ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 345|ئىنكاس: 10
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئانا، تېلېفون ئوينىمىسىڭىز بولمامدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

34

يازما

250

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 964
يازما سانى:
34
تىللا:
126
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
17 سائەت
ئاخىرقى:
2016-10-7
                    ئانا، تېلېفون ئوينىمىسىڭىز بولمامدۇ

                     
        
      كەچلىك تاماقتىن كېيىن، يەتتە ياشلىق قىزىم ماڭا بىللە رەسىملىك كىتاب كۆرەيلى، دەپ تۇرۇۋالدى. مەن بولىدۇ، دېدىم-يۇ، ئۈندىداردىكى سەرخىل مەزمۇنلاردىن كۆزۈمنى ئۈزەلمەي، يانفۇنۇمغا قاراپ ئولتۇرۇۋەردىم.
      -ئانا قاراڭ، ماۋۇ رەسىمدىكى ئاسلانچاق بەك ئوماقكەن-ھە، بۇ خەتنى نېمە دەپ ئوقۇيمىز؟ ئوقۇپ بېرىڭا،- دېدى قىزىم تاقەت قىلىپ بولالماي.
       -ھە مانا، ھازىر ئوقۇپ بېرەي، سىز ئاۋۋال تونۇيدىغان خەتلىرىڭىزنى ئوقۇپ تۇرۇڭە قىزىم،- دېدىم يانفۇندىن بېشىمنى كۆتۈرمەيلا. قىزىم رەسىملىك كىتابىدىكى خەتلەرنى ھەجىلەپ ئوقۇشقا باشلىدى، يەنە تونۇمايدىغان خەت ئۇچرىغاندا مېنى چاقىراتتى. مەن شۇ خەتنى ئوقۇپ بېرىپلا يەنە يانفۇنۇمدىكى مەزمۇنلارغا قارىۋالاتتىم.
        -ئانا، تېلېفوننى ئوينىمىسىڭىز بولمامدۇ؟! –دېدى قىزىم تويۇقسىز ئۈنلۈك ئاۋازدا. قىزىمنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم. قىزىمنىڭ جىددىي تۈس ئالغان چىرايى، ماڭا نەشتەردەك تىكىلگەن كۆزلىرىگە قاراپ، يۈزۈم خىجىللىقتىن ئوت ئالدى.
        شۇ ئاخشىمى بىر ۋاققىچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن ئىشلەتكەندىن بۇيان بىلىپ-بىلمەيلا ئۇنىڭغا باغلىنىپ قالدىم. ئەتىگەندە كۆزۈمنى ئاچقاندىن تارتىپ كەچ بېشىم ياستۇققا يەتكۈچە ئۈندىداردىكى «پەيلاسوپ»،«دوختۇر»،«شائىر»، «يازغۇچى» دوستلىرىم ئەۋەتكەن ئېسىل مەزمۇنلارنى كۆرۈپ، «قوللاش»نى بېسىپ ئۈلگۈرىمەن. بەزى كۈنلىرى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك مۇشۇنداق ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا يانفۇنغا دۈم چۈشۈپ، قىزىمنى رەنجىتىپ قويىمەن.
        بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم. يانفۇن ئوينىغاچ بالىڭىزغا ھەمراھ بولغىنىڭز، لاياقەتسىزلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. كومپيۇتېرئوينىغاچ بالىڭىزغا ئاغىزىڭىزنىڭ ئۇچىدا ھەيدەكچىلىك قىلىپ قويغىنىڭىز، ھەرگىزمۇئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىز ئەمەس! بەلكىم سىز كەسپتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەمسىز، بىراق بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر ئائىلە تەربىيەسىدىكى كەمچىلىكلىرىڭىزنى ھەرگىز تولوقلىيالمايدۇ، ئەۋەتتە.
       تاتلىق ئۇخلاۋاتقان قىزىمغا قاراپ پىچىرلىدىم: مېنى كەچۈرگىن قىزىم! بۈگۈندىن باشلاپ يانفۇن ئويناشقا سەرپ قىلغان ۋاقتىمنى سىزگە ھېكايە ئېيتىپ بېرىش،بىللە ئويناش، بىللە ئۆگىنىشكە ئاتايمەن، ھەقىقىي لاياقەتلىك ئانا بولۇشقا تىرىشىمەن! شۇ بىھۇدە ئىشلار ئۈچۈن زايا قىلىۋەتكەن كۈنلىرىمنى قايتۇرۇپ بېرەلمىسەممۇ، كېيىنكى كۈنلەرنى زايا قىلماسلىققا ۋەدە بېرىمەن.


    مەنبە: «قانۇنچىلىق گېزىتى»
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-1-30 18:09:03 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ تىمىنى بۇرۇن ئوقۇغان  ئىدىم ، لىكىن قەيەردە ئوقۇغانلىقىمنى پەقەت ئىسىمگە ئالالمىدىم  .
يەنە بىر قىتىم ئوقۇش پۇرسىتىگە  ،  يەنە بىر قىتىم تەربيىگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا  تەشەككۈ ر!
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

19

تېما

1336

يازما

4877

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 471
يازما سانى:
1336
تىللا:
3531
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
398 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-10

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-1-30 18:33:01 | ئايرىم كۆرۈش
تېلفۇن مەسىلىسىگە كەلگەندە مەنمۇ بەكلا سەزگۈرلىشىپ كىتىۋاتىمەن مۇشۇ كۈنلەردە ، تېلفۇندىن شۇنداق ئۆزەمنى تارتاي دەپ دوسلىرىم بىلەن بىر يەرگە كەلگەندىمۇ تېلفۇننى قويايلى دەپ تېلفۇننى قۇيىمىزيۇ يەنە پارا يېرىم بولغىچە ھەممىمىزنىڭ قولىدا يەنىلا شۇ تېلفۇنلىرىمىز ، باشقىلار  مىقتەك تىكىلىپ ئولتۇرغاندىكىن مەنمۇ نارازىلىقىمنى ئىپادىلەپ تېلفۇنۇمنى بىر ئالسام تاكى خوش دىسىمۇ ھە خوش دەپ تېلفۇنۇمنى پۇلاڭلىتىدىغان بۇلۇپ قالدىم ھازىر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى سالامەت بۇلۇڭلار !

23

تېما

231

يازما

777

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 841
يازما سانى:
231
تىللا:
486
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-2-1 14:24:00 | ئايرىم كۆرۈش
ھەر ئىشنىڭ مۇۋاپىق بولغىنى ئەۋزەل.
ئ‍ۈمۈدسىزلىك يېرىم ئ‍ۈلۈم،   ئ‍ەمما ئ‍ۈمۈدنى  ئ‍ىنساندىن  كۈتۈش ،  پۈتۈن ئ‍ۈلۈم  .

30

تېما

470

يازما

5253

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 31
يازما سانى:
470
تىللا:
2880
تۆھپە:
626
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
377 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-19

نادىر تىما مىدالىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپ

5#
ۋاقتى: 2016-2-2 17:08:36 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ھەقتە ھەممىز بىر ئويلىنىشقا تىگىشلىك، بىز ھازىر تېلفۇننىڭ قۇلغا ئايلىنىپ كېئىپ بارىمىز،قىسمەن ئېلىپ ئېيىتسام مەنمۇ ھازىر قولۇمدا تېلفۇن بولمىسا تاماق يېگەندەك بولمايمەن، خىزمەتتىن بىكار بولۇپ ئۆيگە بارساممۇ، تېلفۇنغا قاراپلا ئولتۇرغان،ئۆيدىكلەر بىلەن پاراڭلىشدىغانغا ۋاقىت چىقرالمايمەن تېلفۇن
سەۋەبى بىلەن، دېمەك بىز ھازىر تېلفۇنغا قۇل بولۇپ كەتتۇق، بىز ئوبدان ئويلىنىشىمىز كېرەك،بىز تېلفۇننى
ئىشلىتەمدۇق،ياكىي تېلفۇن بىزنى ئىشلىتەمدۇق، بۇ بىر ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسلە بولۇپ قالدى

6

تېما

34

يازما

250

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 964
يازما سانى:
34
تىللا:
126
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
17 سائەت
ئاخىرقى:
2016-10-7
6#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-2 17:16:43 | ئايرىم كۆرۈش
دىلدوس يوللىغان ۋاقتى  2016-2-2 17:08
بۇ ھەقتە ھەممىز بىر ئويلىنىشقا تىگىشلىك، بىز ھازىر تېل ...

توغرا دەيسىز شۇڭا بىز تېلىفوندىن باش كۆتۈرەلمەس بولۇپ قالدۇق،شۇڭا يان تېلىفوندىن بىشىمىزنى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك....

30

تېما

470

يازما

5253

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 31
يازما سانى:
470
تىللا:
2880
تۆھپە:
626
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
377 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-19

نادىر تىما مىدالىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپ

7#
ۋاقتى: 2016-2-2 17:20:54 | ئايرىم كۆرۈش
يالغۇز3 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-2 17:16
توغرا دەيسىز شۇڭا بىز تېلىفوندىن باش كۆتۈرەلمەس بولۇ ...

توغرا دەيسىز، كاللمىزنى سىلكىۋېتىپ تېلفۇنغا بەرگەن ۋاقتىنى ئەتراپىمىزدىكى يېقىنلىرىمىزغا ئاتا-ئانىمىزغا
بەرسەك ئۇلار شۇنداق خۇشال بولۇپ كېتىدۇ،ئۇلار بىلەن سىرداشساق ئارىمىزدىكى مېھىر-مۇھەببەت تېخمۇ
كۈچىيدۇ،

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2016-2-2 17:44:35 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مەنغۇ تېلفۇندىن پەقەتلا ئايرىلالمايمە، لىكىن سەۋەپسزلا ئەمەس، خىزمەت ئىشىم ئۈچۈن ھەرخىل ئىتاھان ئۇچۇرلىرىغا دىققەت قىممىسام بوممايدىكەن، ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋىدالىشىش مىنۇتلىرىدا ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆزلىرى ياش، لىكىن بىر بىرمىزگە ئېسىلىپ يىغلاشماي  تېلفۇنغا قاراپ يىغلاشتۇق، بۇ زامانىۋىلىششقا قارسام كۈلگۈم كېلىدۇ، خۇدا نېسىپ قىلسا خخزمىتىم مۇقۇملاشقاندىن كىيىن ھازىرقىدەك بىھۇدە چاپلىشىۋالماسلىققا تىرشىمە تېلفۇنغا

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2016-3-17 20:02:32 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ  ئەھمىيەتلىك  تىما  ئىكەن  . ھەي  بۇ  ئىشلارنىمۇ يوق  دىگىلى  بولمايدۇ  ھازىر  نەگىلا  قارىسا  شۇ  تېلفۇن  ، بەزىدە  ئۇيلاپ  قالىمەن تېلفۇن  بولمىغان  بولسا  بۇ  ئادەملەر  نەگە  قارار  ئىدى  دەپ  
تەشەككۈر .
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

15

تېما

592

يازما

9087

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 20
يازما سانى:
592
تىللا:
4216
تۆھپە:
1320
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
185 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-13

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

10#
ۋاقتى: 2016-3-20 18:19:36 | ئايرىم كۆرۈش
ھەممەيلەننى ئويلاندۇرغۇدەك ئېسىل تېمىدىن بىرنى ئەكەپسىز..ئەجرىڭىزگە تەشەككۈرلەر بولسۇن..
ھەقىقەتەن ھەممىز بىر بېشىمىزنى سىلكىۋېتىپ ئويلىنىپ باقساق بولغۇدەك..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 13:14 , Processed in 0.148700 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش