ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 261|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تەرجىمە ئەسەر‹كۆرەش›

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

29

تېما

350

يازما

1407

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 677
يازما سانى:
350
تىللا:
956
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
109 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-18

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

                                                                  

                                                                         تەرجىمە ئەسەر
                                                                                  ئاياق بوغقۇچى
       بىر ئاكتيور سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويۇشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ شاگىرتى ئۇستازىنىڭ ئاياق بوغقۇچىنىڭ يېشىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئاكتيور شاگىرتىغا كۈلۈپ قويۇپ ئۆزىنىڭ مىنەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ بولۇپ، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئاياق بوغقۇچىنى ئەستايىدىللىق بىلەن قايتىدىن چىگىپتۇ. ھەمدە شاگىرتى كېتىپ قالغاندىن كېيىن يەنە قايتىدىن ئاياق بوغقۇچىنى يېشىۋېتىپتۇ.
     بۇ چاغدا ئاكتيورنىڭ يېنىدا بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تۇرغان بىر كىشى ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلغىنىنى چۈشىنەلمەي، ئۇنىڭدىن:« ئۇستاز، سىز نېمە ئۈچۈن ئاياق بوغقۇچىڭىزنى يەنە يېشىۋېتىسىز؟ » دەپ سوراپتۇ.
      ئاكتيور كۈلۈپ تۇرۇپ:« چۈنكى مەن ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن يولۇچىنىڭ رولىنى ئالىماقچى ئىدىم، ئۇزۇن يوللۇق سەپەر ئۇنىڭ ئاياق بوغقۇچلىرىنى يېشىۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھېرىپ چارچىغاندىكى سۇلغۇن قىياپىتىنى مۇشۇنداق ئىپادىلەپ بەرمەكچى» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
      ئۇ ئادەم ئاقىدىنلا :« ئۇنداقتا سىز نېمە ئۈچۈن شاگىرتىڭىزغا ئۇدۇللا شۇنداق دېمەيسىز؟» دەپ سوراپتۇ.
      ئاكتيور كۈلۈپ تۇرۇپ :« چۈنكى ئۇ ئىنچىكلىك بىلەن مېنىڭ ئاياق بوغقۇچۇمنىڭ يېشىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆزىتىپتۇ، ھەمدە قىزغىنلىق بىلەن مېنى ئەسكەرتتى، شۇڭلاشقا مەن ئۇنىڭ بۇخىل قىزغىن ئاكىپچانلىقىغا سوغۇق سۇ سەپسەم بولمايدۇ، چوقۇم ئۇنى دەل ۋاقتىدا قوللىشىم كېرەك.  ئاياق بوغقۇچىنىڭ نېمەئۈچۈن يېشىۋېتىلگەنلىكى توغىرسىدا كەلگۈسىدە ئۇنى ئالدىرماي تەربىيلىۋالسام بولىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنىڭ سەۋەبىنى كېلەركى قېتىم دەپ بەرسەممۇ ئۈلگۈرىمەن»دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
مۇشۇ ۋاقتىڭلا خەيىرلىق بۇلسۇن جامائەتلە
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

29

تېما

350

يازما

1407

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 677
يازما سانى:
350
تىللا:
956
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
109 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-18

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

دېۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-6 10:49:49 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆرەش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-6 10:54  

                                                                مەڭگۈلۈك ئورۇن بېلىتى  
ھەمىشە سىرتقا كوماندىروپكىغا چىقىدىغان بىرئادەم بولۇپ، دائىم ئورۇن نومۇرىغا ماس كەلمەيدىغان بېلەت سېتىۋالىدىكەن. بىراق ئۇنىڭ سەپىرى ئۇزۇن يوللۇق سەپەر ياكى قىسقا يوللۇق سەپەر بولسۇن ۋە ياكى ماشىنا قانچىلىك قىستاڭچىلىق بولسۇن ئۇ چوقۇم بوش ئورۇن تېپىپ ئولتۇرالايدىكەن.
     ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئامالى بەكمۇ ئاسان بولۇپ، سەۋىرچانلىق بىلەن ۋاگونمۇ ۋاگون ئارىلاپ بوش ئورۇن ئىزدەش ئىكەن. بۇ خىل ئامال ئاڭلىماققا ئانچە ئاقىلانىلىك بولمىسىمۇ بىراق خېلى كارغا كېلىدىكەن. ھەر قېتىم ماشىنىغا چېقىشتىن بۇرۇن ئۇ كۆڭلىدە ئاللىقاچان بىرىنچى ۋاگوندىن ئەڭ ئاخىرقى ۋاگونغىچە ئىزدەش تەييارلىقىنى قىلىپ قويىدىكەن. بىراق ھەرقېتىم ئەڭ ئاخىرقى ۋاگونغا بارماي تۇرۇپلا بوش ئورۇن تاپالايدىكەن.
      كىشىلەر ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقنى سورىسا، ئۇ دائىم:« ماڭا ئوخشاش بوشاشماي ئاخىرغىچە بوش ئورۇن ئىزدەيدىغان يولۇچىلار تولىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ. مەن ھەمىشە بوش ئورۇن تېپىپ ئولتۇرغان ۋاگوندا يەنە نۇرغۇن ئارتۇق بوش ئورۇنلارنىڭ بارلىقىنى، بىراق باشقا ۋاگون بىلەن كارىدورنىڭ تۇتاشقان يېرىدىكى ئارىلىقتا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئورۇنى يوق ئۆرە تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن.
       كۆپ ساندىكى يولوچىلار بىر ئىككى ۋاگون ئارىلاپ بېقىپ ۋاگوندىكى ئادەمنىڭ جىقلىقىنى كۆرۈپ داۋاملىق ئىزدەشتىن ۋاز كېچىدىيۇ ئارىلىقتا ئون نەچچە قېتىم توختاپ مېڭىۋاتقان پويىزنىڭ يىگىرمە نەچچە ئىشىكىدىن توختىماي چۈشىۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئورنىنىڭ بوش قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمايدۇ. گەرچە بۇ نۇقىنى ئويلىغان بولسىمۇ بىراق كۆپىنچىسىدە داۋاملىق ئىزدەپ بېقىشقا سەۋىرچانلىق كەمچىل.
        ھەتتا كۆپ ساندىكى كىشىلەر كۆز ئالدىدىكى كىچىككىنە پۇت دەسسەپ تۇرغۇدەك يەرنىڭ چىققانلىقىدىن قانائەلىنىپ، بىر ئىككى بوش ئورۇن ئۈچۈن يۈك تاقلىرىنى سۆرەپ كىشىلەر ئارىسىدا يۈرۈشنى ئەرزىمەس ئىش دەپ بىلىدۇ، ھەمدە كۆڭلىدە ناۋادا شۇنچە ئىزدەپمۇ يەنىلا بوش ئورۇن تاپالماي قالسا پۇت دەسسەپ تۇرغۇدەك ئورۇنمۇ تاپالماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ. »دەپ جاۋاپ بېرىدىكەن.
مۇشۇ ۋاقتىڭلا خەيىرلىق بۇلسۇن جامائەتلە

29

تېما

350

يازما

1407

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 677
يازما سانى:
350
تىللا:
956
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
109 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-18

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-6 10:50:42 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆرەش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-6 10:51  

                                                                       ئادەت ۋە تەبىئىيلىك


كىچىككىنە تۈۋرۈككە ئىنچىكە زەنجىر بىلەن نەچچە توننا كېلىدىغان پىلنى باغلاپ تۇرغۇزغىلى بولىدۇ. ئەجىبا بۇ تولىمۇ بىمەنىلىك ئەمەسمۇ؟ بىراق بۇنداق بىمەنە كۆرۈنۈش ھىندىستان بىلەن تايلاندتا ناھايىتى كۆپ ئۇچىرايدۇ.
    پىل كۆندۈرگۈچىلەر پىلنى كىچىك ۋاقتىدىلا تۆمۈر زەنجىر بىلەن سېمونت تۈۋرۈك ياكى پولات تۈۋرۈككە باغلاپ قويىدۇ،شۇنىڭ بىلەن كىچىك پىل قۇتۇلۇش ئۈچۈن قانچە تىركەشسىمۇ زەنجىردىن پەقەت قۇتۇلالمايدۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ كىچىك پىلمۇ تىركەشمەيدىغان بولىدۇ،ھەتتا چوڭ بولغىچە ئاسانلا قېچىپ كېتەلەيدىغان زەنجىرگە باغلاقلىق بولسىمۇ قېچىش ئۈچۈن قايتا تىركەشمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
يولۋاس كۆندۈرگۈچىلەر ئەمەلىيەتتە پىل كۆندۈرگۈچىلەرگە ئوخشاش غەلبە قىلغانىدى. چۈنكى ئۇلارمۇ يولۋاسنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ گۆشسىز نەرسە بېرىپ بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يولۋاسلار  گۆشنىڭ تەمىنى بىلمەي چوڭ بولۇپ كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ.  بىراق مەلۇم بىر جايدىكى يولۋاس كۆندۈرگۈچىسىنى يەۋەتتى، بۇ نېمە ئۈچۈن؟  كۆندۈرگۈچىنىڭ ئەجەللىك خاتالىقى شۇكى،  ئۇ يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلانغان ۋاقىتتا يەردىكى قان دېغىنى يولۋاسقا يالاتقۇزغان ئىدى ، شۇنىڭ بىلەن يولۋاس قان دېغىنى يالاپ تەبىئىيتى بويىچە ئۆزىنى تۇتىۋالالماي كۆندۈرگۈچىنى قوشۇپ يەۋەتتى.
      پىل كىچىكىدە زەنجىرگە باغلانغان ئىدى.بىراق چوڭ بولغاندا بولسا بۇ خىل ئادەتكە باغلىنىپ قالدى. يولۋاس ئىلگىرى باغلىنىپ تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن ئىدى، يولۋاس كۆندۈرگۈچى بولسا يولۋىسىنىڭ ئەزەلدىن ئادەم يېمەيدىغانلىقىغا ئادەتلەنگەن ئىدى. بىراق بۇ ئادەت ئاخىرىدا ئۇنىڭ بېشىغا چىقتى.

مالىيە-ئىقتىساد ئۈنىۋېرسىتېتى جوڭگۇ تىللىرى ئىنىستىتۇتىدىن پەرىزات پەرھات تەرجىمە قىلغان.
مۇشۇ ۋاقتىڭلا خەيىرلىق بۇلسۇن جامائەتلە

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-1-6 13:19:04 | ئايرىم كۆرۈش
ھەممىسى ھىكمەتلىك تەرجىمە ئەسەرلەر ئىكەن  ،  تەربىيە ئالدىم .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

5

تېما

82

يازما

1782

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 640
يازما سانى:
82
تىللا:
680
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
28 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-30

كۆيۈمچان ئەزاپەخرى ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-1-7 01:43:54 | ئايرىم كۆرۈش
ئۈچىنچى تەرجىمە ئەسەرنىڭ مەزمۇنى  ھەقىقەتەن ياقتى ، بىز ئادەت كۈچىنىڭ تەسىرىدە زىيان تارتىدىغان ئىشلار جىق . كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش ، دائىم ھۇشيار تۇرۇش كېرەك .
ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەمنىڭ كونا چاپىنى شاھنىڭ زەر تونى كەبىدۇر !

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

6#
ۋاقتى: 2016-1-7 12:10:13 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت قېرىندىشىم .

تۇرمۇشىمىزدا كىچىككىنە ئىشلاردىنمۇ ئالەمچە تەربىيە، ساۋاقلارنى يەكۈنلىۋالغىلى بۇلىدۇ .  

6

تېما

194

يازما

1199

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 553
يازما سانى:
194
تىللا:
971
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
96 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-8

كۆيۈمچان ئەزا

7#
ۋاقتى: 2016-1-7 20:19:55 | ئايرىم كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.. قىسقا ، مېغىزلىق ئەسەرلەركەن..
ئاي يەرنى ئايلىنىپ پەرۋانە،
        يەر قۇياش ئوتىدا سەرسانە...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:48 , Processed in 0.147275 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش