ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 241|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھاراقكەش خاتىرىسى ‹كۆرەش بەگ›

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

29

تېما

350

يازما

1407

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 677
يازما سانى:
350
تىللا:
956
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
109 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-18

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆرەش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-22 11:50  

ھاراقكەش خاتىرىسى
ـــ بۈگۈن سورۇندا يەنە جىق ئىچىۋالدىم، ئۆيگە قايتىش يولىدا ئالدىدىكى دوقمۇشتا قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلەرنى تەكشۈرۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى، قانداق قىلىش كېرەك؟؟
مەن بارغانسىرى يېقىنلاپ كېتىۋاتاتتىم، لېكىن كەينىمگىمۇ يانالمايمەن، ساقچىلار ئاللىبۇرۇن ماڭا دىققەت قىلىپ بولغانىدى.
مەن ئاستا توختىدىدىم- دە، ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈردىغان ئەسۋابقا كۈچەپ پۈۋلىدىم.
ساقچى دەرھال ۋارقىرىدى:
ـــ ھەي، بىز ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلەرنى تەكشۈرۋاتساق سەن پىيادە گۇي نېمە ئىشنى ئىلەشتۈرۈپ يۈرۈيسەن، يوقال؟!!
ــــ ئۇھ ... جىق ئىچىۋېلىپ ماشىنامنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن دە.


غەربكە ساياھەت

تاڭسىڭ ئۈچ شاگىرتى بىلەن نومغا ماڭغاندا بۇتساتۋا مايمۇن بىلەن تاڭسىڭغا ئايفون بەش سوۋغا قىپتۇ ۋە تاڭسىڭنىڭ قۇلىقىغا بىر مەخپىيەتلىكنى دەپ بېرىپتۇ. ئۇلار مېڭىپ بىر ئورمانلىققا كەلگەندە شاسىڭ بىلەن مايمۇن بىرى سۇغا، بىرى سەدىقە تىلىگىلى كېتىپتۇ، قايتىپ كەلگۈچە باجى ئۇخلاپ قېلىپ ئۇستازىنى ئالۋاستى بۇلاپ كېتىپتۇ.
ئەسلى ئالۋاستى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ئارقىلىق ئىزچىل ئىز قوغلاپ مېڭىپتىكەن، پەقەت پۇرسەت كەلمەپتۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئەپ قېچىپتىكەن. مايمۇن ئۇستازنى سورىسا باجى يىغلاپ تۇرغۇدەك، مايمۇن:
- ھېي نېمىشقا ئۇستازنى قوغدىيالمىدىڭ، ئەمدى قانداق قىلىمىز؟- دەپ تىللاپتۇ.
باجى:
- مايمۇن ئاغا، يېنىڭدا بۇتساتۋا بەرگەن ئايفون 5 بولغاندىكىن تېلېفون قىپ باقە-دەپتۇ، مايمۇن تېلېفون قىپتۇ ۋە بىردەمدىن كېيىن موللاق ئېتىپ تاشلارغا ئۈسۈپ، يىغلاپ يەردە يېتىپ پەرياد چېكىپتۇ. باجى:
- ۋوي، نىم بولدى ساڭا؟
مايمۇن جاۋاب بېرىپتۇ:
- ئۇستاز دېگەن لاۋزا گۇي مۇزىكىلىق قوڭغۇراققا چەمبىرەك ئەپسۇنىنى كىرگۈزۈۋاپتۇ
...


دەم ئېلىش
بىر مۇئەللىم دوختۇردىن سوراپتۇ:
- دوختۇر، ئالدىنقى قېتىم يېزىپ بەرگەن دورىدىن يەنە يېزىپ بەرگەن بولسىڭىز، شۇ دورا بەك پايدا قىلغان ئىدى.
دوختۇر ئېسىگە ئالالماي:
- ئالدىنقى قېتىم سىزگە قايسى دورىنى يېزىپ بەرگەن ئىدىم؟
- بىر ھەپتىلىك دەم ئېلىش...


پايپاق
بىر پۇتۇڭغا ئاق، بىر پۇتۇڭغا قارا پايپاق كىيىۋالغىنىڭ نېمىسى؟ ماڭ كىرىپ ئالماشتۇرۇپ چىق!
- ماقۇل دادا!.
- يەنە ئالماشتۇرمايلا چىقىپسەنغۇ؟
- ئۆيدىكى پايپاقنىڭمۇ بىرسى ئاق، بىرسى قارىكەن...


مۇنازىرە
بىر كۈنى توخۇ بىلەن كالا مۇنازىرىلىشىپ قاپتۇ:
توخۇ دەپتۇ:
-ئىنسانلار ئۆزلىرى پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇپتۇ، بىراق بىز توخۇلارنى مەجبۇرىي تۇغدۇرىدۇ......
كالا تۇرۇپ كېتىپ دېگۈدەك:
-شۇنى دېمەمسەن، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ سۈتۈمنى ئىچىدۇ. بىراق قايسىبىرى تېخى مېنى ئاپا دەپ چاقىرىپ باقتى؟


ھاۋا تەڭشىگۈچ:

ئۆيىمىزگە ئاخىرى ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىۋالدۇق. مېنىڭ ھۇجرامغا ئەمەس، بەلكى دادام-ئاناملارنىڭ ياتاق ئۆيىگە ئورناتتۇق. دادام:
- ھاۋا بارغانسېرى ئىسسىپ كېتىۋاتىدۇ، ئاخشىمى ھۇجراڭ بەك ئىسسىپ كېتىدىغاندۇ؟!
- مېنىڭكىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ بولمىغاندىكىن ئەلۋەتتە ئىسسىپ كېتىدۇ-دە!
- بۇ بولماپتۇ، ئاخشىمى ياتقاندا بىزنىڭ ھۇجرىغا يانداش تامغا چاپلىشىپ ياتقىن، بىز ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچىدىغان بولغاندىكىن، ئازراق بولسىمۇ سالقىندىيالايسەن...

                                                                   چۈشەنمەسلىك: ئىدارە باشلىقىمىزنىڭ ئىشخانىسىدىكى كومپيۇتېرغا ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش دېتالى قاچىلانمىغانمۇ ياكى نەشرى بەك ئارقىدا قالغانمۇ ئۇقمىدىم ئىشقىلىپ دائىم چاتاق چىقسا مېنى ئىزدەيتتى.
بىر قېتىم ماڭغا تېلېفون قىلىپ:.
-جىزام (كومپيۇتېرىم) قېتىپ قالدى... ئوڭشاپ بەرسەڭ!» دېدى. بېرىپ قارىسام ۋىرۇس يۇقۇپتىكەن، تازىلىۋېتىپ باشلىققا دېدىم:
-باشلىق، ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ۋىرۇس كىرىپتىكەن، ئۆلتۈرۈۋەتتىم، ئەمدى ئوڭشالدى.
بىرەر ھەپتىدىن كېيىن بىر ئاخشىمى كەچلىك تاماق يەپ بولۇپ، تېلېفوننى ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ سىرتقا چىقىپ كېتىپتىمەن، بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۆيگە كىرسەم ئانامنىڭ چىرايى تاتىرىپ كېتىپتۇ، مەن ئانامدىن ئەنسىرەپ:
-«ئانا، نېمە بولدۇڭ، مىجەزىڭ يوقمۇ؟» دېسەم، ئاپام قورقۇپ كەتكەندەك جىددىيلىشىپ دېدى:
- بالام، بايا ئىدارە باشلىقىڭىدىن ساڭا تېلېفون كەپتىكەن، سەن يوق مەن ئالغانتىم شۇ... بەك قورقۇپ كەتتىم...
- ۋاي ئانا! باشلىقنىڭ ئىشى چىقىپ قېلىپ ماڭا تېلېفون قىلغاندۇ شۇ، بۇنىڭ ئەمدى قورقۇپ كەتكۈدەك نېمىسى بار؟
ئاپام ماڭا قاراپ يىغلاپ تۇرۇپ دېدى:
- سەن ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن، بايام باشلىقىڭ تېلېفوندا «ئوغلىڭىز كىرسە دەپ قويسىڭىز، مەن يەنە قېتىپ قالدىم، ھېلىقى ۋارىس دېگەن گۇي يەنە كىرىۋاپتۇ، ئوغلىڭىز كېلىپ بىر ئۆلتۈرۈۋەتسۇن» دەيدۇ. قېنى دېگىنە، مەن يەنە قورقماي ئولتۇرالامتىم؟
-ھە!؟.....

ئاپتور .كۆرەش
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
مۇشۇ ۋاقتىڭلا خەيىرلىق بۇلسۇن جامائەتلە
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-1-23 18:11:43 | ئايرىم كۆرۈش
ۋۇييۇ........
ئالامەت قىززىق  يۇمۇرلاركەن ئەمەسمۇ ؟
ئىشخانىدا ئاۋازىمنى چىقىرىپ دەھشەت كۈلىۋىتىپتىمەن ئەمەسمۇ  ؟  ھەر نىمە بولسا دەم ئىلىش كۈنى بولغاچ ئىدارىدا  ئادەم كۆپ ئەمەسكەن  .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

48

تېما

832

يازما

3712

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 417
يازما سانى:
832
تىللا:
2443
تۆھپە:
137
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
148 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-1-24 11:32:10 | ئايرىم كۆرۈش
بىرىنجىسىنى ئ‍وقۇپ ئ‍اخىرىنى ئ‍وقۇمايلا كۈلۈپ سالدىم،كۈلكە قاپىقىم نەگە كەتتىكىن دىسەم ئ‍ەسلى بۇ يەرگە يۇشۇرنىۋاپتىكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:16 , Processed in 0.116291 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش