جۇغلانما 200
بايلىق123 دانە
شۆھرەت0 سەر
ئوقۇغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى
يازما سانى: 77
ئادلون يىغىنى
روزېنبېرگ بىلەن ئېس- ئېسچىلارنىڭ شۇنچە خالىمىغانلىقىغا قارىماي گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فىرانسىيە، رۇمىنىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر يېتەكچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت تىكلەش مەسىلىسىدە يەنىلا ئورتاق پىكىر بىرلىكىگە كېلىدۇ. 1942- يىلىنىڭ باھارىدا، شۇ يىلنىڭ ماي ئېيى ئوتتۇرىلىرىدا بېرلىندا بىر قېتىملىق يىغىن چاقىرىش قارارىغا كېلىشىدۇ. بۇ يىغىننىڭ تەشكىللەش ئىشلىرىنى باش ئەلچى شۇلېنبۇرگ مەسئۇل بولۇپ باشقۇرماقتا ئىدى. بۇ يىغىن، بېرلىندىكى ئادلون مېھمانخانىسىدا چاقىرىلىدىغان بولغاچقا، ئادلون يىغىنى دەپ نام ئالىدۇ. بۇ يىغىنغا ئەزەربەيجان ھەرىكىتىدىن مۇساۋات يېتەكچىسى مەھەممەت ئىمىن روسۇلزادە، پرومېتې ژۇرنىلىدا ئۇزۇن يىل شىمالى كاپكازىيە ۋاكالەتچىلىكىنى قىلىپ كەلگەن مىر ياقۇپ مەختىيېۋ، رەسۇلزادىنىڭ رەقىبلىرىدىن سابىق مىنىستىر ھىلال خاس مەھەممەت ۋە سەپداشلىرىدىن فۇئات ئەمىرجان قاتارلىق كىشىلەر تەكلىپ قىلىنغان ئىدى (مۇخلېن كىتابىدا “شۇلېنبۇرگ پرومېتېگە تەۋە مۇساۋاتچىلارنى بۇ يىغىنغا نېمىشقا تەكلىپ قىلمىغانلىقىنى چۈشىنەلمىدىم” دەپ يازغان. ئەمما، رەسۇلزادە مۇساۋات يېتەكچىسى ئىدى شۇنىڭدەك يەنە پرومېتېنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى. مىر ياقۇپ مەھتىيەۋمۇ داڭلىق پرومېتېچىلەردىن بىرى ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). شىمالى كاپكازىيىلىكلەردىن سېيىت شامىل (ئۈلكۈسال، سېيىت شامىلنىڭ 11- مايدا ئىستانبۇلدىن بېرلىنغا يېتىپ بارغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى)، كاۋكاز گۇرۇھىدىن ئىككى نەپەر داڭلىق كىشى ھەيدەر باممات بىلەن ئەلىخان قانتۆمۈر ۋەكىل بولۇپ كەلگەن ئىدى. گروزىيەلىك يېتەكچىلەردىن مىللەتچى دېموكراتلار يېتەكچىسى سپىندىيون كېدىيا، تېترى گيورگى ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن پروفېسسور مىخايىل تېرېتېلى بىلەن زۇراب ئاۋالاشۋىلى قاتارلىق كىشىلەرمۇ يىغىندا بار ئىدى (ئادلون يىغىنىغا چاقىرىلغان باشقا گىرۇزىيەلىك يېتەكچىلەردىن ۋاچنادزې، شاھزادە باگراتىيون، پولكوۋنىك شالۋا ماگلاكېلىدزې قاتارلىق كىشىلەرمۇ بار ئىدى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). بۇ يىغىنغا ئورتا ئاسىيالىقلارغا ۋاكالىتەن ۋەلى قېيۇمخان قاتناشقان ئىدى. نېمىسلار ئىشغال قىلىۋالغان قىرىم تەۋەسىنىڭ يېتەكچىلىرىنى بۇ يىغىنغا رەسمىي تۈردە تەكلىپ قىلمايدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، قىرىملىق يېتەكچى جاپپار سېيىت ئەخمەت قىرىمەر يېقىن سەپداشلىرىدىن ئەدىگە قىرىمال بىلەن مۇستەجىپ ئۈلكۈسال ئىككىسىنى بېرلىنغا ئەۋەتىدۇ (نېمىسلارنىڭ بۇ يىغىنغا جاپپار سېيىت ئەخمەت قىرىمەرنى تەكلىپ قىلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى، فون پاپېننىڭ قىرىمەرنى “سكورسكىچى” دەپ تونۇيدىغانلىقىدىن بولغان. يەنى، قىرىمەرنى فون پاپېن خالىمىغاچقا بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلمىغان. ئەدىگە قىرىمال بىلەن مۇستەجىپ ئۈلكۈسال 1941- يىلى دېكابىردا بېرلىنغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئىككىسى شۇ كېلىشى بىلەن گېرمانىيەدە 7 ئايدەك تۇرۇپ قالىدۇ. ئۇلار ئادلون يىغىنى مەزگىلىدە بېرلىندا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، گېرمانىيە دائىرىلىرى ئۇلارنى يىغىنغا تەكلىپ قىلمايدۇ، ئەمما ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ تۇرغان. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). ئىستانبۇلدىن ئادلون يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغانلار ئارىسىدا زەكى ۋەلىدى توغانمۇ بار ئىدى. ئەمما، زەكى ۋەلىدى تۇغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فەۋزى چاقماق بىلەن تاشقى ئىشلار مۇستەشارى نۇمان مەنەمەنچىئوغلى ئىككىسىگە بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلغان بولۇشىغا قارىماي تۈركىيەدىن سىرتقا چىقىش ۋىزىسى ئالالمىغاچقا، ئادلون يىغىنغا قاتنىشالمايدۇ. ئىدىل- ئۇرال ھەرىكىتى يېتەكچىسى ئاياز ئىساقى بولسا گېرمانىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئادلون يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىغا قارىماي، ئىدىل- ئۇرال مۇستەقىللىقى مەسىلىسى رەسمىي ئېلان قىلىنمىغۇچە بۇنداق بىر يىغىنغا قاتنىشالمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. يىغىن مەزگىللىرىدە بېرلىندا يۈرگەن نۇرى كىللىگىل پاشانىڭ بۇ يىغىنغا رەسمىي يوسۇندا قاتناشقان- قاتناشمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس (ئاپىرىل ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا فون مەندېنىڭ مۇستەجىپ ئۈلكۈسالغا “نۇرى پاشا بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزنى توختاتتۇق. شۇڭا سىزنىمۇ بۈگۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەسلىكىڭىزنى تەكلىپ قىلىمەن” دەپ ئېيتقانلىقى مەلۇم. شۇ سەۋەبتىن نۇرى پاشا بۇ يىغىنغا قاتناشمىغان بۆلىشى مۇمكىن. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). شۇنداقتىمۇ يىغىن ئۈچۈن بېرلىنغا كەلگەن يېتەكچىلەر بىلەن ھەر تۈرلۈك ئۇچرىشىشلاردا ئىجرا قىلىنماقچى بولغان ستراتىگىيىلەر ئۈستىدە تەكلىپ پىكىرلىرىنى بەرگەنلىكى مەلۇم. ئادلون يىغىنىغا قانچە نەپەر مۇساپىر يېتەكچىسى تەكلىپ قىلىنغانلىقى، يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغانلاردىن قانچە كىشىنىڭ كېلىپ يىغىنغا قاتناشقانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، بۇ يىغىنغا 50 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئىشلەۋاتقان ئالىمجان ئىدرىسى، شىمالى كاپكازىيىلىك ئەخمەت تۆمۈر ۋە ئەزەربەيجانلىق ھىلال مۈنشىمۇ ئادلون يىغىنىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىغا قاتناشقان (ئالىمجان ئىدرىسى، 1922- يىلى بۇخارا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل بولۇپ گېرمانىيەگە كېلىپ تۇرۇپ قالغان بىرى ئىدى. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار ئالدىنقى بابلاردا بايان قىلىندى. ... ئەخمەت تۆمۈر ئۇ ۋاقىتلاردا گېرمانىيەدە پەلسەپە ۋە تۈركۈلوگىيە جەھەتتە بىلىم ئېلىۋاتقان تۈركىيە گراجدانلىقىغا ئۆتكەن ئىدىل- ئۇراللىق ئىدى. ئۇ، 1941- يىلىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە ئەسىر ئايرىش ئۆمىكىدە ئىشلەيدۇ. ھىلال مۈنشى بولسا، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گېرمانىيەگە بېرىۋېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان بولۇپ، ئۇ يەردە بىر نېمىس ئايال بىلەن توي قىلىپ شۇ يەردە تۇرۇپ قالغان ئەزەربەيجان تۈركىلىرىدىن ئىدى. ئۇ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى يىللاردا ئەنگلىيەلىكلەر بىلەن بىرگە پائالىيەت قىلىپ كەلگەن ئەزەربەيجان گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. يەنە بىر مۇددەت ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا خىزمەت قىلىدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
ئادلون يىغىنى نېمىسلار ئالدىنقى سەپتىكى ئۇرۇشتا ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەزگىللەردە چاقىرىلغان بىر يىغىن بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان سابىق پرومېتې يېتەكچىلىرىنىڭ سىياسىي تەلەپلىرى بىلەن گېرمانىيە شەرق سىياسىتىنىڭ تۈپكى پرىنسىپلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن زور ئىختىلاپلار مەۋجۇت ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، بۇ يىغىن ھېچ بىر ئەمەلىي نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمەي يېپىلىدۇ. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار ساھەسىدىكى سۆزلىشىپ مەسىلە ھەل قىلىشقا مايىل كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقلىرى ناتسىستلار يېتەكچىلىرىنىڭ قاتتىق قوللۇق قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە قۇربى يەتمەيدۇ. روزېنبېرگ بىلەن ھىملېر باشچىلىقىدىكى ناتسىستلار رەھبەرلىكى مۇساپىر يېتەكچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى بولساق، ئۇلارنى ئۆزلىرى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغانلىق بولۇپ قالىدۇ دەپ ئويلايتتى. ئۇ كۈنلەردە ئىنتايىن كۈچىيىپ كەتكەن گېرمانىيە بۇ تۈر سىياسىي تەشكىلاتلارغا ئەمەس بەلكى بۇيرۇققا ئىتائەت قىلىدىغان كىشىلەرگە ئېھتىياجلىق ئىدى. رۇسىيە كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى دىتماننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سىياسىي بۆلۈم كادىرى تىپېلسكىچكە يازغان بىر پارچە خېتىدە، گېرمانىيە تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان كۆزقاراشلىرىنى ئىنتايىن ئېنىق ئىپادىلەپ بەرمەكتە. ئۇ خەتنىڭ ئاساسلىق روھى تۆۋەندىكىچە:
1. ئىشغال قىلىنغان شەرق رايون مەسىلىلىرى مىنىستىرلىقىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدىن مىنىستىر روزېنبېرگنىڭ گېرمانىيە ھامىيلىقى ئاستىدا مۇستەقىل كافكاز دۆلەتلىرى قۇرۇش پىلانىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ... ئەمما ئۆتكەن كۈنلەردە مىنىستىر روزېنبېرگ فۈھرېر (ھىتلېر) گە سۇنۇلماقچى بولغان كاۋكاز رايونىنىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسىي تۈزۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك كەڭ دائىرىلىك بىر تونۇشتۇرۇش دوكلاتى تەييارلاپ چىققان، ... بۇ دوكلاتنىڭ كافكازلاردا نېمىس ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىقىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىدىن خەۋەردار بولدۇم. ئەمما كافكازلاردىكى نېمىسلارغا مەنسۇپ ھاكىمىيەت تۈزۈمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋاكالەتچىسى، بۇرۇنمۇ مۇھاكىمە قىلىنغىنىدەك، ئىمپېرىيە ھەيئىتى (رېيچ كومىسسىيىسى، يەنى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كومىسسىيىسى − ئا.ھ. ئىزاھاتى) نىڭ نامى ئورنىغا نائىبلىق (ستاتدالتېر − ئا.ھ. ئىزاھاتى)، ئۇنىڭ قول ئاستىدا (گىرۇزىيە، ئەزەربەيجان، ئەرمەنىستان ۋە شىمالى كاپكازىيەگە) ۋاكالەتچىلىرى ئۈچۈن ئومۇمى ئۆمەك (گېنېرال بېۋوللماچتىگتې − ئا.ھ. ئىزاھاتى) نامىنى قوللىنىش پىلانلانغان ئىكەن.
2.قىرىم تاتارلىرى مەسىلىسىگە كەلسەك، بىلىشىمچە ئۇلارغا ئەسلىدىنلا مۇستەقىللىق بېرىش نىيەتلىرى يوق ئىكەن. ھەتتا بۇندىن ئۈچ ھەپتە ئاۋالغىچىلا قىرىم تاتارلىرىنى قىرىم تەۋەسىدىن تولۇق ھەيدەپ چىقىرىپ بۇ يەرنى پۈتۈنلەي نېمىس يېرىگە ئايلاندۇرۇش پىلانى بار ئىدى. ئەمما بۇ ئىشنى ئىجرا قىلىش جەھەتتە بىر مۇنچە تېخنىكىلىق قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ كېتىشكە كۆزى يەتمىگەچكە، بۇ پىلان ھازىرچە تاشلاپ قويۇلغان. پېرېكوپنىڭ شىمالىدا ئۇكرائىنانىڭ بىر قىسىم يەرلىرى بىلەن بىر قاتاردا قىرىمنى گاۋلېتىيېر فراۋېنفېلدكە قارايدىغان بىر باش سېكرېتار باشقۇرىدىغان بولغان.
3. … بېرلىندىكى كاۋكاز كۆچمەنلىرىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىنىڭ رەنجىشلىرى يېقىن كۈنلەردىن بۇيان خېلىلا كۈچىيىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ رەنجىشنىڭ سەۋەبى، باش ئەلچى فون شۇلېنبۇرگنىڭ گاۋلېتىيېر مېيېرگە ئەۋەتكەن، تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ ھۆججەتلىرىدىكى كۆچمەنلەردىن تۇرغان يەرلىرىنى مۇۋاپىق پايدىلىنىش كېرەك دېگەن تەلەپلىرى مىنىستىر روزېنبېرگنىڭ رەت قىلىۋېتىشىدىن كۆرۈش كېرەك. ئوفىتسېرلارنىڭ قىلغان تەكلىپلىرىنىڭ ئەكسىچە، مىنىستىر روزېنبېرگ كۆچمەنلەر ئارىسىدىن بىر نەچچىلا كىشىنى ئىشغال قىلىنغان شەرق رايونلار مەسىلىسى مىنىستىرلىقىدىكى مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىلىرىگە تەيىن قىلىش قارارىنى ئالغان. كۆچمەنلەر، بۇ مەسلىھەتنىڭ ئەمىلى نەتىجىسى قاتارىدا ئىشغال قىلىنغان شەرق رايونلار مەسىلىسى مىنىستىرلىقىنىڭ مەمۇرى كادىرلىق دەرىجىسىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئىشنى رەت قىلىشىدۇ. ... بولۇپمۇ ئەزەرىلەر بەكلا خاپا. ئۇلار، بۇندىن كېيىن گېرمانىيەدە ئۆزلىرىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان بىرەر پائالىيەت سورۇنى تاپالمايدىغانلىقى ئۈچۈن دەرھال تۈركىيەگە قايتىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىشتى. ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىنى نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ يۈرۈپ ئاران ياندۇرالىدىم. بۇ كۆچمەنلەر بۇنداق جىددىي بىر پەيتتە تۈركىيەگە قايتىپ كېتىشى تۈركىيە خەلقى ئارىسىدا ئېغىر نارازىلىقلارنى پەيدا قىلىۋېتىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.
بۇلاردىن مەلۇم بولغىنىدەك، كاپكازىيىدىكى يەرلەر مەمۇرى جەھەتتىنلا بېكىتىپ بولۇش بىلەن قالماي ھەتتا باشقۇرغۇچىلىرىنىمۇ ئاللىقاچان تەيىنلەپ بولغان روزېنبېرگ قارىشى بويىچە ئالغاندا، يەرلىك خەلقلەرگە نىسبەتەن سىياسىي تەسىرى بارلىقى ئېنىق بولغان مۇساپىر يېتەكچىلىرىنىڭ ھېچقانداق بىر پايدىسى بولمايدۇ، ھەتتا بىرەر پايدىسى بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئاۋارىچىلىك پەيدا قىلىشى مۇمكىن دەپ قارىلاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز مىللىتىنىڭ بىر دەۋرىنى ياراتقان مەھەممەت ئىمىن روسۇلزادە، سېيىت شامىل قاتارىدىكى يېتەكچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا نېمىس رەھبەرلىكى بىلەن كېلىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى “ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش” بۆلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئالفېرد روزېنبېرگ ئۇلارغا ئوستمىنىسترىيۇمدا مەسلىھەتچىلىك قىلىپ بەرسەڭلار دېگەن تەكلىپنى قىلىدۇ. تەبىئىيكى، ئۇلار بۇنداق بىر تەكلىپنى دەرھال رەت قىلىشىدۇ. روسۇلزادە، بۇ تۈر ۋەقەلەرگە قارىتا ۋە مۇساپىر يېتەكچىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىدۇ:
نېمىسلار سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مىللىي مەسىلىلەرنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان، تالىھى ھەرپ (ئۇرۇش تەلىيى) كە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بىر كۈچ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىدۇ. شۇڭا، گېرمانىيە خارجىيىسى (تاشقى ئىشلار) گە مەنسۇپ بولغان بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ (گراف فون شۇلېنبۇرگ) تەشەببۇسى بويىچە كاپكازىيە مۇساپىرلىرىنىڭ سىياسىي سىمالىرىدىن بىر قىسمىنى بېرلىنغا تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ كاپكازىيە ھەققىدىكى پىكىرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىندى.
ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە، گىرۇزىيە ۋە شىمالى كاپكازىيە جۇمھۇرىيەتلىرىگە مەنسۇپ بولغان بۇ ھەيئەتلەر ۋاكالەتلىك قىلىۋاتقان تەشكىلاتى بىلەن خەلقىنىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى، تاپشۇرغان دوكلاتلىرىدا بايان قىلىپ ئۆتۈشتى. بۇ دوكلاتلاردا مىللىي مۇستەقىللىق قاراشلىرىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، كاپكازىيە ئىتتىپاقى قارىشىدىمۇ چىڭتۇرۇشقان ئىدى. … يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان گراف فون شۇلېنبۇرگ ۋاسىتىسى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە تاپشۇرۇلغان بۇ ۋەسىقىدە كاپكازىيە مىللەتلىرىنىڭ چارىزمغا قارشى تۇرغىنىدەك بولشېۋىزمغىمۇ قارشى ئېلىپ بېرىلغان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ پۈتۈن جەريانلىرى تەسۋىرلىنىپ، كاپكازىيىلىكلەر پرىنسىپ قىلغان مىللىي غايىلەر تولۇق تەپسىلاتلىرى بويىچە بايان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن:
“بۇ غايىلەرنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى، كاپكازىيە ۋەكىللىرىنىڭ ھېس قىلىشىچە، سىياسىي جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا تۆت جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىتتىپاقداشلىقى شەكلىدە بىرلىشىشىگە باغلىق. شۇ سەۋەبتىن كاپكازىيىلىك مىللەتلىرى ئىنتايىن جىددىي ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا.”
كاپكازىيىلىك ۋەكىللەرنىڭ بۇ تەلەپ ۋە ئارزۇلىرى فۈھرېر (بىردىن- بىر داھىي، ھىتلېرنى دېمەكچى − ئۇ.ت) قارارگاھى تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ. نەتىجىدە بۇ مەسىلە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن “ئوستمىنىستېرىيۇم” دەپ ئاتىلىدىغان شەرقتە ئىشغال قىلىنغان دۆلەتلەر مىنىستىرلىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. روزېنبېرگ مەسئۇل بولۇۋاتقان بۇ مىنىستىرلىق بۇ ئىشنى قائىدىگە توغرا كەلمەيدىغان ئۇسۇللارغا تايىنىپ ھەل قىلىشقا ئۇرۇنغان ئىدى. مۇستەقىللىق ۋە مىللىي ھوقۇق دېگەنلەر بۇ مىنىستىرلىقنىڭ پەرۋامۇ قىلمايدىغان ئىشلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئېنىق بىرەر ۋەدە بەرمەي تۇرۇپ ئەسىرگە چۈشكەن قىزىل ئارمىيە ئەسكەرلىرىدىن مىللىي لېجيون تەشكىللەپ، بۇ قىسىملارنى ۋېرماچت ئۈچۈن تەبىئىي ياردەمچى كۈچ قىلىپ پايدىلىنىشنىلا مەقسەت قىلىشاتتى. بۇ مەقسەتتە لېجيونلار ئارىسىدىن بىۋاسىتە تاللاپ چىقىلغان بىرى تەشكىل قىلىنغان لېجيونلار بىلەن ۋېرماچت ئوتتۇرىسىدا رابىتا (مۇناسىۋەتلىشىش) ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىلا لازىم ئىدى. شۇڭا بۇ مۇناسىۋەت باغلىغۇچىلار مىللىي مۇستەقىللىق ۋە دېموكراتىيە ئىللەتلىرىدىن تازىلانغان بولۇشى كېرەك دەپ قاراشماقتا ئىدى.
ئادلون يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىگە قارىماي، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى روسۇلزادە بىلەن شامىلغا ئوخشاش يېتەكچىلەرنى بېرلىندا يەنە بىر مەزگىل تۇرۇپ بېرىشىگە ماقۇل كەلتۈرۈپ، كۆرۈشۈشلەر يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىدۇ. ئەسلىدە ئۇ ۋاقىتلاردا نېمىس دائىرىلىرى ئادلون يىغىنىغا قاتناشمىغان مۇساپىر يېتەكچىلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەت قىلىشنى توختاتمىغان ئىدى. بولۇپمۇ تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان تاشقى تۈركىلەر يېتەكچىلىرىگە قارىتا ئالاھىدە يېقىنلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە ئىدى. ئىدىل- ئۇرال ھەرىكىتى باشلامچىلىرىدىن ئېلى ئاقىش بۇ مەسىلىگە ھەققىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ:
1942- يىلىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا، قايسى كۈنى ئىكەنلىكى ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ، بىر كۈنى ئاياز ئەپەندىم مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. ئۆيىدە گېرمانىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلىمۇ بار ئىكەندۇق. ئاياز ئەپەندىم ئۇلارنىڭ دەيدىغان گەپلىرىنى مېنىمۇ ئاڭلاپ باقسۇن دېمەكچى دېدى. بۇ مەسئۇل كىشىلەر گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن بىرگە پائالىيەت قىلىدىغان “ئىدىل- ئۇرال لېجيونى” تەشكىللىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئىدىل- ئۇرال مۇستەقىللىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان ئاياز ئەپەندىگە بىرلىكتە ئىشلىسەك دەپ تەكلىپ قىلدى. ئاياز ئەپەندى بۇ تەكلىپ ئۈچۈن مۇنداق ئۈچ شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى شەرت، ئىدىل- ئۇرال دۆلىتى ئۈچۈن ھوقۇقى كاپالەت بېرىلسۇن؛ ئىككىنچى شەرت تەشكىل قىلىنماقچى بولغان لېژيوننىڭ ھېچكىمگە بېقىنمايدىغان مۇستەقىل ھەربىي شتابى بولسۇن؛ ئۈچىنچى شەرت، ئىدىل- ئۇرال دۆلىتى ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر ئالىي سوت مەھكىمىسى قۇرۇلسۇن.
نېمىسلار بۇ ئۈچ شەرتنى قوبۇل قىلىشقا ئۇنىمىغاچقا بۇنداق بىر كېلىشىم بولمىدى.
نەچچە ئاي داۋاملاشقان سۆزلىشىشكە قارىماي، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كاپكازىيىنىڭ، ياكى بولمىسا ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا دائىر بىرەر ھۆججەت ئىمزالاشقا يېقىن كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، پرومېتې يېتەكچىلىرى ئۈچۈن گېرمانىيەدىن چىقىپ كېتىشتىن باشقا يول قالمايدۇ. شۇنداق قىلىپ مەھەممەت ئىمىن روسۇلزادە بۇخارىستقا (مۇخلېر كىتابىدا مەھەممەت ئىمىن روسۇلزادىنىڭ ئىستانبۇلغا قايتىپ كەتكەنلىكىنى يازغان. ئەمما روسۇلزادە پۈتۈن ئۇرۇش جەريانىدا تۇرۇپ قالماقچى بولغان بۇخارىستقا قايتىپ كەتكەن ئىدى. ئۇرۇش ئاخىرلىشاي دېگەن ۋاقىتلاردا گېرمانىيەگە كىرىدۇ، ئاندىن 1947- يىلى تۈركىيەگە قايتىپ بارىدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى)، سېيىت شامىل ئىستانبۇلغا، ھەيدەر باممات شۋېتسارىيەگە، سپىرىدون كېدىيا بولسا پارىژغا قايتىدۇ. بۇ جەرياندا قىرىملىق مۇستەجىپ ئۈلكۈسالمۇ نېمىسلارنىڭ قىرىمغا بېرىشىغا يول قويمىغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەگە قايتىپ كېتىدۇ. ئەمما، ئەدىگە قىرىمال، گېرمانىيەدە قېلىپ قىرىملىق ئۇرۇش ئەسىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئاقىۋەتتە، نېمىسلار ئۈچۈن خۇددى روسۇلزادىنىڭ كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك ئۆزلىرى تۈزگەن شەرتلەر بويىچە مۇستەقىللىق تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويمايدىغان يېڭى بىر يېتەكچى يارىتىشتىن باشقا چارىسى قالمىغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي كۆپ قىسمى ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەرلەردىن تەشكىل تاپقان جامائەتچىلىك ئارىسىدا ھېچكىم بىلمەيدىغان يېڭى خادىملارنى تاللاپ چىقىشىپ، نېمىسلارنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان مىللىي تەشكىلات قۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىۋېتىدۇ.
يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، ئادلون يىغىنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن تارتىپ ئېلىنىدىغان جايلارغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي ئىجرائەت جەھەتلەردە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى پۈتۈنلەي سەپتىن چىقىرىپ تاشلاشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان ئىدى. ئادلون يىغىنىدىن كېيىن، روزېنبېرگ ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە مەنسۇپ بولغان ئىشلارغا ئارىلىشىۋالدى دېگەننى باھانە قىلىپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۈستىدىن ھىتلېرغا ئەرز قىلىدۇ. بۇ ئەرزدە تاشقى ئىشلار تەۋەلىكىدە قۇرۇلغان رۇسىيە كومىتېتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان ئىدى. ھىتلېر بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلمايلا قالماستىن، ئىشغال قىلىنغان سوۋېت يەرلىرىدىكى بارلىق ھەربىي ئىشلارنى گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن شەرق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ھەمكارلىشىپ باشقۇرىدىغانلىقىنى، پۇقرالار ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بىلەن ھوقۇقىنىڭ پۈتۈنلەي شەرق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى بېكىتىدۇ. بۇ قارار بىلەن بىرگە يەنە ئىشغال قىلىنغان يەرلەرنىڭ تاشقى ۋاكالەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئېلىش ۋەزىپىسىدىن باشقا ھوقۇقى قالمىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بىر ھېسابتا ھېچقانداق ئىشقا ئارىلاشتۇرۇلماي چەتتە قالدۇرۇلغان.
ۋەلى قېيۇمخاننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا ئورتا ئاسىيا مەسىلىلىرى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەر گېرمانىيەگە ئوقۇغۇچى بولۇپ كېلىپ كېيىن گېرمانىيەدە تۇرۇپ قالغان ۋەلى قېيۇمخان دېگەن بىر ئورتا ئاسىيالىقنى يېتەكچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. 1942- يىلىدىن باشلاپ گېرمانىيە ئۇرۇش سەپلىرىدە جەڭ قىلغان ئورتا ئاسىيا لېجيونى بىلەن ئورتا ئاسىيا مەسىلىلىرىنىڭ سىياسىي تەرىپىگە يېتەكچىلىك قىلىپ كەلگەن ئورتا ئاسىيا مىللىي
ئىتتىپاق كومىتېتىنى ۋەلى قېيۇمخان قۇرۇپ ئۆزى رەھبەرلىك قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. مۇنداق ئېيتقاندا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بويىچە ئورتا ئاسىيا نامىدا قانات يايدۇرۇلغان پائالىيەتلەر بىر مەنىدە ۋەلى قېيۇمخاننىڭ نامى بىلەن ئاتالدى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. شۇڭا، بۇ سىياسىي شەخسكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
قېيۇمخاننىڭ، گېرمانىيەگە كېلىشتىن بۇرۇن ۋە گېرمانىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى دەۋرلىرىنىڭ قىسقىچە بايانىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاپ باقايلى:
مەن تاشكەنتنىڭ پىچاقچى مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئىدىم. بالىلىق چاغلىرىممۇ ئەنە شۇ مەھەلىدە ئۆتكەن ئىدى. كونا تۈزۈمىدىكى مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىمدىن كېيىن، ناۋايى نامىدىكى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇدۇم. ئۇ يەردە مېنى يېتىشتۈرگەن ئوقۇتقۇچىلاردىن بىرى پىترات ئەپەندىم ئىدى. بىلىم ئېلىش ئۈچۈن مېنىڭ بىلەن بىرگە گېرمانىيەگە كېلىپ ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ تاشكەنتكە قايتىپ كېتىپ پروفېسسورلۇق قىلغان، كېيىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن سەتتار جاپپار بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇغان ئىدىم. كېيىن، ئابدۇراۋوپ پىتراتنىڭ تەلىپىگە بىنائەن تاشكەنتتىن بۇخاراغا باردىم. ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا غۇلام ئايۇپ ۋە ئەخمەت شۈكۈر ئىككىسى بىلەن تونۇشتۇم. پىترات بىزگە ھەر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تاپشۇردى. بۇخارا پاسپورتى چىقارتىپ 1921- يىلى سەئىدئەلى مۇئەللىم بىلەن بىرگە يولغا چىقتۇق. ئۇرۇسلار مېنى موسكۋادا تۇتۇپ قالدى. كېيىن پەيزۇللا مۇئەللىم گېرمانىيەگە مېڭىشىدا مېنىمۇ بىرگە ئېلىپ ماڭدى. گېرمانىيەگە بارغاندىن كېيىن پەيزۇللا مۇئەللىم مېنى دېھقانچىلىق ئوتتۇرا تېخنىكومىغا ئوقۇشقا كىرگۈزۈپ قويدى. 1925- يىلى يېزا ئىگىلىك ئالىي مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇدۇم. ئۇ چاغدىكى مەدەنىيەت مىنىستىرى باتۇدىن بىر تېلېگرامما تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇ چاغدا سەمەرقەنتتە بىر سوت مەھكىمىسى بىزنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشقان ئىكەن. تېلېگراممىدا “ۋەتەنگە قايتماڭلار” دېگەن بىرلا ئېغىز گەپ يېزىلغان ئىدى.
شۇنداق قىلىپ ئورتا ئاسىياغا قايتىپ كەتمەسلىك قارارىغا كەلگەن ئىدىم. بۇ ئارىدا گېرمانىيە دۆلىتىنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن ئىككى يىلدەك دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئىشلىدىم. 1928- يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈردۈم. 1930- يىلى سىياسەت ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇدۇم. ئەلاچى بىر ئوقۇغۇچى ھېسابلىناتتىم. مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىمدىن كېيىن دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى ياقىلىدىم. مەن دىسسېرتاتسىيە ماقالەم ئۈچۈن “14- ئەسىردىن بۈگۈنگىچە ئورتا ئاسىيا مەدەنىيىتى” دېگەن تېمىنى تاللىۋالغان ئىدىم. مەن دىسسېرتاتسىيە ماقالەمدە “ئۇ چاغلاردا ئورتا ئاسىيا مەدەنىيىتىگە ئەرەب ۋە پارس مەدەنىيىتى تەسىر كۆرسىتەلمىگەن ئىكەن، بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇرۇس مەدەنىيىتىمۇ ئۆز تەسىرىنى يۇقتۇرالمايدۇ” دەيدىغان ئاساسى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. بۇ جەرياندا فون مەندېنىڭ ئالاھىدە ياردىمىگە ئېرىشكەنىدىم. 1936- يىلى دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەم ماقۇللاندى. ئۇنىڭدىن كېيىن كېيسېر ۋىلھېلم (خانلىق − ئۇ.ت) ئىنستىتۇتىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئورتا ئاسىيا كېۋەزچىلىكى ھەققىدە ئىلمى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندىم. بۇ ئىشىم ئىككى يىل داۋام قىلدى. نەتىجىدە، يازغانلىرىم ئىككى قىسىملىق كىتاب بولۇپ نەشرىدىن چىقتى.
بۇ جەرياندا خەلقئارالىق مۇخبىرلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان ئىدىم، ھەمدە ئادمېرال ترۆتتې مەسئۇللۇقىدا نەشرى قىلىنىۋاتقان «يېقىن شەرق» (دېر ناىې ئوۋستېن) دېگەن ژۇرنالدا “ئارسلانباي” دېگەن تەخەللۇستا مەسئۇل تەھرىر بولۇپ ئىشلىدىم. تەھرىراتتا ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن خادىملار بار بولۇپ، ئۇلار بىلەن يۇمىلاق جوزا مۇنازىرىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇراتتۇق. بۇ يىغىلىش، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ رۇخسىتى ۋە ياردىمىگە تايىنىپ ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان يىغىلىش ئىدى. ئەسلىدە ژۇرنىلىمىزمۇ ئەنە شۇ يىغىلىشلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇتۇقلارنى ئېلان قىلىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان بىر ژۇرنال ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يازغان ماقالىلىرىم نېمىسچە گېزىتلەردىمۇ ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى (1991- يىلى 17- 23 يانۋار كۈنلىرىدە دۈسېلدورفتا ۋەلى قېيۇمخان بىلەن ئۆتكۈزگەن شەخسى سۆھبەت خاتىرەم. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
1922~1933- يىللىرىدا گېرمانىيەدىكى ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن قانات يايدۇرۇلغان ئىجتىمائىي، مەدىنى ۋە قىسمەن سىياسىي خاراكتېردىكى پائالىيەتلەردە ۋەلى قېيۇمخان ئىسمىنىڭ پەقەتلا كۆرۈلمەسلىكى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق بىر ئىش. ئاپتورى، بۇنىڭ سەۋەبىنى قېيۇمخاننىڭ ئۆزىدىن سورىغىنىدا، ئۇ بۇنىڭغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ:
مەن ئۇ ۋاقىتلاردا ئورتا ئاسىيالىقلار تاللىۋالغان ئۇ تۈردىكى سىياسىي يولىغا قوشۇلمايتتىم. ... چەت دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا پائالىيەت قىلىش لازىم دەپ قارايتتىم. ... ئەخمەتجان ئىبراھىم (ئوكاي)، بىز بىلەن بىرگە ئىشلە دېگىنىدە “مەن ئاۋۋال مەكتەپنى پۈتتۈرۈۋالاي، ئاندىن يەنە سىياسەتنىمۇ ئۆگىنىشىم كېرەك، شۇ چاغدىلا بۇ ئىشلارغا ئارىلىشالىشىم مۇمكىن” دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدىم.
