ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 76|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇپقۇن:ئىككى شېئىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

59

تېما

569

يازما

1647

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 725
يازما سانى:
569
تىللا:
988
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
163 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇپقۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-1-10 22:30  


ئىككى شېئىر

ئابلىكىم مۇھەممەت ئۇپقۇن

يارنىڭ دېرىزىسى

يېراقتىن كۆرۈنەر بىر تال يېشىل نۇر،
قەدىمىم شۇ ياققا ماڭار ئالدىراپ.
قەلبىمنىڭ تۆرىدە ئاينىغان گۈللەر،
سېغىنىش دەردىدە قالدى ھالسىراپ.

ئاھ بۈگۈن دېرىزەڭ چاقىرار ئىللىق،
باغرىغا ئالماقچى بولۇر ئاپپاق قار.
رەڭگارەڭ چىراغلار ئۇچقۇر ماشىنا،
بىر تامچە مىھىرگە بولماقتا زار-زار.

بۇ ئۆمۈرۈم قوغلاشقا ئۆتەرمۇ سېنى،
دېرىزەڭ يېنىدا تۈنەي خىيالچان.
بويۇنداپ قارىسام بولۇپ ئىنتىزار،
كىرپىكىم ئۇچىدا چاقنايدۇ ئارمان.

يار سېنىڭ دىرىزەڭ ئىلھام بۇلىقىم،
ئەركەكلىك چىنەمگە ئۇسسىدىم كەۋسەر.
دېرىزەڭ كۆكسۈمگە ئاتماق بولسا ئوق،
چۈشۈڭنى ئوغۇرلاپ قاچىمەن سەھەر.

تېنىچلىنىش

سۈت ئۇيقىدا ئۇخلاپ ياتقان دالادىن،
ئۆز-ئۆزۈمگە تاپماق بولدۇم تېنىچ جاي.
تىزگىنلىسەم داۋالغىغان خىيالنى،
يۈرىكىمگە نەقىش چېكەر كۆيگەن ئاي.

يۇمماق بولدۇم كۆزلىرىمنى ئامالسىز،
شېپاھ ئىزدەپ چارچاپ كەتكەن نىرۋامغا.
ھەسرەتلىرىم بولدى قايتا باراقسان،
رەقىبلىرىم تۇز سەپكەچكە يارامغا.

تېنىچلىناي ئارامىمدا قوي مېنى،
بوران كەبى باستۇرمىغىن سېغىنىش.
ئازابىمنىڭ كۆلەڭگىسى زۇرايدى،
تەن ئىشىكىمنى چاقماق بولۇر مودھىش قىش.

2017-يىلى1-ئاينىڭ10-كۈنى قاراقاش
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
كەتسەم ئەگەر يىراق جايلارغا.ئۇنۇتماڭلار ئەسەرلىرىمنى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2017-1-16 17:44:36 | ئايرىم كۆرۈش
ئىلگىرى بىنا ئۆيلەر بولمىغاچ ، ياخشى كۆرۈپ قالغان قىزلارنىڭ دېرىزىگە تاش ئاتىدىغانتى يىگىتلەر ، ھازىر بىنا ئۆيلەرگە تاش ئاتقىلى بولمىغاچ  دېرىزىنىڭ يۇرۇقىغا قارايدىكەندە
قەلەملىرىڭىز توختاپ قالمىسۇن ئۇكام .

59

تېما

569

يازما

1647

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 725
يازما سانى:
569
تىللا:
988
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
163 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-1-17 11:09:12 | ئايرىم كۆرۈش
مېھرىيە يوللىغان ۋاقتى  2017-1-16 17:44
ئىلگىرى بىنا ئۆيلەر بولمىغاچ ، ياخشى كۆرۈپ قالغان قىزل ...

كەتسەم ئەگەر يىراق جايلارغا.ئۇنۇتماڭلار ئەسەرلىرىمنى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 12:26 , Processed in 0.124895 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش