ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 92|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يانفوننىڭ سالامەتلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى.!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا



يانفون كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەڭ دائىرىدە ئومۇملىشىپ، ئۇچۇر ئالاقە جەھەتتە تۇرمۇشىمىزغا زور دەرىجىدە قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان يانفوننىڭ سالامەتلىكك بولغان زىيىنى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى. ئادەتتە يانفون ئىشلەتكەندە ئۇنىڭ سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كىشىلەر دەماللىققا بىلەلمىسىمۇ، ئەمما يانفوننى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە سالامەتلىككە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ، بەدەندە ھەرخىل كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، يانفوننىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىنى تۆۋەندىكىچە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
تىترەش ھالىتىدە قويۇپ قويغاندىكى سالامەتلىككە بولغان تەسىرى:
ئۇزۇن مۇددەت يانفوننى تىترەش ئالدىدا قويۇپ قويغاندا مېڭىگە نىسبەتەن يانفون رادىئاتسىيىسى مېڭىدىكى سىمپاتىك ۋە پاراسىمپاتىك نېرۋىلارنىڭ خىزمىتىدە نورمالسىزلىق پەيدا قىلىپ، ئۇيقۇسىزلىق،باش ئاغرىش، باش قېيىش ئالامىتىنى پەيدا قىلىدۇ. يۈرەككە نىسبەتەن، يۈرەك ئىمپۇلسنىڭ نورمال تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، يۈرەك ئېغىش، يۈرەك تىترەش، يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش، يۈرەك ئاجىزلىشىش، ئاسان قورقىدىغان بولۇپ قېلىش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال يانفوننى بوينىغا ئېسىۋالغۇچىلاردا ياكى مەيدە يانچۇققا سېلىۋالغۇچىلاردا بىر قەدەر تىپىك كۆرۈلىدۇ، ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن، ھامىلدارلىق ۋاقتىدا ئاياللار سىرتقى غىدىقلاشقا ئاسان ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا يانفون رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرىگە يولۇققاندا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىچكى ئاجرالما بەزلەر خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، ھامىلىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. يانفوننى كۆپ ھاللاردا ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويغۇچىلاردا بولسا، يانفون رادىئاتسىيىسى ئۇرۇقدانغا تەسىر قىلىپ، ئۇرۇقداننىڭ خىزمىتىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، جىنسىي ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ، ئاياللاردا بولسا تۇخۇمدان خىزمىتىنى چېكىندۈرۈپ، ئادەت قالايمىقانلىشىش، جىنسىي ئاجىزلىق قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.
ئاڭلاش ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرى:
ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر يانفوننىMP3 ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. يەنە نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر يانفوننىڭ ئاۋازىنى يۇقىرى تەڭشەپ قويىدۇ، لېكىن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاۋاز 80دېتسىبېلدىن ئېشىپ كەتكەندە قۇلاققا زىيانلىق ئىكەن، نورمال پاراڭلاشقاندا ئاۋاز چوڭلۇقى 60دېتسىبېل بولۇپ، يانفون نائۇشنىكىنىڭ 100دېتسىبېلغا يېتىدىكەن. شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا كىشىلەر ئاۋازىنى تېخىمۇ يۇقىرى تەڭشەيدۇ، ئەمما بۇ ۋاقىتتا ئاڭلاش ئىقتىدارىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدىكەن.
رېئاكسىيە پەيدا قىلىش تەسىرى:
بەزىلەر يانفون ئىشلىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تېرىلىرى قىزىرىپ ئىششىپ كېتىدۇ، ھەتتا سۇلۇق قاپارتما ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كىشىلەر بۇ خىل ئەھۋالنى ھەرگىز يانفوندىن كۆرمەيدۇ. لېكىن تەتقىقاتچىلار بۇ خىل تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىنىڭ دەل يانفون سىرتقى قېپىدىكى بەزى مېتاللار، مەسىلەن نېكىل قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى بايقىدى.


قول بارماقلىرىغا بولغان تەسىرى:
داۋاملىق ئۇچۇر يوللىغاندا باش بارماق ئۇنۋېرسال يىغىندى كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ، قىسقا ئۇچۇرنى زىيادە يوللايدىغانلار ياكى ئۇزۇن ۋاقىت يانفوندا تورغا چىقىدىغانلارنىڭ باش بارمىقىنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ باش بارمىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇسكۇل تالالىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، باش بارماق ئاغرىش، تارتىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
پىسخىك ساغلاملىققا بولغان تەسىرى:
بولۇپمۇ يانفون ئىشلىتىپ كۆنۈپ قېلىپ بىرەر سەۋەبتىن يانفون ئىشلەتمىگەندە باشقىلارنىڭ يانفونى سايرىسا ئۆزىنىڭ يانفونىنى ئىزدەش ياكى ئۆزىنىڭ يانفونىنى تىترەشكە تەڭشەپ قويۇپ، باشقىلارنىڭ يانفونى سايرىسا ئۆز يانفونىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇش، بەزىدە يانفونى سايرىمىسىمۇ سايرىغاندەك مەلۇم بولۇپ، يانفوننى ئېلىشقا تەمشىلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش پىسخىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل تۇيغۇ ئەمەلىيەتتە يانفوننى كۆپ ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان بىر خىل پىسخىكىلىق مەسىلە.
ماشىنا ھەيدەۋېتىپ ياكى يولدا كېتىۋېتىپ تېلېفوندا پاراڭلىشىش ياكى تېلېفون ئېكرانىغا قاراپ تورغا چىقىش ۋە قىسقا ئۇچۇرلارنى كۆرۈش:
ئەڭ ئاسان سەل قارىلىدىغان قاتناش بىخەتەرلىكى مەسىلىسى بولۇپ، بۇمۇ ئاقىۋىتى خەتەرلىك ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.
قىسقىسى، يانفون تۇرمۇشىمىزغا زور دەرىجىدە قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يانفوننىڭ سالامەتلىكىگە بولغان زىيىنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. شۇڭا يانفون ئىشلەتكەندە ئىلمىيلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىش زۆرۈر.
ئاپتور شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدىن قۇربانجان ئوبۇل.
مەنبە:نۇر تورى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 13:10 , Processed in 0.144559 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش