ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 138|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاياللار ئۆمرىدە قىلىشقا تېگىشلىك مۇنداق 50 ئىشلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارتىس119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-11 02:20  

ئاياللار ئۆمرىدە قىلىشقا تېگىشلىك مۇنداق 50 ئىشلار-


1 بىر تۈپ مېۋىلىك كۆچەت تىكىپ، گۈزەل ئارزۇيىڭىزنى ئىپادىلەڭ.
2. بىرەر خىل ساز چېلىشنى ئۆگىنىپ، ئۇرۇق- تۇققان، دوستلىرىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىڭ.
3. بالىلىق چاغلىرىڭىزدا تۇرغان جايغا قايتا بېرىڭ.
4. بىرەر قېتىم دېڭىزنى كۆرۈپ، گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇڭ.
5. ياخشى كۆرىدىغان كىشىڭىزگە بىر پارچە سۆيگۈ خېتى يېزىڭ.
6. ئۆزىڭىز تەنھا دالىلارنى ئايلىنىپ، تەبىئەتنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىڭ.
7. ئاچا- سىڭىللاردەك يېقىن ئۆتىدىغان بىر قانچە دوست تۇتۇڭ.
8. چوڭقۇر مۇھەببەتنىڭ تەمىنى بىر قېتىم تېتىپ كۆرۈڭ.
9. بىر قېتىم سەلبىي رول ئېلىپ، باشقا بىر خىل تۇيغۇنىمۇ بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ بېقىڭ.
10. تۇغۇلغان كۈنىڭىزدە ئاپىڭىزدىن ئەھۋال سوراڭ.
11. ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان جايغا بېرىپ ساياھەت قىلىڭ.
12. خوش تەبەسسۇمىڭىز بىلەن ھەر كۈننى خۇشال ئۆتكۈزۈڭ.
13. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان يىگىتنى تاللاپ توي قىلىڭ.
14. ھەركۈنى 15 مىنۇت كىتاب ئوقۇپ، ئۆزىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈڭ.
15. رومانتىك تۈس پەيدا قىلىپ، تۇرمۇش لەززىتىنى قېزىپ چىقىڭ.
16. ھەريىلى بىر قېتىم قان تەقدىم قىلىپ سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن مەبلەغ سېلىڭ.
17. خىزمەتنى خۇشاللىق ئۈچۈن قىلىڭ.
18. ئۇ سىزنى ئۇچراتقان چاغ ئەڭ گۈزەل پەيتلەر بولسۇن.
19. مۇھەببەت ئۈچۈن بىر شارپا توقۇڭ.
20. ھىچ بولمىغاندا بىر قېتىم ئۇزۇن چاچ قويۇڭ.
21. يوقىتىپ قويغان بالىلىق قەلبىڭىزنى ئىزدەڭ.
22. قەلبىڭىزدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاتاقلىق كىشىنى يوقلاڭ.
23. ھاياتىڭىزدىكى مېھرىبان ئۇستازىڭىزنى يوقلاڭ.
24. مۇھەببەتكە تولغان ئائىلە بەرپا قىلىڭ.
25. كەلگۈسىدىكى ئىشلار ئۈچۈن، پۇلنى پەقەتلا قويۇپ ئالمايدىغان ھېساپ ئېچىپ قويۇڭ.
26. ئاپىڭىزنى مەھكەم قۇچاقلاڭ.
27. ئاپىڭىزنى سۆيۈپ قويۇڭ.
28. بالىڭىزغا ھەمراھ بولۇڭ.
29. بالىڭىز ئۈچۈن كۈندىلىك خاتىرە يېزىڭ.
30. قىزىڭىزغا كىشلىك ھايات ھەققىدە بىر پارچە خەت يېزىڭ.
31. ئۆيىڭىزنى ئۆز قولىڭىز بىلەن لايىھەلەپ بېزەڭ.
32. شەخسىي ماشىنا سېتۋېلىپ جاھاننى ئايلىنىپ قېلىڭ.
33. ئاممىۋى سورۇندا بىر قېتىم نۇتۇق سۆزلەڭ.
34. بىر نەچچە خىل قورۇما قورۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
35. بىر قېتىم دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ ھاياتنىڭ قىممەتلىكىنى ھېس قىلىڭ.
36. قوشنىڭىزنى چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلىڭ.
37. دائىم ئاتا- ئانىڭىزنى يوقلاپ تۇرۇڭ.
38. ھەركۈنى بىر ساۋابلىق ئىش قىلىپ، ياشاشنىڭ باشقا بىر مەنىسىنى ئىزدەڭ.
39. يېقىن سىرداش دوستىڭىز بولسۇن.
40. ئەپۇ قىلىش ۋە چۈشىنىش ئىللىق ئائىلە قۇرۇشنىڭ كاپالىتى دەپ بىلىڭ.
41. بەدەن گۈزەللىكىڭىزنى ساقلاڭ.
42. بىر قېتىم مەست بولۇشنىڭ تەمىنى تېتىڭ.
43. ئۆزىڭىزنى تۆۋەن كۆرۈشنى ۋە ھەسەتخۇرلۇقنى تاشلاڭ.
44. نەرسە- كېرەك سېتىۋالىدىغان ۋاقتىڭىزنىڭ يېرىمىنى ئازايتىڭ.
45. مېھرىبانلىق شامى دائىم يېنىپ تۇرسۇن.
46. كوت- كوت ئايال بولماڭ.
47. ھېس- تۇيغۇلىرىڭىزدىن خاتىرى يېزىپ تۇرۇڭ.
48. ئالاقىڭىز ئۈزۈلۈپ قالغان بۇرۇنقى دوستلىرىڭىزنى ئىزدەڭ.
49. گۈل- گىياھ ئۆستۈرۈپ ھاياتىڭىزنى بېزەڭ.
50. ھايات بەتلىرىڭىزنى ۋاراقلاپ، ئۆكۈنۈش ۋە پۇشايمانلىرىڭىزنى يېزىپ چىقىڭ.
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-11-11 16:49:18 | ئايرىم كۆرۈش
16-25-32-46......................قاتتىق دىققەت قىلاي جۇما مەن
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-11-11 18:45:31 | ئايرىم كۆرۈش
3،5،6،7،8،9،10،15،18،20،21،22،23،26،27،28،37،39،46،48،49.ۋۇييۇ.جىق ئىشلارنى قىپ بېقىپتىمەن.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:30 , Processed in 0.126629 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش