ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 746|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تۈندىكى پاجىئە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

57

تېما

346

يازما

2158

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 239
يازما سانى:
346
تىللا:
1554
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
104 سائەت
ئاخىرقى:
2015-7-12

كۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر ئاتىسى

مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى
مەن دىۋىزىيە باش شتابىدا ئىشلەيتتىم . بۈگۈن ئادەت بوىچە سائەت سەككىزگە ئۈلگۈرۈپ خىزمەتكە چىققىنىمدا ، باش شتابنىڭ ئىچىدە كەيپىيات باشقىچە ئىدى . سەككىز چوڭ باشقارمىنىڭ خادىملىرى تېخى ئىشقا چۈشمەي ، بۆلۈملىرى ئالدىدىكى گۈللۈك ئەتراپىدا توپلىشىپ تۇرۇشاتتى . ئۇلارنىڭ كەيپىياتلىرى چۈشكۈن ، نېمىدىندۇر ھودۇقۇپ تۇرغاندەك قىلاتتى . ئەتراپقا نەزەر سالسام ھەربىي سوت باشقارمىسى خادىملىرى جىددىيلىشىپ ، پىتىراپ قېلىشقاندى . مەن نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىرەر كىمدىن سورىيالماي ، بۆلۈمگە كىرسەم باشلىقىم يوق ئىكەن . خىزمەتداشلىرىممۇ سىرتتا ئىدى . شۇ ئارىدا بىر دوستۇم بۆلۈمگە كىرىپ قالدى . ئۇ مېنىڭ سوئالىمغا :
- بۈگۈن كېچە شەھەرنىڭ باش قازىسى ، كاتتا ئۆلىما ئابدۇغوپۇر داموللا سۇيقەست بىلەن ئۆلتۈرلىپتۇ .... – دەپ جاۋاب بەردى .
- بۇ سۆزنى ئاڭلاپ گاڭگىراپ قالدىم . ئۇنىڭ بىلەن ئاخشام سائەت 10 لاردا سىجاڭنىڭ قېشىغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىدا ئۇچراشقان ئەمەسمىدۇق !
ئەسلى ۋەقە مۇنداق بولغانىكەن : ئابدۇغوپۇر داموللا ئاخشام مەھمۇت سىجاڭ بىلەن خېلى ئۇزاق سۆھبەتلىشىپتۇ . سائەت 12 ئەتراپىدا قايتماقچى بولۇپتۇ . مەھمۇت سىجاڭ داموللىنى ئۆز بېغىغا ئاپىرىپ قويۇشقا ئەسكەر قوشۇپ بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ ، داموللا ئۆزىنىڭ ئادىمى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ ۋە ئات يېتىلىگۈچىسى بىلەن دىۋىزىيە شتابىدىن چىقىپ ، ھېيتگاھ ئارقىلىق يارباغ دەرۋازىسىغا كەپتۇ . دەرۋازىۋەن ئەسكەر خۇددى داموللىنىڭ كېلىشىدىن خەۋىرى بار كىشىدەك دەرۋازىنى ئېچىپ بېرىپتۇ . ئابدۇغوپۇر داموللا تۈمەن دەرياسىنىڭ 1 – كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ 2 – كۆۋرۈك ئارىلىقىدىكى بوش جاينىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە ، بىر قوراللىق ئادەم چىقىپ ، ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ ، داموللا ھاجىنىڭ ئادىمىنى ئېتىپ يارىدار قىلىپتۇ – دە ؟ داموللىنى ئاتتىن يىقىتىپ ، ئاغزىنى يىرتىپ ، تىللىرىنى كېسىپ ئۆلتۈرىۋېتىپتۇ . ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاپ ساقچىلار يېتىپ كەلگەندە قاتىل ئاللىقاچان قېچىپ كېتىپتۇ .
مەن ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغاندا ئانچە ئەجەپلىنىپ كەتمىدىم . چۈنكى ، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىنكى ئەھۋالنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ، گەپ – سۆزلەرنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغان بولغاچقا ، ئۇنى كىم ئۆلتۈرگەنلىكى كۆڭلۈمگە ئايان بولغانىدى . لېۋىمنى قاتتىق چىشلىدىم . چۈنكى بۇ كىچىك مەسىلە ئەمەس – دە ! ئۆلگۈچى بىلەن ئۆلتۈرگۈچىنىڭ ھەر ئىككىسىلار تەسىرى چوڭ كىشىلەر ئىدى .
1936 – يىلى 6 – ئاينىڭ 20 – كۈنى مەن بىر خىزمەتدىشىم بىلەن سىرتتىن قايتىپ كەلگىنىمدە ، شتاب ئاشخانىسىدا تاماق يېيىلىپ بولغانىكەن . بىزگە ئېلىپ قويغان پولونى ئېلىپ ، ئاشخانا زالىدا يېيشكە باشلىدۇق . شۇ ئارىدا مەھمۇت سىجاڭ ئابدۇغوپۇر داموللىنى باشلاپ كىرىپ كەلدى . ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئۈرۈمچىلىك مەھمۇت ئەپەندى دېگەن كىشى بىلەن شەھەرلىك ھۈسەنجان ھاجىمۇ كىرىپ كېلىشتى . ئۇلار تاماق يېگەچ خوشال پاراڭلىشىۋاتاتتى . تاماق يېرىملاشقان چاغدا سىجاڭ توساتتىن جىملىقنى بۇزۇپ :
- داموللا ! ئەتىگەن يوقلاتسام يوق ئىكەنسىز . قەيەرگە بارغاندىڭىز ؟ - دەپ سورىدى .
- سىجاڭ جانابلىرى ! يېڭىشەھەرگە چىققانىدىم .
- ئۇ يەردە نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى ؟
- تۈنۈگۈن لۇ سىلىڭ جانابلىرى بىزنىڭ باغقا چىققانىكەن . مەن يوق بوپ قېلىپ ، قۇرۇق قول قايتىپ كېتىپتۇ . ئالايىتەن چىققانغا قاراپ گەپ – سۆزى بار بولسا كېرەك ، دەپ ئويلاپ بۈگۈن ئۇنىڭ ھوزۇرىغا چىققانىدىم . گەپ – سۆزى يوق ئىكەن . كۆڭلى بىزنىڭ باغقا تارتىپ ، ساياھەت قىلغىلى چىققانىكەن ئۈرۈمچىگە قاچان ماڭىسىز دېگەنىدى ، بۈگۈن ماڭىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ خوشلىشىپ قايتىپ كىردىم .
داموللا ھاجىنىڭ خىجالەت ئارىلاش جاۋاب بېرىشى سىجاڭنى گۇمانلاندۇردى بولغاي ، سىجاڭنىڭ چىرايى ئۆزگەردى .
- بىراۋ بىراۋنىڭ ئۆيىگە تاماشا ئۈچۈن چىققانىكەن ، ئۇنىڭ كەينىدىن خوشامەت قىلىپ چىقىش سۈپىتىڭىزگە لايىق كېلەمدۇ ؟ بۇ پۈتۈنلەي خوشامەت بولماي نېمە ؟ سىز ئەسلىدە چوڭ خوشامەتچى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئون كىلومېتىرلاپ يول يۈرۈپ خوشامەت قىلىپ چىقىپسىز – دە ! – دېدى سىجاڭ .
مەھمۇت سىجاڭ ئۇنىڭ يۈزىدىكى تەر تامچىلىرىنى ياغلىق بىلەن سۈرتىۋېتىپ ، مۇغەمبەرلىكىنى ئىشقا سالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بايقاپ قاپىقىنى تۈردى ، ئۇنىڭ بۇغداي ئۆڭلۈك چىرايى جىددىيلەشتى ، كۆزلىرىدىن ئوت چاقناشقا باشلىدى .
- داموللا ! سىز ئالىم ، ئۆلىما كىشى ، شەھەرنىڭ باش قازىسى . ئېيتىڭا سىزدە خوشامەتچىلىك قاچان تۈگەيدۇ ؟ بەندىنىڭ سايىسىدە تەلمۈرۈپ كۈن كەچۈرۈشتىن باشقا ھاياتلىق يولى سىزگە تېپىلمامدۇ ؟ ۋۇجۇدىڭىزدىكى قۇللۇق تەبىئەت قاچان ئۆزگىرىدۇ ؟
ئابدۇغوپۇر داموللا قوشۇقنى لېۋىگە تەككۈزگىنىچە قېتىپلا قالدى . مەھمۇت سىجاڭ ئادىتى بويىچە بۇرنىنى " قىخ – قىخ " قىلىپ 2 – 3 قېتىم قېقىۋېتىپ ، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى . ئۇ ئەرەبچە بىرنەچچە جۈملىنى ئوقۇپ :
- ئېيتىپ بېقىڭا ! بۇ ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى نېمە ؟ - دەپ سورىدى .
داموللىنىڭ چىرايى سارغىيىپ كەتتى .
- دىن ۋاقتى كەلگەندە گويا بىر كۆيۇۋاتقان چۇچۇلىغا ئايلىنىدۇ ، ئۇنى تۇتۇشتىن قورققانلار دىننى تۇتالمايدۇ ، دېگەنلىك بولىدۇ ، - دېدى داموللا دۇدۇقلاپ .
- بۇ كىمنىڭ سۆزى ؟
- پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزى .
- سىز ئۇنى ئوقۇغانما ؟
- ئەلۋەتتە ئوقۇغان ، بۇ مەشھۇر ھەدىسلەردىن .
- ئوقۇغان بولسىڭىز نېمە ئۈچۈن ئەمەل قىلمايسىز ؟ سىز ئۆلىما تۇرۇقلۇق ئەمەل قىلمىسىڭىز ، ئۇنىڭ " مۇكاپاتى " نېمە بولۇشى كېرەك ؟ داموللا بىرنېمە دېمەكچى بولدىيۇ لېكىن تىلى سۆزگە كەلمىدى .
- ماقۇل بۇمۇ تۇرۇپ تۇرسۇن ، - دېدى مەھمۇت سىجاڭ ، - ئۆتكەن كۈنى سىز ماڭا : سىز ھەربىي ئادەم ، مەمۇرىي ئىشقا ئارىلاشسىڭىز بولمايدۇ ، پۈتۈن سۆزنى مەن قىلىمەن ، دەپ ، مېنى سۆزلەشتىن توستىڭىز . ئەجەبا ۋاقتى كەلگەندە گەپ قىلماي جىم ئولتۇرىۋالدىڭىز . سىز ئالىم ، ئۆلىماغۇ . ھەق سۆزنى سۆزلەش سىزنىڭ بۇرچىڭىز ئەمەسمىدى ؟ قېنى ئېيتىپ بېقىڭا ، ھەققانىي ئىشلارغا قارشى سىز نېمە دېمەكچى ۋە نېمە قىلماقچى ؟ .....
سۆز بۇ يەرگە كەلگەندە ، مەھمۇت سىجاڭنىڭ غەزىپىدىن بىزنىمۇ سۈر بېسىپ ، چىقىپ كېتىشكە جۈرئەت قىلالمىدۇق . مېمھانلار ئارىسىدىكى ھۈسەنجان ھاجىمۇ يقىندىلا مەھمۇت سىجاڭدىن قاتتىق تەنبىھ ئاڭلىغاچقا ، ئۇنىمۇ تىترەك باستى . ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ زەپەردەك ساپسېرىق چىرايىدىن قان قېچىپ مۇردىدەك تاتىرىپ كەتتى . مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئاچچىقى سەل يانغاندىن كېيىن ، داموللىمۇ ئۈستىدىن بىر يوغان تاش چۈشۈپ كەتكەندەك بىر ئاز يېنىك نەپەس ئالدى ۋە ئاغزىدىكى ئاشنى يۇتىۋېتىپ ، ئۇزۇن ئاقساقاللىرىنى بويلاپ تامچىلاۋاتقان تەرلىرىنى سۈرتتى .
مەھمۇت سىجاڭ ھەمراھلىرى بىلەن چىقىپ كېتىۋېتىپ سورىدى :
- داموللا ئۈرۈمچىگە قاچان ماڭىسىز !
- بۈگۈن كەچقۇرۇن يۈرۈپ كېتىمەن دەۋاتىمەن .
- ئانداق بولسا بىر سوۋغىتىم بار ئالغاچ كېتەرسىز .
مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللىنىڭ ئەسەرلىرىدىن " ئاقائىدە زۆرۈرىيە " بىلەن " ئىبادەتى ئىلامىيە " دېگەن كىتابلارنى قەشقەر مەتبەئەسىدە 12 مىڭ نۇسخا باستۇردۇم . شۇنى ئېلىۋېلىپ ، پەيزىۋاتتىن باشلاپ ، ئۈرۈمچىگە بولغان يول ئۈستىدىكى يۇرتلارنىڭ بارلىق مەكتەپلىرىگە تارقىتىپ بېرىسىز . مۇدىر مۇئەللىملەرگە قاتتىق تاپىلاڭ ، ئوقۇغۇچىلارغا ئوبدان ئۈگىتىپ ، بىلدۈرسۇن .
مەھمۇت سىجاڭنىڭ داموللىنى شۇنچە قاتتىق ئەيىبلىشى كۈتۈلمىگەن ئىش ئىدى . ئەمما داموللىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ گارنىزون قوماندانى لوبىننىڭ قېشىغا چىققانلىقىنى ھەقلىق ئەيىبلىگەنىدى . چۈنكى ئۇ ۋىلايەتنىڭ باش مەنسەپدارى بولغان بىلەن قۇۋ ، مەككار ئادەم ئىدى . ئۇنىڭ ھەرقېتىم كونىشەھەرگە كىرگەندە قىلغان شۇملۇقلىرى ھەممىگە ئايان ئىدى .
شۇ كۈنى نۆۋەتچىلىكىمنى تۈگىتىپ ، كەچ سائەت 10 دە ئىشتىن چۈشتۈم ، ئۆيگە كېتىۋاتقىنىمدا ۋادەك ئالدىدا داموللا ھاجىغا ئۇچىراپ قالدىم ، باش نۆۋەتچى ئۇنى سىجاڭنىڭ قېشىغا باشلاپ كىرىپ كەتتى . ئۆيگە يېنىپ كىرىپمۇ : " ھەربىي باشلىق بىلەن دىنىي باشلىق ئوتتۇرىسىدا ئەجەب بىر كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەردى ! " دەپ ئويلاپ كەتتىم .
شۇ ئاخشىمى تاغامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ، بارلىق ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردىم . تاغام ئوقۇمۇشلۇق ئادەم ئىدى .
- ئۇ راستىنلا قورقۇنچاق ئادەم ، - دەپ گەپ باشلىدى تاغام ، - پەيتنى تاپقاندا كۆككە ئۆرلەيدىغان ، ۋاقتى كەلگەندە چاشقاننىڭ تۆشۈكىنى ئىجارىگە ئالىدىغان زات . 1933 – يىلى 9 – ئاۋغۇستتىكى ئەھۋالدىلا ئۇنىڭ مەۋقەسى بەلگىلىنىپ بولغانىدى . ئۇ ئەسلىدە مەرھۇم تۆمۈر سىجاڭنىڭ يېقىن مۇقەررەبلىرىدىن ئىدى . تۆمۈر سىجاڭ ئۇنى ئالىم ، ئۆلىما دەپ ئىززەتلەپ ئۆز يېنىدىن ئورۇن بەرگەن ، قەشقەرگە باش قازى ھەم ئۆزىگە مەسلىھەتچى قىلىپ بەكمۇ ھۆرمەتلىگەنىدى . لېكىن ۋاقتى كەلگەندە ئۇ ۋاپاسىزلىق قىلدى . تۆمۈر سىجاڭنى ماجەنساڭنىڭ ئادەملىرى سۇيقەست بىلەن ئۆلتۈرگەندە ، ئۇ ۋاپادارلىقنى كۆرسەتمەي ، بىر بۇلۇڭغا مۆكۈۋالدى . بۇنىڭ ئورنىغا سېلىم ئاخۇن خەلپىتىم قازىلىق سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ماجەنساڭلارنى ئەيىبلىدى .
- ئۇكام ! يېقىندا ئۈرۈمچىدىن بىرنەچچە ۋەكىل ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدىن ھېساب ئالىمىز ، دەپ كېلىشىپتىكەن . لېكىن ، ئۇيغۇر ئۇيۇشما ھېساب بېرىشنى رەت قىلغانلىقتىن تالاش – تارتىش يۈز بېرىپتۇ . ئېھتىمال ئابدۇغوپۇر داموللا ئۇلارغا سۆز قىلىشنى ھۆددىگە ئالغا بولسا كېرەك ، ئەمما مەجلىستە گەپ قىلماي ئولتۇرىۋالغانلىقتىن ، مەھمۇت سىجاڭنىڭ غەزىپى كېلىپ ، باشقا گەپ قىلمايلا " ھېسابىنى مانا مۇشۇ بېرىدۇ ! " دەپ تاپانچىسىنى شىرە ئۈستىگە جاققىدە تاشلاپ ، مەجلىستىن چىقىپ كەتكەن . شۇنداق قىلىپ ، نەچچە كۈنلۈك تالاش – تارتىشنى تاپانچا ھەل قىلغانىدى .  
ئابدۇغوپۇر داموللا ئەسلى پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ شاپتۇل يېزىسىدىن بولۇپ ، شۇ يېزىدا ساۋاتىنى چىقارغاندىن كېيىن ناھىيىدە ۋە قەشقەردە مەدرىسلەردە ئوقۇغان . 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇخاراغا بېرىپ ئوقۇغان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج قىلىپ كەلگەن . قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پەيزىۋاتتا قازى ، قەشقەرگە كېلىپ مۇدەررىس بولغان . ئۇنىڭ بەختىگە مىلادىيە 1914 – يىلى قەشقەرنىڭ شەيخۇلئىسلامى ۋە بۈيۈك ئۆلىماسى باۋدۇن مەخدۇم ۋاپات بولۇپ ، ھوقۇق ئاخۇنبايوف ئۆمەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قالدى . ئابدۇغوپۇر داموللا دەرھال ئۆمەر باينىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى چاسۇ ( چارسۇ ) مەدرىسىگە ئىمام ۋە مۇدەررىس ، كېيىنكى كۈنلەردە " خانلىق مەدىرىسىگە مۇدەررىس بولدى .
ئابدۇغوپۇر داموللا يېتىشكەن ئالىم بولغانلىقتىن مۇدەررىسلىك قىلىش داۋامىدا نۇرغۇن تالىپلارنى ئوقۇتۇپ ، نۇرغۇن كىشىلەرنى سۆزمەنلىكى بىلەن ئۆزىگە جەلب قىلغان . شۇنىڭ بىلەن " شاپتۇل ئابدۇغوپۇر داموللا ھاجى دەپ تونۇلغان . ئەينى چاغدىكى دوتەي ماشىياۋۋۇنىڭمۇ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان . 1933 – يىلى قەشقەر شەھىرى دېھقان ئىنقىلاپچىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ سىجاڭ تۆمۈر ئېلى ھوقۇق يۈرگۈزگەن چاغدا ئابدۇغوپۇر داموللا تۆمۈر سىجاڭنىڭ يېقىنىغا ئايلىنىپ ، قەشقەرنىڭ باش قازىلىقىغا كۆتۈرۈلگەن . كېيىن سابىت داموللا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا ئۇنىڭ ئامىتى قېچىپ ، كونا ھېسابلارنى بېرىشكە قىستالدى . ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىدى : خوتەن تەرەپ 1933 – يىلى 7 - ، 8 – ئايلاردا خوتەن ئەمىرلىرى بىلەن تۆمۈر سىجاڭ ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىغا ئابدۇغوپۇر داموللا سەۋەبچى ، ئۇنى دارغا ئېسىش كېرەك ، دەپ قارايتتى . سابىت داموللا تەرەپ مەشھۇر ئالىم ئابدۇقادىر داموللا ھاجىنىڭ ئۆلتۈرلىشىدە ئابدۇغوپۇر داموللا ھاجىنىڭ قولى بار . ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىش كېرەك دەپ قارايتتى . شۇ چاغلاردا قەشقەردە " ئابدۇغوپۇر داموللا دارغا تارتىلىمىش " دېگەن پاراڭمۇ كەڭلا تارقالغاندى . لېكىن ، ماجۇڭيىڭنىڭ ئادەملىرى قەشقەرگە باستۇرۇپ كېلىشى بىلەن داموللا بۇ بالا قازالاردىن قۇتۇلۇپ قالدى .
ماجۇڭيىڭ باسمىچىلىرى قەشقەردە دەۋران سۈرگەن يېرىم يىل داۋامىدا ، ئۇ قېچىپ يۈرۈپ جان ساقلىدى . 1934 – يىلى 7 – ئايد ئۇنىڭ يۇلتۇزى ئېگىز كۆتۈرۇلدى . سىجاڭ مەھمۇت مۇھىتى قەشقەرگە كەلگەندە ، ئابدۇغوپۇر داموللا ئۇنىڭ يېقىنى بولۇۋالدى . مەھمۇت سىجاڭ ئۇنى دىنىي ئۆلىما ، ئالىم دەپ سانىدى . چۈنكى ، تۇرپان ئۆلىمالىرى ئىىچىدە ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ شاگىرتلىرى كۆپ ئىدى . مەھمۇت سىجاڭ ئۇنى ھۆرمەتلەپ ، ئەتىۋارلاپ ئۆزىگە مۇشاۋۇر قىلىۋالدى . ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ بىلەن كېڭەشتى . ھەتتا قەشقەر " مىللەت مەجلىسى " نىڭ رەئىسى قىلىپ تىكلىدى . شۇنىڭدەك 1935 – يىلى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان قۇرۇلتايغا قەشقەرنىڭ خەلق ۋەكىلى قىلىپ ئەۋەتتى . ئۇنىڭدىن كۆپ ئۈمىتلەرنى كۈتكەنىدى . لېكىن ، ئابدۇغوپۇر داموللا قۇرۇلتايدىن قايتىپ كېلىپ ، خەلقنىڭ كۈتكىنىنىڭ ئەكسىچە ، ھۆكۈمەتنى ماختاپ ، شېڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭ " ئالتە بۈيۈك سىياسەت " نى كۆككە كۆتۈردى . ئابدۇغوپۇر داموللا ئۈرۈمچىگە بارغاندا ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئالاھىدە كۈتىۋېلىنغانلىقىنى ، شېڭ شىسەينىڭ ئۇنىڭ ئالدىغا ئالاھىدە چىققانلىقىنى ، قايتقاندا ئۇزىتىپ قويغانلىقىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىگەندى . بۇ ھالدىن ھەممەيلەن گۇمانلانغانىدى .
چۈشتىن كېيىن مەن دىۋىزىيە شتابىدىكى خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىرگە ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ ماتەم مۇراسىمىغا قاتناشقىلى ماڭدىم . شەھەر خەلقى تۈمەن دەريا تەرەپكە سەلدەك ئېقىپ كېتىۋاتاتتى . بىز تۈمەن دەرياسىنىڭ 1 – كۆۋرۈكىدىن ئۆتكىنىمىزدە ، ئۇ يەردىن 2 – كۆۋرۈككىچە بولغان كەڭ ئارىلىقتىكى بوشلۇق ئادەم بىلەن تولغانىدى . كىشىلەرنىڭ چىرايىدىن خىلمۇ خىل روھىي ھالەت ئەكس ئېتىپ تۇراتتى . گاھىلار ھازا ئېچىپ يىغلىسا ، گاھىلار تاماشا كۆرۈۋاتقاندەك ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇراتتى . قارا كالتەكلىك ساقچىلار ئامانلىق ساقلاپ يۈرەتتى . ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ جەسىتى ساھىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بورا ئۈستىدە ئاق خەسە بىلەن يېپىقلىق ياتاتتى . ئەتراپىنى قوراللىق ئەسكەرلەر قوغداۋاتاتتى . يان تەرەپتە سەللىلىك تالىپلار ئۇزۇن سەپ تارتىپ تۇراتتى . ئاياغ تەرەپتىرەك سىجاڭ مەھمۇت مۇھىتى بېشىغا سەللە ئوراپ ، ئۈستىگە ئۈزۈن تون كىيىپ ئۆرە تۇراتتى ، ئەتراپىدا قوراللىق مۇھاپىزەتچىلەر قوغداپ تۇراتتى . ئۇنىڭ چىرايى مەيۈس ، يوغان قارا كۆزلىرى ياشقا تولغانىدى .
ساھىلنىڭ باش تەرىپىدە " ئىزچى " ئوقۇغۇچىلار ئالا كالتەك تۇتۇپ تەرتىپ ساقلىماقتا . نېرىراقتا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ گارنىزون قوماندانى لوبىن بىلەن ۋالىي شۈيلەن ، شەھەر ھاكىمى ھەمدۇللا باشچىلىقىدىكى ئىدارە – ئورۇنلارنىڭ باشلىقلىرى سۈكۈت ئىچىدە ئۆرە تۇرۇشاتتى . شەھەرنىڭ قازى ، ئۆلىمالىرى يان تەرەپتە سەپ تۈزۈپ تۇراتتى .
6 – دىۋىزىيىنىڭ 31 - ، 34 – پولكلىرى كېچىدىن تارتىپ قاتىلنى ئىزدەپ ، بۇ ئەتراپنىڭ تىنچلىقىنى ساقلاش بىلەن مەشغۇل بولۇپ ، شامالباغ ، نەزەرباغ ، قوغان ئەتراپلىرىدا قوراللىق ھەرىكەتلەنگەنىدى .
بىز ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن ئىلگىرىلەپ ماڭالماي ، كەلگەن يېرىمىزدە تۇرۇپ قالدۇق . كىشىلەر ئابدۇغوپۇر دامللىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە تۈرلۈك مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمىلەرنى يۈرگۈزىشەتتى . گاھىلار ھەسرەتلەنسە ، گاھىلار " داموللا ئۇلۇغ ئادەم ئىكەن ، شېھىتلىك ماقامىنى تېپىپتۇ ............. " دەيتتى . گاھىلار قاتىلنى قارغىسا ، گاھىلار داموللىنى ھۆكۈمەت يوقىتىۋەتتى دېيىشەتتى . يەنە بەزىلىرى " ئۆزۈڭنى بىل ! ئۆزگىنى قوي ! دېگەندەك ، داموللا ھۆكۈمەت ئىشىغا ئارىلاشماي ئۆز يولىغا ماڭغان بولسا ، بۇ ئاقىۋەتكە قالمىغان بولاتتى " دېيشەتتى .
شۇ ئارىدا ، نېرىراق تۇرغان ئەپەندى سۈپەت ئىككى يىگىت سۆزگە ئارىلاشتى .
- ئاكىلار ، - دېدى بىرى – دۈشمەنلەرنىڭ ئارىمىزدا تارقاتقان ئۆسەك گەپلىرىنى تەكرارلىماڭلار . بۇ داموللىڭىزلار سىزلەر ئاڭلىغاندەك ئادەم ئەمەس . " ئەلقىساسۇ مىنەلھەق " ، بۇ كىشىنى ئابدۇقادىر داموللىنىڭ قىساسى بوغدى . چۈنكى ، 12 يىل ئىلگىرى ئۇ زاتنى ئۆلتۈرۈشتە بۇ داموللىنىڭ ھەسسىسى بار ئىدى .
كىشىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ، يىگىتكە قارىغىنىچە جىم بولۇپ قالدى . يەنە بىر يىگىت سۆزگە ئارىلاشتى .
- ئابدۇغوپۇر داموللا شۇنداق كاتتا ئالىم تۇرۇقلۇق شېڭ شىسەينى پەيغەمبەر قىلماقچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى . ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنى " ئادىل " دەپ كۆككە كۆتۈردى . ئالتە سىياسەتنى " قۇرئان " بىلەن سېلىشتۇرۇپ قەسەم ئىچتى . بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ قەسىمى ئۆزىنى بوغدى .
ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ جەسىتى قان يۇقى كىيىملىرى بىلەنلا جىنازىغا سېلىنىپ ، نامىزى چۈشۈرلدى مەھمۇت سىجاڭ باش مۇسىبەتدار بولۇپ جىنازا ئالدىدا ھازا تۇتۇپ ماڭدى . كەينىدىن قۇتلۇق ھاجى شەۋقى ، ئاندىن داموللىنىڭ ئەۋلادلىرى ، تالىپلىرى ماڭدى . ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ جەسىتى ئاپپاق خوجا مازىرىغا بارىدىغان يول تۆپىسىدىكى بىر قەبرىستانلىققا ( ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ جەسىتى بۇرۇن بىر تەرىپى بەشكېرەمگە ، يەنە بىر تەرىپى ئافاق خوجا مازىرىغا ماڭىدىغان كونا يول دوقمۇشىغا دەپنە قىلىنغان . كېيىن بۇ جايغا 1950 – يىللاردا خۇمدان سېلىنىپ ھاك ۋە خىش پىشۇرلغاندى . بۇ جاي ھازىرقى قەشقەر شەھەر تۆشۈك دەرۋازا " ھەزرەت يولى " بويىدىكى 10 – ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇدۇلىدىكى دوقمۇش ، يەنى 1 – بىناكارلىق شىركەت ئائىلىكلەر قوروسىغا ماڭىدىغان يول دوقمۇشىغا توغرا كېلىدۇ ) قويۇلدى .
" بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا " دېگەندەك ئىش بولدى . ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ ئۆلمۈمى سىرلىق بولغان بولسىمۇ ، ئەمما ھۆكۈمەت گۇمانلىق كىشىلەر دەپ قاراپ ، قەشقەردە زور رول ئويناۋاتقان ئابدۇراخمان ھاجى بىلەن ئەخمەت قۇل ھاجىلارنى قولغا ئالدى .
ئابدۇراخمان ھاجى ئەسلى ئاتۇشلۇق بولۇپ ، ئىلى ، چۆچەك تەرەپلەردە تىجارەت بىلەن ئۆتكەن ، مەلۇماتلىق ، قابىلىيەتلىك كىشى ئىدى . ئۇ 1935 – يىلىنىڭ ئاياغلىرىدا ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە ئەۋەتىلگەن ھەم ئۇيۇشمىغا رەئىس بولۇپ نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن . مەدەنىيەت – مائارىپنى راۋاجلاندۇرغان ، دارىلئېتام ، دارىلئاجىزىنلارنى قۇرۇپ يوقسۇل ، يېتىم – يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلىغان . قەشقەردە ياغاچ مەتبەئەنى يولغا قويۇپ ، " يېڭى ھايات گېزىتى " نى چىقارغان ، دەرسلىك كىتابلارنى باستۇرغان . ئۆز خىراجىتى بىلەن يارباغنىڭ غەربىدە بىرقانچە سىنىپلىق مەكتەپ سالدۇرغان . ئۇ داموللا پاجىئەسىدىن بىرقانچە كۈن ئىلگىرىلا " مىللەت مەجلىسىنىڭ بىر يىغىنىدا ئابدۇغوپۇر داموللا بىلەن بىر مەسىلە ئۈستىدە توقۇنۇشۇپ قالغانىدى . شۇنداق قىلىپ قەشقەر يەنە ياراملىق ئىككى ئادىمىنى قۇربان بەردى .
ئابدۇغوپۇر داموللا ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى ئالدىدا ئىناۋەتلىك كىشى بولۇپ ، ھۆكۈمەتنىڭ نەزىرىدە ئۇ " مىللەتلەر دوستلۇقىنى چىڭىتىش ۋە يېڭى شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۆرەشكەن بۈيۈك باھادىر " ( ئابدۇغوپۇر داموللا ھاجى يازغان رىسالىدىكى شېڭ شىسەينىڭ بېغىشلىمىسىغا قارالسۇن ) ئىدى . ئۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن " داموللا شانلىق ئاپرىل ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرى بولغان مۇقەددەس ئالتە سىياسىي شوئارنى شىنجاڭ تارىخىدا ئەڭ قىممەتلىك تارىخىي ۋەقە دەپ باھالاپ ، ئۆزىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ تۇتقان سىياسىي يولىغا تولۇق رازى بولۇپلا قالماي ، بەلكى خەلققە شۇ سىياسەتنىڭ توغرىلىقىنى چۈشەندۈرۈش ، خەلقنى ھۆكۈمەت بايرىقى ئاستىغا توپلاش يولىدا بىباھا ، قىممەتلىك ، ھەقىقىي ۋە سەمىمىي سانسىز خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن ( ئابدۇغوپۇر داموللا ھاجى يازغان رىسالىدىكى شېڭ شىسەينىڭ بېغىشلىمىسىغا قارالسۇن ) ، " ئۇ سۆيۈملۈك ئالىيجاناب ھەقىقىي بىر دىنىي داھىي بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىنىڭ گۈللىنىشىگە قەھرىمانە خىزمەت قىلغان بولسا ، ھازىرقى خەلقپەرۋەر ، ئادالەت ۋە مۇساۋەت ئاساسىغا قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ ئالتە سىياسىي شوئارىنىڭ دىن ۋە قۇرئان كەرىمگە مۇخالىپ ھېچقانداق يېرىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلەش بىلەن قانائەتلەنمەي ، بەلكى بىزنىڭ ھەققانىيەتلىك يولىمىزنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شېرىپلەردە زىكرى بولۇنغان ۋە شۇنداق يول بىلەن مېڭىشقا بۇيرۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن " ( ئابدۇغوپۇر داموللا ھاجى يازغان رىسالىدىكى شېڭ شىسەينىڭ بېغىشلىمىسىغا قارالسۇن ) كىشى دەپ ماختالغانىدى . شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ، داموللىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغان ھامان ، ئۈرۈمچىدە زور ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ ، ئۇنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ماختاپ شېڭ شىسەي نۇتۇق سۆزلىگەندى .
ئابدۇغوپۇر داموللىنى ھۆكۈمەت شۇ قەدەر ماختىغان ، ئۇنىڭ ئۆلىمى ئۈچۈن شۇنچىۋالا قايغۇرغان ، ھەتتا : " مەرھۇم داموللىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت ۋە يېڭى ئادىل سىياسەت دەۋرىدە ، شىنجاڭنىڭ يېڭىدىن ئادالەت ، مۇساۋەت ( باراۋەرلىك ) ئاساسىدا جەبىر – زۇلۇمسىز تەرەققىياتقا قەدەم قويغان دەۋرىدە يېزىپ ، سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز تارىخىي خىزمەتلەرنى قىلىپ ، خەلق ۋە ھۆكۈمەت خائىنلىرىنىڭ رەھىمسىز ۋە ۋەھشىيانە قوللىرىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولۇشى ، سۆيۈملۈك دوستىمىزنىڭ بىزنىڭ ئالدىمىزدىن يوقىلىشى يېڭى ھۆكۈمەت ۋە بىز دۇبەن ، جۇشى ۋە فۇجۇشىلار ئۈچۈن ۋە بارلىق شىنجاڭ خەلقى ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر ماتەملىك ، ئېسىمىزدىن چىقمايدىغان قايغۇلۇق بىر ئەھۋالدۇر ..... شۇنداق قىممەتلىك ، ئالىيجاناب دوستىمىز يوقالدى . بۇنىڭغا بىزنىڭ ۋە بارلىق خەلقنىڭ يۈرەكلىرىمىز داغ بولدى . لېكىن ، مەرھۇم يوق بولغان بىلەن ئۇنى تارىخىي خىزمەتلىرى يېڭى شىنجاڭ تارىخىنىڭ بىرىنچى سەھىپىسىگە ئالتۇن قەلەم بىلەن يېزىلىپ ، دائىم خاتىرىدە ساقلانغۇسىدۇر .. يېڭى ھۆكۈمەت قاتىلنى تېپىش ۋە ئۇنى قاتتىق جازالاش يولىدا قەتئىي چارىلەر كۆرمەكتە " ( ئابدۇغوپۇر داموللا ھاجى يازغان رىسالىدىكى شېڭ شىسەينىڭ بېغىشلىمىسىغا قارالسۇن ) دەپ جاكارلىدى . ئەمما قەشقەر خەلقى ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ مەھمۇت مۇھىتى بىلەن سۆزلەشكەندە چىقارغان " يولدىن ئازغان ، شەرىئەت جازاسىدىن چىققان كىشىنىڭ تىلى كېسىلىپ ، ئاغزى يىرتىلىپ ، كانىيى بوغۇزلىنىشى كېرەك " دېگەن پەتىۋاسىنى ئاڭلاپ ، ئۇنى " ئۆلۈم پەتىۋاسى " ( كېيىن " ئۆلۈم ۋەدىنامىسى " ) دەپ ئاتاشتى ۋە داموللا مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئۆلىمىگە پەتىۋا چىقىرىپتىكەن ، شۇ بويىچە ئۆلتۈرلۈپتۇ ، دېيشىتى ۋە ئۇنىڭغا باشقىچە كۆزقاراشتا بولدى .
ئابدۇغوپۇر داموللا ئۆلتۈرۈلۈپ 10 ئايدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، 1937 – يىلى 4 – ئاينىڭ 2- كۈنى ( جۈمە ) مەھمۇد مۇھىتى چەتئەلگە چىقىپ كەتتى . شۇ چاغدىلا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ئۇنى ئوچۇق ئاشكارا " خائىن " جاھانگىرلارنىڭ قۇيرۇقى " دېدى ۋە ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ رىسالىسىنى نەشىردىن چىقىرىپ ، خەلققە ھەقسىز تارقىتىپ بېرەلىدى .
ئابدۇغوپۇر داموللا بۇ كىتابنى قەشقەردە يازغان . ئۇ كىتابىدا دىنىي ، سىياسىي ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ ، شەيخ سەئىدى يازغان " تۈلكىنىڭ ھېكايىسى " نەقىل كەلتۈرۈپ ، خەلقىمىزنى شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىگە تايىنىشقا دەۋەت قىلغان ھەم شۇنداق قىلغاندىلا روناق تاپالايدىغانلىقى توغرىسىدا گەپ ساتقان . 1935 – يىلى ئابدۇغوپۇر داموللا قەشقەر ۋەكىلى بولۇپ ، ئۈرۈمچىگە قۇرۇلتايغا بارغاندا بۇ كىتاب شېڭ شىسەي تەرەپدارلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ، " شىنجاڭ گېزىتى " ئىدارىسىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى مەنسۇر ئەپەندى ( ۋەتەن ئوغلى ) نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىدە 1936- يىلى 11 – ئايدا " شىنجاڭ گېزىتى " باسمىخانىسىدا 5000 نۇسخا بېسىلدى .
ئابدۇغوپۇر داموللا ئۆزىنىڭ بۇ كىتابىنىڭ خاتىمىسىدە مۇنداق يازغانىدى : " كاشىغەر ئەئيانلىرى بۇ ھەقىر بىئېتىبارنى ئۈرۈمچى سىڭغا ۋەكىل قىلىپ ئىبەرگىنىدە ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ تۇتقان يولى شەرىئەتىمىزنىڭ قانۇنلىرىغا مۇۋاپىق بولغىنى ئۈچۈن كامال خۇرسەند بولغىنىمدىن مەجلىسى مەئبۇساندا بىر ، ئىككى ئايەت ۋە ھەدس بىلەن سۈيلىنىپ ، بۇ ۋەزدە مۇتەئەسسىر بولغان ( تەسىرلەنگەن ) بەزى ئەئىئيانلار : مۇنىڭ نەپئى ( پايدىسى ) ھەممە شىنجاڭ خەلقىگە يەتسۇن ، بەلكى ھەممە دۇنياغا كەتسۇن ، دېگەن ياخشى نىيەت بىلەن ئۇشبۇ رىسالىنى بۇيرۇپ ئىدى . ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇۋۋەت ، ئىستىداتىمنىڭ يېتىشىچە يېزىپ ھەر مىللەت ۋەتەنداشلارغا ھەدىيە قىلدىم .
........ بۇ رىسالە 1335 – ھىجىرىيە يىلى مۇھەررەمنىڭ بېشى تامام بولدى " .
بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشىغا دۇبەن شېڭ شىسەي بىلەن ئۆلكە رەئىسى لى يۇڭلار ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ بېغىشلىما يازغانىدى .
شېڭ شىسەينىڭ بېغىشلىمىسىدا مۇنداق دېيىلگەن :
" بېسىلغۇسى مەرھۇم ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ بۇ رىسالىسى شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ، ھاياتى ئۈچۈن چوڭ ئورۇن ئالىدىغان قىممەتلىك ۋەقەدىرلىك تارىخىي ، سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بىر رىسالىدۇر .
بۇ رىسالە ھۆرمەتلىك مەرھۇمنىڭ 2 – قۇرۇلتايدا بارلىق مىللەت ۋەكىللىرى ئالدىدا سۆزلىگەن ، ھەقىقەتكە ئاساسلانغان نۇتۇقىنىڭ ۋە 4- ئاينىڭ 12 – كۈنىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ بارلىق غەيرەت ۋە ئىجتىھاتى ، ھەقىقىي دىلى بىلەن خەلققە قىلغان تەشۋىق ۋە تەرغىباتلىرىنىڭ مەنتىقى داۋامىدۇر .......
مەرھۇم ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ بۇ ئەسىرىنى شىنجاڭ خەلقى ۋە زاتنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىگە يەنە بىر مەرتەم ئىشەنسۇن ۋە مەرھۇم باشلاپ بەرگەن يول بىلەن مېڭىپ ، يېڭى ھۆكۈمەتكە ھەقىقىي ئىشەنچلىرى كۈچىيىپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك ۋە سائادەتلىك خەلقلەردىن بولسۇن دەپ چىقاردۇق " .
ئۆلكە رەئىسى لى يۇڭنىڭ بېغىشلىمىسىدا مۇنداق يېزىلغانىدى : " مەرھۇم ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ بۇ ئەسىرى بىز ئۈچۈن غايەت بۈيۈك ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر . چۈنكى ، ئالتە سىياسەت شوئارىمىزنىڭ مۇسۇلمانلىق دىنىغا قارشى بولماي ، بەلكى مۇۋاپىق ئىكەنلىكى مەرھۇم بۇ ئەسىرىدە ئوچۇق كۆرسىتىپ يازغاندۇر ، بۇ ھەقتە شېڭ دۇبەن ۋە فۇجۇشىلارنىڭ يازغان مۇقەددىمىسىگە مەن تولۇق قوشۇلۇشۇم بىلەن بىرگە بۇ ئەسەرنىڭ پات ئارىدا بېسىلىپ خەلق ئارىسىغا تارقىلىشىنى تىلەيمەن ھەم ئۇنىڭ بىلەن خەلقىمىز كۆپ مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىدۇ – دەپ چىن كۆڭلۈم بىلەن ئىىشىنىمەن " .
ئارىدىن يېرىم ئەسىر ئۆتۈپ كەتتى " تۈندىكى پاجىئە " تارىخي ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ قالدى .
شۇ يىللاردا مەن 6 – دىۋىزىيە باش شتابىدا خوجۇلۇق باشقارمىسىدا ئىشلەيتتىم . دىۋىزىيىنىڭ قورال – ياراغ ۋە ھىساباتىنى باشقۇراتتىم . ئۆيىمىزمۇ دىۋىزىيە شتابى جايلاشقان يۇمىلاق شەھەرگە يېقىن ئەنجان كوچىسىدا ئىدى . مەھمۇت سىجاڭ يېنىدا دائىملىق خىزمەتتە بولغانلىقىمدىن ئابدۇغوپۇر داموللا ھاجى بىلەنمۇ پات – پات ئۇچرىشىپ قالاتتۇق ، قەشقەر شەھىرىدە يۈز بەرگەن تۈرلۈك ۋەقە – ھادىسىلەر بولۇپمۇ شۇ " پاجىئە " نىڭ ئالدى – كەينىدىكى ئەھۋاللاردىن ھەر ۋاقىت خەۋەردار بولۇپ تۇرغان شاھىتلارنىڭ بىرى بولغىنىم ئۈچۈنمىكىن ، ئۇ كارتىنىلار خۇددى تۈنۈگۈن بولۇپ ئۆتكەندەك كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ . شۇڭا بۇ ئىشلار خەلقنىڭ نەزىرىدىن ساقىت بولمىسۇن ، دەپ خاتىرىلەپ قويدۇم .
مەنبە : تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001 - يىل 8 - ئاي 1 - نەشرى . تۈزگۈچى غەيرەت ئەيسا

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

24

تېما

659

يازما

1277

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 28
يازما سانى:
659
تىللا:
479
تۆھپە:
42
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
561 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-13

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپ

دېۋان
ۋاقتى: 2013-12-26 08:32:01 | ئايرىم كۆرۈش
     ئىسمى -جىسمىڭىزغا لايىق تارىخمكەنسىز .  ھى ھى  ھى  يوللغان تىمڭزىنىڭ ھەممسى تارىخ  .  لىكىن بۇندىن 12 يىل ئاۋۋال يېزلغان ئەسەرنى ئەكەپسىز چۇقۇم ئالدىرماي ۋاقىت چىقرىپ ئۇقۇپ چىقمەن .

57

تېما

346

يازما

2158

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 239
يازما سانى:
346
تىللا:
1554
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
104 سائەت
ئاخىرقى:
2015-7-12

كۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر ئاتىسى

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-26 08:40:37 | ئايرىم كۆرۈش
نازاكەت يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 08:32
ئىسمى -جىسمىڭىزغا لايىق تارىخمكەنسىز .  ھى ھى  ھى  يول ...

رەھمەت كۆپ ماختىۋېتىپسىز،مەزكۇر يازمىدا تارىخىمىزدىكى مىللىي ساتقۇن شاپتۇل داموللىنىڭ ئۈلۈمىنىڭ ئالدى-كەينىدە يۈز بەرگەن تارىخىي ئىشلار بايان قىلىنغان.بىر ئۇقۇپ چىقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

26

تېما

574

يازما

3210

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 101
يازما سانى:
574
تىللا:
2486
تۆھپە:
42
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
68 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-7

مۇنبەر مەلىكىسى

يەر
ۋاقتى: 2013-12-28 02:44:09 | ئايرىم كۆرۈش
ئابدۇقادىر داموللا ۋە ئابۇغۇپۇر داموللامدەك كىشىلەردىن كۆپرەك شاپتۇل داموللىلار كۆپ چىقىپتىكەن ئىچىمىزدىن...
ئاللا قوللىرىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن ،

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-1-27 12:15:21 | ئايرىم كۆرۈش
شاپتۇل داموللام   توغرىسىدىكى بۇ ۋەقەلەرنى ئۆمۈر داستانى  ،  ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر  ، باياۋاندىكى گۈلخان قاتارلىق بىر نەچچە كىتاپتا ئوقۇغان ئىدىم  .
تىمىڭىزغا  تەشەككۈ ر!
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:04 , Processed in 0.128546 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش