ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 503|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

‹كاككۇك سايرىغان چاغلار›دىكى پىرسۇناژلار ھەققىدە ئورتاقلىشىپ با...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

1336

يازما

4877

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 471
يازما سانى:
1336
تىللا:
3531
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
398 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-10

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gvzalnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-24 20:15  

  ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئوقۇغۇچى مۇنبىرىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيرىلىك بولسۇن ،كەمىنە مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى گۈزەلنۇردىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام،ئالىي ئېھتىرام!

‹كاككۇك سايرىغان چاغلار›دىكى پىرسۇناژلار ھەققىدە ئورتاقلىشىپ باقايلى


          مۇنبەرداشلارنىڭ ھېلىھەممۇ ئىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمىگەن بولسا كېرەك،بۇندىن 6 ئاي بۇرۇن مۇنبىرىمىزدە مۇھەممەتنىياز قادىر ۋە مەلىكەم ياسىننىڭ بىرلىكتە تىرىشىشى ئاستىدا ھەمدە ئاز بولمىغان زېھنى ۋە يۈرەك قېنى سەرىپ قىلىش ئاستىدا تۇنجى رومان ئېلان قىلىندى.
رومان يوللانغاندىن كىيىن كۆپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە قوللىشىغا ئىرىشتى،ھەمدە روماننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىشىمۇ ئىككى مۇئەللىپنى، شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەرنى خۇشال قىلدى.
     گەرچە ئىككى ئاپتورنىڭ ئۇقىغان كەسپى بولسا مەلىكەم ياسىن(سەبىر) ---  غەربى- شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرستېتى  ئۇيغۇر تىل-مەدەنىيەت ئىنىستوتى تىلشۇناسلىق(خەنزۇ تىلى) كەسپى ،مەمەتنىياز قادىر(بىلگيار) --- سىچۈەن پىداگوگىكا ئۇنۋىرستېتى بىئو- خىمىيە ئىنىستىتوتى خىمىيە(سىفەن) كەسپى.بۇلارنىڭ ئۇقىۋاتقان كەسپى ئەدەبىياتتىن خېلىلا يىراق بولسىمۇ ئەمما شۇنچە چوڭ ھەجىملىك تېمىدىن چەتنەپ كەتمەي تۇرۇپ پۇتتۇردى.

سۈرەتتە:مۇھەممەتنىياز قادىر ۋە مەلىكەم ياسىن
ئۇلار بۇ يىل ئوڭۇشلۇق ھالدا ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇردى.

دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولمىغىنىدەك ھەممە ئىشنىڭ مۇكەممەل بۇلۇپ كىتىشى ناتايىن ئەلۋەتتە ،شۇنداقلا مۇشۇ ئەسەردىمۇ ئاز بولمىغان نۇقسانلار بار ،مەسىلەن ئالدىنقى نۆۋەت ئەنسارى ئاكىمىز «كاككۇك سايرىغان چاغلار»نى ئويلاپ "تېمىسىدا دەپ ئۆتكىنىدەك .
بەزى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىگىنىدەك بۇ چوڭ ھەجىملىك ئەسەرنى نەشىرگە تەييارلاش ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاپتورلارغا ھەمدە مۇشۇ رومانغا ئاز بولمىغان پىكىر- تەلەپلىرى بار دەپ ئويلىدىم ئۆزەمچە.
شۇڭا بۈگۈن مۇشۇ رومانغا بولغان پىكىر-تەلەپلىرىمىزنى ئوتتۇرغا قويغاچ ،روماندىكى پىرسوناژلار ھەققىدە ئازراق پىكىر يۈرگۈزۈپ باقساق ،

ئۇنداقتا مەن روماندىكى پىرسوناژلارنى دەپ ئۆتسەم:

مۇختەر ،ئايقىز ،رەيھان ،ئاينىگار ،رىسالەت ،سالامەتگۈل(مۇختەرنىڭ ئايالى) ،مىرزات(ئايقىزنىڭ يولدىشى) .
مۇختەرنىڭ بوۋىسى ،مومىسى،ئايقىزنىڭ دادىسى ،ئاپىسى ،رەيھاننىڭ ئاپىسى ،رۇقىيە مۇئەللىم ،جاڭ مۇئەللىم ،ھاجىكا(رېستۇران خوجايىنى)، سىكىرتار ،ئايۇپ(مۇختەرنىڭ دوستى) ،ئايقىزنىڭ ھاممىسى ،ناسىرجان ،مۇختەرنىڭ تاغىسى ،ئاسىيە ،ھاجىم دادىسى ،ئايۇپ(ئايقىزنىڭ يىگىتى) ،ئېرشات ،ئەختەر ،رەيھاننىڭ دادىسى ،رەيھاننىڭ مومىسى ،قەمىردىن ،دىلشات ،جاپپار(ئايقىزنىڭ يىگىتى) ،شىخۇي ،شىياۋما ،مۇيەسسەر ،مۇرات ،نۇربىيە .

ئەگەر سىز ‹كاككۇك سايرىغان چاغلار›رومانىدىكى بىرەر پىرسوناژ بولسىڭىز ئۇنداقتا مۇشۇ روماندىكى قايسى پىرسوناژ بۇلۇشنى خالايتىڭىز ؟نىمە ئۈچۈن؟
روماندىكى ئەڭ ياقتۇردىغان ۋە ئەڭ ياقتۇرمايدىغان پىرسوناژ قايسى؟نىمە ئۈچۈن؟
ئەڭ تەسىر قىلغان پىرسوناژ قايسى؟قايسى تەرەپلىرى سىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان؟نىمە ئۈچۈن؟
سىزچە روماندىكى كىم ئەڭ بەخىتىك ؟سىز ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن ،ئەڭ ھۆرمەتلىگەن ،نەپرەتلەنگەن پىرسوناژ قايسى؟نىمە ئۈچۈن؟
مەزكۇر رومان ئەتراپىمىزدىكى مەسىللەرنى كۆرسىتىپ بېرەلىدىمۇ يوق؟
يەنە مۇشۇ روماندىكى ۋەقەلەر رىئال تۇرمۇشىمىزغا ماس كىلەرمۇ ؟سىزنىڭچە رىئاللىقتىكى قايسى تەرەپلەرنى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ؟بىز قايسى تەرەپلىرىدىن ئۆگىنىپ قايسى تەرەپلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك؟
ئاخىردا مەزكۇر رومانغا قارىتا قانداق پىكىر تەلەپلىرىڭىز بار ؟رومان ئۈستىدە ئويلىغانلىرىڭىزنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟




ئاخىردا ئاپتورلارنىڭ قەلىمىگە بەرىكەتلىك ئىشلىرىغا ئۇتۇق ۋە ئامەت تىلەيمەن!



بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى سالامەت بۇلۇڭلار !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-6-25 19:38:36 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-25 19:40  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گۈزەلنۇر،ھەممىمىزنى بۇ ئەسەرئۈستىدە قايتا بىر ئويلىنىشقا تەكلىپ قىلىپ يازغان بۇ تېمىڭىزغا تەشەككۈر.

"كاككۇك سايرىغان چاغلار"مەن تور دۇنياسىدا تولىمۇ سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئوقۇغان ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر.ئەسەرنىڭ باشلىنىشىدىن رەتلىنىپ يوللىنىش ۋە ئاخىرلىشىغىچە بولغان ۋەقەلىكلەرگىمۇ شاھىد بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ئەسەرنى تۇلۇق مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان ئەسەر دەپ باھا بېرىمەن.
ئەسەرنىڭ ئەڭ بېشىدا كاككۇكنىڭ سايرىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان كىچىككىنە بىر قىستۇرما بىلەن بىزگە تولىمۇ يېقىملىق بىر كارتىنا يۇرۇتۇلۇپ ئىختىيارسىز ئەسەر ۋەقەلىكىگە قىزىقتۇرىدۇ.1-قىسمى مۇختەرنىڭ  تىلى بىلەن ئايقىز ئىككىسىنىڭ ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرىدا دەسلەپتە تۇنۇشۇش جەريانلىرى ۋە تەتىلدىكى پائالىيەتلىرى بەزى جايلىرى تەپسىلى يەنە بەزى جايلىرى قىسقا تەسۋىرلىنىپ بىزگە "نىمە ئۈچۈن ؟"دىگەن سوئالنى قالدۇرغان بولسا ،2-قىسمى ئايقىزنىڭ تىلىدىن مۇختەر بىلەن تۇنۇشۇش جەريانى ۋە سىڭلىسىنى ئاساس قىلغان ئائىلە مۇناسىۋىتى تەسۋىرلىنپ ئالدىنقى قىسمىدىكى قالدۇرۇلغان "نىمە ئۈچۈن"لەرگە تەبئىي ھالدىلا جاۋاپ تاپالايمىز.1-قىسمىدىن باشلانغان مۇختەرنىڭ مۇرەككەپ ئائىلە مۇناسىۋىتى ،ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە تۈزۈمنىڭ قۇربانى بولىۋاتقان جاپاكەش ئانىسى ۋە ئاغزىدا دىگىنىنى ئەمەلىيىتىدە قىلمايدىغان ،دىننى دەستەك قىلىپ ئۆ زبىلگىنىنى قىلىدىغان ،يىتىم ھەققىنى يىيىشتىن يانمايدىغان "ھاجىم دادىسى"غا دائىر تەسۋىرلەر ئىچىمىزنى ئاچچىق قىلىسا ،مۇختەرۋە ئۇنىڭ بوۋىسىغا دائىر بايانلاردىن
ئۇنىڭ تولىمۇ قەيسەر ،ئىش ئۇقىدىغان ئانىسىغا مېھرىبان بالا ئىكەنلىكىنى بىلمەك تەس ئەمەس.بۇ خىل ئىدىيە ھەر قېتىم مۇختەر ئانىسى بىلەن كۆرۈشكەندىكى مەنزىرە ۋە قىياپەت تەسۋىرلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

ماڭا يەنە ئەڭ تەسىر قىلغىنى ئايقىز بىلەن ئۇنىڭ سىڭىلىسىغا دائىر بايانلار ،تولىمۇ ئادىي ئىش -پائالىيەتلەر ئارقىلىق تولىمۇ يېقىملىق بىر مېھىر-مۇھەببەت ناخشىسى يېزىلغان.

مۇختەرنىڭ ئوقۇشتىن چېكىنگەندىن كېيىنكى ھاياتىدا پەيدا بولغان رەيھان ،خوجايىن ھاجىم...قاتارلىقلار جەمئىيەتنىڭ بىز كۆرۈپ تۇرۇپ لېكىن كۆرمەسكە سېلىۋاتقان يەنە بىر تەرىپىدىكى كىشىلەر بۇلۇپ،ھاجىم بەش ناماز،ساخاۋەتلىك ئىشلاردىن قالمايدۇ ،لېكىن يەنە نىمە ئۈچۈن ئەتىراپىدا شۇنداق ناشايان ئىشلارنىڭ يۈ زبېرىشىگە قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرىدۇ؟ بۇ ئىش ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئەتىراپىمىزدا بار،شۇنداق ئادەملەرمۇ بار.لېكىن ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن توسمايدىغنى بۇ بىر سىر،بەلكىم ئۇلار ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارايدىغاندۇ،ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشقۇسى كەلمىگەندۇ...لېكىن ھەممىمىزگە مەلۇمكى شەخستىن ئىبارەت كىچىك ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن بۇ جەمئئىيىتىمىزدە ئىدىيىمىزدىكى شۇ چىركىن-ئەخلەتلەر يوقالمىسا ،ئاتالمىش "جەمئىيەت ئەخلاقى"نى تۈزەش بىر قۇرۇق شۇئار بۇلۇپ قالىدۇ.ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلانغان تۈزەشنى باشلىساقلا ئاندىن ئەتىراپىمىز خۇش -بۇي چىمەنلەرگە تولغان بولاتتى.

پۈتۈن ئەسەردە مېنى ئېچىندۇرغىنى رەيھان ۋە مۇختەرنىڭ ئانىسىنىڭ تەقدىرى....ئاياللارنىڭ ئائىلە ئەخلاقى ۋە بۇزۇلغان جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ قۇربانلىقى بۇلىۋاتقىنىنىڭ دەلىل -ئىسپاتى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن بۇ ئىككى ناتىۋاننىڭ كەچۈرمىشى ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرىكىنى ئەزمەي قالمايدۇ.

ئەسەردە يەنە مۇختەرنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا كۆپرەك تەسۋىرلەنگەن ئۇنىڭ مەھەللىسىكى مۇدىر -ئۇنىڭ قېيىنئاتىسى ،ئۇ تىپىك ئۇيغۇر ئەخلاقىغا ۋەكىللىك قىلغۇچى بۇلۇپ ئۇنىڭ گەپ-سۆز ۋە يۈرۈش تۇرۇشلىرى ،ئائىلە مۇھىت تەسۋىرلىرىدىن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ كارتىنىسىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس.

مۇختەر -مەن باشتىن ئاخىر چۈشەنمەي ئۆتۈپ كەتكەن پىرسۇناژ،بەلكىم مەن ئوغۇللارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىمىغىنىم ئۈچۈن ئۇنىڭ بەزى كۆز قاراشلىرىنى ،ئىشلانرى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى چۈشەنمىگەندىمەن.بۇ تەرەپلەرنى مەن تېما يوللىنىۋاتقاندا ئاپتور بىلەن ئورتاقلىشىپ بولغىنىم ئۈچۈن بۇ يەردە قايتا توختالمايمەن.

ئايقىز-جىسمانىي مېيىپلىقىدىن كۆرە قەلب گۈزەللىكى بىلەن ئەسەردە باشتىن -ئاخىر كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ،ئىختىيارسىز قايىللىقىمنى قوزغىغان پىرسۇناژ.ئوچۇق -يورۇق مىجەز،ئاقكۈللۈك ۋە مۇلايىملىق ئۇنىڭ جىسمىغا مۇجەسسەملەنگەن بۇلۇپ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇ ئىنتايىن قەيسەر ،جاسارەتلىك،قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەيدۇ .قېرىنداشلىرىغا بولغان مېھرىبانلىقلىرى بىلەنلا ئەمەس ،مەكتەپتىكى تىرىشىپ ئۆگىنپ ئۆز تەقدىرى بىلەن كۆرەش قىلىش جەريانلىرى ،ھىسسىيات بىلەن ئەقىل ئالدىدىكى تاللاشلىرى ...بىزنى قايىل قىلىدۇ.

مەن ئاخىرىدا ئىككى قەلەم ساھىبىنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەت سەپىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولسۇن!

ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

21

تېما

687

يازما

4179

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 486
يازما سانى:
687
تىللا:
2757
تۆھپە:
210
جەۋھەر يازما:
7
توردا:
507 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىنادىر تىما مىدالىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-6-27 18:17:08 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-27 18:30  

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم! ئۇشبۇ تىمىغا كۆز يۈگۈرۈتكەن ھەر بىرلەرگە كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر!
ئۇزۇندىن بىرى بەزى شارائىت تۈپەيلى ۋە يىىڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىك سەۋەبى ئۆزىمىزنىڭ ئىستىقبالىنى ئىزلەش يولىدا تىركىشىپ كىلىۋاتقاچقا مۇنبەرگە زادىلا قەدەم تەشرىپ قىلالمىدىم(قىلالماي قالدۇق.) ئىككى كۈن ئىلگىرى بۇ تىمىنىڭ يوللانغانلىقىنى ئاڭلاپ بېشىم كۆككە يەتكەن ئىدى، بۈگۈن ئىمتاھاننى تۈگۈتۈپلا ۈساۋاقداشلىرىمنى ساقلىتىپ قويۇپ مەخسۇس مۇنبەرگە كېرىپ چىقىش ئۈچۈن تورخانىغا كېرىپ ئولتۇرۇپتىمەن. گەرچە مۇنبەردە ئىككى سائەتكىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت تتا تۇرالايدىغان بولساممۇ، ئەمما مۇشۇ قىسقىغىنە ۋاقىتتا ئاز كەم ئوقۇغۇچى مۇنبىرى خمارىمنى بېسىقتۇرۇرۇشنى، ھىچ بولمىغاندا ۋىللىدە بولسۇمۇ خشاللىق تىپىشنى ۋە ئىككى تۆت تال تىما بىلەن بولسىمۇ ئورتاقلىشىشنى ئويلىغان ئىدىم. دەر ھەقىقەت، مۇنبەرگە كىرىپلا مەزكۈر تىمىنى بېرىنجخ بولۇپ ئاچتىم، شۇنداق خۇشال بولغان ئىدىم، بىراق، مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچىسى گزەلنۇرنىڭ شۇنچە ئەجرىگە لايىق مەزكۇر تىمىنىڭ تىنەپ قىلىشىنى كۆرۈپ خۇشاللىقم قايغۇغا ئۆزگەردى. نىمە ئۈچۈن قايغۇرۈپ قالغانلىقىمنى بەلكىم ھەر بىرلەر ئويلاپ يىتەلىدىغۇ دەيمەن.

   ئالدى بىلەن گۈزەلنۇرنىڭ شۇنچە ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ مەزكۇر تىمىنى يوللىغىنىغا، بىز ئۈچۈن پايدىلىقن تەكلىپ پىكىر يىغىپ بېرىش ئۈچۈن سىڭدۇرگەن ئەجرىگە كۆپ رەخمەت!! (ئەگەر مۇنبەرداشلار قىزغىنراق بولغان بولسا ئىدى كۆپلىرمىز خۇشال بولغان، نۇرغۇن رەخمەت تەشەككۈرلىرمىزنى بىلدۈرگەن ۋە گۈزەلنۇرنىڭمۇ ئەجرى يەردە قالمىغان بولار ئىدى. ئەپسۇس...)

   ئاندىن، مۇنبىرمىزدە ھەممىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن، بىزلەرگە كۆپ نەرسىلەر ئۆگەتكەن، مۇنبەر ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىرلەرنى سىڭدۈرگەن بىر دوستىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ بىرىنجى بولۇپ ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن-ئايبەرگى.
  مەن شەخسەن شۇنداق ئويلايمەنكى، ئىككى ئاپتۇردىن قالسىلا ئايبەرگى ھەدەم  ئەسەرنىڭ ئىزچىل تەرەققى قىلىشىغا شائىت بولۇپ كىلىۋاتقان شەخىس. ئەسەرنىڭ يىزىلىش پىلانى، بىرىنجى قىسمىنى پوۋىست شەكىلدە يوللىغان باش ئورگىنالىدىن تارتىپ ئەسەرگە قىززىققان دوستىمىز. يۇقاردا ئۇنىڭ تەھلىللىرى، ئەسەردىكى پىرسۇناژلارغا بولغان ئوي خىياللىرى ۋە مەزكۇر ئەسەرنى ئىتراپ قىلىشىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.
    گۈزەلنۈر چۈشەندۈرۈپ ئۆتكىنىدەك، بىز ئىككى ئاپتۇر تور دۇنياسىدا تونۇشۇپ، ئۆز-ئارا دوسىتلىشىپ ، ئوخشاش بولمىغان ئىككى مۇھىتتا تۇرۇپ مەزكۇر ئەسەرنى پۈتتۈرۈپ چىقىشىمىز ھەقىقەتەن ئاسانغا چۈشمىدى. چۈنكى ئەسەردىكى مۇختەر ۋە ئايقىزدىن ئىبارەت ئىككى باش پىرسۇناژنىڭ ۋەقەلىكلىرىنىڭ بىر قىسمىلىرى بىزنىڭ بىشىمىزدىن ئۆتكەن بولمىسىمۇ، ئەمما ئىككى پىرسۇناژغا سىڭدۈرۈلگەن ھىسىيات دەل بىز ئىككى ئاپتۇرنىڭ ھىسىياتى، خاراكتىرى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش، قىممەت قاراشلىردۇر. شوڭلاشقا گۈزەلنۈر مەزكۇر تىمىدا قالدۇرۇلغان بىرىنجخ سۇئالغا كەلسەك، گەرچە ئەسەردىكى مۇختەر ۋە ئايقىز باشقا بىرلىرى بىلەن توي قىلغان بولسىمۇ، بىراق مەن يەنىلا مۇختەر بولۇشنى خالايتتىم. سەۋەبى دەل مەن يۇقاردا دەپ ئۆكىنىمدەكتۇر.
   ئەگەر ئەسەرگە سىڭدۇرۈلگىنى بۇ خىل ھىسىياتتن چەتنىگەن بولسا ھەمدە مەن ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى بولمىغان بولسام ئىدىم، ئۇنداقتا مەن مىرزات بولۇشنى خالىشىم مومكىن ئىدى. چۈنكى مەن مۇشۇ خۇيۇم ۋە خاراكتىرىم بىلەن ئەسەردىكى ئايقىزنى ياخشى كۆرەتتىم، بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆۈشنى خالايتتىم.
   ئەسەردە ھەممە بار، شەھەر مۇھىتى، سەھرا، نامراتچىلىق، باياشاتلىق، قاتارچاي ۋە ئىسراپچىلىق، كىشىلىك ھاياتتىكى مىھىر ۋە مۇھەببەت، غەزەپ نەپرەت. ئەسەردىكى ھەر بىر پىرسۇناژ (قوشۇمچە پىرسۇناژلارمۇ) ئەنە مۇشۇلار ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىشكە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
   باشقا پىرسۇناژلار مەلىكەم (سەبىر) ۋە مىنىڭ ئورتاقلىشىشىم ئارقىلىق ھۇجۇتقا كەلگەچكە پىكىرمىز ئاساسەن ئوخشاش. شوڭلاشقا مەن پىرسۇناژ ھەققىدە توخىلىشىم ئارتۇقچىدۇر.

  لىكىن، مەن شۇنداق بىر ئەسەرنى قاتتىق ياخشى كۆرىمەن، مەيلى ئۇ ئوقۇرمەنلەرگە يارىسۇن ياكى يارىمىسۇن، ئۇ بولسىمۇ دەل - كاككۇك سايرىغان چاغلار.
   چۈنكى بۇ ئەسەرنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ ۋە ئاخىرلاشقىنىغا قەدەر ئىپادىلەنگەن مۇھىتنىڭ ھەممىسىدە مەن بار، بۇنىڭدىكى مەكتەپ ھاياتى مەن قەدىرلەيدىغان، مەن ھاياتىمدا بېسىپ ئۆتكەن ئەڭ تىز ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتلارنىڭ خاتىرسى ۋە يالدامىسى.

ئەگەر مۇنبەرداشلىرىم ئىغىر كۆرمىسە مەزكۇر تىمىغا قاراپ قويسىكەن، قويۇلغان سۇئاللارغا ئويلىغىنى بويىچە جاۋاب بېرىپ باقسىكەن دەيمەبۇ تىما تىنەپ قالمىسىكەن دەيمەن. يەنە كۈلكە، تىلسىم، كەچۈرقاتارلىق  مۇنبىرىمىزدە كۆزگە كۆرۈنۈپ قەلبىمدە ئورۇن ئېلىپ قالغان ھۆرمەتكە سازاۋەر قەلەم ساھىبلىرمىز مەزكۇر روماننى ئوقوغاندىن كىيىن ئويلىغانلىرنى، ھىس تۇيغۇلىرنى ۋە تەھلىللىرنى يازماقچى ئىدى، لىكىن تىخىچە ئامانەتنى بەرگىنى يوق، ۋاقتىدا بىرىۋەتكەي، ئامانەتكە خىيانەت، قىيامەتلىك جىنايەت

  


باھا سۆز

ئاز قالدى ھە ئاكا .  ۋاقتى: 2015-6-27 19:58
كاللىدا خىيال بولۇش كىرەككەن جۇما كىشى

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-6-28 17:13:31 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ  رۇمان  ئەمەلىيەتكە  يىقىن يىزىلغان  ،  چىنلىق  تۇيغۇسى يۇقىرى  .
مەن  ئاققىزنىڭ  سىڭلىسىنىڭ  ئوبرازىنى بەكمۇ ياقتۇردۇم  .
مىنىڭچە  مۇختەر  تۇرمۇشتا  ھەقىقى بەختىنى تاپتى  ،  كىم دەيدۇ  تويدىن كىييىن  مۇھەببەتلەشسە  بولمايدۇ  دەپ  ،  مانا  مۇختەرمۇ  ئۆزى  ئاققىزنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ  شارائىت  تۈپەيلى  ئايالى بىلەن توي  قىلىپ  ،  ئايالىنىڭ  ساپ مۇھەببىتى  ئاخىرى  ئۇنىڭ  مۇھەببىتىنى  ئويغاتتى  .
ئاققىزنىڭمۇ  بەختىنى  تاپىدىغىنىغا  ئىشەنچىم كامىل  ،چۈنكى ئۇمۇ  ئىسىل  قىز  .
مۇشۇنداق ياخشى  ئەسەرلەرنى  داۋاملىق يىزىپ تۇرىشىڭلارنى ئۈمۈت  قىلىمەن  .
ئەدەبىيات  - يازغۇچىلىق  يولىغا كەدەم قويغان ئىكەن  چىكىنىش يوق  ،  داۋاملىق  تىرىشىشىلا  بار  .
ئاخىرىدا  ھەر  ئىكەيلەننىڭ  بارلىق  ئىشلىرىنىڭ  مۇۋاپپىقىيەتلىك  بولۇشىنى ئۈمۈت  قىلىمەن .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

5#
ۋاقتى: 2015-6-28 19:57:53 | ئايرىم كۆرۈش
بىلگيار يوللىغان ۋاقتى  2015-6-27 18:17
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم! ئۇشبۇ تىمىغا كۆز يۈگۈرۈتكەن ھەر ب ...

ياۋ  ئەسسسالام ئەلەيكۇم بىلگىيار قارىكا، بەلەن تۇرۇپلىمۇ ، مەنمۇ بەلەن تۇردۇم ... شۇ ئۆزلىرىنى مۇنبەرگە قەدەم تەشرىپ قىلغاندا يازايلا دىگەن جايلىرىم بار ئىدى ،  بوپتۇ بۈگۈن بىر ئارزۇلىرىغا يەتكۈزەي دەيمەنغۇ ئەمدى بولسىمۇ  ؟

ئەسسالامۇ ئەليكۇم بىلگيار ،سەبىر
"كاككۇك سايرىغان چاغلار "رومانى مۇنبىرىمىزدە ئېلان قىلىنىپ ھازىرغىچە مەن بۇ ئەسەرگە تولىمۇ قىزىقىپ  ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇغان بولساممۇ ئوقۇش ۋە ئىمتىھان ئالدىراشچىلىقى سەۋەپلىك راۋرۇس ئىنكاس يېزىش پۇرسىتى بولمىغان ئىدى.بۈگۈن مانا كومپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ بۇ ئىنكاسىمنى يېزىۋاتىمەن.
ئاۋال ھەر ئىككىڭلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەت ،تۇرمۇش سەپىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
"كاككۇك سايرىغان چاغلار"رومانى مەن ئويغۇر مۇنبىردە پىقىراپ يۈرگەن نەچچە يىلدىن بېرى ئوقۇغان ھەجىمى چوڭ،مەزمۇنى بىر قەدەر مۇكەممەل،ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئۆزگىچە ھەم شۇ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ماڭا  چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئەسەردۇر.
مەن بىر ئوغۇل بالا بولۇش سۈپىتىم بىلەن باشتىن ئاخىر مۇختەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە كۆز تىكتىم.ئۇنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا ھاياتى،ئارلىقتا يۇرتقا قايتقاندىن كېيىن ئۇچرىغان ئاۋارىچىلىقلار ،ئۈرۈمچىدە .ئاشخانىدا ئىشلەپ يۈرگەندە يۇلۇققان مەسىلىلەرنى سەل قىلىش ئۇسۇللىرى،كېيىن يەنە نۇرغۇن مۈشكۈللەرنى يېڭىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچن ئىچكىرىگە بارغانلىرى ،ئۇندىن كېيىنكى نىكاھ ھاياتىغا قەدەم باسقانلىرى..ھەممىسى مېنى تولىمۇ جەلب قىلغان.
ئەگەر تاللاش بولسا مەن مۇختەر بۇلۇشنى تاللايتىم.ئوغۇلبالا ئەنە شۇنداق ئەگىرى-توقايلىقلار ئىچىدە پىشىپ يېتىلىدۇ دەپ قارايمەن.ئەگەر مەن شۇنداق كۈنگە دۇچار بولسام مەنمۇ بەلكىم بەزىدە مۇختەردەك قىلسام لېكىن يەنە بەزىدە ئۇنداق قىلماسلىقمممۇ مۇمكىن ئىدى.مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر مۇختەر ئوبرازى تولىمۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك يارتىلغان دەپ قارايمەن.ئۇ شۇنچە يىل ئىچىدە مەيلى نەدە بولسۇن كۆڭلىدە پەقەت شۇ ئايقىز يادلىنىپ كەلگەن. ئارىقلتا باشقا قىز ساۋاقداشلىرى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە يېقىنلاشقان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئايقىزنىڭ ئورنىنى ھېچكىم ئالالمىغان.
خۇددى "جاھاندا مىڭ كىشى ،كۆڭۈلدە بىر كىشى "،"ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپۇر"دىگەندەك ئۇ سەمىمىي ،ساداقەتمەن ئويغۇر يىگىتلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يەنىلا ئايقىزنى ياد ئىتىدۇ.بۇ خىل مۇھەببەت،بۇ خىل روھنى ھەقىقەتەن قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.
ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنىڭ دوستلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىمۇ ناھايىتى قەتئىي،باشتىن ئاخىر ساداقەتمەن،سەمىمىي،دوستقىغا سادىق بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ.ئۆزۈممۇ دوستلۇقنى بەك قەدىرلەيدىغانلاردىن بولغاچقا ئۇنىڭ بۇ تەرىپى ماڭا بەك ئوخشايدىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم.
"ھەر كىم ئۆز قىلغىنىغا يارىشا ئەجىر كۆرىدۇ"دىگەن سۆزنىڭ مىسالى سۈپىتدە ئايقىز ۋە مۇختەرنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشى مۇئەللىپ تەرىپىدىن تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ ،مۇھەببەتنىڭ قەلىبتىكى پاكلىقى ۋە ساپلىقى بىلەن رىئاللىقنىڭ تولىمۇ رەھمىسىز بولسىمۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنى قوبۇل قىلماي بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
ۋەقەلىك تۇرمۇش پۇرىقى قويۇق،ئارتۇقچە كۆپتۈرۈشلەردىن خالىي بولۇپ ئوقۇرمەننى تەبئى ھالدا ئەسەر ئىچىگە باشلاپ كىرەلەيدۇ.مەن ئاخىرىدا ئەسەر مۇئەلىپللىرنىڭ بولسا بۇ روماننى نەشىر قىلدۇرۇشقا تىرىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، ئەگەر ياردەم كىرەك بولسا  يازغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بىرىمەن .ھەم سىلەرگە ئامەت ،خاتىرجەملىك تىلەپ سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.

5

تېما

345

يازما

1190

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 693
يازما سانى:
345
تىللا:
715
تۆھپە:
40
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-15

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-6-29 07:20:49 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ تېمىنى كۆرگنەندىن كېيىن "كاككۇك سايرىغان چاغلار"نى ئوۇپ چىقتىم.بۇرۇن بەك دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەنچۇ.
ئەگەر مېنىڭ تاللىشىمغا قويۇپ بەرسە مەن ئايقىز بوپلۇشنى تاللىغان بولاتتىمكەن.ئۇ بەك تىرىشچان ،قەيسەر ئىكەن.يەنە سىڭلىسى بىلەن ئىككىسىنىڭ دىئالوگلىرى ،ئۇنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرى مىنى بەك قايىل قىلدى.ئەتىراپىمقدا نۇرغۇن قىزلار بار ،بەش ئەزاسى ساق تۇرپ تىرىشىپ ئۆگەنمەيدۇ.ۋاقتىنى نەدىكى ئەرزىمەس ئىشلارا سەرپ قىلىۋىتىدۇ.ئۆگىنىش ئۈچۈن تىرىشىشنى خالىمايدۇ ئەمەس لېكىن مەقسەتلىك ،نىشانلىق ئۆگەنمەي ،پەقەت ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆگىنىدۇ.
قىزلار ،ئايقىزدەك تىرىشچان،سۆيگىنىگە ۋاپادار،ئۆزىنى تۇتىۋېلىشى بىلىدىغان،ھەم ئائىلە ئەخلاقىنى ئۆزىدە ئەمەلىيلەشتۈرگەن بۇلۇش ئچۈن تىرىشايلى.
ئىككى ئاپتۇرغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

21

تېما

687

يازما

4179

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 486
يازما سانى:
687
تىللا:
2757
تۆھپە:
210
جەۋھەر يازما:
7
توردا:
507 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىنادىر تىما مىدالىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2016-9-25 11:40:21 | ئايرىم كۆرۈش
بۈگۈن ئختىيارسىز بۇ تىمىغا يەنە كۆز تىكتىم، شۇنچە ئەجىرلەر بىلەن روياپقا چىققان شۇ سۆيۈملۈك ئەسىرمىز، مۇنبەرداشلار بىلەن قىزغىن ئىشتىراكلارغا مۇزاكىرلەرگە چۈشكەن شۇ گۈزەل چاغلار نەلەرگە كەتكەندۇ. مۇنبەردىكى تىمىلارنىڭ تىنەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم تولىمۇ يىرىم بولدى
كاللىدا خىيال بولۇش كىرەككەن جۇما كىشى

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2016-9-25 21:50:33 | ئايرىم كۆرۈش
تېمىغا قىستۇرۇپ قويغان سۈرەتكە بەكلە كۈلگۈم كەلدى، بىر كۈلۋالاي ھە
مەن بۇ تېمىنى دەسلەپتە كۆرگەندە مۇنبەر قايناپ كېتەرمىكىن دېگەنىدىم. لىكىن بۇ  مۇنبەر تارىخدا كۆرۈلۈشى چۈشكەن ئىنكاسى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشى ئەڭ تۆۋەن تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ رىكورىت ياراتتى.  بەلكىم شۇ پەيىتلەردە مۇنبەرداش دوسىتلار ھەرخىل ئالدىراشچىلىق ۋە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ تېمىغا كۆز يۈگۈرىتىپ بولالمىغان بولۇشى مۇمكىن ۋە ياكى كۆڭلىدە بۇ تېمىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيتى يوقتەك ھېس قىلىپ ئۈنتىنسىز چىقىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ پۇرسەتتە شۇنى دېگۈم كېلىپ قالدى. ئاۋامنىڭ قوللىشى ۋە مەدىتى شەخسىنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل بولسا، دەل شۇلارنىڭ پەرۋاسىزلىقى شۇ شەخسنىڭ چۈشكۈنلىكىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ھەرقايسى مۇنبەرداش قېرىنداشلارغا شۇنداق مۇراجەت قىلىمەنكى، ھەرۋاقىت بىر-بىرىمىزگە كۆگۈل بۈلۈشنى،بىر-بىرىمىزنى قوللاشنى ئۇنۇتمايلى.
ئەلۋەتتە مۇشۇ پۇرسەتتە بىزنى ئىزچىل قوللاپ مۇشۇنداق ياخشى بىر ئەسەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە زور رول ئوينىغان ئەپەندىم ۋە خانىم ئەزىزلىرىمگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.  رەھمەت سىلەرگە!
بىزگە مۇشۇنداق ئىلىلىق ئائىلىنى ئاتا قىلغان لېدىر قارى تىللسىمغا رەھمەت!
بىزنى قوللاپ قەلبىمىزگە مىھىر ئۇرۇقى چېچىپ، مۇنبەرنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرغان دېرىكتۇرگۈل ئاي بەرگىگە رەھمەت!
بىزگە ئىزچىل مەدەت بېرىپ كەلگەن مۇنبەر ئەھلى جامائەتكە رەھمەت!
ئاخرىدا  مۇنبىرىمىزدە شۇن چاغدىكىدەك قاينام تاشقىنلىقنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى، ئېسىل، يېڭى تېمىلارنىڭ يوللىنىپ تۇرۇشىنى تىلەيمەن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:48 , Processed in 0.162167 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش