ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1125|ئىنكاس: 25
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يۈرىكىم ساڭا قانمىغان ئىدى (كەچۈر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

يۈرىكىم ساڭا قانمىغان ئىدى

تېخى قانىتىم قاتمىغان ئىدى،
بېغىمدا گۈللەر ئاچمىغان ئىدى.
بەخت ئىلكىدە كۈنلىرىم ئۆتۈپ،
يۈرىكىم ساڭا قانمىغان ئىدى.

قالدى گۈللىرىم ئەمدى سولىشىپ،
تورۇس، بۇلۇڭلار تۇرار تورلىشىپ،
قىلاي مەن سۆزنى قانداق قولىشىپ،
يۈرىكىم ساڭا قانمىغان ئىدى.

كۆزدىن ئەلەملىك ياشلار تۆكۈلدى،
مەيدەم تىك ئەمەس، تىزىم پۈكۈلدى،
كۈلكەم يوقىدى، قايغا مۆكۈندى،
كۆزلەر مېھرىڭگە قانمىغان ئىدى.

دوستلىرىڭ كەلدى بېشىمنى سىلاپ،
قېرىنداشلىرىڭ مېنى باغاشلاپ،
كەتتىڭغۇ شۇنداق كۆزۈمنى ياشلاپ،
بالاڭ سۆيگۈڭگە قانمىغان ئىدى.

دۈشمىنىم پۇتلار ھەر بىر قەدەمدە،
يۈرەك ئېچىشار قايغۇ - ئەلەمدە،
سېنىڭسىز ماڭدىم گويا تىكەندە،
بارىڭدا ئازاب چانمىغان ئىدى.

تويغا چىللىدىم دوست ھەم دۈشمەننى،
ئىچىمدە ماتەم، ئوينىدىم ھېيتنى،
ئىزدىدىم شۇنچە نۇرلۇق يۈزۈڭنى،
ئورنۇڭنى ھېچكىم ئالمىغان ئىدى.

ساڭىلا ئاتاپ قوي سوياي دېسەم،
جانان چىنىگە چاي قۇياي دېسەم،
پۇت - قولۇڭغا پۇت، قول بولاي دېسەم،
پۇشمانغا قاچا قالمىغان  ئىدى.

2013.2.28

بولسا...

بولسا دەيمەن ئاسمىنىڭنى مەڭگۈ كۆك،
مەن ئۇنىڭدا تۇمانلارنى كۆرمىسەم.
شادلىقىمدا سېنىڭ بىلەن تەڭ كۈلۈپ،
ئازابلارغا سەن بىلەن تەڭ چۆكمىسەم.

بولسا دەيمەن باغلىرىڭنى مېۋىلىك،
ئۇندىن دائىم ئەتىرگۈللەر ھىدلىسەم.
دوستلىرىڭنى تەڭ كۆتۈرۈپ بېشىمدا،
دۈشمىنىڭنى ئوقيا بولۇپ چەنلىسەم.

بولسا دەيمەن مەن بەختسىز بولساممۇ،
بىر ئاللاھتىن يار بەختىڭنى تىلىسەم.
كۈلكىلىرىڭ كۆيدۈرىۋەتسە يۈرەكنى،
گۈلخان بولسام، ئاداققىچە ئۆچمىسەم.

2013.3.4

ئەينەك دېرىزە

ئاپتوبۇس سايەڭنى كۆمگەندە ئاخىر،
دېرىزە تۈۋىگە بولدۇم مەن ھازىر.
كەينىڭگە يېنىشلاپ قارىشىڭ كۈتۈپ،
ئۆتمۈشنى يىپ قىلىپ مارجان ئۆتكۈزۈپ...

دېرىزە ئىچىدە يېڭى بىر كېچە،
ئۆڭگەن ئۆتمۈشلەرگە ئوخشايدۇ شۇنچە،
قىلار يۈرەكنى سەكپارە،
يوللۇرۇم يىراقتا، كۆزۈم كەينىمدە...

ئۆزۈمگە سۆزلىدىم ھېكايە،
باش پېرسۇناژمۇ ئۆزۈم
قىززىق - ھە،
پۈتكۈل ۋەقەلىكى ئويدۇرما
تەنھالىق،
ھاكاۋۇر ئازاب ئۇندا ھۆكۈم سۈرمەكتە...

ئەينەك دېرىزە،
بىز بۇرۇن تونۇشتۇق ئەلۋەتتە،
ئۇ يەردە بار تەبەسسۇم،
تۆكۈلگەن كۆزۈمدىن شۇنداقلا ئۈنچە...

ئەينەك دېرىزە،
بوران - چاپقۇن، ئاپتاپلىق كۈنلەر،
قەلبىمنى ئېزىدۇ ئوت - چۆپ ۋە گۈللەر،
ئايرىلىش، قىيماسلىق، رەشىك، سۆيگۈلەر...
يېنىككىنە يۈرەك تېۋىشى،
ھەممىسى قوشۇلۇپ يازدى ھېكايە.

ئەينەك دېرىزە - نېپنېپىز توسۇق،
شۇنداقلا مەن مەڭگۈ يېتەلمەس ئۇپۇق.


2013.7.17

يايرىم بەرگەن توي باغىقى قولۇمدا

سۇس كۈلكىدە ياتار ئەنە جىلمىيىپ،
ئۈستىلىمدە ھال رەڭلىك توي باغىقى.
ئەتىرگۈلدىن ھىد ئالغانمۇ ئۇ قەغەز،
ئازاب بىلەن بىللە سىقار دىماقنى.

ئالتۇن ھەللىك نەقىش تۇتقان چېتىگە،
مۇڭ دەستىدىن يارتا بولغان يۈرەكتەك.
"تەكلىپنامە" كۆزلىرىمگە قادىلار
قان چىقىرىپ، ئۆتكۈر بىسلىق قىلىچتەك.

تۇتقان قولۇم تىترەيدۇ تىنىمسىز،
شىۋىرغاندا قالغان تەنھا ياپراقتەك.
كۆز ياشلىرىم سۆيۈپ ئۆتتى مەڭزىمنى،
بۇ سەۋدانى بەزلىمەكچى بولغاندەك.

بەخت مېنى مەست قىلغانتى ئەجەب - ھە،
سېنى سۆيدۈم چۈشۈم ياكى ئوڭۇمدا.
ئازاب مېنى يىراقلارغا ئېلىپ كەت،
يايرىم بەرگەن توي باغىقى قولۇمدا.


2013.5.6

قول تۇتۇشساق مەڭگۈلۈك، دېدىم

باشقا - باشقا يۇلتۇز ئېھتىمال،
ئۆز نۇرىنى توختىماي چاچقان.
ئىككى كېمە بەلكىم ئىككىمىز،
يىراق يەردىن تەڭ يولغا چىققان.

تونۇشماسمىز ئەسلى ئېھتىمال،
كېسىشەلمەس سىزىقچىلاردەك.
تەقدىر چاقچاق قىلدىمۇ ئەمدى،
سىڭىپ كەتتۇق قۇمدىكى سۇدەك.

بۇلبۇل بولدۇم سۆيگۈ بېغىدا،
ئەتىرگۈلۈم - سەنچۈن سايرىدىم.
پىغان بىزنى خاراب ئەتمىسۇن،
قول تۇتۇشساق مەڭگۈلۈك، دېدىم.

2013.4.15
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

دېۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-31 19:32:44 | ئايرىم كۆرۈش

باھا سۆز

2.  ۋاقتى: 2014-1-31 19:53

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-1-31 19:49:52 | ئايرىم كۆرۈش
كۆڭلۈمدىن كىچىدۇ مۇدھىش بىر تۇيغۇ ،
پەرۋاز قىپ يىراقتىن ئۇچۇپلا كەلگەن .
ئۆزگىگە ئاھ ھەجەپ يوقتۇر ھىچ رايىم  ،
ئۆمرۈمدە بىر سىنى سۆيۈپلا كەلگەن .

قاچانمۇ قانارمەن سىنىڭ ھىدىڭگە ،
بۇ يۈرەك بىر ساڭا تەلپۈنۈپ تۇرغان .
قەلبىڭدىن زەرچىلىك ئورۇن بەر ماڭا ،
سەن ئۈچۈن بۇ قەلبىم بۇزۇلماس قۇرغان .

كۆپرەك ياندىشاي دىسەم ئىزىلگەن ، سۆيگۈگە قانمىغان يۈرەكتىن مۈشۈنچىلىك پىچىرلاشلار ئاڭلىنىۋاتىدۇ .

باھا سۆز

قايسى شېئىرغا يانداش؟  ۋاقتى: 2014-1-31 19:51

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-31 19:56:16 | ئايرىم كۆرۈش
تىلسىم يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 19:49
كۆڭلۈمدىن كىچىدۇ مۇدھىش بىر تۇيغۇ ،
پەرۋاز قىپ يىراقتى ...

2 - شېئىر گۈلۈمنىڭ ئۈندىدارغا يوللىغان بىر شېئىرىغا يانداشمامتىغۇ دەيمەن...
باشقا بىرىنىڭمۇ يا~...

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

5#
ۋاقتى: 2014-1-31 19:59:43 | ئايرىم كۆرۈش
تىلسىم يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 19:49
كۆڭلۈمدىن كىچىدۇ مۇدھىش بىر تۇيغۇ ،
پەرۋاز قىپ يىراقتى ...


يۇرەك سۈيگۇگە قانسا كىم بىرنەرسە يازىدۇ
دۇنياغا داڭلىق مۇزىكانىتلار،شائىرلار ،ئاشىقلارنىڭ تولىسى مۇھەببەتتىن يۇرىكى قانمىغان كىشىلەردۇر.
مەسلەن: بىتخۇۋىن،شاھ مەشرەپ،ناۋائىي ......قاتارلىقلار.

باھا سۆز

جىڭ زادى ئاكا ..  ۋاقتى: 2014-1-31 20:03
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

30

تېما

684

يازما

3468

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 46
يازما سانى:
684
تىللا:
2754
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
103 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزاسۆيۈملۈك ئەزائىسىل ئەزا

6#
ۋاقتى: 2014-1-31 21:21:37 | ئايرىم كۆرۈش
شىئېردىكى پىكىر تىرەنلىكىدىن سۆيۈندۈم. مۇزىكا تىخىمۇ مۇڭ ئىكەن ، تەشەككۈر..

31

تېما

814

يازما

4254

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 11
يازما سانى:
814
تىللا:
3344
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
280 سائەت
ئاخىرقى:
2016-8-27

كۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

7#
ۋاقتى: 2014-1-31 22:01:34 | ئايرىم كۆرۈش
بىزدەك مۇھەببەت كۆلىگە يىتەلمەي پەرۋانە بولۇپ يۇرگەن كىشلەرنىڭ ئىلھامى يىزىش تۇگۇل ئويلاشقىمۇ يىقىن كەلمەيدىكەن .كولمىزدىن كىلدىغىنى پەقەت سىزدەك يزىپ تەييار قىلپ بەرگەنلەرنىڭكىنى مۇڭ ئىچىدە ساداسىز ئوقۇپ؛ا تۇردىكەنمىز شۇ .
بەكمۇ ياخشى يىزىپسىز ،مۇزىكىمۇ شۇنداق ياخشى يىزىلىپتۇ ،
قىرىنداشلار ،تارىخمۇ مۇھىم تارىخ توغىرلىق تىمىلار چولدۆرەپ قالمىسۇن!

153

تېما

845

يازما

7406

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 44
يازما سانى:
845
تىللا:
5703
تۆھپە:
249
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
703 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-20

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

8#
ۋاقتى: 2014-1-31 22:14:14 | ئايرىم كۆرۈش
تويغا چىللىدىم دوست ھەم دۈشمەننى دېگەن كۇبلىتىغا قايتىدىن بىر قاراپ باقامسىز؟ قاپىيەلىرى كەچۈرنىڭ قاپىيەسىگە ئوخشىمايدىكەن. ھەم شۇ كۇبلىتتا لىرىكىغا تەسىر يەتكەنمۇ قانداق؟

يۈرىكىم ساڭا قانمىغان ئىدى،
بىر دەريا دەردىم تۇرىدۇ كۆيۈپ.
قولۇمدا گۈلۈم ساقلىدىم ساڭا،
كەلمىدىڭ لىكىن، گۈل قالدى ئۆلۈپ.

يۈرىكىم ساڭا قانمىغان ئىدى،
شۇ قەدەر ئۇزۇن سېغىندۇردۇڭغۇ؟
بىلمەيلا قالدىم يۈرىكىڭنى سەن،
مېنى قىيناشتا خۇشال قىلدىڭمۇ؟

يۈرىكىم ساڭا قانمىغان ئىدى،
ياق تىخى سۆيگۈ بەرمىگەن ئىدىڭ.
يۈرىكىڭ تىرەك، بوي سوزغىنىمچە،
قارىسام شۇئان خەنجەر تەڭلىدىڭ...

يۈرىكىم ساڭا قانمىغان ئىدى،
شۇ يۈرەك سەندە بارمۇ ھىلىھەم.
رەھىمسىزمىدۇ راستلا بۇ تەقدىر،
مەنمۇ سەن كەبى كۈتكىلى نىكەم.

ئىيتاي ساڭا مەن يەنە بىر قېتىم،
يۈرىكىم ساڭا قانمىغان ئىدى.
سەنمۇ يىراقتا دىدىڭمۇ جىنىم،
يۈرىكىڭ ماڭا قانمىغانمىدى؟!!!

باھا سۆز

مەنچىمۇ شۇ...  ۋاقتى: 2014-5-25 15:44
مەنمۇ دەسلەپ شۇ كۇبلىتىنى چىقىرىۋەتكەن ئىدىم...   ۋاقتى: 2014-1-31 22:20
خۇدا خار قىلغاننى بەندىسى بار ئېتەلمەس.
خۇدا يار قىلغاننى بەندىسى خار ئېتەلمەس.

52

تېما

437

يازما

3178

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 328
يازما سانى:
437
تىللا:
2389
تۆھپە:
99
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
230 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-7

نادىر تىما مىدالىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2014-1-31 23:50:24 | ئايرىم كۆرۈش
يۈرىكىم ساڭا قانمىغان ئىدى دېگەن مىسرالار، مېنىڭ.... ھەي ...ي .  
ئەجەپ بىرقىسما بولۇپ قالدىما، بېر يىل بۇرۇنقى كەلمەسكە كەتكەن كۈن ۋە كەلمەسكە كەتكەن شۇقىز دوستۇمنى ئەسلىتىپ قويدى.   شېئىرىڭىزغا يانداشقۇممۇ يوق. زېھنىم، ئىھامىم ۋەيران بولۇپ كەتتى.

باھا سۆز

ئۇ شېئىردا ئاتا - ئانىنى يازغان دەيمەن... باغلانما تەسەۋۋۇر قىلماڭ  ۋاقتى: 2014-1-31 23:57
گۈللەرگە ئوخشايدۇ رەنجىشلىرىڭمۇ.....

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

10#
ۋاقتى: 2014-2-1 02:48:12 | ئايرىم كۆرۈش
يايرىم بەرگەن توي باغىقى قولۇمدا
مەن   ب ۇ  شىىئىرىدىن بەك ھوزۇرلاندىم رەھمەت
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:47 , Processed in 0.160855 second(s), 39 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش