پرومېتې لايىھىسىگە پەقەتلا كۆڭۈل بۆلمەي بىر چەتكە تاشلاپ قويۇشقان ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي پرومېتې كۆز قارىشىغا ئىشىنىدىغان بىر قىسىم دۆلەت مەسئۇللىرى، بۇ لايىھىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتتىن يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. 1922~1926- يىللىرى ئىچىدە، پودپولكوۋنىك شايتزېل، 2- بيۇرو (ھەربىي ئىشپىيونچىلىق ۋە جاسۇسلۇققا قارشى بۆلۈم − ئا.ھ. ئىزاھاتى) ئەمەلدارى كاپىتان سۇچېنېك ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرق ئىشلار بۆلۈمىدىن لۇكاسيېۋىتز قاتارلىق كىشىلەر ۋاسىتىسىگە تايىنىپ مۇھاجىر لىدېرلەر بىلەن مەخپىي ئۇچۇرۇشۇپ تۇرغان ئىدى. 1924- يىلى كۈز ئايلىرىدا شايتزېل ئىستانبۇلغا ھەربىي مەسلىھەتچى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ.238 پىلسۇدسكى، شايتزېلنى سۇلېژوۋېكتىكى ئۆيىگە چاقىرىپ، ئۇنىڭغا سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى ئۇرۇس بولمىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ چەتئەلدە مۇستەقىللىق ئۈچۈن پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان ۋاكالەتچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئىشىنى مەخسۇس ۋەزىپە قىلىپ تاپشۇرىدۇ. شايتزېل، ئۇكرائىنالىقلار بىلەن، گىرۇزىيەلىكلەر بىلەن، كاپكازىيىلىكلەر بىلەن، ئەزەربەيجانلىقلار بىلەن، قىرىملىقلار بىلەن، ئىدىل- ئۇراللىقلار بىلەن ۋە ئورتا ئاسىيالىقلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسى ھەققىدىكى تەلەپلەرنىڭ كۈچلۈك- ئاجىزلىقىنى ھەمدە بۇ جەھەتتە كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى باھالاشقا كىرىشىدۇ.

ياۋروپادىكى مۇساپىرلار گۇرۇپپىلىرى
1920- يىللاردا گىرۇزىيەلىك مۇساپىرلاردىن تەشكىل تاپقان مۇھاجىرلار گۇرۇپپىسى، ياۋروپادىكى ئۇرۇستىنباشقا مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان سوۋېت مۇساپىرلىرى ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك مۇھاجىرلار گۇرۇپپىسى ھېسابلىناتتى. گىرۇزىيەنى سوۋېت ئىتتىپاقى بېسىۋالغاندىن كېيىن، سوتسىيالىست دۆلەت رەئىسى نېئو جوردانيا بىلەن بىرگە نۇرغۇن ساندىكى قۇرۇلتاي ۋەكىلى پارىژغا بېرىۋېلىپ، ئۇ يەردە بىر گىرۇزىيە سەرگەردان ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى. بۇ ھۆكۈمەت، 1930- يىلىنىڭ كىرىشىگىچە بولغان ئارىلىقتا فىرانسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن، قىسقا مەزگىللىك بولسىمۇ ئەنگلىيە بىلەن بېلگىيە ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان ئىدى. شۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گۇيسېپ موتتا، «ژۇرنال دې گېنېۋې» (جەنىۋە ژۇرنىلى − ئۇ.ت) نىڭ باش مۇھەررىرلىرىدىن ژېئان مارتېن قاتارلىق كىشىلەر گىرۇزىيە مۇساپىرلىرىغا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم كىشىلەر ئىدى. ئەينى ۋاقتىدا مىللەتلەر جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى بولغان موتتا، گىرۇزىيەنىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جامائىتى تەرىپىدىن رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشى جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. داڭلىق مۇخبىر ھېسابلانغان ژېئان مارتىنمۇ خەلقئارالىق گىرۇزىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. گىرۇزىيە گۇرۇپپىسى يەنە مىللەتلەر جەمئىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان جەنىۋەدە دائىملىق ۋەكىل تۇرغۇزۇپ كەلمەكتە ئىدى. چەتئەلدىكى گىرۇزىيە ھۆكۈمىتى، نېئو جوردانىيانى قانۇنلۇق دۆلەت رەئىسى دەپ ئېتىراپ قىلىشاتتى. جوردانىيا گۇرۇھىدىن باشقا يەنە سپىرىدىئون كېدىئا ۋەكىللىكىدىكى گىرۇزىيە مىللەتچى دېموكراتلار گۇرۇپپىسىمۇ بار ئىدى.
1918- يىلى، ئۇكرائىنانى ئاقلار قوراللىق كۈچلىرى بېسىۋالغاندىن كېيىن چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن ئۇكرائىنا لىدېرى سىمون (بەزى مەنبەلەردە سېمېن دەپ ئېلىنغان. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) پېتلىيۇرا، كېيىن ھوقۇق تارتىپ ئالغان قىزىللارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ باققان بولسىمۇ يېڭىلىپ قالغان ئىدى. شۇندىن كېيىن پولشاغا بېرىۋالغان پېتلىيۇرا، مارشال پىلسۇدسكى بىلەن بىرگە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش ھەققىدە بىر شەرتنامە ئىمزالىشىپ، پولشا بىلەن بىرلىشىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ.239 پولەكلەر بىلەن بولشېۋىكلەر ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان رىگا شەرتنامىسىغا ئاساسەن ئۇكرائىنا سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتى ئاستىدا قالىدىغان بولغىنىدىن كېيىن، پېتلىيۇرا ئۇكرائىنالىق كونا ھۆكۈمەت ئادەملىرى بىلەن بىرگە پارىژغا قېچىپ بېرىۋالغان ئىدى. پارىژغا كېلىپ ئۇكرائىنا مىللىي ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ چىققان پېتلىيۇرا، «ترىسۇب» دېگەن بىر ژۇرنال نەشرى قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئەپسۇسكى، پېتلىيۇرا 1926- يىلى ئۇكرائىنادا ئۆلتۈرۈلگەن يەھۇدىيلارنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدۇق دەۋالغان شالوم شاۋارتسبارد ئىسىملىك بىر يەھۇدىي پىلانلىغان بىر قېتىملىق سۇيىقەستتە ئۆلتۈرۈلىدۇ. پېتليۇرانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇكرائىنا مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىلىكىنى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شۇلگىن ئۈستىگە ئالىدۇ.
قىزىل ئارمىيە ئەزەربەيجاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئەزەربەيجان خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي شۇراسى تارقىتىۋېتىلىپ، شۇرا رەئىسى مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادە چېكا (ئەكسىل ئىنقىلابچىلار ۋە بۇزغۇنچى ئۇنسۇرلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە كومىسسىيە. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ موسكۋاغا ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى. 1922- يىلى تۈرمىدىن قاچقان رەسۇلزادە، فىنلاندىيە ئارقىلىق تۈركىيەگە بېرىۋالىدۇ. ئۇ، تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن مۇساۋاتچىلارنى بىر يەرگە يىغىپ ئەزەربەيجان مىللىي مەركىزىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە پارىژدا، ۋېرساي تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتىلگەن ئەزەربەيجان ئۆمىكىدىكى ئېلى مەردان توپچىبېشى بىلەن جەيھۇن ھاجىبەيلى قاتارلىق ئىككى نەپەر ھەيئەت ئەزاسىمۇ بار ئىدى. بۇرۇن دۇما ۋەكىلى بولغان، كېيىن يەنە ئەزەربەيجان قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن توپچىبېشى، مۇساپىرلار ئارىسىدا بەكلا داڭلىق بىرسى ئىدى.
بۇنىڭدەك بىر ئىش شىمالى كاپكازىيىلىكلەر ئارىسىدىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، سوۋېت قوراللىق كۈچلىرى بۇ جايلارنى ئىشغال قىلىۋالغىنىدىن كېيىن شىمالىي كاپكازىيە ھۆكۈمىتىنىڭ داڭلىق لىدېرلىرى ياۋروپاغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. شىمالىي كاپكازىيە مۇساپىرلىرىغا «كاپكازىيە تاغلىقلار خەلق پارتىيىسى» (ك ت خ پ) ۋەكىللىك قىلماقتا ئىدى. ئاۋۋال «ھۆر كاپكازىيە تاغلىقلار خەلق پارتىيىسى» (نارودنايا پارتىيا ۋولنىخ گورتسېۋ كاۋكازا. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) دەپ، كېيىنچە «كاپكازىيە تاغلىقلار خەلق پارتىيىسى» (نارودنايا پارتىيا گورتسېۋ كاۋكازا. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) دەپ ئاتالغان بۇ تەشكىلات، ئۈچ كىشىلىك بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن باشقۇرۇلماقتا ئىدى. بۇ پارتىيىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئادىمى، داڭلىق شەيخ شامىلنىڭ نەۋرىلىرىدىن بولغان سەئىد شامىل دېگەن كىشى ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە شىمالىي كاۋكازىيىلىك سابىق مىنىستىرلاردىن بىرى بولغان ھەيدەر بامماتنىڭ ئېتىراپىغا ئۇيۇشقان يەنە بىر گۇرۇھ كىشىلەر بار بولۇپ، بۇ كىشىلەر باممات گۇرۇھى دەپ ئاتالماقتا ئىدى.240
ياۋروپادا تۇرۇۋاتقان ئىدىل ئۇرال تاتارلىرى تاتارىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت رەئىسى ئاياز ئىسھاقى يېتەكچىلىكىدە تەشكىللەنگەن ئىدى. يەنە بىر قىسىم ئىدىل ئۇراللىقلار، ياپونىيە قاتارلىق بەزى يىراق شەرق ئەللىرىگە تارقىلىپ كەتكەن ئىدى. قىرىم تاتارلىرى بولسا، تۈركىيەنى ئاساس قىلغان ھالدا رۇمىنىيە، لىتۋانىيە ۋە پولشا قاتارىدىكى ئەللەرگە تارقالغان ئىدى. مىللىي پىرقە، قىرىم ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاپپار سەيىد ئەخمەت (قىرىمئەر) تەرىپىدىن قايتا تەشكىللەنگەن ئىدى.
بىرىنچى بابتا تونۇشتۇرۇپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئورتا ئاسىيالىقلار «ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتى» دېگەن بىر تەشكىلات ئېتىراپىغا ئۇيۇشماقتا ئىدى. ئەخمەت زەكى ۋەلىدىي جەمئىيەت رەئىسى، مۇستاپا چوقاي ئوغلى بولسا ياۋروپا ۋاكالەتچىسى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئىدى. بۇ تەشكىلاتلاردىن باشقا يەنە ھەر بىر مىللەتنىڭ مۇھاجىرلىرى تەرىپىدىن قۇرۇپ چىقىلغان بىر مۇنچە تەشكىلاتلارمۇ بار ئىدى. ئەمما پرومېتې ھەرىكىتى، ئۆز ۋەتىنىدە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە دېموكراتىك خاراكتېرگە ئىگە لىدېر ۋە گۇرۇھلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش ئاساسىدا تەشكىللىنىش پىلانلىغان بىر ھەرىكەت ئىدى.

پرومېتې تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى
پولشانىڭ سوۋېت مۇساپىرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى پرومېتې تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغان ۋاقتىدىن خېلى بۇرۇنلا باشلانغان ئىدى. ئىستانبۇلدىكى پولشا باش ئەلچىسى ئارتۇر كنول، ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى شايتزېل ۋە دىپلومات خولوۋكو قاتارلىقلارنىڭ ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلىرى نەتىجىسىدە، 1924- يىلى نويابىرنىڭ بېشىدا ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە ۋە شىمالىي كاپكازىيە مىللىي ھەرىكەت ۋەكىللىرى بىرلىشىپ كاپكازىيە مۇستەقىللىق كومىتېتىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى. بۇ كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ئەزەرىلەردىن رەسۇلزادە بىلەن سۇلتانوۋ، گروزىنلاردىن رامىشۋىلى، مدىۋانى ۋە ۋاچنادزې، شىمالى كاۋكازىيىلىكلەردىن بولسا سەئىد شامىل، مۇرات ئەپەندى ۋە ئەلىخان قانتۆمۈر قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى. بۇ ئورگاننى، كەلگۈسىدە قۇرۇلىدىغان فېدىراتسىيىلىك بىرلەشمە ئۈچۈن ئېتىلغان تۇنجى قەدەم دەپ قاراش مۇمكىن (… تارگالسكىنىڭ كاپكازىيە ئىستىقلال كومىتېتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى دەپ تونۇشتۇرغان كىشىلەر تەشكىل قۇرۇش ھۆججىتىگە ئىمزا قويغان دەپ ھېسابلانغان كىشىلەر بىلەن ماس كەلمەي قالغان. قۇرغۇچىلاردىن ۋاچنادزېنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ھۆججەتنى ئەزەرىلەر نامىدا خۇسرەۋ سۇلتانزادە، ئا. شەيخۇلئىسلامزادە ۋە ئابدۇل ئەل ئەمىرجان، گىرۇزىيلەر نامىدا م. تسېرېتېللى، ئا. ئاسستىيانى ۋە د. ۋاچنادزې، شىمالى كاۋكازلار نامىدا ۋ. كاباگى، ئا. قانتۆمۈر ۋە ئا. نامىتوك قاتارىدىكى كىشىلەر ئىمزالىغان. … − ئا.ھ. ئىزاھاتى).241
كاپكازىيە مۇستەقىللىق كومىتېتى پرومېتې تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، بۇ تەشكىلاتنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈنمۇ ئېتىلغان تۇنجى قەدەم ھېسابلىناتتى. ئەپسۇسكى، پرومېتې تەشكىلاتى ھەققىدە ئىلىپ بېرىلغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەردە كاپكازىيە مۇستەقىللىق كومىتېتىنىڭ پرومېتې تەشكىلىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئوينىغان مۇھىم رولىغا يېتەرلىك دەرىجىدە باھا بەرمىگەن ھەمدە ۋېرساي تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن پارىژغا كەلگەندىن كېيىن ۋەتىنى ئىشغالىيەت ئاستىدا قالغىنى ئۈچۈن پارىژدا قېلىشقا مەجبۇر بولغان ئۆمەكلەرنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەن، ئەڭ دەسلەپ ئىستانبۇلدا مەخپىي شەكىلدە قۇرۇلغان كاپكازىيە مۇستەقىللىق كومىتېتى بىر- بىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىلمەكتە. ھەر خىل مەنبەلەر تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بۇ خاتا باھالار نەتىجىسىدە، كاپكازىيە كومىتېتىنى پولەكلەر باشلامچىلىق قىلغان پرومېتې پائالىيەتلەردىن خېلى كۆپ ۋاقىت بۇرۇن، ھەمدە پرومېتېگە مۇناسىۋەتسىز ھالدا قۇرۇلغان دەيدىغان بىر تۈرلۈك تۇيغۇ بېرىپ كەلمەكتە. پرومېتې سېپىنىڭ تەشكىللىنىش جەريانىنى توغرا بىلىش ئۈچۈن، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن بۇ ئۆمەكلەر قۇرۇپ چىققان دائىمىي كاپكازىيە بيۇروسى بىلەن ئىستانبۇلدا مەخپىي شەكىلدە قۇرۇلغان كاپكازىيە مۇستەقىللىق كومىتېتى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئېنىق بىلىنىشى لازىم.
ۋېرساي تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن پارىژغا كەلگەن كاپكازىيە جۇمھۇرىيەتلەر ئۆمەكلىرى، ۋەتىنى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقى سەۋەبىدىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېتەلمەي پارىژدا تۇرۇپ قالىدۇ. ئۆمەك باشلىقلىرىدىن ئېلى مەردان توپچىبېشى (ئەزەربەيجان)، ئا. ئاگورويان (ئەرمېنىيە)، ئا. چېنكېلى (گىرۇزىيە) ۋە ئا. م. چېرموي (شىمالىي كاپكازىيە) 1921- يىلى يىغىلىپ يۇرتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ گۇرۇھقا «دائىمىي كاپكازىيە ھەيئىتى» دېگەن نام بېرىلگەن ئىدى. بۇ ھەيئەتنىڭ ئەزالىرى 1924- يىلى سېنتەبىر ئېيىدا، گىرۇزىيەدە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن باستۇرۇۋېتىلگەن بىر قوزغىلاڭ ئۈچۈن نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە قايتىدىن يىغىلىپ ئىككىنچى باياناتىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ ئورگاننىڭ بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان پائالىيىتى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى. ئىستانبۇلدا 1924- يىلىدا قۇرۇلغان كاپكازىيە ئازادلىق كومىتېتىنىڭ مەركىزى پارىژغا يۆتكەپ كىلىنىشىدىن خېلى بۇرۇن، كاپكازىيە بيۇروسىنىڭ ئەزالىرى تارقىلىپ كەتكەچكە بۇ ئورگان ئۆزلۈكىدىن ئەمەلدىن قالغان ئىدى.
پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى، دىپلومات تادېيۇس ھولوۋكو، 1925- يىللىرىدا ئاۋۋال پارىژغا بېرىپ ئۇكرائىنالىق ۋە گىرۇزىيەلىك لىدېرلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ؛242 ئۇنىڭ كەينىدىن ئىستانبۇلدىكى چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان تۈرك لىدېرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ (زەكى ۋەلىدىي تۇغان «خاتىرىلىرىم» دېگەن كىتابىدا، 1924- يىلى 6- ئايدا بېرلىندا لېخىستانلىق ستېمپوۋسكى دېگەن بىر ئەرباب ئۇنى زىيارەت قىلىشقا كېلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغان مۇستەملىكە مىللەتلەر ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىشلىرى لازىم دەپ ئېيتقانلىقىنى، قۇرۇلۇش ئېھتىمال بولغان پرومېتې تەشكىلاتىدىن ھەمدە نەشر قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان پرومېتې ژۇرنىلى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالماقتا. ئەمما ستېمپوۋسكى دېگەن بۇ ئىسىم، پرومېتېگە مۇناسىۋەتلىك پولشا مەنبەلىرىدە كۆزگە چېلىقمايدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئۇ ۋاقىتلاردا پرومېتې تەشكىلاتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى تەشكىل قىلىدىغان كاپكازىيە ئازادلىق كومىتېتىمۇ تېخى قۇرۇلمىغان ئىدى. شۇنداق بولغاچقا ستېمپوۋسكى دېگەن بۇ كىشىنىڭ، 1924- يىلىنىڭ 6- ئېيىدا، كەلگۈسىدە قۇرۇلماقچى بولغان تەشكىلاتقا پرومېتې دېگەن نام بېرىلىدىغانلىقىنى، بۇ تەشكىلات پارىژدا پرومېتې نامىدا بىر ژۇرنال چىقىرىدىغانلىقىنى، پولشادىكى ۋىشود ئىنستىتۇتى بۇ تەشكىلات بىلەن بىرگە پائالىيەت قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلەلىشى مۇمكىن ئەمەس. بەلكىم پروفېسسور تۇغان، ستېمپوۋسكى بىلەن ئۆتكۈزگەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئىتتىپاقداش كۈچ شەكىللەندۈرۈش ھەققىدە سۆزلىگەن سۆزلىرى بىلەن 1926- يىلىدىن باشلاپ شەكىللىنىشكە باشلىغان پرومېتې ھەرىكىتى ئەھۋالىنى بىرلەشتۈرۈپ كىتابخانلارغا تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ بۇ تۈر باياندا بولغان بۆلىشى مۇمكىن. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). بۇ كۆرۈشۈشلەردىن مەقسەت، بارلىق گۇرۇپپىلارنى بىر نۇقتىغا كەلتۈرۈپ ئورتاق بىر پائالىيەت سەھنىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئىدى. 1926- يىلىنىڭ ماي ئېيى پولشا ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پرومېتې ھەرىكىتى ئۈچۈنمۇ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ. مارشال پىلسۇدسكى، كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە بىر چەتتە يېتەرلىك دەرىجىدە ساقلىدىم دەپ ھېسابلاپ، بىر قېتىملىق قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىشى قوزغاپ ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئالىدۇ. سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، پىلسۇدسكى دۆلەت رەئىسلىكىگە يېقىن سەپدىشى پروفېسسور ئىگناتى موستسىتسكىنى سايلىتىپ، ئۆزى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە لېخ ئارمىيىسىنىڭ باش مۇپەتتىشى ۋەزىپىسىنى تاللاپ ئالىدۇ. بۇ يېڭى ھۆكۈمەتتە، پىلسۇدسكى بىر قاراشتا ئادەتتىكى بىر ھۆكۈمەت ئەزاسى بولۇپ كۆرۈنگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئادىمى ئىدى. بولۇپمۇ تاشقى سىياسەت بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسىگە دائىر مەسىلىلەردە بىردىن بىر ھۆكۈم چىقارغۇچى ئورۇندىكى بىرى ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇزۇندىن بېرى ئويلاپ كېلىۋاتقان، رۇسىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدا قالغان مىللەتلەرنىڭ ياۋروپادىكى ۋاكالەتچىلىرىنى بىر يەرگە توپلىيالىغۇدەك كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر سىياسىي تەشكىلات قۇرۇپ چىقىش دەيدىغان خىيالىنى يولغا قويۇش ئىمكانىغا ئېرىشكەن ئىدى. پىلسودسكى ئۆزىگە بوي سۇنىدىغان بىر قىسىم پولشالىق مەسئۇل خادىملار، ئىككى يىلدىن بېرى تېگىشلىك ئىشلارنى ئالدىنئالا تەييارلاپ، بۇ ئىشلارنى باشلاش ئاساسىنى تەييار ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ پرومېتې قاراشلىرىنى رەسمىي بىر تەشكىل ئىدىيىسىگە ئايلاندۇرۇش ھەمدە كۈچلۈك بىر سىياسىي ھەرىكەت ھالىغا كەلتۈرۈشكە توسالغۇ بولالايدىغان ھېچقانداق بىر توسالغۇ قالمىغان ئىدى.
پرومېتې پائالىيەتلىرىنىڭ تېزلىكتە قانات يېيىشى بىلەن بىرگە، 1924- يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان كاپكازىيە مۇستەقىللىق كومىتېتىمۇ مەركىزىنى پارىژغا يۆتكەيدۇ.243 كومىتېت مەسئۇللىرى بۇنىڭ سەۋەبىنى “يېڭى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى”، “كاپكازىيە سىياسىي مۇھاجىر كۈچلىرىنىڭ ئاساسلىق قىسمى پارىژغا مەركەزلەشكەنلىكى ئۈچۈن” دەپ ئىزاھلىشىدۇ. بۇ يەردە ئوچۇق تىلغا ئېلىنمىغان “يېڭى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى” دېگىنى، تۈركىيە ئىچكى سىياسىتى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرقانداق بىر پائالىيەتكە ئېغىر قىيىنچىلىق پەيدا قىلىشقا قاراپ ئۆزگەرگەنلىكى كۆزدە تۇتۇلغان دەپ مۆلچەرلەش مۇمكىن. “كاپكازىيە سىياسىي مۇساپىرلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمى پارىژغا يىغىلغان” دېگىنىنى بولسا، پرومېتې تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى پارىژغا مەركەزلەشكەن دەپ ئىزاھلاش مۇمكىن. كومىتېت مەركىزىنىڭ پارىژغا كۆچۈرۈپ كېلىنىشى بىلەن بىرگە، 1920- يىللارنىڭ باشلىرىدا كاپكازىيە جۇمھۇرىيەتلىرى ۋەكىللەر ئۆمەك مەسئۇللىرى قۇرغان كاپكازىيە دائىمىي ئىجرائىيە ھەيئىتىمۇ ئۆزلۈكىدىن ئەمەلدىن قالغان ھېسابلاندى.
پولشانىڭ ياردەم قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىك رول ئوينىشى نەتىجىسىدە، بىرەر يىلغا قالمايلا ئاق ئۇرۇسلار بىلەن ئەرمەنلەردىن باشقا سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسى ئىچىدە ياشايدىغان ئۇرۇس بولمىغان بارلىق مىللەت مۇساپىرلىرى بىر نۇقتىغا كەلتۈرۈلۈپ پرومېتې فرونتى قۇرۇلغان ھېسابلاندى. ۋەتىنىنىڭ تەقدىرىنى رۇسىيە بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتلەرگە باغلىق دەپ ھېسابلىشىدىغان ئەرمەنلەر، رۇسىيەگە قارشى كۈرەش قىلىدىغان بىر تەشكىلاتقا ئاكتىپلىق بىلەن ئەزا بولۇشنى خالىمايتتى.
شۇنىڭدەك يەنە ئەزەربەيجان، ئورتا ئاسىيا، ئىدىل ئۇرال ۋە قىرىم قاتارىدىكى تۈركى قوۋملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تەشكىلات بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىمۇ خالىمايتتى. مۇستاپا چوقاي ئوغلى بىر ماقالىسىدە ئەرمەن گۇرۇپپىلىرىنىڭ كاپكازىيە مۇستەقىللىق ھەرىكىتى فرونتىغا قېتىلماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلماقتا:
ئەمما، ئەرمەنلەر كاپكازىيە ئىتتىپاقى فرونتىغا قېتىلىشى ئۈچۈن ھېچ بىر كاۋكاز خەلقى قوبۇل قىلالمايدىغان شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرۇۋالدى. ئەرمەنلەر، كاۋكازىيىلىكلەردىن پۈتۈن كاۋكازىيىنى بېسىۋېلىپ قۇل قىلىۋالغان رۇسىيەگە قارشى تۇرۇش ئورنىغا، ئىنتايىن ئاز مىقداردا ئەرمەن ئازسانلىق مىللىتى ياشايدىغان تۈركىيەگە قارشى كۈرەش قىلىشنى ئاساسى ۋەزىپە قىلىشلىرىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ. …
ئەرمەنلەرنىڭ كاپكازىيە مۇستەقىللىقى يولىدا كۈرەش قىلىدىغانلار سېپىگە قاتنىشىشىغا ئەزەربەيجان مۇساۋاتچىلىرى توسالغۇلۇق قىلغان بولماستىن، بەلكى دەل ئەرمەن داشناقچىلىرى (ئىنقىلابى ئەرمەن قوشۇنى − ئا.ھ. ئىزاھاتى) نىڭ رۇسىيە بىلەن دوست بولۇپ، تۈركىيەگە قارشى چىقىش سىياسىتى توسالغۇ بولغان. ئۇلاردىكى بۇ خىل كۆز قاراش، ئەرمەنلەرنى پۈتۈن كاپكازىيىنى رۇسىيە جاھانگىرلىكىنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىش يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقانلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشلىرىغا يول قويمايتتى (چوقاي ئوغلى، ئەرمەنلەر مەسىلىسى − 3. ياش ئورتا ئاسىيا، 1933. 42- سان، 18- ۋە 22- بەتلەر. داشناقلارنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقىتلىرىدىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇرۇش جەريانىدا، برېتانىيە داشناقلار ھەققىدە “ئەرمەنلەر ئۆز ئالدىغا قارار بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە، رۇسىيەدىكى بارلىق سىياسىي تۈزۈملەر ئىچىدە پەقەت سوۋېت تۈزۈمىلا ئەڭ كىچىكلەر بىلەن ئەڭ ئاجىزلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئەڭ ساداقەتلىك بىلەن ئېتىراپ قىلماقتا دەپ قارىشىدۇ. ئەنە شۇ سەۋەبتىن، ئۇلاردا ئازراقمۇ ئۇرۇس دۈشمەنلىكى يوق” دېگەن دوكلات بەرگەن. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).244

پرومېتېنىڭ تەشكىلى تۈزۈلۈشى
پرومېتې ھەرىكىتىنى تەپسىلىي كۆزەتكىنىمىزدە، ئۇنىڭ تۆت خىل پائالىيەت تۈرىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇلار سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلىي پائالىيەتلەر، نەشرىياتچىلىق پائالىيەتلىرى، ئىلمىي پائالىيەتلەر ۋە ئۇچۇر توپلاش پائالىيەتلىرى قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا ئىدى.
پرومېتې ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان سىياسىي مەركەز، رۇسىيە مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ پرومېتې تەشكىلاتى نامى بىلەن 1926- يىلى ۋارشاۋادا قۇرۇلغان بىر ئورگان ئىدى. بۇ ئورگان تەشكىللىنىش ۋاقتىدا پرومېتېگە قاتناشقان مىللىي ھەرىكەت ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر مەركىزى ھەيئەت (پرېزديۇم) سايلاپ چىققان بولۇپ، بۇ ئورگان پرومېتېنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىجرائىيە ئورگىنى ھېسابلىناتتى. بۇ ئورگاننىڭ رەئىسلىكىگە ئۇكرائىنالىق پروفېسسور رومان سمال ستوتسكى تەيىنلەنگەن ئىدى. سالاكاجا، مدىۋانى ۋە گېۇناكاشىدز (1933- يىلىدىن كېيىن) قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئورۇنباسارلىرى ئىدى. مەركىزى ئورگاننىڭ قالغان ئەزالىرى بولسا باراسبى بايتۇغان، مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادە ۋە كونراد ئىمنادز قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. ئۇكرائىنالىق بازىئاك بىلەن ئوسېتيىلىك بالوبىلەتى كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. شىمالىي كاپكازىيە، گىرۇزىيە ۋە ئەزەربەيجان مەركەزلىرى تەرىپىدىن كاۋكاز مىللەتلىرى ئوتتۇرىسىدا يېقىن ئالاقە ئورنىتىش ھەمدە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش مەقسىتىدە، 1924- يىللىرىدىلا «كاپكازىيە ئىستىقلال كومىتېتى» (كومۇتېتا نېزاۋىسىموتى كاۋكازا − ئا.ھ. ئىزاھاتى) نامىدا ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان تەشكىلات شەكلى، پرومېتې ئىچىدىمۇ ئۆز پىتى كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئىدى. قىسقارتىلىپ “كاپكازىيە كومىتېتى” دەپ بىلىنگەن بۇ بۆلۈم، ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمال بولغان پىكىر ئىختىلاپلىرىنى ھەل قىلىش، پىلانلىق باشقۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى.245 بۇ ئورگان ۋاسىتىسى ئارقىلىق، پۈتكۈل كاۋكاز مىللەتلىرى پرومېتې تەركىبىدە بىر پۈتۈن بۆلۈم بولۇپ پائالىيەت قىلالايدىغان ھالغا كەلتۈرۈلگەن.
(رەسىم ئورنى)
پرومېتې فرونتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان “موسكۋا مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مىللەتلەر” گە مۇناسىۋەتلىك ئاتكرىتكا. پارىژ، 1930
مىللەت تارقىلىشى بويىچە ئالغاندا، مەركىزى ئورگان ئاساسىي جەھەتتىن پولشالىق، ئۇكرائىنالىق ۋە كاپكازىيىلىك (گروزىنلار، ئەزەرىلەر ۋە شىمالىي كاپكازلىقلار) كىشىلەر تەرىپىدىن تەشكىل تاپقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل ئېتنىك تەركىب ئالاھىدىلىكى پرومېتې تەشكىلاتى تارقىتىۋېتىلگەن يىللارغىچە ئۆزگەرمەي ئۆز پىتى داۋام قىلىدۇ. ئورتا ئاسىيا، قىرىم ۋە ئىدىل- ئۇرال مىللىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ۋاكالەتچىلىرى پرومېتې تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگانلىرىدىلا ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ يېتەكچىلىرىنى نېمە ئۈچۈن مەركىزى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا قوبۇل قىلىنمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. ئەسلىدە ئىدىل- ئۇرال ھەرىكىتىنىڭ لىدېرى بولغان ئاياز ئىساقىي، 1927- يىلىنىڭ بېشىدىلا پولشا ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىستانبۇلدىن ۋارشاۋاغا بېرىپ ئورۇنلاشقان ئىدى.246 ئۇ يەردە، پىلسۇدسكى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ پرومېتې تەشكىلاتى بىلەن ئىدىل- ئۇرال ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدا رەسمىي بىر كېلىشىممۇ تۈزۈپ چىققان ئىدى (ئاقىشنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە قارىغاندا، ئاياز ئىساقىي، پىلسۇدسكى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىلىرىنى، پرومېتې تەشكىلاتى بىلەن تۈزۈشكەن پرومېتې كېلىشىمى قاتارىدىكى مۇھىم ھۆججەتلەرنى ۋارشاۋادىكى بانك گاسپودارچىنىڭ مەخسۇس ساندۇقىدا ئامانەتكە قويغان ئىكەن. ئەپسۇسكى، نېمىسلارنىڭ بومباردىمانچىلىقىدا بۇ بانكا تۈپتۈز قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، ئامانەتكە قويۇلغان بارلىق ھۆججەتلەر يوقاپ كەتكەن. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). شۇنىڭغا قارىماي، ئۇلار يەنىلا پرومېتېنىڭ مەركىزى كومىتېتىغا كىرەلمىگەن ئىدى. تەشكىللىنىشنىڭ بۇنداق بولۇشىنى بەلكىم ئۇكرائىنا، ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە قاتارىدىكى دۆلەتلەر چار رۇسىيەدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتكەن ۋاقىتلىرىدا قىسقا مۇددەتلىك بولسىمۇ تولۇق مۇستەقىل دۆلەت بولالىغانلىقى سەۋەب بولغان دەپ قاراش مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن ئىدىل- ئۇرال ۋە قىرىم تەۋەلىرىدە مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى بارلىققا كەلگەن، مۇختارىيەت ئېلان قىلىشقان بولسىمۇ، بەرىبىر موسكۋادىن تولۇق مۇستەقىل دۆلەت قۇرالمىغانلىقىمۇ راست ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ خىل ھوقۇقى ئورۇن پەرقلىرى ئاساسىدا پرومېتې مەركىزى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدا گروزىيەلىك، ئەزەربەيجانلىق، شىمالىي كاپكازىيىلىكلەر بىلەن ئۇكرائىنالىقلارنىڭلا ۋەكىللىرىگە ئورۇن بېرىلگەن بۆلىشى ئېھتىمال. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇكرائىنا بىلەن كاپكازىيە ئەللىرىنى پولشا بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ دەپ قارىماقتا ئىدى. ئورتا ئاسىيا مىللىي بىرلىك ھەرىكىتىنىڭ پرومېتې سېپىگە رەسمىي قوشۇلغان ۋاقتىمۇ باشقا تەشكىلاتلارغا قارىغاندا بىرەر يىلدەك كېيىن ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ت م ب مۇ پرومېتې سېپىنىڭ يۇقىرى ئورگانلىرىغا كىرگۈزۈلمىگەن بولۇپ، ئۇلار مەركىزى ئورگان بىلەن ئومۇمەن ئالغاندا كاۋكاز كومىتېتى ۋاسىتىسى ئارقىلىق مۇناسىۋەت قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.247
پولشا ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن پرومېتې ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە مۇناسىۋەت ئورنىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىشى، بۇ تەشكىلاتنى ئاكتىپ پائالىيەت قىلالايدىغان ھالدا تۇتۇش جەھەتتىن ئالغاندا بەكلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. بۇ مەقسەتتە بىر قانچە ياۋروپا پايتەختلىرىدە پرومېتې كلوپلىرى قۇرۇلغان ئىدى. بىرخىل ئىجتىمائىي تەشكىلات شەكلىدە پائالىيەت قىلىدىغان بۇ كلوپلار ئاممىغا ئوچۇق پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ تۈردىكى كلوپلار قايسى ئەلدە قۇرۇلغان بولسا، شۇ ئەلدە ياشايدىغان بارلىق مىللىي تەشكىلات ئەزالىرىنى بۇ كلوپلارغا ئەزا قىلىپ تىزىمغا ئالغان ئىدى. بۇ كلوپقا ئەزا بولغان ئوقۇغۇچىلارغا بەلگىلىك مىقداردا (160 زلوتىي) ئايلىق تەمىنات بېرىلەتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ھەر قايسى كلوپلارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەت ئىشلىرىدا ئىشلىتىش ئىمكانلىرى يارىتالىغان ئىدى. بۇ كلوپلار تەشكىللىگەن ئىلمىي دوكلات، چاي ئولتۇرۇشى ۋە كۆرگەزمە قاتارىدىكى پائالىيەتلىرى ئارقىلىق پرومېتې تەشكىلاتىغا ئەزا مۇھاجىر لىدەرلىرىنى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ساھەلەردىكى داڭلىق كىشىلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئويناش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۈستىگە ئېلىشقان ئىدى. 1927- يىلىدا قۇرۇلغان بۇ كلوپ بىلەن ئۇنىڭ تارماقلىرى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاياللار ۋە ياشلار گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىللەش ۋەزىپىلەرنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى. شۇ ئارقىلىق پرومېتېنىڭ تەسىر- دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تىرىشماقتا ئىدى.
پرومېتې كلوپلىرى بىلەن بىرگە يەنە، بەزى شەھەرلەردە بۇ تۈردىكى كلوپلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئوخشاش ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان باشقا تەشكىلاتلارمۇ قۇرۇلغان ئىدى. مەسىلەن پارىژدا قۇرۇلغان «ئورتا ئاسىيا، كاپكازىيە ۋە ئۇكرائىنا دوستلۇق جەمئىيىتى»، برنو شەھىرىدە قۇرۇلغان چېخ- لېخ كلوپلىرىنى ئەنە شۇ تۈردىكى ئورۇنلارنىڭ ئۈلگىلىرى دېيىش مۇمكىن. پرومېتې كلوپلىرى بىلەن بۇ تۈردىكى تەشكىلاتلار پات- پات ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ، رەسۇلزادە، چوقايئوغلى، سەئىد شامىل، شۇلگىن، گاۋازاۋا قاتارىدىكى پرومېتې ئەزاسى بولغان مۇھاجىر لىدېرلەرنى ئىلمىي دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇراتتى. دوكلات يىغىنلىرىنىڭ ئاخىرىدا دوكلات ئاڭلىغۇچىلارنىمۇ بەس مۇنازىرىلەرگە قاتناشتۇرۇپ، بىر قىسىم مەسىلىلەر كەڭ دائىرىدە تالاش- تارتىش قىلىناتتى. شۇ ئارقىلىق ياۋروپا ئەللىرىدىكى خەلق ئاممىسىغا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەزىيىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى مۇستەملىكىسى ئاستىدا ياشاۋاتقان مىللەتلەر ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلەتتى. پرومېتې بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمىغان، ئەمما پرومېتېچىلار ئاكتىپلىق بىلەن پائالىيەت كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان يەنە باشقا تەشكىلاتلارمۇ بار ئىدى. فىرانسىيە شەرق كومىتېتى (كومىتې فرانس ئورىېنت − ك ف ئو)، بۇ تۈردىكى ئورگانلارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى ئىدى. فرانسىيەنىڭ داڭلىق سىياسەتچىلىرى ئەزا بولغان بۇ تەشكىلات، سوۋېت مۇھاجىرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئىقتىسادىي ياردەم توپلاش ئىشلىرىدا ئىنتايىن مۇھىم ئىجتىمائىي ئورگان بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەپ كەلمەكتە ئىدى (ك ف ئو نىڭ 1929- يىلى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان پاۋۇل دوۋميېر، ئۆز ۋاقتىدا يەنە پارلامېنت رەئىسى ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).248

پرومېتې ژۇرنىلى
پرومېتې تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىدىن بىرى − مەتبۇئات پائالىيىتىدۇر. بۇ تەشكىلات قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە قارىتا تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە تەشكىلات ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان ئورتاق بىر مەتبۇئات ئەپكارى چىقىرىش قارارىنى ئالغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئىتتىپاق تەۋەسىدىكى ھەربىر تەشكىلات، ئۆزلىرى بەلگىلىگەن تىللار بويىچە ئۆزىنىڭ نەشرىيات ئەپكارلىرىنى چىقىرىشاتتى. شۇنداق قىلىپ بىر تەرەپتىن ئەركىن دۇنيا ئەللىرىدە بولشېۋىزمغا قارشى جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچىدە ھاكىمىيەتكە قارشى گۇرۇھلارنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقچى بۆلىشىدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت، پىلسۇدسكىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى كەلگۈسىدە ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمال بولغان يېڭى بىر غەرب دۇنياسى بىلەن رۇسىيەنىڭ توقۇنۇشۇپ قېلىش ئېھتىمال تۇغۇلۇپ قالغىنىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئىتتىپاقداش كۈچ پەيدا قىلىش ئىدى. نەتىجىدە، مەركىزى پارىژدا تۇرىدىغان «پرومېتې» (بۇ ژۇرنالنىڭ ئەسلى ئىسمى فرانسۇزچە پرومېتخېې شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، تۈركچە مەنبەلەردە پرومېتې شەكلىدە، يەنى ئوقۇلۇشى بويىچە يېزىلىشى مۇقىملىشىپ قالغان ئىدى. ئەنە شۇ سەۋەبتىن بۇ كىتابتىمۇ پرومېتې شەكلىنى قوللاندۇق. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) نامىدا بىر ژۇرنال چىقىرىشنى قارار قىلىدۇ. بۇ ژۇرنال فرانسۇزچە چىقىرىلىدىغان، بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقان ھەر بىر گۇرۇپ بۇ ژۇرنال رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدا بىرەر ئەزا بىلەن ۋەكىللىك قىلىدىغان بولىدۇ.
ئەسلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ ۋاكالەتچىلىرى بىرەر ژۇرنال ئېتىراپىغا ئۇيۇشۇپ ئورتاق پائالىيەت قىلىش سەھنىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئىشى يېڭىلىق ھېسابلانمايتتى. 1919- يىللىرىدىلا بۇنىڭغا ئوخشايدىغان پائالىيەت، مۇستەقىل گىرۇزىيەنىڭ پايتەختى تىبىلىستىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. تىبىلىس، ئۇ يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى مۇھاجىرلار ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق مەركەزلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. ئۇكرائىنا، 1918- يىلىنىڭ فېۋرال ئايلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغانلىقىغا قارىماي تىبىلىستىكى ۋاكالەتخانىلىرىنى تاقىمىغان ئىدى. گىرۇزىيە دائىرىلىرىمۇ مۇھاجىرلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى پائالىيەتلىرىگە ياردەم بەرمەكتە ئىدى. قوقان مۇختارىيىتى قىزىللار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن مۇستاپا چوقاي ئوغلىمۇ تىبىلىسقا بېرىۋالغان ئىدى. چوقاي ئوغلى، ئۇ يەردە «ۋولنىي گورېتس» (ئەركىن تاغلىقلار − ئا.ھ. ئىزاھاتى) ۋە «باربا» (ئۇرۇش − ئا.ھ. ئىزاھاتى) دېگەن گېزىتلەردە ئىشلىگەن ئىدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن گىرۇزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ چوقاي ئوغلى باش تەھرىرلىكىدىكى «نا رۇبېزخې» (چېگرا بويى − ئا.ھ. ئىزاھاتى) دېگەن بىر ژۇرنال نەشرى قىلىنىشقا باشلايدۇ.249 كاپكازىيە، ئۇكرائىنا ۋە ئورتا ئاسىيا ھەمكارلىقى ئاستىدىكى بۇ پائالىيەتلەرنىڭ دەسلەپكى ئۈلگىسى بولغان بۇ ئىشلارنى، مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا پرومېتې ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىنىڭمۇ تۇنجى سىناقلىرى دېيىش مۇمكىن ئىدى. ئورتاق پائالىيەت قىلىدىغان بۇ تۈردىكى سورۇنلار گىرۇزىيەنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىشغال قىلىۋالغان 1921- يىلىنىڭ 25- فېۋرالغىچە ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
پرومېتې ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەركىبىدە ئەزەربەيجان ۋەكىلى مۇستاپا ۋەكىلى، شىمالىي كاپكازىيە ۋەكىلى مىر ياقۇپ مەختىيېۋ، گىرۇزىيە ۋەكىلى گېورگېس گۋازاۋا ۋە ئۇكرائىنا ۋەكىلى سۈپىتىدە سابىق مىنىستىرلاردىن بىرى بولغان ئالېكساندر شۇلگىن قاتارلىق كىشىلەر بار ئىدى. ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرلىكىگە گىرۇزىيەلىك گاۋازاۋا تەيىنلەنگەن ئىدى. ئورتا ئاسىيادا بىر نەچچە يىل فرانسۇز تىلى ئوقۇتقۇچىلىقىنى قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئاسىيا مەسىلىلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ يۈرگەن، رۇس تىلى بىلەن بىرگە ئۇ يەرنىڭ يەرلىك تىلى بولغان تۈركى تىل لەخچىلىرىنى بىلىدىغان جوسېف كاستاگېن، بۇ ژۇرنالنىڭ نەشرىيات مەسلىھەتچىلىكى بىلەن ماقالە ئورىگىناللىرىنى تۈزىتىپ باسمىغا مۇۋاپىق ھالەتكە كەلتۈرۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان ئىدى (كوررېكتورلۇق قىلغان − ئا.ھ. ئىزاھاتى). بۇ ۋەكىللەرگە بىرەر مىڭ فرانك ئەتراپىدا ئايلىق مائاش بېرىلەتتى.
بۇ تۈردىكى تەييارلىق ئىشلىرى پۈتۈپ، 1926- يىلىنىڭ نويابىردا پرومېتې ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانى نەشرىدىن چىقىدۇ. ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا زەنجىرلىرىدىن قۇتۇلغان پرومېتېنىڭ ئېگىز بىر تاغ چوققىسىدىن پەسكە چۈشۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن رەسىمى بېسىلغان ئىدى (1934- يىلى، 92- سانىدىن باشلاپ، مۇقاۋىدىكى بۇ رەسىم چىقىرىپ تاشلىنىپ، رەڭسىز مۇقاۋا ئۈستىگە يالغۇز پرومېتې دېگەنلا خەت بېسىلغان مۇقاۋا قوبۇل قىلىنىدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). شۇنىڭدەك يەنە، مۇقاۋىغا “كاپكازىيە (گىرۇزىيە، ئەزەربەيجان، شىمالىي كاپكازىيە) ۋە ئۇكرائىنا مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ نەشرى ئەپكارىدۇر” دەپ ئىزاھات بېرىلگەن ئىدى. 1927- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئورتا ئاسىيا مىللىي بىرلىك ھەرىكىتىمۇ پرومېتې تەشكىلاتىغا قاتنىشىشى بىلەن ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىدىكى يۇقىرىقى سۆزلەرگە “ئورتا ئاسىيا مىللىي بىرلىكى” دېگەن ئىزاھاتمۇ قوشۇپ بېسىلىدۇ.
پرومېتې ھەرىكەتلىرى بىلەن بۇ ھەرىكەتكە مۇناسىۋەتلىك نەشرىياتچىلىق ئىشلىرى يالغۇز پرومېتې مەجمۇئەسى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. بۇ ھەرىكەتكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مىللىي گۇرۇپپىلارنىڭ ئۆزىگە خاس نەشرىيات ئەپكارلىرىنى چىقىرىشىغىمۇ ياردەم بېرىلمەكتە ئىدى.250 بېسىلغان بۇ ژۇرناللار شۇ مىللەتنىڭ تەشكىلاتى قايسى ئەلدە ۋە قايسى تىلدا ئەڭ كۆپ تەسىر قوزغىيالايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسا شۇ ئەلدە ۋە شۇ ئەلنىڭ تىلىدا بېسىلاتتى. پرومېتې مەركىزى ئورگىنى پولشانىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن ھەر قايسى جايلارنىڭ يەرلىك گېزىتلەرنى تېپىپ كېلىپ ۋارشاۋادىن مىللىي تەشكىلاتلارغا يەتكۈزۈپ تۇراتتى.
(رەسىم ئورنى)
پرومېتې ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسى251
شۇنداق قىلىپ، ھەرقايسى تەشكىلاتلار مەيلى رۇسىيە تەۋەسىدىكى مەخپىي قوللىرى بىلەن بولسۇن، مەيلى يەرلىك گېزىتلەر ۋاسىتىسى بىلەن بولسۇن كۈندىلىك ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ تۈردىكى نەق مەنبەدىن خەۋەردار قىلىنىش سايىسىدە، پرومېتېچىلەر پرومېتې ژۇرنىلى بىلەن ئۆزلىرى چىقىرىۋاتقان ژۇرناللاردا خېلى كۈچلۈك يېزىلغان ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرىنى قاتتىق پاراكەندە قىلىۋېتىدىغان ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئىدى.
ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ چەت دۆلەتلەردىكى سىياسىي باياناتچىلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان مىللىي ئىتتىپاق (ت م ب) تەشكىلاتى، 1927- يىلىدىن باشلاپ ئىستانبۇلدا «يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنى چىقىرىشقا باشلايدۇ. كېيىن بۇنىڭغا يەنە بېرلىندا چىقىرىلغان «ياش ئورتا ئاسىيالىقلار» (1929) ژۇرنىلىمۇ قوشۇلىدۇ. ئاياز ئىسھاقى تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان ئىدىل ئۇرال تۈركلىرىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان «يېڭى مىللىي يول» بېرلىندىكى «ياش ئورتا ئاسىيالىقلار» ژۇرنىلى بېسىلىدىغان باسمىخانىدا بېسىلماقتا ئىدى. ئەزەربەيجان تۈركلىرىنىڭ مۇساۋات تەشكىلاتى نامىدا بېرلىندا «قۇرتۇلۇش» (قۇتۇلۇش، ئازادلىق − ئۇ.ت)، ئىستانبۇلدا بولسا «ئودلۇ يۇرت» ژۇرنىلىمۇ نەشرى قىلىنماقتا ئىدى. بۇ نەشرى ئەپكارلىرىغا كېيىن يەنە «بىلدىرىش» (1931) ژۇرنىلىمۇ قوشۇلىدۇ. قىرىم مىللىي ھەرىكىتى، نەشرىياتچىلىق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن 80 مىڭدىن ئارتۇق قىرىم تۈركلىرى ياشاۋاتقان رۇمىنىيەنى تاللاپ ئالغان بولۇپ، كۆستەنجىدە «ئەمەل» (غايە، ۋەزىپە − ئۇ.ت) ژۇرنىلى نەشرى قىلىنماقتا ئىدى. شىمالىي كاپكازىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاۋازى بولغان «سېۋېرنى كاۋكاز» (شىمالىي كاپكازىيە) مۇ ۋارشاۋادا نەشرى قىلىنماقتا ئىدى. پارىژدا، پرومېتې ژۇرنىلىدىن باشقا يەنە گروزىيىلىكلەرنىڭ «ساكارتۋېلو» (يۇرتۇم) ژۇرنىلى بىلەن سۈرگۈندىكى ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەشرى قىلىنغان «ترىسۇب» ژۇرنىلىمۇ نەشرى قىلىنماقتا ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە قالمۇقلار تەرىپىدىن چىقىرىلىۋاتقان «كوۋيلنىيې ۋولنى»، «ھۆر كازاكلار ھەرىكىتى» (كازاك مىللىي تەشكىلاتى) تەرىپىدىن چىقىرىلىۋاتقان «ۋولنويې كازاچىستۋو» دېگەن ژۇرناللارمۇ بار ئىدى.252
پرومېتې ژۇرنىلى نەشرى قىلىنىۋاتقان يىللاردا مەيلى بۇ ھەرىكەتتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن گۇرۇپپىلار ياكى باشتىن تارتىپ بۇنداق بىر تەشكىللىنىشكە قارشى چىقىپ كەلگەن ھەرخىل گۇرۇپپىلار تەرىپىدىنمۇ نۇرغۇنلىغان ئەپكارلار نەشرى قىلىنماقتا ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولغانلىرىدىن شىمالىي كاپكازىيە يېتەكچىلىرىدىن بولغان ھەيدەر باممات مەسئۇللۇقىدىكى «كاۋكاز» ژۇرنىلىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. دەسلىپىدە پرومېتېنى قۇرۇش ئىشلىرىغا قاتناشقان ئەلىخان قانتۆمۈرمۇ كېيىنچە بۇ گۇرۇپپىغا قاتناشقان ئىدى. بىر قۇمۇق تۈركى بولغان ھەيدەر باممات، پرومېتې تەۋەسىدىكى كاپكازيىلىكلەرگە ئوخشاش بىر شىمالىي كاپكازىيە فېدىراتسىيەسى قۇرۇلۇشىنى توغرا كۆرەتتى. ئەمما بامماتنىڭ قارىشىچە تۈركىيە بىلەن شىمالىي كاپكازىيە نۇرغۇن تەرەپلەردە بىر- بىرىگە باغلانغان بولغاچقا، قۇرۇلغۇسى شىمالىي كاپكازىيە فېدېراتسىيەسى سىياسىي جەھەتتىن تۈركىيەگە قارايدىغان بۆلىشى لازىم ئىدى. بامماتنىڭ بۇ قاراشلىرى ياش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھەيدەر باممات گۇرۇپپىسى تېخىمۇ كەسكىن بىر يول تۇتۇپ، ياپونىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ تۇتقان يولىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر سىياسىي يولدا مېڭىشنى تاللاپ ئالىدۇ. باممات، سەئىد شامىل باشلىق جوردانىيە بىلەن رەسۇلزادىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق پرومېتېچىلەرگە قارشى ئىدى. بۇ گۇرۇھنىڭ نەشرىيات ئەپكارى بولغان «كاۋكاز» ژۇرنىلى رۇسچە، تۈركچە، فرانسۇزچە ۋە كېيىنكى يىللاردا ئىنگلىزچە بولۇپ تۆت خىل تىلدا نەشرى قىلىنماقتا ئىدى. بۇ ئىشلارغا كېرەكلىك ئىقتىسادىي ياردەم ياپونىيەنىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدىن تەمىنلىگەن دېيىلگەن.

پولشا ۋە پرومېتې: ئىلمىي ۋە سىياسىي ياردەملەر
پرومېتې ھەرىكىتىگە بېرىلگەن ئىلمىي ياردەملەر ۋارشاۋادىكى شەرق مەسىلىلىرى ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن تەمىنلەنمەكتە ئىدى. بۇ ئىنستىتۇتنىڭ پەخرى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى مارشال پىلسۇدسكىنىڭ يېقىن سەپداشلىرىدىن بىرى بولغان سىياسەتچى، ساناتور ستانسلاۋ سېدلېتسكى (س. سېدلېتسكى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرق مەسىلىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرى رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان كىشى بولۇپ، پولشا ئىشغال قىلىنغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى. بۇ ۋەزىپىنىڭ بىر سىياسەتچىگە بېرىلگەنلىكى پولشا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىنستىتۇتقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئوچۇق كۆرسەتمەكتە ئىدى.253 ئىنستىتۇتنىڭ مۇدىرى پولشالىق ئالىم ۋە مۇخبىر ۋلودىمىېرز بونجكوۋسكى (ۋلودىمىرېرز بونجكوۋسكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بىر مەزگىل ئىسرائىلدا تۇرغان بولۇپ، كېيىن ئا ق ش غا كۆچۈپ كېتىدۇ. بەزى مەنبەلەردە بۇ ئىسىم باجكوۋسكى شەكلىدە يېزىلماقتا. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) ئىدى. بونجكوۋسكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا بىر قانچە يىل رۇسىيەدە تۇرغان بولۇپ، ئۇ يەردىن سىبىرىيە ئارقىلىق ياپونىيەگە بېرىۋالغان ئىدى. بۇ جەريانلاردا رۇسىيەدىكى تۈركىلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلەردە بولغان ئىدى. بونجكوۋسكى ئۆز ۋاقتىدا يەنە ئىنستىتۇت تەرىپىدىن نەشرى قىلىنغان ژۇرناللار بىلەن ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ تەھرىرلىكىنىمۇ ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ئىنستىتۇتنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى بولسا بىر ئاكادېمىك بولغان پروفېسسور ئولگىېرد گۇركا ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە پروفېسسور پونياتوۋسكى، پروفېسسور زايانچوۋسكى، پروفېسسور دوماشېۋىچ قاتارىدىكى كىشىلەرمۇ پرومېتې غايىسىگە ياردەم بېرىۋاتقان ئالىملار بولۇپ، ئۇلارمۇ ئىنستىتۇتنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئۆز ھەسسىلىرىنى قوشماقتا ئىدى.
شەرق مەسىلىلەر ئىنستىتۇتى، رۇسىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان «ۋيچود» (شەرق) نامىدا بىر ئىلمىي ژۇرنال چىقىراتتى. بۇ ھەرىكەتنىڭ يېتەكچىلىرىنى بۇ ئىنستىتۇت پات- پات ۋارشاۋاغا تەكلىپ قىلىپ، ئۆز مىللىي مەسىلىلىرى ھەققىدە ئىلمىي دوكلات بېرىش پائالىيەتلىرىگە ئۇيۇشتۇرۇپ تۇراتتى. پرومېتې ئەزاسى بولغان بەزى مۇھاجىر يېتەكچىلىرىنىڭ يازغان كىتابلىرىنى شەرق مەسىلىلىرى ئىنستىتۇتى مەسئۇل بولۇپ پولەكچىگە تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلاتتى (بۇ ئىنستىتۇت، مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادىنىڭ ئەزەربەيجانغا مۇناسىۋەتلىك كىتابى بىلەن جاپپار سىيىت ئەخمەتنىڭ قىرىم ۋە قىرىم تاتارلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلىرىنى پولەكچىگە تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). بۇ ئىنستىتۇت يەنە شىمالىي كاپكازىيىلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىل پەرقلىرىنى يوقىتىش مەقسىتىدە ئورتاق بىر ئېلىپبە تەييارلاش قاتارىدىكى پرومېتې ھەرىكىتىگە ھەسسە قوشقىلى بولىدىغان ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەنمۇ شۇغۇللانغان ئىدى. پولشالىق ئاكادېمىكلەر بىلەن بۇ تەۋەگە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان 1935- يىلىغىچە داۋاملاشتۇرۇلغان پائالىيەتلەر نەتىجىسىدە، يەرلىك تىللار ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەملەرنى تاللاپ چىقىپ شىمالىي كاپكازىيە مىللەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئورتاق بىر تىل بەرپا قىلىشقا تىرىشقان ئىدى.
ۋارشاۋا باشچىلىقىدىكى بېرلىن، پارىژ، پراگا، ئىستانبۇل، تېھران ۋە خاربىن (مانجۇرىيە) قاتارىدىكى مەركىزى شەھەرلەردە توپلانغان پرومېتې ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارالىق سەھنىلەردە قوللاپ قۇۋۋەتلىنىشى ۋە نازارەت قىلىنىشىغا پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرق ئىشلار بۆلۈمى مەسئۇل ئىدى. بۇ بۆلۈم، باشتىن تارتىپ لۇكاسىېۋىتز (1926~1935)، تادېۋۇسز، خولوۋكو (1926~1931) ۋە تادېۋۇسز شايېتزېل (1931~1935) قاتارىدىكى پىلسۇدسكى بىۋاسىتە تاللاپ ۋەزىپىگە قويغان كىشىلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇپ كېلىنگەن ئىدى.254 پرومېتې ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولغان بۇ كىشىلەر بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن سىياسىي ئىدىيىسىگە چىن قەلبىدىن سادىق كىشىلەر بولغاچقا، بۇ تەشكىلات ئىنتايىن ئاكتىپ پائالىيەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە ئىدى. پرومېتې ھەرىكىتى ئۈچۈن كېرەكلىك ئىقتىسادىي ياردەم بىۋاسىتە پىلسۇدسكى قۇرۇپ چىققان بىر فونت تەرىپىدىن تەمىنلەنمەكتە ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ ئىقتىسادىي مەنبە مەيلى پرومېتېچىلەر تەرىپىدىن ياكى شۇ دەۋرىنى تەتقىق قىلغۇچىلار تەرىپىدىن بولسۇن “پىلسۇدسكى پوندى” دەپ ئاتالماقتا.
پرومېتې ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتلىرى باشلىنىش بىلەن تەڭ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى مۇھاجىر يېتەكچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ۋارشاۋا شەھىرى ئۆز مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك مەركەزلەردىن بىرىگەئايلانغان ئىدى. نۇرغۇنلىغان سىياسىي ھەرىكەتلەر ئۆز مەركەزلىرى بىلەن سىياسىي قوشۇنىنى بۇ شەھەرگە يۆتكەشكە كىرىشكەن ئىدى. پائالىيەتلىرىنى ۋارشاۋاغا يۆتكەپ كەلگەن يېتەكچىلەردىن مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادە، ئاياز ئىسھاقى، سەئىد شامىل، كاپكازىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئۈچ يېتەكچىسى مەھەممەت گىراي سۇنچ، تاۋسۇلتان شاقمان ۋە ئىبراھىم چۇلىك قاتارلىق كىشىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۇمكىن.
بۇ پائالىيەتلەرگە قوشۇلۇپ يەنە پولشا ھۆكۈمىتى سوۋېت مۇھاجىر گۇرۇپپىلىرى ئۈچۈن بىر تەربىيىلەش پروگراممىسىمۇ تۈزۈپ چىققان ئىدى. ھەر خىل پولشا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ستۇدېنتلارغا ھۆكۈمەت ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەرمەكتە ئىدى. بۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پولشالىق ياشلار بىلەن بىرگە شەرق مەسىلىلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ ياشلار شۆبىسىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى (قىرىم مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدە ئالاھىدە رول ئوينىغان ئەدىگە مۇستاپا قىرىمال، ئابدۇللا زېھنى سويسال، سېلىم ۋەكىلى ئورتاي ۋە ئىبراھىم ئوتار قاتارىدىكى كىشىلەر پولشا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پروگراممىسى ئاساسىدا ئوقۇش ياردىمىدىن بەھرىمەن بولۇپ پولشا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغانلاردىن ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). پولشا ھۆكۈمىتىنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن يەنە بىرى، كاپكازىيە بىلەن ئۇكرائىنالىق سابىق ئەسكەرلەرنى توختام بويىچە پولشا ئارمىيىسىگە قوبۇل قىلىشنى يولغا قويۇشى ئىدى. ئۆز ۋەتىنىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى قانات يايدۇرۇلغان مۇستەقىللىق ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان نۇرغۇنلىغان ئوفىتسېرلار، 1927- يىلىدىن باشلاپ پىلانلىق تۈردە پولشا ئارمىيىسىدە ۋەزىپىگە قويۇلغانلىقى مەلۇم. پىلسۇدسكى تەرىپىدىن باشلىتىلغان بۇ ئىشلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغان كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ.255


ئورتا ئاسىيا − بېرلىن سېپى ۋە ئۇنىڭ نېرىسى

نە ئۈمىد، نە خىياللار بىلەن كەلگەن ئىدۇق،
خام خىيال ياكى ئوتوپىيەمىدى ئۇلار ھەممىسى؟
بىز ئورتا ئاسىيالىق ئىنقىلابچىلار نەدە قالدۇق ۋە نېمە قىلىپ يۈرىمىز؟
          −ئەخمەت نائىم، ئوقۇغۇچى، 1929

1920- يىللار، ئورتا ئاسىيادىكى سوۋېت ھاكىمىيىتى كۈندىن- كۈنگە كۈچلىنىپ كېتىۋاتقان يىللار ئىدى. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا، سوۋېت دائىرىلىرى داۋام قىلىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى، دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ كۆپلۈكى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەتراپىدىكى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ يەرلىك يېتەكچىلىرىنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە موھتاج بىر ئەھۋالدا ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، يەرلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ كۆرۈنۈشتە سوتسىيالىزمچى، ئەمەلىيەتتە بولسا ھەقىقىي مىللەتچىلىك ئاساسىدىكى ھاكىمىيەت سىستېمىلىرىنى قۇرۇپ چىقماقچى بولغان ئۇرۇنۇشلىرىغا قىسمەنلىكتە بولسىمۇ كۆز يۇمۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى. بولۇپمۇ يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇخارا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان جەدىتچى مەسئۇللارنى ئۈركۈتۈۋەتمەسلىك، ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇقىملىقنى قولغا كەلتۈرۈۋالغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزلىرىگە بىھۇدە باش ئاغرىقى تېپىۋالماي ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك ئىدى. ئەمما پەرغانە تەرەپلەردە باش كۆتۈرگەن باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرى تېز سۈرئەت بىلەن كېڭىيىپ پۈتۈن ئورتا ئاسىياغا تېز سۈرئەت بىلەن يېيىلماقتا ئىدى. سوۋېت رەھبەرلىرى بۇ جايلاردا ۋەزىيەتنى تولۇق تىزگىنلەپ ئالغۇچە بولغان ئارىلىقتا سىلىق سىياسەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، 1921- يىلىنىڭ ماي ئايلىرىدا لېنىن بىلەن چىچېرىن قول قويۇپ تارقاتقان بىر ھۆججەت ئارقىلىق بۇخارا جۇمھۇرىيىتىگە بىر قىسىم چەت دۆلەتلەر بىلەن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھوقۇقىنى تونۇغان ئىدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان بۇخارا جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىك ئورگىنى 1921~1922- يىللار ئارىسىدا، بولۇپمۇ گېرمانىيە بىلەن ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەت تىكلەش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىدى.257
يۇقىرىقىدەك سىياسىي مۇھىت ئاستىدا يەرلىك جەدىتچى خادىملارنىڭ قولىدىن كېلىدىغان مۇھىم ئىشلاردىن بىرى، چەتئەلگە ئوقۇغۇچى چىقىرىش پىلانى ئىدى. موسكۋانىڭ ھەر قانچە نارازى بولۇشىغا قارىماي، بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئورتا ئاسىيا ئا س س ر رەھبەرلىرى 70 نەپەردەك ئوقۇغۇچىنى ياۋروپاغا ئەۋەتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئوقۇغۇچى ئەۋەتىدىغان دۆلەت قىلىپ گېرمانىيە تاللاپ ئېلىنغان ئىدى. بىرىنچى جاھان ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغىنىغا ھەمدە ئىچكى جەھەتتىكى قىيىن شارائىتلىرىغا قارىماي، گېرمانىيە يەنىلا بىلىم ۋە  تېخنىكا مەركەزلىرىدىن بىرى ھېسابلىناتتى. ۋېرساي شەرتنامىسىدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلىرى تۈپەيلىدىن، ئەنگلىيە قاتارىدىكى بارلىق كاپىتالىستىك ئەللەر بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بەكلا يىرىكلىشىپ كەتكەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىر مۇنچە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە سوۋېت رۇسىيەسى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ پائالىيەت قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، كۈندىن كۈنگە ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرى سەۋەبىدىن ئىجتىمائىي تەركىبلەر ئىچىدە ئېغىر قۇتۇپلىشىشلار بارلىققا كېلىپ، سوتسىيالىزم ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچ تەسىرى تېز سۈرئەتتە يېيىلماقتا ئىدى. بۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا گېرمانىيدىكى سىياسىي گۇرۇھلار ئىچىدىكى سوتسىيالىزمچىلارنىڭ سانىمۇ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بارماقتا ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، لېنىن قاتارىدىكى نۇرغۇنلىغان بولشېۋىك رەھبەرلىرى ياۋروپادىكى سوتسىيالىستلار قوزغىلىڭىنىڭ ئالدى بىلەن گېرمانىيەدە پارتلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشماقتا ئىدى. بۇ تۈردىكى سەۋەبلەرگە ئاساسەن، موسكۋا دائىرىلىرى مەيلى ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن بولسۇن ياكى كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن ئورتا ئاسىيا ھاكىمىيەت ئورگىنىدىكى جەدىتچىلارنىڭ گېرمانىيە بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى، بۇ دۆلەتكە ئوقۇغۇچى چىقىرىشى قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە بىر مەزگىل كۆز يۇمغان ئىدى. بۇخارا جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئورتا ئاسىيا ئا س س ر باشلاتقان بۇ تۈر پائالىيەتلەر خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ئۆز پەرزەنتلىرىنى چەتئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىش قىزغىنلىقى ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرگۈچى رول ئوينىماقتا ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئوقۇش ئۈچۈن چەتكە چىقىشقا ئاتلانغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە بىرىنچى ئورۇندىكى دۆلەت قىلىپ تاللىۋېلىنغان بولۇپ، ئىككىنچى ئورۇندا يەنە شۇ گېرمانىيە تۇراتتى. 1922~1923- يىللىرىدا باشلانغان بۇ ئوقۇغۇچى چىقىرىش ھەرىكىتى كېيىنكى يىللاردا چەتئەللەردە قانات يايدۇرۇلىدىغان ئورتا ئاسىيا مىللىي كۈرەشلىرىنىڭ پائالىيەت قىلغۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە بەكلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر مەنبە بولۇپ قالغان ئىدى.
1922- يىلىنىڭ كىرىشىدە ئورتا ئاسىيادا نەشر قىلىنىۋاتقان «قىزىل بايراق» گېزىتىدە، «گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان مۇسۇلمانلار» دېگەن ماۋزۇدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنىدۇ.258 گېرمانىيە دۆلەت ئورگانلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ يېزىلغان بۇ ماقالىدىكى مۇسۇلمان ئەللىرى ئوقۇش ئۈچۈن گېرمانىيەنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلار سېلىشتۇرمىسى ھەقىقەتەن قىزىقارلىق ئىدى. بۇ ماقالىدا كۆرسىتىلگەن سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، گېرمانىيەدە ئوسمانلىلار تۈركلىرىدىن ئۆز تەمىناتى بىلەن ئوقۇشنى ئاساس قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ سانى بىرەر مىڭدەك، ئەرەب ئەللىرىدىن بولسا بۇ سان تۆت يۈز نەپەر ئەتراپىدا ئىدى. يەنە شۇ ۋاقىتلاردا قازاندىن قىرىق نەپەر (26 نەپىرى ئۆز چىقىمى بىلەن، 12 نەپىرى دۆلەت تەمىناتى بىلەن)، ئەزەربەيجاندىن يەتمىش بىر نەپەر، قىرىمدىن ئىككى نەپەر، شىمالى كاپكازىيە تەۋەسىدىن بولسا ئالتە نەپەر ئوقۇغۇچى بار ئىدى. بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدىن ئۆز تەمىناتى بىلەن ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى يوق دېيەرلىك بولۇپ، پەقەت بىر نەپەرلا ئوقۇغۇچى ئۆزى پۇل تۆلەپ ئوقۇشقا بارغان. يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتىدا ئوقۇيدىغان بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى ئابدۇلۋاھاپ مۇرادى ئىدى. ئوسمانلىلار تۈركلىرى بىلەن قازان تاتارلىرىدىن باشقا ھېچ بىر قۇۋۇم قىز ئوقۇغۇچى ئەۋەتمىگەنلىكىنى ماقالە ئاپتورى ئالاھىدە تەكىتلەپ كۆرسەتكەن. جەدىتچىلىك ھەرىكىتى بالدۇر باشلانغان قازان، قىرىم ۋە ئەزەربەيجان قاتارىدىكى تۈركى يۇرتلىرى غەرب دۇنياسىنىڭ ئىلىم- پەن ساھەسى بىلەن ئۇچرىشىشى بۇ ئېقىم بىلەن 1900- يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئورتا ئاسىيا تەۋەسىگە نىسبەتەن خېلىلا ئىلگىرى كەتكەن ئىدى. تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىگە گەپ كەتمەيتتى.
يەنە شۇ ئاپتور ئېلان قىلغان باشقا بىر ماقالىدا ھەر قايسى تۈرك يۇرتلىرىدىن ياۋروپاغا ئوقۇغۇچى چىقىرىش ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن. بۇ مەلۇماتلارغا قارىغاندا 1922- يىلىدا بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن 46 نەپەر، خىۋە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن 5 نەپەر، قازاقىستاندىن 15 نەپەر، باشقىردىستاندىن 10 نەپەر ۋە تاتارىستاندىن 10 نەپەر ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش بەلگىلەنگەن. ئورتا ئاسىيا ئا س س ر دىن ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن تاشكەنت شەھىرىدىن تاللانغان بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۆز تەمىناتىغا تايىنىپ ئوقۇماقچى بولغان 19 نەپەر ئوقۇغۇچى بارلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇخارا جۇمھۇرىيىتىدىن ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش ۋە نازارەت قىلىش ۋەزىپىسى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مەدەنىي مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئابدۇۋاھىت بورھانوپ (مۇنزىم) قا تاپشۇرۇلغان.
ياۋروپاغا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ئورتا ئاسىيا ئا س س ر دا خەلق كومىسسارلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى تۇرار رىسقۇلوۋ تەرىپىدىن، بۇخارادا بولسا بۇخارا خەلق شۇرالار جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى پەيزۇللا غوجايېۋ تەرىپىدىن باشلىتىلغانلىقى مەلۇم.259 بۇخارا جۇمھۇرىيىتىدە چەتكە ئوقۇغۇچى چىقىرىش ھەمدە مائارىپ ئىشلىرىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە تاتار مائارىپچى ئالىمجان ئىدرىس، بۇخارا مەركىزى ئىجرائىيە كومىتېت ئەزاسى بورھانوۋ ۋە ئەلچىخانا خادىمى كېمىنىسكى قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر كومىسسىيە تەشكىل قىلىنغان. ئورتا ئاسىيا ئا س س ر دا بولسا، چەت دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر تۈرلۈك رەسمىيەتلىرى، مائارىپ نازارىتى تەۋەسىدە تەشكىل قىلىنغان بىر ئىلمىي ھەيئەت تەرىپىدىن ئىشلەنمەكتە ئىدى. گېرمانىيەگە بارىدىغان ئوقۇغۇچىلار بۇ ئورگاننىڭمۇ ياردىمىگە تايىنىپ، 1922- يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا ئۆز ئىچىدە «كۆمەك» (ھەمكارلىق) نامىدا بىر جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدۇ. تاشكەنتتە قۇرۇلغان بۇ جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىكىگە سەئىد ئەلىغوجا ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى تەيىنلىنىدۇ. ھەر ئىككىلا جۇمھۇرىيەتنىڭ مەسئۇللىرى تەرىپىدىن باشلىتىلغان بۇ ھەرىكەت خەلق ئاممىسى ئىچىدە ئىنتايىن قىزغىن قوللاشقا ئېرىشكەنلىكى مەلۇم. بولۇپمۇ زىيالىيلار، ئورتا ئاسىيالىق ياشلارنىڭ ياۋروپا ئەللىرىدە تەربىيىلىنىشى ئورتا ئاسىيانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىماقتا ئىدى. داڭلىق شائىر ئابدۇخەمىت سۇلايمان چولپان «ئىستىقبال ئۈچۈن كۈرەش» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
بىز يېقىندىن بېرى ياشلىرىمىزنىڭ يىراق ئەللەرگە بېرىپ بىلىم ئېلىشى ئۈچۈن قىزىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولماقتىمىز. بۇ ياشلىرىمىز ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلماي “كۆمەك” لەشكەنلىكىنىمۇ بىلىمىز.
چار ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئىچكى رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنى خىرىستىيانلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ كەلگەن داڭلىق ئىلمىنىسكى سىياسىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئادەملىرىدىن پوپېدوۋنا، يازغان بىر پارچە خېتىدە “يەرلىك خەلق ئارىسىدىكى (مۇسۇلمان تۈركلەر كۆزدە تۇتۇلماقتا. − ئاپتورنىڭ ئىزاھاتى) بىزگە پايدىلىق بولغان، ھېچ بولمىغاندا بىزگە زىيان كەلتۈرمەيدىغان بۇ كىشىلەر، ئۇرۇس تىلىنى تارتىنىپ ئۇنچە بەك راۋان سۆزلىيەلمەيدىغان، يازغان نەرسىلىرىدە بىر مۇنچە خاتالىقلار كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان، بىزنىڭ باش گوبىرناتۇرىمىزدىنلا ئەمەس ھەتتا بىزنىڭ ئەڭ كىچىك بىر ئەمەلدارلىرىمىزنى كۆرسىمۇ قورقۇپ تىترەپ تۇرىدىغان كىشىلەردۇر.” دەپ يازىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا بىز ئۇرۇس تىلى بىلەن ئەمەس، تەرەققىي تاپقان ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تىلى ۋە بىلىمى ئارقىلىق جاۋاب بېرەلىسەك، بەلكىم ئادەمدەك ياشاش ھەققىگە ئېرىشەلەيمىز.
چولپان، 1917- يىلقى ئىنقىلابتىن 5 يىل ئۆتكەن 1922- يىلىدا يازغان بۇ ماقالىسىنىڭ قۇرلىرىدا،260 ئورتا ئاسىياغا مەدەنىيەتنى ئۇرۇسلار كەلتۈردى دەيدىغان كۆز قاراشلارنى چارلىق دەۋرىدىكىگە ئوخشاش تەشۋىق قىلىشقا كىرىشكەن كوممۇنىستلار ھاكىمىيىتىنىمۇ تەنقىدلەيدۇ؛ ئورتا ئاسىيالىقلار، ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان ئۇرۇس پەن- تېخنىكا كۈچىنى ياۋروپا پەن- تېخنىكىسىغا بىۋاسىتە تايىنىش ئارقىلىقلا يېڭىپ چىقالىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتمەكتە ئىدى.
چەت دۆلەتلەرگە چىقىرىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەمىناتىنى تولۇقلاش ۋە يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى داۋاملىق ئەۋەتىپ تۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت ئىمكانلىرىغىلا تايىنىپ قالماي، ھەر تۈرلۈك مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن كېلىدىغان كىرىملەرنىڭ بىر قىسمىنى ئايرىپ قوشۇمچە فونت تەشكىل قىلىنغان. 1922- يىلىنىڭ 18- دېكابىر كۈنىدىكى «ئورتا ئاسىيا» گېزىتى بەرگەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، چەتئەلدە بىلىم ئېلىۋاتقان ياشلار ئۈچۈن خەلق ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك بىر سەپەرۋەرلىك قانات يايدۇرۇلغان. سەپەرۋەرلىكنى تەشكىللىگەن كىشىلەر ئىچىدە ناسىر مىر جالالوۋ، ئابدۇخەمىت سۇلايمان چولپان، مۇنەۋۋەر قارى، ئابدۇرەشىتخانوۋ ۋە شاكىرجان خەمىدى قاتارىدىكى داڭلىق كىشىلەرمۇ بار ئىدى. 1922- يىلى 2- دېكابىردا، تاشكەنتتە زىيالىيلار تەرىپىدىن بىر ئەدەبىيات كەچلىكى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ كەچلىكتە يىغىلغان 7500 سوم (شۇ يىللىرى ئورتا ئاسىيادا ئىشلىتىلگەن پۇل ئۆلچىمى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) پۇل بۇ فونتقا ياتقۇزۇلغان.

ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلار گېرمانىيەدە
ئوقۇغۇچىلار، 1922- يىلىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا ئورتا ئاسىيادىن يولغا چىقىدۇ. سوۋېت دائىرىلىرىنىڭ توسالغۇلۇق قىلىش ئېھتىمالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئورتا ئاسىيالىق جەدىتچىلار باشلامچىلىرىدىن ئۇبەيدۇللا غوجا ئوقۇغۇچىلار ئۈمىگى بىلەن بىرگە موسكۋاغا بارىدۇ (ئۇبەيدۇللا غوجىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە گېرمانىيەگە بېرىپ- بارمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئىبراھىم ئارىپخان −يارقىن− بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە، ئۇبەيدۇللا غوجا موسكۋادا قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما سائىدە شىرئەخمەت قىزى −ئوكتاي−، ئۇبەيدۇللا غوجىنىڭ بېرلىنغىچە بىرگە كەلگەنلىكىنى، ئۇ يەردە قىسقا ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن قايتىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). ئەمما ئەنسىرىگەن ئىش يۈز بەرمەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار لېنىنگرادتىن پاراخوتقا ئولتۇرۇپ گېرمانىيەگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. گېرمانىيەگە بارغاندىن كېيىن گېرمانچە ئۆگىنىش ئۈچۈن بېرلىن، درېسدېن، ھەيدەلبېرگ ۋە دارمستادت قاتارلىق شەھەرلەردىكى مەكتەپلەرگە تارقىتىلىدۇ.261
(رەسىم ئورنى)
گېرمانىيەگە ئەۋەتىلگەن قىز ئوقۇغۇچىلاردىن بىر قىسمى
ئۇبەيدۇللا غوجا (سول تەرەپ باشتىكى) ۋە ئالىمجان ئىدرىس (ئوڭ تەرەپ باشتىكى) بىلەن بىرگە. ئوتتۇرىدا ئولتۇرغىنى سائىدە شىرئەخمەت قىزى (ئوكتاي)، ئۇكىلىرى فۇزەيل ۋە نەسرىدىن. موسكۋا، 1922- يىلىنىڭ ياز ئايلىرى. (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)
ئورتا ئاسىيا ئا س س ر دىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىش سەۋىيىسىگە يەتكەن ئوقۇغۇچىلار ئىدى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، بۇخارا جۇمھۇرىيىتىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەندىلا پۈتتۈرگەن بالىلار ئىدى. ئالىمجان ئىدرىس بولسا ئوقۇغۇچىلار ئۈمىگىنى گېرمانىيەدە يېتەكلەش ھەمدە نېمىس دائىرىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت باغلاش ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىنغان ئىدى. ئىدرىس، مەدرىسە ئوقۇشىنى بۇخارادا تاماملىغان بىر ئىدىل ئۇرال تۈركى ئىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقاندا نېمىسلارغا ئەسىرگە چۈشكەن بولۇپ، شۇ مەزگىلىدە بېرلىن يېقىنلىرىدا قۇرۇلغان ۋۈنستورف ئۇرۇش ئەسىرلىرى لاگېرىدا ئىماملىق قىلغان، ئۇنىڭدىن كېيىن لاگېرنىڭ تەرتىپ ئىنتىزامىغا مەسئۇل بولغان بىرى  ئىدى.262 شەرق تىللىرى بىلەن ئۇرۇس تىلىنى پىششىق بىلگەچكە 1916- يىلىدىن تارتىپ پرۇسسىيە ئۇرۇش نازارىتى تەۋەسىدە مۇسۇلمان ئۇرۇش ئەسىرلىرىدىن بىر ياللانما قوشۇن تەشكىل قىلىش ئىشلىرىغا ياردەمچىلىك قىلىش خىزمىتىگە سېلىنغان ئىدى (ئالىمجان ئىدرىسى 1921- يىلىغىچە داۋاملاشتۇرغان بۇ ۋەزىپىسى ئۈچۈن 1923- يىلى گېرمانىيە پرېزىدېنتى ئېبېرت خەت يېزىپ ئۇنى تەقدىرلىگەن ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). ئۇ ئورتا ئاسىياغا قايتىپ كەلگەن ۋاقىتلىرىدا بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى گېرمانىيەگە ئوقۇغۇچى چىقىرىش پىلانىنى باشلاش ئالدىدا ئىدى. شۇڭا، بۇ ئىشقا ئىدرىسى ئەڭ مۇۋاپىق نامزات دەپ قارالغان.
ئورتا ئاسىيا ئا س س ر رەھبەرلىرىدىن تۇرار رىزقۇلوۋ بەرگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1923- يىلىنىڭ ئاخىرلىرى گېرمانىيەدە ئورتا ئاسىيا ئا س س ر دىن 7 نەپىرى ئۆزبېك، 4 نەپىرى قازاق تۈركى بولۇپ جەمئىي 11 نەپەر ئوقۇغۇچى، بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن بولسا 40 نەپىرى ئورتا ئاسىيالىق، 6 نەپىرى تاتار ۋە 4 نەپىرى يەھۇدىي بولۇپ جەمئىي 49 نەپەر ئوقۇغۇچى بار ئىدى. ئورتا ئاسىيا ئا س س ر دىن بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 4 نەپىرى ئاكادېمىيە تېخنىكومىدا، 2 نەپىرى يېزا ئىگىلىك ئاكادېمىيىسىدە، بىر نەپىرى مېدىتسىنا فاكۇلتېتىدا، بىرى قىز 2 نەپەر ئوقۇغۇچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇماقتا ئىدى. ئومۇمەن ئالغاندا گېرمانىيەدە تۆت تۈرلۈك ئوقۇغۇچى بار ئىدى. قىزلارنى ئاساس قىلغان گۇرۇھتىكىلەر پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇماقتا ئىدى. بىر قىسىم ياشلار بولسا ۋاقىتلىق بىلىم تولۇقلاش ئۈچۈن تېخنىك مەكتەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. بولۇپمۇ بۇخارا جۇمھۇرىيىتىدىن ئەۋەتىلگەن كىچىك ياشتىكى بالىلار ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپ تارماقلىرىغا جايلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئەڭ ئاخىرقى بىر گۇرۇپپا بولسا ھەرخىل فاكۇلتېتلارغا تەقسىم قىلىنغان ئۇنىۋېرسىتېت ستۇدېنتلىرى ئىدى.
ئۇ ۋاقىتلاردا يەنە دۆلەت تەرىپىدىن تۈركىيەگىمۇ ئوقۇغۇچى ئەۋەتىلگەن ئىدى. ئۇ يىللىرى ئورتا ئاسىيادىكى جەدىتچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان راجى چېقىركۆز ئۆزىنىڭ ئەسلىمىلىرىدە بۇخارا جۇمھۇرىيىتىدىنبىربۆلۈم ئوقۇغۇچى دۆلەت تەمىناتى بىلەن تۈركىيەگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى، بۇ ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن كاستامونو بىلەن سامسۇندىكى (تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز بويىدىكى شەھەرلىرى. − ئۇ.ت) مەكتەپلەرگە تەقسىم قىلىنغانلىقىنى يازىدۇ. بۇ مەلۇماتلار بۇخارادىكى جەدىتىزىم ھەرىكەتلىرىگە بىۋاسىتە قاتنىشىپ، كېيىنچە گېرمانىيەگە ئوقۇغۇچى بولۇپ كەتكەن ئەخمەت نائىم تەرىپىدىنمۇ توغرىلىنىدۇ.263
(رەسىم ئورنى)
بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلار بېرلىن مەسچىتى ئالدىدا. 1922- يىل ئاخىرلىرى (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)
ئورتا ئاسىيالىق رەھبەرلەر، گېرمانىيە بىلەن تۈركىيەگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش پىلانلىرىدىن موسكۋانىڭ قاتتىق نارازى بولىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا بىلىپ تۇراتتى. شۇڭا ئۇلار موسكۋانىڭ بۇ ھەقتىكى ئەنسىرىشىگە ئىمكان قالدۇرماسلىق ئۈچۈن رۇسىيەگىمۇ ئوقۇغۇچى يوللاشنى پىلانلايدۇ. ئۇ ۋاقىتلاردا، ياۋروپا بىلەن رۇسىيەگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچى سانىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ھەقىقەتەن رۇسىيەلىكلەرنى خاتىرجەم قىلغۇدەك بىر سان ئوتتۇرىغا چىقاتتى. 1923- يىلى بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى، ئورتا ئاسىيا ئا س س ر ۋە قىرغىز (قازاق) ئا س س ر دىن 43 نەپىرى ئۆزبېك، 64 نەپىرى قازاق، 2 نەپىرى تۈركمەن، 22 نەپىرى تاجىك ۋە 12 نەپىرى ئۇيغۇر بولۇپ جەمئىي 149 نەپەر ئوقۇغۇچىنى رۇسىيەگە دۆلەت تەمىناتى بىلەن ئوقۇشقا ئەۋەتكەن.
1922- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى نازىرلار شۇراسىنىڭ رەئىسى پەيزۇللا غوجايېۋ گېرمانىيەنى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇ گېرمانىيە زىيارىتى ئۈچۈن داۋالىنىشنى باھانە قىلغانىدى.264 غوجايېۋ، 1922- يىلىنىڭ 25- سېنتەبىرگىچە داۋام قىلغان بۇ ساياھىتى جەريانىدا گېرمانىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشىدۇ؛ بۇ كۆرۈشۈشلەر بىلەن گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆزقاراشلىرىنى «بۇخارا ئاخبارى» دېگەن بىر گېزىتتە «بېرلىندىن كەلگەن مەكتۇپلار» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە ماقالىسىدە بايان قىلىدۇ. غوجايېۋ بۇ ماقالىسىدە قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيىلىنىۋاتقانلىقىدىن بەكلا خۇشال ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، گېرمانىيەدە تەربىيىلىنىۋاتقان ياش قىزلارنى بىر- بىرلەپ ئىسمىنى ئاتاپ كۆرسەتكەن ئىدى. شۇنداق دېيىشكە بۆلىدىكى، غوجايېۋ بۇ ئارقىلىق ئورتا ئاسىيالىقلارنى مائارىپ ئىشلىرىغا قىزىقتۇرۇش، بولۇپمۇ قىزلىرىنى ئوقۇتۇش- تەربىيىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. غوجايېۋ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا نېمىس مەسئۇللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىش نەتىجىسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە گېرمانىيەدە مۇددەتسىز تۇرۇش رۇخسىتىنى ھەل قىلىپ بەرگەن.
گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن ئەخمەتجان ئىبراھىم 1923- يىلىنىڭ 14- مارت كۈنى«ئورتا ئاسىيا گېزىتى» دە ئېلان قىلغان «كۆمەك ئۇيۇشماسىدەگى ئورتاقلەرىمگە» (ھەمكارلىق جەمئىيىتىدىكى دوستلىرىمغا. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) دېگەن تېمىلىق ئوچۇق خېتىدە «كۆمەك» تەشكىلاتىنىڭ بېرلىن شۆبىسىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش غايىسى گېرمانىيەدىكى ئورتا ئاسىيالىق ياشلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ دېيىلگەن ئىدى. رەئىسلىكىگە سەئىت ئېلى غوجا تەيىنلەنگەن بۇ ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى شۇ يىلنىڭ سېنتەبىردە سەئىت ئېلى غوجا، ئەخمەت شۈكرى ۋە سەتتار جاپپار قاتارىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «كۆمەك» دېگەن بىر ژۇرنال چىقىرىدۇ. بېرلىندىكى «ئازاد شەرق» باسمىخانىسىدا ئەرەب ئېلىپبەسى ۋە ئۆزبېك شېۋىسى بىلەن بېسىلغان 28 بەتلىك بۇ ژۇرنال، ئورتا ئاسىيالىقلار تەرىپىدىن چەتئەللەردە چىقىرىلغان تۇنجى ژۇرنال بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.
(رەسىم ئورنى)
گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا تەقسىم قىلىنغان ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلاردىن بىر قىسمى
ئالدىنقى قاتاردىكىلەر (سولدىن ئوڭغا قاراپ) ئابدۇلۋاھاپ ئىسھاق ئوغلى (ئوكتاي)، سەتتار جاپپار، ئىككىنچى رەتتىكىلەر: خەيرىنىسا مىجىتخان قىزى (مۇساباي)، تاھىر شاكىر (چاغاتاي)، ئەزىم بەك بېرىمجان، سەئىد ئېلى غوجا (ئەنقەرە)، ئەفدال ئابدۇسەئىد (ۋېنسۈرەل)، مەريەم سۇلتانوۋا، ئەخمەتجان ئىبراھىم (ئوكاي)، كەينىدە ئۆرە تۇرغانلار: سۇلتان مەتقۇل، سابىر ئورتا ئاسىيالىق، ئابدۇۋاھاپ مۇرادى، داملا ؟، ئەخمەت نائىم (ئۆكتەم)، تەمىربەك قارىبەك ئوغلى، سالىھ مۇھەممەت، ئابدۇراخمان مۇھىبباي ئوغلى. 1923- يىلى 18- فېۋرال (ئەھەت ئەنجان ئارخىپى)266
بۇ ژۇرنال، سەئىت ئېلى غوجا تەرىپىدىن يېزىلغان «تىلەكلىرىمىز» ماۋزۇلۇق بىر كىرىش سۆز ماقالىسىدىن كېيىن، يەنە شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ «ئەقىل ۋە سەزگۈ»، ئەخمەت شۈكرىنىڭ «تۈرك ئەدەبىياتىدا ئىدېئالىزم»، ئەخمەتجان ئىبراھىمنىڭ «تېخنىكا ۋە بىز» قاتارىدىكى ماقالىلىرى بىلەن داۋاملىشىدۇ. «تىلەكلىرىمىز» دېگەن ماقالە گېرمانىيەدىكى ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي ھالىتىنى ئىپادىلىشى نۇقتىسىدىن ئالغاندا ھەقىقەتەن كىشىنى ئويلاندۇراتتى.265 ماقالىنىڭ باش تەرىپىدە ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ گېرمانىيەگە كېلىش سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ:
زور خۇشاللىق بىلەن مەدەنىيلىشىش يولىغا قەدەم قويۇۋاتقان ۋەتىنىمىز ئورتا ئاسىيا، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدلىرى ئۈچۈن بىزنى ياۋروپاغا بىلىم ئېلىشقا ئەۋەتىشتى. ئورتا ئاسىيا بىزلەردىن ئىنتايىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە. ئەمما بىز نەچچە يىل داۋاملىشىدىغان ئوقۇش يىللىرىمىز جەريانىدا سۆيۈملۈك ئورتا ئاسىياىمىزغا خىزمەت قىلىشتىن مەھرۇم قېلىشنى خالىمايمىز. بىز بۇ يەردە تۇرغان مۇددەت ئىچىدە ۋەتىنىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. تەبىئىيكى، ھەر مىللەتنىڭ ئالىي بىلىم ئالغان ياشلىرى نەدە بۆلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئىلمىي ۋە سوتسىيال خاراكتېردىكى خىزمىتى بىلەن ئۆز مىللىتىگە ياردەمچى بۆلىشى كېرەك.
(رەسىم ئورنى)
گېرمانىيەدىكى ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن چىقىرىلغان «كۆمەك» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسى. مۇقاۋىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى «بىلىم ياۋروپادەدىر!» دېگەن جۈملە كىشىنى جەلپ قىلىدۇ. (ئەخەت ئەنجان ئارخىپى)268
سەئىت ئېلى غوجا تەرىپىدىن يېزىلغان «ئاسىيانىڭ ئاق ئوغلى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە بولسا چەت دۆلەتلەرگە ئوقۇغۇچى چىقىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىلەر ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتكەن:
چەت دۆلەتلەرگە ئوقۇغۇچى چىقىرىش ئىشىغا قارشى تۇرۇش توغرا ئەمەس، سىرتقا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىشكە قارشى تۇرۇش مىللەتكە زىيانلىق بىر ھەرىكەتتۇر. … سوۋېت ھۆكۈمىتى بىزنىڭ گېرمانىيەگە ئەۋەرتىلىشىمىزگە رۇخسەت بېرىش ئارقىلىق سابىق چار رۇسىيە تۈزۈمى يولغا قويغان مۇستەملىكىچى شەرق سىياسىتىدىن پەرقلىق يول تۇتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
بۇ ماقالىنىڭ كېيىنكى ئابزاسلىرىدا، كوممۇنىزم كۆزقارىشىنىڭمۇ ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ بىر مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، لېنىن ئىدىيىسىنىڭ مۇكەممەللىشىش جەريانىمۇ ياۋروپادا ئىشقا ئاشقتى دېگەنلەر ئەسلىتىلگەن. شۇ ئارقىلىق بىلىم ئېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىققانلارغا قارىتىلغان “بۇرژۇئازىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا” دەيدىغان تەنقىدلەرگە جاۋاب بېرىشكە تىرىشىلغان ئىدى.
«تېخنىكا ۋە بىز»، «چولپان چولپاندۇر» دېگەن تېمىدىكى ماقالىلەردە بولسا، تېخنىكا تەرەققىياتى بىلەن مەدەنىيەت بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان بۇ ياشلار، ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ ياۋروپا مەدەنىيىتىدىن ھەرگىز تۆۋەن تۇرمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان ئىدى. ژۇرنالدىكى ماقالىلەر تەھلىل قىلىنغاندا، ئورتا ئاسىيالىق ياشلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تەرەققىياتلار بىلەن كوممۇنىزمدىن ئۇنچە بەك ئەنسىرەپ كەتمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر خىل روھى ھالىتىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. سوۋېت تۈزۈمى ئىچىدە ئورتا ئاسىيانى ساقلاپ قېلىشقا بولىدىغانلىقى، ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ مىللىي مەنلىكلىرىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقى ھەمدە ۋەتەننىڭ تەقدىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلالايدىغانلىقى قاتارلىقلارغا بولغان ئىشەنچلەر بايان قىلىنماقتا ئىدى.267 ئاپتورلار ئىمكانىيەت يار بەرگىنىدە بۇ ژۇرنالنىڭ نەشرى قىلىنىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇلار «كۆمەك» ژۇرنىلىنىڭ ئىككىنچى سانىنى چىقىرىش ئىمكانىغىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ.

ئوقۇغۇچى چىقىرىش پىلانىنىڭ ئاقىۋىتى
ئورتا ئاسىيا ئا س س ر ۋە بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكىلەرنىڭ بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ياۋروپاغا يۈرۈش قىلىش سەپەرۋەرلىكىدىن موسكۋا دائىرىلىرى بەكلا نارازى ئىدى. پولشا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى، ھەمدە ئورتا ئاسىيا باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرىنىمۇ ئاساسەن تىزگىنلەپ بولغانلىقى سوۋېت رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى خېلىلا ئارام تاپتۇرغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ ھەرقايسى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ يەرلىك رەھبەرلىرىچە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولشېۋىك رەھبەرلىرىنى ئەنسىرىتىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشىغا قول سېلىش پۇرسىتى كەلگەن ئىدى. بۇ مەسىلىلەردىن بىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا دۆلەتلەرگە ئوقۇغۇچى چىقىرىشنى چەكلەش، ئەۋەتىلگەنلىرىنىمۇ مۇمكىن بولغان ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتۇرۇپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىش ئىدى. نەتىجىدە 1923- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئورتا ئاسىيا گېزىتلىرىدە موسكۋانىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلايدۇ. چەت دۆلەتلەرگە ئوقۇغۇچى ئۋەتىلمەسلىك تېما قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق دېيىلگەن ئىدى:
رۇسىيەگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىن باشقا بېرلىندىمۇ تالىپلىرىمىز بارلىقى مەلۇم. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كېلەر يىلى تېخىمۇ كۆپ ساندا تالىپ ئەۋەتىلىش پىلانلانماقتا ئىكەن. … بۇ ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان يولداشلار، بۈگۈنكى ئۇرۇس ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلىرىدىكى ھەممە ئېتىراپ قىلىپ كېلىۋاتقان سۈپەتلىك ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى كۆرمەسكە سېلىپ، چەت دۆلەتلەردىكى بۇرژۇئازىيە روھى ۋە بۇرژۇئازىيە ئىدىيىسى بويىچە ئادەم تەربىيىلەيدىغان مەكتەپلەرگىلا قىزىقىپ قالغان.
بۇ ماقالىلەرنىڭ ئاپتورى يەنە گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنقىلاب يىللىرىدا ئۇ دۆلەتكە پاناھلىق تىلەپ چىقىپ كەتكەن كونا تۈزۈمنى ھىمايە قىلىدىغان ئۇنسۇرلار بىلەن، يەنى ئاقلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ يۈرگەنلىكىنى، نەتىجىدە رىياكسيون (ئەكسىيەتچى) سىياسىي قاراشلارنىڭ زەھەرلىنىشىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ۇھاكىمە قىلغان. بۇ ماقالە، بۇنىڭدىن كېيىن ئورتا ئاسىيادىن چەت دۆلەتلەرگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتمەسلىك، ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنىمۇ قايتۇرۇپ كېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئاخىرلاشقان. ئەسلىدە موسكۋادىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى موسكۋا بىلەن لېنىنگراد ئارقىلىق گېرمانىيەگە كەتكەن دەسلەپكى ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسىغىمۇ گېرمانىيەگە بارماي ئۇرۇس مەكتەپلىرىدە ئوقۇشلىرىنى تەرغىب قىلىشقان.269 ئەگەر شۇنداق قىلغىنىدا ئۇلارغا ھەرخىل ئەۋزەل شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىمىز دەپ ئۇلارغا ئېغىر بېسىم ئىشلىتىپمۇ باققان ئىدى. ئەمما بۇخارا جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئورتا ئاسىيا ئا س س ر رەھبەرلىكىنىڭ قەتئىي چىڭ تۇرۇۋېلىشى، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ چىڭ تۇرۇپ تەلەپ قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇرۇسلار مەقسىتىگە يىتەلمىگەن ئىدى.
چەت دۆلەتلەرگە ئوقۇغۇچى چىقىرىش ئىشلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يېزىلغان بۇ تۈردىكى ماقالىلەر ئوقۇغۇچىلارغىلا ھۇجۇم قىلىپ قالماي، بەلكى ئۇلارنى يولغا سالغان رەھبەرلەرگىمۇ ھۇجۇم قىلىشقان ئىدى. بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئورتا ئاسىيا خەلق كومىسسارلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى، ھەمدە رۇسىيە كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېت ئورتا ئاسىيا بيۇروسىنىڭ ئەزاسى تۇرار رىسقۇلوۋ، ئۆزى بىۋاسىتە گېرمانىيەگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ كېلىدۇ. قايتىشىدا «گېرمانىيەدىكى ئوقۇغۇچىلىرىمىز» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىدۇ:
گېرمانىيەگە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلىرىمىز ھەققىدە، ئۇلار نېمىس مەكتەپلىرىگە كىرەلمىدى، تۈركىيەلىك ياكى باشقا بىر قىسىم سىياسىي قاچقۇنلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بۇزۇلۇپ كەتتى دېگەندەك بىر قىسىم كوچا خەۋەرلىرى تارقىلىپ يۈرمەكتە. شۇنىڭدەك يەنە ئۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلار خەت يېزىپ ئىقتىسادىي ياردەم تەلەپ قىلىشماقتا. شۇ سەۋەبتىن بۇ ئىشنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تەكشۈرۈپ كېلىش ئۈچۈن گېرمانىيەگە بارغان ئىدىم. بارلىق ئوقۇغۇچىلار تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن نېمىس ئائىلىلىرىگە تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆردۈم. … ئوقۇغۇچىلىرىمىز رۇسىيەلىك سىياسىي قاچقۇنلار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋەتتە بولماپتۇ. شەرق سىياسىي قاچقۇنلىرى (تۈركلەر، تاتارلار ۋە باشقىلار) بىلەن بەزى مۇناسىۋەتلىرى باردەك قىلغىنى بىلەن، ئۇلار ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا قىلچە زىيان كەلتۈرەلمەپتۇ. … ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلار ئۆز غايىلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇمىغان. ئۇلار، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگىنىدىن كېيىن ئۆز خەلقى ۋە ئۆز ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلىشنى ھەرگىز ئېسىدىن چىقىرىلمىغان.
يۇقىرىقىلاردىن مەلۇمكى، سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركىيەلىك تۈركلەر بىلەن بولشېۋىزمغا قارشى تۇرىدىغان ئاقلارنى ئەڭ خەتەرلىك ئىككى دۈشمەن گۇرۇپپا دەپ قارىماقتا ئىدى. ئورتا ئاسىيا خەلق كومىسسارلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى تۇرار رىسقۇلوۋ ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدىن كەلگەن تۈركلەر بىلەن ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن مۇھاجىر تۈركلەر بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇشى ھېچقانداق بىر مەسىلە تۇغدۇرالمايتتى. بۇ ئەھۋاللار، كوممۇنىزمنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئورتا ئاسىيالىق رەھبەرلەرنىڭ تۈركچىلىك كۆز قاراشلارنى ئىپادىلىشىدىن خەۋەردار بۆلىشىمىز نۇقتىسىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. بۇنداق سىياسىي كۆزقاراشقا ئىگە بىر مىللىي رەھبەر، رۇسىيەلىكلەرنىڭ ھەرگىز ئىشەنچىگە ئېرىشەلمەيتتى.270 دېگەندەك، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا رىزقۇلوۋ موڭغۇلىيەگە سۈرگۈن قىلىنىپ، كېيىن ئۆلتۈرۈۋېتىلىدۇ.
(رەسىم ئورنى)
ئورتا ئاسىيا خەلق كومىسسارلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى تۇرار رىزقۇلوۋ گېرمانىيەدە. بېرلىن، 1923- يىلىنىڭ ئاخىرلىرى. (ئەھەت ئەنجان ئارخىپى)
1924- يىلى ئوقۇغۇچىلاردىن سەتتار جاپپارنىڭ بىر پارچە خېتى ئورتا ئاسىيا گېزىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ. جاپپار بۇ خېتىدە ئەرتەكچى (چۆچەكچى) دېگەن تەخەللۇس قوللانغان ئىدى. بۇ خەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە تونۇشتۇرۇلغان:
بىز 1922- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا گېرمانىيەگە يېتىپ كېلىپلا تىل ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتتۇق. ئۇلۇغ ئورتا ئاسىيانى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىپ ئېزىپ كەلگەن رۇسىيە خانلىقلىرىنىڭ چىقارغان ژۇرناللىرىدا “سارتلار (سارت سۆزى، ئورتا ئاسىيانىڭ يېزا- قىشلاقلىرىدا ياشايدىغانلار تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شەھەرلىكلەرگە قويغان بىر ئىسىم ئىدى. ئۇرۇسلار بولسا بارلىق ئورتا ئاسىيا خەلقىنى سارتلار دەپ ئاتىشاتتى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) ياۋروپاغا كېلىپ نېمە ئىش قىلالايدۇ؟” دەپ شاڭخو قىلىپ چالۋاقاشقان ئىدى. …271 رۇسىيە شوۋېنىستلىرىنىڭ بۇ خىل قوپال ۋە ئەخمىقانە مۇئامىلىلىرىگە قارىماي نېمىسلار تەرىپىدىن ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن كۆتۈۋېلىندۇق. … كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيىتى بىلەن سوۋېت رۇسىيەسىدە “تالىپلار ياۋروپادىكى چىرىگەن كۆز قاراشتىكى ئادەملەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالدى، شۇڭا ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك، بولمىسا ئۇلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە بېشىمىزغا بالا بولىدۇ” دېگەندەك قۇرۇق گەپلەرنى قىلىشىپ يۈرگەنلىكلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالماقتىمىز. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئورتا ئاسىيالىق تالىپلار ياۋروپاغا سىياسىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن كەلمىدى. بىز گېرمانىيەگە كەلگىنىمىزگە ئىككى يىل بولۇپ قالدى. بۇ جەرياندا ئارىمىزدىن ھېچ كىم سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىپ باققىنى يوق.
گېرمانىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار مۇنداق ئىككى ئاساسلىق گۇرۇپپىغا ئايرىلغان: ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدۇ. قالغانلىرى بولسا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە  ئوقۇيتتى. ئىككىنچى گۇرۇھقا مەنسۇپ بولغانلار دارىلفۇنۇن بىلەن ئالىي پەن- تېخنىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىل تاپماقتا. بىز ئورتا ئاسىيادىكى تالىپ دوستلىرىمىز بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت قىلغىنىمىزغا ئوخشاش، ئەزەربەيجان، رۇسىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردە ئوقۇيدىغان تالىپ دوستلىرىمىز بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىشىپ، ئۇلار بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەت قۇرۇشقا تىرىشىپ كەلمەكتىمىز (جاپپارنىڭ «ئورتا ئاسىيا» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «گېرمانىيەدىكى ئورتا ئاسىيالىق تالىپلارنىڭ ئىككىنچى يىلى» دېگەن ماقالىسىدە بەرگەن تىزىملىككە ئاساسەن، ئا. ۋاھاپ مۇرادى، ئەزىم بەك بېرىمجان، سالىھ مۇھەممەد، تەمىربەك قارىبەك ئوغلى قاتارلىقلار بېرلىن ئالىي يېزا ئىگىلىك مەكتىپىدە؛ بېرلىن ئالىي تېخنىك مەكتىپىدە ئوقۇيدىغانلار سېيىت ئېلى غوجا −خىمىيە بۆلۈمىدە−، ئەفدال سەئىت − ۋەنسۈرەل − −بىناكارلىق−، تۆلەگەن مۆمىن −ئېلېكتر−، سۇلتان مەدقۇل −گېئولوگىيە−، ئەخمەتجان ئىبراھىم − ئوكاي − گېئولوگىيە−، بىلال −ماشىنىسازلىق− كەسىپلىرىدە؛ ئىبراھىم ئارىپخان − يارقىن − ۋايىن يېزا ئىگىلىك ئالىي مەكتىپىدە، سابىر − ئورتا ئاسىيالى − دارمشدات ئالىي تېخنىك مەكتىپىنىڭ خىمىيە بۆلۈمىدە، ئاتاۋۇللا درېسدېن ئالىي تېخنىك مەكتىپى ماشىنىسازلىق بۆلۈمىدە ئوقۇيتتى؛ ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىدە ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى بەكلا ئاز ئىدى. ئەخمەت شۈكرى بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە بۆلۈمىدە، ئەخمەت نائىم − ئۆكتەم − ئىقتىساد فاكۇلتېتىدا، تاھىر شاكىر − چاغاتاي − ھېيدېلبېرگدە سوتسىيالوگىيە بۆلۈمىدە ئوقۇيتتى. ئابدۇلۋاھاپ ئىسھاق ئوغلى − ئوكتاي −، شاھسۇلتان خانىم، گۈلسۈم خانىم ۋە زەھرە قوشايلار بولسا مېدىتسىنا فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
سەتتار جاپپار تەمىنلىگەن بۇ مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، گېرمانىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار ئورتا ئاسىيا تالىپلار بىرلىكى نامىدا بىر جەمئىيەت قۇرۇپ چىققان. بۇ جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىكىگە ئابدۇلۋاھاپ مۇرادى تەيىنلەنگەن ئىدى. گېرمانىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەستىقلانغان بۇ جەمئىيەت، ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ ياۋروپادا قۇرغان تۇنجى رەسمىي تەشكىلاتى بولۇشى بىلەن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. بۇ جەمئىيەتنىڭ مەقسىتى بارلىق ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ياۋروپا بىلىم ۋە ئىرپانىنى ئورتا ئاسىياغا تونۇشتۇرۇش،272 ئورتا ئاسىيا ئىجتىمائىي تۇرمۇشى بىلەن سانائىتىنى ئىلمىيلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش ئارقىلىق ئورتا ئاسىيا خەلقىنىڭ كاپىتالىستلارنىڭ زۇلۇمىدىن ئازاد قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش دەپ يىغىنچاقلانغانىدى. بۇ جەمئىيەتنىڭ يەنە بىر ۋەزىپىسى، ئورتا ئاسىيالىق تالىپلارنىڭ ياۋروپاغا كېلىشى ئۈچۈن ياردەمچى بولۇش ئىدى.
سوۋېتلەرگە بېرىلگەن دوكلاتلاردا ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىشتىن باشقا ھېچقانداق بىر مەسىلىگە قىزىقمىغانلىقىنى، بولۇپمۇ تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت قۇرمىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەسلىدە ئۇنداق ئەمەس ئىدى. ئىبراھىم يارقىننىڭ دېيىشىدىن قارىغاندا، بېرلىندىكى ئوقۇغۇچىلار تۈركىيە ئەلچىخانىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت باغلاپ كەلگەن. بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇشىنى ئىستانبۇلدا پۈتتۈرۈپ كەلگەن ئەخمەت نائىم، بۇ ئەلچىخانىنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ كەلگەن ئىدى. زىيا گوكئالپ (تۈركىيەنىڭ داڭلىق يېقىنقى زامان ئەدىبلىرىدىن بىرى − ئۇ.ت) نىڭ ۋاپاتى يۈزىسىدىن ھېيدېلبېرگدە ئوقۇۋاتقان ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيە ئەلچىسىگە ئەۋەتكەن قىسقا خېتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن تۈرك مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قىزىققانلىقىنى كۆرسىتىش جەھەتتە بەكلا قىزىق ئىدى. بۇ خەت «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پاشا ھەزرەتلىرىگە» دېگەن نامدا ئەۋەتىلگەن ئىدى:
بۈگۈنكى گېزىتلەردە ئۇلۇغ مۇرشىد گۆكئالپ زىيا بەگنىڭ ۋاپاتى سەۋەبىدىن تۈرك ئىرفانى بىلەن مەفكۇرە دۇنياسىدا بۈيۈك بىر بوشلۇق ئېچىلغانلىقىنى تەئەسسۈر بىلەن خەۋەر تاپقان بولدۇق. تۈركچىلىك مەپكورىسىنىڭ ئالەمدارى ئۇ ئۇلۇغ ئۇستاز:
“رۇسىيە پارچىلىنىپ ۋەيران بولىدۇ، تۈركىيە زورىيىپ تۇران بولىدۇ، …” دېگەندەك پارلاق شېئىرلىرى ئارقىلىق بىۋاسىتە ئاسارەت زەنجىرلىرى ئاستىدا ئىڭراۋاتقان تۈركلەرنىڭ سېيماسىنى پارلىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ قەلبى ئېغىر يارىلاندى.
ئەنە شۇ سەۋەبتىن، جەنۇبىي گېرمانىيەدىكى ئورتا ئاسىيا تالىپلىرى ئومۇمىي تۈرك ياشلىرى بىلەن ھۆكۈمەتى مىللىيەمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن ئەلەملىك قارا كۈنلىرىگە ئىشتىراكىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىلىكىگە سۇنماقتىمىز.
                   − جەنۇبىي گېرمانىيە ئورتا ئاسىيا تالىپلىرى
                         ھېيدېلبېرگ، 1924- يىلى13- تەشرىنىسان كۈنى
1924- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئورتا ئاسىيادىكى سىياسىي ۋەزىيەت تېز سۈرئەت بىلەن ئۆزگىرىپ، گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقدىرىگىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشكە باشلايدۇ.273 شۇ يىلىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا بۇخارا ۋە خىۋە خەلق جۇمھۇرىيەتلىرى تارقىتىۋېتىلىپ ئورتا ئاسىيا تەۋەسى يېڭى سىياسىي تۈزۈم بويىچە ئۆزگەرتىلمەكتە ئىدى. شۇندىن باشلاپ ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە قىرغىزىستان (قازاق) سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەت (رىسپوپلىكا) لىرى قۇرۇلغان ئىدى. ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇ تۈردىكى سىياسەتلەر ئورتا ئاسىيانىڭ تولۇق سوۋېتلەشتۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئورتا ئاسىيالىق كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك مەۋقەسىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. يەنە شۇ ۋاقىتلاردا، بېرلىندا ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بولشېۋىكلەر ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئالغاندىمۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر ۋەقە يۈز بېرىدۇ. ئورتا ئاسىيا مىللىي ئاۋام ئىنقىلابىي جەمئىيەتلەر ئىتتىپاقى ياۋروپادىكى تۇنجى قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ، ئىسمىنى ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتى دەپ ئۆزگەرتىدۇ. بۇ قېتىملىق يىغىندا، يەنە چەتئەلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئورتا ئاسىيا مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇ پائالىيەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەسئۇل كىشىلەر قايتىدىن تەڭشىلىپ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ تەشكىلات بىلەن مۇناسىۋەت تىكلەش ھەمدە مىللىي كۈرەش پائالىيەتلىرىگە جەلپ قىلىنىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلىشقان موسكۋا دائىرىلىرى، ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئىشنى دەرھال باشلاشقا ئاتلىنىدۇ. 1925- يىلىدا مېيرزون (بۇ تەپتىشنىڭ ئىسمى قانداق يېزىلىدىغانلىقىنى مەيلى سائىدە ئوكتاي −شىرمۇھەممەت قىزى− بولسۇن، ياكى ئىبراھىم يارقىن −ئارىفخان− بولسۇن زادىلا ئېسىگە كەلتۈرەلمىدى. شۇڭا، بۇ ئىسىم تەلەپپۇز بويىچە يېزىلدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) ئىسىملىك بىر يەھۇدىي مائارىپچى، گېرمانىيەگە تەپتىش قىلىپ ئەۋەتىلىدۇ.
مېيرزون بىرىنچى قەدەمدە بۇخارا جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن كىچىك ياشتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇۋاتقان مەكتەپلىرىدىن دەرھال چىقىرىپ، ھەممىسىنى يىغىپ بىراقلا يۇرتىغا قايتۇرۇش ئىشىغا تۇتۇش قىلىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن ئاران بەش نەپىرىلا ئەخمەت نايىم بىلەن ۋارشاۋادا تۇرۇشلۇق تۈركىيە باش ئەلچىخانىسىنىڭ يول مېڭىشلىرى نەتىجىسىدە رىگادىن قايتۇرۇپ كېلىندى. تۈركىيە باش ئەلچىخانىسىغا كەلتۈرۈلگەن بۇ ئوقۇغۇچى بالىلار كېيىنچە تۈركىيەگە ئەۋەتىلىپ شۇ يەردە ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ (بۇ ئوقۇغۇچىلار مۇقىم چوراباي، ئۇيغۇر باقى، سالىھ خەمىت، مەھەممەت كۆكقىياس ۋە ئەخمەت نائىمنىڭ ئۇكىسى قاتارلىقلار ئىدى. بۇ بەش نەپەر ئوقۇغۇچى ترابزون پېداگوگىكا مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن تۈركىيەدە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەخمەت تۆمۈر كۈندىلىك خاتىرىسىدە ترابزون ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش مەكتىپىدە بۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە تۇرغانلىقىنى، ئۇلاردىن گېرمانچە ئۆگەنگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).274 يەنە شۇ ۋاقىتتا بۇخارادىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن گېرمانىيە بانكىلىرىدا ئېچىلغان بارلىق ھېساباتلارنى سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرەپ مۇسادىرە قىلىۋالىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىقىدىكى ياكى ئۇنىۋېرسىتېت دەرىجىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە چېقىلمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېتىشلىرى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشكە كىرىشىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە بېرلىندا كوممۇنىستلار ئۈچۈن بىر كۇرس ئاچقان بولۇپ، گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى بۇ كۇرسلارغا قاتنىشىشلىرى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئوقۇغۇچىلارنى ستۇدكوم، ستىچكوم دېگەندەك ناملار بىلەن قۇرۇلغان قىزىل ئوقۇغۇچىلار بىرلىكىگە قاتنىشىشلىرى ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىدۇ. ئوقۇغۇچىلاردىن تۆلەگەن مۆمىن بىلەن سۇلتان مەدقۇلنىڭ بۇ تۈردىكى كۇرسلارغا قاتنىشىپ، كوممۇنىستىك تەشكىلاتقا ئەزا بولغانلىقى مەلۇم.
بېسىمغا قارشى تىركىشىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولغانلارغا پەلسەپە، قانۇن ۋە ئىقتىساد قاتارلىق ئالىي مەكتەپ ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىنى تاللىماسلىقى، ئەگەر ئۇنداق كەسىپلەرگە قوبۇل قىلىنغانلار بولسا، دەرھال ئۇ كەسىپلەردىن چىقىپ باشقا كەسىپكە ئالمىشىپ چىقىشلىرى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ تۈردىكى مەجبۇرلاشلار سەۋەبىدىن، پەلسەپە كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئەخمەت شۈكرى ئوقۇشىنى تۈركىيەگە كېتىپ داۋاملاشتۇرۇشىغا مەجبۇر بولىدۇ. چەت دۆلەتلەردىكى ئورتا ئاسىيالىق يېتەكچىلەر بىلەن ياكى تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ گۇمان قىلىنغان بەزى ئوقۇغۇچىلارغىمۇ مىللەتچى دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلۈپ ئوقۇش تەمىناتلىرىنى توختىتىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق مائارىپ كومىسسارلىقىغا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئوقۇشلىرىنى يېرىم يولدا توختىتىپ قايتۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ماددىي ئىسراپچىلىق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، بۇنداق ئىشلار ئورتا ئاسىيا ئىستىقبالىغا زىيانلىق بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكەن بولسىمۇ قىلچە نەتىجىسى بولمايدۇ. ئورتا ئاسىيانىڭ پارچىلىنىپ يېڭى جۇمھۇرىيەتلەرگە ئايرىلغانلىقى سەۋەبىدىن، گېرمانىيەدە ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئورتا ئاسىيا تالىپلار جەمئىيىتىنى تارقىتىۋېتىش تەلەپ قىلىنماقتا ئىدى. ئورتا ئاسىيا تالىپلار جەمئىيىتى، بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە بۇ تۈردىكى بېسىملارغا قارىماي گېرمانىينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، پائالىيەتلىرىنى 1930- يىلغىچە يوشۇرۇن داۋاملاشتۇرىدۇ.275 بۇ جەرياندا، 1926 ۋە 1927- يىللىرى يازلىق تەتىلىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئورتا ئاسىياغا قايتىپ بارغان ئوقۇغۇچىلار گېرمانىيەگە قايتىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ (سالىھ مۇھەممەت، نەسىردىن شىرئەخمەت ئوغلى، فۇزېيىل شىرئەخمەت ئوغلى، خەيرىنىسا مىجىتخان قىزى، شۇ قاتاردا تۇتۇپ قېلىنغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
شۇنداق قىلىپ، 1928- يىلىغا كەلگەندە گېرمانىيەدە پەقەت ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىلا ئوقۇيدىغان ناھايىتى ئاز مىقداردا ئوقۇغۇچى قالىدۇ. شۇ يىلى ئۆزبېكىستاندىن ئۈچ كىشىلىك تەپتىش ھەيئىتى يولغا چىقىپ گېرمانىيەگە يېتىپ كېلىدۇ. كۆلن شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان پرېسسا (نەشرىيات) كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىمىز دېگەن نامدا كەلگەن بۇ ھەيئەتنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى گېرمانىيەدە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە بىر قېتىملىق “ئىدىيىۋى تازىلاش” ئېلىپ بېرىش ئىدى. بولۇپمۇ ۋەتەن ئىچىدىكى جەدىتچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان ياكى بولشېۋىكچىلىققا قارشى تۇرىدىغان پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بولغان ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تازىلىنىدۇ (باھاۋۇدۇن ئىمىنجان بىلەن ئامانۇللا نەسىرۇللا ئوغلى ئەنە شۇ قاتاردا تازىلانغانلاردىن ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). سوۋېت دائىرىلىرى، 1930- يىلىدىن ئېتىبارەن مىللىي ھەرىكەتلەر بىلەن بىرەر مۇناسىۋىتىنىڭ بولۇش- بولماسلىقىغا قارىماي بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى توختىتىۋېتىدۇ. ئۇ دەۋردە، ئوقۇشى داۋاملىشىۋاتقان بەزى ئالىي مەكتەپ كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا فون ھۇمبولد ۋەخپىسى تەرىپىدىن ئوقۇش تەمىنات ياردىمى بېرىلگەنلىكى مەلۇم. بۇ تۈردىكى قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارغا قارىماي، ئورتا ئاسىيا بىلەن بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن دۆلەت تەمىناتى بويىچە كەلگەن ياكى ئۆز ئىقتىسادىغا تايىنىپ چىققان ئوقۇغۇچىلاردىن 20 نەپەردەك ئوقۇغۇچى گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى پۈتتۈرۈپ دىپلومغا ئېرىشەلەيدۇ.

ئورتا ئاسىياغا قايتۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلار
1925- يىللىرىدىن باشلاپ پۈتۈن چەكلىمىلەردىن قۇتۇلۇپ گېرمانىيەدە قالالىغان ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەن يىللاردا ھەر تۈرلۈك شارائىتلارنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە، ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشلىرى ھەققىدە ئېنىق بىر قارار ئېلىشىدۇ. يەنى ئۇلار بىر ھېسابتا ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرلىرىنى بەلگىلەشكەن ئىدى. سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوپچە يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېتىلگەن كىچىك ياشتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق بىر مەلۇمات تېپىلمىدى. بۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا كىچىك ياشتا ھەمدە گېرمانىيەدىمۇ بەكلا ئاز ۋاقىت تۇرغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىزچىل تۈردە ئىدىيىۋى تەربىيە نەتىجىسىدە ئىدىيە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئېھتىمالغا بەكلا يېقىن.276 بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرۈپ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ياكى بولمىسا مەجبۇرى قالغانلىقلىرى سەۋەبىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەنلەر ھەققىدە كېيىنكى يىللاردا بەزى تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. نەتىجىدە بۇ كىشىلەرنىڭ ۋەتىنىگە قىلغان خىزمەتلىرى بىلەن بېشىغا كەلگەنلەر ئاز- تولا ئاشكارىلىنىدۇ.
ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئورتا ئاسىياغا تۇنجى بولۇپ قايتىپ كەلگەن كىشى ئابدۇلۋاھاپ مۇرادىي ئىدى. مۇرادىي، 1921- يىلى ئۆز ئىمكانىيەتلىرىگە تايىنىپ ئافغانىستان ئارقىلىق گېرمانىيەگە ئوقۇشقا چىققان تۇنجى ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى ئىدى. ئۇ، ئافغانىستاندىن گېرمانىيەگە كېلىشىدە ئۇ يىللىرى كابۇلدا تۇرۇۋاتقان جامال پاشانىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئىتتىھات ۋە تەرەققىينىڭ گېرمانىيەدىكى مۇناسىۋەتلىرىگە تايىنىپ ئۇ يەرگە ئوقۇغۇچى بولۇپ بېرىۋالغان ئىدى. گېرمانىيەگە بارغاندىن كېيىن بېرلىن يېزا ئىگىلىك مەكتىپىگە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، يەنى 1924- يىلى قۇرۇلغان ئورتا ئاسىيا تالىپلار بىرلىكىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن ئورتا ئاسىيالىق يېتەكچىلەر بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغان بولۇپ، بېرلىندا چاقىرىلغان ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتى قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ مەخپىي جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى ۋە بېرلىن شۆبىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. 1926- يىلى بېرلىن يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرىدۇ. ئورتا ئاسىياغا قايتىپ كېتىپ ۋەتىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش غايىسى بار ئىدى. ت ب م رەئىسى زەكى ۋەلىدىي تۇغاننىڭ 1926- يىلى 10- دېكابىر كۈنىدىكى خېتىگە قارىغاندا، ئورتا ئاسىيادا زىيالىيلارغا قارىتىلغان بېسىملارنى چەتئەلدە تۇرۇپ يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، قايتىپ كەتكەن زىيالىيلارنىڭ ئېغىر توسالغۇلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقى ھەممىگە ئېنىق ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بولشېۋىزمغا قارشى كۈرەشنى ۋەتەن ئىچىدە قانات يايدۇرۇش ھەمدە ئۆز ۋەتىنىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئارزۇسى، بۇ غايىنى ئۆزلىرىگە مەقسەت قىلىشقان كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرماقتا ئىدى. زەكى ۋەلىدىي شۇ قېتىمقى خېتىدە ئورتا ئاسىيادىكى ۋەزىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلارنى بەرمەكتە ئىدى:
ۋەتەنگە قايتىپ كېتىشىڭىزنى ئەخمەت نائىمدىن ئۇققان ئىدىم. سىزگە ئاق يول تىلەيمەن. … جەمئىيەت ئەزالىرىدىن تاشكەنتلىك موللا تەۋەككۈل ئابدۇللازادە دېگەن بىرى كابۇلغا قېچىپ كەلدى. «يېڭى كاپكازىيە» ژۇرنىلىغا ئۆز ئىسمى بىلەن ئورتا ئاسىيا ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان بىر پارچە ماقالە ئەۋەتكەن ئىكەن. شۇنىڭدەك يەنە بۇ يەرگە كەلگەن سەمەرقەنتلىك مۇجاھىت رەئىسلىرىدىن بىرى بولغان ھەمراقۇلبەگدىن ئۇقۇشىمىزچە، خەلقىمىزنىڭ روھىي ھالىتى ئىنتايىن ئۈستۈن بولۇپ، جەمئىيەت مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يەنە بەزى يەرلەردە قولىدىن كېلىشىچە پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىش ئىشلىرى بەكلا قىيىنلىشىپ كەتكەن. بۇ كۈنلەردە چېكا تەرىپىدىن پېيىغا چۈشۈش ھەرىكەتلىرى كۈنسايىن كۈچەيتىلمەكتە، ئىككى- ئۈچ كىشى ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن گەپلەرمۇ سىرتقا يېيىلىپ كەتمەكتە ئىكەن، …277
ئورتا ئاسىيادىكى مۇنەۋۋەرلەر ئارىسىدىمۇ موسكۋادا بىلىم ئالغانلارنى “زىيالىي” دەيدىغان، گېرمانىيەدە ياكى تۈركىيەدە ئوقۇپ كەلگەنلەرنى بولسا “زىيانداشلار” دەپ تەرىپلىشىدىغان ئادەت بارلىققا كەلمەكتە ئىكەن. شۇنداق بولغاچقا، سىزمۇ ۋەتەنگە قايتىپ بارغىنىڭىزدا ئەگەر سىزنى ئۆز ئىختىيارىڭىزغا قويۇپ بەرگىنىدە ئۆز ئىشلىرىڭىز بىلەن شۇغۇللىنالىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما سىزمۇ چەتئەلدىن كەلگەنلىكىڭىز، دەسلىپىدە تۈركىيەلىك پاشالار بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغانلىقىڭىز ھەمدە گېرمانىيەدە ئۇزۇن مەزگىل تۇرغانلىقىڭىزدەك جىنايەتلەر بىلەن قارىلىنىشىڭىز مۇمكىن. شۇنىڭغا قارىماي كوممۇنىزم ئىدىيىسىگە بوي سۇنغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئىمكانىيەت يار بەرگىنىچە ئۆز يولىڭىز ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرسىز.
زەكى ۋەلىدى خېتىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا مۇرادىنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ بارغىنىدىن كېيىن قىلىدىغان ئىشىنىڭ باسقۇچلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە ئايرىغان بولۇپ، ئۇ يەردە قانداق پائالىيەت قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە يول كۆرسەتمەكتە ئىدى. مۇرادىي، جەمئىيەتنىڭ مىللىي سوتسىيالىزمچىلار گۇرۇھىغا، يەنى ئەرك گۇرۇھىغا مەنسۇپ بىرى ئىدى:
ۋەتەنگە قايتىپ بارغان ھامان قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىڭىز مۇنۇلار بۆلىشى كېرەك: ھەقىقىي پىداكار، ئىنقىلابچى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە يولداشلىرىمىزدىن بىرىنى ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن تاللاپ ئالغىنىڭىزدىن كېيىن، بارلىق ئىشلارنى ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەڭ. قازاقلاردىن دىنشە، ئۆزبەكلەردىن بۇخارالىق ۋەلىجان ئۆمەرخانوۋ قاتارىدىكى ئىشەنچلىك دوستلىرىمىز بار. ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاڭ. ئەمما بۇ دوستلىرىمىز بىلەن بولغان كۆرۈشۈشلەردە سىز ئۆزىڭىز بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا چىقماي، يۇقىرىدا دېگىنىمدەك ۋاسىتىچىلەر ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىشىڭ. ھەتتا سىز ئۇلارنىڭ نېمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرگەنلىكىدىن خەۋىرىڭىز بولمىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. ھەر بىر شەھەردىن مۇناسىۋەت قىلىدىغان كىشىلەرنى تېپىپ يېڭىدىن بىر تەشكىلات قۇرۇپ چىقىشىڭىز كېرەك. … يېڭى جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن كونا جەمئىيەت ئەزالىرى خەۋەر تاپقاندىمۇ، ئۇلار ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە نېمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرگەنلىكىڭلاردىن خەۋىرى بولماسلىقى، ئەزالارمۇ بىر- بىرىنى تونۇمايدىغان بۆلىشى لازىم. چۈنكى كونا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى رۇسىيە چېكاسى تەرىپىدىن تونۇلۇپ بولغان، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئىش ھەرىكىتىمۇ نازارەت قىلىنىۋاتقان بۆلىشى چوقۇم.
تەشكىلات، ياشلار ئارىسىدا مەخپىي كومىتېتلارنى تەشكىل قىلىپ، مۇمكىن بولغىنىچە كوممۇنىزم ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن تەدبىر ئېلىنىشى لازىم. خەلقنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋاللىرى ھەققىدە سىرتقا مەلۇمات يوللاپ تۇرۇلۇشى لازىم. … مۇمكىن بولغىنىدا چەتئەللەرگە ئوقۇغۇچى ياكى تىجارەتچى قىياپىتىدە ئادەم چىقىرىپ تۇرۇشقا تىرىشىش لازىم.چەتكە خەت ئەۋەتىش، كىتاب يوللاش ۋە پۇل يوللاش قاتارىدىكى ئىشلاردا تۈركىيە بىلەن ئافغانىستان ئەلچىخانىسىدىن پايدىلىنىش كېرەك. مەن تۈركىيە ئەلچىسى زاتى ئەپەندى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشتۈم. ئۇ كىشى بىزگە بۇ ئىشلاردا ياردەم قىلىمەن دەپ ۋەدە قىلدى.278
ئابدۇلۋاھاپ مۇرادى، نېمىس ئايالى بىلەن بالىسىنى ئېلىپ 1927- يىلىنىڭ كىرىشىدە ئورتا ئاسىياغا قايتىپ بارىدۇ. قوغۇنچى شەھىرىدىكى يېزا ئىگىلىك تەجرىبە تەتقىقات يۇرتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئىشى ئۇزۇن داۋام قىلمايدۇ. 1929- يىلىنىڭ دېكابىردا، ئورتا ئاسىيا جەدىتچىلىكىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بىرى بولغان مۇنەۋۋەر قارى بىلەن بىرگە قولغا ئېلىنىدۇ. ك گ ب ئارخىپلىرىدىكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، “سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش نىيىتىدە ھەرىكەت قىلغانلىقى پاش بولغان” مۇنەۋۋەر قارى بىلەن ئۇنىڭ 38 نەپەر سەپدىشى ئۈستىدىكى سوتلاش ئىشى دەرھال باشلىتىدۇ. بۇ گۇرۇپپىنى پاش قىلغان مۇھەممەت سالىخوۋىچنىڭ تۆۋەندىكىچە پاش قىلىش ماتېرىيالى ك گ ب نىڭ سوراق خاتىرىسىگە ئۆز پىتى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، سوتلىنىۋاتقان بۇ دېلودا پاكىت قىلىنغان:
جەدىتچىلار (تەرەققىيپەرۋەرلەر) ئورتا ئاسىيادا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن بۇرۇن رۇسىيە بۇرژۇئازىيىسى بىلەن ئورتا ئاسىيادا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان قالاق فېئودال كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىدىغانلارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ئۇلار رۇسىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ جاھانگىرلىك سىياسىتىگە غەزەپلىنىپ، ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلغان ئىدى. يەرلىك خەلقنىڭ كونا تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن كەينىدە قېلىشىغا، بۇ كەينىدە قالغانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانمىغان دىندارلارغا قەتئىي قارشى تۇرغان ئىدى. قىسقىسى، جەدىتچىلارنىڭ كۈرەش قىلىدىغان مەقسەتلىرى ئىچىدە فېئودالىزم بىلەن كونا تۇرمۇش ئەقىدىلىرىنى تازىلىۋېتىش ئارقىلىق، مىللىي بۇرژۇئازىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش غايىسى بار ئىدى. بۇ ھەرىكەتنىڭ داڭلىق كىشىلىرى تۆۋەندىكىلەر: مۇنەۋۋەر قارى، مۇرات غوجا داموللا، ئىمام غوجا خەلىلى، ھاسان قارى، ئابدۇللا ئاۋلانى، شاروسول زۇنۇن، شاھىت ئىسان، مىر بەيدى، ئابدۇلۋاھاپ مۇرادى ۋە مېجىت قادىر قاتارلىقلار.
بۇ پاش قىلىش ماتېرىيالىدا، جەدىتچىلارنىڭ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن بولشېۋىكلەر تۈزۈمىگە قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ كېلىپ، جەدىتچىلارنىڭ تۈپكى غەرىزىنىڭ سوۋېت تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭدەك يەنە، ئابدۇلۋاھاپ مۇرادىينى جامال پاشا بىلەن ئالاقىلەشكەن ھەمدە ئۇنىڭ ياردىمىنى ئالغانلىق جىنايىتى بىلەن قارىلاپ كۆرسىتىلگەن.279 بۇ دېلو تېز ۋاقىت ئىچىدىلا سوتلىنىپ، بەزى ئەزالارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان بولسا، يەنە بەزىلىرىنى ھەرخىل يىللار بويىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش ياكى سۈرگۈن قىلىش جازالىرى بىلەن جازالايدۇ.
(رەسىم ئورنى)
ئابدۇلۋاھاپ مۇرادى ك گ ب تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشتىن سەل ئاۋۋال نېمىس ئايالى مارتا ۋە قىزى پۈتتى بىلەن بىرگە چۈشكەن رەسىمى. تاشكەنت، 1929- يىلى ماي. (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)
دېلو ئېچىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، مۇرادىينىڭ سەپداشلىرىدىن بىر قىسمىمۇ قولغا ئېلىنىدۇ. مۇرادىنىڭ ئايالى، ئېرىنىڭ نېمە گۇناھ قىلغانلىقىنى، نەدە قاماقتا ياتقانلىقىنى شۇنچە سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ ھېچقانداق مەلۇماتقا ئېلىنغىنىدىن بۇيانقى ئۇزۇن مەزگىلگىچە نەدە سولانغانلىقىنى بىلگىلى بولمىغان مۇرادىدىن خەۋەر كېلىدۇ. مۇرادىي، 1933- يىلى ت ب م نىڭ مەشھەت شۆبىسىگە مەخپىي شەكىلدە بىر پارچە خەت يوللايدۇ. مۇرادى بۇ خېتىدە، قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن بىر مەزگىل تاشكەنت تۈرمىسىدە قامىلىپ ياتقانلىقى، ئۇ يەردە ئۇچراشقان بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇماتلار بەرگەن. سۈرگۈن قىلىنغان يەردىن يېزىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بۇ خەتنى راستىنىلا مۇرادى ئۆزى يازغانمۇ ياكى رۇسىيە ك گ ب سى ئەۋەتكەنمۇ بىلگىلى بولمىدى. 1935- يىلى ئافغانىستانغا پاناھلىق تىلەپ قېچىپ چىققان پەرغانىلىق نەسىرۇللا دېگەن بىر ئورتا ئاسىيالىق، ئابدۇلۋاھاپ مۇرادىنى سولوۋكى سۈرگۈن لاگېرىدا كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان.280
ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ 1928- يىلى ئورتا ئاسىياغا قايتىپ بارغان ئەزىم بەگ بېرىمجان بولسا، يۇرتىغا قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قولغا ئېلىنىپ سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئەسلىدە بېرىمجاننىڭمۇ گېرمانىيەگە ئوقۇشقا چىقىشتىن بۇرۇنلا ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە قانات يېيىۋاتقان مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن ئېرىشەلمەي ئاخىرى ئامالسىزلىقتىن قىزىنى ئېلىپ گېرمانىيەگە قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بىر يىلى، قولغا قاتنىشىپ كەلگەنلىكى ھەممىگە مەلۇم ئىدى. زەكى ۋەلىدى تۇغان كۈندىلىك خاتىرىسىدە مىللىي ئازادلىق كۈرىشى يىللىرىدا تاشكەنتكە مەخپىي ھالدا كەلگىنىدە قازاقىستان پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىغا چۈشكەنلىكىنى، بۇ يەردە ئەزىم بەگ بېرىمجان تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغانلىقىنى يازغان. بېرلىنغا بېرىشتىن بۇرۇن بىر مەزگىل «ئاق چۆل» نامىدا بىر ژۇرنالدا ئىشلىگەن ئىدى. زەكى ۋەلىدى ياۋروپادا تۇرۇۋاتقان 1924~25- يىللىرىدا بېرىمجان بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. بۇ مۇناسىۋەتلىرى سوۋېت دائىرىلىرى تەرىپىدىن يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىنگەن بېرىمجان، ۋەتىنىگە قايتىپ بارغىنىدا ھېچقانداق بىر خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلماي ئۇدۇل سۈرگۈنگە يوللىۋېتىدۇ. ئۇنى 1937- يىلىدىكى چوڭ تازىلاشتا ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.
ھەر تۈرلۈك ۋەقەلەرنى باشتىن كۆچۈرۈپ ئاخىرى ئورتا ئاسىياغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئوقۇغۇچىلاردىن يەنە بىرى باھاۋۇدۇن ئىمىنجان ئىدى. ئۇ، فرېيبۇرگدا ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، گېرمانىيەدىكى تەشكىللىنىش ئىشلىرىنىڭ ھېچقايسىسىغا ئارىلاشمىغانلىقىغا قارىماي، 1928- يىلى ۋەزىپە بىلەن كەلگەن ئىدىيىۋى تازىلاش گۇرۇپپىسىدىكىلەر تەرىپىدىن قايتىپ كېتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ دادىسى ئىمنجان مەختۇم، بۇرۇنقى بۇخارا قازى كالاننىڭ كۈيئوغلى بولۇپ، جەدىتچىلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى مىللىي ئازادلىق كۈرىشى يىللىرىدا زەكى ۋەلىدى باشچىلىقىدىكى جەدىتچىلارغا كۆپلىگەن ياردەملەرنى قىلغان ئىدى. بولشېۋىكلەرنىڭ كۆزىدە جىنايى تارىخقا ئىگە بىرى دەپ قارالغاچقا، 1928- يىلى قولغا ئېلىنىپ تاشكەنتكە كەلتۈرۈلىدۇ. شۈبھىسىزكى، گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوغلىمۇ بۇ جازادىن نېسىۋىنى ئالىدۇ. ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرەلىشى ئۈچۈن يەنە 3 يىلى قالغان باھاۋۇدۇن، ئېغىر بېسىملار نەتىجىسىدە گېرمانىيەدە قالالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ت ب م نىڭ ياردەم قىلىشى ئارقىلىق ۋارشاۋاغا كېتىۋالىدۇ.281 ئەمما ئۇ يەردىمۇ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالماي 1929- يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشىغان ئەھۋال مېدىتسىنا ئوقۇغۇچىسى ئامانۇللا نەسىرۇللا ئوغلىنىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ. ئۇ، بۇخارا جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن جەدىتچىلاردىن بەگجان دېگەن بىرىنىڭ تۇغقىنى ئىدى. ئىدىيىۋى تازىلاش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئوقۇشىنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا ئورتا ئاسىياغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ھەر ئىككىلا ئوقۇغۇچى يۇرتىدا قالغان ئائىلىلىرىگە سېلىنغان ئېغىر بېسىملار تەسىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىشقا مەجبۇر بولغانلىقى مەلۇم.
ئورتا ئاسىياغا ئۆز ئارزۇسى بويىچە قايتىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما بەكلا غەلىتى ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان يەنە بىر ئوقۇغۇچى بولسا سەتتار جاپپار ئىدى. سەتتار، بېرلىندىكى سوۋېت خىزمەتچىلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبىدىن دوستلىرى تەرىپىدىن بولشېۋىك ئىشپىيونى دېگەن بەتنامدا قالغان ئىدى. ئەسلىدە ئۇ گېرمانىيەگە كەلگەن دەسلەپكى يىلىدىن باشلاپلا ئىنتايىن ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كەلگەن بىرى ئىدى. پارىسچە بىلەتتى، ئەدەبىياتقا بەكلا قىزىقاتتى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. 1927- يىلى سالىھ مۇھەممەت بىلەن نەسىرىدىن شىرئەخمەت ئوغلى ئىسىملىك دوستلىرى بىلەن بىرگە يازلىق تەتىل ئۈچۈن ئورتا ئاسىياغا قايتقان ئىدى. تەتىل تۈگىگەندىن كېيىن يالغۇز سەتتار جاپپارلا ئوقۇشقا قايتىپ بارالىغان بولۇپ، قالغان ئىككى ساۋاقدىشىنىڭ ئوقۇشقا قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بۇ ۋەقە سەتتار جاپپاردىن گۇمانلىنىشقا باھانە بولۇپ بېرىدۇ. دېگەندەك ئوقۇغۇچىلاردىن ئەخمەتجان ئىبراھىم 1927- يىلىدىلا زەكى ۋەلىدىگە يازغان بىر پارچە خېتىدە، ساۋاقداشلىرى سەتتار جاپپار بار يەردە گەپ قىلىشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ‘قىزىللاردىن’ ئىكەنلىكى ھەققىدە ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا گەپ تارقىلىپ يۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. بۇ ئەھۋاللارغا قارىماي ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان سەتتار جاپپار مەيلى نېمىسلار بىلەن بولسۇن ياكى مۇھاجىر يېتەكچىلەر بىلەن بولسۇن يېقىن مۇناسىۋەت تىكلەپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم ئىدى. زەكى ۋەلىدىنىڭ بىر پارچە ماقالىسىنى نېمىسچىغا تەرجىمە قىلىپ «دېۇتچ رۇندسچاۋ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدۇرغان ئىدى. مۇستاپا چوقاي ئوغلىغا يازغان بىر پارچە خېتىدە «داس ستات» ناملىق بىر گېزىتتە بەخدەر ئىسىملىك بىر دوستى بارلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئورتا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر يازغانلىقىنى، چوقاي ئوغلى تەلەپ قىلسا ئۇنىڭمۇ ماقالىلىرىنى نېمىسچىغا تەرجىمە قىلىپ باستۇرۇپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. جاپپار، يازغان ماقالىلىرىدە مۇستېئار دېگەن تەخەللۇس قوللانغان ئىدى.282 ئۇ يازغان خېتىگە قارىغاندا، 1929- يىلى دۆلەت تەمىناتى توختىتىۋېتىلگەن بولۇپ، گېرمان دوستلىرىدىن قەرز ئېلىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى يازغان ئىدى. ئەنە شۇنداق قىيىنچىلىقلارغا قارىماي ئالاھىدە ئاكتىپ ئىجتىمائىي پائالىيەت قىلىپ يۈرگەنلىكى، بېرلىندىكى سوۋېت مەسئۇللىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى توختاتماسلىقى ئۇنىڭغا بولغان گۇمانلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ بەرمەكتە ئىدى. چۈنكى قالغان ئوقۇغۇچىلار سوۋېت تەرەپ ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشكە تىرىشاتتى.
دەل شۇ پەيتتە ئوتتۇرىغا چىققان باشقا بىر ئوقۇغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش، سەتتار جاپپارغا بولغان گۇمانلىنىش مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. ئوقۇغۇچىلاردىن ئەفدال ئابدۇسائىد، پاسپورت مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى باھانە قىلىپ بېرلىندىكى سوۋېت باش ئەلچىخانىسىغا چاقىرتىلىپ، ئۇنىڭغا پارا بېرىپ جاسۇسلۇق قىلىپ بېرىشى تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئابدۇسائىد بۇ تەكلىپنى قەتئىي رەت قىلىش بىلەن قالماي، ئەلچىخانىدىن چىقىپ بۇ ئىشنى دوستلىرىغا سۆزلەپ بېرىدۇ. ئەفدال ئابدۇسائىدقا مۇناسىۋەتلىك بۇ ئىش ئاۋۋال فىرانسىيە گېزىتى «لې ماتىن» دا ئېلان قىلىنىدۇ؛ ئاندىن كېيىن «داس 12 ئۇھربلات»، «دېۇتچ زېيتۇڭ» ۋە «كرېۇززېيتۇڭ» قاتارىدىكى نېمىسچە گېزىتلەردىمۇ ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ ۋەقەنىڭ رەسمىي بىر سىياسىي مەسىلىگە ئايلىنىپ كېتىشى سەۋەبىدىن، سوۋېت ھۆكۈمىتى ئەفدال ئابدۇسائىدقا جاسۇسلۇق قىلىپ بېرىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن ئەلچىخانىنىڭ چېكا مەسئۇلى مىخايلېۋسكىنى موسكۋاغا قايتۇرۇپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
دوستلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان سەتتار جاپپارنىڭ روھى ھالىتى كۈندىن- كۈنگە پەسىيىشكە باشلايدۇ. بۇ ئەھۋال مۇستاپا چوقاي ئوغلىغا يازغان خەتلىرىدە ئېنىق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى:
دوستلىرىمنىڭمۇ، سىزنىڭمۇ مېنى ئىستىشىڭىز ئازىيىپ كەتتى. بەزى سەپداشلىرىمنىڭ مېنى “بولشېۋىك ئىشپىيونى” دەپ تۆھمەت قىلغانلىقىدىن بۇرۇن خەۋەر تاپقان ئىدىم. لېۋىمنى چىشلىدىم، كۆزلىرىم قىپقىزىل قىزىرىپ كەتتى. … مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن بۇ دەتلەرنى باشقا بىر ئورتا ئاسىيالىقنىڭ بېشىغا كەلتۈرمىگەيسەن خۇدايىم، … غېرىپلىكىمگە قوشۇلۇپ يەنە بۇ تۈردىكى تۆھمەتلەر، … بېرلىن دۆلەت كۇتۇپخانىسىنىڭ بىر ژۇرنىلىدا گېرمانىيەدىكى رۇسىيەلىك مۇھاجىرلارنى “ئۆزئارا غاجىلىشىدىغان ياۋايىلار” دېگەندەك بىر نەرسە ئوقۇغان ئىدىم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەقىقىي ئەھۋاللارنى چۈشىنىدىغان بىر ئورتا ئاسىيالىق ئوتتۇرىغا چىقىپ بىزنى ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۇپ تەسۋىرلىشى مۇمكىن. … ھەقىقەت بىر كۈنى چوقۇم ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.283
ئۇ يەنە بۇ خېتىگە قوشۇپ ئەۋەتكەن «دوستلىرىمغا» دېگەن شېئىرى بىلەن بارلىق ساۋاقداشلىرىغا مۇراجىئەت قىلماقتا ئىدى:
قېرىنداش بىلىپ سۆيگەنلەرىم، شۈبھە ئىچىرە باقتى مەنگە،
بەختسىز قارا شۇ كۈنلەرىم، ئۆلۈم ئۆتە ياقار مەنگە.
سەۋەبسىز ھەقسىز قارالاندىم، شۇل ئۈيەتسىز يۇرتداشلاردەن،
يۈرەك ئىچرە يارالاندىم، چىركىن قۇرۇق تۆھمەتلەردەن.
ئەھۋال تۈزىتىشكە بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن ئىدى. سەتتار جاپپار 1931- يىلىنىڭ بېشىدا ئورتا ئاسىياغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. قايتىپ بارغىنىدىن كېيىن دەسلىپىدە ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىك مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىنىڭ خىمىيە بۆلۈمىدە ئىشلەيدۇ. 1935- يىلى ئىنستىتۇت مۇدىرلىكىگە تەيىنلىنىدۇ. ئۇ يىللىرى ئېنگلىسنىڭ «تەبىئەت دىئالېكتىكىسى» دېگەن كىتابى بىلەن بىر قىسىم نېمىسچە خىمىيە كىتابلىرىنى ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلىدۇ. 1938- يىلى 8- يانۋار تازىلاش ھەرىكىتىدە قولغا ئېلىنىدۇ. دەسلەپكى سوراقلاردا ئۈستىگە ئارتقان ھېچ بىر جىنايەتنى قوبۇل قىلمىغان سەتتار جاپپار، يىگىرمە بىر ئاي داۋام قىلغان سوراقلاردىن كېيىن، 1930~31- يىللىرىدا تاشپولات، ئارسلان سۇبۇتاي، ئابدۇلمالىكجان دېگەندەك تەخەللۇسلاردا بەش پارچە ماقالە ئېلان قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. «دېۇتچ ئاللېماگن زېيتۇڭ» دا چىققان «ئورتا ئاسىيا ئاياللەرى» ۋە يەنە بىر نېمىسچە ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان «پاختا ئۈچۈن كۈرەش» دېگەن تېمىلاردىكى ماقالىلىرىدە سوۋېتلەرگە قارشى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. 1938- يىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر كۈنى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان سەتتار جاپپار ھەققىدە كېيىن ھېچقانداق بىر خەۋەر بولماي يوقاپ كەتتى.
يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن بارلىق ئوقۇغۇچىلار، ئورتا ئاسىيالىق زىيالىيلار بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلار 1937~1938- يىللىرى ستالىن تەرىپىدىن باشلىتىلغان چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى جەريانىدا، ئۇلارنى چەت دۆلەتلەرگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن پەيزۇللا غوجايېۋ بىلەن تۇرار رىزقۇلوۋغا ئوخشاش يېتەكچىلەر بىلەن بىرگە قولغا ئېلىنىدۇ.284 شتۇتگارت يېزا ئىگىلىك ئالىي مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا يازلىق تەتىل قىلىپ يۇرتىغا بېرىپ قايتىپ كېلەلمىگەن سالىھ مۇھەممەت، مېدىتسىنا ئوقۇغۇچىسى خەيرىنىسا مىجىتخان قىزى، پەيزۇل شىرئەخمەت ئوغلى ۋە نەسىرىدىن شىرئەخمەت ئوغلى، زەينەپ ئاللاشۈكرىۋا، ئەزىمبەك بېرىمجان، تۆلەگەن مۆمىن، سەتتار جاپپار، تەمىربەك ھاجىبەك ئوغلى، ئابدۇراخمان مۇھىبباي ئوغلى، تاھىر شاكىرى، بىيتىلەۋ ۋە سۇلتان مەدقۇل قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى گېرمانىيە ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىۋاتقان كىشىلەر، سوۋېت تۈزۈمىگە قارشى كۈرەش قىلغانلار ۋە ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان دېگەندەك بوھتانلار بىلەن سوتلىنىدۇ. شۈبھە يوقكى، بۇ تۈردىكى بوھتانلارنىڭ ھېچ قايسىسى ئۇلارغا توغرا كەلمەيتتى. ئورتا ئاسىيا مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان كىشىلەر ئەسلىدىلا يۇرتىغا قايتمىغان ئىدى. ئورتا ئاسىياغا قايتىپ كەتكەنلەردىن يالغۇز ئابدۇلۋاھاپ مۇرادى بىلەن ئەزىم بەك بېرىمجان ئىككىسىنىڭلا ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقانلىقى مەلۇم. مەريەم سۇلتانوۋا بىلەن سەتتار جاپپار، ك گ ب ئارخىپلىرىدىن چىقىرىلغان سوراق خاتىرىلىرىدە “بۇ جەمئىيەتنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىغانلىقنى، بۇ ئىسىمنى مۇشۇ سوراق جەريانىدىلا بىرىنچى قېتىم ئاڭلاۋاتقانلىقى” خاتىرىلەنگەن. سۇلتان مەدقۇل بىلەن تۆلەگەن مۆمىننىڭ 1924~1925- يىللىرىدا رۇسىيە كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن گېرمانىيەدە ئېچىلغان كۇرسلارغا قاتنىشىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇ ئوقۇغۇچىلارمۇ كوممۇنىستىك ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغىنىغا قارىماي تازىلاشتىن قۇتۇلالمايدۇ.
بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى، ئۇزۇنغا سوزۇلغان سوتلىنىشلاردىن كېيىن س س س ب ئالىي سوتى ھەربىي بۆلۈمىنىڭ قارارىغا ئاساسەن قاماق، سۈرگۈن ياكى ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە تا بۈگۈنكى كۈنگىچە ھېچقانداق بىر مەلۇمات يوق. 1922- يىلىدا زور ئۈمىد ۋە ئارزۇلار بىلەن باشلىغان گېرمانىيەگە بېرىپ ئوقۇش سەپىرى سوۋېت تۈرمىلىرىنىڭ قايسى بىر قاراڭغۇ بۇلۇڭلىرىدا ئاخىرلىشىدۇ. 1959- يىلى، خېروششوۋ تەرىپىدىن باشلىتىلغان دېستالىنىزاسيون دەۋرلىرىدە، بۇ كىشىلەرنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارى چىقىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھەر تۈرلۈك خەتەرلەرنى بىلىپ تۇرۇپ يۇرتىغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قايتىپ كەلگەن بۇ ياشلاردىن بۇ دۇنيادا ساقلىنىپ قالغان نەرسە − ئائىلىلىرىگە يوللانغان بىرەر ۋاراق گۇناھسىزلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئۇقتۇرۇش قەغىزىلا بولۇپ قالىدۇ.
بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە، سۈرگۈن ياكى قاماق جازالىرىغا بەرداشلىق بېرىپ ساق قالالىغان بىردىن بىر ئادەم مەريەم سۇلتانوۋا ئىدى.285 دارمستادت شەھىرىدە ئوقۇغان سۇلتانوۋا، 1928- يىلى ئورتا ئاسىياغا قايتىپ كەتكەن ئىدى. بىر مەزگىل قىزلار مەكتىپىنىڭ مۇدىرەلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن كېيىن، كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان «گۈلىستان» ژۇرنىلىدا ئىشلەيدۇ. بۇ جەرياندا توي قىلىپ ئىككى پەرزەنتلىك بولغان ئىدى. 1937- يىلى فاشىزم تەرەپدارى، گېرمانىيە ئىشپىيونى دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنىدۇ. سوت قىلىنىپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. 1947- يىلى قاماق جازاسىنى تۈگىتىپ يۇرتى خارەزمگە قايتىپ كېلىدۇ. ئىككى يىل ئۆتمەيلا قايتىدىن قولغا ئېلىنىپ، سىبىرىيىنىڭ كراسنوۋيارسك رايونىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ستالىن ئۆلگەندىن كېيىن، 1954- يىلى، سۈرگۈندىن تىرىك قايتىپ كېلەلەيدۇ. 1957- يىلى قايتىدىن سوتلىنىپ گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ.

يۇرتىغا قايتمىغانلار
1930- يىلى ئۆزبېكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى سادۇللا قاسىموپ بىلەن تۆت نەپەر سەپدىشىنى مىللەتچىلەرگە ياردەم قىلغان دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئالغاندىن كېيىن، مۇنەۋۋەر قارىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ئورتا ئاسىيالىق زىيالىيلار بۇ گۇرۇپپا بىلەن مۇناسىۋىتى بار دېگەن بوھتان بىلەن قولغا ئېلىنغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئابدۇۋاھاپ مۇرادى بىلەن ئىستانبۇل دارىلفۇنۇنىنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشئۈچۈن يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ئىشانبەگكە ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىدى. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر گېرمانىيە بىلەن تۈركىيەدە بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولۇپ، يۇرتىغا قايتىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن سەۋەب بولغان ئىدى. ئەسلىدىلا گېرمانىيەدە قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ياۋروپادا ئورتا ئاسىيا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئۈچۈن قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بېرلىندا تۇرىدىغان سوۋېت مەسئۇل كىشىلىرى تەرىپىدىن نۇقتا قويۇلۇپ قارا تىزىملىككە ئېلىنىپ بولغان ئىدى. بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن ئەخمەتجان ئىبراھىم (ئوكاي)،286 مىجىتجان ئىبراھىم (ئوكاي)، سەئىدەلى غوجا (ئەنقەرە)، ئىبراھىم ئارپىخان (يارقىن) (ئىبراھىم يارقىن 1902- يىلى تاشكەنتتە تۇغۇلغان. دەسلەپكى ئوقۇشىنى ئۇسۇلۇ جەدىت مەكتىپىدە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇشىنى گېمنازىيىدە تاماملايدۇ. 1922- يىلى تۈركىيە ئارقىلىق گېرمانىيەگە بېرىپ، بېرلىن ئالىي يېزا ئىگىلىك مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. 1929- يىلىدىن باشلاپ ياش ئورتا ئاسىيالىقلار ھەرىكىتى تەركىبىدە يەر ئالىدۇ. 1930- يىلى تۈركىيەگە كېلىپ، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى زوئولوگىيە تېخنىكا كافېدراسىغا ئاسسىستانت بولۇپ كىرىدۇ. 1951- يىلىدىن 1972- يىلىغا كەلگۈچە بۇ كافېدرانىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان ئىبراھىم يارقىن، 1995- يىلى ئەنقەرەدە ۋاپات بولىدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى)، ئەخمەت نائىم (ئۆكتەم)، ئەخمەت شۈكۈر قاتارلىق كىشىلەر 1930- يىللاردا تۈركىيەگە بېرىپ ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەخمەتجان ئوكاي، مىجىتجان ئوكاي، سەئىدەلى ئەنقەرە ۋە ئىبراھىم يارقىن قاتارلىقلار ھەر قايسى تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئىلمىي تەتقىقات پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ پروفېسسورلۇق قىلىدۇ. ئەخمەت نائىم ئۆكتەم ئۇزۇن يىل تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ئەخمەت شۈكۈر بولسا ھەر خىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە (لىسەلەردە) پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.
(رەسىم ئورنى)
ئورتا ئاسىياغا قايتمىغان ئوقۇغۇچىلاردىن بىر قىسمى
ئولتۇرغانلار (سولدىن ئوڭغا): ئەفدال ئابدۇسائىت (ۋەنسۈرەل)، ئىبراھىم ئارىپخان (يارقىن)، سائىدە شىرئەخمەت قىزى (ئوكتاي)، مۇستاپا چوقاي ئوغلى، مەجىدىدىن دەلىل، ئەخمەتجان ئىبراھىم (ئوكاي). ئۆرە تۇرغانلار: سەئىد ئېلى غوجا (ئەنقەرە)، ئەخمەت نائىم (ئۆكتەم)، ئابدۇۋاھاپ ئىساق ئوغلى (ئوكتاي)، سابىر ئىبراھىم (ئورتا ئاسىيالى). بېرلىن، چارلوتتېنبۇرگ، 1930- يىلى (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)287
ئابدۇۋاھاپ ئىساق ئوغلى (ئوكتاي) (ئابدۇل ۋاھاپ ئوكتاي 1904- يىلى تاشكەنتتە تۇغۇلغان. 1917~22- يىللاردا ئەزەربەيجاندا ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيەگە بارىدۇ. ھەيدەلبېرگتە مېدىتسىنا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرىدۇ. دارماتادتا ئىشلەپ يۈرگىنىدە ياش ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلىدا ئىشلەش ئۈچۈن بېرلىنغا يۆتكىلىپ، ئۇ يەردە 10 يىل ئەتراپىدا بۇ ژۇرنالنى باشقۇرىدۇ. 1934- يىلى ئۆزىگە ئوخشاش ئورتا ئاسىيادىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى بولغان سائىدە شىرئەخمەت قىزى بىلەن توي قىلىدۇ. 1939- يىلى تۈركىيەگە كېلىپ، ئىستانبۇل ھاسەكى دوختۇرخانىسىدا تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1950- يىلىدىن باشلاپ تاھىر چاغاتاي بىلەن بىرلىشىپ ياش ئورتا ئاسىيالىقلار نەشرىياتىنى باشقۇرىدۇ، مەمتىمىن بۇغرا بىلەن بىرگە ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلىنى چىقىرىدۇ. 1968- يىلى 12- ئىيۇلدا ئىستانبۇلدا ۋاپات بولىدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) بىلەن تاھىر شاكىر (چاغاتاي) (تاھىر چاغاتاي 1902- يىلى تاشكەنتتە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئورتا مەكتەپنى تاشكەنتتىكى ئۇسۇلۇ جەدىت مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇشىنى ئۇفا ۋە ئەزەربەيجاندىكى مۇئەللىم مەكتىپىدە داۋاملاشتۇرىدۇ. 1922- يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدا گېرمانىيەگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە گېرمانىيەگە بارىدۇ. ھەيدېلبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە- سوتسىيالوگىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن چاغاتاي، ياش ئورتا ئاسىيالىقلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىدۇ. 1931- يىلى ئىدىل ئۇرال ھەرىكىتى يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان ئاياز ئىساقىنىڭ قىزى سائادەت ئىساقى بىلەن توي قىلىپ، 1939- يىلى تۈركىيەگە كېلىۋالىدۇ. بىر مەزگىل تۈركىيە زىرائەت −يېزا ئىگىلىك− بانكىسىدا مۇشاۋىر بولۇپ ئىشلىگەندىن كېيىن، 1948- يىلى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ- جوغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتۇش ھەيئەت ئەزالىقىغا تەيىنلىنىدۇ. 1972- يىلى سوتسىيالوگىيە كافېدرا باشلىقى بولۇپتەيىنلەنگەن چاغاتاي، 1984- يىلى تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدە ۋاپات بولىدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار، 1929- يىلىدىن باشلاپلا مۇستاپا چوقاي ئوغلى بىلەن بىرگە «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنى چىقىرىشقا كىرىشكەن ئىدى. سابىر ئىبراھىم (ئورتا ئاسىيالى) بىلەن ئابدۇل ۋاھاپ ئوكتاينىڭ ئايالى سائىدە شىرئەخمەت قىزى (ئوكتاي) مۇ بۇ گۇرۇپپىدا ئىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا پائالىيەتلىرىنى گېرمانىيەدە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بۇ كىشىلەر، كېيىن تۈركىيەگە بېرىۋالىدۇ. تاھىر چاغاتاي، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولىدۇ، ئابدۇل ۋاھاپ ئوكتاي بولسا ئىستانبۇلدا ئاياللار كېسەللىكلەر ۋە تۇغۇت بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى بولۇپ ھاسەكى دوختۇرخانىسىدا ئىشلەيدۇ. زەھرا قوشئاي ئىسىملىك يەنە بىر ئوقۇغۇچى بولسا، ھەيدېلبېرگ مېدىتسىنا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئورتا ئاسىياغا قايتىپ كەتمەي شتۇتگارتتا قېلىپ دوختۇرلۇق قىلماقتا ئىدى. ئەپسۇسكى، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ساقايماس بىر كېسەل بولۇپ، 1931- يىلى گېرمانىيەدە ۋاپات بولىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، ئورتا ئاسىياغا قايتىپ كەتمەي گېرمانىيەدە تۇرۇپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 1930- يىللاردىن باشلاپ ياۋروپادىن ئايرىلىپ تۈركىيەگە كېلىۋالغان ئىدى. 1922- يىلى گېرمانىيەگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن پەقەت بەرسىلا، يەنى ۋەلى قېيۇمخان دېگەن ئوقۇغۇچى بېرلىن يېزا ئىگىلىك مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن گېرمانىيەدە تۇرۇپ قېلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ چەتئەلدىكى كۈرەشلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن مۇھىم ئادەم بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇخارالىق ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل قىلىپ ئەۋەتىلگەن، 1922~31- يىللار ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سوۋېت تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ساقلاش ئىشىغا مەسئۇل بولۇپ كەلگەن ئالىمجان ئىدرىسمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كەتمەي گېرمانىيەدە تۇرۇپ قالغانلاردىن ئىدى. كېيىن گېرمانىيەدە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە كىرگەن ئىدرىس، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋېنگىرىيەگە كېتىپ شۇ يەردە ۋاپات بولىدۇ.288

سىياسىي مەركەز: تۈركىيە

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-7-14 04:37:31 | ئايرىم كۆرۈش

سىياسىي مەركەز: تۈركىيە

… بىزگە ھېچكىم “بۇ سىلەرنىڭ ئىشىڭلار ئەمەس” دېيەلمەيدۇ. ياق، بۇ ئىشلار بىزنىڭمۇ قىلىدىغان ئىشىمىز، شۇنىڭدەك بۇ بىزنىڭ مىللىي مەنپەئىتىمىزدۇر. چۈنكى تۈركىيە مىللىي ئىنقىلابىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان “مىللىي مۇستەقىللىق” غايىسى بىزنىڭمۇ غايىمىزدۇر، …
                    −مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ بىر ماقالىسىدىن. 1934

تۈركىيە، تارىختىن بۇيان دۇنيا تۈركلىرىنىڭ ئۆز يۇرتى، ئىككىنچى ۋەتىنى بولۇپ كەلگەن ئىدى. مەيلى ئوسمانلىلار دەۋرىدە  ياكى جۇمھۇرىيەت يىللىرىدا بولسۇن، ھەرقانداق بىر سەۋەبتىن ۋەتىنىدىن ئايرىلغان تۈركلەر تىل، دىن ۋە مەدەنىي پەرقلەرگە دۇچ كەلمەسلىكى ئۈچۈن تۈركىيەنى پاناھلىق يېرى دەپ قاراپ كەلگەن. بولۇپمۇ 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا يۈز بەرگەن قىرىم ئۇرۇشى بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىن پارتلىغان 93- يىل ئۇرۇشى، 20- ئەسىرنىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن بالقان ئۇرۇشى بىلەن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى، بۇرۇنقى ئوسمانلىلار تېررىتورىيىلىرىدە ياشايدىغان تۈركلەرنىڭ زور كۆلەملىك كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
چار رۇسىيە ئاغدۇرۇلۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇش يىللىرىدا بولسا يەنە باشقىچە بىر كۆچۈش ۋەقەسى يۈز بېرىدۇ. 1917- يىلقى بولشېۋىكلەر ئىنقىلابىدىن كېيىن، مۇستەقىللىقىنى ياكى ئاپتونومىيىلىرىنى ئېلان قىلغان تۈركى خەلقلەر ياشايدىغان رايونلار سوۋېتلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشىغا ئەگىشىپ سوۋېتلەرگە قارشى مۇستەقىللىق كۆرۈشىگە ئاتلانغان كىشىلەر ۋەتىنىدىن قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. بۇ ۋەقەلەردە، نۆۋەت بىلەن ئەزەربەيجانلىق، شىمالىي كاپكازىيىلىك، قىرىملىق، ئىدىل ئۇراللىق ۋە ئورتا ئاسىيالىق يېتەكچىلەر ئۇدۇل ياكى ۋاسىتىلىك يوللار بويىچە تۈركىيەگە قاراپ قېچىشقا باشلىغان ئىدى. ياۋروپاغا بېرىۋالغان بىر قىسىم ئىنقىلابچىلارمۇ مىللىي دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ياش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ۋەتىنىگە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. نەتىجىدە، 1920- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگىنىدە،289 تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى تۈرك مۇھاجىرلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان تەشكىلاتلار بىلەن ئۇلار قانات يايدۇرۇپ كېلىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئىدى.
تۈركىيەگە كېلىۋالغان مۇھاجىر يېتەكچىلىرىنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى رايونلاردىن كەلگەنلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈركىيەنى مەركەز قىلغان ھالدا قانات يايدۇرماقچى بولغان سىياسىي كۈرەشلىرىنىڭ بىردىن بىر مەقسىتى ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ غايىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ پارچىلىنىشى نەتىجىسىدىلا ئاندىن ئىشقا ئاشىدىغان بىر غايە ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا 1921- يىلىنىڭ 16- مارت كۈنى ئىمزالانغان موسكۋا شەرتنامىسى، ھەر ئىككىلا تەرەپ بىر- بىرىگە قارشى قانات يايدۇرۇلىدىغان ھەرقانداق پائالىيەتلەرگە يول قويماسلىق ھەققىدە كېلىشىمگە كېلىشكەن ئىدى. بۇ شەرتنامىنىڭ 8- ماددىسى مۇنداق بايان قىلىنغان ئىدى:
ھەر ئىككى تەرەپ، ئۆز تەۋەلىكىدە، يەنە بىر دۆلەتنىڭ ھەممىسىگە ياكى بىر قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ھەرقانداق بىر تەشكىلات قۇرۇلۇشىغا، پاناھلىق تەلىپىدە بولۇشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. … تۈركىيە بىلەن رۇسىيە، كاپكازىيە جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈچۈنمۇ كېلىشىم ئاساسلىرىغا ئەمەل قىلىش شەرتى بىلەن يۇقىرىقى شەرتكە ئەمەل قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرىدۇ.
سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ يەردە ئەزەربەيجان، شىمالىي كاپكازىيە، قىرىم، ئىدىل ئۇرال ۋە ئورتا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىن تۈركىيەگە مۇھاجىر بولۇپ كەلگەن سىياسىي خادىملارنىڭ قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى كۆزدە تۇتماقتا ئىدى. بۇ جەھەتتە مۇستاپا كامال تۈركىيەسىنىڭ كۆزدە تۇتۇۋاتقىنى ئەرمېنىيە بىلەن گىرۇزىيەگە ئوخشاش سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كېلىشى ئېھتىمال بولغان تەلەپلەر بىلەن بىرگە، تۈركىيەدىن چىقىپ كېتىپ ئۆز پائالىيەتلىرىنى موسكۋادا تۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىتىھات ۋە تەرەققىي يېتەكچىلىرىنى دېمەكچى.
تۈركىيە يېڭىدىن بىر دۆلەت قۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان، سوۋېت ئىتتىپاقى بولسا مەملىكەت دائىرىسى بويىچە ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، بۇ تەلەپلەر ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىش بىر مۇقەررەرلىك ئىدى. ئەمما ئەمەلدە بۇ شەرتلەرگە ئەمەل قىلمايدىغان ۋەقەلەرمۇ كۆرۈلىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى، موسكۋا شەرتنامىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ شەرتلەرگە قارىماي، ئىتتىھات ۋە تەرەققىي يېتەكچىلىرىنى زاپاس كۈچ ئورنىدا تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولسا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمۇ دۆلىتىگە قېچىپ كەلگەن سىياسىي مۇساپىرلارغا قارىتا ھېچ بولمىغاندا دەسلەپكى يىللاردا ھېچ بىر قىيىنچىلىق پەيدا قىلمىغان ئىدى.290

مۇساپىر تۈركىي يېتەكچىلەر تۈركىيەدە
مۇھاجىردىكى سىياسىي خادىملارنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۇ يىللاردىكىلا بىر ئىش ئەمەس ئىدى. ئىتتىھات ۋە تەرەققىي دەۋرلىرىدە، يەنى 1908- يىلى داڭلىق بىر مۇنچە كاپكازىيىلىكنىڭ قاتنىشىشىدا كېيىنكى يىللاردا ئىسمىنى شىمالىي كاپكازىيە جەمئىيىتى دېگەنگە ئۆزگەرتىدىغان چەركەز ئىتتىھات ۋە تەئاۋۈن جەمئىيىتى دەيدىغان بىر جەمئىيەت قۇرۇلغان ئىدى (چەركەز ئىتتىھات ۋە تەئاۋۈن جەمئىيىتى قۇرغۇچىلىرى ئىچىدە مارشال مەرتەد ئابدۇللا پاشا، مارشال بەرزەگ زەكى پاشا، يازغۇچى ئەخمەت مىدھات ئەپەندى، غازى مۇھەممەت شامىل پاشا − ئىمام شامىلنىڭ ئوغلى − قاتارىدىكى داڭلىق كىشىلەرمۇ بار ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنە كاۋكاز تېئالى جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ پائالىيەت قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ جەمئىيەتلەر قاتارىغا يەنە 1914- يىلى كاپكازىيىلىكلەر نەشرى مائارىف جەمئىيىتى، 1918- يىلى چەركەز ئاياللار تەئاۋۈن جەمئىيىتى ۋە 1920- يىلىغا كەلگىنىدە كاۋكاز تەئالى جەمئىيىتىمۇ قوشۇلغان ئىدى.
سوۋېت ئىنقىلابىنىڭ كېيىنكى مەزگىللەردە تۈركىيەگە تۇنجى بولۇپ كەلگەن يېتەكچىلەردىن بىرى ئەزەربەيجان جۇمھۇر رەئىسى ۋە مۇساۋات ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادە ئىدى. ئەزەربەيجان ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن موسكۋاغا يالاپ كېتىلگەن رەسۇلزادە، 1922- يىلى ئىچىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان يەردىن قېچىپ قۇتۇلۇپ، فىنلاندىيە ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ بېرىۋالغان ئىدى. قىرىم تۈركلىرىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان جاپپار سىيىت ئەخمەت (قىرىمئەر) 1920- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا تۈركىيەگە كېلىۋالغان يەنە بىر مۇساپىر يېتەكچىلىرىدىن بىرى ئىدى. كاپكازىيلىك يېتەكچىلەردىن سەئىد شامىل بىلەن سۇلتان قىلىچ گېرەي بولسا، شىمالىي كاپكازىيىدە باشلاتقان قوزغىلاڭ ھەرىكىتى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن گىرۇزىيە ئارقىلىق تۈركىيەگە كىرىۋالغان ئىدى. ئورتا ئاسىيالىق يېتەكچىلەردىن ئوسمان غوجا ئوغلى ئافغانىستاندا ئورتا ئاسىيا مىللىي مۇستەقىللىق ئۈچۈن قانات يايدۇرغان ھەرىكىتى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغىنىدىن كېيىن، 1924- يىلى تۈركىيەگە كېلىۋېلىپ ئىستانبۇلدا ئولتۇراقلاشقان ئىدى. ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى ئاغدۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن جەنۇبىي ئەزەربەيجانغا بېرىپ ئەنزەلى شەھىرىدە پائالىيىتىنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلگەن مىرزا بالىمۇ 1927- يىلى تۈركىيەگە كېلىۋېلىپ مۇساپىر يېتەكچىلەر سېپىگە قوشۇلىدۇ.
رەھبەرلەر ئارىسىدىكى ھەمدۇللا سۇپھى (تەڭرى ئۆۋەر) بىلەن رىزا نۇر قاتارىدىكى مىللەتچىلەرنىڭ ياۋروپادىكى مۇساپىر تۈركى زىيالىيلىرىنى ھەمدە باشقا تۈركى يېتەكچىلىرىنى تۈركىيەگە يىغىش سىياسىتىمۇ  مۇساپىر يېتەكچىلىرىنى تۈركىيەگە يۈزلەندۈرۈشىگە سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىدى.291 يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر نەتىجىسىدە ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى زەكى ۋەلىدى (تۇغان)، ئىدىل ئۇرال ھەرىكىتى يېتەكچىلىرىدىن ئاياز ئىساقى ۋە فۇئات توقتار بېرلىندىن، سوربوندا پروفېسسورلار ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولغان سادىرى مەقسۇدى (ئارسال) پارىژدىن كېلىپ 1925- يىلى ئىچىدە تۈركىيەگە يىغىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە سادىرى مەخسۇدى، فۇئات توقتار، ئابدۇللا باتتال تايماس قاتارىدىكى كىشىلەر جۇمھۇرىيەت تۈركىيەسى تەرىپىدىن ھەر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەچكە، سىياسىي پائالىيەتلەردىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئەمما بۇرۇن ئۆز تەۋەلىرىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى جەريانىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادە، زەكى ۋەلىدى، ئوسمان غوجا ئوغلى، ئاياز ئىسھاقى، سەئىد شامىل ۋە جاپپار سىيىت ئەخمەت قاتارىدىكى يېتەكچىلەرنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەردىن ئايرىلىپ ياشىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ دەرھال سىياسىي پائالىيەت تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇشقا تۇتۇش قىلىدۇ.

مۇساپىر تۈركىلەر ئاۋازى: «يېڭى كاپكازىيە»
رەسۇلزادە يېتەكچىلىكىدىكى مۇساۋاتچىلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى بىلەن تەڭ، بارلىق كاپكازىيىلىك مۇساپىرلار بىر يەرگە يىغىلىپ بىر مەجمۇئە ئېتىراپىغا جەم بولۇش ئىشى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، 1923- يىلىنىڭ 26- سېنتەبىردە «يېڭى كاپكازىيە» مەجمۇئەسىنىڭ تۇنجى سانى چىقىرىلىدۇ. كاۋكاز تەئالى جەمئىيىتى قۇرغۇچىلىرىدىن داغىستانلىق بىر دىنى ئالىم بولغان سىيىت تاھىر ئەل ھۈسەيىنى ئەپەندى، بۇ مەجمۇئەنىڭ خوجايىنى ۋە مەسئۇل مۇدىرى بولىدۇ. 16 بەتلىك بۇ ژۇرنال 15 كۈندە بىر سان چىقىرىلاتتى. مەزمۇن جەھەتتە ئەزەربەيجان ۋە شىمالىي كاپكازىيە قاتارلىق رۇسىيەگە مەھكۇم قىلىنغان مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئاساسى مەقسەت قىلاتتى. يازغۇچىلىرى مۇساۋاتچى يېتەكچى مۇھەممەت ئىمىن رەسۇلزادە باشلىق ئەزەرى ۋە شىمالىي كاپكازىيەلىك سىياسىي مۇساپىرلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.
1924- يىلىنىڭ 27- ئاپرېل كۈنى ئىستانبۇلدا مەخپىي يىغىن چاقىرغان مۇساۋاتچىلار، «ئەزەربەيجان مىللىي مەركىزى» نامىدا بىر تەشكىلات قۇرۇپ، بۇ مەركەزنى تۆت يىل بۇرۇن سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان ئەزەربەيجان مىللىي ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرگۈندىكى داۋامى دەپ ئېلان قىلىشىدۇ. يەنە شۇ يىلى مۇنداق بىر ئىش ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.292 ئەزەرىلەردىن خۈسرەۋ سۇلتانزادە، ئا. شەيخۇلئىسلامزادە بىلەن ئابدۇل ئېلى ئەمىرجان، گروزىيىلىكلەردىن م. تسېتېرېللى، د. ۋاچنادزې ۋە ئا. ئاسساتىيانى، شىمالىي كاپكازىيىلىكلەردىن ۋ. جاباغى، ئەلىخان قانتەمىر ۋە ئا. نامىتوك قاتارلىق سىياسەتچىلەر ئىستانبۇلدا بىر يەرگە يىغىلىپ «كاپكازىيە مۇستەقىللىق كومىتېتى» نى قۇرۇپ چىقىدۇ (يەنە شۇ ۋاقىتلاردا پارىژدا كاپكازىيە جۇمھۇرىيەتلىرى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى رەئىسلىرى، كاپكازىيە دائىمىي كومىسسىيونى نامىدا بىر يەرگە يىغىلىپ رۇسىيەنىڭ گىرۇزىيەدە پارتلىغان بىر ھەرىكەتنى باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى. ھەرخىل مەنبەلەر بۇ كومىسسىيە بىلەن ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان كاپكازىيە مۇستەقىللىق كومىتېتىنى بىر بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋەتمەكتە. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). كومىتېت قارارلىرىدا كاپكازىيىلىك سىياسەتچىلەرنىڭ كاپكازىيىدىكى مۇستەقىللىق كۈرىشىنى غەلىبىلىك تاماملاش، كاپكازىيىنى ئازاد قىلىپ كونفىدراتسىيە ئاساسىغا تايانغان بىر رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىشتىن قەتئىي يانمايدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن. بۇ مەقسەتتە قانات يايدۇرۇلىدىغان پائالىيەتلەر، كاپكازىيەگە بىۋاسىتە قوشنا بولغان تۈركىيەدە تەييارلىنىشى تەكىتلەنگەن ئىدى. كومىتېت قۇرغۇچىلىرىنىڭ قارىشىچە، تۈركىيە كاپكازىيەگە قوشنا بىر دۆلەت ھېسابلىناتتى. تۈركىيە، كاپكازىيە خەلقلىرى بىلەن تارىخىي، مىللىي ۋە دىنىي ئورتاقلىقلارغا ئىگە بىر دۆلەت دەپ قارالغاچقا، تۈركىيە كىلەچەك كاپكازىيە ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالايدىغان بىر دۆلەت ھېسابلىناتتى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ئىچكى- تاشقى جەھەتلەردە ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان يىللار ئىدى. 1924- يىلىنىڭ نويابىر ئېيىدا تەرەققىيپەرۋەر جۇمھۇرىيەت پىرقىسى تەشكىللىك شەكىلدە ئۆكتىچىلىك پائالىيەتلەر بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان، 1925- يىلىنىڭ بېشىدا تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبتا باشلانغان شەيخ سەئىت ئىسيانى سەۋەبىدىن تەقرىرى سۈكۈن قانۇنى چىقىرىلىپ ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىنىپ، مۇستەقىللىق سوت مەھكىمىلىرى قۇرۇلىدۇ. ئىزمىر سۇيىقەستى، تەرەققىيپەرۋەر جۇمھۇرىيەت پىرقىسىنىڭ تارقىتىۋېتىلىشى بىلەن بىرگە باشلانغان كەڭ كۆلەملىك قولغا ئېلىشلار، سىياسىي مۇساپىر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىمۇ ئېغىر دەرىجىدە توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ. ئۇلار پائالىيەتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى يەر ئاستىغا كۆچۈرۈشىگە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ جەرياندا يېڭى كاپكازىيە ژۇرنىلىنىڭ ساھىبى بولغان سېيىت تاھىرنى باش كىيىم قانۇنىغا ئۆكتە چىققانلىقى باھانىسىدە قولغا ئېلىنىپ مۇستەقىللىق سوتىدا سوتلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادە ژۇرنال ئىگىسى، باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.293
بۇ جەرياندا يەنە بىر ئىش ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. داغىستانلىق مۇساپىرلار بىلەن بىر گېنېرال ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلگەن مەسىلە شىمالىي كاپكازىيىلىك خادىملارغا قاتتىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. سوۋېتلار ئىنقىلابىدىن كېيىن داغىستان ھەربىي بۆلۈم باشلىقى، ھەربىي ئىشلار ۋە ئىچكى ئىشلار نازىرلىقلىرى، كەينىدىن ھۆكۈمەت رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان گېنېرال مىكائىل خېلىل 1921- يىلى تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىدى. خېلىل، سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كەتمىگىنىگە قارىماي 1925- يىلى يەنە بىر كاپكازىيىلىك ئەسكەر ئەيسا روھى پاشا بىلەن بىرگە قولغا ئېلىنىپ ئەنقەرە مۇستەقىللىق سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىدۇ. سوتلانغان ھەر ئىككىلا پاشا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى قولغا ئېلىش ۋەقەسى شىمالىي كاپكازىيىلىك سىياسىي خادىملارغا ئېغىر زەربە بولۇپ تۇيۇلۇپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىدۇ. تۈركىيە ئىچكى سىياسىتىدىكى بۇ تۈر ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن 1924- يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان كاپكازىيە ئازادلىق كومىتېتىمۇ مەركىزىنى پارىژغا يۆتكەپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
«يېڭى كاپكازىيە» ژۇرنىلى 1927- يىلىغىچە تۈركىيەدىكى مۇساپىر تۈرك سىياسىي خادىملىرىنىڭ ئاۋازى بولۇشتەك تارىخىي ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ژۇرنالنىڭ 5- يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان ماقالىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، رۇسىيە تەھدىتىگە قارشى كۈرەش نۇقتىسىدا ئورتا ئاسىيادىن ئۇكرائىناغىچە سوزۇلغان ئۇرۇسلارغا قۇل قىلىنغان بارلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە ياردەم قىلىنىۋاتقان، ئۆزلىرىگە تەۋە تەشۋىقات قوراللىرى بولمىغان ئورتا ئاسىيالىقلار («يېڭى كاپكازىيە» ژۇرنىلىغا مىللىي بىرلىك ھەرىكىتى ئەزالىرىدىن زەكى ۋەلىدى تۇغان، ئابدۇقادىر ئىنان، مۇستاپا چوقاي ئوغلى ۋە ئەخمەت نائىم ئۆكتەم قاتارلىق كىشىلەرمۇ ماقالە بېرىپ كەلمەكتە ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى)، قىرىملىقلار، ئىدىل ئۇراللىقلارمۇ بۇ ژۇرنالدا ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇ ژۇرنال، 1927- يىلىنىڭ 29- سېنتەبىر كۈنى ئەكس تەسىر قوزغايدىغان نەشرىياتچىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى دېيىلىپ مىنىستىرلىق مەھكىمىسى قارارى بىلەن پېچەتلىنىدۇ.

ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاق تەشكىلاتى يولىدا
زەكى ۋەلىدى تۇغان بىلەن ئوسمان غوجا ئوغلى قاتارلىق ئورتا ئاسىيا ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى يېتەكچىلىرى تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاساسى كۈچىمۇ تۈركىيەگە مەركەزلەشكەن ئىدى. 1925~26- يىللىرى بويىچە بۇ جەمئىيەت، ھەر قايسى ئەللەردە تۇرۇۋاتقان ئورتا ئاسىيالىق زىيالىيلار ئوتتۇرىسىدا بىر ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى تىكلەش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا ئىدى.294 بۇ ھەرىكەتنىڭ ئالدىنقى ئورۇندىكى يېتەكچىلىرى بىر تەرەپتىن سىياسىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن مۇۋاپىق بىر مۇھىت يارىتىشقا تىرىشىپ كەلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز تۇرمۇشىنى رەتكە سېلىۋېلىش ئۈچۈنمۇ تىرىشماقتا ئىدى. ئەمما ئۇلار تولۇق تونۇشۇپ بولالمىغان بىر دۆلەتتىكى يېپيېڭى بىر مۇھىتتا بۇنداق بىر ئۈل سالالىشى بەكلا قىيىن ئىدى. بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ئىمكانلارنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، ئەزالار ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئۈمىدسىزلىك ھۆكۈم سۈرۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.
زەكى ۋەلىدى، دوكتور رىزا نۇرنىڭ يول مېڭىشى نەتىجىسىدە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ نەشرىيات ۋە تەرجىمە تەتقىقات يۇرتىغا ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ. ئەمما خىزمەت ئورنىنىڭ ئەنقەرەدە بۆلىشى ئۇنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا مۇۋاپىق كەلمەيتتى. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ ئەنقەرەدە بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كېيىن دارىلفۇنۇنغا مۇراجىئەت قىلىپ يۈرۈپ ئىستانبۇلغا يۆتكىلىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئىستانبۇل دارىلفۇنۇننىڭ تارىخ بۆلۈمىگە تەيىنلىنىپ ئىلمىي تەتقىقاتچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىغا ئېرىشىش بىلەن قالماي، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلاردىنمۇ خېلىلا قۇتۇلۇپ قالغان ئىدى. بۇنىڭغا ئوخشاش پۇرسەت فەتقۇل قادىر سۇلايمان (ئابدۇقادىر ئىنان) ئۈچۈنمۇ يارىتىلىپ، ئۇمۇ دارىلفۇنۇنغا ئاسسىستانت بولۇپ كىرىۋالىدۇ. ئەمما قالغان ئەزالار ئۇلاردەك تەلەيلىك ئەمەس ئىدى. مەسىلەن ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتى مەركىزى كومىتېتى ئەزالىرىدىن مىيان پۇزرۇق، ئورتا ئاسىيادا ئىنتايىن داڭلىق بىر يازغۇچى ھېسابلىناتتى. ئۇ، تۈركىيەگە كەلگىنىدىن كېيىن يېڭى مۇھىتقا كۆنەلمەسلىك، ماددىي قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن ئېغىر ئۈمىدسىزلىك ئىچىگە پېتىپ قالىدۇ. ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېتىش قارارىغا كېلىپ، جەمئىيەتكە خائىنلىق قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىپ، 1927- يىلىنىڭ باشلىرىدا ئورتا ئاسىياغا قايتىپ كېتىدۇ. تۈركىيەدە تۇرغان بىر زىيالىينىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ بېرىشى، كوممۇنىزم تۈزۈمى ئۈچۈن تېپىلماس بىر تەشۋىقات باھانىسى بولۇپ بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، مىيان پۇزرۇك ئۇ يەردە قىزغىن كۈتۈۋېلىنىپ مائارىپ سېپىدە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. مىيان پۇزرۇك سالىخوۋ، تاشكەنت تاجىك تەتقىقات يۇرتى ۋە تاشكەنت پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا تاجىك تىلى بويىچە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن يىللىرى بويىچە ئەدەبىيات ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان ئىجادىي ئەسەرلەرنى يارىتىدۇ. ئەمما ئورتا ئاسىيا مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىگە قاتناشقان بىر زىيالىينىڭ ستالىن ھاكىمىيىتىنىڭ نازارىتىدىن ساقلىنالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. دېگەندەك 1937- يىلى باشلىتىلغان چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى جەريانىدا قولغا ئېلىنىپ، چەتئەل جاسۇسى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم دۈشمىنى دېگەن جىنايەتلەر بىلەن سوتلىنىپ جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئىككى يىلدىن كېيىن تۈرمىدە ۋاپات بولىدۇ.
ئورتا ئاسىيالىق يېتەكچىلەرنىڭ سىياسىي پائالىيىتى ئۈچۈن مۇۋاپىق مۇھىت ئاختۇرۇش ئىشلىرى داۋام قىلىۋاتقان كۈنلەردە، پولشا يېتەكچىلىكىدە پرومېتې ھەرىكىتى باشلىتىدۇ.295 پولشالىق مەسئۇل كىشىلەر ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتىنىڭمۇ بۇ تەشكىلات تەركىبىدە ئورۇن ئېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. بۇ مەقسەت بىلەن پارىژدا تۇرۇۋاتقان ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ۋەكىل مۇستاپا چوقاي ئوغلى بىلەن مۇناسىۋەت باغلايدۇ. بۇ جەمئىيەت پرومېتې تەشكىلاتىغا قوشۇلغىنىدا ھەر تۈرلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ياردەمگە ئېرىشەلىشى مۇمكىن بولاتتى. بۇنىڭغا ئوخشاش بىر تەكلىپ ئىدىل ئۇرال تۈركلىرىنىڭ يېتەكچىسى ئاياز ئىسھاقىغىمۇ كېلىدۇ. تەكلىپنى قوبۇل قىلغان ئىسھاقى، ئۇدۇل ۋارشاۋاغا بېرىپ ماكانلىشىپ ئىدىل ئۇرال مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىلىقىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان بىر ژۇرنال چىقىرىش ئۈچۈن تەييارلىق ئىشلىرىغا كىرىشىدۇ. 1926- يىلىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا پولشا پارلامېنت ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان خولوۋكوۋ (زەكى ۋەلىدى تۇغان كۈندىلىك خاتىرىسىدە بۇ ئادەمنىڭ ئىسمىنى “خالۇجكا” دەپ يازىدۇ. ئەمما پرومېتې تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان بۇ قۇرۇلتاي ۋەكىلىنىڭ ئىسمى تادېئۇسز خولوۋكوۋ ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) ئىستانبۇلغا كېلىپ، ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى زەكى ۋەلىدى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ۋەلىدى بۇ كۆرۈشۈشلەر ھەققىدە مۇستاپا چوقاي ئوغلىغا ئەۋەتكەن خېتىدە مۇنۇلارنى يازماقتا ئىدى:
پولشا پارلامېنت ۋەكىلى خالۇجكا كەلگەن ئىدى. … بىز ۋە جەمئىيەت ھەققىدە سوئاللارنى سورىدى. جەمئىيەت ئاكتىپ پائالىيەتلەردە بولالىسا خۇشال بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. … پۇل بولغىنىدا پارىژدا فرانسۇزچە خەۋەرلەر مەجمۇئەسى، ئىستانبۇلدا بولسا بىر ژۇرنال چىقىرىۋالالىغان بولساق بەكلا ياخشى بولاتتى. … قارىغاندا ئۇلار بىزگە ئىقتىسادىي ياردەم قىلىشى مۇمكىندەك كۆرۈنىدۇ. … مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادىمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە ئىكەن. مۇستافا سىزلەر بىلەن بىر تەشكىلاتنىڭ ئادىمىمۇ دەپ سورىدى.
1927- يىلىنىڭ بېشىدا جەمئىيەتنىڭ گېرمانىيەدىكى ئەزالىرىدىن ئورتا ئاسىيا تالىپلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئابدۇلۋاھاپ مۇرادى، ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ ئورتا ئاسىياغا قايتىپ كېتىش قارارىغا كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ۋەتەنگە قايتىپ كېتىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. كەلگۈسى ئۈچۈن بىر پىلان لايىھىلەپ چىقىش ھەمدە قايتىپ كېتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايسى خىل سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلەپ چىقىش مەقسىتىدە جەمئىيەتنىڭ ياۋروپادىكى ئەزالىرى فېۋرال ئېيىدا ھەيدېلبېرگ شەھىرىدە يىغىن چاقىرىدۇ.
ھەيدېلبېرگ يىغىنىنىڭ يىغىن خاتىرىلىرى، چەتئەلدىكى ئورتا ئاسىيالىق زىيالىيلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ۋەزىيەتنى قانداق باھالاشقانلىقى ھەمدە كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنى قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلىشىمىز ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.296 يىغىن ئېچىلىشىدا مۇستاپا چوقاي ئوغلى «سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى ئىچكى سىياسىتى» دېگەن ماۋزۇلۇق بىر دوكلات سۇنىدۇ. چوقاي ئوغلىنىڭ قارىشى بويىچە، ستالىنچىلارنىڭ ھوقۇق تۇتۇپ تۇرۇشى ئورتا ئاسىيا ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق بولاتتى. چۈنكى بۇنداق بولغىنىدا ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ھاكىمىيەت قارىشى ئاز- تولا بولسىمۇ يۇمشاپ، دۆلەت باشقۇرۇش ئىشلىرىدا دېھقانلار سىنىپىنىڭ تەسىر كۈچى كۈچەيتىلەتتى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، ئىشچىلار سىنىپى يېتىلىپ چىقمىغان ئورتا ئاسىيانىڭ يېزا تەبىقىلىرى نۇقتىسىدىن ئالغاندا پايدىلىق بۆلىشى مۇمكىن ئىدى. بۇنىڭغا نىسبەتەن ئالغاندا، زىنوۋيېۋ بىلەن تروتىسكى تەرەپدارلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىۋالغىنىدا، دۇنيا ئىنقىلابى بىلەن شۇغۇللىنىش غايىلىرى بىلەن سوۋېت رۇسىيەسىنى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئورتا ئاسىيانى پاجىئەلىك كۈنلەرگە مۇپتىلا قىلىشى مۇمكىن. ياۋروپا ئەللىرىنىڭ پوزىتسىيىلىرى ئۈستىدىمۇ توختالغان چوقاي ئوغلى، گېرمانىيە سوۋېتلار ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرمايدىغانلىقىنى، ئەنگلىيەلىكلەر بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىغا قارىماي قەتئىي تۈردە بىرەر ئەمەلىي ھەرىكەت قوللانمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كۆرسەتكەن. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، چوقاي ئوغلىنىڭ قارىشى بويىچە سوۋېت ھاكىمىيەت سىستېمىسى يەنە بىر مەزگىل ساقلىنىپ تۇرۇشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاچقا، سوۋېت تەۋەسىدە تۇرۇۋاتقان خادىملار ھاكىمىيەت كادىرلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈش سىياسىتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى، چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان ئورتا ئاسىيالىق خادىملار بولسا ئورتا ئاسىيا مەسىلىسىنى خەلقئارالىق سەھنىگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىشى شەرت ئىدى.
شۇ قېتىملىق يىغىندا ئېلىنغان قارارلاردىن قارىغاندا، ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە قايتىپ بارىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى “يەرلىكلەشتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇش بۆلىشى لازىم” دەپ قارالغان ئىدى. يەنى، مەمۇرى كادىرلار سېپىگە، سانائەت ئورۇنلىرىغا، تۆمۈر يول تارماقلىرىغا، پوچتا تېلېگراف ئىدارىلىرىگە ۋە ئەڭ مۇھىمى مائارىپ ساھەلىرىگە يەرلىك خادىملارنى جايلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىي مەقسەت قىلىنىشى لازىم دەپ قارالغان ئىدى. بۇ قاراشقا ئاساسەن يەرلىك خادىملارنىڭمۇ قوبۇل قىلالايدىغان ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كېرەكلىك بارلىق ئىشلار قىلىنىشى كېرەك ئىدى. چەت دۆلەتلەردىن يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، ئۇكرائىنانى ئاساس قىلغان گىرۇزىيە، ئەزەربەيجان قاتارىدىكى ئەللەرگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش سىياسىتى ھەر ۋاقىت تەكىتلىنىشى لازىم ئىدى.
ھەيدېلبېرگ يىغىنىدا، ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتىنىڭ نەشرىيات ئورگىنى ئورنىدا نەشرى قىلىنىدىغان مەجمۇئە مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. يىغىن خاتىرىلىرىدە مۇستاپا چوقاي ئوغلى مەلۇم بىر شەخسى مەركەزدىن مەجمۇئەگە لازىملىق بىر يىللىق چىقىمنى قامدىيالىغۇدەك ياردەم پۇلى ئالالايدىغانلىقى، بەزى مەسىلىلەر سىرتىدا، ئەزەرى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرگە «يېڭى كاپكازىيە» ژۇرنىلىغا قېتىلىشقا ماقۇل بولغانلىقىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.297 بۇ لايىھىگە ئاساسەن ھەر ئىككىلا تۈرك دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان كۈرىشى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىرلا مەنبەدىن يەتكۈزۈپ تۇرۇلۇشى، بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «يېڭى كاپكازىيە» ژۇرنىلىنىڭ ئىسمىنى «يېڭى كاپكازىيە ۋە ئورتا ئاسىيا» دەپ ئۆزگەرتىش بەلگىلەنگەن. بۇ ھەقتىكى لازىملىق ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن چوقاي ئوغلىنىڭ ئىستانبۇلغا بېرىپ كېلىشى قارار قىلىنغان.
ئەزەربەيجان گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىشىپ ژۇرنال چىقىرىش لايىھىسى، ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلغان پولشالىق مەسئۇللارنىڭ پىكرىدىنمۇ ياكى چوقاي ئوغلى- رەسۇلزادە كېلىشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانمۇ ھېچ قانداق بىر مەلۇمات يوق. ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا يۇقىرىدىكى ھەر ئىككىلا گۇرۇپپا ئۆز ئالدىغا ئايرىم- ئايرىم ژۇرنال چىقىرىش قارارى ئېلىنىدۇ. بۇ جەرياندا، كەلگۈسى ئۈچۈن قىلىنىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقىش مەقسىتىدە، ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتىنىڭ بىر قېتىملىق ئومۇمىي قۇرۇلتاي چاقىرىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. جەمئىيەت يېتەكچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى خەت- ئالاقىلەر نەتىجىسىدە ئىستانبۇلدا بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي چاقىرىش قارارى ئېلىنىدۇ.

ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتىنىڭ 1927- يىلقى ئىستانبۇل قۇرۇلتىيى
1927- يىلى 15- مارتتا مۇستاپا چوقاي ئوغلى پارىژدىن كېلىشى ھامان ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزى كومىتېتى زەكى ۋەلىدى تۇغاننىڭ ئۆيىدە تۇنجى قېتىملىق قۇرۇلتىيىنى چاقىرىدۇ. يىغىنغا ئەخمەت زەكى ۋەلىدى، مۇستاپا چوقاي ئوغلى، مەمۇر نىيازى، ئابدۇقادىر سۇلايمان (ئىنان) ۋە مۇستاپا شەكىلىلار قاتنىشىدۇ. يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا رەئىس زەكى ۋەلىدى دۇنيا ۋەزىيىتى بىلەن تۈركىيە ۋەزىيىتىنى، ھەمدە ئورتا ئاسىيا ئازادلىق جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ. ئاندىن ئۇ، تۈركىيەنىڭ ئىچكى- تاشقى سىياسەتلىرىگە ماس كەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن جەمئىيەت ئاشكارا پائالىيەت قىلالماي كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن پائالىيەتلىرىنى يوشۇرۇن قانات يايدۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئورتا ئاسىيادىن يېڭى كەلگەن قۇربېشى ھەمراقۇل بىلەن ئابدۇللا تەۋەككۈل (بابۇر) قاتارلىق كىشىلەردىن جەمئىيەتنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي توختاپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بۇندىن كېيىنكى ئورتا ئاسىيا مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق پائالىيەتلەر جەمئىيەتنىڭ چەتئەلدىكى مەركىزى كومىتېتى تەرىپىدىن، يەنى ئىستانبۇل مەركىزى ئورگىنى تەرىپىدىن قانات يايدۇرۇلۇشى بەلگىلىنىدۇ.298
1927- يىلقى ئىستانبۇل قۇرۇلتىيىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى يىغىندا ئېلىنغان بىر قارارغا ئاساسەن، جەمئىيەتنىڭ نامى «ئورتا ئاسىيا مىللىي بىرلىكى» (ت م ب) (ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاقى − ئۇ.ت) غا ئۆزگەرتىلىدۇ. يىغىن خاتىرىسىدە بۇ ئۆزگىرىشكە مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئىزاھات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، تۈركىيە تۈركچىسىدە “ئازادلىق” دېگەن بۇ سۆزنىڭ يوقلۇقى سەۋەب بولغان بۆلىشى ئېھتىمالغا بەكلا يېقىن. شۇنىڭدەك يەنە ياۋروپادا پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان بارلىق مۇساپىر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىسمىدىكى مىللىي سۆزىنىمۇ ئىتتىپاق نامىغا كىرگۈزىشىدۇ. رەئىس زەكى ۋەلىدى بۇرۇنقى جەمئىيەتتە بولغىنىدەك ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاقىمۇ تەرەققىيپەرۋەرلەر گۇرۇپپىسى بىلەن سوتسىيالىست ئەرك گۇرۇپپىسىغا ۋەكىللىك قىلىشى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ت م ب ياۋروپا ھەيئىتىنىڭ ئىككى كىشىدىن تەشكىل تېپىشى بەلگىلىنىدۇ. سوتسىيالىست پىرقىسى ئۈچۈن ئەخمەت نائىم، تەرەققىيپەرۋەر گۇرۇپپىسى ئۈچۈن بولسا مۇستاپا چوقاي ئوغلى ياۋروپادىكى ۋەكىل قىلىپ تەيىنلىنىدۇ.
22- مارت كۈنىدىكى يىغىن بىلەن قۇرۇلتاي داۋام قىلىدۇ. بۇ يىغىنلاردا قوبۇل قىلىنغان قارارلاردا ت م ب نىڭ تولۇق مۇستەقىل، دېموكراتىك بىر ئورتا ئاسىيا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇ غايىگە ئاساسەن ھەرقايسى ئەللەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا بولىدىغانلىقى، ئەمما كونا بۇخارا ئەمىرى بىلەن قەتئىي تۈردە ھەمكارلىشىشقا بولمايدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى. ت م ب تەرىپىدىن نەشرى قىلىنىدىغان مەتبۇئات ئورگىنىدا ئورتا ئاسىيادىكى سوتسىيالىست ۋە بۇرژۇئازىيە نەزەرىيىلىرىگە قارشى تۇرىدىغان ماقالە يېزىلماسلىق لازىم دەيدىغان مەسىلىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە چېكىدىن ئاشقان (رادىكال) مىللەتچى ھەرىكەتلەر بىلەن سوتسىيالىست ھەرىكەتلەرنى قوللايدىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلىش چەكلىمە ئۇچرىمايدىغان بولىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئورتا ئاسىيادىكى ياشلارنىڭ كوممۇنىست بولۇش بولماسلىقى ھەققىدە تەنقىد يېزىلماسلىقى، بەلكى رۇسىيە ئىشغالىيىتىگە ھەمدە مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە ئىجابىي قاراشتا بولۇش- بولماسلىقىغا ئاساسەن ئۇلارغا باھا بېرىلىشى لازىم دەپ بەلگىلىنىدۇ.
ت م ب، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ۋەتەن مەنپەئىتىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ؛ ئورتا ئاسىيادا يولغا قويۇلۇۋاتقان بولشېۋىكلەر سىياسىتىگە قارشى تۇرۇلىدۇ؛ شەرق ۋە غەرب ئەللىرىدە يۈز بېرىش ئېھتىمال بولغان ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرگە ئىجابىي باھا بېرىلىدۇ؛  بولشېۋىكلەر ھەر قايسى ئەللەردىكى ئىنقىلابى ھەرىكەتلىرىگە يامان نىيەت بىلەن ياردەم قىلماقتا دەپ تونۇيدىغانلىقى كۆرسىتىلدى. قوبۇل قىلىنغان يەنە بىر قاراردا بولسا، رۇسىيە مۇھاجىرلىرى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشتا قەتئىي تۈردە مۇستەقىللىقنى ئاساس قىلىش ئالاھىدە تەكىتلەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇ خىل گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك جاھانگىرلىك خاراكتېردىكى مەركەزلەشكەن بىر رۇسىيە ھاكىمىيىتى قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ت م ب ئۇلارنىڭ ھېچقايسى بىلەن مۇناسىۋەت قىلالمايدۇ دەپ بەلگىلىگەن.299 ئەمما، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاتنىشىش- قاتناشماسلىق مەسىلىسىدە ئورتا ئاسىيانىڭ تولۇق مۇستەقىللىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان گۇرۇپپىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.
(رەسىم ئورنى)
ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاق (ت م ب) تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى
ئالدىنقى رەتتىكىلەر (سولدىن ئوڭغا): مۇستاپا چوقاي ئوغلى، ئوسمان غوجا ئوغلى، زەكى ۋەلىدى (تۇغان)، ئۆرە تۇرغانلار: فەتقۇلقادىر سۇلايمان (ئابدۇقادىر ئىنان) ۋە مۇستاپا شەكلى. ئىستانبۇل. 1927.3.31
بىرلەشكەن مىللەتلەر جەمئىيىتى بىلەن مۇناسىۋەت باغلاش لازىم دەپ كۆرسىتىلگەن يەنە بىر قاراردا، ئەنگلىيە ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئىزاھات قوشۇمچە قىلىنغان. يەنى بۇ قارارغا ئاساسەن، ئەگەر ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئورتا ئاسىيادا قۇرۇلىدىغان ئىسلامى بىر دۆلەتنى ئېتىراپ قىلغىنىدىلا ئاندىن ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت تىكلەشكە بولىدۇ دەپ تەكىتلەنگەن. ئۇنداق بولمىغاندا ئەنگلىيەنىمۇ رۇسىيەگە ئوخشاش دۈشمەن دەپ تونۇش كېرەك دېيىلگەن. تۈرك- ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە پان تۈركىزم بىلەن پان ئىسلامىزمنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش خاراكتېرىنى ئالىدىغان سىياسەتلەر قەتئىي چەكلىنىشى شەرت دېيىلگەن. نەشرى قىلىنىدىغان ژۇرنالدا تۈركىيەنىڭ يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرىگە ئالاقىدار مەيلى ھىمايە قىلىنىدىغان ياكى قارشى چىقىدىغان ھەر قانداق ماقالە بېسىلماسلىقى لازىم دەپ قارار قىلىندى.
ت م ب تەرىپىدىن چىقىرىش پىلانلىنىۋاتقان مەتبۇئات ئورگىنىدا، ئورتاقلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن چاغاتاي شېۋىسى ئاساس قىلىنىشى، مەھەللىۋى شېۋىلەر ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك دەپ بېكىتىلىپ يۇرتۋازلىققا قارشى كۈرەش قىلىش قىلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. مىللىي ھەرىكەتنىڭ تار مەنىلىك خان ياكى ئەمىرگە قارشى بىر ھەرىكەت دەپلا تونۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن غەيرەت كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.300 ئۇرۇسلار تەرىپىدىن پەسكەش بىر بۇلاڭچىلار ھەرىكىتى دەپ تونۇتۇپ كېلىنگەن باسمىچىلىق ھەرىكىتىنىڭ بىر مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى ئىكەنلىكىنى تونۇتۇشقا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. رۇسىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن ھەمدە ئۇ مىللەتلەرنىڭ چەت دۆلەتلەردىكى ۋەكىللىرى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت تىكلىنىشى قولغا كەلتۈرۈش لازىم دېيىلگەن. يىغىندا قوبۇل قىلىنغان يەنە بىر قاراردا، ئورتا ئاسىيا چېگراسى بارلىق قازاق سەھرالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ئىدى. ت م ب نىڭ چەتئەلدىكى پائالىيەتلىرى بىلەن نەشرىيات ئىشلىرى بارلىق ئورتا ئاسىيا ئاھالىسىنى، بولۇپمۇ ياشلارنى نىشان قىلىپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ دېيىلگەن. ۋەتەن ئىشغالىيەت ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇ يەردە دېيەلمىگەن ھەممە گەپنى ت م ب ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم دەپ ئەسكەرتكەن.
25- مارت كۈنىدىكى يىغىندا ئورتا ئاسىيا سوتسىيالىست ئەرك پىرقىسىنىڭ 9 ماددىلىق، تەرەققىيپەرۋەر پىرقىسىنىڭ 19 ماددىلىق نىزامنامىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلگىنىدىن كېيىن، بۇ ئىككى نىزامنامىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىدىن ئوتتۇرىغا چىققان 7 ماددىلىق ئورتاق پروگرامما قايتىدىن ماقۇللىنىدۇ.
26- مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق يىغىندا مەركىزى كومىتېت ھەيئەت ئەزالىرى سايلىنىپ، ئۇلارغا ۋەزىپە تاپشۇرۇلدى. مەركىزى كومىتېتتىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان مامۇر نىيازىنىڭ ئىستېپاسى قوبۇل قىلىنىپ، 3 كىشىلىك مەركىزى كومىتېتقا ئوسمان غوجا ئوغلى، زەكى ۋەلىدى تۇغان ۋە مۇستاپا چوقاي ئوغلى سايلاندى. ياۋروپا ۋەكىلى مۇستاپا چوقاي ئوغلى پارىژدا تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئابدۇقادىر ئىنان ۋەكىللىك قىلىدىغان بولغان. ت م ب رەئىسلىكىگە ئوسمان غوجا ئوغلى تەيىنلەندى. پرومېتې مەجمۇئەسى تەۋەسىدىكى ۋەكىللىك ھوقۇقى ئەخمەت نائىم (ئۆكتەم) غا تاپشۇرۇلدى. چىقىرىش پىلانلانغان ژۇرنالنىڭ خوجايىنلىقى ئوسمان غوجىغا بېرىلىپ، تەھرىرات ئىشلىرىنى بولسا زەكى ۋەلىدى باشقۇرىدىغان بولىدۇ.
15- مارتتىن 26- مارتقىچە داۋام قىلغان ت م ب ئىستانبۇل قۇرۇلتىيى يۇقىرىقىدەك قارارلارنى ئالغاندىن كېيىن يېپىلىدۇ. ت م ب غا ئەڭ ئاخىرقى شەكلىنى بەرگەنلىكى ۋە چەتئەلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ دائىرىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن، 1927- يىلقى قۇرۇلتاينى چەتئەلدىكى ئورتا ئاسىيا ئۈچۈن قانات يايدۇرۇلغان كۈرەش تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قۇرۇلتاي بولدى دەپ قاراشقا بولىدۇ. قۇرۇلتايدا ئېلىنغان قارارلاردىن قارىغاندا، ت م ب ۋەكىللىرى شۇ يىللىرى ئورتا ئاسىيادا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا كىرىپ خىزمەت قىلىۋاتقان مىللىي كوممۇنىست كادىرلىرى بىلەن زىتلىشىپ قالماسلىققا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن. ئۇلارنىڭ بۇ ھېسسىياتلىرىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەمما قوبۇل قىلىنغان بىر قىسىم قارارلاردا بەزى چۈشىنىكسىزلىكلەر، ھەتتا بىر قىسىم بىر- بىرىگە زىت كېلىدىغان پىكىرلەرمۇ كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.301 مەسىلەن ئالايلۇق، سوتسىيالىزم ئىدىيىلىرى تەنقىدلىمەسلىك كېرەك دېگەن بەلگىلىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى قانداق بۆلىشى كېرەك؟ ئەسلىدە، بۇنداق ئېنىقلىما بېرەلىگەنلىكىگە قاراپ، ت م ب ئەزالىرىنىڭ سوتسىيالىزم ئىدىيىسى بىلەن كوممۇنىستىك تۈزۈم دېگەنلەرنىڭ بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغان چۈشەنچىلەر ئىكەنلىكىنى شۇ يىللاردىكى مۇھىتتىمۇ ئىنتايىن ئېنىق پەرقلەندۈرەلىگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئەپسۇسكى، نەزەرىيە جەھەتتە ئېنىق پەرق قىلىنغان بۇ ھۆكۈملەر ئىجرا قىلىشقا كەلگەندە تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ، كىشىنى ئېغىر ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئۇ يىللاردا سوتسىيالىزم تۈزۈمى بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان بىردىن- بىر دۆلەت بولۇپ، سېلىشتۇرىدىغانغا باشقا بىر ئۈلگىمۇ يوق ئىدى. شۇنىڭدەك بۇ غايىۋى ئۈلگىدە مىللەت، دىن، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق ساھەلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بارلىق ناچار سىياسەتلەر سوتسىيالىزم نامىدا ئىجرا قىلىناتتى.
1927- يىلقى قۇرۇلتاي، ت م ب نىڭ 1940- يىللارغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئىجرا قىلىنىدىغان ئاساسى ۋەزىپىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بەرگەن بىر قۇرۇلتاي ھېسابلىناتتى. يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغاندەك، ت م ب تەشكىلاتى بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغان كۆزقاراشلارغا ئىگە ئېقىملارنى، يەنى سوتسىيالىست ئەرك پارتىيىسى بىلەن تەرەققىيپەرۋەر جەدىتچىلار پىرقىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەرنى بىر ئورگان ئىچىگە مەركەزلەشتۈرگەن ئورتاق بىر تەشكىلات سۈپىتىدە قۇرۇلغان ئىدى. 1927- يىلقى قۇرۇلتاي، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەنە شۇنداق كېڭەش ئارقىلىق قۇرۇلغان ئورگان ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەستىقلاپ بەرمەكتە ئىدى. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، بۇ تۈر بىر تەشكىللىنىشنىڭ ئۆزىلا ئېغىر زىددىيەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئۇيغۇن بىر مۇھىت يارىتىپ بەرمەكتە ئىدى. بۇ تۈردىكى كۆزقاراش ۋە سىياسىي ئۇسلۇب زىددىيەتلىرىدىن باشقا يەنە، تېخىمۇ مۇھىم بولغان يەنە بىر مەسىلىمۇ بار ئىدى: 1927- يىلىدىكى قۇرۇلتاينىڭ سايلىمى بىلەن رەھبەرلىك مەركىزى ئورگىنىغا كەلتۈرۈلگەن ئۈچ نەپەر يېتەكچىنىڭ ھەر بىرى بەلگىلىك بىر تارىخىي دەۋر ئىچىدە ئۆز خەلقلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە تارىخىي ۋەقەلەرگە رەھبەرلىك قىلغان مۇھىم شەخسلەر ئىدى. بۇ ئاۋانگارتلىق رولىنى ئالغان خەلق يېتەكچىلىرى ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەر، ھەتتا بەزىدە توقۇنۇشۇپ قېلىش ھادىسىلىرى كۆرۈلمەيدۇ دەپ ئېيتىش تەس ئىدى. دېگەندەك، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي رەھبەرلىك قاتلىمى ئىچىدە ئېغىر ئىختىلاپلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ. ئاخىردا بۇ تۈردىكى پىكىر ئىختىلاپلىرى تا بۇ تەشكىلاتنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ۋاقىتلارغىچە كۈچىيىپ داۋام قىلىدۇ.

«يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلى ۋە پرومېتې ئىتتىپاقىغا قېتىلىش
1927- يىلىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا «يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانى نەشردىن چىقىدۇ. ت م ب مەخپىي بىر تەشكىلات بولغاچقا، ئۆز پائالىيەتلىرىنىمۇ يوشۇرۇنچە ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، «يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىدا بۇ ژۇرنالنىڭ كىمگە تەۋە ژۇرنال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق بىر سۆز يوق ئىدى. ژۇرنال، ئەرەب ئېلىپبەسى بويىچە تۈركىيە تۈركچىسىدە بېسىلغان ئىدى. 32 بەتلىك بۇ ژۇرنال، سىياسىي ماقالىلەر، ئەدەبىيات بۆلۈمى ۋە خەۋەر قىسمى قاتارلىق 3 بۆلۈمدىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى. ژۇرنالنىڭ بىرىنچى بېتىدە كېيىنكى يىللاردا ئورتا ئاسىيا مىللىي بايرىقى قىلىپ بەلگىلىنىدىغان بايراقنىڭ رەسىمى بېسىلغان ئىدى.302 ژۇرنالنىڭ خوجايىنى ئوسمان غوجا ئوغلى بولۇپ، باش مۇھەررىرى زەكى ۋەلىدى تۇغان ئىدى. بۇ ژۇرنالنىڭ بىرىنچى سانى 500 نۇسخا بېسىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى سانلىرى دەسلىپىدە 750 نۇسخىغا، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە 1000 نۇسخىغا كۆپەيتىلگەن ئىدى.
كىرىش سۆزىدە ژۇرنالنىڭ نەشرى قىلىنىشتىكى مەقسەتلەر تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسى غايىسى، چەتئەلدىكى ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ ئىتتىپاقىنى ساقلاش، ئورتا ئاسىيانىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىلىق مەلۇمات بېرىش، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىي جەھەتتىكى بىرلىكىنى ساقلاشقا تىرىشىش ۋە ئورتا ئاسىيانى مۇستەملىكە قىلىۋالغان سوۋېت تۈزۈمىگە قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. ژۇرنالنىڭ ئاپتورلىرى ئادەتتە ت م ب ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى. سىياسىي خاراكتېرلىك ماقالىلەرنى ئادەتتە ئوسمان غوجا ئوغلى بىلەن مۇستاپا چوقاي ئوغلى يېزىپ تەييارلىماقتا ئىدى. زەكى ۋەلىدى تۇغاننىڭ ئىسمى ئاشكارا يېزىلىدىغان ماقالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بولسا مەدەنىي ۋە تارىخقا ئالاقىدار ماقالىلەر ئىدى. تۇغاننىڭ سىياسىي خاراكتېردىكى ماقالىلەرنى يازماسلىقىدىكى سەۋەب، بەلكىم ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا خىزمەت قىلىدىغان بىر دۆلەت مەمۇرى كادىرى بولغانلىقى سەۋەب بولغان بۆلىشى كېرەك. ژۇرنالغا بېسىلىدىغان ماقالىلەر ت م ب مەركىزى كومىتېتى تەرىپىدىن بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشى شەرت قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى. ھەر قانداق بىر ئەزا ماقۇل كۆرمىگەن ماقالە قالغان ئەزالارنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن بۆلىشىدىن قەتئىي نەزەر ئېلان قىلىنمايتتى. ماقالىلەر مەركىزى كومىتېتنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ بىردەك ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك دەيدىغان بۇ شەرت، ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىش جەھەتتە ئېغىر زىددىيەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولۇپ، ئاپتورلار ئىچىدە سۈركىلىش چىقىشىغا باھانە بولۇپ بەرگەن ئىدى.
«يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئورتا ئاسىيادا يولغا قويۇۋاتقان ئىشلىرى ئۈستىدە توختىلاتتى. شۇنداق بولغاچقا، موسكۋا دائىرىلىرى قاتتىق تەنقىدلەنمەكتە ئىدى. ژۇرنال نەشرى قىلىنىپ ئۇزۇنغا قالماي، سوۋېت مەتبۇئاتلىرىدا «يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلى بىلەن بۇ ژۇرنالنى چىقىرىۋاتقان خادىملارغا قارشى ماقالە يېزىپ ئېغىر قارىلاش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ.303 ئورتا ئاسىيا كوممۇنىستىك پارتىيە رەئىسى زېلىنىسكى بىلەن ئۆزبېكىستان پارتكوم رەئىسى ئىۋانوۋ باشچىلىقىدا باشلىتىلغان قارىلاش ھەرىكىتى جەريانىدا «پراۋدا ۋوستوكا» باشلىق نۇرغۇن ساندىكى گېزىت ۋە مەجمۇئەلەر ئارقىلىق يېڭى ئورتا ئاسىياچىلارنى پان تۈركىست، پان ئىسلامىست، جاھانگىرلارنىڭ جاسۇسلىرى ۋە بۇخارا ئەمىرىنىڭ كانىيى بولغان بۇرژۇئا بۇزۇق ئۇنسۇرلىرى دەپ قارىلاپ كۆرسىتىلمەكتە ئىدى.
بۇ ژۇرنالنى نەشرى قىلىش ئۈچۈن لازىملىق ئىقتىسادىي مەنبە پىلسۇدسكى فونتىدىن كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. تۇنجى سانىنىڭ چىقىشىدىن كېيىن، زەكى ۋەلىدىنىڭ چوقاي ئوغلىغا يازغان بىر پارچە خېتىدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇنۇ سۆزلەر بار:
ساڭا ئەۋەتىلگەن ژۇرنالنىڭ چىقىمى ھەققىدىكى ھېساب- كىتابلىرىنى مېديا (بۇ ئىسىمنىڭ راست ئىسىم ياكى مەخپىي بەلگە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق بىر مەلۇمات يوق. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) غا ئاپىرىپ كۆرسەتتىم. ئۇ كىشى سەن ماڭا تونۇشتۇرغان كىشى شۇ ئىكەن. ئۇ ماڭا “ھېساب لازىم ئەمەس، چىقىرىۋاتقان ژۇرنىلىڭلارنىڭ ئۆزىلا ھېساب تالونى دېمەكتۇر” دەپ جاۋاب بەردى.
بۇلاردىن مەلۇم بولىدۇكى، بۇ فونتتىن بېرىلگەن ياردەم پۇلى قانات يايدۇرۇلغان ئەمىلى پائالىيەتلەرگە ئاساسەن بېرىلىشى پرىنسىپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ جەرياندىكى چىقىملار پرومېتې تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ۋاكالەتچىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى لازىم ئىدى (رەھبەرلەر ئارىسىدا يېزىشقان خەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ژۇرنال خوجايىنى بولغان كىشىگە بېرىلىدىغان مائاش، تەھرىر بۆلۈم مۇدىرىنىڭ مائاشى، ماقالە ئاپتورلىرىغا بېرىلىدىغان قەلەم ھەققى، ئىشخانا بىناسىنىڭ ئىجارە ھەققى، سوۋېت ۋە تۈركىيە گېزىتلىرىنىڭ تەمىنلىنىشى، قەغەز، مەتبەئە ۋە پوچتا چىقىملىرى قاتارىدىكى چىقىملار ھەر بىر سان ئۈچۈن 200 تۈرك لىراسى ئەتراپىدا بېرىلگەنلىكى مەلۇم. بۇ جەھەتتە پىلسۇدسكى فونتىدىن ت م ب گە ئايرىلغان يىللىق ياردەم پۇلى 1000 ئا ق ش دوللىرى −2000 تۈرك لىراسى− ئەتراپىدا ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). قۇرۇلتايدىن كېيىن ۋارشاۋادىكى پرومېتې مەركىزى ۋە پارىژدىكى پرومېتې ژۇرنىلى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىشلىرى بېجىرىلىدۇ.
(رەسىم ئورنى)
«يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانى305
ت م ب تەشكىلاتى پرومېتې سېپىگە قېتىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، «پرومېتې ژۇرنىلى» رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئەزالىقى ئۈچۈن بېرلىندا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن ئەخمەت نايىم تاللىنىدۇ. پرومېتې ژۇرنىلى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ھەمدە ئەۋەتىلىدىغان ۋەكىلنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك قارارلاردا تۆۋەندىكىدەك نۇقتىلار بار ئىدى:
ئاساسىي مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر ت م ب مەركىزى تەرىپىدىن ئەۋەتىلىدۇ. ۋاكالەتچى كۈندىلىك ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ئۈستىدە ماقالە ئېلان قىلىش ھەققىگە ئىگە دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ ماقالىلەر ت م ب نىڭ 7 ماددىلىق ئورتاق نىزامنامە قارارلىرىغا مۇۋاپىق كەلسىلا بولىدۇ. … چەتئەلدىن پرومېتې مەجمۇئەسىگە ئەۋەتىلىدىغان ماقالىلەردە ئورتا ئاسىياغا زىيان كەلتۈرىدىغان نۇقتىلار بولغىنىدا ۋاكالەتچى بۇ يەرلەرنى توسۇشقا مەجبۇر. … پرومېتې ۋاكالەتچىسى (ئەخمەت نائىم) بىلەن ت م ب ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتچىسى (مۇستاپا چوقاي ئوغلى) بىلەن بىرگە پرومېتې تەۋەسىدە ۋە ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن ۋەزىيەت ھەققىدە ت م ب مەركىزىنى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرۇشى لازىم.
پرومېتېگە ۋاكالەتچى ئەۋەتىپ كەينىدىنلا پرومېتې سېپى ئىتتىپاقىغا قېتىلىش ئىشلىرى رەسمىيلەشتۈرۈلگەن بولۇپ،304 يېڭى ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلىنىڭ 4- سانىدا ئېلان قىلىنغان «بىرلەشكەن 3» تېمىلىق ماقالە بىلەن بۇ ئەھۋال ئاممىغا ئېلان قىلىنغان:
رۇسىيە بويۇنتۇرۇقىغا مەھكۇم بولغان زۇلۇم ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ نەشرىيات ئورگىنى سۈپىتىدە پارىژدا نەشر قىلىنغان پرومېتې مەجمۇئەسى يېقىنقى كۈنلەرگىچە ئۇكرائىنا ۋە كاپكازىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاۋازى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. 8- سانىدىن ئېتىبارەن ئورتا ئاسىيا مىللىي بىرلىكىگىمۇ ۋەكىللىك قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، مۇقاۋىسىغا “ئۇكرائىنا، كاپكازىيە ۋە ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاقىنىڭ ئاۋازىدۇر” دېگەن خەتلەر يېزىلدى. ژۇرنالدا ئورتا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ماقالىلەرمۇ ئېلان قىلىنغان. … بۇ ئىش مۇنداق ئىككى جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە: 1. سابىق رۇسىيە چېگرالىرى تەۋەسىدە قالغان مىللەتلەرنىڭ ياۋروپادا بىرلىكتە پائالىيەت قىلىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان؛ 2. ئورتا ئاسىيا، ياۋروپادا بىر مىللىي تەشكىلات ۋاسىتىسى ئارقىلىق تونۇتۇلۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. … رەسمىي نامى ئورتا ئاسىيا مىللىي بىرلىكى دەپ ئاتالغان تەشكىلاتنىڭ 1923- يىلىدا قۇرۇلغان ياۋروپا ۋاكالەتخانىسى پارىژغا جايلاشقان. … ئىتتىپاق ئەزالىرىدىن بىرى ت م ب غا ۋاكالىتەن پرومېتې ئىشخانىسى ھەيئىتىدە ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. … «يېڭى ئورتا ئاسىيا» مەجمۇئەسى ت م ب نى بۇ ئىشلاردا ئۇتۇقلار تىلەيدۇ ۋە بىرلەشكەن ئۈچلەرگە ئومۇمىي غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگىنىدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.
پرومېتې ژۇرنىلى، پرومېتې سېپىنىڭ ئاۋازى ئىدى. بۇ ژۇرنالنىڭ دەسلەپكى سانلىرىدا بۇ سەپنى شەكىللەندۈرگەن تەشكىلاتلار ئارىسىدا زىچ ئۇيۇشقاقلىق كۆرۈلمەكتە ئىدى. ئەزەربەيجان تۈركلىرى، شىمالىي كاپكازىيىلىكلەر ۋە گىرۇزىيەلىكلەر تارىختىن بۇيان بىر ئارىدا ياشاشتەك ئەۋزەللىكى سەۋەبىدىن ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق ھەمكارلىق ئورنىتىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما گىرۇزىيەلىكلەر بىلەن ئورتا ئاسىيالىقلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلار دېگەندەك ياخشى بولۇپ كېتەلمەيدۇ. پرومېتې ژۇرنىلى نەشرى قىلىنىپ ئەندىلا بىر يىللىقىنى تولدۇرغان ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىققان بەزى ئىشلار ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاق ھەرىكىتى بىلەن پرومېتې ژۇرنىلى رەھبەرلىكى ئوتتۇرىسىدا بەزى مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
ت م ب نىڭ پرومېتې ئىتتىپاقىغا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان كۈنلەردە، سابىق بۇخارا ئەمىرى سەئىد ئالىمخاننىڭ ۋەكىلى يۈسۈپباي مۇقىمباي پارىژغا كەلگەن ئىدى. ت م ب نىڭ دۈشمىنى دەپ تونۇلغان ئەمىرنىڭ ۋەكىلى، بۇ يەردە پرومېتې ژۇرنىلىدىن ستىلىستى كاستاگن تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنىپ، ئۇ ئارزۇ قىلغان يەرلەرگە بېرىپ زىيارەت قىلىشىغا ياردەملەشكەن ئىدى.306 بۇ جەرياندا پرومېتې ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرلىرىدىن گىرۇزىيەلىك گۋازاۋا، سابىق ئەمىرنىڭ ۋەكىلىگە رەسمىي بىر زىياپەت بېرىپ، پرومېتې سېپىنىڭ بۇخارا ئەمىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بىر تەسىر ياراتقان ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە، كاستاگن، ئەمىر نامىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانغان ئەھۋال تونۇشتۇرۇش دوكلاتىنى فرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ ۋە مۇقىمباي بىلەن بىرگە جەنىۋەگە بېرىپ، ئۇ دوكلاتنىڭ جەمئىيەت ئورگىنىغا تاپشۇرۇلۇشىغا ياردەملىشىدۇ.
بۇ ئىشلار ت م ب ئەزالىرى ئىچىدە كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. بولۇپمۇ گۋازاۋانىڭ ئىش- ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق تەنقىدلىشىپ كاپكازىيە كومىتېتىغا ئەۋەتىلگەن بىر پارچە خەت يازىدۇ. بۇ خەتتە ئۇنىڭ قايسى ھوقۇق، قايسى سالاھىيىتىگە ئاساسەن بۇخارا مەسىلىسىگە ئارىلىشىپ يۈرىدۇ، دېموكراتىك بىر ژۇرنالنىڭ سوتسىيال دېموكرات باش تەھرىرى قانداقلارچە قالاق خان تەرەپدارىنىڭ سىياسىي ۋاكالەتچىسى بىلەن كۆرۈشەلەيدۇ دېگەندەك سوئاللارنى قويۇشىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ كەينىدىنلا ت م ب مەركىزى، پرومېتېدىكى ۋاكالەتچىسى ئەخمەت نائىم ئەپەندى بىلەن ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مۇستاپا چوقاي ئوغلىغا ئەمىرنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇش دوكلاتىنى ياكى ئەمىرنى ھىمايە قىلىدىغان ھەرقانداق بىر ماقالىنى پرومېتې ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىشىغا قەتئىي يول قويماڭلار دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. ت م ب بىلەن پرومېتې ژۇرنىلى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن بۇ سۈركىلىشلەر ئېلان قىلىش تەلەپ قىلىنغان بىر قىسىم ماقالىلەرنى باسماسلىق ئۈچۈن ژۇرنال باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ چىڭ تۇرۇۋېلىشى نەتىجىسىدە تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ يېڭى ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلىدا م. قايئوغلى تەخەللۇسىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىسىنىڭ فرانسۇزچە تەرجىمىسى بىلەن ئەخمەت نائىم يازغان بىر ماقالىسى ژۇرنال مۇھەررىرى كاستاگن تەرىپىدىن ئېلان قىلىشقا مۇۋاپىق ئەمەس دېگەن سەۋەب بىلەن رەت قىلىۋېتىلگەن ئىدى. كاستاگن، مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ ماقالىسىدە ئورتا ئاسىيا ئۈچۈن رۇسىيەدىن ئايرىلىپ ياشاش مۇمكىن ئەمەس دەيدىغان كۆز قارىشى بىلەن چار رۇسىيە دەۋرىنى مەدھىيىلەيدىغان پۇراقلار كۈچلۈك ئىكەن دەپ ئېلان قىلمىغان ئىدى. كاستاگن تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ باھالار ژۇرنال باشقۇرغۇچىسى گۋازاۋا تەرىپىدىنمۇ توغرا كۆرۈلگىنى ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇقچىلىق تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ. ت م ب نىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا نارازىلىقى مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادە بىلەن سەئىد شامىل قاتارىدىكى يېتەكچىلەرنىڭ ئارىغا كىرىشى ئارقىلىق ۋاقىتلىق پەسىيىپ، گىرۇزىيە ۋەكىللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر قىسمەن بولسىمۇ ياخشىلىنىدۇ.307

ئورتا ئاسىيا تۈركىي ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى
«يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ نەشردىن چىقىشى بىلەن تەڭ، چەتئەللەردىكى ئورتا ئاسىيا مىللىي مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قانات يايدۇرۇلغان پائالىيەتلەر يېڭى بىر دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن ئىدى. ت م ب تەشكىلاتى، بۇ ژۇرنال ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئورتا ئاسىيا مەسىلىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇش، چەت دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان ئورتا ئاسىيالىقلارنى تەشكىللەش، ئورتا ئاسىيالىق ياشلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش قاتارىدىكى مەقسەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، ت م ب تەشكىلاتى مەخپىي تەشكىلات بولغانلىقى ئۈچۈن جامائەت ئارىسىدا ئاشكارا پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ سىياسىي خاراكتېردىكى پائالىيەتلەردىن بەكلا ئەنسىرەيتتى. شۇنداق بولغاچقا بۇ تۈردىكى سىياسىي پائالىيەتلەرگە قەتئىي يول قويمايتتى. پائالىيەتلىرىنى ئوچۇق ئاشكارا قانات يايدۇرالمايدىغان بىر تەشكىلات تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئورتا ئاسىيالىقلارغا، بولۇپمۇ ياشلارغا قارىتا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەلىشى ھەقىقەتەن تەس ئىدى. بۇ دېگەنلىك، ت م ب تەشكىلاتى خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ئوچۇق ئاشكارا پائالىيەت قىلالايدىغان يېڭى بىر تەشكىلاتقا بەكلا موھتاج دېگەنلىك بولاتتى.
“ئورتا ئاسىيا تۈركىي ياشلار ئىتتىپاقى”، ئەنە شۇنداق ئاشكارا پائالىيەت قىلىش ئىمكانىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ مەھسۇلى ھېسابلىناتتى. نىزامنامىگە مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق ئىشلارنى ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان بىر تەييارلىق گۇرۇپپىسى ئۈستىگە ئېلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تەستىقلىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 1927- يىلىنىڭ 29- سېنتەبىر كۈنى «ئورتا ئاسىيا تۈرك ياشلار ئىتتىپاقى» (ئورتا ئاسىيا تۈرك گەنچلەر بىرلىكى − ت ت گ ب) رەسمىي قۇرۇلىدۇ (دەسلەپكى قەدەمدىكى ئورگان ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى تۆۋەندىكى كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان ئىدى: رەئىسى مەجدىدىن، مالىيە مەسئۇلى ياقۇپ پەيزى، كاتىپ زىيا، كاتىبات باشقارما باشلىقى زاھىت، ھەيئەت ئەزالىرى تۆمۈر، ئابدۇقادىر ۋە يەھيا ئەپەندى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). نىزامنامىدە، بۇ جەمئىيەت “ئورتا ئاسىيا تۈرك ياشلىرىنىڭ مىللىي روھ بويىچە تەربىيىلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئەزالىرى ئارىسىدىكى ياردەمگە موھتاج بولغانلىرىغا ياردەملىشىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدۇ” دەپ بەلگىلەنگەن ئىدى. بۇ نىزامنامىگە ئاساسەن، ت ت گ ب تەشكىلاتى مەدەنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا جەمئىيەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتالايتتى؛ ئەمما ھەرگىز سىياسىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللانمايتتى؛ نىزامنامىنىڭ 8- ماددىسىدا شەرتى توشىدىغان ھەرقانداق بىر ئورتا ئاسىيالىق تۈرك بۇ ئىتتىپاققا ئەزا بولالايدۇ، ئەمما ئورتا ئاسىيالىق بولمىغان تۈركلەر پەخرى ئەزا بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە دەپ بەلگىلىگەن ئىدى. بۇ تەشكىلات بىرىنچى قۇرۇلتىيىدا ئىتتىپاق رەئىسلىكىگە چىش دوختۇرى مەجدىدىن ئەخمەت (دەلىل) (1902- يىلى تاشكەنتتە تۇغۇلغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1923- يىلى تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن چىش دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇغان. 1926- يىلى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ چىش دوختۇرلۇق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) سايلىنىدۇ.308 ت ت گ ب تەشكىلاتى، پائالىيەتلىرىنى دەسلەپتە يېڭى ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلىنىڭ بابئى ئالىي (سابىق ئوسمانلىلار خانىدانلىقىنىڭ كېيىكى دەۋرلىرىدە ھۆكۈمەت بىناسى جايلاشقان كوچا بولۇپ، كېيىن بۇ رايون نەشرىياتچىلىق مەركەزلىرىدىن بىرى ھالىغا كەلگەن. − ئۇ.ت) دىكى ئىشخانىسىدا ئۇلارغا ئايرىلغان بىر ئېغىزلىق ئۆيدە باشلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەمما بۇ يەر ئۇلارغا بەكلا تارلىق قىلاتتى. شۇ سەۋەبتىن ياشلار تەشكىلاتى باشقا يەرلەردىن تېخىمۇ مۇۋاپىق يەر ئىزدەشكە كىرىشىدۇ.
ئوسمانلىلار ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە ئىستانبۇلدا ئورتا ئاسىيالىق ھاجىلار بىلەن تىجارەتچىلەر پايدىلىنىشى ئۈچۈن 3 يەرگە تەككە (دەرگاھ سارىيى − ئۇ.ت) سالدۇرغان بولۇپ، ئۇ دەۋرلەردە ئورتا ئاسىيادىن ھاجى قىلىش ئۈچۈن مەككە مۇكەررەمگە بارىدىغانلار ئاۋۋال ئىستانبۇلغا كېلىپ ئىسلام خەلىپىسى تۇرىدىغان بۇ شەھەرنى زىيارەت قىلىپ بولۇپ، ئاندىن مەككىگە قاراپ يولغا چىقاتتى. پۈتۈنلەي ئورتا ئاسىيالىقلار تەرىپىدىن سالدۇرۇلغان بۇ دەرگاھلارنىڭ بىرى ئۈسكۈداردا (ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ ئاسىيا ياقىسىدىكى بىر رايون. − ئۇ.ت)، بىرى ئەيۈب سۇلتان جامىسى يېنىدا (ئىستانبۇلنىڭ ياۋروپا تەرىپىدىكى تارىخىي بىر جامى ئورنى، ساھابىلەردىن ئەيۇب ھەزرەتلىرى كونىستانتىنپولنى فەتىھ قىلىش ئۈچۈن كېلىپ ۋاپات بولۇپ كۆمۈلگەن يەر، كېيىن كونىستانتىنپولنى فەتىھ قىلغان ئوسمانلىلار پادىشاھى فاتىخ سۇلتان مۇھەممەد بۇ يەرنى تېپىپ مۇسۇلمانلاردىن تۇنجى بولۇپ كونىستانتىنپولنى فەتىھ قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئەيۇب ھەزرەتلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ 15- ئەسىردە بۇ جامىنى سالدۇرغان دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. − ئۇ.ت) ۋە يەنە بىرى سۇلتان ئەخمەت جامى يېنىدا (ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ ياۋروپا ياقىسىدىكى كونا ئوسمانلىلار خان ئوردىسى ئالدىغا داڭلىق ئوسمانلىلار بىناكارى مىمار سىناننىڭ بىۋاسىتە شاگىرتى تەرىپىدىن 16- ئەسىردە سېلىنغان 6 مۇنارلىق ئىنتايىن چىرايلىق ھەشەمەتلىك تارىخىي جامى جايلاشقان بىر يەر. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ جامىنىڭ 6 مۇنارى 6 نەپەر ئوسمانلى خەلىپىسىگە تەمسىل قىلىنغان بولسا، بۇلارنىڭ كەينى 4 مۇنارىسىدا 3 تىن، ئالدىدىكى 2 مۇنارىدا 2 دىن جەمئىي 16 پەشتاق شۇ چاققىچە ئۆتكەن 16 ئوسمانلى سۇلتانىغا تەمسىل قىلىنغان دېيىلىدۇ. − ئۇ.ت) ئىدى. بولۇپمۇ ئۈسكۈدار ئۆزبېكلەر تەككىسى، تۈركىيە ئازادلىق ئۇرۇشى يىللىرىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان دەرگاھ سارايلاردىن بىرى بولۇپ، ئىسمەت پاشا (تۈركىيە ئازادلىق ئۇرۇشى يىللىرىدىكى ھەربىي قوماندانلاردىن بىرى، كېيىن ئاتاتۈركنىڭ ئورنىغا جۇمھۇرىيەت پرېزىدېنتى بولۇپ تۈركىيەنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بالاسىدىن ساقلاپ قالغان. تۈركىيەدە بىر قىسىملار ئۇنىڭغا “بىردىن- بىر خوجايىن”، “خەلقنىڭ خوجايىنى” دېگەن مۇستەبىت لەقىمىنى بەرگەن. − ئۇ.ت) نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مۇنچە تۈركىيە ئازادلىق ئۇرۇشى رەھبەرلىرى بۇ يەردە بىر مەزگىل يوشۇرۇنۇپ ياتقاندىن كېيىن ئانادولۇغا قاچۇرۇلغان بىر يەر ئىدى. مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك، ئۈسكۈدار ئۆزبېك دەرگاھ سارىيى شەيخىنىڭ پىداكارلىق بىلەن قىلغان بۇ ياخشىلىقلىرىنى ئۇنتۇمىغان بولۇپ، تەككىلەر بىلەن زاۋىيە (كىچىك تەككە − ئۇ.ت) لەرنى پېچەتلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغان يىللاردا ئۈسكۈداردىكى بۇ دەرگاھ سارىيىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ ئۇنى تولۇق تاقاتقۇزمىغان. شۇنداق قىلىپ بۇ سارايدا شەيخ ئائىلىسىنىڭ تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان ئىدى.
ئەيۈپ سۇلتان جامەسى (ئىستانبۇل دەرياسى خالىچنىڭ شىمالى ئېقىنى بويىدا ساھابىلەردىن ئايۇپ ھەزرىتىنىڭ ئىستانبۇلنى ئىشغال قىلىش سىنىقىدا شېھىت بولغان دەپ رىۋايەت قىلىنغان يەرگە مىمارسىنان تەرىپىدىن سېلىنغان چوڭ جامە. – ئۇ. ت) يېنىدىكى دەرگاھ سارىيىمۇ ئۆزبېكلەر تەككەسى دەپ تونۇلاتتى. ئەمما ئۇ ساراينىڭ ئۆيلىرى مۇسادىرە قىلىنغان ئىدى. سۇلتان ئەخمەت جامەسى يېنىدىكى دەرگاھ سارىيى بولسا بۇخارا تەككەسى دەپ تونۇلاتتى. بۇ ساراينى بۇخارا ئەمىرىنىڭ قۇشبېگى سالدۇرغان ئىكەن. ئوسمانلىلار ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىگە كەلگۈچە ئورتا ئاسىيادىن كەلگەن ھاجىلار بىلەن سودىگەرلەرگە خىزمەت قىلىپ كەلگەن بۇ دەرگاھ سارىيى 1920- يىللاردىن باشلاپ تۈركىيەگە كەلگەن ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارغا ساھىبخانىلىق قىلىشقا باشلايدۇ. بولۇپمۇ 1920- يىللارنىڭ باشلىرىدا بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئورتا ئاسىيا ئا س س ر دىن ئۆز خىراجىتى بىلەن تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خېلى كۆپى بۇخارا تەككىسى دەپ تونۇلغان بۇ سارايدا تۇراتتى.
بىر مەزگىل ئىزدىنىش نەتىجىسىدە، سۇلتان ئەخمەت جامىسى يېنىدىكى بۇ دەرگاھ سارىيى ت ت گ ب مەركىزى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق يەر دەپ تاللىنىدۇ. ئەمما بىنانى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەخسۇس رۇخسىتىنى ئېلىشقا توغرا كېلەتتى. بۇ رۇخسەتنى ئېلىش ئۈچۈن بىۋاسىتە ئاتاتۈركنىڭ ئۆزىگە ئىلتىماس قىلىش توغرا كۆرۈلۈپ ئەنقەرەگە ئىلتىماس سۇنۇلىدۇ. باش ۋەكىل ئورۇنباسارى نامىدىن “ئەمرۇللا” دېگەن بىرىنىڭ ئىمزاسىدا كەلگەن 1929.10.12 كۈنىدىكى جاۋاب خەتتە ئىتتىپاق تەلىپى تەستىقلانغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان تۆۋەندىكى سۆزلەر يېزىلغان ئىدى:309
رەئىسى جۇمھۇر ھەزرەتلىرىگە تەقدىم ئەتمەكتە بۇلۇنغان ئىستىدانامىڭىزلارغا جاۋابتۇر.
سۇلتان ئەخمەت ئەتراپىدا مەھمەت پاشا يانتۇلۇقىدا ئورتا ئاسىيالىقلار تەككە بىناسىدا شەيخ تۇرۇۋاتقان يەردىن قالغان قىسمىنى مائارىپ ۋاكالەتچىلىكىنىڭ نازارىتى ۋە تۈرك ئوچاقلىرى مەركەز ھەيئىتىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولۇش شەرتى بىلەن، ئىستانبۇلغا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن تاشقى تۈرك مەملىكەتلىرى تالىپلىرىنىڭ يېتىپ قوپۇشىغا ئايرىلىشى ۋە ئۇلارغا تاپشۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەۋقاف (ۋەقىپلەر − ئۇ.ت) مەركىزى مۇدىرلىقىدىن ئىستانبۇل ئەۋقاف مۇدىرلىكىگە قارىتىپ يېزىلغان (ئۇقتۇرۇش) مەزكۇر ئومۇم مۇدىرلىك ھۆججىتى بىلەن تەبلىغ (ئۇقتۇرۇش − ئۇ.ت) قىلىندى ئەپەندىم.
                              −باش ۋاكالەت مۇستەشارى نامىدىن      ئەمرۇللا
(رەسىم ئورنى)
تۈركىيەگە كەلگەن ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلاردىن بىر قىسمى 1923- يىلىنىڭ باشلىرىدا، ئىستانبۇل  (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)
ئاتاتۈركنىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى بىلەن بېرىلگەن بۇ رۇخسەت، ئورتا ئاسىيا تۈرك ياشلار ئىتتىپاقىنى بىر مەركەز بىناسىغا ئېرىشتۈرۈش جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسىنىڭ بۇ ئىشلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىش ئىدى. كەڭ- كۇشادە ۋە ئەركىن بىر ماكانغا ئېرىشكەن ياشلار ئىتتىپاقى،310 بەلگىلىك ۋاقىتلار بويىچە ھەر تۈرلۈك تېمىلاردا ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا كىرىشىدۇ. بۇ ئىلمىي دوكلاتلارنىڭ بىر قىسمى كېيىنكى يىللاردا كىتابچە قىلىپ بېسىلىدۇ. ئۇ دەۋرلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا كۆلىمى خېلى كەڭرى ھېسابلىنىدىغان ئىتتىپاققا تەۋە بىر كۇتۇپخانىمۇ قۇرۇلغان ئىدى. ئىتتىپاق يەنە، ئورتا ئاسىيالىق ياشلارنى ھەر قايسى مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىدىمۇ ئەستايىدىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلۇش خاتىرە كۈنلىرىدە ت م ب بىلەن بىر سەپتە تۇرۇۋاتقان باشقا تۈرك گۇرۇپپىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، ت م ب بىلەن مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان سابىق ئىتتىھاتچىلار ۋە ھەتتا چەتئەل ئەلچىخانا ۋەكىللىرىمۇ خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشقانلىقى مەلۇم. مەسىلەن 1933- يىلىنىڭ 23- مارت كۈنى ئۇيۇشتۇرۇلغان ئورتا ئاسىيا كېچىلىكىگە خەلق پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى، ئىستانبۇل ۋالىسىنىڭ مۇئاۋىنى، كورپۇس ۋەكىلى، ئەنۋەر پاشانىڭ ئىنىسى نۇرى پاشا، زىيا پاشا، ياپونىيە بىلەن دانىيەنىڭ كونسۇلخانىلىرىدىنمۇ ۋەكىللەر، شۇنىڭدەك يەنە رۇسىيە مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ ۋاكالەتچىلىرى قاتارلىقلار قاتناشقان ئىدى. مۇنچە كەڭ كۆلەملىك قاتناشقۇچىلار بىلەن ئېچىلغان بىر مۇراسىم، ئۇ دەۋرلەردە ئورتا ئاسىيا تۈرك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئادەتتىكى بىر ياشلار تەشكىلاتى بولۇپ كۆرۈنمەي، ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاقى ھەرىكىتىنىڭ ئوچۇق- ئاشكارا پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىر تارمىقى دەپ تونۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كېيىنكى يىللاردا بۇ ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ت م ب تەركىبىدىكى تەسىر كۈچىمۇ بارغانسېرى زورىيىپ بارىدۇ (ت ت گ ب نىڭ پائالىيەتلىرى، «ئورتا ئاسىيا تۈرك ياشلار ئىتتىپاقىدىن تۈرك مەدەنىيەت ئىتتىپاقىغىچە» دېگەن بۆلۈمدە تەپسىلىي بايان قىلىندى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).

ت ت گ ب بىلەن ئەزەربەيجان ياشلار ئىتتىپاقى ئورتاقلىقى
ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاق ھەرىكىتى مەخپىي بىر تەشكىلات بولغاچقا، ت ت گ ب تەشكىلاتى ئاشكارا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان ت م ب نىڭ بىر تارمىقى قاتارىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەھۋال ئەزەربەيجان مىللىي ھەرىكىتى ئىچىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. 1924- يىلى ئەزەربەيجان مىللىي مەركىزىنى قۇرغان مۇساۋاتچىلار ئاشكارا پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان تەشكىلات سۈپىتىدە، شۇ يىلى ئەزەربەيجان ياشلار ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى. بۇ تەشكىلاتنىڭمۇ خۇددى ت ت گ ب غا ئوخشاش ياشلارنى تەشكىللەش،311 ئۇلارنىڭ مىللىي ھېسسىياتىنى كۈچەيتىش ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلىش دېگەندەك مەقسەتلىرى بار ئىدى. ت ت گ ب نىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن بىرگە بۇ ئىككى تەشكىلات ئوتتۇرىسىدا يېقىن ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا ياردەملەر بولغانلىقى مەلۇم.
1928- يىلىنىڭ باشلىرىدا، بۇ ئىككى تەشكىلات مەسئۇللىرى ئورتاق پائالىيەت قىلىش سورۇنى يارىتىش ئۈچۈن بىر يەرگە كېلىپ مەخپىي ھەمكارلىق ھەققىدە بىر توختامنامە ئىمزالاپ يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىدىغان بىرلەشمە ئىتتىپاق ئورگاندىن بىرنى قۇرۇپ چىقىدۇ. “بىر- بىرىگە قوشنا ۋە قېرىنداش ئەزەربەيجان بىلەن ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۆزلىرىگە مىزان قىلىشقان غايىلىرى بىلەن مەقسەتلىرى مۇشتەرەك (ئورتاق) تۇر” دەپ باشلانغان بىرلەشمە توختامنامىسىدە، بىرلەشمىنىڭ ئورگانلىرىنى قانداق تەشكىللەپ قايسى ھەرىكەت ئۇسۇللىرى بويىچە پائالىيەت قىلىش كېرەكلىكىنى بەلگىلەپ چىققاندىن كېيىن، ھەر ئىككىلا تەشكىلات ئۈچۈن ئورتاق پايدىلىنىدىغان بىر بىناغا ئىگە بۆلىشى لازىملىقى، ھەر ئىككىلا ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرىغا مەخسۇس ئىلمىي دوكلاتلار ۋە كۆڭۈل ئېچىش بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
بۇ ئىككى تەشكىلات تۈركىيە تەۋەسىدىلا ئەمەس، بەلكى تۈركىيە سىرتىدىكى مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ ئورتاق ھەمكارلىشىپ پائالىيەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، 1928- يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا، ۋېنگىرىيە تۇران جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر قېتىملىق يىغىنىغا ئىككىلا تەشكىلاتتىن ئىككىدىن مەسئۇل كىشى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ۋېنگىرىيەدە 18 كۈن بويىچە بۇ تەشكىلاتنىڭ مېھمىنى بولىدۇ.
بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ ئورتاق پائالىيەتلىرى كېيىنكى يىللاردىمۇ داۋاملىشىدۇ.

چوقاي ئوغلى- ۋەلىدى- غوجا ئوغلى ئۈچ بۇلۇڭلۇق ئىختىلاپلار ۋە زەكى ۋەلىدىنىڭ قايتا رەئىسلىككە سايلىنىشى
چەتئەلدىكى ئورتا ئاسىيا ئۈچۈن قانات يايدۇرۇلغان كۈرەشلەرگە يېتەكچىلىك قىلغان بۇ ئۈچ كىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تاشقى دۇنيادا ئورتا ئاسىيا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈزلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈشكە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بىر مۇقەررەرلىك ئىدى. مۇستاپا چوقاي ئوغلى 1927- يىلقى ئىستانبۇل قۇرۇلتىيىدىكى رەئىس سايلىمىدا ئوسمان غوجا ئوغلىغا ئاۋاز بەرگەن ئىدى.312 جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىدىن بېرى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان زەكى ۋەلىدى ئۈچۈن ئېيتقاندا، رەئىسلىك ئورنىنى غوجا ئوغلىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەرگىز بەرداشلىق بەرگىلى بولىدىغان ئەھۋال ئەمەس ئىدى. شۇڭا، زەكى ۋەلىدى قۇرۇلتاي يېپىلىپ بىرەر ئايمۇ ئۆتمەي چوقاي ئوغلىغا مۇنداق بىر پارچە خەت يازىدۇ:
ئىستانبۇلدىكى ئىشلىرىمىزدا مۇنداق ئىككى خاتالىققا يول قويغان ئىدۇق: … 1. ئەسلىدە يېڭى ئورتا ئاسىيا مەجمۇئەسىنى جەمئىيەت نامىدا ئەمەس، سېنىڭ بىلەن مېنىڭ نامىمدا چىقىرىشىمىز كېرەك ئىدى. شۇنداق بولغىنىدا بۇ ئىشقا ھېچكىم ئارىلىشىۋالالمايتتى. 2. ئوسمان غوجا ئوغلىنى رەئىسلىككە سايلىماسلىق كېرەك ئىدى. … بۇ ئىش، ئىككىمىزنىڭ كېلىشەلمىگەنلىكىمىزدىن تۇغۇلغان بىر ئىش. … ئۇ، رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بىرى ئەمەس. …
ت م ب رەئىسلىكىنى قايتۇرۇۋېلىش ئىرادىسىگە كەلگەن زەكى ۋەلىدى، يېقىن دوستى بولغان ئىككى باشقىرت تۈرك ئابدۇقادىر سۇلايمان (ئىنان) بىلەن مۇستاپا شەكلى ئىككىسىنى يېنىغا تارتىپ، پارىژدا تۇرۇۋاتقان چوقاي ئوغلىغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشكە كىرىشىدۇ. ئۇنىڭ يازغان يەنە بىر پارچە خېتىدىكى تۆۋەندىكى قۇرلار، ئۇنىڭ بۇ مەقسىتىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرمەكتە ئىدى:
سەن قايتىپ كەتكەندىن كېيىن بىر قېتىممۇ يىغىن ئاچالمىدۇق. ئوسمان غوجا ئوغلى رەئىسلىك ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن پەقەتلا چىقالمايۋاتىدۇ. … ناسىر مەخدۇم ماڭا بۇ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى يەنە سەن ئۈستۈڭگە ئالمىساڭ بولمىدى دەيدۇ. ئەگەر مەن رەئىسلىككە سايلانسام ئۇمۇ جەمئىيەتكە قايتا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. … ئەگەر سەنمۇ ماقۇل كۆرسەڭ، جەمئىيەتكە قارىتىپ بىر پارچە خەت يازغان بولساڭ، … بۇ يەردە ئابدۇقادىر بىلەن مۇستاپا ئىككىسى “رىياسەتچىلىكنى زەكى ۋەلىدى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىمىز” دەپ خەت يېزىپتۇ. … سەنمۇ شۇنداق بىر خەت يازساڭ، شۇ چاغدا مەنمۇ رەئىسلىكنى ئۈستۈمگە ئالغان بولاتتىم. … مەن، باشقىردىستانغا رەئىس جۇمھۇر بولغان بىر ئادەممەن. شۇڭا ت م ب ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئوتتۇرىدىكى زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا پۈتۈنلەي قۇرۇبىم يېتىدۇ.
ت م ب رەئىسلىكىنى تالىشىش كۈرىشىدە ئۆزىگە ھىمايىچى توپلاشقا كىرىشكەن زەكى ۋەلىدى، بىر تەرەپتىن ژۇرنال چىقىرىش ئىشلىرى ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئىلمىي پائالىيەتلىرىگە ئېغىر پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، ژۇرنال باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ت م ب ئەزاسى بولمىغان باشقا بىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرايلى دېگەندەك بىر- بىرىگە زىت پىكىرلەرنى قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ، بۇ ھەقتە چوقاي ئوغلىغا مۇنۇلارنى يازغان ئىدى:
مىرزا بالا كەلدى. جاپپار سىيىت ئەخمەت (قىرىمئەر) مۇ بۇ يەردە. … ئۇلارغا دېسەك بەلكىم ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ماقۇل بۆلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇلارمۇ جەمئىيەتكە ئەزا بولسا، رەئىس بولالىغىنىدا بەلكىم بۇ جەمئىيەتنى قۇتقۇزۇپ قالالىشىمىز مۇمكىن. … ئەگەر ئوسمان غوجا ئوغلى رەئىسلىكتە قىلىۋەرگۈدەك بولسا، بۇ جەمئىيەت چوقۇم ۋەيران بولۇپ كېتىدۇ. … بۈگۈن جاپپار سىيىت ئەخمەت كەلدى. جەمئىيەتكە ئەزا بولسام دەپ تەلەپ قىلدى. يۈرەك كېسىلى بولغىنى ئۈچۈن پەقەتلا ماقالە يېزىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنالايدىغانلىقىنى، باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. …313 مىرزا بالىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا باش مۇھەررىرلىكنى سەن ئۈستۈڭگە ئال دەيمەن. ئەمما بۇنداق قىلغىنىمىزدا مەجمۇئەيىمىز يېڭى كاپكازىيەنىڭ بىر شۆبىسىگە ئايلىنىپ قېلىپ، ئاخىرى بۇ ئىشلار مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشىمۇ مۇقەررەر. … بۇ (ئىشلار يەنە مېنىڭ) دارىلفۇنۇندىكى ئىشلىرىمغا بەكلا ئېغىر توسالغۇ بولماقتا.
زەكى ۋەلىدىنىڭ ت م ب نەشر ئەپكارىنى ئۆزىگە تەۋە ئايرىم نەشرى ئەپكارى بار بولغان ئەزەربەيجان ياكى قىرىم تۈركلىرىنىڭ يېتەكچىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەكلىپ قىلىدىغان بۇ غەلىتى ئۇرۇنۇشى، ئەسلىدە ت م ب رەئىسلىكى ھەققىدىكى مەسىلىدە چوقاي ئوغلىنى مەجبۇرلاش ۋە ئۇنى قايىل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئويناۋاتقان تاكتىكا ئويۇنى ئىدى. قانۇن بويىچە ئالغاندا يېڭى ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلىنىڭ خوجايىنى ئوسمان غوجا ئوغلى ھېسابلىناتتى. زەكى ۋەلىدى بولسا پەقەتلا باش مۇھەررىرلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بىرى ھېسابلىناتتى. بۇ ئەھۋال، ژۇرنال ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى ئېلىش ۋە ئىقتىسادىي چىقىم تەقسىمات ئىشلىرىدا كۈچلۈك ئىختىلاپلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولماقتا ئىدى. مۇنازىرە تەلەپ قىلىنمايدىغان ئىلمىي سالاھىيەتكە ئىگە بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بولغان زەكى ۋەلىدى، ئۇنداق بىر بىلىم ئاساسى بولمىغان ئوسمان غوجا ئوغلىدەك بىرىنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەشكە قەتئىي رازى ئەمەس ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇخارا جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئوينىغان تارىخىي رولىنىڭ ئۈستىگە يۈكلىگەن ۋەزىپىلەر، تۈركىيەگە كەلگىنىدىن كېيىن دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار ئوسمان غوجا ئوغلىغىمۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرۇپ بەرمەكتە ئىدى. بولۇپمۇ زەكى ۋەلىدىگە ئوخشاش داھىي سۈپەتلىك بىر يېتەكچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىلات ئەزالىرىنى، بارلىق تەڭپۇڭلۇقلارنى ساقلىيالىغۇدەك شەكىلدە باشقۇرۇپ كېتىش ھەقىقەتەن تەس ئىش ئىدى. زەكى ۋەلىدىنىڭ ئىزچىل بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن مۇستاپا چوقاي ئوغلى، ئىيۇل ئېيىدا ئوسمان غوجا ئوغلىنىڭ ت م ب رەئىسى بولغانلىقىغا رازى ئەمەسلىكىنى ھەمدە قايتىدىن بىر سايلام ئۆتكۈزۈش تەلىپىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بىر پارچە ماتېرىيال يوللايدۇ. شۇنداق قىلىپ 1927- يىلىنىڭ 24- ئىيۇل كۈنى چاقىرىلغان كېڭەيتىلگەن مەركىزى كومىتېت يىغىنىدا ئوسمان غوجا ئوغلى رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا بولغان ئىشلار، يىغىن خاتىرىلىرىدە مۇنداق خاتىرىلەنگەن ئىدى:
مارت ئېيىدىكى ت م ب قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ئەزالارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئەخمەت زەكى ۋەلىدى رەئىسلىككە تەيىنلەندى. مەركىزى كومىتېت ھەيئەتلىرىنىڭ سانىمۇ 5 نەپەرگە كۆپەيتىلگەن بولۇپ، تۆتىنچى ئەزالىققا ناسىر مەخدۇم ھېكىمزادە سايلاندى.
ئىزاھات: ئوسمان غوجا ئوغلى مەركىزى كومىتېتنىڭ بۇ قارارىنى قوبۇل قىلمايدىغان، بۇنىڭدىن كېيىن مەركىزى كومىتېت يىغىنلىرىغا قاتناشمايدىغان ھەمدە ئۆزىگە تەۋە ئايرىم پىرقە قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ يىغىندىن چىقىپ كەتتى.314
شۇنداق قىلىپ زەكى ۋەلىدى ئۆز مەقسىتىگە يەتكەن ئىدى. بۇرۇن مەركىزى كومىتېتتىن چىقىپ كەتكەن ناسىر مەخدۇممۇ زەكى ۋەلىدى تەرىپىدە تۇرغانلىقىنىڭ مۇكاپاتى سۈپىتىدە مەركىزى كومىتېت ھەيئەتلىكىگە قايتىدىن كىرگۈزۈلدى. زەكى ۋەلىدى چەبدەسلىك بىلەن بىر ھۈنەر ئىشلىتىپ مەركىزى كومىتېت ھەيئەت ئەزا سانىنى 5 نەپەرگە كۆپەيتىپ، كومىتېتتىكى ھىمايىچىلىرىنى كۆپەيتىۋالغان ئىدى. چۈنكى ئۇ، بۈگۈن ئۇنى ھىمايە قىلىپ ئاۋاز بەرگەن چوقاي ئوغلىنىڭ كەلگۈسىدە ئۇنى ھىمايە قىلماي قېلىشى ئېھتىمالنى مۆلچەرلىگەن ئىدى. دېگەندەك، ۋەلىدىنىڭ رەئىس سايلانغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا مۇستاپا چوقاي ئوغلىغا يازغان خەتلىرىدە، ئۇنىڭغا بولغان قاراشلىرى تۆۋەندىكىچە ئىپادىلىمەكتە ئىدى:
سەندە پارتىيە ئىچىدە تۇرۇپ پائالىيەت قىلماسلىققا مايىل بىر ناچار خۇي بار ئىكەن. كىشى بىرەر پارتىيە ئىچىدە پائالىيەت قىلغىنىدا پارتىيىنىڭ نەزەرىيە ئاساسلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشكە ئادەتلىنەلەيدۇ. … ت م ب بىر پارتىيە ھېسابلانمايدۇ. ئۇ ئاۋۋال بىر پارتىيە ھالىتىگە كېلىشى لازىم. … 1927.5.30 كۈنى ئەۋەتكەن خېتىڭدە “بىر- بىرىمىزگە ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ يۈرمەيلى، ھەممىمىز بىر نىشان بويىچە ئالغا ئىلگىرىلەيلى، ئەگەر ئۇنداق بولمىغىنىدا مېنى بۇ جەمئىيەتتىن چىقىپ كەتتى دەپ ھېسابلا ۋە ياكى مەن بۇ تەشكىلاتقا پۇل ئەۋەرتكۈزمەيمەن” دەپ يېزىپسەن. بۇ دېگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسى ئۆزۈڭنى قالتىس چاغلىغانلىقىڭنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايمەن. … بۇ پوزىتسىيەڭ، سېنىڭ بىر تەشكىلات ئەزاسى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلمىغانلىقىڭدىن كەلمەكتە.
ھەقىقەتەن، چوقاي ئوغلى ياۋروپادىكى مۇناسىۋەتلىرىگە تايىنىپ ھەر تۈرلۈك ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان ماقالىلىرى بىلەن ھەر قايسى ئەللەرگە بېرىپ سۆزلىگەن ئىلمىي دوكلاتلىرى نەتىجىسىدە، ت م ب سىرتىدا ئۆزىگە خاس بىر مۇھىت يارىتىۋالغان ئىدى. پارتىيە بىلەن پارتىيە نەزەرىيە ئاساسلىرىغا بەكلا ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان زەكى ۋەلىدى ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ ئەھۋاللارغا ھەرگىز تاقەت قىلغىلى بولمايتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئوسمان غوجا ئوغلىمۇ بۇرۇنقى ئىشلارنى ئۇنتۇپ مەركىزى كومىتېتنىڭ يىغىنلىرىغا قايتىدىن قاتنىشىشقا باشلىغان ئىدى. ئورتا ئاسىيا تۈرك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى دوكتور مەجدىدىن دەلىلمۇ سېنتەبىر ئېيىدا مەركىزى كومىتېتقا ئەزا قىلىنىپ، كېيىن يەنە باش كاتىپلىققا تەيىنلەنگەن ئىدى.

چوقاي ئوغلىنىڭ جەمئىيەتتىن چىقىرىلىشى
1928- يىلىنىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن بىر ئىش، ت م ب نىڭ تىزگىنىنى پۈتۈنلەي قولغا كىرگۈزۈۋېلىش ۋە بىردىن بىر ھۆكۈم چىقارغۇچى بولۇۋېلىش ئۈچۈن زەكى ۋەلىدىگە تېپىلماس بىر پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. مۇستاپا چوقاي ئوغلى يازغان بىر پارچە ماقالە رۇسىيەلىك مۇھاجىرلار يېتەكچىسى مىليۇكوۋنىڭ «پوسلېدىنيا نوۋوستى» (ئاخىرقى خەۋەرلەر. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىدۇ.315 زەكى ۋەلىدى بۇنى پۇرسەت بىلىپ دەرھال مەركىزى كومىتېتتا قارار قىلىشىپ چوقاي ئوغلىغا بىر پارچە ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتىدۇ. بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ كېلىش ئۈچۈن ناسىر مەخدۇم، ئابدۇقادىر ئىنان ۋە مەجدىدىن دەلىل قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر كومىسسىيە (تەكشۈرۈش ئۈمىگى) قۇرۇپ چىقىدۇ. ت م ب قائىدىلىرىگە ئاساسەن بولشېۋىكلەرگە قارشى ھېسابلانسىمۇ مەركىزى رۇسىيەچىلىك تەرغىباتىغا ئەمەل قىلىدىغان ئۇرۇس تەشكىلاتلىرى بىلەن ت م ب ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا ھەرقانداق بىر مۇناسىۋەت بولماسلىقى شەرت ئىدى. ئەگەر بۇنداق بىر مۇناسىۋەت تىكلىگەنلىكى سېزىلگەن ھامان، مەركىزى كومىتېت قارارىغا ئاساسەن شۇ ئەزا ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلاتتى. ئاگاھلاندۇرۇش خېتى ئەۋەتىلىش بىلەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغىنىغا قارىتا چوقاي ئوغلى خەت ئارقىلىق قاتتىق رەددىيە بېرىش بىلەن بىرگە، مەركىزى كومىتېت ئەزالىقىدىن دەرھال ئىستېپا بېرىدۇ. ئەمما زەكى ۋەلىدى بۇ ئىستېپادىن رازى بولماي، مۇستاپا چوقاي ئوغلىنى جەمئىيەتتىن تازىلىۋېتىشتە چىڭ تۇرىدۇ. پرومېتې تەشكىلاتى بىلەن كاپكازىيە كومىتېتىغا “مۇستاپا چوقاي ئوغلى بۇندىن كېيىن ت م ب نىڭ ياۋروپا ۋاكالەتچىلىكىدىن قالدۇرۇلدى، بۇ ۋەزىپە پرومېتې ژۇرنىلىنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدا بولغان ئەخمەت نائىمغا تاپشۇرۇلدى” دېگەن ئۇقتۇرۇش يوللىنىدۇ. ئەمما، ئۇزۇن يىلدىن بۇيان پارىژدا تۇرۇۋاتقان ۋە ئەتراپىدا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئىنتايىن سەمىمىي مۇناسىۋەت تىكلەپ بولغان چوقاي ئوغلىنىڭ ئورنىنى ئەخمەت نائىم تولۇقلاپ كېتەلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەخمەت نائىم ئۆزى بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىچە ئىپادىلەيدۇ:
ھەرقانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر، 5 يىلدىن بۇيان ياۋروپادا ئورتا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلىرى بىلەن تونۇلۇپ، ياۋروپادا ئورتا ئاسىيانى تونۇتۇشقا باشلىغان، بۇ جەھەتتە ئالاھىدە مۇۋەپپەقىيەتلەرگىمۇ ئېرىشكەن ئاكتىپ ۋە ئوقۇغان بىر سەپدىشىمىزنىڭ سېپىمىزدىن ئايرىلىشىغا يول قويۇلماسلىقىمىز كېرەك ئىدى. قالغان يۇرتداشلىرىمىزغا نىسبەتەن ئورتا ئاسىيادا نام ئابرۇيغا ئېرىشىپ شۆھرەت قازانغان، بولشېۋىكلەر مەتبۇئاتىنى ھەر دائىم ئاۋارە قىلىپ كېلىۋاتقان چوقاي ئەپەندىنىڭ بۇ شەكىلدە سېپىمىزدىن ئايرىلىشى ۋە ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىشىمىز مىللىي غايىمىزگە ۋاسىل ئۈچۈن (يېتىشىمىز ئۈچۈن) بەزى سارسىنچلىقلار (زىيانلىق تەسىرلەر، تەۋرىنىشلەر) پەيدا قىلماسلىقىنى تىلەيمەن.
بۇ يەردە پرومېتېدە ئورتا ئاسىياغا ۋەكىللىك قىلالىشىمىز ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان مەلۇماتلارغا ھامىلە (ئىگە) بولۇش مەجبۇرىيىتى لازىم تاپماقتادۇر. ئۇرۇسچە ۋە فرانسۇزچىنى مۇكەممەل بىلگەن بىرى بولۇش تەلەپ قىلىنماقتادۇر. ئورتا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك ھەر تۈرلۈك ۋەقەلەرنى ئۆز ۋاقتىدا كۆزىتىپ ماقالاتنى ئېلان قىلىپ تۇرۇش، ئۇرۇسچە بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئورتا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك گېزىتلەرنى كۆرۈپ چىقىپ ماقالە يېزىش ئىمكانىغا ئېرىشەلمەي كەلمەكتىمەن (ئەخمەت نائىم ئورتا مەكتەپنى تۈركىيەدە، ئالىي مەكتەپنى بولسا گېرمانىيەدە پۈتتۈرگەن بولغاچقا، ئۇرۇسچە بىلمەيتتى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
شۇ سەۋەبتىن ھۆرمەتلىك دوستلىرىم، پرومېتې تەۋەسىدىكى ئورتا ئاسىيا ۋاكالەتچىلىكىنى باشقا بىر بىلىملىك كىشىگە ۋە لاياقەتلىك،316 ئۇرۇسچىغا ئۇستا بىر دوستىمىزنى تەيىن قىلساڭلار مۇقەددەس غايىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلغانلىق بولىدۇ دەپ قارايمەن. بۇ تەلىپىمنى ۋەزىپىدىن قېچىش دەپ قارىمىغايسىلەر. بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، مەن ئۆز ئاجىزلىقىمنى ئىپادىلەش ئارقىلىق سېپىمىزدىكى پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىپ بۇلارنى يازماقتىمەن.
زەكى ۋەلىدى ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ ت م ب مەركىزى كومىتېتتىن ئىستېپا بەرگەنلىكى يەتمەيتتى. ئۇنى جەمئىيەت ئەزالىقىدىنمۇ قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ تەشكىلاتتىكى تەسىرىنى پۈتۈنلەي تازىلىۋېتىش كېرەك ئىدى. ئەنە شۇ مەقسەت بىلەن مەركىزى كومىتېت تەۋەسىدە قۇرۇلغان ئۈچ كىشىلىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشكە كىرىشىدۇ. جەمئىيەت رەئىسى زەكى ۋەلىدىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قۇرۇلغان بۇ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتلىرى مۇستاپا چوقاي ئوغلىغا بەكلا كۆپ گۇناھ ئارتىدۇ.
چوقاي ئوغلى يېڭى ئورتا ئاسىيادا بېسىلغان «ئورتا ئاسىيادا ئاچارچىلىق سىياسىتى» ۋە «قوقان مۇختارىيىتى تارىخى» دېگەن ماقالىلىرىدە مۇختارىيەتنى ھىمايە قىلىش مەيدانىنى تەكرارلىغان، ئۇنىڭدا مۇستەقىللىق تەلىپى يوق؛ ئۇ تولۇق مۇستەقىللىققا قەتئىي ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. … ئورتا ئاسىيانىڭ تەلىپى ئۇكرائىنادىن پەرقلىق بولماسلىقى كېرەك دەپ كۆرسىتىپ، رۇسىيە دېموكراتلىرى بىلەن ئوخشاش يول تۇتۇپ مېڭىش لازىملىقىنى ئىپادىلىگەن.
چوقاي ئوغلى مىليۇكوۋ گۇرۇپپىسىنىڭ گېزىتلىرى بىلەن مۇناسىۋەت تىكلەش ئارقىلىق ت م ب نىمۇ ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتتى قىلىپ كۆرسەتمەكتە؛ ئۇ ئۆزىنى ت م ب بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇۋېلىپ، ئۆزىنى ئالاھىدە بىرى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا.
شۈبھىسىزكى، چوقاي ئوغلى بۇ تۈردىكى جىنايەتلەرنىڭ ھېچقايسىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. دېگەندەك، چوقاي ئوغلى ت م ب مەركىزىگە ئەۋەتكەن ئۆزىنى ئاقلاش ماتېرىيالىدا، ماقالىلىرىم خاتا تەرجىمە قىلىنغان دەپ يازىدۇ. ئەسلىدە چوقاي ئوغلىنىڭ ئۇرۇسچە ياكى فرانسۇزچە يازغان ماقالىلىرى ئىستانبۇلدا تۈركىيە تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنماقتا ئىدى. چوقاي ئوغلى، ئەخمەت نائىمغا يازغان بىر پارچە خېتىدە، زەكى ۋەلىدى تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بىلەن بۇ گۇرۇپپا تەرىپىدىن چىقىرىلغان قارارلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ، بۇ مەسىلىنى مۇستەقىل بىر سودىيىلەر ۋاسىتىچىلىقى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ:
مەن رەئىسىڭىز ئەخمەت زەكى ۋەلىدىگە 2- ئىيۇلدا مەكتۇپ ئەۋەتىپ كومىسسىيە قارارلىرىغا ئاساس قىلىنغان تەرجىمىلەرنىڭ مۇتلەق تۈردە يالغان ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ،317 ھەقىقەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن ئاربىتراژ (سودىيە) ئۇسۇلىنى تەكلىپ قىلغان ئىدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن سودىيەلىككە م. ئىمىن رەسۇلزادىنى ياكى بولمىسا س. سالامزادىنى، ئۇمۇ بولمىسا زەكى ئەپەندىنىڭ ئۆزى كۆرسىتىدىغان باشقا بىرىنى تەيىنلىنىشىنى تەكلىپ قىلدىم. كومىسسىيىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇسۇل ھەققىدىمۇ بىر ئەزەربەيجانلىق، بىر شىمالىي كاپكازىيىلىك، ئەسلىدە تەشكىلات ئەھۋالىدىن خەۋەردار بىرى ماڭا ئارتىلغان گۇناھلارنى راست دەپ قارىسا مەنمۇ ئۆزۈمنى گۇناھكار قوبۇل قىلىمەن دەپ يازغان ئىدىم. رەئىسى مۇختەرەمىڭىز 23- ئىيۇن كۈنى ماڭا مۇنداق بىر خەت ئەۋەتىپتۇ:
“ت م ب ئورتا ئاسىيا مەسىلىسىدە ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھەرقانداق بىر ئورگاننى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ھەر قانداق مىللەتنىڭ مەركىزى سىياسىي تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىگە خاس كۆز قارىشى بولىدۇ. ئۈستۈڭدە چىقىرىلغان قارارلارنى قوبۇل قىلىپ رازى بۆلىشىڭ كېرەك ئىدى. مەركىزى جەمئىيەتنى ئىناۋەتكە ئالمايمەن دەپ يازغان خېتىڭ يولداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە بەكلا ئېغىر كەلدى.” … ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ئوچۇق بىلىنىپ تۇرىدۇ.
چوقاي ئوغلى يەنە، بۇرۇن زەكى ۋەلىدىنىڭمۇ تولۇق مۇستەقىللىق مەيدانىدا تۇرمىغانلىقىنى، ھەتتا كوممۇنىستلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىش قىلغان ۋاقىتلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ يازغان بىر پارچە خېتىدىن بىر نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىدۇ. چوقايئوغلى تىلغا ئالغان زەكى ۋەلىدىنىڭ ئۇ خېتىدە مۇنۇ سۆزلەر بار ئىدى:
1917~1920- يىللاردا سەنمۇ، مەنمۇ ئېنىق مۇستەقىلچىلاردىن ئەمەس ئىدۇق. ئۇ چاغدا بىز ھەممىمىز ئاپتونومىيىلىك فېدرالچىلاردىن ئىدۇق. سەن 1917- يىلىنىڭ باشلىرىدا ھەتتا ئاپتونومىيىچىمۇ ئەمەس ئىدىڭ. مانا ئەمدى ھەممىمىز توغرا يولنى تېپىۋالدۇق. بىز بۇنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك. ۋەتىنىمىزگە قايتىش پۇرسىتى كەلگىنىدە تۇتقان يولىمىز ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۆلىشى كېرەك.
ئەمما چوقاي ئوغلىنىڭ بۇ تۈردىكى ئۆزىنى ئاقلاشلىرىنىڭ ھېچقايسى كارغا كەلمەيدۇ. زەكى ۋەلىدى، چوقاي ئوغلىنى يار لېۋىگە قىستاپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا مۇنداق ئىككىلا يول قالدۇرغان ئىدى: يا گۇناھكار ئىكەنلىكنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، شۇ چاغدىلا جەمئىيەتنىڭ ئادەتتىكى بىر ئەزاسى سۈپىتىدە تەشكىلاتتا قېلىشىغا يول قويۇلىدۇ، ياكى بولمىسا ئىستېپا بېرىپ جەمئىيەتتىن پۈتۈنلەي ئايرىلىشى كېرەك ئىدى. ئاخىرىدا چوقاي ئوغلى ئىستېپا بېرىپ تەشكىلاتتىن ئايرىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، زەكى ۋەلىدى ت م ب نى پۈتۈنلەي قولغا كىرگۈزۈۋالغان ھېسابلاندى. ئۇزۇن يىلدىن بۇيان بىرگە پائالىيەت قىلىپ كەلگەن يېقىن دوستى ئابدۇقادىر ئىناننى يېڭى ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرلىكىگە تەيىنلەيدۇ. بۇ جەرياندا بۇرۇنقى رەقىبى بولغان ئاياز ئىسھاقى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتى بىلەن ت م ب ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدىمۇ بىر قارار چىقىرىدۇ. ئەمدى ت م ب غا مۇتلەق ھاكىم ئورنىغا ئېرىشكەن زەكى ۋەلىدى، نۆۋەتتىكى نىشانىنى ياۋروپا تەرەپلەرگە قارىتالىشى مۇمكىن ئىدى. 318مەركىزى كومىتېت 1928- يىلى 26- ئىيۇل كۈنىدىكى يىغىنىدا، ت م، ب نىڭ ياۋروپاغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىنى بەلگىلەش، تەشكىلات ئۈچۈن ئىقتىسادىي مەنبە ئاختۇرۇش ۋە ياۋروپاغا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىشقا كىرىشىش ئۈچۈن رەئىس زەكى ۋەلىدىنىڭ ياۋروپاغا بېرىشى ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىشىدۇ.

زەكى ۋەلىدى تۇغاننىڭ ياۋروپا ساياھىتى
زەكى ۋەلىدى ياۋروپا ساياھىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى قىلىپ پارىژنى تاللىۋالغان ئىدى. ئۇ يەردە پرومېتې ژۇرنىلى مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئۆتكۈزىدۇ. بۇ جەرياندا ژۇرنال ئورگىنىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى مىر ياقۇپ مەختىيېۋ ۋاسىتىچىلىقى ئارقىلىق مۇستاپا چوقاي ئوغلى بىلەن مۇناسىۋەت باغلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ۋەلىدى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىشلاردىن قاتتىق رەنجىگەن چوقاي ئوغلى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىمايدۇ. زەكى ۋەلىدى فرانسىيەدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ گېرمانىيەگە بارىدۇ. بېرلىندىكى ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلەردىن دېگەندەك رازى بولمايدۇ. چۈنكى كېيىنكى يىللاردا مۇستاپا چوقاي ئوغلى، بېرلىندىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بەك يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇۋالغان ئىدى. شۇنداق بولغاچقا گېرمانىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار ت م ب بىلەن چوقاي ئوغلى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپتا چوقاي ئوغلىغا ناھەقچىلىك قىلىندى دەپ قارىشاتتى. نەتىجىدە، زەكى ۋەلىدى بۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى بۇ ئىشتا ئۆزىنىڭ توغرا قىلغانلىقىغا قايىل قىلالمايدۇ.
ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈشتە تۈزۈك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ۋەلىدى، پرومېتې سېپىدىكىلەر ۋە پولشا مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولىدۇ. بېرلىندىن ۋارشاۋاغا بارغان زەكى ۋەلىدى، بۇ يەردىمۇ كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. بولشېۋىك ئىنقىلابى يۈز بەرگەن يىللاردا تاتارىستان- باشقىردىستان رۇسىيەدىن ئايرىلىپ چىقىش مەسىلىسىدە تېررىتورىيىلىك ياكى تېررىتورىيىسىز ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش دېگەندەك مەسىلىلەردە بىر- بىرى بىلەن زىتلىشىپ قالغان ئاياز ئىسھاقى ۋارشاۋادا كۈچلۈك تەسىرى بار بىرى ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە مۇستاپا چوقاي ئوغلى بىلەنمۇ ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋەت باغلاپ كەلگەن مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادە، پرومېتې سېپىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئەزالىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇمۇ زەكى ۋەلىدىگە ئۇنچىلىك قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ كەتمەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، زەكى ۋەلىدىنىڭ پرومېتې تەشكىلاتى بىلەن، شۇنىڭدەك بۇ تەشكىلاتقا ياردەم قىلىۋاتقان تەرەپلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت تىكلىۋېلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئومۇمەن نەتىجىسىزلىك بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ ۋارشاۋا شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا بىرەر ئىلمىي دوكلات بېرىش تەلىپىمۇ ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتالماي، مازاق قىلىنىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكۈدەك رەت قىلىنىشقا دۇچ كېلىدۇ. بۇ ھادىسىلەر، مۇساپىرلار ئارىسىدا پرومېتې رەھبەرلىرى زەكى ۋەلىدى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنى خالىمايدىغان بولۇپتۇ، ھەمدە ئۇنىڭغا ھەرقانداق جەھەتتە ياردەم قىلمىغۇدەك دېگەن گەپلەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.319 زەكى ۋەلىدى بولسا، يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنىڭ پەردە ئارقىسىدا مۇستاپا چوقاي ئوغلى بىلەن ئىدىل- ئۇرال ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى ئاياز ئىساقى بار دەپ قارايدۇ.
ياۋروپادا كۈتكەن ئۈمىدلىرىنىڭ ھەممىسى بىكار بولۇپ كەتكەنلىكى زەكى ۋەلىدىنىڭ كۆڭلىنى بەكلا يېرىم قىلغان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركلۈكنىڭ داۋالغۇچلۇق، قاينام- تاشقىنلىق يىللىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ ئۇ دەۋردىكى تارىخىي دەۋرنىڭ شەكىللىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلغان بىر كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ئۇنچە ئاسانلا تىز پۈكىدىغان خاراكتېردىكى بەرسىمۇ ئەمەس ئىدى. ۋەلىدى تۈركىيەگە قايتىپ كېلىپ ئۇزۇنغا قالماي، شەرق تۈركلۈگىنىڭ مەسىلىلىرىنى مۇنازىرە قىلىدىغان ئىلمىي سەھنىدىن بىرنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىشقا كىرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 1928- يىلىنىڭ دەسلەپكى ئايلىرى ئىچىدە ئورتا ئاسىيا ۋە ئەزەربەيجاننى تونۇتۇش جەمئىيىتى دېگەن نامدا بىر ئورگان تەشكىللەيدۇ. جەمئىيەتنىڭ 32 ماددىلىق نىزامنامىسى 1928- يىلىنىڭ ماي ئېيىدا تەستىقلىنىپ رەسمىيلەشتۈرىلىدۇ. بۇ جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئەخمەت زەكى ۋەلىدى، ئەخمەت ئاغا ئوغلى، دوكتور مىرزا ھاجىزادە، مەھەممەت ھېيت، ئەخمەت جاپپار ئوغلى ۋە دوكتور ئابدۇقادىر سۇلايمان قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. جەمئىيەت رەئىسلىكىگە زەكى ۋەلىدى، مۇئاۋىن رەئىسلىككە ئەخمەت ئاغا ئوغلى تەيىنلىنىدۇ. جەمئىيەتنىڭ مەقسىتى ئورتا ئاسىيا بىلەن ئەزەربەيجانغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلىش ئىدى. جەمئىيەتنىڭ نامى ئورتا ئاسىيا بىلەن ئەزەربەيجاننى ئۆگىنىش جەمئىيىتى دەپ ئاتالغىنىغا قارىماي، جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئىچىدە ئاران بىرلا كىشى ئورتا ئاسىيالىق بولۇپ، ئۇ كىشىمۇ سىياسىي ۋە ئىلمىي ساھەلەردە ھېچكىمگە تونۇلمىغان بىرى ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن جەمئىيەت نىزامنامىسىدىكى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى سايلاشقا مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىمۇ بەكلا غەلىتى ئىدى. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا سايلىنىش ئۈچۈن خەلقئارالىق بىرەر ئىلمىي جەمئىيەتكە ئەزا بولۇشى شەرت قىلىپ بەلگىلەنگەن ئىدى. بۇ شەرت بويىچە قالغان ت م ب ئەزالىرى ياكى شۇ يىللاردا ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ۋە ياشلار ئارىسىدا بۇنداق شەرتكە توشىدىغانلار بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ بۇ جەمئىيەتكە ئەزا بولالىشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، زەكى ۋەلىدى ت م ب ۋاسىتىچىلىقى ئارقىلىق سىياسىي خاراكتېرلىك پائالىيەتلىرىنى ئورتا ئاسىيا بىلەن ئەزەربەيجاننى ئۆگىنىش جەمئىيىتى ئارقىلىق ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن ھېسابلاندى. زەكى ۋەلىدىنىڭ ئاساسى مەقسىتى مەيلى تۈرك دۇنياسىدا بولسۇن ياكى ياۋروپا ئىلمىي ساھەسىدە بولسۇن، ئۆزىنىڭ دېيىشى بويىچە ئالغاندا شەرق تۈركلىرىنىڭ باياناتچىلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى مەقسەت قىلىش ئىدى. يالغۇز ت م ب نىڭ رەئىسلىكىگە ئىگە بولغىنى ئۇنى ئارزۇ قىلغان نۇقتىغا ئېرىشتۈرەلمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىتتىپاق بىر مەخپىي تەشكىلات بولغاچقا، بارلىق پائالىيەتلىرىنى يەر ئاستىدا قانات يايدۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى.320 ئاشكارا پائالىيەت قىلالايدىغان بىر ئىلمىي تەشكىلات، زەكى ۋەلىدىنىڭ پائالىيەت ساھەسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ بېرەلەيتتى. دېگەندەك، ئورتا ئاسىيا بىلەن ئەزەربەيجاننى ئۆگىنىش جەمئىيىتى قۇرۇلۇش بىلەن تەڭ ئاكتىپ پائالىيەت كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. ھەر ئايدا بىر ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىدا، كۆپلىگەن داڭلىق يەرلىك ياكى چەتئەللىك ئالىملار ئىلمىي دوكلات بەرمەكتە ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن قانات يايدۇرغان پائالىيەتلىرى بىر قىسىم ساھەلەر ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىقلارنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگىمۇ سەۋەب بولماقتا ئىدى. بولۇپمۇ مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادە يېتەكچىلىكىدىكى ئەزەربەيجان مىللىي ھەرىكىتى تەۋەسىدە كۈچلۈك نارازىلىقلارنى پەيدا قىلماقتا ئىدى. بىر قىسىم ت م ب ئەزالىرىمۇ بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرگە ئورتا ئاسىيا نامىنى شەخسى مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ۋاسىتە قىلىۋالدى دەپ قارىماقتا ئىدى. بۇ تۈردىكى نارازىلىقلار ئورتا ئاسىيالىقلار بىلەن ئەزەربەيجانلىقلار تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىلا كۆرۈلۈپ قالمىغان ئىدى. زەكى ۋەلىدى ئىشلەيدىغان دارىلفۇنۇندىكى خىزمەتداشلىرى ئىچىدىمۇ ئىلمىي پائالىيەتلەرگە سىياسەتنى ئارىلاشتۇرۇۋالماسلىق ھەققىدىكى ئاستىرتىن تەنقىدلەشلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ تۈردىكى تەنقىدلەرنىڭ كۆپىيىپ بېرىشى نەتىجىسىدە، 1929- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئورتا ئاسىيا ۋە ئەزەربەيجاننى تونۇتۇش جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرى ئازىيىشقا باشلاپ، بىر- ئىككى يىل ئىچىدە توختاپ قېلىش گىردابىغا كېلىدۇ.
1928- يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە مەدەنىي جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ: ئاتاتۈركنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىنقىلابلىرىدىن بىرى بولغان يېزىق ئۆزگەرتىش ۋە لاتىن ھەرىپىگە كۆچۈش يولغا قويۇلىدۇ. بۇ ۋەزىيەت، تۈركىيەدە نەشر قىلىنىۋاتقان تاشقى تۈركلەرنىڭ ژۇرناللىرىغا، بولۇپمۇ يېڭى ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەزەربەيجانلىقلار بىلەن شىمالىي كاپكازىيىلىكلەر خىتاب قىلىدىغان خەلق ئاممىسىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا ئۇلاردا بۇ ھەقتە بىرەر قىيىنچىلىق سېزىلمىگىنى بىلەن، سانى بەكلا ئاز بولغان ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلاردا بۇ ژۇرنالنى سېتىۋالالىغۇدەك مۇشتەرى يوق دېيەرلىك ئىدى. ئورتا ئاسىيالىق كىتابخانلار ئەرەب ئېلىپبەسىنى قوللىنىدىغان رايونلارغا تارقالغان ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، لاتىن ھەرپلىرى بىلەن بېسىلىدىغان يېڭى ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلى بۇندىن كېيىن پەقەتلا تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئورتا ئاسىيالىقلار بىلەن تۈركىيە جامائەتچىلىكىگىلا خىتاب قىلالايدىغان ئىنتايىن تار بىر پائالىيەت سورۇنىغا ئىگە ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ ژۇرنال ئەرەب ھەرپلىرى بىلەن بېسىلمىغاچقا، مەيلى ئورتا ئاسىيادىكىلەردىن، مەيلى ئافغانىستاندا تۇرۇۋاتقانلاردىن، مەيلى ئىران بىلەن ئەرەب ئەللىرىدە تۇرۇۋاتقان ئورتا ئاسىيالىقلاردىن بۇ ژۇرنالنى ئوقۇيالايدىغانلار يوق ئىدى. بۇ جايلاردا تۇرىدىغان ئورتا ئاسىيالىق كىتابخانلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەرەب ھەرپلىرى بىلەن ئورتا ئاسىيا شېۋىسىدە نەشر قىلىنىدىغان باشقا بىر ژۇرنال چىقىرىشقا توغرا كېلەتتى. بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغان ت م ب تەشكىلاتى، يېڭى ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلىنى بېرلىنغا يۆتكەپ شۇ يەردە ئەرەب ھەرپلىرى بىلەن نەشرى قىلىش قارارىنى ئېلىشىدۇ. ژۇرنال يەنىلا سۇلايمان ئابدۇقادىرنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىقىرىلىدىغان بولىدۇ.321
1929- يىلىنىڭ كىرىشىدە، ت م ب ھەرىكىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم بىر ئىش يۈز بېرىدۇ. يېتەكچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەمەل تالىشىش نەتىجىسىدە ت م ب تەشكىلاتىنىڭ بەكلا زەئىپلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان ياشلار، ت م ب نىڭ پائالىيەتلىرىنى ئۆز قولىغا ئېلىپ يېتەكلەش مەقسىتىدە ت م ب تەركىبىدە ئايرىم بىر گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇشقا كىرىشىدۇ. ياشلار ئىچىدە ھىزىپ دەپ نام ئالغان بۇ گۇرۇھقا ت م ب كاتىپى مەجدىدىن دەلىل يېتەكچىلىك قىلماقتا ئىدى. ناسىر ھېكىمزادە، سالىھ ئىسمائىل، ۋاسى ئەپەندى، ئابدۇللا تەۋەككۈل، زاھىت ۋە ئالىم ئەپەندىلەر بولسا بۇ ھىزىپنىڭ قالغان ئەزالىرى ئىدى. ھىزىپ گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ ت م ب رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىچىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئورنىغا ئېرىشىشنى پىلانلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا گېرمانىيەدىكى ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارمۇ يىغىلىشىپ ئورتا ئاسىيا ياشلىرى گۇرۇپپىسىنى تەشكىل قىلغان ئىدى. ت م ب نىڭ گېرمانىيەدىكى شۆبىسى بولغان بۇ ئورگاندىكى ئۈچ كىشىلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەخمەت نائىم، ئەخمەتجان ئىبراھىم ۋە ئەفدال ئابدۇسائىد قاتارلىق كىشىلەر سايلانغان ئىدى.

زەكى ۋەلىدى تۇغاننىڭ ت م ب دىن ئايرىلىشى
ت م ب ياش ئەزالىرى، مۇستاپا چوقاي ئوغلى مەسىلىسىدە رەئىس زەكى ۋەلىدىنى بەكلا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇپ ناھەقچىلىك قىلدى دەپ قاراشماقتا ئىدى. ياشلار، زەكى ۋەلىدى ت م ب دىكى داھىيلىق ئورنىنى رىقابەتچىسى يوق ھالغا كەلتۈرۈۋېلىش مەقسىتىدە مۇستاپا چوقاي ئوغلىنى تەشكىلدىن چىقىرىپ تاشلىغان دەپ قارىماقتا ئىدى.
ئورتا ئاسىيا ۋە ئەزەربەيجاننى ئۆگىنىش جەمئىيىتى ۋەقەسىدە ت م ب ئەزالىرى پۈتۈنلەي سىرتتا قالدۇرۇلغانلىقى زەكى ۋەلىدىگە بولغان نارازىلىقلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى. ئەزالارنىڭ زور كۆپچىلىكى، ئورتا ئاسىيا داۋاسى شەخسى مەنپەئەتلەر ئۈچۈن قۇربان قىلىۋېتىلمەكتە دەپ قاراشماقتا ئىدى. نەتىجىدە، مەيلى ت م ب تەركىبىدىكى ھىزىپ گۇرۇپپىلىرى بولسۇن، مەيلى گېرمانىيەدىكى ياش ئورتا ئاسىيا گۇرۇپپىسىدىكىلەر بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا زەكى ۋەلىدى رەھبەرلىكىگە قارشى كۈچلۈك ئۆكتىچىلىك ھەرىكىتى باشلايدۇ. ياش ئورتا ئاسىيا گۇرۇپپىسى ھەيدېربېرگدە ئۆتكۈزگەن بىر يىغىندا ت م ب مەركىزىگە مۇنداق بىر ئۇلتىماتۇم يوللايدۇ:
مۇستاپا چوقاي ئەپەندى ت م ب غا قايتىدىن قوبۇل قىلىنىشى، ئەزالىقى قايتىدىن تەستىقلىنىشى، ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىك سالاھىيىتىدە داۋاملىق قېلىشى لازىم. ئەگەر گېرمانىيە شۆبىسىنىڭ بۇ تەكلىپى رەت قىلىنغىنىدا، مەركىزى ھەيئەتلەرنى قايتىدىن سايلاش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.322 زەكى- چوقاي زىددىيىتى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئۇسۇل بويىچە ھەل قىلىنمايدىكەن، گېرمانىيەدىكى ت م ب شۆبىسى مەركەزدىن ئايرىلىپ پائالىيەت قىلىشقا باشلايدۇ ۋە بۇ زىددىيەت ئۈستىدە ئۆز كۆزقارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ.
(رەسىم ئورنى)
ھىزىپ گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى
ئولتۇرغانلار (سولدىن ئوڭغا): ناسىر ھەكىمزادە، مەجدىدىن دەلىل، تەۋەككۈل بابۇر، ئۆرە تۇرغانلار: دوكتور سالىھ ئىسمائىل (ئەركىنقۇل)، زاھىت (ئۆزبۇلاق)، دوكتور ۋاسى مىرزاتاش. ئىستانبۇل، 1930. 5. 12
بۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىش ئىستانبۇلدىمۇ يۈز بېرىدۇ. ت م ب مەركىزى ھەيئىتى يىغىنىدا ھىزىپ گۇرۇپپىسى نامىدا مەجدىدىن دەلىل بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ زىددىيەتنىڭ دەرھال ھەل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ تۈردىكى بېسىملار نەتىجىسىدە، مەركىزى كومىتېت چوقاي ئوغلىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئۇنىڭ جەمئىيەت ئەزالىقىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئەمما بۇنچىلىك ئىپادە بىلدۈرۈشلەر يېتەرلىك بولمايتتى. بۇندىن كېيىن زەكى ۋەلىدىنىڭ رەئىسلىك مەسىلىسىنىمۇ قايتا ئويلىنىپ كۆرۈشكە توغرا كەلمەكتە ئىدى. بۇ ھەقتىكى بېسىملارغا بىر مەزگىل قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلگەن زەكى ۋەلىدى، بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ت م ب رەئىسلىكىدىن ھەمدە مەركىزى كومىتېت ئەزالىقىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىر تەقدىرداش بولۇپ كېلىۋاتقان ئابدۇقادىر سۇلايمانمۇ بىرلىكتە ئىستېپا بېرىدۇ. بۇ ئىككى كونا دوست، 1929- يىلىنىڭ 4- ماي كۈنى ت م ب نىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق شۆبىسىگە ئەۋەتكەن ئىستېپا خېتىدە تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ:323
جەمئىيەتنىڭ سابىق ئەزاسى بولغان چوقاي ئوغلى مۇستاپا ئەپەندى بۇ يىلنىڭ 8- ئاپىرىل كۈنىدە مەركىزى كومىتېتقا (كاتىپ مەجدىدىن ئەپەندىگە قارىتىپ) يازغان خېتىدە مەلۇم بولغانلارغا ئاساسەن، ت م ب تەشكىلاتىغا مەخسۇس قەبىلىلەر ئىتتىپاقسىزلىقىنى سۆرەپ كىرىشكە ئۇرۇنغان. ھەتتا 1927- يىلقى قۇرۇلتايدىمۇ بۇ جەھەتتە گويا باشقىرت تەرەپنىڭ بېسىمى ئاستىدا باشقۇرۇلغان بىر قۇرۇلتاي بولدى دەپ قارىغان ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن چوقاي ئوغلى، ئۆز ۋاقتىدا ئۆزى ھەققىدە ت م ب مەركىزى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن كومىسسىيە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان قارارىنى پەقەت ت م ب مەركىزىدىكى باشقىرت ئەزالىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۆھمەت قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ كۆرسىتىپ، بۇ قارارنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ باشقىرت ئەزالىرى ئۈستىدە ھەر تۈرلۈك بوھتانلارنى قىلىش، ت م ب نىڭ قالغان ئەزالىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق سېلىش ئۈچۈن باھانە قىلىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. مەيلى بۇ مەكتۇپىدا، ياكى 9- مارت كۈنىدىكى ئابدۇقادىرغا قارىتىپ يازغان خېتىدە، ئىستانبۇلغا كەلگۈدەك بولسا ئۇ يەردىكى باشقىرت ۋەكىللىرىگە ئۆزىنى تۇتقۇزۇپ قويمايدىغانلىقىنى، ئۇلار بىلەن كۆرۈشمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇلار بىلەن دۈشمەنلىشىش پوزىتسىيىسىدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بىز بۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ ئورتا ئاسىيادا بۇنداق مۇھىم ۋەقەلەر روي بېرىۋاتقان، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىۋاتقان بىر ۋەزىيەت ئاستىدا تەشكىلاتىمىزنى ۋەيران بولۇشىغا قاراپ تۇرالمايتتۇق. چوقاي ئەپەندىنىڭ ت م ب بىلەن بىرگە پائالىيەت قىلىشىنىڭ مۇھىم ۋە زۆرۈر بولغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، شۇنىڭدەك بىزنىڭ بۇ كومىتېتتا بۆلىشىمىز بۇ مەقسەتلەرنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىدا توسالغۇلۇق رول ئويناپ قالىدىغانلىقىمىز ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن، ت م ب نىڭ چەتئەلدىكى مەركىزى كومىتېتىدىكى باشقىردىستان ھەيئىتىدىكىلەر ۋەزىپىمىزدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز ھەمدە بۇنى لازىم بولغان يەرلەرگە ئۇقتۇرماقتىمىز.
بۇ ئىستېپا خېتى بېرىلىش بىلەن بىرگە ئۆتكەن ئاز ۋاقىتنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ت م ب قۇرۇلغاندىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان زەكى ۋەلىدى دەۋرى ئاخىرلاشقان ھېسابلاندى. ئېچىلىشنى پىلانلاشقان يېڭى قۇرۇلتايغىچە ت م ب رەئىسلىكى ئۈچۈن ئوسمان غوجا ئوغلى ھەيئەت ئەزا قىلىپ سايلاندى. بۇ جەرياندا مەركىزى كومىتېت قارار چىقىرىپ مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ جەمئىيەتكە قايتىپ كېلىشى ماقۇللىنىپ، قايتىدىن ياۋروپادا تۇرۇشلۇق باش ۋەكىل بولۇشى بەلگىلەندى. زەكى ۋەلىدى بىلەن ئۇنىڭ دوستى ئابدۇقادىر سۇلايمان، ت م ب مەركىزى كومىتېتىدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆز ئالدىغا بىر باشقىرت مەركىزى تەشكىل قىلىپ، رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ كاپكازىيە كومىتېتىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ. بۇ ھەقتىكى ئىشلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى ھەققىدە ئوسمان غوجا ئوغلى مۇستاپا چوقاي ئوغلىغا يازغان خېتىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ:324
ئەخمەت زەكى بىلەن ئابدۇقادىر ئىككىسى ئۆز ئالدىغا باشقىرت مەركىزىنى قۇرۇپ، تەستىقلىتىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇندى. يىغىندا ت م ب گە قارشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانمايمەن دەپ ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى، ۋەدىسىدە تۇرمىدى. ئىسمى- جىسمى يوق باشقىرت مەركىزى نامىدا ئىلتىماس سۇندى. … شۇنداق بولغاچقا، ئۇلارنى ت م ب ئەزالىقىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلاش قارارى ئېلىندى. بۇ ئىشنى كاپكازىيە كومىتېتىغا ئۇقتۇرماقچى بولۇۋاتىمىز، سىزگىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر يوللايمىز.
زەكى ۋەلىدىنىڭ باشقىرت مەركىزى قۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماسى كاپكازىيە كومىتېتى تەرىپىدىن تەستىقلانمايدۇ. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، بۇ ۋەقە زەكى ۋەلىدى بىلەن ئۇنىڭ دوستلىرىنى يالغۇز ت م ب قېقىلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. ۋەزىيەتنىڭ بۇ تۈردە تەرەققىي قىلىشىدىن كېيىن، زەكى ۋەلىدى سىياسىي پائالىيەتلىرىنى بىر مەزگىل توختىتىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.
زەكى ۋەلىدى ت م ب دىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ت م ب بىلەن ئىدىل- ئۇرال مىللىي مەركىزى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر قايتىدىن قويۇقلىشىشقا باشلايدۇ. ماي ئېيىدا، بېرلىندا مۇستاپا چوقاي ئوغلى بىلەن ئاياز ئىسھاقى يېتەكچىلىكىدە ئورتا ئاسىيا، ئىدىل ئۇرال ۋە قىرىم ۋاكالەتچىلىرى يىغىلىپ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدە ئورتاق دىن چىقىرىلىش بىلەن نەتىجىلىنىپ قالماي، ئۇلار بارلىق مۇھاجىردىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن چەتكە پائالىيەت قىلىش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىپ بىر پارچە توختامنامە ئىمزالىشىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ت م ب مەركىزى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدا بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن، دەرھال بىر پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاي چاقىرىش، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ قايتىدىن بىر ستىراتىگىيە تۈزۈپ چىقىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ. ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتچى مۇستاپا چوقاي ئوغلى بىلەن ت م ب نىڭ بېرلىن شۆبىسى ۋەكىللىرىنى ئىستانبۇلغا چاقىرتىپ، 1929- يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا بىر يىغىن چاقىرىش قارارى ئېلىندى. ئەمما 6- ئايدا كاپكازىيە كومىتېتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ۋەقە قۇرۇلتاينى بىر نەچچە ئاي كېچىكتۈرۈپ چاقىرىلىشىغا مەجبۇر قىلىدۇ.
1929- يىلى 6- ئايدا، ئىستانبۇل جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ئەزەربەيجاننىڭ سابىق باش جۇمھۇرى، چەتئەلدىكى ئەزەربەيجان ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادە بىلەن شىمالىي كاپكازىيىلىك يېتەكچى سەئىت شامىلنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ پۈتۈن ھۆججەتلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. بۇ ۋەقە مۇھاجىر تۈرك كۈرەشچىلىرى ئارىسىدا پارتلاش خاراكتېرىدە تەسىر پەيدا قىلىدۇ.325 مۇھاجىرلار، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پات- پات ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشلىرىغا، يەنە بەزىدە ۋاقىتلىق بولسىمۇ چېگرادىن چىقىرىۋېتىشلىرىگە كۆنۈك ئىدى. ئەمما ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ ئۆي ئاختۇرۇشلىرى بىلەن ماتېرىياللىرىنى مۇسادىرە قىلىشلىرى تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىر تۈرك يېتەكچىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە قاتتىق تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇ قېتىمقى ھادىسە، ئوسمان غوجا تەرىپىدىن تۆۋەندىكىچە بايان قىلىنغان ئىدى:
ئىيۇن ئېيىدا رەسۇلزادە ئىمىن ئەپەندى بىلەن سەئىد شامىل ئەپەندى ئىككىسىنىڭ ئۆيلىرى ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسى بىرىنچى شۆبىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈشى ۋە ماتېرىياللىرى مۇسادىرە قىلىنغانلىقى بەكلا يامان تەسىر پەيدا قىلىۋەتتى. بۇنداق قىلىشقا ئۇلاردىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەن بىر قىسىم ئەزەربەيجانلىقلار بىلەن داغىستانلىقلار ئۇلارنى ئەنگلىيەلىكلەر ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلماقتا دەپ ئەرز قىلغانلىقى سەۋەبچى بولغان.
ت م ب ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا يېزىشقان خەتلىرىدىن قارىغاندا، بۇ تۈردىكى ئەرزلەرنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق بىر يىپ ئۇچى تېپىلمىغان بولغاچقا، بۇ ئىككى يېتەكچى ئۈستىدە ھېچقانداق بىر قانۇنى سۈرۈشتە قىلىش ئىشى كۆرۈلمىگەن. ئەمما يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدىن ھەر ئىككىلا يېتەكچى خاتىرجەم بولالمىغاچقا، تۈركىيەدە بىخەتەر تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادە بىلەن سەئىد شامىل ئىككىسى تۈركىيەدىن چىقىپ كېتىپ، پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ ئەركىن قانات يايدۇرۇشقا بولىدۇ دەپ قاراشقان پولشاغا كۆچۈپ كېتىدۇ (ئەسلىدە سەئىد شامىل 1926- يىلىدىلا ۋارشاۋاغا بېرىۋالغان بولۇپ، ئۇ يەردە پرومېتې پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ئىدى. ئەمما پات- پات تۈركىيەگىمۇ كېلىپ، بەزى پائالىيەتلىرىنى ئىستانبۇلدا قانات يايدۇرماقتا ئىدى. مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادە تۈركىيەدىن چىقىپ كەتكىنىدىن كېيىن، ئەزەربەيجان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئاۋازى بولغان «ئوتلۇق يۇرت» ژۇرنىلىدا باش ماقالىلەرنى مىرزا بالا يېزىشقا باشلىغان ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). ئۇلار بىر مەنىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتى كۈتكەندەك ئىش قىلغان بولدى.

1929- يىللىق ئىستانبۇل قۇرۇلتىيى
زەكى ۋەلىدى بىلەن ئابدۇقادىر سۇلايمان ئىككىسىنىڭ تەشكىلدىن ئايرىلغىنىدىن كېيىن چاقىرىش پىلانلانغان پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاي، 13- سېنتەبىر كۈنى مەخپىي چاقىرىلغان بىر قېتىملىق يىغىن بىلەن ئېچىلىدۇ. ت م ب ئەزالىرى 13- سېنتەبىردىن 2- ئۆكتەبىرگىچە 11 قېتىم يىغىن ئاچىدۇ. قۇرۇلتاي جەريانىدا ئورتا ئاسىيا بىلەن ئافغانىستاننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى، بۇ رايونلاردا ۋاكالەتخانىلارنى ئېچىش ئىشلىرى،326 باسمىچىلىق ھەرىكىتىنىڭ شۇ ۋاقتىدىكى ئەھۋاللىرى، زەكى ۋەلىدى مەسىلىسى، يېڭىدىن بىر ژۇرنال چىقىرىش ئىشى، نىزامنامىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئىشلىرى، بۇخارا ئەمىرى مەسىلىسى، تەشكىلات تۈزۈلمىسىدىكى ئۆزگەرتىشلەر قاتارىدىكى نۇرغۇنلىغان ماۋزۇلاردا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.
يىغىن خاتىرىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ت م ب ئەزالىرى ئافغانىستاندا تۇرۇۋاتقان باسمىچىلار يېتەكچىسى شىر مۇھەممەتبەگنى سابىق بۇخارا ئەمىرىنىڭ ئادىمى دەپ قاراشقان ئىدى. بۇنداق قاراشقا كېلىشىگە ئېھتىمال ت م ب ئەزاسى بولغان باسمىچى يېتەكچىلىرىدىن تۇراپبەگ بىلەن ھەمراقۇل ئەپەندىلەرنىڭ ت م ب مەركىزىگە يوللىغان دوكلاتلىرى سەۋەبچى بولغان بۆلىشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن بۇخارا ئەمىرىنى مونارخىيىچىلەرنىڭ جاسۇسى دەپ قارىماقتا ئىدى. ئەنە شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەمىر تەرىپىدىن باشلىتىلغان بارلىق ئىشلار ت م ب تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن ئىدى. ئەسلىدە ت م ب بۇ بەلگىلىمىلىرى ئارقىلىق ئافغانىستاندىكى ئەمىر تەرەپ ئورتا ئاسىيالىقلارنىلا ئەمەس، ئۆز ۋاقتىدا يەنە كونا باسمىچى يېتەكچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق ئورتا ئاسىيالىقلارنىمۇ ئۆزلىرىگە دۈشمەن قىلىۋالغان ھېسابلىناتتى. قۇرۇلتاي يەنە ئافغانىستان بىلەن ئىرانغا تولۇق ھوقۇقلۇق ۋاكالەتچىلەرنى ئەۋەتىپ رەسمىي شۆبە قۇرۇپ چىقىش ھەققىدىمۇ قارار ئېلىنىدۇ.
قۇرۇلتاينىڭ 6- قېتىملىق يىغىنىدا، يېڭى ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلىغا قوشۇمچە قىلىپ ياۋروپادا «ياش ئورتا ئاسىيا» نامىدا يېڭى بىر ژۇرنال چىقىرىشنىمۇ بەلگىلىشىدۇ. بۇ ژۇرنال ئەرەب ئېلىپبەسى بويىچە ئۆزبېكچە نەشر قىلىنىدىغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ ت م ب كۆز قاراشلىرىنى بىۋاسىتە ئەرەب ئېلىپبەسىنى قوللىنىدىغان ئافغانىستان، ھىندىستان ۋە ئەرەبىستان قاتارىدىكى ئەللەردە تۇرۇۋاتقان ئورتا ئاسىيالىقلارغا يەتكۈزۈش پۇرسىتىگە قايتىدىن ئېرىشكەن بولاتتى. ئېلىنغان قارار بويىچە، بۇ ژۇرنال ياۋروپادىكى تەشكىلاتتىن ئىككى نەپەر كىشى ھەمدە ئىستانبۇلدىن ئەۋەتىلىدىغان بىر كىشىدىن تەشكىل تاپىدىغان ئۈچ كىشىلىك بىر ئورگان تەرىپىدىن نەشرى قىلىنىدىغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، بۇرۇن مەركىزى كومىتېت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بايراقنى ئورتا ئاسىيا بايرىقى قىلىدىغانلىقىنى قايتىدىن تەستىقلەيدۇ. شۇنىڭدەك يەنە، ئىدىل ئۇرال گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مىللىي مەركەزلەرنى بىرلەشتۈرۈش ھەققىدىكى تەلىپى، قۇرۇلتاي تەرىپىدىن تەستىقلانماي، پەقەتلا ئورتاق بىر نەشرى ئەپكارى چىقىرىش ھەققىدىلا بىر بەلگىلىمە چىقىرىشىدۇ.
ئومۇمىي كىرىم- چىقىم بىلەن سەرىپىياتلار مۇزاكىرە قىلىنغان ئومۇمىي يىغىنلاردا ئېنىق ھېساب- كىتاب بېرەلمىگەنلىكى ئالاھىدە تالاش تارتىشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.327 رەئىس ئوسمان غوجا ئوغلىنىڭ قۇرۇلتايدىن ئەپۇ سورىغان ھالدا ھېساب- كىتاب ئىشلىرىدىكى كەم قالغان قىسىملىرىنى كېيىن تولۇقلاپ بېرىش ھەققىدە ۋەدە قىلىشى نەتىجىسىدىلا بۇ تالاش- تارتىشلار بېسىقىپ ھېساب- كىتابلار تەستىقلىنىدۇ. ت م ب باش كاتىپى بىلەن ئورتا ئاسىيا ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى مەجدىدىن دەلىل يېتەكچىلىكىدىكى ھىزىپ گۇرۇپپا تەشكىللەپ چىققان ياش ۋەكىللەر، ئۆتكەن قېتىمقى رەئىسلىك تالاش- تارتىشلىرىدىن خېلى بەك نارازى بولۇپ بەكلا خاپا بولۇشقان ئىدى. ئەنە شۇ سەۋەبتىن، ت م ب دە رەئىسلىك تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باش سېكرېتارلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ. ئۇلار، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى بۇنداق بىر شەكىلگە كەلتۈرۈش ھەققىدە ئۆز ئالدىغا بىر نىزامنامىنىمۇ تەييارلاپ چىقىشقان ئىدى. رەئىس ئوسمان غوجا ئوغلى، رەئىسلىك تۈزۈمى ئەمەلدىن قالغىنىدا ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىمۇ قالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، بۇنداق ئۆزگەرتىش قىلىش تەلىپىگە قارشى چىقىدۇ. بۇ مەسىلە تالاش- تارتىش قىلىنغان 10- قېتىملىق يىغىننى باشقۇرۇۋاتقان مۇستاپا چوقاي ئوغلى، باشقا ۋەكىللەرنىڭ قارشى تۇرغانلىقىغا قارىماي، رەئىسلىك تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇشنى، ھەمدە ئوسمان غوجا ئوغلىنىڭ رەئىسلىكتە داۋاملىق تۇرۇۋېرىشى لازىملىقىدا چىڭ تۇرۇۋالىدۇ. نەتىجىدە، قالغان ۋەكىللەر مەجبۇرى بولسىمۇ چوقاي ئوغلىنىڭ پىكرىنى ماقۇللىشىپ، رەئىسلىك تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلىدۇ. مۇستاپا چوقاي ئوغلى، بۇرۇنقىدەكلا ياۋروپا ۋاكالەتچىلىك ۋەزىپىسىدە تۇرۇۋېرىدىغان بولىدۇ. مەركىزى كومىتېتنىڭ بىرىنچى كاتىپلىقىغا مەجدىدىن دەلىلنى، ئورگان ئىشلار كاتىپلىقىغا ناسىر ھەكىمزادىنى، مۇھاسىپلىققا (بوغالتىرلىق − ئۇ.ت) بولسا ئابدۇللا تەۋەككۈل بابۇرنى قويۇشىدۇ. زاھىت ئۆزبۇلاق بىلەن ئىلتەر (ئىلتەر − دوكتور سالىھ ئەركىنقولنىڭ مەخپىي بەلگىسىدۇر. ئەركىنقول بىر ھەربىي دوختۇر ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۆز ئىسمىنى ئاشكارا ئىشلىتەلمەيتتى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) باي ئىككىسى مەركىزى كومىتېتنىڭ يېڭى ئەزاسى قىلىپ سايلىنىدۇ.
قۇرۇلتايدا قوبۇل قىلىنغان يەنە بىر قارارغا ئاساسەن، ت م ب نىڭ 7 ماددىلىق ئورتاق پروگراممىسىغا يەنە ئىككى ماددا قوشۇلىدۇ. بۇ ماددىلارنىڭ بىرىنچىسىدە “ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىق كۈرىشى مەسىلىسى پەقەت ئورتا ئاسىيالىقلارغىلا تەۋە بۆلىشى لازىم” دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. يەنە بىر ماددىدا بولسا ئورتا ئاسىيانىڭ چېگراسى غەربىي ئورتا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن شەرقىي ئورتا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېگەن بىر ئىزاھات بېرىلىش بىلەن، ئۇلۇغ ئورتا ئاسىيانىڭ چېگراسىنى باشقىدىن بەلگىلەپ بەرمەكتە ئىدى. بۇ بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن يېڭىدىن بىر نىزامنامە تەييارلىنىپ ماقۇللىنىدۇ. يېڭىدىن تۈزۈپ چىقىرىلغان نىزامنامىگە ئاساسەن،328 مەركىزى كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئورتا ئاسىيالىقلاردىن تەشكىل تېپىشى شەرت دەپ بەلگىلەنگەن ئىدى (2- ماددا). مەركىزى كومىتېتقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ھۆججەتلەر باش كاتىپ ۋاسىتىسىدا تەييارلىنىدىغان بولىدۇ ۋە مەركىزى كومىتېت ھەر يىلى باشقىدىن سايلىنىدۇ دەپ بەلگىلىنىدۇ (4- ماددا). شۇنىڭدەك يەنە مەركىزى كومىتېت بىلەن ئۇنىڭ ھەرقايسى شۆبىلىرىنىڭ كاتىپ ۋەكىللىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىنىپ يەنە تولۇق ھوقۇقلۇق ھەيئەت ئەزا بولۇشىمۇ ماقۇللىنىدۇ.
1929- يىلقى پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتايدىن كېيىن، ت م ب نىڭ تەشكىلى تۈزۈلۈشىدە تۈپتىن ئۆزگەرتىش قىلىنغانلىقى كۆرۈلمەكتە ئىدى. رەئىسلىك تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ياش ۋەكىللەر بۇ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغاندىن كېيىن، باش كاتىپنىڭ ئورنىنى ئالاھىدە كۈچەيتىشنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە، مەركىزى كومىتېت ھەيئەتلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق رەئىسنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ ئازايتىش ئىمكانىغا ئېرىشىدۇ. مۇستاپا چوقاي ئوغلى بىلەن ئوسمان غوجا ئوغلىغا ئوخشىغان ئىككى تارىخىي شەخس رەئىسلىك تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىشتا ھەرقانچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ئۇتۇقىنى ئۆزلىرىنىڭ ئابرۇيىنى ساقلاپ قېلىشتىن نېرىغا ئۆتەلمىگەن بىر ئۇتۇق دەپ قاراشقا بولاتتى. مەركىزى كومىتېتتا پەقەت ئورتا ئاسىيالىقلارلا ھوقۇق تۇتالايدۇ دېيىلگەن بەلگىلىمە بولسا، بىر مەنىدە زەكى ۋەلىدى مىسالىغا ئوخشاش ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشنىڭ بىر چارىسى دەپلا قاراش مۇمكىن ئىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىقىنىڭ يالغۇز ئورتا ئاسىيالىقلارغىلا تەۋە بۆلىشى كېرەك دېگەن ماددىسى بىلەن ئورتا ئاسىيا چېگراسىنى بەلگىلەشتە، بۇرۇنقىسىغا ئوخشىمايدىغان يېرى باشقىردىستاننى سىرتتا قالدۇرغىنى بولۇپ، بۇلارمۇ زەكى ۋەلىدىنىڭ مۇئامىلىسىگە بېرىلگەن بىر جاۋاب ھېسابلىناتتى. ياۋروپادا نەشرىياتچىلىقنى باشلاش ھەققىدىكى قارار بولسا، سىياسىي پائالىيەتلەرنىڭ ياۋروپاغا كۆچۈرۈلىدىغانلىقىنىڭ بىر ئىشارىتى ئىدى. دېگەندەك، ئىيۇن ئېيىدا كاپكازىيە كومىتېتى ۋەكىللىرىگە قارىتا ئىستانبۇل ساقچىسى تەرىپىدىن ھەرىكەت قوللانغانلىقى، تۈركىيەدىكى سىرتقى تۈرك كۈرەشچىلىرى ئۈچۈن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى ئېھتىمال بولغان قىيىن كۈنلەرنىڭ سىگنالى بولۇپ قالغان ئىدى.

«ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلى
قۇرۇلتاي يېپىلغاندىن كېيىن پارىژغا قايتىپ بارغان مۇستاپا چوقاي ئوغلى، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ چىقىرىلىدىغان يېڭى ژۇرنالنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىۋېتىدۇ. ئۆكتەبىردە گېرمانىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى بىلەن بىر قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ ژۇرنالنىڭ ھۈلىنى سېلىۋالىدۇ. بۇ يىغىندا قوبۇل قىلىنغان قارار بويىچە ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرلىك ۋەزىپىسى مۇستاپا چوقاي ئوغلىغا تاپشۇرۇلىدۇ.329 ژۇرنالدا ئىشلەيدىغان قالغان ئەزالار، ياش ئورتا ئاسىياچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ باش كاتىپى ئىبراھىم ئارىفخان (يارقىن) بىلەن ئاسپراتورىيە ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەن ئابدۇلۋاھاپ (ئوكتاي) قاتارلىقلارغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئىستانبۇل قۇرۇلتىيىدا قوبۇل قىلىنغان قارارغا بىنائەن، ژۇرنال كونا يېزىق بويىچە چاغاتاي شېۋىسىدە چىقىرىلىدىغان بولۇپ، ژۇرنال ئىسمىمۇ “ياش ئورتا ئاسىيا” دەپ بېكىتىلىدۇ. ژۇرنالنىڭ چىقىش ۋاقتى 1929- يىلىنىڭ ئاخىرىغا بېكىتىلىدۇ. قۇرۇلتاي خاتىرىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ژۇرنالنىڭ پۈتۈن  چىقىملىرى چوقاي ئوغلى خىزمەت ئىشلەپ پرومېتې ھەرىكىتىنىڭ مەنبەلىرىدىن ئايرىلىدىغان قىلىنغان ئىدى.
(رەسىم ئورنى)
ياش ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانى
(ئەسلى ئورىگىنال ژۇرنال مۇقاۋىسىدىكى چاغاتايچە يېزىقلارنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر كونا يېزىقى بويىچە كۆچۈرۈلۈشى تۆۋەندىكىچە − ئۇ.ت)
ياش توركستان
توركستان ملى استقلال فكريگە خدمت ايتوچى ايلق مجموغەدر
باش مھررى: چوقاى اوغلى مستفى
يل: 1       1929 دېكابىر      سان: 1
بۆ ساندە:
سياسى بولم:
1- بزنڭ يول
2- باشقارمادن
3- توركستاندە پاختە اترافندە كورەش. چوقاى اوغلى مستفى
    4- چار مينسترى قريووشەين نك توركستان پاختەچيلگيگە نزرى. بىر توركستانلى
5- ساويت روسيە «جنتيدەن» اولاق. التاى نويان
ادبى بلم: «توركستان» ماغجاندەن
«ياپراقلر» چولپاندەن
توركستان خبرلەرى:
قازاغستاندە − توركمەنستاندە – اوزبيكستاندە331
ياش ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانى، بۇرۇن تۈزۈلگەن پىلان بويىچە 1929- يىلىنىڭ دېكابىر ئېيىدا نەشردىن چىقىدۇ. ژۇرنال مۇقاۋىسىغا “ئورتا ئاسىيا پىكرىگە ياردەم قىلغۇچى ئايلىق ژۇرنال” (ئەسلى نۇسخىسىدا “ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىستىقلال فىكرىگە خىزمەت ئەيتۇچى ئايلىق مەجمۇئەدىر” دەپ يېزىلغان. − ئۇ.ت) دېگەن جۈملە قوشۇلغان ئىدى. كەينى مۇقاۋىسىدا بولسا فرانسۇزچە ئورتا ئاسىيا مىللىي ھەرىكىتىنىڭ نەشرى ئورگىنى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ئىدى. ئالاقىلىش ئۈچۈن مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ پارىژ- نوگېنت رايونىدىكى ئۆيىنىڭ ئادرېسى بېرىلگەن ئىدى. بۇ ژۇرنال بېرلىندا بېسىلىپ تۇراتتى. ئەمما مەسئۇل مۇدىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكى بىلەن باسمىخانا ئادرېسى بېرىلمىگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىكى يىللاردا “مۇستاپا چوقاي ئوغلى ياش ئورتا ئاسىيا مەجمۇئەسىنى ت م ب دىن ئايرىم ئۆز ئىلىكىدە تۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ ئۆز ئادرېسىنى بېرىش چارىسىدىن پايدىلانغان” دەيدىغان گەپ- سۆزلەرگە قارىتا، چوقاي ئوغلى بېرلىندىكى ياشلارنىڭ ھېچقايسى ئۇ ۋاقىتتىكى شارائىتلاردا ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغانلىقىنى، ھەتتا بىرەر پوچتا ئادرېسى ئۈچۈن بولسىمۇ ئىلتىماس قىلىشتىن قورققانلىقتىن، ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئادرېسىنى بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
ژۇرنالنىڭ نەشرى قىلىش ئىشلىرىغا ئاساسىي جەھەتتىن ئالغاندا ئابدۇلۋاھاپ ئىساق ئوغلى (ئوكتاي) بىلەن ئىبراھىم ئارىفخان ئىككىسى يېتەكچىلىك قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. ئىساق ئوغلى مېدىتسىنا دوختۇرى بولۇپ، دارماستادت شەھىرىدە گىنېكولوگىيە كەسپى بويىچە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىدا ئىدى. ياش ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلىدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگىنىدىن كېيىن، 1930- يىلىنىڭ فېۋرال ئېيىدا بېرلىنغا كۆچۈپ كېلىۋالىدۇ. ئۇ كۆچۈپ كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا ژۇرنال چىقىرىش ئىشلىرىنى تاھىر شاكىر (چاغاتاي) ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ تۇرغان ئىدى.
ژۇرنالنىڭ تۇنجى سانىنىڭ كىرىش سۆز قىسمى مۇنداق باشلانغان ئىدى:330
بىز ئورتا ئاسىيا مۇستەقىلچىلار ئېلىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ۋەتىنىمىز ئورتا ئاسىيانىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز. … ئورتا ئاسىيالىقلار ئۈچۈن ماڭىدىغان بۇنىڭدىن باشقا يول يوق، باشقا يولمۇ بولماسلىقى كېرەك. … بىز ھازىر موسكۋانىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان مىليونلىغان ئورتا ئاسىيالىقنىڭ پەقەت بەكلا ئاز بىر قىسمىنى تەشكىل قىلماقتىمىز. … خەلقىمىزنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق تەلەپلىرىنى مەزمۇنىنى ئۆزگەرتمەستىن ۋە كۈچىنى كېمەيتمەستىن ياش ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلى ۋاسىتىسىدا ئۇقتۇرالىساق، بىز ھەممىمىز ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمىز ئۈستىدىكى ۋەزىپىمىزنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئورۇندىيالىغان بولىمىز. … ياش ئورتا ئاسىيا ئۇنچىلىك چوڭ ھەجىملىك بىر مەجمۇئە ھېسابلانمايدۇ. ئەمما ئازاد ۋە مۇستەقىل ئورتا ئاسىيا بايرىقىنى كۆتۈرۈپ لەپىلدىتىپ ماڭغاندەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۆشنىسىگە ئالغان، بۇ يولدا كۈرەش قىلىش جەريانىدا چوقۇم كۈچىيىپ بارالايمىز. … بىزنىڭ غايىمىز، ئورتا ئاسىيادا  جۇغراپىيىلىك ھەمدە مەنىۋى جەھەتتە بىر مىللىي دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى پەقەت شۇ ۋاقىتتىلا خەلقىمىز ئۆز ۋەتىنىدە ئۆز تەقدىرىگە ئۆزلىرى تولۇق ئىگىدارچىلىق قىلالىشى مۇمكىن. بىز يۇرتىمىزدىكى ۋە مۇھاجىردىكى ۋەتەنداشلىرىمىز بىلەن دوستلىرىمىزدىن ئازاد ۋە مۇستەقىل ئورتا ئاسىيا غايىسى يولىدىكى كۈرىشىمىزگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھەقىقەتەن ئون يىل داۋاملىشىدىغان دەۋر ئىچىدە ياش ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلى چەتئەلدىكى ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ سىياسىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشتەك ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر ۋەزىپىنى ئورۇنداپ كېلىدۇ. ھەر سانى تەخمىنەن 40 بەت ئەتراپىدا بولغان بۇ ژۇرنال، بىر قانچە بۆلۈمدىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى. سىياسىي بۆلۈمىدە ئاساسەن مۇستاپا چوقاي ئوغلى تەرىپىدىن يېزىلغان بىر باشماقالە بىلەن ھەرخىل ئاپتورلارنىڭ ئورتا ئاسىيا، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا ئىدى. ئەدەبىي بۆلۈمىدە بولسا، ئاساسەن ئورتا ئاسىيالىق داڭلىق شائىرلارنىڭ كۈچلۈك مىللىي ھېسسىياتقا ئىگە شېئىرلىرى ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى. ئۇندىن باشقا يەنە ئورتا ئاسىيانىڭ يېقىنقى زامان تارىخى بىلەن تۈرك مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردىن تەشكىل تاپقان ماقالىلەرمۇ ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى.
ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، «ياش ئورتا ئاسىيا» يالغۇز ئورتا ئاسىيادىكىلا ۋەزىيەتلەرنى ئەمەس، ئۆز ۋاقتىدا يەنە پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ۋەزىيەتلەرنىمۇ ئىنتايىن دىققەت بىلەن كۆزىتىپ بارغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سوۋېت سىياسەتلىرىنى دەل ۋاقتىدا ھەمدە كەڭ دائىرىلىك تەنقىدلەپ كەلگەنلىكى كۆرۈلمەكتە (مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ ماقالىلىرىدە كۆرسىتىپ ئۆتكەن مەنبەلەر تەتقىق قىلىنغىنىدا، ياش ئورتا ئاسىياچىلار «پراۋدا» بىلەن «ئىسكرا» غا ئوخشاش سوۋېت ئىتتىپاقى گېزىتلىرى بىلەن بىرگە يەنە «پراۋدا ۋوستوكا»، «زا پارتىيۇ»، «سوۋېتىسكايا ستېپ»، «كازاكىستانكايا پراۋدا»، «ئاقچۆل»، «ئەڭبەكچى»، «قازاق»، «قازاق ئەدەبىياتى»، «قىزىل ئۆزبېكىستان»، «يېڭى فەرغانە»، «ئازاد بۇخارا»، «بۇخارا پرولىتارىياتى»، «شەرق ھەقىقىتى»، «كېڭەش ئورتا ئاسىياى»، «تۈركمەنىسكايا ئىسكارا»، «تۈركمەنىستان»، «قىزىل يۇلتۇز»، «ئاۋازىي تاجىك»، «رەھبىرىي دانىش» قاتارىدىكى ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە بېسىلىدىغان گېزىتلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئوقۇپ تۇرىدىغانلىقى مەلۇم. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).332 1930- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ياۋروپادا كۈنسايىن يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان ئۇرۇش خەۋىپى سەۋەبىدىن، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بىلەن خەلقئارالىق سىياسەتلەر ھەققىدىكى ماقالىلەرمۇ ئېلان قىلىنىشقا باشلىنىدۇ.
خەۋەرلەر بۆلۈمىدە بولسا، ئورتا ئاسىيادىن كەلگەن خەۋەرلەر، ئافغانىستان، ھىندىستان، ئەرەب ئەللىرى، تۈركىيە ۋە ياۋروپادا تۇرۇۋاتقان مۇھاجىر ئورتا ئاسىيالىقلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر بېسىلىپ تۇراتتى. بۇ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن، ياش ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلى تېز ۋاقىت ئىچىدىلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىگە تارقىلىپ كەتكەن ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلار ئارىسىدا ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى ھالىغا ئايلىنىدۇ.
مۇستاپا چوقاي ئوغلىدىن باشقا ماقالە يازىدىغان يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تەخەللۇس ياكى مەخپىي بەلگىلەرنى ئىشلىتىپ ماقالە ئېلان قىلىپ تۇرىدىغانلىقى مەلۇم (تاھىر چاغاتاي ياش ئورتا ئاسىيادا “چاغاتاي” دەپ، تاھىر شاكىر، ھەسەن تۇرسۇن “تاشپالتا” ۋە “تۆمۈرئوغلى” دېگەندەك ناملاردا ماقالە ئېلان قىلىپ تۇرغان؛ ئابدۇلۋاھاپ ئوكتاي بولسا “ئابدۇلۋاھاپ”، “جانەي”، “توقتامىشئوغلى” دېگەندەك ئىسىملارنى ئىشلىتىپ كەلگەن. تۈركىيەدىكى ت م ب چىلاردىن دوكتور سالىھ ئەركىنقول ماقالىلىرىنى “ئىلتەر” دەپ، تەۋەككۈل ئابدۇللازادە بابۇر “تۇيغۇن” دەپ ۋە ئەخمەت نائىم ئۆكتەم بولسا “ئە.ن” دېگەندەك ئىمزا بىلەن ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىشقان. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). ژۇرنالنىڭ يىللىق مۇشتەرى ھەققى 2 دوللار، ھەر سانى 20 سېنت قىلىپ بەلگىلەنگەن.
«ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلى نەشر قىلىنىشى بىلەن تەڭ، بەزى يېڭى مەسىلىلەرمۇ بىرلىكتە كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. مۇستاپا چوقاي ئوغلى، ئابدۇلۋاھاپ ئىساق ئوغلى، تاھىر شاكىر ئۈچى يېڭى ژۇرنال ئەتراپىدا زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىپ ئۈچ كىشىلىك گۇرۇھ شەكىللەندۈرۈشكە باشلايدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ ئۈچ كىشىلىك گۇرۇھقا سابىر ئىبراھىممۇ قوشۇلىدۇ. بۇ ئەھۋال، گېرمانىيەدىكى ياش ئورتا ئاسىيا گۇرۇپپىسىنىڭ قالغان ئەزالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاشقا باشلايدۇ. ژۇرنالنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنى ئىلىكىدە تۇتۇپ كەلگەن چوقاي ئوغلى، تەھرىرات رەھبەرلىكى بىلەن ژۇرنال مەزمۇنىنى بەلگىلەشتە ئاساسەن ئۆزى خالىغىنىچە ھەرىكەت قىلاتتى. ياش ئورتا ئاسىيا گۇرۇپپىسىدىكى باشقا ئەزالار مەيلى ئىقتىسادىي مەنبەنى باشقۇرۇشتا بولسۇن ياكى تەھرىرات يېتەكچىلىكىدىكى ژۇرنالنىڭ مەزمۇنىنى بەلگىلەيدىغان ئىشلاردا بولسۇن ت م ب گېرمانىيە شۆبىسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا بۆلىشى كېرەك دېگەن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ھەقتە قارار ئېلىشىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە، مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ يازغان خەتلىرىدە تاھىر بىلەن ئابدۇلۋاھاپ ئەپەندىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى بىۋاسىتە شۆبە بىلەن مەسلىھەتلىشىشى لازىم دېگەن تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى.333 ئەپسۇسكى، بۇ تۈردىكى تىرىشچانلىقلاردىن قىلچە نەتىجە چىقمايدۇ. چوقاي ئوغلىنىڭ گېرمانىيە شۆبىسى رەھبەرلىكى بىلەن مەسلىھەت قىلماسلىقى سەۋەبىدىن، ياش ئورتا ئاسىيا گۇرۇپپىسى ئىچىدىكى بۆلۈنۈش توختىماي ئېغىرلىشىدۇ.

ئەزەربەيجان مىللىي ھەرىكىتى بىلەن ئىدىل- ئۇرال ھەرىكىتى ئىچىدىكى ھادىسىلەر ۋە ت م ب گە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى
ئورتا ئاسىيا مىللىي بىرلىك ھەرىكىتى ئىچىدە كۆرۈلگەن بۇ تۈر زىددىيەت ۋە تالاش- تارتىشلارغا ئوخشايدىغان ھادىسىلەر باشقا تۈركىي گۇرۇپپىلار ئىچىدىمۇ كۆرۈلمەكتە ئىدى. بۇ تەشكىلاتلار ئۆزئارا ئورتاق بىرلىكسەپ تەشكىل قىلىپ پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلە تەبىئىي ھالدا قالغان تۈرك گۇرۇپپىلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتەتتى. شۇنداق بولغاچقا، 1929- يىلقى قۇرۇلتايدىن باشلاپ كەڭ كۆلەملىك ئۆزگىرىش قىلغان ت م ب، ئۇزۇنغا قالماي بىر سەپتىكى تەشكىلاتلار ئارىسىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنىڭ تەسىرىدىن ئۇلارمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق نېسىۋىنى ئالىدۇ. بولۇپمۇ ئەزەربەيجان تۈركلىرى بىلەن ئىدىل ئۇرال تۈركلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەر، ت م ب ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا كۆز قاراش ئوخشىماسلىقلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يېڭى تالاش- تارتىشلارنىڭ پەيدا بۆلىشى ئۈچۈن پۇرسەت تەييارلايدۇ.
1929- يىلى، ئەزەربەيجان مىللىي ھەرىكىتى نۇقتىسىدىن ئالغاندىمۇ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىناتتى. بۇ ھەرىكەتنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلىنماس يېتەكچىسى بولغان سابىق باش جۇمھۇرى ۋە كاپكازىيە كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولغان مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادىگە قارشى تۇنجى قېتىم بىر ئۆكتىچىلەر ھەرىكىتى باشلانغان بولۇپ، ئەزەرى تۈركلىرى ئىچىدە ئېغىر پارچىلىنىشلار كېلىپ چىقماقتا ئىدى. ئەسلىدە، بۇ تۈردىكى بۆلۈنۈشلەر كونا ھېسابنىڭ يېڭىدىن ئوتتۇرىغا تۆكۈلۈشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.
1917- يىلىدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا، ئەزەربەيجان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلگەن مۇساۋات پىرقىسىدىكىلەر بىلەن تۈرك فېدېراتسىيىچىلەر پىرقىسىدىكىلەر شۇ يىللىرى بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي چاقىرىپ بىرلەشكەن ئىدى. مۇھاجىرەتتە «يېڭى كاپكازىيە» ژۇرنىلى ئېتىراپىغا يىغىلىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان گۇرۇپپىلار، «يېڭى كاپكازىيە» ژۇرنىلىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىنىستىرلار كابىنېتىنىڭ قارارى بويىچە پېچەتلىۋېتىلگەندىن كېيىن بۆلۈنۈشكە باشلىغان ئىدى. رۇستەبەيلى بىلەن ناقى شېخ زامانلى ئىككىسى، رەسۇلزادىغا قارشى تەشكىللەنگەن بۇ گۇرۇپپىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئىدى.334
(رەسىم ئورنى)
ياش ئورتا ئاسىياچىلار: سولدىن باشلاپ تاھىر چاغاتاي، مۇستاپا چوقاي ئوغلى ۋە ئابدۇلۋاھاپ ئوكتاي. 1935.3.15، بېرلىن. (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)
رەسۇلزادە، «يېڭى كاپكازىيە» ژۇرنىلى پېچەتلەنگەن ۋاقتىدا، يەنى 1929- يىلىنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن «ئەزەرى تۈرك» بىلەن «ئوتلۇق يۇرت» دېگەن ئىككى ژۇرنالنى چىقىرىشقا باشلىغان ئىدى. بۇ جەرياندا كۈتۈلمىگەن بىر ۋەقە يۈز بېرىدۇ. شۇ يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئىستانبۇل سىياسىي ساقچىلىرى، چەت دۆلەت ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر پاش قىلىش ماتېرىيالى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادە بىلەن سەئىد شامىلنىڭ ئۆيىنى تۇيۇقسىز باستۇرۇپ ئاختۇرىدۇ ھەمدە قولغا چۈشۈرگەن بارلىق ھۆججەتلەرنى مۇسادىرە قىلىدۇ. مۇھاجىرلار ئىچىدە بۇ قېتىملىق پاش قىلىش ئىشى رەسۇلزادىگە ئۆكتىچىلىك قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قىلغان ئىشى دەيدىغان گەپ- سۆزلەر تارقىلىشقا باشلىغان ئىدى. دۆلەت تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان بۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆي ئاقتۇرۇش ۋەقەسى نەتىجىسىدە ھەر ئىككىلا مۇھاجىر يېتەكچى تۈركىيەدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. رەسۇلزادە چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلىكىگە قارىماي، كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەدىكى شەفىبەيچىلىك دەپ نام ئالىدىغان ئۆكتىچىلەر ھەرىكىتىگە قارشى پائالىيەت قىلىش ئىرادىسىدىن يانمىغان ئىدى. ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان ھالدا بارلىق بىرلىكسەپ مىللىي ھەرىكەت تەشكىلاتلىرىغا بۇ ئۆكتىچىلەر گۇرۇپپىسىغا قارشى ئىپادە بىلدۈرۈشلىرى كېرەك دەيدىغان بىر تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.335 ت م ب ئەزالىرىنىڭ بىر قىسمى بۇنداق بىر ئىپادە بىلدۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى، ئۇلار تۈركىيەلىكلەرنىڭ بۇ تالاش- تارتىشلىرىغا قارىتا بىتەرەپ تۇرۇشلىرى كېرەك دەيدىغان قاراشتا چىڭ تۇرماقتا ئىدى. ئەمما رەسۇلزادە پرومېتې سېپى ئىچىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇۋالماسلىق كېرەك ئىدى. مۇستاپا چوقاي ئوغلى ت م ب مەركىزى ھەيئىتىگە يازغان بىر پارچە خېتىدە، ت م ب نىڭ بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشكە بىۋاسىتە ئارىلىشىپ قالماسلىقى لازىملىقىنى، پرومېتې فرونتىدىكى بارلىق گۇرۇپپىلار بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا قارىتا سىياسىي جەھەتتە ت م ب تەركىبىدە «ئوتلۇق يۇرت» گۇرۇپپىسىغا تەۋە كىشىلەرنىڭ، يەنى رەسۇلزادە بىلەن ئوخشاش كۆزقاراشتا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
چەتئەلدىكى تۈرك گۇرۇپپىلىرى ئارىسىدا تالاش- تارتىشقا سەۋەب بولغان يەنە بىر مەسىلە، ئىدىل ئۇرال تۈركلىرىنىڭ «مىللىي يول» نامىدىكى نەشر ئەپكارىدا ئىشلەتكەن “تۈرك- تاتار” ئىپادىسىنىڭ ئېنىقلىمىسى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئاياز ئىساقى باشلامچىلىقىدىكى ئىدىل ئۇرال گۇرۇپپىسىدىكىلەر سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدە قالغان تۈركىلەرگە قارىتا شۇ چاققىچە ئىشلىتىپ كېلىنگەن رۇسىيە تۈركلىرى دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا تۈرك- تاتار سۆزىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كەلمەكتە ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا ياش ئورتا ئاسىيا گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئارىسىدا بۇنداق ئاتىلىشقا نارازى بولىدىغانلار كۆرۈلمەكتە ئىدى. بۇ تۈر كىشىلەر تۈرك- تاتار ئاتالغۇسى تۈركلەر ئوتتۇرىسىدا پارچىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارىشاتتى. بۇ مەسىلە، گېرمانىيەدىكى ياش ئورتا ئاسىيا گۇرۇپپىسى بىلەن ت م ب مەركىزى ئوتتۇرىسىدا يېزىلغان ئالاقىلەردە مۇنداق ئىپادىلەنمەكتە ئىدى:
قالغان تۈرك قوۋملىرىنىڭ پىكرىنى ئالماي تۇرۇپ ئىشلىتىلگەن بۇ ئېنىقلىما ئورتا ئاسىيالىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، «مىللىي يول» بۇ ئاتالغۇنى ئومۇمىي يۈزلۈك ماقۇل كۆرۈلگەن بىر ئېنىقلىما دەپ ئوتتۇرىغا قويماقتا. تۈرك- تاتار ئېنىقلىمىسى قۇۋۇم بىلەن ئۇرۇقداشلىق مەسىلىسىنى گەۋدىلەندۈرگەن. تاتارلارنى ئايرىم بىر قوۋم دەپ قاراش ئىپادىلەنمەكتە. شۇڭا بۇنداق ئېنىقلىما بېرىشنى قوبۇل قىلالمايمىز. ت م ب نىڭمۇ بۇ ھەقتە بىر قارارىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.
پىكىر ئىختىلاپلىرى بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئىدىل- ئۇرال گۇرۇپپىسىدىكىلەر ھەر ئىككىلا ھەرىكەتنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى ھەققىدە بىر تەكلىپ سۇنغان ئىدى. 1929- يىلقى ت م ب قۇرۇلتىيىدا بۇ تەكلىپنىڭ رەت قىلىۋېتىلگەنلىكىگە قارىماي، مۇستاپا چوقاي ئوغلى بىلەن ئاياز ئىسھاقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارغانسېرى يېقىنلىشىپ كېتىشى،336 ئورتا ئاسىيا ھەرىكىتىنىڭ ئىدىل ئۇرال تەسىرى ئاستىدا قېلىش ئېھتىمال ئۈستىدىكى غەم- ئەندىشىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەبچى بولماقتا ئىدى. يۈز بەرگەن بۇ بىر قاتار پىكىر ئىختىلاپلىرىغا قارىماي، ھەر ئىككىلا ھەرىكەتنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى ئورتاق قانات يايدۇرۇلۇپ، نەشرى ئەپكارلارمۇ بېرلىندا ئوخشاش بىر مەتبەئەدە بېسىلىپ كەلمەكتە ئىدى (ئاياز ئىساقى يىراق شەرق سەپىرىگە مېڭىشىدا، مۇستاپا چوقاي ئوغلى ئىمزاسى بىلەن ئورتا ئاسىيا مىللىي بىرلىكىگىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ دەيدىغان بىر تونۇشتۇرۇش بېرىلگەن ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).

«يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنال مەسئۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئوسمان غوجا ئوغلىنىڭ تەشكىلدىن ئايرىلىشى
«ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ ياۋروپادا نەشرى قىلىنىشقا باشلىشى، شۇ كۈنگىچە ت م ب نىڭ ئاۋازى بولۇپ كېلىۋاتقان يېڭى ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلىنىڭ تەسىرىنى بەكلا ئازايتىۋېتىدۇ. ئەسلىدىنلا لاتىنچە ھەرپتە بېسىلىشقا باشلىغىنىدىن كېيىن ژۇرنالنىڭ تۈركىيە سىرتىدىكى ئورتا ئاسىيالىقلارغا تارقىتىش ئىمكانىمۇ يوق دېيەرلىك ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي ئۇ يىللىرى تۈركىيەدە بېسىلىۋاتقان تاشقى تۈرك ژۇرناللىرىنىڭ سانى بەكلا ئاز بولغانلىقى سەۋەبىدىن («يېڭى ئورتا ئاسىيا»، «ئوتلۇق يۇرت»، «بىلدىرىش» قاتارلىق ئاز ساندا ژۇرنال چىقىۋاتقانلىقى ئۈچۈن) بۇ ژۇرناللار تۈرك جامائەتچىلىكى ئارىسىدىكى تارقىلىش دائىرىسى كېڭىيىپ خېلى چوڭ تەسىر كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. 1930- يىللىرى تۈرك دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك نەشرى قىلىنىۋاتقان تۈركىيە مەنبەلىك بىردىن بىر ژۇرنال، تۈرك ئوچاقلىرىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان «تۈرك يۇردۇ» ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، سىرتىدىكى تۈركلەرنىڭ ژۇرناللىرى تۈركىيەدە بۇ ساھەدىكى چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى.
مۇستاپا چوقاي ئوغلى «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىغا مەركەزلىشىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن، «يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ باشماقالىلىرى ئاساسەن ئالغاندا ئوسمان غوجا ئوغلى تەرىپىدىن يېزىلماقتا ئىدى. 1930- يىلىنىڭ باشلىرىدا بۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە شېئىر ت م ب مەركىزى كومىتېتىدا يېڭىدىن ئىچكى سۈركىلىشلەرنىڭ پەيدا بۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئوسمان غوجا ئوغلى تەرىپىدىن يېزىلىپ 27- سانىدىكى باشماقالىنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ شېئىر، تۆت مىسرادىن تۈزۈلگەن بىر كۇپلېتلا شېئىر ئىدى. بۇ شېئىر، ئۇ ۋاقىتلاردا تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا نەشرى قىلىنىۋاتقان ژۇرناللارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۇچراپ تۇرىدىغان نۇرغۇنلىغان يازغۇچىلار تەرىپىدىن يېزىلىۋاتقان بىر تېما ھەققىدە يېزىلغان بىر شېئىر ئىدى. “ئىستىقبال” دەپ ئىسىم قويۇلغان بۇ شېئىردا غازى مۇستاپا كامال مەدھىيىلىنىدىغان مۇنۇ مىسرالاردىن تۈزۈلمەكتە ئىدى:337
ئىلگىرىلەيمىز ساڭا ئۇلۇغ ئىستىقبال،
يېتەكچىمىز غازى مۇستاپا كامال.
بايرىقىمىز جۇمھۇرىيەت، غايىمىز خەلقچىللىق،
باقى قالار مەڭگۈ بۇ غايىمىز.
بىر قارىماققا بەكلا نورمال كۆرۈنگەن بۇ تۆت مىسرالىق شېئىر، ت م ب مەركىزىدە قاتتىق تالاش- تارتىش ۋە تەنقىدلەرنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. بۇ ھەقتە ياۋروپا ۋاكالەتچىسى مۇستاپا چوقايئوغلى، باش كاتىپ مەجدىدىن دەلىلگە مۇنداق خەت يازىدۇ:
ئابدۇللا تەۋەككۈلگە «يېڭى ئورتا ئاسىيا» نىڭ 27 (15) نىچى سانىغا مۇناسىۋەتلىك نارازىلىقىمنى ئەۋەتتىم. ئۇنى ئوسمان غوجا ئوغلىغا تاپشۇرۇپ بېرىڭ. 26- سان بىلەن 27- سانلارنى ت م ب نىڭ نەشرى ئەپكارى دېگىلى بولمايدۇ. … ئەخمەت زەكى ۋەلىدى “ئوسمان غوجا ئوغلى ئەنقەرەگە خۇشامەت قىلىپ شېئىرلار يازماقتا، شۇڭا ئۇنى رەئىسلىكتىن ئېلىپ تاشلاش كېرەك” دېسە ئىشەنمىگەن ئىكەنمەن. … بىزنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان دوستلۇقىمىز باشقا بىر ئىش، … مەن پرومېتې ژۇرنىلىنىڭ 28- سانىدىكى ماقالەمدىمۇ بۇ توغرىلىق توختالغان ئىدىم. … تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك بىر دۆلەت ھالىغا كېلىشى ھەقىقەتەن مۇھىم ئىش، ئەمما غازىنى رەسمىي داھىيمىز دەپ يېزىش ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى تۈركىيەنىڭ بايرىقى ئاستىغا كىرگۈزۈپ قويغانلىق بولىدۇ. بۇنداق قىلىش پۈتۈنلەي خاتا. مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادىنىڭ پرومېتېدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدىمۇ بۇنداق قاراش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. … باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سىياسىي جەھەتتىن ئالغاندا تۈركىيە بىزنىڭ داۋايىمىزغا قەتئىي ئارىلاشمايدۇ. … بىزنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىز مۇستاپا كامالنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەمەس، بەلكى ئۆز مىللىي كۈچلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
تۈركىيەنىڭ دۈشمەنلىرى مۇستاپا كامالغا پانتۈركىست كۆز قارىشى بار، بارلىق تۈركلەرنى بىر بايراق ئاستىغا يىغىشقا تىرىشماقتا دەپ بوھتان قىلىشلىرىغا قارىتا بىز بۇ يەردە قارشى كۈرەش قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئەمما ت م ب نەشرى ئەپكارى «ئىستىقبال» شېئىرىنى ئېلان قىلىپ يۈرمەكتە. ئەمدى تۈركىيەنىڭ دۈشمەنلىرى بۇ دېگەنلىرىگە پاكىت قىلىپ بۇ شېئىرنى كۆرسىتىپ تۇرۇۋالسا بىز ئۇلارغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىمىز؟ شۇڭا ئوسمان غوجا ئوغلىنىڭ خوجايىنلىقىدىكى بۇ ژۇرنالنى ھەرگىز ت م ب نەشر ئەپكارى دەپ ئېيتالمايمىز.
يۇقىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن جۈملىلەر، ئۇ دەۋرلەردە مۇھاجىردىكى تۈرك يېتەكچىلىرىنىڭ تۈركىيەگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەش جەھەتتىن ئالغاندا بەكلا قىزىق ئىدى. ئۆز تەۋەسىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تۈركىيەنى ئەڭ پايدىلىق بىر كۈچ دەپ قاراپ تۇرۇقلۇق،338 يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيەنى بۇنىڭ ئۈچۈن ئانچە مۇھىم ھېسابلانمايدىغان بىر ئامىل دەپ قاراشماقتا ئىدى. ئۇلار، بولۇپمۇ تاشقى دۇنيادىن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېلىش ئېھتىمال بولغان پان تۈركىزم بوھتانلىرى يالغۇز يېڭى قۇرۇلغان ياش تۈرك دۆلىتىگىلا ئەمەس، ئۆز داۋالىرىغىمۇ زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى تونۇپ يىتەلىگەن ئىدى. يۇقىرىدا ئىپادىلەشكەن سىياسىي مۇئامىلە، بىر ژۇرنال چىقىرىش قارارىغا كېلىشكەن 1927- يىلقى قۇرۇلتايدا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، نەشر قىلىنماقچى بولغان نەشرى ئەپكارى تۈركىيەنىڭ ئىچكى- تاشقى سىياسەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنى قەتئىي باسمايدۇ دەپ بەلگىلىگەن ئىدى. ئەخمەت زەكى ۋەلىدىنىڭ باش مۇھەررىرلىك قىلغان ۋاقىتلىرى بىلەن كېيىنكى 7 ئاي بويىچە بۇ بەلگىلىمىگە ئەستايىدىل رىئايە قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. تۇنجى قېتىم 26- سانىدا جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىقتىسادىي سىياسىتى نەتىجىسىدە تۈرك لىراسى ئەنگلىيە پۇلى ئالدىدا قىممىتىنى ئۆستۈرەلىگەنلىكى ھەققىدە بىر خەۋەر بېسىلغان ئىدى. مۇستاپا چوقاي ئوغلى 26- ساننىمۇ ت م ب نەشرى ئەپكارى دەپ قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ دېيىشىنىڭ سەۋەبى شۇ ئىدى. 27- سانىغا بېسىلغان شېئىر بولسا سەۋرىنى تاپشۇرغان ئەڭ ئاخىرقى سەۋەب بولۇپ كۆرۈنمەكتە ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى سانلىرىدا تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە ئورۇن بېرىلگەنلىكى، ت م ب ئىچىدىكى ئەكس تەسىرىنىڭ تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنىڭ بېرىلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى بېرىلگەن خەۋەرلەرنىڭ تەرەپ تۇتۇپ تۇتمىغانلىقى بىلەن مەدھىيىلىگۈچى بولۇپ- بولمىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى.
يۈز بەرگەن بۇ ھادىسىلەر بىلەن بىرلىكتە، 1929- يىلقى قۇرۇلتايغا سۇنۇلغان راسخوت پىلانىدىن ئارتۇق خەجلەنگەن قىسمى ھەققىدە ھېسابات تولۇق بېرەلمىگەنلىكى، ژۇرنال ساھىبلىقىنى ئۈستىگە ئالغان ئوسمان غوجا ئوغلى ھەققىدە ئېغىر تالاش- تارتىشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا ئىدى. ژۇرنالغا ئاجرىتىلغان چىقىمنىڭ بەلگىلەنگەندىن ئارتىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن پۇل مەنبەسى يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ژۇرنالنىڭ نەشرى قىلىنىشى ئاقساشقا باشلايدۇ. پرومېتې تەرەپ، ژۇرنال چىقىرىشقا يېتەرلىك دەرىجىدە پۇل ئاجرىتىلىپ ت م ب گە ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ئەمما ئەۋەتىلگەن پۇلنى ژۇرنال چىقىرىشتىن باشقا شەخسى خىراجەتلەر ئۈچۈن خەجلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىقتىسادى مەنبە قىيىنچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تەكىتلىشىپ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ماددىي مەنبەلەرنى نامۇۋاپىق ئىشلارغا ئىشلىتىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ژۇرنال چىقىرىش ئىشىنى ئاقسىتىپ قويغانلىقى ئوسمان غوجا ئوغلى رەھبەرلىكىگە قارشى كۈچلۈك بىر ئۆكتىچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. 1929- يىلقى قۇرۇلتايدىن بۇيان ژۇرنال ساھىبلىقىدىن ۋاز كەچمەسلىك ئۈستىدە قاتتىق چىڭ تۇرۇۋالغان غوجا ئوغلى، كۈندىن- كۈنگە ئارتىپ كېتىۋاتقان بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي، 1930- يىلى مارت ئېيىدا «يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ ساھىبى بولۇش ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئېچىلغان مەركىزى كومىتېت يىغىنىدا، دەسلەپكى يىللاردىكىگە ئوخشاش ژۇرنال رەھبەرلىكىنى ئىككىگە بۆلۈش قارار قىلىنىدۇ.339 بۇ يىغىندا ئېلىنغان قارارغا ئاساسەن، ژۇرنال خوجايىنلىقىغا ناسىر ھەكىمزادە، مەسئۇل مۇدىرلىكىگە دوكتور مەجدىدىن دەلىل تەيىنلىنىدۇ.
مەركىزى كومىتېت يىغىنىدا ئوسمان غوجا ئوغلى ژۇرنال ئىگىسى بولۇش ھوقۇقىنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە ماقۇل كەلگىنىگە قارىماي، كېيىن گېپىدىن يېنىۋېلىپ خوجايىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشتىن باش تارتىپ تۇرۇۋالىدۇ. چوقاي ئوغلىنىڭ باش كاتىپ مەجدىدىن دەلىل ئەپەندىگە ئەۋەتكەن خەتلىرى بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ھەققىدە بىرەر چارە تېپىشقا كىرىشكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە:
ئىستانبۇلدىكى دوستىمىزغا خەت يازغان ئىدىم، ئۇ ماڭا “نېمە ئۈچۈن ئوسمان غوجا مەسىلىسىنى بۇرۇن ماڭا دېمىڭلار؟” دەپ يېزىپتۇ. “بۇ بىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىز، ئۇ خاتالىقىنى تۈزىتىپ كېتەلەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدۇق” دېدىم. … گاۋران ھاجىغا بىرلىشىش مەسىلىسى ھەققىدە ئېيتقان ئىكەن. مەن “ئوسمان غوجا رەئىس ياكى ژۇرنال خوجايىنى بولۇشقا لاياقىتى يوق. بەك بولۇپ كەتسە بەلكى مەركەزنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىلىلا بولالىشى مۇمكىن. بۇنىڭ شەرتىمۇ ت م ب كىرىم- چىقىملارغا مۇناسىۋەتلىك كېمىيىپ كەتكەن قىسمىنى تولۇقلاپ بەرگىنىدىن كېيىنلا مۇمكىن بولىدىغان ئىش” دەپ ئېيتتىم. … يېڭىدىن نەشر قىلىنىدىغان ژۇرنال ئۈچۈن، گۆكلاپنىڭ «خەلققە يۈزلىنىش» نى چىقارغىنىغا ئوخشاش، بىزمۇ مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتىمىز. شۇڭا «يۇرتىمىزغا» دەپ ئاتىشىمىز مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.
(رەسىم ئورنى)
ئوسمان غوجا ئوغلى ت م ب نىڭ ياش ئەزالىرى بىلەن بىرگە
سولدىن باشلاپ: ئوسمان غوجا ئوغلى (ئولتۇرغىنى)، تەۋەككۈل بابۇر، دوكتور سالىھ ئەركىنقول (ئوتتۇرىدا ئۆرە تۇرغىنى)، زاھىت ئۆزبۇلاق ۋە مەجدىدىن دەلىل. ئىستانبۇل، 1931- يىلى 27- سېنتەبىر. (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)
(رەسىم ئورنى)
دوختۇر سالىھ ئەركىنقول بىلەن دوكتور مەجدىدىن دەلىل ئورتا ئاسىيادا چىققان گېزىتلەرنى كۆزەتمەكتە. ئىستانبۇل، 1930
(ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)341
بۇ خەتتىن قارىغاندا، ئوسمان غوجا ئوغلى ژۇرنال خوجايىنلىقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىشىدىن باش تارتىش ئېھتىمالغا قارشى يېڭى بىر ژۇرنال چىقىرىشقا تۇتۇش قىلغانلىقى كۆرۈلمەكتە. دېگەندەك، مەجدىدىن دەلىل 1930- يىلى 10- فېۋرال كۈنى ئىستانبۇل ۋالىيلىقىغا «يۇرتقا تەلپۈنۈش» دېگەن نامدا بىر ژۇرنال چىقىرىش تەلىپى بىلەن ئىلتىماس سۇنىدۇ. قارىغاندا بۇ ئۇرۇنۇشلار ئوسمان غوجا ئوغلىنى ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋېلىشىنىڭ پايدىسى يوقلۇقىغا ئىشەندۈرۈش جەھەتتە بىر ئىشقا يارىغاندەك كۆرۈنمەكتە ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار ئۆزئارا كېلىشىپ، ژۇرنالنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ناسىر ھېكىمزادە بىلەن مەجدىدىن دەلىلگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. يېڭى توختام بويىچە باشماقالىلار بۇرۇنقىغا ئوخشاش يەنىلا ئوسمان ئەپەندى تەرىپىدىن تەييارلىنىدىغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، «يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلى سەككىز ئاي توختىتىلغاندىن كېيىن 1930- يىلىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا، 28- سانى بىلەن قايتىدىن نەشرى قىلىنىشقا باشلاندى. بۇ جەرياندا ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىدىمۇ زور ئۆزگەرتىش قىلىنغان بولۇپ، «يېڭى ئورتا ئاسىيا» دېگەن ئىسىم ئاستىغا “ئورتا ئاسىيا مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەش كۆزقاراشلىرى بويىچە پائالىيەت قىلىدىغان ئايلىق مەجمۇئە” دېگەن سۆز قوشۇلىدۇ. كەينى مۇقاۋىسىدا ژۇرنال ئىسمىنىڭ ئاستىغا فرانسۇزچە “ئورگانې دې دېفېنسې ناتىئونالې دۇ تۈركېستان” (ئورتا ئاسىيا مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئاۋازى − ئا.ھ. ئىزاھاتى) دېگەن سۆزلەر قويۇلىدۇ. شۇ ۋاقىتقىچە مەخپىي تۇتۇشقا تىرىشىپ كېلىنگەن ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاقىنىڭ «يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەنە شۇ شەكىلدە ئاشكارا ئېلان قىلىنغان ھېسابلاندى. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ ۋاقىتلاردا تۈركىيەدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگە زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. 1930- يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا ئاتاتۈرك كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈمنى يولغا قويۇش قارارىنى ئالغان بولۇپ، يېقىن دوستى فەتھى ئوقيار يېتەكچىلىكىدىكى «ئەركىن جۇمھۇرىيەت پىرقىسى» نى قۇرغۇزغان ئىدى. بۇ پارتىيە تېز ئارىدا كۈچىيىپ، ئۆكتەبىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك سايلامدا كۈتكىنىدىنمۇ ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشىدۇ. يېڭى پارتىيىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ مەملىكەت بويىچە لىبېراللىشىش ۋە دېموكراتىيەگە كۆچۈش جەھەتىدە ئىنتايىن ئۈمىدۋار بىر مۇھىت بارلىققا كەلمەكتە ئىدى.340 ت م ب رەھبەرلىرىمۇ ئەنە شۇ ئۈمىدۋارلىق مۇھىتى ئىچىدە، «يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاقى ھەرىكىتىنىڭ ئاۋازى بولىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش پۇرسىتى يېتىپ كەلدى دەپ قارار قىلىشىپ، ژۇرنال مۇقاۋىسىنى ئۆزگەرتىشكەن ئىدى.
1930- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگىنىدە، ھىزىپ نامى ئاستىدا ئىتتىپاقلاشقان ياش ئورتا ئاسىيالىقلار ت م ب رەھبەرلىكىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈن ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ بولغان ۋەزىيەتتە ئىدى. ھىزىپ گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىسى مەجدىدىن دەلىل، ت م ب نىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسى بىلەن بىرگە ئورتا ئاسىيا تۈرك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىكىنىمۇ ئۈستىگە ئالغان ئىدى. بۇ ئىككى تەشكىلنى تەڭ باشقۇرۇپ كېتەلەيدىغان ھالغا كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بىرىگە ئايلانغان ئىدى. قۇرۇلتايدا رەئىسنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى چەكلەش قارارى ئېلىنغاندىن كېيىن، «يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ ساھىبى بولۇش سالاھىيىتىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان ئوسمان غوجا ئوغلى بۇ ئەھۋاللاردىن بەكلا نارازى ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكى ياشلارنىڭ تەسىر كۈچىنى تەڭشەپ تۇتۇش مەقسىتىدە زەكى ۋەلىدى تۇغان بىلەن قايتىدىن يارىشىش يولىغا كىرىشىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆز ئالدىغا بىر باشقىرت مەركىزى تەشكىل قىلىش سىنىقىدا بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن زەكى ۋەلىدى، ئورتا ئاسىيا ۋە ئەزەربەيجاننى تونۇش جەمئىيىتىنىڭمۇ پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرالماس ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى سەۋەبىدىن، بۇرۇنقى ئائىلىسىگە − يەنى ت م ب قوينىغا قايتىپ كېتىشنى ئويلاپ يۈرگەن ئىدى. ئەمما ئىككى نەپەر سابىق يېتەكچى تەرىپىدىن تەييارلانغان بۇ كونا ئۇۋىسىغا قايتىپ كېلىش ھەرىكىتى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. يەنى، ۋەلىدىنىڭ قايتىدىن ئەزا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئوسمان غوجا تەرىپىدىن مەركىزى كومىتېتقا سۇنۇلغان تەكلىپ، “ھەرقانداق بىر سەۋەب بىلەن تەشكىلدىن چىقىرىلغان ئەزالار پەقەت ئومۇمىي قۇرۇلتاي قارارى بويىچە قايتا تەشكىل قوينىغا قايتىپ كېلەلەيدۇ” دەيدىغان نارازىلىق پىكىرلىرى بىلەن رەت قىلىۋېتىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، زەكى ۋەلىدىنىڭ ت م ب قوينىغا قايتىپ كېلىشىنىڭ بارلىق يوللىرى توسۇلۇپ،342 ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاقى گۇرۇپپىسى بىلەن زەكى ۋەلىدى تۇغاننىڭ يوللىرى قايتا بىر يەرگە كېلەلمەس ھالىغا كېلىدۇ.

ۋارشاۋا- ئستانبۇل- تېھران يولىدىكى پائالىيەتلەر

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-7-15 17:53:35 | ئايرىم كۆرۈش

ۋارشاۋا- ئستانبۇل- تېھران يولىدىكى پائالىيەتلەر
ئىران بىلەن ئافغانىستان تەۋەلىرىگە ۋاكالەتچىلەر ئەۋەتىش ھەمدە بۇ جايلاردا شۆبىلەرنى قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسىنى ت م ب ئۇزۇندىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەر ئىككىسىدىلا نۇرغۇن ساندا ئورتا ئاسىيالىق ياشىماقتا ئىدى. ئەسلىدە ت م ب ھەرىكەتلىرىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ كېلىۋاتقان كۈنلەردىن باشلاپلا بۇ رايونلاردا تەشكىلات نامىدا پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئادەملىرى بار ئىدى. ئەمما بۇ كىشىلەرنى بىر تەشكىل ئېتىراپىغا يىغىش، ئۇلارنى تەشكىلاتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ھالغا كەلتۈرۈش لازىم بولماقتا ئىدى. بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغان ت م ب مەركىزى ھەيئىتى، ئۇ جايلاردىن يېڭى كەلگەن ھەمدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەر ئىككىسىدىلا مۇناسىۋەتلىرى بولغان ئابدۇللا تەۋەككۈلنى (ئابدۇللا تەۋەككۈل بابۇر، 1882- يىلى تاشكەنتتە تۇغۇلغان بولۇپ، مەدرىسە ئوقۇشىدىن كېيىن تاشكەنت يەسەۋى مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. مىللىي پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن ئۇرۇسلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە قامالغان. كېيىن تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ ئافغانىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە بېرىۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ يۈرگەن كۈنلىرىدە، ئەنگلىيەلىكلەر تەرىپىدىن ھىندىستاندا قولغا ئېلىنىدۇ. ئون ئايدەك قامىلىپ ياتقىنىدىن كېيىن ئافغانىستانغا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. ئۇ يەردىن ئىران ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىۋالىدۇ. ت م ب مەركىزى كومىتېت ئەزاسى ۋە ت م ب نىڭ شەرق ۋاكالەتچىلىكى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. ئىستانبۇل قەندىللى رەسەتخانىسىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، نۇرغۇنلىغان كىتابلارنى تەرجىمە قىلغان. 1976- يىلىنىڭ 14- ئاپرېل كۈنى، 94 يېشىدا ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) ۋاكالەتچى قىلىپ ۋەزىپىگە تەيىنلەش بەلگىلىنىدۇ. ت م ب نىڭ بۇ ئىشى پرومېتې ھەرىكىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ۋاكالەتچىلىرى تەرىپىدىنمۇ يېقىندىن كۆزىتىلمەكتە ئىدى. ت م ب مەركىزى كومىتېتىنىڭ 11- ئاپرېل مۇزاكىرە يىغىن خاتىرىلىرى بۇ ئەھۋالدىن ئوچۇق مەلۇمات بەرمەكتە:
دۈپچى ئەپەندىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن شەرق ۋاكالەتچىمىز بولغان تەۋەككۈل بابۇر ئەپەندى بىلەن ئوسمان ئەپەندى ئىككىسى باش ئەلچىنى زىيارەت قىلىشقا بارغان ئىدى. ئوسمان ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:343 “دۈپچى ئەپەندىنىڭ شەرق ئەللىرىگە ۋەزىپىگە تاللانغان تەۋەككۈل ئەپەندى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈش ئارزۇسىغا بىنائەن بىرلىكتە باردۇق. … ئافغانىستان بىلەن ئىران ھەققىدە، ئۇ جايلاردا قىلىنىدىغان ئىشلار ھەققىدە مەلۇمات سورىدى. مەيلى تەۋەككۈل ئەپەندىگە ياكى ئۇنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا بەكلا مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتىپ مۇۋەپپەقىيەت تىلەپ، يېقىندا جاۋابىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىزنى خاتىرجەم قىلدى. كۆرۈۋېلىشقا بۆلىدىكى، بىزنىڭ دوستلىرىمىز بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە ئىدى. قىسقىسى، ئىنتايىن ياخشى تەسىر قالدۇرۇپ ئەلچىخانىدىن ئايرىلدۇق.”
بۇ كۆرۈشۈشتىن بىرەر ئايدەك ۋاقىت ئۆتكەندە ئېچىلغان يەنە بىر قېتىملىق يىغىندا، بۇ نۆۋەت دۈپچە ئەپەندى بىلەن مەجدىدىن دەلىل ئەپەندى كۆرۈشكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ۋارشاۋادىكى مەركەز بۇ تەكلىپنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىكىنى، ئەمما بۇ مەسىلە ئۈچۈن ئايرىم پۇل ئاجرىتىش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى، شۇنداق بولغاچقا بۇ پىلاننىڭ راسخوتىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ت م ب مەنبەلىرىنىڭ ياردەم بېرىشىگە تايىنىپ ھەل قىلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلەشكەن. يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان، پولشا ئەلچىلىك خادىملىرى ئارىسىدا پرومېتې تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكى ئېھتىمالغا بەك يېقىن بولغان دۈپچە ئەپەندىنىڭ ئەسلى ئىسمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ۋە نېمە ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئەلچىخانىدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاش ئىمكانى بولمىدى. ت م ب ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى يېزىشقان خەتلەردە، پولشالىق ئالاقە ئورنىتىلغان كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل ئىسىملار تىلغا ئېلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ھاجى گاۋران دېگەن كىشى ئىدى. مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ بەزى خەتلىرىدە بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىلەر يېزىلغان ئىدى:
دوستلىرىمىز ھاجى گاۋراننىڭ خەۋىرى بولماي تۇرۇپ ھېچقانداق ئىشقا قول تىقالمايدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. يولدا ھاجى گاۋران بىلەن كۆرۈشتۈم.
دوستىمىز ئۇدشىشما، بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە قازا تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىستانبۇلدىكى ھاجى گاۋراننىڭ ۋاكالەتچىسى دۈپچى ئەپەندى قويۇلغان ئىدى.
بۇ خەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ئىستانبۇلدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل خادىم بولۇپ ھاجى گاۋران ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ت م ب بىلەن ياكى كاپكازىيە كومىتېتى بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغان كىشى بولسا ئۇنىڭ مۇئاۋىنى دۈپچى ئەپەندى ئىدى. بۇ ئىسىملار راستىنىلا ئۆز ئىسىمىمۇ ياكى مەخپىي ئىسىممۇ، كېسىپ ئېيتقىلى بولمىدى (ت م ب ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يېزىشقان مەكتۇپلىرىدا ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتالغان بىردىن بىر پولەك پرومېتې مەسئۇلى ئادەم كاۋالسىيزك ئىدى. ئۇ كىشى 1930- يىللىرى پولشانىڭ بېرلىندىكى ھەربىي مەسلىھەتچىسى ۋەزىپىسى بىلەن تۇراتتى. ئۇ، پرومېتې تەشكىلاتىنىڭ گېرمانىيەدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋەت باغلاشقا مەسئۇل ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
ت م ب تەرىپىدىن قوبۇل قىلغان قارارلىرىغا ئاساسەن، تەيىنلەنگەن شەرق ۋاكالەتچىسى ئۈچۈن ۋەزىپىسىنى بىلدۈرىدىغان تونۇشتۇرۇش قەغىزى بىلەن بىرگە، ت م ب نىڭ غايىلىرى ھەم يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان بىر تونۇشتۇرۇش دوكلاتى تەييارلانغان ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە خەت ئالاقە ئىشلىرىنى مەقسەت قىلىپ ئىران بىلەن ئافغانىستاندىكى داڭلىق ئورتا ئاسىيالىقلار ئۈچۈن بىر مەخپىي بەلگە سىستېمىسىمۇ تەييارلانغان ئىدى. شەرق ئىشلىرى ۋاكالەتچىسى ئابدۇللا تەۋەككۈلنىڭ مەخپىي ئىسمى “تۇرسۇن” ئىدى. مۇپتى سەدرىدىن “تۆمۈر”، شەرىپ غوجى “تويچى”، شىرمۇھەممەت ئەپەندى “شاھرۇھ” دېگەندەك مەخپىي ئىسىملارنى قويىۋالغان.
يېڭىدىن رەتكە سېلىشلار نەتىجىسىدە ت م ب ئىچىدە ھاكىم ئورۇنغا ئېرىشكەن مەجدىدىن دەلىل، ياۋروپادىكى ھەرقايسى تەرەپ كىشىلەر بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەت تىكلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەمدە ت م ب تەرىپىدىن يولغا قويۇلۇش پىلانلانغان لايىھىگە ياردەم تەلەپ قىلىش مەقسىتىدە ئىيۇن ئېيىدا ياۋروپاغا بارىدۇ. بېرلىندا ياش ئورتا ئاسىيا گۇرۇپپىسى بىلەن سۆھبەتلەر ئۇيۇشتۇرغاندىن كېيىن، مۇستاپا چوقاي ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپ ۋارشاۋاغا بارىدۇ. تۈركىيەگە قايتىپ كەلگىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ھىزىپ گۇرۇپپىسىنىڭ 26- ئىيۇل كۈنىدىكى يىغىن خاتىرىلىرىدىن قارىغاندا، مەجدىدىن دەلىل ۋارشاۋادىكى ئۇچۇرۇشۇشلار ھەققىدە مۇنداق خاتىرە قالدۇرغان:
ۋارشاۋادا يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل كىشىلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە:
ـ شەرق ۋاكالەتچىلىكىنىڭ پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ماددىي ياردەم تەلەپلىرى مەسىلىسىدە تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا خەت يازىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى؛
ـ «يېڭى ئورتا ئاسىيا» بىلەن «ياش ئورتا ئاسىيا» ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇل ئاجرىتىلىشى توغرىسىدىكى تەلەپ بىلەن «ياش ئورتا ئاسىيا» نىڭ ئايلىق ژۇرنالغا ئۆزگەرتىلىشى ھەمدە ئۇنى تېخىمۇ كۆركەملىك بىر شەكىلدە چىقىرىلىشى مۇزاكىرە قىلىندى؛
ـ پائالىيەتلىرىمىز ئۈچۈن فونت تەشكىللەش مەسىلىسى مۇۋاپىق كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ھازىرچە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانى يوق؛
تالىپلىرىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ دۆلىتىدە ئوقۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى؛
ـ ۋارشاۋادا ۋاكالەتچى تۇرغۇزۇش مەسىلىسى، بىر قىسىم خەتەرلەرنى كۆز تۇتۇپ بۇ ئىشنى ئېھتىيات قىلغان ھالدا قوبۇل قىلىدىغان بولۇشتى.
بۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، پرومېتې رەھبەرلىكى، ت م ب نىڭ ئىران بىلەن ئافغانىستان تەرەپلىرىدە قانات يايدۇرماقچى بولۇۋاتقان پائالىيەتلىرىگە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەم قىلىدىغان بولغان. ئەمما بۇ مەسىلە ئۈچۈن ئايرىم بىر فونت تەشكىل قىلىش مەسلىھەتىگە ئۇنچە بەك قىزىقمىغان. شۇنىڭدەك يەنە ت م ب نىڭ ۋارشاۋادا رەسمىي بىر ۋاكالەتخانا قورۇش تەلىپىنىمۇ مۇۋاپىق كۆرمىگەن. بۇنىڭ سەۋەبى ئېھتىمال پولشا ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھەرىكەتلەرنى رەسمىي قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقانلىقى ياكى ئۇلارغا يول كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلىندۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەنلىكىدىن قوشۇلمىغان بۆلىشى مۇمكىن.

شەرق ۋاكالەتچىسى پەيدا قىلغان بوھران
شەرق ۋاكالەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن ئابدۇللا تەۋەككۈل (تۇرسۇن) ماي ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەرزۇرۇم (تۈركىيەنىڭ شەرقىدىكى بىر شەھەر − ئۇ.ت) ئارقىلىق ئىرانغا كىرىدۇ. تېھران بىلەن مەشھەتتە ھەر خىل مۇناسىۋەت باغلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان تۇرسۇن، ئەۋەتكەن خەتلىرىدە قىلغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى بېرىدۇ:
1930- يىلى ئىيۇننىڭ 17- كۈنى ھاجى ئاتانىڭ (بىر ئېھتىمالدا ئىراندىكى پرومېتې ۋاكالەتچىسى ياكى بولمىسا پولشا باش ئەلچىسى كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقان بۆلىشى مۇمكىن − ئا.ھ. ئىزاھاتى) مۇئاۋىنى دوختۇر بىلەن سۆزلەشكەن ئىدىم. نەتىجىدە ھاجى ئاتا دۆلىتىگە قايتىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ مۇئاۋىنى مەكتۇپلارنى ھۇزۇرى پوچتىسىغا قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمىدى. ئامالسىزلىقتىن باشقا ئىشەنچلىك دوست تېپىپ ئۇزۇن دوكلاتلىرىمنى تېھراندىن ئەۋەتىۋېتىپ مەشھەتكە قايتتىم. … مەشھەتتە تەلىيىم ئوڭدىن كېلىپ، 2 ئايدا پۈتىدىغان ئىشنى بىر ھەپتىدىلا پۈتتۈرۈۋالدۇق. ئاشخابادتىن كەلگەن ئىككى كىشى سەرھادقا (چېگراغا) كەتكەن ئىدى. ئىچكى تەرەپتىن رۇسىيە ماللىرىدىن ئېلىپ كېلەلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قولىغا دەستۇر (رۇخسەت قەغىزى) تۇتقۇزۇپ تىجارەت ھەيئىتى قىلىپ يولغا سالدىم. مەشھەتتە مۇپتى ماڭا ھەمراھ بولۇپ يۈردى. 15- سېنتەبىرگىچە ئىچكى تەرەپكە ئەۋەتىلگەن ئادەملىرىمنى ساقلىماقتىمەن.
تۇرسۇننىڭ ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگىنىدىن كېيىن ت م ب مەركىزى ئۈچۈن تەييارلىغان دوكلاتى، يۇقىرىقى شىفىرلىق خەتنى ئاساسى جەھەتتىن يېشىپ بەرمەكتە. 1931- يىلىنىڭ 5- فېۋرال كۈنى يېزىلغان بۇ دوكلاتقا قارىغاندا، تۇرسۇن مەشھەتتە ئىشلەۋاتقان ت م ب ھەيئەت ئەزاسى مۇپتى سەدرىدىن رەئىسلىكىدە «شەرق يۇلتۇزى» نامىدا بىر شۆبە قۇرۇپ چىققان. بۇ شۆبىنىڭ قالغان ئەزالىرى قوقانلىق ئابدۇكېرىم مىڭ بېشى بىلەن ئانا مۇھەممەت، قۇل ئەرشى بىلەن بەردى تات ئوغلى ئىسىملىك تۈركمەن مۇجاھىتلىرىدىن تەشكىل تاپماقتا. بۇ شۆبە، چېگراغا يېقىن جايدىكى تۈركمەن گۇرۇپپىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ، تۈركمەنىستان تەرەپلەرگە رازۋېتچىكلار يوللىغان. بۇ رازۋېتچىكلارنىڭ ئېلىپ چىققان مەلۇماتلىرى، يېتەرلىك دەرىجىدە قورال ۋە پۇل ياردىمى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغىنىدا تۈركمەنىستان تەۋەسىدە بىر قوزغىلاڭ پارتلىتالايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ت م ب نىڭ يېڭى قۇرۇلغان مەشھەت شۆبىسى، ئىران- سوۋېت چېگرا بويىدىكى تۈركمەن قەبىلىلىرى بىلەن ئىرانغا قېچىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان مۇساپىرلار ئىچىدە پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان ئىدى.
تۇرسۇن، بۇ مەلۇماتلار يېزىلغان دوكلاتىنى ت م ب مەركىزىگە، بىر نۇسخىسىنى پرومېتې ھەرىكىتىگە يول كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرق ئىشلىرى بۆلۈمى رەئىسلىكىگە ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدى. ئوتتۇرىدا ئۆزئارا يېزىشقان خەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئىراندىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پرومېتې مەسئۇلىغىمۇ ھاجى ئاتا دېگەن مەخپىي ئىسىم قۇيۇلغان ئىدى. بۇ مەسئۇل كىشىنىڭ پولشاغا كېتىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ مۇئاۋىنى ھېسابىدىكى ئەلچىخانا خادىمى بۇ دوكلاتلارنى ئىستانبۇلغا ئەۋەتىپ بېرىشىگە ۋاسىتىچى بولۇش ئىشىغا قىزىقمىغان. بۇ ئەھۋالدا، تۇرسۇن تۈركىيە ئەلچىخانا خادىمى بولغان ئەلىزادە ئىسىملىك بىر كىشى ۋاسىتىچىلىقى ئارقىلىق دوكلاتلىرىنى تۈركىيەگە ئەۋەتەلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ت م ب ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا يېزىشقان خەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىراندىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ۋاسىتىسى ئارقىلىق قىلىنغان بۇ ئىشلار، ئەلچىخانىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ شەخسى تەشەببۇسى بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ت م ب نىڭ ئىراندىكى پائالىيەتلىرىدىن تۈركىيە دۆلىتى رەسمىي خەۋەردار ئەمەس ئىدى. ئۇ يىللىرى ت م ب نىڭ مەشھەت ۋاكالەتچىسى بولۇپ تۇرۇۋاتقان مۇپتى سەدرىدىن بىلەن تېھراندىكى تۈركىيە باشئەلچىسى مەخمۇت شەۋكەت ئەسەندال ئوتتۇرىسىدا تا بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا، ئىتتىھات تەرەققىي ۋاقىتلىرىغا ئۇزىغان بىر مۇناسىۋىتى بار ئىدى. شۇڭا، ت م ب ۋاكالەتچىلىرى تۈركىيە باش ئەلچىخانىسى بىلەن ئەركىن مۇناسىۋەت باغلاپ تۇرىدىغان شارائىتقا ئىگە ئىدى. شەرق ۋاكالەتچىسى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن دوكلات ت م ب مەركىزى تەرىپىدىن تەھلىل قىلىنىپ مۇنداق قارار چىقىرىلغان ئىدى:
مەشھەتتە مۇپتى ھەزرەتلىرىنىڭ رەئىسلىكىدە تەشكىللەنگەن شۆبىمىز بىلەن ئۇنىڭ ئەزالىرىنى ت م ب مەركىزى قوبۇل قىلىپ تەستىقلايدۇ. ئەمما شۆبىلەرنىڭ ئايرىم ئىسىم بىلەن ئاتىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ئۈچۈن، “مەشھەت شۆبىسى” دەپلا قوبۇل قىلىنىدۇ. شۆبىنىڭ ئايلىق چىقىمى 100 دوللار قىلىپ بەلگىلەندى.
شۆبە تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن دوكلاتلاردىكى “قوزغىلاڭ باشلاش” پىلانى تار رايون خاراكتېرىدە بولىدىغانلىقى ھەمدە زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان رۇسىيە ئارمىيىسىگە قارشى غەلىبىلىك جەڭ قىلىش ئىمكانىيىتى بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، قايتىدىن نۇرغۇنلىغان ۋەتەن ئەۋلادلىرىنىڭ قۇربان بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى تەبىئىي. بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەر پەقەتلا فرونت سەپداشلىرىمىز (پرومېتې فرونتىنىڭ قالغان ئەزالىرى كۆزدە تۇتۇلماقتا. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) بىلەن ھەمنەپەس بولغان ۋاقتىمىزدىلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدىغان ئىشلار دەپ قارايمىز. شۇڭا، ھازىرچە ت م ب بۇنداق بىر ھەرىكەتكە قاتنىشالمايدۇ.
پوچتا ۋاسىتىلىرى مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ھازىرچە بۈگۈنگىچە پايدىلىنىۋاتقان ئەينى يولنىڭ ئەلىزادە (تۈركىيە ئەلچىخانىسى) ۋاسىتىسىگە تايىنىشنى داۋام قىلدۇرۇش ماقۇللىنىدۇ. ئەگەر بۇ يولدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى بولماي قالغىنىدا، ئۇنچە بەك جىددىي بولمىغان ئەھۋاللاردا دوستلىرىمىزنىڭ (پولشا ئەلچىخانىسى كۆزدە تۇتۇلماقتا. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) ۋاسىتىچىلىقىدىن پايدىلىنىشقىمۇ بولىدۇ. ۋاكالەتچىمىزنىڭ ئافغانىستانغا يولغا چىقىشى ئۈچۈن پۇل تېپىلغۇچە كۈتۈپ تۇرۇشى لازىم.
ت م ب تەرىپىدىن باشلىتىلغان ئىران ھەرىكىتى، پرومېتې ھەرىكىتى نۇقتىسىدىنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىش ئىدى. 1930- يىلغا كەلگۈچە پرومېتې ھەرىكىتىنىڭ تېھران بىلەن ئۇنىڭ نېرىسىغا ئۇزىغان ھېچقانداق بىر ھەرىكىتى يوق ئىدى. يەنە شۇ يىل ئىچىدە، پولشانىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ستانىسلاۋ ھېمپېل، 2- بۆلۈم باشلىقى پولكوۋنىك پېلزيىنسكىگە ئورتا ئاسىياغا قارىتىلغان بىر ھەرىكەت پىلانىنىڭ بارلىقىنى يازغان ئىدى. پولشا- پرومېتې ھەرىكىتى مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن 2- بۆلۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك سىياسىي دوكلاتتىمۇ، ئىستانبۇلدىكى ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاقى كاپكازىيە مۇستەقىللىق كومىتېتى بىلەن بىرگە پائالىيەت قىلىشقانلىقىنى كۆرسىتىپ كېلىپ، ئىتتىپاقنىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتچىسى مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ تېھراندىكى پولشا ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغان بىر مۇناسىۋەت شۆبىسىگە ئىگە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ئىدى.
ئەمما ئىشلار ت م ب نىڭ كۈتكىنىدەك بولمىدى. ئەسلىدە ت م ب نىڭ شەرق ۋاكالەتچىسى تۇرسۇننىڭ ئەۋەتكەن دوكلاتلىرى ۋارشاۋادىكىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ھودۇقۇشنى پەيدا قىلىۋەتكەن ئىدى. سوۋېت چېگراسى تەۋەسىدە قوراللىق بىر قوزغىلاڭ چىقىرىش لايىھىسى، ھەم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرق مەسىلىلىرى بۆلۈمىنى ھەم پرومېتې مەركىزىنى قاتتىق ئەنسىرىتىۋەتكەن، يەنى ئوچۇقراق ئېيتقاندا ئۇلارنى بەكلا چۈچۈتۈۋەتكەن ئىدى. قوراللىق كۈرەشكە تايىنىدىغان بىر ھەرىكەتنىڭ كەينىدە پولشا ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ قالغۇدەك بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئېغىر زىددىيەتلەر ئىچىگە پېتىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا، مۇستاپا چوقاي ئوغلى بىلەن ئالاقىلىشىپ شەرق ئىشلىرى ۋاكالەتچىسىنىڭ دەرھال قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىشتى. چوقاي ئوغلى بىلەن ت م ب مەركىزى ئوتتۇرىسىدىكى خەت- ئالاقىلەر، شۇنىڭدەك تۇرسۇننىڭ ت م ب غا يوللىغان ئەڭ ئاخىرقى دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇرسۇننىڭ قايتۇرۇپ كېلىنىشى ھەققىدىكى پولشالىقلارنىڭ تەلىپىگە دەسلىپىدە ت م ب مەركىزى بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ. بۇ مەسىلە ھەققىدە يازغان بىر پارچە خېتىدە چوقاي ئوغلى مۇنداق دەيدۇ:
تۇرسۇننىڭ ھاجى گاۋراننىڭ تۇغقانلىرىغا (پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرق ئىشلار بۆلۈمىنى دېمەكچى − ئا.ھ. ئىزاھاتى) ئەۋەتكەن دوكلاتىنىڭ تەرجىمىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. تۇرسۇن ئۇ خېتىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش پىلانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانىكەن. دوستلار ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىشنى تەلەپ قىلىشماقتا. تۇرسۇننىڭ بىزگە ئەۋەتكەن دوكلاتى بىلەن دوستلارغا ئەۋەتكەن دوكلاتى بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى ئەمەلدىكى (ۋەزىپىدىكى) كىشىنىڭ نامىغا قارىتىپ ئەۋەتكەن ئىكەن. نەتىجىدە تۇرسۇن بىزگە ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا خەۋەر يوللايدىغان بىرىگە ئايلىنىپ قالغان.
يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارغا قارىماي، ت م ب مەركىزى ھەيئىتى ئىران بىلەن ئافغانىستان رايونىدىكى پائالىيەتلىرىنى توختاتماي قانات يايدۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە چىڭ تۇرماقتا ئىدى. ت م ب مەركىزىنىڭ بۇ تۈر ئىپادىسىگە قارىتا، چوقاي ئوغلى يەنە بىر  خېتىدە مۇنۇلارنى تىلغا ئالىدۇ:
دوستلىرىمىز “تۇرسۇن قايتۇرۇپ كېلىنسۇن” دەپ تۇرۇۋاتقىنىدا بىز بولمايدۇ دەپ تۇرۇۋالساق، ئۇلارنىڭ داۋاملىق ياردەم قىلىشىنى قانداق تەلەپ قىلالايمىز؟
پرومېتې مەسئۇللىرى ت م ب نىڭ تۇرسۇن مەسىلىسىگە بۇنداق سۇس قاراپ كېلىشىنى كۆرگىنىدىن كېيىن قايتىدىن ھەرىكەتكە كېلىدۇ. ئۇلار مۇستاپا چوقاي ئوغلىغا بېسىم ئىشلىتىپ تۇرسۇننى پارىژغا چاقىرتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. خېلى ئۇزۇنغىچە تالاش- تارتىش قىلغاندىن كېيىن، ت م ب مەركىزى تۆۋەندىكىچە قارار ماقۇللاپ ئافغانىستانغا بېرىش ئۈچۈن تېھراندا ساقلاپ تۇرغان تۇرسۇنغا ئەۋەتىدۇ:
مەركەزگە كەلگەن بىر مۇنچە خەتلەرنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، شەرق ئىشلىرى ۋاكالەتچىمىز تۇرسۇن توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە قارارغا كەلدۇق:
شەرق مۇراھھاسىمىزنىڭ ئىشلەش شەكلى ئۇنىڭغا بېرىلگەن ۋەزىپىلەرگە ھەرقانچە مۇۋاپىق كەلگەندەك قىلسىمۇ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھەرقانداق شەكىلدە بولمىسۇن ئوتتۇرىغا قويغان قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش مەسىلىسى ھەمدە بۇ ئىشنى بەكلا ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغانلىقى سەۋەبىدىن ۋەزىيەتنى خەۋپكە قويغانلىقى نەتىجىسىدە، مۇراھھاسىمىز ھەققىدىكى بۇرۇنقى قاراشلىرىمىز باقى قېلىشى بىلەن بىرلىكتە، بۈگۈنكى ئىشنىڭ (ھەر قانچە مۇھىم دەپ قارالغاندىمۇ) بىر مەزگىل ئۈچۈن تەخىر قىلىش بىلەن ئۆزىنىڭ شىفائىي مەلۇمات بېرىشى ئۈچۈن دەرھال مەركەزگە قايتىپ كېلىشى مۇۋاپىق كۆرۈلدى. مۇراھھاسانىڭ قايتىپ كەلگىنىدىن كېيىن ۋەزىيەتكە قاراپ ھەرىكەت قىلىشى ھەمدە مەركەزنىڭ شەرق مەسىلىلىرى ھەققىدىكى بۇرۇنقى قارارىنى قايتا مەۋقەگە قويۇشقا (ئىجرا قىلىشىغا) مۈتتەفىقەن (بىرلىكتە) قارار قىلىشتى. شۇڭا بۇ قارارغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلارغا دەرھال تەبلىغ قىلىنىدۇ.
تۇرسۇن بولسا، ت م ب مەركىزى بىلەن پرومېتې مەسئۇللىرىنىڭ بۇنداق ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىپ قېلىشىنى چۈشىنەلمىگەن؛ نەتىجىدە ئىككىلىنىپ قالغان ئىدى. ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگىنىدىن كېيىن يازغان دوكلاتىدا بۇ ئەھۋاللارنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:
ئىشلىرىم بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرگەن ۋاقتىمدا پارىژغا قايتىپ بېرىشىم تەلەپ قىلىنغان شىفائىي بىر ئەمىر بىلەن بىرلىكتە ت م ب مەركىزىدىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئالدىم. نېمە قىلارىمنى بىلەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن دوستلىرىمىزدىن چۈشەندۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدىم ھەمدە پارىژغا چاقىرىلىشىمنىڭ سەۋەبىنىمۇ سورىدىم. ئاخىرىدا ئەرزۇرۇم يولى ئارقىلىق قايتىپ كەلدىم.

ئاگابېكوۋ ۋەقەسى
بۇ جەرياندا، ت م ب نىڭ شەرق ئەللىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن باشقا بىر ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. گىئورگى ئاگابېكوۋ ئىسىملىك بىر سوۋېت گ پ ئۇ جاسۇسى ئەنگلىيەگە پاناھلىق تىلىگەن بولۇپ، بولۇپمۇ تۈركىيە، ئىران ۋە ئافغانىستاندىكى سوۋېت جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن ئىدى. ئەسلى ئەرمەن بولغان ئاگابېكوۋ، تەخمىنەن 6 يىلدىن بۇيان ئافغانىستان ۋە ئىراندىكى سوۋېت ئىتتىپاقى مەخپىي پائالىيەتلىرىدە ۋەزىپە ئۆتەپ كەلگەن بىر كىشى ئىدى. بۇ ئادەم، ئەنگلىيە دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن قايتۇرۇپ كېتىلگەن كابۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى روسكالىنكوۋنىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن ليونىد ستاركنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەملىرىدىن بىرى ئىدى. پارسچە بىلەن تۈرك لەخچىلىرىنى ئىنتايىن ياخشى سۆزلىيەلەيدىغان جاسۇس بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئاساسەن ئالغاندا ئافغان ئورتا ئاسىياىدىكى مۇھاجىرلار بىلەن ئافغانىستاندىكى باسمىچى يېتەكچىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ۋەزىپىسىگە مەسئۇل قىلىنغان بىر جاسۇس ئىدى. شىمالى ئافغانىستان رايونىدىكى ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېتىشىگە، بولۇپمۇ تۈركمەن گۇرۇپپىلىرى تەرىپىدىن قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان قاراكۈل (ئاستراخان ئەلتېرە كۆرپىسى چىقىدىغان قوي تۈرى − ئۇ.ت) ئەتكەسچىلىكىنى توختىتىش ھەمدە ئاساسلىقى كونا باسمىچى گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىغا زىددىيەت سېلىپ سوۋېت ئورتا ئاسىياىغا قارشى پائالىيەت قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشى ئۇنىڭ ئالدىنقى ئورۇندىكى ۋەزىپىلىرىدىن ئىدى. ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرىغا قارىغاندا، ئافغانىستاندا كەڭ دائىرىلىك بىر جاسۇسلۇق تورى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. مىڭلىغان ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرنىڭ سوۋېتلەرگە قايتىپ كېتىشىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان ئىكەن. ئورتا ئاسىيالىق يېتەكچىلەر ئارىسىغا زىددىيەت سېلىش ئىشىنىمۇ ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇرالىغان ئىكەن.
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئىرانغا ئەۋەتىلىدۇ. بۇ جايلاردىكى ۋەزىپىسى كۈرت ۋە بەختىيارى قەبىلىلىرىنى كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى ئېھتىمال بولىدىغان بىرەر ئۇرۇشتا ئۇلارنى ئەنگلىيەلىكلەرگە قارشى تەشكىللەش ئىدى. ئۇرۇش جەريانىدا بۇ قەبىلىلەر ئەنگلىيە قوشۇنلىرىغا ئارقىدىن زەربە بېرىش، ئەنگلىيەلىكلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان ئىران نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىنى ۋەيران قىلىدىغان ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولاتتى. ئاگابېكوۋ، ئىراندا پائالىيەت قىلىپ تۇرغان ۋاقىتلىرىدا تېھران بىلەن دېھلى ئوتتۇرىسىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئەنگلىيە مەخسۇس ئالاقە ئىشلىرىنى كۆزىتىش ئارقىلىق سوۋېتلەرگە ئۇچۇر يەتكۈزۈپ تۇرىدىغان بىر سىستېما قۇرۇپ چىققان ئىدى. ئەنگلىيەگە پاناھلىق تىلىگەندىن كېيىن دېھلىدە ئۆتكۈزۈلگەن سوراقتا شىفىرلىق مەخسۇس خەتلەرنى قانداق ئېچىپ ئوقۇغانلىقى، كېيىن يەنە قانداق قىلىپ بىلىندۈرمەي چاپلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ دېگەنلىرىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
1928- يىلىنىڭ باشلىرىدا، بىر مەزگىل ستالىننىڭ شەخسى كاتىپى بولغان بورىس باژانوۋ ئىسىملىك بىر سىياسىي بيۇرو كاتىپى، تۈركمەنىستان چېگراسىدىن ئۆتۈپ ئىراندىكى ئەنگلىيە ئورگانلىرىغا تەسلىم بولىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلغىنىدىن بېرى قېچىپ كەتكەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ھېسابلانغان بۇ كىشىنىڭ پاناھلىق تىلىشى، موسكۋا دائىرىلىرىنى بەكلا غەزەپلەندۈرۈۋەتكەن بولۇپ، ھەرقانداق بەدەل تۆلىنىشىدىن قەتئىي نەزەر باژانوۋ ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك دەپ قارار قىلىشقان ئىدى. ئۇنى ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسى ئاگابېكوۋغا تاپشۇرۇلغان ئىدى. ئاگابېكوۋ، بۇ ئىش ئۈستىدە ھەرىكەت قىلىپ يۈرگەن ۋاقتىدا ئەنگلىيەنىڭ قاھىرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر كاتىپقا ئاشىق بولۇپ قېلىپ، باژانوۋ قېچىپ كېتىپ بىر يېرىم يىلدىن كېيىن ئۇمۇ غەرب دۇنياسىغا قېچىپ پاناھلىق تىلەيدۇ. سوراق قىلىنىش ئىشلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەنگلىيەگە بارغان ئاگابېكوۋ، جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرگەن ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلىرىنى « OGPU The Russian Secret Terror» ئىسىملىك بىر كىتابتا ئېلان قىلىدۇ.
سابىق چېكاچى ئاگابېكوۋنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە ئورتا ئاسىيالىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەرمۇ بار ئىدى. بولۇپمۇ داڭلىق باسمىچىلار يېتەكچىلىرىدىن شىر مۇھەممەت بەگ بىلەن فۇزەيل مەخدۇملارغا مۇناسىۋەتلىك بەزى گەپلەرمۇ بار ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە بۇخارا ئەمىرى سەئىد ئالىمخانغا دائىر مەلۇماتلارمۇ بار ئىدى. ياش ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلىدىمۇ ئېلان قىلىنغان گەپلەردىن قارىغاندا، ئاغابېكوۋ ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىللەردە يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ تۆۋەندىكىدەك گەپلەرنى دەيدۇ:
قولغا چۈشۈرگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا شىر مۇھەممەد ئەپەندىنىڭ قولىدا باسمىچىلىق دەۋرلىرىدە ھىندىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تۈزۈشكەن ياردەم ئېلىش كېلىشىمىنىڭ بىر نۇسخىسى بۆلىشى لازىم ئىدى. شۇنداق بولغاچقا شىرمەت قارىغۇ (شىرمۇھەممەد ئەپەندىنىڭ ھەممە كىشى بىلىدىغان لەقىمى شىرمەت قارىغۇ ئىدى) بىزنى بەكلا قىزىقتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ سۆزلىشىشكە باشلىدۇق. ئەمما سۆزلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭدا بۇنداق بىر ھۆججەتنىڭ يوقلىغىنى دەرھال سەزدۇق. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنى (فۇزەيل مەخدۇم بىلەن شىرمەت قارىغۇنى) قولدىن چىقارماي، ئۇلار ئىككىسىنى بۇخارا ئەمىرىنىڭ كەينىگە سېلىپ قويدۇق.
كابۇلدا ئافغانىستان تاشقى ئىشلار نازارىتىدە ئىشلەيدىغان، سابىق تۈرك ئارمىيىسى مۇھاپىزەتچىلىرىدىن بولغان مىرئالاي ھاسان ئەپەندىنى گ پ ئۇ دا خىزمەت قىلىدىغانغا ماقۇل كەلتۈرۈۋالغان ئىدىم. ئۇ ئەنۋەر پاشا بىلەن بىرگە ئىشلىگەن بىرى ئىدى. ئافغانىستانغا بېرىۋېلىپ ئۇ يەردە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئىدى. ئورتا ئاسىيا باسمىچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنى تونۇيتتى. شۇ سەۋەبتىن كابۇلغا كەلگەندە ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشاتتى. باسمىچىلاردىن فۇزەيل مەخدۇممۇ ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالاتتى. ھاسان ئەپەندى ۋاسىتىسىدا فۇزەيل مەخدۇمنى، كېيىن يەنە شىرمەت قارىغۇنىمۇ ئىشىمىزغا سېلىۋالدۇق.
ئاغابېكوۋنىڭ دېگەنلىرىدىن قارىغاندا، سوۋېت دائىرىلىرى شىرمۇھەممەت ئەپەندىنىڭ قولىدا دەپ قارالغان كېلىشىمنامە ئورىگىنالىنى قولغا چۈشۈرۈپ لوندوندا نەشرى قىلىنىۋاتقان زىنوۋيېۋ خەت- چەكلىرىگە قارشى كوزىر قىلىپ پايدىلىنىشنى پىلانلاشقان ئىدى (كومىنتېرىن ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى زىنوۋيېۋنىڭ ئەنگلىيە كوممۇنىستلىرىغا ئەۋەتكەن بىر پارچە خېتى 1924- يىلى لوندون گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنىدۇ. زىنوۋيېۋ بۇ خېتىدە ئەنگلىيە كوممۇنىستلىرىغا ۋەيران قىلىش خاراكتېرىدىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشلىرى ھەققىدە يوليورۇق بېرىلگەن ئىدى. بۇ خەتنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى، ئەنگلىيەدىكى تۇنجى ئىشچىلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقئارالىق سەھنىلەردە قاتتىق تەنقىدلىنىشلەرگە دۇچ كەلگەن ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). بۇخارا ئەمىرىگە مۇناسىۋەتلىك گەپلەر تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ئىدى:
1925- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە مۇنداق ئىككى تۈرلۈك تەكلىپ تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدىم: بىرىنچى تەكلىپ بۇخارا ئەمىرىنىڭ ۋەكىلىدىن كەلگەن ئىدى. ئەمىرنىڭ بۇ تەكلىپىدە بىز بىلەن يارىشىپ قېلىشقا تەييار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق ئىككى تۈرلۈك شەرت قويغان: بىرىنچى شەرت، ئۇنىڭغا تەكائۈت (پېنسىيە مائاشى) بېرىلىشى؛ ئىككىنچى شەرتى بولسا يالغاندىن كۆرسەتمىلىك بولسىمۇ بۇخارانىڭ كىچىك بىر پارچىسىدا ئەمىرلىك ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ماقۇل بولۇش تەلىپى ئىدى. ئەمىر ئافغانىستان ھۆكۈمىتىدىن ئېيىغا 14 مىڭ رۇپىيە مائاش ئېلىپ تۇراتتى. ئەمىر ئۈچۈن ھاكىمىيەت شەرتىنى رەت قىلىپ، مائاش تەلەپ قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشتۇق.
ئىككىنچى تەكلىپ بولسا فۇزەيل مەخدۇمدىن كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ تەكلىپىدىمۇ يا ئەمىرنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ياكى بولمىسا سوۋېت تۇپرىقىغا ئۆتكۈزۈۋېتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. مەن بۇ ئىككى تۈرلۈك تەكلىپنى موسكۋاغا بىرگە ئۇقتۇردۇم. كەلگەن جاۋابتا موسكۋانىڭ ھەرقانداق بىر شەكىلدە سابىق ئەمىر بىلەن سۆھبەت قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، ئىككىنچى تەكلىپكە موسكۋا بىر كۆز قاراشتا ئەمەسلىكى، بۇ مەسىلىگە قارىتا كابۇلدىكى باش ئەلچىنىڭ رازىلىقى بويىچە ھەرىكەت قىلىشىم لازىملىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئىشلار ئۈستىدە باش ئەلچى ستارك بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇمۇ ئاساسەن ئالغاندا بۇ تۈردىكى پىكىرگە قارشى تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئەمىرنى تازىلىۋېتىش ئۈچۈن مۇۋاپىق بىر پۇرسەت كۈتۈش لازىملىقىنى ئېيتتى. بۇ ئىشنى ئافغانىستان بىلەن باشقا دۆلەتلەر سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئەڭ ئاز زىتلىشىپ قالىدىغان پەيتىنى تاللاپ قىلىش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.
ياش ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلى بۇ تۈردىكى گەپ- سۆزلەرنى ئېلان قىلىش بىلەن قالماي، ئاگابېكوۋ بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭ بۇ دېگەنلىرىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىيالايدىغان پاكىتلىرىنىڭ بار- يوقلىغىنىمۇ سورىغان. ئاگابېكوۋ بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ قانداق بىر پاكىت كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. ئەمما دېگەنلىرىنى قەتئىي چىڭ تۇرۇپ تەكرارلايدۇ. ژۇرنال، بۇ مەسىلە ھەققىدە بەرگەن مۇلاھىزىسىنى مۇنۇ جۈملىلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ:
بىز ھەقىقىي ئورتا ئاسىيا مىللەتچىسى بولغان شىر مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن بۇ چېكاچىلار تەرىپىدىن ئۈستىگە ئارتىلغان بوھتانلارنى رەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. قول ئاستىدا زالىملارغا قارشى جەڭ قىلغان مىڭلىغان شېھىتلارنىڭ قېنىمۇ شىر مۇھەممەت ئەپەندىدىن بۇ قارىلاشلاردىن قۇتۇلدۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شىر مۇھەممەت ئەپەندىگە دېگەن يۇقىرىدىكى تەلىپىمىزنى ئەلۋەتتە فۇزەيل مەخدۇمغىمۇ تەكرارلايمىز.
ت م ب رەھبەرلىكى باشتىن تارتىپلا شىر مۇھەممەت ئەپەندىنى بۇخارا ئەمىرىگە ياردەم قىلىپ كەلدى دەيدىغان خاتا قاراشتا بولۇپ كەلگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن غەربكە پاناھلىق تىلەپ كەتكەن ئەرمەنلەردىن بولغان ئاگابېكوۋنىڭ چەتئەللەردىكى ئورتا ئاسىيالىقلار ئوتتۇرىسىغا زىددىيەت سېلىشقا ئۇرۇنۇشلىرىغا ئاسانلا ئىشىنىپ قالغان ئىدى. يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەرگە قارىتا ت م ب نىڭ تۇتقان يولى، بولۇپمۇ شىر مۇھەممەت ئەپەندىگە ئوخشاش مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەش يېتەكچىلىرىگە ئالاھىدە ياردەم قىلغان ئافغانىستان، ھىندىستان قاتارلىق ئەللەردە، ئورتا ئاسىيالىقلار ت م ب گە قارىتا قاراشلىرى ئەكس تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ت م ب مەركىزىنىڭ بۇ ھەقتە خاتا پوزىتسىيىدە بولغانلىقىنى ئوچۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
ئاگابېكوۋ بۇ تۈر مۇناسىۋەتلەر 1925~1926- يىللىرىدا ئورنىتىلغان دەپ ئېيتىدۇ. ئافغانىستاندا بەچچەئىي ساقا ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرغان 1929~1930- يىللىرى، ھەر ئىككىلا باسمىچىلار رەھبىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى يېڭى پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەن ئىدى. فۇزەيل مەخدۇم، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆز ئىسمىنى ھاجى ئابدۇلقادىرغا ئۆزگەرتىپ شەرقىي ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىق كۈرىشىگە قاتنىشىۋاتقان ۋاقىتلاردا تۇڭگانلار تەرىپىدىن ئۇرۇسلارغا تۇتۇپ بېرىلىدۇ. ئۇرۇسلار ئۇنى تاشكەنتكە ئاپىرىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ ئېتىپ تاشلايدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلان قىلىنغان ئەنگلىيە ھۆججەتلىرىدىمۇ شىر مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە قولىدىن كېلىدىغان پۈتۈن چارىلارنى تولۇق ئىشقا سېلىپ باققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، ئاگابېكوۋنىڭ دېگەنلىرى پۈتۈنلەي تۆھمەت سۆزلەر ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ تۆھمەتلىرى پەيدا قىلغان مۈجمەللىك، چەتئەلدە مىللىي ئورتا ئاسىيا ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەر ئىچىدە ئېغىر بۆلۈنۈشلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغىمۇ سەۋەبچى بولدى دېيىشكە بولىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ئاگابېكوۋنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنىمۇ دەل مۇشۇنداق بىر بۆلۈنۈشنى پەيدا قىلىۋېتىش ئىدى.

سوۋېت جاسۇسلىرى ئىستانبۇلدا
1930- يىلى دېكابىردا ت م ب ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، شۇ كۈنگىچە ئىجرا قىلىنغان پائالىيەتلەر بىلەن كەلگۈسىدە قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلەر مۇزاكىرە قىلىندى:
ت م ب 1927- يىلىدىن باشلاپ نەشر قىلىۋاتقان ئىككى مەتبۇئات ئەپكارىغا تايىنىپ چەت دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئورتا ئاسىيالىقلارنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەرىكەتكە كەلتۈرەلىدى دېيەلەيمىز. شۇنداق قىلىپ، مەيلى چەتئەلدە بولسۇن ياكى ۋەتەن ئىچىدە بولسۇن مىللىي غايىلەرنى ئاكتىپ يولغا قويۇپ كېلەلىدى. … شۇنداقتىمۇ ت م ب نىڭ قولغا كەلتۈرگەن بۇ نەتىجىلىرى ئاساسلىقى نەزەرىيە جەھەتتىلا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر بولۇپ، ئەمەلىي ئىجرائەت جەھەتتىكى پائالىيەتلەر بەكلا ئاز بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ مەشھەد بىلەن بېرلىن شۆبىلىرىمىز ۋاسىتىسىدە مۇھىم ئىجرائەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرالىدۇق. … ئەمەلىي ئىجرائەتلىرىمىز ئاساسەن ئالغاندا ئىقتىسادىي ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىش ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ۋەزىپىلەردىن ئىدى. … ئەگەر ماددىي ئىمكانىيەتلەر يېتەرلىك دەرىجىدە تەمىن قىلىنغىنىدا، ت م ب ئورتا ئاسىيالىقلار ياشاۋاتقان بارلىق دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەملىك تەشكىللىنىش پائالىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان بولاتتى. بولۇپمۇ ئافغانىستاندا بۇ تۈر تەشكىللىنىش ئىشلىرى بەكلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. فەيزاباد، خاناباد، مازارىي شەرىف ۋە كابۇل قاتارلىق شەھەرلەردە شۆبىلىرىمىزنىڭ بۆلىشى پائالىيەتلىرىمىزنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولىشى مۇقەررەر.
يىغىن مۇزاكىرىسى ئارقىلىق ت م ب ئورگىنى بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن شەرق ۋە غەرب ئەللىرىدىن ئىبارەت ئىككى پائالىيەت ساھەسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بەلگىلەپ چىقىدۇ. غەربتىكى پائالىيەتلەر ئاساسلىقى سىياسىي ۋە نەزەرىيىلىك پائالىيەتلەرنى ئاساس قىلىشى، شەرقتىكى پائالىيەتلەر بولسا ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى ئاساس قىلىشى لازىملىقى قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەمما ھېسابلاش نەتىجىسىدە بۇنىڭ ئۈچۈن لازىملىق پۇل بەكلا كۆپ بولۇپ، ئۇ كۈنىدىكى ئىقتىسادىي ئىمكانىيەتلەردىن قارىغاندا مۇنچە كۆپ پۇلغا كاپالەتلىك قىلىش خېلى تەسكە توختايدىغان ئىش ئىدى. دېگەندەك، كېيىن يۈز بېرىدىغان ھادىسىلەر بۇ پىلانلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئاساسەن ئىمكانسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
ئۇ يىللىرى ياۋروپا ۋاكالەتچىسى بولۇپ تۇرۇۋاتقان، «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى مۇستاپا چوقاي ئوغلى يازغان ماقالىلەر پولشا (ۋسچود)، ئەنگلىيە (ژۇرنال ئوف دې رويال ئاسىئان سوسيېتي) ۋە ھەر تۈرلۈك فىرانسىيە ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنماقتا ئىدى. چوقاي ئوغلىنىڭ ئۆزىمۇ لوندون، پارىژ، بېرلىن ۋە ۋارشاۋا قاتارىدىكى شەھەرلەرنى ئايلىنىپ ئىلمىي دوكلاتلار بەرمەكتە ئىدى. بولۇپمۇ جەنىۋەدىكى بىرلەشكەن مىللەتلەر مەركىزىدە بەرگەن «ئورتا ئاسىيادىكى مىللىي مەسىلىلەر» ماۋزۇلۇق دوكلاتى ئالاھىدە داغدۇغا پەيدا قىلغان بولۇپ، «لا قۇېسشيون ناتسيۇنال دۇ ئورتا ئاسىيا» دېگەن تېما بىلەن «لا ترىبۇن دې جەنۋە» ژۇرنىلىدا بېسىلىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە قۇددۇستا چاقىرىلماقچى بولغان ئىسلام قۇرۇلتىيىغا ئورتا ئاسىيا ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتنىشىشى ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.
ت م ب نىڭ بۇ تۈردىكى پائالىيەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرىنى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىپ قويماقتا ئىدى. 1930- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا، موسكۋا دائىرىلىرى ئىستانبۇلدىكى ت م ب مەركىزىگە جاسۇس كىرگۈزۈش پىلانىنى تۈزۈشكە كىرىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن خوجەنت تاجىكلىرىدىن بولغان ئەلىجان سادىق ئوغلى ئىسىملىك بىر جاسۇسنى تۈركىيەگە كىرگۈزىدۇ. ئەلىجان تۈركىيەگە كېلىپ ئورتا ئاسىيا تۈرك ياشلار ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ ئۆزىنى سوۋېتلەرگە قارشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان بىر مۇجاھىت دەپ تونۇشتۇرۇپ ئۇلارنى ئىشەندۈرىدۇ. بۇ ئادەم ئوقۇغان بىلىملىك بىرى ئىدى. ياش ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلىغا بىر قانچە پارچە ماقالە يېزىپ بېرىدۇ. بۇ ماقالىلىرىدىن «ئۆزبېكىستاندا كولخوزچىلىق» ماۋزۇلۇق بىر پارچىسى «ياش ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلى» نىڭ 5~6- سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇ تۈركىيەگە كېلىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئىستانبۇلدىكى ئورتا ئاسىيالىقلار ئارىسىدا خېلى ئىشەنچ تۇرغۇزدۇم دەپ قاراپ ئىككىنچى باسقۇچلۇق ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. يەنى پۈتۈن خىيالى ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ت ت گ ب رەھبەرلىرىدىن بۇنىڭ ئۈچۈن كېپىللىك قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. دەل شۇ پەيتلەردە ئىراندىكى ئورتا ئاسىيالىقلاردىن كەلگەن بىر قىسىم خەۋەرلەر ئەلىجان ئۈستىدە بەكلا ئېغىر گۇمانلارنى پەيدا قىلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ باتۇمدىن بىرگە تۈركىيەگە كەلگەن بىر دوستىنىڭ ئېلى ئەكبەر دېگەن يالغان ئىسىم قوللىنىپ يۈرگەنلىكى پاش بولۇپ قېلىپ ئەلىجان ئۈستىدىكى گۇمانلار تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئىستانبۇلدىكى ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ پاش قىلىشى نەتىجىسىدە 1931- يىلى مارتتا ئەلىجان سادىق ئوغلى ئىستانبۇل ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدۇ. ساقچىلارنىڭ سوراق قىلىشى نەتىجىسىدە، سوۋېت دائىرىلىرى چەتئەلدىكى ئورتا ئاسىيالىقلارغا قارىتا ئاخبارات توپلاش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ ئۇ ئىشلار ئۈچۈن بۇ يەرگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئىقرار قىلىدۇ. بۇ، ھەقىقەتەن كىشىنى چۈچۈتىدىغان بىر ۋەقە ئىدى.
ئەسلىدە سوۋېت گ پ ئۇ خادىمى بولغان 27 ياشلىق ئەلىجان سادىق ئوغلى، 1929- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىرانغا ئۆتۈپ ئۆزىنى سوۋېت تۈزۈمىگە قارشى چىققان مۇجاھىتمەن دەپ تونۇشتۇرۇپ، ئىراندىكى خېلى ئىناۋەتلىك بىر ئورتا ئاسىيالىقنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا كىرىۋالغان ئىكەن. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىران ھۆكۈمىتى باشلاتقان “چېكەتكە ئاپىتىگە قارشى ھەرىكەت” گە مۇتەخەسسىسلىك سۈپىتى بىلەن كىرىۋالىدۇ. بۇ ۋەزىپە، ئۇنى ئىراننىڭ بارلىق چېگرا بويلىرىغا، ئىران خۇراسانى رايونلىرىدا ئەركىن ئايلىنىش ھەمدە مەشھەت تەرەپلەردە ياشايدىغان ئورتا ئاسىيالىقلارغا مۇناسىۋەتلىك جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەرگەن ئىدى. ئەلىجاننىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى، پات- پات سوۋېت چېگراسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ سوۋېت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ تۇرۇۋاتقان باسمىچىلار يېتەكچىسى ئاناقۇلىنى يوقىتىش ئىدى. ئەلىجان بۇ ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغاندىن كېيىن تېھرانغا كىرىپ، ئۇ يەردە پائالىيەت قىلىپ يۈرگەن يەنە بىر گ پ ئۇ ئىشپىيونى مەخمۇت ئېزىزخانوۋ بىلەن بىرلىشىپ پائالىيەت قىلىشقا كىرىشىدۇ.
1929- يىلى، ئىراندىكى سوۋېت جاسۇسلۇق تورىنىڭ مۇھىم يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان گيورگى ئاغابېكوۋ ئەنگلىيەلىكلەر تەرەپكە ئۆتۈپ ئۇلاردىن پاناھلىق تىلەيدۇ. بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئاغابېكوۋ بىلەن بىرگە ئىشلىگەن بارلىق جاسۇسلارنى دەرھال قايتۇرۇپ كېتىشكەن ئىدى. بۇ قايتۇرۇلغانلاردىن بىرى دەل ئەلىجاننىڭ باشلىقى مەخمۇت ئېزىزخانوۋ ئىدى. گەرچە ئەلىجان سادىق ئوغلىنى ئاغابېكوۋ تونۇمىسىمۇ سوۋېت دائىرىلىرى ئۇنى ئاۋۋال تەبرىزگە يۆتكەيدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي  يەنە تىبىلىسنى ئايلاندۇرۇپ تاشكەنتكە ئەۋەتىدۇ.
بۇ جەرياندا سوۋېت گ پ ئۇ ئورگىنى ئەلىجاننى ئىرانغا ئەۋەتىشتىن ۋاز كېچىپ تۈركىيەگە ئەۋەتىش قارارىغا كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئەلىجان بىرمەزگىل ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە پائالىيەت قىلغىنىدىن كېيىن باتۇم ئارقىلىق تۈركىيەگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭ تاپشۇرۇشىدىن قارىغاندا، ئۇ تۈركىيەدە ت م ب تەشكىلاتىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ ئورتا ئاسىيادىكى ئالاقىلىشىش پونكىتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئاخباراتلارنى يىغىش، ت م بتەشكىلاتى ئىچىدە پىتنە- پاسات چىقىرىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغانىكەن. ئەگەر بۇ جەرياندا تۈركىيەنىڭ ھەربىي مەكتەپلىرىدىن بىرەرىگە ئوقۇغۇچى بولۇپ كىرىپ ئالالىغۇدەك بولسا، مەخسۇس سوۋېت جاسۇسى بولۇپ تۈركىيەدە داۋاملىق ئىشپىيونلۇق قىلىپ تۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەندۇق. بۇنىمۇ قاملاشتۇرالمىغىنىدا بېرلىنغا بېرىپ ئۇ يەردىكى ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ مەلۇماتىنى توپلاش ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىگە زىددىيەت تېرىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغانىكەن. تۈركىيەنىڭ «جۇمھۇرىيەت» گېزىتىدە بېسىلغان خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئەلىجان سادىق ئوغلى بىر مەزگىل تۈرمىگە قامالغىنىدىن كېيىن “مەنئى مۇھاكىمە” قارارى بويىچە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانىكەن. شۇنداق قىلىپ ئەلىجان سادىق ئوغلى پاش بولۇپ قولغا ئېلىنغان ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، سوۋېت دائىرىلىرى تۈركىيەدىكى ئورتا ئاسىيالىقلار ئىچىگە ئىشپىيون كىرگۈزۈپ ئىچكى زىددىيەت پەيدا قىلىش ھەرىكىتىنى پەقەت توختاتمىغان ئىدى. غەلىتى بىر توغرا كېلىشمۇ  قانداق، ئىشپىيونلۇقى خېلى كېيىنكى ۋاقىتلاردا پاش بولىدىغان مەخمۇت ئايقارلىمۇ ئاساسەن شۇ ۋاقىتلاردا ئەلىجاننىڭ ماڭغان يولىغا ئوخشاش يوللارنى بېسىپ مەشھەتكە كېلىپ، سەدىردىنخان مۇپتىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىۋېلىپ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىۋالغان ئىدى.

ت م ب پائالىيەتلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا كۆرسەتكەن تەسىرى
ت م ب نىڭ داڭلىق ئۈچ ئەپەندىسى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىغان دەۋرلەردە سوۋېتلەرگە قارشى ھۆكۈمەتلەر تەشكىل قىلغان كىشىلەر ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلار چەتئەلگە قېچىپ كەتكەندىن كېيىن سوۋېت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ گېزىت- ژۇرناللىرى بۇ ئۈچ ئەپەندىنى بۇرژۇئا مىللەتچىلىرى، خەلق دۈشمىنى دەپ تەشۋىق قىلىشقا كىرىشكەن ئىدى. ستالىن، 1923- يىلى 10- ئىيۇل رۇسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ 4- سانلىق يىغىنىدا سۆزلىگەن «مىللىي رايون ۋە جۇمھۇرىيەتلەردە ئوڭچىللىق ۋە سولچىللىق» تېمىلىق نۇتقىدا زەكى ۋەلىدىنى شىددەت بىلەن تەنقىدلىگەن ئىدى. يەنە شۇ يىغىندا سۇلتان غالىيېۋغىمۇ ھۇجۇم قىلغان ستالىن، يىغىن ئاخىرىدا تەييارلانغان خۇلاسە دوكلاتىدا غالىيېۋغا ئەكسىل ئىنقىلابچى، ۋەتەن خائىنى دېگەن جىنايەتنى ئارتىدۇ. ستالىننىڭ كۆرسىتىشىدىن قارىغاندا غالىيېۋ، ۋەلىدىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق خەلقئارا جاھانگىر كۈچلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغانمىش. ۋەلىدى چەتئەلگە قېچىپ كەتكىنىدىن كېيىن سوۋېتلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن باشقىردىستان سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مىرالاي (پولكوۋنىك دەرىجىسىدىكى كونا ئوسمانلىدا ھەربىي ئۇنۋان − ئۇ.ت) ئەۋھادى ئىشمۇرزىنغىمۇ “ۋەلىدوپچى” دېگەن جىنايەت ئارتىلغان ئىدى. بۇنىڭغا ئوخشىغان جىنايەت ئارتىش ھادىسىلىرى ئۇ دەۋرلەردەخېلى كۆپ كۆرۈلىدۇ.
ت م ب چىلار «يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنى چىقارغىنىدىن كېيىن، يەنە «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىمۇ چىقارغانلىقى سوۋېت دائىرىلىرىنى بەكلا پاراكەندە قىلىۋەتكەن ئىدى. بۇ ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرى مۇستاپا چوقاي ئوغلى قوقان مۇختارىيىتىنىڭ رەئىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى سوۋېت تارىخچىلىرى ئاللا بۇرۇنلا ئەكسىل ئىنقىلابچى، سوۋېت دۈشمىنى دەپ ئېلان قىلىپ بولغان ئىدى. «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلى نەشر قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن سوۋېت مەتبۇئاتلىرى بۇنىڭغا قارشى شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ، سوۋېتلار تەۋەسىدىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن سوۋېتلەرگە نارازى كىشىلەرنى “چوقايچىلىق” بىلەن قارىلاپ يوقىتىشنى ئادەت قىلىۋېلىشقان ئىدى. ئۆزبېكىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئەكمەل ئىكراموۋ، سەمەرقەنتتە چاقىرىلغان ئۆزبېكىستان مائارىپ ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىدا چەتئەلدە نەشرى قىلىنىۋاتقان سوۋېتلەرگە قارشى ژۇرناللارنى ئېغىزغا ئالغىنىدا “چوقايچىلار” دېگەن بۇ ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەرقانداق سىياسىتىگە نارازى بولغان كىشىلەرنى تەنقىدلەش ياكى بېسىقتۇرۇشلاردا ئۇلارنى چوقايچىلار دەپ ئەيىبلەيدىغان بولۇۋېلىشتى. مۇستاپا چوقاي ئوغلى بىر ماقالىسىدە بۇ ھەقتە بىر مۇنچە مىساللارنى كەلتۈرگەن ئىدى:
رەھىم ئىنئام ئوغلى قىزىل مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەپتى بەشىرىسىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئورتا ئاسىيادىكى مىللىي سىياسەتلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە تايىنىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ “ئۆزبېكىستاندا ئۇرۇسلارنىڭ رەھبەرلىك قىلىشىغا ئېھتىياجى يوق” دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۇنى دەرھال چوقايچىلار سېپىگە قوشۇپ قارىلاشتى. …
سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ مۇساپىر، مۇھاجىر بولۇشقا مەجبۇرلاش ۋە مۇستەملىكىلەشتۈرۈش سىياسىتىگە قارشى چىققان بەزى قازاق كوممۇنىستلىرى قازاق گېزىتلىرىدە “پارتىيە ۋە سوۋېت ئورگانلىرىدا يوشۇرۇن چوقايچىلار ئورۇنلىشىۋالغان” دەپ يازىدۇ.
سەمەرقەنت تەلىم تەربىيە ئىنستىتۇتى بىلەن بايرامئەلى تېخنىكومىدا ئوقۇيدىغان ئۆزبېك ۋە تۈركمەن تالىپلىرى ئورتا ئاسىيانى سوۋېت رۇسىيە مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇشقا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈش قارارى ئالىدۇ. سوۋېت گېزىتلىرى بۇ ياش ئورتا ئاسىيالىقلارغىمۇ چوقايچىلار دېگەن قالپاق كىيدۈرۈشتى. …
ئورتا ئاسىيادا تۈمايلوۋ ئىسىملىك بىر كوممۇنىست يېتەكچىلىكىدە تروتسكىچىلار مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇلار ستالىننىڭ ئەخمىقانە سىياسەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلماقتا ئىدى. سوۋېت گېزىتلىرى ئۇلارنىڭ نامىنىمۇ دەرھال چوقايچىلار دەپ ئالماشتۇرۇشتى. …
1939- يىلى سوتقا تارتىلغان باسمىچىلار بىلەن مىللەتچىلەرگە ياردەم قىلغان دېگەن بوھتان بىلەن قولغا ئېلىنغان ئۆزبېكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى سادۇللا قاسىموۋ بىلەن ئۇنىڭ يېقىنلىرىنىڭ دېلولىرىنى سوتلىغاندىمۇ يەنە شۇنداق قالپاق كىيدۈرۈشلەر بولدى. بولۇپمۇ قاسىموۋچىلارنى سوتلاشتا ئارتقان جىنايەتلىرىدىن بىرى چوقاي ئوغلى گۇرۇھىدىكىلەر بىلەن ھەمكارلاشقان، يەنى چوقايچىلىق قىلغان دەپ قارىلانغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا كوممۇنىست رەھبەرلىكى مائارىپ ۋە سانائەت ساھەلىرىدىكى ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك چەتئەلدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ت م ب چىلارغا ئارتىپ قويىدىغان، بولۇپمۇ چوقاي ئوغلىنى بۇنىڭ باش جىنايەتچىسى دەپ قارىلايدىغان بولۇۋېلىشتى.
شۇنداق قىلىپ، سوۋېت رەھبەرلىرى 1940- يىللارغا كەلگۈچە ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە تازىلىۋەتمەكچى بولغان كوممۇنىست مىللىي كادىرلارغا چوقايچىلار ياكى ۋەلىدوپچىلار دېگەن قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ يوقىتىپ كېلىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ت م ب ھەرىكەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىچىگە زىددىيەت سېلىش ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ ئارىسىغا ئىتتىپاقسىزلىق تېرىش مەقسەتلىرىدە مەخسۇس تەربىيىلەنگەن گ پ ئۇ جاسۇسلىرىنى ئىشقا سالغان ئىدى. بۇ جاسۇسلاردىن بەزىلىرى پاش بولۇپ تۇتۇلغان بولسا، مەخمۇت ئايقارلىغا ئوخشىغان يەنە نۇرغۇنلىغان قابىلىيەتلىك جاسۇسلار ئورتا ئاسىيالىقلار ئىچىدە ئاغدۇرمىچىلىق پائالىيەتلىرىنى ئۇزۇن يىللاپ داۋاملاشتۇرۇپ، ئورتا ئاسىيا مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە ئېغىر زىيانلارنى سالىدۇ.

تۈركىيە ئىچكى سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە «يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ پېچەتلىنىشى
1931- يىلىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا تۈركىيەدە كۈتۈلمىگەن بىر ۋەقە يۈز بېرىدۇ. ت م ب نىڭ نەشرى ئەپكارى بولغان «يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلى بىلەن ئەزەربەيجان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ نەشرى ئورگانلىرىدىن «ئودلۇ يۇرت» ۋە «بىلدىرىش» ژۇرناللىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىنىستىرلار كابىنېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن پېچەتلىنىدۇ. بۇ ۋەقە ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلار ئارىسىدا پارتلاش خاراكتېرلىك تەسىر پەيدا قىلىۋېتىدۇ. ئەسلىنى سۈرۈشتە قىلغاندا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى خېلىدىن بېرى بۇ تۈردىكى تاشقى تۈرك ژۇرناللىرىنىڭ تۈركىيە تەۋەسىدە چىقىرىلىۋاتقانلىقىغا نارازى بولۇپ كەلمەكتە ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇنداق قاتتىق تەدبىر قوللىنىدۇ دەپ ھېچكىم ئويلىمىغان ئىدى. بۇ ۋەقە ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلارنى قاتتىق چۈچۈتىۋەتكەنلىكىگە قارىماي ياۋروپادا چىقىۋاتقان سىرتقى تۈرك ژۇرناللىرىدا ھېچقانداق باھا قوشماي قىسقا خەۋەر پېتى ئېلان قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، چەتئەلدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئورتا ئاسىيالىق يېتەكچىلەر تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
ئەسلىدە، ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلار تۈركىيەنى ئىككىنچى ئانا ۋەتەن دەپ تونۇپ كېلىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، بارلىق ئورتا ئاسىيا تەشكىلاتلىرى تۈركىيەنى سىياسىي مەركەز قىلىپ تاللاش جەھەتتە ھەممىلا كىشى ئۇنچە قىزغىنلىق كۆرسىتىپ كەتكىنىمۇ يوق ئىدى. شۇنداق بولغاچقا ئەزەربەيجانلىقلار بىلەن ئورتا ئاسىيالىقلارلا سىياسىي مەركەزلىرىنى ئىستانبۇلدا قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئىدىل ئۇرال تۈركلىرىنىڭ ژۇرنىلى بولغان «مىللىي يول» بىلەن ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلى بېرلىندا، قىرىم تۈركلىرىنىڭ «ئەمەل» ۋە «دوناي» دېگەن ژۇرناللىرى رۇمىنىيەدە چىقىرىلماقتا ئىدى.
تاشقى تۈرك پائالىيەتچىلىرىنىڭ تۈركىيەدە قانات يايدۇرۇۋاتقان پائالىيەتلىرى سوۋېت دائىرىلىرىنى ئەنسىرىتىشكە باشلىغان ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، موسكۋا دائىرىلىرى بۇ ئىشلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە پات- پات بېسىم ئىشلىتىپ تۇراتتى. 1925- يىلىنىڭ بېشىدا باكۇدا چاقىرىلغان تۆتىنچى نۆۋەتلىك سوۋېت قۇرۇلتىيىدا تاشقى ئىشلار كومىسسارى چىچېرىن “يېقىنقى ۋاقىتلاردا مۇساۋاتچىلارنىڭ تۈركىيەدىكى پائالىيەتلىرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە نۇرغۇن قېتىم ئىلتىماس قىلدۇق، سوۋېت ھۆكۈمىتىگە قارشى قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان چىداش مۇمكىن بولمايدىغان بۇ تۈر ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختاتسۇن دەپ تەلەپ قىلدۇق.” دەپ سۆزلەيدۇ. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 1927- يىلى بىر تۈركىيە ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى موسكۋاغا قاراپ زىيارەتكە ئاتلانغىنىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ شۇ كۈنلەردە نەشرى قىلىنىۋاتقان بىردىن- بىر تاشقى تۈرك ژۇرنىلى بولغان «يېڭى كاپكازىيە» ژۇرنىلىنى پېچەتلەيدۇ. شۇ ۋاقىتتا، تۈرك ئوچاقلىرىنىڭ 1927- يىلقى قۇرۇلتىيىدا تۈرك ئوچاقلىرىنىڭ پائالىيەت ساھەسى تۈركىيە بىلەن چەكلىنىدۇ دېگەن مەزمۇندا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نىزامنامە بىلەن ھەرىكەت پروگراممىسىنى قوبۇل قىلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ تۈرك ئوچاقلىرىنىڭ تۈركىيە سىرتىدا شۆبە قۇرۇش ۋە پائالىيەت قىلىشلىرى چەكلەنگەن ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە تۈرك ئوچاقلىرىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن تۈركىيە گراژدانى بۆلىشى شەرت قىلىنغان ئىدى. بۇ قارار بويىچە تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدا ياشايدىغان تۈركىيە نوپۇسىنى ئالالمىغان تاشقى تۈرك پائالىيەتچىلىرىنىڭ تۈرك ئوچاقلىرىغا ئەزا بولۇشىمۇ چەكلەنگەن ئىدى. بۇ خىل ۋەزىيەت ئاستىدا 1920- يىلىنىڭ بېشىدا زور ئۈمىدلەر بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن تاشقى تۈرك رەھبەرلىرىدىن بەكلا ئاز قىسمى سىياسىي پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئىمكانىغا ئېرىشەلەيدۇ. سادىر مەقسۇدى ئارسال بىلەن فۇئات توقتاردەك رەھبەرلەر تۈركىيە سىرتىغا قارىتىلغان پائالىيەتلەردىن ئاساسەن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقان ئىدى. ئاياز ئىسھاقى 1927- يىلىدىلا پولشا ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بويىچە تۈركىيەدىن ئايرىلىپ ۋارشاۋاغا يۆتكىلىپ بېرىپ، ئىدىل ئۇرال مىللىي مەركىزىنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى ۋارشاۋادا تۇرۇپ باشقۇرماقتا ئىدى. پائالىيەتلىرىنى تۈركىيەدە داۋام قىلىۋاتقان مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادە بىلەن سەئىد شامىلدەك رەھبەرلەرمۇ دائىم دېگۈدەك سىياسىي بېسىملارغا دۇچ كېلىپ تۇراتتى. مەسىلەن 1929- يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا كاپكازىيە كومىتېتىنىڭ بۇ داڭلىق ئىككى رەھبىرىنىڭ ئۆيلىرى سىياسىي ساقچىلارنىڭ باستۇرۇپ تەكشۈرۈشىگە ئۇچراپ بارلىق ماتېرىياللىرى مۇسادىرە قىلىنغان ئىدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن بۇ ئىككى رەھبەرمۇ ئاياز ئىساقىنىڭ تۇتقان يولى بويىچە كۆپ ئۆتمەي تۈركىيەدىن چىقىپ كېتىدۇ. يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەر تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان مەركەزلەرنى ياۋروپاغا كۆچۈرۈپ كېتىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدى. دېگەندەك، ئورتا ئاسىيالىق رەھبەرلەرنىڭ ئۆزئارا يېزىشقان مەكتۇپلىرىدا مەركەزنى ياۋروپاغا كۆچۈرۈش ھەققىدە پات- پات مۇنازىرە قىلىشقانلىقى كۆرۈلمەكتە ئىدى.
1931- يىلقى تاشقى تۈرك ژۇرناللىرىنى پېچەتلەش قارارى ئېلىنىشنىڭ تېگىدە ئاساسەن ئالغاندا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى يىرىكلەشتۈرىۋالماسلىق مەسىلىسى ياتماقتا ئىدى. شۇنداقتىمۇ تۈرك ئوچاقلىرىنى پېچەتلەش قارارى ئېلىنىش بىلەن تەڭ ئوتتۇرىغا چىققان تۈركىيە ئىچكى سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ، بۇ خىل چەكلىمىلەرگە پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بەرگەن دېيىش مۇمكىن. ت م ب نىڭ مەتبۇئات ئورگىنى بولغان «يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلى تۈركىيەنىڭ ئىچكى- تاشقى سىياسەتلىرى ھەققىدە قەتئىي تۈردە بىتەرەپ پوزىتسىيىدە تۇرۇپ، بۇ جەھەتلەردە ئۈن چىقارماسلىق پىرىنسىپىغا قەتئىي رىئايە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە يۇقىرىدا توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۇ ھەقتە كۆرۈلىدىغان كىچىككىنە بولسىمۇ بىرەر بوشاڭلىق قىلىش ت م ب ئىچىدە قاتتىق تالاش- تارتىشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەبچى بولاتتى. بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا ئەزەرى مەتبۇئاتلىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر بىلەن مۇلاھىزىلىرىنى پات- پات ئېلان قىلىپ تۇراتتى. مەسىلەن ئالايلى، ئۇلار 1930- يىلى ئاۋغۇستتا ئاتاتۈركنىڭ تەلىماتى بىلەن باشلانغان كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈمگە ئۆتۈشنى سىناق قىلىش ھەققىدە ئاكتىپلىق بىلەن ماقالىلەر ئېلان قىلماقتا ئىدى. «ئودلۇ يۇرت» ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادە 1930- يىلى سېنتەبىر سانىدا بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ:
رەئىس جۇمھۇر غازى پاشا ھەزرەتلىرىنىڭ مۇۋافاكاتلارى (ماقۇللىشى) ئىلە فەتھى بەيئەفەندى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «ئەركىن جۇمھۇرىيەت فىرقاسى» نىڭ پائالىيەت ساھەسىگە ئاتلىنىشى ئىلە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە يېڭى بىر دەۋر ئېچىلدى. يەنى پارلامېنتارىزم دەۋرى باشلاندى. … ئىنقىلاب − يەنە بىر تۈرلۈك ئاتىلىشى بىلەن − داخىلى ھەرپ (ئىچكى ئۇرۇش − ت› دېمەكتۇر. ئۇرۇش دەۋرىنىڭ ئۆزىگە خاس مەخسۇس ئۇسۇل ۋە قانۇنلىرى بولغىنىدەك، ئىچكى كۈرەشلەرنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئىستىسنائى (مەخسۇس) قائىدە ۋە قانۇنلىرى بولىدۇ. بىر پارتىيىلىك تۈزۈم ئەنە شۇ ئىچكى كۈرەش دەۋرىگە مەخسۇس بىر زۆرۈرىيەت.
يېڭىدىن تۇغۇلغان ئىككىنچى فىرقانىڭ زۇھۇرۇ (ئورتىغا چىقىشى، كۆرۈنۈشى، تۇغۇلۇشى) بولسا بىزگە تۈركىيەدە بۇندىن كېيىن ئىنقىلابنىڭ، “داخىلى ھەرپ” نىڭ تولۇق غالىبىيەت بىلەن تاماملانغانلىقىنى ئېلان قىلماقتا. شۇنداق، بۈگۈندىن ئېتىبارەن تۈركىيەدە جۇمھۇرىيەت ئۈچۈن جېدەل (تالاش- تارتىش) دەۋرى ئاخىرلىشىپ، جۇمھۇرىيەت ئەنئەنىلىرىنى تەسىس ۋە تەربىيە (پەرۋىش) دەۋرى باشلاندى.
بۇلاردىن مەلۇم بولغىنىدەك، رەسۇلزادە بىر پارتىيە تۈزۈمى ۋاقتىدىكى مەجبۇرلىنىشلار ئۈستىدە توختىلىپ كېلىپ، ھەقىقىي دېموكراتىيە پەقەت كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈم ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدىغان بىر ئىش دەپ يېزىش بىلەن بىرگە، ماقالىسىنىڭ قۇر ئارىلىرىدا تۈركىيەدە تېخى ھەقىقىي دېموكراتىيە يولغا قويۇلۇپ باقمىدى دەپ پۇرىتىپ ئۆتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئادەتتىكى بىر گەپتەك بىلىنگەن بۇ سۆزلەر، 1930- يىللارنىڭ تۈركىيەسىدە ئىنتايىن ئېغىر تەنقىد ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. ئۇلار ئەركىنلىك پىرقىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغان بۇنداق كۆز قاراشتا بۇ پارتىيە پېچەتلەنگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق چىڭ تۇرىدۇ. «جۇمھۇرىيەت» گېزىتىنىڭ بەزى يازغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئەركىنلىك پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ئەخمەت ئاغائوغلىغا قارشى يېزىلغان ماقالىلەرگە رەددىيە بېرىپ يېزىلغان ماقالە «ئودلۇ يۇرت» ژۇرنىلىغىمۇ تولۇق كۆچۈرۈپ بېسىلغان ئىدى.
بۇنىڭغا ئوخشايدىغان بەزى ئىشلار تۈركىيەدە بېسىلىۋاتقان تاشقى تۈرك ژۇرناللىرىنىڭ پېچەتلىنىش قارارىنىڭ چىقىرىلىشىغا قوشۇمچە باھانە بولۇپ بەرگەندەك قىلغىنى بىلەن، پېچەتلىنىشنىڭ ئەسلى سەۋەبى باشقا ئىدى. بۇ تۈردىكى ژۇرناللارنىڭ پېچەتلىنىش سەۋەبىنى ئۇ يىللاردىكى تۈركىيە تاشقى سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىش ئارىسىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.
غازى مۇستاپا كامال پاشا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا مىللەتلەر بىلەن دىنلار ئارىلاشمىسى سەھنىسىگە ئايلانغان ئوسمانلىلار ئىمپېرىيىسىنىڭ كۈللىرى ئارىسىدىن ئورتاق بىر مىللەت پەيدا قىلىشقا تىرىشماقتا ئىدى. بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پايدىلانغان ئەڭ مۇھىم ۋاسىتە مىللەت ئۇقۇمى ئىدى. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئوسمانلىلاردىن ئۆتكۈزۈۋالغان بارلىق ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنى ئۆزگەرتىشكە كىرىشكەن ۋاقىتلاردا 1912- يىلىدىن بېرى ئوسمانلىلاردىكى مىللەتچىلىك ئېقىملىرىغا يول كۆرسىتىپ كەلگەن تۈرك ئوچاقلىرى (تۈركچىدە ئوچاق سۆزى ئۆي، ئائىلە، تۇغۇلغان يۇرت، مەنبە، مەنىۋى بۇلاق … دېگەندەك مەنىلەرنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. − ئۇ.ت) تەشكىلاتىغا تېگىش تۇرماق، ئۇنى ھىمايە قىلىپ كۈچەيتىشكە ياردەمچى بولغان ئىدى. بۇ تەشكىلات ئەتراپىدا پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلەر جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا يولغا قويۇلغان مىللەت شەكىللەندۈرۈش جەريانى ئۈچۈن كۈچلۈك ياردەمچى بولغان ئىدى. ئاتاتۈركنىڭمۇ ياردىمىگە ئېرىشىپ كۈچىيىپ بارغان بۇ يۇرتلار، پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭىيىپ، ياش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ جانلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان ئىدى. ئەمما 30- يىللارغا كەلگىنىدە تۈركىيەدىكى مىللەت شەكىللەندۈرۈش جەريانى ئاساسەن ئاخىرلاشقان دېيىشكە بولاتتى. شۇندىن باشلاپ تۈركىيە، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشكە يۈزلەنگەن بىر دەۋرگە كىرگەن ئىدى. شۇنداق بولغاچقا ئۇ ۋاقتىدىكى تۈركىيە تاشقى مۇناسىۋەتلەرگە تېخىمۇ ئوچۇق ھالەتنى شەكىللەندۈرمەكتە ئىدى. بولۇپمۇ شىمالى قوشنىسى بولغان سوۋېت رۇسىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇنداق بىر ئۆزگىرىشلەر تۈركىيە ئىچكى سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ھەر ئىككىلا دۆلەت غەرب ئىمپېرىيالىزىمىغا قارشى كۈرەشلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دەسلەپكى يىللاردىكى ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋەزىيىتى تۈركىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ پېچەتلىنىشىدىن باشلاپ تەتۈرىگە ئۆزگىرىپ، 1928~1929- يىللىرىغا كەلگىنىدە، سوۋېت مەتبۇئاتلىرى مۇستاپا كامالنى قالاق مۇستەبىت دەپ تونۇشتۇرۇشقا كىرىشكەن ئىدى. يەنە شۇ ۋاقىتلاردا تۈركىيەدە «يېڭى ئورتا ئاسىيا»، «ئودلۇ يۇرت» ۋە «ئەزەرى- تۈرك» قاتارىدىكى تاشقى تۈرك ژۇرناللىرىنىڭ بېسىلىشىغا يول قويۇلغانلىقى كۆرۈلمەكتە. بۇ ژۇرناللارنىڭ ئورتاق يۈزلىنىشى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن كوممۇنىزم ئىدىيىسىگە قارشى كۈرەش قىلىش يولىنى تۇتقانلىقى ئىدى. شۇنىڭدەك، ئەينى ۋاقىتلاردىكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ بۇنىڭدەك سىياسەت ئەكس ئەتتۈرۈلمەكتە ئىدى.
1929- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تۈركىيە- رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى يېڭىدىن تېزلىكتە ياخشىلىنىشقا باشلايدۇ. ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان تاشقى تۈرك رەھبەرلىرىگە قارشى باشلىتىلغان سىياسىي بېسىملارمۇ ئەنە شۇ دەۋرلەرگە توغرا كەلمەكتە ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى سودا ئىشلىرى مۇئاۋىن كومىسسارى قاراخاننىڭ 1929- يىلى دېكابىردا تۈركىيەگە قىلغان زىيارىتىدىن كېيىن، 1925- يىلىدىكى تۈركىيە- سوۋېت شەرتنامىسىنى يەنە ئىككى يىل ئۇزارتىش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزىشىدۇ. كېيىنكى يىلى تۈركىيە تاشقى ئىشلار باقانى (مىنىستىرى − ئۇ.ت) تەۋپىق رۈشتى ئاراسنىڭ موسكۋاغا قىلغان زىيارىتى نەتىجىسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر يەنىمۇ بىر بالداق ئۆرلەپ ياخشىلىنىش دەۋرىگە كىرىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر قويۇقلىشىۋاتقان بۇنداق بىر دەۋردە، تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان سوۋېتلەرگە قارشى گۇرۇھلار بەكرەك كۆزگە چېلىقىدىغان ھالغاكېلىشىمۇ تەبىئىي بىر ئەھۋال ئىدى. شۇنداق بولغاچقا ئۇ ۋاقىتلاردىكى سوۋېت مەتبۇئاتلىرىنى كۆزەتكىنىمىزدە بۇ تۈردىكى گۇرۇھلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتتىق ھۇجۇم قىلىشلار ئوتتۇرىغا چىققانلىقى كۆرۈلىدۇ. نەتىجىدە 1931- يىلى لىتۋىنوۋنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرگە قارشى ئەڭ ئاخىرقى نۇقتا قويۇلغان ھېسابلاندى.
ئەركىنلىك پارتىيىسىنى قۇرۇش سىنىقى جەريانىدا جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى بىلەن ھۆكۈمەت سىياسەتلىرىگە قارشى كۆرۈنەرلىك ئۆكتىچىلىك ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان ئىدى. بۇنداق بىر ئۆكتىچىلىكنى تىزگىنلەپ تۇتۇشقا ئۇرۇنغان ھۆكۈمەت، 1931- يىلى ئىيۇندىكى قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان مەتبۇئات قانۇنىغا ئاساسەن، يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەرنى تەنقىدلەيدىغان گېزىت- ژۇرناللارنى پۈتۈنلەي ياكى ۋاقىتلىق پېچەتلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈۋالىدۇ. ھۆكۈمەت، بۇ قانۇننى تۇنجى بولۇپ مۇساپىر تۈركلەرنىڭ مەتبۇئات ۋاسىتىلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن ئىشقا سېلىپ، تۈركىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە دەخلى يەتكۈزمەكتە دېگەن باھانە بىلەن «يېڭى ئورتا ئاسىيا»، «ئودلۇ يۇرت» ۋە «بىلدىرىش» قاتارىدىكى ژۇرناللارنى پېچەتلەيدۇ. بۇ تۈردىكى پېچەتلىنىشلەر سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن كەلگەن تەلەپلەرنىڭ نەتىجىسىمۇ ياكى بولمىسا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن بىر مەردلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق بىر مەلۇمات يوق. ئەمما سەۋەبى نېمە بۆلىشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇ تۈردىكى ئىجرائەت ئارقىلىق، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت جەھەتتە مىراسچىلىرىمىز دەپ تونۇغان تۈرك دۇنياسىدىن كەلگەنلەرنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلغان ھېسابلاندى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيە، سىياسىي مەنىدە تۈرك مىللەتچىلىك كۆزقارىشى پۈتۈنلەي ئانادولۇ بىلەن چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى ھېسابلىناتتى.
«يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ پېچەتلەنگەنلىك خەۋىرى «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىدا قىلچە باھا بېرىلمەستىن تۆۋەندىكىدەك ئاددىي خەۋەر شەكلىدە ئېلان قىلىنىدۇ:
«يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلى پېچەتلىۋېتىلدى. … «يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلى، ئورتا ئاسىيا مىللىي مۇستەقىللىق ئىدىيىسى، زامانىۋى تۈرك كۆزقاراشلىرى تەشۋىقاتى بىلەن بىرگە، ئورتا ئاسىيا- ئانادولۇ تۈركلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تىل ۋە مەدەنىيەت ئورتاقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن ئىدى.
بۇ خەۋەرنىڭ كەينىگە قىستۇرۇلغان “ياشىسۇن ئورتا ئاسىيا مىللىي مۇستەقىللىقى، ياشىسۇن بارلىق تۈركلەرنىڭ مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى” دېگەن شوئارلار، تەھرىرلەرنىڭ بۇ پېچەتلىنىشكە بولغان كۆزقارىشىنىڭ قىسقىچە خۇلاسىسى مەنىسىنىمۇ بېرەتتى. ت م ب رەھبەرلىرى ئۆزئارا يېزىشقان خەتلەردە مىللىي داۋالىرىنى داۋاملاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن ئېغىر زەربە دەپ قارىغان بۇ پېچەتلىنىش قارارىغا قارىماي، تۈركىيەگە قارىتا ھېچقانداق نارازىلىق ئىپادىسىدە بولمىغانلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ:
مانا بىزنىڭ بېشىمىزغىمۇ دەرد كەلدى. «يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىمىز پېچەتلەندى. بۇنىڭدىن دۈشمەنلىرىمىز يايراپ كەتكەن بولسا، دوستلىرىمىزنىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىم بولدى، … بىز ئەزەلى دوستىمىز دەپ تونۇپ كېلىۋاتقان، مەڭگۈ دوستىمىز بولۇپ قالىدىغان تۈركىيە ھۆكۈمىتى «يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىمىزنى پېچەتلىۋەتكەن بولسىمۇ، بىز بۇنىڭغا نارازىلىقمۇ بىلدۈرەلمىدۇق. … مەجدىدىن ئەپەندى، ژۇرنىلىمىز پېچەتلەندى دەپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە يامان كۆزدە قارىماسلىقىمىز لازىم. شۇنداقتىمۇ بۇ خەۋەر مۇشتەرىلىرىمىزگە بەكلا يامان تەسىر قىلىدىغانلىقى ئېنىق (مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ مەجدىدىن دەلىلگە 1931- يىلى 24- ئۆكتەبىردە يازغان خېتى. ئاپتورنىڭ ئارخىپىدىن − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
يەنە بىر خەتتە تۈركىيەدىن كۈتكەن ئۈمىدلەر بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇئامىلىسىگە قارىتا قۇرساق كۆپۈكلىرى تۆۋەندىكىچە تىلغا ئېلىنغان:
تۈركلۈكنىڭ سىياسىي مەركىزى يوق ئىكەن. بۇنىڭغا ئىمكانىيىتى بارلىرى بۇنداق بىر مەركەزنىڭ بۆلىشىنى خالىمايدىكەن. تۈركىيەنىڭ سىياسىي ئۇقۇمدىكى پاجىئەلىك ئاجىزلىقى مانا شۇدۇر (مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ مەجدىدىن دەلىلگە يازغان 1933- يىلى 13- ئىيۇلدىكى خېتى. ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
ئورتا ئاسىيا بىلەن ئەزەربەيجان مۇھاجىرلىرى چىقىرىۋاتقان ژۇرناللارنىڭ پېچەتلەنگەنلىكى، سوۋېت دائىرىلىرىنى بەكلا خوش قىلىۋېتىدۇ. شۇ يىلى ئەزەربەيجان كوممۇنىستىك پارتىيىسى  چاقىرىلغان 20- نۆۋەتلىك باكۇ قۇرۇلتىيىدا كوممۇنىست رەھبەر ئاغا سۇلتانوۋ بۇ خۇشخەۋەرنى قۇرۇلتايغا مۇنداق سۇنىدۇ:
مۇساۋاتچىلار چەتئەلدە بىزگە قارشى كۈچلۈك پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. ئەمما ئۇلارغا يېڭىدىن بىر زەربە بېرىلدى. ئىستانبۇلدا چىقىرىۋاتقان مەتبۇئاتلىرىدىن «ئېزەر تۈركلىرى»، «ئودلۇ يۇرت» ۋە «بىلدىرىش» قاتارلىق ژۇرناللىرى بىلەن بىرگە ئورتا ئاسىيا مۇھاجىرلىرىنىڭ نەشرى ئەپكارى بولغان «يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلى پېچەتلىۋېتىلدى.
ئاقىۋەت، ت م ب نىڭ تۈركىيەدىكى ئاۋازى ئۆچۈرۈلۈپ، كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ژۇرنىلى پېچەتلىۋېتىلگەن ئىدى. بۇ خىل ۋەزىيەت ئاستىدا ت م ب رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكىلەر ت م ب نىڭ ياردەمچى تەشكىلاتى بولغان ئورتا ئاسىيا تۈرك ياشلار ئىتتىپاقى باشقۇرۇشىدا يېڭىدىن بىر ژۇرنال چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئەمما ت م ب باش سېكرېتارى، ت ت ي ئى رەئىسى دوكتور مەجدىدىن دەلىلنىڭ سۇنغان بارلىق ئىلتىماسلىرى بىرەر نەتىجە بەرمەيلا قالماي، ئۇنىڭ سۇنغان ئىلتىماسلىرىغا دۆلەت ئورگانلىرى بىرەر ئېغىز بولسىمۇ جاۋاب بەرمەيدۇ.
يۇقىرىقى ئۈچ پارچە ژۇرنال پېچەتلەنگەندىن كېيىن، تۈركىيەدە تاشقى تۈركلەرگە تەۋە بىرمۇ ژۇرنال قالمايدۇ. دەل شۇ پەيتتە، زەكى ۋەلىدى تۇغان دوستلىرى بىلەن بىرگە 1928- يىلى قۇرۇپ چىققان ئورتا ئاسىيا ۋە ئەزەربەيجاننى ئۆگىنىش جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى بۇ ئىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. 1932- يىلى يانۋاردىن باشلاپ ئەخمەت جاپپار ئوغلى مەسئۇل مۇدىرلىقىدا «ئەزەربەيجان يۇرت بىلگۈسى» نامىدا يېڭىدىن بىر ژۇرنال چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ ژۇرنالنىڭ تۇنجى سانىدا، سىياسەت بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقلۇقى، پۈتۈنلەي ئىلمىي خاراكتېردىكى ماقالىلەرگە ئورۇن بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ژۇرنال خادىملىرىمۇ بۇ ئەسكەرتىشنىڭ ئىسپاتى قىلىنغاندەك كۆرسىتىلگەن ئىدى. يەنى بۇ ژۇرنالنىڭ تەھرىر ھەيئەتلىرى پروفېسسور دوكتور پۇئاد كۆپرۈلۈ، پروفېسسور دوكتور زەكى ۋەلىدى تۇغان، دوكتور ئەخمەت ئاغا ئوغلى، دوكتور ئابدۇقادىر ئىنان ۋە ئەخمەت جاپپار ئوغلى قاتارلىق داڭلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى. «ئەزەربەيجان يۇرتىدىن خەۋەرلەر» ژۇرنىلى 1934- يىلى دېكابىرغىچە نەشرى قىلىنىپ، جەمئىي 36 سان چىقىرىلىدۇ.

«ياش ئورتا ئاسىيا» − «ئاتسىز مەجمۇئە» زىددىيىتى
1932- يىلى، «ياش ئورتا ئاسىيا» بىلەن «ئاتسىز مەجمۇئە» (نامسىز ژۇرنال، ئاتسىز دېگەن فامىلىلىك بىرى تەرىپىدىن تۈركىيەدە چىقىرىلغان ژۇرنال. − ئۇ.ت) ژۇرناللىرىدا بىر- بىرى بىلەن زىتلىشىدىغان ماقالىلەر بېسىلىشقا باشلايدۇ. سىرتتىن قارىماققا بۇ ۋەقە خۇددى مۇستاپا چوقاي ئوغلى − نىھال ئاتسىز سۈركىلىشىدەك كۆرۈنسىمۇ، زىددىيەت ئەسلىدە چوقاي ئوغلى بىلەن زەكى ۋەلىدى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىدى. ئۈچ يىل بۇرۇن ۋەلىدىنىڭ ت م ب دىن ئايرىلىشى بىلەن ئاخىرلاشقاندەك كۆرۈنگەن بۇ جېدەل، بۇ قېتىم ژۇرنال ۋاسىتىدا قايتاباشلانغان ئىدى. بۇ مۇنازىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا زەكى ۋەلىدى يازغان «بۈگۈنكى تۈرك ئېلى: ئورتا ئاسىيا» دېگەن كىتابى سەۋەبچى بولماقتا ئىدى. مىسىردا بېسىلىۋاتقان بۇ كىتاب تېخى بازارغا سېلىنماي تۇرۇپلا بەزى پارچىلىرى چوقاي ئوغلىنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. زەكى ۋەلىدى بۇ كىتابىدا 1917- يىلى قۇرۇلغان قوقان ئاپتونومىيىسىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىپ، بۇ ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
بۇ ۋەقەگە قاتناشقان ۋېنگىرىيەلىك بىر ئەسىر، بۇداپېشتتا ماڭا مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى: “مۇسۇلمانلار قوقان قەلئەسىدىكى 45 نەپەر بولشېۋىك گارنىزونىنى قورشاۋ ئاستىغا ئالغان ۋاقتىدا قەلئە بىلەن تۆمۈريول ئىستانسىسىنى باغلاپ تۇرىدىغان تېلېفون سىمىنى كېسىۋەتمىگەن ئىدى. ئەگەر ئۇ سىم يولى كېسىۋېتىلگەن بولسا ئىدى، بۇ گارنىزوننى قولغا چۈشۈرەلىشى مۇمكىن بولاتتى.” چوقاي ئوغلى مۇستاپامۇ “قوقان كرپۇستىنى (قەلئەنى) 40- 50 سولدات (ئەسكەر) نىڭ قولىدىن تارتىپ ئالالمىدۇق” دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ يەنە بىر ئاجىزلىقى شۇكى، ئۇلار مالىيە ئىشلىرىدا قوقان مۈلۈكدارلىرىنىڭ قولىغا قاراپ قالغانلىقى ئىدى. مالىيە نازارىتىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى ھۆكۈمەت نازىرى بولغان كېسەلمەن ئادۋوكات ئىسلام شاھىئەھمەدوۋنىڭ قولىدا بولماي ئۇنىڭ مۇئاۋىنى بولغان ھېينرىچ سيېگېل ئىسىملىك ئاۋسترىيەلىك بىر يەھۇدىينىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان ئىدى. بۇرۇن قوقان سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان بۇ زات، ھۆكۈمەت ئەزالىقى ئورنىغا ئېرىشىپ بەكلا چوڭ نوپۇزغا ئېرىشىۋالغان بىرى ئىدى. ئەمما بۇ كىشى مالىيە ئىشلىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ ھۈلىنى كولاشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش قىلمايدۇ. ھۆكۈمەت ئەزالىرى، بولۇپمۇ مۇنەۋۋەرلەر (ئوقۇمۇشلۇق، زىيالىي كىشىلەر − ئۇ.ت) بانكىدىكى پوللارنى مۇسادىرە قىلىشقا جاسارەت قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن تەبەررۇلۇق (بېغىشلانغان پۇل − ئۇ.ت) بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. تەبەررۇ ئىشلىرىدىمۇ يەرلىك تىجارەتچىلەردىن بولغان سېيىت ناسىر مىر جېلىلدىن باشقىلىرى قىمىر قىلماي جىم تۇرۇۋالغان ئىدى. قوقان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئاجىزلىقى بولسا، تەكارۈر (قارارلاشتۇرۇلغان − ئۇ.ت) قىلىنغان بىرەر كۆزقاراش بىلەن بىرەر پروگراممىسىنىڭ يوقلۇقى ئىدى. ئۇرۇس مەكتەپلىرىدە بىلىم ئالغان مۇنەۋۋەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۇ ھۆكۈمەتنىڭ مىللىي مۇختارىيەت غايىسىگە ئىشىنىشىدىن كۆرە بولشېۋىكلەردىن نارازى بولۇپ، كرېنىسكى ھۆكۈمىتىگە سادىق بولۇش ئىرادىسى بويىچە بۇ ھۆكۈمەتكە قاتناشقان كىشىلەر ئىدى. چوقاي ئوغلى مۇستاپا ئېلان قىلغان ئەسلىمىلىرىدە، ھۆكۈمەت ئەزالىقىغا سايلانغان كۈنىدىمۇ مۇختارىيەتنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا قوشۇلمىغانلىقىنى، كرېنىسكى ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە ئىش قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇ ھەقتە ھېچكىمگە دەردىنى ئېيتالمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ھالبۇكى ئۇرۇس مەكتەپلىرىدە بىلىم ئالمىغان قوقانلىق كامال قازى، ئابىتجان ۋە مىر ئادىل ھەر قانداق بىر ئۇرۇسنى ئوتتۇرىغا قىستۇرۇۋالماسلىق كېرەكلىكىنى، ئۇرۇسلارنى قەتئىي تۈردە ۋەتەندىن قوغلاپ چىقىرىش ھەمدە خانلىق تۈزۈمىنى ئېلان قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا ئىدى.
ئۆزى رەئىسلىك قىلغان بىر ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىگە بۇ تۈردە باھا بېرىلىشى چوقاي ئوغلىنى بەكلا رەنجىتكەن ئىدى. چوقاي ئوغلى قۇرساق كۆپۈكىنى تۆكۈپ مەجدىدىن دەلىلگە يازغان بىر پارچە خېتىدە تۆۋەندىكىدەك بايان قىلماقتا ئىدى:
زەكى ۋەلىدى ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ بەكلا مەنمەنچىلىك (ئېگويىستلىق، مەن مەركەزچىلىك) قىلىپ كېتىۋاتىدۇ. ئورتا ئاسىيا ھەرىكىتىنى ئۆزنى چۆرىدىگەن ئاساستا شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. قوقان مۇختارىيىتىنىمۇ ئۇرۇسلارنىڭ قارىشى بويىچە تونۇشتۇرۇۋاتىدۇ. “قوقان ھۆكۈمىتى پۈتۈنلەي مۈلۈكدارلارنىڭ تىزگىنى ئاستىدا قالغان” دەيدىغان ئىنتايىن ناھەق باھا بەرمەكتە. ئۇ، بۇ جۈملىلەرنى 1929- يىلى تاشكەنتتە بېسىلغان «ئورتا ئاسىيادىكى ئىنقىلابلار» دېگەن كىتابنىڭ “قوقان ھۆكۈمىتى مۈلۈكدارلارنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى بىر ھۆكۈمەت ئىدى” دېگەن قۇرلاردىن كۆچۈرىۋېلىنغان. … ياش ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلىنىڭ دېكابىر سانىدا بۇنداق خاتا تەرەپ ۋە بۇنىڭدەك خاتالىقلىرىغا رەددىيە بېرىمەن.
مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ بۇ كىتابقا بەرگەن جاۋابى «بىر ئىلمىي توقۇلمىغا رەددىيە» دېگەن تېما بىلەن «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ 25- سانىدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ ساندا ئېلان قىلىنىدۇ. چوقاي ئوغلى بۇ رەددىيە جاۋابىدا قوقان مۇختارىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ قايسى خىل شارائىتلاردا قۇرۇلغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىپ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ زەكى ۋەلىدى ئېيتقىنىدەك ئۇنداق مۈلۈكدارلارنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىدىكى بىر ھۆكۈمەت بولماستىن، پۈتۈنلەي مىللىي كۈچلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. بۇ ماقالىلەرگە قارىتا 1932- يىل بېشىدا «ئاتسىز مەجمۇئەسى» ژۇرنىلىدىن جاۋاب كېلىدۇ. جاۋاب خاراكتېرىدە يېزىلغان بۇ ماقالىلەردە «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ زەكى ۋەلىدىنى تەنقىدلىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، ژۇرنالدا ساپ چاغاتاي تىلى ئىشلىتىلمىگەنلىكىمۇ تەنقىدلەنگەن ئىدى. بۇلارغا رەددىيە سۈپىتىدە مۇستاپا چوقاي ئوغلى «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىدا زەكى ۋەلىدى مەسىلىسىگە يېقىن كەلمەي تۈرۈپ پەقەتلا تىل مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزاھات بېرىلگەن ئۇزۇن بىر ماقالە ئېلان قىلىدۇ. ئاتسىزنىڭ 12- سانىدا بۇنىڭغا قارىتا بەرگەن رەددىيە ماقالىسىدە ئاساسەن ئالغاندا زەكى ۋەلىدىنىڭ كىتابىدىكى تەنقىتدلەشلەرنىڭ تەكرارلىنىشى ئىدى. ئەمما بۇ ماقالىنىڭ بىر يېرىدە بۇ تۈردىكى مۇنازىرىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىغان مۇنداق بىر باھامۇ بار ئىدى:
ئاغىنىمىزنىڭ بىزگە بەرگەن جاۋابىدا مەدەنىي بىر ژۇرنالنىڭ كۆچمەن ئۆزبېك تىلى بويىچە چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەلۋەتتە، بىزمۇ بۇنداق بىر تەلەپتە بولمىغان ئىدۇق. ھەرھالدا ئورتا ئاسىيا مىللىي مۇستەقىللىقىنى تەشۋىق قىلىدىغان بىر ژۇرنالنىڭ تىلى سارتچە (سارت: ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە شەھەرلەردە ئولتۇراقلىشىپ سودىگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قوۋملار سارت دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ كىشىلەرنى خەلقنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىگە تولۇق ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلار دەپ قارىشى نەتىجىسىدە بۇ ئاتالغۇ قىسمەنلىكتە كەمسىتىش مەنىسىنىمۇ ئىپادىلىمەكتە. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) بولماسلىقى كېرەك ئىدى. … شۇنىڭدەك يەنە ئاغىنىمىز شۇنىڭغىمۇ قايىل بۆلىشى كېرەككى، تۈرك ئىرقىنىڭ ئىستىقبالىنى تىكلەيدىغان، ئۇنى قوغدايدىغانلار تۈركىيە شەھەرلىكلىرى بىلەن ئورتا ئاسىيا سارتلىرى ئەمەس بەلكى تۈركىيە سەھرالىقلىرى بىلەن ئورتا ئاسىيا چارۋىچىلىرىدۇر.
بۇ ماقالىغا ئاپتور ئىسمى قويۇلمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا “ك. ئا” دېگەن ئىككىلا ھېرىپ يېزىلغان ئىدى. «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىدىكىلەر ك بىلەن ئا ھەرپلىرى ئابدۇقادىر سۇلايماننى كۆرسىتىدۇ دەپ قاراشقان ئىدى. راست دېگەندەك مەيلى زەكى ۋەلىدى تۇغان بولسۇن ياكى ئابدۇقادىر سۇلايمان (ئىنان) بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا «ئاتسىز مەجمۇئەسى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئەتلىرىگە تەۋە كىشىلەر بولۇپ، ژۇرنالنىڭ تۇنجى سانىدىن باشلاپلا تۈرك مەدەنىيىتى، تۈرك تىلى ۋە تۈرك تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنى يېزىپ كېلىۋاتقان كىشىلەر ئىدى. بۇ پەرەزلەرگە ئاساسلانغان «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ كېيىنكى ساندا بەرگەن جاۋاب ماقالىسىگە «ئاتسىز مەجمۇئەسى ژۇرنىلىدا ك. ئا ھەرپلىرىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ئەپەندىگە» دېگەن تېما قويۇلغان بولۇپ، ماقالە بەكلا ئېغىر تىللار بىلەن يېزىلغان ئىدى:
12- ساندا نارازىلىق بىلدۈرۈپ يازغان ماقالىڭىزنى ئوقۇدۇم. ماقالىدىكى ئۇسلۇبىڭىز بىلەن تەنقىد ئۇسۇلىڭىز توغرا بولماپتۇ. بۇنداق ماقالە ئەخمەت زەكىگە ياكى ژۇرنالغا ياخشى تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. سىزنىڭ يالغانچىلىققا تايىنىپ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىڭىز ھەققىدە كېيىنكى ساندا جاۋاب بېرىمەن. زەكى ۋەلىدى ئەپەندىنىڭ ئىلمىي ئويدۇرمىلىرىغا رەددىيە بېرىپ يازغان ماقالىلىرىمنى قىلچە تەپ تارتماي ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغانلىرىڭىز بىلەن كۆمۈۋېتەلمەيسىز. سىز بىزنىڭ كۈرەش پائالىيەتلىرىمىز ئارقىلىق تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنى ئاۋارە قىلىپ يۈرۈشىڭىز ھاجەتسىز. مېنىڭ فرانسۇزچە بىلەن ئورتا ئاسىياچە تىللاردا ئېلان قىلغان ماقالىلىرىمنى تۈركىيە جامائىتىگە قايسى دەرىجىدە بۇزۇپ تونۇشتۇرغانلىقىڭىز ھەققىدە كېيىنكى سانلاردا تەپسىلىي توختىلىمەن.
شۈبھىسىزكى، «ئاتسىز مەجمۇئەسى» ژۇرنىلى ئۇزۇنغا قالمايلا بۇ ماقالىغا رەددىيە بېرىدۇ. ژۇرنالنىڭ 17- سانىدا «چوقاي ئوغلى مۇستاپا ئەپەندىگە بېرىلگەن ئاخىرقى جاۋابىمىز» دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە جاۋاب بېرىۋاتقان ئادەم، ئۇلار ئويلىغاندەك ئابدۇقادىر ئەپەندى ئەمەس بەلكى پات يېقىندا سابىق ئورۇنغا ئۆتىدىغان تۈركىيات ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسسىستانتلىرىدىن تۈركىيەلىك ھۈسىيىن نىھال ئاتسىز ئىكەنلىكى كۆرسىتىلمەكتە ئىدى. شۇنىڭدەك، چوقاي ئوغلىنىڭ ئۇرۇسچە تىلدا يېزىلغان خەتلىرى بىلەن ئۇنىڭ بەزى مۇھىم ماتېرىياللىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئابدۇقادىر ئەپەندى تەرىپىدىن توسۇپ قويۇلغانلىقىمۇ تەكىتلەنگەن ئىدى.
مەتبۇئات ۋاسىتىلىرى بىلەن داۋاملاشقان بۇ تۈردىكى مۇنازىرىلەر بارغانسېرى كېڭىيىپ كېتىۋاتاتتى. ئاتسىزنىڭ «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلى ئىشلىتىۋاتقان يېزىق تىلىنى تەنقىدلىگىنىدە ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي مەسخىرە قىلغانلىقى ئورتا ئاسىيالىقلار ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىستانبۇلدىكى ئورتا ئاسىيالىق تۈرك ياشلار ئىتتىپاقى بۇ ھەقتە بىر يىغىن ئېچىپ نىھال ئاتسىزغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشتى. شۇنىڭدەك يەنە، «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ 36- سانىدا ياشلارنىڭ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىك خەۋىرى بىلەن بىرلىكتە، ت ت گ ب نىڭ يېڭى سايلانغان رەئىسى دوكتور سالىھ ئىسمائىل (ئەركىنقول) نىڭ ئاپتورلۇقىدا «ھەر قوي ئۆز ئايىغى بىلەن» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. يەنە شۇ ساندا دوكتور تاھىر شاكىرنىڭ «نىھال ئەپەندىگە گېنېرال كۇروپاتكىندىن جاۋاب» دېگەن ماۋزۇلۇق بىر ماقالىمۇ بېسىلغان ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە گېرمانىيەدىكى ت م ب شۆبىسىدە يىغىنغا قاتناشقان ياشلارنىڭمۇ نىھال ئاتسىز يازغان ماقالىلىرىگە لەنەتلەر ئوقۇغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن ئىدى. بۇ جەرياندا «ئاتسىز مەجمۇئە» ژۇرنىلىنىڭ نەشرى توختىتىلغان بولغاچقا، «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ كېيىنكى بىر سانىدا مۇستاپا چوقاي ئوغلى «مەرھۇم ئاتسىز مەجمۇئەسىنىڭ مۇدىرى نىھال ئەپەندىنىڭ ئەدەپسىز سۆزلىرىگە جاۋابىم» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىدۇ.
ئۇ ۋاقىتلاردا، ياش ئورتا ئاسىياچىلار بۇ تۈردىكى ئىشلاردا نىھال ئاتسىزنىڭ زەكى ۋەلىدى تەرىپىدىن تىزگىنلىنىپ كېلىنگەن بىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. ئۇلارنىڭ ئۆزئارا يېزىشقان خەتلىرىدىن بۇنداق قارايدىغانلىقى ئوچۇق كۆرۈنەتتى. مىسال ئالساق، ئابدۇلۋاھاپ ئىساق ئوغلى يازغان بىر پارچە خېتىدە “نىھال تەرىپىدىن ئەدەپسىزلەرچە يېزىلغان ماقالىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇ ئىشلارنىڭ كەينىدە چوقۇم زەكى ۋەلىدى بار. بۇ تۈردىكى ھۇجۇم قىلىشلار تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنماي «ئاتسىز مەجمۇئە» دىلا بېسىلماقتا. … بىز نىھالغا رەددىيە بېرىشىمىز كېرەك. … ئەسلىدە نىھالنىڭ كانىيى بولغان ئەپكاردىن پايدىلىنىپ زەھىرىنى پۈركۈپ يۈرگەن زەكى ۋەلىدىنى ئاشكارىلىشىمىز كېرەك.” دەپ يازغان ئىدى (ئابدۇۋاھاپ ئوكتاينىڭ مۇستاپا چوقاي ئوغلىغا 1933- يىلى 21- يانۋاردا يازغان خېتى. ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن − ئا.ھ. ئىزاھاتى). بىر يىلدەك داۋام قىلغان بۇ تالاش- تارتىشلار جەريانىدا زەكى ۋەلىدى ئەپەندى بۇ جېدەلگە بىۋاسىتە ئارىلاشمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نىھاي ئاتسىزنى رەددىيە ماقالىلىرىدە پايدىلىنىشى ئۈچۈن ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ تۇرغانلىقى ئېنىق ئىدى (ۋەلىدىنىڭ بۇ تالاش- تارتىشلار جەريانىدا چوقاي ئوغلىنىڭ تەنقىدلىرىگە بەرگەن بىردىن- بىر رەددىيە ماقالىسى، ئابدۇقادىر ئىنان تەرىپىدىن «ئەزەربەيجان يۇرت بىرلىكى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالە قىپچاق قوۋملىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ماقالە ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
شۇ كۈنلەردە،يەنى 1932- يىلىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا چاقىرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك تۈرك تارىخ قۇرۇلتىيىدا مۇزاكىرىگە قويۇلغان رەسمىي تۈرك تارىخ كۆزقارىشىغا قارشى چىققان پروفېسسور زەكى ۋەلىدى تۇغانغا قارىتا ئىلمىي ساھەلەر بىلەن سىياسىي ساھەلەر بويىچە كەسكىن تەنقىدلەش دولقۇنى قوزغىتىلغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئاتسىز تۈرك تارىخ تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپىغا بىر پارچە تېلېگرامما يوللاپ زەكى ۋەلىدىنى ئاقلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە «ئاتسىز مەجمۇئە» نىڭ 17- سانىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتىدۇ. نىھال ئاتسىز بۇ ماقالىسىدە دارىلفۇنۇندىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم جەھەتتە زەكى ۋەلىدىنىڭ قولىغا سۇمۇ قويۇپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ تەنقىدلىرىدە يېتەرلىك ئىلمىيلىق يوق دەپ قارىلايدۇ. بۇ تۈردىكى تالاش- تارتىشلار يۈز بېرىۋاتقان كۈنلەردە رەشىت غالىپ ئەپەندى مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقىدا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدۇ. بۇ خىل ۋەزىيەت شەكىللەنگەندىن كېيىن نىھاي ئاتسىز تۈركىيات ئىنستىتۇتىدىن چىقىرىلىپ، «ئاتسىز مەجمۇئە» مۇ پېچەتلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ نىھال ئاتسىزنىڭ قولىدا رەددىيە يازغىدەك ھېچقانداق بىر ئىمكانىيەت قالمايدۇ. ئەمما جاھىل مىجەزلىك ئاتسىز، پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ تالاش- تارتىشنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىدىن قەتئىي ۋاز كەچمىگەن ئىدى. ئۇ، «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلى ۋاسىتىلىقىدا ئۆزىگە قارىتىلغان ئاخىرقى ھۇجۇمغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن «سارت سەركىسىگە جاۋاب» دېگەن ئىسىملىك بىر كىتابچە بېسىپ تارقىتىدۇ.
ئاتسىز- چوقايئوغلى سۈركىلىشىگە تۈركىيەدىكى تۈركچىلەر ئالاھىدە قىزىققان ئىدى. ئەمما ئەڭ قىزىق بولغىنى، بۇ مۇنازىرە ت م ب غا بەكرەك تەسىر قىلغانلىقى ئىدى. بۇ تالاش- تارتىشلار گېرمانىيەدىكى ت م ب ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بېرى ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا سەۋەب بولۇپ بېرىدۇ.
يۇقىرىدا توختىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلى مۇستاپا چوقاي ئوغلى باشچىلىقىدا ئابدۇۋاھاپ ئوكتاي بىلەن تاھىر چاغاتاي قاتارلىق تار دائىرىلىك كىشىلەر مەسئۇللۇقىدا چىقىرىلماقتا ئىدى. گېرمانىيەدىكى ياش ئورتا ئاسىياچىلارنىڭ قالغان ئەزالىرى ئۆزلىرىنى بۇ ئىشتا چەتتە قالدۇرۇلغان دەپ ھېس قىلىشماقتا ئىدى. چەتكە قېقىلغان بۇ ئەزالار ت م ب مەركىزىنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ بۇ ساھەگە كىرىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى. مۇستاپا چوقاي ئوغلى تاھىر چاغاتاينىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئالاھىدىلىكىگە، ئابدۇلۋاھاپ ئوكتاينىڭ ژۇرنال چىقىرىش ماھارىتىگە بەكلا قايىل ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، قالغانلارنىڭ ژۇرنال ئىشىغا ئارىلاشماي پەقەت ماقالە ئەۋەتىپ تۇرۇشىنىلا تەلەپ قىلىدۇ. ژۇرنال مەسىلىسىدىكى بۇ نارازىلىقلار ئەۋجىگە چىققان پەيتتە ئاتسىز- چوقاي ئوغلى ماجىراسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
«ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ 36- سانىدا گېرمانىيەدىكى ياش ئورتا ئاسىياچىلار «ئاتسىز مەجمۇئەسى» دە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر ھەققىدە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى، يېزىلغان ماقالىلەرنى قارىلىغانلىقى ھەققىدە نارازىلىق بىلدۈرۈش خەۋىرى بېسىلىدۇ. بۇ خەۋەر «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنى چىقىرىۋاتقان خادىملاردىن باشقا ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلىۋېتىدۇ. بۇ ياشلار خەۋەرنىڭ بۇ شەكىلدە ئېلان قىلىنىشى توغرا ئەمەس دەپ قارىشاتتى. نەتىجىدە ئەفدال ئەبۇسائىت بىلەن سەئىدئەلى غوجا نامىدا «ياش ئورتا ئاسىيا» نىڭ باش تەھرىرى چوقاي ئوغلىغا قارىتىپ بىر پارچە نارازىلىق بىلدۈرۈش خېتى ئەۋەتىدۇ. بۇ خەتتە، ئېچىلغان يىغىننىڭ قانۇنلۇق ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ت م ب نىڭ رەسمىي كۆزقارىشى دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى، نىھال ئاتسىزغا نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشتى دەپ ئېلان قىلىشقا قەتئىي قوشۇلمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى. نەتىجىدە گېرمانىيەدىكى ياشلار ئوتتۇرىسىدىكى بۆلۈنۈش ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىققان ھېسابلاندى. شۇنداق قىلىپ بىر تەرەپتە «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىدىكىلەر بىلەن ئۇلارنى ھىمايە قىلىدىغانلار، يەنە بىر تەرەپتە بولسا ت م ب نىڭ گېرمانىيەدىكى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن ئۇلارنى ھىمايە قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.
ت م ب مەركىزى كومىتېتى گېرمانىيە شۆبىسى تەۋەسىدىكى بۇ غۇلغۇلىلارنى تىنچىتىش ئۈچۈن شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ باققان بولسىمۇ بىرەر نەتىجىسى بولمايدۇ. ئاخىرى، 1933- يىلى مارتتا قوبۇل قىلىنغان ت م ب مەركىزى كومىتېت قارارى ئارقىلىق گېرمانىيە شۆبىسىنىڭ پائالىيەتلىرى بىر ۋاقىتلىق توختىتىلدى.
ئەسلىدە بۇ قارارنىڭ ئېلىنىشى، «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنى ھىمايە قىلىدىغان گۇرۇھتىكىلەردىن باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ گېرمانىيەدىكى پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بېرىش دېگەن مەنىگىمۇ ئىگە ئىدى. چۈنكى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەن، گېرمانىيەدە قېلىپ ئىش تېپىپ ئىشلەشكە كۆزى يەتمەي تۇرۇۋاتقان بىر ئەھۋالدا ئىدى. شۇڭا بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تۈركىيەگە بېرىپ ئورۇنلىشىپ شۇ يەرلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ مۇۋاپىق چارە بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇلار ھەقىقەتەن بۇ چارىدىن پايدىلىنىپ تۈركىيەگە كېلىپ ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىدىكى ھەر تۈرلۈك ئورۇنلارغا ئىشقا كىرىپ خىزمەت قىلىدۇ. 1933- يىلىدىن كېيىن گېرمانىيەدە پەقەت ئابدۇۋاھاپ ئوكتاي بىلەن تاھىر شاكىر، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى سائىدە ئوكتاي (شىرئەخمەت قىزى) بىلەن سائادەت چاغاتاي (ئىسھاقى) لا قالىدۇ. ئىدىل ئۇرال تۈركلىرىنىڭ رەھبىرى ئاياز ئىسھاقىنىڭ قىزى بولغان سائادەت ئىسھاقى قىزى تاھىر چاغاتاي بىلەن توي قىلىپ، ئىدىل ئۇراللىقلارنىڭ نەشرى ئەپكارى بولغان «مىللىي يول» ژۇرنىلىنى بېسىش ۋە تارقىتىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ت م ب نىڭ پرومېتې ژۇرنىلى ۋاكالەتچىسى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن سابىر ئىبراھىم (ئورتا ئاسىيالى) بولسا پارىژدا مۇستاپا چوقاي ئوغلى بىلەن بىرگە ئىدى.
ئوقۇغۇچى بولۇپ گېرمانىيەگە بارغىنىدىن كېيىن قالغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاساسەن ئارىلاشماي يالغۇز ئوقۇش بىلەن بولۇپ كەتكەن ۋەلى قېيۇمخانمۇ، گېرمانىيەدىن كەتمەي تۇرۇپ قالغان ئورتا ئاسىيالىقلاردىن بىرى ئىدى. مىللىي ئورتا ئاسىيا ھەرىكىتى ئەزالىرى تەرىپىدىن بەك تونۇلمىغان بۇ ئوقۇغۇچى سىياسىي سەھنىدە پەيدا بولىدىغان 1940- يىللارغا كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئۈنىنى چىقارماي يۈرۈۋېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 30- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرى ئاساسى جەھەتتىن ياش ئورتا ئاسىياچىلار تەرىپىدىنلا قانات يايدۇرۇلماقتا دېيىشكە بولىدۇ.

بىرىنچى نۆۋەتلىك تۈرك تارىخ قۇرۇلتىيى ۋە زەكى ۋەلىدى تۇغاننىڭ تۈركىيەدىن ئايرىلىشى
1932- يىلى ئىيۇلدا چاقىرىلغان بىرىنچى نۆۋەتلىك تۈرك تارىخ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆزقاراشلار بىلەن بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەر، ئورتا ئاسىيا مەسىلىسىنىڭ يېتەكچى كىشىلىرىدىن بىرى بولغان زەكى ۋەلىدى تۇغاننىڭ ئىلمىي تەتقىقات پائالىيەتلىرى بىلەن سىياسىي ئورنىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ قۇرۇلتاي ئاتاتۈركنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن تۈرك دۇنياسى ۋە ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى مۇقىم بىر قېلىپقا سېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش نۇقتىسىدىن ئالغاندىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.
ئوسمانلىلار خارابىلىرى ئىچىدىن زامانىۋى بىر جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ چىقىش قابىلىيىتىنى كۆرسەتكەن ئاتاتۈرك، بىر مىللەتنىڭ شەكىللىنىشىدە تارىخنىڭ، دىننىڭ ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىنتايىن ياخشى بىلەتتى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەڭگۈ ياشاپ قېلىشى ئۈچۈن ئوسمانلىلار تەرىپىدىن ئاساسى جەھەتتىن سەل قارىلىپ كېلىنگەن تۈرك مىللىتىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئورتا ئاسىيا مەدەنىيەتلىرى بىلەن ئانادولۇ قەدىمكى مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئوخشاش ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، تۈرك تىلى بىلەن تۈرك مەدەنىيىتى تەتقىق قىلىنىشى، شۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ مىللىي تارىخ كۆزقارىشىنى شەكىللەندۈرۈشى زۆرۈر ئىدى. ئاتاتۈرك ئەنە شۇ مەقسەتتە تۈرك تارىخ ۋە تۈرك تىل تەتقىقات جەمئىيەتلىرىنى قۇرغۇزىدۇ. داڭلىق تۈرك مىللەتچىلەر يېتەكچىسى بولغان يۈسۈف ئاقچۇرا رەئىس قىلىپ تەيىنلەنگەن تۈرك تارىخ جەمئىيىتى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا مەكتەپلەردە دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلىدىغان تۆت قىسىملىق تارىخ دەرسلىك كىتابىنى تەييارلاپ چىقىدۇ. كەينىدىنلا بۇ كىتابلاردا بايان قىلىنغان رەسمىي تارىخ قاراشلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن تارىخ ئوقۇتقۇچىلىرى قاتناشقان بىر قۇرۇلتاي چاقىرىدۇ. 1932- يىلىنىڭ 2~11- ئىيۇل كۈنلىرىدە ئەنقەرە خەلق سارىيىنىڭ زالىدا چاقىرىلغان بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىگەن مائارىپ ۋەكىلى ئەسەت ئەپەندى، ئوتتۇرىغا قويۇلغان رەسمىي تارىخ قاراشلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى يىغىنچاقلاپ تۆۋەندىكىچە ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
تۈركلەر، ئانا يۇرتى ئورتا ئاسىيادا يىرىك تاش قوراللار دەۋرىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 12000 يىلى تاماملىغان بولسا، ياۋروپالىقلار بۇ دەۋردىن 5000 يىل كېيىن ئاران قۇتۇلۇپ چىقالىغان. … سىلىق تاش قوراللار دەۋرىگە توغرا كەلگەن جۈمۇدىيە (مۇز) دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇزلارنىڭ ئېرىشىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن مۇھىم تەبىئىي تاھاۋۋۈللەر (ئۆزگىرىشلەر) سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان تۈرك قەبىلىلىرى مۇھاجىرەت يولىغا ئاتلىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 7000 يىللار ئاۋۋال دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرغان؛ ئالتۇن، مىس، قەلەي ۋە تۆمۈرنى كەشىپ قىلغان تۈركلەر، ئورتا ئاسىيادىن يولغا چىقىپ، بارغان يەرلىرىدە دەسلەپكى مەدەنىيەتنى نەشرەتمىش (تارقاتقان). شۇنداق قىلىپ ئاسىيادا چىن، ھىندىستان ۋە مۇقەددەس ئانادولۇدا ئېتى، مېزوپوتامىيەدە سۈمەر، ئەلام ۋە ئاخىرىدا مىسىر، ئاق دېڭىز (ئوتتۇرا يەر دېڭىزى − ئۇ.ت) ۋە رىم مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۈلىنى سېلىپ، بۈگۈنكى كۈندە ھەممىمىز يوقۇرى مەدەنىيەتلىرىگە قايىل بولۇپ ئارقىدىن ئەگىشىپ مېڭىۋاتقان ياۋروپالىقلارنى ئۇ دەۋرلەردە ئۆڭكۈر ھاياتىدىن قۇتقۇزۇپ چىققان ئىدى.
قۇرۇلتاي قاتناشقۇچىلىرى تەرىپىدىن ھەر جەھەتتە قوللاپ قۇۋۋەتلەنگەن بۇ مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن تارىخ كۆزقارىشىدا، مىلادىدىن بۇرۇنقى 7~8 مىڭىنچى يىللاردا تۈركلەر نېمە ئۈچۈن ئورتا ئاسىيادىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى دېگەن سوئالغا، تارىختا ئورتا ئاسىيانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بىر ئىچكى دېڭىزنىڭ ئۇششاق كۆللەرگە ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشى سەۋەب بولغان دەپ جاۋاب بېرىلگەن ئىدى. بۇ ئىچكى دېڭىز مۇزلارنىڭ ئېرىشىدىن بارلىققا كەلگەن دېڭىز بولۇپ، بۇ دېڭىزنىڭ كۆلىمى ھەزەر (كاسىپى) دېڭىزى بىلەن ئارال دېڭىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دەرىجىدە چوڭ بىر دېڭىز ئىدى دېيىلگەن. بۇ ئىچكى دېڭىزنى قۇرۇتىۋېتەلىگىدەك دەرىجىدە دەھشەتلىك بولغان ئۇ قۇرغاقلىق ئاپىتى، تۈرك تارىخ جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى رەشىت غالىپنىڭ دېيىشى بويىچە، دۇنياغا تۇنجى مەدەنىيەتنىڭ تارقىلىشىنى تېزلىتىشكە سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان، ئەمما ئورتا ئاسىيا ئۈچۈن ئېغىر ئاپەت كەلتۈرۈپ بەرگەن بىر تەبىئەت ھادىسە ئىكەن. رېشىت غالىپ دوكلات جەريانىدا زەكى ۋەلىدى تۇغاننىڭ بۇ كۆزقاراشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسۇن دەپ سۆزگە تەكلىپ قىلىدۇ.
زەكى ۋەلىدى تۇغان، ئۇ كۈنىدىكى تۈركىيەدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئاساسەن دېگۈدەك قەدىمكى دەۋرلەردە ئورتا ئاسىيادىن كۆچۈپ چىققان تۈركلەر تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان، ئانادولۇ بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدا قۇرۇلغان ئېتى، سۈمەر، ئەلام قاتارلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ قۇرغۇچىلىرىمۇ ياش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخىي ئەجدادلىرى ئىدى دەيدىغان بۇنداق مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن تارىخ كۆزقارىشىغا قارشى چىققان بىردىن بىر ئالىم ئىدى. ئەسلىدە ۋەلىدىنىڭ نارازىلىقى بەكلا ئاددىي كۆرۈنگەن بىر نۇقتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلماقتا ئىدى. تۇغاننىڭ قارىشى بويىچە، يازما تارىخ دەۋرلىرىدە ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە ئۇنداق ئېغىر قۇرغاقلىق ھادىسىسى كۆرۈلگەن ئەمەس، ئەگەر شۇنداق بىر قۇرغاقچىلىقنى بولغان دەپ قارىغىنىمىزدىمۇ خاتىرىلەنمىگەن قەدىمكى دەۋرلەردىلا كۆرۈلگەن بۆلىشى مۇمكىن. تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيان ئورتا ئاسىيانىڭ نوپۇسى كېمىيىش تۇرماق ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ئارتقانلىقى مەلۇم. يېزىق تارىخى باشلانغان دەۋرلەردىن بېرى كىلىمات ئۆزگىرىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىقتىسادى ۋە سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن زور كۆچ- كۆچلەر مەيدانغا كەلگەن، شۇنداقتىمۇ بۇ تۈردىكى كۆچۈش ۋەقەلىرى بۇ تارىخ قارىشىدا كۆرسىتىلگەندەك ئۇنداق ئېغىر دەرىجىدە روي بەرگەن ئەمەس. ئانادولۇغا قاراپ تۈركلەرنىڭ كۆچۈشىمۇ ئاساسەن ئالغاندا ئورتا ئاسىيادا موڭغۇل ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان دەۋرلەردە، يەنى ئون بىرىنچى ئەسىرلەردە ئوتتۇرىغا چىققان بۆلىشى كېرەك ئىكەن.
زەكى ۋەلىدىنىڭ قورقماستىن ئوتتۇرىغا قويغان بۇ قاراشلىرى، رەسمىي تارىخ دەپ ئېلىنغان قاراشلارنىڭ ئاساسلىرىنى پۈتۈنلەي ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋەتمەكتە ئىدى. ئەگەر ۋەلىدىنىڭ كۆزقارىشىنى قوبۇل قىلىشقا توغرا كەلگىنىدە، دۇنيانىڭ ئىلغار مەدەنىيىتى تۈركلەر تەرىپىدىن يارىتىلغان، سۈمەر، ئېتى قاتارىدىكى قوۋملار ئانادولۇ تۈركلىرىنىڭ ئەجدادلىرى دەيدىغان قاراشنى ھەرگىز تىلغا ئالغىلى بولماي قالاتتى. ئىككى كۈنگە يېقىن داۋام قىلغان بۇ مۇنازىرىلەردىن كېيىن، دوكتور رەشىت غالىپ ئەپەندى زەكى ۋەلىدىنى ئېغىر تەنقىدلەر ئىچىگە كۆمۈۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئارقىدىن زەكى ۋەلىدىنىڭ كونا رەقىبلىرىدىن بولغان سادىر مەخسۇدى ئارسال سۆزگە چىقىپ قۇرغاقلىق ئاپىتى سەۋەبىدىن قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان بەزى شەھەرلەرنى تىلغا ئېلىپ كۆرسىتىپ تەنقىدلەشنى داۋام قىلىدۇ. ئەمما زەكى ۋەلىدى گېپىدىن يانماي ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىدا چىڭ تۇرۇپ تىركىشىدۇ. بۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا ھۆكۈمەت تەرەپ رەسمىي تارىخ قارىشى تەرىپىنى ئالغان، پۈتكۈل قۇرۇلتاي ھەيئىتىنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشكەن دوكتور رېشىت غالىپ، تەنقىدىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ: زەكى ۋەلىدى تۇغاننىڭ دارىلفۇنۇندا داۋاملىق ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشىنىڭ مۇۋاپىق بولۇش- بولماسلىق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆز پىكرىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ سۆزىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ:
ئارقاداشلار (دوستلار)، شۇنى ئەپسۇس بىلەن تىلغا كەلتۈرۈشكە مەجبۇرمەنكى، زەكى ۋەلىدى ئەپەندىنىڭ دارىلفۇنۇندىكى سىنىپىدا ئوقۇغۇچى بولۇپ قالمىغىنىمغا بەكلا خۇشالمەن. بىز ئەۋلادلىرىمىزنى كېلەچەك ئۈچۈن بۈيۈك دۆلەت ئىشلىرىغا تەييارلاۋاتقان، كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بۇ تۈردىكى ئەسلىدىن، يىلتىزىدىن خەۋەرسىز قالدۇرۇلىدىغان، ئەڭ ئىپتىدائىي ھېساب- كىتاب ۋە مەنتىق بىلىملىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلىدىغان ئۇسۇللار بىلەن مېڭىلىرىنىڭ بۇلغىنىشىغا، مۇھاكىمە قىلىش قابىلىيەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ھەرگىز سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دارىلفۇنۇنىنىڭ دەرس سەھنىسىنىڭ مۇنچە مەلۇماتى تۆۋەن، مۇنچە ناچار مېتودچىلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىشى مۇمكىن بولىدىغان ئۇنداق قىممىتى يوق ئورۇن ئەمەس (گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئۇزۇنغىچە داۋام قىلدى).
زەكى ۋەلىدى تۇغانغا قارىتا تەنقىدلەرنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغان بۇ نۇتۇقتىن كېيىن سۆز ئالغان سادرى مەقسۇدى ئارسالمۇ نۇتقىنى يۇقىرىقىدەك سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ:
زەكى ۋەلىدى ئەپەندى تىلغا ئالغان شەھەرلەردىن ھېچقايسىسىنىڭ ئۇ يەرلەردە بارلىقى ئىسپاتلانمىغان. زەكى ۋەلىدى ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنىڭ ھېچقايسىسى قىلچىمۇ ئاساسى يوق سۆزلەردۇر. … ئۇنىڭ بۇ تەنقىدلىرى ئىلمىي بىر مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشنى مەقسەت قىلىشتىن كۆرە، پۈتۈنلەي باشقا بىر غەرەزنى مەقسەت قىلىپ ئوتتۇرىغا قۇيغانلىقى ئاشكارا ئوتتۇرىدا.
ئەڭ ئاخىرقى تەنقىد تۈرك تارىخ تەتقىقات جەمئىيىتى ئەزاسى شەمسەددىن گۈنئالتايدىن كېلىدۇ. شەمسەددىن ئەپەندى، زەكى ۋەلىدى تۇغان بىلەن سادرى مەقسۇدى ئارسال ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرىلىشىشنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ رۇسىيەدىكى ئىنقىلاب پارتلاشتىن ئاۋۋال چاقىرىلغان پۈتۈن رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى قۇرۇلتىيى ئېسىگە كەلگەنلىكىنى، بۇ ئىككى كىشى شۇ ۋاقىتلاردىلا تۈركلۈك مەسىلىسى ئۈستىدە تالاش- تارتىش قىلىپ ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دېگەندەك، شۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا سادرى مەخسۇدى قاتارلىق ئىدىل ئۇرال تاتارلىرى تېررىتورىيىسىز مەدەنىيەت مۇختارىيىتى تەلەپ قىلىش تەرىپىدە تۇرغان ۋاقتىدا، زەكى ۋەلىدى يېقىنلىرى بىلەن بىرگە تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش تەرىپىدە چىڭ تۇرغان ئىدى. ئەسلىدە تېررىتورىيىسى ئېنىق بولمىغان مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاپتونومىيىنى تەلەپ قىلىشقا قارىغاندا تېررىتورىيىسى ئېنىق بولغان ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقنى تەلەپ قىلغان زەكى ۋەلىدىنىڭ ئورنى، شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتتە ھەقىتەنمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ھېسابلىناتتى. ئەمما شەمسەتتىن گۈنئالتاي ۋەكىللىكىدىكى قۇرۇلتاي قاتناشقۇچىلىرى ئۇ كۈنلەردە بۇ تۈردىكى تەپسىلىي ئىشلارغىچە تالاش- تارتىش قىلغۇدەك ۋاقىتلىرىمۇ يوق ئىدى. گۈنئالتاينىڭ تىلغا ئالغان بۇ ئاخىرقى گېپى ئۇزۇن يىل بۇرۇن سادىر مەقسۇدى قاتارلىق ئىدىل- ئۇرال زىيالىيلىرى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تەلىپىدە بولغىنى ئۈچۈن زەكى ۋەلىدى ئۈستىدە قىلغان تەنقىدلەرگە پۈتۈنلەي ئوخشايتتى:
ئەمما زەكى ۋەلىدى ئەپەندى ئۇفا قۇرۇلتىيىدا تۈرك نامى ئاستىدىكى تۈرك ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا بىرىنچى بولۇپ ماقۇل بولمىغان بولۇپ، باشقىرتلارنى تۈرك ئائىلىسىدىن ئايرىم تۇتماقچى بولغان ئىدى (يىغىن زالىدا ئەپسۇس، مىڭلارچە ئەپسۇس! دېگەن سادالار ياڭرايدۇ). … ئەجەبا، زەكى ۋەلىدى ئەپەندى شۇ ۋاقتىدىكى ئوينىغان ئويۇنىنى بۇ قۇرۇلتايدىمۇ ئوينىماقچى بولۇۋاتامدۇ قانداق؟ خاتىرجەم بولسۇن، بۇ قۇرۇلتاي ئەتىراپىغا يىغىلغانلار، قەلبىدە مىللەت دېگەن يالقۇن يېلىنجاپ تۇرغان كىشىلەردۇر. بۇ يالقۇن ئالدىدا باشقا ھەرقانداق تەكلىپ ۋە تىرىشچانلىقلار بەرداشلىق بېرەلمەي كۈل بولۇپ توزۇپ كېتىشكە مەھكۇمدۇر (ئۇزۇنغا سوزۇلغان گۈلدۈراس ئالقىشلار ياڭرايدۇ).
بۇنداق ۋەقەلەر يۈز بەرگەن بىر ۋەزىيەت ئاستىدا، زەكى ۋەلىدى تۇغاننىڭ دارىلفۇنۇندىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانى قالمىغان دېيىشكە بولاتتى. تۈركىيە دۆلىتى ئوتتۇرىغا قويغان رەسمىي تارىخ نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرۇشى ئۇنى ئىلمى تەتقىقات ساھەسىدىكىلەر ئارىسىدىلا ئەمەس بەلكى سىياسىي ساھەلەردىمۇ قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەمگە ئايلاندۇرغان ئىدى. تەتقىقات ساھەسىدىكىلەر ئارىسىدا قۇرۇلتايغا كىرىپ سۆزگە چىققانلارنىڭ دوكلاتلىرىنى بىۋاسىتە ئاڭلاپ تۇرغان ئاتاتۈركمۇ زەكى ۋەلىدىنى خالىماپتۇ، دېگەن گەپ- سۆزلەر تارقىلىشقا باشلايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، 8- ئىيۇل كۈنى زەكى ۋەلىدى قۇرۇلتاي ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا بىر پارچە تېلېگرامما ئەۋەتىپ دارىلفۇنۇندىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، دوكتورلۇق ئوقۇشى ئۈچۈن ۋيېننا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېتىپ قالىدۇ. ۋەلىدى، ۋيېننادا دوكتورلۇق ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ ئاۋۋال بونن ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئاندىن گوتتىڭگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر مەزگىل ئىشلەيدۇ. تۈركىيەگە بولسا، ئاتاتۈرك ۋاپات بولغاندىن كېيىن، يەنى 1939- يىلى قايتىپ كېلىدۇ.
بۇ جەرياندا، تۈرك تارىخ جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان رەسمىي تۈرك تارىخ كۆزقارىشى ھەقىقەتەن ھەددىدىن زىيادە مۇبالىغىلەشتۈرۈۋېتىلگەن، زورلاپ كىرگۈزۈلگەن ھۆكۈملەر بىلەن تولۇپ تاشقانلىقى زىيالىيلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تەرىپىدىن قوبۇل كۆرۈلۈپ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ تۈردىكى مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن تارىخ كۆزقاراشلىرى ئۆزلۈكىدىنلا ئۈن- تۈنسىز ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. نەتىجىدە كېچىكىپ بولسىمۇ زەكى ۋەلىدىنىڭ دېگەنلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى تەستىقلانغان بولدى. ئەپسۇسكى، بەزى مۇتەخەسسىسلەر باشتىن تارتىپلا بۇ تۈردىكى تارىخ قارىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇ كۈنلەردىكى سىياسىي ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ ئۈنىنى چىقارماي جىم تۇرۇۋالغان، يەنە بەزىلىرى زەكى ۋەلىدىنىڭ تەنقىدلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ تۇرۇپمۇ تارىخ جەمئىيىتىنىڭ خاتا كۆز قاراشلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشكەن ئىدى. شۇنداق كىشىلەردىن بىرى، ھەتتا قۇرۇلتاي جەريانىدا بۇ تۈردىكى مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن تارىخ كۆز قارىشىغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ دەپ پەرەز قىلىنغان كىشىلەردىن بىرى دەل فۇئات كۆپرۈلۈ ئىدى. كۆپرۈلۈ قۇرۇلتايدىن كېيىن ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگىنىدە ئۇنىڭدىن بەزى كىشىلەر، سەن نېمە ئۈچۈن ئۇنداق بىمەنە تارىخ كۆزقارىشىغا قارشى چىقماي جىم تۇرۇۋالدىڭ دەپ سورىغىنىدا، “قانداق قىلاي، ئولتۇرغان ئۆيۈم ماڭا تەۋە ئەمەس تۇرسا” دەپ جاۋاب بەرگەن! ئۇنداق بولماي، ۋەلىدىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان تۇنجەر بايقارا ئېيتقىنىدەك، ئەگەر شۇ ۋاقىتتىكى تارىخچىلار ئاتاتۈركنى خوش قىلىمىز دەپ ئەمەس بەلكى ھەقىقىي تارىخنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، ئۇلۇغ ئاتاتۈركمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي تاشلىۋېتىلىدىغان بىر تارىخ قارىشىنى ھەرگىز ماقۇل كۆرمەس ئىدى.

ت ب م نىڭ شەرقىي ئورتا ئاسىيا سىياسىتى ۋە ياپونىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى
1930- يىللارنىڭ دەسلەپكى يىللىرى دۇنيا كۈچ تەڭپۇڭلۇقىدا تۈپكى ئۆزگىرىش بۆلىشىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلەر ئېنىق كۆرۈلۈشكە باشلىغان دەۋرلەر ئىدى. بولۇپمۇ 1931- يىلى سېنتەبىردە پارتلىغان چىن- ياپون ئۇرۇشى، ئۇنىڭ كەينىدىنلا چىننىڭ شىمالىدا ياپونىيەنىڭ ياردىمى بىلەن بىر مانچۇكونىڭ قۇرۇلۇشى ئاسىيادىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. بۇ ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتقان 1931- يىلىنىڭ فېۋرال ئېيىدا، شەرقىي ئورتا ئاسىيانىڭ قۇمۇل ۋىلايىتىدە چىن ھاكىمىيىتىگە قارشى غوجا نىياز ھاجى بىلەن سالىھ دورغا يېتەكچىلىكىدىكى بىر قوزغىلاڭ پارتلايدۇ. بۇ قوزغىلاڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا كېڭىيىپ ئۆلكە باشلىقى چىن شۇ جىن (جىڭ شۇرېننى دېمەكچى − ئۇ.ت) ھاكىمىيىتىنى تەۋرىتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە شەرقىي ئورتا ئاسىيانىڭ مۇستەقىل بولۇش ئىمكانىيىتى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شەرقىي ئورتا ئاسىيالىقلار باشلاتقان بۇ كۈرەش، بۇ رايونلارغا قىزىقىپ كېلىۋاتقان ياپونىيە قاتارىدىكى كۈچلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشقا باشلايدۇ.
ياپونىيە، 1900- يىللارنىڭ بېشىدىلا ئاسىيادىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان دۆلەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. رۇسىيەنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن نەتىجىلەنگەن 1904- يىلقى ياپون- رۇسىيە ئۇرۇشى چار رۇسىيەدە مەشرۇتىيەت سىستېمىسىغا (خانلىق- پارلامېنت ھاكىمىيەت سىستېمىسى − ئۇ.ت) ئۆتۈش پۇرسىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسا، ياپونىيەنىمۇ بىر دۇنياۋى كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئىمكانىيىتىنى ياراتقان ئىدى. ياپونىيەنىڭ بۇ غەلىبىسى، ياپونىيەدەك بىر شەرق دۆلىتىمۇ ئاساسەن سانائەتلىشىپ بولغان بىر غەرب دۆلىتى ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ۋەقە ئىدى.
رۇسىيە ئىنقىلابى دەۋرلىرىدە، ياپونىيە سىبىرىيىگە ئەسكەر چىقىرىپ ئاقلار بىلەن قىزىللار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە ئاقلار گېنېراللىرىغا ياردەم قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ ھادىسىلەر رۇسىيەگە قارام بولغان تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ياپونىيەگە قارىتا ئالاھىدە يېقىنلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىشقا باشلايدۇ. نەتىجىدە بىر قىسىم ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىق ھەرىكەت يېتەكچىلىرىنى ياپونىيە مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىگە ياردەم قىلالايدىغان ئەڭ ئىشەنچلىك دۆلەت دېگەن تونۇشقا كەلتۈرگەن ئىدى.
ئارىدىن 14 يىل ئۆتۈپ يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ۋەزىيەت قايتا يۈز بېرىدۇ. بۇ قېتىم ياپونىيە مانجۇرىيەنى بېسىۋېلىپ، كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا چىندىن كۆپ ئۈستۈن ھالغا كەلگەن ئىدى. چىندا يۈز بەرگەن بۇ قالايمىقان ۋەزىيەت، شەرقىي ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىشەنچىنى كۈچەيتىۋېتىشى تۇرغان گەپ. يەنە بىر تەرەپتىن مۇستەقىل بىر شەرقىي ئورتا ئاسىيا، سوۋېتلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان غەربىي ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈچۈنمۇ كۈچلۈك ياردەمچى بولىدىغانلىقى مۇقەررەر ئىدى. ياپونىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا پارتلاش ئېھتىمال بولغان ئۇرۇش، ئورتا ئاسىيا ئۈچۈنمۇ يېڭى  دەۋرنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.
بۇ خىل قاراشلار ت م ب رەھبەرلىرىنىمۇ قىزىقتۇرماقتا ئىدى. ت م ب رەئىسى ئوسمان غوجا ئوغلى يازغان بىر پارچە خەتتە مانجۇرىيەدە يۈز بەرگەن ۋەقەنى كىشىگە ئۈمىد بېغىشلايدىغان ۋەقە دەپ كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ئەگەر قايتا بىر قېتىملىق رۇس- ياپون ئۇرۇشى پارتلىغۇدەك بولسا قانداق ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكى تەھلىل قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا مۇستاپا چوقاي ئوغلى مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:
سىز ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىلە ھەقىقەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. … “ئۇرۇسلار بىلەن ياپونلار راستىنىلا ئۆزئارا تۇتۇشۇپ قالارمۇ؟” دەپ سوراپسىز. … مېنىڭچە بولغاندا، ياپونلارنىڭ ئالدىدىكى مەسىلە ئا ق ش بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىش مەسىلىسىدۇر. … ئەگەر بۇنداق بىر ئۇرۇش يۈز بېرىپ قالغۇدەك بولسا، ئۇرۇسلار قايسى تەرەپكە يان باسسا شۇ تەرەپ يېڭىپ چىقىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن. مېنىڭچە، رۇس- ياپون ئۇرۇشىنىڭ پارتلاش ئېھتىمال يوق دېيەرلىك. … ئەگەر بۇنداق بىر ئۇرۇش پارتلاپ قالسا بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بىزنىڭ تۇتىدىغان بىردىن- بىر يولىمىز، مۇستەقىللىق بىرلىكسېپى تەشكىللەپ رۇسىيەگە قارشى جەڭ قىلىشلا بولىشى كېرەك.
قىسقىسى، ت م ب ئەزالىرى، شەرقىي ئورتا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك كۈرەشتە چوقۇم  ياپونىيەنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم دېگەن ئورتاق پىكىرگە كەلگەن ئىدى. شۇڭا، ت م ب ئورگىنى بۇ ھەقتە مۇزاكىرە قىلىنغاندىن كېيىن، 1932- يىلى ئۆكتەبىردە ئورتا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر تولۇق بايان قىلىنغان بىر پارچە دوكلات تەييارلاپ ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتىدۇ. بۇ دوكلاتتا ئاۋۋال ياپونىيە خەلقىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بىر قۇر تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ، تۈرك- ياپون خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەتلەر ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. ئاندىن 1905- يىلقى رۇسىيە- ياپون ئۇرۇشىنىڭ ئورتا ئاسىياغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىپ، 1917- يىلقى ئىنقىلابتىن كېيىن ئورتا ئاسىيادا ئوتتۇرىغا چىققان سىياسىي ۋەزىيەت قىسقىچە خۇلاسىلەنگەن. بۇ ئارىدا 1920- يىلى ئەتىيازدا ئورتا ئاسىيادا قۇرۇلغان مىللىي تەشكىلات سەدرىدىنخان بىلەن كېرەم ئوغلى ئارىپ ئەپەندىدىن تەشكىل تاپقان بىر ۋەكىللەر ئۈمىگىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن توكيوغا ئەۋەتكەنلىكىنى، ئەمما بۇ ھەيئەت چېگرادىن چىقماي تۇرۇپلا ئۇرۇسلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. ئورتا ئاسىيادىكى مىللىي كۈرەشلەر مەغلۇپ بولغىنىدىن كېيىن، مىللىي بىرلىك ھەرىكىتىنى چەتئەلدە قانات يايدۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى تونۇشتۇرۇلغان. ئاندىن چەتئەلدە قانات يايدۇرۇلغان بۇ پائالىيەتلەرنىڭ نېمە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى تونۇشتۇرۇلغان. ئاخىرىدا ت م ب ئورگىنى باشتىن تارتىپ شەرقىي ئورتا ئاسىيا مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئورتا ئاسىيا دوكلاتىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ت م ب نىڭ پىلان ۋە تەلەپلىرى تونۇشتۇرۇلغان:
ئورتا ئاسىيا مىللىي بىرلىك مەركىزى، شەرقىي ئورتا ئاسىيا مەسىلىلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋاقىتلاردا، ئۇ جايلارنىڭ ھەقىقىي تۈردە تەنەۋۋۇرلىشىشى (مەدەنىيلىشىشى) بىلەن مىللىي مائارىپ جەھەتلەردە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى جەھەتلەردە كۈچ چىقىرىپ كەلگەن ئىدى. چىنلارغا قارشى سىياسىي پائالىيەتلىرىمىز نەزەرىيىۋى جەھەتتىلا چەكلىنىپ قېلىپ بەكلا پاسسىپ ئەھۋالدا ئىدۇق. ئەمما 1931- يىلى سېنتەبىر ئېيىغا كەلگىنىدە مانجۇرىيەدە باشلانغان ياپون- چىن ئۇرۇشى، نەتىجىدە بۇ يىل مانجۇرىيەنىڭ مۇستەقىل مانچۇكو نامى بىلەن دۆلەت بولۇپ مەيدانغا كېلىشى ت م ب نىڭ شەرقىي ئورتا ئاسىيا پائالىيىتىگە بولغان بۇرۇنقى قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ت م ب مەركىزى، چىنلار دۇچ كەلگەن بۈگۈنكى ئۇرۇش ۋەزىيىتى ئاستىدا شەرقىي ئورتا ئاسىيادا مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش مەسىلىسى بىلەن پايدىلىق شارائىتلار ئۈستىدە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي ئورتا ئاسىيانىڭمۇ مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇش ئېھتىمال بارلىقىنى كۆرۈپ يەتتۇق. ئەمما ئەمەلىي تەجرىبىلىرىمىز شۇنى كۆرسەتمەكتەكى، قۇرۇلغۇسى بۇ دۆلەتنى ياشىتىش ئۈچۈن دوست دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى شەرت. ئەنە شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ت م ب مەركىزى، ئىرق جەھەتتە بىر تۇغقان بولغان پەزىلەتلىك ياپون مىللىتى بىلەن شەۋكەتلىك ياپونىيە دۆلىتى، شەرقىي ئورتا ئاسىيا مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇلارغا ياردەم قولىنى ئۇزارتىشتىن چېكىنمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ت م ب مەركىزىنىڭ بۇ ھەقتە قانات يايدۇرماقچى بولغان ۋەزىپىلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر:
1.شەرقىي ئورتا ئاسىيادا يۇمران ھالدا تۇرغان مىللىي ۋە سىياسىي مۇستەقىللىققا مۇناسىۋەتلىك كۆزقاراشلارنى بەلگىلىك سەۋىيىگە كۆتۈرۈش مەقسىتىدە شەرقىي ئورتا ئاسىياغا يېقىنراق بىر يەردە سىياسىي گېزىت ۋە كىتابچىلار چىقىرىپ تارقىتىش؛
2.شەرقىي ئورتا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە ناھىيىلىرىگە تەشۋىقات ۋە تەشكىلاتچى ئۆمەكلەرنى ئەۋەتىپ تەشكىلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش.
بۇ مەقسەت ئۈچۈن دۆلىتىڭىزلارغا مۇشۇ دوكلاتقا قوشۇپ شەرقىي ئورتا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك جۇغراپىيىلىك، تارىخىي، ئىقتىسادىي ۋە بۈگۈنكى سىياسىي ۋەزىيىتى ئومۇمىي يۈزلۈك تونۇشتۇرۇلغان قىسقىچە ماتېرىيالنىمۇ بىرگە قوشۇپ ئورتا ئاسىيا مىللىي مەركىزى نامىدا سىزلەرگە سۇنۇشتىن ئۆزىمىزنى شەرەپلىك ھېس قىلىمىز. بۇ ۋەجىدىن ھۆرمەت بىلەن سالام يوللايمەن ئەپەندىم. 1932- يىلى تەشرىنىسانىي (نويابىر)، ئىستانبۇل.
    ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاق مەركىزىنىڭ رەئىسى ئوسمان (غوجا ئوغلى)
                     ۋە كاتىپى مەجدىدىن (دەلىل)
ياپونىيە ھۆكۈمىتى، دەسلەپتە بۇ دوكلاتقا مەيلى پايدىلىق ياكى پايدىسىز ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، 1935- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇ ئىشقا پولشانىڭمۇ ئارىلىشىشى بىلەن، ئۇلارمۇ پرومېتې ۋە ت م ب تەشكىلى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا باشلايدۇ.

ئەنگلىيە بىلەن مۇناسىۋەت باغلاش ئۈستىدە ئىزدىنىشلەر
ت م ب، شەرقىي ئورتا ئاسىيا مەسىلىسىنى «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىغا بېرىلىدىغان ماقالىلەر، ئورتا ئاسىيا تۈرك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىللىگەن دوكلات يىغىنلىرى ۋە مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ لوندون، پارىژ، ۋارشاۋا قاتارلىق جايلاردا سۆزلەيدىغان ئىلمىي دوكلاتلىرى ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىدە بىرەر جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن ت م ب، ئەنگلىيەلىكلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا يۈزلىنىدۇ. ت م ب رەھبەرلىرى ئۆز ئارا يېزىشقان خەتلىرىدە، ئۇ ۋاقىتلاردىكى ۋەزىيەتكە نىسبەتەن ت م ب نىڭ قانداق كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ئىنتايىن مۇھىم يىپ ئۇچىلىرى بىلەن تەمىنلەپ بەرمەكتە. ت م ب رەئىسى ئوسمان غوجا ئوغلى بۇ ھەقتە مۇستاپا چوقاي ئوغلىغا يازغان خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتمەكتە:
ئىككى- ئۈچ يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ياپون- چىن ئۇرۇشى چىن جاھانگىرلىكىنىڭ چاڭگىلى ئاستىدا قالغان ئەللەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈۋەتتى. مانجۇرىيەدىكى مانجۇلار، موڭغۇللار ۋە ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ ياپونىيەلىكلەر بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەتكە ئاتلانغانلىقى مەلۇم. شەرقىي ئورتا ئاسىيادىمۇ ھەرىكەتلىنىشلەر كۆرۈلمەكتە. … شۇ سەۋەبتىن ت م ب ئىككى- ئۈچ يىلدىن بۇيان شەرقىي ئورتا ئاسىيا مەسىلىسى بىلەن ئىلمىي شەكىلدە شۇغۇللىنىش جەريانىدا مۇنداق خۇلاسىگە كەلدى: شەرقىي ئورتا ئاسىيادا بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئىمكانىيەتلىرى كۈندىن- كۈنگە روشەنلەشمەكتە. شەرقىي ئورتا ئاسىيالىقلار غەربىي ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ ئىلغار كۈچلىرىدىن پايدىلىنىشنى بىردىن- بىر چىقىش يولى دەپ قاراشماقتا. غەربىي ئورتا ئاسىيا مۇنەۋۋەر كۈچلىرى دېگەنلىك، ت م ب دېگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر. شۇنداق ئىكەن، ت م ب بۈگۈنكى كۈندە ئورتا ئاسىيانىڭ بىردىن- بىر مۇھىم ئۈمىد مەنبەسى ھەمدە سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ باشلامچىلىرىدىن بۆلىشى كېرەك. …
مۇستاپا ئەپەندىم،
بۈگۈن شەرقىي ئورتا ئاسىيانىڭ تۆت دانە قوشنىسى بار. … چىن، شەرقىي ئورتا ئاسىيا سىياسىي مۇستەقىللىقى جەھەتتە غۇلاپ چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان بىر تۇرغا ئوخشاپ قالدى. … رۇسىيەدىكى ۋەزىيەت بىزگە مەلۇم. … ئەپسۇسكى ئافغانىستاندا بولسا شەرقىي ئورتا ئاسىيا مەسىلىسىگە ياردەم قىلالىغۇدەك بىرەر قوراللىق كۈچ ياكى ھۆكۈمەت يوق ھالەتتە تۇرماقتا. پەقەت ھىندىستان- ئەنگىلىيىلا ئۈمىد كۈتۈشكە بولىدىغان قوشنا دۆلەت ھالىتىدە تۇرماقتا. ئۇلاردا بۇ ئىشقا يېقىندىن قىزىقىدىغان كۈچ- قۇدرەت بار. ھىندىستان يولىنى ئېچىش ۋەزىپىسىنى، قېرىندىشىم مۇستاپا ئەپەندىم، ت م ب سىزگە ۋەزىپە قىلىپ يۈكلىمەكتە. … قېرىندىشىمىز مەجدىدىن ئەپەندى ۋارشاۋادا سىز بىلەن مۇشۇ ھەقتە بىۋاسىتە سۆزلىشىش ھەمدە ت م ب نىڭ بۇ ھەقتىكى ئالغان قارارلىرىنى سىزگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىڭىزغا كەتتى.
شۇنداق قىلىپ، ت م ب يېتەكچىلىرى بۇ ئىشتا ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ يەنە بىر قېتىم تەلەي سىناپ بېقىش قارارىغا كەلگەن ئىدى. دېمىسىمۇ ئىنگلىزلار خېلى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان شەرقىي ئورتا ئاسىيادىكى ۋەقەلەرنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى. تا 1860- يىللىرىدىلا بەدۆلەت ياقۇپبەگ قۇرۇپ چىققان مۇستەقىل شەرقىي ئورتا ئاسىيا دۆلىتى بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت باشلىۋەتكەن ئىدى. بۇ جەرياندا ئوسمانلىلار دۆلىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەت تىكلەشنى ئويلىغان ياقۇپبەگ، 1873- يىلى سېيىت ياقۇپخان تۆرە ئىسىملىك بىر ئادىمىنى ئىستانبۇلغا ئەۋەتكەن ئىدى. سېيىتخان تۆرە ھىندىستاندىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىدا ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن شەرقىي ئورتا ئاسىيا دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ھەققىدە ھەر تۈرلۈك سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىستانبۇلغا يېتىپ بارغان سېيىت ياقۇپ، 1873- يىلىنىڭ 16- ئىيۇن كۈنى سۇلتان ئابدۇلئەزىز تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. سۇلتان ئابدۇلئەزىز، شۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە بەدۆلەتكە «ئەمىر» ئۇنۋانى بىلەن بىرگە بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇنۋانغا خاس بولغان قىممەتلىك تاشلار بىلەن بېزەلگەن نىشانىي ئوسمانلى مېدالىنىمۇ قوشۇپ ئەۋەتىپ بېرىدۇ. پادىشاھ يەنە شەرقىي ئورتا ئاسىيا ئارمىيىسىگە ھەربىي تەلىم- تەربىيە بېرىش ئۈچۈن تۆت نەپەر ھەربىي ئوقۇتقۇچىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ. بۇ ئەسكەرلەرنىڭ بارلىق راسخوتلىرى بىلەن بىرگە يەنە ئالتە دانە زەمبىرەك، 1200 تال مىلتىق ئەۋەتىشنىمۇ بۇيرۇق قىلىدۇ. سېيىتخان تۆرە، قايتىش يولىدا ھىندىستاندىن ئىنگلىز دىپلوماتلىرىنى بىرگە ئېلىپ قەشقەرگە بارىدۇ. پادىشاھنىڭ نامىي ھۈمايۇنىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بەدۆلەت ياقۇپبەگ، ئۆزىنى خەلىپىگە تەۋە ئەمىر دەپ ئېلان قىلىپ، خەلىپە نامىغا خۇتبە ئوقۇتۇپ، خەلىپە نامىدا پۇل چىقىرىدۇ.
كېيىنكى يىلى ياقۇپخان ھۆكۈمىتى بىلەن ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدا سودا شەرتنامىسى ئىمزالىنىدۇ. 1876- يىلى چىن ياقۇپبەگ دۆلىتىگە قارىتا بېسىمىنى كۈچەيتىشكە باشلىشى بىلەن، برىتانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باشئەلچىسى سىر توماس ۋايد ئوتتۇرىغا چىقىپ 1877- يىلى 24- يانۋاردا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي ئورتا ئاسىيا بىلەن چىن ئوتتۇرىسىدا كېلىشتۈرگۈچى بولۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەپسۇسكى ئۇنىڭ بۇ تەكلىپىنى ھىندىستان گوبىرناتۇرى قوبۇل قىلىشقا ئۇنىماي رەت قىلىۋېتىدۇ. بەدۆلەت ياقۇپبەگ قۇرۇپ چىققان بۇ دۆلەتنى ساقلاپ قېلىشتا ئۇلۇغ برىتانىيەنىڭ رولىنىڭ بەكلا مۇھىم ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلەتتى. شۇنداق بولغاچقا ھىندىستان گوبىرناتورىنىڭ ماقۇل كۆرمىگەنلىكىگە قارىماي لوندونغا بىر ئەلچىلىك ئۆمىكى ئەۋەتىش قارارىنى ئالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە شۇ سېيىت ياقۇپخان تۆرەنى تاللايدۇ. سېيىت ياقۇپخان 1877- يىلىنىڭ بېشىدا لوندونغا يېتىپ بېرىپ بەدۆلەتنىڭ برىتانىيە خانىشىغا يازغان خېتىنى تاپشۇرۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي ئورتا ئاسىياغا ياردەم قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائالىيەتلەرگە كىرىشىدۇ. ئەمما شۇ يىلى ماي ئېيىدا بەدۆلەت ۋاپات بولىدۇ. بۇ ھادىسە يۈز بېرىپ بىر قانچە ئاي ئۆتكەندە، قەشقەرنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان بۇ مۇستەقىل دۆلەتنى چىن تاجاۋۇزچىلىرى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، شەرقىي ئورتا ئاسىيانى پۈتۈنلەي بېسىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان سېيىت ياقۇپخان تۆرە ئىلاجسىز شەرقىي ئورتا ئاسىياغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ياقۇپخان تۆرە ئۇ يەردىكى ئىچكى قالايمىقانچىلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئائىلىسىنى تۈركىيەگە يولغا سېلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئوغلى ياقۇپخانزادە ئىزمىر تەۋەسىگە كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ. ياقۇپخان تۆرەنىڭ ئۆزى 1900- يىلى شەرقىي ئورتا ئاسىيادا ۋاپات بولىدۇ.
ت م ب يېتەكچىلىرى سېيىت ياقۇپخان تۆرىنىڭ ئوغلى ياقۇپخانزادىنى تېپىپ، شەرقىي ئورتا ئاسىيا ھەققىدىكى پىلانىنى ئېيتىپ ئۇنى ماقۇل قىلىدۇ. بۇ ھەقتە مۇزاكىرىلەردىن كېيىن ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە بەرگەن دوكلاتقا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر دوكلات تەييارلاپ چىقىشىدۇ. ئاندىن يەنە ياقۇپخانزادىنىڭ نامىدا ئەنگلىيە پادىشاھىغا ئەۋەتىش ئۈچۈن بىر پارچە خەتنىمۇ تەييارلىشىدۇ. بۇ خەتتە ياقۇپخانزادە دادىسى سەيىد ياقۇپجاننىڭ ئەنگلىيە مەلىكىسى ھەمدە ھىندىستان ئىمپېراتوراچىسى ۋىكتورىيە دەۋرىدە ھىندىستان گوبېرناتورى بىلەن شەرقىي ئورتا ئاسىيا ھۆكۈمدارى بەدۆلەت ياقۇپبەگ ئوتتۇرىسىدا سىياسىي مۇناسىۋەتلەر تىكلىنىشى ئۈچۈن ئەلچىلىك قىلغانلىقىنى، شۇ چاغدا ۋىكتورىيەنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ يۇقىرى دەرىجىلىك مېدال بىلەن تارتۇقلانغانلىقىنى بايان قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، شەرقىي ئورتا ئاسىيا ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن ياقۇپخانزادە تۆۋەندىكىلەرنىمۇ بايان قىلىدۇ:
شەرقىي ئورتا ئاسىيادا سۈلھى بىلەن تىنچلىق ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇ يەردە كۈچلۈك بىر مەركىزىي ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ دەپ قارايمەن. خۇداغا شۈكۈر، يېنىمدا سىننىي رۈشت ۋە كامالەتكە يەتكەن نىزامىدىن ئىسىملىك بىر ئوغلۇم بار. بۇ ئوغلۇم دۆلەت تەشكىلىي ئاپپاراتلىرى ھەققىدە يېتەرلىك بىلىمگە ئىگە. بىزنىڭ يەنە چەتئەللەردە يېتىشتۈرۈلگەن ياشلىرىمىزمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە بار.
زاتى شەۋكەتمائابلىرىدىن ئىنسانىي ۋە قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبىدىن شۇنى ئۈمىد قىلىمەنكى، زاتى دەۋلەتلەرى كونا سىياسىي يېقىن دوستلاردىن بولغانلىقىمىزنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، شەرقىي ئورتا ئاسىيا خەلقىگە ئىنگلىز مىللىتىنىڭ ياردەم قوللىرىنى سۇنۇشلىرىنى دالالەت ۋە ھىدايەت ئەيلىگەي. يەنە بىر ئىش، مەن بىلەن ئوغلۇم نىزامىدىن ئىككىمىزنىڭ بىردىن- بىر ئارزۇيىمىز ۋە ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغىنىمىز دەرھال شەرقىي ئورتا ئاسىياغا قايتىپ بېرىپ، ئۇ يەردە خەلقىمىزگە خىزمەت قىلماقتۇر. سىزلەرنىڭ بۇ جەھەتتىمۇ بىزگە ياردەم قىلىشىڭىزلارنى خۇسۇسەن تەلەپ ۋە ئىستىرھام قىلىمەن، ئەپەندىم.
ت م ب مەركىزى كومىتېتىدا ئوقۇلغاندىن كېيىن تەستىقلانغان بۇ مەكتۇپ، بۇرۇن تەييار قىلىنغان دوكلات بىلەن بىرگە پادىشاھ ئالىيلىرى ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتىلىدۇ. ئەمما ھىندىستان چېگرا بويلىرىدا ئېغىر مەسىلىلەر يۈز بېرىپ باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلالمايۋاتقان ئەنگلىيە، ئۇ تەۋەدە بىرەر خەۋپ كېلىپ چىقىش ئېھتىمال بولىدىغان ھەر قانداق بىر ئىشقا قول تىقىشنى ھەرگىز خالىمايتتى. شۇنداق بولغاچقا، مەيلى سۇنۇلغان دوكلاتقا بولسۇن ياكى يېزىلغان خەتكە بولسۇن ھېچقانداق بىر جاۋاب كەلمەيدۇ.

مەجدىدىن دەلىل شەرقىي ئورتا ئاسىيادا
شەرقىي ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەش مەقسىتىدە ياپونىيە بىلەن ئەنگلىيە ھۆكۈمەتلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش جەھەتتە ھېچقانداق بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ت م ب، قايتىدىن پولشادىن ئۈمىدلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ۋارشاۋادا تۇرۇۋاتقان مەجدىدىن دەلىل ۋە مۇستاپا چوقاي ئوغلى ئىككىسى پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرق ئىشلىرىغا مەسئۇل كىشىلىرى بىلەن، شۇنىڭدەك يەنە پرومېتې مەركىزى ئىجرائىيە ئورگىنى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ ت م ب مەركىزى كومىتېتىنىڭ شەرقىي ئورتا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك پىلانلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ. ئەمما پولشا بىلەن پرومېتې ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق قارشى تۇرۇش نىشانى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولمىغان شەرقىي ئورتا ئاسىيا مەسىلىسىگە بەك قىزىقمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ت م ب رەھبەرلىكىنىڭ شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىگە قارىماي پولشا رەھبەرلىرى شەرقىي ئورتا ئاسىيا لايىھىسىگە ياردەم قىلمايدۇ. ئەمدى پەقەت بىرلا يول قالغان ئىدى: ت م ب رەھبەرلىرى شەرقىي ئورتا ئاسىيا مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئىمكانلىرىغا تايىنىش قارارىنى ئالىدۇ. بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ت م ب مەركىزى كومىتېتى يىغىنىدا باش سېكرېتار مەجدىدىن دەلىل بىۋاسىتە شەرقىي ئورتا ئاسىياغا بېرىپ، شۇ يەردە شەرقىي ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىقى ئۈچۈن پائالىيەت قىلىش قارارىنى ئېلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، ئەگەر لازىم بولغىنىدا قالغان ئەزالارنىڭمۇ شەرقىي ئورتا ئاسىيا تەۋەسىگە بېرىپ پائالىيەت قىلىشىنى قارار قىلىشقان ئىدى.
مەجدىدىن دەلىل، 1933- يىلى سېنتەبىردە ئىستانبۇلدىن ھىندىستانغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. بۇ قېتىمقى ساياھىتىنىڭ مەقسىتىنى مەخپىي تۇتۇش، ئۇ يەرلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا چىقىۋاتقان «ئاخشام» گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىپ، مۇخبىرلىق كىنىشكىسى ئېلىۋالىدۇ. مەجدىدىن دەلىل 1934- يىلى پېشاۋۇر ئارقىلىق شەرقىي ئورتا ئاسىياغا كىرىدۇ. ئەمما قەشقەرگە يېتىپ بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۇڭگانلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدۇ. شەرقىي ئورتا ئاسىيالىق گېنېرال مەھمۇد مۇھىتى قەشقەر شەھىرىنى تارتىپ ئالغان ۋاقىتقا كەلگۈچە تۈرمىدە قامىلىپ ياتقان مەجدىدىن دەلىل، مەخمۇت مۇھىتى تەرىپىدىن تۈرمىدىن ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت بويىچە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە پائالىيەت قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قەشقەردىكى بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئوقۇش- ئوقۇتۇش ئىشلىرىغىمۇ قاتنىشىدۇ.
رەسىم ئورنى
مەجدىدىن دەلىل شەرقىي ئورتا ئاسىيادا، قەشقەر، 1937

بۇ جەرياندا شەرقىي ئورتا ئاسىيا تۈكلىرى مۇستەقىللىق يولىدا زور دەرىجىدە ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. غوجا نىياز ھاجى باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ئىنقىلابىي كومىتېت بىلەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت نەتىجىلىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، دۆلەتنىڭ بىر قىسمىدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەن ئىدى. 1933- يىلى ئىچىدە شەرقىي ئورتا ئاسىيا تۈرك- ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئېلان قىلىنىدۇ. غوجا نىياز ھاجى دۆلەت پرېزىدېنتى، سابىت داموللا باش مىنىستىر ۋە مۇھەممەت قاسىم ھاجى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ئەپسۇسكى بۇ ھۆكۈمەت تۇڭگان قوراللىق كۈچلىرى، چىن ھۆكۈمىتى ۋە رۇسىيە قاتارىدىكى ئۈچ چوڭ دۈشمەن كۈچلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئاقىۋەتتە، بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تۇڭگانلار قەشقەرنى بېسىۋالىدۇ. كەينىدىنلا سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ ياردىمىگە تايانغان چىن ئۆلكە باشلىقى كوممۇنىست شېڭ شىسەي تۇڭگانلارنى يېڭىپ شەرقىي ئورتا ئاسىيا ھۆكۈمىتىگە بىسىم قىلىشقا كىرىشىدۇ. بۇ جەرياندا ھۆكۈمەت رەئىسى بىلەن ھۆكۈمەت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا رۇسىيەگە تايىنىش كېرەكمۇ ياكى چىنغا تايىنىش كېرەك دېگەن مەسىلە ئۈستىدە پىكىر ئىختىلاپى تۇغۇلىدۇ. ئاقىۋەتتە ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى چىن ئۆلكە باشلىقى شېڭ شىسەي قولغا ئېلىپ ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ شەرقىي ئورتا ئاسىيا تۈرك- ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاغدۇرۇلغان ھېسابلىنىدۇ. ئەمما شەرقىي ئورتا ئاسىيالىقلار بۇنىڭلىق بىلەن باش ئەگمەيدۇ. 1937- يىلى ئابدۇ نىياز يېتەكچىلىكىدە قايتىدىن قوزغىلاڭ پارتلايدۇ. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭدا قەشقەر شەھىرى قايتىدىن شەرقىي ئورتا ئاسىيالىقلار تەرىپىدىن تارتىپ ئېلىنغان ۋاقىتلاردا گەنسۇ تەرەپتىمۇ بىر قوزغىلاڭ پارتلايدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى قوزغىلاڭ بىرلىشىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋالدىن ئۈركۈپ كەتكەن سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ دۆلەتكە يەنە بىر قېتىم قوراللىق مۇداخىلە قىلىشقا كىرىشىپ، قوزغىلاڭچىلارنى تانكا- بروۋنىك قىسىملىرى بىلەن كېلىپ باستۇرۇپ تاشلايدۇ. 1938- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە قوزغىلاڭچىلار ئاساسەن باستۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ، ئون مىڭلىغان ئورتا ئاسىيالىق قىرىپ تاشلىنىدۇ، يەنە ئون مىڭلىغان ئورتا ئاسىيالىق قولغا ئېلىنىدۇ (شەرقىي ئورتا ئاسىيادا قۇرۇلغان ھۆكۈمەتلەر ھەققىدە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ «شەرقىي ئورتا ئاسىيا داۋاسى» دېگەن كىتابى بىلەن مۇھەممەت ئېمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي ئورتا ئاسىيانىڭ ئەركىنلىك داۋاسى ۋە چىن سىياسىتى» دېگەن كىتابىغا، شۇنىڭدەك يەنە ئەنۋەرجان تەرجىمە قىلغان ئاندرېۋ فوربېسنىڭ «شەرقىي ئورتا ئاسىيا گېنېراللىرى» دېگەن كىتابى بىلەن بايمىرزا ھېيتىنىڭ «ئورتا ئاسىيا ئەللىرى مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەش تارىخى» دېگەن كىتابلىرىغا قارالسۇن − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
شەرقىي ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن مەجدىدىن دەلىل، 1937- يىلى ئاپرېلدا ھىندىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە قايتىپ كېلىۋالىدۇ.

تۈركىيەدە تاشقى تۈرك ژۇرناللىرىنىڭ چەكلىنىشى
1934- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قاچقان مۇساپىرلارغا زۇلمەتلىك بىر يىل بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى جەمىئەتىي ئاقۋام (بىرلەشكەن دۆلەتلەر جەمئىيىتى، مىللەتلەر جەمئىيىتى، − ئۇ.ت) غا رەسمىي ئەزا قىلىپ قوبۇل قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭدىن بىر ئاي ۋاقىت ئۆتكەندە تاشقى تۈرك خادىملىرىنى چۆچۈتۈۋەتكۈدەك يەنە بىر ۋەقە يۈز بېرىدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قارار چىقىرىپ ت م ب نىڭ نەشرىيات ئەپكار بولغان «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلى بىلەن ئەزەربەيجان تۈركلىرىنىڭ نەشرىيات ئەپكارى «ئىستىقلال» ژۇرنىلىنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىنى چەكلىۋېتىدۇ. «مىللەت» گېزىتىنىڭ 1934- يىلى 7- ئۆكتەبىر سانىدا بۇ خەۋەر “ھۆكۈمىتىمىز بىلەن سوۋېت رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ماقالىلەر بېسىلغان ياش ئورتا ئاسىيا مەجمۇئەسىنىڭ چېگرادىن كىرگۈزۈلۈشى باقانلار (مىنىستىرلار) مەھكىمىسىنىڭ قارارى بويىچە چەكلەندى” دەپ بېسىلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئورگان گېزىتى ھېسابىدىكى «جۇمھۇرىيەت» گېزىتىدە بولسا يەنە شۇ خەۋەر «ياش ئورتا ئاسىيا دەرگىسىنىڭ تۈركىيە- رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىگە دەخلى يەتكۈزۈۋاتقانلىقى مەلۇم، ئۇ دەرگىنىڭ دۆلىتىمىزگە كىرگۈزۈلۈشى مەنئى قىلىندى» دېگەن سەرلەۋھە بىلەن خەۋەر قىلىنىدۇ.
تاشقى تۈرك خادىملىرىنىڭ تۈركىيەگە ۋە شەرق ئەللىرىگە قاراتقان پائالىيەتلىرىنى ئاساسى جەھەتتىن توختىتىپ قويۇشقا سەۋەبچى بولىدىغان بۇ چەكلەش قارارىنىڭ سەۋەبلىرىدىن ئەڭ مۇھىمى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىرلەشكەن مىللەتلەر (دۆلەتلەر) جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرىشى، شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە سىياسىتىدە بىر ئۆزگىرىش ياسايدىغانلىقى كۆرۈلۈشكە باشلىشى ئىدى. مۇھاجىرلار ژۇرناللىرىنىڭ نەشرىياتچىلىق پرىنسىپلىرى بۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن يەنە بىر ئامىل ئىدى.
رۇسىيە، 1934- يىلىنىڭ باشلىرىدا بالقان كېلىشىمى ئىمزالاش سۆھبىتى جەريانىدا ئورۇنسىز توسالغۇ پەيدا قىلىشقا كىرىشكەن بولۇپ، كېيىن يەنە ھەر تۈرلۈك يوللاردىن پايدىلىنىپ تۈركىيەگە بېسىم ئىشلىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈشكە كىرىشكەن ئىدى. بۇ كېلىشىم بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتلەر ھەتتا ئاتاتۈركنىڭمۇ بېشىنى قاتۇرغان ئىدى. شۇ ۋاقىتقىچە مۇستەقىل سىياسەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان تۈركىيە، تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق سىياسەتلەردە كۆپ تەرەپلىك بىر كېلىشىمنىڭ تەرىپىدە تۇرماقتا ئىدى. رۇسىيە بولسا تۈركىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار بەزى كىشىلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان خەۋەرلەرنى يوللاشقا باشلىغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان قاراخان، بىر قېتىم يازغۇچى فالىخ رىفكىغا ئېنىق قىلىپ مۇنداق بىر خەۋەرنى يوللايدۇ:
تۈركىيە، يۈز بېرىشى ئېھتىمال بولغان بىر نۆۋەتلىك جاھانگىرلىك ئۇرۇشىدا بىزگە مۇداپىئە سېپىلىمىز بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ يا بولمىسا بىزنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈش نۇقتىمىز بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ تۇرىمىز، بۇنىڭ بىلەنمۇ دەيدىغان گەپلەر، بەزى كىشىلەر ياكى كېلىشىمنامىلەر بىزنى قىلچە قايىل قىلالمايدۇ. تۈركىيە بىزنى بىز بىلەن ئوخشاش تۈزۈمگە ئۆتكەندىلا ئاندىن خاتىرجەم قىلالىغان بولىدۇ.
فاھرەتتىن پاشاغا ئاتاتۈرك بىۋاسىتە ھالدا “ئالتاي” دېگەن فامىلىنى بەرگەنلىكىنى پانتۈركچىلىك تەرغىباتىنىڭ بېشارىتى دەپ ھېسابلاشقان رۇسىيەلىكلەر، مۇساپىر تۈرك خادىملىرىغا قىلىنىدىغان ھەرقانداق بىر ياردەمنى نېمە دەپ باھالايدىغانلىقى ئېنىقلا ئىش ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ياۋروپادا نەشر قىلىنىپ بېسىلغان تاشقى تۈركلەرنىڭ ژۇرناللىرىمۇ تۈركىيە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە ئۆزىنى قوغدىيالمايۋاتىدۇ، كوممۇنىزم خەۋپىنى تولۇق ھېس قىلالمايۋاتىدۇ دەپ قارىشاتتى. بۇ ژۇرناللاردا بېسىلىۋاتقان ماقالىلەردە، رۇسىيەلىكلەرنىڭ دوستلۇق دېگەنلىرى ئالدامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ ئىسپاتلاشقا تىرىشىپ كەلمەكتە ئىدى. شۇنداق بولغاچقا «ياش تركىستان» ژۇرنىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېزىت- ژۇرناللىرىدا بېسىلىۋاتقان تۈركىيەگە، كامالىزمغا قارشى ماقالىلىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشىپ، رۇسىيەلىكلەرنىڭ تۈركىيەگە بولغان قاراشلىرىنىڭ قىلچىمۇ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. رۇسىيە- تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ياخشى كېتىۋاتقان ۋاقىتلاردا چوقاي ئوغلىنىڭ بىر پارچە خېتىدىكى بەزى قۇرلار بۇنداق پسىخولوگىيىلىك ھالەتنى ئاشكارا ئىپادىلىمەكتە ئىدى:
سىز ئەۋەتكەن «جۇمھۇرىيەت» گېزىتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 15 يىللىقىغا ئاتالغان يۇنۇس نادىنىڭ ماقالىلىرىنى ئوقۇدۇم. تۈركىيەلىك قېرىنداشلىرىمىز بولشېۋىزمنى رۇسىيە تەۋەسى ئىچىدىلا چەكلىنىپ قالغان مىللىي ھەرىكەت دەپ قارايدىغاندەك قىلىدۇ. … ئەجەبا بىزنىڭ تۈركىيەلىك قېرىنداشلىرىمىز بولشېۋىكلەر نەشر قىلغان گېزىت- ژۇرناللاردىن خەۋىرى يوقمۇ قانداق؟ ئۇلار كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسئونالدىن،  كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال بىلەن سوۋېت ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن خەۋىرى يوق ئوخشىمامدۇ؟
سوۋېت ئىتتىپاقى گېزىت- ژۇرناللىرىدا تۈركىيەگە قارشى بېسىلىۋاتقان ماقالىلەرنى كۆچۈرۈپ بېسىۋاتقان مۇساپىر تۈرك ژۇرناللىرى، تۈركىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ياخشى ھېسابلانمايدىغان يەنە بىر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگىمۇ سەۋەب بولغان ئىدى. بۇ ماقالىلەردە يالغۇز ئىدېئولوگىيىنى ئاساس قىلىدىغان تەنقىدلەرلا بولۇپ قالماستىن، ئۆز ۋاقتىدا يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنىمۇ تەنقىد قىلىشى، ھەتتا پات- پاتلا كامال ئاتاتۈرككە، كامالىزمغا قارىتىلغان تەنقىدلەرمۇ كۆرۈلۈپ تۇراتتى. مەسىلەن ئالايلۇق، فرانسۇزچە بىر گېزىتتە ياۋروپا ئەللىرىدىكى گېزىت- ژۇرناللاردا تۈركىيەنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گۇماشتىسى، تاشقى سىياسەتلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆز قاراشلىرى بويىچە تۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ماقالىلەر بېسىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن «ياش ئورتا ئاسىيا»، بۇنداق دېيىش تۈركىيەگە تۆھمەت بولىدىغانلىقىنى، تۈركىيە ئۆز مەنپەئىتىگە ماس كېلىدىغان سىياسەت تۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلماقتا ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۈركىيە توغرىسىدا يېزىلغان ئىككى پارچە كىتاب ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىلەر بايان قىلىنغان يەنە بىر ماقالىدا بولسا، سوۋېت يازغۇچىلىرىنىڭ تۈركىيە دېھقانلىرى پومېشچىكلار بىلەن دۆلەتنىڭ ئېغىر باج- سىلىقلىرى ئاستىدا ئىزىلمەكتە دەپ تونۇشتۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ كېلىپ، بۇ ماقالىلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا قويماقتا ئىدى. 1943- يىلىدىلا «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان 5 پارچە ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ تۈردىكى ماقالىلەر، بۇ تۈردىكى مىساللار سىرتقى تۈركلەرنىڭ ژۇرناللىرى ۋاسىتىسى ئارقىلىق تۈركىيەدە تارقىتىلىشى، 1930- يىللار تۈركىيەسى ئۈچۈن ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىر ئەھۋال ھېسابلانمايتتى.
ئەنە شۇنداق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە يولۇققان تۈركىيە ھۆكۈمىتى، بۇ تۈردىكى ژۇرناللارنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ تۈركىيە چېگراسى سىرتىدىكى تۈركلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللەتچىلىك قاراشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى ئىنتايىن ئېنىق ئىپادىلىمەكتە ئىدى. مۇستاپا چوقاي ئوغلى، «يېقىلغاننىڭ ئۈستىگە بىر مۇش» (ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك − ئۇ.ت) دېگەن ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە بۇ جەھەتتىكى كۆزقاراشلىرىنى تۆۋەندىكىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكتە ئىدى:
زادىلا كۈتمىگەن بىر ۋاقىتتا، پەقەتلا ئويلىمىغان بىر دەۋردە قاتتىق بىر زەربە يېگەن بولدۇق. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 1934- يىلى 6- ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان قارارى بىلەن «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ تۈركىيەگە كىرىشى چەكلىۋېتىلدى. … تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى ئۆزلىرىنى ئانا ۋەتىنىگە باغلاپ تۇرۇۋاتقان بىردىن- بىر ۋاسىتە بولۇپ كېلىۋاتقان «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنى ئوقۇشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان تۈركىيەدىكى ئورتا ئاسىيالىقلارلا ئەمەس، بەلكى تۈركىيەنىڭ سىرتىدا تۇرۇۋېتىپمۇ تۈركىيەنى ئىككىنچى ئانا ۋەتىنىمىز دەپ قاراپ كېلىۋاتقان ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ كۆڭلىنىمۇ قاتتىق يېرىم قىلىدىغان ئاچچىق بىر ۋەقە بولىدىغانلىقى مۇقەررەردۇر. بىز تۈركىيە- رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق سالغىدەك ھېچ قانداق نەرسە يازمىغان ئىدۇق. ئەمما ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىۋالغان مۇستەملىكىچى بىلەن قېرىندىشىمىز بولغان تۈركىيەنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا رازى بولماي كېلىۋاتقانلىقىمىزنىمۇ ھېچقاچان يوشۇرۇپ يۈرمىدۇق. … بىز رۇسىيە بولشېۋىكلىرىنىڭ مىللىي ئىنقىلاب بىلەن كامالىزمغا قارشى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىلا پاش قىلغان ئىدۇق. بۇ ماقالىلىرىمىزدە ناتوغرا بولغان بىرمۇ ئېغىز گەپ يوق ئىدى. يازغان ماقالىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە بولشېۋىك مەتبۇئات مەنبەلىرىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئىدۇق. بىز، تۈركىيە- رۇسىيە دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىگە قىلچە يېقىن يولىماي، تۈركىيە ئىنقىلابىنى بولشېۋىك تەشۋىقاتىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاشقىلا تىرىشتۇق. … بىزگە ھېچكىم “بۇ سىلەرنىڭ ئىشىڭلار ئەمەس” دەپ ئېيتالمايدۇ. ياق، بۇ ئىشلار بىزنىڭمۇ ئىشىمىز، شۇنىڭدەك يەنە بىزنىڭ مىللىي مەنپەئىتىمىزدۇر. چۈنكى تۈركىيە مىللىي ئىنقىلابى ئوتتۇرىغا قويغان «مىللىي ئىستىقلال» غايىسى بىزنىڭمۇ غايىمىز. … ئامال قانچە، بۇ زەربىگىمۇ ماقۇل دەپ، بۇنىڭ روھىيىتىمىزگە كەلتۈرگەن يارىلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆز يولىمىزغا داۋام قىلىشقا مەجبۇرمىز.
تۈركىيە قوبۇل قىلغان بۇ ئېغىر قارارىغا قارىماي، ت م ب تەۋەسىدە تۈركىيەگە قارىتا ئۇنچە بەك كۈچلۈك نارازىلىقلار يۈز بەرمىگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. ھەتتا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «يېقىلغاننىڭ ئۈستىگە بىر مۇش» ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىشىمۇ بىر مۇنچە ئورتا ئاسىيالىق نارازى بۆلىشىدۇ. يەنى ت م ب ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى «يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلى پېچەتلەنگەن ۋاقتىدا ئىپادىلىگىنىدەك يەنىلا گەپ قىلماي جىم تۇرۇۋېلىش تەرەپدارى ئىدى. بۇ ماقالىنى يازغان مۇستاپا چوقاي ئوغلىمۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇ ماقالىنى ئېلان قىلغانلىقىغا پۇشمان قىلغانلىقىنى مۇنۇ قۇرلاردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن:
«يېقىلغاننىڭ ئۈستىگە بىر مۇش» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلمىغان بولساق ياخشى بولاتتى دېگەن پىكىرلەرگە مەنمۇ قوشۇلىمەن. … بىزنىڭ دۈشمىنىمىز بىلەن دوست بۆلىۋالدى دەپلا تۈركىيەگە ئالىيىپ قاراشقا ھەققىمىز يوق. … ئەمما ئۇرۇسلارنىڭ ئەمەلىي سىياسەتلىرىنى ئۇلارغا بىلدۈرۈپ تۇرۇش ئىشىنىمۇ توختاتماسلىقىمىز كېرەك.
«يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلى پېچەتلىۋېتىلگەندىن كېيىن، «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ تۈركىيەگە كىرگۈزۈلۈشنىڭ چەكلىنىشى، ت م ب نىڭ تۈركىيەدە قانات يايدۇرۇۋاتقان پائالىيەتلىرىنى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچراتقان بولۇپ، ئاساسەن پائالىيەت قىلىشقا بولمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى دېيىشكە بولاتتى. ت م ب مەركىزى كومىتېتىنىڭ گېپى ئۆتىدىغان ئەزالىرىدىن بىرى بولغان مەجدىدىن دەلىل ئۇ چاغلاردا شەرقىي ئورتا ئاسىيادا ئىدى. 1929- يىلىدىن بېرى ت م ب نىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلىرىنى تىكلەپ، ت م ب گە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ كەلگەن بۇ كىشىنىڭ ئورنىنى تېخى ھېچكىم توشقۇزالمىغان ئىدى. بۇ ۋاقىتلاردا بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي چاقىرىش ئېھتىياجى تۇغۇلغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق ئەزالارنى بىر يەرگە كەلتۈرۈش جەھەتتە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت ئىدى. ت م ب نىڭ يەنە بىر كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ئەزاسى بولغان مۇستاپا چوقاي ئوغلى بولسا سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىن چىقىپ كەتكىنىدىن بېرى باشقا بىرەر دۆلەتنىڭ ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتىۋالماي، فرانسىيەدە ۋەتەنسىز سۈپىتىدە تۇرۇۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە چېگرادىن كىرگۈزۈلۈشى چەكلەنگەن بىر ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرى سۈپىتىدە تۈركىيەدە چاقىرىلىدىغان بىر قۇرۇلتايغا كېلىپ قاتنىشىش ئىمكانىيىتىمۇ يوق ئىدى. ت م ب رەئىسى ئوسمان غوجا ئوغلى بىلەن مەركىزى كومىتېت ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سۈركىلىشلەر سەۋەبىدىن، تەشكىلات ئەزالىرى مۇستاپا چوقاي ئوغلى قاتنىشالمايدىغان بىر قۇرۇلتاي چاقىرىشنىمۇ خالىمايتتى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىغا مۇناسىۋەتلىك چەكلەش قارارى تۈركىيە جامائەتچىلىكىنىڭ ئورتا ئاسىيا ئاممىسى تەرىپىدىن قانات يايدۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە بولغان كۆز قاراشلىرى بىلەن ئۇلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش جەھەتلىرىدىكى پائالىيەتلىرىگىمۇ يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق بىر قارار قوبۇل قىلىنغىنىدىن كېيىن، ئورتا ئاسىيا  تۈرك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلغان يىلىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى بىلەن، تەشكىللىگەن يىغىنلىرىغا قاتنىشىدىغان تۈركىيەلىكلەرنىڭ سانىمۇ زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن ئىدى. ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقىدىن گۇمان قىلىشىپ ت م ب مۇ كەمدىن- كەم يىغىن ئاچالايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. يۈز بېرىۋاتقان بۇ ھادىسىلەر نەتىجىسىدە، ت م ب ئۆزىنىڭ پائالىيەتلىرىنى تۈركىيە تەۋەسىدە تۇرۇپ قانات يايدۇرۇش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى بارغانسېرى ئېنىق تونۇپ يېتىشكە باشلايدۇ.
يەنە بىر جەھەتتىن، ئەزەربەيجان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خادىملىرى تۈركىيە تەۋەسىدە تۇرۇۋاتقان ئەزەرى تۈكلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان پۈتۈن چارىلەردىن پايدىلىنىشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويغان ئىدى. ئۇلار چېگرادىن كىرگۈزۈش چەكلەنگەن «ئىستىقلال» ژۇرنىلىنىڭ ئورنىغا «قۇرتۇلۇش» (ئازادلىق − ئۇ.ت) نامىدا بىر ژۇرنال چىقىرىشقا باشلايدۇ. بۇ ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسى مەخسۇس تۈركىيە ئۈچۈن ھەر سانىدا بىر خىل ئىسىمغا ئۆزگەرتىلىپ بېسىلاتتى. شۇنىڭغا قارىماي ئۇنىڭ ھەر بىر سانى تارقىتىلغاندا رۇسىيەلىكلەر بىر قېتىم نارازىلىق بىلدۈرۈپ تۇرماقتا ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار 1935~1939- يىللار ئىچىدە نۇرغۇن ئىسىملىك ژۇرنال تارقاتقان ھېسابلاندى (بۇ تۈردىكى ژۇرناللار ئوچۇق سۆز، قۇتلۇق ئوت، ئايدىڭ يول، توغرا سۆز، ھەقىقەت، ۋەتەن ساداسى، ۋەتەن تىلىكى، مىللىي ئاتەش، مىللىي ئانت، قانۇنلىرىمىز، ئىلھام بۇلىقى، مۇقەددەس ئوتلار ئېلى، ھەقنىڭ ساداسى، تىلەك، خەلق ۋە ھەرىكەت دېگەندەك ئىسىملارغا ئۆزگەرتىپ بېسىلىپ تۇرغان ئىدى. − ئا. ھ. ئىزاھاتى). نەتىجىدە مۇساۋاتچىلار تۈركىيەگە ژۇرنال كىرگۈزۈش جەھەتتە چىقىرىلغان چەكلىمىلەردىن قۇتۇلۇپ، ژۇرناللىرىنى ھەر تۈرلۈك ناملاردا تۈركىيەدىكى مۇشتەرىلىرىگە تارقىتىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان چارە كاپكازىيىلىكلەر تەرىپىدىنمۇ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. «سېۋېرنىي كاۋكاز» نامىدىكى ژۇرنالنىڭ تۈركىيەگە كىرگۈزۈلۈشى چەكلىۋېتىلگەندىن كېيىن، ھەر بىر سانىنى دېگۈدەك ئايرىم ئىسىم قويۇپ بېسىپ، يېڭى- يېڭى ئادرېسلار، بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئاپتور ئىسىملىرىنى ئىشلىتىپ نەشرى قىلغاچقا، گويا كىرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ ژۇرناللار ئوخشىمايدىغان باشقا- باشقا ژۇرنال ئىكەن دېگەن تۇيغۇ پەيدا قىلىپ تۈركىيەگە چەكلىمىسىز كىرگۈزۈلمەكتە ئىدى (ژۇرناللار مۇنداق ئىسىملار بىلەن بېسىلغان ئىدى: پۇت سۋبودا، باربا، زناميا نارودا، ناشا تسېل، دۇدۇشچېيې، ناتسيۇنالنايا مىسل، ۋپېريود، ناش كراي، گولوس رودىنى ۋە پرىزىۋ. − ئا. ھ. ئىزاھاتى).
1936- يىلىنى ت م ب تەشكىلاتىنىڭ تارقىتىۋېتىلگەن يىلى دەپ قوبۇل قىلىش مۇمكىن. شۇ يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئوسمان غوجا ئوغلى تۇيۇقسىزلا ئافغانىستانغا بېرىش قارارىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق بىر چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتمىگەنلىكى، ت م ب مەركىزى كومىتېتىنىڭ ھەرقانداق بىر قارارىغا ئاساسلانمىغىنىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ت م ب تەۋەسىدە يېڭىدىن مۇنازىرىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. غوجا ئوغلىنىڭ بۇ قېتىمقى ساياھىتى بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ئەكىس تەسىرلەر ھەققىدە كېيىنكى بابلاردا توختىلىمىز.

ئورتا ئاسىيا تۈرك ياشلار ئىتتىپاقىدىن تۈرك مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقىغا
ئورتا ئاسىيا تۈرك گەنچلەر بىرلىكى قۇرۇلغان 1927- يىلىدىن ئېتىبارەن تۈركىيەدىكى ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھەمكارلىقلىرىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم ۋە تاشقى تۈركلەر مەسىلىسىنى تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرۈش قاتارلىق ماۋزۇلار بويىچە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بىر تەشكىلاتقا ئايلانغان ئىدى.
بولۇپمۇ، «يېڭى ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ پېچەتلىنىشى ۋە «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ تۈركىيەگە كىرگۈزۈلۈشىنىڭ چەكلىنىشىدىن كېيىن بۇ تەشكىلات تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئۆتكەن ئىدى. ت م ب ئاشكارا پائالىيەت قىلالمايدىغان بىر تەشكىلات بولغىنى ئۈچۈن، بارلىق سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى ت ت ي ئى تەشكىلاتى ۋاسىتىسى ئارقىلىق قانات يايدۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. ئىتتىپاقنىڭ تۇنجى قېتىملىق رەئىسى دوكتور مەجدىدىن دەلىل، كېيىنچە يەنە ت م ب نىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك رەئىسى دوكتور سالىھ ئىسمائىل (ئەركىنقول) (سالىھ ئەركىنقول، 1906- يىلى قوقان شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1926- يىلى تۈركىيەگە كېلىپ ھەربىي مەكتەپ دوختۇرلۇق كەسپىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ. بۇ جەرياندا ت م ب غا ئەزا بولىدۇ. يېڭى ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلىغا ماقالىلەر يېزىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ت ت ي ئى ھەيئىتى بولۇپمۇ سايلىنىدۇ. 1955- يىلى ھەربىيلىكتىن پېنسىيىگە چىقىپ ئورتا ئاسىيالىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسلىكىگە سايلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردىمۇ يەنە شۇنداق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ تۇرىدۇ. 1974- يىلى 13- دېكابىردا ۋاپات بولىدۇ. ۋاپات بولغان كۈنلەرگىچە بۇ جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) ھەمدە 1935- يىلى رەئىسلىككە سايلانغان دوكتور ئەخمەتجان ئىبراھىم (ئوكتاي) (ئەخمەتجان ئىبراھىم ئوكتاي 1900- يىلى تاشكەنتتە تۇغۇلغان. 1922- يىلى گېرمانىيەگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە ئوقۇشقا چىقىپ، بېرلىن ئالىي ئىنژېنېرلىق مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. ئوقۇغۇچىلىق ۋاقىتلىرىدا ياش ئورتا ئاسىيا گۇرۇپپىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. 1934- يىلى تۈركىيەگە كېلىۋېلىپ، تەبىئىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ گېئولوگىيە كافېدراسىغا ئاسسىستانت، يەنى ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. شۇ يىلى ت ت ي ئى رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، 1940- يىلىغىچە بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇ يەنە تۈرك كۈلتۈر بىرلىكىنىڭ رەئىسلىكىنىمۇ ئۈستىگە ئالغان ئىدى. كېيىن تەبىئىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقىدىن پېنسىيىگە چىقىدۇ. 1981- يىلى 8- نويابىر كۈنى ۋاپات بولىدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) قاتارلىقلارمۇ ت م ب مەركىزى كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى ئىدى. شۇڭا، ت م ب رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكىلەر، تەشكىلات بىلەن ئىتتىپاق بەكلا ئارىلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىر مۇنچە مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ھېسابقا ئېلىپ، ت ت ي ئى تەشكىلىنى «ئورتا ئاسىيا ئىجتىمائىي مىللىي ئوچاق» قا ئۆزگەرتىش جەھەتتە تەييارلىق ئىشلىرىغا كىرىشىدۇ. ئەمما قانۇنلارنىڭ توسالغۇسىغا دۇچ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ. «ئورتا ئاسىيا مىللىي ھەرىكەتلىرى» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى ئابدۇللا رەجەپ بايسۇن، بۇ ئىتتىپاقنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ كېلىپ مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:
رۇسىيە ئىستېلاسىغا چىداپ تۇرالماي ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ تاشقى ئەللەردە مۇساپىر بولۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان ئورتا ئاسىيالىقلاردىن تۈركىيەگە پاناھلىق تىلەپ كەلگەنلەرگە ئاز بولسىمۇ ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەمدە بولۇپ كەلگەن بىرلىك، ئورتا ئاسىيالىق ياشلارنىڭ بىلىم ئېلىش- تەربىيىلىنىش جەھەتتىكى ئىشلىرى بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار تەشكىللىگەن ھەپتىلىك، ئايلىق ئىلمىي دوكلاتلار ۋە ئاچقان كەچكۇرسلار ۋاسىتىسىدا مەدەنىيەت ساھەسىدە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىدۇ. … ئۇلار يىغقان كىتابلار بىلەن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كىتابى بار كۇتۇپخانىدىن بىرنىمۇ بارلىققا كەلتۈرەلىگەن ئىدى.
1933- يىلقى پائالىيەت دەۋرىدە دوكتور سالىھ ئەركىنقولنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا چۇقۇرئوۋا تەۋەسىدە دۈشمەنگە قارشى جەڭگە قاتناشقان ئورتا ئاسىيالىقلار خاتىرىسى ئۈچۈن تارسۇستا (تۈركىيەنىڭ شەرقى جەنۇب دېڭىز بويى تەۋەسىگە يېقىن بىر يەر − ئۇ.ت) بىر شېھىتلار ئابىدىسى ياسىتىدۇ. بۇ ئىشنىڭ ئورتا ئاسىيالىقلار بىلەن تۈركىيە تۈكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت نۇقتىسىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە قىزىق بىر ھېكايىسىمۇ بار.
مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىپ كېلىۋاتقان ئورتا ئاسىيالىق 40 تەك ھاجى تۈركىيە ئارقىلىق ئورتا ئاسىياغا قايتىش يولىدا چۇقۇرئوۋاغا كەلگىنىدە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاپ كېتىدۇ. بۇ ھاجىلار يۇرتىغا قايتىشتىن ۋاز كېچىپ خەلىپىلىك ئۈچۈن جەڭگە قاتناشماقچى بولۇپ بۇ يەرلەردە قېلىپ قالىدۇ. ئوسمانلىلار دۆلىتى بۇ ئۇرۇشتا يېڭىلگەندىن كېيىن چۇقۇرئوۋا تەۋەسى فىرانسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىدۇ. يەرلىك خەلق بۇ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىدۇ. بۇ يەردە قالغان ئورتا ئاسىيالىقلارمۇ فرانسىيەلىكلەرگە قارشى باشلانغان بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. ئاندىن كېيىن كاۋاكلىخان ئالدىنقى سېپىنىڭ قوماندانى زەكى پالتىغا ئىلتىماس قىلغان بۇ بىر گۇرۇپپا ئورتا ئاسىيالىقلار رەسمىي تۈرك ئەسكىرى بولۇپ جەڭگە قاتنىشىدۇ. بۇ گۇرۇپپا كوماندىرى ھۈسنۈ سۈللۈنىڭ ئەمىرىدە جەڭ قىلىدۇ. ئۇرۇش جەريانىدا بۇ ئورتا ئاسىيالىق جەڭچىلەرنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ھاجى يولداشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 نەپەر ئورتا ئاسىيالىق جەڭچى شېھىت بولىدۇ. غازىلارنىڭ بىر قىسمى ئورتا ئاسىياغا قايتىپ كەتكەن بولۇپ، يەنە بىر قىسمى تۈركىيەدە تۇرۇپ قالىدۇ. ئەنە شۇ شېھىت بولغان ئورتا ئاسىيالىقلار ئۈچۈن ياسىتىلغان شېھىتلار ئابىدىسى ھۆكۈمەت تەرەپ ئادەملىرىنىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.
شۇ دەۋردە قىلىنغان يەنە بىر ئىش، ئادانا، تارسۇس، جەيھان ۋە مەرسىن (تۈركىيەنىڭ شەرقى جەنۇب ئاق دېڭىز بويى يېقىنلىرىدىكى شەھەرلەر. − ئۇ.ت) قاتارلىق يەرلەردە تۇرۇۋاتقان ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ ت ت گ ب گە ئەزا قىلىنىش ئىشىدۇر. چۇقۇرئوۋا، ئوسمانلىلار دەۋرىدىن باشلاپ تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ تۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن تاللىۋالغان يەرلىرىدىن بىرى ئىدى. بۇ يەرنىڭ تاللىنىشىدىكى بىر سەۋەب، ئورتا ئاسىيادا ئومۇملاشقان كېۋەزچىلىكنىڭ چۇقۇرئوۋادىمۇ تېرىلىدىغانلىقىدىن بۆلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاچقا، پەقەت تارسۇسنىڭ ئۆزىدىلا ئىككى يەردە ئورتا ئاسىيا ۋەخپىسى بار ئىدى. بۇلاردىن ئابدۇللا مەنجەك زاۋىيەسى، ھىجرىيە 781- يىلى تارسۇستا قۇرۇلغان بولۇپ، يەرلىك ئاھالە ئىچىدە بۇ يەر ئورتا ئاسىيا زاۋىيەسى دەپ تونۇلاتتى. بۇ ئۆتەڭ، ئورتا ئاسىيادىن كېلىدىغان ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ بىر نەچچە كۈن دەم ئېلىپ تۇرۇشىنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان بىر يەر ئىدى. ۋەخپە ھۆججىتىدە ئورتا ئاسىيادىكى 84 شەھەرنىڭ ئىسمى يېزىلغان بولۇپ، ئەنە شۇ شەھەرلەردىن كېلىدىغان يولۇچىلار بۇ يەردە قونۇپ ئۆتەلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
يەنە بىر ۋەخپىمۇ تارسۇسنىڭ ئۇلاش ناھىيىسىنىڭ ئىنجىر پىنارى (ئەنجىربۇلاق − ئۇ.ت) ئېتىزلىقىدا بولۇپ، بەيجە شەيخ ۋەقپىيەسى دەپ تونۇلماقتا. بۇ ئۆتەڭمۇ ھىجرىيە 782- يىللىرى بۇ يەرگە كېلىپ يەرلىشىپ قالغان شەيخ ئەسسەيىت ئابدۇلغافۇر ئىسىملىك بىر ئورتا ئاسىيالىق تەرىپىدىن سېلىنغان ئىكەن. بۇ ئۆتەڭمۇ بۇ جايغا كەلگەن ئورتا ئاسىيالىق سەيياھلار بىلەن دەرۋىشلەرگە 3 كۈن مۇددەت بىلەن قونۇپ ئۆتۈش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە سېلىنغان. قىسقىسى، ت ت ي ئى تەشكىلى بۇ جايلاردا تۇرىدىغان ئورتا ئاسىيالىقلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلىغان بولۇپ، تۈركىيەدە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ئورتا ئاسىيا مىللىي كۈرىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشىغا پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بەرگەن.
ئەپسۇسكى، بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەر ئىقتىسادىي مەنبە بولمىغان قىيىن شارائىتلار ئاستىدا بەكلا قىسىنچىلىق ئىچىدە قانات يايدۇرۇلغان ئىدى. ت م ب نىڭ مەخپىي ھېسابات ھۆججەتلىرىدىن قارىغاندا، ھەر يىلى ت ت گ ب پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بەلگىلىك مىقداردا پۇل ئايرىپ تۇرۇلاتتى. ئەمما بۇ پۇل ت ت گ ب نىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈن پەقەتلا يېتىشمەيتتى. «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىدا جەمئىيەتنىڭ پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ماقالىدا ماددىي قىيىنچىلىقلار ئۈستىدە توختىلىپ كېلىپ، تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى يېتەرلىك دەرىجىدە ياردەم بەرمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كۆرسەتكەن:
ھەر قايسى ئەللەردە ھەر تۈرلۈك تەشكىلاتلار مەۋجۇت. بۇ تەشكىلاتلار دۆلەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك مەسئۇل كىشىلىرىدىن ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەم ئېلىپ تۇرالايدۇ. ئەمما ئورتا ئاسىيا تۈرك ياشلار ئىتتىپاقى تا ھازىرغىچە باشقا ئەللەردە بولغىنىدەك دۆلەت ھىمايىسىگە ئېرىشەلمەي كەلمەكتە. شۇنداق بولغاچقا پۈتۈن ئىقتىسادىي ياردەملەر بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئەزالىرى تەرىپىدىن تەمىنلىنىپ كېلىنمەكتە. بۇ تەشكىلاتنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى ئورتا ئاسىيالىق ياشلارنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىشى ئارقىلىقلا ۋۇجۇدقا چىقماقتا.
ئىتتىپاق رەھبەرلىرى بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە 1937- يىلى 28- ئاۋغۇست كۈنى جۇمھۇرباشقانى (باش جۇمھۇر، پرېزىدېنت − ئۇ.ت) ئىسمەت ئىنۈنۈگە بىر پارچە ئىلتىماس سۇنۇپ تەشكىلاتقا ماددىي ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئىلتىماس بىلەن بىرگە تەشكىلاتنىڭ ئالدىنقى يىلقى كىرىم- چىقىم ھېساباتلىرىمۇ قوشۇمچە قىلىندى. ئەپسۇسكى بۇ ئىلتىماسقا قارىتا ھېچقانداق جاۋاب كەلمەيدۇ.
(رەسىم ئورنى)
تارسۇس شېھىتلىكتىكى ئورتا ئاسىيا شېھىتلىرى خاتىرە مۇنارىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى. تارسۇس، 1933. (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)

1937- يىلقى قۇرۇلتايدا باش سېكرېتار ياقۇپ ئەلبەك (ياقۇپ ئەلبەك، 1899- يىلى تاشكەنتتە تۇغۇلغان. مۇنەۋۋەر قارىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن. 1914- يىلى تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلار مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1920- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئورتا ئاسىياغا قايتىپ بارىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، يەنى 1923- يىلى ئالىي بىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن قايتىدىن تۈركىيەگە كېلىدۇ. پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ  فىزى- مات كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئورتا ئاسىياغا قايتىپ كېتەلمەي تۈركىيەدە قېلىپ قەندىللى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قەندىللى رەسەتخانىسىدا −ئىستانبۇلدىكى ئىلمى تەتقىقات ئورنى − ئۇ.ت− خىزمەت قىلىدۇ. 1927- يىلى قۇرۇلغان ت ت گ ب نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى. ئەينى ۋاقتىدا ت م ب مەركىزى ھەيئەت ئەزاسىمۇ بولغان. مەجدىدىن دەلىل شەرقىي ئورتا ئاسىياغا كەتكەن 5 يىل جەريانىدا ت م ب نىڭ باش سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 1964- يىلى قەندىللى قىزىل لىسەسىدە پېنسىيىگە چىقىدۇ. 1974- يىلى 10- يانۋاردا ۋاپات بولىدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) تەرىپىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا ئىتتىپاق پائالىيەتلىرى مۇنداق بايان قىلىنغان:
ئىتتىپاق، قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپ مەخسۇس ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىدۇ. مەكتەپلەردە يېتىپ ئوقۇيدىغان تالىپلارنىڭ ئىمتىھان ئارقىلىق تاللىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى قانۇن چىقىشتىن بۇرۇن تەشكىلاتىمىزغا تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىدۇ. دەسلەپتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 5 نەپەر ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىدىن تۆتى بۈگۈن ئانادولۇنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. يەنە بىرى بۇ يىل تەنتەربىيە ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تالىپلىرىمىز ھازىرغىچە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. …
يېتىپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرگە  جايلاشتۇرۇلغان بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش داۋام قىلماقتا. ھازىر ئالىي مەكتەپلەردە 2 نەپەر، لىسە ۋە ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش مەكتەپلىرىدە 6 نەپەر، ھەربىي مەكتەپلەردە 7 نەپەر ۋە باشقا مەكتەپلەردە 4 نەپەر تالىپىمىزغا ئىقتىسادى تەمىنات بېرىپ كېلىنمەكتە. كۈندۈزى ئوقۇيدىغان ئوتتۇرا ۋە لىسە (تولۇق ئورتا) دەرىجىلىك مەكتەپلەردە 5 نەپەر، باشلانغۇچ مەكتەپتە بىر نەپەر تالىپىمىزغا ياردەم تەمىناتى بېرىلمەكتە. مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان، ئىتتىپاق بىناسىدا يېتىپ قوپىدىغانلىقى ئۈچۈن تامىقىنى بېرىشكە توغرا كەلگەن 4 نەپەر ئوقۇغۇچىنىمۇ بىرگە قوشۇپ ھېسابلىغىنىمىزدا، ئىتتىپاقنىڭ تالىپلار ئىشىغا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ... ئىتتىپاق، تالىپلارغا تەمىنات بېرىپلا قالماي، نامرات ۋە موھتاجلىقتا قالغان يۇرتداشلىرىمىزغىمۇ ياردەم قىلىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.
ئىتتىپاق قۇرۇلغان كۈنىدىن بۇيان، ئورتا ئاسىيا مەسىلىسىنى تەشۋىق قىلىش ھەمدە ئورتا ئاسىيانى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك يىغىنلارنى تەشكىللەپ، كەچلىك سورۇنلار، ساياھەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. ھازىر بىزنىڭ ئىككى مىڭ پارچە كىتابى بولغان بىر كۇتۇپخانىمىزمۇ بار بولدى. ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرى قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. 1935~36- يىلىنىڭ قىش ئايلىرىدا 7 قېتىم، 1936~37- يىلىنىڭ قىش ئايلىرىدا 12 قېتىم ئىلمىي دوكلات ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىنىڭ ماتېرىياللىرىدىن بەزىلىرىنى بروشۇر قىلىپ بېسىپ يۇرتداشلىرىمىزغا تارقىتىلدى.
ھەر يىلى ئورتا ئاسىيا نامىدا كالېندار، ئورتا ئاسىيا رەسىملىرى بىلەن خەرىتىسى بېسىلغان ئاتكرىتكىلارنى بېسىپ تارقاتماقتىمىز. شۇنىڭدەك يەنە ئورتا ئاسىيا ئەسلىمىلىرى نامىدا بىر ئالبوم چىقىرىلدى.
يۇقىرىدىكى خىزمەت دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغىنىدىن مەلۇمكى، ت ت گ ب تەشكىلاتى تۈركىيەدە بىلىم ئېلىۋاتقان ئورتا ئاسىيالىق ياشلارغا ئىنتايىن مۇھىم ياردەملەرنى بېرىپ كەلگەن. ئىتتىپاق تەشكىلى 1935- ۋە 36- يىللىق ھېسابات ھۆججەتلىرىدە خاتىرىلىنىشىدىن قارىغاندا، يىغىلغان پۇلنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئوقۇغۇچىلارغا تەمىنات، تاماق راسخوتى ۋە يول كىراسى قىلىپ  بەرگەنلىكى مەلۇم. بۇ تۈردىكى ئىشلاردا 1935- يىلقى ئىشلەتكەن 440 تۈرك لىرانىڭ 288 لىراسى، 1936- يىلقى ئىشلەتكەن 682 تۈرك لىرانىڭ 394 لىراسى ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارغا سەرپ قىلىنغان.
ئىتتىپاق تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنلار بىلەن ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرى مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئالاھىدە ئالقىشلارغا ئېرىشىپ كەلگەن. 1940- يىلىغىچە ئوسمان غوجا ئوغلى، مۇھەررەم فەيزى توغاي، جاپپار سېيىت ئەخمەت قىرىمئەر، ئابدۇللا زېھنى سويسال، دوكتور ئىبراھىم يارقىن قاتارلىق تاشقى تۈرك يېتەكچىلىرى بىلەن مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن نۇرغۇن قېتىم ئىلمىي دوكلاتلار ئۇيۇشتۇرۇلغان. 1936~1940- يىللىرى ئىچىدە بېرىلگەن ئىلمىي دوكلاتلاردىن 7 قېتىملىقى ئىتتىپاق تەرىپىدىن بروشۇر قىلىپ بېسىپ تارقىتىلغان (ت ت گ ب تەرىپىدىن بروشۇر ھالىغا كەلتۈرۈپ بېسىپ تارقىتىلغان ئىلمىي دوكلاتلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە: 1. «ئورتا ئاسىيا». ‹ئوسمان غوجا ئوغلى›؛ 2. «بۈيۈك تەمىر». ‹دوكتور ئەخمەتجان ئىبراھىم›؛ 3. «ئورتا ئاسىيانىڭ دۇنيا سىياسىتىدىكى مەۋقەسى» ‹مۇھەررەم فەيزى توغاي›؛ 4. «مەفكۇرە ۋە ئۇنىڭ كىشى ۋە جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى» ‹جاپپار سېيىت ئەخمەت قىرىمئەر›؛ 5. «ئورتا ئاسىيادا مال- چارۋىچىلق» ‹دوكتور ئىبراھىم يارقىن›؛ 6. «تۇرانى قوۋملىرىنىڭ سىياسىي تارىخ ئاساسلىرى» ‹مۇھەررەم فەيزى توغاي›؛ 7. «تۈرك مەدەنىيەت تارىخىنىڭ يۈزلىنىشى» ‹مۇھەررەم فەيزى توغاي›؛ 8. «خانلىق دەۋرىدە قىرىم تۈركلىرى مەدەنىيىتى» ‹دوكتور ئابدۇللا زېھنى سويسال›. ئادەتتە 16 بەتلىك بېسىلغان بۇ بروشۇرلارنىڭ بەزىلىرىدە خەرىتىلەرمۇ قىستۇرۇلغان ئىدى. ئورتا ئاسىيا تۈرك ياشلار بىرلىكىنىڭ تۈرك مەدەنىيەت بىرلىكىگە ئۆزگەرتىلىشىدىن كېيىن، بۇ تۈردىكى بروشۇرلار تۈرك كۈلتۈر بىرلىكى نەشرى دېگەن نامدا تارقىتىلغان. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
تاشقى تۈركلەرگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر قاتتىق چەكلىنىۋاتقان 1930- يىللىرىنىڭ تۈركىيەسىدە، بۇنچىلىك پائالىيەتلەرمۇ تۈركىيەدە بۇ جەھەتتىكى ئىنتايىن زور بىر بوشلۇقنى تولدۇرغانلىق ھېسابلىناتتى. ئۇ دەۋرلەردە تۈركىيەنىڭ سىرتىدىن كەلگەن تۈركلەر تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ ئىزچىل پائالىيەت ئېلىپ بارالىغان بىردىن- بىر تەشكىلات ت ت گ ب ھېسابلىناتتى. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ پائالىيىتى ئالاقىدار ساھەلەرنىڭلا قىزىقىشنى قوزغاپ قالغان بولماي، بەلكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاپ تۇرغان. دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ شەپىلىرى كېلىپ تۇرغان، دۇنيا كۈچ تەڭپۇڭلۇقى زور دەرىجىدە ئۆزگىرىش ياساۋاتقان بىر مۇھىتتا، 13 يىللىق بۇ تەشكىلاتنىڭمۇ بۇ مۇھىتتىن ئۆز نېسىۋىنى ئالماسلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس، ئەلۋەتتە. 1938- يىلى چىققان جەمئىيەت قۇرۇش قانۇنىغا ئاساسەن، تۈرك دۇنياسىدىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ نامىنى قوللىنىپ قۇرۇلغان جەمئىيەتلەر ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلىنغان ئىدى. بۇ يېڭى ۋەزىيەتتە، پلاكاتىدا ئورتا ئاسىيا دېگەن سۆز بولغان بىر تەشكىلات، بېشىغا ئىش تېپىۋالغان بىر تەشكىلات ھېسابلىناتتى. شۇنداق بولغاچقا، ئورتا ئاسىيا تۈكلىرى ياشلار ئىتتىپاقى مۇ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
بۇنداق ئۆزگىرىشنىڭ يالغۇز ئىسىم ئۆزگەرتىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالالمايدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشكەن ت م ب رەھبەرلىرى، يۈز بېرىش ئېھتىمال بولىدىغان پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ. مۇ مەسىلىگە قارىتا مۇستاپا چوقاي ئوغلى تۈركىيەدىكى ت م ب ھەيئەت ئەزاسى ياقۇپ ئەلبەككە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
جەمئىيەت ‹ت ت گ ب› نىڭ ئۆزگەرتىلىشى بىر مەجبۇرىيەتتۇر. چۈنكى دۆلەت ئۆزگەرتىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن، ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرمىز. شۇنداقتىمۇ يالغۇز ئىسىم ئۆزگەرتىش ئارقىلىق جىسمىنى ساقلاپ قالالىساق يەنىلا مەسىلە يوق.
دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن 1940- يىلىنىڭ ئىيۇن ئېيىدا ت ت گ ب قۇرۇلتاي چاقىرىدۇ. بۇ قۇرۇلتايدا ئېلىنغان قارارغا ئاساسەن، تۈرك كۈلتۈر بىرلىكى دېگەن يېڭى بىر تەشكىلات قۇرۇلىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى ئىشلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بابلاردا تونۇشتۇرۇلىدۇ.

شەرق ئەللىرىدىكى پائالىيەتلەر

13

تېما

100

يازما

456

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

پىراكتىكانىت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 857
يازما سانى:
100
تىللا:
356
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
91 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-1

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

6#
ۋاقتى: 2016-7-15 22:54:06 | ئايرىم كۆرۈش
پاھ -پاھ ماۋۇ تىمىنى ...........................
بۇ تىمىنى يوللاپ بولغىچە قانچىلىك جاپا چەككەنسىز ھە ،
ھارمىغايسىز قىرىندىشىم مۇشۇ تىمىنى يوللىغان قوللىرڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن، مۇشۇ تىمىنى يوللاش ئۈچۈن چىقارغان ۋاختىڭىزغا بەركەت بەرسۇن  مەن تىخى تولۇق ئوقۇپ بولالمىدىم لىكىن ئىنكاس يازماي چىكىتىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمىدى كىيى ۋاقىت بولسا كىرىپ چوقۇم تولۇق ئوقۇيمەن ،
ئىشلىرڭىزغا ئۇتۇق يار بولسۇن

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

7#
ۋاقتى: 2016-7-16 02:07:19 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،مۇنبىرىمىزنىڭ قائىدىسى بويىچە ئىلگىرى باشقا مۇنبەرلەردە ئىلان قىلىنىپ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا نادىرلاش قائىدىمىز بولغاچقا سىزدىن مۇشۇلارنى سۈرۈشتۈرسەم رەنجىمىگەيسىز ؟
تىمىلىرىڭىز مىنىڭچە ئاساسەن ھەممىسى نادىر تىمىلارغا لايىق .
ئىشلىرىڭىز ئاسان بولغاي ئۇستاز .

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-7-24 18:16:37 | ئايرىم كۆرۈش
يوللانمىلار تور بەت رىياسەتچىلىرىنىڭ مۈلكى ھېسابلانسا كېرەك. قانداق بىر تەرەپ قىلىشى تەرجىماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-7-24 20:18:04 | ئايرىم كۆرۈش

شەرق ئەللىرىدىكى پائالىيەتلەر

− نەگە ماڭدىڭ؟
− ئورتا ئاسىياغا.
− مۆلچەرىڭچە ئۇ يەرگە قاچانلاردا يېتىپ بارالايسەن؟
− خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. نەگىچە بارالىسام شۇ يەرگىچە مېڭىپ باقمامدىم.
ئەنگلىيەلىك بىر دىپلومات فريسېر- تيتلېر بىلەن ئافغانىستاننىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىنى تۇتاشتۇرىدىغان سالاڭ ئۆتۈشمە قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان بىر ئىشچى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتىن. (1932)

1910- يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئورتا ئاسىيادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن ئورتا ئاسىيادىن قوشنىلىرى ئافغانىستان، ئىران ۋە شەرقىي ئورتا ئاسىياغا قاراپ زور كۆلەملىك بىر كۆچ- كۆچ يۈز بېرىدۇ. بۇ مۇساپىرلار جەنۇبىي ئورتا ئاسىيا دەپمۇ ئاتىلىدىغان شىمالىي ئافغانىستان بىلەن تۈركمەن نوپۇسى زىچ جايلاشقان ئىراننىڭ خوراسان تەۋەسىنى ئاساسلىق كۆچ يېرى قىلىپ تاللىۋېلىشقان ئىدى.
بۇ جايلاردا يەرلىشەلمىگەنلەر ياكى ئۇ يەرلەردە تۇرۇشنى خالىمىغانلار بولسا ھىندىستانغا، ئەرەبىستاننى ئاساس قىلغان ئەرەب ئەللىرىگە ياكى بولمىسا تۈركىيەگە قاراپ كۆچكەن ئىدى. بۇ مۇھاجىرلار بارغان ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئۆزىگە خاس شارائىتلىرىغا قاراپ بىر قىسىم پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا تىرىشىدۇ.

بولشېۋىكلەر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىران ۋەزىيىتى
ئىرانمۇ ئافغانىستانغا ئوخشاش سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىۋاسىتە چېگرىداش دۆلەت بولغانلىقى، چېگرا بويلىرىدىكى ئاھالىنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك تۈركلەردىن تەشكىل تاپقانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئورتا ئاسىيا مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرى جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بىر دۆلەت ھېسابلىناتتى. ئافغانىستاندىكى ئىككى چوڭ كۈچ ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق رايون بولۇپ بېرىش رولىغا ئوخشايدىغان ھالەت ئىران ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇن كېلەتتى. تۈركمەنىستان تېررىتورىيىسى رۇسىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغاندىن كېيىن، يەنى 1881- يىلى رۇسىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا بىر شەرتنامە ئىمزالانغان بولۇپ، بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن جەنۇبىي تۈركمەنىستان رايونى ئىران چېگراسى ئىچىدە قالغان ئىدى. جەنۇبى تۈركمەنىستان رايونى سالىخئاباد- دامغان- بەخشەھەر يولى بويىچە تا ھەزەر دېڭىزى بويلىرىغىچە سوزۇلغان بىر سىزىقنىڭ شىمالىدا قالغان 200 مىڭ كىلومېتىر چاسىغا يېقىن كېلىدىغان زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا ئىدى. بۇ بۆلىنىش نەتىجىسىدە كۆكلەن ۋە يۇمۇت گۇرۇپپىسىنى ئاساس قىلغان مەھىنلى، گەۋارسى، ئەلىلى، مەدۋانلى ۋە ئىنايلى قاتارىدىكى تۈركمەن ئەشىرەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىران چېگراسى ئىچىدە قالغان؛ بەندەر تۈركمەن، گۈنبەدىي كاۋۇس، كۈمۈشتۆپە، ھاجەنەپەس ۋە ئاقگال ئاھالە يەرلىرىدە جەنۇبىي تۈركمەنىستان ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان يۇمۇت ئەشىرىتى ماكانلاشقان ئىدى. كۆكلەن ئەشرەتلىرى بولسا دەشتى گۈرگان، گۈرگان، بوجنۇرد ۋە كۆكلەن قاتارلىق ئاھالە نۇقتىلىرىغا تارقالغان ئىدى.
ئىران تەۋەسى، 1907- يىلى تۈزۈلگەن پېتربۇرگ كېلىشىمىگە ئاساسەن ئەنگلىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تەسىردائىرىلەرگە بۆلۈندى. چار رۇسىيە ئاغدۇرۇلغان ۋاقىتتا، رۇسىيە تەسىرى ئاجىزلىشىپ كەتكەن پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن ئەنگلىيە، كېلىشىمنى كۈچىدىن قالدى دەپ ھېسابلاپ ئىرانغا قارىتا كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىشكە كىرىشكەن ئىدى. بۇ جەرياندا ئەنگلىيە دائىرىلىرى ئىراننىڭ مەمۇرى ۋە ھەربىي ئىشلار تۈزۈلۈشىنى رەتكە سېلىش، ئۇلارنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالىدۇ. ئەمما بۇ كېلىشىم ئىران قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن تەستىقلانمايدۇ.
رۇسىيە تەرەپ، بولشېۋىكلەر ئىنقىلابىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن سىياسەتلىرىگە ئاساسەن قايتىدىن جانلىنىشقا باشلاپ، قوشنا ئەللەردىكى كوممۇنىزمغا مايىل كۈچلەرنىڭ پائالىيەتلىرىگە ياردەم قىلىشقا كىرىشىدۇ. شۇ ئاساستا ئىراننىڭ ئەزەربەيجان رايونىدىمۇ بەزى پائالىيەتلەر يۈز بېرىپ، تەبرىزدە شەيخ مۇھەممەت ھىيابانى تېھران ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرىدۇ. بۇ تۈردىكى قالايمىقان ۋەزىيەتنى غەنىيمەت بىلگەن رۇسىيەلىكلەر ھەزەر دېڭىز پلوتىنى ئەنزەلى شەھىرىگە ئەۋەتىشىدۇ. ئۇ يەردە تېھرانغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن كىچىكخان بىلەن بىرلىشىپ، بۇ شەھەرنى مەركەز قىلغان ھالدا گىلان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئەنزەلىدىكى بۇ ھادىسە، چار رۇسىيە تەۋەسىنىڭ سىرتىدىكى بىر مۇسۇلمان ئېلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى پەيدا قىلغان بىرىنچى قېتىملىق ئىش بولۇش جەھەتتىن ئالغاندا ئۆزگىچە بىر مەنىگە ئىگە ئىدى. ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشلىرىگە پىسەنت قىلمىغان سوۋېت دائىرىلىرى “ئەنزەلدىكى قوراللىق كۈچلەر بىزگە تەۋە كۈچلەردىن ئەمەس، ئۇلار ئەركىن ئەزەربەيجان ئارمىيىسىنىڭ قوشۇنلىرىدۇر” دەپ تۇرۇۋېلىشىدۇ
1921- يىلىنىڭ فېۋرال ئېيىدا ئىران بىلەن رۇسىيە ئۆزئارا بىر كېلىشىمنامە ئىمزالىشىدۇ. بۇ كېلىشىمنامىگە ئاساسەن، رۇسىيە 1881- يىلقى كېلىشىمنامىگە ئاساسلىنىپ سىزىلغان ئىران چېگراسىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، شۇ يىلى ئىيۇلدا رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى قايتىدىن ئەنزەلىگە باستۇرۇپ كىرىدۇ. ئەسلىدە سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ بۇنداق زىت ھەرىكەت قىلىشىنىڭ تېگىدە موسكۋادا داۋاملىشىۋاتقان ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى سەۋەب بولماقتا ئىدى. يەنى ستالىن، ئىراندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ھەرىكەتنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن بولۇپ، تاشقى ئىشلار كومىسسارى چىچېرىن بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رۇدىستېينلار ئىراندا بۇنداق بىر ئىنقىلاب قوزغاش ئۈچۈن تېخى شەرت- شارائىت پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ قارشى تۇرماقتا ئىدى. نەتىجىدە، بۇ تالاش- تارتىشتا لېنىن، چىچېرىن بىلەن رۇدېستېيىن تەرەپنى قوللاپ چىقىدۇ.  نەتىجىدە، چىچېرىن ئېيتقان“ستالىننىڭ گىلان جۇمھۇرىيىتى” دەپ نام بېرىلگەن ھەرىكىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
1923- يىلى، ئىراننىڭ دۆلەت مۇداپىئە نازىرى رىزاخان سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ باش مىنىستىرلىقنى تارتىپ ئالىدۇ. ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئەخمەت شاھ چەتئەلدە زىيارەت قىلىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىران تەختىگە چىقىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇزۇندىن بۇيان ئىراننى سوراپ كېلىۋاتقان تۈركى قېنىدىن بولغان قاچار خانىدانلىقى ئاخىرلىشىدۇ. رىزا شاھ، دۆلەت مۇداپىئە نازىرى بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پىلانلىغان گىلان تەۋەككۈلچىلىك ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، كوممۇنىزم خەۋپىنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ قالغانلىقىنى سەزگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، ھوقۇقنى قولىغا ئالغان ھامان دەرھال كوممۇنىزم تۈزۈلمىلىرىگە دائىر پائالىيەتلەرنى بېسىقتۇرۇشقا كىرىشىدۇ. ئاۋۋال ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى پېچەتلەيدۇ، سوتسىيالىزمچى تەشكىلاتلارنى تارقىتىۋېتىدۇ ھەمدە مەتبۇئاتنى جىمىقتۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ كوممۇنىستلار پائالىيىتىنى يەر ئاستىغا كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئىراننىڭ خۇراسان تەۋەسىدە بىر يۈز بېشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈركمەنلەر قوزغىلىڭى پارتلايدۇ. خوراساننىڭ بوجنۇرد بىلەن ئاستارابات شەھەرلىرىنى ئاساس قىلغان بۇ قېتىملىق قوزغىلاڭنىڭ مەقسىتى، جەنۇبى تۈركمەنىستان تەۋەسى ئۈچۈن ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش ئىدى. ئوسمان ئاخۇند يېتەكچىلىكىدە بىرلەشكەن تۈركمەن ئەشىرەتلىرى بىر جۇمھۇرىيەت قۇرۇلتىيى تەشكىللەپ چىققان ئىدى. ئەگەر سوۋېتلار دائىرىلىرى تەرىپىدىن قوللاپ قۇۋۋەتلىنىۋاتقان بۇ قوزغىلاڭ غەلىبە قىلىپ قالغۇدەك بولسا، ئوتتۇرىغا چىقىدىغان خۇراسان ئاپتونوم رايونىنى بىر مەزگىلدىن كېيىن تۈركمەنىستان س س ر غا قوشۇۋېتىش پىلانلانغان ئىدى. سوۋېت دائىرىلىرى ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىق كۆرسىتىشلىرىگە قارىتا ئۇ يەردىكى ھەرىكەتنى سوۋېتلار تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشنى ئويلايدىغان تۈركمەن قەبىلىلىرى پەيدا قىلغان، شۇڭا بۇ ھەرىكەت بىلەن بىزنىڭ قىلچە ئالاقىمىز يوق دەپ چىڭ تۇرۇۋالىدۇ. ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ كۆرسەتكەن مەنبەلەرگە قارىغاندا، مەشھەتتىكى گ پ ئۇ رەئىسى بىلەن سوۋېت كونسۇلى بۇ قېتىملىق ئىسيانغا ياردەمچى بولالمايمىز دەپ ئىپادە بىلدۈرگەنلىكى مەلۇم. شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ باستۇرۇلۇپ، سالارى جەڭ دەپمۇ تونۇلغان ئوسمان ئاخۇند بىلەن ھۆكۈمەت ئەزالىرى سوۋېت تەرەپكە قېچىپ كېتىدۇ
1927- يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈچىيىشكە باشلايدۇ. رۇسىيەلىكلەر ئەنگلىيەنىڭ چىندىكى مەنپەئەتلىرىگە زىيان كەلتۈردى دەپ قارىغان ئىنگلىزلار رۇسىيەگە ئىقتىسادى قامال يۈرگۈزۈشكە باشلاپ، 1927- يىلى ماي ئېيىغا كەلگەندە رۇسىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزىدۇ. رۇسىيە، ئەنگلىيە بىلەن بولغان بۇ زىددىيىتىنىڭ ئاخىرىدا بىرەر ئۇرۇشقا سەۋەب بولۇپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ، ئۆزىنىڭ جەنۇبى چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشكە تەييارلىنىدۇ. بۇ مەقسەت بويىچە 1925- يىلىنىڭ دېكابىردا تۈركىيە بىلەن، 1926- يىلى ئاۋغۇستتا ئافغانىستان بىلەن تۈزۈشكەن ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمنامىسى ئىچىگە ئىراننىمۇ قوشۇۋېلىشنى ئويلايدۇ. نەتىجىدە، 1927- يىلىنىڭ ئۆكتەبىردە سوۋېتلار بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىران بىلەنمۇ ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقى جەنۇبى چېگرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىۋالىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ نەتىجىسىدە، رۇسىيەنىڭ كوممۇنىزمنى كېڭەيتىش نىشانى چىن بىلەن ئىسپانىيە تەرەپلەرگە بۇرۇلىدۇ.
ت م ب نىڭ ئىراندىكى پائالىيەتلىرى
1923- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھاجى سەمى بىلەن بىرگە ئافغانىستانغا ئۆتۈپ كېتىپ كابۇلغا كىرىشلىرى چەكلىنىپ ئافغانىستاندىن چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىنغان گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ سانى 49 كىشى ئىدى. بۇ گۇرۇپپا تەركىبىدە ئورتا ئاسىيادىكى باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان تۈركىيەلىك ئوفىتسېرلار بىلەن ئورتا ئاسىيالىق مۇجاھىتلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئافغانىستاننىڭ ھېرات شەھىرىگە كەلگىنىدە ئۇلارنىڭ بىر قىسمى مەخپىي شەكىلدە كابۇلغا كىرىۋېلىشنى مەقسەت قىلىپ گۇرۇپپىدىن ئايرىلىدۇ. ئىران ۋىزىسى ئالالىغانلار چېگرا شەھەر بولغان مەشھەتكە قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلار ئىرانغا كىرگىنىدىن كېيىن ھاجى سەمى بىلەن بىرگە بىر نەچچە كىشى تېھران ئارقىلىق سۈرىيەگە مېڭىش ئۈچۈن گۇرۇپپىدىن ئايرىلىدۇ. ئون ئىككى كىشىلىك بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بولسا تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئورتا ئاسىيا مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن سەدرىدىن مۇپتى بىلەن باسمىچىلار يېتەكچىلىرىدىن تۇراپبەگ ئىككىسى مەشھەتتە قالىدۇ. كېيىن بۇلارغا شۇ ۋاقىتتا ھىندىستاندا تۇرۇۋاتقان سابىق بۇخارا جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە نازىرى ئابدۇلخەمىت ئارىپمۇ قوشۇلىدۇ.
مۇپتى سەدرىدىن خان جەدىتچىلىك ھەرىكىتىگە ياردەم قىلغان ئىلغار دىنىي زاتلاردىن بىرى بولۇپ، كۈچلۈك پائالىيەتچان بىرى ئىدى. بۇ كىشى قوقان ئاپتونومىيىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان، كېيىن مۇنەۋۋەر قارىنىڭ تەكلىپى بويىچە تاشكەنتكە كېلىپ ئۇ يەردىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ئىدى. سابىق تۈركىيە بايبۇرت ھاكىمى يۈسۈپ زىيا ئەپەندى بىلەن بىرگە ئىتتىھات ۋە تەرەققىي جەمئىيىتىنىڭ تاشكەنت شۆبىسىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئورتا ئاسىيا مىللىي ئاۋام جەمئىيەتلەر ئىتتىھادىنىڭ تاشكەنت شۆبىسىنىڭمۇ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. تۈركىيە ئارمىيىسى باكۇنى قايتۇرۇۋالغان كۈنلەردە ئورتا ئاسىيانىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئوسمانلىلار يېتەكچىلىرىگە تونۇشتۇرۇش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا بارغان ئۆمەك ئەزالىرىدىن بەرسىمۇ يەنە شۇ مۇپتى سەدىردىنخان ئىدى. بۇ ئۆمەك ئەزالىرى ئىستانبۇلدا تەلەت بىلەن ئەنۋەر پاشا، تاشقى ئىشلار نازىرى نېسىم ئەپەندى ھەمدە مەركىزى ئومۇمىي ئەزالىرى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەن ئىدى. بۇ ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ئىتتىھات ۋە تەرەققىي رەھبەرلىرى ئورتا ئاسىيا ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپاغا بىر ئۆمەك ئەۋەتىش قارارىنى ئېلىشىدۇ. كۆپرۈلۈ فۇئاد ئەپەندى، ئابدۇرېشىت قازى ۋە سەدىردىنخان مۇپتى قاتارلىق كىشىلەرنى بۇ ئۆمەككە ئەزا قىلىپ بېكىتىشكەن ئىدى. بۇ ۋاقىتتا سەدىردىنخان مۇپتىغىمۇ ئوسمانلىلار پاسپورتى چىقىرىلغان ئىدى. ئۆمەك ئەزالىرى شۋېتسارىيەگە قاراپ يولغا چىققان بولسىمۇ، ئۇرۇش سەۋەبىدىن يېرىم يولدا تۈركىيەگە قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن، سەدىردىن مۇپتى ئورتا ئاسىياغا قايتىپ كېتىپ مىللىي پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. 1920- يىلى، بۇخارادا تۇرۇشلۇق كومىتېت مەركىزىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئارىپ كەرىمىي ۋە يۈسۈپ ئەپەندىلەر بىلەن بىرگە ئەنگلىيە بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرىگە ئورتا ئاسىيانىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىدۇ. ئەمما ئۇلار شەرقىي ئورتا ئاسىيا تەۋەسىگە ئۆتمەكچى بولۇپ يۈرگىنىدە چېكاچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. بۇ چاغدا ئورتا ئاسىيادا تۇرۇۋاتقان جامال پاشا قاتارلىقلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە سەدىردىن مۇپتىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى قاماق جازاسىغا يەڭگىللىتىلىدۇ. تۈرمىگە قامالغان سەدىردىن مۇپتى بىر مەزگىل قاماقتا ياتقاندىن كېيىن بىر ئامالىنى قىلىپ تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ باسمىچىلار تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ.
كونا چېكا خىزمەتچىسى بولغان تۇراپ بەگ رۇسىيە ئىستىقبارات ئىدارىسىدە ۋەزىپە ئۆتەپ يۈرگەن يىللاردا، ت م ب بىلەن باسمىچىلارغا ئاخبارات يەتكۈزۈپ تۇراتتى. ئۇمۇ 1922- يىلىنىڭ ماي ئېيىدا مامۇر نىيازىي بىلەن بىرگە باسمىچىلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ يەردە ئۇزۇنغا قالماي قۇربېشىلىققا كۆتۈرۈلۈپ ئەنۋەر پاشا ۋە ھاجى سەمىيلەر بىلەن بىرگە ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە نازىرلىقىنى قىلغان ئابدۇلخەمىت ئارىپ بولسا، ئورتا ئاسىيا مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ يېتەكچىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئارىپوپ ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن پەيتلەردە ئوسمانلىلار ئوفىتسېرى ئېلى رىزا ئەپەندىنى مۇستەشارى (ئورۇنباسارى) قىلىپ تاللىۋېلىپ، مىللىي ئارمىيە قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى قىلغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ كىشى ئۇرۇسلار ھەممىدىن يامان كۆرىدىغان بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇرۇسلار بىر ئاماللارنى قىلىپ ھۆكۈمەت ئەزاسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئارىپوپنى ئورنىدىن يۆتكىۋېتىشنىڭلا پېيىدا يۈرگەن ئىدى. شۇڭا، ئارىپوپ بۇخارا جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتۈنلەي ئۇرۇسلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكىنىدىن كېيىن دەرھال بىر بايانات ئېلان قىلىپ، قول ئاستىدىكى ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ باسمىچىلارغا بېرىپ قوشۇلۇپ ئۇرۇسلارغا قارشى قوراللىق كۈرەش قىلىدۇ.
(رەسىم ئورنى)
سەدىردىنخان مۇپتى، مەشھەد، 1932- يىلى دېكابىر  (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)
ئورتا ئاسىيا مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنىڭ پۈتۈن سەپلىرى بويىچە كۈرەشكە قاتناشقان بۇ كىشىلەر، چەتئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئىمكان بار ۋەتىنىگە ئەڭ يېقىن بولغان دۆلەتلەرگە بېرىپ ئورۇنلىشىش، شارائىت پىشىپ يېتىلگەن ھامان قايتىدىن ۋەتىنىگە قايتىپ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ يۈرمەكتە ئىدى. ت م ب ھەرىكىتى ياۋروپا بىلەن تۈركىيەدە تەشكىل قۇرۇپ پائالىيەت باشلىغان ۋاقىتلاردا، مەشھەدتىكى بۇ گۇرۇپپىنىڭ پائالىيەتلىرىگە دائىر ئېنىق بىرەر مەلۇمات تېپىلمىدى. ئەمما تۈركمەن دالالىرىنى مەركەز قىلغان ھەمدە ئورتا ئاسىيانىڭ ئىچكى قىسىملىرىغا قارىتىلغان چېگرادىن ئۆتۈپ باسمىچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىشلاردا ئۇلارنىڭمۇ سىرتتا قالمىغانلىقى ئېنىق. مەشھەدتىكى ئەنگلىيە ھەربىي ۋەكىلى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان تومپسون، ئەلىي رىزا نامىدىكى بىر تۈرك يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان 5 كىشىلىك بىر گۇرۇھنىڭ تۈركمەنلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان كۈمۈشتۆپە تەۋەسىدە پائالىيەت قىلىپ يۈرگەنلىكى، بۇ گۇرۇپپا يەنە چېگرادىن ئۆتۈپ زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگىمۇ قاتناشقانلىق ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىدۇ.
ئەينى ۋاقىتلاردا، مۇستاپا كامال تۈركىيەسىنىڭ ئىران بىلەن ئىنتايىن قويۇق مۇناسىۋەت قىلىپ تۇرغانلىقى، بولۇپمۇ تۈركمەنلەر ياشايدىغان يەرلەردە بىر مۇنچە كونسۇلخانىلارنى ئاچقانلىقى مەلۇم. ئىران ئەزەربەيجانىنىڭ مەركىزى بولغان تەبرىزدە، شۇنىڭدەك ئىراننىڭ تۈركمەنلەر رايونىدىكى خۇراساندا بىردىن ئەلچىخانا ئېچىلغان. شۇنىڭدەك يەنە كاسىپى دېڭىزى قىرغىقىدىكى رەشت شەھىرىدە بىر، ئىران- ئافغانىستان- تۈركمەنىستان ئۈچ بۇلۇڭىنىڭ كېسىشكەن يېرىدىكى شەھەر مەشھەدتە بىردىن كونسۇلخانا قۇرۇلغان. بۇ ئەھۋاللارنى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قوشنا ئەللەردىكى تۈرك قېرىنداشلىرى بىلەن ئالاھىدە يېقىن مۇناسىۋەت تىكلەشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەنلىكىنىڭ بىر پاكىتى دەپ قاراشقا بولىدۇ (ئەپسۇسكى، خۇراسان ئەلچىخانىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرەلمەي قالىدۇ، بۇ يەرگە تەيىنلەنگەن سامىي چۆلگەچەن ئەپەندىمۇ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ؛ مەشھەتتىكى كونسۇلخانىمۇ 1925- يىلىدىن 1932- يىلىغىچىلا ئېچىلىپ، ئۇندىن كېيىن ئۇمۇ تاقىۋېتىلىدۇ. − ئا. ھ. ئىزاھاتى). ئىران تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن ئورتا ئاسىيالىق مىللىي ھەرىكەت خادىملىرى، بولۇپمۇ مەشھەد شەھىرىدىكىلەر ئاۋۋال مەھەممەد نائىل باي بىلەن، كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا كونسۇل بولۇپ تەيىنلەنگەن ھەققى باي (كەنتلى) بىلەن يېقىن ئالاقە ئورنىتىپ كېلىدۇ.
ئۇ ۋاقىتلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەشھەد كونسۇلخانىسى تۈركمەنىستاندىن باشلىنىپ خوراسان بىلەن ئافغانىستانلاردىن ئۆتۈپ تا ھىندىستانغىچە سوزۇلغان ساھەلەر بويىچە مۇناسىۋەت قۇرىدىغان، بەلكىم ئەڭ مۇھىم ئالاقىلىشىش ھالقىلىرىدىن بىرى دېيىشكە بولاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەبرىز، رىزائىيە، ئەنزەلى ۋە مەشھەت قاتارلىق شەھەرلەردىكى سوۋېت كونسۇلخانىلىرى تېھران باش ئەلچىسىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىدا بىر پۈتۈن تور شەكلىدە پائالىيەت قىلماقتا ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر ئىراندىكى ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلار بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تىجارەت قىلىشنى خالايدىغان بايۋەچچىلەر رۇسىيە مەخپىي ئىستىقبارات تەشكىلاتى بەكلا دىققەت قىلىدىغان ئادەملەر ھېسابلىناتتى. ئەنگلىيەنىڭ ئۇ دەۋردىكى مەشھەد كونسۇلى گ. ۋېيلېر، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخپىي ئىستىقبارات پونكىتلىرى ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلارغا قارىتىلغان پائالىيەتلىرىنى بەكلا ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كۆرسىتىدۇ. 1927- يىلى ئىرانغا گ پ ئۇ جاسۇسلۇق ئۈچۈن ئەۋەتكەن، كېيىنكى ۋاقىتلاردا غەربكە قېچىپ كېتىپ پاناھلىق تىلىگەن ئاگابېكوۋنىڭ ئەسلىمىلىرىدە ئىراندا قانات يايدۇرۇلغان پائالىيەتلەر تەپسىلىي بايان قىلىنماقتا.
ئۇ ۋاقىتلاردا سوۋېت رازۋېدكا پونكىتلىرى تۇراپبەگنىڭ پېيىغا چۈشىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى كۆزىتىپ يۈرگەن ئىدى. 1927- يىللىرىدا تۇراپبەگ تۇيۇقسىز غايىب بولىدۇ. دەسلىپىدە تۇراپبەگ ئۆز ئىختىيارى بىلەن سوۋېتلار تەۋەسىگە قايتىپ كەتكەن بۆلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنغان ئىدى. ئەمما كېيىن مەلۇم بولدىكى، ئۇنى ئۇرۇس جاسۇسلىرى يوشۇرۇن بۇلاپ كېتىپ تاشكەنتكە ئاپىرىۋالغانلىقى، ئۇ يەردە سوتلاپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ئابدۇلخېمىت ئارىفمۇ ئورتا ئاسىياغا قايتىپ بېرىپ مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنى ئانا ۋەتەندە تۇرۇپ قانات يايدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرەتتى. كېيىن چېگرادا تۈركمەنىستان تەرەپكە ئۆتمەكچى بولۇپ يۈرگىنىدە، بىر قېتىملىق سوۋېت چېگرا مۇداپىئە ئەسكەرلىرى بىلەن توقۇنۇشتا ئوق تېگىپ شېھىت بولىدۇ. 1930- يىللارنىڭ باشلىرىدا، مەشھەدتە ت م ب جەمئىيەت ئەزالىرىدىن يالغۇز سەدرىدىن مۇپتىلا قالغان ئىدى.
شەرقىي ئەللەردە ت م ب شۆبىلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئابدۇللا تەۋەككۈل (ئۇنىڭ مەخپىي نامى تۇرسۇن) ئىرانغا بارغىنىدىن كېيىن، شەرق يۇلتۇزى دېگەن نامدا ت م ب نىڭ مەشھەد شۆبىسى قۇرۇلىدۇ. بۇ شۆبىنىڭ قۇرغۇچىلىرى سەدىردىن مۇپتى، جىزاقلىق ئابدۇلكېرىم مىڭبېشى، ئانا مۇھەممەد، بەردى تاتئوغلى ۋە ئارىش قۇل قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى. تۇرسۇننىڭ ت م ب مەركىزىگە يازغان خەت- چەكلىرىدىن قارىغاندا، بۇ شۆبە قۇرۇلۇشى ھامان ئىككى ئەزاسى چېگرادىن ئۆتۈپ ئورتا ئاسىياغا (تۈركمەنىستان تەۋەسىگە) كىرىپ، ئۇ يەردە بەشىنچى قول پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ ئابدۇل كېرىم مىڭبېشى چېگرا بويىغا جايلاشقان لاتىفاباد شەھىرىگە جايلىشىۋېلىپ چېگرادىن ئۆتۈپ ھەرىكەت قىلىش پائالىيەتلىرىنى باشلاتقان.
تۇرسۇن تۈركىيەگە قايتىپ كەتكىنىدىن كېيىن سەدرىدىن مۇپتى ئۇ يەرلەردە بىرمۇنچە پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى مەلۇم. سەدرىدىن مۇپتى ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر دىنى ئەرباب بولغانلىقى ئۈچۈن، خەلق ئاممىسى بىلەن بەكلا ئاسان چىقىشىپ مۇناسىۋەت باغلاپ كېتەلەيتتى. شۇڭا ئۇ ۋەتەندىن كەلگەن مۇھاجىرلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ، ئۇلارنىڭ ئىران تەۋەسىدە جايلىشىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىپ كەلگەن ئىدى. تۈركمەن تەۋەلىرىدە شەكىللەندۈرگەن تورلىرىدىن پايدىلىنىپ «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنى تارقىتىش ئىشلىرىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. سەدرىدىن مۇپتىنىڭ ئەۋەتكەن خەتلىرىدىن قارىغاندا، ژۇرنالنى ئورتا ئاسىيانىڭ ئىچكى قىسىملىرىغىمۇ ئەۋەتىپ تۇرغانلىقى، ۋەتەن ئىچىدە بۇ ژۇرنالنىڭ تارقىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرالىغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ يەنە ئافغانىستاندىن كېلىپ ئوقۇش مەقسىتىدە تۈركىيەگە بېرىشنى ئارزۇ قىلغان نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىنى تۈركىيەگە يولغا سېلىشقا ياردەملەشكەنلىكى مەلۇم.
(رەسىم ئورنى)
ت م ب مەشھەد شۆبىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى
1.سەدرىدىنخان مۇپتى؛ 2. تەۋەككۈل بابۇر؛ 3. ئارىش قۇل؛ 4. ئابدۇلكېرىم مىڭ بېشى؛5. ئانا مۇھەممەت؛ 6. بەردى تاتئوغلى. مەشھەد، 1930- يىلى 6- ئىيۇل (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)
ئىران ھۆكۈمىتى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تۈزۈشكەن شەرتنامىلىرىگە ئاساسەن، 1931- يىلىدىن باشلاپ ئىران تەۋەسىگە ئۆتكەن مۇساپىرلارغا قارىتا قاتتىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا باشلايدۇ. شۇ يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شەرقى رايونلارغا مەسئۇل كىشىلىرىگە ئەۋەتىلگەن بىر يوليورۇق بىلەن ئىران تەۋەسىدە پاسپورتى يوق، پاسپورتى تولۇق بولمىغان، ياكى بولمىسا پاسپورتى بولغان تەقدىردىمۇ ئىراندا تۇرۇش ۋىزىسى بولمىغان كىشىلەرنى دەرھال قولغا ئېلىپ چېگرادىن چىقىرىۋېتىش لازىملىقى ھەققىدە بۇيرۇق چىقىرىلىدۇ. بەلگىلىمىگە بوي سۇنمىغان مۇساپىرلار نەدىن كەلگەن بولسا شۇ دۆلەتكە قايتۇرۇۋېتىش بەلگىلەنگەن. چېگرادىن كىرگەنلەرنىڭ قوراللىرىلا مۇسادىرە قىلىنىپ قالماي، ئۇلارنىڭ پۈتۈن مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنىپ، ھەربىي لاگېرلارغا قاماشقا باشلىغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىران دائىرىلىرى، ئىران- سوۋېت ئىتتىپاقى چېگراسىنى بويلاپ سوزۇلغان تۈركمەن قەبىلىلىرىگە تەۋە ئولتۇراقلىق يەرلىرىدىن چېگرادىن 30 كىلومېتىر يىراق ئىچكى يەرلەرگە كۆچۈرۈلۈشى لازىم دەيدىغان بىر بەلگىلىمىنى يولغا قويۇشقا كىرىشىدۇ. شۇ ئارقىلىق چېگرادىن ئۆتۈشنى تىزگىنلەپ تۇتماقچى بولىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە تۈركمەنىستان تەۋەسىدە باسمىچىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن يېتەكچىلەر ئىرانغا كىرىشى ھامان ئۇلارنى دەرھال ئافغانىستان تەرەپكە ماڭدۇرۇش قارارىنىمۇ ئېلىشىدۇ.
سەدرىدىنخاننىڭ يازغان خەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىران ھۆكۈمىتى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان بېسىملار شۇنچىلىك ئېغىرلىشىپ كەتكەنكى، چېگرادىن قېچىپ ئۆتكەن بەزى سىياسىي قاچقۇنلار نېمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىپ، ئاخىرى مەشھەدتىكى سوۋېتلار كونسۇلىغا كىرىپ، قايتىپ كېتىشىمىزگە يول قويساڭلار دەپ ئىلتىماس قىلىشقا مەجبۇر بولۇشقان. ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تۈردىكى قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى يۇمشىتىشنى مەقسەت قىلغان سەدرىدىن مۇپتى، تۈرك دائىرىلىرىنى بۇ ئىشقا ۋاسىتىچى بولۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ ھەرىكەت قىلىپ باققان بولسىمۇ قىلچە پايدىسى بولمىغان. سەدرىدىن مۇپتىنىڭ يېقىن دوستى بولغان تېھراندا تۇرۇشلۇق تۈركىيە باشئەلچىسى مەخمۇت شەۋكەت ئەسەندال 1930- يىلى سېنتەبىردە ئورنىنى تۈركىيەدىن يېڭىدىن باش ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەن خۇسراۋ گەرەدەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ تۈركىيەگە قايتىپ كەتكەن ئىدى. مۇپتىنىڭ يازغان خەتلىرىدىن قارىغاندا، بۇ يېڭى تەيىنلەنگەن باش ئەلچى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ دەردىنى ئۇقتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ شۇنچە تىرىشىپ باققان بولسىمۇ كۆرۈشەلمىگەنلىكى مەلۇم. ئۆزى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈش ئىمكانىغا ئېرىشەلمىگەن مۇپتى، ھۇسراۋ گەرەدەگە ئورتا ئاسىيا مۇھاجىرلىرىنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان خەتلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى قايتا تەكشۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن بىرەر مەسئۇل كىشىنى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈپ بېقىشىنى تەلەپ قىلىپ نۇرغۇن قېتىم خەت يازغان بولسىمۇ بىرەر نەتىجە چىقمايدۇ.
سەدرىدىن مۇپتى يۇقىرى مەلۇماتلىق زىيالىي بىر دىنىزات ئىدى. ت م ب مەركىزى بىلەن ئەزالىرىغا قارىتىپ يازغان مەكتۇپلىرىدا ئۇنى ئەڭ بەك ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ كېلىۋاتقان بىر ئىش − ئىرانغا كېلىۋاتقان مۇھاجىرلار ئىچىدە قولىدا قەلەم توختىغۇدەك بىرەرىنىڭمۇ يوق بۆلىشىنى تەكىتلەپ كۆرسەتكەن ئىدى. 1932- يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا مۇپتىنى بەكلا خۇشال قىلىدىغان بىر ئىش يۈز بېرىدۇ: بەھرەم ئىبراھىموۋ ئاتلىق ئوقۇغان، يەنى مۇپتىنىڭ دېيىشى بويىچە ئالغاندا “قولىدا قەلەم توختايدىغان” بىر ياش، ئورتا ئاسىيادىن قېچىپ چىقىپ سەدرىدىنخان مۇپتىنىڭ يېنىغا كەلگەن. سەمەرقەنتلىك بۇ ياش “يوقسۇل” دېگەن تەخەللۇسنى ئىشلىتىپ كەلگەن. سەدرىدىن مۇپتى بۇ ياشنىڭ تاپشۇرغان تەرجىمىھال ماتېرىيالىنى ت م ب مەركىزىدىكىلەرگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. بەھرەم ئىبراھىمۇۋ ئۆز قول يازمىسى بىلەن يېزىپ بەرگەن بۇ ماتېرىيالدا ئۆزىنى بىر يازغۇچى دەپ تونۇشتۇرغان ئىدى. 1930- يىلى ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدىكى بىر قىسىم يازغۇچىلار قۇرۇپ چىققان «مىللىي مۇستەقىللىق» دېگەن بىر تەشكىلاتقا ئەزا بولغانىكەن.
1931- يىلى سېنتەبىردە يېزىپ چىققان بىر كىتابىنى نەشرى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تاشكەنتكە كەلگىنىدە، ئاغىنىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىق خەۋىرىنى ئالغان. شۇ سەۋەبتىن ئۆيىگە قايتماستىن دەرھال ئاشخابادقا بارغان. بۇ ئەتراپتا ئەتكەسچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرگەن بەزى تۈركمەنلەرنىڭ ياردىمى بىلەن چېگرادىن ئوڭۇشلۇق قېچىپ ئۆتۈۋالغان. ئۇنىڭ تاپشۇرغان بۇ ماتېرىيالدا كىشى ئىسىملىرى، يەر ناملىرى ۋە ئاي- كۈنلىرىگە مۇناسىۋەتلىك يەرلەرنى ئاق تاشلاپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلارنى سەدرىدىن مۇپتىغا ئېغىزچە ئېيتىپ بەرگەن.
سەدرىدىنخان، ئورتا ئاسىيا تەۋەسى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىۋاتقان كىشىلىرىنىڭ ۋاسىتىسىگە تايىنىپ بەھرەم ئىبراھىموۋنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىنىڭ راست- يالغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلدۇردى. ئاخىرى ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ يالغان ئەمەسلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق بىر ئىسىملىك بىر يازغۇچى راستىنىلا بار ئىدى. ئۇمۇ يوقسۇل دېگەن شائىرلىق تەخەللۇسى بىلەن ئىجادىي پائالىيەت قىلاتتى. ئۇنىڭ بىر شېئىرلار كىتابى نەشرى قىلىنغان بولۇپ، ئورتا ئاسىيادىكى بىر قىسىم مەخپىي تەشكىلاتلار بىلەنمۇ مۇناسىۋەت قىلغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، يوقسۇل، سەدرىدىنخان مۇپتىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئۇزۇنغا قالمايلا بۇ كىشى مۇپتىنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ياردەمچىلىك قىلىدىغان ئىنتايىن ئىشەنچلىك بىرىگە ئايلىنىدۇ. بۇ كىشى كېيىنچە مۇپتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئىسمىنى مەھمۇد ئەلىزادە دېگەنگە ئۆزگەرتىۋالىدۇ. يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇغۇلغان يېرىنىڭ نامىنى ئۆزىگە فامىلە قىلىپ قوبۇل قىلىپ كىشىلەر ئارىسىدا مەخمۇت ئايقارلى دەپ تونۇلۇشقا باشلايدۇ. ئەسلىدە بەھرەم ئىبراھىموۋ، ياكى كېيىن ئىشلەتكەن ئىسمى بويىچە مەخمۇت ئايقارلى دېگەن بۇ ئادەم ئالاھىدە تەربىيىلەنگەن گ پ ئو جاسۇسى ئىدى. سوۋېت گ پ ئۇ ئورگىنى بۇ ئېتىراپقا ئەۋەتكەن جاسۇسلىرىدىن ئەزىزخانوپ ئىراندا، سادىق ئەلىي ئوغلى ئىستانبۇلدا قولغا چۈشكىنىدىن كېيىن، بەھرەم ئىبراھىموۋ ئۈچۈن تېخىمۇ تولۇق تەرجىمىھال ياساپ چىقىرىلىپ پۇختا ئاساسلار يارىتىلغاندىن كېيىن ئۇنى مەشھەدكە يولغا سېلىشقان. گ پ ئۇ دىكىلەر مەشھەدنى تۈركىيە ياكى ئافغانىستانلاردىنمۇ ئەپلىك يەر دەپ قارىغاچقا ئۇنى ئىرانغا ئەۋەتىشنى قارار قىلىشقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە سەدرىدىنخان يالغۇز بېشىغا پائالىيەت قىلىپ يۈرگىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشمۇ بەك ئاسان ئىدى. بۇنىڭغا قارىغاندا ت م ب مەركىزى جايلاشقان ئىستانبۇل ياكى ئورتا ئاسىيالىقلار مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە قوشۇلغان مىڭلىغان ئورتا ئاسىيالىق تۇرۇۋاتقان ئافغانىستاندا مىللىي تەشكىلاتلارغا سۇقۇنۇپ كىرىش ئىشى بەكلا تەس بىر ئىش ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئافغانىستاندىمۇ تەشكىلات مەركىزىگە بىۋاسىتە قارايدىغان بىرەر رەسمىي شۆبىسىمۇ يوق بولۇپ، ئۇ تەشكىلگە باغلانغان بەزى كىشىلەرلا بىر قىسىم پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە ئىدى. قىسقىسى، مەخمۇت ئايقارلى مەشھەتتە يېتەرلىك بىخەتەر ھالغا كېلىۋالالىغان بولۇپ، ئورتا ئاسىيا مۇھاجىرلىرى ئارىسىدا 30 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرىدىغان جاسۇسلۇق پائالىيىتىنى ئەنە شۇ يول بىلەن ئوڭۇشلۇق باشلىۋالىدۇ.
سەدرىدىنخان مۇپتى، ئۆزگەرگەن سىياسىي ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن ئىراندىن چىقىپ كېتىشنى، مۇمكىن بولسا يېڭىدىن مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە ئاتلىنىۋاتقان شەرقىي ئورتا ئاسىيا تەرەپلەرگە بېرىشنى پىلانلىماقتا ئىدى. مەشھەتتىكى تۈركىيە كونسۇلى ھەقىقىي بەيدىن پاسپورتىنى ئېلىپ، كەشمىر ئارقىلىق قەشقەرگە ئۆتۈش پىلانى بويىچە ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىدىنمۇ ۋىزا چىقارتىۋالىدۇ. ئەمما مۇستاپا چوقاي ئوغلى ئىراندىكى، بولۇپمۇ مەشھەد شەھىرىدىكى ئورتا ئاسىيا مىللىي مۇستەقىللىق ئۈچۈن قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان كۈرەش نۇقتىسىدىن ئالغاندا مەشھەد ئىنتايىن مۇھىم مەركەزلەردىن بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە ئىدى. شۇ سەۋەبتىن مۇپتىنىڭ يەنە بىر نەچچە يىل ئىراندا تۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ تەلەپكە ئاساسەن، مۇپتىمۇ قەشقەرگە بېرىش پىلانىدىن ۋاز كېچىدۇ. ئەمما 1932- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ بۇ يەردىكى سىياسىي ۋەزىيەت تېزلىكتە ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. مەشھەد شەھىرىدىكى تۈركىيە كونسۇلخانىسىنى تاقىۋېتىش قارارى ئېلىنىش بىلەن بىرگە (تۈركىيەنىڭ مەشھەت كونسۇلخانىسى 1932- يىلى 11- ئىيۇن كۈنى تاقىۋېتىلگەن ئىدى − ئا.ھ. ئىزاھاتى)، كونسۇل ھەقىقىي بەيمۇ تۈركىيەگە قايتىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە سەدرىدىنخان ئىنتايىن كۈچلۈك بىر سىياسىي ھىمايىچىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۆكتەبىر ئايلىرىغا كەلگەندە ئىران دائىرىلىرى سەدرىدىنخانغا بېسىم ئىشلىتىپ ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە كىرىشىدۇ. ئىران تەرەپ مۇپتىنىڭ ئورتا ئاسىيا مۇھاجىرلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى بىلەن بۇ ھەقتە ھەر تۈرلۈك يەرلەرگە قىلغان مۇراجىئەتلىرىدىن بەكلا خاتىرجەم بولالماي قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭغا ئىراندا تۇرۇش ۋىزىسىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن قايتا ئۇزارتىپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. مۇپتى تۈركىيە پاسپورتى بىلەن يۈرگەچكە، ئىران دائىرىلىرى ئۇنى تۈركىيەلىك دەپ قارىشاتتى. شۇڭا ئۇنىڭ دەرھال تۈركىيەگە قايتىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى. ئەمما مۇپتىنىڭ تۈركىيە پاسپورتىنىڭ مۇددىتىمۇ توشۇپ قېلىۋاتقان بولغاچقا، بېرىپ تېھران ئەلچىخانىسىدىكىلەردىن پاسپورت مۇددىتىنى ئۇزارتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما تېھراندا تۇرۇشلۇق تۈركىيە ئەلچىخانىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ھۆججەتلىرىدە بەزى مۈجمەللىكلەرنىڭ بارلىقىنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭغا ئۇزارتىش ھەققىدە ئېنىق بىر نېمە دېيىشكە ئۇنىمايدۇ. بۇ جەرياندا مۇپتىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق باشئەلچىسى خۈسرەۋ گەرەدەگە قارىتىپ يازغان مەكتۈپلىرىگىمۇ جاۋاب كەلمەيدۇ.
1933- يىلىمۇ ئىشلىرى ئەنە شۇنداق ئېنىق ئايىغى چىقماس ئىشلار بىلەن ئۆتتى. مۇپتىنىڭ تۈركىيە باش ئەلچىسى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈش تەلەپلىرىمۇ بىرەر نەتىجە بەرمەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئىران دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بېسىم قىلىشلىرىمۇ كۈنسايىن كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى. ئاخىرى ھېچ ئامالى قالمىغان سەدرىدىنخان يىل ئاخىرغىچە ئىراندىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادىگە كېلىدۇ. خۇراساننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلىرىنى ت م ب بىلەن ياش ئورتا ئاسىيا گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە مۇناسىۋەت قىلالايدىغان ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر مۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۆزى ئىراندىن چىقىپ كەتكىنىدىمۇ بۇ يەردىكى ئورتا ئاسىيالىقلار بىلەن ت م ب نىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈلمەي داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدى. بۇ ۋاقىتلاردا ئورتا ئاسىيانىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسمىچىلىرىدىن ئانا قۇل ئۆز قوشۇنىدىكىلەر بىلەن بىرگە ئىران چېگراسىدىن ئۆتۈپ چېگرا بويىدىكى بىر يەرلەردە كۆزىتىشكە ئېلىنغان ئىدى. ئىران دائىرىلىرى ئاناقۇلدىن قورال تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشىدۇ. ئىران بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى شەرتنامىگە ئاساسەن قورال تاپشۇرغىنىدىن كېيىن ئىرانلىقلارنىڭ ئۆزىنى تۇتۇپ سوۋېت تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئانا قۇل، ئىراننىڭ قورال تاپشۇرۇش تەلىپىنى قوبۇل قىلمايدۇ. سەدرىدىنخان مۇپتى بۇنداق قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئاناقۇلغا ياردەم قىلىپ، ئۇنى ئافغانىستاندىكى تونۇشلىرىنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە ئافغان ھۆكۈمىتىنى ماقۇل كەلتۈرۈپ ئۇ تەرەپكە ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىمۇ ئىران دائىرىلىرىنى غەزەپلەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا بېسىم قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە باھانە بولۇپ بېرىدۇ.
(رەسىم ئورنى)
سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن ئىران تەرەپكە قېچىپ كەلگەن تۈركمەنلەردىن بىر گۇرۇپپا. 1932- يىلىنىڭ باشلىرى (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)
1934- يىلى ماي ئايلىرىغا كەلگەندە، سەدرىدىنخان مۇپتى بۇندىن كېيىن مەشھەدتە داۋاملىق تۇرۇۋېرىمەن دەيدىكەن ئىران ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشى مۇمكىن دېگەن بىر ئاخباراتنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ ھىندىستان ئارقىلىق شەرقىي ئورتا ئاسىيا تەرەپلەرگە ئۆتۈپ كېتىش پۇرسىتىمۇ قالمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ، 1934- يىلى 8- ئىيۇن كۈنى كېچىدە كاتىپى مەھمۇد ئايقارلىنىمۇ بىرگە ئېلىپ يوشۇرۇن تۈردە مەشھەتتىن چىقىپ كېتىدۇ. مۇپتى مەخپىي پائالىيەتچىلىك تەجرىبىسى مول پېشقەدەم پارتىزان يېتەكچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈش ۋاقتى بىلەن نەگە بارىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچكىمگە تىنمايدۇ، ھەتتا پىلانىنى ئۆزىنىڭ كاتىبىغىمۇ ئېيتماي، پۈتۈن پىلانىنى ئىچىدە ساقلايدۇ. نۇرغۇنلىغان ئورتا ئاسىيالىق يېتەكچىلەرنىڭ سوۋېت جاسۇسلىرى تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاپشۇرۇلىۋاتقان بىر ۋەزىيەت ئاستىدا، مۇپتىنىڭ ساق- سالامەت قېچىپ قۇتۇلالىشىنى ئۇنىڭ بۇ سەزگۈرلۈكىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. مۇپتى ئىككى كۈنلۈك سەپەردىن كېيىن چېگرادىن بىخەتەر ئۆتۈپ ئافغانىستان تەۋەسىگە كىرىۋالىدۇ. ئافغانىستانغا يېتىپ بارغىنىدا ھېرات ۋالىسى تەرىپىدىن ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋېلىنىش ھەمدە ئالاھىدە مېھمان قىلىپ كۈتۈۋېلىنىشقا سازاۋەر بولىدۇ. مۇپتى كاتىپى بىلەن بىرگە ھېراتتا يىگىرمە كۈندەك تۇرغاندىن كېيىن، يولدا بىرگە ھەمراھ بولىدىغان بىر ھەربىي ئەمەلدارنىڭ يول باشلىشى بىلەن كابۇلغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.

30- يىللاردىكى ئافغانىستان ۋەزىيىتى
چەت دۆلەتلەردە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ئورتا ئاسىيا مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئافغانىستان مەيلى چېگرىداشلىق نۇقتىسىدىن ياكى ئۇنىڭ شىمالى رايونلىرىنىڭ تۈركىيلەردىن تەشكىل تاپقانلىقى نۇقتىسىدىن بولسۇن، ئورتا ئاسىيالىقلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئەل ھېسابلىناتتى. شۇنداق بولغاچقا، ئورتا ئاسىيا تەۋەسىدە مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى كۈچلۈك قانات يايدۇرۇلغان دەۋرلەردە ئورتا ئاسىيالىق يېتەكچىلەر، باسمىچىلار ھەمدە مۇساپىرلار ئۈچۈن ئافغانىستان ئىنتايىن مۇھىم ئارقا سەپ بولۇپ پايدىلىنىلغان ئىدى. قىسقا مۇددەت ھۆكۈم سۈرگەن بولۇشىغا قارىماي بەچچەئىي ساقا دەۋرى، بۇخارانىڭ سابىق ئەمىرى سېيىت ئالىمخاندىن تارتىپ باشقا ئورتا ئاسىيالىق كۈرەشچىلەر بىلەن ئافغانىستاندىكى باسمىچى يېتەكچىلەر ئارىسىدا يېڭىدىن ئۈمىدلەرنىڭ تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولغاندەك قىلسىمۇ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى بەكلا پاجىئەلىك بولىدۇ.
بەچچەئىي ساقانى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ھوقۇقنى قولغا ئالغان نادىرشاھ، ئافغانىستان ھاكىمىيىتىنى تولۇق تىزگىنىگە ئېلىش يولىدا ھەرىكەتكە ئاتلىنىدۇ. ئۇ، ئىنىلىرىدىن سەردار ھاشىمخاننى باش مىنىستىر، سەردار شاھ مەھمۇتنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە ئافغانىستان ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندان قىلىپ تەيىنلەيدۇ. ئەڭ كىچىك ئىنىسى سەردار مۇھەممەت ئەزىزنى بولسا موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىدۇ. ھۆكۈمەت مەھكىمىسىنىڭ قالغان ئون نازارىتى ئۈچۈنمۇ ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئارىسىدىن تاللاپ نازىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەيدۇ. ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ھەر ئىككى كۈچلۈك تاشقى كۈچتىن ئېھتىيات قىلىدىغان دېپلوماتىيە يولىنى تۇتقان ئىدى. يەنى ئەنگلىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ دىن تەرغىباتچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ، ھاۋا ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ياكى تەلىم- تەربىيە بېرىدىغان ئۇرۇس ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇۋېتىدۇ. ئۇ يەنە ئىنگلىز ۋە ئۇرۇس مەكتەپلىرىنى تاقىتىش قارارىنى ئېلىش بىلەن بىرگە نېمىس، فرانسوز ۋە تۈرك مەكتەپلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا گەپ قىلمايدۇ.
بۇ ئارىدا، يەنى 1929- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ بەچچەئىي ساقا ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق كۈرەش باشلاتقان موسكۋادا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچى غۇلام نەبىمۇ ئافغانىستانغا قايتىپ كېلىدۇ. غۇلام نەبى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنى شۇنچە قاتتىق تەپتىش قىلىپ تۇرغىنىغا قارىماي، نادىرشاھنى ئاغدۇرۇۋېتىش پىلانى بويىچە مەخپىي ھەرىكەت قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئەمما ئۇزۇنغا قالماي ئۇنىڭ پىلانى پاش بولۇپ قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. غۇلام نەبىنىڭ بۇ سىياسىي ئۆزگىرىش پىلانىنى نادىرشاھنىڭ سۆۋېتلەرگە قارشى سىياسەتلىرىدىن نارازى بولۇپ يۈرگەن موسكۋا دائىرىلىرى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بەرگەنلىكىدىن گۇمان قىلغان ئىدى. غۇلام نەبىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى نادىرشاھنىڭمۇ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان بىر ۋەقە بولۇپ قالىدۇ. نەبى ئۆلتۈرۈلۈپ بىر يىلغا قالماي، غۇلام نەبىنىڭ بىر يېقىن تۇغقىنى بىر قېتىملىق مۇراسىمدا نادىرشاھقا سۇيىقەست قىلىپ ئۇنى ئېتىپ تاشلايدۇ. نادىر شاھ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا 19 ياشلىق ئوغلى زاھىرشاھ تەختكە ئولتۇرىدۇ. بۇ يېڭى پادىشاھنىڭ يېشى كىچىك بولغاچقا، ھېسابتا، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق كۈچى پادىشاھنىڭ تاغىسى باش مىنىستىر سەردار ھاشىمخاننىڭ قولىغا ئۆتكەن بولىدۇ ۋە سەردار ھاشىمخان ۋاپات بولغان 1946- يىلىغىچە ئافغانىستاننىڭ ئەمەلىي ھۆكۈمرانى بولۇپ ھۆكۈم سۈرىدۇ.
ئۇزۇن داۋاملاشمىغان بەچچەئىي ساقا ھۆكۈمىتى دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىبراھىم لاقاينىڭ باستۇرۇلۇشى جەريانىدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەر نادىرشاھ دائىرىلىرىنى قاتتىق قورقۇتقان ئىدى. ھەقىقەتەن شىمالدىكى خەلقلەر بەچچەئىي ساقا ھاكىمىيىتىنى قىزغىن ھىمايە قىلىپ ئۇنىڭغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەرگەن ئىدى. ئەمما ساقا ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، كەينىدىنلا باشلانغان باسمىچىلار يېتەكچىسى ئىبراھىم لاقاينى باستۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا شىمالدىكى خەلق بىتەرەپ پوزىتسىيە تۇتۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇش پائالىيەتلىرىگە ياردەم قىلماي جىم تۇرۇۋالغان، ھەتتا بەدەخشان بىلەن قاتاغان ۋىلايەت خەلقلىرى لاقايغا يېقىندىن ياردەم قىلغان ئىدى.
بۇ تۈردىكى ۋەقەلەرنىڭ قايتا تەكرارلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، نادىرشاھ دائىرىلىرى شىمالى ئافغانىستانغا قارىتا ئايرىم سىياسەت تۈزۈپ ئىجرا قىلىشنى پىلانلىنىدۇ.
يېڭى ھۆكۈمەت، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن كابۇل بىلەن شىمالىي ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بەكلا مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنىدى. ئافغانىستاننىڭ شىمالى بىلەن جەنۇبىنى ئېگىز ھىندىقۇش تاغلىرى ئىككىگە ئايرىپ توسۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، كابۇلدىن شىمالدىكى جايلارغا قاتناش ۋاسىتىلىرىغا تايىنىپ بېرىپ كېلىش ئۈچۈن قەندىھار بىلەن ھېراتلارنى ئايلىنىپ ئۆتۈشكە، يەنى بىر ھېسابتا پۈتۈن ئافغانىستاننىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئايلىنىپ چىقىشقا توغرا كېلەتتى. ھىندىقۇش تاغلىرى ئارىسىدا بىر قانچە تەبىئىي ئۆتەڭ ئېغىزلىرى باردەك قىلغىنى بىلەن، ئىنتايىن تىك ۋە قار شىۋرىغانلىق بۇ ئۆتەڭلەردىن زامانىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىغا تايىنىپ ئۆتۈش پەقەتلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ يولدىن ئات- ئۇلاغلىق ياكى پىيادە مېڭىپ ئۆتۈش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇنلىغان جاپالىق يوللارنى بېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ تاغ يوللىرى قىشتا پۈتۈنلەي قارغا كۆمۈلۈپ قالىدىغان بولغاچقا، ھەرگىز يول تاپقىلى بولمايتتى. شۇڭا بۇ تاغلار يىلنىڭ ئاساسەن يېرىمىدا دېگۈدەك شىمال بىلەن مەركەز ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىماقتا ئىدى. شىمالدىكى بۇنداق ئېغىر جۇغراپىيىلىك شارائىت كابۇل دائىرىلىرىنىڭ شىمالدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى دەرھال بېرىپ باستۇرۇش ئىمكانىيەتلىرىنى چەكلەپ، ئۇ جايلاردىكى مەركىزى ھۆكۈمەت تەسىرىنى بەكلا ئاجىزلاشتۇرۇۋەتمەكتە ئىدى. شۇڭا، نادىرشاھ بۇ تەبىئىي توسالغۇنى ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن ئامانۇللاخان دەۋرلىرىدىلا قۇرۇلۇش باشلىغان، ئەمما ساقا ۋەقەسى سەۋەبىدىن قۇرۇلۇش يېرىم يولدا توختاپ قالغان سالاڭ ئۆتكىلىنى ياساش لايىھىسىنى قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە كىرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئۆتەڭ يولى رۇسىيەلىكلەرنىڭ ياردەم قىلىشى نەتىجىسىدە 1933- يىلى ئاران پۈتۈپ چىقىدۇ. ئاخىرىدا، ئۇلۇغ ئىسكەندەردىن بېرى ھەر تۈرلۈك ھەربىي يۈرۈش ۋە ھەر خىل سودا كارۋانلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى مىڭ- بىر مۈشكۈلاتلار بىلەن مېڭىپ كېلىۋاتقان بۇ قىيىن ئۆتكەل، بىر ھېسابتا قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن ماڭغىلى بولىدىغان ھالغا كەلتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ يېڭى قۇرۇلۇش نەتىجىسىدە، ئافغانىستاننىڭ تۈركىلەر يۇرتى بىلەن جەنۇبىي ئافغانىستان بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلغان ھېسابلاندى.
شىمالى ئافغانىستاندا ئىجرا قىلىنغان يەنە بىر سىياسەت، ئەمىر ئابدۇراخماننىڭ 1890- يىللىرى باشلاتقان پەشتۇلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى قايتىدىن باشلىتىش ئىدى. جەنۇبىي ئافغانىستاندىكى پەشتۇ قەبىلىلىرى سىستېمىلىق تۈردە شىمالغا كۆچۈرۈلۈشكە باشلاندى. شىمالىي ئافغانىستاننىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان ئۆزبېك، تاجىك ۋە تۈركمەن خەلقلىرىنىڭ قولىدىكى مۇنبەت يەرلەر مۇسادىرە قىلىنىپ “ناكىلىن” دەپ ئاتالغان پەشتۇ كۆچمەنلىرىگە تارقىتىشقا كىرىشىلدى. قۇندۇز رايونىدا يولغا قويۇلغان بۇ تۈردىكى قايتا تەقسىم قىلىش سىياسىتى بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالى ئىدى. ئورتا ئاسىيانىڭ پەرغانە رايونى كېۋەز تېرىش ئاساس قىلىنغان جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى. بۇنىڭغا ئوخشاش ھاۋا كىلىماتى ۋە يەر تۈزۈلۈشىگە ئىگە بولغان شىمالىي ئافغانىستاننىڭ كاتاغان ۋىلايىتىمۇ كېۋەز تېرىشقا بەكلا ئۇيغۇن يەر ھېسابلىناتتى. شۇڭا، 1920- يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بۇ رايونغا كەلگەن ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلار بۇ يەرلەردىمۇ كېۋەز تېرىش ئىشىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، ئۇزۇنغا قالماي قۇندۇز شەھىرىنى پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىدىن بىرى ھالىغا ئايلاندۇرغان ئىدى. ئەينى ۋاقتىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئۇرۇش قاينىمى ئىچىگە پېتىپ قالغان، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە كوپىراتسىيىلەشتۈرۈش دولقۇنىغا دۇچ كەلگىنى ئۈچۈن ئۇ تەرەپلەردىكى كېۋەزچىلىك ئېغىر ئاقساشقا ئۇچراپ، پاختا مەھسۇلاتى بەكلا تۆۋەنلەپ كەتكەن ئىدى. بۇ ئەھۋال، ئافغان ئورتا ئاسىياى ئۈچۈن بىر پۇرسەت بولۇپ، تېرىغان كېۋەزلىرىنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېكسپورت قىلىش ئىمكانى يارىتىلغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئافغانىستان دائىرىلىرى ئافغانىستان مىللىي بانكىسىنىڭ يۆلىشى بىلەن پاختا ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرى بويىچە پائالىيەت قىلىدىغان “سپىنزار” ناملىق بىر شىركەت قۇرۇپ پائالىيەت قىلىشقا كىرىشىدۇ. نەتىجىدە، بۇ رايونغا كېلىپ يەرلەشكەن ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلار بىلەن يەرلىك خەلق، بۇ شىركەت تەمىنلىگەن ياردەمگە تايىنىپ سازلىقلارنى قۇرۇتۇپ بوزيەر ئېچىپ كېۋەزلىككە ئايلاندۇرغانىدى. 1930- يىللارغا كەلگىنىدە، قۇندۇزنى ئاساس قىلغان كاتاغان ۋىلايىتى ئافغانىستان ئىگىلىكىگە زور ئىقتىسادى ھەسسە قوشىدىغان پاختىچىلىق رايونىغا ئايلانغان ئىدى. نادىرشاھنىڭ پەشتۇلاشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قۇيۇلغان مەزگىللەردە، بۇ رايوننىڭ بارلىق ئېتىزلىقلىرى يەرلىك خەلقنىڭ قولىدىن ھەر گېكتارىغا (ئون مىڭ مېتىر چاسا، 10 دۆنۈم ياكى تەخمىنەن 15 مو − ئۇ.ت) 250 تىيىن باھا قويۇشتەك بىكارنىڭ ئورنىدا مەجبۇرى سېتىۋېلىپ پەشتۇ پومېشچىكلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
پەشتۇلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ يەنە بىر مەقسىتى، شىمالىي ئافغانىستاننىڭ تارىختىن بۇيانقى جۇغلىنىپ كەلگەن مىللىي ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرىنى يوق قىلىش، شۇ ئارقىلىق بۇ جايلاردىكى خەلقلەرنى ئۆزىنىڭ ئەجدادلىرىنى تونۇمايدىغان، ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلمەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈۋېتىش تۈپكى مەقسەت ئىدى. ئەسەبىي پەشتۇ مىللەتچىسى بولغان بۇ يەرنىڭ ۋالىسى گېنېرال ۋەزىر مۇھەممەد گۈلخان مۇھەمەندە بۇ سىياسەتنى جان- جەھلى بىلەن ئىجرا قىلىدىغان بىر تەلۋە ئىدى. بۇ ۋالىي ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىللەردە بۇ تەۋەنىڭ تارىخى سېيماسى بولغان بارلىق تارىخى ۋە ئارخېئولوگىيىلىك ئاسارە- ئەتىقىلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىپ، تاجىكچە ياكى تۈركى- چاغاتايچە يېزىلغان پۈتۈن قوليازما ئەسەرلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. بولۇپمۇ بۇ يەرنىڭ تارىخى نامى بولغان ئافغان ئورتا ئاسىياى دېگەن ئىسمىنىمۇ ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كىرىشىدۇ. ئۆزبېكچە ياكى تاجىكچە يەر ناملىرىنى پەشتۇچە ناملارغا ئۆزگەرتىدۇ. ئۆزبېك قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى بويىچە ئاتالغان قاتاغان ۋىلايىتىنىڭ ئىسمىنىمۇ پەشتۇچىغا ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇ جايلاردىكى تۈركى قېنىدىن بولغان قەبىلىلەرنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۇششاق- چۈششەك زىددىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ كۆرسىتىپ، ئۇ زىددىيەتنىڭ ھەل قىلىش چارىسى سۈپىتىدە جېدەللەشكەن تۈركىي قوۋملارنى مەھەللە- مەھەللە كۆچۈرۈپ ئافغانىستاننىڭ جەنۇبتىكى چاقناسۇر، دەھنەئىي گۇررۇ دېگەندەك يەرلەرگە سۈرگۈن قىلىشقا كىرىشىدۇ.
مۇنچە ئېغىر بېسىم ئاستىدا قالغان ئافغان ئورتا ئاسىياىدىكى باسمىچىلار قوشۇنلىرىمۇ تارقىلىپ كېتىشكە باشلايدۇ، ئۇلار تۇرمۇشىنى قامداشنىڭ غېمىدە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ئىچىگە پېتىپ قالىدۇ. ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلارمۇ چېگرا بويىدىن تارتىپ ئىمامساھىپ (قىزىل قەلئە)، قۇندۇز، خاناباد، باغلان، شىبىرغان، مەيمەنە، ئەندخوي، مازارى شەرپ قاتارىدىكى شەھەرلەرنى ئاساس قىلىپ تارقالغان ئىدى. قۇندۇز، باغلان، خانئاباد قاتارلىق شەھەرلەردىكى مۇھاجىرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دېھقانچىلىق كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى. نېمىسلار كېلىپ سېلىپ بەرگەن شېكەر زاۋۇتىغا قىزىلچا تېرىش رايونى قىلىپ باغلان شەھىرى تاللىۋېلىنغان ئىدى. قۇندۇز شەھىرى بولسا كېۋەز تېرىش مەركىزى ھېسابلىناتتى. شۇڭا، بۇ جايلار ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان جايلارغا ئايلانغان ئىدى.
قوشلىرى بىلەن بىرگە ئافغانىستانغا ئۆتكەن تۈركمەن ئاممىسى ئاساسەن چارۋىچىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە ئىدى. بولۇپمۇ قاراقۇل ئەلتېرە تېرىسى تىجارىتى (بۇخارانىڭ قاراقۇل تەۋەسىدە يېتىشتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ نام بېرىلگەن ئۇزۇن بۈدۈر يۇڭلۇق بىر قوي تۈرى. غەربتە ئاستراخان دەپ داڭ چىقارغان، − ئا.ھ. ئىزاھاتى) نى بۇلار مونوپول قىلىۋالغان ئىدى. ئەندخوي، مەيمەنە ۋە شىبىرغان قاتارلىق شەھەرلەرگە ئورۇنلاشقان تۈركمەن مۇھاجىرلىرى گىلەم توقۇش قاتارىدىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى ئاساس قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدىماقتا ئىدى. كابۇل، مازارى شەرىپ قاتارىدىكى چوڭ- چوڭ شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلار ئاساسلىقى سودا- سېتىق ئىشلىرى ياكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلىرىنى ئاساس قىلىپ پائالىيەت قىلاتتى.
نادىرخان دائىرىلىرى تەرىپىدىن يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ تۈردىكى ئېغىر بېسىم ۋە زوراۋانلىق سىياسەتلىرى ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلارغىلا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى شىمالىي ئافغانىستانغا يەرلىك ھېسابلىنىدىغان ئۆزبېك، تاجىك، تۈركمەنلەرنىمۇ باش كۆتۈرەلمەس ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى.
ئىبراھىم لاقايغا قارىتىلغان قوراللىق باستۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا پەيدا بولغان سىياسىي ۋەزىيەت، ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلارنىڭ داڭلىق ئەربابلىرىنىمۇ باش كۆتۈرەلمەس ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى. سابىق بۇخارا ئەمىرىگە قارىتىلغان نازارەتلەر كۈچەيتىلىپ، ئۇنى ئەتراپىدىكى ئادەملىرىدىن ئايرىۋەتكەن ئىدى. سابىق ئەمىرنىڭ بۇخارالىق مۇھاجىرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگىچە چەكلىمە ئاستىدا تۇتۇلغان. ئۇنىڭ ھىندىستانغا كېتىش ياكى مەككىگە ھەج قىلىش تەلەپلىرى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆزىگە ئايرىلغان قىشلىق سارىيى بىلەن يازلىق داچىسى ئىچىدىن سىرتقا چىقالماي سۈنئىي تۈرمە ھاياتى ئىچىدە ياشىماقتا ئىدى. ئالىمخاننىڭ بۇخارالىق ئۆزبېكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تاغىسى سىيىتبەك ئىناق قالان (تاغابەگ) ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ئالىمخان، يەنى سابىق بۇخارا ئەمىرى مۇنچە ئېغىر بېسىم ۋە زېرىكىشلىك كۈنلەرگە بەرداشلىق بېرەلمىدى بولغاي، ئاخىرى 1934- يىلى بۇ دەردلەردىن بىراقلا ئۆلۈپ قۇتۇلىدۇ. نامىزى ھەربىي مۇراسىم بىلەن چۈشۈرۈلۈپ يەرلىككە قويۇلىدۇ.
سابىق باسمىچىلار يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان شىر مۇھەممەتبەگمۇ، دۆلەت تەرىپىدىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن قارتەئىي چار رايونىدىكى يېرىدە دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھۆكۈمەت بېرىدىغان 500 روپىيىلىك مائاشىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رۇخسىتى بولماي تۇرۇپ قورۇقىدىن 6 كىلومېتىر نېرىسىغا ئۆتۈشىمۇ چەكلەنگەن ئىدى. قالغان باسمىچىلار يېتەكچىلىرىمۇ دېھقانچىلىق ياكى تىجارەت ئىشلىرى قاتارىدىكى قولىدىن كېلىدىغان بىرەر ئىشقا تايىنىپ كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھەلەك بولۇپ يۈرمەكتە ئىدى. دۆلەت كادىرى ياكى ئەمەلدارلار ئارىسىدا ۋەزىپىگە تەيىنلىنەلىگەنلەر بەكلا ئاز ساندا ئىدى. بۇنداقلاردىن بىرى باش ۋەزىرلىكتە مەسلىھەتچى ۋە تەرجىمانلىق قىلىۋاتقان مۇبەششىرخان تارازا ئىدى. تارازا، ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلار بىلەن مەركىزى ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ياردەمچىلىك قىلىپ يۈرمەكتە ئىدى. ئۇ، ئوغلى نەسىرۇللانى سابىق بۇخارا ئەمىرىنىڭ قىزى بىلەن ئۆيلىگەنلىكى ئۈچۈن، تارازىنىڭ ئەمىر يېقىنلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمۇ يامان ئەمەس ھېسابلىناتتى. ئۇندىن باشقا، بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ھۆكۈمەت مىنىستىرلىرىدىن بىرى بولغان، كېيىن ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن ھاشىم سايىقمۇ ئافغانىستاندىن كەتمىگەن بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ نازارىتىدە ياردەمچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئىدى. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى مەملىكەت دائىرىسىدە سىياسىي تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، نەشرىيات- تەشۋىقات پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئورتا ئاسىيالىق مۇجاھىتلار بۇ ساھەلەردىمۇ ھەرقانداق بىر پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىمەن دېيىشنىڭمۇ قىلچە ئىمكانىيەتلىرى قالمىغان ئىدى.
(رەسىم ئورنى)
ئافغانىستاندىكى ئورتا ئاسىيالىقلاردىن بىر قىسىم كىشىلەر. ئوتتۇرىدا پاپاخلىق ئۆرە تۇرغىنى باسمىچىلار يېتەكچىسى نۇرمۇھەممەتبەگ. كابۇل، 1926  (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)
1935- يىلىغا كەلگىنىدە، ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلار ئىچىدە بۇرۇندىن بار بولغان سىياسىي تەرەپبازلىقلارغا ئايرىلىۋېلىش ئىشلىرىمۇ ئاساسەن ئۆز پىتى ساقلىنىپ داۋاملىشىپ كەلمەكتە ئىدى. تۈركمەن مۇھاجىرلار ئىچىدە سىياسىي تۈسكە ئىگە بىرەر گۇرۇپپىلىشىش ئەھۋاللىرى يوق ئىدى. ئاز ساندىكى قىرغىز مۇھاجىرلىرى پامىر رايونىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار باشقىلار بىلەن ئارىلاشماي ئايرىم ياشىماقتا ئىدى. ئۇلار تۇرۇۋاتقان يەرلەر ئېگىز تاغلىق يەرلەر بولغاچقا، ئۇلار ھەر يىلى ئاران ئۈچ ئايلا سىرت بىلەن بېرىش كېلىش قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە ئىدى. شۇڭا، ئۇلارنى مەركىزى ھۆكۈمەت باشقۇرۇپ كېتەلمىگەن دېيىشكە بولاتتى. ئۆزبېك مۇھاجىرلار بولسا ئاساسەن ئالغاندا ئەسلى يۇرتلىرى بويىچە “بۇخارايى”، “فەرغانىچىلار” ياكى “پانئى دەريايى” (ئېقىننىڭ نېرىسىدىن كەلگەنلەر − ئا.ھ. ئىزاھاتى) دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالماقتا ئىدى. سىياسىي نۇقتىدا بولسا، ئەمىرگە مايىل بولغانلار، كونا قۇربېشىچىلار، تارازىنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ۋە ت م ب تەرەپدارلىرى قاتارلىق تۆت تەرەپ كىشىلەرگە بۆلۈنگەن ئىدى. سابىق بۇخارا ئەمىرى تەرىپىدىكىلەر ئەمىرنىڭ ئوغلى شاھزادە ئۈمەر ئېتىراپىغا توپلانغان؛ تۈركمەن گۇرۇپپىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك تەرەپباز توپلىغان كىشى نەقشىبەندى تەرىقىتىدىن ئىشان خەلىپە ئىسىملىك بىرى ئىدى.
1930- يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، دۇنيا مىقياسىدا ئۇرۇش پۇراقلىرى كۈچىيىۋاتقان ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە ئىدى. بۇ ۋاقىتلاردا ئافغانىستاندا گېرمانىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ تەسىرى كۈنسايىن كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ ئىككى گۇرۇپپا كۈچلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيەگە قارشى قانات يايدۇرىدىغان پائالىيەتلىرى، ئافغانىستاندىكى مۇھاجىر گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا قايتىدىن ھەرىكەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولۇپ بېرىدۇ.

سەدرىدىنخان مۇپتىنىڭ تىنجىتىلىشى
سەدىردىنخان مۇپتى، مەخمۇت ئايقارلى بىلەن بىرگە 1934- يىلى ئىيۇننىڭ ئاخىرلىرى كابۇلغا يېتىپ كېلىدۇ. مۇپتىنىڭ مۇستاپا چوقاي ئوغلى بىلەن ئابدۇلۋاھاپ ئىسھاق ئوغلى ئىككىسىگە يازغان خېتى شۇ چاغدىكى ئافغانىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇھىم مەلۇماتلارنى بەرمەكتە:
31- ئىيۇن كابۇلغا كېلىپ كونا- يېڭى مۇھاجىرلار بىلەن، 11 يىللىق مۇساپىرچىلىق تارتقان دوستلىرىمىز ۋە كەسىپداشلىرىمىز بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى خېلى ياخشى ئىكەن. ئۇلار ئاساسەن ئالغاندا تەرىپىڭىزلەرنىڭ خىزمىتىگە تەييار كىشىلەر ئىكەن. شۇڭا مەن بۇ يەرگە كەلگىنىم ئۈچۈن خۇشالمەن، خېلى ئۈمىدلىنىپ قالدىم. … مەمدۇ شاۋكەت (ئەسەندال) باي بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇ بۇ يەردە تۇرۇشلۇق تۈركىيە ئەلچىسى ئىكەن. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتىم … تۈركىيەدىكى ئەھۋاللار بىزنىڭ مەقسەتلىرىمىزگە ئۇنچە بەك مۇۋاپىق كېلىدىغاندەك كۆرۈنمەيدۇ. ئەمما بىزگە پايدىلىق بولغان بىرلا يېرى، ئۇ يەرگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بېرىش ئىمكانىيىتى باردەك قىلىدۇ. شۇڭا مەنمۇ ئۇ ئەپەندىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى پەقەت شۇ نۇقتا بىلەن چەكلەپ تۇردۇم.
بۇ جۈملىلەردىن كېيىن دەيدىغىنىم، بۈگۈن يوقسۇلغىمۇ تۈركىيەگە بېرىش ئۈچۈن تۈركىيە پاسپورتى چىقارتتىم. ئەگەر يول خىراجىتى ئۈچۈن ماددىي شارائىت ھازىرلىيالىساق ئۇنى مەشھەد تەرەپلەرگە ئەۋەتىش ئۈمىدىنى قىلماقتىمەن. شۇڭا سىزدىن تەلىپىم، ماددىي ئىئانىلەرنى تېزرەك ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز. ئۇ مەشھەدكە بارغىنىدا سىزنىڭ مەشۋەرەتىڭىز بويىچە ئۇ يەرلەردە ھەرىكەت قىلالايدۇ. … بۇ يەردىكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۇرۇن باغۋەنچىلىك، دېھقانچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنلىك كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن كىشىلەر بولغاچقا، بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنمۇ يەنە شۇ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا ئىكەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوقۇش بىلەنمۇ مەشغۇل بولماقتا ئىكەن. … قەشقەرگە قاراپ تېز سۈرئەت بىلەن يولغا چىقىشنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلىدۇ، شۇڭا، ماقۇل كۆرسىڭىزلەر مەن بۇ يىل قىشنى كابۇلدا ئۆتكۈزۈشنى نىيەت قىلدىم. بۇ ھەپتە ئىچىدە بۇ ئىشلار ھەققىدە ئېنىق بىرەر جاۋاب ئالالىشىم مۇمكىن. … غوجا نىياز قەشقەردە مۇستەقىللىق خىيالىدىن ۋاز كېچىپ مۇختارىيەت قۇرۇش يولىغا كىرىشىپتۇدەك. چىن ھۆكۈمەت قوماندانى قەشقەرگە كىرىپ بولغانىكەن. …
مۇستەقىللىق كۈرەش جەڭچىلىرىنىڭ بىر قىسمى پامىر تاغلىرىدا تۇرۇۋېتىپتۇ، تاشقورغان تەرەپتە بىرەر مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بار ئىكەن. ئۇنىڭغا مەسئۇل بولغان كىشىنىڭ ئىسمى مەخمۇت يۈسۈپ ئىكەن. بۇ كىشى بۇرۇن شىرمۇھەممەتنىڭ قۇربېشىلىرىدىن بىرى ئىكەندۇق، ئۇ ھازىرغىچە ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغۇدەكمىش. … بۇ تەرەپلەرگە ئەۋەتىلىدىغان ژۇرنال سانىنى كۆپەيتىپ بېرىشىڭىزلارنىڭ پايدىسى كۆپ. ئەۋەتىلىدىغان ئىقتىسادنى كابۇل ناتسيۇنال بانكىسى، ئورتا ئاسىيا ئەسھامى (ئورتا ئاسىيا چەكلىرى − ئا.ھ. ئىزاھاتى) يولى بىلەن بىزگە ئىۋەرتسىڭىزلەر تاپشۇرۇپ ئالالايمەن.
بۇ جەرياندا، يوقسۇل، يەنى مەخمۇت ئايقارلى، مۇپتىنىڭ كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان، ژۇرنال تارقىتىشقا مەسئۇل بولىدىغان ۋە ئالاقىلىشىش ئىشلىرىنى بەلگىلەيدىغان بىرىگە ئايلانغان ئىدى. 1934~1935- يىللىرى بويىچە ت م ب ئارىسىدا يېزىلغان خەتلەردىن قارىغاندا، بارلىق ئىشلار ئاساسەن يوقسۇل ۋاسىتىسى ئارقىلىق بېجىرىپ كېلىنگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. ئۇنىڭ ئەۋەتكەن خەتلىرىدىن بىرىدە تۈركىيەدە فامىلە قانۇنى چىققانلىقى سەۋەبلىك سەدىردىن مۇپتىغا “زىۋەچى” دېگەن فامىلە، ئۆزىگە “ئايكارلى” دېگەن فامىلىنى قويۇۋالغانلىقى يېزىلغان. يەنە بىر پارچە خېتىدە بولسا “تۈركىيە باش ئەلچىسى يېقىندا تۈركىيەگە قايتىپ كېتىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇندىن كېيىن مۇپتى ئەپەندىگە ئەۋەتىلىدىغان پۇلنىمۇ ئايقارلى نامىغا ئەۋەتىلىشى لازىم” دەپ يېزىلغان. بۇ قۇرلاردىن مەلۇمكى، كونا ئىككى ئىتتىھاتچىلاردىن بولغان مەمدۇ شاۋكەت باي بىلەن سەدرىدىنخان مۇپتى قايتىدىن بىر يەرگە كەلگەن بولۇپ، ئەسەندالمۇ مۇپتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەپ تۇرغان. مۇپتى بىلەن ئۇنىڭ كاتىپى، ئەسەندال باش ئەلچىنىڭ ياردىمى بىلەن يېڭى فامىلە ئېلىپ تۈركىيە پاسپورتىنىمۇ يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇۋالغان. شۇنىڭدەك يەنە تۈركىيە ئەلچىخانىسىدىكىلەر مۇپتىنىڭ چەتئەلدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت باغلىشىغىمۇ ياردەم قىلىپ تۇرغان. ت م ب نىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتچىسى ئەۋەتىپ بەرگەن پۇل بىلەن خەت- چەكلەرمۇ تۈركىيە ئەلچىخانىسى ۋاسىتىچىلىقى ئارقىلىق مۇپتىغا تېگىپ تۇرغان.
بۇ جەرياندا، مۇپتى بىر تەرەپتىن ئەندخوي، ئاقچا، مازارى شەرىپ ۋە خانئاباد قاتارىدىكى شەھەرلەردە ت م ب نامىدا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاكالەتچىلەر تېپىشقا، يەنە بىر تەرەپتىن سابىق باسمىچىلار يېتەكچىلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا كىرىشىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە شەرقىي ئورتا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك پىلانىنىمۇ تاشلاپ قويمىغان بولۇپ، ئۇ تەرەپلەرگە بېرىپ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىگە قاتنىشىشنى ھەر دائىم ئارزۇ قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ مەقسەتتە ياپون ئەلچىخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن مۇناسىۋەت تىكلەپ ئۇ يەردىكى پائالىيەتلەرگە ئاساس تىكلەش ئىشلىرىنىمۇ باشلىۋەتكەن ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتە، مۇپتى ئىراندىن ئايرىلىشى بىلەن تەڭ ئۇ يەردىكى ت م ب پائالىيەتلىرىمۇ توختاپ قېلىش گىردابىغا كېلىپ قالغان ئىدى. مەشئەدتىن تارتىپ باشقا ئىران چېگرا بويلىرىدىكى شەھەرلەردە ۋەزىپىگە قويۇلغان ۋاكالەتچىلىرى ئۆزئارا بىر تۇتاش ھەمكارلىق ئورنىتىپ كېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كېتەلمىگەن ئىدى. بۇ ئەھۋاللاردىن خاتىرجەم بولالمىغان سەدرىدىنخان، بۇ تۈردىكى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ئايقارلىنى مەسئۇل قىلغىنىدا قايتىدىن ئىشلار يۈرۈشۈپ كېتىش مۇمكىن دەپ ئويلاپ ئۇنى مەشئەتكە قايتۇرۇش قارارىغا كېلىدۇ. ئەمما ئايقارلى مۇپتىنىڭ بۇنداق بىر قارارغا كېلىشىدىن پەقەتلا رازى ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئايقارلى سوۋېتلىكلەرنىڭ ئويلىغىنى بويىچە ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايغا كېلىپ ئورۇنلىشالىغان بولۇپ، بۇ يەردە ئۆزىنىڭ سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە تىكلەپ ئالغانلىقىنى ئويلىماقتا ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئايقارلى مەشھەدكە قايتىپ كەتسە كۈچلۈك پائالىيەت قىلىدىغان بىر پۇرسەتنى قولدىن چىقىرىپ قويغان ھېسابلىناتتى. ئەگەر مۇپتىنىڭ تەلىپىگە ماقۇل دېمىگەندە ت م ب دىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئايقارلى ئاۋۋال مۇپتىنى بۇ قارارىدىن ياندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كۆرىدۇ. ئايقارلى، ئابدۇۋاھاپ ئوكتاي بىلەن تاھىر چاغاتاي قاتارىدىكى ياش ئورتا ئاسىياچىلارغا خەت يېزىپ مەشھەتكە قارىغاندا كابۇلدا تۇرۇپ پائالىيەت قىلىشىنىڭ تېخىمۇ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇپتىنى ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياردەم قىلىشلىرىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما مۇپتىمۇ ئايقارلىنى مەشھەتكە ئەۋەتمىسە ئۇ يەردىكى پائالىيەتلەرنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشقا بولمايدۇ دەپ چىڭ تۇرۇۋالىدۇ.
ئايقارلى بىلەن سوۋېت تەرەپتىكىلەر ئۈچۈن بۇ جەھەتتە قولىدىن كېلىدىغان بىرلا چارە قالغان ئىدى: بىر ئامال قىلىپ سەدرىدىنخان مۇپتىنى قاتاردىن چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئايقارلىنى تىكلەش. بۇ پىلاننى 1935- يىلى ئىيۇندا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرىشىلدى. شۇ كۈنلەردىكى ۋەزىيەتنى سەدرىدىنخان خەت ئارقىلىق مۇستاپا چوقاي ئوغلىغا تۆۋەندىكىچە تونۇشتۇرىدۇ:
كابۇلدا تۇرۇپ سىرتتىن خەۋەر ئېلىش بەكلا قىيىنلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن شەرقىي ئورتا ئاسىياغا بېرىۋېلىش مەقسىتىدە 6- ئىيۇن كۈنى تاشقى ئىشلار ۋازارىتىدىن دوستانە بېرىپ كېلىش ئۈچۈن ۋىزا تەلەپ قىلغان ئىدىم. ئەمما تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ماڭا سوۋېتلار ھۆكۈمىتى بىزگە قاتتىق بېسىم قىلىشقا كىرىشتى دېگەننى باھانە قىلىپ، ئەنگلىيە دائىرىلىرىگە تەۋە ھىندىستان تەرەپ بىلەن يولغا چىقىشنى ئويلىشىپ كۆرسەڭ دېگەن مەسلىھەتنى بەردى. شۇنداق قىلىپ ئەتىسى ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىغا كىرىپ ھىندىستانغا كىرىش ۋىزىسىنى بەرسەڭلار دەپ ئىلتىماس قىلدىم. ئەلچىخانىدىكىلەر بىز ئاۋۋال يۇقىرىدىن سوراپ باقايلى، ئاڭغىچە سەن كۈتۈپ تۇرغىن دېيىشتى. بۇ چاغدا، يەنى 17- ئىيۇن كۈنى مېنى تۇيۇقسىزلا شەھەر قوماندانلىقىغا چاقىرتىپتۇ. ئۇلار بىۋاسىتە ئىچكى ئىشلار نازارىتىدىن كەلگەن بۇيرۇققا بىنائەن ئىككى كۈن ئىچىدە قوغدىغۇچى ژاندارمىلارنىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا چېگرادىن ئۆتكۈزۈلۈپ مەشھەدكە قايتۇرىدىغانلىقىمنى ئۇقتۇرۇشتى. تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ مۇستەشارىنىڭ ئارىغا كىرىشى بىلەن ھىندىستان ئارقىلىق قايتىپ كېتىش تەلىپىمنىڭ نەتىجىسىنى كۈتۈشۈمگە رۇخسەت قىلىشتى. مانا بۈگۈن ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ ئولتۇرماقتىمەن. خۇدا كۆرسەتمىسۇن، ئىرانغا قايتىپ كەتسەم ئىرانلىقلارنىڭ ئالدىدا ئىناۋىتىم چۈشۈپلا كېتىشى مۇمكىن. بۇ يەردىكىلەرنىڭ دېيىشىدىن قارىغاندا مەن تەشكىلات قۇرۇپ سوۋېت رۇسىيەسىگە قارشى ھەرىكەت قىلىپ يۈرگۈدەكمىشمەن. بۇ ئەھۋاللارنى ماڭا ۋە تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ مۇستەشارىغا تاشقى ئىشلار نازىرلىقىدىن بىۋاسىتە ئۇقتۇردى. … يىراقبايلارنىڭ (ياپونلار كۆزدە تۇتۇلماقتا − ئاپتور) كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشەلىگەن بولساممۇ يامان ئىش ھېسابلانمايتتى. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈپ بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. … خۇداغا شۈكرى، ھازىرچە مەخمۇت ئايقارلى ئۈچۈن مېنىڭكىدەك ئۇنداق ئەنسىرىگۈدەك جىددىي بىر ئەھۋال يوق. شۇنداق بولغاچقا ئۇنى بۇ يەردە قالدۇرۇپ بىر ياردەمچى قوشۇپ سىزلەرنىڭ خىزمىتىڭىزلارنى قىلىشقا سۇندۇم. …
ھۆرمەتلىك مۇستاپا ئەپەندىم، بۇندىن كېيىن مەخمۇت بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرۇشىڭىزنى قاتتىق تەلەپ قىلىمەن. … شۇنىسى ئېنىقكى، بۇندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھەرىكەت قىلىش پۇرسىتىمىز قولدىن چىقىپ كەتكەندەك تۇرىدۇ. بىردىن- بىر ئۈمىدىمىز، ئالدىمىزدىكى دەۋرلەردە بىرەر ئىنقىلاب ياكى بىرەر ئۇرۇش پارتلاپ قېلىشنى كۈتۈشتىن باشقا چارىمىز قالمىدى. … بۇ كۆزقاراشقا كېلىپ قالغىنىم ئۈچۈن، مىللىتىمىزگە “تەييارلىنىپ تۇرۇڭلار” دېيىش ئۈچۈن ئامال قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. … شۇنىڭغا قارىماي پۇتۇمغا پۇت، قولۇمغا قول بولۇپ بېرىۋاتقان بۇ يىگىتنى (ئايقارلىنى) تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇرمەن. ئەگەر سىز تەرەپلەردە ئىمكانىيىتىڭىز بار بولسا مېنى ھىندىستانغا كىرگۈزۈپ قويۇشنىڭ بىرەر يولىنى قىلىپ باققان بولسىڭىز بەكلا ياخشى بولاتتى.
ت م ب مەسئۇللىرى بىلەن سەدىردىن مۇپتى ئوتتۇرىسىدا يېزىشقان خەتلەردىن مەلۇم بولماقتىكى، ئۇ كۈنگىچە مۇپتىنىڭ پائالىيەتلىرىدىن قىلچىمۇ ئەندىشە قىلمىغان ئافغانىستان ھۆكۈمىتى، ئۇشتۇمتۇت ئۇنىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ ئۆزگىرىۋالغان. مۇپتىنى سوۋېتلەرگە قارشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندىڭ دەپ قارىلاپ تۇرۇغلۇقمۇ، ئۇنىڭ كاتىپى ۋە مۇھىم ياردەمچىسى بولغان مەخمۇت ئايقارلىغا ھېچ نېمە دېمىگەن. ئايقارلى كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كەتكىنىدە ئېلان قىلغان كۈندىلىك خاتىرىسىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتكەن بولۇپ، سەدىردىنخان مۇپتىنى ھەرىكەتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇش ئۈچۈن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى سوۋېتلىك دوستلىرىنىڭ ياردىمىدە قوناق ناندىن قىل تارتقاندەك ئېھتىيات بىلەن ھەرىكەت قىلىشقانلىقىنى يازىدۇ.
سەدىردىن مۇپتىنىڭ ھىندىستان ئارقىلىق شەرقىي ئورتا ئاسىيا تەرەپكە ئۆتۈش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقلىرىدىن بىرەر نەتىجە چىقمايدۇ. مۇپتى ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ جاۋابىنى ئالماي تۇرۇپلا ئافغانىستان دائىرىلىرىنىڭ ئالغان يېڭى بىر قارارىغا دۇچ كېلىدۇ. يەنى ئۇنى ئىرانغا يولغا سېلىۋېتىش قارارىدىن يېنىپ، ھېرات تەرەپلەرگە سۈرگۈن قىلىۋېتىش قارارىنى ئېلىشقان ئىدى. مۇپتى ھېراتتا نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنىدىغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، سوۋېت مەخپىي رازۋىتچىكلار پونكىتىنىڭ ئوينىغان ئويۇنى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشقان ھېسابلاندى. سوۋېت جاسۇسى ئايقارلىمۇ كابۇلدا ت م ب نىڭ ئەڭ مۇھىم ئادىمى بولۇۋېلىپ، سەدىردىنخاندىنمۇ پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ قالغان ھېسابلاندى. ئايقارلى بۇ ئىشلار ھەققىدە چوقاي ئوغلىغا تۆۋەندىكىچە خەۋەر بېرىدۇ:
مۇپتى ھەزرىتىم ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئەۋەتكەن خېتىدە بۇندىن كېيىنكى خەتنى پىشاۋۇردىن يازىمىز دەپ ئېيتقان ئىدى. ئەمما بۇنىڭغا ئىمكانىيەت يار بەرمەي قالدى. چۈنكى كەينى- كەينىدىن كەلگەن بۇيرۇق ۋە ئەمىرلەر ئۇنى كابۇلدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىدى. … بولشېۋىكلەر جاسۇسلۇق ئورگانلىرى مۇپتىنىڭ كابۇلدىن قوغلىنىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان پۈتۈن چارىلارنى ئىشقا سالغان ئىدى. ھىندىستان بىلەن ئىران ئەلچىخانىلىرىمۇ ئۇنىڭ ئىلتىماسىغا جاۋاب بەرمەي جىم بولۇۋېلىشتى. شۇنداق قىلىپ مۇپتى ھەزرەتلىرىنى ھېراتقا سۈرگۈن قىلىش قارارى چىقتى. ئاخىرى 6- ئاۋغۇستتا ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ھېراتقا سۈرگۈن قىلىنىپ يولغا سېلىندى. … شۇنداق بولغاچقا، بۇندىن كېيىن مۇپتى نامىغا ئەۋەتىلىدىغان خەت- چەك، ژۇرنال ۋە پۇللارنى مېنىڭ نامىمغا ئەۋەتكەيسىزلەر.
(رەسىم ئورنى)
سوۋېت جاسۇسى مەخمۇت ئايقارلى (سولدا ئۆرە تۇرغىنى) باسمىچىلار يېتەكچىسى ھەمراقۇل قۇربېشى (ئالدىدا ئولتۇرغىنى) بىلەن بىرگە، كابۇل، 1936- يىلىنىڭ باشلىرىدا  (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)
شۇنداق قىلىپ، بۇ كۈرەش سەھنىسىدە يالغۇز ئايقارلىلا قالغان ئىدى. يەنى ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاق ھەرىكىتىنىڭ ئافغانىستان، ئىران ۋە شەرقىي ئورتا ئاسىيا ھەرىكەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسى ئايقارلىنىڭ قولىغا قالغان ئىدى. ت م ب نىڭ ۋاكالەتچىسى بۆلىۋالغان مەخمۇت ئايقارلى، مۇپتى سەدىردىنخان بىلەن ت م ب رەئىسى مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ كاپالەت بېرىشى نەتىجىسىدە تۈركىيە باش ئەلچىسى مەخمۇت شاۋكەت ئەسەندال بىلەن ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋەت تىكلىۋالغان ئىدى. كەسپى جاسۇس ھېسابلىنىدىغان ئايقارلى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ تۈردىكى مۇناسىۋەتلەردىن پايدىلىنىپ باشقا دىپلوماتىيىلىك گۇرۇپپىلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاش ئۇنىڭغا قېيىن كەلمەيتتى. دېگەندەك، 1936- يىلىدىن باشلاپ ياپونىيە دىپلوماتىيە ساھەلىرى ئىچىگىمۇ سىڭىپ كىرىشكە باشلايدۇ. بۇ جەرياندا كونا باسمىچىلار يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان ھەمراقۇل قۇربېشىنىڭ قىزى بىلەن ئۆيلىنىۋېلىپ ئورنىنى تېخىمۇ چىڭىتىۋالدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىر يېتەكچىلىرىنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش ۋەزىپىسىلا قالغان ئىدى. ئەسلىدىلا ئۇ ۋاقىتلاردا ئافغانىستاندىكى بىر قىسىم ئورتا ئاسىيالىق گۇرۇپپىلار ت م ب يولغا قويۇۋاتقان كۈرەش پىلانىغا قايىل بولماي يۈرمەكتە ئىدى. بولۇپمۇ مۇبەششىرخان تارازا يېتەكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان گۇرۇھتىكىلەر ت م ب نىڭ سىياسىتى بىلەن ئۇلارنىڭ نەشرىيات ئەپكارى بولغان «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنى ھەددىدىن تاشقىرى لىبېرال دەپ قاراپ، “بىسمىللا دەپ باشلىمىغان بىر ژۇرنال” دەپ ھېساپلىماقتا ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئاغابېكوۋنىڭ ئەسلىمىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ بۇرۇنقى سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر سەۋەبىدىن، شىرمۇھەممەت باي قاتارىدىكى سابىق قۇربېشىلىرىمۇ ت م ب غا دېگەندەك قىزىقماي كەلمەكتە ئىدى. ئەنە شۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ت م ب نىڭ ئادىمى بولۇپ كۆرۈنگەن ئايقارلى ئۈچۈن بۇ ئىككى تەرەپتىكىلەرنىڭ ھەر ئىككىسى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يېقىن مۇناسىۋەت تىكلەپ كېتىشى ئۇنچە ئاسانغا توختايدىغان ئىشلاردىن ئەمەس ئىدى. بۇ تۈردىكى ئەھۋاللارنى ياخشى بىلىدىغان ئايقارلى، بىرىنچى قەدەمدە ھەر ئىككىلا تەرەپكە قوشۇلماي يۈرگەن يېتەكچىلەر بىلەن يېقىنلىشىش يولىنى تاللىۋالىدۇ. بۇ مەقسەتتە شەرقىي ئورتا ئاسىيادىن ئافغانىستانغا كەلگەن قۇدرىتىللاخان تۆرە، قاسىمجان تۆرە قاتارلىق يېتەكچىلەر بىلەن مۇناسىۋەت تىكلەشنىڭ يولىنى ئاختۇرۇشقا كىرىشىدۇ.

«ھۆكۈمەتئىي ئىلاھىيە» ئۇرۇنۇشلىرى
بۇ ئارىدا كۈتۈلمىگەن بىر ۋەقە يۈز بېرىپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرلار سىياسىتىدە بىر تۈرلۈك ئۆزگىرىش ياسىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇ، مۇنداق بىر ۋەقە ئىدى: ھىندىستانلىق مەۋلانا مەنسۇر دېگەن بىر دىنى زات يېتەكچىلىكىدە ئافغانىستاندا تۇرۇۋاتقان ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلار تەشكىللىنىپ مەخپىي سىياسىي ھەرىكەت باشلىتىدۇ. ھىندىستانلىق بىر دىنى زاتنىڭ ئافغانىستانغا كېلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھەرىكەت تەشكىل قىلىشقا ئۇرۇنۇشى ھەقىقەتەن غەلىتە ئەھۋال. ئەمما بۇ ئىشنى سوۋېت- ئەنگلىيە زىددىيىتى نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئىزاھلىغىنىمىزدا، بۇنى چۈشىنىش ئۇنچىۋالا تەسمۇ ئەمەس.
1930- يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ سوۋېت ئىتتىپاقى ھىندىستان- ئافغانىستان چېگرا بويلىرىدا تۇرىدىغان پەشتۇ قەبىلىلىرى ئارىسىدا كوممۇنىزم تەشۋىقاتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇشقا كىرىشكەن ئىدى. شۇ ئارقىلىق بۇ تەۋەلەردە ئەنگلىيەلىكلەرگە قارشى قوزغالغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەتنىمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ ئەھۋال، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرىنى قاتتىق ئەنسىرىتىپ كەلمەكتە ئىدى. “مەجنۇن پېقىر” ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قوزغالغان قوزغىلاڭ كۈنسايىن كېڭىيىپ كېتىۋاتاتتى. ئەنگلىيە دائىرىلىرى ھىندىستان چېگرا بويلىرىدا بۇ قوزغىلاڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دەرھال ئىشقا كىرىشىدۇ. ئافغانىستان تەۋەسىدىكى سوۋېتلەرگە قارشى گۇرۇپپىلارنى تەشكىللەش پىلانىمۇ ئەنە شۇ تەدبىرلەرنىڭ بىر تەركىبى قىسمى ھېسابلىناتتى.
مەۋلانا مەنسۇر، 1933- يىلى ئافغانىستانغا كېلىپ بۇ يەردىكى ئورتا ئاسىيالىق گۇرۇپپىلار بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىشقا كىرىشىدۇ. بۇ كىشى بىلىملىك بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، بارلىق گۇرۇپپىلار ئۇنىڭ دېگىنىگە قايىل ئىدى. 1934- يىلىدىن باشلاپ پائالىيەتلىرىنى باشقىچە بىر يولغا يېتەكلەپ مېڭىشقا باشلايدۇ. ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلار ئىچىدىكى ئابرۇيلۇق كىشىلەرنى يېنىغا يىغىپ كوممۇنىزمغا قارشى ھەمدە ئورتا ئاسىيانىڭ مۇستەقىللىقىنى مەقسەت قىلىدىغان مەخپىي سىياسىي تەشكىل قۇرۇشقا تۇتۇش قىلىدۇ. قۇرۇلغان بۇ تەشكىلاتقا “ھۆكۈمەتئى ئىلاھىيە” دېگەن نام بېرىدۇ (بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقان كىشىلەر شىر مۇھەممەتبەگنىڭ ئىنىسى نۇر مۇھەممەتبەگ، ئوسمان قارى، مەۋلانا ئەخمەتئەلى، ئابدۇلئەزىز قارى قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ − ئا.ھ. ئىزاھاتى). مەركىزى كابۇلدا بولغان بۇ تەشكىلات باشقا شەھەرلەردىمۇ ئەزالىرىنى كېڭەيتىش پائالىيىتى بىلەن پۈتۈن بىر يىل مەخپىي شۇغۇللىنىدۇ. 1935- يىلى ئىچىدە سوۋېتلەرگە قارشى تەشۋىقات ھەرىكىتىنى باشلاشقا قارار قىلىشىدۇ. ئەمما بۇ جەرياندا ئافغانىستان ساقچىلىرى بۇ ئەھۋالنى تۇيۇپ قېلىپ، مەۋلانا مەنسۇرنى يېقىندىن مەخپىي كۆزىتىشكە باشلىغان ئىدى. نەتىجىدە، ھىندىستاندا باستۇرۇلۇپ ئافغانىستاندا مەخپىي تارقىتىش پىلانلانغان كىتابچىلار ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن بۇ تەشكىلات تارقىتىۋېتىلىدۇ. مەۋلانا مەنسۇر بىلەن بىر قاتاردا بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇھىم ئەزالىرى قولغا ئېلىنىدۇ. كېيىنچە ئافغانىستان دائىرىلىرى مەۋلانا مەنسۇرنى ھىندىستانغا قوغلاپ چىقىرىدۇ. ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋلانا مەنسۇرنى قىلچە سوتلىماي چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانلىقى، بۇ كىشىنىڭ ئەنگلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىشقا قويۇلغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىسپاتى ئىدى. ئەمما مەۋلانا مەنسۇر بىلەن بىرگە قولغا ئېلىنغان ئورتا ئاسىيالىقلارنى بولسا، بەلگىلىك مۇددەتلەر بويىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ تۈرمىگە سولىۋېتىشىدۇ. ھۆكۈمەتى ئىلاھىيە ۋەقەسىدىن كېيىن، مۇھاجىرلار ئارىسىدىكى ئىشلارنى تولۇق كۆزىتىپ كېتەلمىگەنلىكىنى ئويلىغان ئافغانىستان دائىرىلىرى، ھەر بىر يەردىن بىرەردىن مۇھاجىرلار ۋەكىلى تاللاپ چىقىش چارىسىنى ئىشقا سالماقچى بۆلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئافغانىستان دائىرىلىرى بۇ ۋاكالەتچىلەر ۋاسىتىسىدا ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلار ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن تېخىمۇ تولۇق خەۋەر تاپالايدىغان بولۇشنى مەقسەت قىلىشىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ ۋاكالەتچىلەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن مۇھاجىرلار ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ ئىش ئۈچۈن كابۇلدىكىلەر ئۈچۈن مۇبەششىرخان تارازا تاللىنىدۇ. ئەمما بۇ تەدبىر پەقەت كابۇل بىلەن چەكلىنىپ قېلىپ، باشقا شەھەرلەردە بۇنداق بىر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلەر بولمايدۇ.

ت م ب نىڭ ياپونىيە دائىرىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرى
ت م ب مەركىزى، 1932- يىلى شەرقىي ئورتا ئاسىيادا مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەڭ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە بىر پارچە مەلۇمات بېرىش دوكلاتى سۇنغان بولسىمۇ، ياپونىيە تەرەپتىن بۇ دوكلاتقا ھېچ قانداق بىر جاۋاب ئالالمىغان ئىدى. سەدرىدىنخان مۇپتى كابۇلغا كېلىپ ياپونلار بىلەن مۇناسىۋەت تىكلەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا كىرىشكەن ئىدى. كېيىن بۇ مۇناسىۋەتنى ئايقارلى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، بۇ جەرياندا شەرقىي ئورتا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە ياردەم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئورتاق كېلىشىمگە كېلىشىدۇ.
بۇ جەرياندا مۇستاپا چوقاي ئوغلىمۇ پارىژدىكى ياپونىيەلىك مەسئۇل كىشىلەر بىلەن ئۇچۇرۇشۇشنىڭ يوللىرىنى ئاختۇرۇپ يۈرەتتى. ئايقارلى بىلەن چوقاي ئوغلىنىڭ بۇ ھەقتە يېزىشقان خەتلىرى بۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكى ھەققىدە خېلى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى بەرمەكتە:
خېتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىمدىن كېيىن، يىراقبايلار (ت م ب نىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆزئارا يېزىشىدىغان خەت- ئالاقىلەردە ياپونلارغا ئەنە شۇنداق شىفىر ئىسمى قويۇلغان ئىدى − ئا.ھ. ئىزاھاتى) بىلەن كۆرۈشۈپ، يازغان خېتىڭىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرى ھەققىدە ئۇلار بىلەن سۆزلەشتىم. بۇ ھەقتە ئۇلار مۇنداق دېدى: “بىز فرانسىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ بىزگە ئوخشاش ھەرىكەت قىلىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشقا بەك قىزغىن مۇئامىلە قىلماسلىقىدا بىرەر سەۋەب بۆلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىمەن. بەلكىم فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن كۈندىن كۈنگە يېقىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاۋاتقان بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىشلاق ئەپەندىم (فرانسىيەدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ياپونىيە باش ئەلچىخانىسىدىكى مەسلىھەتچى ياكى ھەربىي ۋاكالەتچىنى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك − ئا.ھ. ئىزاھاتى) رۇسىيەدە تۇرۇپ باقمىغان، رۇسىيە توغرىلىق ھېچقانداق مەلۇماتى يوق بىرى بولۇپ، ئۇ كىشى فىرانسىيە ئۈستىدىلا مەلۇماتقا ئىگە بىرى ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ تۈردىكى ئىشلارغا قىزىقمىغان بۆلىشى مۇمكىن. بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ تېز ئوتتۇرىغا قويۇپ تېخىمۇ كەڭرى خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن مۇستاپا ئەپەندىنى سەفىرى كەبىر (باش ئەلچى) مۆسيۆ ساتو بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى ساتو ئەپەندى موسكۋا بىلەن پېتربورگدا 15 يىلدەك تۇرغان. مەنمۇ ئۇ كىشى بىلەن موسكۋادا ئىككى يىلدەك بىرگە خىزمەت قىلىپ باققانمەن. مەن ئەتىدىن باشلاپ ئۇنىڭغا بۇ ئىشلارنى تونۇشتۇرۇپ خەت يازىمەن.
مۇستاپا ئەپەندى ئورتا ئاسىيا مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك فرانسۇزچە ۋە ئىنگلىزچە ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنى بىزگە (يەنى كابۇلغا) ئەۋەتىپ بەرسە، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى دۆلىتىمىزنىڭ نەشرىيات ۋە مەتبۇئاتلىرىدا باستۇرۇشقا تىرىشىپ كۆرىمەن. بۇ ئىش ئۈچۈن مەن سىزگە كېسىپ ۋەدە بېرەلەيمەن. ئەگەر مۇستاپا ئەپەندىم مانجۇرىيە، پولشا ياكى بولمىسا فىنلاندىيەدەك بىرەر دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان بولسا ئىدى، بىز ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈنلەي باشقىچە بىر تۈردە ھەمكارلاشقان بولاتتۇق. مەن پارىژدىكى ئەلچىمىزگە يازماقچى بولغان خېتىمگە بۇندىن كېيىن مۇستاپا ئەپەندىم خەت- چەكلىرىنى ئەلچىخانىمىزغا بەرسە قايتۇرۇۋەتمەي قوبۇل قىلساڭلار دېگەن گەپنىمۇ قىستۇرۇپ قويىمەن.”
سەفىرى مۇختەر، كىتادا ھەزرەتلىرى گېپىنىڭ ئارىسىدا سىنكياڭ (شەرقىي ئورتا ئاسىيانى دېمەكچى − ئۇ.ت) ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە قىزىقىدىغانلىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتتى. … بۇ جەھەتتىكى ئىشلىرىمىزغا قولىڭىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلسىڭىز دەپ تەلەپ قىلىۋېدىم، بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ۋەدە قىلدى. … بۇندىن ئاۋۋال كېسەللىك سەۋەبىدىن دۆلىتىگە قايتىپ كەتكەن باش كاتىپ ھەزرەتلىرىمۇ “مەن سىلەرنىڭ ئىشىڭلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ھۆكۈمىتىمىزگە چوقۇم خەت يېزىپ ئۇقتۇرىمەن، خاتىرجەم بولۇڭ، ياپونىيە خەلقى سىلەرنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ” دېگەن ئىدى. قېنى، بۇنىمۇ كۆرۈپ باقارمىز. …
ئايقارلى، بىر تەرەپتىن ئاتاقتا ئورتا ئاسىيا ۋە شەرقىي ئورتا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك چېگرا ھالقىغان پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ تەشكىلاتتىن بىرنى قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشماقتا ئىدى. شۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن بۇ ھەقتىكى پائالىيەتلەرنى ئۆز تىزگىنىدە تۇتۇپ تۇرماقچى، يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن خەۋپلىك، مۇھىم ئادەم دەپ تونۇلغان كىشىلەرنى جىمىقتۇرۇۋېتىش پۇرسىتىنى يارىتالىشى مۇمكىن بولاتتى. ت م ب ئوتتۇرىسىدا يېزىشقان خەتلىرىدە بۇ تۈر پائالىيەتلەر تۆۋەندىكىچە تونۇشتۇرۇلماقتا ئىدى:
شەيخ ئابدۇكېرىم، تەكىنەل ۋە … يىغىنىدا يىراقبايلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاش مەسىلىسىدە قارار قوبۇل قىلىندى. مەن بۇ ئىشنى كېچىكىرەك بولسىمۇ ئىشقا ئاشۇرالىغان بولدۇم. … ئۇ يىغىندا (ئولتۇرۇشتا دەپ ئېلىنغان − ئۇ.ت) “نۇرتاي” … تەيىنلەندى. يۇقىرىدا ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر ھەر قايسى جايلارغا تارقالغىنىدىن كېيىن تەشكىلاتلار ئارا مۇناسىۋەتلەر، شەرقىي ئورتا ئاسىيا ۋە ئىچكى قىسمىدىكى (غەربى ئورتا ئاسىيا) خەلقىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىزنى ماددىي قىيىنچىلىق ئىچىگە پاتۇرۇپ قويدى. ئۇ ۋاقىتتا يىراقبايلار بىزگە ياردەم قولىنى سۇنۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
  ئايقارلىنىڭ ئابدۇلۋاھاپ ئوكتايغا يازغان يەنە بىر خېتىدە مۇنداق گەپلەر بار ئىدى:
ئورتا ئاسىياغا كەتكەن ئۈچ كىشىدىن ھازىرغىچە بىرەر خەۋەر ئالالمىدۇق. بۇ يەردىن يولغا سېلىنغان ئىككى ئادىمىمىزنىڭ قەشقەرگە يېتىپ بېرىپ ئىش باشلىۋەتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر كەلدى. مەن ھازىر ھىندىستانغا ئورۇنلىشىۋېلىپ ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ تۇرالايدىغان بىر “پونكىت” قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشماقتىمەن.
ئايقارلىنىڭ ئەۋەتكەن خەتلىرىدە كۆرسىتىپ ئۆتكەن شەيخ ئابدۇلكېرىم دېگەن مەخپىي ئىسىملىك كىشى چوقۇم سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇزۇن يىل جەڭ قىلغان داڭلىق باسمىچىلار يېتەكچىسى فۇزەيل مەخدۇم بۆلىشى كېرەك. بۇ ئېتىقادلىق مۇجاھىت يېتەكچى، ئۆزىنى ت م ب نىڭ ۋاكالەتچىسى دەپ تونۇتقان مەخمۇت ئايقارلى قۇرۇپ چىققان ئاتالمىش بولشېۋىزمغا قارشى تەشكىلاتقا قىلچە ئىككىلەنمەيلا ئەزا بولۇپ كىرگەن ئىدى. ئۇ چىنلارغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن قەشقەرگە ئەۋەتىلگەنلەردىن بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئەسلى كىم ئىكەنلىكىنى ئايقارلى تۇڭگانلار بىلەن قەشقەردە تۇرۇشلۇق رۇسىيە كونسۇلىغا ئاللىبۇرۇن خەۋەر بېرىۋەتكەن. شۇڭا مەختۇم شەرقىي ئورتا ئاسىياغا بارار- بارماي تۇڭگانلار بۇلاپ ئاپىرىپ قەشقەردىكى رۇسىيە كونسۇلىدىكىلەرگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. فۇزەيىل مەخدۇم، قەشقەردىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىلىپ ئۇ يەردە سوراق قىلىنغاندىن كېيىن ئېتىپ تاشلانغان (ئورتا ئاسىياى، «يوقالغان ۋەتەن»، 168- بەت. بۇ ۋەقە سوۋېت جاسۇسى مۇھەممەت ئايقارلىنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن تۈزۈلگەن «مەخسۇس تاپشۇرۇق» نامدىكى كىتابتىمۇ ئىسپاتلاپ كۆرسىتىلگەن − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
ئايقارلى يازغان مەخپىي ئىسىمدىكى قالغان كىشىلەرنىڭ ئەسلى كىم ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق. شۇنىڭدەك يەنە ئايقارلىنىڭ بۇ تۈر ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ يەنە قانچىلىغان ئادەملەرنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ك گ ب ئارخىپلىرىدىن باشقا ھېچقانداق يەردىن بىلگىلى بولمىسا كېرەك؟

ئوسمانغۇجا ئوغلى ئافغانىستاندا
1937- يىلىنىڭ باشلىرىدا، ت م ب رەئىسى ئوسمان غوجا ئوغلى، شەرقىي ئورتا ئاسىيادا قۇرۇلغان ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان سۇلتانبەك بەختىيار بىلەن بىرگە ھىندىستان ئارقىلىق ئافغانىستانغا يېتىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق ساياھىتىدىن ت م ب دىكىلەرنىڭ ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغاچقا، بۇ ھەقتە ت م ب مەركىزىدە بەكلا كۆپ تالاش- تارتىشلار يۈز بېرىدۇ. ئەمما، بۇ ساياھەتتىن پرومېتېدىكىلەرنىڭ خەۋىرى بارلىقى كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چوقاي ئوغلى بۇ ساياھەت ئىشى توغرىلىق پارىژدىكى ياپونىيە مەسئۇللىرى سۈرۈشتە قىلغانلىقىنى، ۋارشاۋادىكى پرومېتې مەركىزىنىڭمۇ بۇ ساياھەت ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ساياھەت دەپ ئېيتقانلىقىنى يازىدۇ.
ئوسمان غوجا ئوغلى بىلەن سۇلتانبەگ ئىككىسى ئاۋۋال ئۇ ۋاقىتلاردا قەندىخارغا يۆتكىۋېتىلگەن سەدرىدىنخان مۇپتىنى زىيارەت قىلىدۇ. مۇپتى، ت م ب ئىچىدىكى تەرەپپازلىقتا چوقايئوغلى تەرىپىدە تۇرغان بىرى ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كېلىشىگە بەك خۇشال بولۇپمۇ كەتمەي خېلىلا سوغۇق مۇئامىلىدە بولىدۇ. كابۇلغا كەلگەن غوجا ئوغلى بىلەن بەختىيار، شەھەرگە كېلىپ ئۇ يەردىكى ت م ب ۋاكالەتچىسى ماھمۇت ئايقارلى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئوسمان غوجا ئوغلى بۇ قېتىمقى ئافغانىستان ساياھىتىدە بىر قانچە ئىشنى بىراقلا پۈتتۈرىۋالماقچى بولغان ئىدى. بۇ ئىشلار ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش شەرقىي ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئۈچۈن ياپونىيەنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ھېسابلىناتتى. يەنە بىر قىلماقچى بولغان ئىشى ئافغانىستاندىكى ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىر يېتەكچىلىرىنى بىر يەرگە يىغىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش ئىدى. ئوسمان غوجا ئوغلى ئەگەر بۇ ئىككى ئىشنى ئوقۇشلۇق پۈتكۈزەلىسە، ت م ب ئىچىدىكى ئورنىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتكەن بولاتتى.
غوجا ئوغلى بىلەن بەختىيار ئىككىسى ماھمۇت ئايقارلى ۋاسىتىچىلىقىدىن پايدىلىنىپ كابۇلدىكى ياپونىيەلىك مەسئۇل كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن شەرقىي ئورتا ئاسىيا مەسىلىسىدە ياردەم قىلىشلىرىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بۇ ئىشتا ياپونىيەنىڭ ياردىمى بولغان تەقدىردە، شەرقىي ئورتا ئاسىيادا كۈچلۈك قوراللىق ھەرىكەت باشلاشقا بولىدۇ دەپ ئىشەنچ قىلاتتى. سۇلتانبەگ بەختىيار بۇ ئىشەنچلىرى ھەققىدە بىر خېتىدە مۇنداق دەيدۇ:
قولىمىزدا كۆرسەتكۈدەك يېتەرلىك ھۆججەت (پاكىتلار) بارلىقىغا ئىشەنچ قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، يىراقبايلار بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىش قارارىغا كەلگەن ئىدۇق.
… خەلقىمىزنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى يىراقبايلار مەنپەئىتىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن ئىدۇق. ئۇلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ دېگەن ئىشەنچتە باشقا تەرەپلەرنىڭ تەكلىپلىرىنى رەت قىلىپ يىراقبايلار بىلەن كېلىشتۇق.
ئەسلىدە، ياپونلار شەرقىي ئورتا ئاسىيا مەسىلىسىگىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگىمۇ قىزىقىپ كەلمەكتە ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي ئوسمان غوجائوغلى- سۇلتانبەك بەختىيار ئىككىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى تىرىشچانلىقلىرىدىن بىرەر نەتىجە چىقمايدۇ. ياپونىيەلىك مەسئۇل كىشىلەر شەرقىي ئورتا ئاسىيادا قوزغىتىلىدىغان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىگە بىۋاسىتە ياردەم بېرىش ئىشىغا بەك قىزىقىپ كەتمەيدۇ.
ت م ب رەئىسى ئوسمان غوجا ئوغلىنىڭ كابۇلغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇپ بەرگەن ئايقارلى، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چوقاي ئوغلى بىلەن ئوسمان غوجا ئوغلى ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىش ئۈچۈن غوجا ئوغلىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتراتقۇلۇق قىلىشقا كىرىشكەن ئىدى. ئايقارلى چوقاي ئوغلى بىلەن ئابدۇلۋاھاپ ئوكتايلارغا ئەۋەتكەن خەتلىرىدە، غوجا ئوغلى سىلەر ئۈستۈڭلاردا بەكلا ناچار گەپلەرنى قىلىپ كەتتى دەپ، ئۇلارنى ت م ب رەئىسىگە قارشى ئاتاكىغا ئاتلىنىشى ئۈچۈن كۈشكۈرتمەكتە ئىدى. مۇستاپا چوقاي ئوغلىغا يازغان خېتىدە، غوجا ئوغلىنى تىزگىنلەپ يۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ كابۇلدىكى بارلىق پائالىيەتلىرىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئىشىنىشكە بۆلىدىكى، ئايقارلى كابۇلدا غوجا ئوغلىغىمۇ چوقاي ئوغلى ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرى ئۈستىدە كۈشكۈرتكۈچى سۆزلەرنى قىلىپ يۈرگەن بۆلىشى ئېنىق. يەنە بىر تەرەپتە، ئوسمان غوجا ئوغلىنىڭ ت م ب غا ئەزا بولمىغان سۇلتانبەك بەختىيارغا تەشكىلاتقا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردىن خەۋەر بېرىپ تۇرۇشى، ت م ب مەركىزىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزمەيلا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن رەسمىي كۆرۈشۈش- سۆھبەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرگەنلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەشكىلات ئەزالىرى ئارىسىدا غوجا ئوغلىغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغان، ئۇنى تەنقىدلىشىدىغان ئىشلارمۇ باش كۆتۈرگەن ئىدى.
1937- يىلى ياز ئايلىرىدا، مەخمۇت ئايقارلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغان دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنىدۇ. شىر مۇھەممەت بەينىڭ ئىستانبۇلدا بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان ئۆگەي ئوغلى غۇلام ھەيدەر كابۇلغا بارغان ۋاقتىدا ئايقارلىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بىر سوۋېت ئىشپىيونى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدى. ئايقارلىمۇ غۇلام ھەيدەر ئافغانىستانغا كەلمەي تۇرۇپلا چوقاي ئوغلىغا خەت يېزىپ، “غۇلامنىڭ بۇ تەرەپلەرگە كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى گەپلەرنى ئاڭلاۋاتىمەن. مېنىڭچە سىزلەر ئۇنىڭ بۇ تەرەپلەرگە كېلىشىنى ئىمكان بار چەكلىگەن بولسىڭىزلار، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ بۇ تەرەپلەرگە كەلمىگىنى تۈزۈك” دەپ تەلەپ قىلغان. ئايقارلى ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ يازغان «مەخسۇس تاپشۇرۇقلار» دېگەن كىتابىدا كۆرسىتىشىچە، غۇلام ھەيدەر ئۇنى ماھمۇت ئايقارلى دەپ تونۇماي، ئۇنى ماھمۇت سادىقوۋ دەپ بىلىدىغانلىقىنى، ئۇ يەنە شۇ ئىسمى بىلەن كومسۇموللار مەكتىپىگە ئوقۇش ئۈچۈن كەتكەنلىكىنى بىلەتتىكەندۇق. ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى گېنېرال پەخرى پاشانىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە بارغان غولام ھەيدەر، شاھادەت بارمىغى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرەلمەي ئافغانىستانغا قايتىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما ئۇ تۈركىيەدە تۇرغان مەزگىللىرىدە مەخمۇت ئايقارلىنىڭ كومسۇمول مەكتىپىدە ئوقۇغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئىدى. ئۇ ئافغانىستانغا كېلىپلا بۇ ئىشنى ئورتا ئاسىيالىق مۇھىم كىشىلەر ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئافغانىستاننىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئۇقتۇرغان.
مەخمۇت ئايقارلى قولغا ئېلىنىشى بىلەن تەڭ، ئافغانىستاندىكى سوۋېت جاسۇسلۇق تەشكىلاتلىرى دەرھال جىددىي ھالەتكە ئۆتۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان ئافغانىستان ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋاسىتىچىلىكىدە ئايقارلىنى دەرھال تۈرمىدىن چىقارتقۇزغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئافغانىستان مەسئۇللىرىنىڭ بىر ئۇقتۇرۇشى بىلەن، ئايقارلىنىڭ ھېچقانداق گۇناھى يوق ناھەق قولغا ئېلىنغان دەپ ئېلان قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ مۇھاجىرلار ئالدىدىلا ئەمەس بەلكى دىپلوماتىك يوللاردىمۇ ئايقارلى ئاقلانغان ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلار ئىچىدە ئايقارلى تۈركلەرنىڭ ئادىمى ئىكەن، ئۇ ياپونىيەلىكلەر بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغانلىقى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان دەيدىغان گەپ تارقىلىشقا باشلايدۇ. ئاقىۋەت ئايقارلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ پائالىيەتلىرىنى توسالغۇسىز داۋاملاشتۇرالايدىغان شارائىتقا ئىگە بۆلىۋالغان.
شۇنچە كۈچلۈك تەشۋىقاتلارنىڭ بولۇشىغا قارىماي، ئەمىرنى ھىمايە قىلىدىغان تەرەپتىكى كىشىلەر كونا باسمىچىلار يېتەكچىلىرى بىلەن تارازىنىڭ ئەتراپىدىكى ئورتا ئاسىيالىق گۇرۇپپىلار ئايقارلىدىن گۇمانلىنىشتىن زادىلا يانماي، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى بارغانسېرى ئازايتىشقا تىرىشىدۇ. ھېراتقا سۈرگۈن قىلىنىپ ھەرىكەتتىن چەتتە قالدۇرۇلغان سەدرىدىن مۇپتى بولسا، بۇ ۋەقەلەرنى مەخمۇتقا زىيانكەشلىك قىلىش ھەرىكىتى دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىنى زادىلا يوقاتمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پارىژ بىلەن بېرلىن كابۇلدىن بەكلا يىراق بولغاچقا، مۇستاپا چوقاي ئوغلى قاتارلىق ت م ب گۇرۇپپىسىدىكى كىشىلەرمۇ سەدىردىن مۇپتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئايقارلىنى ئاخىرغىچە ھىمايە قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. بۇ ئارىدا سەدرىدىن مۇپتى قەندىھار شەھىرىگە يۆتكىلىۋالغان ئىدى. ئۇ يەردە ساقچىلارنىڭ نازارىتىدىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىغا قارىماي، ئۇنىڭ بۇ شەھەردىن سىرتقا چىقىشى يەنىلا چەكلەنگەن ئىدى. مۇپتى شۇنچە قاتتىق بېسىملارغا ھەمدە ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي ئۆزىنى ئورتا ئاسىيا پائالىيەتلىرىگە پۈتۈنلەي ئاتىۋەتكەن ئىدى. مۇپتى 1939- يىلى چوقاي ئوغلىغا يازغان بىر خېتىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
ئىراندىكى دوستلىرىم بىلەن ئالاقەم ئۈزۈلۈپ قالدى. شۇڭا ئۇ تەرەپلەر بىلەن سىز ئالاقە ئورنىتىپ تۇرغان بولسىڭىز . شۇنچە كەڭ دائىرىدە تەشكىللەپ چىققان گۇرۇپپىلىرىمىز تارقىلىپ كەتمىسە بولاتتى.
1930- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگۈچە دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پۇراقلىرى كۈچىيىشكە باشلىغان ئىدى. كۈچلۈك دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى گۇرۇھلىشىشمۇ ئېنىق كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى. ئۇرۇش توغرىسىدىكى گەپ- سۆزلەر كۆپەيگەنسېرى، مۇستەملىكە بولۇپ قالغان مىللەتلەرنىڭ ۋاكالەتچىلىرى ئارىسىدا مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئۈمىدلەرمۇ قايتىدىن جانلىنىشقا باشلايدۇ. ئۇرۇش بىلەن تەڭ يۈز بەرگەن ئەھۋاللار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى قىسمىدا تونۇشتۇرۇلىدۇ.

ھىندىستاندىكى ئورتا ئاسىيالىقلار ۋە پائالىيەتلىرى
ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان ھىندىستان، شەرقىي ئورتا ئاسىيا بىلەن بىۋاسىتە چېگرىداش بۆلىشى ھەمدە ئافغانىستاننىڭ سىرت بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى بىر ئېغىز بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن، ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلار تەرىپىدىن ئەڭ ئالدىدا تاللىنىدىغان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىناتتى. ئافغانىستاندىن ھىندىستان تەرەپكە ئۆتكەنلەر ئۈچۈن پىشاۋۇر، شەرقىي ئورتا ئاسىيادىن ئۆتكەنلەر ئۈچۈن بولسا سرىناگار بىلەن ئامرىتسار شەھەرلىرى مۇھاجىر ئەترىتى تەشكىللەنگەن شەھەرلەر ھېسابلىناتتى. دېھلى، بومباي ۋە كاراچى قاتارلىق شەھەرلەر بولسا ئاساسلىقى تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغانلار ئورۇنلىشىدىغان شەھەرلەر ھېسابلىناتتى.
(رەسىم ئورنى)
ئورتا ئاسىيا مۇھاجىرلار ئىتتىپاقى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ئورتا ئاسىيالىقلاردىن بىر قىسىم كىشىلەر. ھىندىستان- پىشاۋور. 1934- يىلى 20- يانۋار  (ئەھەت ئەنجان ئارخىپى)
ھىندىستاندا قۇرۇلغان تۇنجى ئورتا ئاسىيالىقلار تەشكىلاتى 1929- يىلى پىشاۋۇردا قۇرۇلغان «ئەنجۈمەنى سائادەت بۇخارا ۋە ئورتا ئاسىيا» ئىدى. مەۋلەۋى ئابدۇلقادىر ئەپەندى بىلەن مەۋلانا ئۆمەرخان تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇ جەمئىيەت دەسلىپىدە پائالىيەتلىرىنى غەيرىي رەسمىي بىر شەكىلدە قانات يايدۇرغان بولغاچقا، ئۇنچە بەك تەسىر كۆرسىتىپ كېتەلمىگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ جەمئىيەتنىڭ پائال ھەرىكەتكە كېلەلمەسلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى يەنىلا ئۇ يەردىكىلەرنىڭ ئەمىرچىلەر ۋە ئورتا ئاسىياچىلار دەپ بىر- بىرى بىلەن چىقىشالمايدىغان ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنىۋېلىشى ئىدى. سابىق بۇخارا ئەمىرى تەرەپدارلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىنى ياۋروپاغا بېرىپ مىللەتلەر جەمئىيىتىگە بۇخارا ئەمىرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلات سۇنغان يۈسۈپباي مۇقىمباي ئۈستىگە ئېلىپ پىشاۋۇردا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولغان، ئەمىر تەرەپدارلىرى ئۇنىڭ ئېتىراپىغا مەركەزلەشكەن ئىدى. ت م ب نىڭ ئافغانىستان بىلەن ھىندىستاندىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىدىن بىرى دەل بۇ تۈردىكى ئورتا ئاسىيالىقلار ئارىسىدىكى گۇرۇھۋازلىقلارغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تۇتۇش قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىدا چوقاي ئوغلى نامىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە باشماقالىدە «ئورتا ئاسىيا ۋە بۇخرامۇ ياكى بىۋاسىتە ئورتا ئاسىيامۇ» دېگەن سوئال مۇنازىرىگە قويۇلىدۇ. ماقالىدا، ئورتا ئاسىيانىڭ بىر پۈتۈن ئىكەنلىكى، بۇخارا، خىۋە، … دېگەندەك بۆلۈپ- پارچىلاپ قاراشقا بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى.
(رەسىم ئورنى)
ئەنجۈمەنى ئىتتىھادى مۇھاجىرىنى بۇخارا ۋە ئورتا ئاسىيا جەمئىيىتى ئەزالىرى. دېھلى، 1934- يىلى 31- دېكابىر (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)
1933- يىلى بۇ جەمئىيەت ئۈچۈن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان يىل ئىدى. ھىندىستان- ئافغانىستان چېگرا بويلىرىدا تۇرىدىغان قەبىلىلەر ئارىسىدا كەڭ كۆلەملىك كوممۇنىزم تەشۋىقاتى قانات يېيىش بىلەن بىرگە، ئۇ يەرلەردە ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا قارشى ھەرىكەت قوزغىلىدۇ. بىر قىسىم جايلاردا ياۋروپا گېزىتلىرىدىمۇ خەۋەر بولالىغۇدەك دەرىجىدە قوزغىلاڭلار يۈز بەرگەن ئىدى. بولۇپمۇ “مەجنۇن پېقىر” ئىسىمدىكى بىر يېتەكچى ئېتىراپىغا يىغىلغان بىر ھەرىكەت كۈنسايىن كېڭىيىپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئافغانىستان بىلەن ئەنگلىيە تەرەپ بۇ قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىش قارارىغا كېلىدۇ. ھىندى- ئېنگلىز دائىرىلىرى ھەربىي كۈچلەردىن پايدىلىنىپ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ئاتلىنىش بىلەن بىر قاتاردا ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىمۇ ئىشقا كىرىشتۈرمەكتە بولۇپ، كوممۇنىزم مەسىلىسىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان تەرەپ ھېسابىدا ئورتا ئاسىيا مۇھاجىرلىرىنىڭ بۇ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىشقان ئىدى. بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك يولغا قويۇلغان ئىشلار جەمئىيەت يېتەكچىلىرىدىن سېيىد ئابدۇللا تاشكەند ماقالىسىدە تۆۋەندىكىچە بايان قىلىنىدۇ:
بۇ يىلنىڭ نويابىر ئېيىدا 8 كىشىلىك بىر ھەيئەت تەشكىل قىلىندى. ھىندىستان- ئافغانىستان چېگرا بويلىرىدا ئەنگلىيە ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى 2 مىليون 750 مىڭ نوپۇسلۇق چېگرا بويى قەبىلىلىرى بىلەن مۇستەقىل 850 مىڭ ئەتراپىدىكى قالغان قەبىلىلەر ياشىماقتا ئىدى. بۇ قابائىلنىڭ (قەبىلىلەرنىڭ) بەزىلىرى بولشېۋىكلەرنىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشىنىپ “بولشېۋىكلەر ئىسلامنى قوللايدۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى قۇتقۇزۇش ئىشى بولشېۋىكلەرنىڭ قولىدا” دەيدىغان خاتا قاراشلارغا ئىشىنىپ قالغان ئىدى. قۇرۇلغان بۇ ھەيئەت بۇ قەبىلىلەر ئىچىدىكى خاتا كۆزقاراشلارنى مۇئەسىر نەشرىيات ۋە پاكىتلار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە كىرىشتى.
ئەنگلىيە ھاكىمىيىتى تەۋەسىدىكى قەبىلىلەر ئىچىدە 4 ئاي، مۇستەقىل قەبىلىلەر ئىچىدە بولسا 2 ئاي بولۇپ جەمئىي 6 ئاي داۋاملاشقان پائالىيەتلەر جەريانىدا كوممۇنىزم توغرىسىدا دوكلاتلار بېرىلدى؛ پارىس، ئۇرىدۇ ۋە پەشتۇ تىللىرى بويىچە نەشرى قىلىنغان كىتاب ۋە بروشۇرلار تارقىتىلدى. بۇ پائالىيەتلەردىن كېيىن بۇ تەۋەدىكى قەبىلە يېتەكچىلىرىنى توپلاپ يىغىنلار ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ ھەبىبۇراخمان ئەل باغەرى ئەپەندىنىڭ تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە ئورتا ئاسىيا مەسىلىلىرىمۇ يەرلىك گېزىتلەردە ئېلان قىلىنىپ، «ياش ئورتا ئاسىيا» دا ئېلان قىلىنغان بەزى ماقالىلەر ئۇرىدۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ھىندىستان جامائەتچىلىكى ئارىسىدا تونۇشتۇرۇلدى.
(رەسىم ئورنى)
مىسىردىكى ئورتا ئاسىيا جەمئىيىتى ئەزالىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر. قاھىرە، 1936- يىلى نويابىر  (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)
1934- يىلقى قۇرۇلتايدا جەمئىيەتنىڭ نامى «ئورتا ئاسىيا مۇھاجىرلىرى ئىتتىپاقى» دېگەنگە ئۆزگەرتىلىپ، بۇخارالىق بايلاردىن تۆرەقۇلباي سالدۇرغان بىناغا كۆچۈپ كىرىدۇ. بۇ قۇرۇلتايغا، يېڭى قۇرۇلغان شەرقىي ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەكىلى دوكتور مۇستاپا ئېلى ئەپەندىمۇ قاتناشقان ئىدى. شۇڭا ئۇمۇ سۆز ئېلىپ قۇرۇلغان شەرقىي ئورتا ئاسىيا ھۆكۈمىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتىدۇ. جەمئىيەتنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ نىزامنامىسىغىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئىدى. تۈزىتىلگەن بۇ يېڭى جەمئىيەت نىزامنامىسىدە ئورتا ئاسىيالىقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە تەڭ باراۋەرلىكنى ساقلاش، كەمبەغەل، ئىگە- چاقىسىز ۋە يېتىملەرگە ياردەم قىلىش دېگەندەك غايىلەر بىلەن بىرگە شەرىئەت بەلگىلىمىرىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق دىنى تەربىيىنى كۈچەيتىش، كوممۇنىزم دۇنيا قارىشىغا قارشى ھەمدە بۇ ئىدىيىنىڭ پەيدا قىلغان مەزھەپلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىش دېگەندەك ماددىلارمۇ مەخسۇس تەكىتلەنگەن ئىدى. بۇ جەمئىيەتكە ئەزا بولۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن دىندار بولۇش، مىللەتچى بولۇش ھەمدە مۇھاجىر بۆلىشى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.
بۇ نىزامنامىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ماددىسىدا جەمئىيەتنىڭ رەسمىي تىلى ئورتا ئاسىيا تۈركچىسىدۇر دەپ تەكىتلەنگەن بولۇپ، بارلىق خەت- ئالاقىلەر ۋە نۇتۇقلار بۇ تىل بويىچە بۆلىشى كېرەك دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. جەمئىيەت رەئىسلىكىگە قوقان تەۋەسىدىن كەلگەن مۇجاھىتلاردىن ناربەتجان تۆرە سايلانغان ئىدى.
(رەسىم ئورنى)
مىسىردىكى ئورتا ئاسىيا جەمئىيىتى ئەزالىرىدىن بىر گۇرۇپپا.قاھىرە، 1936- يىلى نويابىر (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)
جەمئىيەت، بىنادىن بىرنى ئىجارىگە ئېلىپ، مۇھاجىرلار مەدرىسىسى دېگەن نامدا بىر مەكتەپ ئېچىپ ئوقۇش باشلىتىدۇ. بۇ مەكتەپنىڭ مەسئۇللۇقىغا ھەبىبۇراخمان ئەل باغەرى ئەپەندى تەيىنلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئىشلەپ يۈرگەن ئورتا ئاسىيالىقلارغا بىلىم بېرىشنى ئاساسى مەقسەت قىلىپ ئېچىلغان بۇ مەكتەپتە جەمئىي 3 سىنىپ بار ئىدى. بىرىنچى سىنىپتا ساۋات چىقىرىش ئاساس قىلىنغان بولۇپ، قالغان سىنىپلاردا تۈركچە، پارسچە، ئوردوچە ۋە ئىنگلىزچە تىللار ئوقۇتۇلاتتى. جەمئىيەت ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كېلىشى ھەمدە جەمئىيەت ئىسمىدىكى “بۇخارا” سۆزىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقى ئەمىر تەرەپدارلىرىنىڭ نارازىلىق قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئاكتىپ باشقۇرغۇچىلىرىدىن ئابدۇراخمان ئەپەندىگە يۈسۈپباي مۇقىمباينىڭ بىر ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، قالغان ئەزالارنىڭ قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە بۇ تۈردىكى زەربە بېرىشلەر توختاپ قالىدۇ. پىشاۋۇر شەھىرى ئافغانىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئېغىز ھېسابلىناتتى. شۇنداق بولغاچقا، پىشاۋۇردىكى جەمئىيەت ئافغانىستاندىكى مۇھاجىرلار ئۈچۈنمۇ باياناتچى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا ئىدى. بۇ جەمئىيەت ئۆزىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتلىرىنى تا 1940- يىللارغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ.
1930- يىللاردىن كېيىن دېھلى بىلەن بومباي شەھىرىدىمۇ ئورتا ئاسىيالىق مۇھاجىرلار جەمئىيەتلىرى قۇرۇلغان ئىدى. دېھلىدىكى “ئەنجۈمەنى ئىتتىھادى مۇھاجىرىن بۇخارا ۋە ئورتا ئاسىيا” نىڭ 500 دەك ئەزاسى بار ئىدى. ھىندى ئالىملىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاپ كەلگەن بۇ تەشكىلات، ئورتا ئاسىيا مەسىلىلىرى بىلەن بولشېۋىكچىلىق مەسىلىلىرى ھەققىدە نۇرغۇن قېتىم دوكلات ۋە يىغىنلار ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. ھىندى ئۆلىمالار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەۋلانا مۇپتى مۇھەممەت غايىتۇللا ئەپەندى جەمئىيەت پائالىيەتلىرىگە يول كۆرسىتىش ئىشلىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن ياردەم قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ چاغلاردا، جەمئىيەت پىشاۋۇردىكىگە ئوخشاش مۇھاجىرلار مەكتىپىدىن بىرنى ئاچقان ئىدى. بۇ مەكتەپ 1930- يىللىرىدىن باشلاپ «سادائى مۇھاجىرىن» (مۇھاجىرلار ئاۋازى − ئا.ھ. ئىزاھاتى) نامىدا بىر ژۇرنال چىقىرىشقا كىرىشىدۇ. بۇ ژۇرنال، ئايرىم- ئايرىم قىلىپ ھەممە بەتلىرىنى پارسچە، ئوردوچە ۋە تۈركچە تىللاردا بولۇپ 3 خىل نۇسخىدا بېسىپ تارقاتماقتا ئىدى. بۇ مەجمۇئەنىڭ چىقىرىلىشى ئىككى يىلدەك داۋاملىشىدۇ. ئەپسۇسكى بۇ ژۇرنالنىڭ قايسى مەسىلىلەرنى ئاساس قىلىپ ۋە قانچە سان نەشرى قىلىنغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتقا ئېرىشكىلى بولمىدى. بۇ ژۇرنال نەشرىدىن توختىغاندىن كېيىن، يەنى 1938- يىلى، دېھلى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازام ھاشىمىينىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن «تەرجىمان» نامىدا يېڭىدىن بىر ژۇرنال چىقىرىشقا باشلىغان ئىدى. بۇ قېتىمقىسىدا، ئوخشاش بىر ژۇرنالنى ئۈچ خىل تىلدا ئايرىم ژۇرنال قىلىپ بېسىشنىڭ ئورنىغا ئوخشاش ماقالىلەرنى بىرلا ژۇرنال ئىچىدە ھەرخىل تىللار بويىچە بېسىش ئۇسۇلى تاللىۋېلىنغان ئىدى. 1939- يىلىنىڭ مارت ئېيىغىچە 11 سان چىقىرىلغان بۇ ژۇرنال ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن نەشرىدىن توختىتىلىدۇ. بومبايدىكى جەمئىيەت بولسا، دېھلىدىكى تەشكىلاتنىڭ بىر ئۇزانتىسى بولۇپ قۇرۇلغان بىر جەمئىيەت ئىدى. 1934- يىلى «دەلىل ئەل مۇھاجىرىن» نامىدا بىر بروشۇر بېسىپ تارقاتقان بولۇپ، ئۇلارمۇ «ئورتا ئاسىيا قايغۇسى» نامىدا بىر ژۇرنال نەشرى قىلىشنى پىلانلاشقان بولسىمۇ، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي قالىدۇ.

ئۇرۇش يېقىنلاشماقتا

… بىز تۈركى ئەللەر مىللەتچىلىرىنىڭ 10- 12 يىل بۇ دوست ئەللەردە قۇرۇپ چىققان يېڭىچە مىللىي ھۇجرىلىرىمىز، مىللىي مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مەركەزلىرىمىز لېخىستان بىلەن بىرگە يېنىپ كۈل بولماقتا ئىدى. بىزمۇ لېخ سولداتلىرى، لېخ مۇنەۋۋەر كىشىلىرىگە ئوخشاش ئىككىنچى قېتىم قۇرۇپ چىققان ھاياتلىق ۋە پائالىيەت مەركىزىمىزنى تاشلاپ چىقىپ، يەنە بىر قېتىم مۇھاجىر بولۇپ مۇساپىرچىلىقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا يىراقتا پىلدىرلاپ تۇرغان بىر مەشئەلنى كۆزلەپ سەپەرگە ئاتلاندۇق.
    − پرومېتې يېتەكچىلىرىدىن ئاياز ئىساقىنىڭ «لېخىستاندىن ئايرىلىش» دېگەن ماقالىسىدىن

ئەرمەنلەر مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ پرومېتې تەشكىلاتىدىكى تەسىرى
«پرومېتې تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلمىسى» دېگەن پاراگرافتا كۆرسىتىلگىنىدەك، ئەرمېنىيە مۇھاجىرلار گۇرۇپپىلىرى مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنىڭ رۇسىيەگە ئەمەس بەلكى تۈركىيەگە قارشى قانات يايدۇرۇلغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە بىر پىكىرگە كېلەلىگەندىلا ئاندىن قالغان مۇھاجىر گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ھەرىكەت قىلالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇپ، «كاپكازىيە ئازادلىق كومىتېتى» غا ئەزا بولۇشتىن باش تارتقان، بۇنىڭ نەتىجىسىدە پرومېتې تەشكىلاتىغىمۇ رەسمىي ئەزا بولۇپ قاتناشمىغان ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، پرومېتې ئىچىدىكىلەر ئەرمەنلەرنىڭ كەلگۈسىدە قۇرۇلۇشى مۇمكىن بولغان كاپكازىيە كونفىدىراتسىيىسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئېھتىمالنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتمەي ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا ئىدى. بولۇپمۇ گىرۇزىيەلىكلەر ئەرمەن مۇھاجىرلىرى بىلەن پرومېتې مۇناسىۋىتىنى تىكلەش ئۈچۈن ئاكتىپ قوللىغۇچىلىق رولىنى ئويناپ كەلمەكتە ئىدى. دېگەندەك، پرومېتې ژۇرنىلىنىڭ رەھبەرلىكى تەرىپىدىن پارىژدا ئېچىلغان بارلىق يىغىنلىرىغا ئەرمېنىيە ۋەكىللىرىنىمۇ تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇرماقتا، ئۇلارنىڭ ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلىرى پرومېتې ژۇرنىلىدا بېسىلماقتا ئىدى. تۈركىي گۇرۇپپىدىكىلەر بولسا كاپكازىيە كونفىدراتسىيىسى نۇقتىسىدا ئەرمەنلەرنى پرومېتېگە قاتناشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى بارلىقىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە، ئەرمېنىيە مۇھاجىرلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى بۈيۈك ئەرمېنىيە قۇرۇش خام خىيالىغا بېرىلىپ كېتىشلىرىدىنمۇ قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى.
دەل شۇ پەيتلەردە، زارېۋاندنىڭ (ز ۋە ئا. نالباندىيان ئىسمىنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى بىرلەشتۈرۈپ زارېۋاند دېگەن تەخەللۇسنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقان − ئا.ھ. ئىزاھاتى) رۇسچە نەشرى قىلىنغان «تۈركىيە ۋە پانتۇرانىزم» ناملىق كىتابى، پرومېتې ژۇرنال باشقۇرغۇچىلىرى تەركىبىدىكى گىرۇزىيەلىكلەر بىلەن تۈركىي گۇرۇھتىكىلەر ئوتتۇرىسىدا ئېغىر بوھران يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. ئەسلىدە بۇ كىتاب، 1926- يىلى پارىژدا ئەرمەن تىلىدا بېسىلغان بولۇپ، ئۇنچە كۈچلۈك ئەكس سادا پەيدا قىلالمىغان ئىدى. ئەسلىدە، 1929- يىلىغا كەلگەندە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ستالىن قوزغىغان تازىلاش ھەرىكەتلىرى تۇرانچىلىق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدى. ستالىن دائىرىلىرى كومپارتىيە ئىچىدىكى رىقابەتچىلىرىنى ئەكسىلئىنقىلابچىلار، جاھانگىرلارنىڭ قول چوماقلىرى دېگەندەك جىنايەتلەرنى ئارتىپ تازىلاشقا كىرىشكەندە، تۈركىي گۇرۇھتىكى كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك تازىلاشلاردا پانتۇرانچىلىق، پانتۈركىسىزمچىلىق، تۈركىيە جاسۇسى دېگەندەكلەردىن پايدىلانغان ئىدى.
داڭلىق تاتار كوممۇنىستى سۇلتان غالىيېۋنىڭ 1928- يىلىدا تازىلىۋېتىش ھەمدە ئورتا ئاسىيالىق مىللەتچى خادىملارنى تازىلاش مەقسەت قىلىنغان قاسىموپچىلار دېلوسىدىكى قارىلاشلاردىمۇ يۇقىرىقىدەك ئۇقۇملار بويىچە قارىلاشلاردىن پايدىلانغان ئىدى. پانتۇرانىزم بىلەن پانتۈركىزم ئۇقۇملىرى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئەنە شۇنداق داۋراڭ قىلىنىش ھالىغا كەلتۈرۈلۈۋاتقان بىر دەۋر بولغان 1930- يىلىنىڭ باشلىرىدا، رۇسىيە مۇھاجىرلىرىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان كرېنىسكى چىقىرىۋاتقان «دنى» ژۇرنىلى، زارېۋاندنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىتابىنى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ «تۈرتسيا ئى پانتۇرانىسم» دېگەن ماۋزۇ بىلەن ئېلان قىلىدۇ. بۇ كىتاب، ئەرمەنلەر نۇقتىسىدا پانتۇرانىزم كۆزقاراشلىرى تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنى تەشكىل قىلغان ئاساس − پانتۇرانىزم دەپ ئوتتۇرىغا قويماقتا ئىدى.
زارېۋاندنىڭ قارىشى بويىچە، تۈركىيە، دۇنيا خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن خەۋپلىك بىر كۆزقاراش ھېسابلىنىدىغان پانتۇرانىزم قارىشىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كاپكازىيەدىن تارتىپ كاسىپى دېڭىزىنىڭ نېرىقى قىرغىقىدىكى ئورتا ئاسىيانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تۈركىي رايونلارنى ئىشغال قىلىپ، چېگراسىنى تا موڭغۇلىيەگىچە كېڭەيتىشنى پىلانلىغانمىش. بۇنداق بىر ئەھۋال يۈز بېرىپ قالغۇدەك بولسا، كاپكازىيە ئەللىرى كۈچەپ مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن بۇ مىللەتچىلىكنىڭ تۇنجى قۇربانىغا ئايلىنىشى بىر مۇقەررەرلىك بولارمىش. شۇڭا، دۇنيا خەلقى بۇ خەۋپنى تونۇپ يېتىشى، بۇ خەۋپتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ھازىردىن باشلاپ ئېلىپ، تۈركىيەنىڭ پانتۇرانىزم ئىدىيىسىگە ئاساسلىنىپ سىياسەت تۈزۈپ چىقىشىغا يول قويماسلىق كېرەكمىش.
مەسىلىنىڭ بۇ شەكىلگە كەلتۈرۈلۈپ ياۋروپالىقلارغا تونۇتۇلىشى، سوۋېت ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن تازىلاشلارنى ياۋروپا جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلىپ كېلىۋاتقان تۈركىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان ئىدى. شۇڭا ئۇلار بۇ ئىشقا دەرھال رەددىيە بېرىشكە باشلايدۇ. مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادە بىلەن مۇستاپا چوقاي ئوغلى ئىككىسى پرومېتې ژۇرنىلىدا زارېۋاندنىڭ كىتابىنى تەنقىد قىلغان بىرەر پارچىدىن ماقالە ئېلان قىلىدۇ. چوقاي ئوغلى يازغان «تۇران دۆلىتى مەسىلىسى» دېگەن ماۋزۇلۇق ئۇزۇن ماقالىسىدە مۇستاپا كامال تۈركىيەسىنىڭ تۇرانچىلىق بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى، كاپكازىيىدىن تارتىپ ئورتا ئاسىياغىچە سوزۇلغان تۈركىي رايونلارنى تۈركىيە ئىشغال قىلىۋالماقچى دەيدىغان قاراشنىڭ ئۇچىغا چىققان ئەخمىقانە قاراش ئىكەنلىكىنى، پان تۇرانىزم بىلەن پانتۈركىزم دېگەندەك ئۇقۇملارنى رۇسىيە دائىرىلىرى ئىچكى سىياسەتلىرىدە ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ ئويدۇرۇپ چىققان بىر ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى، بۇ تۈردىكى ئۇقۇملار سوۋېت تەۋەسىدىكى تۈركىي مىللەتلىرىدىن بولغان مۇھىم كىشىلەرنى تازىلاشنىڭ بىر باھانىسى قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەمىلى مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىپ، مۇستاپا كامال تۈركىيەسىنىڭ ئاساسى دۆلەت سىياسىتىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن يىغىنچاقلاپ كۆرسىتىدۇ: “نى پانتۇرانىسم، نى پانتۈركىزم، مايس سىمپلېمېنت تۇركيۇسىزم، ۋويلا لې موت دئوردرې دې لا تۇركيې كونتېپورايىن” (تەرجىمىسى: تۈركىيە نە پانتۇرانىزم نە تۈركىزم يولىدا ماڭماقتا. ئۇلارنىڭ تاللىۋالغان يولى − پەقەتلا تۈركچىلىك يولىدۇر. مانا بۇ، ھازىرقى زامان تۈركىيەسىنىڭ تاللىۋالغان ئىجتىمائىي تۈزۈمىنى ئەڭ ئىخچام چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان جۈملىدۇر. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). چوقاي ئوغلى يەنە «دنى» ژۇرنىلىغا قارىتىپ بىر پارچە خەت يېزىپ، زارېۋاندنى يالغانچى، قالايمىقانچىلىق چىقارغۇچى دەپ ئەيىبلەيدۇ.
مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادە بولسا، ئىستانبۇلدىن ئەۋەتكەن ماقالىسىدە بىر تەرەپتىن زارېۋاندنىڭ كىتابىنى تەنقىدلىگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن «دنى» ژۇرنىلىدا ئەرمەنلەرگە يان بېسىپ ماقالە يازغان كرېنىسكى بىلەن كوندكارياننىڭ نەزەرىيىسىگە رەددىيە بېرىدۇ.
ماقالىسىدە ئەرمەنلەرنىڭ خاتا يولدا كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن رەسۇلزادە، ئەگەر ئەرمەنلەر ھوشىنى تېپىۋالمايدىكەن، ئۇلارنىڭ بېشىغا يېڭى- يېڭى بالاسى ئاپەتلەر ياغىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدى. روسۇلزادە «پرومېتې » دە ئېلان قىلغان بۇ رەددىيە ماقالىسى بىلەن بۆلىدى قىلىپ قالماي، رۇس تىلىدا بىر پارچە رىسالىنىمۇ ئېلان قىلىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ئەرمەن سەپسەتىچىلىرى بىلەن پرومېتېدىكى تۈركىي گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا بىر قېتىملىق قەلەم كۈرىشى مەيدانغا كەلگەن ئىدى. مۇھاجىردىكى ئۇرۇس مەتبۇئاتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ژۇرناللىرىدىن بولغان كرېنسكىنىڭ «دنى» دېگەن ژۇرنىلى بىلەن مىليۇكوۋنىڭ «پوسلېدىنيا نوۋوستى» دېگەن ژۇرنىلى ئەرمەن ئاپتورلىرىنىڭ ئۆز كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلىۋېلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلماقتا ئىدى. دېگەندەك، «پوسلېدىنيا نوۋوستى» نىڭ 19- يانۋار سانىدا خاتىسوپ ئىسىملىك بىر ئاپتور ئۇلۇغ ئەرمېنىيە دېگەن بىر تېمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئەرمەنلەرنىڭ تۈركىيەدىن زېمىن تەلەپ قىلىش مەسىلىسىنى قايتا ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. كوندكاريان دېگەن يەنە بىر ئاپتورمۇ زارېۋاندنىڭ كىتابىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ پرومېتېچىلەرنى تۈركىيە بىلەن بىرلىشىۋېلىش خىيالى بار دەپ تەنقىد قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئەرمەن ئاپتورلار يەنە شۇ «دنى» ژۇرنىلىغا ماقالە يېزىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ پرومېتې تەركىبىدىكى تۈركىي گۇرۇپپىلىرىغا قارشى باشقا بىر تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. پرومېتېدىكى تۈركىي يېتەكچىلىرىنى تۈركىيەنىڭ كۇردلار سىياسىتىنى تەنقىد قىلماسلىقىنى باھانە قىلىپ مەھەممەد ئىمىن رەسۇلزادە، مۇستاپا چوقاي ئوغلى ۋە ئاياز ئىساقىينى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە سېتىلغان ئىشپىيونلار دەپ ئېلان قىلىدۇ.
چوقاي ئوغلى بىلەن رەسۇلزادە ئىككىسى بۇ تۈردىكى ماقالە ۋە قارىلاشلارغا پرومېتې ژۇرنىلىدىن پايدىلىنىپ رەددىيە بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، باش تەھرىر گۋازاۋا قاتارلىق بىر قىسىم گروزىنلار بۇ تۈردىكى ماقالىلەر كەلگۈسىدە قۇرۇلماقچى بولغان كاپكازىيە كونفېدىراتسىيىسى كۆزقاراشلىرىغا زىيانلىق دەيدىغان قاراشتا ئىدى. شۇڭا، گۋازاۋا پرومېتې ئەزالىرى قاتناشقان مەخسۇس بىر قېتىملىق يىغىندا بۇ مەسىلە ئۈستىدە قاتتىق تەنقىدلەپ كېلىپ، ئەرمەنلەرگە قارشى يېزىلىدىغان ماقالىلەرگە قەتئىي يول قويالمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلەيدۇ (مۇستاپا چوقاي ئوغلى، بۇ مەسىلىنى گۋارزاۋانىڭ ئىسمىنى ئاتىماي تۇرۇپ تەنقىدلەپ يازغان بىر پارچە ماقالىسىنى «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىدىمۇ ئېلان قىلدى. چوقاي ئوغلى ئەرمەن مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: “بىزگە ئەرمېنىيەلىك پائالىيەتچىلەر ئىنتايىن سەمىمىي ئىكەنلىكىنى، ئۇلار تۇتقان سىياسەتلەردە رۇسىيەگە قارىتا مەنپىي، تۈركىيەگە قارىتا مۇسبەت ئۆزگىرىش قىلغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان گروزىنلار بىلەن شىمالىي كاپكازىيىلىك كىشىلەر ئىدى. بۇ كىشىلەر، بىزنى ئەرمەنلەرنىڭ مىللىي سىياسەتلىرىدىكى بۇ تۈرلۈك ئۆزگىرىش قىلغانلىقىنى بۈگۈنگىچە بىلىنمەي كېلىۋاتقانلىقىغا ئەزەربەيجان مۇساۋاتچىلىرى يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلەر سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىغىمۇ بىزنى ئىشەندۈرمەكچى بولۇشتى.” … ت م ب يېتەكچىلىرى ئارىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە يېزىشقان خەت- ئالاقىلىرىدە بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىنتايىن تەپسىلىي توختالغان. … − ئا.ھ. ئىزاھاتى) رەسۇلزادە بىلەن چوقاي ئوغلى ئىككىسى بۇ تۈردىكى قاراشلارغا نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەققىدىكى نارازىلىقلىرى گىرۇزىن ژۇرنال باشقۇرغۇچىلىرىغا قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، كېيىنكى يىللاردا پرومېتې ژۇرنىلىدا ئەرمېنىيە مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ ئاپتورلارنىڭ يازغان ھەرقانداق بىر ماقالىسى كۆرۈلمەيدۇ. پەقەت 1933- يىلى (76- ساننىڭ 4- 7- بەتلىرىگە قارالسۇن. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) مىر ياقۇپ يازغان «ئەرمەنلەر مەسىلىسى» دېگەن ماۋزۇلۇق ماقالىسىنىڭ بىر بۆلۈمى بېسىلغان بولۇپ، داۋامى كېيىنكى سانلاردا بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بولۇشىغا قارىماي، بۇ ماقالىنىڭ ئاخىرى نېمە ئۈچۈندۇر بېسىلمىغان. يەنە بىر جەھەتتە پرومېتې ژۇرنىلىدا ئەرمەنلەر مەسىلىسى ھەققىدە ماقالە يازالمىغان چوقاي ئوغلى «ياش ئورتا ئاسىيا» نىڭ كېيىنكى ئۈچ سانىدا بۇ ھەقتىكى كۆزقاراشلىرىنى ئۇدا ئېلان قىلىۋالىدۇ.

ئورتا ئاسىيا- كاپكازىيە- ئۇكرائىنا دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى
«پرومېتې» ژۇرنىلى بىلەن پرومېتې ھەرىكىتىنىڭ پارىژ تەشكىلاتى ئىچىدىكى گروزىيىلىكلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكى، ئورتا ئاسىيالىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تۈركىي گۇرۇپپىلىرى، ھەتتا ئۇكرائىنالىقلارمۇ قاتتىق نارازى بولماقتا ئىدى. گىرۇزىيەلىك مۇساپىرلار فىرانسىيە بىلەن شۋېتسارىيەدىكى كۈچلۈك ئورنىغا تايىنىپ ژۇرنال باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىشىپ، پرومېتې ھەرىكىتىنىڭ پارىژدىكى پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىردىن- بىر كۈچكە ئايلىنىۋالغان ئىدى.
ئەسلىدە، ژۇرنال باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاقى تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ زىددىيەت بۇ ژۇرنال نەشرى قىلىنىشقا باشلىغان دەسلەپكى كۈنلەردىلا باشلانغان ئىدى. 1927- يىلىدىلا ژۇرنال رەھبىرى قىلىپ بەلگىلەنگەن گىرۇزىيەلىك گۋازاۋا بىلەن، بۇ ژۇرنالنىڭ لايىھىسىگە مەسئۇل بولغان جوسېف كاستاگننىڭ سابىق بۇخارا ئەمىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىرى، ھەمدە ت م ب ئەزالىرىنىڭ يازغان بىر قىسىم ماقالىلىرىنى بېسىشنى خالىماي كەلگەنلىكلىرى مۇستاپا چوقاي ئوغلى قاتارلىق ت م ب رەھبەرلىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك نارازى بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. بۇ ئىختىلاپلار كېيىنكى يىللاردىمۇ تۈزەلمەي ئەكسىنچە تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەن ئىدى. 1931- يىلى مۇستاپا چوقاي ئوغلى ت م ب باش سېكرېتارى مەجدىدىن دەلىلگە بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازغان ئىدى:
«پرومېتې» ژۇرنىلى كاۋكاز گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولغاچقا، شۇلارنىڭ نەشرى ئەپكارى ھېساپلىنىدۇ. ئۇكرائىنا بىلەن ئورتا ئاسىيا بۇ يەردە داستىخاننىڭ قوشۇمچە يېمەكلىرى ئورنىغا چۈشۈپ قالماقتا. ئەگەر بىز بۇ ئورگاندا ئاكتىپ ئورۇنغا ئېرىشتۈرۈلمەيدىغان بولساق،  سىز ماقۇل كەلسىڭىز بۇ پرومېتې دەيدىغان تەشكىلاتتىن چىقىپ كېتىمەن.
مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ خېتىدە يازغان بۇ جۈملىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ژۇرنال باشقۇرغۇچىلىرىدىن يالغۇز ئورتا ئاسىيالىقلارلا نارازى بولۇپ قالماستىن بەلكى ئۇكرائىنالىقلارمۇ ئۆزلىرىگە يېتەرلىك دەرىجىدە ۋەكىللىك قىلالمىدى دەپ نارازى بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. يەنە بىرەر يىل ئۆتكەندىن كېيىن يازغان بىر پارچە خېتىدە چوقاي ئوغلى بۇ ژۇرنالنى يەنە مۇنداق تەرىپلەيدۇ:
ئەپسۇسكى، «پرومېتې» ژۇرنىلى بىز ئويلىغىنىمىزدەك پرومېتې سېپىنى ئىپادىلىيەلمەي كەلمەكتە. ئەسلىدە بۇ كۈرەش سېپى رۇسىيەدىن قۇتۇلۇشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇكرائىنا، قىرىم، ئورتا ئاسىيا، كاپكازىيە ئەللىرى، ئىدىل- ئۇرال قاتارىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تەشكىل ھېسابلىناتتى. ئەمما بۇ ژۇرنال رەسمىي بىر كاپكازىيە كومىتېتىنىڭ ژۇرنىلى ھالىغا كەلتۈرۈلۈپ نەشرى قىلىنماقتا.
ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇنداق ئەھۋاللار تۈزىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە يىلدىن- يىلغا ناچارلىشىپ كېتىۋاتاتتى. ئەرمەنلەر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان كۈنلەردىن ئېتىبارەن گىرۇزىيەلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىپادىسى ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن بولغاچقا، بۇ ئىشنى ھەل قىلىشنىڭ باشقا يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. نەتىجىدە، 1933- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىر چارە تېپىلىدۇ. يەنى، گروزىيىلىكلەرنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشكە بولىدىغان تارماق تەشكىلدىن بىرنى قۇرۇپ چىقىش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. پرومېتې مەركىزىنىڭمۇ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ تەدبىر، 1934- يىلىنىڭ باشلىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشكە باشلىنىپ ئورتا ئاسىيا، كاپكازىيە ۋە ئۇكرائىنا دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلىدۇ. مەركىزى پارىژدا تۇرىدىغان بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىكىگە ئۇكرائىنالىق ئالېكساندر شۇلگىن، ياردەمچىلىكىگە ئورتا ئاسىيالىق مۇستاپا چوقاي ئوغلى، كاتىپلىقىغا ئەزەربەيجانلىق ئابباس ئەلىبەيلى تەيىنلىنىدۇ. بۇ كومىتېت، ئۇكرائىنا، ئەزەربەيجان، شىمالىي كاپكازىيە ۋە ئورتا ئاسىيا ھەرىكەتلىرىنىڭ رەئىسلىرى پەخرى ئەزا بولۇپ قاتناشتۇرۇلغان 11 كىشىلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىرى پرومېتې رەھبەرلىرىدىن بولۇش شەرتى بىلەن مەركەزدىن تەيىنلەنگەن ئىككى ئەزامۇ بۇ تەشكىلگە قاتنىشىدۇ (ئەزەربەيجان مىللىي كومىتېتىدىن ئىككى نەپەر، شىمالىي كاپكازىيىلىكلەردىن ئىككى نەپەر، گروزىيىلىكلەردىن ئىككى نەپەر، ئۇكرائىنالىقلاردىن ئىككى نەپەر بولۇپ جەمئىي 11 نەپەر ئەزاسى بار ئىدى − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
بۇ دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان كۈنىدىن ئېتىبارەن «ل.خوتېل ساۋانتېس» سالونلىرىدا پرومېتې ژۇرنىلى باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرغىنىدەك يىغىن ۋە ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا باشلايدۇ. مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق خاتىرە كۈنلىرى ياكى ئۆزىنىڭ يىللىق خاتىرە كۈنلىرىمۇ بۇ جەمئىيەت تەۋەسىدە خاتىرىلىنىپ تۇرۇلاتتى.
1935- يىلى 20- ماي كۈنى «مۇتۇئالىتە» سالونىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان پولشا داھىيسى مارشال پىلسۇدسكىنى ئەسلەش يىغىنى، بۇ دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئەنە شۇ تۈردىكى پائالىيەتلىرىدىن بىر  ئىدى.
بىر ھېسابتا كىچىك بىر پرومېتې تەشكىلاتى دەپ قاراشقا بولىدىغان بۇ دوستلۇق جەمئىيىتىگە ئىدىل- ئۇرال ۋە قىرىم مىللىي ھەرىكەتلىرىنىڭ كىرگۈزۈلمىگەنلىكى ھەيران قالارلىق بىر ئىش ئىدى. چوقاي ئوغلىنىڭ «ياش ئورتا ئاسىيا» دا ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىدىل- ئۇرال ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى ئاياز ئىساقى بىلەن قىرىم مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى جاپپار سېيىت ئەخمەت قىرىمئەر بۇ دوستلۇق جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، كومىتېتتىكى بىر قىسىم ئەزالار قوشۇلماسلىقى سەۋەبىدىن بۇ ئىلتىماسلار تاختىغا ئېلىپ قويۇلغان. بۇ ئەھۋالدىن ئىساق قاتتىق نارازى بولىدۇ، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئىدىل- ئۇرال ھەرىكىتىنىڭ بۇ يېتەكچىسى «يېڭى مىللىي يول» ژۇرنىلىدا بۇ دوستلۇق جەمئىيىتىنى پرومېتې تەشكىلاتىغا قارشى قۇرۇلغان بىر تەشكىلات دەپ باھالايدۇ.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتلەر جەمئىيىتىگە ئەزا بۆلىشى
1934- يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ خەلقئارا پائالىيەتلىرىگە قاتتىق تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر ئىش يۈز بېرىدۇ. 18- سېنتەبىر كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى «جەمئىيەتىي ئاقۋام» (مىللەتلەر جەمئىيىتى − ئا.ھ. ئىزاھاتى) غا ئەزا دۆلەت قىلىپ قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ ھادىسە، 1917- يىلقى بولشېۋىكلەر ئىنقىلابىدىن بېرى خەلقئارا سەھنىلەردە قارشى تۇرۇپ كېلىنگەن سوۋېت تۈزۈمىنى قانۇنلۇق دەپ تونۇغانلىق ھەمدە بۇ تۈزۈمنىڭ مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكىنى تەستىقلىغانلىق ھېسابلىناتتى. سوۋېتلەرگە قۇل بولۇپ قالغان مىللەتلەرنىڭ تاشقى دۇنيادىكى مىللىي پائالىيەتچىلىرى نۇقتىسىدىن ئالغاندا بۇ ئەھۋال مۇنداقمۇ مەنىلەرگە ئىگە ئىدى: بىرىنچىسى، سوۋېت تۈزۈمىنىڭ ۋاقىتلىق بىر ھادىسە ئىكەنلىكى، بۇ سىستېمىنىڭ پات يېقىندا چوقۇم يىمىرىلىپ كېتىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچ ئاساسەن يوقالغان ھېسابلىناتتى. بۇ ئىشنىڭ تېخىمۇ مۇھىم تەرەپلىرىدىن بىرى شۇكى، بۇندىن كېيىن مىللىي ھەرىكەت پائالىيەتلىرىنىڭ پائالىيەت سورۇنلىرى كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ كېتىشىدىن بېشارەت بېرەتتى. دەرۋەقە، ھېچقانداق بىر دۆلەت پەۋقۇلئاددە سەۋەب كۆرسەتمەي تۇرۇپ مىللەتلەر جەمئىيىتىگە ئەزا يەنە بىر دۆلەتكە قارشى قانات يايدۇرۇلىدىغان بىرەر پائالىيەتكە ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىپ ياردەم قىلالمايتتى. مۇنداق ئېيتقاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتلەر جەمئىيىتىگە ئەزا قىلىپ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن تەڭ، مۇساپىرلار ھەرىكىتى بىلەن ئۇلارنىڭ خادىملىرى بۇ جەمئىيەتكە ئەزا بولغان بىر دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە قارشى كۈرەش قىلىدىغان بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەت ۋە بۆلگۈنچى داھىي ھالىغا چۈشۈپ قالغان ھېسابلىناتتى.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ پرىنسىپلار، بولۇپمۇ پرومېتې ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مىللىي خادىملارغىلا قارىتىلغان ھېسابلىناتتى. بۇ ئىشتىن كېيىن، پرومېتې ساھەسى بويىچە باشلىتىلغان بىر قىسىم پائالىيەتلەر بۇرۇنقىدەك ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىش رولىنى يوقىتىدۇ. بۇلاردىن بىرى، بەلكى ئەڭ تىپىك مىسال 1928- يىلى پارىژدا قۇرۇلغان كاپكازىيە مۇستەقىللىق جەمئىيىتىنى بىر كونفىدراتسىيە ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش لايىھىسى ئىدى. 1933- يىلى بويىچە پولشالىق پروفېسسور جۇلىيان ماكوۋسكى ئاساسىنى لايىھىلەپ چىققان بۇ پىلان، 1934- يىلى 14- ئىيۇل كۈنى برۇكسېلدە ئېلان قىلىنغان بىر خۇلاسە دوكلاتىغا ئاساسەن كاپكازىيە كونفىدراتسىيىسى دېگەن نام بىلەن ئىشقا كىرىشتۈرۈلمەكتە ئىدى (بۇ كونفېدراتسىيىنى قۇرۇپ چىقىش ھۆججىتىنى ئەزەربەيجانغا ۋاكالىتەن مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادە بىلەن ئېلى مەردان توپچىبېشى، شىمالىي كاپكازىيەگە ۋاكالىتەن م. گىرېي سۇنچ، ل. چۇلىك، ت. چاقماق، گىرۇزىيەگە ۋاكالىتەن بولسا نوي جوردانىيا بىلەن ئاكاكى چەنكەلى قاتارلىق كىشىلەر قول قويۇشقان ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). سىياسىي جەھەتتە ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە ۋە شىمالىي كاپكازىيە قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كونفىدراتسىيە بىر كومىسسارلىق تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ، ئەزا بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئەسكەر چىقىرىشى بىلەن بىرلا مەركەزگە قارايدىغان كونفىدراتسىيە ئارمىيىسى قۇرۇلۇشى پىلانلانغان ئىدى. مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن ئەرمېنىيە ۋاكالەتچىلىرىمۇ بۇ لايىھىگە كىرگۈزۈلۈشى پىلانلانغان ئىدى. بۇ ئورگان 1935- يىلى تەشكىل قىلىنغان بىر قېتىملىق يىغىندا كاپكازىيە مۇستەقىللىق كومىتېتى ئورنىنى يېڭى قۇرۇلغان كاپكازىيە كونفىدراتسىيىسى شۇراسىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندەك قىلسىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتلەر جەمئىيىتىگە ئەزا قىلىپ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن تەڭ، بۇ لايىھىنىڭ خەلقئارالىق ياردەملەر بىلەن ئۇنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش ئىمكانىيىتىنى ئاساسەن يوق دېيەرلىك ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى (مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئارپىسىدا، يەنى 1940- يىلى، ئەرمەن ۋەكىللىرىنىڭمۇ بۇ تەشكىلاتقا كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
سوۋېتلەرگە قارشى ھەرىكەتنىڭ مىللىي خادىملىرى مىللەتلەر جەمئىيىتىنىڭ قارارلىرىغا قارىتا ھېچقانداق ئىش قولىدىن كەلمەيتتى. شۇنداقتىمۇ قولىدىن كېلىدىغان بىردىن- بىر ھۈنىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋېلىشتى: جەنىۋەدىكى مىللەتلەر جەمئىيىتىنىڭ مەركىزى ئورگىنىغا بىر پارچە نارازىلىق بىلدۈرۈش خېتىنى تاپشۇرۇشتى. بۇ خەتتە سوۋېتلار تەرىپىدىن يولغا قۇيۇلۇۋاتقان بېسىملار بىلەن زۇلۇملار تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، سوۋېت تۈزۈمىنىڭ بىر دېموكراتىيە دۈشمىنى ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن ئىدى. بۇ خەتتە يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ، قول ئاستىدىكى قۇل قىلىنغان مىللەتلەر نامىدا سۆز قىلىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقى ئالاھىدە تەكىتلەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ نارازىلىق خېتى، سىلەر ئەزا قىلىپ قوبۇل قىلغان دۆلەت ئەنە شۇنداق بىر دۆلەتتۇر دەپ تاماملىنىدۇ (1934- يىل 18- سېنتەبىر كۈنى، جەمئىيەتنىڭ 15- ئاسامبىل رەئىسى مۆسيۆ سانديېرگە تاپشۇرۇلغان بۇ نارازىلىق خېتىگە ئەزەربەيجانلىق مىر ياقۇپ مەھتىيېۋ، ئۇكرائىنالىق ئا. شۇلگىن، ئورتا ئاسىيالىق م. چوقاي ئوغلى قاتارلىقلار قول قويغان ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).

مارشال پىلسۇدسكىنىڭ ۋاپاتى
پرومېتې ھەرىكىتىنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسچىسى ۋە ئەڭ چوڭ سىياسىي، مالىيە ياردەمچىسى مارشال پىلسۇدسكى 1935- يىلى 12- ماي كۈنى ۋاپات بولىدۇ. پىلسۇدسكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ياۋروپادا باش كۆتۈرۈپ چىققان ناتسىستىزمنىڭ پولشاغا كەلتۈرىدىغان بالايىئاپەتلەرنى ئالدىنئالا مۆلچەرلەيدۇ ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى. گېرمانىيەدە ناتسىستلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققاندىن كېيىن، ھىتلېر ۋېرساي شەرتنامىلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ قوراللىنىش مۇسابىقىسىنى باشلىغان ۋاقتىدا، پىلسۇدسكى فىرانسىيەگە گېرمانىيەگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقداش بولۇش ھەققىدە بىر تەكلىپ سۇنىدۇ. فىرانسىيە بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلمىغاندىن كېيىن، ھىتلېر بىلەن 10 يىللىق ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمىنى تۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پىلسۇدسكى يەنە بىر دۈشمىنىنىمۇ ئېسىدىن چىقارمىغان بولۇپ، بۇ دۈشمىنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىدى. بۇ دۈشمىنى بىلەنمۇ بىر كېلىشىم تۈزۈشۈپ، پولشا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى 1945- يىلغىچە ئۇزارتىۋالغان ئىدى.
مۇساپىر ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى بېلۋېدېر سارىيىدا پىلسۇدسكىنىڭ مېيىتىنى زىيارەت قىلىشتى. كاپكازىيە مۇساپىرلىرى 1935- يىلى 14- ماي كۈنى ۋارشاۋادىكى بىر قېتىملىق يىغىنىدا “كاپكازىيە  ئۆمىكى نامىدا مارشالنىڭ تاۋۇتىغا مىللىي بايرىقىغا سىمۋول قىلىنغان كۈمۈش رەڭلىك بىر گۈلچەمبىرەك قويۇلىدۇ” دەپ بېكىتىشكەن ئىدى. مارشالنىڭ تاۋۇتى 17- ماي كۈنى كراكوۋغا ئېلىپ مېڭىلغاندا تەشكىللەنگەن دەپىنە مۇراسىمىدا پرومېتې گۇرۇپپىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ مۇراسىم سېپىغا قوشۇلغان ئىدى. 20- ماي كۈنى، كاپكازىيە، ئورتا ئاسىيا ۋە ئۇكرائىنا دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن پارىژدا كەڭ كۆلەملىك پىلسۇدسكىنى ئەسلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن شۇنىڭغا ئوخشاش بىر مۇراسىم ۋارشاۋادىكى شەرق ئىنستىتۇتىنىڭ يىغىن زاللىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ ۋاقىتتا پرومېتې گۇرۇپپىلىرىنىڭ ژۇرناللىرىدىمۇ پىلسۇدسكىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ماقالىلەر ئېلان قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە «پرومېتې» ژۇرنىلىنىڭ 1935- ي ىلى ماي ئېيىدا چىقىرىلغان 102- سانىمۇ پۈتۈنلەي پىلسۇدسكىگە ئاتىلىدۇ («پرومېتې» ژۇرنىلىنىڭ پىلسۇدسكىغا ئاتالغان سانىدا ئۇنىڭ ھاياتى ۋە دەپىنە قىلىش مۇراسىمى تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، گىرۇزىيە، ئەزەربەيجان، شىمالىي كاپكازىيە ۋە ئۇكرائىنا مىللىي ھەرىكەتلىرى نامىدا گۋازاۋا، مىر ياقۇپ، ج. چۇلىك ۋە ئا. شۇلگىنلارنىڭ بىرەردىن ماقالىسى بېسىلىدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاقىنىڭ ۋاكالەتچىسى چوقاي ئوغلىنىڭ پىلسۇدسكى ئۈچۈن «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدىكى تۆۋەندە ئۈزۈندى كەلتۈرۈلگەن بىر ئابزاس، سوۋېتلەرگە قارشى بارلىق مۇساپىرلار ھەرىكىتىنىڭ ھېسسىياتى بىلەن كۆزقاراشلىرىنى ئىپادىلەپ بەرمەكتە:
چۈنكى، پىلسۇدسكى ئۆز خەلقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان جەڭچىلەر ئارىسىدا ئەڭ داڭلىق نەمۇنىسى بولۇپلا قالماستىن، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا رۇسىيە جاھانگىرلىكىنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا كۆرسەتكەن چوڭقۇر ھۆرمىتىنى قىلچە يوشۇرماي ئاشكارا ئىپادىلىيەلىگەن بىردىن- بىر دۆلەت رەھبىرى ئىدى. پىلسۇدسكى، سوۋېت رۇسىيەسى بىلەن شەرتنامە تۈزگەن ۋاقتىدا سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ چېگراسى ئىچىدە قالغان تۇپراقلارغا قارىتا ھۆكۈمەت ياكى تەشكىلات نامىدا ھەق تەلەپ داۋاسى قىلىۋاتقان گۇرۇپپىلارنى ۋەتىنىگە كىرگۈزمەسلىك ھەققىدىكى ماددىسىنىڭ شەرتنامە ئورىگىنالىغا كىرگۈزۈلۈشىگە ئوچۇق- ئاشكارا قارشى چىققان بىر دۆلەت رەھبىرى ئىدى.
1935- يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا، پىلسۇدسكىنىڭ جەسىتىنى خاتىرە سارىيىغا كۆچۈرۈش يۈزىسىدىن يەنە بىر قېتىملىق دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. كاپكازىيە مۇساپىرلار ساھەسىدىكىلەر پولشالىقلارنىڭ ئۇلۇغ داھىيسى مارشال پىلسۇدسكىغا بولغان ھۆرمەت بىلدۈرۈش بۇرچىنى ئۆتەش مەقسىتىدە بارلىق گۇرۇپپىلارنىڭمۇ كراكوۋغا بېرىشى لازىم دەيدىغان بىر قارار ماقۇللىشىدۇ. ئەزەربەيجان، شىمالىي كاپكازىيە ۋە گىرۇزىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىگە ۋەكىل بولۇپ ئەزەرتېكىن، بايتۇغان ۋە ئىمنادزە، كاپكازىيە كونفىدراتسىيىسى شۇراسى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن كاپكازىيە توپىسىنى ئېلىپ خاتىرە سارىيى قەبرىسى ئۈچۈن ياسالغان دۆڭگە تۆكۈشىدۇ. ئاندىن قۇتىنىڭ ئۈستىگە تۆۋەندىكى جۈملىنى يازىدۇ:
«ئۆز ئازادلىقى يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان كاپكازىيە (ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە ۋە شىمالىي كاپكازىيە) ئەۋلادلىرىدىن لېخىستاننىڭ ئۇلۇغ قۇرغۇچىسى ھەم رەئىسىگە»
پرومېتې ۋاكالەتچىلىرىنىڭ پىلسۇدسكىغا مۇناسىۋەتلىك يىل خاتىرە كۈنى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان مۇراسىملار گېرمانىيە پولشانى ئىشغال قىلىۋالغان يىللارغىچە داۋاملىشىدۇ. يەنە بىر جەھەتتە، پىلسۇدسكىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان رەئىس ئىگناتى موسسىسكى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پولكوۋنىك بېك، پولشانىڭ پرومېتې تەشكىلاتىغا بېرىپ كەلگەن ياردىمىنى بۇرۇنقىدەك داۋاملاشتۇرىدۇ.

كومىنتېرىن قارارلىرى ۋە ياۋروپا سوتسىيالىزمدىكى ئۆزگىرىشلەر
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتلەر جەمئىيىتىگە ئەزا بولغانلىقىغا قارشى سادالار تېخى بېسىقماي تۇرۇپ، 1935- يىلى كومىنتېرىن (كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال − ئا.ھ. ئىزاھاتى) 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ بىرىنچى ئورۇندىكى ۋەزىپىسى قىلىپ فاشىزمنى مەغلۇپ قىلىش دەپ ئېلان قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، كوممۇنىستلار بۇندىن كېيىن مۆتىدىل سوتسىيالىستلار ۋە لىبېرال ساھەسىدىكى كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ فاشىزمغا قارشى خەلق سەپلىرىنى تەشكىل قىلالايدىغان ھالغا كېلىدىغان بولىدۇ. بۇ ئۆزگىرىش سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە تۈپكى بىر ئۆزگىرىش ياسىلىدىغانلىقىنىڭ بىر ئىشارىتى ئىدى.
كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇلغان كۈنلەردىن بېرى مۆتىدىل سوتسىيالىستلار كوممۇنىزمغا قارشى ئۇنسۇرلار دەپ قوبۇل قىلىپ كېلىنگەن بولۇپ، ئۇنداقلارنى پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن تازىلىۋېتىش تەلەپ قىلىناتتى. ھەتتا كومىنتېرىننىڭ 1928- يىلى چاقىرىلغان 6- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ستالىن ئوتتۇرىغا چىقىپ تېخىمۇ سولچىل بىر يولنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۆتىدىل سوتسىيالىستلارنى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمىنى دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
كومىنتېرىننىڭ 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا قوبۇل قىلىنغان قارارلار بويىچە ياۋروپادىكى كوممۇنىستىك پارتىيىلەر سوتسىيالىست پارتىيىلەرگە قارىتا بىر سەپتە تۇرۇپ ھەمكارلىشىش پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ. ھەتتا گېرمانىيەدە ۋېيمار جۇمھۇرىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەرىكىتى جەريانىدا ناتسىستلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقان ئىدى. ئەمما ناتسىستلار ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىپلا كومپارتىيىنى تارقىتىۋېتىپ، كوممۇنىزمنى بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىدۇ.
كومىنتېرىننىڭ 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئالغان قارار بىلەن بىرگە، سوۋېت تاشقى سىياسىتى جەھەتتە يولغا قويۇلغان ئۆزگىرىشلەر دەرھال ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلىنىدۇ. فرانسىيەدە كوممۇنىستلار پارتىيىسى مۆتىدىل سوتسىيالىستلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ خەلق فرونتى ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەشكە قېتىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ياۋروپادىكى دېموكراتىك ئەللەردە شۇ ۋاقىتقا كەلگۈچە ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان كوممۇنىزم دۈشمەنلىكى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قورقۇش تۇيغۇلىرى ئورنىغا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش قاراشلىرى ئالماشتۇرۇلىدۇ، كوممۇنىزمچىلار فاشىزمغا قارشى بىرلىكسەپنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى ھالىغا ئايلىنىدۇ. بۇ تۈردىكى ئۆزگىرىشلەر ئاساسى جەھەتتىن سوتسىيال دېموكراتىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان پرومېتې گۇرۇپپىسىغا ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ ياۋروپادىكى تۇتقان ئورنىغا قاتتىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتلەر جەمئىيىتىگە ئەزا بولغىنىدىن كېيىن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ رەسمىي ياردەملىرىدىن مەھرۇم قالغان پرومېتې تەشكىلاتى، كومىنتېرىن قارارلىرىدىن كېيىن بولسا، مۆتىدىل سوتسىيالىستلار مۇھىتىدىمۇ چەتكە قېقىلىشقا باشلانغان ئىدى. كومىنتېرىن قارارلىرى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر بىلەن تەڭ، پرومېتېچىلەر ياۋروپادىكى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرى بولۇپ كېلىۋاتقان سوتسىيال دېموكراتىك تەشكىلاتلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ.
بۇ ھادىسىلەردىن كېيىن، ياۋروپا ئەللىرىدىكى كوممۇنىزمغا قارشى ھەرىكەتلەر چېكىدىن ئاشقان ئوڭچىل ئۇنسۇرلارنىڭ قولىغا قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سەۋەبى بىلەن بىردىن- بىر ئورتاق نۇقتىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھەمدە كوممۇنىزمغا قارشى تۇرۇش بولغان پرومېتېچىلەر تەشكىلاتلىرى بىلەن ياۋروپادىكى رادىكال ئوڭچى ئۇنسۇرلار ئوتتۇرىسىدا ھەر ئىككىلا تەرەپ چىن قەلبىدىن تازا خالاپ كەتمەيدىغان بىر سەپتە تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. دېگەندەك، ئۇ يىللاردىكى «پرومېتې» ژۇرناللىرى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىنغىنىدا، ژۇرنالغا بېسىلغان چۈشەندۈرۈشلەردە فىرانسىيە ئوڭچىلىرىنىڭ ژۇرناللىرىدىن ئېلىنغان نۇرغۇنلىغان نەقىللەرنى ئۇچراتقىلى بولىدىغان ۋەزىيەتنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، پرومېتې ژۇرنىلىدا فىرانسىيە ئوڭچىلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر قىسىم ماقالىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىر قىسىم مۇساپىرلارمۇ «ژې سيس پارتوۋت» قا ئوخشاش ئوڭچىلارغا تەۋە ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىشقا باشلىغانلىقىمۇ كۆرۈلىدۇ.

رۇسىيەگە قۇل قىلىنغان تۈركىي ئەللەر بىرلىكسېپىنىڭ قۇرۇلۇشى
پرومېتې تەشكىلاتى تەركىبىدە يېتەرلىك دەرىجىدە ئاكتىپ رول ئالالمايۋاتقانلىقىدىن رەنجىپ يۈرگەن تاشقى تۈركىي يېتەكچىلىرى، ئۇزۇندىن بېرى تۈركىي قېنىدىن بولغان تەشكىلاتلارنىلا يىغىپ بىر فرونت تەشكىل قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە تالاش- تارتىش قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنداق بىر سەپ تەشكىللەش پانتۈركىزم بوھتانلىرىغا قېلىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇنداق بىر تەنقىدكە قېلىش يەنە كېلىپ تۈركىيە ئۈچۈن قىيىنچىلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئويلايدىغان بەزى يېتەكچىلەر دەسلىپىدە بۇنداق بىر تەشكىللىنىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش پوزىتسىيىسىدە بولغان ئىدى. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «جەمئىيەتئى ئاقۋام» غا قوبۇل قىلىنىشى، تۈركىيەنىڭ ياۋروپادا بېسىلىۋاتقان مۇساپىرلار ژۇرناللىرىنى تۈركىيە تەۋەسىگە كىرىشىنى چەكلىشى قاتارىدىكى بەزى ھەرىكەتلەر، بارلىق تۈركىي قېنىغا مەنسۇپ مۇساپىر تەشكىلاتلىرىنى ئورتاق مەنپەئەت ئېتىراپىغا بىرلەشتۈرۈشنىڭ بەكلا مۇھىم بىر ئىش ئىكەنلىكىنى تونۇتۇشقا باشلىغان ئىدى.
ۋەكىللەر، 1936- يىلى ئاپىرىل ئېيىدا پارىژغا كېلىپ يىغىن ئاچىدۇ. بۇ يىغىنغا ئىدىل- ئۇرالغا ۋاكالىتەن ئاياز ئىساقى، شىمالىي كاپكازىيەگە ۋاكالىتەن مەھەممەت گىراي بىلەن مىر ياقۇپ مەختىيېۋ، ئەزەربەيجانغا ۋاكالىتەن مەھەممەت ئىمىن رەسۇلزادە بىلەن مۇستاپا ۋەكىلى، قىرىمغا ۋاكالىتەن جاپپار سىيىت ئەخمەت قىرىمئەر، ئورتا ئاسىياغا ۋاكالىتەن چوقاي ئوغلى قاتنىشىدۇ.
17- ئاپرېلدا باشلانغان بۇ يىغىن، مەخسۇس مۇزاكىرە يىغىنلىرى بىلەن 26- ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدۇ. يىغىن ئاخىرىدا «رۇسىيەگە قارام قىلىنغان تۈركىي ئەللەر بىرلىكسېپى» نامىدا ئورتاق بىر تەشكىلات قۇرۇپ چىقىش قارارى ئېلىنىدۇ. بۇ بىرلىكسەپنىڭ رەئىسلىكىگە جاپپار سېيىت ئەخمەت قىرىمئەر، باش سېكرېتارلىقىغا مۇستاپا چوقاي ئوغلى تەيىنلىنىدۇ. بۇ كىشىلەر ئۆز ۋاقتىدا يەنە قىرىم بىلەن ئورتا ئاسىيانىڭمۇ ۋاكالەتچىلىرىدىن ئىدى. ئەزەربەيجانغا مەھەممەت ئىمىن روسولزادە، شىمالى كاپكازىيەگە مەھەممەت گىراي ۋە ئىدىل- ئۇرالغا بولسا ئاياز ئىساقى ۋاكالەتلىك قىلىدىغان بولىدۇ.
يىغىن ئاخىرىدا 6 ماددىلىق بىر ئورتاق قارار تەييارلىشىپ ھەممە بىرلىكتە قول قويۇشىدۇ. بۇ قارارغا ئاساسەن، بارلىق گۇرۇپپىلار بىر- بىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشىپ، بۇ جەھەتتە بىر- بىرىگە ياردەملىشىدىغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن (1- ماددا)؛ بىرلىكسەپكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر سايلانغان ھەرقايسى گۇرۇپپا يېتەكچىلىرىنىڭ نۆۋەت بويىچە چاقىرىدىغان يىغىنلىرىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بولىدۇ. بىرلىكسەپنىڭ ھەمكارلىقلىرى مەركىزى ئورگاندىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرىغىچە كېڭەيتىلىدىغان بولىدۇ. ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ نەشرى ئەپكارلىرى باشقا تەشكىلاتلار بىلەن ئۇلارنىڭ قانات يايدۇرىدىغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۆزئارا خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرۇلىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە بىرلىكسەپ پرومېتې تەشكىلاتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ (4- ماددا)؛ كاپكازىيە كونفىدراتسىيىسى مۇۋاپىق كۆرۈلگەن بولۇپ، ھەرقايسى گۇرۇھتىكىلەرنىڭ نەشرى ئەپكارلىرى بۇ ئورگاننىڭ خىزمەتلىرىنى قوللايدۇ (5- ماددا).
(رەسىم ئورنى)
رۇسىيەگە قۇل قىلىنغان تۈركىي ئەللەر بىرلىكسېپى يىغىنىغا قاتناشقان يېتەكچىلەر
ئالدىنقى رەت سول تەرەپتىن: مىر ياقۇپ مەختىيېۋ، جاپپار سىيىت ئەخمەت قىرىمئەر، ئاياز ئىساقى، مەھەممەت ئىمىن روسۇلزادە؛ كەينىدە ئۆرە تۇرغانلار سولدىن: مۇستاپا چوقاي ئوغلى، مەھەممەت گىراي، مۇستاپا ۋەكىلى. پارىژ، 1936.  (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)
بۇ بىرلىكسەپنىڭ تەشكىل قىلىنىشى، سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن بۇيان بۇ دۆلەتكە ۋە كوممۇنىزم ئىدىيىسىگە قارشى كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان تۈركىي ئېرىقىدىن بولغان تەشكىلاتلارنىڭ تۇنجى قېتىم بىر ئېتنىك ئاساسقا تايىنىپ تەشكىللىنىش يولىغا كىرگەنلىكى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھەقىقەتەن مۇھىم بىر ئىش ئىدى. ئۇلار بۇ قىلغانلىرىدىن سوۋېتلار دائىرىسىنىڭ داۋراڭ قىلىدىغانلىقىمۇ ئۇلارغا مەلۇم ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە بۇنداق بىر تەشكىلاتقا ئۇيۇشۇش ياۋروپا ئەللىرىنىڭمۇ سوغۇق مۇئامىلە قىلىشىغا دۇچ كېلىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. شۇڭا، بۇ يىغىن ۋە ئۇنىڭ قارارلىرى مەخپىي ساقلانغان، ھەتتا پرومېتې ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىنمۇ سىر تۇتۇلغان ئىدى.
«پرومېتې» ژۇرنىلىنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىشى
1937- يىلىنىڭ كىرىشى بىلەن، «پرومېتې» ژۇرنىلىغا مۇناسىۋەتلىك كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ھەرقايسى ئەزالارنى بەكلا نارازى قىلىدىغان بىر ئىشقا ئايلانغان ئىدى. يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغاندەك، رۇسىيەگە قارام قىلىنغان تۈركىي ئەللەر بىرلىكسېپىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىدا بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، «پرومېتې» ژۇرنىلىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش لازىم دەيدىغان ئورتاق خۇلاسىگە كېلىنگەن ئىدى. ئەسلىدە، ئورتا ئاسىيالىقلار بىلەن «پرومېتې» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىراتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر بۇ ژۇرنال نەشرى قىلىنىشقا باشلىغان دەسلەپكى يىللاردىلا باشلانغان دېيىشكە بولاتتى.
1935- يىلىغا كەلگىنىدە، مۇستاپا چوقاي ئوغلىنى بۇ ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىدىكى “ئورتا ئاسىيا” دېگەن سۆزنى چىقىرىپ تاشلاڭلار دەپ تەلەپ قىلغۇدەك دەرىجىگىمۇ كەلتۈرگەن ئىدى. بۇ ئىشتا مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرىغا قوشۇلماي كەلگەن ت م ب مەركىزىمۇ بۇ ئىشقا ئارىلىشىشقا باشلايدۇ. ت م ب رەئىسى ئوسمان غوجا ئوغلى يازغان بىر پارچە خېتىدە ياۋروپا ۋاكالەتچىسى مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ بۇ پىكرى قاتتىق تەنقىد قىلىنىدۇ:
1935. 6. 24 كۈنى يازغان خېتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئەمما سىزدىن زادىلا كۈتمىگەن بىر سۆزنى قىلغانلىقىڭىزنى يېزىپسىز: “تۈنۈگۈن پرومېتېگە خەت يېزىپ، مەجمۇئەنىڭ مۇقاۋىسىدىكى ئورتا ئاسىيا دېگەن سۆزنى ئېلىپ تاشلاڭلار دەپ تەلەپ قىلدىم” دەپسىز. بۇ ئىشىڭىزغا قارىتا سەپداشلىرىمىز ھەقلىق رەۋىشتە “بىر ۋاكالەتچىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەۋقۇلئاددە بىر ئىشلاردا قانداقلارچە مەركەزدىن بىرەر بۇيرۇق ياكى يوليورۇق ئالماي تۇرۇپ بۇنداق بىر قارار ئېلىشقا يول قويالىشى مۇمكىن” دېيىشىپ كەتتى.
تەخمىنەن ئىككى يىلدەك ۋاقىتتىن بېرى سىز پرومېتېگە بىرمۇ ماقالە يېزىپ باقمىدىڭىز. بۇ ھەقتە سىز كۆرسەتكەن باھانىلەرگە ئاساسلىنىپ بىزمۇ گەپ قىلماي جىم يۈرۈۋەرگەن ئىدۇق. ھەتتا بەزى ساقلانغان مەسىلىلەردە سىز تەرەپ بولۇپ سىزنى قوغداپ كەلگەن ئىدۇق. بىزگىمۇ مەلۇم بولماقتىكى، بۇ بۇ ئارىدا چوقۇم بىر گۇناھكار تەرەپنىڭ بارلىقى ئېنىق. ئەمما گۇناھكار تەرەپ ھەرگىز مەجمۇئە بولالمايدۇ. بۇ ئىشتىكى خاتالىق سادىر قىلىۋاتقان كىشى ئۇ ژۇرنالدا خىزمەت قىلىدىغان بىرەر كىشىلا بۆلىشى مۇمكىن (گۋازاۋانى دېمەكچى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). شۇنىسى ئايانكى، پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلىغىلى بولمايدۇ (ئەسلى ئورىگىنالدا: بۈرگىنىڭ ئاچچىقىدا يوتقاننى ياققىلى بولماس، دەپ ئېلىنغان. −ئۇ.ت). بۇنداق بۇيرۇقۋازلىق قىلىش توغرا ئەمەس. كېرەكلىك يەرلەرگە مەزكۇر مەجمۇئەنىڭ مۇقاۋىسىدىكى ئورتا ئاسىيا سۆزىنى چىقىرىپ تاشلىماسلىق ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى. سىزمۇ ھازىرچە بۇ ھەقتە بىر نېمە دېمەي جىم بولۇڭ. بۇ ئىشنى چوڭايتىپ چىڭ تۇرۇۋېلىش توغرا ئەمەس.
بۇ ژۇرنال تەھرىراتى ھەققىدە يالغۇز ئورتا ئاسىيا گۇرۇپپىسىدىكىلەرلا دەرد تۆكۈۋاتقان ئەمەس ئىدى. بۇ ژۇرنالنى باشقۇرۇشتا گوروزىيىلىكلەرنىڭلا مۇھىم ئورۇندا تۇرۇۋېلىشىدىن قالغان تۈركىي تەشكىلاتلىرىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى. شۇڭا، پرومېتې ژۇرنىلى ھەققىدىكى بۇ مەسىلە رۇسىيەگە قۇل قىلىنغان تۈركى ئەللەر بىرلىكسېپى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇنازىرە قىلىنىدۇ. چوقاي ئوغلى يىغىندىن كېيىن ت م ب مەركىزىگە يوللىغان خەتتە، پرومېتې ژۇرنىلىنى قايتىدىن تەرتىپكە سالغاندىن كېيىن ئاندىن نەشرى قىلىنىشى ھەققىدە ۋارشاۋاغا بېسىم ئىشلىتىشىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما پرومېتې ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ قايتا رەتكە سېلىنىش ئىشى بۇنىڭدىن نارازى بولۇۋاتقان تۈركىي تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى 1937- يىلى فېۋرالدا بۇ ژۇرنالدا بېسىلغان بىر ماقالە سەۋەبىدىن يۈز بېرىدۇ.
پرومېتې ژۇرنىلىنىڭ 133- سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا تۈركىيە بىلەن گىرۇزىيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرالارنى بېكىتكەن قارس شەرتنامىسى بىلەن بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن قايتا سىزىلغان تۈركىيە- گروزىيە چېگراسى مۇنازىرە قىلىنغان بولۇپ، تۈركىيە چېگرالىرى ئىچىدە قالغان ئارداخان بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بەزى جايلارنىڭ گىرۇزىيەگە تەۋە يەرلەر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. پرومېتې تەۋەسىدىكى تۈركىي گۇرۇپپىسىدىكىلەر بۇ ماقالىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشىدۇ. «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلى بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە سەزگۈر پوزىتسىيە تۇتقان بولۇپ، ت م ب نىڭ پرومېتې ژۇرنىلى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى رەت قىلىشقىچە بېرىپ يەتكەن ئىدى:
پرومېتېنىڭ 133- (ئايلىق) سانىدا تۈركىيە بىلەن كاپكازىيە چېگرالىرى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بىر قارار سەۋەبىدىن، ئورتا ئاسىيالىق كىتابخانلىرىمىز تەرىپىدىن “مۇقاۋىسىدا ئورتا ئاسىيا ئىسمى يېزىلغان پرومېتې مەجمۇئەسى ئۈچۈن ت م ب (يەنى ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاقى)  ياكى بولمىسا بىر قىسىم ئورتا ئاسىيالىقلار بۇ ئىشتا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟” دېگەندەك سوئاللارنى بېرىشمەكتە. بىز بۇنىڭغا تۆۋەندىكىچە جاۋاب بېرىمىز:
پرومېتې مەجمۇئەسى ئۈچۈن مەيلى ت م ب بولسۇن، ياكى ھەرقانداق بىر ئورتا ئاسىيالىق مەسئۇلىيەتنى ھەرگىز ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئەسلىدە كاپكازىيىلىكلەرنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان پرومېتې مەجمۇئەسىگە ئورتا ئاسىيالىقلار 1934- يىلى يانۋار ئېيىدىن بۇيان قوشۇلماي كەلمەكتە.
راست دېگەندەك، پرومېتې ژۇرنىلىدا ئورتا ئاسىيا ۋاكالەتچىلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان ئەڭ ئاخىرقى ماقالە، شەرقىي ئورتا ئاسىيادىكى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك يېزىلغان بىر پارچە ماقالە بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى. جانئايتەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدىن كېيىن تا 133- سانغا كەلگۈچە ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاقى نامىدا بىرمۇ ماقالە يوق ئىدى. مارشال پىلسۇدسكى ئۈچۈن چىقىرىلغان 102- ۋە ئەزەربەيجاننىڭ سابىق قۇرۇلتاي مۇدىرى ئېلى مەردان توپچىبېشى ئۈچۈن چىقىرىلغان نېكرولوگىيە سانى (96- سانى) دىمۇ ت م ب نامىدا يېزىلغان بىرەرمۇ ماقالە يوق ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە پرومېتې ژۇرنىلىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئېلان قىلىنىپ، شۇ ئايقى ۋەقەلەر بېرىلگەن «كرونىچيۇ» بۆلۈمىدە 1932- يىلىدىن باشلاپ ئورتا ئاسىياغا ئورۇن بېرىلمىگەنلىكىمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن بىرى ئىدى.
گىرۇزىيەنىڭ تۈركىيەدىن زېمىن تەلەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك چىققان ماقالە ۋارشاۋادىكى پرومېتې تەۋەسىدىكىلەر ئارىسىدىمۇ پارتلاش خاراكتېرلىك تەسىر ياراتقان ئىدى. پرومېتېدەك سوۋېتقا قارشى ئەپكاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە بىر دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى قوللايدىغان  ماقالا ئېلان قىلىنىشى ھەقىقەتەن نومۇس بىر ئىش ئىدى.
شۇنىڭدەك يەنە، پرومېتې تەشكىلاتى پولشا تەرىپىدىن قوللاپ قۇۋۋەتلىنىپ كېلىنگەنلىكى ھەممىگە مەلۇم بىر ئىش بولغاچقا، بۇ تەشكىلاتنىڭ  ئورگان ئەپكارى بولغان بىر ژۇرنالدا تۈركىيە چېگرالىرىنى مۇنازىرىگە قويۇش ئىشى تۈركىيە بىلەن پولشانى ئۆزئارا زىددىيەتكە سېلىپ قويۇش ھېسابلىناتتى. بۇنداق بىر ئىش پولشا ھۆكۈمىتى ئەڭ كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرىلا بولالىشى مۇمكىن ئىدى.
بۇ جەرياندا، ئورتا ئاسىيا، ئەزەربەيجان ۋە شىمالىي كاپكازىيە تەشكىلاتلىرى پرومېتې مەركىزىگە خەت يېزىپ ژۇرنال تەھرىراتى بىلەن گۋازاۋاغا نارازىلىق بىلدۈرۈشىدۇ؛ شۇنىڭدەك يەنە، ئەگەر رەھبەرلىك ئورنىدا ئۆزگىرىش قىلىنمايدىكەن پرومېتې ھەرىكىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. يۈز بەرگەن بۇ ھادىسىلەر سەۋەبىدىن پرومېتې ژۇرنىلىنىڭ نەشرى قىلىنىشى ۋاقىتلىق توختىتىلىپ، بۇ ژۇرنال نەشرى قىلىنىۋاتقان كۈندىن بۇيان ژۇرنال تەھرىرلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان گىرۇزىن گۋازاۋا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن، يەنى 1938- يىلى دېكابىردىن باشلاپ ئۇكرائىنانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ۋىتالى شۇلگىن تەھرىرلىكىدە «لا رېۋۇ دې پرومېتې» نامى بىلەن بۇ ژۇرنال قايتا نەشرى قىلىنىشقا باشلىنىدۇ. بۇ چاغدا ژۇرنال تەھرىراتى قايتىدىن رەتكە سېلىنغان بولۇپ، گروزىنلارنى ئاساس قىلغان ژۇرنال رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۆزگەرتىلىدۇ. ت م ب يېڭى چىققان ژۇرنال بىلەن تەھرىرات گۇرۇپپىسىنىڭ قايتا تەشكىللىنىشىگە رازى ئىدى. بۇ يېڭى ژۇرنالنىڭ نەشرى قىلىنغانلىقىنى «ياش ئورتا ئاسىيا» دا تۆۋەندىكىچە ئېلان قىلىنىدۇ:
رۇسىيە ئاسارىتىدىن ئازاد بولۇش ئۈچۈن مىللىي مۇجادىلە بېرىۋاتقان رۇسلاردىن باشقا مىللەت خەلقلىرىنىڭ مىللىي داۋاسى بىلەن مىللىي ھوقۇقلىرىنى قوغداش، بۇ جەھەتتىكى تەشۋىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىشنى مەقسەت قىلىپ نەشرى قىلىنىشقا باشلىغان بۇ فرانسۇزچە مەجمۇئەنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئۇنىڭ مەزمۇنلىرى ھەر خىل كىتابخانلارنى رازى قىلغۇدەك سۈپەتكە ئىگە. … مەجمۇئەدە ئورتا ئاسىيا، ئەزەربەيجان ۋە ئۇكرائىناغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار ئاساسى ئورۇندا. … «لا رېۋۇ دې پرومېتې» قوش ئايلىق ژۇرنال بولۇپ نەشرى قىلىنىدۇ.
بۇ يېڭى ژۇرنالدا ھەقىقەتەن ئورتا ئاسىيا بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئورنى كۈچەيتىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا ئىدى. ژۇرنالنىڭ بىرىنچى سانىدىلا ئورتا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك ئۈچ پارچە ماقالە ۋە ئىككى پارچە خەۋەر بېرىلگەن ئىدى. ژۇرنالنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى سانلىرىدىمۇ ئورتا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىپ تۇرۇشى ت م ب بىلەن بۇ يېڭى ژۇرنال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ خۇشاللىنارلىق دەرىجىدە داۋام قىلغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە ئىدى. ئەسلىدە، تاھىر شاكىرنىڭ «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغىنىدەك، پرومېتې فرونتى ھەقىقەتەن بىر مەجبۇرىيەتنىڭ مەھسۇلى ئىدى. پرومېتېنى تەشكىل قىلغان تەشكىلاتلار ئۆز ئالدىغا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇپ كېتەلىگۈدەك كۈچكە ئىگە ئەمەس ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ فرونت ئەسلىدە شارائىتنىڭ تەقەززاسىدىن باشقا بىر ئىش ئەمەس ئىدى.

ت م ب دىكى ئۆزگىرىشلەر

10

تېما

77

يازما

200

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1040
يازما سانى:
77
تىللا:
123
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
21 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
10#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-7-24 20:24:16 | ئايرىم كۆرۈش

ت م ب دىكى ئۆزگىرىشلەر
1938- يىلىنىڭ باشلىرىدا شەرقىي ئورتا ئاسىيادىن تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن دوكتور مەجدىدىن دەلىل قايتىدىن ت م ب باش سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنى قايتا جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئاتلانغان ئىدى. كېيىنكى يىللاردا ئوتتۇرىغا چىققان پايدىسىز ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن ت م ب تەشكىلاتى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى. تەشكىلات ئىچكى قىسىمدا ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتكەن، بۇ گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆزقاراش ئوخشىماسلىقى ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە ئىختىلاپلارنى پەيدا قىلماقتا ئىدى. تەشكىلات رەئىسى ئوسمان غوجا ئوغلى بىلەن ئورتا ئاسىيا تۈرك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى بولغان ئەخمەتجان ئوكاي (ئىبراھىم) ئىككىسى بىرىنچى گۇرۇھتىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلماقتا ئىدى. ت م ب مەركىزى كومىتېت ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن ئىككىنچى گۇرۇھنىڭ بېشىدا بولسا ياۋروپا ۋاكالەتچىسى مۇستاپا چوقاي ئوغلى بىلەن ت م ب باش سېكرېتارى مەجىدىدىن دەلىل ئىككىسى تۇراتتى.
بۇ خىل ئىختىلاپلار ت م ب پائالىيەتلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ باشقا ئورگانلار بىلەن بولغان رەسمىي مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىدى. ئوسمان غوجا ئوغلى ت م ب نىڭ خەۋىرى بولماي تۇرۇپ ۋە تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا پائالىيەت قىلىۋاتىدۇ دەيدىغان قاراشلار، قالغان ئەزالارنى يېڭىدىن رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەشكىللەش خىيالىغا كەلتۈرگەن ئىدى. بۇ ئەھۋاللار ئۆزئارا يېزىشقان خەت- چەكلەردە تۆۋەندىكىچە ئەكس ئەتمەكتە ئىدى:
مەن بۇندىن ئىككى يىلدەك ۋاقىت ئاۋۋال ئۇزاقبايلار بىلەن (ياپونلار كۆزدە تۇتۇلماقتا. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) كۆرۈشۈپ ئەنە شۇ مەسىلە ھەققىدە سۆزلىشىۋاتقان ئىدىم. كابۇلدىكى كىشىلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەت قۇرۇشقا كىرىشكەن ئىدىم. ئەمما دەل شۇ پەيتتە ئالدىمغا رەئىس بىلەن سۇلتانباي چىقىپ كەلگەن ئىدى. بىرىنىڭ ت م ب رەئىسى بۆلىشى، يەنە بىرىنىڭ شەرقىي ئورتا ئاسىيا ۋاكالەتچى دېگەن ناملاردا ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىشنى باشقا تەرەپلەرگە بۇرىۋەتكەن ئىدى. مېنىڭ ھەققىمدە دېگەن گەپلىرى (بۇنى ئۇزاقبايلاردىن ئاڭلىدىم) سەۋەبىدىن بۇ ئىشنى بىر چەتكە قويۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدىم.
شەرقىي ئورتا ئاسىيا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ غەلىبە قازىنالمايدىغانلىقى ئېنىق. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم تاشقى ياردەم بۆلىشى كېرەك. مۇھىدى ئەپەندى (شەرقىي ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن گېنېرال مەخمۇت مۇھىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلىشىپ باقساق دېمەكچىمەن. … ئەمما مېنى تۈركىيە تەۋەسىگە كىرىشىمگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈن، تۈركىيەدىن باشقا بىر يەردە كۆرۈشۈشىمىزگە توغرا كەلمەكتە. …
رەئىس قارار قىلماستىنلا قايتىپ كەتكەچكە، دوستلىرىمىز شۇنچە مۇھىم بىر ئىشنى نېمىشقا بىزگە ئۇختارمىدىڭلار دېيىشتى. مەن ئۇلارغا بۇنداق بىر قارار ئېلىنغان ئىش يوق دېگەن بولسام، ئۇلار ت م ب نىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىختىلاپ بار ئىكەن دەپ بۇ تەشكىلىمىزگە ئانچە بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن ئىدى. ئەگەر بۇنداق بىر قارار ئېلىنغان دېسەم، ئۇنىڭدىن خەۋىرى يوق ئىكەن دېيىشى مۇمكىن (مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ مەجىدىدىن دەلىلگە قارىتىپ يازغان خېتى. 1938. 5. 13. − ئاپتورنىڭ ئىزاھاتى).
قۇرۇلتاي چاقىرىش مەسىلىسى ئالدىمىزدا تۇرماقتا. سىزگە ئىستانبۇلدىن قاتنىشىدىغانلار بىلەن كۆرۈشۈپ باقسىڭىز دەپ مەسلىھەت بەرمەكچىمەن. … قاتناشمايدىغانلار بولسا، ئۆزىگە ۋاكالەتچى قىلىپ بىرىنى ئەۋەتىشسۇن. … مېنىڭچە بولغاندا شەرقىي ئورتا ئاسىيالىقلاردىنمۇ 2- 3 كىشىنى بۇ قۇرۇلتايغا قاتناشتۇرغان بولساق ياخشى بولاتتى دەپ قارايمەن. شۇنداق بولغاندا شەرقىي ئورتا ئاسىيا مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىرەر ھەرىكەت قىلىش مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويالىشىمىز مۇمكىن. بۇ كىشىلەر ئۈچۈن مەخمۇت مۇھىتى بىلەن ئۇنىڭ يېقىنى بولغان خوتەن ئەمىرى قاتارىدىكى دىپلوماتىيىگە يېقىن كىشىلەردىن بولغىنى مۇۋاپىقىراق دەپ قارايمەن (مۇستاپا چوقاي ئوغلى مەجدىدىن دەلىلگە ئەۋەتكەن خەت، 1938. 7. 4. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
مەن ۋارشاۋادا بىز بىلەن بىرگە شەرقىي ئورتا ئاسىيالىق يېتەكچىلەر قاتنىشىدىغان بىر قۇرۇلتاي چاقىرىش ئويۇمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. … ئەگەر بۇ پىكرىم قوبۇل قىلىنسا (بۇ ياز ئاخىرى ياكى كېلەر يىل ئەتىيازدا چاقىرىلىدىغان بولسا) سىزگە خەۋەر قىلىمەن (چوقاي ئوغلىنىڭ مەجىدىدىنگە يازغان خېتى، 1938. 10. 27. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).

مۇھاجىر يېتەكچىلىرىنىڭ تۈركىيەدىن قوغلىنىشى
1938- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان تاشقى تۈركىي يېتەكچىلىرىگە تۇتقان سىياسىتىنى قايتىدىن چىڭىتىشقا كىرىشكەن ئىدى. دەسلىپىدە، بۇ يېتەكچىلەردىن سىياسىي پائالىيەتلەرگە قەتئىي ئارىلاشماسلىق ھەققىدە بىر پارچە ۋەدىنامە يېزىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشقان ئىدى. ئەزەربەيجان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى بولغان مەھەممەت ئىمىن روسۇلزادە، مىرزا بالا ۋە كاپكازىيىلىك يېتەكچى سەئىت شامىللار تۈركىيەدىن خېلى بۇرۇنلا چىقىپ كېتىشكەن بولۇپ، ئۇلار پائالىيەتلىرىنى پولشادا داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى. تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان تاشقى تۈركىي يېتەكچىلىرىگە قارىتا يۈرگۈزۈلگەن بېسىملار پۈتۈن ياز ئايلىرى بويىچە كۈندىن- كۈنگە كۈچىيىپ داۋام قىلىدۇ. ئاخىرى، سېنتەبىر ئايلىرىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغىنىدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان مۇساپىر گۇرۇپپىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ قاتتىق سىياسەتنى يولغا قۇيۇشقا كىرىشىدۇ: تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىر قىسىم مۇساپىر يېتەكچىلىرىنى تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىدىن چىقىرىپ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارىنى ئالىدۇ. 1938- يىلىنىڭ 24- سېنتەبىر كۈنىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ «مەخسۇس گېزىت» دە (تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن- قارار ۋە باشقا بەلگىلىمىلىرىنى ئېلان قىلىدىغان بروشۇر شەكلىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس گېزىتى. −ئۇ. ت) ھۆكۈمەت تۆۋەندىكىچە قارار ئېلان قىلىدۇ:
ۋەتىنىمىز تەۋەسىدە باشقا بىر دۆلەت نامى ئۈچۈن، دوستىمىز بولغان بىر دۆلەتكە قارشى تەشۋىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىش، ئىنقىلابىي تەشكىلات قۇرۇش، باشقا بىر دۆلەت ئۈچۈن ئىستىقبارات پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش مەقسىتىدە ۋەتىنىمىزنى بىر بازا قىلىپ پايدىلانماقچى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئۆمەر ئوغلى ئەلىخان قانتەمىر، مەھمەت ئوغلى خېلىل گۈنگۆرەن، شىمەندىفەر (پويىز) ئىشلىرىدا گۇرۇپپا باشلىقى بولغان مىرئەلى، ئابباس ئوغلى سەپەر قۇلى، مىرئەلى تالىپ ئوغلى مەھەممەت تۇغاي، ئورتا ئاسىيا سابىق رەئىس جۇمھۇرى ئوسمان غوجا ئوغلى، كازىم ئوغلى ئابباس ۋە ئوسمان كۇپالار تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىدىن چىقىرىلدى؛ داھىلىيە (ئىچكى ئىشلار) ۋەكىللىكىنىڭ 1938.9.5. كۈنىدىكى ۋە 7746- نومۇرلۇق تەكلىپىگە ئاساسەن 1312- نومۇرلۇق قانۇننىڭ 11- ماددىسىغا بىنائەن ئىجرا ۋەكىللىرى ھەيئىتى تەرىپىدىن 1938.9.6. كۈنى تەستىقلاندى (تۆمۈر غوجا ئوغلى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «يېڭىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە ئىنقىلاب جەريانىدا ئوسمان غوجا» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ئوسمان غوجا ئوغلىنىڭ تۈركىيەدىن قوغلانغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكىچە مۇلاھىزە يېزىلغان: ئوسمان غوجىنىڭ تۈركىيەدىن چىقىرىۋېتىلىشى ھەققىدىكى موسكۋانىڭ بېسىملىرىغا تۈركىيە جۇمھۇررەئىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ئىرەن قىلىپ كەتمەس ئىدى. ئەمما ئاتاتۈركنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، يېڭى جۇمھۇررەئىسى ئىسمەت ئىنئۆنۈ دەۋرىدە موسكۋانىڭ سىياسىي بېسىملىرى ئاقىۋىتىدە ئوسمان غوجىدىن تۈركىيەدىن چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىندى. ئوسمان غوجا 1939- يىلىنىڭ باشلىرىدا ئاۋۋال پولشاغا بارىدۇ. ئاندىن ئىرانغا كېتىدۇ.  «ئورتا ئاسىيادا يېڭىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە ئىنقىلابلار، 1900- 1924» 29- بەت. مەيلى رەسمىي ھۆججەتلەرگە ياكى ت م ب يېتەكچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يېزىشقان خەت- چەكلەرگە ئاساسلانمايلى، تۆمۈر غوجا ئوغلىنىڭ بۇ ھەقتە قىلغان بۇ تۈردىكى مۇلاھىزىسىنىڭ توغرا بولمىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. چۈنكى ئوسمان غوجا ئوغلى بىلەن بىر قاتاردا نۇرغۇنلىغان مۇساپىر يېتەكچىلەر تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىدىن چىقىرىلىشقا مۇناسىۋەتلىك قارار، ئاتاتۈرك دەۋرىدە ئىچكى ئىشلار ۋەكىلى شۈكرى قايانىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپىگە ئاساسەن جالال بايار ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىنغان بىر قارار ئىدى. قارار ئېلىنغان كۈن 1938- يىلى 6- سېنتەبىر كۈنى ئىدى. ئوسمان غوجا ئوغلى بېرلىندىن مۇستاپا چوقاي ئوغلىغا ئەۋەتكەن تۈركىيەدىن باشقا بىر دۆلەتكە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ھەققىدە يازغان خېتىدە 1938.9.21 دېگەن چىسىلا يېزىلغان ئىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، ھۆكۈمەت قارار قىلا- قىلمايلا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر چېگرادىن چىقىرىۋېتىلگەن دېيىشكە بولىدۇ. ھۆكۈمەت قارارنامىسى بۇ قارار ئېلىنىشتىن 18 كۈن كېيىن، يەنى 24- سېنتەبىر كۈنى «رەسمىي گېزىت» تا ئېلان قىلىنغان دېمەكتۇر. شۈبھە يوقكى، بۇ قارار ئېلىنغان كۈنلەردە ئاتاتۈرك كېسەل بولۇپ ئاخىرقى كۈنلىرىنى ياشىماقتا ئىدى. شۇڭا بۇ پەيتلەردە ئاتاتۈركنىڭ بۇ تۈردىكى ھۆكۈمەت قارارلىرىدىن قانچىلىكىدىن خەۋىرى بارلىقى ھەققىدە بىرنېمە دېمەك تەس. ئەمما، بۇ قارار ئاتاتۈرك جۇمھۇررەئىسى بولۇپ تۇرۇۋاتقان دەۋردە ئېلىنغان قارار بولۇپ، بۇ قارارنىڭ ئېلىنىشى ئىسمەت ئىنئۆنۈغا مۇناسىۋەتسىز. ئوسمان غوجا ئوغلىنىڭ تۈركىيە تەۋەلىكىدىن چىقىرىلىش كۈنلىرىمۇ 1939- يىلنىڭ بېشىدا بولماستىن، بەلكى 1938- يىلى سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا توغرا كېلىدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
جالال بايار ھۆكۈمىتى، باشقا بىر دۆلەت پايدىسىغا پائالىيەت قىلغان دەپ قارىلىغان بۇ مۇساپىر يېتەكچىلىرىنى قولغا ئېلىش، سوتقا بېرىش قاتارىدىكى ھەرىكەتلەردە بولماستىن، ئۇلارنى ئۇدۇل ۋەتەنداشلىقتىن چىقىرىپ چېگرادىن چىقىرىۋېتىش بىلەن كۇپايە قىلىدۇ. مىنىستىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئالغان قارارىدا ئىسمى ئاتالمىغان ئەمما شۇلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈن پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان دېيىلگەندىكى دۆلەت، پولشا بىلەن ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇپ ھېسابلىنىۋاتقان ئەنگلىيە بولۇپ، زىيىنىغا پائالىيەت قىلىندى دېيىلگەندىكى دۆلەت بولسا سوۋېت ئىتتىپاقى ئىدى. ۋەتەنداشلىقتىن چىقىرىلغان كىشىلەرنىڭ تەشكىلات قۇرۇش بىلەن شۇغۇللاندى دېگىنى بولسا پۈتۈنلەي ئويدۇرما گەپ ئىدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىردىن بىر ئالاھىدىلىك، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا مۇساپىر تۈركىلەردىن بۆلىشى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى دائىرىسىدە سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقانلىقى ئىدى. ئۇلار ھەرقانداق بىر دۆلەت پايدىسى ئۈچۈن ئاخبارات توپلاش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان دېيىشتىن قەتئىي ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى. ئەگەر بۇنداق بىرەر پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ھەققىدە كىچىككىنە بىر پاكىت بولسا ئىدى، بۇ كىشىلەرنى قولغا ئېلىپ سوتقا بېرىشكە توغرا كېلەتتى. ئەمما بۇنىڭ ئورنىغا 35لارنى مىنىستىرلار قارارى بويىچە ۋەتەنداشلىقتىن چىقىرىپ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش يولى تاللىۋېلىنغان. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىلغىنىنىڭ ئۆزىلا ئۇلارنىڭ ئارتقان گۇناھلىرىنىڭ ھېچقانداق ئىسپاتقا تايانمىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە قوبۇل قىلىنغان قارار پۈتۈنلەي سىياسىي غەرەزلىك بىر قارار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر مەھەممەت ئىمىن روسۇلزادە، زەكى ۋەلىدى تۇغان، ئاياز ئىساقى، جاپپار سىيىت ئەخمەت قىرىمئەر، سىيىت شامىل، مىرزا بالا قاتارىدىكى قالغان مۇساپىر يېتەكچىلىرى ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خېلى بۇرۇنلا تۈركىيەدىن چىقىپ كەتمىگەن بولسا ئىدى، ئۇلارمۇ چوقۇم بۇ تىزىملىكتە بۆلىشى مۇمكىن، ئۇلارمۇ ۋەتەنداشلىقتىن چىقىرىلغان، چېگرادىن چىقىرىلغان ئاقىۋەتكە دۇچار بولاتتى.
خۇلاسىلىگىنىمىزدە، بۇ قارارلار نەتىجىسىدە ت م ب رەئىسى ئوسمان غوجا ئوغلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇساپىر يېتەكچىلەر يەنە بىر قېتىم تۈركىيەدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. بۇ جەرياندا، ئوسمان غوجا ئوغلى بىلەن بىرگە ئافغانىستانغا بېرىپ پائالىيەت قىلغان سۇلتانبەك بەختىيارمۇ تۈركىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ ئەرەبىستانغا يولغا سېلىنغان ئىدى. بۇ ئەھۋاللاردىن كېيىن، بېرلىنغا قاراپ يولغا چىققان ئوسمان غوجا ئوغلى كونا دوستى ۋە رەقىبى چوقاي ئوغلىغا خەت ئارقىلىق مۇنداق دەيدۇ:
مېنى ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ دولقۇنلىرى ئېقىتىپ- ئېقىتىپ ئاخىرى بېرلىنغا ئەكېلىپ تاشلىدى. مەن ئەسلىدە خېلى ۋاقىتتىن بېرى “ياۋروپا مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلغاچ سىز بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ ئۇزۇن يىلدىن بېرى ئارىمىزدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان خاپىلىقلىرىمىزغا خاتىمە بەرگەن بولسام” دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم. مانا بۈگۈن، بۇ ئۇرۇش دولقۇنلىرى مېنى بۇ ئارزۇيۇمغا يەتكۈزدى بەلكىم، مانا سىزگىمۇ بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلمەكتىمەن. خۇدا بۇيرۇغان بولسا پات ئارىدا كۆرۈشەرمىز.
چوقاي ئوغلىنىڭ بەرگەن جاۋابى سەل تىكەنلىكرەك بولغىنى بىلەن، يەنىلا يارىشىپ قېلىش ئۈچۈن قىزغىن پوزىتسىيە بىلدۈرمەكتە ئىدى:
سىزنىڭ بېرلىنغا قاراپ مەجبۇرى ساياھەتكە چىققانلىقىڭىز توغرىلىق مەجىدىدىن ئەپەندى ماڭا خەۋەر قىلىپ خەت يازغان ئىكەن. ئۇ يەرگە يېتىپ بارغانلىقىڭىزنىمۇ ماڭا تاھىر ئۇقتۇرغان ئىدى. … تۇرۇۋاتقان دۆلەت (تۈركىيەنى كۆزدە تۇتماقتا. − ئاپتوردىن) تىن ئايرىلىشىڭىزغا سەۋەب بولغان سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىككىمىز تولۇق ئالاقىلىشىپ كېتەلمەي قالغان ئىدۇق. … ئوتتۇرىمىزدىكى جۇغراپىيىلىك ئارىلىقنىڭ يىراقلىقى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىمىزدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. … بۇ قېتىمقى ساياھىتىڭىزدە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىڭىز ئۈچۈن خۇدا ئاسانلىق بەرگەي. بۇنداق سىياسىي مۇھىت بارلىققا كەلگەنلىكى ئۈچۈن سىزنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بېرلىنغا بېرىشىم مېنىڭ شەرەپلىك ۋەزىپەم ھېساپلىنىدۇ. … سىزگە ھەر قانداق بىر ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەر دائىم تەييارمەن.
تەقدىرنىڭ ئاجايىپ كارامىتى زەكى ۋەلىدى توغاننىمۇ 1932- يىلى ئىيۇل ئېيىدا چاقىرىلغان تۈرك تارىخ قۇرۇلتىيىدا دۆلەتنىڭ ئۇ كۈنلەردىكى رەسمىي تارىخ ئىلمىي قارىشىغا قارشى تۇردۇڭ دېگەن باھانە بىلەن، دارىلفۇنۇن (ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كونا ئىسمى − ئۇ.ت) دىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ تۈركىيەدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاتقان ئىدى («سىياسىي مەركەز − تۈركىيە» دېگەن بابقا قارالسۇن. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). شۇنداق قىلىپ، 1930- يىللار ئاخىرلىشىۋاتقان كۈنلەردە ت م ب نىڭ بۇ داڭلىق ئۈچ نەپەر تارىخى ئادىمى، ئوخشاش بىر تەقدىرنى باشتىن كەچۈرمەكتە ئىدى.
يۈز بەرگەن بۇ ھادىسىلەر شۇنى كۆرسەتمەكتەكى، بۇندىن كېيىن تۈركىيەنى مەركەز قىلغان بىر سىياسىي پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش ئىمكانىيىتى ئەمدى قالمىغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ، ت م ب مەركىزى كومىتېتى ئىستانبۇلدا ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق يىغىنىنى ئېچىپ، تەشكىلات مەركىزىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياۋروپادا مۇۋاپىق كېلىدىغان بىرەر مەركەزگە كۆچۈرۈپ كېتىش قارا قىلىنىدۇ. ت م ب نىڭ ئاچقۇچلۇق ئادىمى بولغانمەجىدىدىن دەلىل 1938- يىلىنىڭ دېكابىردا بېرلىنغا يېتىپ بارىدۇ. مەجىدىدىن دەلىل، شارائىتلار يار بەرگىنىچە بېرلىندا تۇرۇپ قېلىشنى پىلانلىماقتا ئىدى. شۇنداق قىلىپ، بېرلىن بۇندىن كېيىنكى ت م ب نىڭ يېڭى مەركىزى قىلىپ تاللىۋېلىنغان ئىدى.

1939- يىلقى بېرلىن قۇرۇلتىيى ۋە چوقايئوغلى رەئىسلىك دەۋرى
بۇ ۋاقىتلاردا، ياۋروپا قىتئەسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاراپ تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. ناتسىستلارنىڭ ئاۋسترىيەدىن باشلىغان، كەينىدىنلا چېخوسلوۋاكىيىنى بېسىۋېلىش بىلەن داۋاملاشقان ئىشغالىيەت ھەرىكەتلىرى ياۋروپانى قاتتىق ساراسىمە سېلىۋەتكەن ئىدى. ئەنە شۇنداق جىددىي ئەھۋال ئاستىدا ت م ب رەھبەرلىرى بېرلىندا بىر قۇرۇلتاي چاقىرىش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. بۇ قۇرۇلتايغا شۇ ۋاقىتلاردا ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي ئورتا ئاسىيالىق رەھبەرلەردىن بىرى بولغان گېنېرال مەخمۇت مۇھىدىنىمۇ تەكلىپ قىلىشقان ئىدى (مەخمۇت مۇھىدى بۇ يىغىنغا “مەن شەرقى ئورتا ئاسىيا خەلقىنىڭ بىر خىزمەتكارىمەن، شۇڭا ئۇلاردىن بى رۇخسەت بۇنداق بىر يىغىنغا قاتنىشالمايمەن” دەپ قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. − ئۇ.ت). ۋارشاۋادا تۇرۇۋاتقان ئوسمان غوجا ئوغلى بولسا مەركىزى كومىتېتنىڭ ھىمايىسىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ھەرقانداق بىر قۇرۇلتاي چاقىرىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقىنى، ئەگەر قۇرۇلتاي چاقىرىشقا توغرا كەلگەندىمۇ بۇ ئىشنى پەقەت ئۆزىنىڭلا قارار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ يۈرەتتى. ئۇ يەنە چوقاي ئوغلى بىلەن مەجدىدىندەلىلنى ۋارشاۋاغا كەلسۇن دەپ تەلەپ قىلىپ، ت م ب تۇغى ئاستىدا بىرلىكتە پائالىيەت قىلىمىز، بۇنىڭدىن باشقا يول تۇتۇشۇڭلارغا يول قويمايمەن دەپ، ئۆزىدىن باشقا كىشىلەر تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنىدىغان پائالىيەتلەرنى توغرا كۆرمەيدىغانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. ئەمما چوقاي ئوغلى بىلەن مەجدىدىن دەلىل ئىككىسى بۇ قۇرۇلتاينى ئېچىشتا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇرۇلتايدا ئوسمان غوجا ئوغلىنى تەشكىلدىن چىقىرىپ تاشلاش پىكرىدىمۇ چىڭ تۇرماقتا ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن غوجا ئوغلىنىڭ تەلىپىگە قارىماي ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ۋارشاۋاغا بارمايدۇ. ئەكسىچە قۇرۇلتاينى 1939- يىلى ئەتىيازلاردا چاقىرىش ئۈچۈن دەسلەپكى تەييارلىق ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ غوجا ئوغلىنى بېرلىنغا تەكلىپ قىلىشىدۇ. غوجا ئوغلى بولسا، ئۆزى قاتناشمايدىغان بىر قۇرۇلتاينىڭ قانۇنلۇق ھېسابلانمايدىغانلىقى، چوقاي- دەلىل ئىككىسى ئۇنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ بىر قېتىم قۇرۇلتاي چاقىرىشقا ئۇرۇنۇپ يۈرگەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن بۇنداق بىر قۇرۇلتايغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
رەئىس ئوسمان غوجا ئوغلى قاتناشمىغانلىقىغا قارىماي، ت م ب نىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 1939- يىلى 24- مارت كۈنى بېرلىندا چاقىرىلىدۇ. زامانىسىنىڭ قىيىن شارائىتى توسالغۇلۇق قىلىشى تۈپەيلىدىن، بۇ قۇرۇلتايغا بەكلا ئاز ئەزا قاتنىشالىغان بولۇپ، ياۋروپا سىرتىدا تۇرىدىغان ئەزالار ۋاكالەتچىلىرىنىلا ئەۋەتەلىگەن ئىدى (1939- يىللىق بېرلىن قۇرۇلتىيىغا قاتنىشالىغان ئەزالار تۆۋەندىكىلەر ئىدى: مۇستاپا چوقاي ئوغلى، تاھىر چاغاتاي، مەجىدىدىن دەلىل، سابىر ئورتا ئاسىيالىق ۋە ئابدۇۋاھاپ ئوكتاي. تۈركىيە بىلەن ئافغانىستاندىكى ئەزالار ۋاكالەتچى ئەۋەتىدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). بىرىنچى قېتىملىق يىغىندا ت م ب نىڭ ئومۇمى ئەھۋالى كۆزدىن كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، تەشكىلاتنى قايتىدىن رەتلەپ چىقىش، رەئىس سايلىمى ئۆتكۈزۈش، ئورتا ئاسىيا تۈركى ياشلار ئىتتىپاقى، يېڭى بايراق مەسىلىسى ۋە شەرقىي ئورتا ئاسىيا مەسىلىسى قاتارىدىكى مەزمۇنلارنى قۇرۇلتاي كۈنتەرتىپى قويۇش بەلگىلىنىدۇ. 10- ئاپرېلغىچە داۋاملاشقان قۇرۇلتاي جەريانىدا 5 قېتىملىق يىغىن ئېچىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا تۆۋەندىكىچە قارارلار قوبۇل قىلىنىدۇ:
تۈركىيەدىكى سىياسىي شارائىت مۇۋاپىق كەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، بۇندىن كېيىن ئىستانبۇلنى مەركەز قىلىش ئىمكانىيىتى قالمىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئەھۋالغا قاراپ تەشكىلات مەركىزى يا بېرلىندا يا بولمىسا پارىژدا تۇرسۇن دەپ بەلگىلەندى.
سابىق رەئىسنى، تەشكىلات تۈزۈملىرىگە بوي سۇنمايدىغان ئىش- ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن ت م ب غا بەكلا كۆپ زىيانلارنى كەلتۈردى دەپ تەنقىد قىلىپ، ئۇنى مەركىزى كومىتېتتىن چىقىرىۋېتىشنى ئاۋازغا قويۇپ بىردەك ماقۇللايدۇ. قۇرۇلتاي قارارىغا ئاساسەن، ئوسمان ئەپەندىم ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ تەشكىلات نامىدا مۇناسىۋەت باغلاپ، تەشكىلاتىمىز تونۇمايدىغان كىشىلەرنى مەركىزى كومىتېت ئەزاسى دەپ تونۇشتۇرۇپ يۈرگەن، سىياسىي خاراكتېرلىك ساياھەتلەرگە چىققان ھەمدە ئەڭ مۇھىمى كاپكازىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە باشقا بىر دۆلەت پايدىسى ئۈچۈن پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان دەپ قارىلىنىدۇ (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىنىستىرلار كابىنېتىنىڭ 1938. 9. 6 كۈنىدىكى قارارىنى كۆزدە تۇتماقتا. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). ئوسمانئەپەندى بىلەن بىرگە تۈركىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان باشقا كىشىلەر تۈركىيەنىڭ بۇ تۈر قارىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئوسمان ئەپەندى بۇ قارىلىنىشلارغا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، ت م ب نىڭ ئادەتتىكى بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىنى ساقلاپ قالالىشى ئۈچۈنمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارىلاشلىرىغا جاۋاب بەرگىنىدىن كېيىن ئاندىن مۇمكىن بولىدىغان بولىدۇ. بۇ قارارلاردىن كېيىن، ئوسمان ئەپەندىنىڭ قىلغان- ئەتكەنلىرىدىن ت م ب مەسئۇل ئەمەس دېگەن قارار قوبۇل قىلىنىدۇ.
يەنە بىر قېتىملىق يىغىنىدا، ت م ب تەشكىلات ئەزالىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىقىش قارار قىلىنىدۇ. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھەمكارلىق ئاساسىدا پائالىيەت قىلىشى كېرەك دېگەن پرىنسىپنى بېكىتىشىپ، رەئىسكە پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللاردىلا ئالاھىدە ھوقۇق بېرىلىدىغانلىقى بەلگىلىنىدۇ. ت م ب رەئىسلىكىگە مۇستاپا چوقاي ئوغلى تەيىنلىنىدۇ.
شەرقىي ئورتا ئاسىيا مەسىلىسى كۆزدىن كۆچۈرۈلگەن يەنە بىر قېتىملىق يىغىندا، ھەر ئىككى ئورتا ئاسىيا تەۋەسى ئورتاق پائالىيەت قىلىشى كېرەك دېگەن بەلگىلىمىنى چىقىرىشىپ، شەرقىي ۋە غەربىي ئورتا ئاسىيا يېتەكچىلىرىدىن تەشكىل تاپىدىغان بىر ئومۇمىي ئورتا ئاسىيا مەركىزى قۇرۇپ چىقىش قارارى ئېلىنىدۇ.
ئىستانبۇلدىكى ئورتا ئاسىيا تۈركىي ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ پائالىيەتلىرىنى پەقەت ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي خاراكتېرىدىكى پائالىيەتلەر بىلەن چەكلەش لازىملىقى، سىياسىي پائالىيەتلەرگە قەتئىي ئارىلىشىپ قالماسلىقى ھەمدە ت م ب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ بىر تۈرلۈك ھىمايە ئاستىدا تۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن چەكلىنىشى قوبۇل قىلىنىدۇ.
قۇرۇلتاي يىغىنلىرىدا، ھەر تۈرلۈك مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنغان مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ ماسون (يەھۇدىي چۈشەنچە تەشكىلات ئەزاسى − ئۇ.ت) بولغانلىقى ھەققىدىكى گەپ- سۆزلەر مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ شەخسىيىتىگىلا ئەمەس، بەلكى ت م ب گە قارىتىلغان بىر تۈرلۈك تەتۈر تەشۋىقات دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ.
قۇرۇلتاي، ئورتا ئاسىيا مىللىي بايرىقىنى بۈگۈنكى شارائىتقا ئاساسەن قايتىدىن لايىھىلىنىشى لازىم دەپ قارار قىلىدۇ. قوبۇل قىلىنغان بايراق بويىنىڭ تەڭ يېرىمى تۆمۈرنىڭ بايرىقىدا بولغان توق قىزىل رەڭلىك، قالغان يېرىمى شەرقىي ئورتا ئاسىيا بايرىقىنىڭ رەڭگىگە ئوخشاش ئوچۇق ھاۋارەڭدە بۆلىشى لازىم دەپ بەلگىلىنىدۇ. بايراق ئوتتۇرىسىدا تۈركىيلەرنىڭ سىمۋولى بولغان ئاي- يۇلتۇز قويۇلغان.
1939- يىلقى قۇرۇلتاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق يىغىنىدا مۇستاپا چوقاي ئوغلى، مەجدىدىن دەلىل ۋە تاھىر چاغاتاي قاتارلىق ئۈچ كىشىلىك بىر ۋاقىتلىق ئىجرائىيە كومىتېتى سايلىنىپ، بۇ ئورگان شەرقىي ۋە غەربىي ئورتا ئاسىيا يېتەكچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت تىكلەپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي چاقىرىش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىنىدۇ.
بېرلىن قۇرۇلتىيى بىر تەرەپتىن ت م ب دا تۈپلۈك ئۆزگىرىش بارلىققا كەلتۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن نۇرغۇن چۈشىنىكسىزلىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغىمۇ سەۋەب بولىدۇ. ئوسمان غوجىغا ئوخشاش تارىخىي شەخسنىڭ چەتكە قېقىلىشى ھەمدە مەركەزنىڭ ياۋروپاغا يۆتكىلىشى، كېيىنچە ئورتا ئاسىيالىقلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلار بىلەن بولغان ئالاقىلەرنىڭ ئازىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. شەرقىي ئورتا ئاسىيا مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم قارارلار قوبۇل قىلىنغانلىقىغا قارىماي، شەرقىي ئورتا ئاسىيادا كۈرەش قىلىۋاتقان يېتەكچىلەر بىلەن يېتەرلىك مۇناسىۋەت تىكلەپ كىتەلمىگەنلىكىمۇ مەلۇم. ت م ب ئەزالىرى يېڭىدىن قوبۇل قىلغان بايراق ئارقىلىق شەرقىي ۋە غەربى ئورتا ئاسىيانى بىرلەشتۈرىدىغان ئورتاق سىمۋول بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئويلىغان ئىدى. ئەمما، ت م ب 1939- يىلقى قۇرۇلتىيىدىن كېيىن خەلق ئاممىسىدىن بارغانسېرى ئايرىلىپ، كۈندىن كۈنگە كىچىكلەپ كەتكەن ئاز سانلىق كادىرلار تەشكىلاتى ھالىغا ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ.

گېرمانىيە- ياپونىيە ساھەسىدە سوۋېت مۇساپىرلىرى ۋە پرومېتې
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن باشلانغان يىللار بەلكى گېرمانىيە ئۈچۈن تارىختىكى ئەڭ داۋالغۇشلۇق ئۆتكەن يىللار ھېسابلانسا كېرەك، بۇ جەرياندا ئوتتۇرىغا چىققان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بوھرانلار ناتسىستلار پارتىيىسى 1933- يىللىرىدا (ن س د ئا پ ياكى ناسداپ − مىللىي سوتسىيالىزم نېمىس ئىشچىلار پارتىيىسى − ئا.ھ. ئىزاھاتى) نى ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقارغان ئىدى. بۇ تۈردىكى بىر ۋەزىيەت سوۋېتقا قارشى كۈرەشلىرىنى بېرلىندا قانات يايدۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇساپىرلار ھەرىكىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. بۇرۇنقى بابلاردا بايان قىلىنغىنىدەك، ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ «ياش ئورتا ئاسىيا» مەجمۇئەسى، ئىدىل- ئۇرال تۈركلىرىنىڭ «يېڭى مىللىي يول» ژۇرنىلى، ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ «قۇرتۇلۇش» (ئازادلىق) ژۇرنىلى ھەمدە ھەيدەر باممات گۇرۇپپىسىنىڭ «كاۋكاز» ژۇرنىلى قاتارلىق ژۇرناللار بېرلىندا نەشرى قىلىنماقتا ئىدى. ناتسىستلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ۋاقىتلاردا، سوۋېتقا قارشى خاراكتېردىكى بۇ تۈر نەشرى ئەپكارلىرى بىلەن مۇساپىر گۇرۇپپىلىرىغا قارىتا نىسبەتەن بىتەرەپ پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ نەشرىيات پرىنسىپلىرىغا قارىتا ھەرقانداق بىر تەسىر كۆرسىتىش ياكى بېسىم قىلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانمىغان ئىدى.
ناتسىستلار ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىپ ئۇزۇنغا قالماي، سوۋېت ئىتتىپاقىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورگانلارنى تەسىس قىلىشقا كىرىشىدۇ. دەسلىپىدە، بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىغا قارايدىغان، 1887- يىلى قۇرۇلغان شەرق تىللىرى دەرسلىرى ئۆتۈلىدىغان «سېمىنار فۈر ئورىېنتالىسچ سپراچېن» نامىدىكى مەكتەپنىڭ ئىسمىنى «ئاۋسلاند- ھوشكول» دېگەن ئىسىمغا، يەنى چەت دۆلەتلەرنى ئۆگىنىش ئالىي مەكتىپى دېگەن مەكتەپكە ئۆزگەرتىشىدۇ. بۇ مەكتەپكە قارايدىغان يەنە بىر «رۇسسلاند ئىنستىتۇت» (رۇسىيەنى تەتقىق قىلىش ئىنستىتۇتى − ئا.ھ. ئىزاھاتى) قۇرۇلىدۇ. بۇ ئىنستىتۇتقا سوۋېت ئىتتىپاقى ھەققىدە، شۇ قاتاردا بۇ ئىتتىپاق تەۋەسىدىكى بارلىق مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ۋە سىياسىي خاراكتېردىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلىدۇ. بۇ ئىنستىتۇتقا داڭلىق شەرق ئىشلار ئالىمى پروفېسسور فون مەندېنى باشلىق قىلىپ تەيىنلەيدۇ. بۇ ئىنستىتۇتتا، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئومۇمىي ۋە يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ ھەممىسى كۈندىلىك كۆزىتىلىپ، مىللەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە دېموگرافىك (مىللىي تەركىب، ئىنسان توپلاملىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ياكى تەرەققىياتىنى سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا تەتقىق قىلىنىدىغان بىر ستاتىستىكىلىق تەتقىقات − ئۇ.ت) مەلۇماتلار توپلىنىپ ئارخىپلاشتۇرۇلۇپ ھەپتىلىك دوكلاتلار تەييارلىنىپ تۇرۇلاتتى (ئەخمەت تۆمۈر، 1936- يىلى بۇ ئىنستىتۇتتا خىزمەت قىلىۋاتقىنىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈركى خەلقلەر ساھەلىرىدىن كەلگەن «باشقىردىستان» ‹ئۇفا›، «كوممۇنىست» ‹باكۇ›، «ئۆزبېكىستان» ‹تاشكەنت›، «سوتسىيالىستىك تاتارىستان» ‹قازان› قاتارىدىكى گېزىت- ژۇرناللار تەتقىق قىلىنىپ ھەپتىلىك دوكلاتلارنى تەييارلىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
ناتسىستلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىكى مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئورگان − ناتسىستلار پارتىيىسىگە بىۋاسىتە قارايدىغان تاشقى سىياسەت كابىنېتى، يەنى ئا پ ئا (ئاۋسسېنپولىتىسچىس ئامت − ئا.ھ. ئىزاھاتى) ئىدى. روزېنبېرگ رەھبەرلىكىدىكى بۇ بۆلۈمدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى خەلقلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر، روزېنبېرگنىڭ يېقىن دوستى لېيببراندت مەسئۇللۇقىدا پائالىيەت قىلماقتا ئىدى.
ئۇ ۋاقىتلاردا گېرمانىيەدىكى مۇساپىرلارغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر تەشكىلات بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى گېرمانىيە بىخەتەرلىك تەشكىلاتى ئىدى. بۇ ئورگاندا، گېرمانىيەدىكى مۇساپىر گۇرۇپپىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرۇش، لازىم بولغىنىدا ئۇلاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئالاقىلىشىش بۆلۈملىرى تەسىس قىلىنغان ئىدى.
مۇساپىرلار سانىنىڭ كۆپ بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇرۇس، ئۇكرائىن، گىرۇزىن ۋە ئەرمەن مۇساپىرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئايرىم ئىشخانىلارمۇ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، شۇ دۆلەتلەردىن كەلگەن بەزى مۇساپىرلار بۇ ئىشخانىلاردا ئىشقا ئېلىنغان ئىدى. بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، بەلكىم سانى بەكلا ئاز بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك، ئورتا ئاسىيالىقلار، تاتارلار ياكى بولمىسا ئەزەربەيجانلارغا مۇناسىۋەتلىك ھېچبىر ئىشخانا تەسىس قىلىنمىغان ئىدى.
بۇ ئىشخانىلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى بىلەن بىرگە، سوۋېت ئىتتىپاقىنى بىلىدىغان، سوۋېت مىللەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا مۇتەخەسسىسلەشكەن ھەمدە بۇ ھەقتە تىل بىلىدىغان كىشىلەرگىمۇ ئېھتىياجلىق بولماقتا ئىدى. بۇ تەلەپنى پەقەتلا گېرمانىيەدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار ئارىسىدىنلا ھەل قىلالىشى مۇمكىن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ناتسىستلار پارتىيىسىگە ئەزا بولغان بەزى گىرۇزىن مۇساپىرلار بۇ ئورگاندا ئىنتايىن مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان ئىدى. مەسىلەن 1938- يىلى پروفېسسور فون مەندېنى ن س د ئا پ نىڭ تاشقى سىياسەت بۆلۈمىگە مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا گىرۇزىن مۇساپىرى بولغان پروفېسسور مىخائىل ئەخمەتەلى دېگەن كىشى قويۇلغان. ئۇنىڭ تۇغقىنى بولغان سابىق گىرۇزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى لادو ئەخمەتەلىمۇ كاپكازىيە ئالاقىلىشىش ئىشخانىسىغا مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. يەنە بىر گىرۇزىن مۇساپىر بولغان ئالكىساندىر نىكورادزې دېگەن كىشى روزېنبېرگنىڭ ئا پ ئا سىدا ئىنتايىن مۇھىم بىر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.
يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان ئورۇنلار ھەر تۈرلۈك تېمىلاردا دوكلاتلار تەييارلاش، تەرجىمانلىق قىلىش قاتارىدىكى ئىشلار ئۈچۈن نۇرغۇن كەسپى خادىمغا ئېھتىياجلىق ئىدى. بۇ مەقسەتتە سىياسىي ئالاھىدىلىكى يوق نۇرغۇن مۇساپىر، بولۇپمۇ فون مەندې، لېيببراندت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ ئورۇنلاردا ۋەزىپىگە قويۇلغان ئىدى. بۇ تۈر كىشىلەر ئارىسىدا ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىمجان ئىدرىس دېگەن بىرى بار ئىدى. ئورتا ئاسىيادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئىدىل- ئۇرال تۈركلىرىدىن بولغان ئىدرىس ئوقۇشىنىڭ بىر قىسمىنى گېرمانىيەدە تاماملىغان بولۇپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا بېرلىن ئەتراپىدىكى ئۇرۇش ئەسىرلىرى ئۈچۈن قۇرۇلغان ۋۈنستورف مۇسۇلمانلار لاگېرىدا دىنى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مەسئۇلى بولۇپ خىزمەت قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ بارغىنىدىن كېيىن، بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن گېرمانىيەگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل قىلىپ قايتا بېرلىنغا ئەۋەتىلگەندىن كېيىن قايتىپ كەتمەي گېرمانىيەدە قېلىپ قالغان. بۇ كىشى ئورتا ئاسىيا تۈركى شېۋىلىرى، تۈركىيە تۈركچىسى بىلەن بىر قاتاردا نېمىسچە، فرانسۇزچە، رۇسچە، پارسچە ۋە ئەرەب تىللىرىنىمۇ بىلەتتى. شۇڭا ئۇ، شەرق خەلقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك نېمىس ئورگانلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا كەم ئۇچرايدىغان مۇھىم ئادەم ھېسابلىناتتى (ئىدرىس، ھىتلېرنىڭ «كۈرەش يولۇم» دېگەن كىتابىنى پارىس تىلغا تەرجىمە قىلغان. ئۇرۇش يىللىرىدا م ت ب ك ئۈچۈن ئىشلەش ئارزۇسى بولغان بولسىمۇ ۋەلى قېيۇمخان رۇخسەت قىلمىغان. ئۇرۇش ئاخىرلاشقىنىدا گېرمانىيەدىن قېچىپ چىقىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ يەردە پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولغان. بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن گېرمانىيەگە قايتىپ بېرىپ، ئامېرىكالىقلار قۇرغان بولشېۋىزمغا قارشى مۇئەسسەلەردە ئىشلەيدۇ. ئۆمرىنىڭ كېيىنكى يىللىرىنى ۋېنگىرىيەدە ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرى شۇ يەردە ۋاپات بولىدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). ئىدىل- ئۇراللىق تۈركىيە گراژدانى ئەخمەت تۆمۈر بىلەن ئورتا ئاسىيالىق ۋەلى قېيۇمخانغا ئوخشاش كىشىلەرمۇ بىرەر ئورگاندا خىزمەت قىلمىغىنى بىلەن، فون مەندې ياكى لېيببراندتقا ئوخشاش مەسئۇل كىشىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆز كەسپى ساھەلىرىگە ئالاقىدار ئىشلاردىن دوكلات تەييارلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇراتتى (مۈھلېن: لېيببراندت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئۇنىڭ ۋەلى قېيۇمخان ماڭا ئاساسلىقى ئورتا ئاسىيادىكى سوۋېتلەرنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارنى تەييارلاپ بېرەتتى دەپ ئېيتقىنى ھەققىدە توختالغان. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
ناتسىستلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان يىللاردىن باشلاپ ياۋروپادا پائالىيەت قىلىپ كەلگەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى مۇساپىرلارنى سىياسىي تەرەپبازلىقى ۋە مۇناسىۋەت قىلىش شەكىللىرى بويىچە مۇنداق ئىككى گۇرۇھقا ئايرىش مۇمكىن: بىرىنچى تۈردىكىلەر يەنى شۈبھىسىز ئەڭ كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگىلىرى پرومېتې گۇرۇپپىسىغا تەۋە كىشىلەر ھېسابلىناتتى. بۇ گۇرۇپپىنى تەشكىل قىلغان مۇساپىرلار ئاساسەن ئالغاندا لىبېرال دېموكراتچى ياكى بولمىسا سوتسىيال دېموكراتچى كىشىلەر ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇ ھەرىكەت پولشانىڭ ياردىمى بىلەن تەشكىللىنىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك، ئادەتتە فرانسىيە- ئەنگلىيە سېپىغا يېقىن كېلىدىغان مەيدانىنى ئىپادىلەشمەكتە ئىدى. بولۇپمۇ فىرانسىيە، قىسمەنلىكتە ئەنگلىيە 1920- يىللىرى سوۋېتلەردىن كەلگەن بۇ مۇساپىرلارنىڭ قۇرۇپ چىققان مۇساپىردىكى ھۆكۈمەتلىرىگە ياردەم قىلىپ كەلمەكتە ئىدى (گىرۇزىيەلىك سوتسىيالىستلار قۇرۇپ چىققان نويې جوردانىيا رەئىسلىكىدىكى مۇساپىر ھۆكۈمىتى 1930- يىللارغىچە فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە بېلگىيەلىكلەر تەرىپىدىن رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان ئىدى. – ئا.ھ. ئىزاھاتى). 1935- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى جەمىيەتئى ئاكۋامغا قوبۇل قىلىنىشى بىلەن، بۇ گۇرۇپپىلار قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان بولۇپلا قالماي، سىياسىي جەھەتلەردىمۇ تۈپكى بۇرۇلۇشلارنىڭ كۆرۈنۈشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، سوۋېت مۇساپىرلىرى ياۋروپادا پائالىيەت قىلىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، پرومېتېنى تەشكىل قىلغان گۇرۇپپىلارغا قارشى تۇرىدىغان رەقىب گۇرۇپپىلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ. بۇلار بىر بولسا سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىغا چىقىشتىن بۇرۇنلا ئۆز ۋەتەنلىرىدە ئەسلىدىنلا بار رەقىبلەرنىڭ بۈگۈنكى ئۇزانتىسى ئىدى، ياكى بولمىسا ياۋروپاغا كەلگەندىن كېيىنكى پائالىيەتلەر جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىختىلاپلار سەۋەبىدىن پەيدا بولغان رەقىبلەر ھېسابلىناتتى. بۇنداق پارچىلىنىش كاپكازىيىلىكلەر ئارىسىدا بەكلا ئېنىق كۆزگە چېلىقاتتى. نيو جوردانىيان گۇرۇھىغا قارشى بىر قىسىم گروزىنلار مىللەتچى سپرىدون كېديا ئېتىراپىغا يىغىلىپ گۇرۇھ تەشكىل قىلىشقان ئىدى. يەنە بىر رەقىب يېتەكچى بولسا، گىرۇزىيەنىڭ سابىق بېرلىن ئەلچىسى لادو ئەخمەتەلى گۇرۇھى ئىدى. بۇلارغا ئوخشاش يەنە پرومېتې تەركىبىدىكى شامىل گۇرۇھىغا قارشى تۇرىدىغان شىمالىي كاپكازىيىلىكلەر سابىق شىمالى كاپكازىيىلىك مىنىستىر ھەيدەر بامماتنىڭ ئېتىراپىغا يىغىلىشقان ئىدى. مۇساۋاتچىلار ئارىسىدىكى پارچىلىنىشمۇ رەقىب يېتەكچى قىلىپ يەنە سابىق مىنىستىر بولغان خاس مەھەممەتنى تاللىۋېلىشقان ئىدى.
گېرمانىيەدە ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققان ناتسىست دائىرىلىرى پرومېتې تەشكىلاتى تەركىبىدە بولغان گۇرۇپپىلارنىڭ سىياسىي تەۋەلىكى بويىچە بۇلار بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋەت قۇرمايلا قالماي، ئۇلارنىڭ رەقىبلىرىگە ياردەم قىلىشتەك بىر سىياسىي يولنى تاللىۋېلىشقان ئىدى. شۇڭا، ھەيدەر باممات باشچىلىقىدىكى بارلىق رەقىبلەرنىڭ پائالىيەتلىرىگە ياردەمدە بولىدۇ. ئەسلىدىنلا ئۆز ۋەتىنىدىكى چاغلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى جاھانگىرلىكىگە قارشى جەڭ قىلىپ يۈرۈپ ياۋروپاغا چىقىۋالغان پرومېتېچى يېتەكچىلىرىمۇ، كوممۇنىزمغا بەكلا ئوخشاپ كېتىۋاتقان يەنە بىر ئىدېئولوگىيە ھېسابلانغان فاشىزمغا، ئۇنىڭغا ۋاكالەتلىك قىلىۋاتقان ناتسىستلار بىلەن مۇناسىۋەت تىكلەشكە پەقەتلا قىزىقمىغان، ھەتتا پۇرسەت تاپسىلا ناتسىسىزمنى تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان ئىدى.
باممات، 1934- يىلىدىن باشلاپ گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە ئىتتىپاق سېپىدىن ئالغان ياردەمگە تايىنىپ «كاۋكاز» دەيدىغان بىر ژۇرنال چىقىرىشقا باشلايدۇ. «كاۋكاز»، پرىنسىپ جەھەتتە پرومېتېگە، لىبېرالىزمغا ھەمدە دېموكراتىيىگە قارشى ئىدى. «كاۋكاز» گۇرۇپپىسىدىكىلەر دۇنيانى ئانارخىزم بىلەن قالايمىقانچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ چىقالايدىغان بىردىن- بىر تۈزۈم − مىللىي سوتسىيالىزم يولى، يەنى فاشىزم يولى دەيدىغان قاراشتا چىڭ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ پرومېتېچىلەر بىلەن بولغان بىردىن- بىر ئورتاق نۇقتىسى − سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان ئۆچمەنلىكى ئىدى.
ناتسىست گېرمانىيسى بىلەن پرومېتېچىلەر گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ بارلىقىغا قارىماي، نېمىسلار بۇ گۇرۇھتىكى بەزى ئەزالارنى گېرمانىيەدە تۇرۇپ قېلىشىغا، ژۇرنال نەشرى قىلىش ئىشلىرىغا بىر نېمە دېمەيدۇ. گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق پوزىتسىيىدە بولۇشىغا ئۇلارنىڭ سوۋېت دۈشمەنلىكى سەۋەب بولماقتا ئىدى. ئەمما ئۇلارغا بۇنداق يۇمشاق مۇئامىلە قىلىش بەك ئۇزۇن داۋام قىلالمايدۇ. گېرمانىيە- سوۋېت ئىتتىپاقى دوستلۇق شەرتنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن بۇ تۈردىكى مۇناسىۋەتلەر پۈتۈنلەي ئاستىن- ئۈستۈن بولۇپ كېتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن پرومېتې مەركىزى ئورگىنىنىڭ ياۋروپادا پائالىيەت قىلىلىۋاتقان دېموكراتىيىگە يېقىن، ئەمما فاشىزمغا ئۆچ ئىپادىلىرى ئاسىيادا ئۆزگىرىپ. بۇ يەردە بولسا سوۋېت ئىتتىپاقىغا دۈشمەنلىك قىلىش سېپىدىلا تۇرۇۋاتقانلىقى كۆرۈلىدۇ.
يىراق شەرقنىڭ كۈچلۈك دۆلىتى بولغان ياپونىيە، 1905- يىلقى رۇس- ياپون ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ساخالىن ئارىلىنىڭ جەنۇبىنى تارتىۋالغان بولۇپ، نەتىجىدە چار رۇسىيە بىلەن بىۋاسىتە چېگرىداش بولۇپ قالغان ئىدى. 1915- يىلى قوراللىق تەھدىت سېلىپ يۈرۈپ مانجۇرىيەدە ئىمتىيازلىق ئورۇنغا ئېرىشىۋالغاندىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان چېگرىداشلىقى تېخىمۇ كېڭەيگەن ئىدى. بولشېۋىكلەر ئىنقىلابىدا يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا، ياپونلار چار پادىشاھنى ھىمايە قىلىدىغان ئاقلار گېنېراللىرىغا يان بېسىپ، ئۇلارنى ئەسكەر ۋە قورال- ياراغ جەھەتتىن يۆلەپ تۇرىدۇ. بۇ جەرياندا بولشېۋىكلەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قېچىپ چىققان بىرمۇنچە مۇساپىر مانجۇرىيەگە كىرىۋالىدۇ. بۇلاردىن خېلى كۆپ كىشى ياپونىيەگە بېرىۋالىدۇ. توكيودا سوۋېتتىن قېچىپ چىققان خېلى كۆپ ئىدىل- ئۇراللىق تۈركىيلەر تۇراتتى. ئۇلار، مۇساپىرلار رايونىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. ياپونىيە دائىرىلىرىمۇ بۇ كىشىلەرگە بەكلا قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.
1927- يىلى ۋارشاۋاغا ئۆتۈپ، ئىدىل- ئۇرال مۇستەقىللىق كومىتېتىنى تەشكىللەپ چىققان ئاياز ئىساقى، 1933- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا توكيوغا بارىدۇ. 1934- يىلىنىڭ فېۋرال ئېيىدا ياپونىيەدە تۇرۇۋاتقان تاتارلارنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك كىچىك قۇرۇلتىيىنى چاقىرىدۇ. بۇ جەرياندا پادىشاھ خىروشىتونىڭ ئىنىلىرىدىن شاھزادە چىچىبۇ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىدىل- ئۇرال مەسىلىسىنى تونۇشتۇرىدۇ. كېيىن يەنە ياپونىيە تىزگىنلەپ تۇرغان مانجۇرىيەگە بارغان ئىساقى، 1935- يىلىنىڭ فېۋرال ئېيىدا ياپونىيە، چىن، كورېيە ۋە مانجۇرىيە قاتارلىق جايلاردا ياشايدىغان 17 تاتار جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن يىراق شەرق پۈتۈن تاتارلار قۇرۇلتىيىنى چاقىرىدۇ. قۇرۇلتايدىن كېيىن مۇكدەن (مودەنجاڭنى دېسە كېرەك −ئۇ.ت) شەھىرىدە مىللىي مەدەنىيەت مەركىزىدىن بىرنى قۇرىدۇ. ئۇ يەردە يەنە «مىللىي بايراق» نامىدا ھەپتىلىك گېزىتمۇ چىقىرىشقا باشلايدۇ. ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئاياز ئىساقى تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بۇ پائالىيەتلەرگە باشتىن تارتىپ قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ ياردەم قىلىدۇ. ئىدىل- ئۇرال تۈركلىرىنىڭ ياپونىيەدىكى يەنە بىر پائالىيىتى بولسا، «ياپونىيە مۇخبىرى» دېگەن ژۇرنال چىقىرىشى ئىدى. ئابدۇلھەي قۇربانەلى ئىسىملىك ئىدىل- ئۇراللىق بىرى تەرىپىدىن ئەرەب ھەرپلىرى بىلەن تۈركىچە چىقىرىلغان بۇ مەجمۇئە، 1931- يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ نەشرى قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، نەشرى جەريانىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ كېلىدۇ.
ياپونىيە، 1931- يىلى مانجۇرىيە تەۋەسىدىن چىنغا ھۇجۇم قىلىدۇ، مانجۇرىيەدىمۇ مانجۇكو (مانجۇرىيە دۆلىتى − ئۇ.ت) دېگەن بىر قورچاق ھۆكۈمەت تەشكىللەپ چىقىدۇ. ياپونىيە، خەلقئارالىق بېسىمنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن 1933- يىلى مىللەتلەر جەمئىيىتى تەشكىلاتىدىن چىقىپ كېتىدۇ. 1937- يىلىغا كەلگەندە چىننىڭ خېلى چوڭ بىر پارچىسىنى بېسىۋالغان ئىدى. بۇ جەرياندا 30- يىللارنىڭ بېشىدىن تارتىپ شەرقىي ئورتا ئاسىيادا چىن ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭلار پارتلاشقا باشلايدۇ. ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاق ھەرىكىتى شەرقىي ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ياپونىيە بىلەن ئورتاق دۈشمىنى چىنغا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ياپونىيەگە ئۈمىد باغلاشقا باشلايدۇ. ئۆتكەن بابلاردا تونۇشتۇرۇلغاندەك، ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە بىر تونۇشتۇرۇش دوكلاتى (مېمۇراندۇم) سۇنىدۇ. پارىژ بىلەن كابۇلدىكى ياپونىيە باش ئەلچىلىرى ۋاسىتىسى ئارقىلىق ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرىدۇ.
ئەپسۇسكى، مۇستاپا چوقاي ئوغلى پارىژدا، غوجا ئوغلى- بەختىيار ئىككىسى كابۇلدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى كۈتكەن نەتىجىنى بەرمەي، ياپونىيە تەرەپ شەرقىي ئورتا ئاسىيادا قوزغىماقچى بولغان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىگە بىۋاسىتە ياردەم قىلىش ئىشىغا بەك قىزىقىپ كەتمەيدۇ.
1937- يىلى ياپونلارنىڭ پرومېتې تەشكىلاتى بىلەن بىۋاسىتە رەسمىي مۇناسىۋەت تىكلىگەن يىل ئىدى. پولشانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئارخىپ ماتېرىياللىرىدىن قارىغاندا، پولشا تەرەپ بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇنداق باھالاشقان:
1937- يىلى، ياپونلار ئەنئەنىۋى ئېھتىياتكارلىقىنى بىر تەرەپكە چۆرۈپ تاشلاپ، تۇنجى قېتىم، “ھەرىكەت” بىلەن مۇناسىۋەت تىكلىگەن ئىدى. ھازىرغا كەلگۈچە تاتار (ئىدىل- ئۇرال) ۋە ئورتا ئاسىيا مىللىي ھەرىكەتلىرىگە بىر قىسىم ياردەملەرنى بەرگەن بولسىمۇ، كاپكازىيىلىكلەر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋەت قىلماي كەلدى.
يەنە شۇ پولشا ھۆججەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونلار پرومېتې گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەللەردە قىلىشقا تېگىشلىك پائالىيەتلەرگە ياردەم قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، پولشالىق مەسئۇل رىدز سمىگلى بۇ تەكلىپنى رەت قىلغان. ئەمما خاربىندا تۇرۇشلۇق پولشا ۋاكالەتچىسى ستسنىسلاۋ پېلېگە، ياپونىيە دائىرىلىرىنى رەنجىتىدىغان ئىش قىلماسلىقىنى، مۇناسىۋەتلەرنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىملىقى ھەققىدە بۇيرۇق قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە، توكيو بىلەن ۋارشاۋادىكى ئەلچىخانىلاردا پرومېتې ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولىدىغان ۋە ھەرىكەتلەرنى ماسلىشىپ ھەرىكەتكە ئاتلاندۇرۇشقا مەسئۇل ھەربىي مەسلىھەتچىلىكلەر قۇرۇلۇشى قارار قىلىنىدۇ. پولشانىڭ ھۆججەتلىرىدىن قارىغاندا، ياپونلار سوۋېت ئىتتىپاقىنى 5 جۇمھۇرىيەتكە پارچىلاشقا دائىر بىر لايىھە تۈزۈپ چىققان. بۇ پىلانغا ئاساسەن ئۇكرائىنا جۇمھۇرىيىتى، ئۇلۇغ موڭغۇلىيە (ئىچكى ۋە تاشقى موڭغۇلىيە، بۇريات رايونى ۋە بايقالنىڭ سىرتىدىكى رايونلار)، ياقۇتىستان، ئۇلۇغ ئورتا ئاسىيا (شەرقى ۋە غەربىي ئورتا ئاسىيا، ۋولگا تاتار رايونلىرى) ۋە سىبىرىيە ئىتتىپاق جۇمھۇرىيەتلىرىنى شەكىللەندۈرۈش پىلانلانغان ئىدى. چىننى تولۇق ئىشغال قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئېھتىمال بولغان بۇ پىلاندىن قارىغاندا، ياپونلار سوۋېتلەردىن بۆلۈنۈپ چىقىدىغان مىللەتلەر مەسىلىسىگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. ئەمما ئۇرۇشتىن كېيىن ياپونىيە پىلانىنى ئاستا- ئاستا ئۆزگەرتىشكە باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى پارچىلاشنىڭ ئورنىغا شەرقى جەنۇبى ئاسىياغا كېڭىيىش يولىنى تاللاپ ئالىدۇ.

پولشانىڭ ئىشغال قىلىنىشى ۋە پرومېتې ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتى
1939- يىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست كۈنى، ناتسىستلار بىلەن بولشېۋىكلەر ئوتتۇرىسىدا بىر شەرتنامە تۈزۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر دۇنيانىڭ ئۈستىگە چاقماق چۈشكەندەك پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سېلىۋېتىدۇ. بۇ خەۋەر، پولشانىڭ يوقىلىش كۈنلىرىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە ئىدى. چۈنكى، گېرمانىيە- سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسىنىڭ بىر تارمىقى ھېسابىدا ئىمزالانغان مەخپىي كېلىشىم بويىچە پولشا، فىنلاندىيە ۋە بالتىق ئەللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى تەسىر دائىرىلىرىگە ئاساسەن بۆلۈشۈلىدىغان بولغان ئىدى. نەتىجىسىدە، پىلسۇدسكىنىڭ ئالدىن پەرىزى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىنىپ پولشا ئىككى كۈچلۈك قوشنىلىرى تەرىپىدىن قايتىدىن بۆلىشىۋېلىشنىڭ سىياسىي ئاساسى تىكلەنگەن ھېسابلاندى. گېرمانىيە- سوۋېت دوستلۇق شەرتنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن تەڭ، گېرمانىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان سۆۋېتلەرگە قارشى بارلىق ھەرىكەت ۋە مەتبۇئات پائالىيەتلىرى چەكلىۋېتىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 10 يىلدىن بۇيان بېرلىندا بېسىلىۋاتقان «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلى ئەڭ ئاخىرقى 116- 117- سانلىق ئاۋغۇست نۇسخىسى بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بۇ چەكلىمە پرومېتې ساھەسىدىكىلەر ئۈچۈنلا چىقىرىلغان بىر چەكلىمە بولۇپ قالماي، قۇرۇلغان كۈنىدىن بۇيان گېرمانىيەنى تەرەپ تۇتۇش نەشرىيات پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان «كاۋكاز» قاتارلىق ژۇرناللارمۇ بۇ چەكلىمىدىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئالغان ئىدى.
1939- يىلى سېنتەبىرنىڭ بېشىدا گېرمانىيە قوشۇنلىرى پولشاغا كىرىدۇ. بۇ ۋەقەدىن ئىككى كۈن كېيىن ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە ئىككىسى گېرمانىيەگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى رەسمىي باشلانغان ھېسابلاندى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ پولشانى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتىگە ئاتلىنىدۇ. پرومېتې ھەرىكىتىنىڭ ئىدىيىسىنى تىكلىگەن ۋە بۇ ھەرىكەتنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كەلگەن پىلسۇدسكىنىڭ ئالدىن پەرەز قىلغىنىدەك، ۋەتىنى گېرمانىيە بىلەن رۇسىيە تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم بېسىۋېلىنىپ بۆلىشىۋېلىنىدۇ. ناتسىستلار گېرمانىيسى، بېسىۋالغان باشقا جايلاردا ئىجرا قىلغىنىدەك پولشادىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى خاراكتېردىكى ھەر قانداق بىر ھەرىكەت ياكى نەشرىياتچىلىق پائالىيەتلەرنى چەكلەش قارارىنى ئىجرا قىلىشقا كىرىشىدۇ.
يۈز بەرگەن بۇ تۈر خەتەرلىك ۋەزىيەت ئاستىدا، پولشا ھۆكۈمىتى پرومېتې يېتەكچىلىرىنى قىلچە كېچىكتۈرمەي چەتكە چىقىرىۋېتىش قارارىنى ئالىدۇ. 6- سېنتەبىر كۈنى بىر يەرگە توپلىغان پرومېتې ئەزالىرىنى مايور دومبروۋسكى ھەمراھلىقىدا برېست لىتوۋسك تەرەپكە يولغا سالىدۇ. ئۇلارنىڭ پىلانى رۇمىنىيەگە بېرىۋېلىش ئىدى. يولغا چىققان بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىچىدە پرومېتې ئىتتىپاقى رەئىسى ئۇكرائىنالىق پروفېسسور رومان سمال ستوتتسكى، ئەزەربەيجان مىللىي مەركەز رەئىسى مەھەممەت ئىمىن روسۇلزادە، ئەزالاردىن مىرزا بابا بىلەن ئېلى ئەزەرتېكىن، ئىدىل- ئۇرال مىللىي مەركەز رەھبىرى ئاياز ئىسھاقى، شىمالى كاپكازىيە ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن سەئىت شامىل بىلەن ئەزا بىلاتتى، قىرىم مىللىي مەركەز رەئىسى ئەدىگە قىرىمال بىلەن گىرۇزىيە مىللىي ھەرىكىتىدىن ئىمنايىدسزى قاتارلىق كىشىلەر بار ئىدى. ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئوسمان غوجا ئوغلى بولسا، ئۇنىڭدىن ئىككى ھەپتىدەك بۇرۇن ئىرانغا يولغا سېلىنغان ئىدى.
بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەر رۇمىنىيە چېگراسىغا قاراپ يولغا چىققاندىن كېيىن، سمال ستوتتسكى برېست لىتوۋسكىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ قېشىغا بېرىۋېلىش ئۈچۈن توپتىن ئايرىلىپ يولدا قېلىپ قالىدۇ. قالغان كىشىلەر نۇرغۇنلىغان خەتەرلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاخىرى رۇمىنىيەگە بېرىۋالىدۇ. مەھەممەت ئىمىن روسۇلزادە بۇخارىستتا قالىدۇ. ئاياز ئىسھاقى، سەئىت شامىل، مىرزا بابا ۋە ئەدىگە قىرىمال قاتارلىق كىشىلەر تۈركىيە تەرەپكە قاراپ سەپەر قىلىدۇ. شەرق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋ. بونژكوۋسكى بولسا ئىسرائىلغا كېتىۋالىدۇ. پولشادا قالغان سمال ستوتتسكىمۇ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئا ق ش غا كېتىۋالىدۇ. ئاقىۋەت، پرومېتې ھەرىكىتىنىڭ بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك يېتەكچىلىرى پولشادىن ئايرىلىپ بولىدۇ. ئاياز ئىسھاقى پولشادىن ئايرىلىشنىڭ شۇ پەيتىدىكى ھېسسىياتلىرىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىدۇ:
سىلەر بىلەن بىزلەرنىڭ ئەركىنلىكىمىز ئۈچۈن، شوئارىمىز بىلەن بايرىقىمىز ئەتراپىدا ۋەتىنىمىزدىن ۋە قېرىنداش ئەللەردىن قوغلاندى قىلىنغان بىز تۈركى مىللەتچىلەرنى توپلاپ بىر يەرگە يىغقان لېخىستان، ئوت يالقۇن ئىچىدە يانماقتا، ۋەيران بولماقتا، قانلار ئىچىدە بوغۇلماقتا، كۆز يېشى ئىچىدە ئىڭرىماقتا ۋە قان يىغلىماقتا. … بىز تۈركى ئەللەرنىڭ مىللەتچىلىرى 10- 12 يىلدەك بۇ دوستىمىز بولغان دۆلەتتە تىكلىگەن يېڭى مىللىي مەشئەللىرىمىز، قۇرغان مىللىي مۇجادىلە مەركەزلىرىمىز لېخىستان بىلەن بىرگە كۆيۈپ كۈل بولماقتا ئىدى. بىزمۇ لېخ ئەسكەرلىرىدەك، لېخ ئاۋانگارتلىرىدەك ئىككىنچى قېتىم قۇرۇپ چىققان ھاياتلىق ۋە پائالىيەت مەركەزلىرىمىزنى تاشلاپ، يەنە بىر قېتىم مۇساپىرلىق يولىغا، قاراڭغۇ نامەلۇم بىر يەرلەرگە قاراپ سەپەر قىلغان ئىدۇق.
پولشا ھۆكۈمەت ئەزالىرى ۋەتىنى ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن پارىژغا بېرىۋېلىپ، ۋلاديسلاۋ سكورسكى رەئىسلىكىدە بىر سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىدۇ. گېرمانىيە قوشۇنلىرى پولشا ئىشغالىدىن كېيىن فىرانسىيەگە ھۇجۇم باشلىغاندا، بۇ ھۆكۈمەت 1940- يىلى ئىيۇندا ئەنگلىيەگە بېرىۋالىدۇ. پولشا خەزىنىسى بىلەن ئارخىپ ماتېرىياللىرىمۇ بۇ ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئەنگلىيەگە توشۇپ كېتىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئەمەلىيەتتە پرومېتې مەركىزى لوندونغا كۆچۈرۈلگەن ھېسابلاندى (ئىدىل- ئۇراللىق ئېلى ئېقىش، 2002 ئېلان قىلغان «ئېسىمدە قالغانلار − ئەسلىمىلەر» ئىسىملىك كىتابىدا ‹91- بەت› ئاياز ئىسھاقى ۋارشاۋادىن ئايرىلغاندىن كېيىن پولشا ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن بىرگە رۇمىنىيە ئارقىلىق ئاۋۋال پارىژغا، ئۇ يەردىن يەنە لوندونغا بېرىۋالغانلىقىنى، 1940- يىلى تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئەمما بۇ مەلۇماتلار ئاياز ئىسھاقىنىڭ «لېخىستاندىن ئايرىلىش» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ‹ئەمەل مەجمۇئەسى، 1984. 140- سان› بايان قىلغانلىرىغا ئوخشىماي قالغان. ئاياز ئىسھاقى بۇ ماقالىسىدە پولشادىن ئايرىلغاندىن كېيىن رۇمىنىيە ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىۋالغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئەنگلىيەگە بېرىپ- بارمىغانلىقىغا دائىر بىرەر مەلۇمات يوق. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
يەنە بىر تەرەپتىن، پرومېتېچىلەر پارىژدا بېسىلغان «لا رېۋۇ دې پرومېتې» ژۇرنىلىدا پولشانىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئارقىلىق فىرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە تەرىپىدە تۇرغانلىقىنى ئىپادىلەشكەن ئىدى. بۇ ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلغان بارلىق مۇساپىر يېتەكچىلىرى ھەر قايسى ئۆز ۋەتەنداشلىرىنى گېرمانىيە- سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىغا قارشى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرغان ئىدى (نېمىس- ئۇرۇس ئىتتىپاقىغا قارشى بىرلىكسەپ تۈزۈش ھەققىدە چاقىرىق چىقارغان يېتەكچىلەر مۇنۇ كىشىلەر ئىدى: نۆۋ جوردانىيا، مۇستاپا چوقاي ئوغلى، مىر ياقۇپ مەختىيېۋ ۋە ئالېكساندر شۇلگىن. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). چەتئەلدىكى گىرۇزىيە ھۆكۈمەت رەئىسى نۆۋ جوردانىيا، 1940- يىلى فېۋرالدا سابىق  گىرۇزىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا قىلغان بىر نۇتقىدا گېرمانىيەگە بولغان ھېس- تۇيغۇلىرىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى خالىغانچە يوق قىلىۋاتقان بىر نېمىس دۆلىتى، گىرۇزىيەنىڭ ئەركىنلىكىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشىغىمۇ ھەرگىز ياردەمچى بولالمايدۇ. بىزنىڭ تەقدىرىمىز، مەيلى بۇرۇن ياكى بۈگۈن بولسۇن، باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرالايدىغان دېموكراتىك كۈچلەرگىلا باغلىق.
جوردانىياننىڭ بۇ سۆزى، گىرۇزىيە دېگەن ئىسىمنىڭ ئورنىغا سوۋېتلەرنىڭ ئاسارىتى ئاستىدا قالغان خالىغان بىر مىللەتنىڭ ئىسمىنى قويۇپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان، سوۋېت مۇساپىرلىرىغا ئورتاق ھېسسىياتلار ئىپادىلەنگەن بىر سۆز ئىدى. يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ژۇرنالنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سانىدا فاشىزم بىلەن كوممۇنىزمنىڭ ھەر ئىككىسىنىلا بىر تۈرلۈك خولېرا ۋاباسى دەپ تونۇشتۇرۇپ كېلىپ، ياۋروپالىقلارنى ھەر ئىككىلا ئەقىدىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان ئىدى. 1940- يىلىنىڭ ماي ئېيىدا فرانسىيەنىڭمۇ ئىشغال قىلىنىشى نەتىجىسىدە بۇ ژۇرنالمۇ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ (بۇ ژۇرنال، 1940- يىلىنىڭ ئاپرېل ئېيىدا ئەڭ ئاخىرقى سانى 8- 9 سانلىرىنى چىقىرىپ توختايدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
پرومېتې تەشكىلاتىنىڭ بارلىق يېتەكچىلىرى پولشادىن ئايرىلغىنىدىن كېيىن، نېمىس دائىرىلىرى ئاجايىپ قىزىق بىر ئىش قىلىدۇ. ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمدىكى پولشادا ئىشغال قىلىنغان رايونلارنىڭ ئومۇمى ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن فرانكتىن، پرومېتې تەشكىلاتىنى تارقىتىۋەتمەسلىكىنى، ئۇنى سىياسىي ئىشلارغا ئارىلاشمايدىغان ھالغا كەلتۈرگەندىن كېيىن بىرەر جەمئىيەت قاتارىدا قوغداپ قېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. دېگەندەك، نېمىس بىخەتەرلىك تەشكىلاتى بولغان س د 1939- يىل 25- ئۆكتەبىردە چىقارغان بىر ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ تەشكىلات يەرلىك شۆبىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.
ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى، ئېھتىمال گېرمانىيە ئىشغالىيەتچىلەر ھاكىمىيىتى بىلەن پولشا زىيالىيلىرى ھەمدە پرومېتې تەشكىلاتىنىڭ ئاساسقاتلام خادىملىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ساقلاپ قېلىپ، بۇ تەشكىلاتنى نېمىس غايىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىر تەشكىلاتقا ئايلاندۇرۇش بۆلىشى مۇمكىن.
ئۇرۇش دەۋرىدە تۈركىيەدىكىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ھەر قايسى ئەللەرگە تارقىلىپ كەتكەن پرومېتې ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىم يېتەكچىلىرى لوندوندىكى پولشا ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. مەھەممەت ئىمىن روسۇلزادە پولشادىن ئايرىلغىنىدىن كېيىن بۇخارېست ئارقىلىق پارىژغا بېرىۋېلىپ، ئۇ يەردىكى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن بىرگە فىرانسىيە ئىشغال قىلىنغان كۈنلەرگىچە شۇ يەردە تۇرۇپ پائالىيەت قىلىدۇ. فىرانسىيە ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن بۇخارېستقا قايتىپ كېلىدۇ (روسۇلزادە، تا ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىگىچە تۈركىيەنىڭ رۇمىنىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھەمدۇللا سۇپى تەڭرىئۆۋەرنىڭ قېشىدا، يەنى بۇخارىستتا تۇرىدۇ. ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا بولشېۋىك قوشۇنلىرى رۇمىنىيەگە يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن ئۇ يەردىن گېرمانىيەگە ئۆتۈپ، ئۇ يەردە ئامېرىكا ئىشغالىيەتچى قوشۇنلىرىدىن پاناھلىق تىلەيدۇ. 1947- يىلى تۈركىيەگە قايتىپ كېلىدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
ياۋروپادا ياكى تۈركىيەدە قېلىپ قالغان مۇساپىر يېتەكچىلىرى شۇنچە قىيىن شارائىتلارغا قارىماي لوندوندىكى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ تۇرغانلىقى مەلۇم. مەسىلەن، ئىدىل- ئۇرال ھەرىكىتى يېتەكچىلىرىدىن ئېلى ئېقىش، ئاياز ئىسھاقى بىلەن بىرلىكتە پولشا ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تا 1944- يىللارغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلماقتا. يەنە بىر تەرەپتە، قىرىملىق يېتەكچى جاپپار سېيىد ئەخمەت قىرىمەر گېرمانىيەنىڭ پولشانى ئىشغال قىلىشىغا ئوچۇق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، تۈركىيەدىكى گېرمانىيە باش ئەلچىسى فون پاپېن ئۇنى سكورسكى (چەتئەلدە قۇرۇلغان پولشا ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلماقتا دەپ قارىلايدۇ.

پولشا ئىشغالىدىن كېيىن ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاقى
ئاۋغۇست ئېيىدا ئىمزالانغان مولوتوپ- رىببېنتروپ شەرتنامىسى پرومېتېنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى چۆچۈتۈۋەتكىنىدەك، ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاقى خادىملىرىنىمۇ قاتتىق چۈچۈتۈۋەتكەن ئىدى. چۈنكى، شۇنىڭدىن تېخى يېرىم يىل ئاۋۋالقى مارت ئېيىدا چاقىرىلغان ت م ب قۇرۇلتىيىدا تەشكىلات مەركىزىنى بېرلىنغا يۆتكەش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىنغان، مەجدىدىن دەلىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مۇنچە يېتەكچىلەر گېرمانىيەگە بېرىۋالغان ئىدى. ئەمما 1939- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگۈچە تارىخ چاقى تېخىمۇ تېز ئايلىنىشقا باشلاپ، ياۋروپادا يۈز بەرگەن بۇ جىددىيچىلىكلەر تۈپەيلىدىن، ت م ب قۇرۇلتىيىدا قوبۇل قىلىنغان قارارلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئىجرا قىلىش ئىمكانىيىتى بولمايدىغان بىر سىياسىي ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە ئىدى.
(رەسىم ئورنى)
ت م ب چىلار ئۇرۇش پارتلاشنىڭ ئالدىدا گېرمانىيەدە. بېرلىن، 1939. (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)
چوقاي ئوغلى، 1939- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىلا ياۋروپادىكى بۇ ئۇرۇش ئاقىۋىتىدە قىزىل شەيتانلار (ئۇرۇسلار كۆزدە تۇتۇلماقتا. − ئاپتور) كۈچىيىپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ، دېگەن پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەندىكى ئىش، ت م ب مەركىزىنى كۆچۈرۈپ بارغۇدەك باشقا بىر دۆلەت تېپىشقا توغرا كەلمەكتە ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، چوقاي ئوغلى شۇ يىلى ئىيۇن ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەجدىدىن دەلىلگە قارىتىپ يازغان خېتىدە مۇنۇلارنى دەيدۇ:
سىياسىي ۋەزىيەت ئالدىمىزغا يەنە “كۆچۈش” مەسىلىسىنى تىرەپ قۇيىدىغانلىقى ھەققىدە تاھىر بىلەن ئوكتاي ئىككىسىگە ئېيتقان ئىدىم. … بىزنى قوبۇل قىلىدىغان بىرەر ياۋروپا دۆلىتى تېپىلارمۇ؟ نېمە بولسا بولسۇن، بۇ ئىش كۈندىن- كۈنگە مۇھىم مەسىلە بولۇپ ئالدىمىزدا تۇرماقتا.
ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئوسمان غوجا ئوغلى باغداتقا قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چوقاي ئوغلىغا يازغان خېتىدە، ئۇ يەرلەردە بەزى ھەرىكەتلەرنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىما قىلىپ كۆرسىتىدۇ:
بۇ كېچە تەييارە بىلەن (ئايروپىلان بىلەن دېمەكچى − ئۇ.ت) باغداتقا قاراپ ئۇچماقچى بولۇۋاتىمەن. … قونۇپ ئۆتىدىغان بىرىنچى بېكەت گىرېتسىيەنىڭ پىرە دېگەن يېرى بولۇپ، ئىككىنچى بېكەت پەلەستىننىڭ سىدا دېگەن يېرى. ئۇ يەردە لېخىستان تەييارىسىدىن ئەنگلىيە تەييارىسىغا ئالمىشىدىكەنمىز. ئەمدى باغداتقا قاراپ ئۇچىمىز. … باغداتقا بارغىنىمدا سىزگە خەت يازارمەن. …
دوستلىرىمدىن ئاڭلىغىنىمغا قارىغاندا نېمىسلار سىزگە ۋىزا بېرىش ئىشىدا مۈشكۈلات چىقارغانىكەن. فرانسۇزلار ۋىزا ئۈچۈن ماڭىمۇ قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ ياۋروپادا ئۇچرىشىشىمىزغا قىسمەت بولمىدى. ئۈمىدۋارمەنكى، پات يېقىندا مۇبارەك ۋەتىنىمىزدە ياكى بولمىسا ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرالىرىغا يېقىنراق بىرەر يەردە كۆرۈشۈپ قالارمىز.
بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقان نېمىس خەۋىپى ھەمدە سوۋېتلەرنىڭ گېرمانىيە بىلەن يېقىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى، ئەنگلىيەلىكلەر بىلەن پولشالىقلارنى زىچ ھەمكارلىشىپ بىر سەپتە تۇرۇش ھالىتىگە كەلتۈرگەن ئىدى. يېقىندا پارتلاش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوتتۇرا شەرق، ئىران ۋە ئافغانىستان قاتارىدىكى ئەللەر قۇدرەتلىك دۇنيا كۈچلىرىنىڭ تۇتۇشۇپ قالىدىغان سەھنىسىگە ئايلىنىپ قالىدىغاندەك كۆرۈنەتتى. شۇڭا ئۇلار، پرومېتې ھەرىكىتىنىڭ مەنسۇپلىرىنى بۇ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا ئىدى. غوجا ئوغلىنىڭ ئىرانغا يولغا سېلىنىشىمۇ شۇ مەقسەت ئۈچۈن ئىدى.
ياۋروپادا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ خىل ۋەزىيەت بىلەن بىر قاتاردا، ت م ب يېتەكچىلىرىنىڭ ئەھۋالىمۇ كۈندىن- كۈنگە قىيىنلاشماقتا ئىدى. مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ تۈركىيەگە ئەۋەتكەن خەتلىرىدە بۇ ئەھۋال ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان:
گېرمانىيە چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقاشقا كىرىشتى. يا بىر خەت، يا بىر ئامانەت ئەۋەتەلمەس ھالغا چۈشۈپ قالدىم … تاھىر، مەجدىدىن، باتۇ ۋە ئەخمەتجانلار بىلەن بولغان ئالاقەم ئۈزۈلۈپ قالدى. … ئوسمان غوجا ئوغلى ۋارشاۋادىن باغداتقا، ئۇ يەردىن يەنە ئىرانغا كېتىپتۇ. بۇ ھەقتە ماڭا خەت يازغان ئىكەن. … پات يېقىندا ۋەتەندە ياكى ۋەتەنگە يېقىن بىر يەرلەردە كۆرۈشەرمىز دەپ يېزىپتۇ. … ئاياز ئەپەندىنىڭ توكيودىن يازغان خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. مۇسا جارۇللا توكيوغا بېرىۋاپتۇ. … ژۇرنالنى پارىژغا كۆچۈرۈپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. ئەمما پارىژدا ئەرەب ھەرپلىرى بىلەن ژۇرنال باستۇرغىلى بولىدىغان بىرەر مەتبەئە يوق. … تۈركىيە بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق جاي بولغىنى بىلەن، ئۇلار بىزنىڭ ئۇ يەردە پائالىيەت قىلىشىمىزنى چەكلىۋەتتى. … مىسىرنى ئويلىدىم، ئەمما ئۇ يەر بىزگە پەقەتلا يات بىر يەر. دوستلىرىم بىلەن سۆزلىشىپ باقتىم. تېخىچە بىرەر جاۋابقا ئېرىشەلمىدىم.
ياۋروپادا بۇنداق ۋەزىيەت شەكىللىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ت م ب نىڭ سابىق رەئىسى زەكى ۋەلىدى تۇغاننىڭ ئەھۋالىدىمۇ ئۆزگىرىش كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئاتاتۈركنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ھايات ۋاقىتلىرىدا چەتكە قېقىلغان بىر قىسىم سىياسەتچىلەر بىلەن بەزى رەھبەرلەر قايتىدىن ۋەزىپە ئۆتەشكە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. ئۇزۇنغىچە چەتئەلدە تۇرۇپ قالغان رەقىبلەردىن دوكتور رىزا نۇر تۈركىيەگە قايتىپ بارغان ئىدى. بۇنداق ۋەزىيەتتىن خەۋەر تاپقان زەكى ۋەلىدى، 1939- يىلى 1- ماي كۈنى جۇمھۇرباشقانى (پرېزىدېنت) ئىسمەت ئىنئۆنۈ، دۆلەت مۇداپىئە باشقوماندانى فەۋزى چاقماق ۋە مائارىپ ۋەكىلى ھاسان ئېلى يۈجەللەرگە ئايرىم- ئايرىم خەت يېزىپ، تۈركىيەگە قايتىپ كېتىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى، تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ بىرەرىدە ئىشلەپ قېلىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتقان. ۋەلىدىنىڭ بۇ تەلىپى ئۇزۇنغا قالماي تەستىقلىنىپ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تارىخ دەرسىگە مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، زەكى ۋەلىدى تۇغان نەق ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغان 1939- يىلىنىڭ 1- سېنتەبىر كۈنى گېرمانىيەدىن چىقىۋالىدۇ.
ت م ب نىڭ قالغان ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالىمۇ بۇلاردىن تولا بەك پەرق قىلمايتتى. ئابدۇۋاھاپ ئوكتاي، ئايالى سەئىدە خانىم، ئەخمەتجان ئوكتاي ۋە باتۇ قاراباي قاتارلىقلار گېرمانىيە پولشاغا ھۇجۇم قىلىشتىن سەل ئاۋۋال تۈركىيەگە كېلىۋالغان ئىدى. ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان مۇۋاپىق بىرەر دۆلەت پايتەختى تاپالىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ت م ب چىلارنىڭ گېرمانىيەدىن چىقىشتا ئەڭ ئارقىدا قالغان ئەزالىرىدىن مەجدىدىن دەلىل بىلەن تاھىر چاغاتايلارمۇ شۇ يول بىلەن 1940- يىلىنىڭ باشلىرىدا تۈركىيەگە بېرىۋالىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، خۇددى 1920- يىللاردىكىگە ئوخشاش، مۇستاپا چوقاي ئوغلى ياۋروپادا يەنە تىكەندەك يالغۇز قالىدۇ. چوقاي ئوغلىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ت م ب ئەزالىرىغا يازغان ئەڭ ئاخىرقى بىر خېتىدە يېزىلغان مۇنۇ قۇرلار ئۇنىڭ ئىنتايىن پەرىشان روھى ھالىتىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرمەكتە:
بۈ دەۋرلەردە بىز ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ قولىدا قىلچىمۇ بىر دىپلوماتىك پۇرسەت يوقلۇقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. … ئۇزۇندىن بېرى ئىچىمدە ساقلاپ كېلىۋاتقان بەزى سىرلىرىمنى سىزلەرگە ئاشكارىلىماقچىمەن. ئۇزۇندىن بېرى قانات يايدۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ ھەرىكىتىمىزنىڭ بىر قىسمى تاماملاندى دېيىشكە بولار. ئەتە كۈنگە 13. يەنى خۇراپىي كىشىلەر قەتئىي ياخشى كۆرمەيدىغان بىر كۈن. … بىزگە ياردەم قىلىدىغانلارنى پەقەتلا يوق دەپمۇ ئېيتالمىساممۇ، … سەۋر قىلىپ ئۈمىد ئىچىدە كۈتمەكتىمەن. خۇدا بۇيرۇسا، بىرەر پايدىلىق ئەھۋال كۆرۈلگۈدەك قىلسا، كۆرۈشۈش ئۈچۈن سىزلەرنى بۇ يەرگە چاقىرىمەن. … شۇ چاغدا ۋەزىيەتنى باشتىن ئاخىرى بىر قۇر مۇھاكىمە قىلىپ چىقىشىمىز ئۈچۈن پۇرسەت بولۇپ قالار. … ھازىرچە سىزلەرگە دەيدىغان گەپلىرىم شۇنچىلىك. … بەش ۋاقىت نامىزىڭلاردا دۇئا قىلغايسىلەر. … بۇنىڭلىق بىلەن شۇنچە ئۇزۇن يىلدىن بېرى شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ھەرىكىتىمىزنىڭ چىقىش يولى قالمىدى دەپ ئېيتالمايمىز.
چوقاي ئوغلى، پارىژدا بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە قاراڭغۇ كۈنلەرگە تەييارلىق قىلىپ تۇرغانلىقىنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن فرانسىيەلىكلەر بىلەن ياپونىيەلىكلەردىن ئۈمىد كۈتۈپ مۇناسىۋەت باغلاشنىڭ يوللىرىنى ئاختۇرۇپمۇ يۈرگەن ئىدى. بۇ جەرياندا، پولشانى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن نورۋېگىيە، دانىيە قاتارلىق ئەللەرنى ئىشغال قىلىشقا ئاتلانغان گېرمانىيە، ماي ئېيىنىڭ بېشىدا يۆلىنىشىنى جەنۇب تەرەپكە بۇراپ گوللاندىيە بىلەن بېلگىيەنى قىينالمايلا بېسىپ ئۆتۈپ فىرانسىيە تەۋەسىگە ئاياق باسقان ئىدى. 16- ئىيۇن كۈنى فىرانسىيە تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش تەلىپىنى قويۇپ گېرمانىيەگە تەسلىم بولىدۇ. شۇندىن ئېتىبارەن، چوقاي ئوغلى ئۈچۈن بۇ ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ بىكار ئولتۇرۇشتىن باشقا قىلىدىغان ئىش قالمىغاندەك كۆرۈنەتتى. رادىئوغا مىختەك قادىلىپ ئولتۇرۇپ لوندون رادىئوسىدىن قۇلىقىنى ئۈزمەي تاشقى دۇنيا خەۋەرلىرىنى بىلىشكە تىرىشاتتى. يەنە بەزى دوستلىرىنىڭ ۋاسىتىچىلىقىغا تايىنىپ ت م ب ئەزالىرى بىلەن ئالاقە باغلاشقىمۇ ئۇرۇنماقتا ئىدى.
(رەسىم ئورنى)
مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ مىللىي كۇتۇپخانا كارتۇشكىسى (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)
(رەسىم ئورنى)
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغان كۈنلەردە چوقاي ئوغلىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىلگەن ئاشلىق كىنىشكىسى، 1941- يىلى 30- مارت (ئەھەت ئەنجان ئارخىپىدىن)
مۇستاپا چوقاي ئوغلى، 1941- يىلىنىڭ ئاپرېل ئېيىدا پروفېسسور مەندېنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن گېرمانىيەگە بېرىپ ئا پ ئا نىڭ بەزى مەسئۇل كىشىلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. گېرمانىيە سەپىرىدىن قايتىپ ئايالىغا ئېيتقانلىرىدىن قارىغاندا، نېمىس مەسئۇل خادىملىرى ئۇنىڭدىن سوۋېت ئىتتىپاقى ھەققىدە ئۇچۇر تەلەپ قىلغانىكەن. يەنى ئەگەر بىر ئۇرۇش چىقىپ قالغۇدەك بولسا، قىزىل ئارمىيە تەركىبىدىكى ئورتا ئاسىيالىق ئەسكەرلەر قايسى مەيداندا تۇرۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە چوقاي ئوغلىنىڭ پىكرىنى سورىغانىمىش. چوقاي ئوغلى ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپ پارىژغا قايتىپ كەتكەن. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، قايتا گېرمانىيەگە چاقىرتىلىدۇ. ئۇنىڭ شۇ كېلىشى قايتا پارىژغا مەڭگۈ قايتالماس بولۇپ كېلىشى بولۇپ قالىدۇ. پۈتۈن جاھاننى قاپلىغان ئۇرۇش بورانلىرى ئۇنى ئەسىرلەر لاگېرلىرىغا، چىن قەلبىدىن سۆيىدىغان ئانا ۋەتىنىدىن كەلگەن يۇرتداشلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئەسىرلەر لاگېرىغا سۆرەپ ماڭماقتا ئىدى.


ئۈچىنچى باب
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى يىللىرىدا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:12 , Processed in 0.400632 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش