ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 558|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يالقۇنىدىن تۈتۈنى كۆپ ئۇيغۇرۇم...(قاراخان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار، مۇنبىرىمىزدىكى ئىجتىھادلىق قەلەم ئىگىسى ،مۇھتىرەم ئۈستاز قاراخان خىزمەت ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ مۇنبىرىمىزگە كىرەلمەي قالدى. شۇڭا ئۈستازنىڭ يىقىندا تورغا يوللىغان ئەسەرلىرىدىن بىرنەچچىنى تاللاپ دوسلار ھوزۇرىغا سۇندۇم، بەھىر ئالغايسىلەر.


يالقۇنىدىن تۈتۈنى كۆپ ئۇيغۇرۇم...
قاراخان
ئۆز ئىنىغا قاراپ ھۈرگەن تۈلكە سۈپەت ئۇيغۇرۇم،
ئۆز ئىچىنى ماراپ يۈرگەن مولۇن تەلەت ئۇيغۇرۇم.
ئۆز تىلىنى خاراپ قىلغان دىلى غەپلەت ئۇيغۇرۇم،
ئۆز خىلىنى كاۋاپ قىلغان يولى ھەسەت ئۇيغۇرۇم.
ئۆز دىنىنى راۋاپ قىلغان ھۇلى ئىشرەت ئۇيغۇرۇم.

كەم ئەمەسقۇ تۇز نېسىۋەڭ،ساقلىمايمۇ ئىشتىھا،
ئۇچاڭ بولسا بازاردىغۇ ئەتلەس، يىپەك، تون جۇۋا.
روھ تېنىڭگە تۇرسا ياندا دورا -دەرمەك ئەل داۋا،
كۆڭۈل ئاچماق بولساڭ مەگەر تۇرسا سەھنەڭدە ناۋا،
ئۆز كۆزىگە توپا تىققان قولى مەينەت ئۇيغۇرۇم.

كۈتكەنمىدى بىزدىن شۇنداق رىئاللىقنى قەشقىرى،
پۈتكەنلىرىم ئەمەس سېنىڭ ئىللىتىڭدىن تاشقىرى.
توسالمىسا بىزنى ئەخلاق ،بىزنى قانۇن يا شەرئى،
ئۈندەلمىسە ئېزگۈلۈككە يۈسۈپ ،سۇتۇق  تەدبىرى،
ئۆز جېنىغا زۇلۇم سالغان رولى بىدئەت ئۇيغۇرۇم.

ساراڭ بولۇپ كېتەر دائىم ساراڭ دىسە ساراڭنى،
ساراڭ دىسەم  ئوڭ قىلىسەن گاھى سەپتە پاراڭنى.
ساقىلىڭنى پوققا چىلاپ يوقاتماستا قاراڭنى،
ساقىيىشقا سەۋەپ قىلىپ باققۇم كەلدى ياراڭنى.
ئۆز قېنىغا رىيا قوشقان خۇيى تۆھمەت ئۇيغۇرۇم.

تالاشقان شۇ گۈزەل،بايلىق،قالار مەنسەپ قىز پېتى،
بۇ دۈنيادا ھېچكىمنىڭ يوق مەڭگۈلۈككە رويخېتى.
پەقەت قالار ياخشى نىيەت ،ياخشى ئەمەل خىزمىتى،
كۆرەلمىسەڭ قىلغىن ھەسەت ئۆتكىن قاۋاپ ئىت پېتى.
ئۆز بېشىغا بالا تاپقان ئويى غۇربەت ئۇيغۇرۇم!

قېنى سەندە قېرىنداشلىق ،ئىللىق سۆيگۈ ھارارەت،
قېنى سەندە ھاتەمگە خاس روھى بايلىق ساخاۋەت.
قېنى سەندە جان قاياشلىق ،قېنى سەندە ساداقەت،
قېنى سەندە دىيانەتلىك ،ياخشىلىققا دالالەت.
ئۆز پېشىغا دەسسىۋالغان بەس ھاماقەت ئۇيغۇرۇم!!!

2014-يىلى26-قەھىرتان


ھىجاپلىق قۇياش

قاراخان
قېلىن تۇمان ياتار يولدا ئىغاڭلىشىپ،لەيلىشىپ ،
ئىس-تۈتەكلەر يوتقان بولۇپ يېپىلدى كۆك زېمىنغا.
قىستىلىشىپ يولۇچىلار ،ماشىنا يول تالىشىپ،
نەپەس ئالماق خىلۋەتتىمۇ توختىدى زەپ قىيىنغا.

<<ئاي پەرى>>نى ئەلچى قىلدۇق بوشلۇقتىكى مارسقا،
ئازادە ۋە يورۇق ياشاش ئىستىكىدە تولغۇنۇپ.
ئامال يوقكەن مۇھىت ئاسراش ئېڭى ئاجىز ھادىسقا،
كۈشەندىگە يولۇقمىسا ئىنسان كەتمەس ئويغۇنۇپ.

چوپانلارمۇ تېزەك قالاپ يېشىل كۆكنى بۇلغايدۇ،
كۆككە يەرگە تۈكۈرىدۇ بەزى مەستلەر پايلىماي.
چالا كۆيگەن ئىس دەردىدە ئۇچار قۇشمۇ قاقشايدۇ،
ساپ ھاۋانىڭ ھوزۇرىنى يۈكسەكلەردە قۇچالماي.

نۇر زىياغا قاقلىنىشقا دېھقان،مايسا ئىنتىزار،
لېكىن ئۆزى ئوت قويىدۇ تاماكىدا ئېتىزغا.
قۇرۇم بولدى دەيدۇ باغۋەن نالە قىلىپ لالىزار،
كىرىپ كەلدى سېسىق بۇسلار بۇرۇن تۇرماق ئېغىزغا.

يېتىپ بارغاچ بەدبۇي پۇراق ،ئىس -تۈتەك ،بۇس قۇياشقا،
چېھرى ئۇنىڭ خالى ئەمەس چاڭ-توزاڭ ۋە مەينەتتىن.
شۇڭا ئۇنىڭ رۇخسارىنى ھىجاب بىلەن ئوراشقا ،
ئۆكتە قوپقان پەرقسىزدۇر قاۋاندىن، بەدنىيەتتىن!

2014-يىلى10-يانۋار


ئۆلۈم كۈتۈش نەقەدەر گۈزەل
قاراخان
ئەجەل كەلسە ئەقىل ئادىشار،
بىئەقىلگە ئۆلۈم يارىشار.
بايلىق بولماس ئەجەلگە داۋا،
نادان ئەلگە بالا يامىشار.

ئادەم ئۆلمەس چاشقان پوقىغا،
چىۋىن قونار بارى يوقىغا.
تەن ساقلىققا دەرتمۇ كۈشەندە،
ئامال بارمۇ  ئەجەل ئوقىغا.

سامساق يەپمۇ ساق بولماق قىيىن،
مەگەر ساقمىز قەدرى بىر تىيىن.
تىرىكىدە ئاسرىماي جاننى،
يىغلايمىزمۇ ئۆلگەندىن كېيىن.

شۇڭا ئۆلۈم نەقەدەر گۈزەل،
ئۆلسە كۈيلەپ ئېيتىدۇ غەزەل.
بەش ئەزانىڭ ئاغرىقى يوق گەپ،
دىل ئاغرىسا قوزغايمىز جىدەل.

ئاغزىمىزدا شەھەر ئالىمىز،
يامانلىققا نەزەر سالىمىز.
گۈناھسىز دەپ قۇلاقنى ھەتتا،
پىچىرلىشىپ قالماس ھالىمىز.

ئۆلۈم كۈتۈش گۈزەل نەقەدەر ،
چوڭ كىچىك دەپ ئايرىماس سەپەر.
پىتنە تېرىپ ،جەددال بولغۇچە،
ئوچۇق گۆردە ياتقان چوڭ ھۈنەر!

2014-يىلى 23-قەھرىتان




بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2014-1-29 19:37:18 | ئايرىم كۆرۈش
«يالقۇنىدىن تۈتۈنى كۆپ ئۇيغۇرۇم»....شۇنچىلىك مەنىلىك سۆز.بۇ تىمىنى قاراخان باغداشتا ئېلان قىلىپتىكەن.
                                قېنى سەندە قېرىنداشلىق ،ئىللىق سۆيگۈ ھارارەت،
قېنى سەندە ھاتەمگە خاس روھى بايلىق ساخاۋەت.
قېنى سەندە جان قاياشلىق ،قېنى سەندە ساداقەت،
قېنى سەندە دىيانەتلىك ،ياخشىلىققا دالالەت.
ئۆز پېشىغا دەسسىۋالغان بەس ھاماقەت ئۇيغۇرۇم!!!

نىمە دىگەن يالقۇنلۇق مىسرالار .........ئۇستازنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن.شۇنداقلا تىما ئىگىسىنىڭ ئەجىرىگە تەشەككۈر ئېيتىمەن.مۇشۇنداق ياخشى تىمىلار بىلەن پات-پات ئۇچىرىشىپ تۇرغىلى نىسىپ قىلسۇن!!
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-1-29 21:37:17 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆلۈم كۈتۈش نەقەدەر گۈزەل

قارخان ئۇستازنىڭ بۇ  شىئېرنى بەكلا  ياقتۇردۇم  
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 11:49 , Processed in 0.136802 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش