ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 208|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ياتاقتا ياتقاندا بۇ نەرسىلەرگە دىققەت قلىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارتىس119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-7 10:25  

                        ياتاقتا ياتقاندا بۇ نەرسىلەرگە دىققەت قلىڭ


مەيلى كاماندىروپكىغا چىقىڭ ياكى ساياھەتكە بېرىڭ چوقۇم ياتاقتا يېتىشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن قارىماققا شۇنداق پاكىز كۆرۈنگەن ياتاقتا ئەمىلىيەتتە نۇرغۇن باكتېرىيە بولىدۇ. ئۇنداقتا زادى ياتاقتىكى قايسى بۇيۇمدا باكتېرىيە ئەڭ كۆپ بولىدۇ؟

   

1. يورۇتۇش ۋېكليۇچاتېلى

ئامېرىكا ھيۇستون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يورۇتۇش ۋېكليۇچاتېلىدىكى باكتېرىيە ئەڭ كۆپكەن توققۇز ياتاقتىكى19 يورۇتۇش ۋېكليۇچاتېلىنى ئەۋرىشكە قىلىپ تەكشۈرگەندە، يورۇتۇش ۋېكليۇچاتېلىنىڭ ئوتتۇرىچە ھەركۋادرات سانتىمېتىر بوشلۇقتىكى باكتېرىيە سانى122.7CFU (كولىنىيە شەكىللىنىش بىرلىكى، ئومۇمىي ئاتىلىشى colony-forming units) غا يېتىدىكەن، ئادەتتە گەندىنىڭ باكتېرىيە قىممىتى111.1CFUبولىدۇ.

2. تېلېۋىزور تىزگىنىكى

ئوخشاشلا مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تېلېۋىزور تىزگىنىكىدىكى باكتېرىيە سانى67.6CFUغا يېتىدىكەن.

3. سۇ ئىستاكانى

ياتاققا يوشۇرۇن كامېرا ئورنىتىپ ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياتاق تازىلاش خادىملىرى ئادەتتە سۇ ئىستاكىنىنى پاكىز يۇيمايدىكەن، بەزىلىرى «ئىچىش مەنئىي قىلىنىدۇ» دەپ ئەسكەرتىلگەن سۇيۇقلۇقنى ئىستاكانغا چېچىپلا، سوغۇق سۇدا چايقىۋېتىپلا ئۈستەلگە تىزىپ قويىدىكەن. يەنە بەزىلىرى ھەتتا ئۆي سۈرتىدىغان دەسمال بىلەنلا بوتۇلكىنى سۈرتىدىكەن.

4. كىرلىك

ئادەتتە ياتاقنىڭ كىرلىكى كۆپ يۇيۇلمايدۇ، دېمەكچى ئوخشاش بىر كىرلىكنى نۇرغۇن ئادەم ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا باشقىلارنىڭ تەرى، چاچلىرى كىرلىكتە قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىرلىكمۇ ئاسان باكتېرىيە قونىدىغان نەرسە، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى كىرلىك ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىڭ.

5.  تېلېفون كۇنۇپكىسى

تېلېفون ئۇرۇشتىن بۇرۇن چوقۇم تېلېفون كۇنۇپكىسىنى بىر سۈرتىۋېتىڭ، ئوخشاشلا ھيۇستون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتقا ئاساسلىنىشىچە، تېلېفون كۇنۇپكىسىدىكى باكتېرىيە سانى20.2CFU بولۇپ، كارىۋات بېشى تاختىسى، دېرىزە پەردىسىنى سىيرىغۇچ ۋە مۇنچا ئىشىكىدىنمۇ مەينەت ئىكەن.
   
   
6. قەھۋە ماشىنىسى

ئامېرىكا ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەلۇم مېھمانساراينىڭ قەھۋە ماشىنىسىنى تازىلاش ئۇسۇلى، ئازىراق پاكىز سۇ قۇيۇپ، بىرنەچچە قېتىم چايقاپ قويسىلا ئىش تۈگەيدىكەن. بۇنداق ناتوغرا ئۇسۇل قەھۋە ماشىنىسىدىكى باكتېرىيە سانىنى بارغانسېرى كۆپەيتىۋېتىدۇ.

7. تازىلاش بۇيۇملىرى

ئامېرىكىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېت ئوخشاشلا ياتاقتىكى تازىلاش بۇيۇملىرى مەسىلەن: پەلەي، پول سۈرتكۈچ، تازىلاش بۇلۇتى قاتارلىقلارنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە بۇلاردا كۆپ مىقداردىكى باكتېرىيەلەر بايقالغان. مەسىلەن: تازىلاش بۇلۇتىدىكى بوشلۇق باكتېرىيە سانى ۋە گەندە باكتېرىيە سانى CFU500 غا يەتكەن.

ياتاقتا يېتىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

    1. كارىۋات بۇيۇملىرى

نۇرغۇن كىشىلەر ياتاقتا ياتقاندا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. بەدەننىڭ بىۋاسىتە باكتېرىيە بىلەن ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چوقۇم كىيىم كىيىپ ئۇخلاش كېرەك.

    2. قايناقسۇ چەينىكى

بەزى ساپاسىز كىشىلەر قايناقسۇ چەينىكىگە تاماكا كۈلى سېلىپ قويىدۇ ياكى ھاراق قۇيۇۋېتىدۇ، ھەتتا بەزىلىرى ئىچىگە قۇسۇپمۇ قويىدۇ. شۇڭا ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال بىر قېتىم قايناقسۇ قاينىتىپ، سۇنى تۆكىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن يەنە بىر قېتىم قاينىتىپ ئىشلىتىڭ.

    3. سۇ ئىستاكانى

يۇقىرىدا ئېيتقاندەك سۇ ئىستاكانىدىكى باكتېرىيە سانىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى قايناقسۇدا دېزېنفېكسىيەلەپ ئاندىن ئىشلىتىڭ. تەرەت تۇڭىنى ئىشلىتىدىغانلار كۆپ، يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى بار، شۇڭا ئۈستىگە قەغەز قويۇپ ئاندىن ئولتۇرۇڭ.

    4. ۋاننا

ياتاققا ۋاننا بولسا ئەڭ ياخشىسى ئىشلەتمەڭ، ئۈستىدىن سۇ چۈشۈرۈپ يۇيۇنغىنىڭىز بىخەتەر.

    5. تېلېۋىزور تىزگىنىكى

تېلېۋىزور تىزگىنىكىدىمۇ باكتېرىيە كۆپ، شۇڭا ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن قولىڭىزنى يۇيىۋېتىپ ئاندىن نەرسە يەڭ.

     6. ساپما كەش

ياتاقتىكى ساپما كەشنى كىيمەڭ، ئەڭ ياخشىسى بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان ساپما كەشنى كىيىڭ. ياتاققا كىرىشتىن بۇرۇن چوقۇم چىش پاستىسى، چىش چوتكىسى، يۈز لۆڭگىسى، بەدەن لۆڭگىسى، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، بىر يۈرۈش كارىۋات بۇيۇمى قاتارلىقلارنى تەييارلاپ كىرىڭ، پاكىز ھەم بىخەتەر بولىدۇ.


  مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-4-7 11:22:39 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن دىققەت قىلىشقا تىگىشىلىك مەسىلىلەر ئىكەن .
بۇنىڭدىن كىيىن ساياھەتكە چىققاندا  مىھمانخانىلارغا چۈشكەندە چوقۇم دىققەت قىلىمەن .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-4-7 16:55:22 | ئايرىم كۆرۈش
دېمەك مېھمانخانە ياتاقلىرىنىڭ ھەممە نەرسىسى پاكىز ئەمەس ، شۇڭا سىرتقا چىققاندا ئالاھىدە ئېھتىيات قىلغان ياخشى !
تېمىڭىزغا رەھمەت !

23

تېما

231

يازما

777

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 841
يازما سانى:
231
تىللا:
486
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-4-11 23:34:00 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى تېمىدىن بىرنى سۇنۇپسىزغۇ تەشەككۈرلەر بولسۇن،مەنمۇ خاتىرىلىۋالدىم.
ئ‍ۈمۈدسىزلىك يېرىم ئ‍ۈلۈم،   ئ‍ەمما ئ‍ۈمۈدنى  ئ‍ىنساندىن  كۈتۈش ،  پۈتۈن ئ‍ۈلۈم  .

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-4-13 00:17:48 | ئايرىم كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا  تىگىشلىك  ئىشلاركەن   ،  تەشەكككۈر
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2016-5-4 06:50:56 | ئايرىم كۆرۈش
نېمىدىگەن قورقۇنۇچلۇق ياتاقتا تۇرۇشتىنمۇ قورقۇپ قالدىم جۇمۇ مانى كۆرۈپ

0

تېما

48

يازما

163

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 927
يازما سانى:
48
تىللا:
115
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
11 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-23

جانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2016-5-6 12:18:17 | ئايرىم كۆرۈش
  سىرىتقا چىقىدىغانلار  پايدىلانسا  بولغۇدەك تېما ئىكەن.     رەھمەت.
ھەممە ئۆز ئەسلىگە تەبئىيلىكىگە قايىتقانغا ئوخشاش  ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ  تۇپراققا قايتقىچىدۇر———شەجەرىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:28 , Processed in 0.141442 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش