ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1836|ئىنكاس: 25
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاپا قەشقەرلىككە تىگىمەن!!!!!!!!!!!!!!!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

266

يازما

1511

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 250
يازما سانى:
266
تىللا:
1015
تۆھپە:
75
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
54 سائەت
ئاخىرقى:
2014-9-18

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىقىزغىن ئەزا

بىرچاغلاردا ناھايىتى ئۇماق،شۇخ تاتلىق بىر قىز ئىدىم،ئائىلىمىزمۇ بەك بەختىيار ئىدى،ئائىلىمىزدە ئاپام دادام،ئىككى ئاكام مەن ۋە سىڭلىم،ئالتە جان بار ئىدى.دادام دۇلەت كادىرى بۇلغاچقا داۋاملىق ئالدىراشلا يۈرەتتى،ئاپام ئائىلە ئايالى بۇلغاچقىمىكىن،بەك كىچىك كۈڭۈل،سەمىمىي، مۇلايىم ئىشچان ئىدى.سىڭلىم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ2-يىللىقىدا،مەن بۇلسام 4-يىللىقىدا ئۇقۇيتتۇق،ئىككى ئاكامنىڭ،چۇڭ ئاكام غالىپ تۇلۇق ئۇتتۇرىدا كىچىك ئاكام جەسۇر بۇلسا،تۇلۇقسىز ئۇتتۇرىدا ئۇقۇيتتى.كىچىك بۇلغىنىمىزغا قارىماي ئالىيە ئىككىمىز ئۇيدە داۋاملىق ئىككى ئاكامنى تىرىكتۈرۈپ جىلە قىلاتتۇق، بۇنداق ۋاقىتلاردادادام بىز تەرەپكە،ئاپام ئىككى ئاكام تەرەپكە ئۇتۇپ، ئاپام -قىز بالا بۇلغانكىن مۇلايىمراق بۇلۇشساڭ بۇلمامدۇ، ئاكاڭلار چوڭ تۇرۇپمۇ يەنە ئىككىڭلارغا يۇل قۇيسىمۇ يەنە بىشەملىك قىلىپ سۇقۇشامسىلەر دەپ قاقشاپلا كىتەتتى،ئاچىىقلانماڭلار ئاپىسى،دەيتتى دادام بالىلسر تىخى كىچىك چوڭ بۇلغانسىرى تۈزۈلۈپ كىتىدۇ،دەپ ئاپامغا تەسەللى بەرگەچ بىزنى ئەركىلىتىپ ئۇلتۇراتتى،ئاكاممۇ تىرىككەندەك قىلغان بىلەن پەقەت خاپا بۇلمايتتى ۋە بىزنى بىزنىڭ ئۆينىڭ جىنلىرى دەپ جىلە قىلاتتى. بىزمۇشۇنداق قىزىقارلىق تالاش تارتىش ئىچىدە خۇشال- خۇرام ياشايتتۇق.............................
بىر كۈنى ئالىيە ئىككىمىز مەكتەپتىن قايتىپ كلەلسەك، ئۆيدە ئاپام يۇق، ئىشىك تاقاق. ئادەتتە ئاپام بىز ئۆيگە كىلىپ چۇشلۈك تاماق يەپ،مەكتەپكە مىڭىپ بۇلمىغۇچە سىرتقا ھەر قانچە مۇھىم ئىشى بۇلسىمۇ بارمايتتى.ئاپام نەگە كەتكەندۇ؟نىمىش بۇلغاندۇ دەپ ئۇيلاپ ئىشىك تۈۋىدە ئۇلتۇردۇق،،بىردەمدىن كىيىن غالىپ چىرايىنىڭ ئۆڭ-سۇلى ئۆچكەن ھالدا كىلىپ گەپ قىلمايلا مەن بىلەن مىڭىڭلار دىگىنىچە بىزنى ئىلىپ ماڭدى. نەگە بارىمىزئاكادەپ سۇرىدى ئالىيە. غالىپ كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا دادام قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپتىكەن،دۇختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزىپتۇ، مەنمۇ تىخى تەپسىلىي بىلمەيمەن ئاپام ئىككىڭلارنى ئىلىپ كىلىشنى بۇيرىغان،تەپسىلىي ئەھۋالنى دۇختۇرخانىغا بارغابدا بىلەرمىزدىدى.بۇ گەونى ئاڭلاپ يۈرىگىن قارتتىدە قىلدى.قاچان يۈز بىرىپتۇ ئاكا،سۇرىدىم مەن،قۇشنىلارنىڭ دىيىشىچە سەھەردە ئىشقا ماڭغابدا يۇز بەرگەن ئۇخشايدۇ دىدى غالىپ.مەن ئەسلىمنى بىلىپ دادامنىڭ ئاغرىپ قالغىنىنى بىلمەيتتىم،سالامەتلىكى بەك ياخشى ئىدى،شۇڭا ئىچىمدە دادامغا ھىچ ئىش بۇلمايدۇ دىگەنلەرنى ئۇيلاپ ماڭدىم.دۇختۇرخانىغا يىتىپ كەلدۇق،ئاپام ئىشىك تۈۋىدە يىغلاپ ئۇلتۇرغان ئىكەن،بىزنى كۈرۈپ ،مىنىڭ بەخىتسىز قىزلىرىم، كىچىك تۇرۇپلا يىتىمچىلىك كۇچىسىغا تاشلانغان قىزلىرىم دەپ بىزگە ئىسىلغىنىچە تىخىمۇ يىغلاپ كەتتى. ئاپامنىڭ بۇگەپلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىگىم خۇددى مۇزلاپ قالغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.ئاپا دادام قىنى؟دادامغا زادى نىمە ئىش بۇلدى؟دەپ سۇرۇدۇم مەن يىغلاپ تۇرۇپ. ئاپام تىخىمۇ ئىسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى،جىدىي قۇتقۇزۇش بۈلۈمىنىڭ ئىشىكى ئىچىلىپ ،دادامنىڭ يۈزىگە بىر پارچە ئاق رەخت يىپىلغان ھالدا ئەچىقىپ بەردى،ھەممىنى چۈشەندىم دادام بىزنى تاشلاپ بارسا كەلمەس گۈزەل جايغا،گۈزەل ياراتقۇچىمىزنىڭ قىشىغا كىتىپتۇ ئەمەسمۇ،دادا بىزنى تاشلاپ كەتمەڭ دادا، مەن ۋاقىرغانىمچە دادامنىڭ مۇزلاپ كەتكەن جىسمىغا ئۈزۈمنى ئاتتى، بۇنداق قىلما ماھىرە سەۋىر قىل سىڭلىم غالىپ شۇنداق دىگىنىچە مىنى ئاجرىتىۋالدى......................
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چىققان قارابۇراندا، بىر ئۆيبىڭ تۈۋرۈكى بۇلغان مىھرىبان، كۈيۈمچان دادامدىن ئايرىلىپ قالدۇق،چىرايىمىزدىن خۇشاللىق كۈلكىلىرى ئۆچتى،دادامنى يەرلىكىدى قۇيۇپ بۇلغاندىن كىيىن غالىپ ئاكام ئۇقۇشتىن چىكىنىپ،ئىشلەشكە مەجبۇر بۇلدى،بۇرۇن ئۆينىڭ پۈتۈن چىقىملىرى دادامنىڭ مائىشى بىلەن ئايلىناتتى،ھازىر بۇلسا دادامنىڭ ئىدارىسىدىكىلىرى بىرىدىغان ئازغىنە قۇتقۇزۇش ،پۇلى بقلەن غالىپنىڭ سىرتتا ئىشلەپ تاپقان،ئازدۇر-كۆپتۇر پۇلى ھىچنىمىگە دال بۇلالماي كىتىۋاتاتتى،ئاپاممۇ تىرىشىپ ئۇنىڭ بۇنىڭ قۇلىدىن كىلىدىغان ئىشلىرىنى قىلىپ بىرىپ ،تۇرمۇشىمىزنى قامداۋاتقان بۇلسىمۇ،تۇرمىشىمىز ھىچ ياخشىلانمىدى،ئاپامنىڭ قانداق جاپا چىكىۋاتقانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان ئىدى........................................
بىر كۇنى غالىپ ئۆيگە كىرىپ ئاپامغا،ئاپا- مەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگەچىقىپ تىجارەت قىلىشنى ئۇيلاۋاتىمەن،ئۇ يەردە پۇلنى كۆپ تاپقىلى بۇلىدىكەن،ئەگەر بىرەر ياخشىراق ئىشنىڭ پىشىنى تۇتۇپ قالسام جەسۇرنىمۇ قىشىمغا تارتىمەن،بۇ يەردە پۇل تىپىشقا قاراپ ئۇلتۇرساق،تاپقىنىمىز ئائىلە قامداشقا يەتمەيدىكەن ھەم سەنمۇ ساقسىز بۇلۇپ قالدىڭ ئاپا،مەن كۆپرەك پۇل تىپىپ سىنى ياخشى داۋالىتىشنى ئۇيلاۋاتىمەن دىدى. ئاپام ئىغىر ئۇھسىنغاندىن كىيىن-قانداق بۇلار بالام سەن تىخى كىچىك تۇرساڭ دىدى،مەنمۇ20گە كىرەي دىدىم ئاپا مەندىن ئەنسىرمە،جەسۇرغا ماھىرەگە، ئالىيەگە ياخشى قارائاپا،ئۆزۈڭنى ياخشى ئاسرا،مەن پۇل ئەۋەتىپ تۇرىمەن مەن ئۈچۈن ياخشى دۇئا قىلغىن ئاپا........
شۇنداق قىلىپ غالىپ ئىچكىرى ئۆلكىگە تىجارەتكە ماڭدى،ھەم بىزگە پات-پات پۇل ئەۋەتىپ تۇردى،ئۇزۇن ئۆتمەي قايتىپ كىلىپ بىز بىلەن كۈرۈشۈپ،بىر مەزگىل تۇرغاندىن كىيىن جەسۇرنى ماڭا ياېدەملەشسۇن دەپ بىللە ئىلىپ ماڭدى،ئۇلار پات پات خەت يىزىپ پۇل ئەۋەتىپ،بىزنى خاتىرجەم قىلدى،تۇرمۇشىمىز ھەر-ھالداخاتىرجەم كىتىۋاتاتتى.
بىركۈنى غالىپ ئاسماندىن چۇشكەندەكلا قايتىپ كەلدى،ئۇ ئۆزى يالغۇز قايتىپ كەلگەن ئىدى،ئاپام ھەيران بۇلۇپ -بالام ئىنىڭ جەسۇر كۈرۈنمەيدىغۇ،ئۇنى قۇيۇپ قايتىپ كەلدىڭمۇ نىمە دەپ سۇرىدى،غالىپ بىردەم جىم تۇرغاندىن كىيىن جاۋاپ بەردى-ئاپا جەسۇر تۇرمىغا كىرىپ قالدى دىدى ئۇچۇق ھاۋادا چاقماق چىقىلغاندەك بۇ خەۋەردىن ھاڭ-تاڭ قالدۇقنىمە قىلغان ئىدىڭ ئىنىڭ تۇرمىگە كىرگۈدەك؟ ئاپام شۇنداق دەپ يىغلىغىنىچە ھۇشىدىن كەتتى،ئاپامنى كۈتىرىپ دۇختۇرخانىغا ئاپاردۇق،ئاپام شۇ ياتقىنىچە ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇن تۇتۇپ يىتىپ قالدى،غالىپنىڭ ئىيتىشىچە ئۇلار قەشقارلىك بىر نەچچە بالىلار شىرىكلىشىپ ئۈزۈم ياڭاق سۇدىسى قىلغان ئىكەن،بىشىدا سۇدىسى ياخشى يۈرۈشكەچكە كىرگۈزىدىغان مالمۇ كۆپيىپتۇ.لىكىن ئاخىرقى قىتىم كىرگۈزگەن بىر ماشىنا مالنى قەشقەرلىكلەر ئىلىپ قىچىپ كىتىپتۇ،جەسۇر بىلەن ئىككىسى ئۇلارنى سۈرۈشتۈرۈپ تاپقاندا ئاللىقاچان مالنى سىتىپ يىغىشتۇرۇپ بۇلغان ئىكەن،جەسۇر بىلەن غالىپ ئۆزلىرىنىڭ تىگىشلىك پۇلىنى تەلەپ قىپتۇ،ئۇلار بەرمەپتۇ،شۇجەرياندا سۇقۇشۇپ كىتىپ جەسۇر قەشقەرلىكلەرنىڭ بىرسىگە پىچاق تىقىپ قۇيۇپتۇ، ئۇ ئادەم دۇختۇرخانىغا ئىلىپ بىرىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىپتۇ. تەپتىش ئۇرنىدىكىلەر جەسۇرنىڭ يىشىنىڭ كىچىكلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنىڭغا ئون يىللىق قاماق جازاسى ھۈكۈم قىلنىپتۇ،ھەممىمىزنىڭ كۆڭلى بەك يىرىم ئىدى، كۇنىلارنىڭ دادىسى ئۆلگەننىڭ يەتتە يىلغىچە ياقىسى يىرتىق دىگىنى راست ئۇخشايدۇ،دادام تۇگەپ بىر يىلدىن كىيىن جەسۇرغا بۇ كىلىشمەسلىك كەلدى.ئاپام قاتتىق روھى زەربىگە ئۇچرىغاچقا،سالامەتلىكى ياخشى بۇلماي، مەن ئۇقۇشتىن چىكىنىپ ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىشقا باشلىدىم..................
كۇنلەر-ئايلارنى ئايلار-يىللارنى قۇغلاپ مانا ھەش-پەش دىگۈچە 8يىل ئۈتۈپ كەتتى،چۇڭ ئاكام غالىپنىڭ ئۆيلىنىپ بىر بالىسى بۇلدى،مەنمۇ چۇپچوڭ قىز بۇلدۇم بىزنىڭ كىچىك جىن ئالىيە بۇلسا تۇلۇق ئۇتتۇردا ئۇقۇۋاتاتتى،بازار ئىچىدىن بىر كىچىك تاللا بازىرى ئىچىۋالغان ئىدۇق، تىجارىتىمىز ھەر ھالدا يامان ئەمەس ئىدى،جەسۇرنىڭمۇ 3ئايلىق ۋاقتى قالغان ئىدى،ئۇلارنىڭ ئىيتىشىچە ئۇنىڭ ئىپادىسى ياخشى بۇلغاچقا
ئۆي كەچۈرۈمگەئىرىشىپتۇ،بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن خۇشال بۇلدۇق،ھەممىدىن ئاپام بەك خۇشال ئىدى.......
بىر كۈنى ئاپام مەن ،ۋە ئالىيە دادامنىڭ تۇپراق بىشىغا چىقتۇق،قايتىشىمىزدا ئاپام مىنىڭ سەل مىجەزىم يۇق يۇرىدۇ،بۈگۈن دۇكانغا ئىككىڭلار قاراڭلار دەپ ئۆيگە كەتتى،ئالىيە بىلەن ئىككەيلەن دۇكانغا پاراڭلىشىپ دۇكانغا ماڭدۇق،تىلفۇنۇمغا بىر ئۇچۇر كەلدى،تىلفۇنۇمنى قۇلۇمغا ئىلىشىمغا ئالىيە تىلفۇنۇمنى شارتتىدە تارتىپ ئىلىپ-مەن بىر قاراپ باقايچۇ قىنى،ئەتتىگەندە ساڭا ئۇچۇر يازغان كىمكىن دەپ تىلفۇنۇمنى ئىلىپ ئالدىمغا ئۈتىۋالدى،ئەكىلە قايتۇرۇپ بەر كىم بۇلاتتى،10086 مۇلازىمەتچىلىرىدىن كەلگەندۇ دىدىم مەن، بىراق ئۇ ھەييارلىق قىلىپ نەدە ئۇنداق راست گەپ قىلمىساڭ تىلفۇنۇڭنى قايتۇرۇپ بەرمەيمەن،يەنە تىخى ئاپامغا ھەدەمگە بىر سى ئۇچۇر يازىدىكەن دەيمەن تازا دەپ كۈلۈشكە باشلىدى،نەدىكى ئۇغۇل بالىكەن ئۇ،ئەكىلە بىشەم تىلفۇنۇمنى،شۇنداق دىگىنىمچەئۇنىڭ راسا بىر ئەدەپىنى بىرەي دەپ ئۇيلاپ ئارقىسىدىن قۇغلاپ يۈگۈردۈم.تۇيۇقسىز ئالدىمغا نەدىن چىقتىكىن بىر ماشىنا پەيدا بۇلۇپقالدى. ماشىنىنى جىددىي تۇرمۇزلىدى،مەنمۇ ئۈزۈمنى تىزلا قاچۇرغان بۇلساممۇ يەنىلا يىقىلىپ كەتتىم.ئالىيە ھەدە دەپ ۋاقىرغىنىچە يىنىمغا يۈگۈرۈپ كەلگەن ئىدى،قانداقراق نەرىڭ ئاغرىۋاتىدۇدىدى ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ،ھىچقىسى يۇق سىڭلىم ھىچنىمە بۇلمۇدۇم پەقەت يىقىلىپ كەتتىم شۇدىدىم مەن.سىز گە بىرەر ئىش بۇلمىغاندۇ؟تۇيۇقسىز يات ئاۋازدىن چۈچۈپ بىشىمنى كۈتۈرۈپ قارىسىام 22لەردە بار بۇيلىرى ئىگىز كۆزلىرى قاپقاراكىلىشكەن بىر بالا بىزگە قاراپ تۇراتتى،ھەدەمنى سۇقۇۋىتىپ يەنە بىرەر ئىش بۇلمىغاندۇ دەيسىزغۇ،مەن گەپ قىلىپ بۇلغۇچە ئالىيە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى.كۆزىڭىز بۇلغانكىن قاراپ ھەيدىسىڭىز بۇلمامدۇ ساراڭمۇ ياسىز؟دەپ چالۋاقاشقا باشلىدى ئۇ.ئالىيە بۇلدى قىل يۇلدا يۇگرەپ يۈرگەن بۇلغانكىن بىرنىڭ خاتا،دىدىم مەن قانداقسىگە بىزنىڭ خاتا بۇلىدۇ،تۇرمۇزى بار بىر نىمە بۇلغانكىن قاراپ ھەيدىشى كىرەكتەدەپ ھۇمىيىيپ قۇيدى ئۇ.كەچۈرۈڭلار قىزلار مەنمۇ قەستەن قىلمىدىم.تۇيۇقسىز ئالدىمدا پەيدا بۇلغان ئىدىڭىز، ئارانلا تۇرمۇزلاپ ئۈلگۈردۈم شۇ دىدى ئۇ خاتالىقىنى تۇنىغان كىچىك بالىلار دەك قىياپەتتە.ئۇنىڭ بۇ قىياپىتىگە قاراپ غالىپ ئاكامنىڭ بالىسى يادىمغا كىلىپ قەلغان ئىدى،ھىچقىسى يۇق قارىڭە بىر ياخشى تۇرمامدىم مانا ئۇرنۇمدىن تۇردۇم،بىر بىر پاچىقىمنىڭ تىرىسى سۈرۈپ كىتىپتىكەن،سىرقىراپ ئاغرىپ رۇس ماڭالمىدىم،مەن سىزنى دۇختۇرخانىغا ئىلىپ باراي دىدى ئۇ، ياقەي چۇڭ ئىش يۇق دىگىنىمگە قۇشۇلماستىن بىزنى ماشىنىغا سىلىپ دۇختۇرخانىغا ئىلىپ باردى.دۇختۇر پۇتۇمنى كۆرگەندىن كىيىن چوڭ مەسىلە يۇقلىقىنى، پەقەت تىرەمنىڭ سۇرلۇپ كەتكەنلىكىنى ئىيتىپ،تازلاپ تىڭىپ قۇيدى ھەم ئازراق دۇرا بەردى.سىرتقاچىقتۇق مەن رەھمەت ئىيتىپ مىڭىشقا تەمشەلگەن ئىدۇق،ئۇ ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي بىز نى ئاپىرىپ قۇيىمەن دەپ ماڭدى،دۇكاننىڭ ئالدىغا كىلىپ يەنەبىر قىتىم رەھمەت ئىيتىپ ماشىنىدىن چۈشۈپۈپ كەتمەكچى بۇلدۇم، مىنىڭ ئىسمىم ئەلى يۇرتۇم قەشقەر، مەن بۇ يەرگە تۇققان يۇقلاپ كەلگەن،لىكىن بۇ ئىش بۇلۇپ قالدى كەچۈرۈڭلار قىزلا ئالدىڭلاردا بەك خىجىلمەن،راستىنلا چىن كۆڭلۈمدىن كەچۈرۈم سۇرايمەن دىدى ئۇ مىنىڭ ئىسمىىم ئالىيە،ھەدەمنىڭ ئىسمى ماھىرە بىزنىڭ شەپشەك گەپ باشلىدى ئابايام بەك قۇرقۇپ كەتكەچكە سىزگە قاتتىق تىگىپ قۇيدۇم كەچۈرۈڭ ھە دىدى ئۇ جىن،ئەلىمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ سىزلا ئەمەس مەنمۇ بەك قۇرقۇپ كەتكەن ئىدىم دىدى،ئەسلى خاتالىق مەندە دىدىم مەن كەچۈرۈڭ سىز ئاۋارە قىلىپ دۇختۇرخانىغىچە بازغۇزدۇم دىدىم،ياقەي ئۇنداق دىمەڭ ئۇ دىگەن مىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىم دىدى ئۇ،ىۇشلۇشۇپ چۈشۈپ كەتتۇق،سىنى سۇقۇۋەتكىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا بەك كىلىشكەن بالىكەن ھە دەپ كۈلۈپ كەتتى ئالىيە.تۇلاگەپ قىلمىساڭ ئىچىڭ پۇشۇپ قالىدۇ ھە سىنىڭ دىدىم مەن ھە،ھە راست بۇلغان ئىشلارنى ئاپامغا دىمە ھە،بىكار قۇرقۇپ كەتمىسۇن يەنەدىدىم ئۇنىڭغا،ئۇمۇ ماقۇل بۇلدى كەچتە بۇلغاندا ئۆيگە كەلىپ ئىشىكتىن كىرىپ بۇلغىچە،ئاپام مىنىڭ ئاقساپ كىرگىنىم كۈرۈپ چۈچۈپ كەتتى،نىمە بۇلدۇڭ قىزىم نىمە ئىش يۇز بەردى،ئاپام سۇئال دىگەننى ياغدۇرۋەتتى. دۇكاننى تازىلاۋىتىپ يىقىلىپ كەتتى دىدى ئالىيە مىنىڭ ئىغىز ئىچىشىمنى كۈتمەستىنلا دىققەت قىلساڭ بۇلماسمىدى دىدى ئاپاممۇ ئۇنىڭغا ئىشىنىپ.ھىچقىسى يۇق،قارا ياخشى تۇرمامدىم مانا ئەنسىرگۈدەك ئىش يۇق دىدىم مەنمۇ ئەمىسە چىقىپ ئارام ئالغىن دىدى ئاپام ھۇجرامغاكىرىپ ياتتىم،يىتىپ تۇيۇقسىزلا ئەلىنى خىيال قىلىپ قالدىم،ھەجەپمۇ كىلىشكەن تەربىيە كۆرگەن بالىكەن دەپ ئۇيلىدىم ئىچىمدە،ئەتىسى ئاپام ماڭا دۇكانغا چىقماي دەم ئىلىشنى تاپىلاپ،ئۈزى دۇكانغا چىقىپ كەتتى، مەن بىكار يىتىپ سىقىلىپ گۈل تىكىشكە باشلىدىم،تۇيۇقسىز تىلفۇنۇم سايراپ كەتتى،تۇنۇمايدىغان نۇمۇركەن ئەسسالامۇئەلەيكۇم دەپ تىلىفۇننى ئالدىم،ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ماھىرە قانداق ئەھۋالىڭىز،شۇنداق يىقىملىق تۇنۇش بىر ئاۋاز بىرسى گەپ قىلىۋاتاتتى.ئاللاغا شۇكرى ياخشى سىز كىمۇ؟دىدىم مەن ھەي بىر كىچىدىلا ئۇنتۇپ قالامسىز؟مەن ئەلى دىدى ئۇ كەچۈرۈڭ تۇنىماي قاپتىمەندىدىم مەن.ھىچقىسى يۇق پۇتىڭىز قانداقراق؟ئاغرىۋاتامدۇ دىدى ئۇ.ياقەي ياخشى بۇپ كەتتىم ھازىر دىدىم كۈلۈپ،ئەمىسە تۈنۈگۈن ئۇششۇقلۇق قىلىپتىكەنسىزدە ماڭا دىدى ئۇ كۈلۈپ ياقەي مەن ئۇنداق قىلمىدىم مەن،بۇلدى چاخچاق قىلىپ قۇيدۇم شۇنىڭغىمۇ خىجىل بۇلۇش كىتەمدۇ ئەمدى دىدى ئۇ كۈلۈپ،بۇپتۇ ئەمىسە ئەھۋالىڭىزنى ئۇقۇپ باقاي دەپ تىلىفۇن ئۇرغان ئىدىم، بۇنىڭدىن كىيىن خالىسىڭىز يىقىن دۇستلاردىن بۇلۇپ قالايلى،مەنمۇ بۇ يەردە باشقا تۇققانلاردىن باشقا بىرەسىنى تۇنىمايمەن دىدى ئۇ. مەن ماقۇل بۇلدۇم بىردەم پاراڭلاشتۇق،ئۇ ماڭا ئۈزىنىڭ ئۇششاق تىجارەت قىلىدىغانلىقىنى،ئاتا-ئانىسىنىڭ قەشقەرلىك ئىكەنلىكىنى،بۇ يەردە بىر ھاممىسىنىڭ بارلىقىنى،ئاپىسى بىلەن شۇ ھاممىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى،مەنمۇ ئائىلەمدىن ئانچە مۇنچە سۆزلەپ بەردىم،خۇشلاشتۇق تىلىفۇننى قۇيۇپ ھەيران قىلىۋاتاتتىم،مىنىڭ نۇمۇرۇمنى نەدىن تاپقاندۇ دەپ ئۇيلاپ ئۇلتۇردۇم،كەچ بۇلغاندا ئالىيە بىلەن ئاپام بىللە كەلدى،ئالىيە ئىشىكتىن كىرىپلا مىنى ياندىكى ئۆيگە چاقىرىپ -ھەدە بۈگۈن چۈشتە دۇكانغا بارسام ئەلى ئاكاش دۇكاننىڭ قارشىسىدا تۇرۇپتىكەن مىنى كۈرۈپلا سىنى سۇرىغانتى،ئەھۋالى ياخشى ئۆيدە ئارام ئىلىۋاتىدۇ دىسەم،پەقەت ئىشەنمىدى،شۇڭا نۇمۇرىڭنى بەرگەنتىم،خاپا بۇلما ھە،دەپ كەتتى ياقەي سىڭلىم دىدىم ئۇنىڭغائۇمۇ ياخشى بالىكەن ئەھۋال سۇراپ تىلىفۇن ئۇرۇپتىكەن دىدىم لىكىن ئىچىمدە ئەسلى ئىش مۇنداقكەندە دىدىم............
كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ئەلە بىلەن سىرداش دۇستلاردىن بۇلۇپ قالدۇق ،ئۇ ئىمانلىق ۋىجدانلىق غۇرۇرلۇق بالا ئىدى،ئىككىمىزنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرى ئۇخشىشىپ كىتەتتى،گەپلىرىمىزمۇ بىر يەردىن چىقاتتى، كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۈتۈپ بىر بىرىمىزگە بەك ئىچەكىشىپ كەتتۇق،بىر كۈنۈ ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ قەشقەرگە قايتماقچى بۇلىۋاتقانلىقىنى،مىنى ياخشى كۈرىدىغانلىقىنى،بۇ يەردىن ھەم مەندىن ئايرىلغۇسى يۇقلىقىنى ئىييتى،ئۇنىڭ مىنى ياخشى كۈرىدىغانلىقىنى بىلىپ خۇشال بۇلغان بۇلساممۇ،لىكىن كىتىدىغانلىقىنى،ئاڭلاپ يۇرۈگۈم ئۇتقا چۈشكەن قۇقاستەك پۇچۇلىنىپ كەتتى.مەن نىمىمۇ دىيەلەيتتىم پەقەت كۆز ياشلىرىم بىلەن ئۇنى ئۇزىتىپ قۇيدۇم خالاس................................
ياخشى كۈنلەرمۇ بىزگە ئالدىنى قىلدى جەسۇرمۇ تۇرمىدىن چىقىتى،ئاپام بەكلا خۇشال ئىدى،مەنمۇ ئالىيەمۇ ھەممەيلەن بەك خۇشال ئىدۇق،جەسۇر ساقال بۇرۇت چىقىپ چوپچوڭلا يىگىت بۇپ كىتىپتۇ،پەقەت ئۆزگەرمىگىنى ئۇنىڭ بۇرۇنمۇ ئاچچىقى يامان بۇلىدىغان ھازىرمۇ شۇ ئاچچىقى بىلەن تۇرۇپتۇ،ئاپام بۇلسا ياخشىراق يەردىن ئۆيلەپ قۇيسام تۈزۈلۈپ كىتىدۇ دەپ ئاۋارە بۇلۇپ قىز ئىزدەپ يۇرەتتى، لىكىن كىممۇ يىڭىدا تۇرمىدىن چىققان،قۇلىدا بىرەر كەسپى يۇق ئادەم بىلەن تۇي قىلىشنى خالىسۇن،ئامالسىز ئۇنى كومپىيۇتۇر رىمۇنۇتخانىسىغا شاگىرتلىققا ئاپىرىپ بەردۇق،كۈنلىرىم بىر خىل كىتىپ باراتتى، بىر كۈنۈ ئۆيگە كىتىۋاتسام ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ئەلى پەيدا بۇلدى،قاچان كەلگەن ئىدىڭىز؟نىمىشقا خەۋەر بەرمىدىڭىز؟خۇشاللىقىمدا سۇئال سۇراپ كىتىپتىمەن.بايامراق كەلگەن ئىدىم،كىلىپ يۈك تاقلىرىمنى تاشلاپلا سىز تەرەپكە ماڭغان ئىدىم مانا يۇلدا ئۇچرىشىپ قالدۇق دىدى ئۇ،قارىسام بىر خىل غەمكىن تۇراتتى،نىمە بۇلدىڭىز؟مىجەزىڭىز يۇقمۇ نىمە؟ياكى خاپا بۇلۇپ قالدىڭىزمۇ دەپ سۇرىدىم مەن،ياق مەن ياخشى ماھىرەئالدىنقى قىتىم سىزگە بىر گەپ قىلسام جاۋاپ بەرمىگەن ئىدىڭىز شۇنى تۇلا ئۇيلاپ مۇشۇنداق بۇپ قالدىم دىدى.ئۇنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ شەلپەرىدەك قىزىرىپ كەتتىم مەن نىمە دىيىشىمنى بىلالمەي تۇرۇپ كەتتىم ئۇ جاۋاپ بىرىڭە ماھىرە دەپ كۈزۈمنىڭ ئىچىگە مىختەك قادىلىپ تۇراتتى،مەن ماقۇل بۇلغان بىلەنمۇ ئىككى ئۆيدىكى چۇڭلار ماقۇل بۇلىشى ناتايىن ئەلى دىدىم،مەن چۇڭلارنى قايىل قىلىپ ئاندىن ئالدىڭىزغا كەلگەن،پەقەت سىز قۇشۇلسىڭىزلا ئۆيىڭىزدىكىلەرنى مانا ئۈزۈم قايىل قىلىمەن دىدى، نىمە دىيەلەيتتم ياخشى كۈرىدىغان ئادىمىم شۇ تۇرسا ماقۇل بۇلدۇم،ئۇمۇ بەك خۇشال بۇلۇپ كەتتى،.ئىككەيلەن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن مەنمۇ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم..........
ئەلى كىلىپ تۇرمۇشۇمغا يەنە بىر خۇشاللىق قىتىلدى،شۈكرى ئى ئاللاھ مىنىڭ ھەممە ياخشى كۈرۈدىغان ئادەملىرىم كۆز ئالدىمدا مىنى ئۇلاردىن ئايرىمىغىن دەپ دۇئا قىلاتتىم،...............................
بىر كۈنى ئەلى ماڭا قەشقەرگە بىرىپ ئاتا-ئانىسىنى ئىلىپ بىزنىڭ ئۆيگە ئەلچىلىككى كىلىدىغانلىقىنى ئىيتتى،مەنمۇ خۇشاللىق ئىچىدە ئۇنى ئۇزىتىپ قۇيدۇم، ئىچىمدە بىر -بىرىمىزنى شۇنداق ياخشى كۈرىمىز،ئۇزاققا قالماي تۇي قىلىپ مەڭگۈ ئايرىلمات بىللە ياشايمىز،شۇمداق شىرىن خىياللار ئىچىدە كىتىۋاتاتتىم.مانا ئەلىمۇ نەچچە كۈنگە قالماي ئاتا-ئانىسىنى ئىلىپ كىلىپ بۇلدى،ئۇ مىنى ئاپىسى بىلەن كۈرۈشتۇرىدىغىنى ئىيتقان ئىدى بەكلا جىددىيلىشىپ كەتتىم،لىكىن ئۇ تەمكىنلىك بىلەن ھىچقىسى يۇق مەن سىز تۇغۇرلۇق ئاپامغا كۆپ قىتىمدەپ بەرگەن،ھەم ئاپام سىزنىڭ رەسىمىڭىزنىمۇ كۆرگەن، ئاپامنىڭ پەقەت سىز بىلەن سىردىشىپ باققۇسى بار ئىكەن دەپ مىنى زۇرلاپ ئىلىپ بادى.ئۇلار بىلەن كۈرۈشتۈم ئاپىسىمۇ شۇنداق مىھرى ئىللىق ئايال ئىكەن مىنى كۈرۈپ ۋاي مىنىڭ چىرايلىق كىلىنىم،دەپ پىشانەمگە سۈيۈپ بەخىت تىلىدى، مەنمۇ خۇددى ئۆزئاپامدەك ھىس قىلىپ ئالامچە سۈيۈندۇم.
قايتماقچى بۇلۇپ ماڭغىنىمدا ئەلە مەن ئاپىرىپ قۇيىمەن دەپ ممەن بىلەن بىللە ماڭدى خۇشلۇشۇپ چىقىپ ماڭدۇق.
يۇلدا پاراڭلىشىپ مىڭىپ مەلىگە ئازقالغان ئىدى50 مىتىر نىرىدا قارىسام جەسۇر بىر قانچە ئاغىنىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرىدۇ،ئۇنى كۈرۈپ ئەلىگە دەرھال كىتىڭ جگسۇر ئاكام بار ئىكەن دىدىم،ئۇمۇ تىزلا كەينىگە قايتقان بۇلمىسا بىراق جەسۇر يۈگۈرۈپ كىلىپلا مىنىڭ ئالدىمنى تۇسىدىۋە كىمۇ ئۇ دەپ ۋاقىرىدى ئاكا مەن مەن دىگىنىمچە تۇرۇپ قالدىم ماڭە بەڭۋاش ئۆيگە سىنىڭ سىرتقا چىققىنىڭنى كۈرۈپ قالسام پاچىقىڭنى چىقىۋاتىمەن دەپ كايىپلا كەتتى ئۇ،گەپ قىلمىدىم ئالدىغا چۈشۈپ خۇددى ئىغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئادەمدەك مىڭىپ ئۆيگە كەلدىم ھەم كىرىپلا ھۇجرامغا كىرىۋالدىم ئۇمۇ ئارتۇق گەپ قىلمدى لىكىن پۈتۈن ئەس يادىم ئەتىكى ئىشلاردا ئىدى قانداق بۇلار ئاپاملار نىمىدەپ جاۋاپ بىرەر دىگەنلەرنى ئۇيلاپ قاچانلاردا ئۇىلاپ قالغىنىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيتتم،ئەتىسى ئۇلار كەلدى،قۇرققان ئىشىم ئاخىرى يۈز بەردى،ئەلىنىڭ ئۆيدىكىلىرى ئىغىز ئىچىپ بۇلغىچە،غالىپ ئاكام-ماھىرەنىڭ بىشى باغلانغانھەم بىز قەشقەرلىككە بىرىدىغانغا قىز چوڭ قىلمىدۇق دەپ ئۇلارنى گەپ قىلغۇزماي يۇلغا ساپتۇ،ئەلى شۇ گەپلەرنى دەپ تۇراتتى،جەسۇر نەدىن پەيدا بۇلدىكىنە دۇكانغا كىرىپلا ئەلىنى ئۇرۇپ كەتتى-نىمىشقا بۇ ئەتراپتا تىمسىقلاپ يۈرۈيدىكىن دىسەم سىڭلىمنىڭ بىشىنى ئايلاندۇرۋاتقانما،يەنە كىلىپ تىخى مەن قەشقەرلىك دىگىنە،ساڭا چۆرگىلىتىدىغانغا باشقا قىز چىقمىدىمۇ ھە ئۇ ۋاقىراپ ئۇنى ئۇرۇپ تىللاپلا كەتتى،ئاكا جخنىم ئاكا،سەندىن ئۆتۈنەي بۇنداق قىلما ئۇنى ئۇرما ئاكا،نىرى تۇرە ئۇ مىنى بىر ئىتتىرگەن ئىدى، جۇزىغا يىقىلىپ كەتتىم ۋايجان ۋاقىرغىنىمچەھۇشۇمدىن كىتىپتىمەن،ھۇشۇمغا كەلسەم دۇختۇرخانىدا يىتىپتىمەن،ئاپام ئالىيە قىشىمدا ئىكەن،ئاپام كۆز يىشى قىلىپ ئۇلتۇرۇپتۇ، ئۆيگە كەلدۇق ھۇجرامغا كىرىپلا غەزەپ بىلەن ئۇلتۇرغان جەسۇرنى كۆردۇم، ئۇ ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ -ئەمدى ئۇ قەشقەرلقكنى ئەتراپىڭدا كۈرۈپ قالماي،يەنە كۈرۈپ قالسام ئۆلتۈرۋىتىمەن،تىخى قۇرقماي ئۆيگە ئەلچى كىزگۈزگۈدەك بۇپتىمۇ ئۇ ئەبلەخ،بۇگۈن تەلىيى ئۇڭدىن كىلىپ قالدى لىكىن كىلەر قىتىم قۇلۇمغا چۈشۈپ قالسا تۇغۇلغىنىغا پۇشايمان قىلدۇرۋىتىمەن ئۇنى،ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئىشىكنى جاققىدە يىپىپ چىقىپ كەتتى،تۇرغان يىرىمدە تۇرۇپلا قالدىم،تۇۋۋا نىمىش بۇلۇپ كىتىپ بارىدۇ ھازىر ئەلى قەشقەرلىك بۇلسا نىمە بۇپتۇ،ناھايىتى كەلسە شۇ نەچچە سائەتلىك يۇلغۇ خۇتەن بىلەن ئارلىقى،يا بىر ئامرىكىلىق بۇلمىسا،نىمانداق قىلىدىغاندۇ بۇلار شۇلارنى ئۇيلاپ ئۇلتۇرسامئاپام كىردى ھەم،ئەمدى ئەلى بىلەن كۈرۈشمەسلىكىمنى ئىيتتى ئاپا جىنىم ئاپا ئەلى بەك ياخشى بالا،ئۇ چۇقۇم مىنى بەخىتلىك قىلالايدۇ سەن بۇلساڭمۇ بۇنداق دىمەي مەن تەرەپتە تۇرۇپ جەسۇر ئاكامغا گەپ قىلغىن دىدىم،ئاپام تۇيۇقسىز ئاچچىقلىنىپ كەتتى- سەن قايسى بەخىتنىڭ گىپىنى قىلۋاتىسەن ماھىرە سەن قاراپ تۇرۇپ ئاشا كەلگۈندى قەشقەرلىككە تىگىمەن دىمەكچىمۇ،ساراڭ بۇپ قالمىغانسەن،جەسۇزنىڭ 9يىل تۇرمىدا يىتىشىغا سەۋەپ بۇلغا شۇ قەشقەرلىك ئەمەسمۇ،مىنىڭ 9 يىل پەرزەنىت ئازابى چىكىشىمگە سەۋەپ بۇلغان شۇ قەشقەرلىك ئەمەسمۇ،سەن يەنە شۇ قەشقەرلىكتىن بەخىت تاما قىلىۋتامسەن،خەقمىچۇ ئۆز يۇرتىدىن ئالسۇن نىمە ئالسا،جەسۇر قارشى تۇرمىغان بىلەنمۇ مەن قارشى تۇرىمەن،سىنى ئۇ قەشقەرلىككە ھەرگىز بەرمەيمەن ئاڭلىدىڭمۇ ھە،ئاپام شۇنداق دەپ ئاچچىقلىپلا كەتتى،ئاپا يىلىنىشقا باشلىدىم مەن -9يىل ئاۋالقى جەسۇر ئاكامنىڭ ئىشىدا ئەلىنىڭ نىمە گۇناھى بار ئاپا،ئۇنداق قىلما بىر ئادەمنىڭ ئەسكىلىكى بلەن پۈتۈن قەشقەرلىكنى يامان كۆرسەڭ ياخشىلارغا ئۇۋال ئەمەسمۇ ئاپا بەش بارماقمۇ تەڭ بۇلمايدىغۇ سەن بۇلساڭمۇ تۇغرا چۈشەنسەڭ بۇلمامدۇ ئاپا دەپ يىغلاپ يالۋۇرۇشقا باشلىدىم،ئۇنىڭدا گۇناھ بۇلمىغان تەقدىردىمۇ مەن سىنى قەشقەرلىككە بىرەلمەيمەن،خەق بىزنى نىمە دەيدۇ ھە ئۇيلاپ باقتىڭمۇ ھەدىدى ئاپام يەنە سۆزلەشكە باشلىدى ئاپام،ئاپام دادام كۆرمىگەن خەق بىلەن تۇي قىلىپ قانچىلىك بەخىتلىك بۇلماقچى ئىدىڭ دىدى ئاپام،ئاللاھ خالىسا بەخىتلىك بۇلىمىز ئاپا ئىككەيلەن بىر بىرىمىزنى بەك ياخشى كۈرىمىز ئاپا دىدىم مەن،ئاغزىڭنى يۇم دەپ تىخىمۇ ئاچچىقلاپ كەتتى ئاپام، بۇگۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ بىلان كۈرۈشمەيسەن ئۆيدىن سىرتقىمۇ چىقمايسەن، ئەمدى ئۇ قەشقەرلىكنىڭ گىپىنى قىلغۇچى بۇلما دىگخنىچە چىقىپ كەتتى ئاپام. تۇۋۋا بىز قايسى دەۋىردە نەدە ياشاۋاتىمىز بۇ ئىنسانلارغا نىمە بۇلغابدۇ؟قەشقەرلىك بۇلسا نىمە بۇپتىكەن ئاقسۇلۇق بۇلسا نىمە بۇپتىكەن،خۇتەنلىك بۇلسا نىمە بۇپتىكەن ھە.ھەممىمىز بىر مىللەت، بىر دىنداش قىرىنداشلارغۇ شۇلارنى ئۇيلاپ كۈزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى بىر ۋاقىتتا ئالىيە كىرىپتۇ، ئاپاملا سىنىڭ تۇيۇڭنىڭ مەسلىھەتىنى قىلىۋاتىدۇدەپ، كاللامدىن بىر قاپاق سۇ قۇيۇلغاندەك چۈچۈپ كەتتىم،نىمىشقا ئەمدە كىم بىلەن دەپ سۇرىدىم ئالىيەدىن،خالىقجان بىلەنچۇ ھەدە.ئاڭلىسام ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلىرى نەچچە كۈن ئىچىدە چاي ئەكىرىدىغان ئۇخشايدۇ ئىشقىلىپ شۇنداقراق ئاڭلىدىم دەيدۇ،بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ يۈرۈگۈم خۇددى قۇقاسقا چۈشكەندەك پۇچىلىنىپ كەتتى، كۆزلىرىمدىن ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك چۈشۈۋاتاتتى،ھەدە دىدى ئالىيە -كۆڭلۈڭنى يىرىم قىلمابۇ كۈنلۈرمە ئۈتۈپ كىتىدۇ،تىخى تۇي بۇلغىنى يۇققۇ،بىرەر ئامالى بۇلۇپ قالاردەپ ماڭا تەسەللىي بەردى،ئۇ ھەرقانچە تەسەللىي بەرسىمۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ مىجەزى ماڭا بەش قۇلدەك ئايان بۇلغاچقا ئارتۇق گەپ قىلمىدىم.................
ئارىدىن ئىككى ئۈچ كۈن ئۆتتى،ئۆيدىكىلەر مىنى سىرتقا چىققۇزمايۋاتاتتى،تىلفۇنۇمنىمۇ جەسۇر ئاكام ئىلىۋالغان ئەلى بىلەن ئالاقىلىشالماي ئىچىم سىقىلىپ كەتتى،چۈشتە  ئالىيە كەلدى ھەم ئەلىنىڭ ياخشى تۇرۋاتقانلىقىنى،مەندىن ئەنسىرەپ ئالىيەنىڭ مەكتىۋىگە بارغانلقىنى،ئىيتتى ھەم ئەلى ئۇنىڭغا ماڭا يەتۆۈزۈپ قۇيۇشنى تاپىلاپ بىر پارچە خەت بىرىپ كىتىپتۇ،ئالىيە خەتنى بىرىپ چىقىپ كەتتى،ئالدىراپ ئاچتىم ۋە ئۇقۇشقا باشلىدىم، ئۇ خىتىدە ھەرقانداق ئىش بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزىنىڭ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى،شۇڭا مىنىڭ ئارتۇق ئۇيلاپ ئازاپلانماسلىقىمنى،قانداقلا بۇلسۇن چۇقۇم ئامال قىلىپ ئۆيدىكىلەرنى قايىل قىلىدىغانلىقىنى،يەنە مىنى ئىنتايىن ياخشى كۈرۈدىغانلىقىنى يىزىپتۇ خەتنى يىنىش-يىنىشلاپ ئۇقۇپ،ئۇنىڭ ئۆز قۇلى بىلەن ياشغان خەتلىرىدىن ئۇنىڭ پۇراقلىرىنى پۇرۇدۇم،مەنمۇ سىزنى ياخشى كۈرىمەن ئەلى بىز نى ئۈلۈمدىن باشقا ھىچ نەرسە ئايرىيالمايدۇ دىدىم ئىچىمدە...............
مانا بۈگۈن خالىقجاننىڭ ئۇيدىكىلىرى چاي ئەكىردى،ھەممەيلەن ئىنتايىن خۇشال ئىدى ھىچكىممۇ مەندىن ماھىرە سەن خالامسەن دەپ سۇراپمۇ قۇيمىدى،مەنمۇ دەردىمنى ھىچكىمگە تىنمىدىم،كۈنلىرىم خۇددى مەھبۇستەك ئۇۈۋاتاتتى،
چاينىڭ ئەتىسى كىيىملىرىمنى كىيىپ ھۇيلىغا چىقتىم،نەگە دەپ سۇرىدى جەسۇر مىنى كۈرۈپلا، مەنمۇ ئاپام بىلەن دۇكانغا چىقىمەن دىدىم مەن، ھىچ يەرگە بارمايسەن دىدى ئۇ ماڭا مىختەك قادىلىپ،مەيلى چىققۇسى بۇلسا مەنمۇ بۇلغانكىن بىللە چىقسۇن ئۆيدە زىرىكىپمۇ كەتكەندۇ بەلكىم دىدى ئاپام،ئاپا ئەگەر يەنە شۇ قەشقەرلىك بىلەن كۈرۈپ قالىدىۈان بۇلسام مەندىن رەنجىمە ھە،جەسۇر شۇنداق دىگىنىچە چىقىپ كەتتى. مەن ئاپام بىلەن بىللە دۇكانغا كەلدىم،سىرتلارغا شۇنچە قارايتتم،لىكىن ئەلىنى كۈرەلمىدىم،ئەجىبا ئۇ ئۈمۈت ئۈزۈپ قەشقەرگە قايتىپ كەتكەنمىدۇ؟ياق ياق ياق...ئەلى ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ دەپ ئۇيلايتتىم ئىچىمدە،شۇنداق خىياللار بىلەن كەچ بۇلغاندا ئۆيگە كەلسەم ئالىيە ماڭا ئەلىنىڭ ئۇنى ئىزدەپ بارغانلىقىنى ،ئەلىنىڭ بۈگۈن مىنى كۆرگەنلىكىنى،لىكىن ئۆيدىكىلەردىن قۇرقۇپ مەن بىلە كۈرۈشەلمىگەنلىكىنى ئىيتتى،ئىچىمدە ئالەمچە سۈيۈنۈپ كەتتىم،مەن ئۇنى كۈرەلمىسەممۇ ئۇ مىنى كۈرۈپتۇ،شۇنداق خۇشال بۇلدۇم،چىرايىمغا ئازراق بۇلسىمۇ كۈلكە يۈگۈرگىنىنى كۈرۈپ،ئاپام خىلى ئۇڭشىلىپ قاپتۇدە دەپ ئۇيلاپ ئەتىسى دۇكانغا چىقىمەن دىسەم تۇسىمىدى دۇكانغاكىلىپ تازىلاپ ئىچىپ،تۇراتتىم تۇساتتىن يۇلنىڭ ئۇ قىتىدا ئەلىنى كۆردۇم ئۇمۇ مىنى كۆردى،ئىككىمىز بىلنەر بىلىنمەس سالاملاشتۇق،ئۇ شەپكىنى چۇڭقۇر كىيۋالغاچقىمىكىن،خۇددى كىچىك بالىلاردەك بۇلۇپ قالغان ئىدى،ئۇنى كۈرۈپ قىشىغا شۇنداق بارغۇم كەلدى،كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ دەرتلىرىمنى تۈكۈۋالغان بۇلسام قانچە ياخشى بۇلاتتى ھە،لىكىن بۇنىڭغىمۇ شۈكرى شۇ كۈنلەرمۇ كىلىپ قالار،ھىچ بۇلمىغاندا يىراقتىن بۇلسىمۇ كۈرۈۋالدىم،شۇ خۇشاللىقىمدا ناخشا ئىيتىپ كىتىپتىمەن، كۆڭلىڭىز ئەجەپ خۇشالغۇ بۈگۈن،دىدى ئاپام نەدە ئۇنداق دىدىم مەنمۇ چاندۇرماستىن لىكىن خۇشاللىقىمنى ئۆزىملا بىلەتتىم، بىر نەچچە كۈن شۇنداق داۋاملاشتى،لىكىن بىت كۈنۈ ئەلى ئەمدىلا كىلىشىگىلا نەدىن پەيدا بۇلدىكىن،جەسۇر پەيدا بۇلۇپ ئەلىنى سىلكىشلىشكە باشلىدى، قاراپ چىدىيالمىدىم،يۈگۈرۈپ ماڭغان ئىدىم ئاپام تۇتىۋالدى،جەسۇر ئۇنى تۇختىماي ھاقارەتلەۋاتقاندەك قىلاتتى،بىراق ئەلى تۇختىماي چۈشەندۇرەتتى،تۇيۇقسىز جەسۇر ئۇنى بىر شاپىلاق سالدە ۋە ئۇنىڭغا ئىتىلدى.ئەمدى چىداپ تۇرالمىدىم،ئاپامنىڭ قۇلىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ بىرىپ ئەلى دەپ ۋاقىرغىنىمچە،بىرىپ جەسۇرنى ئىتتىرۋەتتىم-ھەم بىرىپ ئەلىنى يۈلەپ تۇرغۇزدۇم،ماھىرە ئۇنىڭدىن يىراق تۇر بۇلمىسا،-بۇلمىسا نىمە ئاكا،قانداق قىلىسەن دىگىنە ئەزەلدىن ئاكامغا چوڭ يۇلدا ۋاقىراش ئەمەس،قاش كۈتۈرۈپ قارىيالمايتتىم،ئۇمۇ ماڭا ھەيران بۇلغىنىچە قاراپ تۇرۇپ قالدى-ئاكا ئەلىنى نىمىشقا تىللاپ ھاقارەت قىلىسەن،نىمىشقا ئۇرىسەن.ئۇنىڭ گۇناھى زادى نىمە؟دىگىنە ئۇنىڭمىنى ياخشى كۆرگىنىمۇ؟ياكى قەشقەرلىك بۇلۇپ قالغىنىمۇ؟ھە ئۇ پەقەت ساڭا بۇلغان ھۆرمىتى يۈزىسىدىن ساڭا قۇل ياندۇرالمايۋاتىدۇ،سەن شۇنىڭدىنمۇ ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلەلمىدىڭمۇ؟چاڭ تۇيۇقسىز تەككەن بىر شاپىلاقتىن يۈزلىرىم ئۇت بۇلۇپ ياندى،بۇلدى ئاغزىڭنى يۇم سەن مۇشۇ بىر قەشقەرلىكنى دەپ مەندەك ئاكاڭغا ۋاقىرغۇدەك بۇلدۇڭمۇ تىخى ماھىرە ئۇ يەنە بىرنى ئۇرماقچى بۇلۇپ قۇلىنى كۈتۈرگەن ئىدى،ئەلى چاققانلىق بىلەن تۇتىۋالدى،ھەم مىنى ئۇرۇڭ ئاكا ئاچچىقىڭىز چىقىدىغانلا بۇلسا مىنى ئۇرۇپ ئۆلتۇرۋەتسىڭىزمۇ كۈزۈمنى مىت قىلىپ قۇيمايمەن،بىراق ئاكا ماھىرە گە قۇل تەككۈزمەڭ ئۇ يەنە ئەلىنى ئۇرماقچى بۇلغان ئىدى،جەسۇر بۇلدى قىل ماڭە كىتىمىز قايرىلىپ قارىسام غالىپ ئاكام ئىكەن،كۇچىدا نىمە سەتچىلىك بۇ ئۇ شۇنداق دىگىنىچە مىنى تارتىپ ماڭدى،سىنى يەنە سىڭلىمنىڭ ئەتراپىدا كۈرۈپ قالىدىغان بۇلسام، ئۆلتۇرۋىتىمەن جەسۇر شۇنداق دىگىنىچە بىزنى بىلەن ماڭدى،ئۆيگە كەلدۇق غالىپ قىشىمغا كىرىپ،ماھىرە ساڭا ئۆتكەندىمۇ دىگەن ئىدۇق،ئۇ بالا بىلەن كۈرۈشمەدەپ لىكىن قۇلۇقىڭدا تۇرمىغان ئۇخشايدۇ،تۇيۇڭنى تىزرەك قىلىۋەتسەك بۇلىدىغان ئۇخشايدۇ،خالىقجاننىڭ ئۆيىدىكىلىرىمۇ تۇيغا بەك ئالدىراپ كەتكەن،شۇڭا بۈگۈندىن باشلاپ سىرتقا چىقما،ھەم دۇكانغىمۇ بارما، جەسۇرنىڭ قارام مىجەزىنى ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن،ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ ئىش تاپما سىڭلىم دىدى ئاكا -مەن ئەلىدىن باشقىسىغا كۈڭۈل بىرەلمەيمەن ئاكا،ئۇنداق تۇرۇپ قانداقمۇ باشقا بىرسى بىلەن تۇي قىلالايمەن،سەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا يەڭگەم بىلەن ياخشى كۈرۈشۈپ تۇي قىلغانغۇ جىنىم ئاكا بۇنداق قىلماڭلار سىلەردىن ئۇتۇنەي دەپ يىغلاپ يالۋۇردۇم.ئىككىسى ئۇخشىمايدۇ دىدى غالىپ يەڭگەڭ بۇلسا ئۆز يۇرتلۇق،ئەلى بۇلسا تاش يۇرتلۇق،سىنى قانداقمۇ ئۇنىڭغا خاتىرجەم تاپشۇرىمىز دىدى ئۇ ماڭا قاراپ، مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن دىدىم مەن ھەم ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۈرىمەن،ئەجىبا ئۆزئارا ياخشى كۈرىدىغانلار،يۇرت ئاتلىسا ياكى يۇرت تاللاپ سۇرۇشتۈرۈپ ياخشى كۈرىشى كىرەكمىكەن؟ياكى ئۇ بىر دىنسىز باشقا مىللەتتىنمىكەن ھەئاكائۇ مىنىڭ سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بەرمەستىن،مەن ساڭا دەيدىغاننى دەپ قۇيدۇم دەپ چىقىپ كەتتى كىچە ئۇخلىماي يىغلاپ ياش تۈكۈپ چىقتىم،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
ئەتىسى ئۇلار تۇي كۈنىنى بىكىتتى يەنە ئىككى ھەپتىدىن كىيىنگە قارار قىپتۇ،مىنى ئۆيدىن تالاغا چىقارمايۋاتاتتى، ئىچىم سىقىلىپ نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەيۋاتاتتىم،ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى قىتىم بۇلسىمۇ كۈرۈشۈۋىلىشنى ئۇيلاپ ئالىيە دىدىم ھەم ياردەم قىل دەپ يالۋۇردۇم ئۇنىڭمۇ ماڭا ئىچى ئاغرىپ قالدى ھەم ماقۇل بۇلدى،بىراق ھىچ بىر ئامال تاپالمايۋاتاتتىم،ھەش پەش دىگۈچە مانا تويغا بىر ھەپتە قالدى،بۈگۈن ئالىيە ماڭا ئۆزىنىڭ ئامال تاپقانلىقىنى،كەچتە مىنى ئەلى بىلەن كۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى ئىيتتى،شۇنداق خۇشال بۇلۇپ كەچ كىلىشىنى زارىقىپ كۈتتۈم،كەچ بۇلدى ئالىيە بىر ساۋاقدىشىنى ئىلىپ ئۆيگە كىردى ھەم دۇستىنىڭ ئۆيىگە بىرىپ تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغانلىقىنى،ئۆيگە ماتىريال ئالغىلى كەلگەنلىكىنى ئىيتتى، ئاپام قۇشۇلدى، ئۇ چاققانلىق بىلەن مىنىڭ ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ دۇستىنىڭ ئۇچىسىدىكى مەكتەپ فۇرمىسىنى سالدۇرۇپ ماڭا كىيگۈزدى ھەم دۇستىنى مىنىڭ ئۇرنۇمدا ياتقۇزۇپ قۇيۇپ،مىنى ئىلىپ سىرتقا ماڭدى،ئاپام تۇنۇپ قالارمۇ دەپ يەردىن ئۇستۇن قارىماي ماڭدىم،ئاپامدىققەت قىلمىدى بۇلغاي،ئالىيەگە تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئىشلەپ بۇلۇپ تىلفۇن قىل جەسۇرنى ئالدىڭغا ئەۋەتىمەن دىدى،جەسۇرنىڭ ئىسمى چىقىشى بىلەنلا يۈرىكىم قارتتىدە قىلدى چاندۇرمۇدۇم، ئالدىراش ئەلىنىڭ قىشىغا كەلدىم،ئاللاھىم بامۇ سىز ماھىرە سىزنىمۇ كۈرەر كۈن بۇلىدىكەن ھە،مەن بار شۇ گىپىمنىڭ داۋامىنى دىيەلمىدىمكۆزلىرىمدىن تاراملاپ ئاچچىق ياشلار تۈكۈلۈشكە باشلىدى،ھەدە يىغلىمىغىنە دىدى ئالىيە يەنە يىغلىساڭ سىنى ئۆيگە ئەكىرىپ كىتىمەن جۇمۇ،يىغلىمايمەن سىڭلىم دىىدم مەنمۇ زۇرىغا كۈلۈپ.تۇي كۈنىنى بىكىتىپ بۇپتۇ ھە دىدى ئەلى بىشىمنى لىڭشىتتىم،قانداق قىلسام بۇلار دىدى ئۇ ھەسرەتلىك تىنىپ،قارىسام مەن كۆرمىگەندىن بىرى خىلى جۇدەپ قاپتۇ،ئىچىم ئىچىشىپلا كەتتى،نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي تۇرسام،قىچىپ كىتەمسىلەر يا دەيدۇ بىزنىڭ جىنتەك،ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن چۈچۈپلا كەتتىم،ياق ئۇنداق قىلساق بۇلمايدۇ دىدى ئەلى مەن گەپ قىلىپ بۇلغىچە،قاراڭ ماھىرە بۇ گەپ بىلەن مىنىڭ سىزگە بۇلغان كۆڭلۈمدىن گۇمانلىنىپ قىلىشىڭىزنى خالىمايمەن،بىراق مەن دىگەن ئۇغۇل بالا ئەركەك،مىنىڭ سىزنى ئالغۇم بار،لىكىن قىچىپ كىتىپ ئەمەس بەلكى ئەھلى-مەھەللىنىڭ ئالدىدا سىز نى چىرايلىق كىلىن قىلىپ ئىلىپ كىتىشنى خالايمەن،ھەرگىزمۇسىزنى ئىلىپ قاچمايمەن ئۇ شۇندا دەپ تۇراتتى ماھەرە تۇيۇقسىز ۋاقىرغان ئاۋازدىن چۈچۈپ كەتتىم،ئۆرۈلۈپ قارىسام جەسۇرئىكەن ئۇنى كۈرۈپپۇت قۇلۇمدا جاندىدارى قالمىدى،مەن ساڭانىمە دىگەن ھە ئۇ شۇنداق دىگىنىچە كىلىپ مىنى ھەم ئالىيەنى ئۇرۇپ كەتتى،جەسۇر قۇلۇڭنى تارت ئۇلارنى ئۇرما ئۇ دىگەن سىنىڭ سىڭىللىرىڭغۇ،ئەلى شۇنداق دىگىنىچە كىلىپ جەسۇرنى كۈچەپ تارتتى قۇيۋەت ھايۋان ساڭا ئەخمەق قىلىپ ئۇينايدىغانغا باشقا ئادەم چىقمىدىمۇ ھەشۇنداق دىگىنىچە جگسۇر ئەلىگە ئىتىلدى،مەن بىرىپ ئىككىسىنى ئاجراتماقچى بۇلۇپ جەسۇرنى تۇتقان ئىدىم،ئۇ مىنى بىر شاپىلاق قۇيدى، ئەلى ئاچچىقىدا جەسۇر دەپ ۋاقىرغىنىچە كىلىپ ئۇنى بىرنى قۇيۇپ يىقىلدۇرۋەتتى ۋە  كىلىپ بىر نىمە بۇلمىغانسىز دەپ مىنى يۈلەپ تۇرىشىغا ئاناڭنى سەن تىخى مىنى ئۇرغۇدەك بۇلدۇڭمۇ دىگىنىچە يىنىڭ بىشىدىكى پىچىقىنى ئىلىپ ئىتىلىپ كەلدى مەن تۇسۇۋالماقچى بۇلدۇم بىراق ئەلى مىنى ئىتىرۋەتتى..........كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بۇلغان ئارلىقتا ئەلى قانغا مىلەنگەن ھالەتتە كۆز ئالدىمدا ياتاتتى،يۈگرەپ كىلىپ ئۇنىڭ بىشىنى يۈلىدىم ئالىيە بۇلسا قۇرققىنىدىن ئادەم چاقىردى دۇختۇرخانىغا ئىلىپ ماڭدۇق
بىراق جەسۇر نەگخدۇر غايىپ بۇلغان ئىدى،دۇختۇرخانىغا كەلدۇق،دۇختۇرلار قان بەك كۆپ چىقىپ كەتكەچكە،ھايات قىلىش نىسپىتى بەك ئاز دىدى،ھاممىسىغا خەۋەر بەردۇق ئۇلار كىلىپ مىنى كۆرۈپلا تىللاپ كىتىشتى ھەممىنى قىلغان سەن بالايى قازا،ساڭا ئۇچراپ قالمىغان بۇلسا بۇكۈنمۇ يۇق دەپ مىنى ھاقارەتلەشكە باشلىدى نىمە دەيەلەيتتىم بۇلارغا جىم تۇردۇم،ئاخىرى ھاممىسى مىنى دۇختۇرخانىدىن ھەيدەپ چىقاردى ئۇنىڭ دىييىشىچە مەن تەتۇر پىشانە يىتىمەك بۇ يەردە تۇرسام ئەلىگە ياخشىلىق ئىلىپ كەلمەيمىشمەن، ئاەلىيە مىنى يۈلەپ ئۆيگە ئىلىپ كەلدى،ئاپام ئىشنىڭ جەريانىدىن خەۋەر تىپىپلا مىنى تىللاشقا باشلىدى،ئەمدى خۇش بۇلدۇڭمۇ ھە سەن ئاخىرى جەسۇرنىڭ بىشىغا چىقماقچى ئىدىڭ مەن بىلەتتىم شۇنى..................ئاپام تۇختىماي تىللاۋاتىدۇ لىكىن بىرسىمۇ قۇلۇقۇمغا كىرمەيتتى،ھۇجرامغا كىرىپ كەتتىمۋە قۇلۇمغا قەغەز قەلەم ئالدىم

(ئاپا مىنىڭ ئاي يۈزلۈك ئاپام خۇماركۆز سىڭلىم،كۈيۈمچان ئاكىلىرىم،مەن ھەممىڭلارنى ئىنتايىن ياخشى كۈرىمەن،ھەم سىلەرنى ھۆرمەتلەيمەن، ئاپا مەن ئەجرىڭىزگە لايىق قىز بۇلالمىدىم كەچۈرۈڭ مەن راستىنلا سىز دىن كەچۈرۈم سۇرايمەن، بىلىمەن سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا مەن ئەلىنى يەنە كىلىپ بىر قەشقەرلىكنى ياخشى كۈرۈپ قالماسلىقىم كىرەكتى شۇنداقمۇ؟بىراق ئاپا بىز ئىنسانلار تۇلىمۇ نادان،تەكەببۇر ئىكەنمىز،شۇنچە گۈزەل ياراتقۇچىمىز مۇئمىنگىمۇ،كاپىرغىمۇ،رىسىق بىرىدۇ،زىمىننى كەڭ- كەڭرى بىرىدۇ،ئايرىمايدۇ،لىكىن بىز نادان كۇفرى ئىنسانلار،سەن پالان يەرلىك،مەن پۇستان يەرلىك دەپ پىتىشمايمىز،بىر بىرىمىزگە يۇل قۇيۇشمايمىز،شۇنچەگۈھەل ياراتقۇچىمىزغا يارىغان ئىنسان،ئىنسانغا يارىماي تەكەببۇرلۇق قىلىدىكەن، بىر سى بىرسىدىن دىن ئايرىسۇن بۇپتۇ،دىنداش تۇرۇپمۇ نىمىشقا يەر ئايرىشىمىز،نىمىشقا مۈرىنى مۈرىگە تىرىپ تۇرۇپ شەيتاننىڭ ئارىغا كىرىشىدىن ساقلانمايمىز،ئىنسان نەدە تۇغۇلپ نەدە ئۈلىدۇ؟بۇنى پەقەت ياراتقۇچىلا بىلگۈچىدۇر،شۇنداق تۇرۇپ نىمىشقا ئۆزئارا يۇرت ئايرىشىمىز .ئاپا ئەلىنىڭ گۇناھى قەشقەرلىك بۇلغىنىدا بۇلسا،قەشقەرلىكمۇ سىنىڭ قىرىندىشىڭ،دىندىشىڭ ھىساپلىنىدىغۇ،بىر ياماننى دەپ پۇتكۇل ئادەمنى ئەسكى سانىساڭ بۇ ئاقىلانىلىق بۇلامدۇ ئاپا.خەيىر بۇلدى كۆپ گەپ قىلماي.ئاپا قىرىنداشلىرىم مەن كەتتىم،مەن مەن ئۈچۈن ئەزىز،سىلەر ئۈچۈن خار بۇلىۋاتقان،مۇھەببەتىمنى ئىلىپ ماڭدىم مىنىڭ مەنزىلىم پەقەت مۇھەببەت.نىشانىم ھۆرمەت چۇنكى مەن بارىدىغان جايدا يۇرت ئايرىمايدۇ،پەقەت قىلغان ياخشى يامان  ئەمەللەر بىلەنلا ئايرىلىدۇ،ئاپا ساڭا بىر گەپنى دەپ قۇياي مەن ئەلىنى ياخشى كۆرگىنىمدىن ئىككىلا دۇنيادا پەخىرلىنىمەن،چۇنكى ئۇ بەك ياخشى بالا ئىدى،بىراق سىلەر چۈشەنمىدىڭلار،چۈشەنمىدىڭلار ئەمەس بەلكى چۈشۈنىشنى خالىمىدىڭلار،سىلەر بىرنىڭ پاك مۇھەببىتىمىزگە،يۇرت ئايرىپ ھۆرمەت قىلمىدىڭلار،بىزنىڭ پاك مۇھەببىتىمىزنى دەپسەندە قىلدىڭلار،سىلەرنى ئاللاھ كەچۈرسۇن،مەن ئۇ دۇنيەدىمۇ پەقەتلا ئۇنىڭ بىلەن تۇي قىلىشنى خالايمەن،سىلەر ياقتۇرمىغان قەشقەرلىكنى مەن ياخشى كۈرىمەن،بۇلدىلا سىلەرگە دىسەممۇ چۈشەنمەيسىلەر،چۈشەنسەڭلارمۇ ئىشەنمەيسىلەر..................
ئاپا سەندىن يەنە بىر ئۈتۈنۈشۈم.ئاليەگە ياخشى قارا، ئۇ مەيلى كىمنى ياخشى كۆرسۇن،مەيلى قەيەرلىك بۇلسۇن،ئۇنىڭغا مەن كۆرگەن كۈننى كۆرسەتمە،ئاپا بۇلامدۇ،ئالىيە مىنىڭ قاراكۆز سىڭلىم مەكتەپتە ياخشى ئۇقۇ ھە
غالىپ ئاكا سەن داۋاملىق ماڭا گەپ ئاڭلىمايسەن دەيتتىڭغۇ، ئانا ئەمدى سىنى خاپا قىلمايمەن،ھەراست جەسۇر سىنىمۇ ئەمدى خاپا قىلمايمەن.مەندىن رازى بۇلۇڭلار قىرىنداشلىرىم،سىزمۇ رازى بۇلۇڭ ئاپا تاماقلىرىڭىزنى ۋاقتىدا يەڭ
دۇرىڭىزنى ۋاقتىدا ئىچىشنى ئۇنۇتماڭ ئاپا، سىلەرنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم،،،،،،،،،،،، خۇش ئەمىسە)

ئالدىن تەييارلاپ قۇيغان دۇرىنى ئىچتىم دە ئۇرنۇمغا كىلىپ ياتتىم،كۆزئالدىمدا قانغامىلىنىپ ياتقان ئەلى،تۇرمىگە قايتا كىرىش ئالدىدا تۇرغان جەسۇر،بۇلغان ئىشلار كىنۇ لىنتىسىدەك ئۇتۇشكە باشلىدى......... ئاستا ئاستا كۆزلىرىم يۇمۇلۇشقا باشلىدى ............
ئەنە ئەلى شۇنداق چىرايلىق گۈلدەستىلەرنى كۈتۈرۈپ ئالدىمغا كەلدى،جۈرۈڭ ماھىرە دىدى ئۇ قۇلۇمنى تۇتۇپ،نەگە بارىمىز سۇرىدىم، بىزنى ھىچكىم تاپالمايدىغان تۇسىمايدىغان،يۇرت ئايرىمايدىغان،ئىككىمىز مەڭگۈ بىللە بۇلىدىغان گۈزە جايلارغا بارىمىز،بۇ يەر بىزنىڭ ماكانىمىز ئەمەس جۈرۈڭ مەن ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ بىللە ماڭدىم،شۇنداق گۈزەل جايلاردا كىتىۋاتىمىزقۇل تۇتۇشۇپ،تىللايدىغان ئاپام يۇق،قۇغلايدىغانغا جەسۇر يۇق شۇنداق تىنىچ گۈزەل ماكان ئىكەن جەننەت دىگەن مۇشۇ بۇلسا كىرەك دەپ ئۇيلايتتىم ئىچىمدە.......................
ماھىرە كۈزۈڭنى ئاچ قىزىم،ئاھخۇدا بۇ ئاپامنىڭ ئاۋازىغۇ بۇلار مۇشۇ يەرگىمۇ قۇغلاپ كەلگەن ئۇخشىمامدۇ،ھەدە بۇ بىزنىڭ قارا كۆزنىڭ ئاۋازىغۇ ئەمدى،كىتىڭلار بىزنى ئارامىمىزدا قۇيۇڭلار بۇ يەردە بۇلسىمۇ يۇرت داۋاسى قىلماڭلار،ئاللاھتىن قۇرقۇڭلار،ماھىرە سىڭلىم ئاھخۇدا بۇ جەسۇرنىڭ ئاۋازى ئىدى ئۇ بىزنى قۇغلاپ كەپتۇدە،ئۇ ئەلىنى ئۆلتۈرۋىتىدىغان بۇلدى............ئەلى ، ئەلى .........ۋاقىرغىنىمچە كۈزۈمنى ئاچتىم،ئاپام،قاراكۈزۈم.غالىپ ئاكام،جەسۇر ئاكام بار ئىكەن.قررىسام دۇختۇرخاندا يىتىپتىمەن ئاپا ئاپا ،،،،،ھە قىزىم ....ئەلى قىنى ئۇنى نىمە قىلدىڭلار ئاپا ئاپا مەن ئۇ قەشقەرلىكنى ياخشى كۈرىمەن ئاپا،مەن ئۇنىڭ بىلەن تۇي قىلىمىەن،ئاپا باشقىسى بىلەن..........بۇلدى قىزىم مانا ئەلى قىشىڭدا قىزى، قارىغىنە،قارىسام ئەلى قىشىمدىكى كارۋاتتا يىتىپتۇ،ئۇنى كۈرۈپ خۇش بۇلدۇم،ئاپا مەن ئەلى بىلەن تۇي قىلىمەن،قەشقەرلىككە تىگىمەن ئاپا.........بۇلدى گەپ قىلما قىزىم بىز ھەممىنى چۈشەندۇق،ئەمدى سىلەرنى تۇسىمايمىز، بىزنى كەچۈرۈڭلار .......ئالدى بىلەن ئىككىلىڭلار ياخشى بۇلۇپ دۇختۇرخانىدىن چىقىڭلار.....ئاندىن كاتتا قىلىپ تۇي مۇراسىمىڭلارنى قىلىپ بىرىمىز،ئاپام بىلەن ئەلىنىڭ ئاپىسى شۇنداق دىگىنىچە بىرسى بىرسىگە قاراپ كۈلۈشتى ........





مەنبەــــــ مەھلىيا يازمىسى  
  
   

  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2شۆھرەت +40 بايلىق +40 تۆھپە +40 يىغىش سەۋەبى
بۇلبۇل + 20 + 20 + 20 قالتىس!
نازاكەت + 20 + 20 + 20 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

53

تېما

2256

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 32
يازما سانى:
2256
تىللا:
7544
تۆھپە:
729
جەۋھەر يازما:
10
توردا:
354 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

دېۋان
ۋاقتى: 2013-12-21 00:47:14 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇف...ئوقۇپ بولغۇچە غەلىتىلا بوپ قالدىمغۇ..
بىرى رىسىق، بىرى نىكاھ غايىبتىن دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ؟ شۇڭا مەن مۇنۇ شېئىرنى قەۋەتلا ياقتۇرىمەن:

رىشتە بىر يەتكەن  ۋىسالغا،
گەر يىراقتا بولسىمۇ!
رىشتىسىزلەر ناتۇنۇشتۇر،
شۇنچە يىقىن تۇرسىمۇ!


ھىكايىنى ئوقۇپ بولغۇچە جالالىدىن بەھرامنىڭ ناتىۋانلار ناملىق رومانىنىڭ ۋەقەلىكىنىمۇ ئەسلەپ قالدىم، تارانچى ، قاشقالىق دەپ شۇنداق ئايرىپ كىتىدىغانتى....


قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن ئوماق...

باھا سۆز

رەھمەت جىنىم  ۋاقتى: 2013-12-21 11:42

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-12-21 01:24:00 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ئۇزۇنكەن . ئەتە سەھەردە ئوقۇسام بولغىدەك ....
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

24

تېما

659

يازما

1277

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 28
يازما سانى:
659
تىللا:
479
تۆھپە:
42
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
561 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-13

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپ

يەر
ۋاقتى: 2013-12-21 02:36:45 | ئايرىم كۆرۈش
ئىنكاسىم ئارقىلىق ساقلىۋىلىپ ئالدىرماي ئۇقاي جۇما .

7

تېما

493

يازما

3577

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 19
يازما سانى:
493
تىللا:
3068
تۆھپە:
8
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
229 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر ئاتىسىئالاھىدە شەرەپ

5#
ۋاقتى: 2013-12-21 05:22:54 | ئايرىم كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ ئاخىرى قەشقەرلىككە تەگدىڭىزما ؟ بوپتۇ بەختىڭىزنى تېپىپسىز قەشقەرلىك كىشىلەر گىپىدە تۇرمىغىنى بىلەن مىھرى ئىسسىق ............

باھا سۆز

قەشقەرلىكلەر خىلى گىپىدە تۇراتتى ، لىكىن بەش بارماق تەڭ بولمىغاندەك ئىش  ۋاقتى: 2014-1-3 16:48
كىم قەشقارلىق گىپدە تۇرمايدۇ دەيدۇ ؟  ۋاقتى: 2013-12-21 21:19
شۇ قەشقەرلىكلەر بەك ياخشىمىكەن دەيمەنغۇ  ۋاقتى: 2013-12-21 11:46

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

6#
ۋاقتى: 2013-12-21 06:15:07 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقەچان ، قەشقەر يەكەندىن ھە.. (چاقچاق )
مىنىڭمۇ ئويلىغىنىم گۈلۈم بىلەن ئوخشاش ، مىنىڭمۇ ئىسىمگە ناتىۋانلار رۇمانى كىلىپ تۇرغانتى، گۈلۈم ئىنكاسىدا دەپ بوپتۇ .. بىراق بۇ ھىكايىنىڭ  تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلاشمىغىنىدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن ، ئۆزخان ئاكامنىڭ ھىكايىسىنى ئوقۇپ ،يۈرىكىم ئىچىشىپ قالغانتى ، ما ھىكايىنى ئوقۇپ بىرخىل خۇش بوپ قالدىم.  
قەشقەرلىك بولسا نىمە بوپتۇ ، قەشقەرلىككە تەگسىڭىز بەخىت دىگەن ئەنە شۇ ..

چاقچاقنىمۇ قىلدىم ، ئەمما بۇ ھىكايە بەك ياخشى يىزىلىپتۇ ، سىزنىڭ تۈنجى ھىكايىڭىزغۇ دەيمەن، بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزنىڭ يەنىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن، مۇنبىرىمىزدىن نادىر تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن .

باھا سۆز

تۇنجسى ئەمەسقۇ دەيمەن ، ئېسىل يازملىرى بار . بۇ قىزنىڭ .   ۋاقتى: 2013-12-21 12:00

6

تېما

266

يازما

1511

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 250
يازما سانى:
266
تىللا:
1015
تۆھپە:
75
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
54 سائەت
ئاخىرقى:
2014-9-18

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىقىزغىن ئەزا

7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-21 11:43:46 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆزخان يوللىغان ۋاقتى  2013-12-21 01:24
بەك ئۇزۇنكەن . ئەتە سەھەردە ئوقۇسام بولغىدەك ....

ئاخىرى خىلى بار ئىدى ئۇرۇپ بۇلغۇچە دۇكاندا كەچ بۇلۇپ كىتىپ قىسقارتىۋەتكەنتىم تىخى

باھا سۆز

ئاخىرى قىنى مەھلىيا، تاڭمۇ ئاتتى ، ساقلاپ كۆزلەر تۆت .  ۋاقتى: 2013-12-23 18:23

6

تېما

266

يازما

1511

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 250
يازما سانى:
266
تىللا:
1015
تۆھپە:
75
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
54 سائەت
ئاخىرقى:
2014-9-18

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىقىزغىن ئەزا

8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-21 11:45:50 | ئايرىم كۆرۈش
تىلسىم يوللىغان ۋاقتى  2013-12-21 06:15
ھەقەچان ، قەشقەر يەكەندىن ھە.. (چاقچاق )
مىنىڭمۇ ئو ...

رەھمەت سىزگە تىلسىم، بۇنىڭدىن كىيىن تىخىمۇ تىرىشىپ ياخشى ئەسەرلەرنى يازىمەن

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

9#
ۋاقتى: 2013-12-21 11:57:49 | ئايرىم كۆرۈش
تىمىڭىز ناھايىتى ياخشى يىزىلىپتۇ،سىزگە ئاپىرىن. تىخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

تورداشلارغا دەيدىغىنىم : ئىنكاستا ‹‹قەشقەرلىك يەنە بىر يەرلىك بولسا نىمە بوپتۇ،يۇرىت تاللىماي ئۇيغۇردىن تاللىساڭلار بولدى›› دەيدىغان ئادەم چىقمىغىنىغا ئىچىندىم.
بۇ مىللەتنىڭ يۇرىتۋازلىقى يەنە 100يىلدىمۇ تۈگمىگۇدەك، بۇ ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋال.يۇرىتۋازلىق دىگەن بۆلىنىشنىڭ بىخى.

باھا سۆز

ئېيتاي دىگەن ئىيىتمىدىم، ياقمايدىكەن ئەمەسمۇ باشقىلارغا ھەق گەپ  ۋاقتى: 2013-12-21 14:42
رەھمەت ئۇستازلارنىڭ يىتەكلىشى بىلەن تىخىمۇ تىرىشىمەن  ۋاقتى: 2013-12-21 13:24

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1شۆھرەت +2 بايلىق +2 تۆھپە +6 يىغىش سەۋەبى
سەبىر + 2 + 2 + 6 قالتىس! ئىسىل گەپ قىپس.

باھا خاتىرىسى

نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

6

تېما

746

يازما

3589

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 7
يازما سانى:
746
تىللا:
2757
تۆھپە:
27
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
294 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-17

مۇنبەر قىزىقچىسىمۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

10#
ۋاقتى: 2013-12-21 12:02:50 | ئايرىم كۆرۈش
مىھرىبانىم ،  مەن  ئاۋال ئۇرۇن ئېلۋىلىپ ئاندىن  ئۇقاي .بولمسا  بەك  كەيندە  قالغدەكمەن . مەنمۇ  ئۈسدىكلەرنى  دوراپ باقاي .

باھا سۆز

ئۇقۇڭ جىنىم ئۇقۇڭ،بىراق سىزدەك ياخشى يازالمىدىم،كەم تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ قۇيارسىز ھە  ۋاقتى: 2013-12-21 13:25
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 12:48 , Processed in 0.182759 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش