مۇنۇ جاينى بىسىپ ناخشىنى قويۇڭ ماقىما ؟
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، ھەممىڭىزلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزلەرنى چىقىرىپ، ئۇشبۇ خەۋەرنى ئوقۇغىنىڭلارغا سەمىمىي تەشەككۈرلەر!
«يۇسران» ماركىسى، شىنجاڭ يۇسران خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 2015 – يىلى يىل بېشىدا نەچچە يىللىق تولۇق تەييارلىق بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە سىز كۆرۈپ تۇرغان تۇنجى مەھسۇلاتلىرى بىلەن ھوزۇرىڭىزغا سۇنۇلدى.
يۇسران ماركىسىنىڭ قىبلىنامىسى شۇكى، ئۆزىمىزنىڭ ئۇ دۇنيانىڭ!
ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەتىدىكى ئۆچمەس نامايەندە بولۇپ يېڭى ئەسىردە جۇلالىنىۋاتقان ئەتلەس ئەلۋەتتە ھەممىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدە ئورۇن ئېلىقلىق.
ئەمما ئەتلەسلىرىمىزدىكى بىر خىللىق، توقۇلۇشىدىكى نازۇكلۇق، بىزنى بۇ تەۋەرۈكىمىزنىڭ ئىستىمالىدىن قالدۇرۇپ قويۇشقا باشلاپ، پەقەت توي – تۆكۈنلەردە كىيىلىدىغان سەھنە كىيىمى، مۇراسىمى كىيىمى قىلىپ قويىۋاتىدۇ. يۇسران ماركىسى دەل خەلقىمىزدىكى مۇشۇ خىل كىرزىسنى تونۇپ يېتىپ، ئۇزۇن مەزگىل كۈزىتىش ۋە تەھلىل قىلىش، سىناق قىلىشلار ئارقىلىق، ئۆزىمىزدىكى مىللىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن تەڭ، دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلار ئارقىلىق مودىغا يول باشلاپ مېڭىۋاتقان يۈزلىنىشنى بىرلەشتۈرۈپ، خەلقىمىز ھوزۇرىغا ئازادىلىككە، مودىغا جىپسىلەنگەن مىللىي ئەنئەنىگە تويۇنغان ئەر – ئاياللار كىيىم – كېچىكى، ئاياغ، كارىۋات بۇيۇملىرى، داستىخان – پەردە قاتارلىق ئون نەچچە خىل تۈرنى سۇندى.
قېنى سىز ئالدى بىلەن بىزنىڭ دەسلەپكى مەھسۇلاتىمىز بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ، ھەر ئايدا ئۈچدىن بەشكىچە يېڭى تۈر قوشۇلۇپ تۇرىدۇ. سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزدا يۇسراندىن ئىبارەت بۇ ماركا دۇنياغا تارالغۇسى.
مۇندا قارىسام مۇنبىرىمىزدە قىزلار كۆپكەن ، ئۆزىمىزنىڭ ساپ مىللىيچە ئەتلىسىنى كىيمىسەكمۇ ھىچ بولمىسا مۇنۇ زامانىۋى نۇسقىسىنى كىيىپ قويايلى... بۇ بىزنىڭ مىللى كارخانىلىرىمىزنى قوللىغانلىقىمىز بولۇپ قىلىشى مۇمكىن .
|