ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 161|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاتامغا بىر ئانامغا بىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

2

يازما

19

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1026
يازما سانى:
2
تىللا:
17
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1 سائەت
ئاخىرقى:
2016-4-19
جىنىم ئانا بەك چارچاپ كەتتىم

جىنىم ئانا بەك چارچاپ كەتتىم،
قۇچىقىڭدا بىر ئۇخلىۋالاي.
ئىيتىپ بەرگىن ئەللەي ناخشاڭنى،
ئاستاغىنى ئۇخلاپلا قالاي.

جىنىم ئانا بەكلا چارچىدىم،
بۇ ھاياتنىڭ قىسمەتلىرىدىن.
سوئاللىرى نىمانچىلا كۆپ،
ئۆتەلمىدىم ئىمتىھانلىرىدىن.

سىنىڭچىلىك غەيرىتىم يوقكەن،
ئاشالمىدىم داۋانلىرىدىن.
قانداق ياشاپ كەلگەن بولغۇيتىڭ،
يالاڭ ئاياغ ئىتىزلىرىڭدىن.

جىنىم ئانا بەكلا چارچىدىم،
قورقۇپ قالدىم ھەتتا ياشاشتىن،
قۇسۇرلارغا تولغان جاھانكەن،
قاچالمىدىم تۆھمەتلىرىدىن.

دوسلۇرۇمدا قالماپتۇ ۋاپا،
تۆت تەڭگىدىن ئۈزۈلگەن چىغىم.
مۇھەببەتكە لايىق كۆرمىدى،
يۈسۈپ كەبى يوقكەن قامىتىم.

ھەممىلا جاي بەك يىرگىنىشلىك،
بەتبەششىرە يالغان ھىجاراش.
خوشامەتنىڭ ئۇۋىسى چۇۋۇق،
مودا بۇپتۇ كۈچۈكتەك قاۋاش.

قاۋالمىدىم كەلتۈرۈپ تازا،
جىنىم ئانا قاۋىغىممۇ يوق.
تۈلكە كەبى ئىنسان ئارسىدا،
راسلا پەقەت ياشىغۇممۇ يوق.

قاپلىۋاپتۇ بىر مۇدھىش تۇمان،
ئاچالمايدۇ پەقەت كۆزىنى.
بەكلا ھەيران قالدىم جان ئانا،
ئۆلمەس چاغلاپ قاپتۇ ئۆزىنى.

جىنىم ئانا بەكلا چارچىدىم،
مىنى ئاستا ئۇخلۇتۇپ قويۇڭ.
ئويغاتمىسۇن ھىچكىممۇ مىنى،
مىنى ئۆلدى ئۆلدى دەپ قويۇڭ.

غەيرەت تۇرسۇن، چۈش
2016.3.26
ئىزلىرىڭنى سىغىندىم دادا

ئىزلەپ كەتتىم تەمتىرگىنىمچە،
سەن ماڭغان شۇ يوللارنى دادا.
سوئاللارغا جاۋاپ تاپالماي ،
ئىزلىرىڭنى سىغىندىم دادا.

قاراپ باققىن ياشاش يولۇمغا،
مەنمۇ سەندەك مىڭىۋاتامدىم.
ياخشىلىقنى تۇزكۇرغا قىلىپ،
ياكى مەنمۇ ئىزىۋاتامدىم.

ئىزلىرىڭنى سىغىندىم دادا،
ئىيتىپ بەرگىن نەلەردە قالدى.
گۆدەكلىكتە زەن قويماپتىمەن،
بەڭۋاش ئوغلۇڭ چوڭ بولۇپ كەلدى.

كۆپ ئۇتتۇردۇم كۆڭلۈمنى ئەجەپ،
ئۆزگىنىمۇ رەنجىتىپ يۈردۈم.
نىيەتلىرىم گۈزەل بولسىمۇ،
تىكەنلەرگە دەسسەپلە يۈردۈم.

ئىزلىرىڭنى ئىيتىپ بەرگىنە،
شۇنى بويلاپ تەمتىرمەي ماڭاي.
ياخشىلىقنى بىلگەنگە قىلىپ،
ئىچ ئىچىمدىن سۆيۈنۈپ باقاي.

ئىيتقىن دادا زىھنىمنى قوياي،
قالماي يەنە ئەلەملىك داغدا.
مۇرەككەپكەن ھاياتنىڭ يولى،
ئىزلىرىڭنى سىغىندىم دادا.

غەيرەت تۇرسۇن،چۈش
2016.4.1

ئەجىرگە ھۆرمەت قىلىڭ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1بايلىق +5 يىغىش سەۋەبى
ئويغان. + 5 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-4-19 23:55:58 | ئايرىم كۆرۈش
بەكلا  ياخشى  يېزىلىپتۇ ،  قەلەملەر  تېخىمۇ  بەرىكەت  تاپقۇسى  ،  
شۇ  مىھرىبانلىرىمىزنىڭ   ئالتۇن  تىنى  ئامان  بولغاي  .  
بىر يەرلىرى  كامدەك  بىلىندىيا  ھەجەپ ئەمما  زە  بىر  جۇۋاڭشۇسىنى  قىلۋەتكەن  بولسا  تېىمۇ  ياخشى  بولاتتىكەن ،  ھە  بىلگىيار  ئەپەندىم  
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-4-20 19:11:47 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاتىكەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-21 13:09  

بۇ شىئىرلارنى ئوقۇپ خۇددى ئانامنىڭ قوۇچىقىدا  ياتقاندەك ئەجەپ تاتلىق ھىسلارغا چۆمۈلدۈم .
ئىسىل  شىئىرلارغا   كۆزۈم  تەگمىسۇن  !

9

تېما

73

يازما

221

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 816
يازما سانى:
73
تىللا:
148
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
29 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-27
يەر
ۋاقتى: 2016-4-21 19:35:26 | ئايرىم كۆرۈش
شۇ قەلەم تۇتقان قولۇرىڭىزغا دەرىت كەلمسۇن ئاپرىن ئاپرىن ئېسىل يېزىپسىز

0

تېما

119

يازما

366

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 671
يازما سانى:
119
تىللا:
245
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
31 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-21

كۆيۈمچان ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-4-24 21:25:39 | ئايرىم كۆرۈش
شۇ ۋاقىتلار كەلمەسكە كىتىۋاتىدۇ
شاھزاد
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:48 , Processed in 0.136613 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش