|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەسىرىڭىزنىڭ ئاخىرىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولغىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ.
لىكىن ئازراق يىرى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى، يەنى بەختىم ھېلىقى ئۇچۇرنى يىزىپ خوش دەۋەتكەندىن كىيىنلا زاھىرنى ئۇنتۇپ كىتىشى سەل تېز بوپ كەتتىمۇ قانداق. يۈرەكنىڭ ئاغرىقىنى نەپرەت ئارقىلىق پەسەيتتى دەپ يىزىلىپتۇ، كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ بەختىم زاھىرنىڭ ئۇ قىلمىشىدىن خېلىلا نەپرەتلەنگەن، شۇڭا ئۈچ كۈندە ئۇنتۇپ كىتىپ ھىچقانداق ئەسلىمىدىم دېيىشى بىر خىل سۈنئىيدەك. ئۇنىڭدىن كىيىنكى مەزمۇن، زاھىر تىلفۇن قىلىپ كۆرۈشەيلى دىدى، بەختىمنىڭ تىلفۇننى نەچچە قىتىم ئالماي تىلفۇننى ئالغىنىدىن ئۇنىڭ نەپرىتى بارلىقىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ، لىكىن تىلفۇننى ئىلىپلا شۇنداق يۇمۇرىستىك تىللاردا سۆزلىشىپ كەتكەن، گەرچە بۇ سۆزلىشىشلەر شۇنداق جايىدا،يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ،لىكىن بەختىمنىڭ نەپرىتى بىلەن زىت بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. ئۇلارنىڭ كۆرۈشكەندىكى دىئالوگىمۇ شۇنداقراق... باشقا يەرلىرى ناھايتى ئېسىل چىقىپتۇ. بەلكىم مەن سىز ئىپادىلەۋاتقان تەسۋىرنى توغرا چۈشىنەلمىگەن بولۇشۇممۇ مۇمكىن، ئەگەر شۇنداق بولسا ئۆزرۈلۈكمەن. مەن تۇغۇلۇپ تا ھازىرغىچە قولدا توختىغىدەك ھېكايە يىزىپ باققان ئىنسان ئەمەس، شۇنداقتىمۇ ئۆزۈم ھېس قىلغانلىرىمنى سۆزلەپ ئۆتكۈم كەلدى.
تۇيۇق يولدىن ھەق يولغا كىرىش ئۈچۈن، ئالدىغا مېڭىش كېرەكمۇ ياكى كەينىگە قايتىش كېرەكمۇ؟ بۇ بۆلەكنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئۆزۈمدە تۇغۇلغان سوئال......
ئارتۇقچە سۆزلەپ قويغان بولسام ئەپۇ قىلاسىز.... |
|