ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 163|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئارتۇچ شېئىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

22

تېما

59

يازما

445

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 708
يازما سانى:
59
تىللا:
386
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
20 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5







ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچنىڭ تەرجىمىھالى

شېئىرىي ئىجادىيەت قوشۇنىمىزدا  ئۆزىنىڭ بوشاشماس تىرىشچانلىقلىقى ئارقىلىق ئىزچىل قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان ياش شائىر

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ 1976-يىلى ئاتۇشتا دېھقان ئائىلسىدە تۇغۇلغان .  1984-يىلدىن 1995 –يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە

  ئۇتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇپ، ئوقۇشىنى   تاماملىغاندىن بۇيان، گەرچە ھېچقانداق بىر كەسىپتە سېستىمىلىق تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە

ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، سىرچىلىق، بېزەكچىلىك كەسپىنى ئىگىلەپ

ئۆز تۇرمۇشىنى قامداش بىلەن بىرگە،  ئىزچىل ئەدەبىي ئىجادىيەتكە  چوڭقۇر ئىشتىياق باغلاپ، 1999-يىلى

‹‹ قىزىلسۇ گېزىتى›› دە ئېلان قىلغان ‹‹ مەن سەھرالىق دېھقان بالىسى›› ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە قەدەم قويغان .

2000-يىلى جۇڭگۇ كومنىستىك پارتىيىسگە كىرگەن. ئۇ تۇنجى ئىجادىيەت مېۋىسىنى كىتابخانلارغا  سۇنۇشقا باشلىغاندىن

تارتىپ ھازىرغىچە ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ، ھازىرغىچە ‹‹ قىزىلسۇ گېزىتى»،  ‹‹ قىزىلسۇ ئەدەبىياتى »،  ‹‹ ئاتۇش

ئەدەبىياتى»، «قەشقەر»،‹‹مەركىزى شەھەر ئۇچۇرلىرى» ،  ‹‹ قەشقەر گېزىتى»، ‹‹  خوتەن گېزىتى» ، ‹‹مۇزات دولقۇنلىرى»،  

‹‹ ئاقسۇ گېزىتى»،‹‹ شايار ‹‹ ‹‹لوپنۇر مەدەنىيىتى» ،  ‹‹ دولان»،    ‹‹ تۇرپان گېزىتى»،  ‹‹ شىنجاڭ گېزىتى»،   

‹‹ مايبۇلاق»،‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»،  ‹‹ ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» ، ‹‹ بورتالا گېزىتى»،  ‹‹مۆلجەرتاغ»...

قاتارلىق تۈرلۈك گېزىت - ژۇرناللاردا  250 پارچە شېئىرى ئېلان قىلىنغان .ئىجادىيەتكە زور ئىشتىياق باغلاپ ،

تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كىرىشىپ ،تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى رەڭگا - رەڭ ھايات كارتىنلىرىنى

يارقىن ئەكىس ئەتتۈرۈپ كېلىۋاتقان شىجائەتلىك شائىر ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  ئىجادىيەتلىرىنىڭ سەمەرىسى

بولغان  « ۋىسال تاڭلىرى سۈزۈك » ناملىق شېئىرلارتوپلىمىنى نەشىرگە تەييارلاۋاتىدۇ .




مەن سەھرالىق دېھقان بالىسى



ئۇچامدا بار ئاددىيلا چەكمەن ،

ئويناپ تۇرار قولۇمدا كەتمەن ،

توپا ھىدى بىلىنەر زەمزەم ،

مەن سەھرالىق دېھقان بالىسى.



ئوخچۇپ ئاققان ئەركەك سۈيى بار ،

جان ئانامنىڭ ئەللەي كۈيى بار ،

ساپ مىھنەتنىڭ پۇتمەس كۈيى بار ،

مەن سەھرالىق دېھقان بالىسى.



ئېتىز -باغدا سايرايدۇ بۇلبۇل ،

ساپ ھاۋاسى كىشىگە ھوزۇر ،

جەننەت نېمە سەھرا مىڭ پوزۇر ،

مەن سەھرالىق دېھقان بالىسى.



ياڭراپ تۇرار ئەمگەك ناۋاسى ،

بەزمە،مەشرەپ،ئۇسسۇل-ساماسى ،

چىن ھاياتنىڭ يارقىن سىماسى ،

مەن سەھرالىق دېھقان بالىسى.



سەھرا مېنىڭ ۋەتىنىم تەختىم ،

مېھرى بىلەن ئېچىلار بەختىم ،

ۋاپادارمەن ئاڭا جان تەقدىم ،

مەن سەھرالىق دېھقان بالىسى.





قۇلانچى ئانامسەن ئانامدەك ئۇلۇغ



كۆز ئاچتىم قوينۇڭدا تاپتىم كۈچ -قۇۋۋەت،

مېھرىڭدىن مۇقەددەس سۆيگۈ  تاشىدۇ.

ئوت جىسمىڭ تەپتىدىن يانغان ھارارەت،

ۋۇجۇدلار  چۆلىگە گۈلخان ياقىدۇ.

ۋەسلىڭدىن ياغىدۇ ئالەمچە بەركەت،

ھېكمىتىڭ مەنزىلگە يوللار ئاچىدۇ.



قۇمالتاغ  قەددىدەك مەردانە ،مەغرۇر،

كۆز سالدىڭ جاھانغا قۇياشلىق تاڭدەك.

كۆكلىدى ئۈمىتلەر چىللىدى غورۇر،

پاك مىھنەت بېغىدا بەخىت چىچەكلەپ.

يورۇتتى تۈنلەرنى ئىلاھىي ئاق نۇر،

ياشناتتى ، كۈلدۈردى ئىلىم -مەرىپەت.



نۇرانە ئىزلاردىن سۈيۈندۈڭ ئۇزاق،

ئىجتىھات ئەيلىدى ئىشچان قىز -ئوغلان.

ئاسايىش كۈنلەردىن ئەل ئىجىل -ئىناق،

قاينايدۇ  يۈرەكتە ئوتلۇق ھاياجان.

ئۈندەيدۇ  نۇسرەتكە ئارزۇ -ئىشتىياق،

ئۇپۇققا  تۇتاشقان بۈيۈك بىر ئارمان.





ئاتا قەسىدىسى




بەستى تاغدەك قەددى قامەتلىك ئاتام ،

ئەجرى ئۇلۇغ قولى بەركەتلىك ئاتام .

ھالال مىھنەت قۇچىقىدا ياشنىغان ،

مەردانە -مەرت ، شانۇ -شەۋكەتلىك ئاتام .



ئىزلىرىدىن پارلاپ تۇرغان نۇر -  زىيا ،

قوينى جەننەت مېھرى - شەپقەتلىك ئاتام .

پاك روھىدىن گۈلگۈن باھار ، ئۇز دۇنيا ،

باغرى ئالەم خىزىر سۈپەتلىك ئاتام .



جۇت - بورانلىق مەنزىللەردە يېڭىلمەس ،

زەپەر قۇچقان يولى نۇسرەتلىك ئاتام .

ھاياتلىققا يۈرىگىدە  ئوت  ئۆچمەس ،

ئەل -يۇرت  سۆيگەن  ئېسىل خىسلەتلىك ئاتام .




ئادىمىيلىك سەيناسىدا كۆكلىگەن  ،

توغراق كەبى قىسمەت ، ھېكمەتلىك ئاتام .

دىيانەتنىڭ ساماسىدا ئۆرلىگەن ،

باھادىر ، تۈز ، خالىس نىيەتلىك ئاتام .



بىر تال داندىن ئاۋۇندۇرغان رىسقىنى ،

تەرى زەردۇر ، ئىشچان ، مىھنەتلىك ئاتام .

بېغىشلىغان ئەل - ۋەتەنگە  ئىشقىنى ،

مۇھەببەتلىك ، ساپ دىل ، ھىممەتلىك ئاتام .



غورۇر  - ۋىجدان ، ئار -نۇمۇسنى ، ئەھدىنى ،

بىلگەن ئەزىز جاندىن قىممەتلىك ئاتام  .

گۈزەل سەھرا ، ئانا تۇپراق  تەختىنى ،

گۈللەتكەن زات بۈيۈك شۆھرەتلىك ئاتام  .






ئاتۇش قەسىدىسى



ئاتۇش دەپ داڭقى تارالغان گۈزەل بوستان دىيارىم بار  ،


جاھان ئەھلىگە پۇر كەتكەن سۇتۇق بۇغرا خاقانىم بار ،


مەرىپەت مەشئىلى يانغان قەدىم ئاستانە جايىم بار ،


قارا دىللارنى يورۇتقان بۈيۈك روھ قىبلىگاھىم بار ،


ئېسىل ، مەردانە تەۋپىقتەك گويا ماھى تابانىم بار .






كۆيۈكتاغ باغرىدا ئۆسكەن ئوغۇل - قىزلار چىچەن ، ئىشچان ،


ئېلىم - ھېكمەت يولى بىرلە يۈرىگىدە ئۇلۇغ ئارمان  ،


زىمىن تاشلىق ، مەدەن ئاشلىق مۇھەببەت رىشتىنى چاتقان ،


كېزىپ مەنزىل تالاي كارۋان ھالال رىسقىنى تەڭ تاپقان ،


ئەجىر - مىھنەت كۈيى ياڭراق گۈلى خۇشبۇي دىيارىم بار .





مۇسابايۇف ئىزى ئۆچمەس كامالەت نامىدىن كۆچمەس  ،


شەرىقتىن بالقىغان چولپان ئەبەدىي نۇرلىرى يۈتمەس ،


جاسارەتلىك ، پاراسەتلىك گۆھەردەك خىسلىتى پۈتمەس ،


ئەسىرلەردىن ، زامانلاردىن  پەزىلەت بابىدىن كەتمەس ،


ئالەملىك ھەق پايانىدا باھادىر ئەل  پاناھىم بار  .





ئۈزۈم ، ئەنجۈر، ئانار  ، شاپتۇل گويا بېھىشكېرەم ۋەسلى ،


ھوزۇر تەنگە ھاۋاسى ساپ يېشىل كۆكلەم جىمى پەسلى ،


ئېلىم سۆيگەن ، ۋەتەن سۆيگەن باتۇرلار يۇرتى بۇ ئەسلى ،


زاتى قارلۇق ، ئوغۇز ، ياغما قاغانلار پۇشتىدۇر نەسلى ،


جاھاندا بىر باھاسىز يەر مۇھەببەتلىك ماكانىم بار .





قىران ، چاقماق سۈيى ئەلۋەك ئەزەلدىن تاغ ئېشىپ ئاققان ،


قۇمالتاغ ، تەڭگە تاغ ، بوزتاغ ، قارا تاغلار كۈلۈپ باققان ،


جايى پەچچىم ، ئىشىق يولى تامام ئىنساننى ئويغاتقان ،


پەلەك دەرۋازىسى ، مۇرتۇم  ئۇزاق كەچمىش گۇۋاھ بولغان ،


قۇياش قوينىنى كەڭ ئاچقان ھارارەتلىك زامانىم بار  .






يىپەك يولىدا ئەنگۈشتەر  كەبى يۇرتۇم گۈزەل ھۆسنى  ،


ئېلىم  - ئىرپان نۇرى بىلەن زەپەرلەردىن  ئاۋام  كۈلدى  ،


يورۇپ دىللار  ، ئۆسۈپ  ئاڭلار  كۆڭۈللەرنى ئۈمىد سۆيدى ،


ۋەتەن  - ئەل  ئىشقىدا ئوتلۇق ۋاپا مېھرىدە جان كۆيدى  ،


ئىناقلىقتىن  كۈلۈپ تاتلىق ۋىسال سۈرگەن نىگارىم  بار  .





ئۆچمەس ئىز


بۇيامەتتە تۇغۇلغان ،

تەۋپىق بولۇپ تونۇلغان .

مەرىپەتنىڭ جەڭچىسى ،

جاھالەتكە تىغ ئۇرغان .



ئىلىمدىن نۇر ئەيلىدى ،

ئەلگە غورۇر ئەيلىدى .

مەشئەل قىلىپ يۈرەكنى ،

ھەقنى مەغرۇر ئەيلىدى .



ئىز مارشىنى ياڭرىتىپ ،

كەڭ جاھانغا ئاڭلىتىپ .

قارا دىللار يورىدى ،

مېھرىدىن قۇت تارىتىپ .



ئۇلۇغ ئەجرى نۇرانە ،

قۇتلۇق قەدەم مەردانە .

سائادەتنىڭ سەردارى ،

روھى ئۆچمەس مەڭگۈگە .





ياپيېشىل باھاردەك كۆكلەيسەن ئانا



جىسمىڭدىن ئېرىيدۇ زىمىستان قار -مۇز،

چېھرىڭدىن نۇرلۇنۇپ كۈلىدۇ قۇياش.

پاك مېھرىڭ جەننىتى پەرىشتىدىن ئۇز،

بۈيۈكلۈك تەختىدە سەن مەڭگۈ ياپياش.



مىننەتسىز ئەجرىڭدىن گۈزەلدۇر باھار،

ئۆچمەس ئىز سالىسەن ئالەم باغرىغا.

ئۈزۈلمەس رىشتىڭدىن ياشنايدۇ جانلار،

زۇلمەتلىك تۈنلەرگە سەن بەرگەچ زىيا.



سەھەردەك ئويغاتسا ھەر تىنىقلىرىڭ،

ھېكمەتلەر تونۇتار ئىنسانلىغىمنى.

پىداكار ،مەردانە ،يۈكسەك خىسلىتىڭ،

ئۈندەيدۇ يېڭىشكە رەزىل -ياماننى.



دىيانەت ،قۇت-بەركەت، ھەقنىڭ شاھىسەن،

سېنىڭسىز ھاياتلىق مىسلى قىيامەت.

جاھاننىڭ يۈرىگى ، ئەزىز جانىسەن،

ياپيېشىل باھاردەك كۆكلەيسەن ئەبەد.






تەكلىماكان ئانامسەن




جىسمىڭدىن كۈچ بەرگەن ئانا جانىمسەن،

باغرىڭدا يىتىلدىم توغراقتەك مەزمۇت.

قىسمەتلەر تاۋلىغان پىداكارىمسەن،

نۇرلۇنۇپ ئۇزاقتىن ياغدۇردۇڭ بەركەت.



زارلانمىدىڭ چىقسا بوران كۆچسە قۇم،

چىچەكلىدى ئارمان كەبى چۆل گۈلى.

ساقلىمىدىڭ كەچمىشلەرگە قىلچە غۇم،

سۆيدى ئىزلار كارۋان ئاچقان قۇت يولى.



سىڭدى پۈتمەس كۈي -سەترىلەر،رىۋايەت،

كۆيگەن دېڭىز كۆيگەن قۇياش مېھرىڭدە.

ئەجدادتىن ئەۋلاتقا ئەيلەپ مۇھەببەت،

نۇر ئابىدە  تارىخ  پۈتتۈڭ سېھرىڭدە.



شاھىد بولۇپ مەدەنىيەت ، ئۆتمۈشكە،

ئوغۇز سۈتۈڭ ئاقتى ھايات ،جان بېرىپ.

جەسۇر قىز -ئوغلانلار باغلاپ قۇت رىشتە،

ۋەسلىڭ ئۈچۈن  ئۇھ تىنمىدى  قان كىچىپ.



كۈلگەن تارىم قۇچىغىڭدا ئەركىلەپ،

سۈزۈك سەھەر جىلۋىسىدەك بىغۇبار.

ئۇز تەبىئەت سۈلكىتىڭدىن ھەيران زەپ،

چىچەكلەيدۇ  قۇم ھۆسنىدە ئارمانلار.



ئىلاھىي كۈي زىل كولدۇرما ئاۋازى،

ئانا يەرنى ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇپ.

تەڭرىتاغنى سۆيۈپ بۈركۈت پەرۋازى،

ئۇپۇق تۇتاش ئىزگۈ روھ قىلار جەۋلان.



نۇرانە ئىز ، بۈيۈك ھېكمەت،مۆجىزە،

يۈرىگىڭنى  ياشارتىدۇ  باھاردەك.

جەننەت ھىدى ئاپئاق ئۈمىت،ئەقىدە،

بېغىشلار پاك سۆيگۈ  ئەنگۈشتەر خىسلەت.





ياشنىسۇن




ئەل -ۋەتەننىڭ سۆيگۈسىدە  يايرىغانلار ياشنىسۇن ،

مېھرىدىن نۇر -زىيا ئېلىپ  ئاينىغانلار ياشنىسۇن .



ئەجرىدىن ياشنايدۇ ئىنسان گەر سىناقلار ئېمتىھان ،

مىھنىتىدىن قەن -ناۋاتلار چاينىغانلار ياشنىسۇن .



پاك -دىيانەت ، ھەق -ئادالەت ئەھلى جانغا ئۇز بېزەك ،

ۋاپا ئەيلەپ ياخشىلارغا ھارمىغانلار ياشنىسۇن .



زەر قىياغا يامىشىپ دەم چەكتى تالايلار ئەلەم  ،

ئادىمىيلىك قىممىتىنى ساقلىغانلار ياشنىسۇن .



ساپ مۇھەببەت چىن ۋىسالدىن كۆكلىگەي جان رىشتىدىن ،

روھىنى تاۋلاپ قەدەمدە  پاكلىغانلار  ياشنىسۇن .



ئۆم -ئىناقلىق شەۋكىتىدىن ، قۇت - بەخىت بەركىتىدىن ،

ئەل -ئاۋامنىڭ ئۈمىدىنى  ئاقلىغانلار  ياشنىسۇن .





ئانا



ھاياتلىق ئىزلىرى خۇشبۇي قاقاس چۆللەردە مېھرىڭ بار ،

ۋىسال دەملەر  قۇچاق ئاچقان يورۇق تۈنلەردە مېھرىڭ بار .



ھالال ئەجرىڭ نۇرى بىرلە داۋانلاردىن ئېشىپ كەلدۇق ،

سەھەر - تاڭ پەيزىدە شاتلىق گۈزەل كۈيلەردە مېھرىڭ بار .



ۋاپا ، پاكلق ئارا ياشناپ تەسەددۇق ئەيلىدىڭ ھەرچاغ ،

دىيانەت قەسرىدە ياڭراق ، تېرەن ئۈنلەردە مېھرىڭ بار .



جاھاننى كۆكلىتىپ ئۆتكەن كۆيۈك باغرىدا جان كۈلگەن ،

ھىدىڭدىن ئۇز  ھۆسىن تۈزگەن قىزىلگۈللەردە مېھرىڭ بار .



ئىلاھىي ئوت غورۇر  ئىشقىڭ ئۈزۈلمەيدۇ ئەبەد رىشتىڭ ،

بۈيۈك ئارمانغا يانداشقان ئۇلۇغ كۈنلەردە مېھرىڭ بار  .





ئۇيغۇر تىلىم

(ئانا تىل بايرىمىغا بېغىشلايمەن )



چىققان تىلىم ئانا دەپلا ئانا تىلىم ئۇيغۇرتىلىم ،

زۇلمەت ئارا نۇر ھېكمىتىڭ زىيا تىلىم ئۇيغۇرتىلىم .



تارىخ ئىزى ، كەچمىش سۆزى ، ھەق - ئادالەت ئەلنىڭ كۆزى ،

مەلئۇن ، يامان گەر باغرىغا ئوقيا تىلىم ئۇيغۇرتىلىم .



ئەۋۋىلىدىن  ، ھازىرغىچە ياشنىدى پاك ، ساپ ئەقىدە ،

ئەلەم ، بەخىت ھەممىگە چىن گۇۋاھ  تىلىم ئۇيغۇرتىلىم .



ئۇلۇغ ۋىسال كامالى قۇت  جان سەۋداسى قوغلايدۇ جۇت ،

دىل بېتىنىڭ ئېزگۈسىدە  لاۋا تىلىم ئۇيغۇرتىلىم  .



گۈلگۈن ھايات نۇسرەت قۇچۇپ كۆكلەپ يۈرەك بەركەت قونۇپ ،

ئەركىن نەپەس قوينىدا ساپ ھاۋا تىلىم ئۇيغۇرتىلىم .



تاڭ ۋەسلىدە روھلار كۆيەر ئارمان ئۇلۇغ ئۈمىد سۆيەر ،

مەنزىل بۈيۈك پايانىدا  ئۇۋا تىلىم ئۇيغۇرتىلىم .




ھۈنەرۋەنمەن



بۈيۈك ئەجدات ئىزى بىرلە قەدەم باسقان ھۈنەرۋەنمەن ،

ھالال مىھنەتتە يايرىغان  بەخىت تاپقان ھۈنەرۋەنمەن .



ۋەتەن- ئەل سۆيگۈسى چوڭقۇر ئۇلۇغ مېھرىدە مەن مەغرۇر ،

ئانا يۇرتۇم قۇچاغىدا  كۈلۈپ باققان ھۈنەرۋەنمەن .



ئاتام بەستىدە تاغ قەددى ئانام ھۆسنىدە باغ ۋەسلى ،

ئادەم بولغان ئەقىل تاپقان قولۇم چاققان ھۈنەرۋەنمەن .



ئەزىز ئۇستاز تەلىم بەرگەن  باياۋان دىلغا گۈل تەرگەن ،

ئېسىل خىسلەت روھىدىن نۇر لاۋا چاچقان ھۈنەرۋەنمەن .



ئادىمىيلىك پەزىلەتتىن ئالەمچە قۇت - مۇھەببەتتىن ،

سۇنۇپ ئەلگە ھوزۇر ، نىممەت ۋىسال چاتقان ھۈنەرۋەنمەن .





ۋەتەن قەسىدىسى


جاھان باغرىدا بۈيۈكسەن بۈيۈك ،

مېھرىڭدە ئاتقان تاڭلار سۈپسۈزۈك ،

كۈلىدۇ مەڭگۈ مۇقەددەس ھۆرلۈك ،

شانۇ -شەۋكەتلىك ماكانسەن ۋەتەن .




ھېكمىتىڭ بىلەن ئويغانغان  ۋىجدان  ،

چىن ۋىسال قۇچۇپ يۈرەكتە ئارمان ،

ئەجرىڭ بەھرىدە ئالەمچە ئىمكان ،

ئېسىل خىسلەتلىك ماكانسەن ۋەتەن .



سەن بىلەن ئۇلۇغ ھايات مەناسى ،

مەردانە ، گۈلگۈن  ئۆمۈر سەيناسى ،

تەلپۈنگەن يۈرەك سۆيگۈ ۋاپاسى ،

ئەزىز   شەپقەتلىك ماكانسەن ۋەتەن .



بەركەتلەر ياغقان ئىلىم نۇرىدىن ،

ئىناق -ئىجللىق ھەقنىڭ يولىدىن ،

ياشنىدىن ئىنسان پاكلىق ئۇلىدىن ،

پۇتمەس ھىممەتلىك  ماكانسەن ۋەتەن .



ئۈمىد  بېغىشلاپ كۆكلىدى جانلار  ،

ۋەتەن دەپ گۈلخان تومۇردا قانلار ،

تاۋلايدۇ قىسمەت ئاشتى دەرمانلار ،

بەخىت - نۇسرەتلىك ماكانسەن ۋەتەن .




نىگارنى ئوخشاتتىم كۆكنار گۈلىگە



غېرىب دىل بېغىمدا ئۆستى چېچەكلەپ ،

سەۋدايى مەسىت بولدۇم خۇشبۇي ھىدىدىن .

جۇلاسى ئوتقاشتەك ھاردىم پەرۋىشلەپ ،

ۋۇجۇدۇم تىترىدى كۆيۈك رىشتىدىن .



ھەر باقسام كۆزلىرىم تورلاشتى ، تالدى ،

ھەر پۇراپ خىيالىم كەتتى ئەرىشكە .
پاك روھىم ئەسلىمدىن ، ۋەسلىمدىن  تاندى ،

ئازابلىق تولغاندىم  قەددى، قەدرىمگە .



زەئىبلىك پايانى ئالدى قوينىغا ،

قۇياشلىق باھارىم تەپتى مۇزلىدى .

ئايلاندىم ئاقىۋەت تىرىك مۇردىغا ،

سۈپسۈزۈك ئارمانلار گېلىمدىن بوغدى .



نە بەخىت ،نە شاتلىق ...  سورۇلدى  كۆككە ،

بىر دەملىك ھوزۇردىن ، شەيتان پەيلىدىن .

نىگارنى ئوخشاتتىم كۆكنار گۈلىگە ،

نە ھالكى قۇتۇلماي ئاچچىق  دەردىدىن  .





خۇشخۇي دىدار ئېسىل پەزىلەت



خۇشخۇي دىدار ئېسىل پەزىلەت ،

سالاملاردىن  يورۇيدۇ كۆڭۈل  .

خۇش چىرايلار جاھانغا بېزەك ،

ئىناقلىقتىن ياشنايدۇ پۈتكۈل .




تۆكۈلىدۇ ئالەمچە بەركەت ،

شاتلىق سىڭغان ئوت يۈرەكلەردىن .

ئاتا قىلغاي ئىنسانىي قىممەت ،

ئۈمىد قونغان ساپ تېلەكلەردىن .



ئۆمۈر قىسقا بىباھا ھىممەت ،

رىشتىمىزدىن كۆكلەيدۇ ھايات .

ئىزىمىزدىن پارلىسا نۇسرەت ،

بەخىت قۇشى قاقىدۇ قانات .



قەدىرلەنسە مېھرى - مۇھەببەت ،

كۈلكىمىزگە جۈر بولغاي جاھان .

پاكلىق بىلەن ئۇلۇغ ھەقىقەت ،

چېچەكلەيدۇ دىللاردا ئارمان .




ئوغلۇمغا  



يۈرىگىم پارىسى كۆزۈم نۇرىسەن ،

كۈلكەڭدە ئۇلۇغدۇر مېھىر رىشتىسى .

ئەل -ۋەتەن ئۈمىدى يورۇق ئىزىسەن ،

ئەجرىڭدە پارلايدۇ ھايات جىلۋىسى .



ياشىدىم پايانداز سېلىپ يولۇڭغا ،

ياتلارغا بويننى قىسمىسۇن دېدىم .

قۇياشتەك چاقنىغان ئارمانلار ئارا ،

ئۆرۈڭگە دىيانەت ، تەۋپىق تىلىدىم .



ئەجداتلار روھىنى بىلىپ ئەنگۈشتەر ،

ياخىشلىق يولىدا ئىزدەن ھارمىغىن .

مەرىپەت ۋىسالى سۈپسۈزۈك سەھەر  ،

ئۆزۈڭنى مەنزىلدە مەڭگۈ تاۋلىغىن .



ئەل -ۋەتەن ئىشقىدا كۆيسەڭ ، كۆيۈنسەڭ ،

شاتلىقتىن ئاسمانغا تاقىشار بېشىم .

نۇسرەتلەر قوينىدا يۈرسەڭ ، سۈيۈنسەڭ ،

ھاياجان ئىلكىدە يايرايدۇ جېنىم  .





ياخشىلىق



ھاياتلىققا زىننەت ياخشىلىق ،

ئادىمىيلىك  قىممەت ياخشىلىق .

ئالتە كۈنلۈك پانىي دۇنيادا ،

نۇرانە ئىز ھىممەت ياخشىلىق .



ياخشلىقتىن گۈللەيدۇ ئالەم  ،

ساپ نىيەتتىن تۈگەيدۇ  ئەلەم ،

نۇسرەت تامان ئۆرلەيدۇ ئادەم  ،

پۈتمەس بەركەت ، نىممەت ياخشىلىق .



مەنزىل ئارا سۈيۈنۈپ كارۋان  ،

ۋىسال قۇچۇپ كۆكلەپ ئەزىز جان ،

چېچەكلەيدۇ يۈرەكتە ئارمان  ،

مىننەتسىز تەر ، مىھنەت ياخشىلىق .



پاك ئەقىدە  ، ئېتىقاد  نۇرى  ،

مەۋجۇداتلىق ھېكمىتى ، ئۇلى ،

ھەق ئىزلىگەن ئەركەك غورۇرى  ،

ئۇلۇغ مېھرى - شەپقەت ياخشىلىق  .




ئادەملەرگە ئىنساب تىلەيمەن



بۇ دۇنيانى رەزىل  دېمەيمەن،

شور قىسمەتنى خورلۇق  بىلمەيمەن.

ئەل رىسقىنى ئەسلا  يىمەيمەن،

ئادەملەرگە ئىنساب تىلەيمەن.



ئېزىقتۇردى كۆپنى مەئىشەت،

بۇلغانماقتا مېھرى -مۇھەببەت،

يامانلىقتىن  توزىدى بەركەت ،

ئادەملەرگە ئىنساب تىلەيمەن.



ئاق ئالۋاستى ،قارا ئالۋاستى،

روھىمىزنى زەئىپلىك باستى،

ياۋ پۇرسەتتە ھەددىدىن ئاشتى،

ئادەملەرگە ئىنساب تىلەيمەن.



ياخشىلارنىڭ باغرىدا ئەلەم،

ئاتىلارنىڭ كۆزلىرىدە نەم،

پۇل كەينىدىن چاپماقتا سەنەم،

ئادەملەرگە ئىنساب تىلەيمەن.


سېتىلماقتا ئەركەك  غورۇرى،

ئۇنتۇلماقتا  ئەجدادلار روھى،

خۈنۈكلەشتى پاك ئىمان نۇرى،

ئادەملەرگە ئىنساب تىلەيمەن.



قېرىنداشلار  نەپ دەپ ياتلاشتى،

ئارىمىزغا  شەيتان  چاپلاشتى،

ساپ نىيەتلەر  يولدىن ئاداشتى،

ئادەملەرگە ئىنساب تىلەيمەن.






قېرىنداشلار ھامان يادىمدا



ئانا زىمىن باغرىدا كۈلگەن ،

ئەل - ۋەتەننى ئەزىزلەپ سۆيگەن ،

ھەق ئىشقىدا قۇياشتەك كۆيگەن ،

قېرىنداشلارھامان يادىمدا  .



مەنزىللەرگە داغدام ئاتلانغان ،

كەچمىشلەردە روھى تاۋلانغان ،

قۇت رىشتىسى مەھكەم باغلانغان ،

قېرىنداشلار ھامان يادىمدا.



ئارمانلىرى باھاردەك يېشىل ،

يۈرەكلىرى چوغدەك قىپ -قىزىل ،

پەزىلىتى ئالەمچە ئېسىل ،

قېرىنداشلار ھامان يادىمدا .



ياخشى يولدا مەردانە كارۋان ،

دەشتى - چۆلنى ئەيلىگەن بوستان ،

مېھرى- شەپقەت ئىشقىدا ۋولقان ،

قېرىنداشلار ھامان يادىمدا .




مەن ئېدىم



شاتلىغىڭدىن مەردانە كۈلىدىغان مەن ئېدىم ،

غەملىرىڭگە غەمخانە كۆنىدىغان مەن ئېدىم .



بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە ئۈمىد نۇرى ئۆچكەندە ،

ئەتراپىڭدا پەرۋانە كۆيىدىغان مەن ئېدىم .



تەرلەر تۆكۈپ مىھنەتتە سەۋرى ، چىدام - غەيرەتتە ،


ۋىسال ئىزدەپ سەرسانە يۈرىدىغان مەن ئېدىم .



ئوتلۇق سۆيگۈ مېھرىڭدىن پاك بىغۇبار چېھرىڭدىن ،

ئىزلىرىڭدىن رەيھانە كۆرىدىغان مەن ئېدىم .



ئەھلى بولۇپ غەۋۋاسنىڭ ، دەرياسىدىن ھاياتنىڭ ،

جاۋاھىرات ، دۇردانە سۈزىدىغان مەن ئېدىم .





بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ

چ چ : 2536190268 . يانفۇن : 15699088894
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-11-12 18:28:30 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇستاز  ،  بەزى ئەسەرلىرىڭىز  ناخشا تىكىستى قىلىپ ئىشلىتىلىپتىكەن - دە  .
باسقان ئىزىڭىزدىن قىزىل گۈللەر ئۈنگەي ئۇستاز !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-11-16 22:34:12 | ئايرىم كۆرۈش
بىر بىرىدىن مەنىلىك ئەسەرلەر ئىكەن، ھارمىغايسىز  ، بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇقلار يار بولغۇسى
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

30

تېما

470

يازما

5253

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 31
يازما سانى:
470
تىللا:
2880
تۆھپە:
626
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
377 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-19

نادىر تىما مىدالىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپ

يەر
ۋاقتى: 2016-11-23 18:09:25 | ئايرىم كۆرۈش
ئىشلىرىڭزغا ئۇتۇق تىلەيمەن،

22

تېما

59

يازما

445

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 708
يازما سانى:
59
تىللا:
386
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
20 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5
5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-11-30 19:40:58 | ئايرىم كۆرۈش
ئاتىكەم يوللىغان ۋاقتى  2016-11-12 18:28
ئۇستاز  ،  بەزى ئەسەرلىرىڭىز  ناخشا تىكىستى قىلىپ ئىشلى ...

مۇزىكا ئىشلىنىۋاتقانلىرىمۇ بار ، ناخشا ئوقۇلغاندا يوللايمەن .
ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ

چ چ : 2536190268 . يانفۇن : 15699088894
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:46 , Processed in 0.142736 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش