بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gvzalnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-28 13:49
يۈرەكتىكى قەبرە
كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ سېنى ئەسلىدىم،
چۆلدىكى بىر قاقشال توغراق تۈۋىدە.
سۆيەلمەي لېۋىڭگە شۇنچە تەلمۈرۈپ،
مەڭگۈلۈك داغ قالدى ئاينىڭ يۈزىدە.
ئۆگزەڭدىن ئەگىگەن قارا بۇلۇتنىڭ،
چاڭقىدى لەۋلىرى باغرى بولدى قان.
يىلاندەك چىرمىشىپ كەتتى ئۇيقىغا،
سەن ئۈچۈن پىنھانغا كۆمۈلگەن ئارمان.
كۈتۈشنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان يولى،
ئاقماقتا جىسمىمدىن توختىماي يەرگە.
كۆڭۈلنىڭ شېخىغا قونۇپ ئولتۇرۇپ،
مۇناجات قىلماقتا بىر مىسكىن قەبرە.
بىر قاقاس قەلىبتە كۆيمەكتە گۈلخان،
تامدىكى يۇلتۇزغا سۆزلەپ رىۋايەت.
كۆز ياشتىن ياسىغان رەڭدار مارجاننى،
ئاسماقتا بوينۇمغا ئەركىلەپ ھەسرەت.
ئاتەشنىڭ ئۈستىدە مۇزلىغان دۇنيا،
ئۈمۈتتە باقىدۇ بۇرۇتلۇق ئەرگە.
ئەقىدەم يار ئۈچۈن بولدى پايانداز،
تۆگىدەك بوزلايدۇ ياپيىشىل قەبرە.
2016-يىلى1-ئاينىڭ 29-كۈنى گۇما
ئۆچكەن يۇلتۇز
‹‹شائىر،ژۇرنالىسىت،قابىل تەشكىلاتچى،كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىپ مۇھەممەت چاۋارنىڭ ۋاپاتىغا مەرسىيە››
بۈگۈن يەنى سوغۇق كېچىدە،
كەتتى شائىر شۇنداق بىمەھەل.
شۇم ئەجەلنىڭ قۇربانى بولۇپ،
ساقىپ چۈشتى كۆكتىكى زۈھەل.
كەتتى شائىر كەلمەسكە ئەبەت،
نامى قالدى دىللاردا پارلاپ.
بولمىغانتى كۆرۈشكە نىسىپ،
قىينار شۇنداق يۈرەكنى ئازاپ.
تەڭرى تاغدەك قامەتلىرىڭىز،
چۈشتى بۈگۈن بىمەھەل غۇلاپ.
كائىناتنىڭ باغرى قان بولدى،
ھىجران بىلەن يۈرىكى قاناپ.
ئاھ بۇ تەقدىر ئوخشايدۇ شۇنداق،
قەددىڭىزنى ئەگدىغۇ ئاخىر.
بىزلەر قالدۇق ئىغىر قايغۇدا،
ئەجەل شۇنداق ئېلىپ كېتەر بىر-بىر.
2016-يىلى1-ئاينىڭ24-كۈنى گۇما
دەرىزەڭنى چاققىم كېلىدۇ
ئۇزۇن كېچە ياتىدۇ جانسىز،
لەۋلىرىدىن تامدۇرۇپ شەربەت.
كۆكسۈمدىكى بىر مىسكىن يۈرەك،
تۇغۇپ قويدى تۈمەنمىڭ ھەسرەت.
ئۇخلاپ ياتار كۆكسۈمدە قۇياش،
ھازىدار بولۇپ بىر قىز ئىشقىدا.
ئۆلىۋالدى سۈزۈك ئەقىدەم ،
سىرىتماق سېلىپ كۆڭۈل شېخىغا.
يۈرەكلەرنىڭ دەشىتلىرىدە،
سۆيۈشمەكتە بىر جۈپ كېپىنەك.
قاسراق تاشلار ئازاپتىن كۆڭۈل،
يار ئۇنىڭغا سالغاندا تىرەك.
بار قۇلۇمدا ھىجراننىڭ چېچى،
مېنى ئېلىپ يىراق كېتىدۇ.
ئاخىرقى رەت چىقمىساڭ بۈگۈن،
دەرىزەڭنى چاققىم كېلىدۇ.
2016-يىلى1-ئاينىڭ 26-كۈنى گۇما
|