ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 572|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئىس كەتكەن خىياللار ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

51

تېما

135

يازما

1618

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 54
يازما سانى:
135
تىللا:
1304
تۆھپە:
43
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
43 سائەت
ئاخىرقى:
2015-10-28

نادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسى

ئىس كەتكەن خىياللار ...

قاراخان

كۆك ئاسمان سەتھىدە مەغرۇر لەپىلدەپ،

تۇرىدۇ ئۆلكەمنىڭ زەپەر بايرىقى.

تۇغۇلغان يېرىمدە ئۆستۈم ئەركىلەپ،

تەگمىدى ياتلارنىڭ ھارام تايىقى.

كىملىكتىن بالقىدى تۇيغۇمدا  شەرەپ،

ۋەتەننىڭ پېقىرغا تەگدى مايىقى.

ھەقىقەت تىلىمەس مېھرىبانلىق بەس ،

ئادالەت قول سوزار ماڭا ھەسسىلەپ.

يولۇمدا رىسقىم بار بۇلۇڭدا ئەمەس،

يۈرمىدىم مەنزىلدە روھسىز تەمتىرەپ.

غېمىنى ئەلنىڭ ئەر دەيدۇ كىم يىمەس،

چۈشتىمۇ  ئېلىمدىن ياتسام ئەنسىرەپ.

غۇلىسا تۈگەشتى دەپتۇمىش بىراۋ،

ئادەملەر كەتتىمۇ شۇنچە ئەسكىرەپ.

باقمىسام رايىغا دەپتۇمىش ئاساۋ،

ئالەمنى دىتسىزلار كەتتى پەنجىلەپ.

يوقمىكىن ئىنساننى ئىنساندەك ئاياۋ،

روھىممۇ قەيسەركەن كەتمىدى جۈدەپ!


تاردىن مەن كېڭەيمەي،كەڭدىن تارايدىم،

تاش كۆۋرۈك بولغاننى بۇزالماس سەلەپ.

چىراقسىز قالغاندا تۈنگە ئالايدىم،

كۈنگە يا  قويمىدىم ئالەمچە تەلەپ.

مەن ئەلگە ،ۋەتەنگە تۇغما مالايدىم،

ئەقىلگە خۇن تۆلەپ بولدۇمغۇ بىزەپ.

ئەجەلنىڭ ئىشىكى ھەممىگە ئوچۇق،

ئۆلۈمنى سېغىنىپ يۈردۈم  ئۆمىلەپ.

يوق بولدى تەڭرىدىن ئۆلۈشكە بۇيرۇق،

نۇقساننى ئۆزۈمگە قويدى دۆۋىلەپ.

ئاچمىسا تەلىيىم ماڭا بىر يوچۇق،

قالاتتى بۇ چوقام ھالسىز چۆرگىلەپ.

مۇزدەككەن مۇڭ نىمە بىلمىگەن يۈرەك،

تەشنالىق تۇمشۇقتىن چىقتى يېتىلەپ.

بولدۇممەن شۇندىلا ئۈمۈدكە كۆيەك،

ئۆتتى كۈن ئۇيقۇسىز كېچە-كېچىلەپ.

ئەتراپتا كۆپ ئىكەن مېنىڭدىن زېرەك،

زېرەككە باقتىمدە قالدىم مىۋىلەپ.

دۈملىنىپ بەك ئۇزاق يېتىپتۇ خىيال،

مېنى دەم يىگۈزگەن قالغاچقا ئەسنەپ.

تۇۋاقنى ئېچىشقا نەدىدۇر ئامال،

ئوتقا سۇ چېچىلىپ تۇرسىمۇ پەسلەپ.

قايناشنىڭ پەيتىنى تاپماقلىق كامال،

بىلسەم ئىس كېتەمدۇ خىيالغا دەسلەپ!

چاپقاننىڭ ھەممىسى چەۋەنداز ئەمەس،

كەينىدە قالمىدىم توپتا تەمتىلەپ.

ئادەم ئۇ ئانىسىز، ئەجەلسىز ئەمەس،

ۋەتەن دەل ئانامدۇر تۇرغان پەپىلەپ،

قېلىپقا سالسىمۇ تەتۈر تۈزۈلمەس،

ئانىدىن ئوڭ تۇغۇل دەيمەن جېكىلەپ!

2013-يىلى 26-ئۆكتەبىر
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

94

تېما

341

يازما

3808

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 5
يازما سانى:
341
تىللا:
2592
تۆھپە:
270
جەۋھەر يازما:
7
توردا:
81 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-2

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىنادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىسۆيۈملۈك ئەزائالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2013-10-26 10:13:11 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ھىكمەتلەرگە تويۇنغان ھاياتلىق ئىزتىراپلىرى بوپتۇ...قىسقىسى،بۇ«ئىس كەتكەن خىياللار»بولماستىن ھەر بىر ئەركەكنىڭ ۋۇجۇدىنى ئوت ئالدۇرىدىغان ئىزگۈ خىياللار ئىكەن. قەلىمىڭىز،ئىلھامىڭىز تالمىسۇن،ھارمىسۇن بۇرادەر.

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-10-26 11:28:11 | ئايرىم كۆرۈش
ئىلھامىڭز  ھارمىسۇن ئۇستاز
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:51 , Processed in 0.130530 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش