ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 243|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

چىن دوستلۇق-روھىي ئوزۇق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

111

تېما

262

يازما

3085

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 340
يازما سانى:
262
تىللا:
2429
تۆھپە:
132
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
199 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-21

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

                                                       چىن دوستلۇق-روھىي ئوزۇق
        دوستلۇق كىشىلىك تۇرمۇش مۇساپىسىدە مەنىۋىي ئوزۇق ھىسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، كىشىلىك ئالاقە داۋامىدا مەلۇم تەسىرى ۋە تۈرتكىلىك رولى بار. دوستلىرىمىز بىز ئۈچۈن يەنە بىر ھاياتتۇر. ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىرخىل كۈچ ھەم ئىلھام ھىسابلىنىدۇ. دوستسىز كىشىلىك تۇرمۇش چۆل جەزىرىگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ بوران-چاپقۇنى كۈچلۈك، سوغوقى ئاچچىق بولىدۇ. بىز ئىجتىمائىي ئالاقە جەريانىدا دوستلىرىمىز بىلەن بىللە ياشايمىز، ئېقىمىز كىلىشمەيدىغانلار بىلەنمۇ ھەمراھ بولۇشۇپ ئۆتىمىز. بۇ ھاياتلىق مۇساپىمىزدە قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت.
        ھاياتلىق مۇساپىمىزدە كۆڭۈلدىكىدەك دوست تۇتۇش ئىنتاين مۇھىم ھەم قىيىن. بىز ئۆزىمىزنى زىرەك تۇتۇپ، سۆز-ھەرىكەتتە سىپايە بولۇپ، ھەرخىل ئىشلارغا، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە دوستانە مۇئامىلىدە بولالىغىنىمىزدا، ھالقىلىق پەيتتە ساداقىتىمىزنى نامايەن قىلىپ، ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئاقىلانە يەكۈن چىقىرالىغىنىمىزدا، ياخشى دوست، ھەقىقىي سىرداش تاپالىغان بولىمىز.
        سىرداش دوست ئۆز نۆۋىتىدە يېتەكچىمىز ھىسابلىنىدۇ. ئۇ بىزنى ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئىشلىرىدا داغدام يولغا، يورۇق نىشانغا باشلىيالايدۇ، پۇرسەتكە ئېرىشتۈرىدۇ ۋە مۇۋەپپەقىيەت دۇلدۇلىغا يۈگەن سېلىشىمىز ئۈچۈن ئىلھام بېرىدۇ، مەدەت قىلىدۇ، كۆڭلىمىز پەرىشان بولغىنىدا روھىي يۈلەك ھەم ئۈنۈملۈك تەسەللە بولالايدۇ. دوستىمىزنى ئەزىزلىسەك ئىززەت تاپىمىز، ساداقىتىمىزدىن تەۋرەنمىسەك ھۆرمەت تاپىمىز.
        لېكىن دوستلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئۇنداق ئاقىللاردىن بولۇپ كېتەلىشى، ھەممىسىنىڭ پىكرى بىر يەردىن چىقالايدىغان، قىزىقىشى، دۇنيا قارىشى ئوخشاش بولۇشى ناتايىن. ئەمما، بىز ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ياكى ئانچىكى نۇقسانلىرىغا ، دىتسىز تەرەپلىرىگە، پات-پات سادىر قىلىپ قويىدىغان سەۋەنلىكلىرىگە ئېسىلىۋالماي، مۇناسىۋەتتىكى نورماللىق، ئىزچىللىقنى ساقلاپ قېلىشىمىز، كۆرۈشكەندە ئۇلارنىڭ پىسخىكىسى بۇيىچە قىزىقىدىغان مۇنازىرە تىمىسى، كۆڭۈل بۆلىدىغان پائالىيەتلىرى، بېرىلىپ قىلىۋاتقان ئىشى، ئۈمىد قىلىدىغان تەرەپلىرىنى بىلىپ شۇ بۇيىچە پىكىرلىشىشىمىز زۆرۈر.
        چىن دوستلۇق روھىي ئوزۇق. چىن دوستلۇق بىزگە ھاياتنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بىز ئەزىزلەيدىغان، بىزنى ئەزىزلەيدىغان كىشىلەرنىڭ،  ھەقىقىي دوست، قىيامەتلىك ئاغىنىلەرنىڭ كۆپ بولۇشى تۇرمۇشقا بولغان مۇھەببىتىمىزنى، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى، ئۆزىمىزگە بولغان چۈشىنىش، ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.
                                                  "شىنجاڭ ياشانغانلار گېزىتى" دىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-3-5 12:10:05 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇستاز  ، تىمىڭىزنى ئوقۇپ ، بۇناخشا ئىسىمگە كەپ قالدى :

دوستقا دوست ئەسقاتار  ئىغىر كۈنلەردە  ،
دوستقا دوست بىرىدۇ سۇنماس قاناتنى .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-3-5 21:50:39 | ئايرىم كۆرۈش
بىر ياخشى دوست شۇنداق خاسىيەتلىككى، ئەگەر دەردىڭنى ئېيىساڭ، دەردىڭنىڭ يېرىمى يەڭگىللەيدۇ. ئەگەر خۇشاللىقىڭنى ئېيىتساڭ خۇشلۇقۇڭ بىر ھەسسە كۆپىيىدۇ.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:50 , Processed in 0.116826 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش