ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1166|ئىنكاس: 33
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھەپتىدە بىر كۈلكە ‹1›

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

1336

يازما

4877

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 471
يازما سانى:
1336
تىللا:
3531
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
398 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-10

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

ئەسسالام دەپ مۇنبەرگە كەلسەم ،
مۇنبەردە ئەزالار ئولتۇرار ،
تېمىلار بەئەينى مەشرەپ،
ئىنكاسلار قايناپ تۇرار لاي لاي لاي

ئەسسالام مۇنبەر ئەھلى ، ئەسسالام مىھرى ئاتەش مىھرىبانلار ، ئەسسالام مۇنبىرىمىزنىڭ ئوتتۇز ئوغۇل توققۇز قىزلىرى ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام ئالىي ئېھتىرام ، ئۇشبۇ ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن ! مۇنبەردىكى دوسلارغا مەنىۋى زوق ئاتا قىلىش مەقسىتىدە "ھەپتىدە بىر كۈلكە " سەھىپىسىنى باشلىۋالدۇق .بارلىق دوسلارنىڭ يىقىندىن قوللاپ مۇنبەر كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
ھىم يېقىندىن ئەتراپىمىزدا بىر تۈركۈم يۇمۇرىستىك ئوغرىلار بايقىلىپتۇ ، قېنى ئەمىسە شۇ ئوغرىلارنىڭ كومىدىيەلىرىدىن تەڭ بەھىرلىنىپ باقايلى"

ئوغرىلار قالدۇرغان خەتلەر'
1-ھۆرمەتلىك ئۆي ئىگىسى:

ھى ھى ئۆيىڭىزگە ئوغۇرلۇققا كىردۇق، ئەسلىدە بىر ئالايلى دەپتۇقكەن__توۋا ئانداقمۇ بوپ كىتەمسىز، تارتمىلىرىڭىز لىق پايپاق،ھۆ،يۇيۇپ قويسىڭىز بولمامدۇ،تاس قالدۇق ئۆلگىلى، ئۆلسەك خوتۇن-باللىنى سىز باقامتىڭىز،ئاۋۇ ئۆي ئىچىگە يېيىۋەتكەن كىرلار،پاھ،پاھ بۇ ئۆيدە يۈز جان يوقتۇ نىمانچىلا ئالغان كىيىم-كىچەك بۇ، مانداق پاكىزرەك يۈرۈڭ،ئىشتانلىرىڭىز ئۆرە تۇرغىدەك بوپتۇ، كەلگىنىمىزدە يۈگۈرۈپ ئالدىمىزغا چىقمىسۇن خەير، ئىچىمىز ئاغرىپ رەتلەپ قويدۇق.
ئالغۇدەكمۇ پۇل-پىچەك يوقكەن،شۇڭا دەپ كەلگۈدەك كىيىم كىچەكتىن بىر نەچچىنى ئېلىپ ماڭدۇق، مەن ئېغى يىرتىق بولسىمۇ ئىشتاندىن بىرنى كىيىۋالدىم، بېرىپ خوتۇنۇمغا يۇيغۇزارمەن .
بۇدا كەلگەندە يەنە بىر تەكشۈرىمىز جۇمۇ،.......ھە ساراڭ قويە روباشكىنى ،سەن ئەر تۇرۇپ نىمە قىلسەن ئۇنى كىيىپ...
_ئوغرىلار !
2-ھۆرمەتلىك ئۆي ئىگىسى :

ئۆيىڭىزگە دېرىزىدىن كىردۇق، دىگەن بىلەن بىر مىق ئىلىۋېلىپ ئىشتاننى يىرتتى خەپ دەيمەندە لىكىن .....
ئەمدى، ئۆيىڭىزدە ئالغۇدەك بىرەر نىمە يوقكەن،يا پۇل-پىچەك،يا ئالتۇن زەنجىر ،ئايالىڭىز ئەجىبا ھەممە جابدۇقنى بويۇن قۇلاقلىرىغا ئېسىپ چىقامدا ؟ئۇ خوتۇنمۇ ياكى ھىنىستاننىڭ پىلىمۇ ؟ھۇ ھا ھا ھا گەپ قىلىپ قۇيۇڭ ،بازار باشقۇرۇشتىن"ماۋۇ خوتۇننىڭ دۇكىنى يۆتكىلىدىكەندە "دەپ مۇسادىر قىلىۋالمىسۇن ......
بىلمىدۇق، ئۆيىڭىزدە ساقال ئالغۇچتىن ئىككىسى بار ئىكەن، دىمەك ئىككى بېشىڭىز بار ۋە ياكى ئاياللىڭىز ساقاللىق ئايال ،بۇمۇ مەيلى ئاياقتىن ئىككى جۈپ بار ئىكەن،ھەممە ئايىقىڭلار ئىككى جۈپتىن بار ئىكەن،ھەي،دەپ بېقىشە،نەچچە پۇتۇڭ بار سەن خەقنىڭ ...بەئەينى سەكسەن پۇتتەك.
ئالغىدەك نەرسە يوق،توڭلاتقۇدىكى ئېشىپ قالغان لەغمەننى يەۋەتتۇق، مەيللىلا پىخسىقلار...
_ئوغرىلار!
3-ھۆرمەتلىك ئۆي ئىگىسى :

بەك تەستە كىردۇق ما ئۆيگە ،60 كىۋادىراتلىق ئۆيگە يەتتە ئىشىك قويىۋالغانمۇ بارمۇ،ئاچساقلا ئىشىك ،ئاچساقلا ئىشىك، توۋا تېشنىڭغۇ مەيلى ماۋۇ تازلىق ئۆيىنىڭكى سەككىز ئىشىك،ئەگر بىرەرسىڭلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ كەتسە، ۋاھ ۋاھ ۋاھ ئىش ئوخشىغىدەك ،ئىشتان يەڭگۈشلىمەكتىن باشقا ئامال يوقتە ھۇ ھا ھا ھا
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك،سىز بىر بولسا گىئومىتىرىيەچى ياكى قۇلۇپچى، ھەممە نەرسىگە قۇلۇپ ، ئىشىك ياسىۋاپسىز ،ھەر بىرسى سەككىزدىن ،تارتمىنىڭ ئىچىدە تارتما ،ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە تارتما ....ئۇف ھاردۇق تالدۇق ...ئاچقۇچنى نەگىمۇ ئاسقانسىز ،شالدۇر-شۇلدۇر قىلىپ ،كىشىلەر سىزنى ياتاق باشقۇردىغان چېغى دەپمۇ قالار، ساناپ چىقتۇق،جەمئىي 80 قۇلۇپ ئىكەن،ھەتتا ئاياق-توشەيلەرگىچە...
ئاچقۇچلىرى ساپاسلىرىنى قۇشۇپ 2400چىقار.....دىسەم دىمىسەم قولىڭىزدا مۇندەرىجە،ئىككىنجى بەتتىكى ئاچقۇچلار ئاشخانا ئۆينىڭ دەپ يادلاپ كەتسىڭىز ھۇ ھا ھا ھا
بولدىلا قىزىقچىلىق قىلىمەن دەپ تۇتۇلۇپ قالماي ،ئالدىغان نەرسە يوقكەن،تازلىق قەغىزىدىن بىر نەچچە ۋاراقلا ئالالىدۇق،خەپ......
_ئوغرىلار!
4-ھۆرمەتلىك ئۆي ئىگىسى :

ئۆيىڭىزگە چۈشۈپ قويدۇق ئەمدى بىكار تۇرساقمۇ تۇردىكەنمىز ،شۇنداق رەتلىك تۇرۇپتۇ ،ئاۋۇ شوركىلىرىم نەرسە ئاختۇرۋاتىدۇ ،مەن ماۋۇ ئۈستەلدىكى دەپتەرلەرنى كۆرۈپ قويدۇم ئەمدى، بالىڭىزنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرى ئىكەن ،نىمە دىگەن خاتا ئىشلىگەن بۇنى ،سىز پەقەت كۆڭۈل بۆلمەپسىز بالىنىڭ ئوقۇشىغا ھە ...نىمە بۇ ئامرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى كىم دىسە مايكول جېكسون دەپ....ماۋۇچۇ تېخى ،ئىگىلىدىكەن ئالما شاخلىرى كىمنىڭ ئەسىرى دىسە ،ئۆمەرجان ئالىمنىڭ دىگەن ،بۇ تاشمۇھەممەت باتۇرنىڭ تۇرسا ،    ماۋۇ ئەڭ قىززىق ،ماتىماتىكا ئىكەن ،ئىككى ئوغۇل ئوقۇغۇچىغا ئىككى قىز ئوقۇغۇچىنى قوشسا قانچە بۇلىدۇ ؟دىگەن ،بالىڭىز "چاتاق چىقىدۇ"دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ،بۇمۇ جاۋاپمۇ ئەمدى ،نىمانداق ناچار ھازىرقى بالىلار ،ئەسلى جاۋابى "يامان بۇلىدۇ ،نامەھرەم بۇلىدۇ"
ئۇنداق قىلماڭ ،بالىلارغا كۆيۈنەيلى ،تاپشۇرۇقلىنى توغۇرلاپ قويدۇم ،تىرىش ئوغلۇم داداڭدەك ئىشەك بولما !
ئالغۇدەك نەرىسىنىڭ ھەممىنى ئالدۇق ،بۇ سىزگە بىر جازا ھېساپ بولسۇن ،ماۋۇ كالۋا ئىنىم تامغا ئاسقان توي رەسىمىنى كۆتۈرۈپ مېڭىپتىكەن ،مەن ئالغۇزمىدىم ،پەدىشەپ بار بىزدە....
_ئوغرىلار!
بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن ،ھەركىتىمىز داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ ،بەك خوش بۇلۇپ كەتمەڭ ،سىزنىڭكىگىمۇ كىرىمىز ھامان ...
نىمە نىمە بەك ئۆڭىسىلەرغۇ.....ھې

پىروگگىراممىمىز دوسلارغا ئاز بولسىمۇ مەنىۋى زوق ئاتا قىلسا بىز شۇنىڭدىن ئالەمچە خۇش ، قېنى قېنى بىزنىڭكىدىن ھۇزۇر ئېلىپلا سىزمۇ جىم تۇرىۋالسىڭىز سەت تۇرا قېنى تېز تېز ھەركەتكە كىلىڭ ، ۋىلىق-ۋىلىق-ۋىلىق ھە ...
خەير ئامان بولۇڭلار ، كىلەر ھەپتە كىيىنكى سانىدا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىزلەر !
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى سالامەت بۇلۇڭلار !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

48

تېما

832

يازما

3712

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 417
يازما سانى:
832
تىللا:
2443
تۆھپە:
137
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
148 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-1-14 15:58:56 | ئايرىم كۆرۈش
ھاھاھا…مۇشۇنداق كۈلۈۋېرىپ ئ‍اغزىم ھىندا قىڭغىر بولۇپ قالسا ما باشقۇرغۇچى خېنىم تۆلىمەيلا ھەقىچان؟
ھەراس…ئەسسالامۇ ئ‍ەلەيكۇم

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-1-14 19:21:18 | ئايرىم كۆرۈش
ئاللا ، ئاللا   ئەجەپ يامان ئوغرىلارئىكەن  .
بۇ ئوغرىلار مىنىڭ ئۆيۈمگە كىرىپ قالسا  مىنىڭ ئۆيۈمنى بالىلار باغچىسىمىكىن ، ياكى بولمىسا 10 بالىسى بارمىكىن دەپ قالىدىغان بولدى -دە .
قارىسا ھەممە يەردە ماشىنا ، تاپانچا ، باربى قونچاق ، باربى قونچاقنىڭ كىيىملىرى ، ئاۋايلاپ ماڭمىسا ئوغلۇمنىڭ چۇۋۇغان ماشىنىلىرىنىڭ ۋىنتلىرى پۇتىغا سانجىلىپ قان چىقىپ كىتىپ  ، گننى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئوغرىلار  ئاشكارلىنىپ قالامدۇ تىخى .
ئىشقىلىپ نىمە بولسا بولسۇن ، لىكىن مىنىڭ بەك جىق ئالتۇن جابدۇقلىرىمنى ئوغۇرلىۋالمىسىلا بولغىنى ، ئۇنى ئوغۇرلىۋالسا مەن قانداق قىلىمەن ، قەشقەرلىك دىگەن كىيىملىرىگە ماسلاشتۇرۇپ جىققىدە ئالتۇن جابدۇقلارنى تاقىمىسا كۆڭلى يىرىم بولىدىغان خەق تۇرسا   ..
ئازراق تاققا - تۇققا ئويناپ قويدۇم .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-1-14 20:52:46 | ئايرىم كۆرۈش
غەيۋەت غەيۋەت غەيۋەت ..........كىمنىڭ دىمەڭلار نەق بىزنىڭ مۇنبەردىكى @كۆكتاش نىڭ بۇ بالا نىمە دەيدۇ ئۆزئاغزىدىن ئاڭلاڭلار ھە؟

-ئۆھۈ.مۇنبەرداشلار،كەمىنە كۆكتاش بولىمەن.بۇ ئاۋۇ مۇنداق گەپ قاراڭلار.......تۆنۈگۈن كەچ كەيپىياتىم تازا ياخشى ئەمەس ئولتۇرسام، بىرنەچچە ئاغىنىلىرىم KTV غا بېرىپ ناخشا ئېيتقاچ، ماندا بىر ئولتۇرۇپ كېلەيلى دەپ تېلېفۇن قىلغانتى ماڭىمۇ خوشياقتى، بارغاندىن كېيىن بىر تەرەپتىن ناخشا ئېيتقاچ، بىر تەرەپتىن ئىچىشۋازلىق باشلىنىپ كەتتى، سورۇندىن تارقىغاندا ئاران ماڭىدىغان بوپقاپتىمەندە، شۇ مەستچىلىكتە «تەلكە تاغلىرى» نى ئېيتىپ تاكسىغا چىققىنىمنى بىلىمەن، ئەتىسى شوپۇر ئۇستام چاقىرىدۇ كىرا ھەققىنى سوراپ، قارىسام ئىككى بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە بەش يۈەن دەيدۇ، چۆچۈپ كېتىپ شوپۇردىن سورىسام، ئاخشام تاكسىغا چىققاندا نەگە بارىدىغىنىڭىزنى نەچچە قېتىم سورىسام تەلكە تاغلىرى، تەلكە تاغلىرى دەيسىز، شۇ كېچىچە توختىماي مېڭىپ……

بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، خۇداغا شۈكرى ھېلىمۇ كالفورنىيەنىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتىۋەتمەپتىمەن……..........


ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-1-14 21:11:14 | ئايرىم كۆرۈش
گۈزەلخان ..ئى ناخشا نىمە دەيدۇ؟خورازمۇ قېچىپ كەتتى ،قاراڭغۇدىن قوقمايمەن.گۈزەلخان نوغۇچنى ئېلىپ مىنى قوغلىدى دەمدۇ؟ئاتتىمئاتتام............

بۇ تېمىنى ئاخىر روياپقا چىقارغىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم.داۋامىنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرايلۇق.كۈلۈپ تۇرايلۇق ماقىما تاتلىقىم(قېنى ما ھاببا ئىتىدىغان چىراي ئىپادىسى؟زادى قوشماي بولمىدى)
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2016-1-14 21:12:00 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇ يانمۇ باراڭ
بۇ يانمۇ باراڭ
ما تىمىغا كىرىپ ئىنكاس يازمىغان
ئۆزى بىر ساراڭ  ۋەيتتتتتتتتتتتتتتت
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

5

تېما

652

يازما

3268

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 681
يازما سانى:
652
تىللا:
2064
تۆھپە:
500
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
458 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-8

مۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2016-1-14 22:13:28 | ئايرىم كۆرۈش
ھاھا....ھا ،،،    نىمداق   قىزىقارلىق  ،   يامان  بەك  بى  كۈلۈپ  كەتتىما  ؟
ئ‍الدى   بىلەن   يېڭى   بىر   سەھپىنى   ئ‍اچقىنىڭىز،   ئ‍وڭۇشلۇق    روياپقا   چىقارغىنىڭىزغا   بەك  بەك   مۇبارەك   بولسۇن !   جاپا   چەكتىڭىز  گۈزەلىم  .  

كىلەركى    سانى   مانىڭدەك   قىزىقارلىق   چىقمسا  ئ‍وقۇمايمە   ھە    ئ‍الدىنئالا    دەپ   قوياي     ھى  ھى ھىھى ،،،،   
كىلەركى   سانىنىڭ   ئ‍وڭۇشلۇق     ، يارقىن   ھالەتتە   ھوزۇرىمىزغا   سۇنشىڭىزغا   تىلەكداشمەن  .

0

تېما

58

يازما

180

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 941
يازما سانى:
58
تىللا:
122
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
39 سائەت
ئاخىرقى:
2016-2-15
8#
ۋاقتى: 2016-1-15 12:53:59 | ئايرىم كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2016-1-14 20:52
غەيۋەت غەيۋەت غەيۋەت ..........كىمنىڭ دىمەڭلار نەق بىزنىڭ  ...

ئالامەت قىزىقارلىق ئىنكاس بوپتۇغۇ بوپتۇ. بۇ ئىنكاسنى ئوقۇۋاتقاندا قېشىمدا باشقىلار بار ئىدى، شۇڭا كۈلكەمنى توختىتىۋالاي دەپ شۇنچە تورمۇزلىساممۇ تورمۇز تۇتماي قالدى دىسە...
باشتا تەقدىرگە تايىنىۋالغانلار ئاخىرىدا تەقدىردىن قاقشايدىغانلاردۇر.

30

تېما

470

يازما

5253

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 31
يازما سانى:
470
تىللا:
2880
تۆھپە:
626
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
377 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-19

نادىر تىما مىدالىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپ

9#
ۋاقتى: 2016-1-15 17:29:01 | ئايرىم كۆرۈش
ئوغرى بولا مۇشتاق  بولا، رەھمەت  يۇمۇرلىرىڭىزنى كۆرۈپ  بۈگۈنكى خاپلىقلار نەلەرگىدۇر، ئۇچۇپ كەتتى، مۇنبىرىمىزدىكى بارچە ئەزالارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىپسىز رەھمەت

0

تېما

11

يازما

64

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 801
يازما سانى:
11
تىللا:
53
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
20 سائەت
ئاخىرقى:
2016-3-11
10#
ۋاقتى: 2016-1-15 17:56:17 | ئايرىم كۆرۈش
كۇلكە ئاتا قىلغىنىڭىزغا  رەھمەت .............ھارمىغايسىز  ...........
[/4777  ئۇنۇتما
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:35 , Processed in 0.136547 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش