ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 115|ئىنكاس: 7
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەرلەر نىمە ئۈچۈن.... قىززىق نۇقتا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

100

يازما

456

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

پىراكتىكانىت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 857
يازما سانى:
100
تىللا:
356
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
91 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-1

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يارقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-10-3 03:03  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبىرىمىزدىكى ئەزىز قىرىنداشلار بۈگۈن سىلەرگە سۇنماقچى بولغان مۇلاھىزە تىمام ئەرلەر نىمە ئۈچۈن توي قىپ ئايالى تۇغۇتلۇق مەزگىلىدە سىرىتقا قاراپ قالىدۇ ؟ بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى نىمۇ ؟  

بۇ تىمىنى ئوتتۇرغا قويۇشتىكى مەقسىدىم ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە نۇرغۇنلىغان ياشلار بىرىنى ياخشى كۆرۈپ ياكى ئائىلىدىكىلىرنىڭ تونۇشتۇرشى ئارقىلىق تۇرمۇش قۇردۇ، كىيىن ئايالى ئىغىر ئاياق بوپ تۇغۇپ ياتقان مەزگىلىدە كۆپ سانلىق ئەرلەر سىرتقا قاراپ قىلىش، پەرزەنتى 1 ياشتىن 2 ياشقا توشقىچە بولغان مەزگىلدە ئاجىرشىپ كىتىش ئەھۋاللىرى شۇنداق ئىغىرلىشىپ كىتىۋاتىدۇ ،  بۇ جەھەتتىكى چۈشەنچىمىزنىڭ ئاجىزلىقىدىن نۇرغۇن بەخىتلىك ئائىلىلەر بۇزلىۋاتىدۇ نارىسىدە بالىلار يىتىم بوپ قىلىۋاتىدۇ ، شۇ سەۋەب مۇشۇ جەھەتتىكى چۈشەنچە ۋە بىلىملىرمىزنى يۇقرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇ تىمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن .  ياخشى بولغان پىكىر تەكلىپلىرىڭلار بولسا سۇنغان بولساڭلار ...................
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-10-3 19:22:45 | ئايرىم كۆرۈش
مەن تېخى مۇشۇ ھەقتە كۆرسەتمە بارمىكىن دەپتىمەن.مېنىڭ بىلىشىمچە ئاز بىر قىسىم ئاتا ئانىلار تۇغۇتتىن كېيىن قىزىمىز ئۆيىنى تۇتسۇن دېمەي ئوغۇلدىن چەكتىن ئاشقاننى تەلەپ قىلىشى،ئوغۇل تەرەپنىڭ بەرمەسلىكى ياكى بېرەلمەسلىكى بىلەن؛ياكى ئوپىراتسىيە قىلىپ تۇغقان كېلىندىن قۇسۇر ئىزدەش،مەسلەن ئۇششۇغلۇق قىلدى،مەنۇ تۇغقان يەتتە سەككىزنى،دەپ پوپوزا قىلىشى،خۇددى تولغاقنى تەڭ تارتىشىپ بەرگەندەك،شۇنىڭ بىلەن قەرىز ئېلىپ تۇغۇلغان بالىنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇپ بولالماي ماجىرا تۇغۇلىشى؛شۇنىڭ بىلەن ئاتا ئانا ۋە خوتۇن بالىنىڭ ئوتتۇرىدا قالغان بىچارە ئەرنىڭ دەردىنى ھاراقتىن ئېلىش ئارقىلىق ئاستا ئاستا يولدىن چىقىشى شۇنىڭدىن باشلىنىدۇ.