ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 256|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتى مۇدىرىنىڭ ئون جۈملە سۆزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

111

تېما

262

يازما

3085

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 340
يازما سانى:
262
تىللا:
2429
تۆھپە:
132
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
199 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-21

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

                                          بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتى مۇدىرىنىڭ ئون جۈملە سۆزى

        بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ ئېنگې ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا، ئوقۇغۇچىلارغا  ئون جۈملە سۆز قىلىپ، پۈتۈن مەكتەپ بۇيىچە قىزغىن مۇلاھىزە قوزغىغان، بەزى ئوقۇغۇچىلار بۇ سۆزلەرنى مەكتەپ تەلىمى دەپ سۈپەتلىگەن. بۇ ئون جۈملە سۆز ناھايتى تېزلىك بىلەن نۇرغۇن ياشلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرمەكتە.
        بىرىنچى جۈملە: "ئىككى دوست" تۇتۇڭلار، ئۇنىڭ بىرسى كۈتۈپخانا، يەنە بىرسى تەنتەربىيە مەيدانى. تەنتەربىيە مەيدانىغا بېرىپ چېنىقىش ئارقىلىق بەدىنىڭلارنى كۈچلەندۈرىسىلەر. كۈتۈپخانىغا بېرىپ كىتاپ كۆرۈش ئارقىلىق، ئۆزۈڭلارغا ئۈزلۈكسىز "توك قاچىلايسىلەر"، "توك ساقلايسىلەر" ، "توك تارقىتىسىلەر".
        ئىككىنچى جۈملە: "ئىككى گومپا" يىتىلدۈرۈڭلار، ئۇنىڭ بىرسى قائىدە-يۇسۇن، يەنە بىرسى قابىلىيەت. ئادەم بولۇشتا قائىدە-يۇسۇنغا ، ئىش قىلغاندا قابىلىيەتكە تايىنىش كېرەك. مۇشۇ ئىككى "گومپا" بولغاندىلا، ھەممە جەھەتتىن مەزمۇت تۇرالايسىلەر.
        ئۈچىنچى جۈملە: "ئىككى نەرسە" نى تارتىشتىن قورقماڭلار، بىرسى زىيان تارتىشتىن، يەنە بىرسى جاپا تارتىشتىن.  ئادەم بولۇشتا زىياندىن قورقماسلىق، ئىش قىلىشتا جاپادىن قورقماسلىق كېرەك، زىيان تارتىشمۇ بەخت، جاپا تارتىشمۇ بەخت.
        تۆتىنچى جۈملە: " ئىككى خىل كۈچ"نى ھازىرلاڭلار، بىرسى، تەپەككۇرنىڭ كۈچى، يەنە بىرسى، ئۆتكۈر قىلىچنىڭ كۈچى. تەپەككۇرنىڭ كۈچى ھەمىشە ئۆتكۈر قىلىچنىڭ كۈچىدىن غالىپ كېلىدۇ، بۇ ناپولىئوننىڭ مەشھۇر سۆزى. بىر ئادەمنىڭ تەپەككۇرى قانچە يىراققا  ئۇچالىسا، ئۇ ئادەممۇ شۇنچە يىراققا بارالىشى مومكىن.
        بەشىنچى جۈملە:  "ئىككى بىردەكلىك"نى قوغلىشىڭلار. ئۇنىڭ بىرسى، قىزىقىش بىلەن كەسپنىڭ بىردەكلىكى، يەنە بىرسى، مۇھەببەت بىلەن نىكاھنىڭ بىردەكلىكى. قىزىقىش بىلەن كەسپ بىردەك بولسا، يۇشۇرۇن قابىلىيىتىڭلارنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە نامايەن قىلالايسىلەر. ئېنگىلىس مۇنداق دەيدۇ: "نىكاھنىڭ ئاساسى مۇھەببەت، مۇھەببەت بولمىغان نىكاھ ئەخلاقسىز نىكاھ بولىدۇ، بۇ خىل نىكاھ مۇستەھكەم بولالمايدۇ."
        ئالتىنچى جۈملە:  ئۆزۈڭلەرگە "ئىككى قانات" چىقىرىۋېلىڭلار. ئۇنىڭ بىرسى غايە، يەنە بىرسى چىدامچانلىق. ئەگەر بىر ئادەمدە مۇشۇ "ئىككى قانات" بولىدىكەن، ئۇ تېخىمۇ ئىگىزگە ھەم يىراققا ئۇچالايدۇ.
        يەتتىنچى جۈملە:  "ئىككى تۈۋرۈك" بەرپا قىلىڭلار، ئۇنىڭ بىرسى ئىلىم-پەن، يەنە بىرسى گۇمانىتارلىق.
        سەككىزىنچى جۈملە:  "ئىككى دوختۇر"نى تەقلەپ قويۇڭلار، ئۇنىڭ بىرسى ھەرىكەت، يەنە بىرسى ئۈمىدۋارلىق. ھەرىكەت سىلەرنى فىزىئولوگىيە جەھەتتىن  ساغلام قىلىدۇ، ئۈمىدۋارلىق سىلەرنى پىسخىكا جەھەتتىن ساغلام قىلىدۇ. ھەركۈنى ئونمىڭ قەدەم مېڭىڭلار، ھەر ئاخشىمى ئون بەت كىتاپ ئوقۇڭلار.
        توققۇزىچى جۈملە:  "ئىككى مەخپىيەتلىك"نى ئەستە تۇتۇڭلار، ساغلاملىقنىڭ مەخپىيىتى سەھەردە، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەخپىيىتى كەچتە بولىدۇ. ئېينىشتىيىن: "ئادەملەرنىڭ پەرقى ئۇلارنىڭ بىكار ۋاقتىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ، ئەشۇ بىكارۋاقىتلار بىر ئادەمنى مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇرالايدۇ، شۇنداقلا يەنە ۋەيران قىلىۋىتەلەيدۇ." دىگەن ئىدى.
        ئونىنچى جۈملە:  "ئىككى ئەڭ يوقىرى چەك"نى قوغلىشىڭلار، بىرسى، ئۆزۈڭلارنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىڭلارنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇڭلار، يەنە بىرسى، سالامەتلىكىڭلارنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئاسراڭلار.

                                                       ئۈندىدار توپىدىن ئېلىندى
        
        
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-3-15 16:43:23 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ئىسىل تىما ئەكەپسىز ئۇستاز .
مۇنۇ قۇرلار  مىنى بەك قايىل قىلدى :

ئادەملەرنىڭ پەرقى ئۇلارنىڭ بىكار ۋاقتىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ، ئەشۇ بىكارۋاقىتلار بىر ئادەمنى مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇرالايدۇ، شۇنداقلا يەنە ۋەيران قىلىۋىتەلەيدۇ
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-3-15 19:38:05 | ئايرىم كۆرۈش
توققۇزىنچى ۋە ئونىنچى ھېكىمەتكە ئەمەل قىلىشنى ئۈگەنسەم بولغىدەك.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-3-16 12:07:08 | ئايرىم كۆرۈش
ئېسىل قۇرلارنى ئوقۇش بىلەن ئۆزەمنىمۇ بىر جىڭلاپ باقتىم . ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن .
سالامەتلىك ئۈچۈن تېرىشايلى . بۇ تېرىشىنىڭ كەينىگە نۇرغۇن مەنالار يۇشۇرۇنغان ، ھەتتا ئاشۇ ئالدىنقى توققۇز جۈملىمۇ مۇشۇ ئونىنچى جۈملىگە مۇجەسسەملەشكەن دېدىم ئۆزەمچە !

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-9-9 10:11:03 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ تېما مەن ئۈچۈن بىر يولباشچى بولدى. مەن يېڭى تۇرمۇش مۇساپەمنى قانداق  روھ، قانداق قەدەملەر بىلەن بېسىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەندەك بولدۇم. تېما ئېگىسىگە تەشەككۈر، ناھايتى ئەھمىيەتلىك تېمىنى ئېلىپ كەپسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:24 , Processed in 0.116885 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش