ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 134|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مېنىڭ تاغام (ئۆزخان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەرىپەت-ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-20 08:00  

مېنىڭ تاغام

7.قىممەت باھالىق قوي


يازغۇچىلىق كۇرىسغا بىلىم ئاشۇرۇشقا كەتكەن تاغامدىن خەت كەلدى.
‹‹ ...بىر پارچە ھېكايە ئەۋەتتىم. كۆرۈپ باققىن. ئەگەر ساڭا ياراپ قالغۇدەك بولسا مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتەيلى، ئوبدان ئوقۇپ پىكىرلىرىڭنى ئاخىرىغا يېزىپ قويساڭمۇ بولىدۇ.›› دەپتۇ ئۇ خېتىدە. ئاندىن يەنە ئۆز توغرىلىق توختىلىپ ‹‹ مىڭ قىلسا يەنىلا سېستىملىق تەلىم ئالغانغا يەتمەيدىكەن. بۇ يەرگە كېلىپ ھەقىقەتەنمۇ توغرا  قىلغانلىقىمنى سەزدىم. ئالدىمىزدىكى بەش يىلنى ئۈگنىش يىلى قىلىپ بىكىتىشنى قارار قىلدىم›› دەپتۇ.
ئۇ ئەۋەتكەن ئورگىنالنى قولۇمغا ئالدىم. ئۇنىڭ خېتى خېلىلا چىرايلىق بولۇپ دانىمۇ-دانە يېزىلغاندى.
  ئۇ يازغان ھېكايىسىنىڭ ماۋزۇسىنى قوي ماجراسى دەپ قويۇپتۇ. ھېكايە مۇنداق باشلانغاندى.
مەھەللىمىزدە توختى ھاجىم دەپ بىر ئادەم بار. بۇ كىشى گەرچە ئاتمىش ياشلارغا كىرىپ قالغان بولسىمۇ ئەمما تەقى-تۇرقىدىن ياشلىق جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. يۈزلىرىمۇ ئەمدىلا پولۇ يەپ چىققاندەك قىزىرىپ تۇرىدۇ. يارىشىملىق كەكە ساقىلى ئۇنىڭغا باشقىچىلا سۆلەت بېغىشلاپ تۇرىدۇ.
ئەمدى ئەسلى گەپكە كەلسەم ئۇ قىممەت باھالىق قويلارغا ئالاھىدە ھېرىسمەن.
بىر كۈنى ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىق بويىدا ئۆسكەن چىملىقتا قويلارنى بېقىۋاتسام ھاجىمكام كېلىپ قالدى.
-ئادىلجان مۇشۇنداق چىچقاق قويدىن ئوننى باققاننىڭ ئورنىغا نەسىلىلىك قويدىن ئىككىنىلا باقساڭ بولمامدۇ؟-دىدى ئۇ قويلارغا تازا بىر نەزەر سېلىۋەتكەندىن كىيىن.
-ھاجىمكا دادام رەھمەتلىكىتىن قالغان قويلارنىڭ قوزلىرى ئىدى. شوڭا سېتىۋىتىشكە كۆزۈم قىيماي،-دىدىم بېشىمنى قاشلاپ.
-قارا ئادىلجان،-دىدى ھاجىمكام قېشىمغا كېلىپ،-دادامدىن قالغان، ئانامدىن قالغان دىگەن گەپنى قويۇپ مۇشۇ قويلىرىڭنى سېتىۋىتىپ قېشىمغا كەل 200000 مىڭغا ئالغان ساغلىقىمدىن تۇغۇلغان بىر جۈپ قوزام بار . ساڭا بېرەي. كىيىنكى كۈنلۈكتە ھاجىمكام بەرگەنتى دەپ خوش بولۇپ قالىسەن دەيمەن.
-ھاجىمكا، ھالىمنى ئۆزىڭىز بىلىسىز. ‹‹ گاداينى تۆگە ئۈستىدىمۇ ئىت چىشلەپتۇ›› دەپ ماڭا كەلگەندە مۇشۇ ئىشتىنمۇ چىچەك چىقمىسۇن مەن يەنىلا مۇشۇ قويلىرىمنى بېقىۋىرەي. بىر تۇيۇقسىز تونۇش بىلىشلەر كېلىپ قالسىمۇ ئېپچىقىپلا پىچاق سۈرگىلى بولىدىكەن،-دىۋىدىم. ھاجىمكام  بىردەم تۇرۇپ كېتىپ:
-ھە بوپتۇ. سەن بۇنداق دىسەڭ، مەن يەنە نىمە دەيتىم. مەيلى ئەگەر قاچاندا مۇشۇنداق بىر قوي باقاي دەپ قالساڭ . مېنى ئىزدىگىن جۇمۇ ،-دەپ قويۇپ كېتىپ قالدى.
شۇنىڭدىن كىيىن ‹‹ ئۈرۈك-ئۈرۈكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ ›› ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا قىممەت باھالىق قويلارغا قىزىقىدىغان بولۇپ قالدىم. باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن پالانى بىر قوينى مانچە پۇلغا ئاپتىكەن، بىر ھەپتە بېقىپ مۇنچە پۇل پايدىسىغا سېتىپتۇ دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ قالسام. نىمىشقىدۇر ھاياجانلىق تۇيغۇلاردا بولاتتىم.
مەن بىلەن بىر نەۋرە بىر ئاكام بار. بىر كۈنى سەھەردە مېنى چاقىرىپ قالدى.
-نىمە دەيسەن ،-دەپ ئۇنىڭ بېغىغا چىقتىم.
-قارا بۇ قوچقارنى 7000 يۈۋەنگە ئالدىم،-دىدى ئۇ ئانچە چوڭمۇ ئەمەس، بىر بوز قوچقارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،-سېنىڭچە قانداقراقكەن.
-نىمانداق قىممەت،-دىدىم ھەيران بولۇپ،-ئۇنى نەرىنى دەپمۇ شۇ پۇلغا ئالغانسەن؟
-مىڭ قىلغان بىلەن نادان-دە، دىدى نەۋرە ئاكام،- قارا بۇنىڭ قۇلاقلىرىغا، قارا قۇيرۇقلىرىغا، كۆزلىرىچۇ تېخى. ئەگەر مۇشۇ قوچقاردىن ئىككىلا قوزا چۈشىدىغان بولسا ئۆزى بىكارغىلا قالىدۇ دىگىنە.
- ھەي ئۇنىڭ ئاشۇ ئىككى قۇلىقىنى دەپلا شۇنچە قىممەت ئالامدۇ؟
- ئاساسەن شۇنداق دىيشىكىمۇ بولىدۇ. ئەمما رەڭگى تەقى تۇرقىمۇ قارايمىز. دىھقەت قىلىپ ئالمىساق ئالدىنىپ قالىدىغان ئىشمۇ بولىدۇ تېخى.
مەن ئۇنىڭغا ئانچە قايىل بولمىدىم. ئەمما ھېلىقى قوچقارغا نىمىشقىدۇر قىزىقىپ قالدىم. ئىچىمدە قانداقتۇر بىر ئوت ياناتتى. ئۆزۈمگە نەچچە رەت ھاي بەرمەكچى بولغان بولساممۇ بۇ ئوت زادىلا پەسەيمىدى. شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى ئارزۇ-ئامانلاپ بېقىۋاتقان قويلىرىم. كۆزۈمگە نىمشقىدۇر سوغۇق كۆرۈندىغان بولۇپ قالدى. ھەر كۈنى ئېغىلىمدىكى قويلارغا قاراپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن تاتلىق خىياللارنى سۈرەتتىم. ھاجىمكامنىڭ دىگەن گەپلىرىنى ئويلىناتتىم. ئون-يىگىرمە قوي بېقىپ ئالغاندىن ئۈچ -تۆت قوي بېقىپ ئالغان پايدىنىڭ ۋەسۋەسىسى ھەتتا كېچىلىرىمۇ ئۇيقۇمنى ھارام قىلغىلى تۇردى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزۈمگە خېلى چىرايلىق كۆرۈنىدىغان، بوي- بەستىمۇ يامان ئەمەس قويدىن ئىككىنى يېتىلەپ نەۋرە ئاكامنىڭ ئۆيىگە چىقتىقم.
-كېچىكىپ قاپسەن ،-دىدى نەۋرە ئاكام مەخسىدىمنى بىلگەندىن كىيىن،-تېخى ئۈچ كۈن بۇرۇنلا ئۇ قوچقارنى 3000 يۈۋەن پايدىسىغا سېتىۋەتتىم.
-نىمانچە كۆپ،-دىدىم ھەيرانلىقىمنى يوشۇرالماي،-ئادەتتىكى ئون قويدىن چىقىدىغان پايدىنى ئاپسەنغۇ؟
-بۇ قانچلىك ئىشتى،- دىدى نەۋرە ئاكام،-مەن تېخى سەل ئالدىراپ سېتىپ قالدىم. بولمىسىچۇ 5000 يۈۋەن پايدا چىقىشىغا كۆزۈم يېتىپ تۇراتتى.
-ھە شۇنداقمۇ؟ -مەن ئارتۇق گەپ قىلماي سالپىيىپ قايتىپ كىردىم.
شۇ كۈنلەردە تورغا چىقىرىلغان قوي توغرىسىدىكى بىر خەۋەر سەۋىر تاقىتىمنى توشقۇزىۋەتتى. خەۋەردە دىيلىشىچە قوشنا يىزىدىكى بىر دىھقاننىڭ بىر قويى بار ئىكەن. كورلىدىن بىر خېرىدار كېلىپ 12 مىليون باھا قويسا ھېلىقى ئادەم تۆۋە كۆرۈپ ئۇنىماپتىمىش. توۋا دەپ ياقامنى تۇتتۇم. 12 مىليونغا يارايدىغان قانداق قويدۇ ئۇ. تېخى تورغا ھېلىقى قوينىڭ رەسىمىنىمۇ چىقىرىپ قويۇپتۇ. قارىسام بۇ قوينىڭ قۇلىقى تۇمشۇقدىنمۇ بىر ھەسسە ئۇزۇن ھەم كەڭ ئىكەن. بۇ قوينى ئاپىغان قويى دەيدىكەن. ئويلاپ قالدىم. ئاپىغان قويلىرى مۇشۇنداق كۆپ پۇلغا يارىسا ئۇنداقتا ئۇ خەق نىمشقا شۇنچە نامرات. بۇ گەپنى دوستلىرىمغا ئېتىۋىدىم. ھەممىدىن گەپچى بىر دوستۇم مۇنداق دىدى.
-ھېلىقى ئادەمنىڭ قويىغا بارغۇ، تولۇق كۇرۇس ئۇنۋانى ئالغان ئىكى ھايۋانات دوختۇرى 24 تۆت سائەت قارايدىكەن. يەم-خەشەكلىرىنى ئۆزىلىرى بىر قوللۇق تەڭشەپ ئازمۇ ئەمەس ، جىقمۇ ئەمەس كۈنىگە ئۈچ ۋاقتىن بېرەرمش. ئەگەر ھېلىقى قوچقارنى بىر ساغلىققا چېتىشتۇرۇپ بەرسە 50000 مىڭ يۈۋەن ھەق ئالىدىكەن . ئۇنىڭغا مەسئۇل ئىككى دوختۇرنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى 7000 مىڭ يۈۋەن ئىكەن. ئۇلار ھەتتا ھېلىقى قوي سۇ ئىچكەن، ئوت يىگەن ۋاقىتتا ئىككىسى ئىككى تەرەپتە تۇرۇپ قۇلىقىنى كۆتۈرۈپ تۇرارمىش. 24 سائەت خالات كىيىپ يۈريىدىكەن. ئەگەر قوينىڭ ئىگىسى قوينى كۆرۈش ئۈچۈن يېنىغا كىرمەكچى بولسىمۇ ئاۋۋال ۋاننىغا چۈشۈرۈپ، ئاندىن دىزىنفكسىيە قىلىپ خالات كىيىپ ئاغزىغا ماسكا تاقاپ كىرەرمىش.
-ماڭەۋاي،-دىدى ئابلىكىم،- ھېلىمۇ ياخشى ئۇ ئىككى دوختۇرنى قوي ئېغىلىدا قوي بىلەن بىللە ياتىدىكەن دىمدىڭ؟
-دىمىسىمۇ ئۇلارنىڭ ياتىقى قوي ئېغىلىغا يانداشكەن. دەپ بېقىڭلار ئەگەر ئاراڭلاردا بىرەرسىڭلارنىڭ شۇنداق قىممەت باھالىق قويى بولۇپ قالسا
يوتقىنڭغا ئەككىرىپ يېتىشتىن يانمايسىلەر ھەقىچان،-بۇ گەپ بىلەن ھەممىمىز جىمىپ كەتتۇق. دىمىسىمۇ 12 مىليون دىگەن پەرىشتىنىمۇ ئازدۇرىدىغان پۇل تۇرسا. ئاشۇنداق قويدىن بىرسى بولسا شۇنى بېقىپ قويۇپ باشقا ئىش قىلمىسمۇ بولىدۇ-دە.
مەن ئاخىرى قويلىرىمنى بازارغا ئېلىپ چىقىپ ئېلىشىغا سېتپ 15 مىڭ يۈۋەن پۇل قىلدىم. ئانامنىڭ‹‹ بالام مەن دۇئا قىلاي . مۇشۇ قويلىرىڭنى بېقىۋەرگىن. داداڭ رەھمەتلىكنىڭ روھى خۇش بولۇپ قالىدۇ›› دىگەن گەپلىرىمۇ قۇلىقمغا كىرمىدى. قاچانغىچە مۇشۇنداق چىچقاق قويلانى باقىمەن. مەنمۇ بىر خەق قىلغاننى قىلىپ پۇل تاپسام بولمامدىكەن دىدىم.
ھاجىمكامنىڭ ئۆيىگە بارغۇچە ئوتتەك خىياللارنى قىلدىم. ھاجىمكامنىڭ بۇرۇن دادام بىلەن كۆڭلى يېقىنكەنمش. شۇ يېقىنلىقنىڭ يۈزىنى قىلىپ باشقىلارغا قارىغاندا باھادا ئېتىۋار قىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، مۇشۇ پۇلغا قويدىن ئۈچنىلا ئېلىپ باقسام، ھەر بىرسى بىرنىلا قوزىلىسا بىر ئىككى ئايلىق قىلىلا بازارغا ئېلىپ چىقىپ 2000 يۈۋەندىن پايدىسىغا ساتسام. 6000 يۈۋەن دىگەن گەپ. ئەگەر بىر يىلدا ئىككى قېتىم قوزا ئالسامچۇ؟ 12 مىڭ دىگەن گەپ، دىمەك بىر يىلدىن كىيىن قويلار بىكارغىلا قالىدۇ. دىگەن گەپ مۇشۇ بويىچە تەرەققى قىلسام ئىككى -ئۈچ يىلغا قالماي ماشىنىدىن بىرنى ئېلىپ ئاقسا ھەيدەپ قالامدىم تېخى. ئىشقىلىپ خىياللىرىم بىر-بىرىدىن ئېسىل ئىدى.
ھاجىمكامنىڭ دەۋازىسى ئالدىغا كېلىپ بىر ئاز توختاپ ئۆپكەمنى سەل بېسىۋالدىم قىزىل سىرلانغان قوش قاناتلىق چوڭ دەرۋازىغا ئۆمىد ۋە ئىپتىخارلىق ئىچىدە بىر دەم قاراپ تۇرىۋىتىپ ئاندىن دەرۋازىنى قاقتىم. خېلى ئۇزۇندىن كىيىن ھاجىمكامنىڭ مەندىن سەل كىچىك ئوغلى ئەسقەر دەرۋازىنى ئاچتى. ۋە مېنى كۆرۈپ  خېلىلا قىزغىن كۆرۈشتى.
-ئەتتىگەندە كېلىپ قاپسەن،-دىدى ئۇ ،-بىرەر ئىش بىلەن كەلگەنمدىڭ؟
-ھاجىمكامنى ئىزدەپ كەلگەن،-دىدىم.
-بىرەر مۇھىم ئىشىڭ بارمىدى،-دىدى ئۇ ،-مەن دەپ قويسام بولامدۇ؟
-ھاجىمكامنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشسەم ياخشى بولاتتى،-دىدىم.
-دادام دوختۇرخانىدا ئىدى،-دىدى ئۇ،- ناھيىلىك دوختۇرخانىدا. ئەمسە شۇ يەرگە بارامسەن؟
-تىشلىقمۇ يا،-دىدىم ،-نىمە بولۇپ....
-ئازراق ئىش بولۇپ قالغاندى. بۇنى ھازىرچە دىگىلى بولمايدۇ.
-ماقۇل ئەمسە، خوش.
-سالپىيىپ يېنىپ كەلدىم. بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن سۈرگەن شىرىن خىياللىرىم توزغاقتەك غايىپ بولدى.
-ۋاي بۇمۇ ئوڭ كەلگنىكەنغۇ؟-ئارقىدىن،- ئەگەر ئۇنى مۇشۇ پۇرسەتتە بىر يوقلاپ كەلسەم تېخىمۇ ياخشى بولغىدەكقۇ؟
-شۇنداق قىلىپ دوختۇرخانىغا بارماقچى بولدۇم. سوۋغا سالام دىگەننى ئوبدانلا قىلىپ يولغا چىقتىم. يولدا ھېلىقى گەپچى دوستۇم ئۇچراپ قالدى. ۋە مېنىڭ مەخسىدىمنى بىلگەندىن كىيىن:
- سەن ھاجىمنىڭ نىمىشقا دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقىنى بىلەمسەن؟-دىدى.
-ياق،-دىدىم،-نىمىشقا كىرىپ قاپتۇ.
-شۇنچە چوڭ خەۋەرنى قانداقسىگە ئاڭلىماي قالغانسەن،-دىدى ئۇ سەنزە دۇنيا ئىشلىرىدىن بىخەۋەر ئىكەنسەن جۇمۇ.
-ۋاي بولدى قىلغىنە، ھە دىگىنە، نىمە بولۇپ كىرىپ قاپتۇ.
-شۇ قوي خاپىلىقى بولمامدۇ،-دىدى ئاغىنەم،-ھاجىم ئاتايىن مەكىتكە بېرىپ 80000 مىڭ يۈۋەنگە بىر پاقلاننى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. بۈگۈنى كەچتە ئەكەپتۇ. ئايرىم بىر ئېغىلغا سولاپتۇ. ئەتتىگەندە ئۆيدىكىلىرىگە كۆرسىتىشكىمۇ ئۈلگۈرمەيلا مۇھىم بىر ئىش ئۈچۈن ناھېيىگە كېتىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ قوچقار ئەكەلگەنلىكىنى پەقەت ھاجى خېنىملا بىلەتتىكەن. ئەمما ھاجىم ھاجى خېنىمنىڭ تاپا-تەنە قىلىشىدىن ئەنسىرەپ قوچقارنىڭ باھاسىنى ئۇنىڭغا دىمگەن ئىكەن.  شۇ چۈشتە ھاجى خېنىمنىڭ يېقىن تۇققانلىرى كەپ قاپتۇ. ھاجى خېنىم ھاجىمغا تىلفۇن قىپتۇ. ھاجىم ئەھۋالنى ئاڭلغاندىن كىيىن.  مەن ئاخشام بىر قوچقارنى ئېغىلغا سولاپ قويدۇم. شۇ قوچقار دىيىشىگىلا تىلفۇنىنىڭ توكى تۈگەپ ئۆچۈپ قاپتۇ. ھاجى خېنىم كىتاپتىن باش كۆتۈرمەيدىغان بىر ئوغلىنى چاقىرىپ ئاخشام داداڭ ئېلىپ كەلگەن قوچقارنى ئېلپ چىقىپ سويغىن دەپ بۇيرۇق قىپتۇ. ھېلىقى ئوغۇل ئېغىلغا كىرىپ قارىسا چىرايلىق بىر قوچقار تۇرغۇدەك. ھېلىقى ئوغۇل چىرايلىق قوچقاركەن چوقۇم گۆشى ئوبدان چىقىدۇ دەپ ئويلاپ سۆرەپ ئېپچىقىپلا گېلىغا پىچاق سۈرۈپتۇ. ئاندىن ھويلىدىكى ئۈرۈكنىڭ شېخىغا ئېسىپ قويۇپ ئاچچىق ئۈچىيىنى سۇغۇرىۋاتسا ئالدىراشچىلىقتا چۇۋۇلۇپ كەتكەن سەللىسىگىمۇ قارىماي ھاجىم پالاقلاپ يۈگۈرۈپ كىردىۋاتقدەك. ئۇ ھېچكىمگىمۇ قارىماي ئۇدۇل ھېلىقى قوچقارنى سولىغان ئېغىلغا قاراپتۇ. ئاندىن بىر چەتتە تۆت تال پاچىقى بىلەن تاشلىنىپ تۇرغان، كۆزى ئوچۇق كەتكەن قوچقارغا بىر قاراپلا مەيدىسىنى تۇتقىنىچە يىقىلىپ ھوشىدىن كېتىپتۇ. باشقىلار يۈزىگە سۇ سېپىپمۇ ھوشىغا كەلتۈرەلمەي جىددىلىشىپ ھاجى خېنىمنىڭ تۇققانلىرىنىڭ ماشىنىسىغا سېلىلا ناھېيىلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. دوختۇرلار بىر ھازا جىددىيلىشىپ تەستە ھوشىغا كەلتۈرۈپتۇ. ھاجىمنىڭ ھوشىغا كېلىپ قىلغان بىرنجى ئېغىز گېپى ‹‹ ۋاي ئېسىت قويۇم ›› بوپتۇ. باشقىلار شۇ چاغدىلا ئەھۋالنى چۈشەنگەندەك بوپتۇ.
-ھاجىم سىلى ئۆزلىرى ماڭا ›-دەپتۇ ھاجى خېنىم ئۇنىڭ قېشىغا يېقىن كېلىپ،- ئاخشام مەن ئېلىپ كەلگەن قوچقارنى سويۇڭلار دىگەندىلىغۇ؟
-خەپ سېنى ،-دەپتۇ ھاجىم ساقاللىرىنى تىتىرىتىپ تۇرۇپ ۋارقىراپتۇ ،- ئۇ دىگەن 80000 مىڭ يۈۋەنلىك قوچقار ئىدى. بىلەمسەن شۇنى...
-سىلى ئەمسە نىمىشقا...
- ھەي ساراڭ ، مەن سېنى شۇ قوچقاردىن باشقا قايسى قوينى سويساڭلار بولىدۇ. دىمەكچىدىم ئەمما تىلفۇننىڭ توكى. ..خەپ ..خەپ،-ھاجىم شۇنداق دەپ ساقىلىنى تۇتاملاپتۇ . ئۇ ھازىر بىر ئوبدانلا بولۇپ قالغان بولسىمۇ دوختۇرلار ھاجىمنىڭ يوشۇرۇن يۈرەك كېسلى بولىشى مۆمكىن . بىر تەكشۈرۈپ باقايلى دەپتۇدەك...
-ھەي بۇ خەۋىرىڭ راستمۇ، سەن نەدىن ئاڭلىدىڭ،-دىدىم ئۇنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندەك سۆزلەپ كەتكىنىگە قاراپ ھەيران قېلىپ.
-بۇ دىگەن مەخپى،-دىدى سىرلىق قىلىپ،- قانداق يوقلاپ بېرىۋىرەمسەن، ياكى قايتىپ كېتەمسەن.
- ھەي ... قانداق قىلسام بولار؟-دىدىم ئۇنىڭغا مەسلىھەت تەرىقىسىدە،
-ھاجىمنى يوقلاپ بارساڭ بولمايدىغان يېرى يوق. ئەمما-زە ئاشۇنداق قىممەت قويلارنى باقىدىغان ئىشتا يەنىمۇ ئويلىشىپ ئىش قىلساڭ بولاتتى، -دىدى ئاغىنەم،- ھاجىمغۇ 80000 مىڭ يۈۋەننى زىيان تارىتسا ئانچە بىلىنمەس . ئەمما بۇ ئىش سېنىڭ، مېنىڭ بېشىڭغا كېلىپ قالسا چاتاق بولىدۇ.
-ئۆزۈمنىڭ قويلىرىنى بېقىۋەرسەم بولارمۇ ئەمدى؟-دىدىم لەسسىدە بولۇپ.
-ئاغىنە يەنىلا ‹‹كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى›› دەپتىكەن. ئەڭ ياخشىسى ئاشۇ يەرلىك قويلا ياخشى جۇمۇ.
ئۆيگە كىرسەم نەۋرە ئاكام ساقلاپ تۇرۇپتۇ.
- نىمە ئشىڭ بار ئىدى،-دىدىم. يەنە قوچقار ئالغان ئوخشىمامسەن؟
-شۇ قوچقارنىڭ گېپى،- دىدى ئۇ تاماكسىنى كۈچەپ تارتىپ ئاغىزىدىن ئىس چىقىرىپ تۇرۇپ،- بۇ قېتىم 15000 مىڭغا بىر قوچقار ئېلىپ كەلگەندىم . ئالدىنىپتىمەن. بازارغا ئېلىپ چىقسام 5000 مىڭغىمۇ چىقمدى. ئۇنىڭغىمۇ بوپتۇ دىسەم بۈگۈن ئىككى كۈن بولدى. بىر نەرسە يىمەي پۇشۇلداپ تۇرىدۇ. دوختۇرغىمۇ كۆرسەتتىم. ئامال بولمىدى. ئەمدى ناھېيىلىك چارۋا پونكىتىغا ئېلىپ بارمىسام بولمىدى . مەن بىلەن بىللەن بارامسەن.
-ماقۇل باراي،-دىدىم،-بەرىبىر باشقا ئىشىممۇ يوق.
-قوينى سانتانا ماشىنىغا سالدۇق. كتىۋاتىمىز. نەۋرە ئاكامنىڭ كۆزلىرى نەم خۇددى ھېلىلا ياش كېتىدىغاندەك. ۋاي توۋا دىدىم ئىچىمدە. قىممەت قوي بېقىپ شۇنچىۋالا ھەرەج تارتىپ يۈرگۈچە يەنىلا شۇ دادامدىن قالغان چىچقاق قويلىرىمنى بېقىۋەرگىنىم ياخشى ئوخشىمامدۇ؟
ئەمدى بازارغا چىقىپ قاراپ باقاي مەندىن ئالغان كىشى مەن ساتقان، ئىككىنى قوزىلايدىغان. ئاغرىپ تارتىپ قالسا ئىككىلەنمەيلا پىچاق سۈرىۋەتسەم بولىۋىرىدىغان يەرلىك قويلىرىمنى بازارغا ئېلىپ كىردىمىكىن. ھە راست . سىلەر ئۇ كىشىنى كۆرۈپ قالساڭلار دەپ قويۇڭلار . ھەر قويۇمغا 100 يۈۋەندىن پايدىسىنى بېرىپ بولسىمۇ قايتۇرىۋېلىشقا مەن رازى ئىدىم.

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-1-20 17:17:57 | ئايرىم كۆرۈش
ئاللا  ئاللا  ،  بۇدورەم قوينى مەرىتىۋىتىپسىز -دە  .
بۇ ئەسەر قارىماققا قىزقارلىق ، ئاددى  تۇيۇلغىنى بىلەن  چوڭقۇر ھەقىقەتلەر بار ئىكەن .
ئەسىرىڭىزگە  رھمەت  !
8-قىسىمدا  قايسا  ھايۋاننى يازارسىز   ؟  كۈتىمەن ئەمسە  .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:54 , Processed in 0.135797 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش