ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 230|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھاياتلىق سۈيىنى قەدىرلەڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا

                   ھاياتلىق سۈيىنى قەدىرلەڭ


ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قەدىرلىك دوستلار، ھاياتلىق-چەكلىك.
چەكلىك ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەركىمىنىڭ ئۆز ئىختىيارىدا.
دۇنيادا بەلكىم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى، كۈنلىرىنى تېنچ- ئامان، كۆڭۈللۈك ۋە خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغان بىرمۇ ئادەم بولمسا كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتلىقتا ياشاۋاتقان ھەر بىرىمىز، تۇرمۇشىمىزغا نىسبەتەن ئەستايىدىل خاراكتىرنى يىتلىدۈرۈشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلالىساق، بىز چوقۇم كۆزلىگەن مەقستىمىزگە يىتىپ، ھاياتىمىزنى مول مەزمونلارغا تولدۇرالايمىز. قېنى ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكى«ھاياتلىق سۈيىنى قەدىرلەڭ»ناملىق ھېكمەتلىك ھېكايەتكە قۇلاق سالغايسىلەر: ئىككى قولىڭىزدا لىپمۇلىق سۇ قۇيۇلغان قاچىنى كۆتۈرگەن ئىكەنسىز، پەخەس بولۇپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن دەڭسەپ مېڭىشىڭىز كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، قاچىدىكى سۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتىمۇ خۇددى شۇ بىر قاچا سۇغا ئوخشايدۇ، ئەگەر تۇرمۇش يولىڭىزدا سالامەتلىكىڭىزنى قەدىرلەپ، ھاياتىڭىزنى ئەتىۋارلاپ،«لىپمۇلىق سۇ تولدۇرۇلغان قاچا»نى ئاۋايلاپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن كۆتۈرۈپ ماڭالىسىڭىز، ئۇ ھالدا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلىشىڭىز مومكىن. 60 يىل داۋاملاشقان بىر پىسخولوگىيلىك تەتقىقاتتىن ئىسپاتلىنىشىچە، جاھاندارچىلىقتا ئېھتىىياتچان، ئەستايىدىل بولغان كىشىلەر كۆپىنچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن، ھالبوكى، قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى ناتايىن ئىكەن. بۇ تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كىچىكىدىن تارتىپ ئىش قىلىشتا ئېھتىياتچان، ئەستايىدىل بولغان بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىنكى مەغلۇپ بولۇش نىسبىتى، كىچىكىدىن تارتىپ ئىش قىلىشتا باشباشتاقلىق قىلىدىغان بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىنكى مەغلۇپ بولۇش نىسپىتىدىن 30 پىرسەنت ئاز بولىدىكەن. ھالبوكى خاراكتېرى ئىنتايىن شاللاق بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىنكى مەغلۇبىيەت نىسبىتى، ئىنتايىن ئېھتىياتچان بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىنكى مەغلۇبىيەت نىسبىتىدىن 6 پىرسەنت كۆپ بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە ئېھتىياتچان، ئەستايىدىل ئادەملەر بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ئويلاپ ئىش قىلىدىكەن، تەۋەككۈلچىلىك قىلىدىغان، ئىشەنچلىك بولمىغان، تەييارلىقى يوق ئىشلارنى قىلمايدىكەن؛ ئىناۋەتكە ئېتىبار بېرىدىكەن، لەۋزىدە تۇرىدىكەن، ئەخلاقىي قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىدىكەن، كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتىدىكەن، ئالدامچىلىق قىلىدىغان، ۋىجدانسىزلىق قىلىدىغان ئىشلارنى قىلمايدىكەن؛ تەرتىپكە بويسۇنىدىكەن، تازىلىققا رىئايە قىلىدىكەن، نۇقتىلىق ھالدا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن، كېسەلنى داۋالىتىدىكەن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئادىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن. ھالبوكى قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولىدىغانلار كۆپىنچە ھاللاردا سالامەتلىك ۋە ھاياتلىق بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان خەتەرلىك ئامىللارغا سەل قاراپ، قاراملىق قىلىدىكەن. زېھنىي كۈچىنى بىھۇدە زايە قىلىپ،«ھاياتلىق سۈيى»نى توختىماي چاچىدىكەن. ھەتتا بالدۇرلا قۇرۇپ قاخشال بولۇپ قېلىپ ئۈمرىنى قىسقارتىدىكەن. ئادەم ياشاۋاتقاندا«ھاياتلىق سۈيى»نى تېخىمۇ قەدىرلىشى كېرەك. ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان كۈتۈنۈش ئۇسۇلىنى تاللىغاندىن كېيىن، يەنە كۈتۈنۈشكە پايدىسىز ئادەتلەرنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. كۈتۈنۈشكە پايدىسىز ئىشلارنى قىلماسلىق«ھاياتلىق سۈيى»نى بىھۇدە تۆكۈۋەتمەسلىك كېرەك.


  مەنبەسى:دىل سادا بىلوگى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5

تېما

652

يازما

3268

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 681
يازما سانى:
652
تىللا:
2064
تۆھپە:
500
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
458 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-8

مۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-1-16 14:57:47 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چېچەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-16 14:59  

تىمىڭىزنى   ئ‍وقۇپ  نىكولاي  ئ‍وسترۋىسكىنىڭ    ھايات  ئ‍ىنسانغا   پەقەت بىر قېتىملا  كىلدۇ   دىگەنلىرى   يادىمغا   كىلۋاتدۇ   ،   راس   بۇ     ھايات   چەكلىك   .        
تىمڭىزغا   رەھمەت    ياخشى   تىملىرىڭىز  ئ‍ۇزۇلمگەي ....

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-1-16 18:39:19 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاتىكەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-16 18:41  

ھاياتلىقنى چوقۇم قەدىرلەش كىرەك ، مەنمۇ ھەم ھاياتىمنى ، سالامەتلىكىمنى بەك قەدىرلەيدىغان بوپ كەتتىم  ھازىر .(قارىغاندا قىرىغاندا جان تاتلىق بوپ كىتىدۇ دىگەن گەپ راس ئوخشايدۇ )
مەنمۇ  ئىھتىياتچان ، ئەستايىدىل كىشىلەر قاتارىغا كىرىمەن  دەپ ئويلايمەن ئۆزۈمچە  .
مەن 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ ئۆزۈمنىڭ چىنىقىش پىلانىنى تۈزدۈم   . يەتمەكچى بولغان نىشانىم : بەدەن ئىغىرلىقىمنى 60 كىلوگىرامغا  چۈشۈرۈش ھەمدە  داۋاملىق شۇ ئىغىرلىقنى ساقلاش ، تەن ساپايىمنى ئۆستۈرۈش . ياش بىر  يەرگە  بارغاندا ئادەم ئۆزىنى تىزگىنلىمىسە سالامەتلىكىدىن چاتاق چىققۇدەك .
مىنىڭ يەنە 10 يىل  ھازىرقىدەك  ھالىتىمدە تۇرغۇم بار  ، شۇڭا قەتئى ئىرادىگە كەلدىم ، كۈند ەيىرىم سائەتتىن پىيادە ماڭىمەن ، ياكى كۈندە 10 قىتىم  5-قەۋەتكە چىقىپ - چۈشىمەن .
ئىشقىلىپ  ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرىدە تۇرىۋىرىپ  ، مەن ئۆزۈمنى ھازىر سىتودىنىتلاردەك  ھىس قىلىدىغان بوپ قالدىم ، چىرايىممۇ بارغانسىرى كىچىك چىراي بوپ كىتىۋاتىدۇ دىسە.
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

3

تېما

52

يازما

142

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 753
يازما سانى:
52
تىللا:
90
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
9 سائەت
ئاخىرقى:
2016-9-20
يەر
ۋاقتى: 2016-1-26 16:54:49 | ئايرىم كۆرۈش
ھاياتلىق سۈيى  دەپ  نوقۇل سۇغا قاراتمىغاندەكمۇ قىلىسىز. ياخشى يىزىپسىز.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:51 , Processed in 0.125258 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش