ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 345|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سۆزلىرىدىن نۇر تاراتقان نۇرئەلى(فىلىم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا




سۆزلىرىدىن نۇر تاراتقان نۇرئەلى(فىلىم)

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار، بۈگۈن ئۈندىداردا ئەڭ كۆپ تارقىتىلغان فىلىم يەنە شۇ نۇرئەلىنىڭ نۇتۇقى بولدى، شۇنداق ئۇ بىزنىڭ، پۈتۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوندىكىلەرنىڭ يۈرەك سۆزىنى دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق تېلۋىزىيسىدە دېدى. نۇرئەلىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان تورداشلار خۇددى ئۆزى شۇ سۆزنى دېگەندەك ھاياجان بىلەن تارقاتتى. بەزىلەر مەنىسىنى چالا - پۇلا چۈشەندى، بەزىلەر چۈشىنىپ يوللىدى. شۇنداقتىمۇ پېقىر ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم چۈشىنىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئاتىكاچىلىق قىلىپ سىن فىلىمىنىڭ يېزىقىنى تەرجىمە قىلىپ يوللىدىم ...
(تەرجىمە قىلغۇچىدىن)




فىلېم تەرجىمىسى:

بېيجىڭدا دەرس ئۆتىدىغان شىنجاڭلىق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى بولۇش سالاھىيتىم بىلەن دائىم ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ مۇنداق بەزىبىر قىزىقارلىق سوئاللىرىغا يولۇقىمەن. مەسىلەن، شىنجاڭدىن كەلگەنلىكىمنى بىلگەن ئوقۇغۇچۇمدىن بىرى شۇنداق ھاياجانلانغان ھالدا قوللىرىمنى سىقىپ تۇرۇپ :
‏-مۇئەللىم، مەن شىنجاڭنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ھەر دائىم شىنجاڭغا بېرىپ بىپايان يايلاقتا ئولتۇرۇپ تويغىچە گۆش يەپ، ئاتقا مىنىپ نەيزە ئوينىتىدىغان شۇنداق بىر خىل ھېسسىياتنى ھېس قىلىپ باقسام دەيمەن، مۇئەللىم سىز ئادەتتە قايسى خىلدىكى ئاتقا مىنىپ مەكتەپكە بارىسىز ؟
بۇ چاغدا ئوقۇغۇچۇمدىن يەنە بىرەيلەن:
‏-بەك دۆتكەنسەن، مۇئەللىم قانداقسىگە ئاتقا مىنىپ بارىدۇ، مۇئەللىم چوقۇم مەكتەپكە ئېشەككە مىنىپ بارىدۇ .
‏-مۇئەللىم، سىز دائىم ئۇسسۇل ئوينامسىز ؟ شىنجاڭلىقلار ئۇسسۇلنى ئىنتايىن چىرايلىق ئوينايدىكەنغۇ، ھېلىقى «چۈمپەردەڭنى قايرىۋەت » دېگەن ناخشىغا بىر ئۇسسۇل ئويناپ بېرىڭە، تېخى ئۇسسۇل ئوينىغاندا بوينىنى تولغايدىكەنغۇ، سىزمۇ تولغاپ بېرىڭە مۇئەللىم.
‏    بۇنداق سۇئاللارغا ھەر دائىم يولۇقىمەن. ئۇلار مېنىڭ شىنجاڭلىق ئىكەنلىكىمنى ئاڭلاپلا، مېنى ئاتقا مىنىپ ئۇسسۇل ئويناپ، كاۋاپ پىشۇرالايدۇ دېيىشىدۇ. يەنى «چۈمپەردەڭنى ئېچىۋەت »بىلەن قارىمۇ-قارشى، مېنىڭ چۈمپەردەمنى ئاچماستىن بەلكى ماڭا چۈمپەردە ئارتىپ «ماركا» چاپلاپ قويىدۇ، ماركىنىڭ ئۈستىدە شىنجاڭلىق دېگەن خەت بار، ئەلۋەتتە. ئۇلارنىڭ چاپلىغان بۇ «ماركا»سىنى ئېلىۋەتكەندىكى مەن زادى كىم قانداق ئادەم ئۇ مۇھىم ئەمەس بولۇپ بولغان. راستىنى ئېلىپ ئېيتقاندا ماڭا ئارتىلغان بۇ چۈمپەردىمۇ مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس. بۇ «چۈمپەردە» ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئېسىدە قالىمەن، باشقىلار كۆڭلىنى خۇش قىلىشىدۇ، خالاس.
ئىلگىرى بىر قېتىملىق «ماتاڭ» ۋەقەسىدە مەن ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ، بۇ ۋەقەدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشقىلار تەرىپىدىن «كېلىشكەن باي» دەپ ئاتالدىم، دېدىم. ئەمما مەن ئىچىمدىن ئېتىراپ قىلىمەنكى، بۇ ئىشنىڭ ياخشى تەسىرىدىن يامان تەسىرى كۆپ ئەلۋەتتە. چۈنكى بۇنداق قارىغۇلارچە باھا بېرىپ «ماركا» چاپلاش، تەرەققىي قىلىپ ئاخىرىغا بارغاندا باشقىلارنىڭ كۆزگە ئىلماسلىقىغا قاراپ يۈزلىنىدۇ. نېمە ئۈچۈن دائىم مۇشۇنداق قارىغۇلارچە باھا بېرىشلەرگە ئۇچرايمىز ؟ھەر بىر جاي، ھەر بىر مىللەتنىڭ ئادەملىرى ئىچىدە ياخشىلارمۇ، يامانلارمۇ بولىدىغۇ ؟! بىز ھەمىشە قارىغۇلارچە بەرگەن باھالىرىمىز ئارقىلىق پۈتكۈل مىللەتكە «بەلگە»چاپلاپ قويىمىز، يەنى ئاز ساندىكى ناچار ئادەملەر تۈپەيلىدىن پۈتكۈل شىنجاڭلىقلارنى چەتكە قاقىمىز، بۇ ئارقىلىق كۆپ قىسىم ياخشى ئادەملىرىمىزنى ئازابلايمىز، سانسىزلىغان ئادەملىرىمىز پەقەت يۈرەكلىرىدىلا يىغلىيالايدۇ. مەن ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق دەيمەنكى، شىنجاڭغا ۋاكالىتەن سۆزلەش مېنىڭ بۇرچۇم ! مۇسبەت ئېنىرگىيە تارقىتىش ۋە نۇرغۇن ئادەملەرنى شىنجاڭنى تونۇشقا چاقىرىش، چۈشىنىشكە چاقىرىش، شىنجاڭنى سۆيۈشكە چاقىرىش مېنىڭ بۇرچۇم !




مەن شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى بۇنداق «بەلگە»چاپلىنىپ ئېنىقلىما بېرىش شىنجاڭلىقلارغىلا ئەمەس ھەر قانداق كىشىلەرگە قىلىنىپ باققانىكەن، مەسىلەن، شەرقىي شىماللىق كىشىلەرنى قوپال، توڭ دېيىشىدۇ. يەنە مەسىلەن، «90-يىلىدىن كېيىن»كىلەرنى شەخسىيەتچى، مەسئۇلىيەتسىز دېيىشىدۇ. يەنى ھەممىمىز مۇشۇنداق ئورۇنسىز باھالارنىڭ قۇربانى بولدۇق. بۇ قىلمىش جەمئىيەتتە بىر-بىرىمىزنىڭ ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىشتى. مەن بىر تەلىم-تەربىيە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەممىمىزنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ « چۈمپەردەڭنى قايرىۋەت »دېگەن ناخشىغا ئوخشاش چۈمپەردىمىزنى قايرىپ بىر-بىرىمىزگە يۈزىمىزنى كۆرسىتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن، پەقەت يۈزىمىزلا ئەمەس، ئادىمىيلىكىمىزنى، ئەخلاقىمىزنى كۆرسىتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداقلا بىز مەلۇم بىر توپقا تەۋە بولغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئورۇنسىز ھاقارەتلەنمەيمىز، تەنقىدلەنمەيمىز. ئۇ چاغدا بىر ئادەمگە شۇ ئادەمنىڭ قىلمىشىغا قاراپ باھا بېرىمىز. شۇنىسى ئېنىقكى، ئايرىم بىر قىسىم ناچار ئادەملەر تۈپەيلىدىن شۇ قاتاردا بىر تاياقتا ھەيدىلىپ «بەلگە» چاپلانغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ ۋە مېنىڭ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق كۆز ياشلىرىمىز بار، ئورتاق كۈلكىلىرىمىز بار. ئورتاق ھېسسىيات ۋە ھەسرەتلىرىمىز بار. ئورتاق بىز سۆيگەن ۋە بىزنى سۆيگەن ئادەملىرىمىز بار، شۇڭا بىزنىڭ ئارىمىزدا ھېچقانداق پەرق يوق. رەھمەت !



يېتەكچى ئوقۇتقۇچى (جېن جىيەنبىڭ ) :
سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىزنى ئۆزۈم بىۋاستە ھېس قىلغاندەك بولدۇم، چۈنكى مەنمۇ شىنجاڭلىق ! ئالدىنقى قېتىم لې جىيا سىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەڭ تالانتلىق ئادەم ئىكەنلىكى ئېيتقان. شۇنداق ئىكەنلىكىگە قول قويدۇم. سىزدەك بىر يۇرتلۇقۇم بولغانلىقىدىن  پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن .
‏ئەلى : رەھمەت !



رىياسەتچى (لى يوڭ ):
شىنجاڭ بولسا 1 مىليون 600 مىڭ كۋادىرات يەر كۆلىمىگە ئىگە جاي  دېمەك 1 مىليون 600 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىرچىلىك ھېسسىيات قايناپ تۇرىدۇ. گەرچە سىز ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنى ئىپادىلىگەن بولسىڭىزمۇ ئەمما بىز سىزنىڭ سەھنىدىكى بىر قانچە مىنۇت ئىچىدە ئىپادىلىگەن ھىسسىياتىڭىزنى ھېس قىلىپ يېتەلىدۇق. ئىنتايىن قالتىس ئىكەنسىز ئەلى، بىز بەك ياقتۇردۇق .


يېتەكچى ئوقۇتقۇچى (لۇيۈ):
سەھنىگە چىققاندا ئاۋۋال دوپپا كىيىپ كېيىن دوپپىنى ئېلىۋىتىش ئارقىلىق ھەم شىنجاڭلىقلارغا ھەم شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكىلەرگە ۋاكالىتەن سۆزلىدىڭىز، گەرچە بۇ ھېسسىيات ئارلاشقان كىچىك بىر كۆرۈنۈش بولسىمۇ، بىز ئىنتايىن تەسىرلەندۇق، بۈگۈنكى ئىپادىڭىز بەكمۇ قالتىس بولدى، رەھمەت سىزگە ئەلى !

مەنبەسى: مىسرانىم مۇنبىرى








بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

دېۋان
ۋاقتى: 2014-7-6 15:20:09 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۈلكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-6 16:00  

  نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ سەھنىدىكى تەمكىنلىكى ،تىل قابىليتى مېنى قايىل قىلدى.
سۆزلىگىەن مەزمۇنى تخىمۇ .قالتىس !.

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-7-6 15:23:11 | ئايرىم كۆرۈش
"正能量"نى مۇسبەت ئېنىرگىيە دەپ ئاپتۇ - ھە...
نۇرئەلى، نۇردەك بالا.... ئۇنىڭ 34 تەڭگىسىنى تا ھازىرغىچە خەجلەۋاتىمەن... مەن ئاشىق ئۇنىڭغا
ياخشى تەرجىمە قىپتۇ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت

باھا سۆز

ھا ھا ھا ماۋۇ قىززىقچىنى كۆمەمدىغان  ۋاقتى: 2014-7-10 13:25

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2014-7-6 16:33:40 | ئايرىم كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى دىگەن ئوقۇتقۇچىدەكلا سۆزلەيدۇ دە يەنىلا....
بارىكاللا...دىمەي تۇرالمىدىم
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

1

تېما

7

يازما

439

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 536
يازما سانى:
7
تىللا:
432
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
2 سائەت
ئاخىرقى:
2015-10-2
5#
ۋاقتى: 2014-7-6 17:59:10 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۇمرەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-6 18:01  

سۆزىڭىزدىن نۇر تاراتقان نۇر ئەلى ئۆزىڭىزمۇ  ھەر زامان نۇر كەبى نۇرلۇق بۇلۇڭ  .
تەرجىمسمۇ شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ. بايام مىسرانىمدا مۇنداقلام كۆرۈپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدىم .ئوقۇغۇچىدا كۆرۈشكە مۇيەسسەر بوپتىمەن.
تەشەككۈر.

0

تېما

36

يازما

771

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 467
يازما سانى:
36
تىللا:
735
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
24 سائەت
ئاخىرقى:
2014-10-11

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2014-7-6 19:22:11 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى سۆزلەپتۇ...بەك تەسىرلەندىم.ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى چۇشىنىش ھەم چۇشەندۇرۇش،شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىدىكى ناتىقلىق بىلەن نۇۋەتتكى دىيىلىش ،سۆزلەش بەك مۇھىم بۇلىۋاتقان،لىكىن قانداق بايان قىلىشنى بىلەلمەيۋاتقان نۇرغۇنلارنىڭ قەلىب ساداسىنى ،يۇرەك سۆزىنى بايان قىلىپتۇ..ئاپرىن ئەلى!!!!

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

7#
ۋاقتى: 2014-7-8 16:57:35 | ئايرىم كۆرۈش
پەخىرلىك  يىگىتىمىز ، ئاللا ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن .

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-1-26 00:17:25 | ئايرىم كۆرۈش
ئاھ، مېنىڭ نۇرئەلىيىم....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:30 , Processed in 0.142268 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش