|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاقيول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-20 02:28
بېلىق تۇتۇش
(ھېكايە)
ئېلى ياسىن(ئاقيول)
ئانا ئوغلىنى تاماققا چاقىرماقچى بولۇپ ياتاق ئۆيىگە كىرگەن ئىدى ئوغلى ياتاق ئۆيدە يوق بولۇپ چىقتى،ئۇ ھويلىغا چىقىپ ئوغلىنىڭ ئسمىنى چاقىرىپ توۋلىدى،لېكىن ئوغلىدىن سادا كەلمىدى.
-ئىت پوق يېمەستە نەگە كەتكەندۇ بۇ بالا...
ئانا «پەيدا بوپقالار »دەپ ئويلاپ ئىشىنى قىلىپ يۈرىۋەردى،لېكىن چۈش ۋاقتى بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئوغلى قايتىپ كەلمىدى.
-دادىسى،ئوغلىمىز ئەتتىگەندىن بىرى يۇقاپ كەتكىنىچە پەيدا بولمايدا،-دېدى ھويلىدا ئۇتان كەسلەۋاتقان ئىرىغا.
-تېلىفۇن قىلىپ باقمامسەن،-دېدى ئېرى پەرۋاسىز ھالدا.
-تېلىفۇنىسى ئۆيدە تۇرىدۇ.
-كىچىك بالا بولمىغاندىكىن بىر يەرگە بارسا ئۆينى تېپىپ كىلە ئەنسىرمىگىنە!
شۇ ئارىدا ئانا ئىشىك ئالدىدىن ئۆتكەن ئوغلىنىڭ ئاغىنىسىنى كۆرۈپ توۋلىدى.
-ئەي شۆھرەت،بىزنىڭ ئۈمىدنى كۆردۇڭمۇ؟
-ھە،بالىڭىز بىلىق تۇتقىلى كەتتى...
ئۆيگە ئانچە يېراق بولمىغان يەردە چوڭلا بىر بىلىق كۆلچىكى بار ئىدى،ئانا بۇگەپنى ئاڭلاپ خاتىرجەم بولدى.
-ئوغلىمىز بىلىق تۇتقىلى كىتىپتۇ دادىسى.
-ئۇنداقتا كەچتە بىلىق گۆشى يەيدىكەنمىزدە؟
بىلىق گۆشىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئانىنىڭ قېشىدا تۇرغان بالىنىڭ كىچىكى خۇشاللىقتا سەكراپ كەتتى.
-ئوي...ئاكام بىلىق تۇتقىلى كېتىپتۇ ئەمدى كەچتە بىلىق يەيدىغان بوپتىمىز...
ئۇلار ساقلاپ-ساقلاپ كەچ كىرىپ كەتتى،ئوغلى يەنىلا پەيدا بولمىدى...
-ۋوي،دادىسى،ئوغلىمىز كەلمەيۋاتىدۇ،بىرەر كىلىشمەسلىك بولماس-ھە؟قاپىقىم تارتىپلا تورىدۇ،بولمىسا غاچچىدە كۆل قېشىغا بېرىپ قاراپ باقامسىلە يا؟
-قاراپ باقساممۇ باقاي،-دادىمۇ شۇ تاپتا ئەنسىرەپ قالغان ئىدى.
دادا بېرىپ قارىغان بولسىمۇ بالىسى كۆل بويىدا يوق تۇراتتى...
-كۆل بويىدىمۇ يوق تورىدۇ...،-دېدى دادا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پورقۇرتۇپ تاماكا چېكىپ تورۇپ...
ئانا تېخىمۇ تىت-تىت بولۇپ كەتتى.
-ئاكام بىلىقنى ئەكەلمەيدىغۇ،-بالىنىڭ كىچىكى شۇنداق دەپ غەلۋە قىلىشقا باشلىدى.
-شۆھرەتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سۇراپ باقامسىلەر-يا...
بىردەمدىن كېيىن ئىرى جىددىلەشكەن ھالدا قايتىپ كەلدى.
-نىمە بولدۇڭلا،چىرايىڭلىدا قان قالماپتىغۇ؟شۆھرەت نىمە دەيدۇ؟
ئىرى ئايالىغا جاۋاپ بەرمەستىن ئۆيىگە ئوقتەك ئېتىلىپ كىرىپ پۇل ساقلايدىغان تۆمۈر ساندۇقنى ئېچىپ قارىدى.ۋە نەۋاقتىن بىرى قىزىغا ئالى مەكتەپ ئۈچۈن ئاتاپ قويغان پۇللارنىڭ يوق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى.
-دادا،ئاكام بىلىقنى ئەكەلمەيدىغۇ؟...
-دادىسى گەپ قىلىڭلا زادى نىمە ئىش بولدى؟
-ئوغلۇڭ ئەسلى كۆلگە بىلىق تۇتقىلى كەتمەپتىكەن،بەلكى شەھەردىكى پۇل تىكىپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇق بېلىقلارنى تۇتقىلى كىتىپتىكەن،تىز بول ئۇ قىزىمىزنىڭ ئوقىشىغا ئاتىغان پۇللارنىڭ ھەممىسىنى بىلىقلارغا يەمچۈك قىلىۋەتمىسۇن...
-ھە....
ئانا شۇ تاپتا ھېچنىمىنى چۈشىنەلمەي گاڭگىراپ قالغانئىدى...
|
|