ت م ب نىڭ گېرمانىيە شۆبىسى «ياش ئورتا ئاسىيا» نىڭ باش كاتىپلىقىنى ئۈستىگە ئالغان ئىبراھىم يارقىن بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
ۋەلى قېيۇم، بۇخارادىن كەلگەن ياش ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى بىرى ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن سەتتار جاپپار ئىككىسى ئاتاقلىق پىتراتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئىدى. پىترات، بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە تاشقى ئىشلار نازىرى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگىنىدىن كېيىن، ئۇلار ئىككىسىنى بۇخاراغا چاقىرتىپ كېلىپ گېرمانىيەگە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار تىزىمىغا كىرگۈزۈپ قويغانىكەن. گېرمانىيەدە تۇرۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمىزدا قېيۇمخان بىلەن بەك ئارىلىشىپ كەتمەيتتۇق. ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى سەتتار جاپپار ئىدى. سەتتار جاپپارنى سوۋېتلار پايدىلىنىپ يۈرىدۇ دەپ گۇمان قىلىشاتتۇق. شۇڭا بىز سەتتار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشتىن ئۆزىمىزنى چەتكە ئېلىپ يۈرەتتۇق. شۇنىڭغا قارىماي، سەتتار جاپپار بىز بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ يۈرەتتى. ئەمما ۋەلى قېيۇمدا بۇنداق بىر غەم يوق ئىدى.
قېيۇم ھېچ بىر ئوقۇغۇچى بىلەن ئارىلاشمايدۇ دېگۈدەك يالغۇز يۈرەتتى. ئۇ سەتتار جاپپار بىلەن داۋاملىق ئارىلىشىپ ئۆتتىمۇ قانداق، خەۋىرىم يوق. ۋەلى قېيۇم ئورتا ئاسىيا مىللىي ھەرىكەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ يۈرىدىغانلار بىلەن، يەنى مېنىڭدەكلەر بىلەن زادىلا مۇناسىۋەت قىلمىغان ئىدى. سىزگە مەلۇم، ت م ب دېگەن بىر مەخپىي تەشكىلات، شۇڭا، ت م ب غا ئەزا بولماقچى بولغان بىرى ئىنتايىن ئىنچىكە تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتكۈزۈلەتتى. ۋەلى قېيۇم بۇ قاتاردىكى بىرى ھېسابلانمايتتى. مەن تۈركىيەگە قايتىپ كەتكىنىمدە، تاھىر بىلەن ئابدۇلۋاھاپ ئىككىسى گېرمانىيەدە قېلىپ ژۇرنال چىقىرىش ئىشلىرىنى داۋام قىلدى. ئۇ يىللاردا ۋەلى قېيۇمنىڭ ئۇ دوستلىرىمىز بىلەن بىرەر مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق گەپ ئاڭلىمىدىم. مەن ۋەلى قېيۇمنى كۆرگەن ۋاقتىم ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىكى بىر ئىش، يەنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى يىللىرىدا تۈركىيەگە كەلگىنىدە كۆرۈشكەن ئىدۇق.
ئۇ يىللىرىدىكى ت م ب دوكلاتلىرى بىلەن ئەزالار ئارا يېزىشقان خەت- چەكلەرنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىقمۇ ئۇنىڭ ھېچكىم بىلەن ئارىلاشماي يالغۇز ئۆتكەنلىكىنى ئىسپاتلاش مۇمكىن. «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ بېرلىندىكى مەسئۇلى ھابدۇۋاھاپ ئوكتاي پارىژدا تۇرۇۋاتقان مۇستاپا چوقاي ئوغلىغا گېرمانىيەدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھازىرمۇ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ تىزىملىكتىمۇ ۋەلى قېيۇم دېگەن ئىسىم كۆزگە چېلىقمايتتى. بۇ ھەقىقەتەن غەلىتە بىر ئىش. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان يەنە بىر ئەھۋال، 1933- يىلى 15- ماي كۈنى گېرمانىيە شۆبىسى تەرىپىدىن ت ب م مەركىزى كومىتېتىغا ئەۋەتىلگەن گېرمانىيەدىكى ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن قەرز ياكى بېرىلگەن ياردەم پۇل تىزىملىكىنى كۆرسىتىدىغان تىزىملىكتىمۇ پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېگۈدەك ئىسمى يېزىلغان بولۇشىغا قارىماي، بۇ تىزىملىكتە يالغۇز ۋەلى قېيۇمنىڭ ئىسمى يوق ئىدى. بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ۋەلى قېيۇم گېرمانىيەگە كەلگىنىدىن كېيىن باشقا ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن پەقەتلا مۇناسىۋەت قىلىشمىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. ئۇنىڭ يېقىن دوستى بولغان سەتتار جاپپارنىڭ ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا گۇمانغا قالغانلىقىمۇ، ئەسلىلا كۆپ ئارىلاشماي يۈرگەن قېيۇمنى ئورتا ئاسىيالىق ساۋاقداشلىرىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋەتكەن بۆلىشى مۇمكىن.
1933- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا «ياش ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنى چىقىرىۋاتقان گۇرۇھتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى گېرمانىيەدىن كېتىپ قالغان بولۇپ، يالغۇز ۋەلى قېيۇمخانلا گېرمانىيەدە قالغان ئوقۇغۇچى ھېسابلىناتتى. قېيۇمخان، ئۆزى مەسئۇل بولغان «يېقىن شەرق» ژۇرنىلى تەۋەسىدە ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان يىغىلىشلارغا ئابدۇلۋاھاپ ئوكتاي بىلەن تاھىر چاغاتاي ئىككىسىنىڭمۇ بىر قېتىمدىن قاتنىشىپ سۆزگە چىققانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما ئىسمى ئاتالغان ت م ب ئەزاسى بولغان بۇ ئىككىيلەن ھەر تۈرلۈك خەت- چەكلىرىدە ياكى بولمىسا كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلان قىلىشقان ماقالىلىرىدىمۇ بۇنداق بىر گەپنى قىلغانلىقىنى پەقەتلا ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. شۇنىڭدەك يەنە، ۋەلى قېيۇمخان بىلەن مۇستاپا چوقاي ئوغلى ئىككىسىنىڭمۇ 1939- يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن تونۇشقانلىقى مەلۇم. ھابدۇۋاھاپ ئوكتاي بىلەن تاھىر چاغاتاي قاتارىدىكى يېقىن سەپداشلىرى تەرىپىدىن ياخشى تونۇلغان بىر ئادەمنى ئۇلار بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ شۇ چاققىچە تونۇماسلىقى ھەقىقەتەن ئىشەنگىلى بولمايدىغان ھەيران قالارلىق بىر ئىش.
ۋەلى قېيۇمخان، ئۆزىنى مىللىي سوتسىيالىزم پارتىيىسىگە ئەزا بولغانلىقى ئۈچۈن ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاقى ياكى ياش ئورتا ئاسىيا گۇرۇپپىسى قانات يايدۇرۇپ كېلىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماي كەلگەن، دەيدىغان گەپلەرنى قەتئىي تۈردە رەت قىلىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، مەيلى ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن شەخسى سۆھبەتلىرىم جەريانىدا بولۇپ ئۆتكەن گەپلەردىن ياكى ئۇنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا تۇتقان يولىدىن قارىغاندىمۇ، “خوچشكۈلې فۈر پولىتىك” ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسەت كەسپىنى ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا گېرمانىيەدە تەسىرى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان ناتسىئونال سوتسىيالىزم ئىدىيىسىدىن خەۋەر تاپقانلىقى ئېنىق. ئىبراھىم يارقىنمۇ ئۇ دەۋرلەردە ۋەلى قېيۇمخان ناتسىستلار تەرەپدارى بولغان بەزى ژۇرناللارغا ماقالە ئەۋەتىپ تۇرغانلىقىنى، ھەتتا شۇنداق ژۇرناللاردىن بىر- ئىككى پارچىنى ساقلاپ يۈرگەنلىكىنى، ئەمما كېيىن ئۇ ژۇرناللارنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭغا قارىماستىن ۋەلى قېيۇمخاننى ناتسىئونال سوتسىيالىزم پارتىيىسىگە ئەزا بولغان، بۇ پارتىيە ئىچىدە بىۋاسىتە خىزمەت قىلغان دەيدىغان گەپلەرنىڭ ھېچ بىرى ئىسپاتلانمىدى. بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاغدۇرۇۋېتىلگىنىگە قارىماي يەنىلا بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ پاسپورتى بىلەن يۈرگەن ۋەلى قېيۇمخان، دۇنيا گراجدانلىقىغا ئۆتىۋالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا ئۇنىڭغا دىپلومات دېگەن سالاھىيەت بېرىلىپ مەخسۇس پاسپورتمۇ بېرىلگەن. تا ۋاپات بولغان كۈنىگىچە گېرمانىيە گراجدانلىقىغا ئۆتمىگەن بىر ئادەمنى مىللىي سوتسىيالىزم پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى دېيىش ئۇنچە بەك مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولمىسا كېرەك. شۇنداقتىمۇ بۇ پارتىيە ئىچىدە تەسىرگە ئىگە بولغان فون مەندې بىلەن لېيبراندت قاتارىدىكى كىشىلەر بىلەنمۇ يېقىن ئارىلىشىپ ئۆتكەنلىكى راست. بولۇپمۇ لېيبراندت، ۋەلى قېيۇمخانغا ئورتا ئاسىيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە يېزا ئىگىلىكىگە ئائىت مەسىلىلەردە ماتېرىيال توپلاش ۋە بۇ ھەقتە دوكلات تەييارلاش ۋەزىپىلىرىنىمۇ تاپشۇرۇپ تۇراتتىكەن.
(رەسىم ئورنى)
ۋەلى قېيۇمخان، 1942- يىلى
ھىتلېرنىڭ بۇيرۇقى بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى قوزغىتىلغان ھەرىكەت، پارىژ مەھەللىلىرىنىڭ نوگېنت دېگەن بىر بۇلۇڭىدا ياشاۋاتقان ت م ب رەئىسى مۇستاپا چوقاي ئوغلى ئۈچۈن ھاياتىدىكى يېڭى بىر دەۋرىگە ئايلىنىپ قالغىنىغا ئوخشاش، بېرلىندا ياشاۋاتقان ۋەلى قېيۇمخاننىڭ ھاياتى ئۈچۈنمۇ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇرۇش پارتلاش بىلەن تەڭ شەكىللەنگەن ۋەزىيەت بۇ ئىككى ئادەمنىڭ بىر يەردە ئۇچرىشىپ قېلىشىغا، يېقىن ئارىلىشىپ ئۆتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ۋەلى قېيۇمخان شۇ ۋاقىتلارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:
لېخستان (پولشا) ئۇرۇشى پارتلىغان ۋاقىتتا مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ ئەھۋالى بەكلا ناچار ئىدى. مەن 1939- يىلى بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم. شۇ چاغدا مەن ئۇنى بېرلىندىكى شەرق ئىنستىتۇتىغا ئىشقا كىرىشىگە ياردەم قىلغان ئىدىم. چوقاي ئوغلى بۇ ئىنستىتۇتتا پات- پات ئىلمى دوكلات سۆزلەپ تۇراتتى ياكى ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرىغا قاتنىشىپ تۇراتتى. شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا بەلگىلىك مىقداردا ئايلىق مائاش بېكىتىلگەن ئىدى. بەزىدە بىر قىسىم نەرسىلەرنى يېزىپ ئەۋەتىپمۇ تۇرغانىدى. پروفېسسور فون مەندې ئۇنىڭغا بەكلا قايىل بولاتتى. ئۇرۇش پارتلاپ ئەتىسى گېستاپوچىلار مېنى تۇتۇپ تۈرمىگە قاماشتى. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى مېنى تۈرمىدىن چىقىرىۋالدى. بۇ ۋاقىتلاردا مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭمۇ پارىژدا قولغا ئېلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. پروفېسسور مەندې بىلەن لېيبراندتىنىڭ ياردىمى بىلەن پارىژغا بېرىپ چوقاي ئوغلىنى تۈرمىدىن چىقىرىۋالدىم. ئۇكرائىنانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شۇلگىنمۇ تۈرمىدە ئىكەن. ئۇنىڭغىمۇ ياردەم قىلدىم.
مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ رەپىقىسى يازغان ئەسلىمىلەر كىتابىدىنمۇ ۋەلى قېيۇمخان دېگەنلىرىنىڭ راستلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مارىيە چوقاي ئوغلىنىڭ دېيىشىچە، 1939- يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدا گېرمانىيەدىكى مەلۇم بىر ژۇرنالدا ئىشلەيدىغان بۇخارالىق بىر ئۆزبېك بالا فرانسىيەدىكى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ مۇستاپا چوقاي ئوغلىغا پروفېسسور مەندېنىڭ بىر تەكلىپىنى تاپشۇرغان. شۇندىن كېيىن مۇستاپا چوقاي ئوغلى پات- پات بېرلىنغا بېرىپ تۇرىدىغان بولغان. رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن چوقاي ئوغلىنى گېرمانىيەگە ئېلىپ كەتكەن ۋاقتىدا ئايالىغا يازغان بىر پارچە باغاقچە خېتىدە مۇنداق جۈملىلەر يېزىلغان:
قېيۇمخان دائىم مېنىڭ بىلەن بىرگە يۈرمەكتە. قېيۇمخان، بۇ يىل ئەتىيازدا نوگېنتتىكى ئۆيىمىزگە بارغان بالا شۇ. مەن ئۇنىڭ ۋاسىتىسىدا ئورتا ئاسىيالىق ئەسىرلەرگە بېرىلىۋاتقان جازالارنى يۇمشىتىشنى تەلەپ قىلىپ نېمىسلارغا مۇراجىئەت قىلدىم.
1941- يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىن باشلاپ چوقاي ئوغلى بىلەن قېيۇمخان ئىككىسى، لاگېرلاردىكى ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى مىللىتى بويىچە ئايرىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان ئارىلاشما ئەسىر تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىدە ئىشلەشكە كىرىشىدۇ. بۇ لاگېرلاردا ۋابا بىلەن ئۆلۈم يامراپ كەتكەن ئىدى. مۇستاپا چوقاي ئوغلى 1941- يىلىنىڭ دېكابىر ئېيىدا تىفوس كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋېلىپ ئۇزۇنغا قالماي ۋاپات بولىدۇ. بۇ ھادىسە ۋەلى قېيۇمخاننىڭ سالاھىيىتىنىمۇ ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئۇندىن بۇرۇنقى ۋەلى قېيۇمخان، ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان سىياسىي نوپۇزغا ئىگە چوقاي ئوغلىنىڭ يېنىدا ئادەتتىكى بىر تەرجىمان بولۇپ ئىشلەۋاتقان ھەمدە چوقاي ئوغلى بىلەن نېمىس مەسئۇل كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچىلىك قىلىپ يۈرگەن بىرى دەپلا تونۇلاتتى. تۇنجى كۆرۈشۈشتە پروفېسسور فون مەندېنىڭ قىرىملىق يېتەكچىلەردىن مۇستەجىپ ئۆلكۈسالغا دېگەنلىرى نېمىس مەسئۇل كىشىلىرىنىڭ چوقاي ئوغلىغا ۋە ئورتا ئاسىيا مەسىلىلىرىگە بولغان قاراشلىرىنى ئوچۇق ئىپادىلىمەكتە ئىدى:
ئورتا ئاسىيا زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول ۋە نوپۇسىمۇ مىليونلارغا بارغان ئادىمى كۆپ بىر ئەل. سىزلەرنىڭ قىرىمىڭلار ئۇنىڭغا قارىغاندا يېرى كىچىك، نوپۇسىمۇ ئاز بىر يەر. بىز ئورتا ئاسىياغا ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتىمىز. شۇ سەۋەبتىن سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز چوقاي ئوغلىنىڭ ئەھۋالىدىن پەرقلىق بۆلىشى كېرەك. بىزلەر سىزلەرنى پەقەت ھۆرمەتلا قىلىمىز، خالاس.
بۇ سۆھبەتتە ۋەلى قېيۇمخان ئىسمىنىڭ پەقەتلا تىلغا ئېلىنمىغانلىقى، نېمىس رەھبەرلىرى بىلەن فون مەندېنىڭ ئورتا ئاسىيا مەسىلىسىدە مۇستاپا چوقاي ئوغلىنى مۇناسىۋەت قىلىشقا بولىدىغان بىردىن- بىر ھوقۇقلۇق ئادەم دەپ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. چوقاي ئوغلىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بولسا، ئورتا ئاسىيالىق ئۇرۇش ئەسىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسى پۈتۈنلەي قېيۇمخاننىڭ قولىغا قالغان ئىدى. نەتىجىدە، بۇ مۇسىبەت قېيۇمخاننىڭ يولىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەن بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ بىر سىياسىي سالاھىيەتكە ئېرىشكەنىدى.
ۋەلى قېيۇمخان، ئۆزىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى كۆتۈرۈلۈشىنى ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا باشلىغان دېيىشكە بولىدۇ. سۇۋالكى، ئەبەنرودې ۋە شىۋېرېيىن ئەسىرلەر لاگېرىغا بارغان قېيۇمخان، بۇ يەرلەردىكى ئورتا ئاسىيالىق ئەسىرلەرنىڭ ناچار ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ شارائىتلىرىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە گېرمانىيە دائىرىلىرىگە نارازىلىق تۈسىنى ئالغان دوكلات سۇنۇشقا جاسارەت قىلالىغان تۇنجى كىشى ھېسابلىناتتى. بۇرۇندىن تارتىپ تونۇشىدىغان لېيبراندتنىڭ شەرق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى سىياسىي باشقارما باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى، يەنە شۇ مىنىستىرلىقنىڭ كاپكازىيە ۋە ئورتا ئاسىيا باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى بولغان پروفېسسور مەندې بىلەن ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتلەر ۋەلى قېيۇمخاننى باشقا مىللەت ۋاكالەتچىلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئۈستۈن بىر ئورۇنغا ئىگە قىلغان ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە، گېرمانىيەنىڭ ئىشغال قىلىش سىياسىي پىلانى تەركىبىدە ئورتا ئاسىيا تەۋەسىنىڭ يوقلۇقى، ئورتا ئاسىيا لېجيونىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئورتا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك مىللىي ھەيئەت تەشكىل قىلىنىشىنى بەكلا ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغان يەنە بىر ئامىل بولغان ئىدى.
ۋەلى قېيۇمخاننىڭ ئابرۇيىنى ئۆستۈرگەن يەنە بىر ئەھۋال، 1942- يىلى ماي ئېيىدا سوۋېت دۈشمىنى بولغان مىللەتلەر يېتەكچىلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئادلون يىغىنىدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ يىغىنغا تەييارلىق قىلىش پەيتلىرىدە ۋەلى قېيۇمخان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇلى بولغان باش ئەلچى شۇلېنبۇرگنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، سابىق مۇساپىر يېتەكچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت باغلاش ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. بۇ ئىش ئۈچۈن پارىژغا بارغان ۋەلى قېيۇمخان، پارىژدىكى سابىق پرومېتېچىلار يېتەكچىلىرى بىلەن بىر- بىرلەپ كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى بېرلىنغا بېرىشىغا قايىل قىلغان ئىدى. ئادلون يىغىنى مەيلى گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ ياكى بېرلىنغا چاقىرىلغان مۇساپىر يېتەكچىلىرى كۈتكەندەك نەتىجە بېرەلمىگەن بولسىمۇ، سابىق مۇساپىر يېتەكچىلەرنىڭ نېمىسلار بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت قىلىشنى خالىماسلىقى، ئوتتۇرىغا چىقىدىغان يېڭى سىياسىي كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت قىلىش ساھەسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ بەرگەن ئىدى. يىغىندىن بۇرۇنقى تەييارلىق ئىشلىرىدا زور نەتىجە ياراتقان ۋەلى قېيۇمخانغا ئادلون يىغىنى يېڭى بىر يول ئېچىپ بەرگەن ئىدى. ئەمدى ئۇ، نېمىس مەسئۇللىرىمۇ ئېتىراپ قىلىدىغان سىياسىي سالاھىيەتكە ئىگە بىرى ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭغا دىپلومات دېگەن سالاھىيەت بېرىلگەن، مەخسۇس بىر تۇرالغۇ بىنا تەقسىم قىلىنغان.
ئورتا ئاسىيا مىللىي ھەيئىتىنىڭ قۇرۇلۇشى
قېيۇمخان، 1942- يىلىنىڭ كىرىشىدىن تارتىپ ئارىلاشما ئەسىر ئايرىش ھەيئىتى ئورنىغا، ھەر قايسى مىللەتلەر ئۈچۈن ئايرىم- ئايرىم مىللىي ھەيئەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يول مېڭىپ يۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرى دەسلەپكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدىلا ئۆز مېۋىسىنى بېرىشكە باشلاپ، ماي ئايلىرىدا ئورتا ئاسىيا ھەيئىتىنى قۇرۇش تەلىپى تەستىقلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئورتا ئاسىيا لېجيونى بىلەن، گېرمانىيە ئارمىيىسى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان سىياسىي تەشكىلدىن بىرى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئورتا ئاسىيا مىللىي ھەيئىتى كېيىنكى ۋاقىتلاردا قۇرۇلىدىغان ئورتا ئاسىيا مىللىي كومىتېتىنىڭمۇ دەسلەپكى باسقۇچى بولۇپ، ئەگەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىش ئېلىپ بارالىسا بۇ ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئىشمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرەلىگەن بولاتتى.
ئورتا ئاسىيا ھەيئىتى، 1942- يىلى 15- ئىيۇندىن باشلاپ لېجيوندىكى ئەسكەرلەر ئۈچۈن «مىللىي ئورتا ئاسىيا» نامىدا بىر ژۇرنال چىقىرىشقا باشلايدۇ. چوقاي ئوغلىنىڭ «ياش ئورتا ئاسىيا» نىغا ئوخشىتىپ باش ماقالىسىگە «بىزنىڭ يولىمىز» دېگەن ئات قويۇلغان بولۇپ، ژۇرنالنىڭ باش بېتىگە “ئورتا ئاسىيا مىللىي ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ژۇرنال” دېگەن سۆز يېزىلغان ئىدى. ماقالىدا “ماڭىدىغان يولىمىز ئەجدادلارنىڭ يولى، غايىمىز ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىقى” دەپ تەرىپ بېرىلمەكتە ئىدى.
«مىللىي ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ خوجايىنى بىلەن باش تەھرىرى ۋەلى قېيۇمخان ئىدى. ئورتا ئاسىيادىكى ھەر بىر تۈرك قوۋمىدىن ئىككىدىن كىشى تاللىنىپ تەھرىرات گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىنىدۇ. ژۇرنال تىلى ئۈچۈن بارلىق قوۋملار چۈشىنەلەيدىغان بىر تىل سۈپىتىدە چاغاتاي تىلى تاللىنىدۇ. تىل تاللاش ھەققىدە بىر پارچە ماقالە يازغان ھۆكۈمەت ۋاكالەتچىسى، تۈركولوگ جوھاننېس بېنزىڭ، “ئەركىن ئورتا ئاسىيانىڭ يېزىق تىلى بىرلا خىل بۆلىشى كېرەك، بۇ تىل مىللىي ئورتا ئاسىيانىڭ يېزىق تىلى بولۇپ كەلگەن چاغاتايچىدور” دەپ يازىدۇ. شۇ ئارقىلىق قوۋملار ئوتتۇرىسىدىكى شېۋە پەرقى سەۋەبىدىن ئىختىلاپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىلغان ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، ژۇرنالدا پات- پات قازاق شېۋىسى بىلەن تاجىك تىلىدا ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ تۇرغانلىقى، ئوتتۇر يول دەپ تاللىۋېلىنغان بۇ چارىنى ھەممە كىشى قوبۇل قىلىپ كېتەلمىگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. 1942- يىلى بويىچە داۋام قىلغان تەشكىللىنىش جەريانىدا ۋەلى قېيۇمخاننىڭ بىردىن- بىر مەسئۇل كىشى ئىكەنلىكى مەلۇم. ئۇنىڭدىن باشقا ھەيئەت ئەزالىرى ئەسىرگە چۈشكەن ئورتا ئاسىيالىقلاردىن تەشكىل تاپقان ئىدى.
قېيۇمخان، بىر تەرەپتىن نېمىس مەسئۇللىرىنى سىياسىي ئورگاندىن بىرنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قايىل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى ئۈچۈن تەبىئىي بىر لىدېر سېيماسى يارىتىش ئۈچۈنمۇ تىرىشىدۇ. ئەسىرگە چۈشكەن ئورتا ئاسىيالىقلار ئۇنى، نېمىسلار تەرىپىدىن بىر يەرگە يىغىۋېلىنغان كىشىلەر توپىنىڭ يېتەكچىسىلا ئەمەس بەلكى چەتئەلدە ئورتا ئاسىيا ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كۈچلەرنىڭ ئاكتىپ يېتەكچىسى دەپ تۆنىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىش ھېسابلىناتتى. قىسقا مۇددەتلىك بولسىمۇ چوقاي ئوغلىدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىچى- سىرتىدا ياشايدىغان ئورتا ئاسىيالىقلار ياخشى تونۇيدىغان داھىيسى بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغان بىرى بولغانلىقى، ئۇنى بۇ جەھەتتە ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان بىر ئورۇنغا ئىگە قىلغان ئىدى. ئەمما ۋەلى قېيۇمخانغا بۇنچىلىك ئابرۇي يېتەرلىك ھېسابلانمايتتى. ئۇ، ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئابرۇي تەلەپ قىلماقتا ئىدى. «مىللىي ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىدا ئۆزى بىۋاسىتە قەلەمگە ئالغان بىر ماقالىدا مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:
ئەگەر بۈگۈن ئورتا ئاسىيالىقلار شۇنچە ياخشى ئەھۋالغا كېلەلىگەن بولسا، شۇنىڭدەك ئۇلارنى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ھۆرمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولسا، بۇ ئەھۋال ئۆزىچىلا پەيدا بولغان ياكى تۇيۇقسىزلا ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ئەھۋال بولماستىن، بىزنىڭ بۇ يەردە 20 يىللىق كۈرەش قىلغانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسىدۇر.
«مىللىي ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان يەنە بىر ماقالىدا، بۇنداق سالاھىيىتىنى تېخىمۇ پۇختىلاش ئۈچۈن تىرىشقانلىقى كۆرۈلمەكتە:
مۇستاپا چوقاي ئوغلى فرانسىيەدە پائالىيەت قىلىپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا ۋەلى قېيۇمخانمۇ ئورتا ئاسىيا مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئۈستىدە گېرمانىيەدە پائالىيەت قىلماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى بىرلا غايىنى مەقسەت قىلىدۇ: ئورتا ئاسىيادا مۇستەقىللىق. سوۋېت- گېرمانىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ۋەلى قېيۇمخان پارىژغا بېرىپ مۇستاپا چوقاي ئوغلىنى بېرلىنغا ئېلىپ كېلىپ ئۆز يېنىغا ئېلىۋالدى. ئۇلار بىر- بىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىشلىدى. … مۇستاپا چوقاي ئوغلى سەكراتتا ياتقان ۋاقتىدا، ۋەلى قېيۇمخانغا: “ئالدىڭىزدا سىزنى ئىنتايىن ئېغىر كۈنلەر كۈتمەكتە، يالغۇز قالدىڭىز. ئورتا ئاسىيانىڭ بارلىق ئىشلىرىنى سىزگە ئامانەت قىلدىم. ئەسىرلەر لاگېرىدا ئورتا ئاسىيالىق ياشلار مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئورتا ئاسىيا چوقۇم مۇستەقىل بولالايدۇ” دەپ ۋەسىيەت قالدۇرغان.
يۇقىرىدىكى قۇرلاردىن شۇنى ئوچۇق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ۋەلى قېيۇمخان باشلىغان بۇ ھەرىكەتنى 1920- يىللىرىدىن بېرى چەتئەلدە قانات يايدۇرۇپ كېلىنگەن ئورتا ئاسىيا مىللىي ھەرىكىتىنىڭ داۋامى دەپ تونۇلۇشقا ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. بارلىق ئەزالىرى تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ت م ب نىڭ ھوقۇقلۇق ئورگىنى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنماسلىقى ۋە ئۇلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشەلمەسلىكى سەۋەبىدىن، بۇ ھەرىكىتىنى ئۇلار يۈرگۈزگەن ھەرىكىتىنىڭ داۋامى دەپ تونۇتۇشتا مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ ئىناۋىتىدىن پايدىلىنىش مەقسەت قىلىنغان ئىدى. ئەگەر ۋەلى قېيۇمخان چوقاي ئوغلىنىڭ مىراسچىسى دەپ قوبۇل قىلىنغىنىدا، تەبىئىي ھالدا لىدېر دەپ تونۇلىدىغانلىقى بىر مۇقەررەرلىك ئىدى. بۇنداق بىر دەرىجىگە ئېرىشەلىگەندە، يالغۇز ئۇرۇش ئەسىرلىرىنىڭلا ئەمەس بەلكى چەتئەلدىكى بارلىق ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشەلىشىمۇ ئانچە تەسكە توختىمىغان بولاتتى.
ئورتا ئاسىيا لېژيونى
ئەسىرلەر تېخى تۈنۈگۈن، بەلكىم بۈگۈن سەھەردە ئەسىرلەر لاگېرىدىن چىقىرىلىپ بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكى كۆرۈنۈپلا تۇراتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يېرىم يالىڭاچ، يالاڭئاياق بولۇپ، ئورنىدىمۇ ئارانلا تۇرالايدىغان ھالەتتە ئىدى. ھېچقايسىدىن سەس- سادا چىقمايتتى. … سىر ئۇزۇنغا قالماي ئاشكارىلاندى.
“ئورتا ئاسىيا ئارمىيىسى” دېگەندەك گەپلەر قۇلىقىمغا كىرگەندەك قىلدى. شۇ پەيتتە، ھەتتا ئۆزۈممۇ سەزمەستىن قەلبىمدە ياتقان تۇيغۇلىرىمنى ھېس قىلماقتا ئىدىم، ئەنە شۇ پەيتلەردە، قاراڭغۇلۇقنى يېرىپ چاقناپ كۆرۈنۈشكە باشلىغان ئاجايىپ بىر مەنزىرە كۆز ئالدىمدا نامايان بولماقتا ئىدى: ئورتا ئاسىيا ئارمىيىسى … ياشلىق ئۆمرۈمدە ھېچقاچان تىلغا ئالالماي كەلگەن بۇ ئىككى ئېغىز سۆز، ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقاپ يېرىلىپ كەتكەن لەۋلىرىمدىن گويا ئەتىر گۈلدەك پورەكلەپ ئېچىلماقتا ئىدى … دەم ئېلىشقا توختىغان يەرلەردە ئاچلىق، ھارغىنلىق ئىچىدە ياتقان باشقا ئورتا ئاسىيالىقلارمۇ ئورۇنلىرىدىن ئىرغىپ تۇرۇپ يۈك ماشىنىمىزغا ئاتلاپ چىقماقتا ئىدى. …
ئېسىمدە قېلىشىچە، كۈن پارلىغان ئاپرېل سەھىرىدىن بىرى ئىدى. بىزنى ئېلىپ ماڭغان كامىيونلار (قارا ماشىنا، يۈك ماشىنىلىرى − ئۇ. ت) ۋارشاۋانىڭ ئوتتۇز كىلومېتىردەك شەرقىي جەنۇبىدىكى لېژيونوۋو بازىرىغا يېتىپ كەلدى. بىز ۋە كەينىمىزدىن يېتىپ كەلگەن قارا ماشىنىدىكى ئەسىرلەر قاتار كەتكەن ئاكاتسىيە دەرەخلىرى ئىچىدىن كېسىپ ئۆتكەن توپىلىق يولغا چۈشۈپ يېيىلدۇق. ئوتتۇرىدا ئىككى قەۋەتلىك قوماندانلىق شتاب بىناسى، ئۇنىڭ ئەتراپىدا تاختايدىن قۇرۇلغان ياتاق ئۆيلەر بار ئىدى. بۇ يەر، ئۆز ۋاقتىدا پولشا ئارمىيىسىگە تەۋە قارارگاھلىرىدىن بىرى ئىكەندۇق. مانا ئەمدى بۇ يەر ئورتا ئاسىيا لېژيونىنىڭ قارارگاھى ئىدى. … بۇ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىدى. بۇ يەر ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ يولدا مېنى نېمىلەرنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتىم. … شۇنىڭغا قارىماي بۇ يەردە بولالىغىنىم ئۈچۈن بەكلا رازى ئىدىم. ھېچ بولمىغاندا بۇندىن كېيىن يالغۇز بېشىمغا يول ئاختۇرۇپ يۈرۈشتىن قۇتۇلغان ئىدىم. … ئەمدى مەن ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان، بۇندىن كېيىنكى ھاياتىم ھەقىقىي مەنىگە ئېرىشكەن ھېسابلىناتتى.
بىز ھەممىمىز كىيىملىرىمىزنى سېلىپ پاكىز يۇيۇندۇق، كونا سوۋېت ھەربىي كىيىملىرىمىزنى ئوتقا تاشلاپ، ئۇچىمىزغا يېڭى نېمىس ھەربىي كىيىملىرىنى كىيىشتۇق. … ھەممىمىز كېلىپ سەپ بولۇپ تىزىلدۇق. ياش بىر قازاق ساپ رۇس تىلى بىلەن بۇندىن كېيىن ئەسىرلىكتىن قۇتۇلغانلىقىمىزنى، ئورتا ئاسىيا لېژيونېر سېپىدا ئىكەنلىكىمىزنى، بۇندىن كېيىن ئورتا ئاسىيانىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن جەڭ قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېلان قىلدى. …
مەن ئۆزۈمنى يەنىلا بىر ئەسىر دەپ ھېس قىلاتتىم.
ئۇمان ئەسىرلەر لاگېرىنىڭ سىرتىدا ئىدىم، قورسىقىممۇ توق، شۇنىڭغا قارىماي يەنىلا بىر ئەسىر ئىدىم.
پەقەت قەلبىملا ھۆر ئىدى.
ھۆر روھۇمنى شات قىلىشنىڭ يولىنى ئاختۇرۇپ تېپىشتىن باشقا مېنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق بىر ئىشنىڭ قىممىتى يوق ئىدى.
چىڭگىز تاغچىنىڭ يۇقىرىدا نەقىل قىلىنغان ئەسلىمىلىرىدە ئېيتىلغىنىدەك، ئون مىڭلىغان ئۇرۇش ئەسىرلىرىنىڭ ئۈمىد نۇرى ھېسابلىنىدىغان ئورتا ئاسىيا لېژيونى 1942- يىلى يانۋار ئېيىدا قۇرۇلىدۇ. بۇ قوشۇن ئاساسلىقى ئۆزبېك، تۈركمەن، قازاق، قىرغىز، قاراقالپاق ۋە تاجىك قاتارلىق قوۋملارغا مەنسۇپ ئۇرۇش ئەسىرلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە ئۆز مىللىتىگە تەۋە مىللىي لېژيون تەشكىل قىلىنمىغان قىرىم ۋە ئىدىل- ئۇراللىق ئۇرۇش ئەسىرلىرىمۇ ئورتا ئاسىيا لېژيونىغا ئەۋەتىلمەكتە ئىدى. بۇ قىسىملار، يەنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ مىللىي لېژيون دەسلىپىدە گېنېرال ئوسكار فون نيېدېرمايېر قوماندانلىقى ئاستىدىكى 162- دېۋىزىيىنىڭ قارمىقىدا قۇرۇلىدۇ.
نيېدېرمايېر، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە تۈركىيە بىلەن ئىراندا تۇرغان، ئاندىن ئافغانىستانغا ئەۋەتىلگەن نېمىس ھەيئىتىنىڭ ھەربىي مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئالغان بىرى ئىدى. نيېدېرمايېر، شۇ ۋاقىتلاردا ئەنگلىيەلىكلەرگە ئەسىر چۈشۈپ ھەزەر دېڭىزىدىكى نارگىن ئارىلىغا قامالغان، بولشېۋىكلەر ئىنقىلابى دەۋرىدە ئۇ يەردىن قويۇۋېتىلىپ يۇرتىغا قايتۇرۇلغان تەجرىبىلىك بىر ئەسكەر ئىدى. شەرق ئەللىرىدىكى تۆھپىلىرى ئۈچۈن كايزېر (پادىشاھ − ئۇ. ت) ۋىلھېلم قەھرىمانلىق ئوردىن بىلەن ئۇنى تارتۇقلىغان، تۈركىلەرنى بىۋاسىتە تونۇيدىغان بىرى ئىدى.
ھەرقايسى لاگېرلاردىكى ئۇرۇش ئەسىرلىرىگە، ئەگەر خالىساڭلار ئورتا ئاسىيا لېژيونىغا قاتنىشىڭلار دەپ تەرغىب قىلىنغاچقا، پىدائىي بولىدىغانلار بۇ يەرگە يوللانماقتا ئىدى. لېژيونېرلاردىن ئابدىراخمان كاسانلى (ئابدىراخمان كاسانلى، 1942- يىلى نېمىسلارغا ئەسىر چۈشكەن. كېيىن ئورتا ئاسىيا لېژيونىغا قاتنىشىپ پولشا، يوگسلاۋىيە، ۋېنگىرىيە ۋە ئاۋسترىيە قاتارلىق ئەللەردە ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. ئۇرۇش ئاخىرلىشىۋاتقان كۈنلەردە ئىتالىيەدە ئەنگلىيەلىكلەرگە ئەسىر چۈشىدۇ. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىر مۇددەت گېرمانىيەدە تۇرۇپ قالىدۇ. 1949- يىلى تۈركىيەگە كېلىۋېلىپ نازىللىغا ئورۇنلىشىدۇ. 1975- يىلى نازىللى كېۋەزچىلىك تەتقىقات ئورگىنىدا پېنسىيىگە چىقىدۇ. بۇ كىتاب يېزىلىۋاتقان ۋاقىتلاردىمۇ يەنىلا شۇ نازىللىدا تۇراتتى. − ئا.ھ. ئىزاھاتى) ئەسلىمىسىدە لېژيونېرلىككە قوشۇلۇش جەريانى مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:
بىزدىن 120 مىڭ ئەسكەر ئەسىرگە چۈشكەن ئىدى. بىزنى بىر يەرگە يىغدى. سەككىز سوتكا تىزىلىپ يول يۈردۇق. ئىچىدىغانغا سۇ، يەيدىغانغا نان يوق، يامغۇر تىنماي قۇيۇلۇۋاتقان، يامغۇر ئاستىدا يېتىپ، يامغۇردا يول يۈرەتتۇق. ئۇكرائىنا دېگەن بەكلا كەڭرى، پايانسىز كەتكەن بىر يەر ئىكەن. يول بويىدا مال- چارۋىلارنىڭ تېزىكى بىلەن بۇلغىنىپ كەتكەن كۆلچەكلەر ئۇچراپ قالاتتى. بىز ئۇسسىغاندا شۇ سۇلاردىن ئىچەتتۇق. … ئاخىرى تىكەنلىك سىم تورلىرى بىلەن قورشالغان چوڭ بىر لاگېرغا يېتىپ كەلدۇق. ئۇ يەردە ھەممە مىللەت ئادەملىرى بار ئىدى. … لاگېردا ئارىمىزدىن يەھۇدىيلارنى ئاختۇرۇشتى. … بىزنىڭ بالىلارنىڭ كۆپ قىسمىنى يەھۇدىي ئىكەنسەن دەپ ئۆلتۈرۈۋېتىشتى. ئىچىمىزدە رۇسىيەدە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغان ئۆزبېك بالىلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار بېرىپ كوماندىرلارغا بىزنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلىكىمىزنى ئېيتتى. شۇنداق قىلىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالدۇق. … لاگىرلارنىڭ ئەھۋالى بەكلا ناچار ئىدى. ئاچ- يالىڭاچلىقتا بىر- بىرلەپ ئۆلۈپ تۈگىمەكتە ئىدۇق. 1920- يىللاردا گېرمانىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ئۆزبېكلەر بار ئىكەن. شۇلاردىن ۋەلى قېيۇمخان دەيدىغان بىرى كېلىپ: “مەن سىلەرنى بۇ لاگېردىن قۇتقۇزغىلى كەلدىم، قايسىڭلار بۇ ئەسىرلەر لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشنى خالايسىلەر؟” دەپ سورىدى. بىز ئۇنىڭغا، ھەممىمىز خالايمىز دەپ جاۋاب بەردۇق. ئەمدى بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئىككىلا يول قالغان ئىدى: يا ئۆلۈپ تۈگىشىش، يا بولمىسا قۇتۇلۇش. ھەممىمىز جېنىمىزنى ساقلاپ قېلىش يولىنى تاللىدۇق ئەلۋەتتە. … ئۇلار بىزنى باشقا بىر لاگېرغا ئېلىپ باردى. بىز ئۇ يەردە ئۈچ ئايدەك ۋاقىت تۇرۇپ قالدۇق. نېمىس ئارمىيىسى تەۋەسىدە ئورتا ئاسىيا قىسمى قۇرۇلغانىكەن. بىلىكىمىزگە “ئاللا بىز بىلەن” دېگەن سۆز يېزىلغان يەڭلىك تاقاشتى.
بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئورتا ئاسىيالىق ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەرلەرگە نىسبەتەن ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن- بىر يولى ئورتا ئاسىيا لېژيونىغا پىدائىي بولۇپ قېتىلىش ئىدى. ئەسىر ھەيئەتلىرى لاگېرلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئەسىرلەر بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئىختىيار قىلغان پىدائىيلارنى تاللاشقا كىرىشكەن ئىدى. ئەمما مىليونلىغان ئەسىر يىغىلغان بىر مۇھىتتا ئەسىرلەر بىلەن بىردىن- بىردىن كۆرۈشۈپ پىدائىيلارنى تاللاپ چىقىش ئاسان ئەمەس ئىدى. شۇندىن كېيىن گېرمانىيە ھەربىي قوماندانلىقىنىڭ ئەسىر ھەربىيلەرنى ئالدىنقى سەپلەردە ئۇرۇشقا سېلىش ئىشىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ پىدائىي بولۇشنىڭ شەرتلەر پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. كىيېۋدىكى بىر ئەسىرلەر لاگېرىدا تۇرغان ئورتا ئاسىيا لېژيونېرى بولغان ئالىم راباتلىقنىڭ ئەسلىمىلىرى مەجبۇرى ئەسكەرلىككە ئېلىشنىڭ تىپىك ئۈلگىسىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە (ئورتا ئاسىيا لېژيونېرى بولغان راباتلىق، رۇسىيە، رۇمىنىيە ۋە نورماندىيە ئالدىنقى سەپلىرىدە ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1949- يىلى تۈركىيەگە كېلىپ ئايدىنغا ئولتۇراقلاشقان. − ئا.ھ. ئىزاھاتى):
كىيېۋدىكى بىر ئەسىرلەر لاگېرىدا تۇرۇۋاتقىنىمدا ئۇ يەردە 20 مىڭدەك ئەسىر بار ئىدى. … كۈندە 20- 30 كىشى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ تۇراتتى. پىتمۇ بەكلا كۆپ ئىدى. خۇدا ساقلىدى، بىزمۇ ئامان قالدۇق. …
1942- يىلى 25- فېۋرال كۈنى بىر نېمىس ئوفىتسېرى بىلەن بىر پۇقرا تەرجىمان كەلدى. “قايسىڭلار مۇھەممەدى، مۇسۇلمان بولساڭلار قولۇڭلارنى كۆرۈڭلار” دېدى. قورققانلار قولىنى كۆتۈرمىدى. مېنىڭدەك قورقمايدىغانلار قولىنى كۆتۈردى. … بۇ لاگېردىكى 20- 25 مىڭدەك ئەسىر ئارىسىدىن ئۈچ مىڭدەك مۇسۇلمان ئايرىلىپ چىقتۇق. بىزنى تۆمۈريول ئىستانسىغا ئاپىرىپ قىزىل رەڭلىك بىر پويىزغا ئولتۇرغۇزۇپ 400 كىلومېتىر يىراقتىكى راۋلى دەيدىغان بىر شەھەرگە ئېلىپ كېلىشتى. ئۇ يەردە كونا بىر ئۇرۇس قارارگاھىنى تەييارلاشقانىكەن. رۇسىيە ھەربىي كىيىملىرىمىزنى سېلىپ تاشلىدۇق. مۇنچىغا چۈشۈپ يۇيۇندۇق، نېمىس ھەربىي فورمىلىرىنى، ئۆتۈكلىرىنى كىيىشتۇق. شۇنداق قىلىپ لاگېردىن نېمىس ئەسكىرىگە ئايلىنىپ چىقتۇق. … بىزنى ئورتا ئاسىيا پىدائىيلىرى دەپ ئاتاشتى. ئوڭ بىلىكىمىزگە يۇمىلاق قىلىپ تىكىلگەن “ئاللا بىز بىلەن” دېگەن يەڭ بەلگىسىنى تاقىدۇق. شۇ يەردە ھەربىي تەلىم- تەربىيە كۆردۇق. ئاندىن كېيىن بىزنى رۇسىيەنىڭ بىر شەھىرىگە ئاپىرىپ تاشلاشتى. … شۇنداق قىلىپ ئۇ يەردە جەڭگە كىرىپ كەتتۇق.
ئورتا ئاسىيا لېژيونى دەسلىپىدە ھەر بىرىدە تۆتتىن ۋوزىۋوت بولغان بەش روتىدىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى. بۇ يەرگە كەلتۈرۈلگەن ئەسىرلەر ئىككى ھەپتىگىچە تويغىچە تاماق يەپ ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن تەلىم تەربىيە باشلىناتتى. بۇنداق ھەربىي تەلىم تەربىيە مۇددىتى ئادەتتە ئىككى ئايدەك داۋام قىلاتتى. تەلىم تەربىيىسىنى پۈتتۈرگەن ئەسكەرلەر ئايرىم- ئايرىم گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ گېرمانىيە ئالدىنقى سەپلىرىدىكى ھەر قايسى قوماندانلىق شتابلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلەتتى. ئاندىن ئۇلارنىڭ ئورنىغا يەنە يېڭىدىن تاللانغان ئەسىرلەر ھەربىي تەلىم تەربىيىگە كەلتۈرۈلەتتى. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا تەلىم- تەربىيە كۆرگەن ئەسكەرلەر كۆپىنچە ھاللاردا تۆمۈر يوللارنى ياكى قورال ئىسكىلاتلىرىنى قوغداشقا ئوخشاش ئامانلىقنى ساقلاشقا دائىر ئىشلىرىغا قويۇلاتتى. 1942- يىلىنىڭ ياز ئايلىرىغا كەلگەندە ئۇكرائىنا بىلەن پولشادەك ئىشغال قىلىنغان جايلاردا پارتىزانلىق ھەرىكەتلىرى كۆپىيىپ كېتىپ ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى يېتىشمەي قالغاچقا، ئورتا ئاسىيا لېژيونېرلىرىنى بۇ جايلارغا يۆتكەپ كېلىپ ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ. تۇنجى قېتىملىق بىۋاسىتە جەڭگە سېلىنغان ئورتا ئاسىيا لېژيونىنىڭ بىرىنچى باتاليونى 1942- يىلى 3- ماي كۈنى قىزىل پارتىزانلار بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن پولشانىڭ بريانسك ئورمانلىقلىرىغا ئەۋەتىلگەن ئىدى. تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىغانلىقى ئۈچۈن، شۇ يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئورتا ئاسىيا لېژيونلىرى پۈتۈن ئۇرۇش سەپلىرىگە ئەۋەتىلگەن.
مىللىي ئورتا ئاسىيا ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئورتا ئاسىيا لېژيونىنىڭ تەرەققىياتى
ۋەلى قېيۇمخان، ئۇزۇنغا سوزۇلغان تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە، ئاخىرى ئورتا ئاسىيا نامىدا پائالىيەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە سىياسىي كومىتېتتىن بىرنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن نېمىس دائىرىلىرىنى ماقۇلغا كەلتۈرىدۇ. قېيۇمخان، بۇ كومىتېتنى قۇرۇش جەريانىدا شەرق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن مۇنداق ئۈچ ئاساسى پرىنسىپ ئۈستىدە كېلىشكەنلىكىنى ئېيتىدۇ: بىرىنچىدىن، ئورتا ئاسىياغا قارىتىلغان بارلىق سىياسىي پائالىيەتلەر كومىتېتنىڭ تىزگىنىدە بۆلىشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، قۇرۇلۇۋاتقان ئورتا ئاسىيا لىژيونىمۇ كومىتېتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، لېژيونېرلار نېمىس ئەسكەرلىرى بىلەن تەڭ ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بۆلىشى كېرەك؛ ئاخىرقى بىر ئىش، ئىقتىسادى جەھەتتە كومىتېت بىلەن لىژيونلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەمىنلىنىشى، ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگىنىدىن كېيىن بۇ قەرزلەر تۆلىنىدىغان بۆلىشى كېرەك.
«مىللىي ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىنىڭ 1942- يىل نويابىر سانىدا مىللىي ئورتا ئاسىيا ئىتتىپاق كومىتېتى قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنىدۇ. تەشكىلى ئىشلىرىغا بۇ كومىتېت مەسئۇل بولىدىغان ئورتا ئاسىيا لېژيونىمۇ «ئورتا ئاسىيا مىللىي كۈرەش ئىتتىپاقى» دەپ ئاتىلىدۇ. ۋەلى قېيۇمخان، ھىملېرگە يازغان بىر پارچە خېتىدە بۇ كومىتېتنىڭ رەسمىي قۇرۇلۇش كۈنىنى 1942- يىلى 14- نويابىر دەپ كۆرسەتكەن. 21 كىشىلىك بۇ كومىتېتتا رەئىستىن باشقا يەنە بىر باش كاتىپ، ھەربىيلىك، تەلىم- تەربىيە، بىلىم، ئەدەبىيات، نەشرىيات، ئاخبارات، سەھىيە، دىن قاتارلىق ساھەلەر بويىچە بۆلۈم باشلىقلىرى بىلەن مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى قاتارلىق كىشىلەرمۇ بار ئىدى. كومىتېتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، تۆۋەندىكىچە بىر ئۇقتۇرۇشمۇ بىرلىكتە ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ ئۇقتۇرۇش تەپسىلىي كۆزدىن كۆچۈرۈلگەندە، رەھبەرلىك قىلىش بىلەن لىدېرلىك ئورنى جەھەتتە ئىنتايىن ئېنىق بەلگىلىمىلەر قويۇلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:
بۇ كومىتېت ئورتا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك (بۈگۈنكى ۋە كېلەچەكتىكى) بارلىق سىياسىي ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ئورتا ئاسىيا مىللىي كۈرەش ئىتتىپاقىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاق كومىتېتى، ئورتا ئاسىيا مىللىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. كومىتېتنىڭ قۇرۇلۇشى بىردىن- بىر رەھبەر پىرىنسىپىغا ئاساسلانغان بولۇپ، بۇ رەھبەر، كومىتېت رەئىسى ۋە پۈتۈن ئورتا ئاسىيالىقلارنىڭ لىدېرى بولغان ۋەلى قېيۇمخاندۇر. ئورتا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك (بۈگۈن ۋە كەلگۈسىدىكى) بارلىق ئىشلار ۋەلى قېيۇمخاننىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ.
ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاخىرىدا بۇ بەلگىلىمىلەر گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن. كېيىنكى يىللاردا ئېغىر زىددىيەتلەر ۋە تالاش- تارتىشلارغا سەۋەب بولىدىغان بىردىن- بىر رەھبەر − فۈھرېر پىرىنسىپى، قېيىمخاننىڭ دېيىشىدىن قارىغاندا يالغۇز گېرمانىيەدىكى پائالىيەتلەر بىلەن چەكلىنىپ قالمايتتى. «مىللىي ئورتا ئاسىيا» مەجمۇئەسىدىكى سوئال- جاۋاب شەكلىدىكى بىر ماقالىدا بىر لېژيونېرنىڭ “كېلەچەكتە ئورتا ئاسىيانىڭ تۈزۈمى قانداق بولىدۇ؟” دېگەن سوئالىغا “ئورتا ئاسىيامۇ بىردىن- بىر رەھبەر پىرىنسىپى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. بەلكىم رەھبەرنىڭ ئەتراپىدا مەسلىھەتچىلەر بۆلىشى مۇمكىن” دېگەن جاۋاب بېرىلگەن بولۇپ، بىردىن- بىر رەھبەر پىرىنسىپىغا قارشى چىققانلارغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ دەپ بايان قىلىنغان.
بۇ كومىتېت بىلەن بىرگە يەنە ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىئانە توپلاش ساندۇقىمۇ قۇرۇلغان. ئورتا ئاسىيا لېژيونىغا قاتناشقان ھەر بىر ئەسكەرنىڭ ئايلىق مائاشىدىن 1 مارك، تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلاردىن 2 مارك، يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلاردىن بولسا 5- 15 مارك (رېيچسمارك، گېرمانىيە ئىمپېرىيە ماركى − ئا. ھ. ئىزاھاتى) ئەتراپىدا ياردەم پۇلى بۇ ساندۇق ئۈچۈن تۇتۇپ قېلىناتتى. كومىتېت قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان «مىللىي ئورتا ئاسىيا» نۇسخىسىدا لېژيون قوماندانى مىڭ بېشى (مايور − ئۇ.ت) ئېرنېكنىڭ بۇ ساندۇقنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ يازغان بىر پارچە ماقالىسىمۇ ئېلان قىلىنغان ئىدى. ھەر ئايدا بۇ ئۇسۇل بىلەن يىغىلغان پۇل م ت ب ك نىڭ پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى. شۇنداق قىلىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە ياردىمى بولماي تۇرۇپمۇ كومىتېتنىڭ مەۋجۇتلۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغان بولغان.
1942- يىلى دېكابىر ئېيىدا، ۋەلى قېيۇمخان 4 ھەپتىلىك تۈركىيە زىيارىتىگە ئاتلىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇ زىيارىتى گېرمانىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فون پاپېننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. پاپېن، باش ئەلچى شۇلېنبۇرگقا قېيۇمخاننىڭ تۈركىيەگە كېلىپ تۈركىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ لېژيون توغرىلىق ئۇلارغا مەلۇمات بېرىشىنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئېھتىمال، تۈركىيە سىياسىي ساھەسىگە گېرمانىيەنىڭ شەرق ئىشلار سىياسەتلىرىدە تۈركى قۇۋۇمدىكىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاشنىڭ ئەمىلى پاكىتى قاتارىدا كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان بۆلىشى مۇمكىن. نېمىسلار بۇ ۋاقىتلاردا تۈركىيە يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان بىتەرەپلىك سىياسىتىنى ئۆزلىرىنىڭ پايدىسىغا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پۈتۈن چارىلارنى ئىشقا سېلىشقا كىرىشكەن ئىدى. تۈركىيە تەۋەسىدە پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن ۋەلى قېيۇمخاننىڭ قولىغا لېيبراندتنىڭ ئىمزاسى بار ئورتا ئاسىيانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر پارچە ماتېرىيالنىمۇ تۇتقۇزغان ئىدى. قېيۇمخان، بۇ زىيارەت جەريانىدا تۈركىيە باش قوماندانلىق شتابى ۋە خەۋپسىزلىك ئورگىنى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇستاپا چوقاي ئوغلىنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن كونا ت م ب چىلار بىلەنمۇ بىرگە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. ۋەلى قېيۇمخان تۈركىيەدىن قايتىشىدا گېرمانىيە رەھبەرلىكى ئۇنىڭغا دىپلومات دېگەن سالاھىيەت بېرىپ مۇددەتسىز دىپلومات پاسپورتى بېرىدۇ (ۋەلى قېيۇمخان، 1991- يىلقى شەخسى كۆرۈشۈشتە، ئادلون يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ۋاقىتلىرىدىلا ۋەلى قېيۇمخانغا دىپلومات پاسپورتى بېرىلگەنلىكىنى، ھەر تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنىڭ ھەممىسىلا دىپلوماتىيە دەرىجىسىدە بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. تۈركىيە زىيارىتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ مەيلى پاسپورتى بولسۇن، مەيلى دىپلومات ئورنى بولسۇن مۇددەتسىز قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
ئورتا ئاسىيا لېژيونى ئالدىنقى سەپلەردە
مىللىي ئورتا ئاسىيا ئىتتىپاق كومىتېتى (م ت ب ك) قۇرۇلۇشى بىلەن بىرگە، ئورتا ئاسىيا لېژيونىمۇ بۇ كومىتېتنىڭ ھەربىي تارمىقى ھالىغا كېلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، لېژيوندا يولغا قويۇلغان ئۇسۇللار بىلەن ئىشلىتىلگەن بەلگىلەر بۇ قاراشنى گەۋدىلەندۈرگىدەك ھالغا كەلتۈرۈپ قايتا تۈزۈپ چىقىلىدۇ. لېژيون قوماندانلىقىغا مەسئۇل مىڭبېشى خوپتمان ئېرنېك، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن مىڭبېشى ئوبېرست موللېرمۇ مىللىي كومىتېتنىڭ پائالىيەتلىرىگە كۈچلۈك ياردەمچى بولۇپ، م ت ب ك نىڭ لېژيونلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشقا تىرىشىدۇ.
لېژيونلارغا ئەۋەتىلىدىغان ئەسكەرلەرنى تاللاش ئىشى م ت ب ك غا باغلىق بولۇپ، پۈتۈنلەي ئورتا ئاسىيالىقلاردىن تەشكىل تاپقان بىر مۇنچە ئۆمەكلەر تەرىپىدىن تاللىنىشقا باشلىنىدۇ. ھەربىي تەلىم- تەربىيىسىنى پۈتتۈرگەن ئۇرۇش ئەسىرلىرى، ئۆز مىللىي بايراقلىرى ئاستىدا، قۇرئان ئالدىدا، قىلىچلىرىنى كىرىشتۈرگەن ھالدا ئىككىدىن قاتار بولۇپ قەسەم قىلىشاتتى؛ شۇنداق قىلىپ رەسمىي جەڭچى بولغان ھېسابلىناتتى. كومىتېت تەرىپىدىن لېژيون ئۈچۈن لايىھىلەنگەن بايراق مۇستاپا چوقاي ئوغلى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ت م ب نىڭ 1939- يىلقى قۇرۇلتىيىدا تەستىقلانغان بايراقنىڭ دەل ئۆزى ئىدى. يەنى يېرىمى قىزىل، يېرىمى ھاۋارەڭ بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا ئاي- يۇلتۇزى بار ئىدى. ئەمما گىرۇزىيەلىكلەر بىلەن ئەرمەن مىللىي كومىتېتلىرى ئاي- يۇلتۇزنى پان تۈركىزم سىمۋولى دەپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ تۇرۇۋېلىشىدۇ. بۇ تۈردىكى نارازىلىقلارنى نېمىس دائىرىلىرىمۇ قوللاپ بەرگەنلىكى سەۋەبلىك ئاي- يۇلتۇز ئورنىغا ياي بىلەن ئوق رەسىمى ئالماشتۇرۇلىدۇ.
(رەسىم ئورنى)
ئورتا ئاسىيا لېژيون جەڭچىلىرى ئىشلەتكەن يەڭ بەلگىسى، ھەربىي بايراق ۋە گرىپلەر
ئۆزبېك ۋە تۈركمەن ئەسكەرلىرىنىڭ “ئاللا بىز بىلەن” دېگەن سۆزلەر يېزىلغان يەڭلىك
قازاق ۋە قىرغىز ئەسكەرلىرىنىڭ “تەڭرى بىز مېنېن” دېگەن سۆزلەر يېزىلغان يەڭلىك
قولغا تاقىلىدىغان ئورتا ئاسىيا لېژيون گېربى
ئورتا ئاسىيا لېژيون ھەربىي بايرىقى
ئورتا ئاسىيالىق داڭلىق شائىر ئابدۇلخەمىت سۇلايمان چولپاننىڭ “گۈزەل پەرغانە” دېگەن شېئىرى “گۈزەل ئورتا ئاسىيا” دەپ ئۆزگەرتىلىپ مىللىي مارش قىلىپ قوبۇل قىلىنغان (بۇ شېئىرنىڭ مىللىي مارش قىلىپ ئىشلىتىلگەن نۇسخىسى تۆۋەندىكىچە ئىدى:
گۈزەل ئورتا ئاسىيا سەنگە نە بولدى،
سەبەپ ۋاقىتسىز گۈللەرىڭ سولدى،
ئاھ گۈللەرىڭ سولدى.
چىمەنلەر بەرباد، قۇشلار ھەم پەرياد،
ھەممىسى ماخزۇن بولمەسمىدىر شاد،
ئاھ بولمەسمىدىر شاد.
بىلمەم نە ئۈچۈن قۇشلار ئۇچماز باغچەلەرىڭدە،
ئاھ باغچەلەرىڭدە.
بىرلىكىمىزنىڭ تەپرەنمەز تاغى،
ئۈمىدلەرىمىزنىڭ سۆنمەز چىراغى،
ئاھ ئورتا ئاسىيا باغى.
قوزغال خەلقىم يېتەر شۇنچە جەۋرى جەپالار،
ئاھ جەۋرى جەپالار.
ئاھ بايراغىڭنى قەلبىم ئويغانسىن،
قۇللىغ، ئاسارەت بارچەسى يانسىن.
قۇر يېڭى دەۋلەت، ياۋلار ئۇتانسىن،
ئۆسىپ ئورتا ئاسىيا قەدرىڭ كۆتەرسىن، ئاھ قەدرىڭ كۆتەرسىن.
يايراپ ياشناپ ئۆز ۋەتەننىڭ گۈل باغلارىندە،
ئاھ گۈل باغلارىندە.
− ئا.ھ. ئىزاھاتى). ئورتا ئاسىيالىق جەڭچىلەرنىڭ ھەربىي فورمىلىرىغا مەخسۇس بەلگىلەرمۇ قادالغان ئىدى. سول يېڭى ئۈستىدە بىر مەسچىت رەسىمى ئەتراپىنى “ئاللا بىز بىلەن” دېگەن سۆزلەر چۆرىدەپ يېزىلغان. قازاق ۋە قىرغىز ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي كىيىملىرىدە بولسا “تەڭرى بىز مېنېن” دەپ يېزىلغان ئىدى. ياقىسىدىكى رەڭلىك سىزىق ئۈستىدىكى ئاي- يۇلتۇز، بۇ ئەسكەرنىڭ ئورتا ئاسىيا لېژيونىغا تەۋە جەڭچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەتتى.
«ئۇلۇغ گېرمانىيە رادىئوسى» (گروس دېۇتش رۇندفۇنك − ئا.ھ. ئىزاھاتى) تەۋەسىدىمۇ مىللىي لېژيونلار ئۈچۈن مەخسۇس بۆلۈملەر قۇرۇلغان ئىدى. بۇ بۆلۈملەردىن بىرى ئورتا ئاسىياغا تەۋە بولۇپ، ئورتا ئاسىيالىق لېژيونېرلەرگە قارىتىپ ئاڭلىتىش بېرەتتى. رادىئو ئاڭلىتىش ئورتا ئاسىيا مارشى چېلىنىپ باشلىناتتى، ئاندىن ھەربىيلەرگە مۇناسىۋەتلىك، دىنغا مۇناسىۋەتلىك ۋە مەدەنىيەتكە مۇناسىۋەتلىك تېمىلار بويىچە سۆھبەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلاتتى. شۇنىڭدەك يەنە ناخشا- مۇزىكىلار بېرىلەتتى، خەۋەرلەر بېرىلەتتى. ئەڭ چوڭ لېژيون قىسمى ئورتا ئاسىيا لېژيونى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ ئۇزۇن ئاڭلىتىشمۇ بۇ بۆلۈمنىڭ ئىشى ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە، گېرمانىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىتىلغان خەلقئارالىق سەۋىيىدە تەشۋىقات پروگراممىلىرىمۇ بار بولۇپ، ئورتا ئاسىيا كومىتېتىنىڭ بەزى ئەزالىرى بۇ بۆلۈمدە ۋەزىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئاڭلىتىشلارنىڭ مەزمۇنلىرىنى گويببېلسنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى تەشۋىقات تەشكىلاتى بەلگىلەپ بېرەتتى.
(رەسىم ئورنى)
ئورتا ئاسىيا لېژيون قىسىملىرىدىن بىرىگە بايراق تاپشۇرۇش مۇراسىمىدىن بىر كۆرۈنۈش. 1943
(رەسىم ئورنى)
ئورتا ئاسىيالىق لېژيونېرلار ھەربىي پاراتتا
لېژيوندىكى تەلىم- تەربىيە جەريانىدا ئەسكەرلەرگە نېمىس تىلى ئۆگىتىشمۇ چىڭ تۇتۇلغان ئىدى. نېمىس خەلقىنى تېخىمۇ تولۇق تونۇش، شۇ ئارقىلىق جاسارەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ ئەسكەرلەرنى گۇرۇپپىلار بويىچە پات- پات بېرلىن قاتارىدىكى مەركىزى چوڭ شەھەرلەرگە ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇرۇپ كېلەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن مىللىي كومىتېتلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى پۈتۈنلەي مىللىي لېژيونلار دائىرىسىدە چەكلەپ تۇتۇشقىمۇ ئالاھىدە تىرىشىلغان بولۇپ، گېرمانىيە جامائەتچىلىكىگە قارىتا خەۋەر بېرىش ئىشلىرىغا قەتئىي يول قويۇلمايتتى. شۇنىڭغا قارىماي لېژيونېرلەرگە قارىتىلغان سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە كۈچلۈك ياردەم قىلىناتتى. شۇڭا، مىللىي ئورتا ئاسىيا كومىتېتى لېژيون قىسىملىرى ئىچىدە ياكى قىسىمدىن ئايرىلىپ ئالدىنقى سەپكە كەتكەن مۇستەقىل مىللىي قىسىملار ئارىسىدا تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ تۈر تەشۋىقاتلاردا مىللىي مۇستەقىللىققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئاساسى تېما قىلىناتتى. يەنى تولۇق مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئىشى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشتا يېڭىلىشى، بولشېۋىكچىلىق بىلەن ئۇرۇس شوۋىنىزمنىڭ گۇمران قىلىنىشى ئارقىلىقلا قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدىغان بىر ئىش دەيدىغان كۆزقاراش ئالاھىدە تەكىتلىنىپ تەشۋىق قىلىناتتى. جەڭچىلەرگە سىڭدۈرۈلىدىغان يەنە بىر ئاساسى ئىدىيە، ئورتا ئاسىيانىڭ بۆلۈنمەس پۈتۈنلۈك قارىشى بولۇپ، ھەرقانداق بىر شارائىت ئاستىدا قوۋمۋازلىققا قەتئىي يول قويماسلىق ھەققىدە كۈچلۈك تەشۋىقات قانات يايدۇرۇلغان ئىدى. ئاڭلىتىشلاردىمۇ بولشېۋىكچىلىق بىلەن ئۇرۇس شوۋىنىزمىغا قارشى كۈرەش قىلىش ھەرىكىتى كۈچلۈك تەشۋىق قىلىنىپ، نېمىسلار بىلەن بىرگە قاتنىشىۋاتقان بۇ ئۇرۇشنىڭ ئەسلى غايىسىنىڭمۇ ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىقى ئۈچۈن دەيدىغان قاراش گەۋدىلىك تەشۋىق قىلىنماقتا ئىدى:
ئورتا ئاسىيالىق يىگىتلىرىمىزنىڭ مىللىي ھېسسىيات كۈچى نېمىس دوستلىرىمىزنىمۇ ھەيران قالدۇرماقتا. بىز ئورتا ئاسىيا جەڭچىلىرى ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ھەرىكىتى ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنى تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن قوراللاندۇق. نېمىس ئاكىلىرىمىز بىلەن بىرگە سوۋېتقا قارشى جەڭ قىلىمىز، ئورتا ئاسىيادا مىللىي مۇستەقىللىق بايرىقىمىزنى قاداش غايىسى ئۈچۈن جەڭگە ئاتلاندۇق.
ئورتا ئاسىيادىن مىڭلارچە كىلومېتىر يىراقتىكى گېرمانىيە ئۇرۇش سەپلىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ئۇرۇشنىڭ مەقسىتىنى مەنتىقلىق بىر ئاساسقا ئورنىتىش شەرت ئىدى. جەڭچىلەر ئارىسىدا “بۇ ئۇرۇشنىڭ ئورتا ئاسىيا بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟” ياكى “مېنىڭ بۇ يەرلەردە نېمە ئىشىم بار؟” دېگەندەك سوئاللارنىڭ ئىمكان قەدەر ئوتتۇرىغا چىقماسلىقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، يۇقىرىقىدەك قاراشلارنىڭ ئۇرۇش جەريانى بويىچە بارلىق ئاڭلىتىشلاردا قايتا- قايتا تەكرارلىنىپ كەلگەنلىكى مەلۇم.
مىللىي كومىتېت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئورتا ئاسىيا لېژيونىنىڭ دائىرىسى بىلەن، بۇ يەردە تەلىم ئالغاندىن كېيىن ئالدىنقى سەپلەرگە يولغا سېلىنغان قىسىملارنىڭ سانىمۇ زور دەرىجىدە ئارتماقتا ئىدى. 1942- يىلىنىڭ ماي ئېيىدىن ئاۋۋال كەلتۈرۈلگەن ئەسكەرلەر ئۇششاق ئەترەتلەرنى ئاساس قىلغان، شۇنىڭدەك ئادەتتە ئارقا سەپ ئامانلىق ساقلاش دېگەندەك ئىشلىرىغىلا قويۇپ كېلىنگەن بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە كەلتۈرۈلگەن ئەسكەرلەر چوڭ- چوڭ قىسىم ھالىدا بىۋاسىتە ئالدىنقى سەپلەرگە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن يولغا سېلىنغان. بۇ ئەترەتلەرنىڭ ھەر بىرىدە 130~150 تىن ئەسكەر 4 تىن كىچىك ئەترەتلەرگە ئايرىلىپ ئۇرۇشقا سېلىنغان بولۇپ، ئوفىتسېرلىرى بىلەن قوشۇلۇپ مەخسۇس خىزمەتلەرگە تەيىنلەنگەنلەر بىلەن بىرلىكتە 750 كىشىلىك قىسىملار ھالىتىدە يولغا سېلىنماقتا ئىدى. ھەر بىر ئەترەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېر شتاتلىرى، ئەسكەر سانىنىڭ 15 پىرسەنت قىسمى نېمىسلاردىن تەشكىل قىلاتتى.
ئۇرۇش جەريانىدا ئالدىنقى سەپلەردە ئۇرۇشقا قاتناشقان ئورتا ئاسىيا قىسىملىرىنىڭ سانى بىلەن ئۇلارنىڭ قايسى ئۇرۇش سەپلىرىدە جەڭ قىلغانلىقىنى ئېنىق بىلگىلى بولمىدى. فېلد مارشال مانستېيننىڭ قوماندانلىقى ئاستىدىكى جەنۇبى بۆلۈنۈش ئارمىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلىنغان بىر بۇيرۇقتىكى ئارمىيىگە مەنسۇپ شەرق لېژيونلار تىزىملىكىگە قارىغىنىمىزدا، مەركىزى شتاب گۇرۇپپىسىدا 1- ۋە 4- نومۇرلۇق برونېۋىك قىسىملىرىدا، بۇ ئۇرۇش سېپىگە قاراشلىق 6- كورپۇس تەركىبىدە نۇرغۇن ساندا ئورتا ئاسىيا قىسىملىرى ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى مەلۇم.
دوكتور بايمىرزا ھېيتىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن، 1944- يىلىغا كەلگىنىدە گېرمانىيە سېپىگە ئەۋەتىلگەن ئورتا ئاسىيالىق ئەسكەر سانى 180 مىڭ كىشى ئەتراپىدا دەپ مۆلچەرلەش مۇمكىن (181 مىڭ 402 نەپەر). ئۇندىن باشقا يەنە، نېمىس ھەربىي كىيىمىدە يۈرىدىغان ئەمما ئىشچى قاتارىدا ئىشلىتىلگەن 85 مىڭ ئەتراپىدا ئورتا ئاسىيالىقنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم. 180 مىڭ كىشىلىك ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇلغان ئەسكەر ئىچىدە ئورتا ئاسىيالىق ئوفىتسېر سانى ئاران 87 نەپەر ئىكەن. بۇلارنىڭ 13 نەپىرى مىللىي كومىتېتقا، 51 نەپىرى گېرمانىيە باش قوماندانلىقىغا ۋە 23 نەپىرى بولسا ئېس- ئېسچىلار (س س) تەشكىلاتىغا مەنسۇپ كىشىلەر ئىكەن (كاروي: «مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىنلار» 346- بەت. ئەمما دوكتور بايمىرزا ھېيتى ئورتا ئاسىيالىق ئوفىتسېر سانىنىڭ بۇنىڭدىن خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە ئېنىق بىر سانلىق مەلۇمات بېرەلمىدى − ئا.ھ. ئىزاھاتى).
ئورتا ئاسىيا لېژيونىغا كەلتۈرۈلۈپ تەلىم- تەربىيە بېرىلگەندىن كېيىن ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلگەن قىسىملار، پۈتكۈل ئۇرۇش جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقى كۈچلىرىگە قارشى ئىنتايىن قاتتىق جەڭلەرنى قىلغان. ستالىنگراد ئۇرۇشىدا ئۈچ ئورتا ئاسىيا باتاليونى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئادىمى قالغۇچە جەڭ قىلىپ ئاخىرى ھەممىسى قىرىلىپ تۈگىگەنلىكى مەلۇم. لېژيوننىڭ 450- باتاليونى 1942- يىلىنىڭ ماي ئايلىرىدا ئۇكرائىنانىڭ جامپول رايونىدىكى ئۇرۇشلاردا ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەن قىسىملىرىنى تارمار كەلتۈرۈۋېتەلىگەن ئىدى. بۇ ئۇرۇشتا، بۇ باتاليوندا ئارانلا 2 نەپەر نېمىس ئوفىتسېرى بار بولۇپ، جەمئىي ئەسكەر چىقىمىمۇ پەقەت 28 نەپەر بىلەن چەكلەنگەنىكەن. خاركوۋ ئەتراپىدىكى يەنە بىر ئورتا ئاسىيا باتاليونىمۇ ئۇرۇس قىسىملىرىنىڭ قورشاۋى ئىچىدە قالغىنىدا دۈشمەن سېپىنى يېرىپ قورشاۋدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ تۇرۇقلۇق، قورشاۋ يېرىدە قالغان ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان نېمىس قوماندانىنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ چىقىمىز دەپ قايتا دۈشمەن ئارىسىغا بېرىشقا جاسارەت قىلالىغۇدەك قەھرىمانلىقنىڭ تىپىك ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم. ئالدىنقى سەپ دوكلاتلىرىنى كۆرگەن ھىتلېرمۇ، مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ جەڭ قىلىش ماھارىتىگە قول قويۇشقا مەجبۇر بولغانىكەن.
(رەسىم ئورنى)
ت م ب ك رەئىسى ۋەلى قېيۇمخان ئورتا ئاسىيا لېژيونىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئورتا ئاسىيالىق ئوفىتسېرلار بىلەن بىرگە. 1943- يىلى ئۆكتەبىر
نېمىسلار، ئۇرۇش جەريانىدا سوۋېت ئارقا سەپلىرىگە قارىتا بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىناتتى. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ مەقسىتى، ئورتا ئاسىيا لېژيونىدىن تاللىنىپ جاسۇسلۇققا قارشى رازۋېدچىك قىلىپ يېتىشتۈرۈلگەن ئىشپىيونلىرىنى دۈشمەن ئارقا سەپلىرىگە پاراشۇت ئارقىلىق تاشلاپ پايدىلىنىش ئىدى. بۇ مەقسەتتە، 1941- يىلىنىڭ ماي ئېيىدا، يەنى بارباروسسا ھەرىكىتى باشلانماي تۇرۇپ، «ۋاللى- 1» نامىدا مەخسۇس ئاخبارات بۆلۈمى تەشكىل قىلىنغان ئىدى. بۇ بۆلۈمدە يېتىشتۈرۈلگەن مەخسۇس تەربىيىلەنگەن ئىشپىيونلار سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئىچىدىن يىمىرىش مەقسىتىدە ئارقا سەپلەردە پائالىيەت قىلىشى، بۇزغۇنچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك قوزغاش ئۈچۈن كۈشكۈرتۈش بىلەن شۇغۇللىنىش پىلانلانغان ئىدى.
1942- يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا كاپكازىيە رايونى نېمىسلار قولىغا ئۆتىشى نەتىجىسىدە، بۇ يەردىكى ئايرودروملاردىن بۇ مەقسەتلەر ئۈچۈن پايدىلىنىش شارائىتىنى يارىتىلغان ئىدى. شۇڭا قىرىملىق مۈستەجىپ ئۈلكۈسال، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىگە مۇناسىۋەتلىك كۈندىلىك خاتىرىلىرىدە، بېرلىندا تونۇشۇپ قالغان بىر ئورتا ئاسىيالىقنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىرىنى تۆۋەندىكىچە نەقىل كەلتۈرىدۇ:
مەن بىر ئۆزبېك. تاشكەنتلىك. ئىسمىم ئوسمانبەگ، 28 ياشقا كىردىم. ئورتا ئاسىيانىڭ داڭلىق كىشىلىرىدىن مۇنەۋۋەر قارىنىڭ ئىنىسى رۇستەم قارىنىڭ ئوغلى بولىمەن. بولشېۋىكلەر 1933- يىلى ئاتامنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. قىزىل ئارمىيىدە زاپاس تەغمەن ( ئەڭ تۆۋەن ئوفىتسېر تۈرى. − ئۇ. ت) دەرىجىسى بىلەن ئۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئىدىم. بىر ھەپتىدىن كېيىن ۋيازمادا ئاپتوموبىل بىلەن ئىككى نەپەر تۈرك، ئۈچ نەپەر ئۇرۇسنى بىرگە ئېلىپ قېچىپ نېمىسلارغا ئەل بولدۇق. مانا بۈگۈن رەئىسىمىز ۋەلى قېيۇمخاننىڭ لېژيونىدىكى بىر جەڭچىمەن. بۇ كۈنلەردە، مېنى دۈمبەمگە پاراشۇت ۋە تېلېگراف رادىئوسىنى باغلاپ ئايروپىلان بىلەن رۇسىيە ھاۋا تەۋەسىگە ئاپىرىپ تاشلىماقچى. مەن بۇ تەرەپكە ئۇ يەردىكى ئەھۋاللاردىن مەلۇمات يوللايمەن، پۇرسەت تاپالىسام ئۆزبېكىستانغا بېرىۋېلىپ بۇزغۇنچىلىق تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تىرىشىمەن.
يەنە شۇ يىللاردا زادى قانچە كىشى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاشقا پەقەتلا مۇمكىن بولمىغان، ئەمما 12 دىن ئارتۇق كىشىدىن تەشكىل تاپقانلىقى مۆلچەرلەنگەن بىر ئەترەت، يالغان ھۆججەتلەر بىلەن ئورتا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىگە مەخپىي كىرگۈزۈلگەن ئىكەن. بۇ كىشىلەر ئورتا ئاسىيادىكى مەخپى تەشكىلاتلار ئىچىگە كىرىپ، تاشكەنت، ئالمۇتا، دۈشەنبە قاتارلىق شەھەرلەردە پائالىيەت قىلغان. بۇ جاسۇسلار كاپكازىيىدىكى نېمىس مەسئۇل خادىملىرى بىلەن سىمسىز تېلېگراف ئالاقىسى ئورنىتىپ، قىلغان ئىشلىرىدىن ئۇلارنى خەۋەردار قىلىپ يېڭى تاپشۇرۇقلارنى ئېلىپ تۇرغان. بېلارۇسىيەدە تۇرۇۋاتقان ئورتا ئاسىيالىق گېنېرال مىر قاسىم بۇ گۇرۇھتىكىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى پاش قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تۇرۇۋاتقان ئەڭ مۇھىم بىرى ئىدى. ئۇرۇشتا سوۋېت تەرەپنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەنلىكى مۇقىملىشىپ قالغان 1944- يىللىرى، ئارقا سەپتە پائالىيەت قىلىۋاتقان بۇ گۇرۇپپىلار ئوتتۇردىن غايىب بۆلىشىدۇ. ئەلىخان ئاغائوغلى يېتەكچىلىكىدىكى بىر گۇرۇپپا قازاقىستان تەۋەسىگە ئەۋەتىلگەنلىكى، قىزىل ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى بەزى خەۋەرلەر 1960- يىللار كوممۇنىست مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ئېلان قىلىنغان ئىدى.
ۋەلى قېيۇمخان، بۇ ھەقتە ئېنىق بىرەر سان ۋە ئىسىم بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئورتا ئاسىيادا پائالىيەت قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ساندا گۇرۇپپىلار يېتىشتۈرۈلگەنلىكىنى، كېيىن بۇ گۇرۇپپىلار كاپكازىيىدىكى مەيدانلاردىن ئۇچقان ئايروپىلانلار بىلەن ئارقا سەپلەرگە پاراشۇت بىلەن تاشلانغانلىقىنىڭ راست ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ۋەلى قېيۇمخان يەنە ئۇرۇش ئاخىرلىشىش ۋاقىتلىرىغا كەلگىنىدە بۇ گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە تۇرغان يېرىڭلاردا ئىزىڭلارنى يوقىتىۋېتىڭلار دېگەن بۇيرۇق بېرىلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
ئەنە شۇ تۈردىكى داستان خاراكتېرىدىكى ئۇتۇقلىرىغا قارىماي، نېمىسلار مۇسۇلمان تۈركى گۇرۇپپىلارغا نىسبەتەن ئىزچىل ئىشەنمەي كەلگەن. ئورتا ئاسىيا لېژيونىدا ياكى ئالدىنقى سەپلەردىكى قىسىملاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان نېمىس ئەسكەرلىرى ئورتا ئاسىيالىق ئوفىتسېرلارنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئاڭلىمايتتى. ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايتتى ۋە تەڭ دەرىجىلىك ئۇنۋاندىكىلەر ئىچىدىكى ئورتا ئاسىيالىقلارغا قارىتا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشمايتتى. تۈركى قىسىملىرىغا تارقىتىلغان قوراللار ئاساسەن ئالغاندا سوۋېتلەردىن ئولجا ئېلىنغان قوراللار بولۇپ، گېرمانىيەدە ئىشلەنگەن قوراللارغا سېلىشتۇرغاندا سۈپىتى تۆۋەن ئىدى. بۇلاردىنمۇ يامىنى كوممۇنىزمنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئاسىيالىقلار دەپ قارايدىغان ناتسىستلار نەزەرىيىسى ھېلىغىچە ئەمەلدىن قالمىغان بولۇپ، ئېس- ئېس گۇرۇپپىلىرى بۇ نەزەرىيە بويىچە ئىش قىلىشاتتى. بۇ تۈردىكى كەمسىتىلىشلەر، ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى يىللىرىدا شەرق ئۇرۇش سېپىدىكى ئۇرۇس ئەمەس مىللەتلەر ئەسكەرلىرى ئارىسىدا ئەسكەردىن قېچىشنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولىدۇ.
بۇ جەرياندا ئۇرۇشنىڭ غالىبلىرى ئورۇن ئالماشتۇرۇپ، بىر قىسىم ئۇرۇش سەپلىرىدە نېمىسلار چېكىنىشكە باشلايدۇ. نېمىس قوماندانلىرى، سوۋېت سەپلىرىگە ئۆتۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ باشقا مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان لېژيونلارنى غەرب ئۇرۇش سەپلىرىگە يۆتكەپ ئىشلىتىشنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر بولىدىغانلىقىنى ئويلاشقا باشلايدۇ. دېگەندەك، 1943- يىلىنىڭ ئەتىياز ئايلىرىدا مىللىي لېژيونلارنى فىرانسىيە بىلەن ئىتالىيە تەرەپلەرگە يۆتكەش قارارى چىقىرىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق سوۋېت تەشۋىقاتىنىڭ لېژيونلارغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلانماقچى بولغان. ھەربىي تەلىم- تەربىيە ئالغان لېژيونلارنىڭ غەرب ئۇرۇش سېپىگە يۆتكىۋېتىلىشى، بولشېۋىزم بىلەن سوۋېتلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئارزۇسىدا شەرق ئۇرۇش سەپلىرىدە جەڭ قىلىۋاتقان ئەسكەرلەر ئارىسىدا ئىدىيىۋى قالايمىقانچىلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىشىغا باشلايدۇ. بۇ ئىدىيىۋى قالايمىقانچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، گېزىت- ژۇرناللاردا بۇ ھەقتە كۈچلۈك تەشۋىقات قانات يايدۇرۇلىدۇ. مىللىي ئورتا ئاسىيا ژۇرنىلىنىڭ 1943- يىلى فېۋرال سانىدا قېيۇمخان يازغان بىر باش ماقالىدا ئەسكەرلەرگە قارىتا مۇنداق خىتاب قىلىدۇ:
ئۇرۇسلارنىڭ دوستى ھېسابلانغان جاھانگىر دۆلەتلەر بىزنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلماقتا. بىز بۇنى ياخشى بىلىمىز. شۇڭا ئۇلار ئورتا ئاسىيا دۈشمەنلىرى ھېساپلىنىدۇ. ئورتا ئاسىيا دۈشمەنلىرىگە قارىتا ئۆچمەنلىكىمىز زەھەردىنمۇ كۈچلۈك، قىلىچتىنمۇ ئۆتكۈر.
بۇ ژۇرنالنىڭ يەنە بىر سانىدا، بۇ مەسىلە تېخىمۇ ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلغان:
بىز نەدە بولساق بولايلى، كىم بىلەن ئۇرۇشساق ئۇرۇشايلى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىقى ئۈچۈندۇر. قەدىرلىك ئورتا ئاسىيالىق ئەسكەرلەر، مەيلى فرانسىيەدە، مەيلى ئىتالىيەدە، مەيلى شەرق ئۇرۇش سېپىدا بولغىن، قولۇڭدىكى قورالىڭنى مەھكەم تۇت. ئورتا ئاسىيانى مۇستەقىل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئاتلان. نېمىس دۈشمەنلىرى بىزنىڭمۇ دۈشمىنىمىز، تارىخى دۈشمىنىمىزنى يوقىتايلى!
كېيىنكى يىللاردا، ۋەلى قېيۇمخان ئورتا ئاسىيا لېژيونى بىلەن بەزى قىسىملارنى غەرب ئۇرۇش سېپىغا يۆتكەش ئىشى ئۇنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇرۇش سەپلىرىدە ئەسىرگە چۈشىدىغان ئورتا ئاسىيالىقلار ئۇرۇسلارنىڭ قولىغا ئەمەس ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر قولىغا ئەسىرگە چۈشسە تېخىمۇ ياخشىراق بولىدۇ دەپ ئويلىغانلىدىن بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. راست دېمىسىمۇ، نېمىس سەپلىرىدە جەڭگە قاتناشقان سوۋېت گراجدانلىرى ئۇرۇسلار تەرىپىدىن قارا فاشىستلار دەپ قارىلىپ، قولغا چۈشكەن يېرىدە دەرھال ئېتىپ تاشلانماقتا ئىدى. ۋەلى قېيۇمخاننىڭ بۇنداق ئىزاھلىرىغا قارىماي، مىللىي لېژيونلارنىڭ ئۇرۇش سېپىنى ئالماشتۇرۇشىغا ئوخشاش بۇنداق ئىستراتېگىيىلىك ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇندىن كېلىدىغان بىر قارار، ھەر قانداق بىر مىللىي كومىتېت رەئىسىنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە ئېلىنغانلىقىغا ئىشىنىش ھەقىقەتەن تەس. بۇنداق سەپ ئالماشتۇرۇش ئىشىنىڭ گېرمانىيە ئارمىيىسى رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەندىشىلىرى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىغا ئىشىنىش تېخىمۇ مەنتىقىلىقتەك بىلىنمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە بۆلىشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇنداق بىر قارار ئېلىنىشىدىن كېيىن، ئورتا ئاسىيا قىسىملىرى ھەر ئىككىلا ئۇرۇش سېپىدا جەڭ قىلىشقا باشلايدۇ.
(رەسىم ئورنى)
م ت ب ك رەئىسى ۋەلى قېيۇمخان شەرق لېژيونلىرى باشقوماندانى گېنېرال ۋ. ھېيگېندورف بىلەن بىللە
(رەسىم ئورنى)
ۋەلى قېيۇمخان تۆمۈر باتاليون كوماندىرى مايور خاۋپتمان ئەرنك بىلەن بىللە
1943- يىلىدىكى ۋەزىيەت
1943- يىلى، م ت ب ك ئۈچۈن ئىنتايىن نەتىجىلىك ئۆتكەن، ئەمما ئۆز ۋاقتىدا يەنە ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان بىر يىل ئىدى. بۇ يىلدا شەرق ئالدىنقى ئۇرۇش سېپى بۇندىن كېيىن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتى قالمىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىپلا قالماي، ھەتتا نۇرغۇن سەپلەردە كەينىگە چېكىنىش ۋەزىيىتىمۇ بارلىققا كەلگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، ئىشغال قىلىش پىلانلانغان رايونلاردا يولغا قويۇلىدىغان ھاكىمىيەت تۈزۈمىنىڭ قايسى شەكىلدە بۆلىشى لازىملىقى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ كۈندىلىك مۇزاكىرىلىرىدە ئاساسى جەھەتتىن ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتاتتى. بۇنداق بىر ۋەزىيەت، ئوستمىنىستىرىيۇم بىلەن مىنىستىر روزېنبېرگنىڭ تەسىرىنىڭ كۈندىن- كۈنگە تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىدىنمۇ دېرەك بېرەتتى. دەسلىپىدە مىللىي كومىتېتلارنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇشىغا قەتئىي قارشى چىقىپ كەلگەن روزېنبېرگمۇ ئەمدىلىكتە فون مەندېنىڭ ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك بېرىش دېگەنگە ئىشىنىدىغان بىرىگە ئايلانغان ئىدى.
ئۇ ۋاقىتقىچە مىللىي كومىتېتلارنىڭ پائالىيەتلىرى ئۆز لېژيونلىرى دائىرىسى بىلەن چەكلىنىپ قالغان ئىدى. كومىتېتلار ئۆزلىرىگە قارايدىغان ھەيئەتلەر ۋاسىتىسىگە تايىنىپ ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى شەرق ئىشچىلىرى ياكى لېژيون جەڭچىسى دەپ ئايرىپ، كېيىن ئۆز لېژيونلىرى دائىرىسى ئىچىدە ئۇلارغا تەلىم- تەربىيە بېرىپ جەڭگە تەييارلاش ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىنغان ئىدى. ھەربىي تەلىم ئېلىپ بولۇپ ئالدىنقى سەپلەرگە يولغا سېلىنغاندىن كېيىن، بۇ قىسىملار بىلەن مىللىي كومىتېتلار ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت قالمايتتى. جەڭچىلەر نېمىس قىسىملىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن كۈنىدىن باشلاپ مىللىي كومىتېتلار بۇ لېژيون قىسىملىرى بىلەن ھەرقانداق مۇناسىۋەتتە بولۇشىغا قەتئىي يول قويۇلمايتتى. شۇ يىلى ياز ئايلىرىدا قوبۇل قىلىنغان بىر قارار بويىچە، مىللىي كومىتېتلارغا قارايدىغان تەشۋىقاتچىلارغا ئالدىنقى سەپلەردىكى قىسىملار ئارىسىغا بېرىپ ئۆز مىللىي قىسىملىرىدا پائالىيەت قىلىشىغىمۇ يول قويۇشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، جەڭچىلەرنى روھى جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇرۇشتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجە يارىتىشىنى تەلەپ قىلىشىدۇ. بۇ قارار بىلەن بىرگە، مىللىي كومىتېتلار نېمىس ئارمىيىسى ئۇرۇش قىلىۋاتقان بارلىق ئالدىنقى سەپلەردە ئۆز ۋەتەنداشلىرىغا قارىتا ئەركىن پائالىيەت قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
بۇ قارار ئىجرا قىلىنىشى بىلەن تەڭ، م ت ب ك بۇنىڭ ئۈچۈن لازىملىق بەكلا كۆپ ئادەم كۈچىگە ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ. ئالدىنقى سەپلەردە تارقاق جايلاشقان ئون مىڭلىغان ئورتا ئاسىيالىق ئەسكەرلەرگە قارىتىلغان سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن بەكلا كۆپ تەشۋىقات خادىمىغا ئېھتىياجلىق بولماقتا ئىدى. م ت ب ك مۇنچە كۈپ تەشۋىقات خادىم ئورنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن پوتسدام شەھىرىدە بىر كۇرس ئېچىپ نۇرغۇن مىقداردا ئورتا ئاسىيالىق ئەسكەرنى بۇ ئىش ئۈچۈن تەربىيىلەشكە باشلايدۇ. بۇ كۇرس جەريانىدا كۇرسانتلارغا “گېرمانىيە بىلەن بىز، ئەركىنلىك دېگەن نېمە، ئورتا ئاسىيا تارىخى، بۈگۈنكى ئۇرۇشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى، ئورتا ئاسىيا خەلقى ۋە يەھۇدىيلار، گېرمانىيەنىڭ ئىجتىمائىي سىياسەتلىرى، گېرمانىيەنىڭ زېمىن يېتىشمەسلىك مەسىلىلىرى، خەلقىمىزنىڭ ئۆتمۈشتە ۋە بۈگۈن قانات يايدۇرۇپ كېلىۋاتقان كۈرەشلىرىنىڭ سەۋەبلىرى، لېژيونلاردىكى تەشۋىقاتچىلارنىڭ ۋەزىپىلىرى” دېگەندەك تېمىلار بويىچە ھەر تۈرلۈك لېكسىيىلەر سۆزلىنەتتى. تەشۋىقات تەربىيىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى نېمىسلار يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكى، ئۇرۇش قوزغىغان تەرەپ گېرمانىيە ئەمەسلىكى، يەھۇدىيلارنىڭ بۇ ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىدا ئوينىغان رولى، گېرمانىيە- ئورتا ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرى دېگەندەك مەسىلىلەرگە قاراتقان ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە تەشۋىقاتچى نامزاتلىرىغا: ئورتا ئاسىيا لېژيونى ئۈچۈن ئېيتقاندا تۈپكى مەقسەت ئورتا ئاسىيا مۇستەقىللىقى ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلمەكتە ئىدى. بۇ لېژيونلار كەلگۈسىدە ئورتا ئاسىيا مىللىي ئارمىيىسىنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلىدۇ دەيدىغان قاراش تەشۋىق قىلىناتتى.
بۇ جەرياندا، مىللىي كومىتېت ئوستمىنىستىرىيۇمنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ نەشرى قىلىۋاتقان «مىللىي ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىغا قوشۇمچە قىلىپ، ئارمىيە ئالىي قوماندانلىقى (ئو ك ۋ) بىلەن بىرلىكتە ھەپتىلىك بىر گېزىت چىقىرىشقىمۇ كىرىشكەنىدى. بۇ گېزىتكە «يېڭى ئورتا ئاسىيا» دەپ ئات قويۇلغانىدى. قېيۇمخان، ئورتا ئاسىيا مىللىي ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ چەتئەلدە (تۈركىيەدە − ئا.ھ. ئىزاھاتى) چىقارغان تۇنجى ژۇرنىلىنىڭ ئىسمىنى بۇ گېزىتكە قويۇش ئارقىلىق، ئۆ يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بۇ ھەرىكەتنى ت م ب ھەرىكىتىنىڭ داۋامى ھېساپلىنىدۇ، دەيدىغان تەسىراتنى پەيدا قىلىش ئويىدا بولغان بۆلىشى مۇمكىن. بۇ گېزىت جەمئىي تۆت بەتلىك بولۇپ، ئاساسەن ئالغاندا ئۇرۇش خەۋەرلىرى مەزمۇن قىلىنغان ئىدى. بۇ گېزىتنىڭ تۇنجى سانى 1943- يىلى 3- مارت كۈنى چىققان بولۇپ، تا ئۇرۇش تۈگىگەن كۈنگىچە نەشردىن توختىمايدۇ.
ۋەلى قېيۇمخان، ئەتراپىدىكى 30 دەك ياردەمچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان م ت ب ك گە تايىنىپ باشقا مىللىي كومىتېتلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئىدى. كومىتېت يەنە ئەدەبىيات بۆلۈمى تەرىپىدىن «مىللىي ئەدەبىيات» دەيدىغان، ئاساسلىقى مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر نەشرى ئەپكارىنىمۇ قۇرۇپ چىققان بولۇپ، بۇ ژۇرنال يىلدا 5 سان چىقىرىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە، ھەرخىل تېمىلاردا كىتاب ۋە بروشۇرلارنىمۇ بېسىپ تارقىتىدۇ (ۋەلى قېيۇمخان بىلەن م ت ب ك تەرىپىدىن ئۇرۇش مەزگىلىدە بىر گېزىت، ئىككى ژۇرنال ۋە 28 كىتاب چىقارغان. «مىللىي ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىدا: 1942- يىلى 15- ئىيۇندىن باشلاپ ھەر ئايدا ئىككى سان چىقىرىپ تۇرغان. ھەر سان 80 مىڭ نۇسخىدىن بېسىلغان. بۇ ژۇرنال ئۇرۇش تۈگىگەندىن كېيىنكى بىر مەزگىللەرگىچە داۋاملىق چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سانى 1975- يىلى 134- ئا دېگەن سان بىلەن چىققان. «مىللىي ئەدەبىيات» ژۇرنىلى بولسا 1943- يىلى يىل بېشىدىن تارتىپ ئايلىق ژۇرنال بولۇپ چىقىرىلغان. «يېڭى ئورتا ئاسىيا» گېزىتى 1942- 1945- يىللىرى ئىچىدە ئورتا ئاسىيا لېژيونى تەرىپىدىن ھەپتىلىك چىقىپ تۇرغان. «ئورتا ئاسىيا مەسىلىلىرى» ‹ۋەلى قېيۇمخان›، «ئورتا ئاسىيا تارىخى» ‹بايمىرزا ھېيتى›، «ھىندىستان ئىنقىلابچىلىرى» ‹ئابدۇراۋوپ پىتىرات›، «ئاباي»، «ئۇلۇغ تىمۇرى»، «ئابىلەي»، «ماناس»، «جاۋىنگېردىڭ كۈندىلىك دەپتىرى»، «مەختۇم قۇلى»، «يېرىم قالدى» ‹بەت نېمىس›، «مېنىڭ تۇيغۇلارىم» ‹م. روشەن›، «يۈرەك تولقۇنلارى» ‹خوشنۇد، شېئىر كىتابى›، «ئۆلگەنلەر» ‹ق. قورقىت›، «تولقۇن جىرى»، «تۇھپە» ‹ماسرۇر، شېئىرلار كىتابى›، «قېيۇمخان» ‹كوللېكتىپ يازغان›، «قۇربان» ‹م. روشەن، رومان›، «كۆك تېپە» ‹كۇرنان›، «قېيۇمخان كىم؟» ‹ئاھ جان›، «ۋەلى قېيۇمخان ماقالىلەر توپلىمى» ‹2 توم›، «ئۆزبېكىستان گرامماتىكىسى» ‹ئا. فون گابائىن›، «قان» ‹ئابدۇللا، تارىخى رومان›، «بېلىقچى قىزى» ‹م. روشەن، سەھنە ئەسىرى›، «سايران» ‹نېمىس بەد، رومان› قاتارلىق كىتابلار چىقىرىلغان. بۇ كىتابلار مىللىي بىرلىك كومىتېتىنىڭ ئىلمى- ئەدەبى بۆلۈمى تەرىپىدىن تەييارلانغان. − ئا.ھ. ئىزاھاتى). ئۇلار بۇ تەشۋىقات قوراللىرىنىڭ ھەممىسىنى بىۋاسىتە ئورتا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە بېغىشلىغان بولۇپ، ئۇرۇشتىن قالسا، خەلقئارالىق سىياسەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ئۈستىدە بەكلا ئاز توختالغان. ئۇرۇش جەريانىدا بېسىلغان «مىللىي ئورتا ئاسىيا» ژۇرنىلىدا ھەمدە «يېڭى ئورتا ئاسىيا» گېزىتىدە تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك پەقەت بىرلا پارچە ماقالە بېسىلغانلىقى مەلۇم. بۇ ماقالىدە تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش جەريانىدىكى بىتەرەپلىك سىياسىتى ھىمايە قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنى ئا ق ش بىلەن ئەنگلىيەگە ئوخشاش جاھانگىر كۈچلەرنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى تەكىتلەنگەن.
(رەسىم ئورنى)
نېمىس ئۇرۇش سەپلىرىدە جەڭ قىلغان ئورتا ئاسىيالىق جەڭچىلەر ئۈچۈن نەشرى قىلىنغان 1944- يىلى 5- يانۋار«يېڭى ئورتا ئاسىيا» گېزىتى،
ۋەلى قېيۇمخان، بۇ بۇ پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا پروفېسسور فون مەندېنىڭ كۈچلۈك ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەينى دەۋردىكى شارائىتلار كۆزدە تۇتۇلغىنىدا، قېيۇمخان بىلەن ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكى كىشىلەر ھەقىقەتەن ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. 1943- يىلىدىكى شارائىتلار ئاستىدا ئىككى ژۇرنال ۋە بىر گېزىت چىقىرالىغانلىقى، ئىشلەتكەن ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى تاللىيالىغانلىقى م ت ب ك دىن باشقا ھېچبىر كومىتېتتا كۆرۈلمىگەن بىر ئەھۋال ئىدى. كومىتېت يولغا قويغان ھەمكارلىق ساندۇقى لايىھىسىگە تايىنىپ خېلى مۇھىم ماددىي ئەركىنلىككە ئېرىشىۋالغان ئىدى. پروفېسسور فون مەندېنىڭمۇ ياردەم قىلىشى بىلەن، ئون بەش ئەتراپىدا ئورتا ئاسىيالىق ھەر تۈرلۈك گېرمانىيە ئالىي مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا كىرگۈزۈلگەن. م ت ب ك ئەزاسى بولغان ھۈسەيىن ئىكرامخان ئۆز ئەسلىمىلىرىدە 1944- يىلى كومىتېتقا ئەزا بولۇپ كىرگەن ۋاقتىدا 4 نەپەر ھەر تۈرلۈك كەسىپلەر بويىچە دوتسېنت، 3 نەپەر مېدىتسىنا دوكتور، 3 نەپەر شائىر ۋە يەنە بىر قانچە كىشى مۇخبىرلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 34 كىشىنىڭ كومىتېتتا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ۋەلى قېيۇمخاننىڭ شەخسى تەسىرى بىلەن نېمىسلارنىڭ باشقا يەرلىكلەرگە قارىغاندا ئورتا ئاسىيالىقلارغا تېخىمۇ كۆپرەك بىتەرەپ پوزىتسىيە تۇتقانلىقى تۈپەيلىدىن مىللىي ئورتا ئاسىيا ئىتتىپاق كومىتېتىنى پۈتكۈل ئۇرۇش دەۋرى بويىچە گېرمانىيەدە پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان مۇساپىرلار ھەرىكىتى ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ تەشكىلچان ئورگان ھالىغا كەلتۈرگەن دېيىشكە بولىدۇ.
مىللىي ئورتا ئاسىيا ئىتتىپاق كومىتېتى ئىچىدە ئۆكتىچىلىك