يەنە بىر سەۋەبى ئوتتۇردا ھېچقانداق مۇھاببەت بولماي تۇرۇپلا مەجبۇرىي ئۆيلىنىشمۇ ،ياكى تۇغۇتتىن كېيىن ئاياللارنىڭ بەدەن شەكلى ئوپىراتسىيە ياكى ھامىلدارلىقتىكى سېمىزلىكتىن ئەسلىگە كېپ بولغىچە ئاچكۆز ئەرلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى بىلەن يولدىن چىقىدۇ،ئەمما بۇ سەۋەپ ئاۋۋالقىسىدىن ئاز ئۇچرايدۇ.ئەمىليەتتە سوغۇققان بولغاندا مەسلىنى ھەل قىلىش تەس ئەمەس،ئاجرىشىش پەقەت مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ،تۇغقاندىن ياتلىشىپ شەيتاننى خۇش قىلىش ،خالاس.ئەرمۇ خوتۇن ئالىدۇ،ئايالمۇ ئەرگە تېگىدۇ،بار بولغۇلۇق بىچارە بالىغا(ھېچنىمىدىن غېمى يوق بالىدا نە گۇناھ؟)،جاپا تارتىپ چوڭ قىلىپ يىلدا ئوتتۇز مىڭنى تاپاممايدىغان ئاتا ئانىنىڭ قەرىزگە بوغۇلۇپ بالىنى ئۆيلىگىنى قالىدۇ،يەنە تاغدەك دەت بېسىپ.ئارزۇلاپ باققان قىزىنى ئەرگە بېرىپ كۆڭلىنى ئۆلتۈرگىنى قالىدۇ شۇ.شۇنىكاھ مەسلىسىدە سوغۇققان بولۇش كېرەك،ئىشقىلىپ خۇدا بەندىلىرىنى بەختلىك قىلسۇن.ئامىن دەۋېتەي ھە.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-10-4 17:31:44 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى بىر  مۇلاھىزە  تىمىسى بوپتۇ .
مىنىڭچە ئەرلەرنىڭ تالاغا قاراپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى :
1.شۇ ئەر ئىنتايىن ئىنساپسىز  ، كۆڭلى بەكمۇ قارا  .
2.ئايالى  ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇت جەريانىدا  بەدەن شەكلى ئۆزگرۈپ كەتكەنلىكى  تۈپەيلىدىن كۆڭلى يىرىم بولۇش ، سىرىتتىن قونچاقتەكنى ئىزدەش .
3.كىچىك بالىسى بار ئاياللار  بالا بىلەن بولۇپ كىتىپ يولدىشىغا بۇرۇنقىدەك قىزغىن ، كۆيۈمچان بولالمىغانلىقتىن  سىرىتتىن كۆڭۈل خوشى ئىزدەش .
4.ئايالى ئۆيلەرنى رەتلىك ، پاكىز تۇتالماي  ، ئۆزىنىمۇ پاكىز ،چىرايلىق تۇتالماي  ئەرنىڭ كۆڭلى  سىرىتنى تارتىدىغان بولۇپ قىلىش .
بۇنىڭ ئامالى :
1.ئەرلەر  ئائىلىدە ئايالىغا ۋە بالىغا كۆيۈنۈش ؛
2.ئايالىغا ئازراق بولسىمۇ ئارام ئىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىش . خام - خىيالنى كۆپ قىلماي ئەمەلىي بولۇش .
3.ئائىلىسىگە ساداقەتمەن بولۇش ....
ھازىرچە  مۇشۇنچىلىك  يازالىدىم ، كاللام قۇپقۇرۇقلا  بولۇپ كەتتىغۇ  ....
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-10-8 12:38:53 | ئايرىم كۆرۈش
ئاتىكەم يوللىغان ۋاقتى  2016-10-4 17:31
ياخشى بىر  مۇلاھىزە  تىمىسى بوپتۇ .
مىنىڭچە ئەرلەرنىڭ ت ...

جىقراق يازسىڭىزچۇ، بەك بەلەن يېزىپتىكەنسىز

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-10-8 17:40:11 | ئايرىم كۆرۈش
يۇقۇردىكى ئىنكاسلاردىن سۆيۈندىم . مېنىڭ جىق سۆزلىگۈم يوق . پەقەت بىر -بىرىگە ئىشەنچ بولمىغان مۇھەببەتلىك ئائىلىدە بۇنداق ئىشلار كۆپرەك يۈز بېرىدۇ . ئائىلىدە مۇھەببەت دەپ ئاغزىدىن چۈشۈرمىگەن بىلەن شۇنى ئەمىليەتتىن قىلىش ئەڭ مۇھىم . ئايال كىشىنىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىلى دەل ئېغىر ئاياق مەزگىلى ، ئەڭ مۇھەببەتكە مۇھتاج مەزگىلى بولسا تۇغۇتلۇق مەزگىلىدۇر . مۇشۇ مەزگىلنى قەدىرلىيەلەيدىغان ئەر ھەقىقى ئەركەك سانىلىدۇ .

23

تېما

231

يازما

777

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 841
يازما سانى:
231
تىللا:
486
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2016-10-11 15:12:17 | ئايرىم كۆرۈش
مۇنبەرگە كىرمىگخلىمۇ ئۇزۇن بۇپ قاپتۇ بۇ تېمىنى كۈرۈرۈپلا كۆڭلۈم بىر قىسىمىلا بۇلۇپ قالدى،مىنىڭ قېينى ئاكاممۇ توي قىلغىلى ئۈچ يىل بوپتۇ،مەن كىلىن بۇلۇپ كىرگىنىمدە يەڭگەم بىلەن بەكلا ياخشى ئۈتەتتىكەن،بىر بالىسىمۇ بار ئىدى،توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يولدىشىم چەتئەلگە ئۇقۇشقا كەتتى،قۇرسىقىمدىكى بالام بىلەن قالدىم،يېڭى ئائىلىگە كۆنمەكمۇ ئاسان ئەمەسكەن،شۇنچىلىك قورۇنۇپ قالاتتىم بەزىدە،دەسلەپتە ئانچە بىلىنمىگە بىلەن بالا چوڭايغانسېرى غېمىممۇ شۇنچىلىك كۆپىيىشكە باشلىدى بەزىدە كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بۇلۇپ كەتەتتى،يەڭگەم بىلەن قېينى ئاكام بالىسىنى ئوينىتىپ كەتسە كۈزۈمدە ياش لىغىرلاپ كىتەتتى،شۇنچىلىك ھەۋەس بىلەن باقاتتىم بىر جۈپلەرگە،ئەينى چاغلاردا ئىككىسى شۇنچىلىك بەدەل تۈلەپ تەستە توي قىلىپتىكەن،قېينى ئاكام بەكلا ئېسىل ئەر ئەمىلىيەتتە،بىراقزە يەڭگەم بەزىدە بەكلا تەرسا ھەم سەل ھازازۇل مىجەزى بار ئىدى.شۇ ھۆسنىگە ياراشمىغان شۇ قىلىقلىرى بەزىدە يېزىنەمنىڭمۇ كۆڭلىگە كىلىدىغاندۇ بەلكىم،مانا ئۈچ ئايچە بولدى يەڭگەم ئاجىرىشىمەن دەپ يۈرىيدۇ سەۋەبى يېزىنەم سىرتتا باشقىلارنى تېپىۋاپتۇ.بۇنىڭدىن بەكلا ئاجەپلىنىپ قالدىم،يېزىنەمگە بولغان ھۆرمىتىممۇ سۇسلاپ قالدى بەكلا دۇرۇس ھەم غۇرۇلۇق كۈرەتتىم.مۇشۇ كۈنلەردە قېينى ئاكام ماڭا بىر كۈنى دەرت تۈكۈپ قالدى.يەڭگەمنى بەكلا ياخشى كۈرىدىكەن بىراق ئۇنىڭ بەزى قىلىقلىرى ئۇنى چارچىتىپ قۇيۇپتۇ،ئۇ بەكلا ئۆزگىرىپ كەتتى بۇرۇنقىدەك مۇلايىم ئەدەپلىك ئەمەس،بەزىدە كىشىلەرنىڭ ئالدىدا بەكلا ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيىدۇ،تىلفۇنغىلا قاراپ تۇرىدۇ بالىغا بۇرۇنقىدەك كۈيۈنمەيدۇ بەزىدە شۇنچىلىك ئاددىي ئىش سەۋەبلىكمۇ قاتتىق جىدەللىشىدۇ................ دەپ  تۇرۇپ يېزىنەمگىمۇ ئىچىم ئاغرىپ قالدى،دېمىسىمۇ يەڭگەمنىڭ مىجەزى ماڭا بەش قولدەك ئايان.دېمىسىمۇ مەن كىلىن بۇلۇپ كىرگەن چېغىمدا يەڭگەم بەكلا ئېسىل ئايال ئىدى بىر يىل ئىچىدىلا ئۇنىڭ كۆپ ئۆزگەرگىنىنى مەنمۇ ھىس قىلغان ئىدىم،بەلكىم ئۇنىمۇ ئائىلە،تۇرمۇش چارچىتىپ قويغاندۇ.
بىر گەپ بارغۇ ئەركىشى ئۆيدىن تاپالمىغاننى سىرتتىن ئىزدەيدۇ دەيدىغان.
ھازىر يەڭگەمنى قايىل قىلدىم ئىككىسى ئاجىراشمايدىغان بولدى بۇنىڭدىن مەن بەكلا خۇش.
تۇرۇپلا يولدىشىم ئىككىمىز بىلەن يېزىنەم بىر جۈپلەرنى سېلىشتۇرۇپ قالدىم،مىنىڭ يولدىشىم يىراقتا بەزىدە بىر-نەچچە كۈندىمۇ تىلفۇندا پاراڭلىشىشقا پۇرسەت بولمايدۇ،مەيلى تىلفۇندا كۈرىشەيلى ياكى ئۇ قايتىپ كەلگەندە كۈرىشەيلى يەنىلا بۇرۇنقىدەك،بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئارلىشىپ يۈرگەن چاغلاردەك شۇنچىلىك ئاياپ كىتىمىز،بىر-بىرىمىزگە بەكلا يول قۇيىشىپ بىر-بىرىمىزنىڭ پىكىرىنى ھۆرمەتلەيمىز،سوغاق تىگىشلەر سىلكىشلەر بۇلۇنمايدۇ. بۇ تەرەپتىن ئېيتقاندا شۇنچىلىك ياخشى ئۈتىمىز،بىراق بىر-بىرىمىزگە مۇھتاج بولغاندا يېنىمىزدا يوق ئىشقىلىپ كۆئپ تەرەپتىن بىر-بىرىمىزگە ھەمدەمدە بۇلالمايمىز،بەزىدە خۇددى يات كىشىلەردەكلا شۇنچىلىك تەكەللۇپ بىلەن يۈرۈپ كىتىشىمىزچۇ تېخى.
يېزىنەملەر بولسىچۇ ياندا بارىغا ئۆچ بولدىمۇ ياكى قەدرىنى قىلمامدۇ ھىش بىلمىدىم.
مۇھىم بولغىنى بىر ئائىلىدىكى مۇھەببەت،كۈيىنىش،يول قۇيۇش،چۈشىنىش،ھۆرمەت.مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيەتنىڭ نىمىلىكىنى ياخشى چۈشىنىش.مەن بۇ توغرىسىدا كۆپ سۆزلەپ قويدۇم كەچۈرۈڭلار.
ئ‍ۈمۈدسىزلىك يېرىم ئ‍ۈلۈم،   ئ‍ەمما ئ‍ۈمۈدنى  ئ‍ىنساندىن  كۈتۈش ،  پۈتۈن ئ‍ۈلۈم  .

7

تېما

493

يازما

3577

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 19
يازما سانى:
493
تىللا:
3068
تۆھپە:
8
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
229 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر ئاتىسىئالاھىدە شەرەپ

7#
ۋاقتى: 2016-10-13 08:50:49 | ئايرىم كۆرۈش
ئاتىكەم يوللىغان ۋاقتى  2016-10-4 17:31
ياخشى بىر  مۇلاھىزە  تىمىسى بوپتۇ .
مىنىڭچە ئەرلەرنىڭ ت ...

شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ

51

تېما

148

يازما

643

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 752
يازما سانى:
148
تىللا:
491
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
135 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2016-10-13 11:56:57 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ياخشى بىر مۇلاھىزە سوئالى بوپتۇ

مەنغۇ توي قىلىپ باقمىدىم لىكىن ،مەن بىلەن تەي ياشتىكى توي قىلغان ئەل ئاغەينىلىرمنىڭ دەرىت ھالىنى ئاڭلىسام بەك بىر قىسما بولۇپ قالىمەن .
بىر كۈنى نەۋرە ئاكام دەرىت تۈكۈپ قالدى -ئۇكام توي قىلسىڭىز ھەرگىزمۇ مۇئاشى بار كادىرنى ئايالىم دەپ ئېلىپ قالماڭ جانغا ئىكەك سالدىكەنسىز  بىلىسىز مەن يۇۋاش ئادەم ھەرگىز تالادا ئوينىشىم يوق كۈندە ئىشتىن چۈشۈپ ئايالىمنى ئالغىلى بارىمەن ئەتتىگنى قۇپۇپ ئايالىمنى ئىشقا ئاپرىپ قۇيۇ 35 كىلومىتىر يولىنى بېسىپ ئۆزەمنىڭ مەكتىپىگە كىلىمەن ماڭىمۇ ئاسانمۇ ؟توي قىلغىلى ئىككى يىل بولدى ئۆيۈمدە قازان قايناپ باققىنىنى بىلمەن ئىشتىن چۈشۈپلا ئاپىسىنىڭ ئۈيىگە كىرۋالدۇ مەن شۇ يەرگە بېرىپ ئەكىلىمەن تاماقنى ئىككى يىلنىڭ بۇيان قېينائانامنىڭ ئۈيىدە يەپ كىلىۋاتىمىز نەچچە دېدىم ئۆيدە يەيلى تاماقنى ئىشتىن چۈشۈپلا ئاپىڭىزنىڭ ئۈيىگە كىرىپ كەتمەي ئۆي تەرەپكە مېڭىپ مەنمۇ ئىشتىن چۈشۈپلا ئالدىڭىزبا باراي دىسەم ئاتا ئانامنى يامان كۆردۈڭ دەپلا ئۇرىشىدۇ نەچچە يامانلاپ كەتتى قېينائانامغىمۇ دېدىم يۈز قارىماي ئەمما قېينا ئانامنىڭمۇ جاۋابى ئوخشاشلا مۇشۇ ئۆيدە يەڭلار قىزىم ئەركە قىز ئاش ئىتەلمەيدۇ دەپ جاۋاپ بەردى ئەمدى بىر بالامنىڭ يىتىم بولىشىغا قارىماي ئاجرىشىپ كېتىمەن - دەپ دەردىنى تۆكتى
  كۈرىشمىگلى ئىككى يىلچە بولغان بىر دوستۇم ئۇچراپ قېلىپ دەردىنى تۆكتى -ئاجرىشىپ كەتمەكچى بولدۇم ئاجرىشىش كۈنى قاچان ؟
-مەن توي قىلىپ باقمىسام ئاجرىشىش كۈنىنى قانداق بىلەن ؟!-
- سىزنىڭ خەلىق ئىشلار ئىدارىسىدا تۇنۇش بىلىشلىرىڭىز كۆپ بىلەمدىكىن دەيمەن
- بىلمەيدىكەنمەن . بۇرۇن بەك ياخشى ئىدىڭلارغۇ ئىككىڭلار مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانغۇ ؟
-بىلمەيسىز بۇرۇن شۇنداق ياخشى كۆرەتتىم قەدىرلەپ ئالدىم بۇنى بىلىسىز مىنىڭ خىزمىتىم بار ۋاقتىدا بەك ياخشى ئۆتتۇق ،خىزمەتنى تاشلاپ سودا يولىغا مېڭىپ پۇلمۇ تاپتىم شۇ چاغلاردا باشلاندى بۇرۇن ئىدارىدە ئىشلىگەن ۋاقتىمدا كۈنلىمەيدىغان ئادەم كۈنلەيدىغان بولىۋالدى چۈنكى مەن خىزمەت قىلغان ۋاقتىمدا تاپقان پۇلنى بەزى ئېپى كەلسە بىر كۈندە تاپاتتىم  شۇنداق ئۇرىشىپ تالىشىپ يۈرۈپ سودىنىمۇ تاشلىدىم ھازىر ئۆيدە بىكا ئولتۇرغىنىمدا سەندەكمۇ ئەر بولامدۇ مەن ئىشلەپ سېنى باقامدىمەن ؟مەن ئەر دەپ تەككەن باقىدۇ دەپ تەككەن دەپ غەلۋە قىلىپ ئۇرىشىدۇ تاماق ئەتمەيدۇ كىرلىرىنى قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدا يۇيغۇزۇپ كىيىمەن قۇلۇمدىن تاماق ئىتىش كېلىدۇ ئۆزۈمنىڭ تامىقىنى ئۆزۈم ئىتىپ يەيمەن ئۇ سىرىتتا خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە تاماق يەپ كىرىدۇ ئۇ باشقىلارنىڭ گېپىگە بەك كىرىپ كەتتى
- بوپتۇ سەۋىر قىلىڭ ئوتتۇراڭلاردا بىر قىز بارغۇ
-مەن ئەمدى سەۋىر قىلالمايمەن چۈنكى قېينائاممۇ مىنى ئۆيۈمگە كىلىپ قەلەندەردىن قەلەندەرگە سېلىپ تىللاپ يۈرسە


مانا مۇشۇنداق سەۋەپلەردىن بەك جىق ئاڭلاپ كەتتىم
ئەمدىكى يەكۈنىم
1.ئەر ئايال شەك شۈبىسىز بىر بىرگە ئىشىنەلەيدىغان بولىشى كېرەك ھەتتا سىيگەن چىققاننىمۇ دىيەلەيمەن دىگەدەل ھالەتتە بولىشى كېرەك
2.ئەر سەل كەڭ قورساق بولىشى كېرەك چۈنكى ئاياللار تۇغما ئىچى تار ھەسەتخورراق كېلىدۇ
3.ئايال كىشى پۇلغا ئۆزىنى بەك ئۇرۇپ كەتمەسلىكى كېرەك پۇل ھەممىنى ھەل قىلالمايدۇ
4.ئەر ئايال ئىككىلىسگە باشقىلارنىڭ گېپى بويىچە ئائىلە تۇتسا قەتئىي بولمايدۇ چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇشى ئۆزىگە ئۇ ئويلىغاننى بۇ ئويلاپ بولالمايدۇ
5.ئايال سەل ئىشچان ئەر سەل زېرەك بولىشى كېرەك
كۆزۈمنىڭ ياشلىرى يۈزۈمنى يۇدى،
قوللىرىم بەخىتنى ئۇزاتتى ئاران.
ئەمدى شۇ كۈنلەرنى ئەسلەشلا قالدى،   
بەخىتكە ئىنتىلىش بوپ قالدى ئارمان

ئۈندىدار :1902826571،1505621846
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:30 , Processed in 0.138922 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش