بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gvzalnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-28 16:44
بالىڭىزنى مۇنداق تەربىيلەڭ،شۇندىلا ئۇ غالىپلاردىن بۇلىدۇ.
مەمتىمىن ئوبۇل تەرجىمىسى
ئۇ 13 ياشقا كىرگەن شۇ يىلى،دادىسى تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا بىر دانە كونا كىيىمنى تەڭلەپ تۇرۇپ:
-بۇ كىيىم نەچچە پۇلغا يارار؟-دەپ سورىدى.
ئۇ-بىرەر دوللارغا يارار.-دەپ جاۋاپ بەردى
-سەن بۇنى ئىككى دوللارغا ساتالامسەن ؟-دەپ سورىدى دادىسى ئۇنى سىناش نەزىرى بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ.
-ئەخمەق ئادەم ئېلىشى مۇمكىن.-دېدى باتناپ تۇرۇپ.
دادىسى سەمىمىيلىك نەزىرى بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ:-نىمىشقا سىناپ باقمايسەن؟سەنمۇ بىلىسەن،ئائىلىمىزنىڭ ھال-ئەھۋالىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس،ئەگەر بۇنى سەن ئىككى دوللارغا ساتالىساڭ،ماڭىمۇ ۋە ئاپاڭغىمۇ ياردەم قىلالىغان بولىسەن.
ئۇ شۇندىلا باش لىڭىشتىپ تۇرۇپ:-ماقۇل،مەن سىناپ باقاي،لىكىن چۇقۇم ساتالايمەن دەپ كىسىپ ئېيتالمايمەن-دېدى.
ئۇ ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن كىيىمنى پاك-پاكىز يۇيدى،دەزمال يوق ئىدى،ئۇ كىيىمنى چوتكا بىلەن چوتكىلاپ تەكشىلىدى،تاختاي ئۈستىگە تەكشى يېيىپ قۇرۇتتى.
ئەتىسى ئۇ كىيىمنى چىرايلىق قاتلاپ ئېلىپ،ئادەم زىچ توپلاشقان ۋوگزالغا كەلدى.ئالتە سائەتلىك توۋلاپ سېتىش نەتىجىسىدە ئۇ ئاخىرى كىيىمىنى ئىككى دوللارغا ساتالىدى.ئۇ ئىككى دوللارنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە،ئۆيىگە يۈرۈپ كەتتى.
كىيىن ئۇ ھەر كۈنى ئەخلەت ئارىسىدىن كونا كىيىملەرنى ئىزدەپ تېپىپ،يۇيۇپ پاكىزلاپ بولغاندىن كىيىن،قايناق بازارغا ئېلىپ بېرىپ ساتىدىغان بولدى.شۇ تەرىقىدە ئون كۈن ئۆتتى.دادىسى يەنە تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭغا كونا كىيىمدىن بىرنى بېرىپ:-ئويلاپ باققىن،قانداق قىلغاندا بۇ كىيىمنى 20 دوللارغا ساتقىلى بۇلىدۇ؟-دەپ سورىدى.
ئۇ:- بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟مۇشۇنچىۋالا كونىراپ كەتكەن كىيىمنى قانداقمۇ 20دوللارغا ساتقىلى بولسۇن؟بۇ كىيىم ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئىككى دوللارغا ساتقىلى بۇلىدۇ.-دىدى.
دادىسى ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ:-نىمىشقا سىناپ باقمايسەن؟ياخشىراق ئويلىنىپ باق،چۇقۇم بىر ئامالى بۇلىدۇ.—دىدى.
ئاخىر ئۇ ياخشى ئامالدىن بىرنى ئويلاپ تاپتى.ئۇ رەسىم سىزىشنى بىلىدىغان نەۋرە ئاكىسىنى تەكلىپ قىلىپ،كىيىمنىڭ ئۈستىگە ئۆردەكچاق بىلەن چاشقاننىڭ رەسىمىنى سىزدۇردى ھەمدە ئۇ بىر ئېسىل تەبىقىدىكىلەرنىڭ بالىلىرى ئوقۇيدىغان مەكتەپنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ توۋلاپ سېتىشنى تاللىدى.ئۇزاق ئۆتمەي بىر غوجىدار ئۆزىنىڭ بەگزادىسىگە بۇ كىيىمنى ئېلىپ بەردى.ئۇ ئون نەچچە ياشلىق بەگزادە كىيىم ئۈستىدىكى كارتون رەسىمنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ قالغاچقا،ئۇ بۇ كىيىمنى سېتىۋالدى ھەمدە چاي پۇلى ئۈچۈن يەنە 5 دوللار قۇشۇپ بەردى.پاھ،25 دوللار!بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ بىر سودا ھېساپلىناتتى.ھەمدە دادىسىنىڭ بىر ئايلىق مۇئاشى بىلەن تەڭ ئىدى.
ئۆيىگە قايتقاندىن كىيىن،دادىسى يەنە ئۇنىڭغا كونا بىر كىيىمنى بېرىپ:-بۇ كىيىمنى 200 دوللارغا ساتالامسەن؟دەپ سورىدى سىناش نەزىرى بىلەن.
بۇ قېتىم ئۇ ئىككىلەنمەستىنلا كىيىمنى قولىغا ئېلىپ ئويلىنىشنى باشلىۋەتتى.
ئىككى ئايدىن كىيىن،پۇرسەت ئاخىرى يىتىپ كەلدى.شۇ ۋاقىتتا داڭق قازانغان كىنو‹‹چاقماق نازىنىن››ناملىق فىلىمنىڭ باش رولچىسى FarrahFawcett نىيۇيوركقا فىلىم تەشۋىقاتى ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.مۇخبىرلار يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن،ئۇ قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئامانلىق قوغدىغىچىلارنى ئىتتىرۋىتىپ،شۇ داڭلىق چولپاننىڭ يېنىغا ئاران دىگەندە كىلەلىدى ھەمدە كونا كىيىمنى كۆتۈرگىنىچە ئۇنىڭدىن كىيىمگە ئىمزا قۇيۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى،كىممۇ كىچىك بىر گۆدەك بالىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالىسۇن،چولپان ئۇنىڭ كىيىمىگە ئىمزا قۇيۇپ بېرىپ بولغاندىن كىيىن،ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە:ھۆرمەتلىك خانىم،مەن بۇ كىيىمنى ساتسام بولامدۇ؟-دەپ سورىدى.
ئۇ چولپانمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ :-ئەلۋەتتە بۇلىدۇ،چۈنكى بۇ سىنىڭ كىيمىڭ تۇرسا،قانداق قىلىشىڭ ئۆزەڭنىڭ ئەركىنلىكىڭ.-دىدى.
شۇندىلا ئۇ نەق مەيداندا كىيىمنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ توۋلاشقا باشلىدى:-داڭلىق چولپان FarrahFawcettنىڭ ئىمزاسى بار تەنتەربىيە كىيىمى!200 دوللارغا سېتىلىدۇ!شۇ تەرىقىدە كەسكىن باھا رىقابىتى جەريانىدا بىر نېفىت سودىگىرى 1200 دوللارلىق باھا بىلەن بۇ كىيىمنى سېتىۋالدى. ئۇ ئۆيىگە قايتىپ،ئۆيدىكىلىرى بىلەن بۇ غەلبىسىنى تەنتەنە قىلىپ تەبرىكلىدى.
دادىسى تەسىرلەنگىنىدىن:-ئەسلىدە سەن بۇ كىيىمنى ساتالمىغان بولساڭ،مەن بىرەر ئادەمنى بۇ كىيىمنى سېتىۋىلىشقا ئەۋەتكەن بولاتتىم،ئويلىماپتىمەن،سەن ئاخرى بۇ كىيىمنى ساتالاپسەن،ئوغلۇم يارايسەن!سەن ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەنسەن!.....-دىدى ئۇنىڭ پىشانىسىگە قايتا-قايتىلاپ سۆيۈپ تۇرۇپ.
تولۇن ئاي تاغ ئارقىسىدىن كۆتۈرۈلگىنىچە ئۆي ئىچىنى ئاي نۇرىغا تولدۇرغان ئىدى.بۇ ئاخشام دادىسى بىلەن ئۇنىڭ ئۇيقۇسى قاچقان ئىدى.
دادىسى:-ئوغلۇم،بۇ ئۈچ قۇر كىيىمنى سېتىش جەريانىدا نىمىنى چۈشەندىڭ؟-دەپ سورىدى.
ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا:-مەن چۈشەندىم دادا،بۇ ھەممىسى سىزنىڭ ماڭا بولغان رىغبەتلەندۈرىشىڭىز،ئادەم كاللىسىنى ئىشلەتكەندىلا ،ھەر قانداق .ئىشقا ئامال تاپالايدىكەن.-دىدى.
دادىسى بېشىنى لىڭشىتىپ ھەم چايقاپ تۇرۇپ:
-دىگىنىڭ توغرا،لىكىن بۇ مىنىڭ ئۈمۈدىم ئەمەس.مەن ھاڭا شۇنى دىمەكچىكى،بىر دوللارغا يارايدىغان كىيىمنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ كۆتۈرۈشكە ئامال بار تۇرۇقلۇق،تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچ ئۈمىدىمىزنى يوقۇتۇشقا نىمە باھانىمىز بار؟بىز پەقەتلا بىر ئاز قارىراق،كەمبەغەلراق،بۇنىڭ بىز بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار؟
‹‹توغرا بىر قۇر كونا كىيىمنىڭ باھاسىنى شۇنچە يۇقىرى قىلىپ ساتقىلى بۇلىدىغان ئامالنى تاپقىلى بۇلىدىيۇ،بىزنىڭ ئۆزىمىزنى كەمسىتىشكە يەنە نىمە باھانىمىز بار؟؟؟!!!››
20 يىلدىن كىيىن ئۇنىڭ ئىسمى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تۇنۇلدى.ئۇنىڭ ئىسمى———مايكول.جوردان ئىدى.
|