ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 115|ئىنكاس: 10
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا كۆرگەنلىرىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

يازما

5

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1058
يازما سانى:
1
تىللا:
4
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-2
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيرلىك بولسۇن، گەپنى ئۇدۇللا باشلاي، مەن ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقىلىمۇ 5 يىلدەك بولۇپ قاپتۇ. تولۇقتىكى چاغلىرىمدا سىرتلارنى جىق كۆرمىگەچكىمىكىن، ھەم كۆرسەممۇ ئەتراپىمدىكى ئىشلارغا جىق ئېتىبارىمنى بەرمىگەچكە تولۇقتىكى ۋاقتىم پەقەت شۇ ئوقۇش بىلەنلا ئۆتۈپتۇ. ئۇنىڭدىن بۆلەك ھېچ ئىش بىلمەيدىكەنمەن. مانا ئالىي مەكتەپكە چىقىۋىدىم، ئىختىيارسىز ئەتراپىمدىكى ئىشلارغا نەزىرىمنى تاشلايدىغان، بۇ يەردىكى ئەھۋاللار بىلەن يۇرتۇمدىكى ئەھۋاللارنى سېلىشتۇرىدىغان بولۇپ قالدىم .كۆڭلۈمدە ئىچكىرىدىكى يېڭىلىق،ياخشى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يۇرتۇمغا ئىلىپ كېتىشنى ئويلايتىم .شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىمدىكى ئاشۇ پەرقلەرنى خاتىرىلەپ ماڭىدىغان ئادەتنى ئۆزۈمگە يىتىلدۈردۈم ،بۈگۈن مەن ئۆزۈم كۆزەتكەن ئىككى پەرقنى مۇنبەر ئەھلى بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن .

مەن بۇ يەردە كۆرگۈنۈمنى سۆزلەيمەن، يالغان گەپنى توقۇپ چىقمايمەن. بەزى ئىشلارنى يۇرتۇمدىكى بىلەن سېلىشتۇراي دېسەم ،يۇرتۇمدىكى ئەھۋاللاردىن تولۇق خەۋەردار ئەمەسمەن ،نېمىلا دېگەن بىلەن بىر يىلنىڭ 10ئېيى ئىچكىرىدە تۇرىمىز،شۇڭلاشقا مۇنبەردىكى قېرىنداشلارنىڭ بەزى سۆزلىرىمنى زىغىرلاپ ماڭا تىل ياغدۇرماسلىقىنى ،خاتالىق بولسا تۈزىتىش بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بىرىنچى ئىش : مەن بىر كۈنى ياتاقتىن دەرسكە بارغۇچە يول بويىدا كىتابلارنىڭ يەرگە تىزىلىپ قويۇلغىنى كۆردۈم ،لېكىن بۇ كىتاپلانى ساتقۇچى ئۆزى يوق ،قارىسام بىر چەتتە پۇل سالىدىغان بىر يېشىك تۇرىدۇ ،ئۈستىگە بىر كىتاب 10 سوم دەپ يېزىغلىق، يول بويىدىكى كىشىلەر توختاپ كبتاپنى كۆرىدۇ ،ئالغىسى كەلسە ئىلىپ 10سوم پۇلنى يېشىككە تاشلايدۇ ،ئالغىسى كەلمىسە كىتابنى قويۇپ كېتىدۇ ،مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ ھەيران قالغان ئىدىم .چۈنكى ئۇ كىتابنى ئىلىپ كەتسىمۇ پۇلنى بەرمىسىمۇ بولىدۇ ئەلۋەتتە ،چۈنكى بۇنى «ھېچكىم» كۆرمەيدۇ ،لېكىن ھېچ ئۇنداق قىلىدىغانلار باردەك ئەمەس ئىدى،كىيىن مۇشۇنداق يايمىكەشلىك قىلىدىغانلارنى ئارىلاپ ئارىلاپ ئۇچرۇتۇپ تۇردۇم ،ھەم ئويلاندىم .بىزدەك ھېچكىم كۆرمىسىمۇ خۇدايىم كۆرۈپ تۇرىدۇ دەپ بولسىمۇ باشقىلارنىڭ نېسىۋىگە كۆز سالمايدىغان خەلق ئارىسىدا نېمىشقا مۇشۇنداقراق ئېسىل ئىشنى كۆرمەيدىغاندىمەن دەپ قالدىم .بۇ بىر كىشىنىڭ ساپاسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى سىنايدىغان سەھنە ئىكەن .مەن يۇرتۇمدا مۇشۇنداق ئىشنى كۆرۈشنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن ،ئەگەر كۆرۈپ قالسام شۇ ساتقۇچىنىڭ ئۆز خەلقىگە بولغان ئىشەنچىسىگە بولغان قايىللىقىمنى ،ھۆرمۈتۈمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسىمۇ شۇ يەردە ئۇنىڭ مىلىنى سىتىۋالىمەن ،ئىشىنىشمۇ ئۆزئارا بولىدۇ ،مەن سەندىن ماڭا ئىشىنىشنى تەلەپ قىلىدىكەنمەن ئالدى بىلەن مەن ساڭا ئىشىنىشىم كېرەك

ئىككىنچى ئىش: مەن بۇ يەردە بىلەت بىلىش ئۈچۈن پويىز ئىستانىسغا بارىمەن ،ئاۋۋال توردىن ئىلىپ،بىلەت چىقىرىش ماشىنىسىدىن چقىرىۋالەمەن دەپ ئويلغان ئىدىم ،لېكىن بىلەت ئىلىش ماشىنىسىدىن چىقىرالماي ،بىلەتنى ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئالماقچى بولدۇم ،دەسلىپىدە ئۆچرەتنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى كۆرۈپ چۆچىگەن ئىدىم ،چۈنكى يۇرتۇم ئاتۇشتا بىلەت ئىلىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرۇشتىن جاق تويغان ئىدىم ئاتۇشتا كىچچىكىنە بىر بىلەت ئىلىش زالىدا ئادەم مىغ-مىغ ،پەقەت بىرلا كۆزنەك ئىشلەيدۇ ،باشقىسى ئېتىك.يەنە كىشىلەرنىڭ «ئاڭسىزلىقى»،ئۆچرەتنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ كىرىۋېلىشى،باشقىلارنىڭ قىسلبپ كىرىۋالغان كىشىنى تىللىشى،قىسىلىپ كىرىۋالغان كىشىنىڭ يالغان سۆزلەپ مەن بۇ يەردە بارتىم دېيىشلىرى ،يەنە بىلەت ئالغۇچى بىلەن بىلەت ساتقۇچى ئارىسىدا تالاش تارتىشلارنىڭ بولۇشى ،بىر كۆزنەككە ئىككى ئۆچرەتنىڭ پەيدا بولۇشى ،ئۆچرەتنىڭ ھېچ ئۆچرەت سىياقى يوقلۇقى ،ئىشقىلىپ مۇشۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىدىن تولىمۇ بىزار ئىدىم ،لېكىن ھەممىمىز بىلىمىز،بىزار بولغانغا ئاچچىغلانغا ئىش ھەل بولۇپ قالمايدۇ ،بۇنىڭغا سەۋەب ۋە چارە ئىزدىمەك لازىمدۇر .مەن سەۋەبنى ئۈچ يەردىن ئىزدىدىم ،

(1) پويىز ئىستانسىسىنىڭ تۈزۈمى،چۈنكى ئۇلار كۆزنەكتىن پەقەت بىرنىلا ئىچىپ قويۇپتۇ ،يازلىق تەتىلدە بىلەت ئىلىش ئۈچۈن زالغا باردىم ،مەن ئۇيەردە بىر سائەت ساقلاپ ئالدىغا ئاران ئىككى مېتىر ماڭدىم «ئۆچرەت ئىككى مېتىر قىسقىرىدى » يەنى كېلىپ ئۇلار چۈشتە 2.30دىن باشلاپ 5كېچە ئىشلەيتى ،مەن بىلەتنى ئالالىشىمغا ككزۈم يەتمەي ،قايتايمىكىن دېدىم ،ھەم بىردەم تۇرۇپ باقايمىكىنمۇ دېدىم،قارىسام ئالدىمدىكى خەن قىز مەندىن ئۆتەر تىت-تىت بولغۇلى تۇرۇپتۇ ،ئۇنىڭدىن ئەھۋالنى سورىسام،ئۇ دادىسى بىلەن چۈشتىن بۇرۇن كەپتىكەنتۇق ،لېكىن بىر سائەتتىن ئارتۇق ساقلاپ ئۇنىڭغا كەلگەندە خىزمەتچىلەر ئىشتىن چۈشىدىغان بولۇپ قاپتۇ ،ئامال يوق چۈشتىن كىيىن كەپتۇ ،كەلسە يەنە شۇ كىشىلەرنىڭ ئۆچرەتتە ياخشى تۇرماسلىقى ،ساتقۇچى بىلەن ئالغۇچىنىڭ تالاشتارتىشلىرى سەۋەبلىك،ئۆچرەت شۇنداق ئاستا مىڭىپتۇ ،ھەم ئۆزنىڭ بەك ئالدىرايدىغانلىقىنى ماڭا ئىيتىپ خېلى قايناپ بەردى ،مەنمۇ ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردىم ،ھىچقىسى يوق بىزنىڭ بۇ يەر مۇشۇنداقراق ،شىمال تەرەپتە ،ئىچكىرلەردە ئەھۋال بەك ياىشى دىدىم چۈنكى دىمىسىمۇ شۇنداق ئىدى ،شۇ چاغدا بىكەت باشلىقى يىتىپ كەلدى ،ئىككىمىز ئۇ باشلىققا نىمىشقا كۆزنەكتىن ئىككىنى ئاچمايسىلەر دىدۇق،ئۇ بىزگە مەندىمۇ ئامال يوق چۈنكى ھازىر قولۇمدىمۇ ئادەم ناز بولاتىدۇ ،ئادەم يىتىشمەيدۇ دەپ جاۋاب بىرىپلا كەتتى ،بىزمۇ شۇ ھە دەپلا تۇرۇپ قالدۇق ،مەن ئۇلارغا كۆزنەكتىن ئىككىنى ئېچىش،ياكى ئىنتىزام باشقۇرىدىغانغا مەخسۇس ئادەمدىن بىرنى ئاجرىتىش تەكلىپىنى بىرىمەن.(2)بىلەت ساتقۇچىدىنمۇ ئازراق سەۋەپلەرنى ئىزدىدىم،چۈنكى ئۇ پەقەت يوق ياكى باردىن باشقا ھىچقانداق ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشنى بىلمەيدىكەن(يا مەن بىلمىدىممۇ ).بۇ ئەھۋال ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى ئارىسدىكى جىدەلگە پىلتە بولالايدۇ ،چۈنكى بىرسى ئىككى سائەت ئۆچرەتتە تۇرۇپ سىزدىن يوق دىگەن گەپنى ئاڭلىسا قانداق ئويلايدۇ ،كۆڭلى ئەلۋەتتە تىنچ بولمايدۇ دە ،ھىچ بولمىسا ئازراق بولسىمۇ چۈشەندۈرۈش بىرىلىشى كىرەك دە ،ھازىر قوشتىلنى كۈچەيتىۋاتقان مەزگىل شۇڭا بۇ كىشلەرنىڭ قوش تىل سەۋيەسىگىمۇ ئىتبار بىرىلىشى لازىم.
(3)ئالغۇچى يەنى بىزلەرئارىمىزدا ئەنە شۇنداق ئۆچرەتنى بۇزىدىغان ،كىيىن كەلگەن تۇرۇپمۇ ئالدىغا ئۆتىۋالىدىغان كىشلىرىمىز بار ،مەن بۇلارنى ئاڭسىز دىيەلمەيمەن ،چۈنكى مەنمۇ تاس قالىتىم شۇنداق قىلىپ سالغىنى ،چۈنكى مۇھىت بىزنى ئەنە شۇنداق «ئاڭسىز»بولۇشقا قىستايدۇ ،ئارىمىزدا ئاڭسىز كىشلەرمۇ بار ،يوق ئەمەس،بەلكىم مۇشۇ مۇنبەردىمۇ بار بولۇشى مۇمكىن .ھەممىزنىڭ ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ كۆرىشىنى ئۈمد قىلىمەن .ئۆز گىپىمگە كەلسەم مەن ئىچكىردە ۋوگزالدىكى ئاشۇ ئۇزۇن ئۆچرەتنى كۆرۈپ چۈچىگەن ئىدىم ،ئاتۇشتىكى قىسقىغىنە بىر ئۆچرەت ئادەمنى ساراڭ قىلىپ قويالايدۇ .لىكىن ئىش مەن ئويلىغاندەك بولمىدى ،ئۇ 40,50مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆچرەت 15مىنۇتتا تۈگەپ بولغان ئىدى .مەن مۆزۈم ئاتۇشلۇق بولغاچقىمىكىن پۇل تىجەش ئۈچۈن ياتىقىمنىڭ ئالدىدىكى ۋاكالاتەن سىتىش ئورنىدىن ئالماي ،ئاتايەن زالغا باراتتىم .چۈنكى ۋاكالەتەن سېتىش ئورنىدا 5سوم پۇل ئارتۇق كىتەتتى ،يەنە كىلىپ مەن باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى بەك ياخشى كۆرگەچكە،دوسلۇرۇمنىڭ بىلەتلىرىنىمۇ ئالغاچ كىلەتتىم .زالدا ماڭا بەكرەك تەسىر قىلغىنى ماڭا بىلەت ئىلىش كەلگەندە بىلەتنى شۇنداق تىز چىقىرىپ بىرىشى،ھەم ئارىسىدىكى بىر دوستۇمنىڭ پۈتۈن بىلەت بولۇپ قاپتىكەن ،ئۇ كىشى ماڭا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ دوستۇڭ پۈتۈن بىلەت ئاپتۇ ،ئۇنىڭغا دەپ قوي ،ئۇ ئوقۇغۇچىلىق گۇۋانامىسىنى ئەكەلسە مەن يىرىم بىلەتكە ئالماشتۇرۇپ بىرىمەن دىگەن ئىدى ،مەن بۇ كىشىنىڭ گېپىدىن تولىمۇ سۆيۈنگەن ئىدىم .
مانا بۇ پەرق ئىدى .مەن ئۇزاق ئويلاپ ئاتۇشقا ۋاكالەتەن بىلەت سىتىش ئورنىدىن بىرنى تەسىس قىلىنىمىكىن دىدىم ،چۈنكى ئاتۇشتا ئىچكىردە بار بۇنداق يۇقرى ئۈنۈملۈك زال مۇلازىمىتى يوق ئىدى.چۈنكى دائىم ئاشۇ دادامدەك ئانامدەك قىرىنداشلىرىمنىڭ بىلەت ئىلىش ئۈچۈن،چۈشتە قايتماي بىرىنچى بولۇپ  زالغا كىرىش ئۈچۈن ئاتتاپقا قاقلىنىپ ۋاقىتنىڭ توشىشىنى ،خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا چۈششىنى ساقلاشلىرى ،ئۆز يۇرتىنىڭ بىلەت ئىلىش زالىدا ئۆز تىلىنى ئۇقتۇرالماي قىيلىنىشلىرى ،ئامال يوق باشقىلاردىن ياردەم سوراشلىرى،تەستە ئۆچرەتتە تۇرۇپ بار بىلەتنى ئالالماي قۇرۇق قول قايتىشلىرىنى ئويلىسام ،يۈرۈكۈم بەك ئاغرىيدۇ .يۇرتۇمدا مۇشۇ قىرىنداشلىرىمىزغا قولايلىق ئىلىپ كىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ بىلەت ۋاكالەتەن سىتىش ئورنىدىن بىرنى قۇرۇپ چىقىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلدىم ،مەن مىنىڭ مۇشۇ تىمامنى ئوقۇۋاتقان ئاتۇشلۇق قىرىنداشلىرىمنىڭ ئارىسىدىن مانا مەن قۇرىمەن دەيدىغانلارنىڭ چىقىشىنى نۈمد قىلىمەن ،باشقا يۇرتتىكى قىرىنداشلار سىلەرنىڭ يۇرتتىمۇ بىلەت ئىلىش ئاتۇشتىكىگە ئوخشاش قىيىن بولسا ،سىلەرنىڭمۇ ئۆز يۇرتۇڭلاردا قۇرۇپ چىقىشىڭلارنى ئۈمت قىلىمەن   يەنە باشقا تەرەپلەردىن كۆزەتكەن يىڭىلىق ۋە پەرقلەر بار ،مەن ئۇلارنى كىيىنكى تىمامغا قالدۇراي .بۈگۈن مۇشۇ ئىككىسى بولسۇن  .قىرىنداشلارنىڭ تىمامغا تولۇقلىما بىرىشىنى ،ئىچكىردىكى باشقا يۇرتلاردا تۇرۇۋاتقان قىرىنداشلارنىڭ ئۆز ئەتراپىدا كۆرگەن ،يۇتمىزدا يوق بولغان ئەھۋاللارنى تولۇقلىما قىلىپ يىزىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .چۈنكى بىز يۇرتىمىزغا يىڭىلىق ئىلىپ كىرىمىز دەيدىكەنمىز ،ئەتراپىمىزدىكى ئەنە ئاشۇ كىچىك بولغان ئىشلارغىمۇ دىققىتىمىزنى ئاغدۇرىشىمىز لازىمدۇر
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-11-3 09:55:05 | ئايرىم كۆرۈش
ئارىمىزدا ئېسىل پەزىلەتلىكلەرمۇ كۆپ،ئەخلاقى ناچارلارمۇ شۇ.بەزىلەرگە مىڭ سۆزلىسمۇ قىلدىغىننى قىلىدىكەن،بەزىلەر ھەۋەس قىپ قالغۇدەكلا شۇنداق ئېسىل.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

10

تېما

1235

يازما

7786

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 21
يازما سانى:
1235
تىللا:
5604
تۆھپە:
641
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
387 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-11-3 10:10:24 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ، ناھايىتى ياخشى پىكىرلەرنى بىرىپسىز …… رەخمەت

ئاخىرىدا ئازراق تەۋىسسيەرىم : بولسا مۇنشۇنداق تەنقىد خارەكتىرلىك ماقالىلەرنى شۇ ئورۇننىڭ پىكىر ساندۇقىغا دىيىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن ، سەۋەبى تور دۇنياسىدا بىزلا ئەمەس ، باشقا مىللەتتىكى قىرىنداشلارمۇ كۆرىدۇ ، ئۇلارنىڭ بىزگە بولغان كۆز قارىشى بولۇپمۇ ئوغرى دىگەن كۆز قاراش ئەمدى يوقاي دىگىنىدە يىڭى كۆز قاراش قوشۇلمىسۇن ! سىلەر ئويلىغان ئىش بارا بارا ياخشى بولۇپ كەتكۈسى …… ئۈلۈشكۈن ياتاقتا ئولتۇرسام قوشنا ياتاقتىكى ئادىشىم ئاداش مانىڭغا قارا دەپ نايىسنى بىۋاستە تارقىتىشنى كۆرسىتىپتى ، ئايلىنىپ كەتكىلى تاس قالدىم ، مەس بولاپ قالغان ئوخشايدۇ ، ئۆچۈرۋەتكىن دەپ يالۋۇرۇپ ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىغا قارىتا يامان چۈشەنچىلىرىنى يوق قىلىپ ئاران ئولتۇرسام ، ئاغزىمنى بۇزسام بولمايدۇ ، بىر قىز بالا مەنمۇ ئوخشاش قىز بالىتىم ، ئەيپىنى ئاچماي تۇراي دىمەي ، شاشانانى ئۇرالىدىڭلار ، نا ئۈچىنى تىللىيالمامسىلە دەپ تارقاتتى …… تۆۋە دىمەي ئامال يوقتە …… كىيىن ئابلەت دەمدۇ بىر بالىنىڭ ئۈندىدار توپلىرىدىكى قىسقا فىلىملىرى چىقتى …… توختىماي تارقاتتىڭلار ، تىللىدىڭلار ، شۇ پاسكىنىلار ئاڭلامدۇ ؟ ئۇلارنىڭ شۇ دەبدەبىلىك ئەخلاقى تەربىيەڭلەرنى ئاڭلىغىدەك ئەقلى بولغان بولسا ھەرگىزمۇ ئۇنى بىۋاستە تارقاتمايتى ……! شۇڭا بەزى ئىشلارغا بەك داۋراڭ قىلىشىپ كەتمەيلى ، يەنى ئۆزىمىزنىڭ كەمچىللىكىنى ئۆزىمىز ئاچمايلى ، ئۇلارغا ، ناچار ئىللەتلەرگە قارىتا ئىنساپ تىلەيلى ……
سىز تىخى ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنجى يىللىقىدا ئوخشايسىز ئىنىم ، بۇ جاھان ئۇزۇن جاھان ، تىخى كۆرمىگەنلىرىڭىز نۇرغۇن …… قاينىسام بەك قاينايدىغان ئوخشايمەن ، سىزگە ئىغىر كەلمىسۇن ، بىز ئۈگىنىشكە تىگىشلىك ياخشى مەزمۇنلار بولسا قالدۇرۇڭلار ، ئەيىپ ئىچىشمايلى ، رەخمەت
سۇغا سالسا سۇ كۆتۈرەلمەس مىسقال تۆمۈرنى ، ئالتۇن بىرىپ ئالغىلى بولماس ئاغرىغان كۆڭۈلنى

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

يەر
ۋاقتى: 2016-11-4 16:23:23 | ئايرىم كۆرۈش
ئەختەر يوللىغان ۋاقتى  2016-11-3 10:10
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ، ناھايىتى ياخشى پىكىرلەرنى بىرىپس ...

سىز دىگەن ئابلەھەت ئەمەس ئابلىكىمغۇ دەيمەن ، ئۇ ئايال ئوغلىنى ئىزدەپ يەردىكى ئەسلىدە تارقاتقان قىسقا فىلىم ئابلىكىم دىگەن بالىنىڭ ئاپىسى . كىشىلەر ئۇ ئايالنى زاڭلىق قىلىپ دوراپ دىمىگەنلىرى قالمىدى ، ھەي بۇ جەمىيەت يامان قىززىق بولۇپ كىتىپ بارىدۇ . مىھىر مۇھەببەت سۇسلاشسا مانا مۇشۇنداق بولىدۇ مىنىڭچە .

10

تېما

1235

يازما

7786

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 21
يازما سانى:
1235
تىللا:
5604
تۆھپە:
641
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
387 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-11-4 21:49:09 | ئايرىم كۆرۈش
تىلسىم يوللىغان ۋاقتى  2016-11-4 16:23
سىز دىگەن ئابلەھەت ئەمەس ئابلىكىمغۇ دەيمەن ، ئۇ ئايال ...

ئۇنى دىمەپتىمەن تىخى ، ئابلىكىم ، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپچۇ …… ئەبلەت دىگىنى ھىلىقى ئۈچ بىرنەرسىنى تىللاپ يوللاپتىكەن
سۇغا سالسا سۇ كۆتۈرەلمەس مىسقال تۆمۈرنى ، ئالتۇن بىرىپ ئالغىلى بولماس ئاغرىغان كۆڭۈلنى

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

6#
ۋاقتى: 2016-11-5 14:52:51 | ئايرىم كۆرۈش
ئەختەر يوللىغان ۋاقتى  2016-11-4 21:49
ئۇنى دىمەپتىمەن تىخى ، ئابلىكىم ، مەن سىزنى ياخشى كۆر ...

شاشانا دىگەن كىم راست ؟

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

7#
ۋاقتى: 2016-11-5 15:06:39 | ئايرىم كۆرۈش
ئالدى بىلەن مۇنبىرىمىزگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە خۇرسەن بولدۇق .
تىمىغا نىسبەتەن ئىيىتساق كىتاپ مەسىلىسى ، بۇ شۇ يۇرتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادى ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى ، ئۇنىڭدىن باشقا مەدىنىيەت سەۋىيىسى دىگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلە ئىكەن  .
كىشىلەرنىڭ قورسىقى توق ، كىيىمى پۈتۈن بولسا ، سەۋىيە يۇقىرى بولسا شۇنداق قىلىشقا تامامەن بولىدۇ .
بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزدىمۇ نۇرغۇن ياخشى ئىشلار مەۋجۇت ، كارخانىلىرىمىز توختىماي كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ زور مەبلەخ ئاجرىتىپ يىراقلارغىچە كۈتۈپخانىلار قۇرۇلۋاتىدۇ . ئەمما كىتاب ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئاز بولىشى بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا تىگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى .

ۋاكالىتەن بىلەت سىتىش ئورنىنىڭ ئىشىغا كەلسەك ، ئىيىتقىنىڭىز دۇرۇس ..  ئالدىنقى قىتىم مەنمۇ تۆمۈر يول ئىدارىسىدىكىلەرگە مۇنبەر ئارقىلىق بەزى بىر قاراشلىرىمنى يوللىغان ئىدىم ، ئۈنۈمى بولمىدىغۇ دەيمەن . ھازىر زاللارغا ئاپتۇماتىك بىلەت ئىلىش ماشىنىلىرى قويۇلدى ، ئەمما تىلى پۈتۈنلەي خەنزۇچە .
ئوقۇغۇچىلار چۈشەنسىمۇ ياشقا چوڭ كىشىلىرىمىز تىل بىلمەسلىكتەك سەۋەپ تۈپەيلى بىلەت ئىلىشتا قىينالماقتا  . شۇڭا تۆمۈر يولدىكىلەرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى ھەرقايسى ماشىنىلارنى ئۇيغۇرچە مەشخۇلات قىلىشقا قۇلاي قىلىپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
ئاخىرىدا ئىشلىرىڭىز ئۇتۇق بولغاي ، مۇلاھىزە تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي قىرىندىشىم  .

10

تېما

1235

يازما

7786

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 21
يازما سانى:
1235
تىللا:
5604
تۆھپە:
641
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
387 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

8#
ۋاقتى: 2016-11-8 02:35:43 | ئايرىم كۆرۈش
تىلسىم يوللىغان ۋاقتى  2016-11-5 14:52
شاشانا دىگەن كىم راست ؟

ھەيت تەڭەي ، بىلگەن بولسام مۇڭدىشىپ قوياركەنمەن بىرىپ
سۇغا سالسا سۇ كۆتۈرەلمەس مىسقال تۆمۈرنى ، ئالتۇن بىرىپ ئالغىلى بولماس ئاغرىغان كۆڭۈلنى

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2016-11-8 22:23:44 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قاھىرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-11-8 22:32  

  دۇنيا مىھرى مۇھاببەت بىلەن گۈزەل ، زادى تىلسىم ئېيتقاندەك ئادەمدە ئازراق بولسىمۇ مىھرى مۇھاببەت بولمىسا ،تۈپتىن ئۆزگىرەپ كېتىدۇ كىشىلەر . ئاددىيسى  بۇرۇنلاردا بىرەسى يېقىلىپ چۈشسە يۆلەپ قوياتتى ،ھازىرچۇ ؟ ئوڭدا چۈشەمدۇ دۇمدىمۇ كارىسى يوق  تېخى يوغان تېلېفۇنلىرىغا ئېلىپ  چەمبىرەككە چىقىرىشلىرى بار بەزى بىر قېرىنداشلىرىمىزنىڭچۇ  مۇنداق بوپتۇ مانا ئۇنداق بوپتۇ دەپ  ئۇنداق قىلمايلى قېرىنداشلار ئۆزىمىزنىڭ ئىززىتىنى ئۆزىمىز قىلمىساق باشقا مىللەتتىن كىرىپ قىلىپ بەرمەيدۇ ،ھەممىمىزنى شۇنداق باغرى تاش مىھىرسىز قىلىپ  قويغىنى زادى نىمىكىن بىلەلمەيلا قالدىمغۇ تاڭ ،  
ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن ، تەشەككۈر
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

10#
ۋاقتى: 2016-11-15 22:31:29 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئ‍ەسسالامئ‍ەسسالامۇ ئ‍ەلەيكۇم كۆرگەن كۆرگەننى قىلۇر كۆرمىگەن نىمىنى قىلۇر دەپتىكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:30 , Processed in 0.136672 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش