ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 245|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىر-بىرىمىزدىن ئېھتىيات قىلىش زۆرۈرمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا


«باشقىلارغا يامانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ئەمما باشقىلاردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك». مانا بۇ ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان سۆز، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل، مۇلايىم ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز، چۈنكى ئۇلار ئەسكى ئادەملەرنى ئەيىبلىمەستىن، بەلكى مۇشۇنداق مۇلايىم سۆز ئارقىلىق بىزگە باشقىلاردىن ھەر ۋاقىت ئېھتىيات قىلىشنى ئەسكەرتتى.
ئىلگىرى بالىلار سىرتتا ئوينىماقچى بولسا، ئاتا-ئانىلار ئاپتوموبىللاردىن ئېھتىيات قىلىشنى تاپىلايتتى، بىراق ھازىر بۇ سۆز مودىدىن قېلىپ، بالا سىرتتا ئوينىماقچى بولسا ئاتا-ئانىسى، بوۋا-مومىسى قاتارلىق بىر نەچچە قوغدىغۇچى ھەمراھ بولىدىغان بولدى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-،90-يىللىرى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-،2-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن قۇيۇۋەتكەندە، رەتكە تىزىلىپ يولدىن ئۆتۈپ ئۆيىگە قايتىپ كېلەتتى، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئالداپ كېتىلىشىدىن ئەنسىرەپمۇ قويمايتتى. ھازىر بىر بالا مەكتەپكە بارسا، ئاتا-ئانىسى، بوۋا-مومىسى ئاپىرىپ-ئەكىلىشكە مەسئۇل بولىدۇ.
   رېستوران ئاچىدىغان بىر دوستۇم كېرەكلىك بۇيۇملارنى شۇ كەسىپ ئەھلىلىرىدىن سېتىۋالسىمۇ، مەھسۇلات سۈپىتىدىن ھەمىشە ئەنسىرەپلا  يۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھازىر دېھقانلار خىمىيە ئالىمى بولۇپ كەتتى، ئۇلار نەپ ئۈچۈن زىرائەتلەرگە تۈرلۈك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى چېچىپ، باشقىلارنىڭ ھاياتى بىلەن ئوينىشىدۇ، ئۇلار مېۋىگىلا ئەمەس، گۆش، ئۇن، گۈرۈچ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش ئۇسۇل قوللىنىدۇ، شۇڭا ھازىر ھەرقانداق يېمەكلىككە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى.
ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «جەمئىيەت پسىخىكىسى كۆك تاشلىق كىتابى» دا  جۇڭگولۇقلارنىڭ بىر-بىرگە بولغان ئىشەنمەسلىك دەرىجىسىنىڭ بارغانچە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئىشەنچ نەتىجىسىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 59.7 نومۇر بولۇپ، ئومۇمەن ئىشەنمەسلىك سەۋىيىسىگە يەتكەنلىكى كۆرسىتىلدى. شۇ سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ ياشاش تەننەرخى بارغانچە ئېشىپ، تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار بارغانچە كۆپىيىپ كەتتى. بىر ماقالىدە بۇ ئەھۋال  كوللېكتىپ قارا قورساقلار ئىدىيىسى، دەپ خۇلاسىلىنىپ، ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ ئۆزئارا زىيانكەشلىك قىلىش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقى ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى.
قىسمەن كىشىلەر ئەھۋالنى بۇنچىلىك ئېغىر ئەمەس، دەپ قارىشى مۇمكىن، ئەھۋالنىڭ راستتىنلا شۇنداق ئېغىر ياكى ئەمەسلىكى كۆڭلىگە ئايان.
ئەلۋەتتە، قىسمەن سودىگەرلەرنىڭ ئەخلاقسىزلىقى ھەممىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئۇلار ئارىسىدا ئاق كۆڭۈل، ئاۋامنى ئويلايدىغان پەزىلەتلىكلىرىمۇ بار، پۇقرالارنىڭ ئاق كۆڭۈل، ساددىلىقى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تىرەپ تۇرىدىغان تۈۋرۈكتۇر. شۇڭا بىز كىشىلەرنىڭ ۋىجدان قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى تۇتقاندەك چىڭ تۇتىشىمىز، پۈتكۈل جەمئىيەت ۋە كىشىلەرنى باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش، ئاق كۆڭۈل بولۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. بىز ئەسلىدە ئادەملەر بىر-بىرىدىن زىيادە ئېھتىيات قىلمايدىغان، بىر-بىرگە ئىشىنىدىغان، ياخشى بولغان جەمئىيەت كەيپىياتىدا ياشىشىمىز كېرەك، شۇندىلا پۇقرالارنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش نىشانىنى  ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.      


«قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-4-6 09:55:44 | ئايرىم كۆرۈش
‹ئۆزئارا چۈشىنىش چوڭقۇرلاشقانسېرى يالغۇزلۇق گۈزەللىشىدۇ › دېگەن يەكۈننى ھازىرقى زامانداشلار يەكۈنلەپ چىقىرىپتۇ . بەزىدە بۇنى توغرا دېگىممۇ كېلىدۇ . سۆزلىسەم گەپ جىق . ئۇنىڭدىن ئۆزەڭنى بىل ، ئۆزگىنى قوي دېدىمغۇ !

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-4-6 19:11:58 | ئايرىم كۆرۈش
ھازىر بىر ئۆيدە ياشاۋاتقانلارمۇ ئۆز - ئارا تولۇق ئىشىنىپ بولالمايۋاتسا  ، باشقىلارغا  خالىغانچە ئىشىنىش تەس .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

0

تېما

48

يازما

163

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 927
يازما سانى:
48
تىللا:
115
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
11 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-23

جانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-4-6 21:43:03 | ئايرىم كۆرۈش
زامانە ئاخرى  ئوخشايدۇ  
ھەممە ئۆز ئەسلىگە تەبئىيلىكىگە قايىتقانغا ئوخشاش  ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ  تۇپراققا قايتقىچىدۇر———شەجەرىم.

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-4-7 09:20:39 | ئايرىم كۆرۈش
ھەممەيلەن دۆتلىشىپ كەتتۇق. شوڭا ئۆز ئارا ئىشىنىش يوق.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:49 , Processed in 0.125812 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش