ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 321|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتى ئاستابولۇشنىڭ سەۋەبلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا


      كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرى

  

  كۆپچىلىك كومپيۇتېرنى قوزغىتىش بىلەنلا Windowsنىڭ مەشغۇلات ھالىتىگە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىشى كۈتكىنىمىزدەك تېز بولمايدۇ، ھەتتا بەزىدە قوزغىلىش بىلەنلا قېتىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بەزى ۋاقىتلاردا Windowsنىڭ قوزغىلىش سۈرىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشى ئۇنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە بولماستىن بەلكى بىر قىسىم ئۈسكۈنىلەر ۋە ياكى يۇمشاق دېتالدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكتىن بولىدۇ. كومپيۇتېر سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر ناھايىتى نۇرغۇن. تۆۋەندە كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىشىنى ئاستىلىۋېتىدىغان بىر قانچە سەۋەبنى تونۇشتۇرىمىز:


  تور كارتىسى
تور كارتىسى (网卡) نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق بولمىسا سېستىمىنىڭ قوزغىلىش سۈرىتىگە روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، كومپيۇتېرىڭىزدا تورغا چىقمىسىڭىز تور كارتىسىنى ئېلىۋېتىڭ. كومپيۇتېرىڭىز دائىرىلىك تور (局域网)غا ئۇلانغاندىن بولسا، تور كارتىسى قوزغىتىش پىروگراممىسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، كۆڭۈلدىكى ھالەتتە سېستىما ئاپتوماتىك ھالدا DHCP مۇلازىمېتىرى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ناۋادا ئابۇنت لاھىيەسىنى «IP ئادرېسىغا ئاپتومات ئېرىشىش» (自动获取IP 地址) ھالىتىگە تەڭشەپ قويساق، سىستېما قوزغالغاندىلا توردىن DHCP مۇلازىمېتىرنى توختىماي ئىزدەيدۇ. سېستىما IP ئادرېسىغا ئېرىشكەن ياكى «ۋاقىت ئېشىپ كەتكەن» (超时) گىچە بولغان ئارىلىقتا، سىستېمىنىڭ قوزغىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا، دائىرىلىك تور ئابۇنتلىرى كومپيۇتېرىغا IP ئادرېسى بەلگىلەپ قويغىنى ياخشى.


  2. ھۆججەت ۋە پرىنتېردىن ئورتاق بەھرلىنىش
Windows XPنىڭ كەسپىي نۇسخىسى قاچىلانغان بەزى كومپيۇتېرلارنىڭ قوزغىلىشى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ، بەزىدە بىر مىنۇت 40 سېكۇنتتا ئاران قوزغىلىپ بولىدۇ. سىستېما تىزىملاتقاندىن كېيىن ئۈستەل يۈزىمۇ شۇئان كۆرۈنمەي، خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب Bootvis.exe پىروگراممىسىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى Mrxsmb.dll ھۆججىتى كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىشىغا يەنە 67 سېكۇنت قوشقانلىقتىن بولغان.
بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچچۈن ئورتاق بەھىرلىنىدىغان ھۆججەت ۋە پرىنتېرنى توختىتىۋېتىمىز: باشلاش (开始) ← بەلگىلەش (设置) ← تور ۋە نومۇر ئۇلاش (网络和拨号连接) نى ئېچىپ، مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ «يەرلىك ئۇلاش»  (本地连接)نىڭ «خاسلىق» (属性)ىنى تاللايمىز. ئېچىلغان كۆزنەكتىن «بۇ ئۇلىنىشتىن تۆۋەندىكى تاللانغان دېتاللارنى ئىشلىتىش» (此连接使用下列选定的组件) نىڭ ئاستىدىكى «Microsoft توردىكى ھۆججەت ۋە پرىنتېردىن ئورتاق بەھرلىنىش» (Microsoft 网络的文件和打印机) دېگەن تاللاش رامكىسى ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋېتىپ، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتساق بولىدۇ.


3. USB لىق قاتتىق دېسكا ۋە سىكانېر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر
ناۋادا كومپيۇتېر قوزغىلىشتىن بۇرۇنلا USBلىق قاتتىق دېسكا، سىكانېر دېگەندەك ئۈسكىنىلەر ئۇلانغان بولسا ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئۈزۈۋېتىپ كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىش سۈرىتىدە ئۆزگىرىش بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ. ئادەتتە USBلىق ئۈسكىنىلەر كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىش سۈرىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئۈسكۈنىلەرنى ئامال بار كومپيۇتېر قوزغىلىپ بولغاندا ئاندىن ئۇلاش لازىم. ناۋادا USBلىق ئۈسكىنە بولمىسا، BIOS بەلگىلەشتە USB ئىقتىدارىنى ئېتىۋېتىڭ.
ئەسكەرتمە: Windows قوزغىلىۋاتقاندا قوزغاتقۇچلارنى (ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچمۇ بار) تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. ناۋادا ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچنىڭ ئىچىدە ئوپتىك دېسكا قاچىلاقلىق بولسا، كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىشى ئاستىلاپ كېتىدۇ.



4. تور قوزغاتقۇچ
Windowsنىڭ قايتىدىن قۇرىدىغان تور ئۇلىنىش سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئىشلەتمەيدىغان تور قوزغاتقۇچنى (网络驱动器) ئۈزۈۋېتىش كېرەك. ئۇسۇلى: «كومپيۇتېرىم» (我的电脑) غا كىرىپ مائۇسنى تور قوزغاتقۇچقا توغرىلاپ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ «ئۈزۈش» (断开) دېگەننى تاللىساقلا بولىدۇ.



5. قاتتىق دېسكىنى بەك كۆپ رايونغا ئايرىش
قاتتىق دېسكا بەك كۆپ رايونلارغا ئايرىلغاندا Windows قوزغالغۇچە ھەر بىر رايوننى قاچىلايدۇ، رايون قانچە كۆپ بولغانسېرى مەشغۇلاتنىڭ تاماملىنىش ۋاقتىمۇ ئېشىپ بارىدۇ.

6. ئۈستەل تۈزىدىكى سىنبەلگىلەر كۆپ بولۇش
ئۈستەل يۈزىدىكى سىنبەلگىلەر (桌面图标) بەك كۆپ بولسىمۇ سىستېمىنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ. Windows ھەر قېتىم قوزغىلىپ، ئۈستەل يۈزىنى كۆرسىتىدىغان چاغدا سىنبەلگىلەرنىڭ تېزلەتمە شەكلىنى (快键方式) بىرمۇ بىر ئىزدەپ قاچىلايدۇ. سىنبەلگىلەر قانچە كۆپ بولسا، سەرپ بولىدىغان ۋاقىتمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. شۇڭا دائىم ئىشلەتمەيدىغان سىنبەلگىلەرنى مەخسۇس ھۆججەت قىسقۇچقا سېلىش ياكى ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك.

8. مىكروسوفتنىڭ يامىقى
Windows XPنىڭ مەلۇم ياماقلىرى سېستىمىنىڭ قوزغىلىش سۈرىتىنى ئاستىلىۋېتىدۇ. مەسلەن: ۋاكالەت نومۇرى Q328310 بولغان ياماق Windows200 / XP نىڭ قوزغىلىش سۈرىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ، ھەتتا تىزىملاش جەدىۋىلىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. دېمەك سىستېما قوزغىلىشىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشىنى مىكروسوفتنىڭ ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقىمۇ چوڭ. ....

  مەنبە:نۇر تورى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-7-16 19:10:39 | ئايرىم كۆرۈش
سىزنىڭ  تىتىملىق تىمىلىرىڭىزنى سىغىنپ قالغان ئىدۇق ، دەل ۋاقتىدا ئىككى تىما يوللاپ مۇنبىرىمىزگە  جان كىرگۈزىۋىتىدىغان بولدىڭىز ،  تەشەككۈ ر!
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-7-16 20:45:27 | ئايرىم كۆرۈش
ئاتىكەم يوللىغان ۋاقتى  2016-7-16 19:10
سىزنىڭ  تىتىملىق تىمىلىرىڭىزنى سىغىنپ قالغان ئىدۇق ، د ...

ياق ھەي، نەدىكىنى بەكلا ماختىۋەتتىڭىز ئۇنچىۋالامۇ ئەمەس....   مۇنبەر بەك ئۇزۇن توختاپ قالغاچقا مەنمۇ ۋاختىدا تېما يوللاپ تۇرالماي قالغاندىن سىرىت ھەتتە مۇنبەر نورمال ئەسلىگە كەلگەننىمۇ بىلمەي يۈرۈپتىمەن....
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!

13

تېما

100

يازما

456

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

پىراكتىكانىت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 857
يازما سانى:
100
تىللا:
356
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
91 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-1

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

يەر
ۋاقتى: 2016-7-17 00:42:11 | ئايرىم كۆرۈش
تەشەككۈر مۇشۇنداق پايدىلىنىش قىممىتى بار تىمىنى يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت ئىيتىمەن ،
داۋاملىق ياخشى تىمىلارنى يوللاپ مۇنبەرنى جانلاندۇرۇپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .

9

تېما

73

يازما

221

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 816
يازما سانى:
73
تىللا:
148
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
29 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-27
5#
ۋاقتى: 2016-9-14 15:28:35 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشمۇ مەزمۇن ياقتۇردۇم رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:27 , Processed in 0.130253 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش