ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 127|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

111

تېما

262

يازما

3085

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 340
يازما سانى:
262
تىللا:
2429
تۆھپە:
132
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
199 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-21

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

                                                تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى

        غەيرىي يۇمشاق ماددىلارنىڭ يۈرەك قان تۇمۇرلىرىدا پەيدا بولۇپ توپلىنىپ قېلىشى-تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. يۈرەك قان تۇمۇرلىرى يۈرەك مۇسكۇلىغا ئېھتىياجلىق ئوكسىگېنغا تولغان قانلارنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
        يۈرەك قان تۇمۇرلىرىدا پەيدا بولغان بۇ غەيرىي يۇمشاق ماددىلارنىڭ شەكىللىنىشىگە بىر نەچچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇ غەيرىي يۇمشاق ماددىلار قاتتىق ھالەتكە ئايلىنىدۇ ۋە پارچىلىنىدۇ. قاتتىق ھالەتكە كەلگەندە يۈرەك قان تۇمۇرلىرىنى تارايتىپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا ئېقىپ كىرىدىغان قاننىڭ ئېقىش مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدۇ ياكى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ( بۇ خۇددى نورمال تۇرۇبا يولىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قېلىپ، تۇرۇبىدىن چىقىدىغان سۇنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىگە ياكى سۇ بېسىمىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىگە ئوخشاش بىر ئىش ).
        ئەگەر بۇ ماددىلار پارچىلانسا، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ قان ئۇيۇتمىلىرى ئۇنىڭ سىرتقى قىسمىدا مۇئەييەن بىر ھالەتكە كىرىدۇ ۋە بارغانسىرى چوڭىيىپ، يۈرەك قان تۇمۇر يولىنى ئاساسەن ياكى پۈتۈنلەي توسۇۋالىدۇ. ئەگەر يۈرەك مۇسكۇلىغا كېلىدىغان قاننىڭ مىقدارى ئازىيىپ كەتسە ياكى دەخلىگە ئۇچراپ توسۇلۇپ قالسا، بۇ چاغدا يۈرەك سانجىقى ياكى ئانگېنا قوزغىلىدۇ.
        ئانگېنا بولسا كۆكرەكنىڭ ئاغرىشىنى ياكى بىئارام بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ چاغدا كۆكرەك قىسمىدىكى بېسىم مۈرىڭىزدە، بىلىگىڭىزدە، بوينىڭىزدا، بەل تەرەپتە، ھەتتا زاڭاق تەرەپتە كۆرىلىدۇ. ئانگېنا ھەزىم قىلىشنىڭ ناچارلىشىشى ئارقىلىقمۇ ئىپادىلىنىدۇ.
        يۈرەك سانجىقى يۈرەك مۇسكۇلىغا كېلىدىغان قان ئۈزۈلۈپ قالغاندا پەيدا بولىدۇ. ئەگەر بۇ ھالەت دەرھال ئەسلىگە كەلمىسە، يۈرەك مۇسكۇلى كاردىن چىقىشقا باشلايدۇ ۋە بارا-بارا ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. دەرھال ئامال قىلمىغاندا، تەن سالامەتلىككە ئېغىر تەسىر يېتىدۇ، ھەتتا ئۈلۈم ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ.
        تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ دائىم ئالدىنى ئېلىپ تۇرمىغاندا، تەسىر يېتىدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ يۈرەكنىڭ نورمال خىزمەت ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا، يۈرەك سانجىقى پەيدا بولغاندا سەل قارىماسلىق، ۋاقتىدا چارە-ئامال قىلىش ۋە داۋالاش كېرەك.
                                      تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى قايسى ئامىللار
                                               كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
        تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، يۈرەك قان تۇمۇرلىرىنىڭ ئىچكى قەۋىتى بىرقىسىم ئامىللار تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ئامىللار تۆۋەندىكىچە:
        تاماكا چېكىش، زىيادە سىمىزلىك، قاندىكى ماينىڭ ئېشىپ كېتىشى، يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابىت، ئارتېرىيە تۇمۇرلىرىنىڭ ياللۇغلىنىپ قېلىشى ۋە دەسلەپتە سۆزلەپ ئۆتكەن غەيرىي يۇمشاق ماددىلارنىڭ يۈرەك ئارتېرىيە تۇمۇرلىرى زەخمىگە ئۇچرىغان يەرلەردە پەيدا بولۇشى قاتارلىقلار. ئەشۇ يۇمشاق ماددىلار پارچىلانغاندا قان ھۈجەيرىلىرىمۇ پارچىلىنىپ، بۇ يۇمشاق ماددىلار قان تۇمۇرنىڭ زەخمىگە ئۇچرىغان يېرىگە چاپلىشىۋالىدۇ.
                              قانداق كىشىلەر تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە ئوڭاي گېرىپتار بولىدۇ؟
           1-        قاندىكى خولىستىرىن ماددىسى ساغلام بولمىغان كىشىلەر
          2-        يۇقىرى قان بېسىمى بار كىشىلەر
          3-        تاماكا چەككۈچىلەر
          4-        ئىنسۇلىن قارشىلىقى بار كىشىلەر. ئەگەر بەدەن ئىنسۇلىننى نورمال خىزمەت قىلدۇرالمىسا، ئىنسۇلىن قارشىلىقى كېلىپ چىقىدۇ. ئىنسۇلىن قاندىكى شىكەر ماددىسىنى قان ھۈجەيرىسىگە ئەكىرىپ بېرىدىغان ھورمۇن بولۇپ، ھۈجەيرىگە كىرگەن شىكەر ماددىسى ئېنىرگىيە قاتارىدا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يەردىكى ئىنسۇلىن قارشىلىقى دىگىنىمىز-ئىنسۇلىن قاندىكى شىكەرنى قان ھۈجەيرىسىگە ئەكىرىپ بېرەلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان شىكەرنىڭ قاندا يىغىلىپ قېلىپ مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ كېيىنچە تەرەققى قىلىپ دىئابىتقا ئايلىنىدۇ.
          5-        دىئابىت كېسىلى بار كىشىلەر
          6-        زىيادە سىمىزلىك
          7-        جىسمانى ھەركەتنىڭ ئاز ياكى يوق بولۇشى يۇقىرقى ئالتە تۈرلۈك ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
          8-        ساغلام بولمىغان ئوزۇقلىنىش
          9-        قېرىلىق
         10-        ئىرسىيەت خاراكتىرلىك بولۇپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش تارىخى بارلار. بولۇپمۇ دادىسى ياكى ئاكىسى 55 ياشتىن بۇرۇن، ئاپىسى ياكى ئاچىسى 65 ياشتىن بۇرۇن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى دەپ دىئاگنۇز قويۇلغانلار. (ئەلۋەتتە بۇ مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا سىزدىمۇ چوقۇم مۇشۇ كېسەللىك ئالامىتى بار ياكى مۇشۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولىسىز دىگەنلىك ئەمەس).
                                 تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە ئائىت باشقا خېيىم-خەتەلەر
        ئۇخلاۋاتقان چاغدا نەپەسنىڭ بىرنەچچە قېتىم ئۈزۈلۈپ قېلىشى. ئەگەر بۇنىڭغا سەل قارالسا قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى، دىئابىتنى، ھەتتا يۈرەك سانجىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
        تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، يۈرەك سانجىقىنى قوزغاشتا كۆرۈنەرلىك رول ئوينايدىغان ئامىل بولسا ھېسىيات ۋە روھىي جەھەتتە ئادەمگە زەربە بېرىدىغان، ئادەمنى پاراكەندە قىلىدىغان ئىشلار ھەمدە بۇ ئىشلارنى مەلۇم مەزگىلگىچە كۆڭلىدىن چىقىرىۋېتەلمەسلىك. يەنە ئاچىقلىنىش، زىيادە كۆپ ھاراق ئىچىشمۇ يۈرەك مۇسكۇلىنى زەخمىلەندۈرۈپ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان باشقا قوشۇمچە ئامىللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
                           تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى
        ئانگېنا- يۈرەك مۇسكۇلى مول ئوكسىگېنغا تولغان قانغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئىگە بولالمىغاندا، كۆكرەك قىسمىدا ئاغرىق ياكى بىئاراملىق كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇۋاپىق ئارام ئېلىپ بەرگەندە بۇخىل ھالەت يوقايدۇ، ئېغىر ھەركەت قىلغاندا پەيدا بولىدۇ، ئادەتتە روھىي بېسىممۇ ئانگىنانى قوزغىيالايدۇ.
        نەپەسنىڭ ئاجىزلىشىشى-بۇ ئالامەت يۈرەك بەدەنگە يېتەرلىك دەرىجىدە قان ئىشلەپچىقىرالمىغاندا پەيدا بولىدۇ. ئۆپكىدە پەيدا بولۇپ قالغان ئاقما ماددىلارمۇ نەپەسنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ (بۇنى كېرەكسىز ماددا دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ).
        ئانگېنا بىلەن يۈرەك سانجىقىنىڭ ئالامەتلىرى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئانگېنا پەقەت بىرنەچچە مىنۇتلا داۋام قىلىدۇ، بىرئاز ئارام ئېلىش ئارقىلىق يوقاپ كېتىدۇ. يۈرەك سانجىقىدا بولسا كۆكرەك قىسمىدىكى ئاغرىق ياكى بىئاراملىق ئارام ئېلىۋاتقاندا يۈز بېرىدۇ ۋە دەرھال يوقاپ كەتمەيدۇ. ئەگەر بۇخىل ئالامەتلەرنىڭ ئانگېنا ياكى يۈرەك سانجىقى ئىكەنلىكىنى بىلەلمىسىڭىز، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ.
                                     يۈرەك سانجىقىنىڭ باشقا ئالامەتلىرى
        1-بەدەننىڭ يۇقىرى قىسمى دائىم بىئارام بولۇش، بىر ياكى ئىككى بىلەك تەڭ ئاغىرىش، بەل، بۇيۇن، زاڭاق ۋە ئاشقازان ئاغىرىش دىگەندەك.
        2-نەپەسنىڭ ئاجىزلىشىشى.
        3-ئاشقازاننىڭ خىزمەت ئىقتىدارى ناچارلىشىش، ياندۇرۇش، ئۇيقۇسىزلىق، ھارغىنلىق ۋە ئېنىرگىيە كەمچىللىكى.
                                    تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكىنى داۋالاش ۋە ئۇنىڭغا
                                                       تاقابىل تۇرۇش
        1-يۈرەككە نىسبەتەن ساغلام بولغان تۇرمۇش ئادەتلىرى.
        2-دورا.
        3-داۋالىنىش ياكى ئوپىراتسىيە.
        ئۆزىمىز قىلالايدىغان ئۇسۇللار، يەنى تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزدىكى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
        ساغلام ئوزۇقلىنىش، ساغلام بولغان بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاپ قېلىش، تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك بېسىم ۋە ئۇششاق-چۈشەك ئىشلارغا توغرا تاقابىل تۇرۇش، جىسمانىي ھەركەت، تاماكا تاشلاش.
        دوختۇرلار تەۋسىيە قىلغان، يۈرەككە نىسبەتەن ساغلام بولغان ئوزۇقلىنىش تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
        1-        ماي ماددىسى يوق ياكى ئاز بولغان يىمەكلىكلەر.
        2-        بېلىق تۈرىدىكى گۆشلەر.
        3-        مىۋە-چىۋىلەردىن ئالما، نەشپۈت، ئاپلىسىن، بانان قاتارلىق مول ۋىتامىنلىق مىۋە-چىۋىلەر.
       4-        پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر.
       5-        كۆكتاتلار، مەسىلەن سەۋزە، يېسۋىلەك قاتارلىقلار.
        ئەسكەرتىش: مايلارنىڭ ھەممىسىلا زىيانلىق ئەمەس، بىرقىسىم مايلار سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپ، قاندىكى خولىستىرىن مىقدارىنى ئازايتىشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، مېغىز، ياڭاق مايلىرى، زەيتۇن مېيى، خاسىڭ مېيى ۋە پىشلاق.
        ساغلام بولغان بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاپ قېلىش تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى ۋە باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
        بەزى كىشىلەر ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش ۋە زىيادە كۆپ يىيىشنى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى قىلىۋالغان. بۇ ئۇسۇللار ساغلام ئەمەس، شۇڭا باشقا ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىش كېرەك، مەسىلەن، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئائىلە ئەزالىرى ياكى دوست-بىرادەرلەر بىلەن مۇڭدىشىش دىگەندەك.
        خۇلاسىدە شۇنى تەۋسىيە قىلىمىزكى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئۇنچىۋالا قورقۇپ ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشنىڭ ئورنىغا ۋاقتى-ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش، يىمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىگە دىققەت قىلسىلا، بەك چوڭ خېيىم-خەتەر چىقمايدۇ. ساغلام كىشىلەرمۇ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە بىرئاز دىققەت قىلساقلا، ھەرخىل كېسەللىكلەرنى ئۆزىمىزنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىمىزنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز.
                      (ئەسكەرتىش: ئائىلە ئەزالىرىمىزدا مۇشۇخىل كېسەللىك
                   ئالامىتى بولغاچقا، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوغلۇم ئالاھىدە بۇ
                   ماتىرىيالنى ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىپ ئەۋەتكەن
                  ئىكەن، تورداشلارنىڭ پايدىلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن بۇنى
                  مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم).

        
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-12-31 00:01:04 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا،سالامەت تۇردىڭىزمۇ؟تېخى ئىككى كۈن ئاۋال مۇسلىنە ھەدەمگە سىزنىڭ گېپىڭىزنى قىلغان ئىدىم.ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ! قىشتا ھاۋا سوغۇق چوڭلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇششاق ئاغرىقلىرى قوزغىلىپ قالىدىغان پەسىل،سىزگە ئېسەنلىك يا ربولسۇن!
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

111

تېما

262

يازما

3085

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 340
يازما سانى:
262
تىللا:
2429
تۆھپە:
132
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
199 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-21

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-31 14:08:18 | ئايرىم كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2015-12-31 00:01
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا،سالامەت تۇردىڭىزمۇ؟تېخى ئىكك ...

ۋەئەلەيكوم ئەسسالام! مەندىن ئەھۋال سورىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. يېقىنقى بىرنەچچە ئايدىن بۇيان مەن تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان "ياۋروپا سەپىرىدىن خاتىرىلەر" ناملىق ئەسىرىمنى مەخسۇس ھۆججەت قۇرۇپ شۇنىڭغا يىغىپ توپلاش، مەزمۇن ئارىسىغا مۇناسىپ سۈرەت كىرىشتۈرۈپ رەتلەش ئىشى بىلەن بولۇپ كىتىپ، مۇنبەرگىمۇ كۆپ چىقالماي قالدىم، كومپىيۇتېر سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا كۆپرەك ۋاقىت كەتتى. ھازىر پۈتتۈرۈپ بولدۇم، سالامەتلىكىمدە چوڭ مەسىلە يوق،  يەنە باشقا تىما ئۈستىدە ئىشلەۋاتىمەن.

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-12-31 17:55:13 | ئايرىم كۆرۈش
ئائىلىمىزدە  مۇشۇ كىسەل  خەۋىپى بارلار  بار ئىكەن  ،  دەرھال  مۇشۇ تىمىنى بىللە  ئوقۇشقا  تەكلىپ قىلاي .
قىممىتى بار تىما يوللىغىنىڭىزغا  رەھمە ت   ئۇستاز !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:28 , Processed in 0.118481 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش